كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا (شېئىر)

 

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


ياش كېتەمدىم، قېرىپ ئۆلەمدىم،

ھەر قىسمەت بار تېرىك بىر باشتا.

گۆدەك پېتى ياشاپ ئۆگەندىم،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


يامان كەلسە يىللارنىڭ پەيلى،

چاچقا قىروۋ قونسىمۇ مەيلى،

شۇ ھاياتنىڭ زىننىتى دەيلى،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


يارىشىدۇ غېيغىتىپ كۈلسەك،

يار بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۈرسەك،

مېھىر بەرسەك، سۆيسەك، سۆيۈلسەك،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


جاسارەتتە ئوخشاپ تاغلارغا،

ئىز سالىمىز گۈزەل باغلارغا،

كۆز تەگمىسۇن ئالتۇن چاغلارغا،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


ھەر نەپەسنى بەخت دەپ بىلىپ،

سۆيگۈ بېرىپ، مۇھەببەت ئېلىپ،

يۈرۈپتىمىز گۈلدەك ئېچىلىپ،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


ئورنىمىز بار ئېسىل دىللاردا،

ئەزىز بولدۇق ياخشى تىللاردا،

ياشاپ ئۆتتۇق قۇتلۇق يىللاردا،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا.


شۇڭا ياشقا باقماڭ ئالدىراپ،

يىل سانىماڭ يېشىمنى سوراپ،

تۇغۇلغاندەك ئەتىرگۈل پۇراپ،

كۆڭۈل تېخى ئون سەككىز ياشتا...


2025-5-4وتەن، ئەتىر گۈللۈكى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك