دۇلۇ سۈيى (شېئىر)

لى بەي


دۇلۇ سۈيى دۇغ ئارىلاش سۈزۈك ئەمەس ،

دۇغ-لاي سۇدا ئاينىڭ ئەكسى زىم كۆرۈنمەس،

چاغلىقلىغۇ ئاينىڭ ئەكسى كۆرۈنمىسە،

كەچكەن چۆكەر، شۇ تېگىنى ھېچكىم بىلمەس.


جەنۇب قۇشى قاتار كېلەر توپ بولۇشۇپ،

شىماللارغا ئۆتەر تۇرنا سايراپ بەس- بەس.

ئېچىنىمەن ئۈركۈپ تېزىپ يول ئاداشقان تۇرنىلارغا،

 يانى تارتىپ ساماغا ئوق ئۈزمەككە گەر قىلسا ھەۋەس.


شاختىن ئاجراپ خازان بولغان ھەر يۇپۇرماق،

سەرسانلىقتا شامالسېرى ئۇچار ھەر ياق.

تايانچسىز ئۇ مۇساپىرنىڭ ھالى خاراپ،

كەچمىشلىرى شۇ غازاڭدەك ئېغىر شۇنداق.


سەلكىن شامال چىمىلدىقنى لەپىلدىتەر،

ئەينى بىرسى ئاچقىنىدەك قايرىپ ئۆتەر.

سۈزۈك نۇرغا سىغماس زىنھار گۇمان- نەيىپ،

چىمىلدىقا ئاي شولىسى ئۇدۇل چۈشەر.


مىسران قىلىچ ئىسسىقلىقتۇر ئۆي تۆرىدە،

ئەجدىھامۇ گويا تۇرار دەم- دەرىدە.

ھاجەت ئەمەس پىل- كەركىدان بېشىن چاپماق،

دات باسمىقى مۇقەررەركى قەرەلىدە.


ئاقلالمىدىم ئەل- ۋەتەننىڭ نومۇسىنى،

نەھەد ئالماق تۆھپىكارلىق شەرىپىنى.

ئېگىز كۆكتە تۇرسا لاچىن ئىشتىياقى،

غورۇلايغا تىكسىمۇ ئۇ كۆزلىرىنى.

سۇمرۇغ ئىلە ئەرش قەرىدە بىر ئېلىشىپ،

سەنچۈن سىناپ باقاي پېقىر شەمشىرىنى.


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك