Kayıtlar

Şubat, 2026 tarihine ait yayınlar gösteriliyor

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك

  سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك تۈنۈگۈنكى پىدائىيلار ئېكرانى سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن قىزىق نۇقتىلىق سۆھبەت ئېلان قىلىنىشى بىلەن مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلىققا مەپتۇن تائىپە ھەققىدىكى تونۇشتا بىر قەدەر كونكرېتلىق ۋە ئىلگىرىلەش بارلىققا كەلدى، يىللاردىن يېزىلىپ كەلگەن ۋە يېزىلىۋاتقان ئوبزورلارنىڭ بىسەۋەب، بىھېكمەت ئەمەسلىكىمۇ روشەنلەشتى، دېيىشكە بولىدۇ. دەرۋەقە، يىللاردىن بېرى ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەسلىكنى خاراكتېرىغا ئايلاندۇرۇۋالغان مەزكۇر سىياسىي ئانسامبىلچىلارنىڭ مىللەتنىڭ سىياسىي پىرىنسىپلىرىغا، سىياسىي مەۋقەسىگە لايىقىدا ئىگە چىقالمىغاننى ئاز دەپ، ساڭا ۋە مىللىتىڭنىڭ سىياسىي تاللىشىغا قىلچىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىغانلارنىڭ تۇتۇمىنى ساڭا ۋە مىللىتىڭگە لايىق كۆرۈۋاتقان، مۇستەملىكىچىنىڭ ئاتىغان ئاتىقىدا، سۆزلەيدىغان تىلىدا سېنى ۋە سەپداشلىرىڭنى مىللىتىڭنىڭ ۋەكىللىرى ساناپ ئانىي تاپسىمۇ، ھۆرمەتسىزلىك قىلسىمۇ بۇنى سەزمەي يۈرۈۋاتقان، سائەتلەپ ئېگىلىپ ئولتۇرۇپ شۇلارنىڭ تىلىدا سۆھبەت قىلىشنى راۋا كۆرگەن بۇ زېھنىيەتنىڭ بۇنداق بىر سىياسىي سەتچىلىكنى «مۇۋەپپەقى...

«مەجازىي ئۆلىمالىق قاچانغىچە؟» ناملىق يازمىغا چۈشكەن بىر ئىنكاسقا جاۋاب

  «مەجازىي ئۆلىمالىق قاچانغىچە؟» ناملىق يازمىغا چۈشكەن بىر ئىنكاسقا جاۋاب ئەسكەرتىش: جاۋاب ئىنكاسقا سىغمىغاچ ۋە مەزمۇن بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئايرىم ئېلان قىلىندى. مۇرشىد مۇرشىد ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرھان ئەپەندىم، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ياخشى يازمىلارنى يېزىۋاتىسىز. سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم سىزنى خالىس نىيەتلىك ياخشى بۇرادەر دەپ ئويلايمەن (ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچى). تەنقىد، ئوبزور ئاشنىڭ تۇزىغا ئوخشاش ئاز مىقداردا نورمال بولغىنى ياخشى. تەشكىلاتلار، زىيالىلار، ئەھلى ئىلىملەرگە يازغان تەنقىد، ئوبزورلىرىڭىز خېلى يېتەرلىك بولدى دەپ ئويلايمەن، بۇ خەلقنى ئوبزور، تەنقىد بىلەنلا ئىسلاھ قىلىپ بولغىلى، ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بولغىلى بولماس. ئەگەر مېنىڭ تەنقىد، ئوبزور يېزىشتىن باشقا ئارتۇقچىلىقىم يوق دەپ قارىسىڭىز، ئويلىنىپراق يازارسىز، يېڭى تېمىڭىزنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆردىڭىز ھەقىچان، كىملەرنىڭ يازمىڭىزدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلگەنسىز. مېنىڭچە، سىزنىڭ ئەمدى ئىككىنچى بۆلۈمگە ئۆتىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى. يەنى سىز تەنقىد، ئوبزورلىرىڭىزنى ئازلىتىپ دىنىي ئەھلى ئىلىملىملەر، زىيالىلار، تەشكىلا...