مەن سىزنى... (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
كەچمىگەن كۆڭۈلنىڭ ئىستەكلىرىدە،
تۇرىدۇ ياپيېشىل ئەلەملىرىڭىز.
ئاي تولسا ئاسماننىڭ ئېتەكلىرىگە،
بۇ تامان تارتمامدۇ قەدەملىرىڭىز؟
تۈنلەرنىڭ كۈنلەرگە مۇڭلىرى تولا،
بىر مەنلا قالىمەن گۈلسىز، شارابسىز.
ئىمكان يوق سۆيگۈگە قىلىپ مۇپتىلا،
قەلبىمدە قانىغان چوغدەك ئازاب سىز.
شۇنچىلىك پەرۋاسىز ئالتۇن پىيالەم،
لېۋىمنى لېۋىگە يېقىپ ئويغاتتىم.
دەردىمنى بىلمەيسىز بىغەم بىردانەم،
مەن سىزنى ھىممەتسىز چۆلگە ئوخشاتتىم...
2019-6-25 خوتەن، يۇرۇڭقاش
Yorumlar
Yorum Gönder