جانان ئۇخلىسۇن (شېئىر)

 

ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


گۈل مەڭزىگە قونمىسۇن شەبنەم،

بۇنچە بالدۇر چولپان تۇغمىسۇن.

ئۇيقۇسىغا قانمىدى ئەركەم،

ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن.


قاراپ- قاراپ تويماقچى بولسام،

لەۋلىرىگە قونماقچى بولسام،

رەشىك ئەتمە باغاشلاپ قويسام،

ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن.


چۈشلىرىنى پەپىلەپقىنا،

شىۋىرلىسام ئەركىلەپقىنا،

مۆكۈپ تۇرغىن بۇلۇتلار ئارا،

ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن.


كۆنمىسەممۇ يالغۇز قېلىشقا،

دىدار پەيتى قىسقىدىن قىسقا،

مۇڭلىنىسەن ماراپ نېمىشقا؟

ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن.


سەھەر قۇشلار نەزمە قاتقىچە،

كۈن زېمىنغا مېھىر چاچقۇچە،

تاڭ ئاتقۇچە، مەن ئويغاتقىچە،

ئاي ئۇخلىما، جانان ئۇخلىسۇن.


2026-6-13  خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك