Kayıtlar

Kasım, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سېغىنىشنامە (شېئىر)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم سەن مېنى سېغىنساڭ باھار بولىدۇ،  دىلىڭدا چېچەكلەپ، تۇرىمەن كۆكلەپ.  مەن سېنى سېغىنسام دۇنيا كۈلىدۇ،  ئاقىدۇ دەريالار ھېكايە سۆزلەپ. سەن مېنى سېغىنساڭ يۇلتۇز جىمىرلاپ،  ئىشقىمغا باغرىنى ئاچىدۇ ئاسمان. مەن سېنى سېغىنسام قەلبىم پىچىرلاپ،  ئەڭ تاتلىق تۇيغۇدا خىيال باراقسان.  سەن مېنى سېغىنساڭ ئېچىلىپ گۈللەر،  پايانداز مېھرىمگە چاچقۇ بولىدۇ.  مەن سېنى سېغىنسام تەشنا كۆڭۈللەر،  غايىۋى ھوجرىدا سۆھبەت قۇرىدۇ.…  سەن مېنى سېغىنساڭ جېنىڭغا جان دەپ،  مەن سېنى سېغىنسام لېۋىمدىن تاپسام.  ئۆمۈرنىڭ شامىنى سۆيگۈدە پەرلەپ، بەختىڭگە مۇھەببەت تۇمارى ئاسسام!… 2020-2-17        خوتەن، يۇرۇڭقاش

كۆزۈڭدەك چىرايلىق كۆكسۈمدە داغلار (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم بىر قەدەھ بولسىلا يېتەر مۇھەببەت،  ئۆمرۈڭگە تېتىيدۇ زەھەر كەبى ئۇ.  يۈرەكنىڭ چاكۇ - چاك يېرىقلىرىدىن،  سىرغىسا سېغىنىش ھىجران دېگەن شۇ…  ئۆزۈڭنىڭ تىنىقى ئۆزۈڭگە دۈشمەن،  خەق ئەمەس باغرىڭنى تاتىلاۋاتقان.  ماگمىدەك ۋەھشىيان سىرلىرى بىلەن،  كىمدۇركى جىمجىت شۇ كۆلگە تاش ئاتقان…  تۈنلەردىن كۈنلەرگە ئۇلىشىپ كۆيگەن،  ئاھلاردىن چېچەكلەپ تۇرىدۇ ئاھلار.  باشلانماي تۈگىگەن ھېكايە ئىچرە، كۆزۈڭدەك چىرايلىق كۆكسۈمدە داغلار…  2020-2-26      خوتەن، يۇرۇڭقاش

دىلىمدا بار سىز (شېئىر)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  بىر سەۋدا ئىلكىدە يارا كۆڭۈللەر، قانايدۇ ھىجراننىڭ ئاراشلىرىدا . ئۇزاقتىن تەلمۈرگەن ھالسىز بۇ كۈنلەر، جان بېرەر جاناننىڭ قاراشلىرىدا . سۆيمىدىم دېيىشكە بارمايدۇ تىلىم، بىر قېتىم سۆيۈلدۈم دېيەلمىدىم ھەم . ئاخىرقى جاۋابتۇر ئىزتىراپلىرىم، يالغۇزلۇق ماڭىلا بەخشەندە، ئەركەم... ھالىمغا ئېچىنماڭ خۇمار كۆزلۈكۈم، مەيلى مەن مۇشۇنداق ئۆتىمەن يارسىز . مۇھەببەت قەرزىگە كۆيسىمۇ ئۆمرۈم، ئىشىنىڭ، ھېلىھەم دىلىمدا بار سىز …

كۆڭۈل ھېرىپ قالىدۇ (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن، چىرايلىق يالغانلار چېنىپ قالىدۇ . ئاياش ۋە سۆيۈلۈش تاپماسلىقىدىن، ھەر قانداق بىر كۆڭۈل ھېرىپ قالىدۇ . سۆيگۈگە مۇھەببەت قايتماسلىقىدىن، چاي سۇۋۇپ، يۈرەكلەر قېتىپ قالىدۇ . ئەتىلەر باغرىنى ئاچماسلىقىدىن، ئۈمىدلەر كاچكۇلغا پېتىپ قالىدۇ . دەردىمىز بىراۋغا ياقماسلىقىدىن، يەنە شۇ بىزگىلا ئېشىپ قالىدۇ . ۋەدىنى ۋاپاغا چاتماسلىقىدىن، ھەر كىمدىن رايىمىز يېنىپ قالىدۇ ... 2026-2-9  خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  قېيدىۋېلىپ شامال تۇيۇقسىز، بۇزۇلىدۇ قۇشلارنىڭ چۈشى. خانەسىدە بۇقۇلدار بىر قىز، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى. ھۆسنى قېچىپ چىمەنزارلارنىڭ، ئاڭلانمايدۇ كاككۇكنىڭ ئۈنى. رەڭگى ئۆڭەر ھەتتا قارلارنىڭ، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى. جانان چىنە چېقىلىپ بىردىن، قۇمغا سىڭەر ئايىغان سۈيى. ۋاپا ئۆچەر ئاشىق كۆڭۈلدىن، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى. مۇغەننىنىڭ ھالى پەرىشان، مۇڭلىنىدۇ پۈتمىگەن كۈيى. ھايات كۈلمەس ئەمدى ھېچقاچان، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى . تاش ئۈنىدۇ مۇشتتەك يۈرەككە، ئۇ ئەبەدىي شۇ تاشنىڭ ئۆيى سۆيگۈ كىرەر چىقماس ئۆچەككە، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى. ئات ئايلىنىپ، سېنى ئېھتىمال، يالماپ كېتەر نادامەت چۆلى، تۇغۇلىدۇ رەزىل بىر ئايال، سەن باشقىغا قارىغان كۈنى ... 2026-4-29 خوتەن ئەتىرگۈللۈكى

دەردى ھىجران (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  لېۋىڭدە قاينىغان چوغنى دىلىمغا تاشلىغاندۇرسەن، كۆزۈڭنى ئوينىتىپ ھەرئان كۆڭۈلدە ياشنىغاندۇرسەن . چۈشۈمدە ئۇسسۇلۇق تەڭلەپ، ئوڭۇمدا نائۈمىد ئەيلەپ، مۇھەببەت شامىنى پەرلەپ خىيالغا باشلىغاندۇرسەن . پىراق سەۋداسىدا قالسام، جۇنۇن سەھراسىدىن يانسام، يۈزۈڭگە ئۈمتىلىپ باقسام بېشىڭنى قاشلىغاندۇرسەن ... قاۋان ئۈركۈتتى جانىمنى، داۋان سۇندۇردى ھالىمنى، قىلىپ بىر ئېتىبارىمنى بوسۇغا ئاشمىغاندۇرسەن . كويۇڭدا ئۆرتىنىپ كۆيسەم، راۋامۇ قان يۇتۇپ ئۆلسەم؟ سېنى مىڭ جان بىلەن سۆيسەم كۆزۈمنى ياشلىغاندۇرسەن ...

مەن سىزنى... (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  كەچمىگەن كۆڭۈلنىڭ ئىستەكلىرىدە، تۇرىدۇ ياپيېشىل ئەلەملىرىڭىز . ئاي تولسا ئاسماننىڭ ئېتەكلىرىگە، بۇ تامان تارتمامدۇ قەدەملىرىڭىز؟ تۈنلەرنىڭ كۈنلەرگە مۇڭلىرى تولا، بىر مەنلا قالىمەن گۈلسىز، شارابسىز . ئىمكان يوق سۆيگۈگە قىلىپ مۇپتىلا، قەلبىمدە قانىغان چوغدەك ئازاب سىز . شۇنچىلىك پەرۋاسىز ئالتۇن پىيالەم، لېۋىمنى لېۋىگە يېقىپ ئويغاتتىم . دەردىمنى بىلمەيسىز بىغەم بىر دانەم، مەن سىزنى ھىممەتسىز چۆلگە ئوخشاتتىم... 2019-6-25 خوتەن، يۇرۇڭقاش

جانان ئۇخلىسۇن (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  گۈل مەڭزىگە قونمىسۇن شەبنەم، بۇنچە بالدۇر چولپان تۇغمىسۇن . ئۇيقۇسىغا قانمىدى ئەركەم، ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن . قاراپ- قاراپ تويماقچى بولسام، لەۋلىرىگە قونماقچى بولسام، رەشىك ئەتمە باغاشلاپ قويسام، ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن . چۈشلىرىنى پەپىلەپقىنا، شىۋىرلىسام ئەركىلەپقىنا، مۆكۈپ تۇرغىن بۇلۇتلار ئارا، ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن . كۆنمىسەممۇ يالغۇز قېلىشقا، دىدار پەيتى قىسقىدىن قىسقا، مۇڭلىنىسەن ماراپ نېمىشقا؟ ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن . سەھەر قۇشلار نەزمە قاتقىچە، كۈن زېمىنغا مېھىر چاچقۇچە، تاڭ ئاتقۇچە، مەن ئويغاتقىچە، ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن . 2026-6-13   خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى

كەل ئەزىزەم (شېئىر)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  سۈرت يېشىڭنى، مۇڭلانمىغىن، ئەگمە بېشىڭنى، بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىر ئەمەس مۇشەققەت دېگەن . چۆرۈپ ئاتقىن يىراقلارغا ھەسرەت تېشىڭنى، كەل ئەزىزەم دېمىڭنى ئال، مۈرەمگە يۆلەن . دەردلىرىڭنى تۆكۈپ يۈرمە كۆرگەنلا كىمگە، چېھرى گۈلدۈر يات دېگەننىڭ كىرپىكى تىكەن . مۇھتاج بولساڭ گەر ھالىڭغا يېتەر بىرىگە، كەل ئەزىزەم، يېنىمدا قال، مۈرەمگە يۆلەن . ئەتىلەرگە ئۈمىد باغلاپ ياشاپ تۇرايلى، بەخت ئەسلى تىرىشچاننىڭ يولىدا ئىكەن . ياخشىلارغا ئۈلپەت بولۇپ سۆھبەت قۇرايلى، كەل ئەزىزەم، كۈلگىن خۇشال، مۈرەمگە يۆلەن . يارىشىدۇ خۇش كۈلكىلەر ئايدەك يۈزۈڭگە، كىشى بارمۇ بۇ ھاياتتا سېنىڭدىن لېۋەن؟ ئەڭ بەختلىك ئىنسان بولۇپ كۆرۈن ئۆزۈڭگە، كەل ئەزىزەم، سازىڭنى چال، مۈرەمگە يۆلەن ... 2026-7-10 خوتەن، ئەتىرگۈللۈكى

كۆزلىرىڭ (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  تاڭ سەھەر تاغ كەينىدىن پارلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ، جان ئارا چوغلار چېچىپ يايراپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ. بىر كۆڭۈل بىر گۈل دېسەم بەرگىدە چەندان ئولتۇرۇپ، مىڭ مۇغەننى ئىشقىدا سايراپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ. كۆرمىسەم ھالىم بۆلەك، كۆرسەم پىژىلدايدۇ يۈرەك، بۇ يۈرەكنىڭ قەستىدە پايلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ. بىر كۆرۈپ شەيدالىقىم ئەقلىمنى يىتتۈرگەنمىكىن، ھېسلىرىمنى قۇل قىلىپ باشلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ. ئون قۇياش ئەپسانىسى باغرىمغا كۆچتى ئېھتىمال، ھەر قاراشتا جانغا ئوت تاشلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ... 2026-8-4    خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى

ئەمەسمىدىم ئۆزۈڭنىڭ يارى (شېئىر)

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  كۈزدە ياغقا ۋاقىتسىز قار سەن، گۈل مەڭزىگە قونغان باھار سەن . خىيالىمنىڭ قاناتلىرىدا، تۇرنىلاردەك قاتار- قاتار سەن... سېغىنىشنىڭ ئەگىزلىرىنى، باشلاپ كېتەر كىرپىكىڭ تالى . قولۇم يەتمەس ئارماندۇر قولۇڭ، ئەمەسمىدىم ئۆزۈڭنىڭ يارى؟... كۆڭۈللەرنىڭ گىرۋەكلىرى لاي، كىمدۇر ئۇندا پېتىق ئوينىغان؟ ئۆركەشلىتىپ باغرىمدا دەريا، لېۋىڭ مېنى تىنچ قويمىغان... ئىزىڭ قالغان كۆۋرۈكتە يالغۇز، شاماللارنى سۆيدۈم پەپىلەپ . بىلەرمىدىڭ دىلىمدىكىنى؟ كۆزلىرىڭگە باقسام ئەركىلەپ... 2021-4-10    خوتەن، يۇرۇڭقاش

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا (شېئىر)

  ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم  ياش كېتەمدىم، قېرىپ ئۆلەمدىم، ھەر قىسمەت بار تېرىك بىر باشتا . گۆدەك پېتى ياشاپ ئۆگەندىم، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . يامان كەلسە يىللارنىڭ پەيلى، چاچقا قىروۋ قونسىمۇ مەيلى، شۇ ھاياتنىڭ زىننىتى دەيلى، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . يارىشىدۇ غېيغىتىپ كۈلسەك، يار بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرسەك، مېھىر بەرسەك، سۆيسەك، سۆيۈلسەك، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . جاسارەتتە ئوخشاپ تاغلارغا، ئىز سالىمىز گۈزەل باغلارغا، كۆز تەگمىسۇن ئالتۇن چاغلارغا، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . ھەر نەپەسنى بەخت دەپ بىلىپ، سۆيگۈ بېرىپ، مۇھەببەت ئېلىپ، يۈرۈپتىمىز گۈلدەك ئېچىلىپ، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . ئورنىمىز بار ئېسىل دىللاردا، ئەزىز بولدۇق ياخشى تىللاردا، ياشاپ ئۆتتۇق قۇتلۇق يىللاردا، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا . شۇڭا ياشقا باقماڭ ئالدىراپ، يىل سانىماڭ يېشىمنى سوراپ، تۇغۇلغاندەك ئەتىرگۈل پۇراپ، كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا ... 2025-5-4 وتەن، ئەتىر گۈللۈكى

سورىما، مەن نېچۈن غەمكىن، بىناۋا (شېئىر)

  پوشكىن (رۇسىيە ( سورىما، مەن نېچۈن غەمكىن، بىناۋا، چېكىمەن شادىمان پەيىتلەردە ھەسرەت . سالىمەن ھەممىگە قايغۇلۇق نەزەر، نېمىشقا سۆيۈملۈك تۇيۇلماس ھايات . سورىما! مۇزلىغان يۈرىكىم نېچۈن، خالىماس بوپقالدى شىېرىن سۆيگۈنى . سورىما! سۆيگۈدىن بەزگەنمەن نېچۈن؟ سۆيگەنمەن، سۆيمەسمەن ئەمدى باشقىنى . بەختلىك كىشىلەر بىلمەس بەختنى، شاد كۈنلەر چەكلىكتۇر، چەكلىك نىھايەت . شۇ ياشلىق، قىزغىنلىق، مۇھەببەت ئاخىر قالدۇرار بىر ئاچچىق ھەسرەتنى پەقەت .

دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇتاپتا (شېئىر)

  مۇتەللىپجان مەمەت دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇتاپتا، چىقارسەنمۇ خانەڭدىن ئاستا . تومۇز ئەمەس مېنى كۆيدۈرگەن، كۆيدۈم، كۆيدۈم، سەن سالغان ئوتتا ... دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇ تاپتا، دىل تارىڭمۇ چېكىلەرمۇ، ئاھ . مېنىڭ بۇنچە سەۋدايىلىقىمغا تالاي ئايدىڭ كېچىلەر گۇۋاھ ... دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇ تاپتا، چوقان سالار يۈرىكىم ئاۋۋال . ئۆز ــ ئۆزۈمنى بەزلىدىم ئاخىر، ئاشىقلىققا يوق ئىكەن ئامال ... 2026-7-18