مىڭ خارەنگە بېغىشلاپ (شېئىر)

لى بەي


مىڭ جاناب جانۇ- دىلىم قايىل ساڭا،

شۆھرەتنىڭ بىرلە جاھان مايىل ساڭا.


گۈل چىراي پەيتىڭ ئەمەلگە چاپمىدىڭ،

قېرىساڭ جۆر قارىغاي كامىل ساڭا.


خانغا پۈكۈلمەي بولۇپسەن گۈلخۇمار،

نۇر چاچار كۆكتە قەمەر دادىل ساڭا.


تاغدەك بۈيۈك يەتمەك قىيىن،

بىلدۈرەي ئىززەت- سالام ئادىل ساڭا.


ياسىن ھاۋازى تەرجىمىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك