«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى

(ئەدەبىياتىمىزنى قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئوبزور)


«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى

ئاپتور: بۇرھان مۇھەممەد

 

كىرىش سۆز

ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇش زوق ئىشى بولسا، تەنقىدچىلىك ئايرىش، سۈزۈش ۋە پەرق ئېتىش ئىشىدۇر. مەززىلىك تائام گويا ئىنسان جىسمىغا ئوزۇق بولغىنىدەك، ئېسىل كىتاب ئىنسان روھىنىڭ ئوزۇقىدۇر. تائام ئىستېمال قىلغان كىشى كۆپىنچە تائامنىڭ تەملىك ياكى تەمسىزلىكىگە بەكرەك دىققەت بېرىدۇ. ئەمما بۇ تائامدا ئىنسان مىزاجىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ مىزاجى بىلەن تېپىشىدىغان ياكى ئۇيۇشمايدىغان قانداق بىرىكمىلەر ۋە خۇرۇچلار بار، ئالدىغا قويۇلغان تائامدا جىسمىغا زەرەرلىك نەرسە بارمۇ يوق، دېگەنلەرگە دىققەت قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. پىشقان تائام ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى يېسە بولىدىغان بىر ئوبيېكتىپ خالاس. ئوقۇرمەننىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ پىشقان غىزا بىلەن غىزالانغۇچى، بىر ئىستېمالچىغا ئوخشايدۇ. ئەمما تەنقىدچىنىڭ ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس. ھەقىقىي مەنىدىكى تەنقىدچىنىڭ مىسالى گويا دىققەت ئوبيېكتىنىڭ تائامنىڭ تەمى، پىشقان ياكى پىشمىغانلىقىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىرىكمىلىرىدە مىزاجنى بۇزىدىغان نەرسە بارمۇ يوق، ئىستېمالچى بىرلەشتۈرۈپ يېسە بولمايدىغان نەرسىلەر قوشۇلغانمۇ يوق، تاماققا قايسى خۇرۇچلار قوشۇلسا زەھەرگە ئايلىنىدۇ، قايسى خۇرۇچلار قوشۇلسا قۇۋۋەتكە ئايلىنىدۇ، دېگەنلەرنى ئانالىز قىلىش، ئايرىۋاشلاش، بېكىتىش سەۋىيەسىنى ھازىرلىغان ھەمدە ئىستېمالچىنىڭ تەبىئىيىتىگە ۋە تائامنىڭ خۇرۇچلىرىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا قابىل كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق قابىلىيەتكە ئىگە كىشى ئەنئەنىمىزدە «ھەكىم» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەنئەنىمىزدىكى ھەكىملەر، ئىستېمالچىنىڭ مىزاجىغىلا ھۆكۈم قىلغۇچى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يېمەكلىكلەرنىڭمۇ تەبىئىتىگە ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىنسان جىسمىنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدىلا ئەمەس، يەنە ئۇنىڭ روھىيىتىنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدىمۇ ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە كىشىلەر بولغانىدى. ئوقۇرمەن بىلەن تەنقىدچىنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇ ئىستېمالچى بىلەن ھەكىمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. تەنقىدچى خۇددى ھەكىم مىسالى ئاپتورنىڭ كىتابقا سەرپ قىلغان خۇرۇچلىرىنى پەرق ئەتكۈچى، ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى، ئىدىيەسى ۋە ئوقۇرمەننىڭ روھىغا سۇنماقچى بولغان مەنىۋى غىزاسىنىڭ تەركىبلىرىنى ئايرىپ چىقىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ۋە شۇ ھەقتە «ھەكىم»لىك رولىنى ئۆتەيدىغان كىشىدۇر. ئوقۇرمەننى باغ سەيلىسىدىن ھۇزۇر ئالغۇچىغا ئوخشاتساق، تەنقىدچىنى ئۆز نۆۋىتىدە ھەم سەيلى قىلىپ ھۇزۇر ئالغۇچى، ھەمدە ئۆز ئالدىغا باغۋەن، دېيىشكە بولىدۇ. ئوقۇرمەن زوق ئالغۇچى بولسا، تەنقىدچى ئوپېراتسىيەگە ماھىر جەرراھتۇر. دېمەك تەنقىد ئىشى بىر قەدەر كەسپىيلىككە، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئېھتىياجى بولغان بىر ساھە. گويا ئۇستا جەرراھنىڭ قولىدا بىمار ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلغىنىغا ئوخشاش، نەزىرى ئۆتكۈر تەنقىدچىمۇ ئۆز ئوپېراتسىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىلىش ئارقىلىق تەنقىد قارىتىلغان ساھەنىڭ ھاياتلىقىنى قوغداپ قالىدۇ. تەنقىد بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نەزەرىدىكى ئوبيېكتىنىڭ جانسىزلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ھاياتىيلىقىنى يوقىتىپ ۋاقىتسىز ئۆلۈك ھالغا كېلىپ قېلىشىنىڭ يولىنى توسۇغۇچى ئىكسىردۇر. ئوپېراتسىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن ماھىرلىق كېرەك بولغىنىدەك، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەنقىد ئۈچۈنمۇ ئۆتكۈر نەزەر، پاراسەت كېرەك بولىدۇ. نەزەردىن ئايرىلغان تەنقىدچى ئىستېمالچىدىن پەرقى بولمىغان ئوقۇرمەندۇركى، جەرراھ ياكى ھەكىم بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن قارىغاندا، تەنقىدتە ھاياتلىق بار. ئەگەر بىر جەمئىيەتتە پىكىرلەر تۇرغۇن، تەپەككۇرلار تېيىز، ھەرىكەتلەر ئۈنۈمسىزلىشىۋاتقان بولسا، مۇقەررەركى، ئۇ جەمئىيەتتە تەنقىدىي نەزەرنىڭ ئورنى بولمىغان، توپلۇمنىڭ ئەزالىرى ئىچىدە تەنقىد روھىغا باي، يېڭىلىنىشكە ئىنتىلىدىغان ئىستەك ئىگىلىرى مۇنقەرز بولغان ياكى ئالقىشلانمىغان، دېيىشكە بولىدۇ. بۇنداق توپلۇمنىڭ ھاياتىيلىقىمۇ تۈگەل سۈنئىي ھاياتلىق بولۇپ، ئىستەكلەردىن ئەسەر قالمىغان بىر ئۆلۈك توپلۇم، دېيىشكە بولىدۇ. تەلەپ بولمىغان يەرگە تەقدىم بولمايدۇ. ئىستەك ئۆچسە تەڭرىمۇ تاشلىۋېتىدۇ. ئۆزىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ياراتقۇچىنىڭ ئۆزگەرتىپ بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قانۇنىيەتنىڭ بىرىنچى قەدىمىمۇ يارالغۇچىدا ئەنە شۇ ئىستەكنىڭ بولۇشى بولۇپ، تەنقىد مەزكۇر ئىستەكنىڭ، ئۆزگىرىش ۋە ئىسلاھ بولۇش ھەمدە ئىلگىرىلەشنىڭ كاتالىزاتورلىرىدىندۇر. ئاسارەتلىك دەۋرنىڭ بىزگە بەخشەندە قىلغان ئەڭ يامان ئىللەتلىرىدىن بىرىمۇ دەل ئىستەكسىزلەشتۈرۈش بولۇپ، مانا بۇ بوشلۇق بىزدە ئەجدادتىن ئەۋلاتقا قەدەر يېتىپ كەلگەن تەنقىد روھىنىڭ سۇسلىشىشىغا، نەزەر سېلىش قابىلىيەتلىرىمىزنىڭ زەئىپلىشىشىگە يول ئاچتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوپانلىق روھىي ئۇنتۇلۇپ پادىلىق خاراكتېر ئومۇملىشىشقا باشلىدى. ئۆز ئۆزىمىزدىن كۆپلەپ چوپانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىغانچە، ئاسارەت تۈپەيلى ياۋنىڭ ياكى ياتنىڭ يېتىشتۈرگەن چوپانلىرىنىڭ قولىغا قېلىشتەك قىسمەتتىن قاچالمىدۇق. نەتىجىدە پادا چوپانغا، چوپان پادىغا ئارىلىشىپ كەتتى. ھەقىقىي چوپان بىلەن چوپان سۆرەتلىك پاسىق سۆڭەكلەر ئارىسىنى پەرقلەندۈرگۈچى «نەزەر» قابىلىيىتىمىزنى يوقىتىپ قويدۇق.

 نۆۋەتتىكى سەرسانە ھاياتىمىز ئەنە شۇ پادىلىق ھاياتقا خاتىمە بېرىش، ئۆز چوپانلىرىمىزنى تېپىش، بايقاش ياكى يېتىشتۈرۈشنىڭ مەلۇم چەكتە پۇرسىتىنى يارىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى، پۇرسەتنى ھېس قىلىپ يېتىشكە ئۈلگۈرمەيلا يەنە شۇ يېتىشتۈرۈلگەن چوپانلارنىڭ دەردىنى تارتىشقا، يولىمىزغا تاشلاۋاتقان گۈل سۈرەتلىك تىكەنلىرىنى تازىلاشقا مەجبۇر قېلىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچى بولغان بۇ ئەسەر ئەنە شۇ يېتىشتۈرۈلگەن سۈنئىي چوپانلارنىڭ بىزگىلا ئەمەس، ئەۋلادلىرىمىزغا قەدەر قولىنى قانداق سوزۇۋاتقانلىقىنى، شالغۇت زېھنىيەت ئىشلەپچىقىرىشتا ۋاسىتىلىرىنىڭ قانداقلىقىنى، شالغۇتلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاسارەت دەۋرىدىن بىرى زېھنىمىزگە قانداق تەرزدە ئەپسۇن ئوقۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بەلگىلىك دەرىجىدە يورۇتۇش يۈزىسىدىن ئۆرنەك سۈپىتىدە قەلەمگە ئېلىنغاندۇر. ئۈمىدىمىز شالغۇتلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قارا كۆلەڭگىنىڭ ئاسارەت دەۋرىمىزدىلا ئەمەس، مۇھاجىرەت ۋە سەرسانچىلىق ھاياتىمىزدىمۇ بىزنى قويۇپ بەرمەسلىككە، بولدى قىلماسلىققا بەل باغلاۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش، بۇنىڭغا قارىتا ئويغاقلىقنى، سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشنىڭ، بىزگە قەدەر ئۇزاپ كەلگەن قارا كۈلەڭگىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىمىزغىمۇ سايە تاشلىشىغا يول قويماسلىق ۋە مىللەتنىڭ كېلەچىكىگە قارىتا مەسئۇلىيەتكارلىق رولىنى ئۆتىگۈچى ھەر بىر ئويغاق ئاتا، ئويغاق ئانا، ئويغاق مۇئەللىم ۋە ئويغاق ئۇيغۇر ئۈچۈن بۇنىڭ نەقەدەر زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر

 

مۇقەددىمە

1. ئەدەبىياتچىلىقتىكى ئۈچ خىل يۈز

ئويغاقلار دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر نامايەندىلىرىدىن ئاتاقلىق ئوبزورچىمىز ۋە ئەدەبىياتچىلىرىمىزدىن يالقۇن روزى ئەپەندى شۇنداق ئېيىتىدۇ: «ھەقىقىي ئەدىب ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئىزدەش، ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتە ئاۋانگارتلىق روھىغا ئىگە بولىدۇ» (1). يالقۇن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەدەبىيات ساھەسىگە قول تىققان كىشى مىللەتنىڭ تارىخى ۋە ئىجتمائىي رېئاللىقى بىلەن مۇئامىلە قىلغۇچى، ئۆز ئىجادىيىتى ئارقىلىق مىللەتنىڭ روھى دۇنياسىنى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شولىسى بىلەن يورۇتۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغۇچى، خەلقنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە تۈپ قىممەت قاراشلىرىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ ئاساستا ياشاۋاتقان دەۋرىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ يەتكۈچى كىشىدۇر. شۇنداقلا ئۇ يەنە ئۆتكۈر دىتقا ۋە جەمئىيەت ئېھتىياج بولۇۋاتقان زۆرۈرىيەتنى ئاڭقىرالايدىغان سەزگۈرلۈككە ئىگە بولغان كىشىدۇر.

يالقۇن ئەپەندى ئەدەبىياتچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەققىدىكى سۆزىدە، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىگە، ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە - مەقسەتلىرى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ غايە - مەقسەتلەرنىڭ ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە ئەدەبىياتچىلار توپىدا مەزكۇر ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆز خەلقىنىڭ ھايات يولىغا نۇرانە سايە چۈشۈرۈپ ياشاش يولىدا كۈرەش قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەدىب ۋە يازغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن  بىرگە، مەزكۇر ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەلەكچىلىكىدە يۈرىدىغان، ئۇنى ئابرۇي -مەنپەئەت ۋە ئاللىقانداق ئىدېئولوگىيەنىڭ بازار تېپىشى ئۈچۈن ۋاسىتە قىلىپ قوللىنىشنى كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالغان ناكەس ئەدەبىياتچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نەزىرىدە كۆزدە تۇتۇۋاتقان ھەقىقەت چۈشەنچىسىگە يورۇتما بېرىدۇ ۋە ھەقىقەت دېمەك پىكىر بىلەن رېئاللىقنىڭ بىردەك بولۇشى، دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ مەزكۇر ئىزاھاتىدا پىكىر بىلەن رېئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نەرسىنىڭ بەلگىلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇلار مۇقەررەر قانۇنىيەت، لوگىكا ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ مەنبەسى بولغان «ساماۋى ئەقىل»دىن ئىبارەت.

دەرۋەقە، يالقۇن ئەپەندى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ھەقىقەتنىڭ ئونتولوگىيەلىك ۋە ئەپستىمولوگىيەلىك تەجەللىلىرى ھەققىدىكى يۇقىرىقى ئىزاھات ۋە بايانلار بىزگە، بىر مەسئۇلىيەتچان ئەدىب ۋە يازغۇچىنىڭ ئۆز خەلقىگە سۇنغان ئەدەبىي ئەمگەكلىرىدە، يازغان جۈملە ۋە شېئىر قوشاقلىرىنىڭ قاتلاقلىرى ۋە قاتلاملىرىدا ھەقىقەتنىڭ قايسى دەرىجىدە پارلىغانلىقىنى بىلىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەدەبىيلىك نامى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئەسەرلەردە مىللەتنىڭ كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكىگە، ھەقىقەتنىڭ جۇلالانغان ياكى بۇرمىلانغانلىقىغا، چىنلىقنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئەسكەرتمە بەرمەكتە. بۇ جەھەتتىن يالقۇن ئەپەندى بىر ئەدىبتە ھەقىقەتنى ئىزدەش، ئۇنى سۆيۈش، ئۇنى ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنى بۇرمىلىماستىن دادىل سۆزلەش روھى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە يۇقىرىقى ئۆلچەم - تارازىلار ئاساسىدا ھەقىقىي ئەدەبىياتچى بىلەن ھەقىقىي دېگىلى بولمايدىغان پاخال ئەدەبىياتچى ئوتتۇرىسىنى ئايرىيدۇ. ئۇ ھەقىقىي ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەتنى چۈشىنىش دەرىجىسى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدا پەرقلەرنى نامايان قىلىپ تۇرغىنىدەك، مەسئۇلىيەتسىز ئەدىبلەرنىڭمۇ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يالقۇن ئەپەندىم مەسئۇلىيىتىنى يوقاتقان ئەدىبلەرنى «ئەخلەت ئەدىبلەر»، «ئەخمەق ئەدىبلەر» ۋە «ھايانكەش ئەدىبلەر» دېگەندىن ئىبارەت ئۈچ كاتېگورىيەگە ئايرىغان بولۇپ، «ئەخلەت ئەدىبلەر» دېگەندە ھەقىقەتنى ئېتىقاد قىلىش، ئىزدەش ۋە ئۇنى سۆزلەشتە ئاۋانگارتلىق روھى بولمىغان، ئەكسىچە ھەقىقەت ئىزدەش روھى توق بولغانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، «ئەخمەق ئەدىبلەر» دېگەندە، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى بىر تەكىيگە باش قويغۇزۇش مەقسىتىدە نىكاھ ئوقۇپ يۈرگەنلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، «ھايانكەش ئەدىبلەر» دېگەندە بولسا، ھەقىقەتنى خالىغان باھادا سېتىپ خەجلەيدىغانلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

2. ئەدەبىياتنىڭ زامانىمىزدىكى قىسمەتلىرى ۋە بۇ خۇسۇستىكى پاجىئەلىرىمىز

مەيلى ھېكايىلەشتۈرۈش، ياكى رومانلاشتۇرۇش تىپىدىكى تارىخ ئەسەرلىرى بولسۇن، ياكى ئەدەبىيات تارىخىغا دائىر ئەسەرلەر بولسۇن، بەدىئىيلىك ۋە تارىخىي چىنلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى قوغداش ۋە رىئايە قىلىشنىڭ دەرىجىسى مەسىلىسى ئەدەبىياتشۇناسلار ئارىسىدا ئىزچىل مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى. بۇ خۇسۇستا مەيلى رومانتىزم، ياكى رېئالىزم ياكى ناتۇرالىزم ۋەياكى ماركسىزملىق رېئالىزم ئەدەبىياتى ئېقىملىرىدا بولسۇن دىيالوگلار ھېلىھەم توختىغىنى يوق. ئومۇمەن تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش، رومانلاشتۇرۇش ھادىسىسىنىڭ ئەدەبىياتنىڭ يېڭىچە ئىپادە سەنئەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ غەرب دۇنياسىدىن شەرققە كىرىپ كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ يېقىنقى بىر ئەسىرگە سوزۇلغان تارىخ مابەينىدە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئېنىق. ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى تەسىر كۆرسىتىشتە ئەدەبىياتنىڭ رەڭگارەڭ ئىپادە سەنئىتى، قائىدە، مېتود ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى نەمۇنىلىك ئالاھىدىلىكلىرى تەسىر يارىتىپلا قالماي يەنە ئىدېئولوگىيەلىك تەسىر كۆرسىتىشلەرنىمۇ بارلىققا كەلتۈردى. ياۋورپادا دەسلەپ مەيدانغا كەلگەن رومانتىزم ئەدەبىياتىنى ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئېلىپ ئېيتساق، مەزكۇر ئېقىمنىڭ پارتىلىشى «ئويغىنىش» دەۋرى دەپ ئاتالغان، يېڭىلىنىش، زامانىۋىلىشىش تەشەببۇسلىرىنىڭ غەرب دۇنياسىنىڭ سىياسەت، دىن، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە پاراللېل ھالدا مەيدانغا كەلگەن بىر تۈرلۈك ئىنقىلاب ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى دېيىشكە بولاتتى. مەلۇم بولغىنىدەك، ئىنقىلاب دېمەك، ئالدىنقىنى ئاغدۇرۇش ۋە يېڭىنى ئورنىغا دەسسىتىش ياكى قۇرۇپ چىقىش مەنىسىدىكى كوللېكتىپ پائالىيەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ شەرق مەدەنىيەتلىرى، جۈملىدىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلاھات ئىدىيەسىدىن پەرقلىق تۇتۇم بولۇپ، غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن ھادىسە ئىسمى جىسمىغا ئۇيغۇن «ئىنقىلاب» بولغانىدى. ئەدەبىياتتىكى ئىنقىلاب ھەرىكەتلىرى «كىلاسسىك» نامى بېرىلگەن ۋە قەدىم مەدەنىيەتتىن ئۆزىگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن بارلىق ئەدەبىيات قېلىپلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش، غايىسىدىن ۋاز كېچىش، ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە فۇنكسىيەسىنى باشقىچە شەكىلدە ۋە يېڭىچە ۋەزىپە بىلەن ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنى شوئار قىلدى. ئەلۋەتتە دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بەلگىلىك تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان دۇنيانىڭ مەنىۋى خەرىتىسىنى سىزىش، كىلاسسىك دەپ ئاتىغان دۇنيا بىلەن بولغان مەنىۋى باغنى ئۈزگەندىن كېيىنكى كېلىپ چىقىدىغان بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش ئىشىنى ئۈستىگە ئېلىشتى. دىندىن، ئېتىقادتىن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانى ۋە قىممەت قارىشىدىن ئادا - جۇدا ياشىغان جەمئىيەتنىڭ روھىيىتىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ تىل سەنئىتى، تۇرمۇش يولى ۋە روھىيىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش، تەربىيەلەش رولىنى ئۆتەيدىغان ئەدەبىيات ۋاز كېچىلمەس ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىياتنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ھەر ساھەسىگە چېگراسىز بۆسۈپ كىرىۋاتقانلىقى ۋە ھەتتا ئۇنىڭ دىن ئورنىغا ئېلىپ چىقىلىۋاتقانلىقىدەك بىر ۋەزىيەتنىڭ شەكىللىنىشى، ئەدەبىيات يۆنىلىشىنىڭ يېڭىلىنىش بەدىلىگە ئۆتمۈشنى خالىغانچە تەسۋىرلەپ ئۇتوپىيەلەشتۈرۈش، بۈگۈننىڭ ئىنسانلىرىنى رومان ۋە ھېكايىچىلىقنى ئاساس قىلغان غايىۋى تەسۋىرلەر، «فانتازىيە»لەر دۇنياسىغا غەرق قىلىپ مەستخۇش قالدۇرۇشتەك بىر ھالغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى دىققەت تارتىشقا باشلىدى. ئونتولوگىيەسى بولمىغان، پۈتۈنلەي ئەپستومولوگىيەلىك يۆنىلىشتىن يولغا چىققان ئەدەبىيات سەپىرى ئۆز تەسىرىنى تۈگەل ئەدەبىياتتىن زوق ئالغۇچى جەمئىيەت ئەزالىرىغىلا ئەمەس، جەمئىيەتنىڭ ۋە تارىخنىڭ بۈگۈنىنى كېلەچەككە تۇتاشتۇرغۇچى ئاكتىيورلىرى بولغان كەلگۈسى ئەۋلاد ۋە ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ دۇنياسىغا قەدەر سىڭىپ كىردى. نەتىجىدە فانتازىيە بىلەن توشقۇزۇلغان ھېكايە، چۆچەكلەر ئارقىلىق، ياكى بولمىسا ئۆتمۈشتىكى تارىخىي ھادىسىلەرنى بەدىئىي تەسۋىر ۋە ئوبرازلار ئاستىغا كۆمۈپ تاشلاش، ئۆتمۈشنى بۈگۈننىڭ ئىدېئولوگىيەسى ۋە زېھنىيىتى بىلەن بوياپ قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى يازارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىدىكى غايىۋى دۇنياغا مەھلىيا قىلىش تىپىدىكى ئەدەبىي ھەرىكەتلەر شەكىللىنىشكە باشلىدى.

  مانا بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىدا پەرقلىق مىللەتلەردە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ۋە بايان پىچىمى بىلەن تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتقان، ئەنئەنىلەشكەن ۋە ھەر مىللەت ھەمدە خەلقلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈر دىنامىكىلىرىنى مەركەز قىلغان ئەدەبىيات خەزىنىلىرىنى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش تىپىدىكى ئىجاد قىلىنغان ئەنئەنىۋى ئېپوسلار، مېتولوگىيە (ئەپسانە) لەر ۋە ئەپسانىۋى رىۋايەتلەر ئارىلاشقان داستانلاردىن يول ئايرىغان،  ھەمدە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئونتولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق ۋە ئەپستىمولوگىيەلىك دۇنيا قارىشىنى تارىخىي ئەپسانىلەر بىلەن بېيىتىش ئارقىلىق ئادىمىي ئەخلاق ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراش ئۇرۇقلىرىنى ئەۋلادلىرىنىڭ روھىيىتىگە تىكىدىغان مەدەنىيەت ياشارتىش ۋە ئۇنى كېلەچەككە توشۇش ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلىنىدىغان بىر ھەرىكەت بولغان ئىدى. غەرب دۇنياسىدا مەيدانغا كەلگەن بۇ ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە توختالغان كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات پىروفېسسورى، شۇنداقلا ئاتاقلىق بالىلار ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى سېز لېرېر [Seth Lerer] مۇنداق دەيدۇ: «ئوتتۇرا ئەسىر كىلاسسىك ئەسەرلەردە يېزىلغان تەبىئەت دۇنياسىدىكى جانلىقلار، ئۆسۈملۈك ۋە تاغۇ - تاشلارغا دائىر تەسۋىرلەردە تەڭرىنىڭ يەر يۈزىگە ئاپىرىدە قىلغان يارالمىشلىرىغا يېتەكلىگۈچى تەسۋىرلەرگە ئىشارەت قىلىدىغان مەزمۇنلار ئىلگىرى سۈرۈلەتتى. بەدىئىي تەسۋىردىكى ھەر بىر پارچىلاردا، ئەدەبىي شەرھلەردە سۆزلەنگەن تەسۋىرلەردىن ئەخلاقىي قىممەت قاراشلارغا يېتەكلەيدىغان ئىشارەتلەر بار ئىدى. ۋاقىتلار ئۆتۈپ 17 - ۋە 18 - ئەسىرلەرگە كەلگەندە (ئالەم ھەققىدىكى) چوڭ بايقاشلارنىڭ كەينى - كەينىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ يېڭىچە فانتازىيەلىك تەسەۋۋۇرلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى ۋە بۇنى ئىنسانلارنىڭ زېھىن دۇنياسىغا يەتكۈزۈش لىنىيەسىمۇ كىتابلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشتى. بۇ لىنىيە «روبىنسون كروسو ئارىلى (1719 - يىل)  [Robinson Crusoe]» رومانىدىن تارتىپ تاكى مورىس سېنداك [Maurice Sendak]نىڭ «ياۋايى شەيئىلەر دۇنياسىدا (1963 - يىل) [Where the Wild Things Are]» ناملىق ئەسىرىگە قەدەر سوزۇلدى.  19 - ئەسىرگە كەلگەندە بولسا، چارلىز دارۋېننىڭ بايقاشلىرى بالىلار ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى»(2).

   دەرۋەقە، ئۆتمۈشتىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە مەيدانغا كەلگەن «ئايدىڭلىنىش» باسقۇچلىرى، ھەمدە  كەچمىشكە ئىسيان كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئومۇميۈزلۈك ئادا – جۇدا بولۇشنىڭ بۇ تەرزدە ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىشى، ئۆتمۈشتىن كەلگەن تەجرىبىلەرنى بايلىق ۋە مىراس ئورنىدا كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئۇنى مەرەزنىڭ، كېسەلنىڭ، ئىللەتنىڭ ئورنىدا كۆرۈشكە قاراپ ئۆزگىرىشى، تارىخىدىن، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن يىراقلىشىش قارارىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ئەدەبىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنسان مەنىۋىيىتىگە ئوزۇق بولۇشتىن ھالقىپ سۈنئىي دۇنيا ئىنشا قىلىشقا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى، قىسقىسى، ئەدەبىياتقا ھەممىنىڭ يۈكىنى يۈكلەشتەك زۇلۇمنىڭ باش كۆتۈرۈشى، شۇنداقلا مودېرنلىشىشكە يۈزلەنگەن جەمئىيەتنىڭ بۇندىن كېيىنكى كېلەچىكىنى قۇرۇش ھەمدە ۋاز كېچىش بەدىلىگە قولدىن كەتكەن مەنىۋى قۇرغاقلىقنى تولدۇرۇش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى قويۇق بەدىئىي پۇراققا، مودېرنىزم ئىدېئولوگىيەسىنى يايغۇچى ئىجادىي رومانلارغا، ياكى بولمىسا ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخقا يۈكلەشنىڭ چەكتىن ئېشىشى قاتارلىق بىر تالاي مەسىلىلەر پوست مودېرنچىلار، يەنى كېيىنكى مۇدېرنزمچىلار تەرىپىدىن تەنقىدلەشكە دۇچ كەلدى. فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئەدەبىيات تارىخچىلىرىدىن دەنىس خوللېر [Deni Hollier] ئۆزىنىڭ «فىرانسۇز ئەدەبىياتىنىڭ يېڭى تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە ئەدەبىياتنىڭ بۇ قەدەر سۇيىئىستېمال سەۋىيەسىگە بېرىپ يېتىشىگە دائىر تەنقىدىنى كىنايىلىك بىر شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە ئەدەبىياتنىڭ قەيەردىن باشلىنىپ قەيەردە توختىشىنى مۆلچەرلىمەك قىيىنلاشتى. شۇ تاپ ئەدەبىياتقا قويۇپ بەرسە ھەممە نەرسە بولغۇسى بار...يۇقىرىقىلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، كۈنىمىزدە «ئەدەبىيات» دېگەن نېمە؟ دەپ سوراشنىڭ ئورنى قالمىدى. بەلكى «ئەدەبىيات بولمىغان نېمە بار؟، دەپ سوئال قويىدىغان يەرگە كەلدى»(3).

 غەرب ئەدەبىياتى ۋە بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ، ئۆز جەمئىيىتىگە سەگەك ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ كۆز قاراشلىرى ئەنە شۇنداق. نەزىرىمىزنى غەربتىن ئاغدۇرۇپ شەرق دۇنياسىغا تىككىنىمىزدە، 20 – ئەسىر كولونىيالىزمى (مۇستەملىكچىلىك ھەرىكىتى) ۋە يېڭى دۇنيا تەرتىپىدىن كېيىنكى ئەدەبىي ھەرىكەتلەر ئومۇمەن غەربتىن ئىمپورت قىلىنغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا ياۋروپا كۈلتۈرى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن شەكىللەنگەن غەرب ئەدەبىياتىنى ئاتالمىش «دۇنيا ئەدەبىياتى» نامىدا كەڭ ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، يەنە كېلىپ مەزكۇر غەرب ئەدەبىياتىنىڭ يەرشارىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشنىڭ مودېلى ۋە باشلامچىسى سۈپىتىدە ھەر مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئەدەبىياتىغا يول كۆرسەتكۈچى چىراغ قىلىنىشى، ئۆرنەك ئۈلگىسى قىلىپ تونۇشتۇرۇلۇشى ۋە ھەتتا دۇنيا مىقىياسىدىكى كولونىيالزم رېجىمگە دۇچ كەلگەن ھەر قايسى مىللەتلەردە ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھاۋزىسىغا يات بولغان زېھنىيەتتىكى  غەربلەشكەن زىيالىيلارنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە غەربچە ئەدەبىياتنىڭ ھەر تىلدىكى پىروتوتىپلىرى، تەقلىدىي ۋارىيانتلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە، باشقا كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرى، ئەدەبىي ئىجادىيەتلەردىكى مېتود ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى، بىر مەدەنىيەت ياكى كۈلتۈرنىڭ باشقا بىر مەدەنىيەت ياكى كۈلتۈردىن تەسىرلىنىشى، باشقا مىللەتتە مەيدانغا كەلگەن ئىلغارلىقلارنى، تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان نەمۇنىلەرنىڭ يەنە باشقا كۈلتۈرلەر تەرىپىدىن ئىشلىنىپ ئۇنى ئۆز كۈلتۈرىنىڭ پارچىسىغا ئايلاندۇرۇش ھادىسىسى ئىنتايىن تەبىئىي ۋە قانۇنىيەت دەرىجىسىدىكى نورمال بىر ئەھۋال. شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي ساھەلەر ئارا تەسىرلىشىشنىڭ بولۇشى قانۇنىيەت مىسالى مۇقەررەر ھادىسىلەر جۈملىسىدىن. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە قوبۇل قىلىپ ئالغۇچى كۈلتۈرنىڭ تەقلىد تۈسىدە قوبۇل قىلىشى بولماستىن، بەلكى ئۆز كۈلتۈرىگە ئېلىپ كىرىشتە سەزگۈرلۈك بىلەن يول تۇتۇشى، ئېلىپ كىرگەندىمۇ ئۆز جەمئىيىتىنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيۇشقان ھالدا پىششىقلاش شەكلىدە ئېلىپ كىرىش سەۋىيەسىنى ھازىرلىشى، مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئەدەبىي بايلىقلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان، مەنە قىممەتلىرىنى مەنىسىزلەشتۈرۈشكە يول قويىدىغان بولماسلىقى ۋە تارىخىي ۋە مەدەنىيەت تەجرىبىلىرىنى ئاساس قىلغان شەكىلدە قوبۇل قىلىشى مەسىلىسىدۇر. تارىخى تەرەققىياتلاردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئەدەبىي ئېقىملارنى ياراتقان گىگانت ئەدىبلەر ئۆزىگە خاس يېڭىچە ئۇسلۇب ۋە مېتودلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ياكى باشقا ئەللەرنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى پىششىقلاش ئارقىلىق ئۆز جەمئىيىتىنى تەربىيەلەش، ئۇلارنىڭ تىل بايلىقىنى موللاشتۇرۇش، مەنە بايلىقلىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئۆز كۈلتۈرىگە ئائىت قىممەت قاراشلارنى بەدىئىي شەكىلدە خەلققە سۇنۇش جەھەتلەردە بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەپسۇسكى،  سىياسەتنىڭ يۆنىلىشىگە پاراللېل يېزىشنى ئادەت قىلغان، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى يېيىشقا خىزمەت قىلىشتىن ئايرىلالمايدىغان زىيالىيلىق ئەنئەنىسىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەقدىرى باشقا ساھەدىكىلەردىن پەرقلىق بولمىدى. بەلكى يازغۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى ھۆكۈمران كۈچنىڭ قايسى سىياسىتىگە مۇناسىپ خىزمەت پۇرسىتى كەلسە، شۇ بويىچە ئىجادىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشتى. ياكى ھاكىمىيەت كۈچلىرى شۇنداق تىپتىكى يەرلىك زىيالىيلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش، ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋېلىش ئارقىلىق ئەدەبىي ئېقىنلاردىكى قاناللارنى لىنىيە قىلغان ھالدا ئۆز ئىدېئولوگىيەلىرىنى ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى خەلقلەرگە سىڭدۈرمەكچى بولۇشتى. ياكى بولمىسا مودېرنىست ئەدىبلەر ھاكىمىيەتكە ئۆز ئىدىيەسىنى يۇقتۇرۇش ئارقىلىق سىياسەتنىڭ قولى بىلەن ئىدېئولوگىيەلىرىنى يېيىپ كەلدى. ياكى بولمىسا ئوخشاش ئىدېئولوگىيەنىڭ سىياسىي كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئۆز ئىدېئولوگىيەلىرىنى تاڭماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ 20 – ئەسىر كولونىيالىزمدىن كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تىرناق ئىچىدىكى «تىنچ تەرەققىيات كۆزلەنگەن» مەزگىللەردە ئەدەبىيات سەھنىسىدە ئىككى چوڭ قۇتۇپ ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى. مەسىلەن بۇلاردىن كاپىتالىزم سىستېمىسىدىكى دۇنيادا شاخلىنىپ كېلىۋاتقان  مودېرنىزم ئەدەبىياتى باشچىلىقىدىكى  رومانتىزم ، ناتۇرالىزم، رېئالىزم قاتارلىق ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان بىر قاتار ئېقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەدەبىي ئېقىملار ئۆرنەك ئوبيېكتلىرى بولغان بولسا، رۇسلار تەرىپىدىن پىششىقلانغان سوتسىيالىستىك سىستېمىدىكى دۇنيانىڭ ئەدەبىياتى بولمىش سوتسىيالىزم ئەدەبىياتى، يەنە بىر نامى بىلەن ئېيتقاندا ماركسىزملىق رېئالىزم ئەدەبىياتى شەكلىدە ئومۇملىشىشقا باشلىدى.

 يۇقىرىقىلار ئىچىدە ماركسىزملىق رېئالىزم ئەدەبىياتى ئېقىمى دەل بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە يۆنىلىشىگە زور دەرىجىدە رەھبەرلىك قىلغان، كەلمىش - كەچمىش بارلىق ئەدەبىي مىراسلىرىمىزنى، تارىخىي تەجرىبىلىرىمىز، مەدەنىيەت قۇرۇلمىلىرىمىزنى، ھەتتا بىر پۈتۈن دۇنيا قارىشىمىزنى ئۆز ئېتىزىدا خامانلاپ، غەلۋىرىدە تاسقاپ ئۈلگۈرگەن، قايتىدىن پىششىقلاپ چىقىش، مىللەتنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرى تونىيالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۈستى - بېشىنى يەڭگۈشلەش قەستىدە بولغان، قىسقىسى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى پېشقەدەملەر ۋە ئۇلارنىڭ داۋامى بولغان زىيالىيلارنىڭ ئاڭ خەرىتىسى بولغان ئېقىمدۇر. ماركسىزملىق ئەدەبىيات ئۆلچىمى مەيلى پىلانلىق ياكى ئىختىيارىي شەكىلدە بولسۇن، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ مودېلىنى قۇرۇشتىكى تۈپ ئۆلچەم ۋە قوللانما بولۇپ كەلدى ياكى شۇنداق بولۇشقا مەجبۇر قالدى. بۇ جەھەتتىن مەيلى ئۇيغۇر مىللىي تارىخىغا ئالاقىدار بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا ئالاقىدار بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى چۈشىنىش ۋە ئىزاھلاش جەھەتتە بولسۇن، بۇ ھەقتە تارىخشۇناس، ئەدەبىياتشۇناس، مەدەنىيەتشۇناس قاتارلىقلار تەرىپىدىن يېزىلمىش ۋە سىزىلمىش ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى مانا بۇ ماركسىزملىق ئەدەبىيات ئەندىزىسىدىن، ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك تەپەككۇر ئەندىزىسىدىن ئايرىلالمىدى. تۈركىستان غەربىدە رۇس ئوريانتالىزمى (شەرقشۇناسچىلىقى) نىڭ قولىدا ئىشقا ئاشقان قانداق مۇۋەپپەقىيەتلەر بولسا، ئۆز دەۋرىدە تەقدىرداش ۋە قەۋمداش بولغان تۈركىستان شەرقىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەرگە بىرمۇبىر سىناپ كۆرۈلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىستېداتلىق شائىرلىرىدىن، شۇنداقلا خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى مالىيە ۋەزىرى، ھەمدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەدىب ئالىملىرىدىن مۇھەممەد قاسىم داموللام ھەسرەتىينىڭ مونۇ مىسرالىرى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى يورۇتۇپ بېرىدۇ:

 

بىلسەڭ بۇلارنى ئەسلىدە دەججال لەشكەرى،

گۇمراھ قىلۇرغا ھەر بىرى ئىبلىس ئەسكەرى.

ماۋزىدوڭ ئولسە غالچە سىتالىن ئەفېسسىرى،

ماسكىۋادا قىلسە سۆز ئاڭا، پەكىندە(4)دۇر سەدا(5).

 

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىغا كەلگەندە يەنە بەزى بۇرۇلۇشلار مەيدانغا كەلدى. بولۇپمۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەدىب زىيالىيلارنىڭ، يازغۇچى شائىرلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، شۇنداقلا ئاتالمىش «ئىشىكنى سىرتقا قاراپ ئېچىۋېتىش» نامىدىكى قوش ئۆلچەملىك سىياسەتنىڭ تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بەزى ئىمكانىيەتلەر، خىتاي تىلىنى ئانا تىل سەۋىيەسىدە ئىگىلىگەن، ئىگىلىگەندىمۇ خىتاينىڭ تىلى بىلەن قوشۇپ، كۈلتۈرى ۋە پىسخىكىسىغا قەدەر قوشۇپ ئالغان كۆپلىگەن زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ بارلىققا كېلىشى، شۇنداقلا بۇ توپتىكى غوللۇقلارنىڭ ھەر قايسى مەتبۇئات ۋە ئورگانلارنىڭ مەمۇرلىرىغا، دائىمىي ئەزالىرىغا ئايلىنىشى ھەمدە چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسەتلىرىنىڭ قولغا كېلىشى قاتارلىقلار بەزى ئىمكانلارغا يول ئاچتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چەتئەل ئەدەبىياتى دەپ تونۇشتۇرۇلغان غەرب ئەدەبىياتى بىلەن ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ئىمكانلىرى كۈچەيدى. 80 – يىللاردىن باشلانغان رۇس تىلى مەنبەلىك ماركسىزملىق ئەدەبىياتچىلىققا 90 – يىللاردىن باشلانغان غەرب ئەدەبىياتى بىلەن يۈزلىشىش، مودېرنىزم بىلەن ئۇچرىشىش جەريانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىقى يۆنىلىشىدە، بولۇپمۇ تارىخىي رومانچىلىق، گۇڭگا شېئىرچىلىققا ئوخشاش ھەرقايسى ئەدەبىي ژانىرلاردا ئۆرنەكلىرى بويىچە ئۆز ئانا تىلىدا تەقلىد قىلىش دولقۇنىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن بولدى. چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇش ياكى چەتئەل مائارىپىدا تەربىيەلىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرگەنلەرمۇ خۇددى دىنىي ۋە سىياسىي ئېقىملاردىن قانداق تەقلىدچىلىكنى باشتىن كەچۈرگەن بولسا، ئەدەبىيات ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي ساھەلەردىمۇ ئوخشاش قىسمەتتىن قاچالمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياننىڭ بەلگىلىك سىياسەت چەكلىمىسى ۋە نازارىتى ئاستىدا بولۇشى غەرب ئەدەبىياتىدا يېڭىچە ئۇسلۇب ئاساسىدا تەتبىقلانغان مېتافورا، تەشبىھ، مەجاز ۋە رەمزى شەكىللەردە بايان قىلىش يۆنىلىشلىرى، فانتازىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشنى تەقەززا قىلغان بولسىمۇ، ئۆز ئانا تىلنىڭ ئىمكانىيەتلىرىدىن توغرا پايدىلىنىشنى بىلمىگەن، مىڭ يىللارچە ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا ئۇلىنىپ كەلگەن ئەدەبىي يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان دىنامىكىلىرىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، كىلاسسىك دېيىلسە ئالدىنقى ئون يىلدىن ئارتۇق جەرياندا پىششىقلانغان، ياساپ سۇنۇلغان، قىرقىلىشقا ئۇچرىغان، تېنى بار جىنى يوق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئەدەبىيات ھەققىدىكى سۇنۇملارنىڭ ئۇيان تەرىپىگە ئۆتەلمەيدىغان، ئەكسچە خىتاي تىلى ۋاسىتىسىدە ياتتىن تەرجىمە قىلىپ ئەكىرىش تۈسىدىكى سۆز زاپىلىرىنىڭ ھەمدەمچىلىكىدە قۇرۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پۈچەكلىشىش، يوچۇنلىشىش، مەۋھۇملىشىش، روھسىزلىشىش باسقۇچىنى تېز سۈرئەتتە داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.

 يىغىپ ئېيتقاندا، يىلدىن يىلغا ئۇزاقلىشىۋاتقان ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈزۈكچىلىكنىڭ تەسىرى، شۇنداقلا زىيالىيلارنىڭ مىللەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەجرىبىلىرىنىڭ ئانا بۇلىقى ھېسابلانغان ئىسلام مەدەنىيەت ھاۋزىسىدىن سۇ ئىچەلمەس، گۈلزارلىرىدىن ھۇزۇر ئېلىپ ھىدلىيالماس ھالغا كېلىپ قېلىشى، ھەمدە بۈگۈنگە قەدەر سوزۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچراشقاندىن تاكى مۇستەملىكىگە قەدەر سوزۇلغان تارىخىي تەجرىبىلەردىن يۈزەكى خەۋەردار بولۇش، خەۋەردا بولغاندىمۇ خاتا ئاڭلىتىلغان، شالغۇتلاشتۇرۇلغان، ياكى بولمىسا ئورىيانتالىستلار كۆزىدە تونۇشتۇرۇلغان چۈشەنچىلەردىن ئاشالايدىغان سەۋىيەگە يەتمەسلىكى، مىللەت تارىخىنى تۈگەل يېڭىش ۋە يېڭىلىش تارىخى، بېسىش ۋە بېسىۋېلىنىش، ماجراچىلىق ۋە جاھالەت بىلەن ئەيىبلەش تىپىدىكى تارىخ چۈشەنچىسىدىن ھالقىماسلىقى، مۇنداقچە ئېيتقاندا گېگىل دېئالىكتىنى مەركەز قىلغان تارىخ چۈشەنچىسىدىن باشقىچە يوسۇندا ئويلىيالمايدىغان ھالغا كېلىشى ھەقىقىي مەنىدىكى مىللىي ئويغىنىشنىڭ كېچىكىشىگە زور دەرىجىدە ھەسسە قوشتى. سىياسىي تارىخىدىن سىرت مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىلىم تارىخىدىن بىساۋات، ئەمما قالتىس بىلەرمەنلىك بىلەن سەھنىنى باشقا كىيدىغانلار ئاۋۇسا ئاۋۇدىكى، مىللەتنىڭ ئىلمىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەتلىشىش تارىخىنى تەكشى ھالدا ۋە بىر گەۋدە ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلىش سەۋىيەسىگە يەتكەنلەر، مىللەتنىڭ ساپ كىملىكىنى تەشكىل قىلغۇچى ئۇنسۇرلارنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە كېرەكلىك بولغان تىل ۋە بىلىم زاپىسىغا ئىگە بولغان ئويغاقلار تۈرلەنمىدى. بارماق بىلەن ساناشقا بولىدىغان ساناقلىق ئەدىب ۋە يازغۇچىلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا يەنىلا كۆپ سانلىق زىيالىيلار توپى ئۆزلۈك بىلەن ياتلىشىش ئارىسىدا ئايلىنىپ يۈرۈشتىن، شالغۇت زېھنىيەتكە مەھكۇملۇقتىن، خىيالپەرەس ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىدى. لەقەمنى خىزىر قويىدۇ، دەپ ئېيتقاندەك، ئاۋام خەلق ئارىسىدا تارالغان «زىيالىي، قىلغان ئىشى خىيالىي» ئوبرازىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى زىيالىيلار دەۋا قىلغاندەك قانداقتۇر كۈشەندىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان بولماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مىللەتنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماسلىقى ۋە چىقالماسلىقى، ئۈمىدىنى يەردە قويۇشى قاتارلىق رېئاللىقلارغا قارىتىپ ئېيتىلغان خەلق ئىنكاسى ئىدى. شۇنداقلا بۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى كىتاب ياكى نەزەرىيەلەردىن، ھېكايە رومانلاردىن ئەمەس، كېلىپ چىققان ئائىلىسى ۋە كۈلتۈر دۇنياسىدىن مىراس ئالغان بويىچە ئەمەلىي ھاياتىدا تەتبىقلاشقا تىرىشىپ كەلگەن خەلقنىڭ ئۈچ ئەۋلادقا سوزۇلغان مۇساپىدە ھېس قىلىپ يەتكەنلىرىدىن مەيدانغا كەلگەن تەبىئىي ئىنكاسى ئىدى.

 

مەنبە ۋە ئىزاھاتلار:

(1) يالقۇن روزى: «ئەدىبلەر نېمىشقا پۇشايمان قىلىدۇ»، شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى، 2010 - يىللىق 6 – سان.

(2) Seth Lerer, Children's Literature: A Reader's History from Aesop to Harry Potter (Chicago: University of Chicago Press, 2008) P. 9.

(3) Denis Hollier, "On wirting Literary History" New History of French Literature, P. 27. 

(4) پەكىن: بېيجىڭ.  

(5) نىجاتلىق يولى، مۇھەممەد سىددىق ئوغلى مۇھەممەد قاسىم ھەسرەتىي، ئەلخوتەنىي، 1981 – يىل 1- نەشىرى، كەشمىر، 42 - بەت.


مەنبە: «» سەھىپىسى


داۋامى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»