سەن باشقىغا قارىغان كۈنى (شېئىر)

 

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


قېيدىۋېلىپ شامال تۇيۇقسىز،

بۇزۇلىدۇ قۇشلارنىڭ چۈشى.

خانەسىدە بۇقۇلدار بىر قىز،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى.


ھۆسنى قېچىپ چىمەنزارلارنىڭ،

ئاڭلانمايدۇ كاككۇكنىڭ ئۈنى.

رەڭگى ئۆڭەر ھەتتا قارلارنىڭ،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى.


جانان چىنە چېقىلىپ بىردىن،

قۇمغا سىڭەر ئايىغان سۈيى.

ۋاپا ئۆچەر ئاشىق كۆڭۈلدىن،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى.


مۇغەننىنىڭ ھالى پەرىشان،

مۇڭلىنىدۇ پۈتمىگەن كۈيى.

ھايات كۈلمەس ئەمدى ھېچقاچان،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى.


تاش ئۈنىدۇ مۇشتتەك يۈرەككە،

ئۇ ئەبەدىي شۇ تاشنىڭ ئۆيى

سۆيگۈ كىرەر چىقماس ئۆچەككە،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى.


ئات ئايلىنىپ، سېنى ئېھتىمال،

يالماپ كېتەر نادامەت چۆلى،

تۇغۇلىدۇ رەزىل بىر ئايال،

سەن باشقىغا قارىغان كۈنى...


2026-4-29خوتەن ئەتىرگۈللۈكى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك