كۆزۈڭدەك چىرايلىق كۆكسۈمدە داغلار (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
بىر قەدەھ بولسىلا يېتەر مۇھەببەت،
ئۆمرۈڭگە تېتىيدۇ زەھەر كەبى ئۇ.
يۈرەكنىڭ چاكۇ - چاك يېرىقلىرىدىن،
سىرغىسا سېغىنىش ھىجران دېگەن شۇ…
ئۆزۈڭنىڭ تىنىقى ئۆزۈڭگە دۈشمەن،
خەق ئەمەس باغرىڭنى تاتىلاۋاتقان.
ماگمىدەك ۋەھشىيان سىرلىرى بىلەن،
كىمدۇركى جىمجىت شۇ كۆلگە تاش ئاتقان…
تۈنلەردىن كۈنلەرگە ئۇلىشىپ كۆيگەن،
ئاھلاردىن چېچەكلەپ تۇرىدۇ ئاھلار.
باشلانماي تۈگىگەن ھېكايە ئىچرە،
كۆزۈڭدەك چىرايلىق كۆكسۈمدە داغلار…
2020-2-26 خوتەن، يۇرۇڭقاش
Yorumlar
Yorum Gönder