دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇتاپتا (شېئىر)

 

مۇتەللىپجان مەمەت


دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇتاپتا،

چىقارسەنمۇ خانەڭدىن ئاستا.

تومۇز ئەمەس مېنى كۆيدۈرگەن،

كۆيدۈم، كۆيدۈم، سەن سالغان ئوتتا...


دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇ تاپتا،

دىل تارىڭمۇ چېكىلەرمۇ، ئاھ.

مېنىڭ بۇنچە سەۋدايىلىقىمغا

تالاي ئايدىڭ كېچىلەر گۇۋاھ...


دېرىزەڭنى چەكسەم، شۇ تاپتا،

چوقان سالار يۈرىكىم ئاۋۋال.

ئۆز ــ ئۆزۈمنى بەزلىدىم ئاخىر،

ئاشىقلىققا يوق ئىكەن ئامال...


2026-7-18

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك