سورىما، مەن نېچۈن غەمكىن، بىناۋا (شېئىر)
پوشكىن (رۇسىيە(
سورىما، مەن نېچۈن غەمكىن، بىناۋا،
چېكىمەن شادىمان پەيىتلەردە ھەسرەت.
سالىمەن ھەممىگە قايغۇلۇق نەزەر،
نېمىشقا سۆيۈملۈك تۇيۇلماس ھايات.
سورىما! مۇزلىغان يۈرىكىم نېچۈن،
خالىماس بوپقالدى شىېرىن سۆيگۈنى.
سورىما! سۆيگۈدىن بەزگەنمەن نېچۈن؟
سۆيگەنمەن، سۆيمەسمەن ئەمدى باشقىنى.
بەختلىك كىشىلەر بىلمەس بەختنى،
شاد كۈنلەر چەكلىكتۇر، چەكلىك نىھايەت.
شۇ ياشلىق، قىزغىنلىق، مۇھەببەت ئاخىر
قالدۇرار بىر ئاچچىق ھەسرەتنى پەقەت.
Yorumlar
Yorum Gönder