كۆزلىرىڭ (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
تاڭ سەھەر تاغ كەينىدىن پارلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ،
جان ئارا چوغلار چېچىپ يايراپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ.
بىر كۆڭۈل بىر گۈل دېسەم بەرگىدە چەندان ئولتۇرۇپ،
مىڭ مۇغەننى ئىشقىدا سايراپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ.
كۆرمىسەم ھالىم بۆلەك، كۆرسەم پىژىلدايدۇ يۈرەك،
بۇ يۈرەكنىڭ قەستىدە پايلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ.
بىر كۆرۈپ شەيدالىقىم ئەقلىمنى يىتتۈرگەنمىكىن،
ھېسلىرىمنى قۇل قىلىپ باشلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ.
ئون قۇياش ئەپسانىسى باغرىمغا كۆچتى ئېھتىمال،
ھەر قاراشتا جانغا ئوت تاشلاپ چىقاركەن كۆزلىرىڭ...
2026-8-4 خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى
Yorumlar
Yorum Gönder