كەل ئەزىزەم (شېئىر)


ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم 


سۈرت يېشىڭنى، مۇڭلانمىغىن، ئەگمە بېشىڭنى،

بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىر ئەمەس مۇشەققەت دېگەن.

چۆرۈپ ئاتقىن يىراقلارغا ھەسرەت تېشىڭنى،

كەل ئەزىزەم دېمىڭنى ئال، مۈرەمگە يۆلەن.


دەردلىرىڭنى تۆكۈپ يۈرمە كۆرگەنلا كىمگە،

چېھرى گۈلدۈر يات دېگەننىڭ كىرپىكى تىكەن.

مۇھتاج بولساڭ گەر ھالىڭغا يېتەر بىرىگە،

كەل ئەزىزەم، يېنىمدا قال، مۈرەمگە يۆلەن.


ئەتىلەرگە ئۈمىد باغلاپ ياشاپ تۇرايلى،

بەخت ئەسلى تىرىشچاننىڭ يولىدا ئىكەن.

ياخشىلارغا ئۈلپەت بولۇپ سۆھبەت قۇرايلى،

كەل ئەزىزەم، كۈلگىن خۇشال، مۈرەمگە يۆلەن.


يارىشىدۇ خۇش كۈلكىلەر ئايدەك يۈزۈڭگە،

كىشى بارمۇ بۇ ھاياتتا سېنىڭدىن لېۋەن؟

ئەڭ بەختلىك ئىنسان بولۇپ كۆرۈن ئۆزۈڭگە،

كەل ئەزىزەم، سازىڭنى چال، مۈرەمگە يۆلەن...


2026-7-10خوتەن، ئەتىرگۈللۈكى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك