ئەمەسمىدىم ئۆزۈڭنىڭ يارى (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
كۈزدە ياغقا ۋاقىتسىز قار سەن،
گۈل مەڭزىگە قونغان باھار سەن.
خىيالىمنىڭ قاناتلىرىدا،
تۇرنىلاردەك قاتار- قاتار سەن...
سېغىنىشنىڭ ئەگىزلىرىنى،
باشلاپ كېتەر كىرپىكىڭ تالى.
قولۇم يەتمەس ئارماندۇر قولۇڭ،
ئەمەسمىدىم ئۆزۈڭنىڭ يارى؟...
كۆڭۈللەرنىڭ گىرۋەكلىرى لاي،
كىمدۇر ئۇندا پېتىق ئوينىغان؟
ئۆركەشلىتىپ باغرىمدا دەريا،
لېۋىڭ مېنى تىنچ قويمىغان...
ئىزىڭ قالغان كۆۋرۈكتە يالغۇز،
شاماللارنى سۆيدۈم پەپىلەپ.
بىلەرمىدىڭ دىلىمدىكىنى؟
كۆزلىرىڭگە باقسام ئەركىلەپ...
2021-4-10 خوتەن، يۇرۇڭقاش
Yorumlar
Yorum Gönder