تۈن ناخشىسى (شېئىر)
لى بەي
ئاي نۇرىغا چۆمگەن چاڭئەن ساماسى،
كۈرمىڭ ئۆيدە كىيىم يۇيۇش ساداسى.
بۇ سادالار ئادا بولماس شامالدا،
تاش قاپىقىدا ياڭرار قالغان ناۋاسى.
يۈرمەس بولۇر نە چاغ مەردلەر جەڭگاھقا،
تىنچلىناركى قاچان ياۋلار غوۋغاسى؟
ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى
Yorumlar
Yorum Gönder