كۆڭۈل ھېرىپ قالىدۇ (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىن،
چىرايلىق يالغانلار چېنىپ قالىدۇ.
ئاياش ۋە سۆيۈلۈش تاپماسلىقىدىن،
ھەر قانداق بىر كۆڭۈل ھېرىپ قالىدۇ.
سۆيگۈگە مۇھەببەت قايتماسلىقىدىن،
چاي سۇۋۇپ، يۈرەكلەر قېتىپ قالىدۇ.
ئەتىلەر باغرىنى ئاچماسلىقىدىن،
ئۈمىدلەر كاچكۇلغا پېتىپ قالىدۇ.
دەردىمىز بىراۋغا ياقماسلىقىدىن،
يەنە شۇ بىزگىلا ئېشىپ قالىدۇ.
ۋەدىنى ۋاپاغا چاتماسلىقىدىن،
ھەر كىمدىن رايىمىز يېنىپ قالىدۇ...
2026-2-9
خوتەن، ئەتىر گۈللۈكى
Yorumlar
Yorum Gönder