«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (3)
(ئەدەبىياتىمىزنى
قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك
ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئوبزور)
«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (3)
ئاپتور:
بۇرھان مۇھەممەد
2. ئۇيغۇر راھىبلار ھېكايىسىدە رەڭۋازلىق ۋە «قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە
سېتىش» ھىيلىسى مەسىلىسى
ئالېكساندرنىڭ
ئىستېلاچىلىقىنى مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئېلىپ كېلىش باھانىسى بىلەن ئاقلىغان مەزكۇر
يازار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنغا ئىشىنىش سەۋەبلىك تاش كىتاب بىلەن بىرلىكتە
ئالېكساندرنىڭ سايىسىدە يېتىپ كەلگەن مەدەنىيەت ۋە كىتاب - ئەسەرلەرنىڭ
ئۇنتۇلغانلىقىنى، ھەر نەرسىنىڭ كۆمۈلۈپ تۈگىگەنلىكىنى(1) ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەنى
مەزكۇر يازار ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىغا كېلىدىغان «ئالېكساندر كۆتۈرۈپ ئەكەلگەن
مەدەنىيەت قەيەرگە كەتتى؟» دېگەن سوئالغا، ئۇنىڭ يوقىلىشىنىڭ سەۋەبىنىڭ «دىن»غا
ئىشىنىش بولغانلىقىنى ئۇرغۇلايدۇ ۋە بۇنداق بىر مۇسىبەتنىڭ سەۋەبكارلىق رولىنى
دىنغا، «بۇددا» دىنىغا يۈكلىمەكچى بولىدۇ.
گەپ بۇددا
دىنىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن ئاپتور ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن ھېكايە توقۇپ بۇددا
دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىيلە بىلەن تارقالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى بولىدۇ ۋە بۇنى
«ھىندى سودىگەرنىڭ ھىيلىسى»(2) دېگەن تېمىسىدا ھېكايە قىلىشقا باشلايدۇ. ئاپتورنىڭ
زېھنىيىتىچە مەزكۇر ئالېكساندرنىڭ سايىسىدە ئېرىشكەن مەدەنىيەتنىڭ كۆمۈلۈشىگە
سەۋەب بولغان «دىن»نىڭ تارقىلىشى پۈتۈنلەي ھىندى سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار
دىيارىغا كەلگىنىدىن كېيىن تىجارەتتە ئۇيغۇرلارغا بەس كېلەلمەسلىكى، تىجارەتلىرىنى
ئاقتۇرالماسلىقى قوزغاتقۇچ رول كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلار ئىلىكىدىكى
بازارلارنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئاۋۋال دىننى ئومۇميۈزلۈك تارقىتىشنىڭ يولىنى
ئىزدەيدۇ ۋە سەپەردە يانلىرىغا ئۆزلىرى بىر تەرەپتىن سودا قىلسا، بىر تەرەپتىن نوم
ئوقۇپ ھەمراھ بولىدىغان راھىبلارنى ئىشقا سالماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ
سودىگەرلەر بۇتخانىلارنى، رەستىلەرنى
تەييارلاپ كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا، ئاندىن سېھىر ۋە ھىيلە نەيرەڭلىك
ئىشلارنى تەرەپ - تەرەپلەرگە قانات يايدۇرۇش، سېرك ئويناش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى
ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تىجارەتنى ئاقسىتىپ، كىشىلەرنى دىن
بىلەن بەند قىلىپ بازارلارنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىشقا كىرىشىدۇ. يەنى مەزكۇر
زېھنىيەتچە بولغاندا، بىر مىللەتنىڭ «دىن»غا كىرىشى ئەنە شۇنداق ھىيلىنىڭ قۇربانى
بولۇش، ئالدىنىش، قويمىچىغا قويۇلۇپ كېتىش بىلەن يۈز بېرىدىغان ھادىسە بولۇپ،
ئاپتور بۇنى ناھايىتى پەردازلىق بايانلار بىلەن ئىپادىلەشكە زورۇقىدۇ. دېمەك،
مەزكۇر ئاپتورچە بولغاندا، بۇ مىللەت قولىدا ئارىستوتېلنىڭ كىتابلىرى،
ئالېكساندرنىڭ ئەۋەتكەن ھۈنەرۋەن، سەنئەتكار، پەلسەپە تەرجىمانلىرى تۇرۇپ، يەنە
كېلىپ تىجارەتكە ئۇستا كەلگەن تۇرۇپ «دىن»غا كەلگەندە ھىندىستانلىقلارغا قويۇلۇپ
كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سودا پىلانلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ بۇددىستلىشىشقا
باشلىغان. ئەلۋەتتە ئاپتور بۇ نۇقتىلارنىڭ دەمال ئوقۇغاندا غەرەز چېنىپ
قالماسلىقى، مۇددىئا قىلىنىۋاتقان مەزمۇنلار ئارقا - ئارقا بولۇپ بايان قىلىنسا،
تېزلا دىققەتكە چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئالېكساندرنىڭ مەسىلىسىدىن كېيىنكى سودىگەرنىڭ
ھىيلىسىگە ئالدىنىش سەپسەتىلىرىنىڭ ئارلىقلىرىغا «بەش ئوغۇل»نىڭ ھېكايىسى،
«پايتەختىم»، «ئايرىلغاننى ئېيىق يەر» قاتارلىق چاچما تېمىلارنى قويۇشنىمۇ خېلى
ئۇستىلىق بىلەن پەملىۋالغان.
خوش، ئەسەردە
مىللەتنىڭ دىندارلىشىشىنىڭ، يەنى ئاپتور پىروجىسىدىكى بۇددىستلىشىشنىڭ سېنارىيەسى
ئەنە شۇنداق داۋام قىلغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا قارىغان ۋاقىتتا، سودىدەك
دىتقا، پاراسەتكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بىر ساھەدە، ھېساب - كىتاب قاتارلىق بىر قاتار
ئالاھىدىلىكلەر بولۇشى زۆرۈر بولىدىغان ھەمدە چېۋەرلىك ۋە ھوشيارلىق تەلەپ
قىلىدىغان بىر ساھەدە جاھاندارچىلىققا پىشقان ھىندى سودىگەرلىرىنى بېسىپ چۈشىدىغان
پاراسەتلىك بىر مىللەت بۇددىزمغا كىرىشتە كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئولتۇرمىغان، بەلكى
ھېچنىمىنى دىتلىماستىن، ناھايىتى بىر سېھىر، تاماشا خاراكتېرلىك ئويۇن كۆرسىتىش ۋە
ھىيلىلىك ئىشلارغا ئوردىدىكى پادىشاھىدىن تارتىپ خەلقىغىچە ئالدىنىپ بۇددىستلىشىپ
كەتكەن. يەنى، بۇددا دىنىغا ئەل بولغان بۇ مىللەت ئىش - ئوقىتىدەك كۈندىلىك
تۇرمۇشىغا، دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىگىلىكىگە ئىگە چىقىش ۋە ئىقتىسادىي كۈچتىكى
كونتروللۇقنى ياتقا تارتقۇزۇپ قويماسلىقتا ئويغاق تۇرىدىغان بىر مىللەت بولۇشىغا
قارىماي، كۈندىلىكلا ئەمەس، بەلكى ھايات ماماتلىقىدىن تارتىپ كۈندىلىك ياشام
تەرزى، دۇنيا قارىشى ۋە ئەخلاق مىزانى، كۈلتۈر دۇنياسىغىچە يېڭىلىنىدىغان ئاشۇنداق
ئالەمشۇمۇل بىر ئىشقا قارىتا ھېچقانداق ھېساب - كىتاب قىلىپ ئولتۇرۇشمىغان، ئىشنىڭ
ئالدى - كەينىنى ئويلىمىغان، دىتلاشنى بىلمىگەن، ساق تۇرمىغان، ئەكسىچە ناھايىتى
ئوڭايلا ھىندى سودىگەرلەرنىڭ قارا باستۇرۇشىغا ئەگىشىپ بۇددىستلىشىشقا باشلىغان.
يەنى، دىن يەڭگۈشلەشتەك مۇشۇنداق چوڭ ئىشتا ئاتالمىش ئالېكساندردىن مىراس ئالغان
ھېكمەت، مەدەنىيەتنىڭ ئۇۋۇقىنىمۇ ئىشلىتىپ قويماستىن، مىللەت پۈتۈنسۈرۈك ھالدا
بۇددىزىمغا مايىل بولۇپ كەتكەن. مانا بۇ مەزكۇر ئاپتورنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى بىر
مىللەتنىڭ دىن ئالماشتۇرۇش ۋە دىنغا ئىشىنىش جەريانى.
ئۇنىڭدىنمۇ
بىمەنە يېرى ئالېكساندرنىڭ ھۇجۇم قوزغاپ كېلىشى ئىجابىيلىق بىلەن تەسۋىرلەنسە،
بۇددىستلىقنىڭ ئۇيغۇرلاردا شەكىللىنىشىدىن تارتىپ تەرەققىياتىغىچە بولغان
جەريانلار ئاساسەن نەسباسقۇر شەكلىدە، تۈگەل توقۇنۇش شەكلىدە، ھەتتا شۇنچە ئىمارەت
ۋە بۇددا مەدەنىيىتىگە دائىر ئەينى دەۋر تەرەققىياتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر تىلغا
ئېلىنىپ تۇرۇپمۇ ئاپتور نەزىرىدە مەزكۇر دىن چاچ چۈشۈر، چۈشۈرمەسلىك، چاچ
چۈشۈرىدىغانلار چاچلىقلارنى يەكلەش دېگەندەك توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان،
بۇدداغا ئىبادەت قىلىمەن دەپ ئىشلىمەيدىغان، يەرلەر قۇرۇپ قاغجىراپ كەتسىمۇ ئەمگەك
قىلىش خۇشياقمايدىغان، گويا كوممۇنىزم ئاسارىتىدىكى يېقىنقى زامانلارغىچە يېزا -
قىشلاقلاردا دېھقانلار ئارىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلارغا ئوخشاش ھېلى يەر
تالىشىپ، ھېلى سۇ تالىشىپ جېدەل ئوينايدىغان بولۇپ كېتىشكەن. شۇنىڭ بىلەن ئاپتور
زېھنىيىتىدىكى مەزكۇر دىن ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھەممە ئىشنى تاشلاپ دىنغىلا چىڭ
ئېسىلىدىغان دىندار ئۇيغۇرلار ئېلىدە ئاخىرى قۇرغاقچىلىق بولۇپ كىشىلەر شەھەر -
شەھەرلەرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىشكە باشلىغان. بۇ قەدەر
ئويدۇرمىلارنىڭ توقولۇشى گويا «ئالېكساندرنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن ئىلىم ۋە سەنئەتنىڭ»
قۇملارغا كۆمۈلۈپ كېتىشىگە سەۋەبتەك، شۇ ھەقتە ئوقۇغۇچىنىڭ زېھنىگە كېلىدىغان
سوئاللارنىڭ جاۋابىدەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نەتىجىدە دىن ئۇيغۇرلارنى ئالغا
باستۇرمىغان.
ئەسەردە
تەسۋىرلەنگەنلەر ئىچىدە يەنە مەزكۇر قۇرغاقچىلىق چاغلاردا بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ
دۇئا تەلەپ قىلىشلىرىغا دائىر بىمەنە پائالىيەتلەر، «راھىب كالان» ئوبرازىنى
ئىنتايىن ئەقىلسىز، تەدبىرسىز قىلىپ تەسۋىرلەشلەر(3) دەرۋەقە، ئاپتور تەرىپىدىن شۇ دەۋرنىڭ
ئۇيغۇرلىرى دىن سەۋەبلىك ئىككى قاش بولىدىغان، ئەقىلسىز ۋە تەدبىرسىز دەرۋىشلەرنىڭ
كەينىدە يۈرىدىغان بولۇپ قالغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. غەلىتە يېرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ دەۋر تارىخىدىكى پادىشاھ ۋە ئەل ئورتاق بىر دىننىڭ مەنسۇپلىرى
بولغان بولۇشىغا قارىماي، گويا پادىشاھقا دىنى يوقتەك، بىر تۈرلۈك لىبېرال ئوبراز
بېرىلسە، «راھىب كالان» يەنى شۇ دەۋرنىڭ دىنىي ئۆلىماسىغا خۇراپىي ۋە
مۇتەئەسسىپلىككە ئوخشاش سەلبىي ئوبراز بېرىلگەن. ئەكسىچە، قۇم ئاپەتلىرىگە دۇچ
كەلگەن زامانلاردا «ئەگەر خۇدا دىنغا، دىندارغا ياردەم قىلسا، نېمىشقا بىز ئىبادەت
قىلىدىغان بۇتخانا كۆمۈلۈپ قالىدۇ؟...قۇم بوراندىن قۇتقۇزىدىغان نەرسە بۇت (خۇدا)
ئەمەس، بىزنىڭ ئەقلىمىز، بىزنىڭ چارىمىز. قۇرۇق دۇئا ۋە ئىبادەت بىزگە ھېچ ئىش
قىلىپ بېرەلمەيدۇ»(4)، دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ شۇ دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ دۇئا،
ئىبادەتلىرىنى، دىندارلىقىنى قامچىلايدىغان تۆت بەگنى، يەنى تۆت كىشىلىك گورۇھنىڭ
مىللەتنىڭ دىنى ۋە ئىبادىتىگە ئىسيان قىلىشىنى ئۇيغۇرلاردىن چىققان «چېچەن»لەر(1) كاتېگورىيەسىگە
تىزىپ ئۈلگۈرىدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا
بولىدۇكى، ئاپتور مەزكۇر سېنارىيەسىدىمۇ دىندارلىقنى ئەل - يۇرتنىڭ
قالايمىقانلىشىشى، دوگمىلىشىشى دەپ ئالدىن تون پىچىپ بولغان تەرزدە سېنارىيە ياساپ
مىڭ يىلغا يېقىن مىللەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا، دۆلەتچىلىك تارىخىدا ئۆز دەۋرىدە
ئۆزىگە خاس رول ئويناپ كەلگەن بىر دىننى، نوقۇل بۈگۈنكىلەرنىڭ زېھنىدىكى تىرناق
ئىچىدىكى بۇددىزم بويىچە، نوقۇل راھىبلار گۇرۇپپىسىنى، «تەركىدۇنيا»چىلىقنى كۆز
ئالدىغا كەلتۈرىدىغان ئىپتىدائىي تونۇش بويىچە تەسۋىرلەپ چۆكۈرۈپلا ماڭغان.
ئارقىدىن بىر مىللەتنىڭ بۇددىزملىشىشىنى پۈتۈنلەي راھىبلىشىش ياكى بۇتخانا
ھەيكەلدىن باشقا بىلەن ئىشى يوق، كەچكىچە نوم ئوقۇش بىلەن يۈرىدىغان بىر توپلۇم،
ئىكەنلىكىنى ساختا ھېكايىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا
يەنە ئوقۇرمەنگە «پەتىۋا» «سەجدە»، «خۇدا»، «زىكىر»، «دۇئا»، «ئىجابەت»، «ئىبادەت»
قاتارلىق تىپىك ئىسلامىي ئاتالمىلارنى راھىبلار ھەققىدىكى دىيالوگ ۋە تەسۋىرلەرگە
ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر چالمىدا بىر كۆز بىلەن ئىككى پاختەكنى سوقۇپ باقماقچى
بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن «تۆت چېچەن» ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىلى
بىلەن دىندارلىقنى مىللەتنى دوگما قىلغان دەيدىغان چۈشەنچىنى بېرىدىغان، ھەمدە
دىننىڭ ئەقىل بىلەن ئىشى يوقلىقىنى، دىنغا چىڭ يېىپىشىش دېگەنلىكنىڭ گويا
ئىبادەتگاھدا دۇئا - ئىبادەت قىلىپلا ئۆتكۈزۇش دېگەنلىككە باراۋەرلىكىنى، شۇڭا
دىننىڭ مىللەتنى دۇنيالىقنى ئاۋاتلاشتۇرۇشتىن ئۇخلىتىپ غەپلەتتە قويىدىغان نەرسە،
ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنگە سىگنال بېرىدىغان سىياقتا دىيالوگ ئويدۇرۇشقا تىرىشقان.
گويا دىندارلار ئەقىل بىلەن ئىشى بولمىغاچ، ئۇلارنى قامچىلاش چېچەنلىك بولۇپ،
مىللەت دۇچ كەلگەن «بوران»دىن قۇتقازغۇچىنىڭ دىندار نەزىرىدىكى خۇدا بولماستىن،
بەلكى «ئەقلى» ئىكەنلىكىنى سابلىمىنال ئۇچۇر يولى بىلەن زېھىنلەرگە نامايىش
قىلىشقا ئۇرۇنغان.
دېمەككى، ئاپتور
دىن دەۋاتقان ۋە تەسۋىرلەۋاتقان كۆرۈنۈشلەر ئومۇمەن بۈگۈننىڭ سېكولار دىن
چۈشەنچىسى، شۇنداقلا بۈگۈننىڭ دىن ئەھلىگە ۋە ئۇلارنىڭ دۇنياسىغا ئورىيانتالىستچە
كۆز ئەينەك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئۇستاتلىق بىلەن ئىپادىلەشكە
زورۇققان. بۇ نۇقتىنى يەنە ئەسەردىكى «تاغچى ۋە شەھەرچى راھىبلار»(6) دەپ ئاتالغان
تېمىدا كەلگەن مەزمۇنلار يۇقىرىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىزنى يەنىمۇ تەكىتلەيدۇ.
مەزكۇر تېمىدا بۇددىستلارنىڭ ئىككى قاشقا بۆلۈنۈشى ھەققىدىكى، ھەمدە ئۇلارنىڭ
ئىدىيەلىرىگە دائىر بايانلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئالاقىسىز بولۇپ، ئاپتور بۇ
تېمىدىمۇ پەقەت ئۆزىنىڭ يۈزەكى چۈشىنىدىغان بۇددا دىنىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار
ئىشىنىۋاتقان دىننىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ تەسۋىرلەشكە زورۇقىدۇ. مەسىلەن بۇنىڭغا،
ئۇيغۇرلارنىڭ ھىندىچە نوملارنى يادلاشقا كۆنۈشى، ئاغرىپ قالسا نومنى سۈپلەپ سۇ
ئىچىشى، نومدىن تۇمار پۈتۈشى، ئۆيلىرىگە نوملارنى زىننەت قىلىپ تىزىشى، تاملارغا
نەقىش قىلىپ ئۇيۇشى قاتارلىق تەسۋىرلەشلەرگە، قۇرغاقچىلىق دەۋرىدە تەدبىرسىزلىك
بىلەن تەسۋىرلەنگەن «راھىب كالان»نىڭ «بالىلار دۇئا قىلسا» ئىجابەت بولىدىغانلىقى
ھەققىدىكى سۆزىنى «پەتىۋا چىقىرىش» دەپ ئىپادىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
بۇ يەردە شۇنى
ئەسكەرتىش ھاجەتكى، بۇددا دىنى ئۆز تەبىئىتىدىن مەلۇم بولغىنىدەك «پەتىۋا»
مېخانىزمىسىغا ئىگە شەرىئەت دىنى ئەمەس، شۇنداقلا بۇددا دىنى تىل ئۇسلۇبىدىمۇ
«چوڭلارنىڭ گۇناھى كۆپ، بالىلار دۇئا قىلسا ئىجابەت بولىدۇ»(7)، دەيدىغان تەرزدىكى
تەلىمات مەۋجۇت ئەمەس. بۈيۈكلەرگە قارىغاندا بالىلارنىڭ دۇئاسىنىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقى
ۋە ھەتتا «ئىجابەت قىلىش» دېگەن ئۇقۇمغا قەدەر ھەممىسى پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا
ئائىت ئۇقۇم بولۇپ، پەتىۋا چىقىرىش شەرىئەت ئۆلىماسىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى،
مۇسۇلمانلاردا «كېسەل تارتقاندا قۇرئان ئوقۇپ سۇغا سۈپلەپ ئىچىش» كۈلتۈرىنىڭ
بارلىقى، ئايەتلەردىن تۇمار پۈتۈش ھادىسىلىرىنىڭ بارلىقى، ئۆيلىرىگە ئايەت ۋە
دۇئالارنى زىننەت قىلىپ ئېسىش، ئىمارەتلەرنى ئايەتلەر بىلەن نەقىشلەشتەك ئۆرپ -
ئادەتلىرىنىڭ بارلىقى قاتارلىقلار ئومۇمەن ئىسلام كۈلتۈرىدە تېپىلىدىغان ۋە
ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىدىغان ھادىسىلەردۇر.
ئۇندىن باشقا
ئەسەردىكى شەھەرچى راھىبلار بىلەن تاغچى راھىبلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىرى قىلىپ
تەسۋىرلەنگەن ئىشلارمۇ كۈنىمىزدە ئوخشىشى تېپىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، ئاپتورنىڭ
تەسۋىرىدە تاڭ قوشۇنى دىنغا چىڭ ئېسىلىپ تەرەققىي قىلماي قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ
ھالىنى بىلىپ قوشۇن تارتىپ كەلگەن، ھەمدە بۇتقا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان ۋە
دىنداشلىقىنى پەش قىلىپ قارشى چىقماي قۇل بولۇشقا دەۋەت قىلغان. ھېكايىنىڭ توقۇلما
بولۇشى بىر مەسىلە، دېسەكمۇ، تارىختا خىتايلارنىڭ «بىز دېگەن دىنداش، بىزگە قارشى
چىقماي تەسلىم بولۇڭلار» (8)، دەپ جار سالغان ئىشى، يەنى بۇددىستلارنىڭ دىنىي
ئۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى بىلىنمىگەن بىر ھادىسە. يەنە كېلىپ ئەسەردە دېيىلگەندەك
تاڭ قوشۇنى تالاسقا جەڭگە كېتىۋېتىپ(9) بۇنداق دىنىي شوئار بىلەن قوشۇن
تارتقانلىقىمۇ مەلۇم ئەمەس. بۇنداق بىر تەسۋىر ۋە ئىپادىلەر كىشىگە ئوخشاش
دىندىكىلەرنىڭ سىياسىي توقۇنۇشلىرىغا «دىنىي ئۇرۇش» دەپ تون پىچىدىغان
ئورىيانتالىست زېھنىيىتىنى ئەسكە سالىدۇ. تاڭ قوشۇنىنىڭ مىللەتنى تەسلىم قىلىش
ئۈچۈن «بىزگە قۇل بولغانلار، بۇتقا قۇل بولغان بولىدۇ»، دېگەن شوئارىمۇ كۈلكىلىك
بولغان. ئاپتورنىڭ مەزكۇر شوئارنى ئويدۇرۇپ چىقىشىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مەشھۇر
بولغان «مۇسۇلمانلاردىن چىققان رەھبەرگە ئىتائەت قىلىش، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ
ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش جۈملىسىدىندۇر» دېگەن ئىدىيەسىنى خام ماتېرىيال قىلغانلىقى
كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
ئاپتورنىڭ
مەزكۇر ھېكايىسىدە تاغچى ۋە شەھەرچى راھىبلار تاڭ قوشۇنىغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە
يەنە ئىككى ياققا بۆلۈنۈپ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئىككى تەرەپتىن تاغچى راھىبلار ئۇرۇش
قىلىش تەرەپدارى، شەھەرچى راھىبلار بولسا، قۇل بولۇش تەرەپدارى بولىدۇ. مانا بۇ
نۇقتىدىمۇ ئاپتور ھەر ئىككى تەرەپ دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىلىرىنى بۈگۈننىڭ
زېھنىيىتى بىلەن ئويدۇرۇپ چىقارغان بولۇپ، قۇل بولۇش تەرەپدارلىقىدىكىلەر تاڭ
قوشۇنىغا، يەنى خىتاي دىندىشىغا قۇل بولۇشقا قارشى چىقىشنى «ئۇ دۇنيادا توڭگۇز
بولۇپ تىرىلىدىغانلىق» بىلەن قورقۇتۇپ قۇللۇققا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ ئورۇندىمۇ ئاپتور
شەھەرچى راھىبلارنىڭ مەزكۇر «قارشى چىقماسلىق» تەشەببۇسىنى «راھىب كالانلارنىڭ
پەتىۋاسى»(10) دەپ سۈپەتلەيدۇ ۋە بۇ پەتىۋاغا پادىشاھ ۋە تىجارەتچىلەرمۇ ئەمەل
قىلىپ قارشى چىقىۋاتقان خەلقنى توسۇۋالغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ھالبۇكى، تالاس
ئۇرۇشى مەزگىلدىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بولغانلىقى، تاجاۋۇزغا كەلگەندە
قارشى مۇداپىئەگە ئۆتىدىغان قوشۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ
دۆلىتى دۆلەت ئەركانلىرى كېڭىشى ئاساسىدا پادىشاھنىڭ قارارى بىلەن ماڭىدىغان
دۆلەتلىكىدە شەك يوق. ئەمما مەزكۇر ئاپتور پادىشاھنى راھىب كالاننىڭ قاش -
قاپىقىغا قارايدىغان، يەنى دىنىي ئۆلىمانىڭ ئاغزىغا قارايدىغان قىلىپ كۆرسىتىشكە
ئۇرۇنغان ۋە راھىبنىڭ سۆزلىرىنى ئىسلام شەرىئىتى تىلىدىكى «پەتىۋا» دەپ تامغا
ئۇرغان. ئاپتورنىڭ بايانىدىكى راھىب كالاننىڭ تاڭ قوشۇنىغا قارشى چىقماسلىققا دىن بىلەن
ۋەز ئېيتىپ قىلغان سۆزىدىكى تاڭ قوشۇنىغا «بۇ دۇنيادا دېدەك ۋە قۇل بولغانلارنىڭ
تۇغقانلىرىمۇ ئۇ دۇنيادا شاپائەتكە ئېرىشىپ ئادەم بولىدۇ تىرىلىدۇ، تاڭ قوشۇنىغا
قارشى چىققانلار گۆرىدىن توڭگۇز بولۇپ قايتا تىرىلىدۇ»(11)، قاتارلىق
تەئەددىيلىرىگە قارايدىغان بولساقمۇ، ئاپتور زېھنىيىتىدە بۇددىزم بىلەن بويىماقچى
بولغان مەزكۇر ئىبارىلەرنىڭ ئەسلىدە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدىكى دىننى كۆزدە
تۇتۇۋاتقانلىقىدەك ئۇستاتلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
چۈنكى، ئاپتور چۆكۈرۈپ تۇرۇپ بايان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر راھىبلار ياكى
بۇددىستلار دۇنياسى، ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىدىكى پاسسىپلىقلار ھەمدە ئۇلارنىڭ
ئىدىيەلىرى ۋە پىرقىلەرگە ئايرىلىشىدىن تارتىپ ھەممىسى پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ
ئويدۇرمىسى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇددىزم بىلەن ھېچقانداق باغلىنىشى يوقلىقى مەلۇم.
مەزكۇر راھىب كالاننىڭ تەئەددىسىدىكى «ئۇ دۇنيادا شاپائەتكە ئېرىشىپ قايتا
تىرىلىش» چۈشەنچىسىمۇ بۇددىزمغا ئائىت پىكىر ئەمەس. بۇددىزمنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى
بىلگەن كىشى بۇددا ئەقىدىلىرىدە «ئۇ دۇنيا»، يەنى ئاخىرەت ئۇقۇمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئۇ
دۇنيادا قايتا تىرىلىشنىڭ، شاپائەتكە ئېرىشىش ياكى ئېرىشمەسلىكتەك مەھرۇملۇق ياكى
رەھمەتنىڭ بۇددا ئەقىدىلىرىگە ئائىت ئەقىدە ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىسلامغا ياكى
ساماۋى دىنلارغا ئائىت ئەقىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئاپتورنىڭ بۇددىزمغا نىسبەت
قىلىۋاتقانلىرى ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىش ۋە شاپائەت ئەقىدىلىرى بىلەن ئالاقىسى
بولمىغان پەرقلىق دۇنيا قاراش بولۇپ، بۇددىزمدىكى ئەسلى دىنىي ئەقىدە ئۇ دۇنيادا
قايتا تىرىلىش ئەمەس، بەلكى تەكرار تۇغۇلۇش
(Reincarnation)، روھلارنىڭ باشقا تەن ۋە بەدەنلەرگە كۆچۈش ئەقىدىسىدۇر. بۇ ئەقىدە
قەدىم ھىندى دىنلىرى ۋە بىراخمانىزم دىنلىرىدىن داۋاملىشىپ كەلگەن بىر تۈرلۈك
ئېتىقاد جۈملىسىدىن. بۇددىزمدىكى گۇناھكار ۋە پاك ھايات ياشىغان ئىككى
تۈردىكىلەرنىڭ روھىنىڭ باشقا جىسىم ۋە بەدەنلەرگە كۆچۈشتە پەرقلەر بولىدىغانلىقى،
گۇناھكار ئۆلگەنلەرنىڭ يەنە بىر تۇغۇلۇشتا ئىنسان جىسمىغا ئەمەس، ھايۋانات ۋە
باشقا جاندارلارنىڭ جىسمىغا كۆچۈپ تەكرار تۇغۇلىدىغانلىقى ۋە تاكى پاكلانغانغا
قەدەر بۇ قىسمەتتىن قاچالمايدىغانلىقىدەك چۈشەنچىلەرنى مەزكۇر ئاپتور ئىسلام
ئەقىدىسىدىكى ۋە ساماۋى دىنلاردىكى
ئۆلگەندىن كىيىن «قايتا تىرىلىش» ئەقىدىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتكەن، ھەمدە
ساماۋى دىن ئەقىدىلىرى بىلەن يەر يۈزىگە مەنسۇپ دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى
خامانلاش ئارقىلىق ۋەزىيەتنى ئۆز زېھنىيىتىگە ۋە غەرىزىگە بويسۇندۇرۇپ تەسۋىرلەپ
چىقماقچى بولغان. بىراق كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ خىل رەڭۋازلىق ئاپتورنىڭ دىن
ھەققىدىكى ساختا چۈشەنچىلىرىنىڭ سايىسىدە چانغان ۋە ئاپتورنىڭ بۇددا دىنى
راھىبلىرى ۋە راھىب كالانلىرىنىڭ تاجاۋۇزغا قارشى تۇرماسلىق تەشەببۇسىدىكى
دىندارلار ۋە سامغالار مۇناسىۋىتىنى ئىسلام كۈلتۈرىدىكى موللا ياكى ئىمام ۋە
جامائەت ئوبرازلىرى بىلەن شەكلىي ئورۇن ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەسەۋۋۇرىدىكى
دىندارلىقنىڭ ۋاقتى كەلسە پەتىۋا پىچىپ تاجاۋۇزغا قارشى چىقمايدىغان نەرسە
ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەننىڭ زېھنىگە ئۇرۇق قىلىپ تىكمەكچى بولغان.
ئاپتورنىڭ
زېھنىدىكى بۇددىزم ھېچقاچان ھەقىقىي بۇددىزمنىڭ دۇنيا قارىشى بىلەن
خۇسۇسىيەتلەنمىگەن بولۇپ، يۇقىرىقى راھىب كالان ئوبرازىنىڭ تىلىدا كەلگەن
بايانلاردا ئىپادىلەنگەندەك، بۇ خىل يۆنىلىش يەنە مەزكۇر تاجاۋۇز قىلماسلىق
تەشەببۇسىغا قارشى چىققان ئىككىنچى دىندار گۇرۇپپىدا، يەنى «تاغچى راھىبلار»
گۇرۇپپىسىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. تاغچى راھىبلار شەھەرچى راھىبلارنىڭ يۇقىرىدا ئاپتور
«پەتىۋا» دەپ ئاتىغان مەۋقەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى رەت جاۋابىدا مۇنداق بايانلار
سۆزلىنىدۇ: «بىزنىڭ بۇتقا ئىشەنگىنىمىز، تاڭ ئەسكەرلىرىگە ئىشەنگىنىمىز ئەمەس، تاڭ
قوشۇنى بۇتنىڭ ئەمەس، تاڭنىڭ ئەسكەرلىرى. بىز بۇتقا ئىشىنىمىز، ئەمما تاڭ
ئەسكەرلىرىگە قۇل بولساق بولمايدۇ، دىنىمىزدا قۇللۇق پەقەتلا بۇتقا بولىدۇ،
ئىنسانغا ئەمەس، ھېچ بىر بۇتپەرەس ئۇيغۇر ئادەمگە قۇل بولسا بولمايدۇ».(12)
ئاپتورنىڭ
زېھنىيىتىدىكى مەزكۇر توقۇلما ئوبرازلارمۇ يۇقىرىقى شەھەرچى راھىبلادەك بۇددىزم
تىلىدا جاۋاب قايتۇرغان بولماستىن، بەلكى ئالدىنقى گۇرۇپپىنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە
جاۋاب قايتۇرىدۇ. يەنى مەزكۇر بۇددىست ئۇيغۇرلار ئاپتور نەزىرىدە بۇتلارغا ئەمەس،
بۇتقا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭرىسى ئاپتور تىلىدا بەزىدە بۇت، بەزىدە خۇدا دەپ
ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇددىزمنىڭ بىر خۇدالىقنى ئەمەس، كۆپ تەڭرىچىلىكنى
مەركەز قىلىدىغان پاگانىزم دۇنيا قارىشىنىڭ ۋارىيانتلىرى ئىكەنلىكى شۈبھىسىز.
دېمەك، بۇددىستلىق ئەقىدىسىدە پەقەتلا بىر بۇتقا ياكى تەڭرىگە ئىشىنىش مەۋجۇت
ئەمەس. بۇددىستلىق دۇنياسىدا بۇت يوق، بەلكى بۇتلار بار. شۇنداقلا ھەر تۈرلۈك
ئىشلارغا مۇئەككەل تەڭرىلەر، بۇدساتۋالار بار. يەر يۈزىدىكى بۇتلار بۇددىزم
نەزەرىدە ئاشۇ تەڭرىلەر ۋە بۇدساتۋالارنىڭ سىمۋوللۇق ئوبرازلىرى بولۇپ، بىر
ئىدېئال بۇددىستنىڭ تىلىدىن «بىز پەقەت بۇتقا ئىشىنىمىز، دىنىمىزدا قۇللۇق پەقەتلا
بۇتقا بولىدۇ، ئىنسانغا ئەمەس» دەيدىغان جۈملە چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، بىر
بۇددىست بۇنداق بىر جۈملىنى قۇرغان چېغىدا ئۇ بۇددىزم ئەقىدىسىنى مەركەز قىلغان
بىر دىندىن ئالغان ئىدىيە بويىچە سۆزلىگەن ھېسابلانمايدۇ. بۇددىزمدا «قۇللۇق
پەقەتلا بۇتقا بولىدۇ» دەيدىغان تەلىماتمۇ يوق. چۈنكى، مەزكۇر دىننىڭ خاراكتېرىدە
ئۇنداق تۇتۇم يوق. خۇدادىن باشقىغا قۇل بولماسلىق چۈشەنچىسى پەقەتلا ئىسلامدا
گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، جۈملە شەكلىدىن تارتىپ بەئەينى ئىسلامىي مەۋقەنى
ئىپادىلەيدىغان مەزكۇر ئىپادىلەش شەكلىنى بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «دىنىمىزدا قۇللۇق
ئاللاھقىلا بولىدۇ، ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ ئىنسانغا قۇل بولۇشى توغرا ئەمەس»،
دېگەن تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ رەڭۋاز ئۇسلۇبتا ئۆرۈلگەن شەكلى، خالاس دەپ ئېيتىشقا
بولىدۇ.
ئاپتورنىڭ
بۇددىزم نامىدىكى ئېتىقادىي قاراشلارنى خۇراپىيلىق تۈسىدە زىكرى قىلىشى ئەسەرنىڭ
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلىرىدا قېتىملاپ سادىر بولغان بولۇپ، ئۆتۈكەنگە كەلگەن دىندار
راھىبلارنىڭ تىل - يېزىق ۋە باشقا چۈشەنچىلەرگە دائىر ئىدىيەلىرىنى تەسۋىرلەۋاتقان
ۋاقىتتا، ئاپتورنىڭ گويا ۋەتەندىكى شالغۇت زىيالىيلار (بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتورمۇ بار)
نىڭ دىندارلارنى مىللەتچى ئەمەسلىك بىلەن ئەيىبلەشتە كۆرسىتىدىغان سەۋەبلىرى بىلەن
ئوخشىشىدىغان ئەيىبلەشلەرنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى، گويا تېمىدا بۇددىست
دىندارلار ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ دىننىڭ تەلىماتلىرىدا
ئۇچرىمايدىغان مەزمۇنلار بىلەن دىندارلىقنى قامچىلاۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز.
مەسىلەن، ئاپتور ئۆتۈكەنگە كەلگەن دىندارلارنىڭ ئۆتۈكەندە كەلمەستە تىلغا
ئېلىنمىغان يەنە بەزى ئادەتلىرىنى، ئېتىقادىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ شۇنداق
ئېيتىدۇ: «ئەمما تارىملىق ئۇيغۇرلار ھىندىچە يېزىقتىكى نوملارنى ئوقۇشنى ۋە
يادلاشنى ساۋاب بىلىدىكەن، خەت يېزىشنى ئۆگەنسە ئۆزى بىلگەننى يازىدىكەن. نومنىڭ
يېزىقىدا ئىنساننىڭ گەپلىرى يېزىلسا بولمايدىكەن. بالىلار يازماقچى بولسا چوقۇم
بۇددا نوملىرىنى كۆچۈرسە ساۋاب بولىدىكەن. ئەگەر بالىلار كىتاب ئوقۇسا، خەت يازسا
ئۆزى خالىغاننى يازىدىغان، ئۆزى ئويلىغاننى سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلارچە
ئادەمنىڭ ئاغزى بۇددا نومىنى سۆزلەشكە، قەلبى بۇددا نوملىرىنى يادلاشقا، كۆزى
بۇددا نوملىرىنى كۆرۈشكە، قۇلاقلار بۇددا نوملىرىنى ئاڭلاشقا يارىتىلغان ئىكەن.
ئەگەر ئوقۇغۇچىلار بۇنداق قىلمىسا قايتا تىرىلگەندە كۆزسىز، قۇلاقسىز، يۈرەكسىز،
ئېغىزسىز قوپارمىش. چۈنكى بۇدساتۋا ھەممە ئەزالاردىن ئايرىم - ئايرىم ھېساب
ئالارمىش»(13).
مانا بۇ
بايانلار ئارقىلىق ئاپتور بەئەينى ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىغا ياتلىشىپ كەتكەن، دىنىي
ئەنئەنىسىنى ئورىيانتالىست ۋە ماتېرىيالىستنىڭ كۆزىدە قاراپ تونۇغان، يەنى
مىللەتنىڭ ھەقىقەتلىرىگە بىرلا كۆزدە قارايدىغان شالغۇت زىيالىيلارنىڭ دىندارلارغا
تۇتقان پوزىتسىيەسىنى كىتابقا ئەينەن سۆرەپ ئېلىپ كىرگەن. يۇقىرىقى ئۈزۈندىدىكى
نوم قۇرئانغا، ساۋاب ۋە جازامۇ ئىسلام
نەزىرىدىكى ساۋاب، بۇدساتۋا دەۋالغىنى بولسا، ئۇيغۇرلار ئەقىدە قىلىۋاتقان ۋە
ئاخىرەتتە بىرمۇبىر ھېساب ئالىدىغان جانابى ئاللاھتائالا كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقى
ئاپئاشكارا. چۈنكى، بۇنداق بىر يەكۈننى سۈزۈپ ئېلىشىمىز شۇ پاكىتقا ئاساسەنكى،
بۇددىزمدا نومنى كۆچۈرۈپ يېزىش ئالاھىدە ساۋاب دەيدىغان تەلىم يوق، ئەمما ئىسلامدا
قۇرئان كەرىم ئوقۇلغان چاغدا تەلەپپۇز قىلىپ كەلگەن ھەر بىر ھەرپكە ئاللاھ
تەرىپىدىن ساۋاب بېرىلىدىغانلىقى، ھەتتا رامىزاندا ھەر بىر ھەرپكە ئون ساۋاب
بېرىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە «ئەلىف لام مىمنى
بىر ھەرپ ھېساپلىمايمەن، بەلكى، ئەلىفنى بىر ھەرپ، لامنى بىر ھەرپ، مىم نى بىر
ھەرپ ھېسابلايمەن»(14) دېيىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاننى ئوقۇشتەك
بىر ئىبادەتكە بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ كاتتىلىقىنى خەۋەر بەرگەن. فىقھىيشۇناس
ئالىملار بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، قۇرئاننى كۆچۈرۈشنىڭمۇ ئوخشاشلا قۇرئاننىڭ خاتاسىز
ئوقۇلۇشىغا خىزمەت قىلىشتەك بىر مۇستەھەپ ئەمەل ئىكەنلىكىنى(15)، يەنى، بۇنىڭمۇ
ساۋابلىق ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھېچقانداق قانۇن سىستېمىسى ۋە
شەرىئەت مىزانى بولمىغان، پەقەتلا ئەخلاق ۋە روھىي پاكلىق تەشەببۇس قىلىدىغان
بۇددا دىنىدا، قانداقمۇ بۇنداق نوم ئوقۇش، ساۋاب، يېزىش ساۋاب دەپ ئالاھىدە
تەكىتلىنىدىغان تەلىمات بولسۇن! نومنى كۆچۈرۈش ساۋابلىق دېيىلسىمۇ بۇددا دىنىدا
ياخشىلىق ۋە ساۋابلىق ئىشلار كاتېگورىيەسىگە كىرىدىغان بارلىق ئىشلار قاتارىدىكى
بىر ئىش خالاس. ئەمما بۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش راھىب كالانلار دەپ باقمىغان، لاما
ياكى سامغالاردىن رىۋايەت قىلىنىپ باقمىغان بىر ئىش بولۇپ، بۇ ئىشلار، يەنى
يادلاش، ئوقۇش، كۆچۈرۈش ۋە يېزىشلار ئىسلام نۇقتىئىنەزەرىدە ئۆزىگە خاس ئەھمىيەتكە
ئىگە بولغان، شۇنداقلا ئىسلامىي مەدەنىيەت ئەنئەنىمىزدە ھېچقاچان مىللەتنىڭ تىل -
يېزىقىغا، كۈلتۈرى ۋە ئەنئەنىسىگە زىت ئورۇنغا چۈشۈرمەستىن تەڭ ئېلىپ ماڭغان،
مىللىي مائارىپىمىزنىڭ تەركىبى بولغان خۇسۇسلاردىندۇر. تارىخىمىزدا تاكى
كوممۇنىزملىق ئاسارەت دەۋرىگە قەدەر قۇرئاننى ئوقۇش، يادلاش، يېزىشنى باشتىن
كەچۈرمەي تەربىيە ئالغان، بۇ ئەمەللەرنى مىللەتنىڭ ئۆز تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەمدە
كۈلتۈرى بىلەن بىر گەۋدىدە تۇتقان ھالدا ئېلىپ ماڭماي قويغان بىرەر ئۇيغۇر ئەدىب،
پەيلاسوپ، شائىر، تارىخچى ياكى سەنئەت پېشۋالىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكى
ئېنىق. دېمەك، ئاپتورنىڭ نوم ھەققىدىكى سۆزىدە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى قۇرئان ۋە ئىسلام
ئەنئەنىسىدىكى ئەجىر ھېسابلىنىدىغان ۋە ساۋاب بولىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن
ئىشلار بولۇپ، ئاپتور نەزىرىدىكى مىللەتنىڭ تىل يېزىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان مەزكۇر
دىندار توپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىيانەتكار توپى مەقسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما
ئاپتورنىڭ چۆكۈرۈپ تىلغا ئالغان مەزكۇر دىندار توپنىڭ ئۆز مۇقەددەس كىتابىغا
ئەھمىيەت بېرىشىگە دائىر رادىكال تۇتۇملىرى ئەمەلىيەتتە ئويدۇرما ئىچىدىكى
ئويدۇرما بولۇپ، ئەسەردىكى «كۆز، قۇلاقنىڭ پەقەتلا نوم ئوقۇش ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى
دەۋاسى بۇددا دىنى مۇخلىسلىرى ئۈچۈنمۇ، نوم دەپ كىنايە قىلىنىۋاتقان قۇرئان
كەرىمنىڭ مۇئمىنلىرى ئۈچۈنمۇ تۆھمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى مىللەتنىڭ تىل ۋە
كۈلتۈرىنى تاشلاتقۇزۇشنى، ئوقۇش ۋە يادلاشنى ھىندىچە ياكى ئەرەبچىلا بولۇش
دەيدىغان ئىدىيە ياكى بۇنداق بىر تەلىمات ھەر ئىككى دىنغا ئائىت ئەمەس بولۇپ، بۇ
پەقەت ئاپتورنىڭ شالغۇت زېھنىيىتىدىن بىخلىنىپ چىققان شالغۇت تەسەۋۋۇر خالاس!
ئاپتور يەنە
خۇددى نومنى تىلغا ئالغان بولۇپ قۇرئاننى مەقسەت قىلىۋاتقاندەك، ئەسەردە يەنە
بۇدساتۋا ئۇقۇمى بىلەن ئاللاھنى مەقسەت قىلىپ تۇرۇپ دىندارلارنى قامچىلىغان.
بۇنىڭمۇ دەلىلى شۇكى، ئاخىرەت ئەقىدىسى، قايتا تىرىلىش ئەقىدىسى، شۇنداقلا
بۇدساتۋانىڭ ئەزالاردىن ئايرىم - ئايرىم ھېساب ئېلىشى قاتارلىقلار بۇددا دىنى ۋە
مۇرتلىرىغا قىلىنغان تۆھمەتتىن ئىبارەت بولۇپ، دەرۋەقە، بۇددا دىنىدا بىز
تەكىتلەۋاتقاندەك، قايتا تىرىلىش، ھېساب بېرىش ئەقىدىسى يوق. بۇ پەقەت ساماۋى
دىنلارغا ئائىت ئەقىدە بولۇپ، ساماۋى بولمىغان دىنلاردا ئۇنداق ئېتىقاد مەۋجۇت
ئەمەس. كۆز، قۇلاق، يۈرەكلەردىن، يەنى ئەزالاردىن ئايرىم - ئايرىم ھېساب ئېلىش
ئىشىغا كەلسەك، يەنى ئاپتور «ھېساب ئالارمىش»(16)، دېگەن مەسخىرىلىك ئىپادىسىدىكى
ئىشلار قۇرئان كەرىمدىكى ئايەتلەر بىلەن مۇئەييەنلەشكەن ئەقىدە بولۇپ، قۇرئان
كەرىمدە ھېساب مەيدانىدا گۇناھلىرىدىن تېنىۋالغۇچىلارغا ئەزالىرىنى سۆزلىتىپ ھەر
بىر ئەزادىن ئايرىم ھېساب ئالىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. قۇرئان كەرىم
مۇنداق دەيدۇ: «شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇلارنىڭ تىللىرى، قوللىرى ۋە
پۇتلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ئۇلارنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ»(17) «شۇ كۈندە
ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ
بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى
سۆزلەپ بېرىدۇ)» (18).
مانا بۇلاردىن
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتورنىڭ نوم دەۋاتقىنى قۇرئانغا كىنايە بولغان بولسا،
بۇدساتۋا ئاللاھقا كىنايە قىلىپ ئىشلىتىلگەن. چۈنكى، بۇدساتۋانىڭ، توغرىسى
بۇدساتۋالارنىڭ بۇنداق نىزامى بارلىقى، ياكى بۇدساتۋالار ئىچىدە ھېساب - كىتابقا
مەسئۇل بۇدساتۋانىڭ بارلىقى، ئېغىز، قۇلاق ۋە كۆزلەرنى سۆزلىتىپ ئايرىم - ئايرىم
ھېساب ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلارغا دائىر بۇددا تەلىماتلىرىدا بايانلار كەلگەن
ئەمەس. ئەسلىدىنلا بۇددىزمدا «ئاخىرەتتە قايتا تىرىلىش» ئەقىدىسى مەۋجۇت ئەمەس. قۇرئان
كەرىمنىڭ بۇددىست مۇشرىكلارنىڭ ئاخىرەتنى ئىنكار قىلغانلىقىغا دائىر بايانلىرى ۋە
ئاخىرەتنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە كەلتۈرگەن ئەقلىي يەكۈنلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى
تەكىتلەيدۇ. دېمەك ئاپتور يۇقىرىقى بايانلاردىكى مىساللارغا ئوخشاشلا دىندارلارنى
سەلبىيلەشتۈرۈۋاتقان، ئۇلارنىڭ دىنىغا، ئېتىقادى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى
سەلبىيلەشتۈرۈشنى، شۇنداقلا بۇلارنى ئوقۇرمەن ئۈچۈن مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىپ
سېنارىيەلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى گويا بۇددا دىنىنى چۆكۈرۈش سىياقىدا ئېلىپ بارغان
بولۇپ، بۇلار ئاپتورنىڭ «تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈش»، «چۆچەكلەشتۈرۈش» دەپ ئات
قويۇۋالغان تەسۋىر دۇنياسىدا ھېچ ۋاقىت تارىخقا نەزەر ئاغدۇرمىغانلىقىنى، پۈتۈنلەي
بۈگۈنكى ئۆزىنىڭ سېكولار، ماتېرىيالىست ۋە پوزىتىۋىستچە ئىدىيەلىرىنى بەدىئىي
توقۇلمىلارنىڭ قاتلىرىغا ئوراپ تاشلاش ئارقىلىق ئەۋلادلارغا ئىدېئولوگىيە
سىڭدۈرمىچىلىكى ئېلىپ بېرىشتەك چاكىنا ۋە ئەخلاقسىزلىق سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى
مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئەسەردە ئالېكساندرنىڭ
سۈلھىسىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بىلەن ئىجابىي
تەرەققىياتقا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسا، بۇددىستلاشقان ئۇيغۇرلار ئەنە
شۇنداق گۇروھقا ۋە پاسسىپ ئىدىيەگە دىن ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ ئاخىرىدا تاڭ
قوشۇنىنىڭ «دىنىي ئۇرۇشى»دا مەغلۇپ بولغان شەكىلدە تەسۋىرلىنىپ چۆكۈرۈلگەن. يەنى
ئەۋلادلار زېھنىيىتىدە بۈگۈنكى ئىلىم - پەننىڭ دۇنياسىنى شەكىللەندۈرگەن غەربنىڭ
قەدىمىي مەدەنىيەت يىلتىزى بولغان ھېلىنىستىك مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئالاقىسىدە
گويا ئۇيغۇرلار دىن بىلەن ئىشى يوق كىشىلەردەك، مەدەنىيەتتە يوقسۇل بولۇپ،
ئالېكساندرنىڭ ئېلىپ كەلگەن غەرب مەدەنىيىتى بىلەن ئىجابىي تارىخنى قالدۇرغان
بولسا، بۇددىزمغا ئالدىنىپ ئىشىنىپ قېلىپ قويۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن مەدەنىيەت
كۆمۈلۈپ مىللەت ئانا تۇپراق ئۈچۈن، ئۇنى ياشارتىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايدىغان، ئىچ -
ئىچىدىن ئۇرۇشۇپ توقۇنۇشۇپ، دىنىي ئىدىيەلەر تۈرتكىسىدە بۆلۈنۈپ ئاخىرى
مەغلۇبىيەتنى ياشىغان، قىلىپ كۆرسىتىلگەن. رېئاللىق ياكى تارىخ بىلەن ئالاقىسى يوق
بولغان بۇ ئويدۇرمىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى ئايرىم بىر مەسىلە بولغان بولسا، بۇ
ئويدۇرمىنى تۇتارلىق قىلىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ بۇددا ئەقىدىلىرىنى بايان قىلغان بولۇپ
ئىسلامىي ماھىيەتكە ئىگە چۈشەنچىلەرنى «بۇت»، «نوم»، «پەتىۋا»، «ئۇ دۇنيا»
قاتارلىق ھەر ئىككى دىندا ئايرىم ئورۇن ۋە قىممەتكە ئىگە ئاتالغۇلارنى، بىرى قوبۇل
قىلسا، يەنە بىرى رەت قىلىدىغان ئەقىدىلەرنى بەئەينى شالغۇت زېھنىيىتىگە ئوخشاشلا
ئارىلاشتۇرۇپ ۋە شالغۇتلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش ئارقىلىق شەكلى جەھەتتىن بۇددىزملىق
دىنىنى، ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئىسلامىي قىممەت قاراشلارنى چۆكۈرۈش مەقسىتىگە
يەتمەكچى بولغان. سۇيىئىستېمال يولى ئارقىلىق «دىن»نىڭ ئۇيغۇرغا ھىيلە بىلەن
تارالغانلىقىنى، دىننىڭ مىللەتكە ئېلىپ كەلگەن رولىنىڭ پالاكەت، بۆلۈنۈش ۋە
مەغلۇبىيەتتىن باشقا نەرسە بولمىغانلىقىدەك يېتەكچى ئىدىيەسىنى ئۇستاتلىق بىلەن
ئوقۇغۇچى ئەۋلادلارنىڭ زېھنىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. دىندار بولۇشنى دۇنيالىق
تەرەققىيات بىلەن، تەڭرىگە سىغىنىش، ئۇنىڭدىن ئۈمىدلىنىشنىڭ ئەقىل بىلەن
زىتلىشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئاپتور، مەزكۇر زېھنىيىتىگە «بۇددا» دىنى ئىسمىنى،
يەنى پېسسىمىزملىق (تەركىدۇنياچىلىق) بىر دىننى ئاكتىپ رولچى قىلىش ئارقىلىق ئىسىم
ۋە شەكلى بۇددىزمچە، ئەمما ماھىيەت جەھەتتىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار مەپكۇرىسىدىكى
دىننى چۆكۈرىدىغان بايانلارنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق تاجاۋۇزغا قارشى مەغلۇبىيەتنىڭ
سەۋەبىنى، شۇنداقلا ئالېكساندر ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ كۆمۈلۈپ، ئۇنتۇلۇپ كېتىشىنى
مانا شۇ دىندارلىققا باغلاپ ئىزاھلاشقا تىرىشقان. ھالبۇكى، ئۆزى كىتابتا قەيت
قىلغىنىدەك، مىڭ يىل يىلتىز تارتقان بۇددىزمدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭئۆي ۋە باشقا
يادىكارلىقلارنى قالدۇرۇشتەك يەنە بىر مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقىنى «مەدەنىيەت»
كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىپلا قالماي، جەمئىيەتتە ۋە ئۇيغۇرلار تېررىتورىيەسىدە ھۆكۈم
سۈرگەن خاقانلىق، دۆلەت ۋە بەگلىكللەرنىڭ مىللەتنى ئىسلامىيەتكە قەدەر بولغان مىڭ
يىللىق مۇساپە ئىچىدە قانداق مەدەنىيەتلىك ھالىتىدە تۇتاشتۇرغانلىقىغا جاۋاب
بېرەلمىگەن. ئاز كەم تۆت بەش بەتلىك بايانلاردا بولسا، ئاۋۋال بۇددىست
بولغانلىقنى، ئارقىدىن پاسسىپ دىندارلىققا، رادىكال بۇددىستلىق ياكى دىندارلىققا
يۈز تۇتقانلىقنى، جەمئىيەت ئىچىدىكى گۆش يېيىش ۋە يېمەسلىك، چاچ قويۇش ۋە
قويماسلىقتەك ئىجتىمائىي بوھرانلارنى سانىيالىغانۇ، بۇ مىڭ يىلنى شۇنچە توقۇنۇش
ئىچىدە قانداق كېلەچەككە يېتىشتۈرگەن، ئىسلامىيەتكە قەدەر مىللەتنى قانداق تۇتۇپ
تۇرالىغان ھەمدە بۇ مەدەنىيەت (گەرچە بۇ مەدەنىيەت بۇددا مەدەنىيىتى بولسىمۇ) بىر
دىن ۋە مەدەنىيەت سۈپىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈلتۈرىدە مىڭ يىلغا تۇتاشقان
ئۇزۇن مۇساپىدە قانداق قىلىپ ئۇيغۇرنى ئۇ كۈنلەردىن بۇ كۈنلەرگە يەتكۈزەلىگەن،
دېگەندەك نۇقتىلارغا ھېچ ۋە ھېچ قانائەتلىك جاۋاب بېرىشنى ئويلىشىپ قويمىغان.
چۈنكى ئاپتور باشتىلا «بۇددا مەدەنىيىتى»گە ھۆكۈمنى پىچىپ بولغان، دىننى
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان ئەمەس، يەنە بىر مەدەنىيەتنىڭ
ئوچۇقىغا ئايلىنىشتەك ئىنقىلاب خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى ئەمەس،
ئەكسىچە ئاتالمىش ئادالەت يايغان ئالېكساندرنىڭ، نەزىرىمىزدە بولسا بىر
تاجاۋۇزچىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ۋە مىللەتكە يۇتقۇزغان مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنىڭ
سەۋەبچىسى بولغانلىقتەك شالغۇت زېھنىيەتچە قانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ بولغان. بۇ
ۋەجىدىن ئاپتور نەزىرىدە بۇ مىڭ يىللىق مۇساپىدىكى «بۇددىزم» مەدەنىيىتىمۇ
چۆكۈرۈلسە بولىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاپتور يەنە ھازىرقىدەك ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام دىنىغا
بولغان سەزگۈرلۈكى كۈچىيىۋاتقان ۋاقىتتا بۇددا دىنى ئىسمىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ
دىننىڭ تەرەققىياتسىزلىقنىڭ ئامىلى ئىكەنلىكىنى، مەغلۇبىيەتنىڭ باش جاۋابكارى
ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن بەدىئىي توقۇلمىلارنى ئايىماي سەرپ قىلغان ۋە
ئوقۇرمەندە بۇ ھەقتە قايىللىق تۇيغۇسىنى ئويغىتىشقا تىرىشقان. ھالبۇكى مەسىلىگە
تارىخنى بۈگۈننىڭ ئىدېئولوگىيەسى بىلەن تەسۋىرلەپ قۇراشتۇرۇشتەك ئىدېئولوگىيەلىك
يېقىنلىشىش ئاپتورنى ئىستېلاچىدىن ئېلىپ كېلىنگەن مەدەنىىيەتنى ئىسلامىي
مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈكلىرىنى شىپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق قوبۇل قىلسا بولىدىغان،
تاجاۋۇزچىنى ئاقلاشنى راۋا كۆرىدىغان نۇقتىغا ئېلىپ بارغان بولسا، مىڭ يىلغا
سوزۇلغان تارىخىي جەريان ۋە تەرەققىياتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى
مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى قاتارىدا ساناشقا بولىدىغان بۇددىزم مەدەنىيىتىنى چۆكۈرۈش
ئوبيېكتى قىلىشقا ئېلىپ بارغان ۋە نەتىجىدە ئەدەبىيات مىللەتكە چۈشكەن
مەغلۇبىيەتنى دىنغا دۆڭگەشتە، پارازىت ئىدېئولوگىيەلەرنى بازارغا سېلىشتا
ئىشلىتىلىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ تاشلانغان. بىز بۇنىڭ ئىپادىلىرىنى يەنە
ئاپتورنىڭ ئالېكساندردىن ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيەتنى يوقىتىپ دىندار بولغانلىققا
قارشى زارلىنىش خاراكتېرلىك ھەسرەتلىرىنى ئىپادىلىگەن مونۇ بايانلىرىدىن
كۆرۈۋالالايمىز. ئاپتور بۇ ھەقتە شۇنداق قۇرلارنى يازىدۇ: «ئەجدادلىرىمىز بۇددا
دىنىغا ئىشەنگەندىن كېيىن مەڭگۇ تاشلار ئۇنتۇلغان، مەڭگۇ تاشلاردىكى ئەجدادلار
ئۇنتۇلغان. ئۇيغۇرلار بۇتپەرەس بولسىلا قېرىنداش بىلىپ قانداشلىقنى ئۇنۇتقان،
دىندارلىقنى ئۈستۈن بىلىپ ئۇيغۇرلۇقنى ئۇنۇتقان. ھىندىچە نومنى ئۇلۇغ بىلىپ
يادىلاپ ئۇيغۇرچە تاش كىتابلارنى يوقاتقان. نومدا بارلىق بۇتپەرەسلەر قېرىنداش
دېسە، تارىختىكى دۈشمەنلىكنى، تاجاۋۇزچىنى ئۇنتۇغان. نوم ھىندىچە، دىن ھىندىچە
بولغاچقا ئۇيغۇردا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا، ئانا مىللىتىگە بولغان مۇھەببەت سۇسلاپ
كەتكەن. نوم ھىندىچە بولغاچقا بىز ئوي پىكرىمىزنىڭ تىزگىنىنى ھىندىلارنىڭ قولىغا
تۇتقۇزۇپ قويغان، ئۇلار پىكرىمىزنى نەگە باشلىسا بىزمۇ ھىندىچە پىكىرنى دىن دەپ
ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ قالغان. چۈنكى بىزدە بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇددا ئىلمىدە
ئالىملىقى ھىندىچە بىلىشى، ھىندىچە كىتابلارنى ئوقۇشى، تەبلىغ قىلىشى ۋە ئۇستازلىق
قىلىشى بىلەن ئۆلچەنگەن. ھىندىلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ، ھىندىلاردىن ئۆگەنگەن نوم،
ھىندىلار ئۆزىگە تەتبىقلىغان دىنغا ئەگەشكەن ئۇستازلار قانداقمۇ ئۇيغۇرغا يول
كۆرسەتسۇن؟...»(19).
مانا بۇ تىپىك
ماتېرىيالىست دىن چۈشەنچىسى ئاساسىدا دىن بىلەن ئۇيغۇرلۇقنى زىتلاشتۇرۇش ۋە دىننىڭ
مىللىي كىملىكنىڭ قارمۇقارشىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىپىدىكى ئاتېئىزمچە،
پوزىتىۋىستچە بايانلاردۇر. چۈنكى، ئاپتورنىڭ مەزكۇر ھەسرەتلىك ھېسسىي
بايانلىرىدىمۇ يۇقىرىقى نەقىللەردە ئىسپاتلاپ ئۆتكىنىمىزدەك، «تەبلىغ قىلىش»،
«ئۇستاز» قاتارلىق تىپىك ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتىگە ئائىت ئاتالمىلارنى ئىشلىتىپلا
قالماي، كونتېكىستتا ئاتالمىش «نوم»، دېگەنلىكتىن قۇرئاننى، «بۇتپەرەسلىك»تىن
مۇسۇلمانلىقنى، «بۇددا ئىلمى» دېگەنلىكتىن ئىسلام ئىلمى، قۇرئان ئىلمىنى سىمۋول
تەرزىدە ئىپادىلىمەكچى بولغانلىقى، لېكىن شۇ قەدەر ئاۋايلاشلارغا قارىماي
چاندۇرماي تۇرالمىغانلىقى مەلۇم. مەسىلەن، ئاپتور ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۇنتۇلۇشىنى دىنغا
باغلاشتەك تىپىك دىنغا قارشىلىق پوزىتسىيەسىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ
دىندارلىقنى ئۈستۈن بىلىپ، ئۇيغۇرلۇقنى ئۇنتۇغانلىقىنى، بۇتپەرەس بولسىلا قېرىنداش
بىلىپ قانداشلىقنى ئۇنتۇغانلىقتەك بىمەنە سەپسەتىسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە بۇنى
«ھىندىچە نومنى ئۇلۇغ بىلىپ يادىلاپ ئۇيغۇرچە تاش كىتابلارنى يوقاتقان. نومدا
بارلىق بۇتپەرەسلەر قېرىنداش دېسە، تارىختىكى دۈشمەنلىكنى، تاجاۋۇزچىنى ئۇنۇتقان»،
دېگەندەك رېئال تارىختا ئورنى يوق داۋلىيلىرى ئارقىلىق تۇتاملىق قىلماقچى بولغان.
ھالبۇكى نومدا «بارلىق بۇتپەرەسلەر قېرىنداش»، دەيدىغان تەلىمات مەۋجۇت ئەمەس
بولۇپ، مەزكۇر جۈملە ئۆز ئەينى ھالىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەلىمىدۇر. ھۇجۇرات
سۈرىسىنىڭ 10 – ئايتىدىكى «(بارلىق) مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر»، دېگەن بۇ ئايەتنى
ئاپتور ئۆزىچە ئۇستاتلىق قىلىپ «نوم»دا بار، دېگەن ۋە قويمىچىلىق ئۇسۇلى ئارقىلىق
ئوقۇرمەنگە ئۆزىنىڭ «دىندارلىقتىكى قېرىنداشلىقنى دەپ قانداشلىقنى ئۇنتۇغان» دېگەن
تۆھمىتىنى راستقا چىقارماقچى ۋە بۇ ئاساستا دىنىي قېرىنداشلىقنى دەپ قانداشلىقنى
ئۇنتۇغان دېگەن سەپسەتىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ «ئۇيغۇرلۇقنىمۇ ئۇنتۇغان» دېگەن يەنە
بىر سەپسەتىسىگە جورىماقچى بولغان. چۈنكى مەيلى بۇددا دىننىڭ بولسۇن، ئىسلام دىنىنىڭ
بولسۇن، خاراكتېرىدە دىنداشلىقنى ئەلا بىلىپ قانداشلىقنى ئەلا بىلمەسلىككە تەرغىب
قىلىدىغان تەلىماتلار مەۋجۇت. ئىنسانىيەت تارىخىدا مەيلى بۇددا دىنى مەدەنىيىتىدە
بولسۇن، ئىسلام مەدەنىيىتىدە بولسۇن ھەر مىللەت دىنىي ئەنئەنىسىگە يارىشا، نىكاھ،
ئائىلە، ئۇرۇق - تۇغقاندارچىلىقنى سىستېمىلاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى، ھەر ئىككى
مەدەنىيەتكە تەۋە مىللەتلەرنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردە ئۆز تېررىتورىيەلەرنىڭ ئىستېلا
بولماسلىقى ئۈچۈن كۈچى يەتكەنچە كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكى ئەمەلىيەت. جۈملىدىن
ئۇيغۇرلار بۇددىست دەۋرىدىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن سىياسىي توقۇنۇش ۋەزىيىتىنى
ياشىغانلىقى، ئۇرۇشتا مۇسۇلمانلارنى يەڭگەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلارمۇ يوق ئەمەس.
ئىسلامىيەت تارىخىدىمۇ تاكى ھازىرغا قەدەر ئىسلام بىلەن فەتھى قىلىنغان تۇپراقنىڭ
ئەسلا مۇستەملىكە قىلىنىشىغا يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقى، مۇسۇلمانچە ياشاشنىڭ
پەقەتلا مۇسۇلمانچە ئادىل نىزامغا ئىگە بولغان مۇستەقىل دۆلەتتە ئىشقا
ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلمەكتە ھەمدە مۇستەقىللىق يولىدا جېنى، مېلى ۋە
بارلىقىنى ئاتاشتا ئۈلگىلىك كىشىلىرىمىزمۇ دەل ئىسلام دىنى بىلەن ئەقىدىلەنگەن
يىگىت - قىزلىرىمىز بولماقتا.
ئاپتور يۇقىرىقى
نەقىلدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نوم سىمۋولى بېرىلگەن دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىغا كۆڭۈل
بۆلۈش سەۋەبلىك باشقا مىللەتنىڭ ئوي - پىكرىنىڭ تىزگىنىگە ئايلىنىپ قىلىش
ھادىسىسىگە كەلسەك، بۇ پەقەتلا تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش تىپىدىكى ئىغۋادىن باشقا
نەرسە ئەمەس. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئوي تەپەككۇرىنىڭ باشقا مىللەتنىڭ ئوي -
تەپەككۇرىنىڭ تىزگىنىگە كىرىپ قىلىش ھادىسىسى پەقەتلا كۈلتۈرەل
ئاسسىمىلياتسىيەلىشىش بىلەن يۈز بېرىدىغان ھادىسە. ئاسسىمىلياتسىيەلىشىش ھادىسىسى
بىر بولسا سىياسىي كۈچنىڭ بېسىمى ئىستىبدادى ۋە مەجبۇرلاش تىپىدىكى سىياسىتى بىلەن
ئىشقا ئاشىدىغان، ياكى بولمىسا باشقا كۈلتۈرنىڭ ئىدارىچىلىكى ئاستىدىكى ئەلنىڭ ئۆز
كۈلتۈرىدە زەئىپلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى، كۈلتۈرىنى جانلاندۇرىدىغان مەدەنىيەت
يىلتىزلىرى بىلەن ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈشى تۈپەيلى ھاكىم ئەلنىڭ كۈلتۈرىگە تەقلىد قىلىش
بىلەن تەدرىجىي ۋە تەبىئىي شەكىلدە ئىشقا ئاشىدىغان ھادىسىدۇر. دىننىڭ بىر
مىللەتنى مىللەتلىكتىن چىقىرىۋېتىش، باشقا كۈلتۈرنىڭ ئوي - تەپەككۇرىنىڭ تىزگىنىگە كىرگۈزۈش دەيدىغان
نىزامى ياكى خاراكتېرى يوق. بۇ پەقەت ئىدېئولوگىيەلەردە مەۋجۇت بولۇپ،
ئىدېئولوگىيە بىلەن دىن پەرقلىق ئىككى ماقامدىكى ئىككى ئايرىم نەرسە. ئەگەر دىن
بىر مىللەتنى باشقا مىللەتنىڭ كۈلتۈرىنى تاڭسا، زېھىن ئاسسىمىلياتسىيەسىگە تەرغىپ
قىلسا، ئۇ شۇ دەقىقىنىڭ ئۆزىدىن باشلاپ «دىن» بولۇش خاراكتېرىدىن چىققان، ئەكسىچە
مەزكۇر تەرغىبنى ئېلىپ بارغان كۈچلەرنىڭ سۇيىئىستېمالىغا ئايلاندۇرۇلغان نەرسە
بولغان بولىدۇ ۋە مەزكۇر «دىن» ئەسلىدىكى دىنلىق ھالىتىدىن چىقىپ كەتكەن بىر نەرسە
بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى، بۇددا دىنىنىڭمۇ، ئىسلام دىنىنىڭمۇ دۇنيا يۈزىدىكى قەدىم
تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇ دىنلار ھەر ئىقلىم ۋە جۇغراپىيەدە مەلۇم تىل ۋە
كۈلتۈر ھاۋزىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ئۇنى ھەر مىللەتتىن قوبۇل قىلىش، تەسىرلىنىش
يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دىنلار ھەر قايسى مىللەتلەرنى مىللىي تىلى، كۈلتۈرى،
ئەجدادى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن ئەمەس.
ئۇنتۇش ياكى يۈز ئۆرۈش دىنىي ھادىسە بولماستىن، ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار تەسىرىدە
مەزكۇر مىللەتنىڭ ئۆز كۈلتۈرىگە بولغان سەزگۈرلۈكى، ئىگە چىقىش ياكى ۋاز كېچىشنى
تاللاشتىكى قارارىغا ئالاقىدار ھادىسىدۇر.
ئاسىيادىكى بۇددا دىنى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىمىغاندەك،
ئاسىيا سىرتىدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي كۈلتۈرىنى سورۇپ تاشلاپ ئۇلارنى باشقا
مىللەتكە ئايلاندۇرغان ئەمەس. ئۇيغۇرلار بۇددا دىنى، شامان ۋە مانىي دىنلىرىغا
بولغان مەنسۇبىيىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىرقىي جەھەتتىكى كىملىكىدىن ئايرىلىپ قالغان
ئەمەس، ئەكسىچە شۇ دىننى ئۇمرۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئۆز كىملىكىنى ۋە دۇنيا قارىشىنى
قۇرۇپ چىققان. ئىسلام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىزچىللىق داۋاملاشقان ھەمدە
مۇكەممەللەشكەن. بولۇپمۇ ئىسلام بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن يەر يۈزىدىكى يېزىق
كۈلتۈرى ئەڭ باي، سەنئەت تەسەۋۋۇرى ئەڭ مول بولغان بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى
بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل خەزىنىسى باي، ئۆزگىچە كۈلتۈر بايلىقىغا ئىگە كۆپ قىرلىق
مول مەدەنىيەتنىڭ ساھىبلىرىغا ئايلانغان، تاكى ماتېرىيالىزم دۇنيا قارىشى بىلەن
ئىجاد قىلىنغان سۈنئىي كۈلتۈرلەر ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بۇ كۈلتۈرلەر سىياسىي
كۈچلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ پارچىسىغا ئايلانغانغا قەدەر.
بىر مىللەتنىڭ
سىياسىي مەغلۇبىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، مەسىلىنى ئۇنىڭ دىنى بىلەن باغلاپ ئۆز
ئىدېئولوگىيەسىنى بازارغا سېلىش تىپىك ئورىيانتالىستچە زېھنىيەت بولۇپ، ئاپتور قارىماققا
ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بۇددا دىنى ۋە بۇددا مەدەنىيىتى دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ
ئاتالمىش مەغلۇبىيىتىگە سەۋەب بولغان دىن تەسۋىرىنى سىزىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ
ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى زېھنىيەت بويىچە مەسىلىنى دىندىن كۆرۈلۈشى كېرەكلىكىنى
ئۇرغىلىماقچى بولغان. بىر دىننىڭ مۇقەددەس كىتابىنىڭ تىلىنى مەسىلىگە ئايلاندۇرۇپ
تۇرۇپ مەزكۇر دىننىڭ تىلى ۋە تەلىملىرىنى ئاشۇ تىلغا ئىگە مىللەتنىڭ ئوي - پىكرى،
گويا شۇلارنىڭ ئىجادى قىلىپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ۋە
پەرقلىق مىللەتلەردە پەرقلىق ئىپادىلىنىدىغان جاھانشۇمۇل قىممەت قاراش ۋە
مىزانلار، دۇنيا قاراشلار بايان قىلىنىدىغان كىتابلارنى مىللەتنى تىزگىنلىگۈچى،
مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرغۇچى ئۇنسۇر قىلىپ تەسۋىرلەشكە زورۇققان. ئەگەر
ئاپتورنىڭ نوم دەۋاتقان كىتابقا نىسبەتلىگەن قۇرئان ئايىتى ئاساسىدا ۋە ئۇيغۇر
بۇددىزمى دېيىلىۋاتقان، ئەمەلىيەتتە ئۇ دەۋرلەر بىلەن ئالاقىسى يوق بولغان
ئويدۇرما تارىخ ئاساسىدا بۈگۈننىڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ دىنىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلگىرى
سۈرۈۋاتقان ئىدىيەسىنى نەزەردە تۇتقىنىمىزدا، ئاپتور سىمۋول جەھەتتىن بۇددا دىنى
ۋە بۇددا مەدەنىيىتى دەۋرىنى، ماھىيەت جەھەتتىن ئىسلامنى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ
ۋەزىيىتىگە ئورىيانتالىست نەزەرى بىلەن باھا بەرمەكچى بولغان. شۇنداقلا بۇ ئاساستا
نەزىرىدىكى ھىندىلار (ئەرەبلەر) گە ئائىت ئۇلۇغ كىتابنى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى
تاشلاپ قويغۇدەك دەرىجىدە ئۆگىنىپ كەتكەن، باشقا مىللەت ئۆزلىرىنىڭ ئوي - پىكرى
بويىچە تۈزۈۋالغان ۋە تەتبىقلىغان نوم (قۇرئان) غا بېرىلىپ كەتكەن.
مانا بۇ
سەپسەتىلەر ئارقىلىق مەزكۇر ئاپتور ئۆز مىللىتىنىڭ دىنى ۋە مۇقەددەس كىتابى دەپ
بىلگەن قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ قويمىغان، بەلكى قامچىلىغان. شۇنداقلا
شالغۇت زېھنىيىتى ئاساسىدا ھىندىچە نوم (ئەرەبچە قۇرئان) پەقەت ئاشۇ مىللەتنىڭلا
مەھسۇلاتى ۋە شۇلارلا تەتبىقلىسا بولىدىغان نەرسە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئارقىلىق دىننىڭ ۋە مۇقەددەس كىتابنىڭ مىللەت نەزىرىدىكى ئورنىنى چۈشۈرۈشكە
تىرىشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە تاللاپ ئەگەشكەن دىنىنى تەتبىقلىشىنى
ئاتالمىش «ۋەتىنىگە، مىللىتىگە مۇھەببەت سۇسلايدىغان، ئەجدادلارنىڭ مىراسى بىلەن
ئىشى يوق» قىلىپ قويغانلىقى بىلەن سەۋەبلەندۈرۈش، شۇنداقلا ئويدۇرما جەريان ۋە
ساختا ھادىسىلەرنى ئويدۇرۇپ ھېكايە تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق دىندىن سوۋۇتۇش تىپىدىكى
نۇقتىئىنەزەرلەرنى بازارغا سالغان. ھالبۇكى، ئاپتورنىڭ تارىخنى پەش قىلىپ تۇرۇپ
ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بۇ سەپسەتىلىرىنى رېئاللىقمۇ، ئىلىممۇ، تارىخمۇ يىپىدىن
يېڭىنىسىغىچە ئىنكار قىلىدىغان بولۇپ، ئاپتور يۇقىرىقىدەك ئىدىيەلەر ئارقىلىق
تىپىك ماتېرىيالىستچە تۇتۇم بىلەن مىللەتنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە تاللىشى بىلەن
ئىشەنگەن ۋە راۋاجلاندۇرۇپ كەلگەن دىنى ۋە مەدەنىيىتىنى پالاكەتنىڭ مەنبەسى،
زاۋاللىقنىڭ سەۋەبكارى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغان. ئالېكساندردەك تاجاۋۇزچىنىڭ
ئېلىپ كەلگەنلىرىنى بولسا ئىجابىيلىق بىلەن تەسۋىرلەپ دىن ئارىلاشمىغان
تەسەۋۋۇردىكى بىر جەمئىيەتنى ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادىدىنىڭ تۇتقان يولى ۋە دۇنيا قارىشى
ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنگە يۇتقۇزماقچى، ئەدەبىي قويمىچىلىق ۋە ھايانكەشلىك ئۇسۇلى
بىلەن پەرىشتە سۈپەت سەبىيلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا ئىزىپ ئىچۈرمەكچى بولغان.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى،
ئاپتور دىندار جەمئىيەتنى تەسۋىرلىگەندە ئىزچىل ھالدا بۇددىستلىقنى راھىبلىق بىلەن
بىر ئورۇنغا قويۇۋېلىش ياكى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئارقىلىق گويا ئوقۇرمەنگە بۇددىست
بولغان جەمئىيەتتە چوقۇم گۆش يېمەيدىغان، چاچ چۈشۈرمەيدىغان مىليونلاپ تاقىر
باشلار توپى ياشايدىغاندەك، بۇددىست ئۇيغۇرلار دېيىلسە، خۇددى غەربكە ساياھەتتىكى
«ئاياللار دۆلىتى»گە ئوخشاش ساپلا چاچسىز ئاقباشلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل
قىلىدىغان، چاچسىزلار يەكلىنىپلا ئۆتىدىغان جەمئىيەتتەك، شۇڭا جەمئىيەتتە دىندار
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ، دىنسىز ۋە دىندار توپ ئارىسىدىمۇ گۆش يېيىش يېمەسلىك، چاچ
چۈشۈرۈش ۋە چۈشۈرمەسلىكتەك توقۇنۇشلار
ئىزچىل داۋاملىق بولۇپ تۇرىدىغاندەك، دۈشمەنگە قارشى قوراللىق سەپكە ئاتلىنىش ۋە
ئاتلانماسلىق تالاشلىرى بولۇشى مۇقەررەردەك، بىر ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەشكە كۈچەيدۇ.
ھالبۇكى، چاچ چۈشۈرۈش، گۆش يېمەسلىك، جاندارغا چېقىلماسلىق قاتارلىقلار بۇددىزمغا
ئەقىدە قىلىدىغان جەمئىيەت ئىچىدىكى روھىي پاكلىق يولىنى تاللىغان ئايرىم توپنىڭ
تۇتقان يولى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇددا مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، قەدىمكى
ھىندى، ئەرەب ۋە باشقا جۇغراپىيەلەردە نەچچە يۈز يىللاپ ئىنسانىيەتنى كېلەچەككە
تۇتاشتۇرغان، بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىدا بەلگىلىك رول ئوينىغان، شۇنداقلا
ھىندى پەلسەپەسىگە ئوخشاش ئۆزگىچە دۇنيا قاراشلارغا ئىگە مەدەنىيەت ھاۋزىلىرىدا
مەيدانغا كەلگەن ھېكمەت، پەن، سەنئەت ۋە دۇنيا قاراشلاردا رول ئالغان، تەسىر كۆرسەتكەن
ھەمدە ئىنسانىيەتنىڭ ئومۇم مەدەنىيەتلەر تارىخىنى چۈشىنىشتە كۆزدىن قاچۇرۇشقا
بولمايدىغان پەرقلىق قانال ۋە ئېقىملارغا ئىگە دىنلاردىن بىرى. شۇنداقلا بۇ دىن
مىڭ يىللاپ سوزۇلغان پەرقلىق مەدەنىيەتلەرگە، دۇنيا قاراشلارغا تەسىر كۆرسىتىپ
كەلگەن بىر دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددىزم دۇنيا قارىشىغا مەنسۇپ بىر جەمئىيەتتە
چاچنى كىملەرنىڭ چۈشۈرۈشى كېرەكلىكى، قايسى يولغا كىرگەنلەر چۈشۈرسىمۇ،
چۈشۈرمىسىمۇ بولىدىغانلىقى، قايسى يۆنىلىشتىكى بۇددىست گۆش يېسە بولىدۇ، قايسى
ئېقىننىڭ يولىغا كىرگەنلەر پەرھىز تۇتۇشى كېرەك دېگەنلەرنى ئايرىيدىغان، جەمئىيەت
تەرەققىياتىغا دائىر مۈشكىلاتلارغا ئۆز نۇقتىئىنەزەرى ئاساسىدا چىقىش يولى
كۆرسىتىش، كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتا
بەلگىلىك كۆز قاراشلارغا، تەلىماتلارغا ئىگە بولغان بىر دىندۇر.
بىراق مەزكۇر
ئاپتور يۇقىرىقىدەك شالغۇت زېھنىيىتىدىكى دىنغا ۋە بۇددىزمغا ئائىت ئىنتايىن
يۈزەكى ۋە پاخپاق سانىلىدىغان چۈشەنچىلىرى ئاساسىدىكى تەسۋىرلىرى، خىيالپەرەسلەرچە
توقۇغان ھېكايىلىرى ئارقىلىق بۈگۈنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز تارىخىغا دائىر
مەدەنىيەتلىشىش باسقۇچى ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بۇرۇلۇش ھالقىلىرىنى چۈشىنىشتىكى
يولىغا چاڭ سېلىپ ئۆزىنىڭ ماتېرىيالىستىك سېكولار ئىدېئولوگىيەسىنى بازار
تاپقۇزۇشقا ئۇرۇنغان ۋە بۇ ئاساستا بۈگۈنكى سېكولار ۋە شالغۇتچە دىن چۈشەنچىلىرىنى
ئۆز تەسۋىرىدىكى بۇددىست جەمئىيەتكە تەتبىقلاش ئارقىلىق خىتاينىڭ سىياسەت
تەدبىرچىلىرىدىن سۈنزىنىڭ 8 - تەدبىرىدىكى « قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش» ھىيلىسى
بويىچە يول تۇتۇپ كۆرگەن. نەتىجىدە بۇ نۇقتىلار ئاپتوردىكى شالغۇت زېھنىيەتنىڭ،
شۇنداقلا ئۆز مىللىتىنىڭ كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىگە ھەمدە سىياسىي تارىخىغا ھۆرمەت
قىلىشنى بىلمەيدىغان، مەسىلىلەرگە تىپىك سېكولار ۋە ئورىيانتالىست زېھنىيەت بىلەن
قارايدىغان شالغۇت قەلەمكەشلىكنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇشتەك قىياپىتىنى نامايان
قىلغان.
مەنبە ۋە
ئىزاھاتلار:
1) ئۇيغۇر بۇلاق، 50- بەت.
2) ئۇيغۇر بۇلاق، 64 - بەت.
3) ئۇيغۇر بۇلاق، 72- بەت.
4) ئۇيغۇر بۇلاق، 74- بەت.
5) يۇقىرىقى مەنبە.
6) ئۇيغۇر بۇلاق، 79- بەت.
7) ئۇيغۇر بۇلاق، 72- بەت.
😎 ئۇيغۇر بۇلاق، 85~86- بەت.
9) ئۇيغۇر بۇلاق، 85- بەت.
10) ئۇيغۇر بۇلاق، 87- بەت.
11) ئۇيغۇر بۇلاق، 86~87- بەت.
12) ئۇيغۇر بۇلاق، 87 – بەت.
13) ئۇيغۇر بۇلاق، 100- 101 – بەت.
14) تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان. 2910 – ھەدىس. ئەلبابنى سەھىھ دەپ
بېكىتكەن.
15) جالالىددىن سۇيۇتى، ئەلئىتقان، بەيرۇت نەشرىياتى، 564 – بەت.
16) ئۇيغۇر بۇلاق، 101- بەت.
17) نۇر سۈرىسى 24 – ئايەت.
18) ياسىن سۈرىسى 65 – ئايەت.
19) ئۇيغۇر بۇلاق، 94- بەت.
مەنبە: «» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder