«مەجازىي ئۆلىمالىق قاچانغىچە؟» ناملىق يازمىغا چۈشكەن بىر ئىنكاسقا جاۋاب

 «مەجازىي ئۆلىمالىق قاچانغىچە؟» ناملىق يازمىغا چۈشكەن بىر ئىنكاسقا جاۋاب

ئەسكەرتىش: جاۋاب ئىنكاسقا سىغمىغاچ ۋە مەزمۇن بۆلۈنمەسلىكى ئۈچۈن ئايرىم ئېلان قىلىندى.
مۇرشىد مۇرشىد
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرھان ئەپەندىم، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. ياخشى يازمىلارنى يېزىۋاتىسىز.
سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم سىزنى خالىس نىيەتلىك ياخشى بۇرادەر دەپ ئويلايمەن (ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچى). تەنقىد، ئوبزور ئاشنىڭ تۇزىغا ئوخشاش ئاز مىقداردا نورمال بولغىنى ياخشى. تەشكىلاتلار، زىيالىلار، ئەھلى ئىلىملەرگە يازغان تەنقىد، ئوبزورلىرىڭىز خېلى يېتەرلىك بولدى دەپ ئويلايمەن، بۇ خەلقنى ئوبزور، تەنقىد بىلەنلا ئىسلاھ قىلىپ بولغىلى، ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بولغىلى بولماس. ئەگەر مېنىڭ تەنقىد، ئوبزور يېزىشتىن باشقا ئارتۇقچىلىقىم يوق دەپ قارىسىڭىز، ئويلىنىپراق يازارسىز، يېڭى تېمىڭىزنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى كۆردىڭىز ھەقىچان، كىملەرنىڭ يازمىڭىزدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلگەنسىز. مېنىڭچە، سىزنىڭ ئەمدى ئىككىنچى بۆلۈمگە ئۆتىدىغان ۋاقتىڭىز كەلدى. يەنى سىز تەنقىد، ئوبزورلىرىڭىزنى ئازلىتىپ دىنىي ئەھلى ئىلىملىملەر، زىيالىلار، تەشكىلاتچىلارغا يول كۆرسىتىدىغان سىستېمىلىق نەزەرىيە ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل شەرھىسى بولسا شۇنى سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ ئىدىيە، پىكىرنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلىڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن، يازمىلىرىڭىز ئەكىس تەسىر بېرىپ، سەلبىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى، پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇپ قېلىشى، قىسىقىسى ئەھمىيىتىنى يوقىتىشى، سەتراق ئېيتقاندا مازلىشىشى مۇمكىن.
...................................
ئويغاقلار دۇنياسىدا- بۇرھان
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مۇرشىد مۇرشىد ئەپەندى:
1. ئالدى بىلەن دۇئا تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر.
2. «سەمىمىي تەكلىپ» دەپ ئاتىغان بۇ سەپسەتىلىك جۈملىلەر دۆۋىسى ئىنكاسىڭىزنى يازدۇرغان قۇۋۋەتنىڭ مەنبەسى ساددىلىقتىنمۇ، چاپانچىلىقتىنمۇ، تەخسىكەشلىكتىنمۇ ياكى قوشقا يېڭى قېتىلغان ئۇي مىسالى ئاكتىپلارچە قارام جۈرئەتكارلىقمۇ بىلىپ بولمىدى. تەنقىد ۋە ئوبزور ھەققىدىكى جۆيلىمىلىرىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، سىز تېخى تەنقىد ۋە تەنقىدچىلىكنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان تالىپچاق سەۋىيەسىدىكى بىرى. چۈنكى تەنقىدنى تۇزغا ئوخشىتىپ بىزارلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ كېتىشلىرىڭىز بەئەينى بىر زامانلاردا ئىپتىدائىي تالىپچاقلارغا دەرس قىلىنىدىغان سامان قەغەز، سېرىق سەھىپىلىك كىتابلاردىكى «النحو في الكلام كالملح في الطعام» دېگەن قاپىيەگە ئوخشاش گەپساتارلىق ۋە ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئويدۇرۇلما گەپلەرنىڭ ياپسالانغان نۇسخىسى ئىكەنلىكى ئاپئاشكارا تۇرۇپتۇ. دەرۋەقە، يۇقىرىقى ئەرەبچە جۈملە خۇددى سىزنىڭ ھەرە نەشتىرى يالىتىلغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا يانپاشقا ئۇرۇپلا ياپسالىغان جۆيلىمە تەشبىھىڭىزگە ئوخشاش ئويدۇرما، يۈزەكى ۋە سېپى ئۆزىدىن قۇرۇق گەپ بولۇپ، مەزكۇر جۈملە ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تىلشۇناس، لوگىكىشۇناس، تېرمىنشۇناس، شۇنداقلا گىگانت ئوبزورچى ۋە تەنقىدچى پەيلاسوپ ئۆلىمالاردىن سەييىد شەرىف ئەلجۇرجانىينىڭ سۆزى بويىچە «گەپ ئوينىتىپ بۇرمىلىغانلىق، ھېچبىر ئىزدىنىشتىن نېسىۋە ئالمىغان قارىسىغا گەپ يورغىلاتقانلىق» جۈملىسىدىندۇر. بالاغەت ۋە پاساھەت ئالىملىرىنىڭ ئىپادىسى بويىچە ساختا، خاتا تەشبىھدۇر. فىقھىشۇناسلىقتا «قىياسى مەئەلفارىق (ئەمەس نەرسىنى بىر - بىرىگە ئوخشىتىۋېلىش)»تۇر. شۇنداقلا بۇ ئەقلى جايىدا كىشىنىڭ ئوخشىتىدىغان تەشبىھىدىن ئەمەستۇر. خۇددى شۇنىڭدەك كەمىنىمۇ سىزنىڭ تەشبىھكە تايىنىپ ئېيتقان: «تەنقىد تۇزغا ئوخشايدۇ، ئاز مىقداردا، نورمال بولغىنى ياخشى» دەيدىغان جۆيلىمىڭىزگە قارىتا دەيدۇكى، تەشبىھىڭىز ئوخشاشلا يۈزەكى ۋە جايىنى تاپمىغان، بەلكى يۇقىرىقى نەھۋىگە دائىر جۈملىنى ياپسالاپلا ئېلىپ چىقىپ دەپ بېقىلغان تەقلىدىي لاۋزا گەپلەر جۈملىسىدىندۇر. ئەگەر راستتىنلا تەنقىدنى سىزنىڭ يەپ - ئىچىش «پەلسەپەڭىز»دىكى مەنتىقىگە سېلىپ ئوخشىتىشقا توغرا كەلسە، تەنقىد تۇز ئەمەس، بەلكى تۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاش - تاماقنىڭ بەتتەم ياكى تەملىكلىكىنى پەرقلەندۈرگۈچى ئۇستام، زەرەر ياكى پايدىلىقلىقىغا، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى ياكى تۆۋەنلىكىگە، قۇۋۋەتلىك ياكى زەھەرلىك نىسبىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە دىياگنوز قويغۇچى ھەكىم ياكى ئوزۇقلۇقشۇناس، دېسىمۇ بولىدۇ. تەنقىد كۆپ قىرلىق بىلىم ۋە كەڭ بولغان نەزەر دائىرە، ئۆتكۈر ۋە زىل بولغان سەزگۈر ئەقلىيەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. تەنقىدنىڭ سۆز يىلتىزى بولغان ساختىسى بىلەن راستىنى ئايرىپ پەرقلەندۈرۈش مەنىسىدىكى «نەقد» سۆزىدىنلا مەسىلىنى تەشبىھكە زورلىمايلا ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش مۇمكىن. جۆيلىمىڭىزدىكى مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزاھلاشقا خىزمەت قىلمايدىغان، ئەكسىچە ساختا تەشبىھ ۋە تۇتۇقلاشتۇرۇشقا يارايدىغان ئوخشىتىشلار ئەمەلىيەتتە تەنقىدنىڭ نېمىلىكىنى تېگى ماھىيىتىدىن بىلىپ بولالماسلىققا، بىلمىگەننى بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ قارىغۇلارچە گەپدانلىق قىلىپ ئويدۇرما جۈملە قۇرۇشقا بېرىپ ياتىدىغان گەپچىلىك، سۇۋاقچىلىق جۈملىسىدىندۇر.
3. يازمىدا سىزنى چىچاڭشىتىۋەتكەن مەجازىي ئۆلىمالىق مەسىلىسى كۈنىمىز ۋەزىيىتىدە مىللىي كىرىزىس، دىنىي كىرىزىس، شۇنداقلا مەدەنىيەت كىرىزىسىغا ياتىدىغان زىل بىر ھادىسە. بۇنداق خەتەرلىك ھادىسىنىڭ ھەر تۈرلۈك ۋارىيانتلىرىغا قارىتا ئۇدۇللۇق ئوبزور - تەنقىدلەرنى، ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ ئايدىڭلاتقۇچى يورۇتمىلارنى بېرىش قولىدىن كېلىدىغان ھەربىر قەلەم ئىگىسى، پىكىر ئەربابى ئۈچۈن بىر مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت مەسىلىسىدۇر. تەنقىدنىڭ ئۆتكۈر بولۇشى، كۆپ ياكى ئاز بولۇشى يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىنىڭ خەتەرلىك ياكى جىددىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىغا چېتىلىدۇ. قانداقتۇر جىق قىلىۋەتسە شاكىراپ، ئاز قىلسا نۇرمال بولىدىغان ئاشپەزلىك دەستۇرىنىڭ قائىدە - پىرىنسىپلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ھەم ئوخشىتىلمايدۇ. خاتا تەشبىھتىن خاتا مۇشەببەھنى ياساپ چىقىشتەك بۇنداق ياسالمىلىق جۆيلىمىڭىزدە كەڭ ئورۇن ئالغان.
4. يازما نوقول تەنقىدلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ساختىلىق باش كۆتۈرگەندە ئۇنى نېمە بىلەن ئايرىش كېرەكلىكى، ساختىلىقنىڭ بارار يىرىنىڭ نېمىلىكى ئىشارەت قىلىنغان. بۇ تۈر يازمىنىڭ ئاساسىي ئوبيېكتى بولسا، ئۇنتۇلۇۋاتقاننى ئەسلىتىش، پايخان قىلىنىۋاتقان مىزان - قائىدىلەرنى جانلىق تەتبىقلاش ئارقىلىق ئىلىمنىڭ يولىنى تۇتقان، كەلگۈسىنىڭ ئالىم - ئۆلىما نامزاتلىرى، چېچەن تالىبۇلئىلىملىرىنى ساختىلىشىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە، مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن مەسىلە كۆزىتىشكە يېتەكلەش رولىنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ. چۈنكى ساختىلىشىش كۆز ئالدىمىزدا بولغىنى بىلەن، ساپ ۋە ساغلام شەكىلدە ئىلىم ئېلىش يولىنى تۇتۇۋاتقان، ھەقنىڭ ۋە ھەقىقەتنىڭ يورۇتۇلۇپ تۇرۇشى بىلەن ئويغاقلىققا يۈزلىنىۋاتقان تالاي تالىبۇلئىلىملەرمۇ يازمىنىڭ مۇخاتەب كوللېكتىپلىرىدىندۇر. بۇنىمۇ دىققەتكە ئالماستىن يازمىنى مۇئەييەن توپ ياكى تەشكىلاتقىلا قارىتىۋېلىش زورۇققانلىق، خۇدۈكسىرىگەنلىك، ئەتەي شۇنىڭغا تارتىپ قورساق بوشاتقانلىقتۇر.
5. تەنقىدنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇش سەۋىيەسىنى يىتىلدۈرۈپراق ئاندىن گەپ يورغىلىتىشنى سىناپ باقسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. چۈنكى سىزنى ئولتۇرالماس قىلىۋەتكەن بۇ تېمىدا ئۆلىمالىقنىڭ پۈچەكلىشىشىگە قارىتا مەلۇم تەنقىدىي نۇقتىلار تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، تىلغا ئېلىنغان بۇ نۇقتىلار خاراكتېرسىزلىشىۋاتقان، شۇنداقلا ئەسلىنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئىلىمنىڭ، ئالىم - ئۆلىمانىڭ ئوبرازىنى پايخان قىلىۋاتقان ساختىلىش ياكى ساختىلىققا يۈزلىنىش ھادىسىسى تەھلىل قىلىنغان، شۇنداقلا رېئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ھالبۇكى سىز بۇ نۇقتىلارنى قىلچە نەزەرگە ئالماستىن، ئۇدۇللا قانداقتۇر ئۆزىڭىز مۇشۇ تەنقىدكە ئوبيېكت دەپ بېكىتىۋالغان توپ ئىچىدىكى بىرىدەك، ياكى شۇلارنىڭ خۇشامەتگۇيلىقىنى قىلىپ تۆرەلمە سالاچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالغان كاندىدات موللىدەك ئىش ئۆگىتىپ كېتىپسىز. بىلىۋېلىڭكى، سىزگە ئارتۇقچىلىقلىرىم ئۈستىدە توختىلىش قەرزىم بولمىغاندەك، نېمىگە قانداق ۋە قانچىلىك تەنقىد قىلىشنى رايىڭىزغا چۈشۈرۈپ ئورۇنداش قەرزىممۇ يوق. سەۋىيەڭىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدىغان باسقۇچقا بارغاندا ئورتاقلاشسام ياكى ئوچۇقلىما بەرسەممۇ كېرەك يوق.
6. تەنقىد ئاممىباب يېزىلغان بولغاچقا، ھەر تۈرلۈك پىكىر ئەھلى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىگە بېقىپ ئويلىغانلىرىنى يېزىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. ئىنكاسچىلار ئارىسىدا تەنقىدنى سىزگە ئوخشاش تەتۇر تۇتۇپ غەرىزىگە بويسۇندۇرۇپ ئوقۇيدىغانلارمۇ، تەنقىد ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قورساق كۆپىكىنى تۆكىدىغانلارمۇ، ياكى خاتا چۈشەنچە ئاساسىدا نەپرىتىنى ئىپادىلەيدىغانلارمۇ چىقىدۇ. سىزدە تالىپقا خاس ئەدەپ، مەسئۇلىيەت ئېڭى بولىدىغان بولسا، بىرى كىرىپ ئۆلىما ۋە دىنغا قورسىقىدىكى تۆككەنلىكنى تۇتۇۋېلىپ «سېنىڭ تەنقىدىڭ مۇشۇنىڭغا سەۋەب بولدى»، «سۆيۈنۈپ كەتكەنسىز»، دەپ تاپا قىلىپ ئۇششۇقلۇق قىلماستىن، ئېغىل تاپالمىغان بۇقىدەك كەلسە كەلمەس ئۈسمەستىن، ئاشۇ ئىنكاسنى يازغۇچىغا پىكرىڭىزنى بەرسىڭىز ياكى خاتا چۈشەنچىسىگە توغرىسىنى يەتكۈزۈپ قويىسىڭىز ئوڭ ئىش بولار ئىدى. خالىمىسىڭىز ئۇمۇ ئىختىيارلىقىڭىز ئىدى. دىن ۋە ئۆلىما ئوبرازى قەدەمدە بىر بۇلغىنىۋاتسا، خاتا چۈشەنچىلەرنى ئىسلاھ قىلىدىغان ئىلمىي ۋە پىكرىي خىزمەتلەر ئورنىغا ئانسامبىلغا خور ئېيىتىشىش دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇپ، سەمىمىيەتسىزلىك، رىياكارلىق ئەۋج ئېلىنىۋاتسا، خاتا چۈشەنچىلەر بازار تاپماي، دىنىيلىق ۋە ئۆلىمالىق ئوبرازلارغا قارىتا باشقىچە قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقماي مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا مەسىلىنىڭ سەۋەبكارلىق نۆۋىتىنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدىن شاشقان ئالىم - ئۆلىما ئاتلىقلاردىن باشلىماي، ساختىلاشقان ئۆلىمالىق بىلەن ھەقىقىي ئۆلىمالىقنىڭ پەرقىنى ئايرىپ مەسىلىگە ئايدىڭلىق بېرىشكە ئۇرۇنغان قەلەم ئەھلىگە، يەنى كەمىنىگە يامىشىپ چىشلىۋېلىشقا ئۇرۇنسىڭىز بۇنىڭ ئۆزى سېپى ئۆزىدىن بەغەرەزلىك، نەزىرىڭىزدە تەنقىدلىنىۋاتىدۇ دەپ بېكىتىلگەن ئۆلىما توپىغا قارىتا تەخسىكەشلىك، خۇشامەتچىلىك قىلغان ھېسابلىنىسىز.
7. تەئەددىيلىق جۈملىلىرىڭىزدىكى ئىش ئۆگىتىشلىرىڭىزدىكى تەنتەكلىك ۋە نەشتەر ئارىلاش پارادوكسلىق تەۋسىيەلىرىڭىز بۇ خۇسۇستا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭغا قارىتا: مۇمكىنقەدەر ئىدىيە، سىستېما، تەشكىلات، دېگەندەك لۇغەت مەنىسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە زېھىن سىغىمىڭىز يېتىشمەيدىغان گەپلەرنى ئازىراق قىلىپ كۆپرەك ئۆگىنىشكە، نەزەر دائىرىڭىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆزىڭىزنى ئاتاڭ، دېيىشتىن باشقا مۇۋاپىق تەۋسىيە تاپالمىدىم.
8. تەنقىدتە يېزىلغان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىلمىي ياكى پىكرىي ئاساستا رەددىيە بولسا ئوتتۇرىغا تاشلىماستىن، ھۆل تامدىن ھوشۇ چىققان تەرزدە «تەنقىد يازىۋەرسىڭىز ئەكىس تەسىر بېرىپ مازلىشىسىز» دەيدىغان بىمەنە گەپلىرىڭىزمۇ ئۆزىڭىزدە قالسۇن! قاچان يوللۇق تەنقىدنى قوبۇل قىلماسلىقنىڭ ھەقىقىي مازلىشىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىسىڭىز، شۇ چاغدا ئىشىك قاققايسىز.
9. يېغىپ ئېيتقاندا، تا ۋەتەندە - ئىشكايلىدا ھەپتىيەك قولتۇقلاپ يۈرگەن چاغلاردىن، سىستىېمىلىق مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش ياكى تۈزۈككىنە بىر بىلىم قۇرۇلمىسى تىكلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىككى ھەرەمدىكى ئۇ شەيختىن بۇ شەيخقە قاتىراپ ئوقۇش غېمىدە يۈرگەن زامانلىرىڭىزدىن باشلاپ يېپىنچىسىغا چىۋىن قوندۇرماي قورۇپ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى «ئۆلىما» توپىنىڭ ئىچىدە، ئەتراپىدا ياشاش، كۆزىتىش ئىمكانىيىتى ئىلكىڭىزدە تۇرۇۋاتقان نۆۋەتتىكى كۈنلىرىڭىزدىمۇ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيانقى يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە دىنىي كىرىزىسلاردا كۆرسىتىلىپ كەتكەن «كارامەت»لەرگە قاراپمۇ بولسا ئاق - قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك سەۋىيەدە بولمىغانلىقىڭىز ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق. بۇ كەلگۈسىمىزدە ياراملىق بىر دىنىي ئۆلىما بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئورنىغا، خاراكتېرسىز ئۆلىما توپىغا بىر ساننى كۆپەيتىپ بېرىش بىلەن تۆھپە قوشىدىغانلىقىڭىزدەك بىر سىيمادىن ئالدىن سىگنال بېرىپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم دىنىي تەرجىمانلىق بىلەن ھەۋەسكار مۇتەرجىملىك ئارىسىغا تارتىلغان سىزىقتا بېرىپ كېلىپ يۈرۈۋاتقان بىر تالىپ ئۈچۈن ئۇشبۇ جاۋابىم ھەقىقىي ئۆلىما ياكى ساغلام خاراكتېرگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يولىغا تۈزۈكچە قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر ئاگاھ، بىر ئىيقاز، بىر ئويغىتىش بولۇپ قالسا، ئەقلىنى سىلكىشىگە سەۋەب بولۇپ قالسا، نە ئەلا!!!
10. سىز ۋە سىزگە ئوخشاش خۇشامەتگۇي تالىپچاق، زىيالىيچاقلارغا دەيدىغىنىم شۇكى، ئەل - ۋەتەن ئاللىبۇرۇن قولدىن كەتكەن، مىللەت خار – زەبۇنلۇققا ئېغىر پاتقان، ھاياتلارنىڭ قۇرتۇلۇش يولىدا 24 سائەتلىك بىر كۈننى 25 سائەتلىك خىزمەت بىلەن تولدۇرۇشقا بەل باغلىشى مىللي بۇرچقا، پەرز كۇپايىدىن پەرز ئەين دەرىجىسىگە بېرىپ قېلىۋاتقان كۈنىمىز ۋەزىيىتىدە دۇنيالىقىغا ئۆتكۈنچىلىكتىن باشقىنى، ئاخىرەتلىكىگە قىلچە پايدىنى كەلتۈرمەيدىغان ھەر تۈرلۈك زەنجىرسىمان ئالاقە باغلاقلىرىدىن جىسمانىي ۋە مەنىۋى بوشىنىش، قىسقىغىنە دۇنيالىقتا مىللىتىگە، دىنىغا چىن ئىخلاس بىلەن خىزمەت قىلىشقا بەل باغلاش زۆرۈرىيەتتۇر. زۆرۈرىيەتنى تونۇپ يېتىش بىلەن يولىنى تاپالماي گاڭگىرىغاننى ئاز دەپ ئورنىغا ئۇنىڭ - بۇنىڭكىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش، كىمنىڭ كۈنلۈكىنىڭ ئاستىغا داستىخان كەڭرى سېلىنسا شۇنىڭدىن ئۈلۈش تىلەپ يېيىش بىلەن جاننى جان ئېتىپ تەسەللىيلىك ھاياتنى ياشاپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ھايات يولى قىلىۋېلىش ئارىسىنى تاللاش ئۆزۈڭلارغا قالدى. لېكىن پەلەكنىڭ چەرخى ئايلىنىپ كېرەكلىكلەر بىلەن كېرەكسىزلەر ئايرىپ چىقىلىدىغان، ئادەمىيلىكى، قىممەت دەرىجىسى قىلغان ئەمىلى ۋە تۇتۇمىغا بېقىپ مۇئامىلە قىلىنىدىغان كۈندە، كەمىنىنىڭ دەيدىغىنى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا رەسۇلىمىزنىڭ ئېيتقان: هل بلغت؟ اللهم فاشهد! دېگەن سۆزىگە ئوخشاش: تەڭرىم، دەيدىغاننى دېگەنمەن، يازغانمەن، قالغىنى ئۆزۈڭ بىلىپ بىر تەرەپ قىل) بولغۇسى، ۋەسسالام!
ھۆرمەت بىلەن: بۇرھان مۇھەممەد


----------------------

پەر مان
1. مۇرشىد ئەپەندىنىڭ ۋەتەندىكى ئىپتىدائىي ئوقۇشىنى ، كېيىن ئىككى ھەرەمدە ئىستىقامەت قىلغانلىقىنى ، يەنە ئۇنىڭ تەرجىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغان « ئويغاق بۇرھان »نىڭ ئەڭ دەسلەپكى جۈملىسىدىلا « تەنقىد ۋە ئوبزور ھەققىدىكى جۆيلۈمىلىرىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، سىز تېخى تەنقىد ۋە تەنقىدچىلىكنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان تالىپچاق » دەپ خۇددى ئۇنى تونۇمايدىغان ، ئىلمىي سەۋىيىسىنى بىلمەيدىغان بىرىنى باھالاۋاتقاندەك خۇپسەنلىك قىلىشى ئۇنىڭ تامنىڭ كەينىگە ئۆتىۋېلىپ قەھرىمانلىق قىلىدىغان قەغەز يولۋاسلىقىنىڭ ئوپئوچۇق بىر ئىسپاتى بولسا كېرەك .
2. « بىر زامانلاردا تالىپچاقلارغا دەرس قىلىنىدىغان سامان قەغەز ، سېرىق سەھىپىلىك كىتابلار ...» علوم الشرعية نى كەمسۇندۇرۇش تەرزىدە يېزىلغان بۇ قۇرلارنىڭ ساھىبى ئىلىمنى يېزىلغان قەغەزنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ئىجابىي ياكى سەلبىي باھالايدىغان پوستەك دىتلىق «تەنقىدچى»مۇ ؟ ئەجىبا بۇ «ئويغاق بۇرھان» شۇ قۇرلارنى يازغاندا ئۆزى دەۋاتقان « بىر زامانلار » نىڭ ئىمكانىيەت شارائىتلىرىنى ئويلىيالىغۇدەك بەسىرەتتىن يالىڭاچلىنىپ خامۇشلۇققا گىرىپتار بولدىمۇ ؟ ياكى ئۇ ئىلىمنىڭ سامان قەغەز بىلەن ئالتۇن ۋاراققا يېزىلىشى ئارىسىدا قىلچە پەرقسىز بولغان ئوبيېكتىپ ماھىيەت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان شەكىل ھەۋەسكارىمۇ ؟
3. «النحو في الكلام كالملح في الطعام» مۇرشىد ئەپەندىم دېمىگەن بۇ ئەرەبچە جۈملىنى ئۆزىنىڭ غۇۋا خاتىرىسىدىن زورلاپ ئەسلەپ چىقىرىپ ، جۇرجانىينىڭ ئۇ جۈملىگە قاراتقان تەنقىدىنى خۇددى مۇرشىد ئەپەندىمگە دېگەندەك بايان قىلىش «ئويغاق بۇرھان »نىڭ زەھەرخەندىلىكىمۇ ياكى بىر خاتا مەنانى ئىپادىلەيدىغان جۈملىگە قارىتىلغان تەنقىدنى ھېكايە قىلىشىمۇ؟ ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ماقام تەقەززا قىلمىسىمۇ بالاغەتتىن ، قاملاشمىسىمۇ ئۇسۇلدىن گەپ ئېچىپ تولۇقسىز ، ناقىس جۈملىلەرنى تۈزۈشلىرى « ئويغاق بۇرھان »نىڭ مەن بۇ ساھەلەردىمۇ مەلۇماتلىق بىرىمەن دەپ ئۆزىنى تسويق ذاتي قىلىشتىن باشقا ھېچنىمىنى ئىپادە قىلمىسا كېرەك .
4. ئادەمنىڭ ھەممىدىن بەك مەسخىرە كۈلكىسىنى قىستايدىغىنى بولسا مۇرشىد ئەپەندىمنىڭ « دىنىي ئەھلى ئىلىملەر ، زىيالىيلار ، تەشكىلاتچىلارغا يول كۆرسىتىدىغان سىستېمىلىق نەزەرىيە ۋە ئۇنىڭ مۇكەممەل شەرھىسى بولسا شۇنى سىستېمىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ، شۇ ئىدىيە ، پىكىرنى تارقىتىشقا ھەرىكەت قىلىڭ » دېگەن ئەڭ ئاساسلىق مەقسىتى توغرىسىدا بىر ئېغىزمۇ توختالماي ئون ماددىلىق تەنە دەستۇرى يېزىشى « ئويغاق بۇرھان »نىڭ ئەمەلىيەتتە گۈلدۈرى بار يامغۇرى يوق قۇرۇق پوپاڭچىلىقىدىن باشقا يەنە نېمىنى ئىپادىلەپ بېرەركىن ؟ ( مۇرشىد ئەپەندىنىڭ تۆت قۇر خېتىغا شۇنچە چىچاڭشىپ كەتكەن پىسخىكىنىڭ قانچىلىك زەرداپ پىسخىكا ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئەلۋەتتە )
5. تەنقىد - ئوبزورنى شۇنچە چوڭ بىلگەن « ئويغاق بۇرھان » ئاۋۋال ئۆزى تەنقىدتىن قورقماي چۈمبەلنىڭ ئىچىدىن چىقسۇن . يۈزۈمنى ئېچىۋەتسەم خەق شەخسىيىتىمگە ھۇجۇم قىلىدۇ دەيدىغان خەۋپسىرەش تۇيغۇسىدىن ئۆزى قۇتۇلالماي تۇرۇپ ، تېمىسىغا ئىنكاس يازغان بىرىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە توختىلالايدىغان چۈپرەندىلىكنى بەس قىلسۇن .
6. ھەر قەدەمدە بىر « تالىپچاق » ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ بۇ توپلۇقنى كەمسىتىشنىڭ ئۇخرەۋىي ھېسابىنى « ئويغاق بۇرھان » غا ئەسلىتىمەن .

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
پەر مانغا:
1. چامغۇر يۇلۇش ھېكايىسىدەك ئىتقا ئەگىشىپ مۈشۈك، مۈشۈككە ئەگىشىپ چاشقاننىڭمۇ بەلدىن تارتىشىپ بەرگۈسى كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغىمۇ مەرھابا. دەل سىز دەۋاتقان تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كەلسە شۇ بىر تالىپچاق ئاران پۈتۈپ چىقىدۇ. ئوقۇش تارىخى بىلەن ھەۋەسكار سەۋىيەسىدىكى «تەرجىمان»دىن ئەللامە، مۇجتەھىد ياكى داموللام چىقىدۇ، دەپ قالغان بولسىڭىز ياڭلىشىپسىز. ھەم تالىپچاق دېيىلىشى ئۇياقنىڭ نەدە ئوقۇپ، نېمە ئوقۇمىغىنىدىن بەكرەك، چامى يەتمەيدىغان ساھەدىن گەپ ئېتىپ يولسىزلىق قىلىشىغا، خاتا مەنتىقىدىن خاتا خۇلاسىلەرنى دىيەسلىتىپ پوپوزا قىلىشىغا قارىتىلغان. ئۇياق مېنىڭ تەنقىد ساھەسىدىكى ۋەزىيىتىمگە قوشۇق سېلىپ گەپ ئاتسا، مېنىڭمۇ ئۇنىڭ ۋەزىيىتىدىن چىقىش قىلىپ پەند بېرىشىم ناھايىتى نورمال ئىش. بۇنىڭغا قارشى تەرەپ بىر نېمە دېمىسە، سىزگە ساقال تاراپ نېمە كەلدى، تالىپچاق؟! بۇنچىلىك زاكوننى بىلمەي ياكى بىلمەسكە سېلىۋېلىپ خۇپسەنلىكتىن، قەغەز يولۋاسلىقتىن گەپ تېشىۋاتقان بولسىڭىز، سىز راستتىنلا ئۆزىڭىز يازغىنىڭىزدەك، ئادەم بولۇشتىن ھېرىپ بىرنېمە بولاي دەپ قاپسىز. داۋالىغۇدەك تېۋىپ تاپالىسىڭىز ۋاقتىدا ئەملىتىپ تۈزىلىۋالغايسىز.
2. بۇرھان سامان قەغەز، سېرىق سەھىپىلىك كىتابلار دەۋاتقان بولسا، مەدرىس دەۋرىنىڭ ۋەزىيىتىنى، ئەھۋالىنى چۈشىنىپ گەپ قىلىۋاتىدۇ. ئىپتىدائىي دەۋردىن يادلىۋالغان گەپنى «خىتاي مېلى»غا ئوخشاش ئالدى ئارقىسىنى ئۆرۈپلا گەپ دەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىققا ئىشارەت قىلىۋاتىدۇ. بولسا كونتېكسىتنى كېسىپ ئوقۇيدىغان يامان ئادىتىڭىزنى يېڭىلاپ قويۇڭ. ھاشىيە بىلەن تەئلىقنى ئارلاشتۇرۇۋېلىپ ئۇستازدىن دەككە يەيدىغان دىۋەڭ تالىپلاردىن بولمىسىڭىز، بۇنداق ئىپتىدائىي سەۋىيەدە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىۋېلىڭ. چۈنكى، يېزىلغان يازمىنىڭ ئەدەبىياتىغا ئوكسېگىن يېتىشمىگەندە نىيەت ئوقۇش تالىپچاقتىن ئۆتە چالا تالىپنىڭ ئىشى.
3. مۇرشىد ئەپەندى دېمىگەن گەپنى دېدى دېيىلىۋاتقان ئىش يوق، مۇرشىد ئەپەندى ئوتتۇرىغا چىقارغان زاكون ۋە تەشبىھنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ئىلمىي ئاساسىغا چېتىشتۇرۇلۇپ خاتالىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. مۇرشىد ئەپەندى چۈشىنىدىغان سەۋىيەدە يېزىلغاچ ئۇ چۈشەندى، سىز چالىلىقىڭىز بىلەن چۈشەنمەي ھەر تۈرلۈك قىتغۇر باھالىرىڭىزنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ بېقىپسىز. ساھەنىڭ ئەھلى بىلەن ساھە دائىرىسىدە، شۇنىڭ چۈشىنىدىغان مەنتىقىسىدە جاۋاب قايتۇرۇش ئۆزىنى تسويق ذاتي قىلغان بولمايدۇ. بۇنىڭغىمۇ نە دىتىڭىزنىڭ، نە ئەقلىڭىزنىڭ يېتەشەلمىگىنى قىزىق بوپتۇ.
4. سىزنىڭ مەسخىرەلىك كۈلكىڭىزنىڭ قىستاپ كەلگىنىنى دەپ تاشلىغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى بەكمۇ جايىدا ئېتىراپ قىلغىنىڭىز بولدى. مەسخىرىلىك كۈلكە ئەلمىساقتىن چاكىنا ئادەملەرنىڭ فىترىتىدىن ئايرىلغان ئەمەس. كونىلار سۇنى سىڭىدىغان يەرگە سەپ دېگەن ئىكەن. سىڭمەيدىغان، سىغىمى يېتىشمەيدىغان پارادوكسچە، تەنتەكلىكچە بۇيرۇقۋازلىققا جاۋاب قايتۇرۇپ ئولتۇرمىغانكەنمەن، سىزنىڭ شۇنچىكى تېرە تاراقشىتىپ قويىشىڭىزغىمۇ ئوخشاشلا پىسەنت قىلىش ئارتۇقچە.
5. تەنقىد ئوبزورنى كىچىك ئويلاش ئەقلى خاملىقنىڭ ئالامىتى. ئەڭ چۈپرەندە ئادەملەر خام ئەقىل كىشىلەردىن چىقىدۇ. بۇنداقلار مەسىلىنى مەسىلە سۈپىتىدە ئەمەس، شەخسىيەت ۋە يامان نىيەت نۇقتىسىدىن كۆزىتىپ بىراۋنىڭ نىيىتىگە تون پىچىشقا جان ئاتىدۇ.
6. نورمال تالىبۇلئىلىمنىڭ ئەدەپىدىن، ئەخلاقىدىن نېسىۋە ئالمىغاننىڭ ئۈستىگە بىلمىگەن، بويى يەتمەيدىغان تېمىلاردىمۇ ئۆزىنى پەملىمەي شىلتىڭ ئاتسا، ئۇنى ئەركىلىتىپ تالىپچاق دېيىش سىزگە ئوخشاش بىراۋنى تۈكى يوق گەپلەرگە تايىنىپ زەھەرخەندە، چۈپرەندە دەپ ھاقارەت قىلغاندىن مىڭ ياخشى، چالا تالىپچاق!
7. گەپ شۇ، بۇ تېما چامغۇر يۇلۇش ئەتىرىتىگە قارىتىپ ئەمەس، مۇرشىد مۇرشىد ئىسىملىك تورداشنىڭ ئىنكاسىغا قارىتىپ يېزىلغان. جاۋابقا جاۋابمۇ قايتىپ بولدى. سىزنى مۇرشىد مۇرشىد ئەپەندى ياللىۋالغان، ياكى بىر قوتاننىڭ ھەلىپىنى تەڭ ئەتكەنلەردىن بولمىسڭىز، ئاتىكاچىلىقنى يولىدا قىلغايسىز. نىيەت ئوقۇپ ھاقارەت ئۈستىگە ھاقارەت قىلىشنىڭ، قارىسىغا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ تۆھمەت ياساشنىڭ باھانىسىگە كىرىشىپ قالماي ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ مەنتىقىسىدىكى چۈمبەل بىلەن ئەينەككە ئوبدان بىر سىنچىلاپ قارىۋېتىپ ئاندىن ئېغىز غېرىچلاشقا باشلىسىڭىزمۇ كېچىكمىگەيسىز، «ئادەم بولۇشتىن ھېرىپ كەتكەن» چالا تالىپچاق.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
مۇرشىد مۇرشىد قا:
1. دۆتلۈكنىڭ چېكى يوق، دېگەندەك پەرمانغا يازغان ئىنكاستىن مۇشۇنچىۋالا ھېس - چۈشەنچىلەرنى چىقارغان بولسىڭىز، كاللىڭىزنىڭ سۈيى ئاز ئەمەس، خېلىلا ئارتىپ قالغاندەك. ئىپتىدائىي دېگەندىن مەدرىسەنى بىر نەرسە دېگەنلىك مەقسەت بولغىنى يوق. ئۇ يەردىكى ئىپتىدائىيلىقتىن مەقسەت باشلانغۇچ سەۋىيە كۆزدە تۇتۇلغان.
2. مەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىلمىي ساھەلەر قوشۇنىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يېتىشىپ چىقىشىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان، مىللىي مەۋجۇتلۇق قورغىنىنى ھىمايە قىلىشتىكى رولىنىڭ سەل قارالسا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىر يازار تۇرۇپ ماگىستىر ۋە دوكتورلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقسا نېمىشقا قان قۇسقۇدەكمەن؟ قان قۇسۇش سىزگە ئوخشاش ئۆزىنى چاغلاشنى بىلمەيدىغان، نورمال ئۇيغۇرچە تېكىستتىن مېڭكاۋخەنچە مەزمۇن سۈزىدىغان ئۆزىگە مەپتۇن پاخپاق تالىپلاردىن ئايلانسۇن! ئەگەر سىز دىنىي ساھەدىكى ماگىستىر - دوكتور قوشىنىنىڭ گېپىنى قىلغان بولسىڭىز، بۇ ساھەدىن كۆپلەپ ئىلىم قوشۇنىنىڭ يېتىشىپ چىقىشى مۇھىملىق ۋە زۆرۈرىيلىكتە باشقا ھەر قانداق بىر ساھەدىن بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، كەم ئەمەس. مىللىي كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنىڭ كېلەچەك قۇرۇلۇشى دىنىي ساھەنىڭ يېتەكچىلىرىسىز ئىنشا بولالمايدۇ. بۇنى تونۇپ يەتمىگەن يا شالغۇت زېھنىيەت ياكى نادان ماڭقۇرتتۇر. دىپلوم سەۋدالىقىدىن كەلگەن ئۇنۋان بەندىلىرىنىڭ، قالپىقىغا سىغىنىپ ئۆزىنى دەڭسەشنى بىلمەيدىغان نوپۇز قۇللىرىنىڭ، تەنقىد روھى يوق، قاچان قارىسا تەخسىكەشلىك ئۇسۇلىدا ئىسلاھ قىلىشنى چۈشەيدىغان خىيالپەرەس موللاملارنىڭ يېتىشىپ چىقىۋاتقىنىغا ئىچى پۇشىدىغان زامان كەلمىگۈچە بۇنىڭ رېئاللىققا ئايلانمايدىغانلىقىمۇ بۈگۈننىڭ رېئاللىقلىرى جۈملىسىدىندۇر.
3. ھەل قىلىش چارىسىنىڭ بىرىنچى قەدىمى خاتانىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يېتىشتىن، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىشتىن، خاتالىرىنى قوبۇل قىلىشتىن باشلىنىدۇ. ھالبۇكى سىز كونا خامان دەۋاتقان ھادىسىلەر كونىلىقىغا باقماي تەكرار سادىر بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇنى پەرق قىلىدىغان كۆز بولمىسا، قوڭغىراق ئوغرىسىدەك ياشاشنى داۋام قىلىۋېرىدىغان، تەنقىدنىڭ ئورنىنى ۋە ئەھمىيىتىنى ھېس قىلماي خىيالپەرەسلىشىپ ئۆتىۋېرىدىغان گەپ. بىنورماللىقنى پاش قىلىشنى، قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىشنى «كونا خاماننى سورۇش» دېسىڭىز ئۇ چاغدا كەچۈرىسىز، بۇ خامان سورىلىپ تۇرغىنى تۇرغان، تاكى بىنورماللىقلار قەلبى سۈزۈك ۋە ئەقلى ساغلام خەلق توپى تەرىپىدىن رەت قىلىنغانغا، بىنورماللىقلارنى داپ يۈزلەرچە قىلىشتىن توختاپ نورماللىشىشىقا يۈزلىنىدىغان بولغانغا قەدەر!
4. ئىلمىي سەۋىيە ھەققىدە توختىلىپ قاپسىز. تېخى مەن زاھىر قىلغۇدەك تەرەپلىرىمنى ئاشكارا قىلغۇدەك بولمىدىم، ھەم زاھىر قىلىشنى مەقسەت قىلىپ قولغا قەلەم ئالغان ئىشمۇ يوق. بۇنداق رىياكارلىقتىنمۇ كەمىنە بىزار. ئۆزى خۇشتار ئىشلارنى بىراۋلانىڭ سىيماسى ئارقىلىق بېزەيدىغان پۇچەكلىك سىز بىلەن كەتسۇن! مېنى ھېچ بىلمەي تۇرۇپ، دوقۇرۇشۇپمۇ سالمىغان بىرىگە، تېخى ئىلمىي جەھەتتىن ئوندا بىر تەرىپىم ئوتتۇرىدا يوق، بىر ئەھۋالدا گويا تونۇيدىغاندەك پەرەزدە سىزمۇ تەرجىمانەي، مانچە كىتابىڭىز بار يەي دېگەندەك ھۆكۈملۈك گەپلەرنى قىلىشلىرىڭىزدىن، سەۋىيە مېتىرلاشلىرىڭىزدىن ھەقىقەتەن ئەقلىي گۆدەكلىكىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. سىز كەمىنە ئالدىدىلا ئەمەس، پەرەز قىلغان ئاشۇ بۇرادىرىڭىز نەزىرىدىمۇ (مەزكۇر ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەنلا بولسا) ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ بولدىڭىز. بۇنداق گۇمانغا تايىنىپ ئاساسسىز بىراۋغا يۈكلىنىپ نەشتەر سانجىپ بېقىشىڭىز پىسخىكىڭىزدىكى بىنورماللىقلارغىمۇ ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپتۇ. يامان گۇمان ئىماننى قاچۇرار دەپ، سىزگىمۇ تەۋسىيە شۇ: بولسا سىزمۇ پەر مان بىلەن بىرلىكتە ئەملىنىپ ساقىيىشنىڭ كويىغا چۈشكەيسىز. بولمىسا قالپاق يوغانغاندا تېخىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.
داۋامى بار

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
داۋامى:
5. «تەرجىماندىن داموللام، مۇجتەھىد چىقمايدۇ دەپ كېتىپسىز» دەپ چۈشۈپسىز. قايسى يەردە شۇنداق دەپتىمەن؟ پەرمان ئىسىملىك ئوقۇردىشىڭىز (تەڭ ھەلەپ ئەتكەنلىك ئېتىراپىڭىزغا ئاساسەن دەۋاتىمەن) نىڭ سىزنىڭ ئىپتىدائىي سەۋىيەدىكى خاتا مەنتىقىڭىزگە، ياپسالاشلىرىڭىزغا قارىتىپ ئېيتقان تالىپچاق دېگەن سۆزگە چىدىمىسا،، ھەمدە كۆزىدە چوڭايتىپ قارىۋالغان (ھەۋەسكار سەۋىيەسىدىكى) تەرجىمانلىقىڭىز ۋە ئوقۇش تارىخىڭىزنى پەش قىلىپ سىزنى تالىپچاق دېدى دەپ كۆكەرمىلىك قىلسا، مەن قوپۇپ ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقان نۇقتىلىرىنى يىغىپ كەلسە بىر تالىپچاق ئاران پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئالسام، بۇنىڭدىن قانداقسىگە «تالىپچاقتىن، ياكى تەرجىماندىن داموللام، مۇجتەھىد چىقمايدۇ» يەكۈن چىقسۇن! يازمىلارنىغۇ تەتۇر تۇتۇپ ئوقۇڭ، ئىنكاسنىمۇ تەتۈر تۇتۇپ ئوقۇغىنىڭىز قىزىق. ئوقۇردىشىڭىزمۇ ئىنكاسنى تەتۈر تۇتۇپ ئوقۇشىڭىزغا دوست تارتىپ باشمالتاق چىقىرىپ يۈرۈپتۇ. بىر - بىرىڭلارغا بۇ دەرىجىدە قارىغۇلارچە پاس چىقىرىشىڭلارنى ئوقۇرداشلىق، دېسەكمۇ، بۇ دەرىجىدە مەفھۇم غەلەتلىكلەرگە پاس چىقىرىش ئىككىڭلارنىڭ كاللىسى بىر، بەدىنى ئىككى تۇغۇلۇپ قالغان قوشكېزەكلەردەك بىر قاچىغا تەڭ بۇرنۇڭلارنى تىقىشىڭلار دىققەت قوزغايدۇ.
6. ئىنكاسىمغا قايتۇرغان ماۋۇ جۈملىلىرىڭىز «بىر قوتاننىڭ ھەلىپىنى ئەتكەن» دەپ كېتىپسىز، ھەلەپ ئەتسە نېمە بوپتۇ؟ ھەلەپ ئېتىپ ئۇستازىنىڭ، ئاتا - ئانىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلغاچ ئوقۇشنىڭ نەرى خاتا؟، دېگەن گەپلىرىڭىز سىزدە راستتىنلا iQ سىدا بىنورمال چۈشۈش باردەك تۇيغۇ بەردى. بىر قوتاننىڭ ھەلىپىنى تەڭ ئېتىش دېگەنلىك خۇدا بەرگەن ئىككى ئايرىم ئەقىلنى گويا بىر ئەقىلنى ئۈلىشىۋېلىپ ئىشلەتكەندەك چاپانچىلىقتا بەسلىشىش، خاتا بولسۇن، توغرا بولسۇن، ئوڭ بولسۇن ياكى تەتۇر بولسۇن تەڭ پاس چىقىرىشىشقا قارىتىلغانلىقى كونتېكسىتتا ئېنىق تۇرمامدۇ؟. سىزنىڭ ئۇستازدا دەرس ئوقۇماي قوتان خەۋەر ئالغىنىڭىزدىن، ھەلەپ ئەتكەچ، ئىشلىگەچ ئوقۇغۇنىڭىزدىن ماڭا نېمە؟ ئىككىڭلار گويا بىر ئادەمنىڭ پوچۇركىسىدا پاس چىقىرىشساڭلار، چاپانچىلىقتا بەسلەشسەڭلار بۇنىڭغا دارتمىلاپ بولغۇچە، ۋاي شۇ بىز بىر ھەلەپنى تەڭ ئېتىپ ئوقۇغانەي، ھالال ئىشلەپ ئوقۇغانەي، دەپ مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرۇپسىز. گويا مەن سىلەرنى «ھارام يەپ ئوقۇغان تالىپچاقلار» دېگەندەك، تاغدىن گەپ قىلىۋاتسا باغدىن سۆزلەپ كېتىپسىز.
7. سىزنىڭ بۇ دەرىجىدە تۈپتۈز سىداملىقىڭىزنى بىلگىنىمدە سىزگە ئاۋارە بولۇپ ئولتۇرماسكەنمەن، دېگەننىمۇ ئويلاشقا باشلاۋاتىمەن. ئىنكاستا سىزگە جاۋاب قايتۇرسام قوشكېزىكىڭىز قوڭىغا ئۇرۇپلا ماڭا ئىلمىيلىك توغرسىداسالاھىيىتى يوق، دەپ قازىكالانلىق قىلىپتۇ. ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرسام، سىز قوپۇپ ئەخلاق دەرسى بېرىشكە سالاھىيىتىڭىز يوق، دەپ چۈشۈپسىز. ئىككىڭلارنىڭ بۇ دەرىجىدە «بىراۋنى سالاھىيىتى» يوقلۇقى بىلەن بىلەن ئەيىپلەش خۇمارىڭلارنىڭ بارلىقى ئەجەبلىنەرلىك بىلىندى. بۇنداق تېزىنى باسسا مېزى، مېزىنى باسسا تېزى چىقىپ ئادەم كولدۇرلاتماي، بىرلا ئىسىمدا ئويناڭلار، ياكى ئىككى كىشى ئەمەسلىكىڭلار چېنىپ قالمىغۇدەك گەپ تېپىپ، بىراز كېلىشىۋېلىپ با مەسىلىھەت بىلەن نۆۋەت بىلەن كېلىڭلار. مۇمكىنقەدەر پىكىردە، ئىلىمدە، مۇنازىرىدە تۇتاملىق بولۇشقا دىققەت قىلىۋالغايسىزلەر. شىلتىڭ ئېتىشنى قاملاشتۇرالمىساڭلار غىت قىسىشنى بىلسەڭلەرمۇ شۇنىڭ ئۆزى ھەددىنى بىلىش بولىدۇ. ھەددىنى بىلمىگەنلەر ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىشقا ئۇرۇنغانچە ئاقىللار ئالدىدا ئۆزىنى ئۆزى چۈشۈرۈپ بېرىشتىن ئارتۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ، سەمىڭلاردا بولغاي!


بار باروسسا
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان مەن سىزنىڭ، ئىلگىركى 15-مارت سەھىپىڭىزدە ئورتاقلاشقان « ئىبنى مەسئۇدتا بار ساقال، ئەبۇ جەھىلدىمۇ بار » دېگەن يازمىڭىزغا قارىتا ئىنكاس يازغان ۋە شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىللىقىمنى بىلدۈرگەن، گەپ باشلىنىشىدا سالام ۋە ئەدەپ بىلەن، باشلىنىپ، ئاخىرىدا شەخسىيەتكە ئۆتۈپ كېتىپ كۆڭۈلسىزلىك بىلەن توختىغان بىرى.
ھالا، سىزنىڭ قەلەم قۇۋىتىڭىزگە قايىللىقىم ئۆزگەرگىنى يوق.
ھازىرمۇ ………… «ئوغرى چاشقانغا ئايلىنىپ، قالغان يالاقچى تىپلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەتكەنلىكىنى سەزمىدى، دەپ ئويلىۋالغان بەغەرەز تىپلار ھەددىنى بىلىۋالغاي! » دەپسىز. مەن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىمدە، ھەددىمنى، ھۇدۇدۇمنى، چېگرامنى بىلىپ ياشىدىم بىلمىگەنلەرگە كۈچۈمنىڭ يېتىشچە ھەددىنى بىلدۈردۈم، بەزىلەر بىلىپ تۈزەلدى، بىلمىگەنلەر بىر كۈن بىلىپ قالار دېدىم.
ئۆز مەقسەتكە كەلسەم:- مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى مەركەز قىلغان ئاساستا، ھەر قايسى ساھەدىكى كەمچىللىك، خاتالىق، يېتەرسىزلىك ۋە ئاكتىپلىققا، ئىلغارلىققا ئوخشاش ئىنچىكە مەسىلىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ، قەلەم تەۋرەتكىنىڭىزگە ۋە ئىزدىنشچان روھىڭىزغا ئاپرىن ئوقۇيمەن. يۇقىردىكى يازمىڭىزمۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان، ئوقۇرمەننى ئۆز- ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ باقىدىغان، مەسئۇليىتىنى تونۇتىدىغان تېما بوپتۇ.
سىزگە يېزىلغان ئىنكاسنىڭ ھەممىسى سىزگە قارشى ياكى سىزنىڭ پىكىر سەھىپىىڭىزنى بۇلغايدىغان، ئورۇنسىز تالاش - تارتىش جېدەلگە ئايلاندۇرىدىغان بولىۋەرمەيدۇ.
قەلەم تەۋرەتكەن تېمىڭىزغا قارىتا يېزىلغان ئاكتىپ ياكى سەلبى ئىنكاسلارغا قارىتا، ھەر يازغان ئىنكاسىدا ماڭا قارشى گەپ قىلىدۇ، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدۇ دەپ ئارتۇقچە ئويلىۋالغان بولسىڭىز كېرەك.
مەن ھەقنى ھەق، راستنى راست، يالغاننى يالغان دەيمەن شەيئىلەرگە ھېسسىي تەپەككۇرغا ئەمەس، ئەقلىي تەپەككۇرۇمغا تايىنىپ باھا بېرىمەن.
قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن، ھەقىقەتتىن ئېغىپ كەتمىسۇن.
مىللەت ئۈچۈن ھەقىقىي ئوبزورچىغا، غورۇرلۇق، ۋىجدانلىق پىشقان قەلەم ئىگىسىگە ئايلىنىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان تىكەننىك توساقلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
بار باروسساغا:
ھە، تەۋبىكارلىق ماقامىدىن ھالقىپ يېڭىچە ئىلگىرىلەشكە يۈزلەنگىنىڭىزنى تەبىرىكلەيمەن. «ئوغرى چاشقان» تىپلارغا قارىتىلغان ئۇ ئىنكاس تېگىشلىك ئادەملەر ئۈچۈن دېيىلگەن، ھەم ئورنىنى تېپىپ بولدى. ئۆزىڭىزگە ئېلىۋالمىغان ئاساستا تەكلىپ - پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم. سەھىپىنى بۇلغايدىغان ياكى سەلبىيلىكنى مەركەز قىلغان ئىنكاسلارغا كەلسەك، ئەلۋەتتە پىكىر - تەكلىپلەرنىڭ دەرىجىسىگە بېقىپ مۇئەييەنلەشتۈرمەك لازىم. يازمىلارنى نوقۇل بىرىلىرىنى، ياكى بىرە تەشكىلات ياكى شەخىسلەرگە ھۇجۇم شەكلىدە ئەمەس، بەلكى يازمىنىڭ يەنە ئىستۇدېنتلارنى، ئۆزى ۋە جەمئىيىتى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى، ئوخشاش بىر ۋەزىيەتنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سېلىۋاتقان مۇئەييەن ئۇقۇمۇشلۇقلار توپىنىمۇ مۇخاتەپ ئوبيېكتى قىلىۋاتقانلىقىنى نەزەرگە ئېلىش ۋە پەرقلىق نۇقتىلاردىن ئوقۇشنىمۇ بىلىش لازىم. ئاددىي ئوقۇرمەن ئىچىدە شۇنداق ئوقۇۋالىدىغانلار چىقسىمۇ بىر نۆرى. كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۋەتسەك، ياكى خالىساق چۈشەنچە بەرسەك بولىدۇ. بىراق بىر ساھەنىڭ مۇقىم تەلىم - تەربىيەسىنى ئالغان ياكى ئېلىۋاتقان، ياكى ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقانلاردىن تۇرۇپ تەنقىد - ئوبزورلارنى ئاۋامدىن پەرقلىق شەكىلدە ئوقۇشنى بىلمىسە، قانداق ئوقۇشنى بىلمىگەندىن سىرت قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشنى، قارشى پىكرىنى قانداق يوسۇندا ئىپادىلەشنىمۇ بىلمەستىن ئاتىكاچىلارچە تىل سالسا، سەۋىيەسىزچە ئىش ئۆگىتىپ تەنقىد ئوبيېكتلىرىغا چاپانچىلىق تۈسىنى بېرىشكە ئۇرۇنسا، بۇنىڭغا تېگىشلىك زاكوننى بېرىپ ئۆز مەپتۇنلۇق خاھىشلىرىغا ۋاقتىدا رەددىيە بەرمەك زۆرۈر بولىدۇ. بۇ يازمىمۇ دەل شۇ تۈردىكى رەددىيەلەردىندۇر.
ھەقنى ھەق دېيىش، راستنى راست، يالغاننى يالغان دېيىش بىر روھ مەسىلىسى. ئۇنىڭدىنمۇ ئاۋۋال مۇھىم بولغىنى ھەقنىڭ ھەقلىقىنى، يالغاننىڭ يالغانلىق ئىكەنلىكىنى توغرا نۇقتىدا تۇرۇپ بەلگىلەش ۋە توغرا دىياگنوز قويۇشتۇر. سىزدىكى بۇ روھنىڭ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن. ھالبۇكى، خاتانى سۈلھىي - سالاغا زورلاپ توغرا قىلىۋېلىپ، ئارقىدىن ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولۇۋېلىشمۇ بىر تۈرلۈك دېۋەڭلىكنىڭ ئالامىتى. بۇ نۇقتىمۇ چۈشۈۋاتقان بىر قىسىم ئىنكاسلاردا خېلى سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا سەزگۈرلۈكىنى يوقاتقان، مەسىلىنى جىددىيلىكتىن چىقىرىپ رېزىنكىلەشتۈرۈشكە يول ئاچىدىغان تۇتۇرۇقسىز ئىنكاسلارغا بەزىدە سۈكۈتنى بۇزمايمۇ بولمايدۇ.
ئاخىردا سىزنىڭ خالىسانە تەكلىپىڭىز ۋە سەمىمىيەت ئىپادىلەپ ئېيتقان گۈزەل ئۈمىد - تىلەكلىرىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئاگاھلاندۇرۇش: تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھالدا ئوت قۇيرۇقچە ئىنكاس يېزىپ ئۆزىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن تۆشۈكتىن ئۇۋا ياساپ خورجۇن توقلايدىغان ئوغرى چاشقانغا ئايلىنىپ قالغان يالاقچى تىپلىقى بىلەن مەشھۇر بولۇپ كەتكەنلىكىنى باشقىلارنى سەزمىدى، دەپ ئويلىۋالغان بەغەرەز تىپلارھەددىنى بىلىۋالغاي! جاۋاب قايتۇرمىغانلىق كۆرۈشكە تېگىشلىكنى كۆزدىن قاچۇرغانلىقنى كۆرسەتمەيدۇ. پىكىر سەھىپىسىنى يىپچى خوتۇن جىدىلىگە ئايلاندۇرۇش خام خىيالىدىكىلەر ھەر يەرنى بۇلغاپ ئوخشاتماي، ماز گەپنى ئاز قىلىپ ئۆز ئۇۋىسىدا ئۆز خىلىنى تېپىپ ئويناپ تۇرغاي!

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
مۇشۇ تېمىغا يېزىلغان بىر ناجىنىسنىڭ ئىنكاسىغا:
بەزىلەر ياشلىقتىكى ناتىۋان ئەقلىگە تايىنىپ «كەۋسەر» چۈشەيدۇ، ھالبۇكى ئۇنداقلارنىڭ ئادەمىيلىكى قۇرت - قوڭغۇزنىڭ سەۋىيەسىگە چۈشكەندە كەۋسەر ئەمەس، ئەۋرەز ھاياتىغا مەھكۇم بولۇپ قاغىش ئېلىپ «قۇدرەت»سىز ۋە خامېلېئونچە رەڭ ئۆزگەرتىپ ياشاشقا باشلايدۇ. «سەلەپ»سىزلىككە بېقىنىپ ئادەملەر دۇنياسىدىن بايقۇتلىنىپ، قوغلاندى بوپ ئۆتىدۇ. نەچچە رەسۋا بولسىمۇ يۈزى قېلىنلىقنى جاننىڭ راھىتى قىلىپ ئۆتىدۇ. ئەنە شۇنداقلار ئەمەلىيەتتە ۋاقتى بىكارلاردىنلا ئەمەس، قېقىندى سوقۇندى بىكارتەلەپنىڭ ھاياتىنى ياشاپ ئۆمرىنى خورىتىشتىن باشقا ئىش قولدىن كەلمەيدىغان بىكارچى مەخلۇقلاردۇر. خۇدا ھەر بەندىسىنى بۇنداق كۈنگە قېلىشتىن ئەبەدىييەن ئاسرىغاي!


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»