«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (2)

 (ئەدەبىياتىمىزنى قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئوبزور)


«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (2)

ئاپتور: بۇرھان مۇھەممەد

 

بىرىنچى بۆلۈم

1. «ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشچىلىكى مەسىلىسى

دەرۋەقە، زىيالىيلاردا تىپىكلەشكەن شالغۇت زېھنىيەت مەھكۇملۇقى، توغرىسى شالغۇت زېھنىيەتتىن پۈتكەن قەلەمكەشلەرنىڭ تىلىدىن، كىتاب - ئەسەرلىرىدىن، ئەدەبىي ئەمگەكلىرىدىن بىرىككەن  شالغۇت مەپكۇرىلەر، ئىجارە ئېلىنغان ئىدىيەلەر، كەمسىنىش تىپىدىكى تەقلىد شەكلىدە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىدېئولوگىيەلەر ۋە دۇنيا قاراشلار مىللەتنىڭ يېڭىلىنىش باسقۇچىدىكى ئاز كەم ئۈچ ئەۋلادنى قايمۇقتۇرۇشتىن باشقىغا ئەسقاتمىدى. ھەر نەسىل ئەۋلاد يېڭىلانغانچە ئۆزلۈك ئاساسىغا، مەدەنىيەت يىلتىزلىرىغا باغلىنىپ تەربىيە ئالماسلىقى ياكى يېتەكلەنمەسلىكى، پەقەت بۈگۈنىنىلا كۆرىدىغان، بۈگۈنى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئەۋلادلارنىڭ كۆپىيىشى كۆپ سانلىق جەمئىيەت ئەزالىرىنى ئەسلىنى تونۇماس، تونۇغاننى ئۆزلەشتۈرەلمەس، گويا قەپەزدىن ئۆگىتىلىپ قويۇۋېتىلگەن، قايسى باغقا كىرسە شۇ باغچە سايراشقا جان ئاتىدىغان، نېمە تەلقىن قىلدۇرۇلسا ئاڭسىز ھالدا شۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاشقا تەييار تۇرىدىغان شاتۇت مىسالى قايسى جۇغراپىيەدە، قايسى مەپكۇرە بىلەن تونۇشسا شۇنىڭ كوپىيەسى ھالىغا كېلىشنى قالاقلىقتىن قۇتۇلۇش، ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇشنى بولسا، ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ جار سالىدىغان، ھەتتا ئۇنى ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرىغا سىڭدۇرۇپ بازارغا سېلىشنى مىللىي ۋەزىپە دەپ تونۇيدىغان شالغۇت يازارلار توپىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقتى. بىز بۇنىڭغا دائىر يىپ ئۇچلارنى، جانلىق ئۆرنەكلەرنى قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن ئومۇم ئەسەرلەر كاتالوگلىرىدىن ئىزدەپ تاپالايمىز. ھەتتا بۇنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى كۆز ئالدىمىزدا بولۇپ، تېخى يېقىندىلا كىتابخانلار بىلەن ئۇچراشقان، تور تەشۋىقاتلىرىدا تەشۋىقاتى قىلىنغان ھەتتا بىر قىسىم ئاكادېمىكلىكىنى بازارغا سېلىۋاتقان زىيالىيلاردىن بىر بۆلۈكىنىڭ خاھ تەقرىز شەكلىدە، خاھ بازىرىنى چىقىرىپ بېرىش شەكلىدىكى يازمىلىرى بىلەن ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ھەتتا قارىسىغا ماختاپ ئۇچۇرۇلۇشتەك سۈنئىيلىكلەرنى ياشاۋاتقان ئاتالمىش «ئۇيغۇر بۇلاق» نامىدىكى بەدىئىي توقۇلما ئەسەرنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتەلەيمىز. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئاپتورلىقىدا يېزىلغان مەزكۇر ئەسەرنى ئۆرنەك تەرىقىسىدە تىلغا ئېلىشىمىز مۇنداق بىر قانچە سەۋەبتىن بولۇپ، بىرىنچىدىن ئەسەرنىڭ بىز يۇقىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەن ئەدەبىياتچىلىقىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتىنى چۈشىنىشتە تولۇق ئۆرنەك بولغانلىقى، ئىككىنچىدىن ۋەتەن ئىچىدىكى ئەھۋاللارغا ئوخشاش قانداقتۇر ھاكىمىيەت بېسىمى تۈپەيلى مۇنداق تىل ئىشلىتىشكە، ياكى ئۇنداق ئەمەس، مۇنداق ئىپادىلەشكە مەجبۇر قالغان دېگەندەك باھانە ئويدۇرۇشقا يول يوق بولغانلىقى، ئەكسىچە ھېچبىر ساھەنىڭ كەسپىي ئادىمى ئەمەس تۇرۇپ ھەممە ساھەگە چات كىرىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كەسپىي ساھەسىدىمۇ ئېتىراپقا ئېرىشەلمىگەن، قەيەردە داشقازان ئۇچۇرسا، شۇ يەرنىڭ ئاشپىزى بولۇۋالىدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىپىك خىتاي پىروجىسىدە يېتىشكەن شالغۇت زېھنىيەتلىك زىيالىيلىقنىڭ جىمى ئۆلگىلىرىنى تېپىش مۇمكىن بولىدىغانلىقىدەك تۈپ سەۋەبلەردىندۇر. ئۈچىنچىدىن، مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئادەتتە ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تۇتۇلغان ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تەلىپى  قاتمۇقات بولغان بالىلار ئەدەبىياتىنى مەركەز قىلغانلىقى، يەنە كېلىپ دەرسلىك نامىدىكى بىر ئەسەرنىڭ پېداگوك ياكى ئوقۇتۇش ساھەلىرىدىكى بىرەر ئىلمىي ھەيئەتنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدەك ئاددىي تەلەپ ئورۇندالمىغان ھالەتتە، ئۇنداق بىر شارائىت يوق دېگەن تەقدىردىمۇ ئەسەر بىر پۈتۈن ھالەتتە يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزدە بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، دەرسلىك تۈزۈش ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇش جەھەتتە تەجرىبىسى بار بولغان مائارىپچىلىرىمىزدىن ئاز دېگەندە ئۈچ كىشىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگىمۇ سۇنۇلماي، ئېتىبارلىق تارىخچىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈلمەي، ئۆزى يېزىپ، ئۆزى بېكىتىپ، ئۆزى تەھرىرلەپ ئۆزى تۈزەپ، ئۆزى كېسىپ، ئۆزى پىچىپ، ئارقىدىن ئۇنى «دەرسلىك» دېگەن ۋەزنى ۋە مەسئۇلىيىتى كۈچلۈك بولغان سەرلەۋھە ئاستىدا ئېلان قىلغانلىقىدۇر. بۇ جەھەتتىن مەزكۇر ئەسەر ئەدەبىياتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ھەر تەرەپلىمە كىرىزىسلارنى ۋە شالغۇت زېھنىيەتلىك زىيالىيلىقنىڭ بىز يۇقىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرگەن پاجىئەلىرىگە مىسال قىلىشقا ئەڭ ئۇيغۇن بولغانلىقى نەزەرگە ئېلىندى ۋە ئۆرنەك ئوبيېكتى قىلىندى.

 مەلۇمكى، ئەدەبىي ئەسەردە ئۇنىڭ بەدىئىيلىكى ئالدىن مۇھاكىمە نۇقتىسى بولغىنىدەك، ئاپتورنىڭ ئەسەردە ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيەسى ۋە ئوقۇرمەندىن نېمىنى چۈشىنىشىنى ئىستىگەنلىكى، كىتابخانلارغا بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىنىڭ نېمىلىكى قاتارلىق نۇقتىلارمۇ مۇھاكىمە ئوبيېكتىلىرىدۇر. بىر بەدىئىي ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىك قىممىتى ئۇنىڭ نوقۇل ئۇسلۇب، مېتود ۋە ئىجادىيلىقى بىلەن ئۆلچەنگىنىدەك، مەزكۇر بەدىئىي ئەسەرنىڭ قىممىتىنىڭ پاخال ياكى سەرخىل بولۇشىمۇ ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئىدىيەسى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. ھازىرقى زامان ئەدەبىيات سەھنىسىنىڭ گىگانتلىرىدىن بولغان مەشھۇر ئەدىب ۋە پەيلاسوپ ف. م. دوستويېۋىسكى بەدىئىيلىك ھەققىدىكى سۆزىدە: «بەدىئىيلىكتە رومان (ھېكايە) دىكى شەخسلەر ۋە ئوبرازلاردا ئۆز پىكرىنى يارىتىدۇ، شۇ پىكرىنى ئۆزى قانداق چۈشەنگەن بولسا، ئوقۇغۇچىمۇ روماننى ئوقۇپ چىقىپ يازغۇچىنىڭ پىكرىنى شۇنداق چۈشەنسە بولىدۇ» (1) دەپ كۆرسىتىدۇ.

 دېمەك، بەدىئىيلىك ئۈستىدىكى مۇھاكىمە نوقۇل جۈملە ۋە ئەسەر قۇرۇلمىسىدىكى شەكىل، قېلىپلارلا ئەمەس، بەلكى يازارنىڭ زېھنىيىتى، يېتەكچى ئىدىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا نۆۋەتتىكى تەنقىدىمىزنىڭ دىققەت نەزەرى گېپى بولۇنۇۋاتقان «ئۇيغۇر بۇلاق» ئەسىرىنىڭ نوقۇل بەدىئىي تىل ئۇسلۇبى، شەكىل - قېلىپلىرى قاتارلىقلار ئەمەس. ھەم مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپى بىزنى ئانچە قىزىقتۇرمايدۇ. ھەم مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپى ماقالىمىزدە مىسال قىلىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان تەرىپىمۇ ئەمەس. بەلكى ماقالىمىزدە مىسال قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى يورۇتۇشتىكى دىققەت نۇقتىلىرىمىز ئەسەرنىڭ ئىدىيەسى، توغرىسى ئەسەر ئارقىلىق ئاپتورنىڭ زېھنىي دۇنياسىنى ئوقۇش، تەسەۋۋۇر كۈچى ئارقىلىق ئەۋلادلار زېھنىگە قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئاتالمىش «ئۇيغۇرلۇق دۇنياسى»غا ئويغاقلارنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ چىقىش، ئەدەبىي ئۇسلۇب ئاساسىدا ئىپادىلىمەكچى بولغانلىرى ئارىسىدا مىللەتنىڭ قىممەت قاراش ۋە ھەقىقەتلىرىگە چىراق تۇتالىغان مەسئۇلىيەتلىك يازارنىڭ رولىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئادا قىلدىمۇ - يوق، ياكى يالقۇن روزى ئەپەندى مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، ھەقىقەتنى سېتىپ يېيىش تىپىدىكى ھايانكەشلىكنى سادىر قىلدىمۇ، ھەقىقەت ئورنىغا ئەدەبىيات بىلەن پەردازلانغان بىر دۆۋە سەپسەتىنى بازارغا سالدىمۇ، دېگەن بىر قاتار ماھىيەتلىك نۇقتىلاردۇر. كەمىنىنىڭ قانائىتىچە ئەسەردە بىر ئۇيغۇر ئاتا بىلەن ئوغۇلنىڭ سۆھبىتى شەكلىنى ئالغان بۇ ئەسەر، ھەقىقىي مەنىدىكى بەدىئىيلىك، ئىجادىيلىق تەرەپلەردىن ۋەزنىلىك بىرەر قىممەتكە ئىگە دەپ كەتكۈچىلىكى يوق بولۇپ، ناۋادا ئەسەرنىڭ جەننەت ماكان  ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ئوبرازلىق تىلدا تەسۋىرلەنگەن قىسمەن ئايرىم بايانلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تەشبىھ نۇقتىسىدىن باھا بېرىشكە توغرا كەلسە بىر دۆۋە ياماقلاردىن كېسىپ پىچىپ تۈزەشتۈرۈلگەن ئەسكى يەكتەككە ئوخشىتىش مۇمكىن.

 بۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈش شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئەسەردىكى «ئۇيغۇر بۇلاق» نامىنىڭ ئاپتور ھە دېگەندە ماقالە - يازمىلىرىدا بىزارلىق شەكلىدە تىلغا ئالىدىغان ئاشۇ «مىڭ يىللىق» مەدەنىيەت بىرىكىمىدىن پۈتۈنلەنگەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئوبرازىدىكى باش قەھرىماننىڭ كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھاياتلىق سۈيى ئىزدەش ئەپسانىسىدە تىلغا ئېلىنغان «ئابى ھايات» نامىنى «ئۇيغۇر بۇلاق» ئىسمىغا ئالماشتۇرۇشىدىن تارتىپ، دىۋاندىكى قازۋىن ئىسمىنى ئۇنىڭدىكى ئۇيغۇر ۋىلايىتى (بۇ يەردە دىۋان تەرجىمانلىرى ۋىلايەت سۆزىنى مىللەت، خەلق نامىغا جوراشقا بولىدىغان «ئەل» مەنسىگە ئەتەي ياكى بىخەستلىك بىلەن بۇراپ تەرجىمە قىلىپ قويۇشقان) گە كەلگەن چاغدىكى ماھىر مەرگەنلەر ھەققىدىكى ۋەقەلىكنى ئاساس قىلغان ھالدا بىر ئايال مەرگەننىڭ ئىسمى قىلىپ ئوبرازلاشتۇرۇشقىچە، دىۋاندا كەلگەن ئىسكەندەر ھەققىدىكى ئىككى ۋەقەلىكنىڭ سىيۇژىتىنى خام ماتېرىيال قىلىپ قوللىنىشىدىن تارتىپ كىتاب مۇقاۋىسىغا ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەت چىقىرىپ، ئىچىگە بولسا، راھىب ۋە ئاتېئىستلارنىڭ ئويدۇرما قىسمەتلىرى، بىمەنە دىيالوگلىرى، دىندارلار ۋە سېكولارست ئاتېئىستچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بۈگۈننىڭ ۋاقتى ئۆتكەن دىيالوگلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان ئومۇم جەريانلار ئاپتورنىڭ دەۋا قىلىۋاتقىنىدەك، قانداقتۇر تارىخنىڭ چۆچەكلەشتۈرۈلۈشى، ھېكايىلەشتۈرۈلۈشى بولماستىن، بەلكى ئاپتورنىڭ كۈنىمىزدىن ھالقىمىغان ئىدېئولوگىيەلىك قاراشلىرىنى تارىخىي ئورۇن ۋە شەخىسلەرنىڭ، توقۇلما قەھرىمان ۋە ئوبرازلارنىڭ تىلىدا بازارغا سېلىۋاتقانلىقىغا، تارىخ بويىقى بېرىلگەن ئەپسانىلەرنىڭ چۆچەكلەشتۈرۈلۈشى ياكى بولمىسا ھېكايىلەرنىڭ ئەپسانىلەشتۈرۈلۈشى ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئەسەرنىڭ تۈپ خاراكتېرىنىڭ پۈتۈنلەي تارىخ بىلەن رەڭ بېرىلگەن سۈنئىي بىر دۇنيانىڭ تەسۋىرىنى سىزىپ چىقىش ئارقىلىق ئەۋلادلار زېھنىگە شالغۇت ئىدېئولوگىيە سىڭدۈرۈش ۋە ئۇنى بازار تاپقۇزماقچى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىگە شاھىت بولۇپ تۇرۇپتۇ.

 قىسقىسى ئاپتورنىڭ كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ۋەقە ھادىسىلەردىكى ئىسكەندەر ئىسىملىك يېرىم ئەپسانىنى قوشقاندا ۋە ئارىستوتېل، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابىي قاتارلىق تارىخىي ئىسىملار ۋە بۇ ئىسىملار ھەققىدىكى نەچچە قۇرلۇق تونۇشتۇرۇشنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئەپسانە پارچىلار بىلەن، ھەقىقىي تارىخ بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، بەلكى بۈگۈننىڭ زېھنىيىتىدە تۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان ساختا رېئاللىق ۋە توقۇلمىلار دۆۋىسىنى «تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش» نامىدا بازارغا سالغانلىقى مەلۇم. بۇ جەھەتتىن ئەسەر تارىخ بىلەن يېقىندىن ياكى يىراقتىن ئالاقىسى بولمايلا قالماي يەنە ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن سۈرۈك ئىدىيە سىڭدۇرۇش تىپىدىكى قوراشتۇرما ئەسەر دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.

بىز بۇ ھەقتىكى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىمىزنى ئوقۇرمەنلەرگە يورۇتۇش ئۈچۈن ئەسەردە تېپىكلەشتۈرۈلگەن بىر قاتار مەسىلىلەرنى نۇقتىلار بويىچە تەھلىل ۋە تەنقىدلەر ئاساسىدا پىكرىمىزنى بايان قىلىپ ئۆتىمىز. چۈنكى ئەسەردىكى سىيۇژىت، ھادىسىلەرنىڭ تەسۋىرى قارىماققا تىل ئۇستاتلىقى بىلەن جەلپكار تۈس ئالغان بولسىمۇ، ئۇ قەدەر كۆپ زىددىيەتلىك مەزمۇنلارغا، پارادوكسلىق تەھلىل ۋە مۇجمەللىككە تولغان، ساختا ۋە سۈنئىي ۋەقەلەر ئاساسىدا ئەخلەت ئىدىيەلەر چاندۇرماي ئەكس ئەتتۈرۈلۈشكە تىرىشىلغانكى، ھەر بىرى ئۈستىدە بىر - بىرلەپ توختىلىش نۆۋەتتە ماقالىمىزدە يورۇتماقچى بولغان مۇددىئانى بۇراشقا، شۇنداقلا ئوقۇرمەننىڭ ئەسەردىكى چۇۋالچاقلىقلاردىن بىزار بولۇشىغا يول ئاچىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەقەتلا نۇقتىلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە تەنقىد ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، خالاس!

2. ئەسەردىكى ئونتولوگىيەلىك يوقسونلۇق، ماتېرىيالىستىك تۇتۇم مەسىلىسى

ئەسەردىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنبەسى ۋە دۇنيا قارىشىنى ماتېرىيالىستىك تۇتۇمغا باغلاپ ئىزاھلىماقچى بولۇشىدۇر. دىققەت بىلەن ئوقۇغان ئوقۇرمەنگە ئايانكى، ئەسەر مىڭ يىللىق ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتمۈشتىكى بارلىق كۈلتۈر بىرىكىملىرى بىلەن قوشۇپ يېڭىچە دۇنيا قاراش بىلەن دۇنياغا مەيدان ئوقۇۋاتقان «ئىسلام مەدەنىيىتى»دىن ئىبارەت مول ۋە شانلىق بىر مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق نە پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرگەن، شۇنداقلا يازما مەدەنىيىتىنىڭ چىنارىنى تىككەن مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان ئىككى ۋەقەلىكتىن يولغا چىققان. ئىنتايىن چەكلىك مەلۇماتقا ئىگە بولغان ئۇيغۇر بۇددىزىم تارىخىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خام ماتېرىيال قىلغان ئاساستا ۋەقە - ھادىسىلەرنى ئەسلىدىكى مەزمۇن بىلەن باغلاشتۇرغۇسىز دەرىجىدە چۇۋۇپ، ئۇزارتىپ، كېسىپ ئۇلاپ، قۇراشتۇرۇپ كېڭەيتكەن شەكىلدە يېزىپ چىقىلغان بۇ ئەسەردە مەيلى ئەپسانىۋى بولسۇن ياكى تارىخىي بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى بۇددالىق دەۋرىدىنمۇ ئىلگىرىكى مەۋجۇدىيەت قارىشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، ئالاقىدار بايانلارغىمۇ ئاساسەن ئورۇن بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم. پەقەت ئەسەردە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇق مەنبەسىگە ئىما قىلىدىغان بىر باياندا «تۇنجى ئۇيغۇر خۇددى كۆكتىن تامغان يامغۇردەك، يەردىن ئۈنگەن يۇلغۇندەك مۇشۇ تۇپراققا يارالغان»(2) دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن. ئەسەردە ئەڭ دەسلەپ ئوقۇرمەنگە بېرىلگەن بۇ ئۇچۇردا «تامغان يامغۇردەك»، «ئۈنگەن يۇلغۇندەك»، يەنى «دەك» قوشۇمچىسى ئارقىلىق «يارالغانلىق»نى ئىپادىلىگەن. بىراق يارىلىش دېگەن بۇ «مەجھۇل» دەرىجە ئىپادىسى گويا قۇتۇسى ئېچىلمىغان «بويۇم»غا ئوخشاش ئېنىقسىز بايان بىلەن مەۋھۇملەشتۈرۈپ تۈگەللەنگەن. پەقەت بۇ بايان قايتا ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە كونتېكىستتىكى ئورنى توغرا كەلسۇن، ياكى كەلمىسۇن جۈملىدىكى «دەك» قوشۇمچىسى بىراقلا ئېلىپ تاشلانغان. «يارالغان» ئىپادىسىمۇ «قارا قۇتا» ھالىتىدە ئېچىلماي شۇ پېتى مەۋھۇم قالدۇرۇلغان.

مەسىلەن، مەزكۇر تەمسىلنى ئىككىنچى ئورۇندا ئىسكەندەر ئەپسانىسىغا دائىر ئاپتور تەرىپىدىن ئىجاد قىلىپ قىستۇرۇلغان شۇخان ئوبرازىنىڭ تىلىدا ئىشلىتىلگەندە «بىز تارىمغا ياغقان يامغۇر، تەكلىماكانغا ئۈنگەن يۇلغۇنلارمىز»(3)، دېگەن شەكىلدە ئىپادىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر نۇتۇقتىكى شۇخان ئوبرازىنىڭ تىلىدا ئاڭلىتىۋاتقان «تەڭرى» ئۇقۇمىمۇ ئۇنىڭ  ئۇيغۇرلۇق مەپكۇرىسىدىكى مەنىسى ياكى كۆك تەڭرىچىلىك مەپكۇرىسىدىكى مەنىسى بىلەن ئەمەس، گويا «ئەركىنلىك ئىلاھى»غا بېرىلىدىغان تەبىرنىڭ سىياقىدا ئىزاھلانغان(4) ۋە بۇ مەنتىقە ئاساسىدا دەسلەپتە قوللىنىلغاندىكى «دەك» قوشۇمچىسىنى چۆرۈپ تاشلىغان ھالدا «بىز ھەممىمىز سامادىن تەڭرىتاغقا ساقىغان يۇلتۇزلارمىز، بىز تارىمغا ياغقان يامغۇر، تەكلىماكانغا ئۈنگەن يۇلغۇنلارمىز»، دېيىلگەن. يەنى دەسلەپكى تەمسىل ھالىتىدىن چىقارتىلىپ ئاخىرقى قېتىملىق ئىشلىتىلىشىدە بىلگە قاغاننىڭ دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىيىتى بويىچە ئۇلارنى قوللىغان ۋە تىرناق ئىچىدىكى «بۇددىست» دىندار ئۇيغۇرلارغا قارىتىپ ئېيتقان سۆزىدىكى «بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت»(5) دېگەن ئىپادە بىلەن مۇقىمدالغان. كونتېكىستلاردا گويا ئوقۇرمەنگە ۋەتەندىكى بىر قىسىم شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگىنىگە ئوخشاش مۇددىئادا، يەنى «بۇ ۋەتەن ئەزەلدىن بىزنىڭ» دېگەن مۇددىئانى ئىپادىلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە شۇ سۆزنىڭ ئىپادىلەۋاتقان مۇھىت ۋە ئورۇننى ھەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان نۇقتىئىينەزەرلەرنى دىققەتكە ئالغاندا، بولۇپمۇ دىنسىز ۋە دىندار قۇتۇپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇندىن ئۇزۇن تارتىشما نۇقتىسى بولغان تېمىلاردا دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش ئاقىلانە ئىكەنلىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ قويغان داۋلىلىرىنىڭ ھەقلىقىنى ئۇرغۇلايدىغان تىپىك ئىدېئولوگىيەلىك مەۋقەنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر مۇھىت ئىچىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى دىققەتكە ئالغاندا، مەزكۇر تەمسىلدىن شوئارغا ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەر ئۇنىڭ خاراكتېرىدە ئورۇن تۇتقان يەنە باشقا ماھىيەتلەرنىمۇ ئۇقتۇرۇپ قويغان. ماھىيەتكە قارىغان ۋاقىتتىمۇ مەزكۇر جۈملىنىڭ مەزمۇن ۋە ئىپادىلەش شەكلى كونتېكىستتىكى مۇددىئاسىغا سىغمايدىغان يەنە بىر ئونتولوگىيەلىك تۇتۇمنىمۇ ئىپادىلەپ قويغان.

 ئاپتور يەنە مەزكۇر تەمسىلنى «دەك» قوشۇمچىسىز بىر ئىدىيە شەكلىدە ئاخىرقى قېتىم ئىشلىتىشىدە، يۇقىرىقى «كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن» ئۇرغۇسىدىن ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشىدا ۋە مىللەتلىشىش تارىخىغا زور ئاساس سالغان كۆك تەڭرى ھەققىدىمۇ ھېسسىيلىققا ياتىدىغان بىر خىل ئىپادە شەكلى قوللانغان بولۇپ، ئاپتور يانپىشىغا ئۇرۇپلا تاپقان  دىنسىز ۋە دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تارتىشمىلىرىنىڭ بايانىدىن كېيىنكى بىلگە قاغان تىلىدا سۆزلىگەن يەنە بىر نۇتۇقىدا «بىز تەڭرىنىڭ قوڭۇر يەردىكى ئەركىلىرى بىز»(6) ئىبارىسىنى ئۇرغۇلىغان. يەنى بۇ ۋە ئالدىنقى تەمسىلدىن شوئارغا ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن بولۇشى، تەڭرى سۆز ئارىلاشقان جۈملىلەرنىڭ تۈگەل مۈجمەل سۆزلەر قوللىنىلىشى، ئەمما يۇقىرىقىدەك «ئاسماندىن ياغقان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت» دېگەن جۈملىلەرگە كەسكىن سۆز قوللىنىشى، يەنە كېلىپ ھەر ئىككى ئىپادىدە مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولغان خاقاننىڭ تىلىدا بايان قىلىنىشى دىققەت تارتىدۇ. يەنى بۇ يەردە ئوغۇز ئەپسانىسىدىكى ئوغۇزخاننىڭ سىغىنىپ تىلەك تىلەيدىغان، ئۆزىگە تەڭرى تەرىپىدىن يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى، يەنى «ئىلاھىي ئامانەت»نى ئادا قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارغا ئۇيغۇن بىرەر بەدىئىي تىل ئىشلىتىش مۇمكىن تۇرۇپ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆك تەڭرى ئېتىقادىغا، يەنى ئۇلاردىكى بىر خۇدالىق ئەقىدىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر قىممەتلىك ئۇچۇر سۇيۇقلاندۇرۇلغان ۋە ئاتالمىش بەدىئىي تىلنىڭ ياردىمىدە «تەڭرىنىڭ ئەركىسى» ئىپادىسى بىلەن  بايان قىلىنغان. غەلىتە يېرى ئاپتورنىڭ زېھنىدىكى «ئەركىلىرى» ئۇقۇمىمۇ تۇراقسىز بولۇپ، ئاپتور مەزكۇر «تەڭرىنىڭ ئەركىلىرى» ئىپادىسىدىن كېيىنلا «بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت» دەپ مەيدان ۋە مەۋقە پىچقان. ئاپتور بۇ ئارقىلىق نەزىرىدىكى مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەت سەۋەبىنى يۇقىرىقى «ئەركە» دېگەن، بۈگۈنكى ئاتالمىش شىنجاڭ تىل - يېزىق كومتېتىغا ئائىت ئىزاھلىق لۇغەتتە «ئەركىن»لىك مەنىسىدە چۈشەندۈرۈلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ «تەڭرىنىڭ ئەركىلىرى» دەپ خاسلاشتۇرغاندا بولسا، مەنە قاراتمىلىقى تەڭرىنىڭ ئوخشاش باراۋەر ياراتقان بەندىلىرى ئارىسىدا ئالاھىدە ئەتىۋارلاشتۇرۇلغانلىققا، ئۆز ۋە ئۈگەي پەرقىنى ئايرىشتا قوللىنىلىدىغان ۋە ئىرقىي ئۈستۈنلۈككە جورىلىدىغان بىر خىل تەرىپلەشنى قوللانغان. ئارقىدىن ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان شەكىلدە كونكرېت مەۋقەنى بىلدۈرۈپ بىز «ئاسماندىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت» دېگەن سۆزى بىلەن مىللەتكە ۋاكالىتەن تون پىچىشقا جۈرئەت قىلغان.

مىللەتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ  تاكى كوممۇنىزم كەلگەنگە قەدەر، مەيلى ئەڭ قەدىمىي دىنىدا بولسۇن، ياكى قەدىمدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇلىشىپ كەلگەن ئىسلام ئەقىدىسىدە بولسۇن، مەۋجۇتلۇق تەۋەلىكىنى، ئۆزلۈك قىممىتىنى ھېچقاچان تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى دەرىجىسىگە چۈشۈرىدىغان چۈشەنچىگە مەنسۇپلىمىغانلىقى بىر ئەمىلىيەت. يەنە كېلىپ دىنسىزلىق ھادىسىسىمۇ ئومۇم ئىنسانىيەت تارىخىغا نىسبەتەن يېڭى ھادىسە. بولۇپمۇ بىر توپلۇم كوللىېكتىپ شەكىلدە دىنسىزلىشىشى شۇنداق. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا توپلۇم ياكى كوللېكتىپ سۈپىتىدە دىنسىزلىشىش تارىخى بولغان ئەمەس. شۇنداق تۇرۇپ ئەسەردە ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق مەنبەسىنى «كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت»، دېگەن ھېسسىي تۇتۇمغا مۇقىمداپ، كېيىنكى تېمىلاردا بولسا، ئۇيغۇرلارنى دىنسىز ۋە «بۇددىست دىندار» دېگەن ئىككى قۇتۇپقا ۋە تارىملىق ۋە ئۆتۈكەنلىك دېگەن ئىككى جۇغراپىيەگە ئايرىپ ئىقلىم پەرقى بويىچە قۇتۇپلاشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرنىڭ قەدىمىي مىللىي كىملىكىگىمۇ ئۆسمە خاراكتېرلىك يۇقتۇرۇلغان دىنسىزلىق ۋاباسىنى جايلاشتۇرۇش، ئارقىدىن مەزكۇر دىنسىز ئاتېئىست توپنى دىندار بىر مىللەتنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ئىچىگە ۋەتەنپەرۋەر ۋە ئەقلىيەتچى كۆرسىتىپ ئۈندۈرۈش، ئارقىدىن ئۇلارنىڭ تىلىدا دىندار توپنى بۈگۈننىڭ سېكولار زېھنىيىتىدىكى سوئاللار ئاساسىدا تەنقىدلەپ قامچىلاش(7) قاتارلىقلار مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى دەۋا قىلغاندەك ئۇنداق تارىخنى چۆچەكلەشتۈرۈش ئەمەس، ئەكسىچە زېھنىيىتىدىكى دىندارلىق ۋە دىنسىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئەسەرگە ئويدۇرۇش، ئېلىپىدىن ياسىغىچە توقۇلما ۋەقەلىكلەرگە «تارىخ»تىن ئۇپا ياساپ سۈركىمەكچى بولۇش ئارقىلىق مۇئەييەن ئىدېئولوگىيەنى بازارغا سېلىش ۋە بۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ زېھنىگە سىڭدۈرمەكچى بولۇش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مىللەت قەدىم تارىخىدىن بۇيان  ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىدىيەسىنى ھېچقاچان ئاسماندىن ساقىغان ياكى يەردىن ئۈنگەن بولۇشتەك ماتېرىيالىست ئىدىيەرلەگە سۇۋۇنۇپ تۇرۇپ ئىپادىلىگەن ئەمەس، ئەكسىچە قۇدرەتلىك تەڭرى تەرىپىدىن يارىلىشتەك بىر شەرەپنى ئۆز ئەقىدىسى قىلىپ كەلگەن. ھەمدە بۇ ئەقىدىسىنى دەۋرلەر بويى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساپلاشتۇرۇپ كەلگەن. دىن ئالماشتۇرۇشقا دۇچ كەلگەن ئەھۋاللاردىمۇ ياراتقۇچى تەڭرىسى بار، ئەخلاق مىزانى بار بىر دىنغا ئەقىدە كېلىپ كەلگەن. ھېچقانداق ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇق مەپكۇرىسىدە مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئاسماندىن چۈشۈپ قالغان، يەردىن ئۈنۈپ قالغان دەيدىغان تەسۋىر بولغان ئەمەس. بۇ پەقەت ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدىكى تەسەۋۋۇر بولۇپ، بىر تەرەپتىن يەھۇدىيلارنىڭ قۇرئاندا ئىشارەت قىلىنغان «بىز تەڭرىنىڭ ئەركە بالىلىرى»(8) دېگەن دەۋاسىغا پاراللېل كېلىدىغان «تەڭرىنىڭ ئەركە بالىسى» دېگەن ئىپادىسىنى ئىشلەتكەن ۋە بۇنى قوللىنىشقىمۇ قانائەتلىنەلمەي مىللەتنىڭ ئاسماندىن چۈشكەن، يەردىن ئۈنگەنلىكىنى ئالاھىدە ئۇرغۇلىغان. بۇنىڭدا تەبىئەتنى تەڭرى ھېسابلايدىغان پاگانىستلىق تۇتۇمدىكى ياكى بولمىسا ئاتېئىزملىق مائارىپتا باشتىن كەچۈرۈپ كەلگىنىمىزدەك، ئۆزىگە ئاتا قىلىنغانلارنىڭ ھەممىنى «تەبىئەت ئاتا قىلغان» دەيدىغان، بارلىقىنىڭ مەنبەسىنى تەبىئەتكە مەنسۇپلاشتۇرۇپ ئېيتىلىدىغان «ئانا تەبىئەت» ئىپادىلىرى بىلەن بىر ئورۇندىكى ماتېرىيالىستىك بىر تۇتۇمنى نامايىش قىلغانلىقنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. قىسقىسى، سەبىيلەرنىڭ زېھنىيتىگە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنبەسىنى تەبىئەتنىڭ ئاپىرىدىسى ئىكەنلىكىگە باغلايدىغان بۇنداق بىر ماتېرىيالىستىك ۋە شوئار خاراكتېرلىك باياننىڭ نېمە ۋەجىدىن ئۇ قەدەر پەيدىنپەي قىستۇرۇلغانلىقى كىشىگە بىر تالاي سوئال ئىشارەتلىرىنى تاشلىماي تۇرالمايدۇ. بۇ يەنە كىشىگە «ئەجەبا ئەسەرنىڭ تەقرىزىدە ئېيتىلغان ‹ۋەتەندىكىلەر يازالمىغان، يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان› دېگەن مەدھىيەلەردىكى زىل نۇقتىلار مۇشۇلار بولغىيمىدى، دېگەن مۇلاھىزىلەرنىمۇ كەلتۈرمەي تۇرالمايدۇ.

 يەنە بىر جەھەتتىن ئەسەردىكى «ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاسماندىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن» دېگەن جۈملىسى پۈتۈنلەي ھېسسىي ئىپادە بولۇپ، لوگىكا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، ئىستىلىستىكا بىلەن تېخىمۇ ئالاقىسى يوق. چۈنكى بۇ قانداق مەپكۇرىدۇركى، ئاسماندىن يېغىش ۋە يەردىن ئۈنۈشنىڭ سەۋەبى ئەركىنلىك بولۇپ كۆرسىتىلىدۇ؟! ئەگەر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى ماھىيەتلىك ئامىل ئاپتور ئېيتقاندەك «ئەركىنلىك»  بولغىنىدا، ئۇ چاغدا ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدە ئەركىنلىكنىڭ بىر ئىنسانىي ھەق بولۇش بىلەن مەۋجۇتلۇقنىڭ سەۋەبى، غايىسى بولۇش مەسىلىسىدىكى پەرقلەر ئارىسىدا جىددىي توقۇنۇش بولۇشى مۇقەررەر. ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەركىنلىكنى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئامىلى ياكى غايىسىگە ئايلاندۇرۇش ئوخشاشلا بۈگۈنكى سېكولار زېھنىيەتنىڭ، ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنىڭ بىر ۋارىيانتىدۇر. بۇنداق بىر زېھنىيەتتىن بۇ قەدەر ماتېرىيالىستچە ئىدىيەلەرنىڭ تۆكۈلۈشى، يەنە كېلىپ بۇلارنى بۈگۈنكى ھالال نىكاھ بىلەن دۇنياغا كەلگەن مۇسۇلمان ئەۋلادلارنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بەدىئىيلىك نامى ئاستىدا كىرگۈزۈش بىر مۇئەمما. يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكىنىمىزدە بولسا، بۇنداق بىر تۇتۇمنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئاپتورغا ئوخشاش «مىللەتكە قايسى دىننىڭ مەنسۇپلىرى ياردەم قىلسا، شۇنىڭ دىنىغا مەنسۇبىيەت بىلدۈرىدىغانلىقى»نى جار سالغان شالغۇت زېھنىيەتتىن، زىددىيەتلىك كىملىككە ئىگە سېكولار دۇنيا قاراشقا ھەۋەسمەن يازارلاردىن كۈتۈش مۇمكىن، خالاس!

ئىككىنچى بۆلۈم

1. ئەسەردىكى «ئالېكساندر ماكىدونىسكى» ۋە كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى «ئىسكەندەر زۇلقەرنەين» مەسىلىسى

مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولۇپمۇ، كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئېپوسلار، شېئىر، داستانلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بەدىئىي قەھرىمان سۈپىتىدىكى نامايەندىلىرىدىن بىرى. مەھمۇد كاشغەرىي دىۋانىدىكى رىۋايەتتىن تاكى ئەلىشىر نەۋائىي ۋە ئۇندىن كېيىنكى ئەدەبىياتلاردا يارقىن ئوبراز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىلغان بۇ ئوبراز تارىختىكى ئالېكساندر ماكىدونىيدىن پەرقلىق ئوبراز بولۇپ، كىلاسسىك ئەدەبىياتتا ئىسكەندەر شەرق دۇنياسىدا داستان ۋە ئېپوسلارنىڭ بەدىئىي قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازى قىلىنغان بولسا، تارىختا كۈچنىڭ، سەلتەنەت ۋە ئىستېلاچىلىقنىڭ ئابىدىلىرىدىن ھېسابلانغان بۈيۈك ئىمپېراتورلاردىندۇر. ئۇيغۇرلار ئىسلام مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى ئەدەبىيات ھەرىكەتلىرىدە ئىسكەندەرنىڭ ئىمپېراتورلۇق ۋە ئىستېلاچىلىق ئوبرازىنى قۇرئاندىكى ئىسكەندەر ئوبرازىدىن يولغا چىققان ھالدا ئۇنى ئۆز كۈچىنى ئادالەتكە ۋە ئىسلاھاتقا سەرپ قىلغان دانىشمەن، گاھ ئىبرەتلىك، گاھ ئۈلگىلىك ئىزلىرى بىلەن شانلىق ئىز قالدۇرغان نەمۇنىلىك قەھرىمان سۈپىتىدە بەدىئىيلەشتۈرۈلگەن بولسا، سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك جەھەتلەردە بىر داھىنىڭ، دانىشمەننىڭ  ۋە ھەتتا بۈيۈك ئىستېلاچىلاردىن پەرقلىق بولغان بىر ئوبراز بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئەدەبىياتنىڭ تىپىك ئوبراز ئىسىمىغا ئايلانغان. ئەلۋەتتە ئالېكساندر بىلەن ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئوبرازلىرى شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىدە ماكىدونىيلىق ئىمپېراتورغا نىسبەتلەنگەن بولسىمۇ، كېيىنكى پارس ۋە تۈرك (ئۇيغۇر) ئەدەبىياتىدىكى ئىسكەندەر ئوبرازى قۇرئان قىسسەلىرىدە كەلگەن زۇلقەرنەين ئوبرازى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان ۋە تىپىكلەشتۈرۈلگەنىدى. نىزامى گەنجەۋى، خۇسرەۋ دېھلەۋى، ئابدۇراھمان جامى ۋە ئەلىشىر نەۋائىينىڭ «سەددى ئىسكەندەر»ىغىچە بولغان ئىسكەندەر ئوبرازلىرى ئەنە شۇ قۇرئان تىلىدا «سەد (توسما)» (9) ئىنشا قىلغان، تەۋھىد ۋە ئادالەت يايغان ئىسكەندەردۇر. قانداقتۇر پاگان ئېتىقادىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ھىمايىچىسى بولغان، مىسىر كاھىنلىرىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن يۇنان ۋە قەدىمكى مىسىر تەڭرىلىرىنىڭ تەڭرىسى بولغان «ئامون»نىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ئۆزىگە «تەڭرى ئەركىسى» ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئالېكساندر ئەمەس. يەنە قانداقتۇر غەرب ئوبرازىدىكى جاھاننى بويسۇندۇرۇش نەمۇنىچىسى، قەدىمكى مىسىر ۋە مېسسوپوتامىيە مەدەنىيەتلىرىنى يىمىرىپ دۇنيا يۈزىدە ھېلىنىستىك مەدەنىيەتنى خۇددى بۈگۈنكى كولونىيالىزم كۈچ مەركەزلىرى يەرشارىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش نامىدا يەر يۈزىدىكى باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈلىنى سورۇش بەدىلىگە ئومۇملاشتۇرۇۋاتقىنىغا ئوخشاش دۇنيانى بىرلا مەدەنىيەتنىڭ بەندىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا قولىدىن كەلگەننى قىلغان ئالېكساندر ئەمەس. يەنە قانداقتۇر ئارىستوتېلنىڭ سىياسەت پەلسەپەسىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن يۇنانلارنى خوجا، يۇنان سىرتىدىكى ئىنسانلارنى «باربارلار» كاتېگورىيەسىگە تىزغان پەلسەپەسىدىن زور ئىلھام ئالغان، باربارلارنىڭ قۇل بولۇشى كېرەكلىكى، ئاجىزلارنى قۇل قىلىپ ئىدارە قىلىدىغان كۈچلۈكلەر بولمىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەلسەپەسى بويىچە يول تۇتقان ئالېكساندر ئەمەس. يەنى غەرب دۇنياسىدىكى كۈچ مەركەزلىرى ۋە كونىيالىستلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئىدېئولوگىيەسىگە رەفەرانس بولغان، تارىختا ناپالېئون، گېتلىرغا ئوخشاش، مۇستەملىكىچى قانخورلارنىڭ چوقۇنۇش ئابىدىسى بولغان ئالېكساندر ئەمەس.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەھمۇد كاشغەرىيدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر مىڭ يىللاپ ئىسكەندەر دەپ تەلەپپۇز قىلىنىۋاتقان بۇ نام شالغۇت زېھنىيەتتىكى ھەقىقىي ئوبرازى بولغان ئالېكساندر نامى بىلەن ئۇرغۇلاشنى تەرجىھ قىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى تەسىرىنىڭ كېڭىيىشى سۆز تېمىسى بولۇۋاتقان ئالىكساندىرنىڭ ئىستېلا نەتىجىسىدە ئومۇملاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى بىلەن بولغان بولۇشىغا قارىماي، شۇنداقلا ھەر قايسى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدىكى مەدەنىيەت تەسىرلىشىش ھادىسىسى جەريانىدا قوبۇل قىلىپ ئالغان ئىلىم ۋە ھېكمەت ئەنئەنىلىرىنى ئالېكساندرنىڭ ئاتايىن سۈلھى -  سالالىرى بىلەن ئەۋەتىلگەن قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئاپتورنىڭ «تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش»تىن بەكرەك، «ھېكايىنى تارىخ»قا ئۆزگەرتىپ بازارغا سېلىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى ئەڭ پارلىغان، سىياسىي كۈچى ئەڭ زورايغان بىر دەۋرىدە يېزىلغان دىۋاندىكى «ئىسكەندەر بىلەن سۈلھىلىشىش» ۋەقەلىكىگە پۇت - پاچاق ياساپ، يانپاشقا ئۇرۇپلا تاپقان ئۇيغۇرلارغا «ھۈنەرۋەن ۋە سەنئەتكار، ئوقۇتقۇچى ۋە تەرجىمان ئەۋەتىش»(9) كېلىشىمى تۈزگەنلىك، ئالغۇ - بەرگۈ قىلغانلىق ۋەقەلىكىنى كىرگۈزۈش قاتارلىقلار بۇ نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ

ئاپتور ئەسەردە يەنە ئاتىنىڭ ئۆز ئەۋلادىغا قىلغان نەسىھىتىدە بوسوغىغا قەدەر ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «يامان كۆرمىگەنلىكى»نى شىپى كەلتۈرۈپ «بىزگە كىتاب، ھۈنەر ۋە سەنئەت ئېلىپ كەلگەن»(11) دەپ ئاقلايدۇ. ھالبۇكى، يانپاشقا ئۇرۇپ تاپقان ئالېكساندرنىڭ «ھۈنەرۋەن، سەنئەتكار، ئوقۇتقۇچى، تەرجىمان» ئەۋەتىش سەپسەتەسى مەزكۇر ئاقلاش بايانىنىڭ ئالدىنقى بېتىدىلا ئېنىق قىلىپ سۈلھى ۋە توختام سەۋەبلىك شۇنداق بولغانلىقى دېيىلگەن بولۇپ، ئىككى خاقاننىڭ سۈلھىسى ۋە دىپلوماتىك ئالاقىسى نەتىجىسىدە مەزكۇر ئالغۇ - بەرگۈ بولغانلىقى دېيىلگەن. شۇنداق تۇرۇپ، گويا بۇنداق بىر ئىش بولمىغاندەك، گويا ئالېكساندرنىڭ ھۇجۇم قىلىپ ئىشغال قىلغىلى بارغان يېرىگە ھۈنەر - سەنئەت ۋە كىتابلارنى ئالغاچ بېرىشى يوللۇق ئىشتەك كۆرسىتىلمەكچى بولىدۇ. يەنە كېلىپ مەزكۇر ئالېكساندر يۇقىرىقى سۈلھى ۋە توختاملار مەزمۇن قىلىنغان ۋەقەلىكتىن ئىلگىرىكى بايانلاردا «ئالېكساندرنىڭ دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈشنى ئويلايدىغانلىقى، دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە چاپقۇر ئېتى بولمىغاچ توختاپ قالغانلىقى، لېكىن ئۇيغۇرلار كۆندۈرگەن ئاتلارنىڭ چاپقۇرلۇقىنى ئاڭلاپ ئۇيغۇر دىيارىنى چۈشەيدىغان بولۇپ قالغانلىقى، دۇنياغا خوجا بولۇش ئۈچۈن، ئاشۇ ئاتلارغا ئېرىشىش ۋە ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى تېپىش ئۈچۈن ھۇجۇم باشلىغانلىقى، پەيت تېپىپ بۇ ھۇجۇمنى يېقىن ئەللەردىن باشلاپ ئىشقا ئاشۇرۇپ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىگە قەدەر يېتىپ كەلگەنلىكى»(12) قاتارلىق مەزمۇنلار ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى. نورمال ئەقىلگە ئىگە ئوقۇرمەننىڭ بۇنداق بىر خىرىس بىلەن، يەنى ھەم دۇنيانى قولغا كىرگۈزۈش، ھەم شەخسىي ئىستەكلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ۋە بۇنى ئېرىشىشنى كۆزلەپ ئەتراپىدىن باشلاپ ھۇجۇم قىلىشقا باشلاپ تا ماكىدونىيەدىن تەڭرىتاغنىڭ ئېتەكلىرىگە قەدەر بېسىپ كەلگەنلىكىنى مەزمۇن قىلغان بايانلاردىن ئالېكساندرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ بىر تاجاۋۇزلۇق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى مۇقەررەرلەشتۈرەلەيدىغانلىقى شەكسىز. ئاپتور نەزىرىدىكى بۇ ئالېكساندر شۇ قەدەر ۋۇجۇدىغا سىغمىغان، مەقسىتىگە يېتىش يولىدا ھەر يولغا جان ئاتىدىغان بىر ئىستېلاچى سۈپىتىدە شۇنچە تاجاۋۇزچىلىقلاردا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە كەلگەندە بولسا، كىتاب ۋە ھۈنەر، سەنئەت ئېلىپ كەلسە يامان كۆرۈلمەيدىغان، ئىجابىي پېرسوناژ بولۇپ قالىدۇ.

  ئەسەردە يەنە مەزكۇر ئاتا ئوبرازىنىڭ ئۆز ئوغلىغا بۇنداق بىر ئىشغالچىنى يامان كۆرمەسلىككە نەسىھەت قىلىشى، بۇنىڭغا مەھمۇد كاشغەرىينى شىپى كەلتۈرۇش بىلەن تەڭ، ئۆز قارىشىنى تېخىمۇ ھەقلىققە چىقىرىش ئۈچۈن نەۋائىينىڭ «سەددى ئىسكەندەر» دەپ داستان يازغانلىقىنىمۇ شىپى كەلتۈرۈپ كېتىشى(13) ئىككى ئىسكەندەر ئوبرازىنى بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق مەنتىقە جەھەتتىن زىددىيەت تۇغدۇرسا، ئەدەبىيات ئەنئەنىسى نۇقتىسىدىن ئېزىقتۇرۇش ئويۇنى ئوينىماقچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتورنىڭ نەۋائىي يازغان «سەددى ئىسكەندەر»دىكى ئىسكەندەر ئوبرازىنى چۈشىنىپمۇ باقمىغان قارا ساۋات قەلەمكەش ئىكەنلىكىنىمۇ ئىپادىلەپ قويغان. قىسقىسى، ئاپتورنىڭ ئۆزى يۇقىرىقىدەك تەرزدە تەرىپلەۋاتقان ئالېكساندر ئوبرازى بىلەن نەۋائىي نەزىرىدىكى قۇرئان قىسسەلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ تۈزۈلگەن ۋە بېيىتىلغان «سەددى ئىسكەندەر» داستانىدىكى ئادالەتسۆيەر، دانىشمەن، ئىسلاھاتچى «ئىسكەندەر زۇلقەرنەين» ئوبرازى ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق قىلىدىغان بولۇپ، كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەققىدە ساۋادى بار كىشى ئۈچۈن بۇ نۇقتا ئېنىق بىر مەسىلە. ئەمما بۇ ئەسەردە ئاپتورنىڭ ئەۋلادلارنىڭ زېھنىدە ياراتماقچى بولغان ئالېكساندر بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىكى «ئىسكەندەر»نىڭ خاراكتېر ۋە ئوبراز جەھەتتىن ئوخشىمايدىغان ئىككى قەھرىمان ئىكەنلىكى ھېچقانداق پەرقلەندۈرۈلمىگەن. ئەكسىچە مەزكۇر ئالېكساندرنى ھېلىقى ئاتىنىڭ تىلىدا «ئىسكەندەر ماكىدونىسكىنى بىز ئىسكەندەر دەيمىز، بالام»(14) دېيىش ئارقىلىق ئۆزى دەۋاتقان ئالېكساندىرنى نەۋائىينىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدىكى ئىسكەندەر شۇ، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەمدە نەۋائىينىڭ «سەددى ئىسكەندەر»نى يازغانلىقىنى شىپى كەلتۈرۈپ ئالېكساندىرنىڭ ئىشغال ھەرىكىتىگە ۋە دۇنياغا خوجا بولۇشتىكى غايىسىگە خاراكتېر ۋە غايە جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننى پەرق قىلمىغان، ياكى پەرق قىلسىمۇ، ئۆز نەزىرىدىكى ئىشغالىيەتچى ئالېكساندرنى نەۋائىي نەزىرىدىكى ئىسكەندەر بىلەن بىر قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆز بوسوغىسىغا قەدەر ھۇجۇم باشلاپ كەلگەن تاجاۋۇزچىنى شالغۇت زېھنىيەت بويىچە ئاقلاش مايىللىقىنى چاندۇرماسلىققا تىرىشقان. بۇ پۈتۈنلەي شىنجاڭچە يازغۇچىلىقنىڭ، شالغۇت زېھنىيەتنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ، بۇنداق بىر مەنتىقە گويا ۋەتەندىكى خىتاينىڭ گوماشتىلىقىنى قىلىدىغان يازغۇچى ۋە قەلەمكەشلەرنىڭ تىلىدا دېيىلىدىغان «پارتىيە ھۆكۈمەت بىزنى ئانداق تەرەققىي قىلدۇرغانتى، مانداق ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزگەنتى، پارتىيە - ھۆكۈمەت بىزگە بۇ تەرەققىياتنى بەرمىگەن بولسا بىز ئاق بوپ كېتەتتۇق، كۆك بوپ كېتەتتۇق» دەيدىغان تاجاۋۇزچىنى ئاقلاش تىپىدىكى بىچارە زېھنىيەتتىن پەرقسىز بولغان شالغۇت مەنتىقە خالاس!

يەنە بىر نۇقتا شۇكى، مەزكۇر ئاپتور مەھمۇد كاشغەرىينىڭ لۇغەت كىتابىدا ئىسكەندەرگە ئائىت دېيىلگەن قىسقا بايانلاردىن مەھمۇد كاشغەرىنى ئىسكەندەرنى يامان كۆرمىگەن(15)، دېگەن خۇلاسە چىقىرىپ ئۈلگۈرگەن. ھالبۇكى مەھمۇد كاشغەرىي دىۋانىدا ئىسكەندەرنى نە مەدھىيەنىڭ ئورنىدا، نە ئەيىبلەش نۇقتىسىدىن تىلغا ئالغان ئەمەس، بەلكى پەقەتلا «ئۇكا»، «ئۇيغۇر» قاتارلىق سۆزلۈكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئىزاھاتنى ئۆزى ئاڭلىغىنى بويىچە ئەينەن رىۋايەت قىلىپ يەتكۈزگەن. يەنى مەھمۇد كاشغەرىي ئىسكەندەرگە ئائىت رىۋايەتلەرنى مەزكۇر ئىزاھاتلانغان سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا دائىر رىۋايەتنى كەلتۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن بولۇپ، ئىسكەندەرگە ئائىت كونتېكىستلار مەدھىيەنىڭمۇ، تەنقىدنىڭمۇ ماقامى ئەمەس ئىدى. مەھمۇد كاشغەرىي مەزكۇر رىۋايەتنى قالدۇرۇشتا پەقەتلا يەتكۈزگۈچى ماقامىدا بولۇپ، بىر تارىخچىنىڭ، ياكى بىر مۇھەققىقنىڭ ياكى ئاكادېمىكنىڭ ماقامىدا يول تۇتمىغانىدى. بۇ نۇقتىلار مۇناسىۋەتلىك كونتېكىستلاردا ئېنىق بولۇشىغا قارىماي، «ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ ئاپتورى بۇ نۇقتىدا ھېچ بىر ئاساسسىز ۋە پاكىتسىز ھالدا يانپىشىغا يەنە بىرنى ئۇرۇپ مەزكۇر ئاتالمىش «مەھمۇد بوۋىمىز مىڭ يىل بۇرۇن يازغاندا ئۇنى يامان كۆرمىگەن»(16)، دېگەن يەكۈننى ئويدۇرۇپ چىققان ۋە بۇنى ئۆزىچە ئۇستاتلىق ئىشلىتىپ تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن ئىسكەندەرنى ئاقلاشقا باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن.

 ئاپتور مەھمۇد كاشغەرىينى ۋە نەۋائىينىڭ «سەددى ئىسكەندەر»نى شىپى كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئۈچىنچى نۇقتىدا ئالېكساندر ۋە ئارىستوتېل مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئېلىش، ئاندىن بۇنى فارابىي بىلەن چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق مەزكۇر «ئاقلاش» خۇمارىنى بېسىقتۇرماقچى بولىدۇ. ئاپتۇر ئالېكساندر ۋە ئارىستوتېل مۇناسىۋىتىنى باغلىماقچى بولۇپ مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «ئالېكساندر ئەينى چاغدا ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ۋە سەنئەت، بىلىم ۋە ئادالەتنى جاھانغا يايغان ئىدى. ئۇنىڭدا ئەخلاق، ھەققانىيەت ۋە ئەقىلنى قوغلاشقان روھ بار ئىدى.» (17) مانا بۇ ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدىكى ئالېكساندر ۋە ئارىستوتېل مۇناسىۋىتى. ئاپتور بۇ يەردە ئالدىنقى ئىستېلاچىلىقتىكى غايىسى ھەققىدىكى بايانى بىلەن زىتلىشىدىغان تاجاۋۇزچىنى ئاقلاش ئىپادىلىرى بىلەن پارادوكسلىق سادىر قىلغان بولسا، مەزكۇر ئاقلاشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى سۈپىتىدە ئالېكساندرنىڭ ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئالېكساندر ۋە ئارىستوتېل مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى تارىخلاردىن مەلۇمكى، دەرۋەقە، ئارىستوتېل ئالېكساندرغا 13 يېشىدىن 16 يېشىغىچە ئۈچ يىل، بەزى قاراشلاردا 4 يىل مۇئەللىملىك قىلغان. بۇ جەرياندا ئالېكساندر ئارىستوتىلدىن چوڭقۇر تەسىر ئالغان ۋە ئۇنى تەختكە چىققاندىن كېيىنمۇ ھۆرمىتىنى قىلىپ ئارىستوتېلنىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى قوللاپ كەلگەن. گەپ ئالېكساندرنىڭ ئىستېلاچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق بىلەن كېڭىيىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا ئارىستوتېلنىڭ يولىنى تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقى مەسىلىسى بولۇپ، بۇ ھەقتە غەرب تارىخچىلىرى ئارىسىدا ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. بىرىنچى قاراشتا، ئالېكساندر تەختكە چىقىپ ئىستېلاچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن بولۇۋاتقان بۇزغۇنچىلىق، قەتلىئام ۋە رەھىمسىزلىكلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئارىستوتېلغا يېتىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئارىستوتېل بۇ ھەقتە ئالېكساندرنىڭ كېڭەيمىچىلىكنى توختىتىشى ۋە ئافىناغا قايتىپ كېلىشى ھەققىدە مەكتۇپ يازغان. بىراق ئالېكساندر تەرىنى تۈرۈپ مەكتۇپقا جاۋاب قايتۇرمىغان ۋە نەتىجىدە ئارىستوتېل بىلەن ئىسكەندەر ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق يۈز بەرگەن.  بۇ قاراش بويىچە قارىغان ۋاقىتتا، ئالېكساندرنىڭ ئىستېلا ھەرىكەتلىرى ئۇنىڭ شەخسىي خىرىسى ۋە تاللىشى بولۇپ، دەرۋەقە ئاپتور تىلىدا بايان قىلىنغاندەك ئالېكساندر ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭمىغان. ئاپتورنىڭ زېھنىيىتى بويىچە ۋەتىنىنىڭ بوسۇغىسىغىچە قوشۇن تارتىپ كەلگەن، ۋەتىنىنىڭ ئەڭ بىباھا گۆھىرى ۋە بايلىقى ھېسابلانغان «ئۇيغۇر بۇلاق»نى ھۇجۇم بىلەن قولغا چۈشۈرۈش قەستىدە تۇرغان مەزكۇر ئالېكساندر تاجاۋۇزچىلىقى ئاقلىنىشقا تېگىشلىك بىرى بولغان بولسا، تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەن تەرەپنىڭ مۇشاۋىرى بولغان ئارىستوتېلنىڭ نەزىرىدە بىر ئىستېلاچى، ئەخلاقنى، شەپقەتنى قايرىپ تالايلىغان جانلارنىڭ بېشىغا چىققان، پارس، رىم قاتارلىق بىر تالاي مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇۋاتقان مۇستەبىت ئىستېلاچى بولغان.

ئىككىنچى خىل قاراشتا بولسا، ئىسكەندەرنىڭ كېڭەيمىچىلىك ۋە ئىستېلا ھەرىكىتىگە ئۇرۇق سالغۇچى دەل ئارىستوتېلنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئارىستوتېلنىڭ سىياسەت پەلسەپەسىدىكى ئېرىقچىلىق ئىدىيەسى، يۇنان ئىچىدىكىلەرنى خوجا، يۇنان سىرتىدىكىلەرنى «باربار» سۈپىتىدە تونۇشى، خوجا بولغۇچىلارنى ئىنسان دېگىلى بولىدىغانلىقىنى، خوجا بولمىغانلارنىڭ قۇللارنى ئىدارە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئىدىيەسى، شۇنداقلا ئەركەك زاتىنىڭ ئايال زاتىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى، ئەرنىڭ خوجا، ئايالنىڭ قۇل دەرىجىسىدە بولۇشى كېرەكلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئىدىيەلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ قاراش كۈنىمىز تارىخچىلىرىنىڭ «ئالېكساندر جاھاننى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلغان بولسا، ئارىستوتېل ئۆتكۈر ئەقلى بىلەن ئىستېلا قىلغان ئىدى» دېگەن باھاسى بىلەن بىردەك بولۇپ، ئارىستوتېل بۇ جەھەتتە ئۇرۇق تىككۈچى، ئالېكساندر ئۇنىڭ مېۋىسى بولغانىدى. ئالېكساندر ۋاپات بولۇشى بىلەن ئىمپېراتورلۇقنىڭ پارچىلىنىشى، شۇ قاتاردا پايتەختتىكى بىيۇروكراتلارنىڭ ئىسكەندەرنىڭ سىياسەتتىكى ئەقىل ئۇستازى بولغان ئارىستوتېلنى قېيىن ئەھۋالغا قويغانلىقى، ئارىستوتېلنىڭ ئالېكساندرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى ئۆزىگە كېلىدىغان يامان ۋەزىيەتنى پەملەپ ئافىنادىن قېچىپ سەرگەردان بولغانلىقى ۋە شۇ سەرگەردانلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى تارىخمۇ مەزكۇر ئىككىنچى قاراشنى تەكىتلەيدىغان خۇسۇسلاردۇر. مانا بۇ قاراشقا بارغاندىمۇ، ئوخشاشلا ئالېكساندرنىڭ ئىستېلا ھەرىكىتى ئۇنىڭدىن كېيىنكى چىڭگىزخان، ناپالېئون، گىتلېر، سىتالىنلارنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق ئاقلاپ تۈگەتكىلى بولمىسا، ئالېكساندرنىمۇ ئاقلاپ ئادالەتنىڭ ھامىيچىسى، ئىلىم ۋە سەنئەتنى دۇنياغا يايغۇچى قىلىپ كۆتۈرۈپ ئاقلاپ بولغىلى بولمايدىغان ئورۇنسىز تۇتۇمدۇر. بۇنداق تىپتىكى ئاقلاش پەقەتلا تاجاۋۇزچىلارغا ئاڭسىز ھالدا قايىللىق بىلدۈرۈپ يالاقچىلىق قىلىدىغان قەلەمكەشلەردە ئىپادىلىنىدىغان خاھىش بولۇپ، يۇقىرىقى ھەر ئىككى خىل قاراش بويىچە بولغاندىمۇ تاجاۋۇزچىلىقنى غەرب ۋە شەرق دۇنياسىنىڭ تارىخچىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ تۇرغان يەردە، ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىگە ئوخشاش ئۆز بوسۇغىسىغىچە بېسىپ كەلگەن بىر ئىستېلاچىنى «ئۇنداق ئەمەستى، بوۋىمىز يامان كۆرمىگەن، ئۇنىڭ ھەققىدە كىتاب يازغان، بىزگە ئىلىم، سەنئەت ئېلىپ كەلگەن» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئەدەبىي بوياقلار بىلەن بوياپ ئوقۇرمەن ئەۋلادلارغا ياخشى كۆرسەتمەكچى بولۇش پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنى ھەر ۋاقىت ئىشغالچىلاردىن تۆۋەن كۆرىدىغان، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئۆزىگە بىر نەرسىلەرنى بېغىشلىغانلىقىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئىجابىي قارايدىغان شالغۇت زېھنىيەتتىن سادىر بولۇشى مۇمكىن بولىدىغان پىسخىكىلىق ھادىسىلەردىندۇر.

ئاپتورنىڭ ئالېكساندرنى دۇنياغا ئىلىم، سەنئەت يايغان، دېگەن باھانە بىلەن ئاقلىشىنىڭ يەنە بىر بولمىغۇر تەرىپى شۇكى، ئەگەر مەسىلىنى بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىتىنىڭ پىكىر ئاتىلىرىدىن ھېسابلىنىدىغان مەشھۇر سىياسىيون ماكياۋېللىيچە تەھلىل قىلىدىغان بولساق، تارىختىكى ھەر قانداق تاجاۋۇزچى كۈچ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بىر ئەلنى بېسىۋالغان چاغدا، بېسىۋېلىنغان تەرەپنى ئەگەر كۈچ بىلەن تىزگىنلەپ پايدىلىنىشنى كۆزلىمەي ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە ھەتتا ئەبەدىيلىككە ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقچى ۋە پايدىلانماقچى بولسا، چوقۇم بېسىۋېلىنغان توپقا ئۆزىنىڭ ئۇلاردا يوق نەرسىلەرنى بېرىۋاتقانلىقى بىلەن بەزلەپ تۇرۇشى، ھەتتا ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىۋېتىش ئارقىلىق مەڭگۈ ئىسيان قىلماسلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم. تارىختا بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئۆرنەكلىرىدىن بىرىمۇ ئالېكساندرنىڭ ئىستېلا ھەرىكىتى بولۇپ، ئالېكساندر دۇنياغا ئىستېلا بىلەن قوشۇپ مەدەنىيەت كۆتۈرۈپ بارغان ۋاقتىدا چۆللۈككە، سەھرايى كەبىردىكى شەھەرلەشمىگەن بەدەۋى جايلارغا تېگىش قىلغان، ئۇلاردا يوق مەدەنىيەتنى ئېلىپ بېرىپ ئاتالمىش ئادالەت ۋە ئىلىم، سەنئەت ئېلىپ بارغان ئەمەس، ئەكسىچە مىسىر، بابىل، رىم، پارس، ھىندى قاتارلىق ئەل ۋە جۇغراپىيەلەردە تىرىك مەدەنىيەتلەر ياشاۋاتقان، جۈملىدىن تۈرك ۋە خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادا بەلگىلىك مەدەنىيەت تەجىربىلىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىللەر ئىدى. بولۇپمۇ پارس، ھىندى ۋە رىم مەدەنىيەتلىرى بۈيۈك ئىمپېراتورلۇق كۈچى بىلەن تەرەققىي قىلغان دەۋرلەر ئىدى. ئىسكەندەرنىڭ كۆتۈرۈپ بارغىنى يۇنان ھېلىنىستىك مەدەنىيىتى بولۇپ، يەڭگەن ئىمپېراتورلارنىڭ كۈلىنى سورۇپ، كىتاب ئەسەرلەرنى كۆيدۈرۈپلا قالماي يەنە شەھەر قۇرۇلۇشلار، قەلئەلەرنىڭ ھەممىگە ھېلىنىستىك مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ئەسلىدىكى مەدەنىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى يىقىتىپ ئورنىغا يۇنان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشلىرىنى بىنا قىلغۇزغان ۋە ھەتتا بۈگۈنكى غەربكە نىسبەتەن ئوتتۇرا شەرق دېيىلىۋاتقان ئەللەر، شۇنداقلا، ئانادولو ۋە ئاسىيادىكى مەركەز قارالغان ئون نەچچە شەھەرگە ئۆز نامىنى بېرىپ ئۇ شەھەرلەرنى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى «ئىسكەندەرىيە» دەپ ئاتىغان، ھەيكەللىرىنى تىكتۈرگەن، يەنە بەزى جۇغراپىيەلەرگە ئۆز نامىنى بېرىپ شەھەرلەرنى بەرپا قىلغان. شۇ دەۋرنىڭ تەڭرى بىلەن ئالاقە باغلىغۇچىلىرى ھېسابلىنىدىغان كاھىنلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆزىنى پاگان تەڭرىلەر ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك تەڭرى بولمىش «ئامون»نى ئۆزىگە ئوغلى جاكارلىغانلىقىنى ئېيتىپ  ئۆزىنى «تەڭرى ئەركىسى» دەپ جاكارلىغان. ئۇندىن باشقا جاھاندىكى بۈيۈك ئىستېلاچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ھەيرانلىقى ھەققىدىكى خاتىرىلەر، ھەتتا يېقىن تارىختىكى سىتالىن، لېنىن قاتارلىق مۇستەملىكچىلەرنىڭ تاجاۋۇزلۇق قىلىپلا قالماي ئۆزىنى ۋە ئۆزلىرى ئىدېئولوگلانغان ماركسىزمچە ماتېرىيالىستىك دۇنيا قاراشنى بېسىۋېلىنغان مىللەتلەرگە تېڭىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تارىخىي باغلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چىقىپ تاشلاپ ئورنىغا باشقىچە پاسون ياساپ چىقىش، مەدەنىيىتىنى شالغۇتلاشتۇرۇش بەدىلىگە ئورنىغا ماتېرىيالىستىكلەشتۈرۈش، سېكولار كۈلتۈرنى مەجبۇر ئومۇملاشتۇرماقچى بولغانلىقى، قىزىل مەيدان، خەلق مەيدانى قاتارلىق شەھەر مەركەزلىرىنى يارىتىپ ھەيكەللىرىنى بىر - بىرلەپ تىكلەش ئارقىلىق ئۆزىگە چوقۇندۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، شەھەرلەرگە ئىستالىنگراد، لېنىنگراد كەبى ئىسىملارنى بېرىشى قاتارلىق يېقىن تارىختىكى بىر قاتار ھادىسىلەر، پەقەت ۋە پەقەت ئەنە شۇ ئالېكساندر تارىخىدىن يېتىپ كەلگەن تارىخىي ئىزنالارنىڭ، ئىستىلاچېلىق ۋە تەڭرىنى يىقىتىپ ئۆزى تەڭرى بولۇش ئىستەكلىرىنىڭ تارىخىي تەكرارلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 دەرۋەقە، مەزكۇر «ئۇيغۇر بۇلاق» ئەسىرىنىڭ ئاپتورى ئەۋلادلارغا تارىخ ئارقىلىق ۋەتەن سۆيدۈرۈش دەۋاسىنى قىلىدىغان بىرى بولغان تەقدىردە، سۆز قاپىيەلىك جۈملە تۈزۈشكىلا ئۇستاتلىق قىلماستىن، بەدىئىي تىلغا بويسۇندۇرۇپ ئاڭلىتىۋاتقان تارىخنى ئالدى بىلەن ئۆزى توغرا چۈشىنىپ ئاندىن بايان قىلىشى مەسئۇلىيەت ۋە ئىلمىي ئەخلاقتىن ئىدى. ھالبۇكى، بۇنداق بىر تۇتۇمدىن زىنھار يىراق ئىكەنلىكىنى باشقا يازما ئەسەرلىرىدىمۇ تالايلاپ سادىر قىلىپ كەلگەن بۇ يازار ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دۇغسىز ساپ ۋە پاك زېھنىيىتىگە خىتاب قىلىشتەك زىل ۋە نازۇك ئىشتا يەنە قىلغۇلۇقىنى قىلغان، ئۆزى ھۆكۈم پىچىۋاتقان، سۆيۈملۈك ۋەتەننىڭ ساپ سۈزۈك زېھنىيەتلىك ئەۋلادلىرىنىڭ ئېڭىغا ئاغدۇرۇۋاتقان تارىخنى تۈزۈكرەك ئىزدىنىپ، سالاھىيەت ھازىرلاپ قەلەمگە ئالمىغان ۋە تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈشتە ۋە چۆچەكلەشتۈرۈشتە يول قويسا بولىدىغان، رىئايە قىلمىسىمۇ بولىدىغان ناھايىتى تار بوشلۇقنىڭ بولغانلىقىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ مەزكۇر بوشلۇقنى بىر تالاي ئەخلەت ئۇچۇرلار، خاتا مەلۇمات ۋە زەھەر ئىدېئولوگىيەلەر بىلەن توشقۇزماقچى بولغان. تىرىك ياشاۋاتقان مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇش بەدىلىگە ئۆزى ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەتنى تېڭىش تىپىدىكى ئىستېلاچىلىقنى ئەجدادلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئاقلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن چىقىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ قانداق زېھنىيەت ئاساسىدا چىقىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشتە ئەينەك، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مەزكۇر يازار ئىستېلاچىنى مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، سەنئەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەۋاتقان دەقىقىلەردە ئىستېلاچى تەرەپنىڭ ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنى يامان كۆرمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى يوشۇرۇن ئىما قىلىش ئارقىلىق بىلىپ بىلمىگەن ھالدا ئاشۇ دەۋردە شەھەر قۇرغان، تۆرە، ئەنئەنە، بايراملارغا ئىگە، دۆلەت تۈزۈمى بار بىر خاقانلىقنى قۇرۇپ ياشاۋاتقان تۈركىي توپلۇمنى ئالېكساندر ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردىن يوقسۇن ئىكەنلىكى بىلەن سۈپەتلەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن. مانا بۇ يازارنىڭ ھېلىھەم تەپەككۇر شەكلىدە شالغۇتلۇق ئاسارەتلىرىنى ياشاۋاتقانلىقىنى، كۈچلۈك ئالدىدىكى خۇدىنى يوقىتىش، كۈچلۈكلەر ئالدىدىكى ئۆزىنى كەمسۇندۇرۇش پىسخىكىسىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يازار ياشاپ چوڭ بولغان جەمئىيەتتىكى ئۇنىڭغا ئۆگىتىلگەن ۋە تەربىيەلەپ قۇرۇپ چىققان شالغۇت زېھنىيەتنىڭ ئاسارەتلىرى ئىچىدە توختاۋسىز دەۋر قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئاپتورنىڭ فارابىينى مەزكۇر ئاقلاشنىڭ يەنە بىر پەللىسى قىلىپ كۆرسىتىشىدۇر. ئۇ ئالېكساندردىن ۋە فارابىي ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتىن يولغا چىققان ھالدا، فارابىينى ئالېكساندرنى يېتىشتۈرگەن، يەنى ئاتالمىش «ئادالەت يايغۇچى» دەپ تەرىپلەۋاتقان ئىستېلاچىغا ئوخشاش يول تۇتۇپ ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭغۇچى قىلىپ كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۇنجى ئۇستاز ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن ماڭغان، دۇنيادا ئىككىنچى ئۇستاز ئاتالغان فارابىي دېگەن بىزنىڭ بوۋىمىز بولىدۇ. ئۇمۇ ئارىستوتېلنى قەدىرلىگەن. فارابىي ئارىستوتېلنىڭ كىتابىدىكى بىلىمنى، ئۆزى ياراتقان مۇزىكا ۋە مۇقامنى بىزگە مىراس قىلغان»(18).

ھېچ شۈبھىسىزكى، فارابىي ئارىستوتېلدىن كېيىن ئۆتكەنلەر ئىچىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغان پەيلاسوپلاردىن بىرى. يۇقىرىقى تونۇشتۇرۇشتىكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتا فارابىي ھەققىدىكى فارابىينىڭ ئارىستوتېلنى قەدىرلىگەنلىكى، ئىككىنچى ئۇستاز دەپ ئاتالغانلىقى تەرەپلىرى ئەمەس. بۇ يەردىكى مەركىزىي نۇقتا ئىككىنچى ئۇستاز ئاتالغان فارابىينىڭ ئىزباسارلىقىنى ئالېكساندرنىڭ ئىزباسارلىقى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش ۋە ئارىستوتىلدىن ئالېكساندرغا ئۆتۈپ، فارابىيدىن يەنە ئارىستوتېلغا قايتارما قىلىنغان ئىزىنى بېسىپ مېڭىش مەسىلىسىدۇر. شۇنداقلا فارابىينىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بىلىمنىڭ ئارىستوتېلنىڭ كىتابىدىكى بىلىم قىلىنىشى ۋە فارابىيدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ ساز ئىجاد قىلغانلىق مەسىلىسى. دېمەك تۈپ مەسىلە فارابىي ۋە ئالېكساندرنى ئوخشاش يولنىڭ ئىزىنى باسقۇچىلار، ياكى ئارىستوتېلنىڭ ئىزى بىلەن ماڭغۇچىلار قىلىپ كۆرسىتىش بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ يازغۇچىمىز يۇقىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندەك، ھەم ئالېكساندر بىلەن ئارىستوتېلنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولسا، بۇ يەردىمۇ ھەم فارابىي بىلەن ئارىستوتېل مۇناسىۋىتىنى تومتاق ئىپادىلەش ۋە بۇ ئىپادىلەش ئارقىلىق ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇز ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا تايانچ قىلىپ ئىشلىتىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلغان. بىلىمىزكى، فارابىينىڭ ئىلمىي ھەرىكىتى تۈگەل ئارىستوتېل ئەسەرلىرىنى شەرھىلەش ئەمەس، بەلكى ئۇنى يەنە بىر پەللە ئالغا سىلجىتىش، يەنى ئىسلام مەدەنىيەت ھاۋزىسىغا كىرىپ كەلگەن گىرېك ئىلىم - پەن مەدەنىيىتىگە قايتا قاراپ چىقىش، ئۇنى بېيىتىش ۋە ئۇنى تەھقىقلاش ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىغا يېڭى بىر مەدەنىيەت تەجرىبىسىنى قازاندۇرۇش ۋە بۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى سۈپىتىدە يەنە ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلىش بولغان. بۇ جەھەتتىن فارابىي ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ، يەنە كېلىپ شۇ دەۋر تۈركىستان ئىلىم-مائارىپىنىڭ يېتىشتۈرگەن مۇتەپەككۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ھېكمەت مۇئمىننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى، ئۇنى قەيەردە تاپسا، ئۇنىڭغا مۇئمىن ئەڭ ھەقلىق كىشىدۇر» دېگەن تەلىمنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن شۇ دەۋرنىڭ تالاي مۇتەپەككۇرلىرى قاتارىدىكى ئۇلۇغلاردىن بىرى. غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى فارابىي تەتقىقاتى بىلەن تونۇشقانلارغا ئايانكى، فارابىينىڭ ئىلمىي ھەرىكىتى ئارىستوتېلدىن قالغان ئىلمىي ۋە پەلسەپەۋى ئەسەرلەرنى شەرھىلەش، يەنى شارىھلىق (ئىزاھلىغۇچى) رولىنى ئۆتەش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈشلا ئەمەس، بەلكى فارابىينىڭ ھەرىكىتى ئۇنى شەرھىلەپلا قالماي تەھقىقلاش، دەۋرنىڭ پىكرىي كىرىزىسلىرىدىن بىرى بولغان ۋەھيى ھەقىقەتلىرى بىلەن پەلسەپەۋى ھەقىقەتلەرنىڭ زىددىيەتسىزلىكىنى ئېچىپ بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن، ئەقىل ۋە ۋەھيى ھەقىقەتلىرىنى پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ئۈست تىل قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق جۇلالىتىش، يېڭىچە نەزەر ئۇسلۇبى بولغان دۇنيا قاراش، يېڭىچە دۆلەتچىلىك ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغان. خۇددى بۈيۈك تارىخچى ئىبنى خەللىكان ئېيىتقاندەك فارابىي «مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىي پەيلاسوپى» بولۇشقا سازاۋەر مۇتەپەككۇر بولغانىدى. يەنى فارابىينىڭ ئىككىنچى ئۇستازلىقى قانداقتۇر ئارىستوتېلنىڭ ئىزىدىن مېڭىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىزنى ئارىستوتېل ۋە ئەپلاتونلار شەرقتىكى مىسىر، بابىل قاتارلىق مىسوپوتامىيە مەدەنىيەتلىرىدىن قانداق يىغىپ توپلاش ۋە رەتلەش، ھەمدە ئۇنىڭغا ھېلىنىستىك كۈلتۈرى ئاساسىدا پىششىقلاپ ئىنسانىيەتكە سۇنغان بولسا، فارابىيمۇ مەزكۇر سۇنۇلغان مىراسلارنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مىراسى سۈپىتىدە ئۇنى كۆزىتىش ۋە قۇرۇلۇۋاتقان ئىسلام مەدەنىيەت بىلىم تەجرىبىسىگە يېڭىچە نۇقتىئىينەزەرلەرنى قوشۇش، پىكىر بايلىقىنى رەڭدارلاشتۇرۇپ ئىنسانىيەتكە سۇنۇش ئارقىلىق ھەسسە قوشقان. فارابىينىڭ ئۆزىگە خاس پەلسەپەۋى دۇنيا قاراش تىكلىشى يەنە ئارىستوتېلغا چېتىلمايدىغان نۇرغۇن ساھەلەر ئارا ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇشىنى نەزەرگە ئالغان ۋاقىتتا فارابىينى «ئارىستوتېلنىڭ كىتابىدىكى بىلىمنى ئېلىپ، ئۈستىگە ئۆزى بىر دانە مۇزىكا ئەسۋابى ۋە مۇقام ئىجاد قىلىپ بىزگە مىراس قويۇپ كەتكەن»، دېگەندەك مەنىلەردە ئىبارە سۈرۈش فارابىيدەك بۈيۈك شەخسىيەت، دەۋرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى ئۈچۈن چالا ۋە يېتەرسىز تونۇشتۇرۇشتۇر. فارابىينىڭ «ئىككىنچى ئۇستاز» دەپ ئاتىلىشىنىڭ ھېكمىتىمۇ قانداقتۇر ئۇنىڭ ئارىستوتېلغا شارىھ بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئارىستوتېل ۋاپات بولۇپ يەتتە ئەسىرگە بارماي ئۆلۈك ھالغا كەلگەن بىر مەدەنىيەت تەجرىبىسىگە ھاياتلىق بېرىشتەك بىر ھەرىكەتنىڭ جانلىنىۋاتقان بىر پەيتىدە بۆسۈش ياراتقان گىگانىتلاردىن بولغانلىقىدا، ئارىستوتېل پەلسەپەسىنىڭ يېڭىچە نەشرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئارقىلىق «تۇنجى ئۇستاز»نى قايتىدىن كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىدە ئىپادە تاپقاندۇر. يەنى فارابىينىڭ مەششائىيلار ئېقىنىدىكى پەيلاسوپلار تىلىدا ئىككىنچى ئۇستازلىقى ئۇنىڭ ئارىستوتېلنىڭ ئىزىنى باسقان ۋارىسى بولغانلىقىدا ئەمەس، ئەكسىچە «تۇنجى ئۇستاز» دەپ ئاتالغان ھەمدە ھەر تۈرلۈك بىلىم ساھەلىرىدە ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، ئەمما ئۇنتۇلۇشقا، چۈشىنىش ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ۋە بېيىتىشتەك دەۋر بۆلگۈچ ئىزدىنىشلار بولمايۋاتقان نەچچە ئەسىرلىك تارىخ داۋامى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ پارلاۋاتقان دەۋرىنىڭ سەمەرىسى بولغان فارابىيدەك بىر شەخسىيەتنىڭ بۇ رولنى ئۇتۇقلۇق ھالدا يېڭى بىر چوققا يارىتىش ئارقىلىق ئادا قىلغانلىقى ئۇنى ھەقىقەتەن «ئىككىنچى ئۇستاز»لىق سالاھىيەتكە نائىل قىلغان.

ئېنىقكى مەزكۇر يازغۇچىمىزنىڭ فارابىيغا بولغان تونۇشى ئالىېكساندرغا بولغان تونۇشىدىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە فانتازىي ۋە مەۋھۇم بولۇپ، ئالېكساندرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى «سەنئەت ۋە مەدەنىيەت» ئېلىپ كەلگەن باھانىسى بىلەن ئاقلاشقا مەھمۇد كاشغەرىي ۋە نەۋائىينى شىپى كەلتۈرۈش قانچە بىمەنە بولغان بولسا، ئارىستوتېل ۋە ئالېكساندر مۇناسىۋىتى، ھەمدە فارابىي ۋە ئارىستوتېل باغلىنىشىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ ئاقلىماقچى بولۇشىمۇ يەنە شۇنچە بىمەنە بولغان.

داۋامى بار...

 

مەنبە ۋە ئىزاھاتلار:

1)   شەرىپىدىن ئۆمەر، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، 2 – كىتاب، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 586 – بەت.   

2) ئۇيغۇر بۇلاق، 27 – بەت.   

3) «ئۇيغۇر بۇلاق»، 40 – بەت.

4) مائىدە سۈرىسى 18 – ئايەتكە قارالسۇن!

5)   «ئۇيغۇر بۇلاق»، 102 – بەت.

6)   «ئۇيغۇر بۇلاق»، 40 – بەت.

7)   «ئۇيغۇر بۇلاق»، 90 ~103 – بەتلەر.

8) مائىدە سۈرىسى 18 – ئايەتكە قارالسۇن!

9)   كەھف سۈرىسى 94 – ئايەت.

10ئۇيغۇر بۇلاق، 46 – بەت.

11) ئۇيغۇر بۇلاق، 48 – بەت.

12)   ئۇيغۇر بۇلاق، 34~37 – بەتكىچە.

13) ئۇيغۇر بۇلاق، 48 – بەت.

14) يۇقىرىقى مەنبە.

15) يۇقىرىقى مەنبە.

16) يۇقىرىقى مەنبە.

17) ئۇيغۇر بۇلاق، 49 – بەت.

18) يۇقىرىقى مەنبە.


مەنبە: «» سەھىپىسى


داۋامى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن

سىياسىي ئانسامبىلچىلىقتا قوش يۈزلۈك سەتچىلىك