دەردى ھىجران (شېئىر)
ئايشەم ئىسمايىل تەبەسسۇم
لېۋىڭدە قاينىغان چوغنى دىلىمغا تاشلىغاندۇرسەن،
كۆزۈڭنى ئوينىتىپ ھەرئان كۆڭۈلدە ياشنىغاندۇرسەن.
چۈشۈمدە ئۇسسۇلۇق تەڭلەپ، ئوڭۇمدا نائۈمىد ئەيلەپ،
مۇھەببەت شامىنى پەرلەپ خىيالغا باشلىغاندۇرسەن.
پىراق سەۋداسىدا قالسام، جۇنۇن سەھراسىدىن يانسام،
يۈزۈڭگە ئۈمتىلىپ باقسام بېشىڭنى قاشلىغاندۇرسەن...
قاۋان ئۈركۈتتى جانىمنى، داۋان سۇندۇردى ھالىمنى،
قىلىپ بىر ئېتىبارىمنى بوسۇغا ئاشمىغاندۇرسەن.
كويۇڭدا ئۆرتىنىپ كۆيسەم، راۋامۇ قان يۇتۇپ ئۆلسەم؟
سېنى مىڭ جان بىلەن سۆيسەم كۆزۈمنى ياشلىغاندۇرسەن...
Yorumlar
Yorum Gönder