«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (4)
(ئەدەبىياتىمىزنى قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي
سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر
ھەققىدە ئوبزور)
«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (4)
ئاپتور:
بۇرھان مۇھەممەد
ئۈچىنچى
بۆلۈم
1. ئاتالمىش دىنسىز ۋە دىندار راھىبلار دىيالوگى، ئۆتمۈش ۋە بۈگۈن
مەسىلىسى
ئەسەردىكى «ئۆيى
يوقنىڭ ئويى يوق»(1) دېگەن ماۋزۇلۇق تېمىدا، يۇقىرىقى ئىككى قاشقا ئايرىلغان ۋە
تاڭ قوشۇنىغا قارشىلىق كۆرسىتىش تەرەپدارى بولغان دىندار راھىبلارنىڭ ئۆز توپىنى
يىغىپ شۇ دەۋردە يۈز بېرىشى ئەقىلدىن يىراق بولغان ئۆتۈكەندە ياشايدىغان دىنسىز
يەنى ئاتېئىست ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ بارغانلىقى ۋە بۇلار ئارىسىدىكى
ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەر بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور مەزكۇر تېمىسدا تەسەۋۋۇرىدىكى
ئىدېئال قاراش ھېسابلىنىدىغان دىن ۋە ئەقىلنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ زىتلىقىنى، دۈشمەننى
قوغلاش ئۈچۈن دىننى چۆرۈپ تاشلاپ ئۇيغۇر ئىسمى بويىچە ياشاش كېرەكلىكى قاتارلىق
تىپىك پوزىتىۋىستچە ھەمدە كوممۇنىزم تەسىرىدىكى شىنجاڭچە مەپكۇرىنى ئىلگىرى سۈرگەن
بولۇپ، ئاتېئىست ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندا دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىنسىزلىق
لېنىيەسىدە يۈز يىللاپ مۇستەقىل ياشاپ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى سەپسەتىنى توقۇپ چىقىش
ئارقىلىق مۇستەقىل دىنسىز ئۇيغۇرلارنى دىن سەۋەبلىك بۆلۈنگەن ئۇرۇشقاق دىندارلار
بىلەن دىيالوگ قۇرغۇزىدۇ. ھەمدە دىنسىز تەرەپتىن دىندار تەرەپكە قارىتا بۈگۈنكى
پوزىتىۋىست زېھنىيەت بويىچە سوئاللارنى قويىدۇ. نە ئاجايىپكى، مۇرىتلىرىنى
ئەگەشتۈرۈپ ئۆتۈكەنگە كەلگەن، يەنى مۇرىت توپلىغۇدەك (دىققەت، بۇ يەردىكى ئاپتور
ئۆز بايانىدا ئىشلەتكەن مۇرىت <مۇرىيد> سۆزىمۇ بۇددا مەدەنىيەت تىلىغا ئائىت
ئۇقۇم بولماستىن، ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئائىت ئۇقۇم) باشلامچى رەھبەر دىندارلارنىڭ
جاۋابى دىنىنى بىلىپ ئىشىنىۋاتقان ۋە ئۆز دىنىنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە جاۋاب
بېرەلەيدىغان دىندار ئەمەس، ئەكسىچە پوزىتىۋستلارنىڭ دىندارلارغا بولغان تونۇشىنى
ئىپادىلەيدىغان، تۇتۇرۇقسىز دوگما جاۋاب بېرىدىغان دىندارلار قىلىپ تەسۋىرلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن ئاتېئىستلار گويا چېچەنلىكى بىلەن ئەقلىي سوئال سوراۋاتقاندەك،
ئۆتۈكەنگە كەلگەن دىندارلار بولسا پۈتۈنلەي دوگما جاۋاب بېرىۋاتقاندەك بىر ۋەزىيەت
توقۇپ چىقىلغان. ئاپتور نەزىرىدىكى ئۆتۈكەنلىك دىنسىز ئۇيغۇرلار نەزىرىدە كۆز
ئالدىدىكى دىن ئۇتۇق كەلتۈرەلمەيدىغان، ئۇيغۇرنى خۇددى بۈگۈنكى كۈنىمىزدەك
سەرگەردان، ۋەتەنسىز سۈرگۈندىلەردىن قىلىۋېتىدىغان نەرسە بولۇپ، ئاپتور بۇ
قاراشلارنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شالغۇت زېھنىيىتىنىڭ
سايىسىدە تۈزۈپ چىققان سېنارىيەسى بويىچە ئاۋۋال ئارىستوتېلنىڭ ئىزى بىلەن ماڭغان ئالېكساندرنىڭ
يولىدىن ۋاز كەچكۈزۈش، ئاندىن پۈتۈن مىللەت مىقياسىدا بۇددىستلىققا كۆچۈپ راھىب
بولۇش ئەۋج ئېلىپ ئاقىۋەت دىندار ئۇيغۇرلارنى خىتايغا مەغلۇپ قىلدۇرۇشتەك
سېنارىيەنىڭ ۋەقە ئىزچىللىقىغا ئۆزىچە قاتتىق سادىق بولماقچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن
مەزكۇر تېمىدا سۈرگۈن بولغان دىندار ئۇيغۇرلارغا «ئۆيى يوقنىڭ ئويى يوق» دەپ باھا
بېرىش ئارقىلىق دىندارلارنى ئەقىلسىز ۋە تەپەككۇرسىز قىلىپ تەسۋىرلىمەكچى بولىدۇ.
شۇنداق قىلىپ
يازغۇچى تەرىپىدىن قۇراشتۇرۇپ چىقىلغان ئۆيىمۇ، ئويىمۇ بار ئاقىلانە مەيدان
تۇتىدىغان ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ دىنسىزلار بولغاچقا ھېچقانداق مۇستەملىكىگە
ئۇچرىمىغانلىقتەك بىمەنە پوزىتىۋىست ۋە سېكولار زېھنىيەتنى مۇھاپىزەت قىلغان ھالدا
مەغلۇپ بولغان «دىنسىز» ئۇيغۇرلار تەرەپكە ئۇلارنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقان ۋەزىيەتتىكى
ئاتېئىستلار تەرىپىدىن «بۇددا دىنى ئۇيغۇرلارغا ئۇتۇق كەلتۈرمەيدۇ، بىزنى پەقەت
بۇتپەرەس، سەرگەردان، ۋەتەنسىز سۈرگۈندىلەردىن» قىلىپ قويىدۇ، دېگەن تەرزدە بىمەنە
زاكوننى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. ئۆتۈكەندىكى ئاتالمىش دىنسىز ئۇيغۇرلار يەنە خۇددى
بۈگۈننىڭ ئورىيانتالىستلىرى، كوممۇنىست ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە شالغۇت زېھنىيەتلىك
پوزىتىۋىستلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ دىنىغا نەشتەر
سانجىيدىغان، قىتغورلۇق ۋە ماتېرىيالىست تىپىدىكى مۇنداق سوئاللارنى تاشلايدۇ:
«سىلەر بۇتقا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەر مەھەللىگە بۇتخانا سالغان، ھەر ئۆيدىن بىردىن
بالىنى نوم يادلاتقان تۇرۇپ نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن قوغلاندىڭلار؟ سىلەرنى باش
ئۇرغان بۇتۇڭلار نېمىشقا قوغدىمىدى؟ سىلەر بۇنى سىناق دەيسىلەر، ئۇنداقتا بۇتۇڭلار
سىلەرنى قاچانغىچە سىنايدىكەن. پەقەت سىلەرنىلا ئاياغلاشماس سۈرگۈن، سەرسانلىق ۋە
ۋەيرانچىلىق بىلەن سىنامدىكەن؟ نېمىشقا خۇدايىڭلار سىلەردەك بۇتپەرەس ھىندىلارنى،
خىتاينى، مۇڭغۇلنى سىنىماي پەقەت سىلەرنىلا سىنايدىكەن؟ بۇتۇڭلار ئادىل بولسا
سىلەرنى قوغلاپ چىقارغان خىتاي بۇتپەرەسلەرنى سىنىماي دائىم سىلەرنىلا مۇسىبەت
بىلەن سىنايدۇ؟...»(2).
مانا مۇشۇنداق
ئاز كەم بىر بەتكە يېقىن سوئاللار دۆۋىسى ئارقىلىق ئاپتور تىپىك ماتېرىيالىستچە
تۇتۇم ئاساسىدا دىندارلارنىڭ دىنغا ئىشىنىشىنى نوقۇل سىياسىي غالىبلىقنىڭ يولى
قىلغان دەپ ئويلىۋالىدۇ، ھەمدە تەڭرى بىلەن ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى گويا
پۈتۈنلەي سودىلىشىش ۋە توختام ئۈستىگە قۇرۇلغان نەرسە دەپ قارايدىغان پىروتستانتچە
دىن چۈشەنچىسى ۋە ماتېرىيالىستچە تۇتۇمىنى ئاشكارىلايدۇ. يەنى ئەسەرنىڭ باش
قىسىملىرىدىن باشلاپ پەيدىنپەي داۋاملىشىپ كەلگەن شۇنچە يوشۇرۇن ئىماگلار،
سېنارىيەلەردىكى ئاۋايلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەجازىي ئىپادىلەر، كىنايىلەر
ئارىسىدىن بىردىنلا تەسەۋۋۇرىدا قۇرۇۋالغان ئاتالمىش ئاقىللىقنىڭ ئوبرازىنى
ئاشكارىلىققا ئۆتكۈزۈپ، ئاتېئىست ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئارقىلىق ئېغىزىغا سېلىۋېلىپ
كۆرسەتمەيۋاتقان تالقانلىرىنى بىر - بىرلەپ چىقىرىشقا، مىللەتنىڭ سۈرگۈندە
ۋەتەنسىز ياشاپمۇ دىنىنى ۋە ئېتىقادىنى تاشلىمايۋاتقانلىقىغا ئېچىنىۋاتقانلىقىدەك
بىچارە مىسكىن زېھنىيەتنى ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك سوئاللارنى تاشلاشقا
باشلايدۇ.
مانا بۇ ئورۇندا
2019 – يىلى ۋەتەندىكى ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەن، ۋەتەننىڭ ئاھۇ -
زارىنى، زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا باتۇرانىلىق بىلەن جاسارەت كۆرسەتكەن، دۇنياغا
ئۇيغۇرلارنىڭ داد - پەريادىنى ئاڭلاتقان ھۆرمەتلىك زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ لاگېرغا
قامالغان دەسلەپكى كۈنلەردىكى قىسمەتلىرىنى كىشىنىڭ يادىغا سالماي تۇرالمايدۇ.
زۇمرەت خانىمنىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېيتىپ بېرىشىچە، لاگېردا قامىلىپ ئىككىنچى كۈنى
ئۇ يەردىكى قەبىھ تۈزۈملەردىن بىخەۋەر بولغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇندىكى ئاجىز بىر
مومايغا ئۆزىگە بېرىلگەن مومىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆمرىدە يېمىگەن ئازار
ۋە ئېغىر تاياققا دۇچ كېلىدۇ. شىددەتلىك تاياق زەربىسىدە زۇمرەت خانىم «ئاھ خۇدا»،
دېگەن بىر كەلىمە سۆزنى، دەپ تاشلايدۇ.
كۈچىنى پىراگماتىست ئەقلىدىن، غالىبىيىتىنى دىنسىزلىقتىن، ئالدىدىكى
مەزلۇمنىڭ مەغلۇبىيىتىنى دىنىدارلىقىدىن كۆرىدىغان ماتېرىيالىست خىتاي بولسا،
زۇمرەت خانىمنى «سەن خۇدا دېدىڭغۇ، يامان بولساڭ خۇدايىڭنى چاقىرە ، خۇدايىڭ كېلىپ
سېنى قۇتقازسۇن»، دەپ تېخىمۇ قاتتىق ئۇرۇپ زۇلۇم سالىدۇ.
ئاپتورنىڭ
بەدىئىي توقۇلمىسىدىكى دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەنتىقىسى دەرۋەقە لاگېردىكى مەزكۇر
دىنسىز خىتاينىڭ مەنتىقىسى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، لاگېردىكى دىنسىز
خىتاينىڭ ھال تەقەززاسى بىلەن سۆزلەۋاتقان زاكونى شۇكى: «مەن خۇدايىڭغا
ئىشەنمەيمەن، چۈنكى مەن غالىب، سەن مەھكۇم، خۇدايىڭ ئادىل بولغان بولسا، سېنى
مەھكۇم قىلىپ قويمايتتى». ئۆتۈكەندىكى دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ، يەنى ئاپتور نەزىرىدە
ئاقىل سۈپىتىدە ئوبرازلاشتۇرۇلغان ئاتېئىسىتلارنىڭ مەنتىقىسىمۇ ئۇلارنىڭ يۇقىرىدا
قويغان سوئاللىرىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرغاندەك مەزكۇر دىنسىز خىتاينىڭ زاكونى ۋە
مەنتىقىسىدە سوئال قويماقتا. دەرۋەقە، مەزكۇر ئاتېئىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ
ئىسلامغا ئەقىدە قىلىشىنى ئاتېئىستلىق نەزەر بىلەن خۇدا بىلەن تۈزۈلىدىغان توختام،
خۇدانىڭ ئىبادەت قىلىدىغان بەندىگە ئېھتىياجى باردەك، بەندە ئۆزىگە ئىبادەت قىلسا
ئۇنىڭغا مەڭگۈ دۆلەت سۈرۈپ غالىب كېلىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە قىلىدىغاندەك ئويلايدۇ،
ئۆتكۈنچە مەغلۇبىيەتلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىدەك، قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن ئىش
تۇتۇلغان چاغدا، سەۋەبكە قاراپ نەتىجىنىڭ دىندار ياكى دىنسىز دېمەستىن، ئاتېئىست
ياكى مۇسۇلمان دېمەستىن ئىشقا ئېشىشىغا يول قويىدىغانلىقىنىڭمۇ بىر دىنىي چۈشەنچە
ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. يەنى مەزكۇر ئاتېئىستچە زېھنىيەتتە دىندار بىلەن
خۇدانىڭ مۇناسىۋىتى «مەن ساڭا ئىبادەت قىلدىم، ئەمدى ماڭا ياردەم قىلىشىڭ كېرەك»،
دەيدىغان زاكون ئاساسىدىكى سودىلىشىشمۇ، ياكى دىن ۋە دىندارلىق بۇنداق
ماتېرىيالىست زېھنىيەتتىن ئادا-جۇدامۇ، دېگەن نۇقتىلارنى ھېچ نەزەرگە ئېلىپ
سالمايدۇ. دىندارلار نەزىرىدە ئەھۋال
راستتىنلا شۇنداقمۇ، ياكى ئۇلارنىڭ بەندىلىك چۈشەنچىسى، تەڭرى چۈشەنچىسى، دۇنيانىڭ
نىزامى، يەر يۈزىگە تەڭرىنىڭ قويغان قانۇنىيەتلىرى، يېڭىش ۋە يېڭىلىنىش، نۇسرەت
ياكى غەلىبە چۈشەنچىلىرى دىن ۋە دىندارلار نەزىرىدە ئەسلىدە قانداق ئىدى، دېگەننى
ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ-دە، دىندارلار تەڭرىگە ئىبادەت قىلىدىغان ۋاقىتتا، تۈگەل
ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولماسلىقى ئۈچۈن ھەمدەمگە دەرھال ئۇچۇپ كېلىدىغانلىقى بىلەن
توختاملاشقاندەك بىر ۋەزىيەتنى ئالدىن ئويلاپ مۇقىمدىۋالىدۇ ۋە بۇنىڭدا دىننىڭ
ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر
ماتېرىيالىست ئۆزىنى ئۆزى ھەقلىق چىقىرىپ تۇرۇپ دىندارلارغا ۋە دىندارلىققا باھا
بېرىدۇ. لاگېردىكى ئاتېئىستنىك مەنتىقىسىنى ئەگەر بەدىئىي تىلغا چۈشۈرگىنىمىزدە،
ئۆتۈكەندىكى دىنسىز ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش مەنتىقىدە ئىكەنلىكى ئۆز - ئۆزىدىن
مەلۇم بولۇپ، بۇ مەنتىقە بويىچە خۇددى ئۆتۈكەندىكى ئاتالمىش «دىنسىز ئۇيغۇرلار»غا
ئوخشاش، مەزكۇر لاگېردىكى ئاتېئىست خىتاي دىندار ئۇيغۇرغا شۇ مەنتىقە بىلەن زاكون
قويماقتا: «سىلەر ئاللاھقا ھۆرمەت قىلغان، ھەر مەھەللىگە مەسجىد سالغان، ھەر
ئۆيدىن بىر بالىنى قۇرئان يادلىتىپ قارىي قىلىدىغان تۇرۇپ نېمىشقا يۇرتۇڭلاردىن
قوغلاندىڭلار؟ سىلەر ھۆرمەت قىلغان، سەجدە قىلغان ئاللاھىڭلار نېمىشقا سىلەرنى
قوغدىمىدى؟ سىلەر بۇنى ئاللاھتىن كەلگەن سىناق دەيسىلەر، ئۇنداقتا ئاللاھىڭلار
سىلەرنى قاچانغىچە سىنايدىكەن، پەقەت سىلەرنىلا ئاياغلاشماس سۈرگۈن، سەرسانلىق ۋە
ۋەيرانچىلىق بىلەن سىنامدىكەن؟ نېمىشقا خۇدايىڭلار سىلەردەك خۇداگۇي ئەرەبلەرنى،
پارس ۋە مالايلارنى سىنىماي پەقەت سىلەرنىلا سىنايدىكەن؟ ئاللاھىڭلار ئادىل بولسا
سىلەرنى قوغلاپ چىقارغان خىتايلار ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارنىمۇ سىلەرگە ئوخشاش
سىنىماي دائىم سىلەرنىلا مۇسىبەت بىلەن سىنايدۇ؟..».
مانا بۇ
مەنتىقىدە ئاپتور ياراتقان ماتېرىيالىست ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىيىتى بىلەن زۇمرەت
خانىمنى قىيناۋاتقان چاغدىكى ئاتېئىست خىتاينىڭ زاكونى ئوخشاش كاتېگورىيەدە بولۇپ،
بۇ قەدەر ئوخشاشلىق، بۇ قەدەر باب كېلىشلەرنىڭ، ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدىكى مەدھىيە
ئوبرازى بولغان ئاتېئىستلار بىلەن بىردەك بولۇشىنىڭ تاسادىپىيلىق بولۇشىنىڭ مۇمكىن
ئەمەسلىكى، سېنارىيەدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ لاگېردىكى ئاتېئىستنىڭ مەنتىقىسى بىلەن
ئوخشاش تەرزدە مەسىلىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى پاراسەتلىك ئوقۇرمەن ئۈچۈن ئېنىق
مەسىلە.
بۇ نۇقتىلارنى
يەنە ئۆتۈكەنگە كېلىپمۇ دىندارلىقىنى بۇرۇنقىدەكلا پاسسىپلىق بويىچە ئىشلىتىپ نىزا
چىقىرىۋاتقان تارىملىق بۇددىستلارغا كايىغان، ھەمدە دىنسىز ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن
چۈشەنچە بېرىپ ئېيتقان بىلگە قاغاننىڭ تىلىدىكى «بىز ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆكتىن
تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت» بايانىنىڭ داۋامىدىكى سۆزلەرمۇ تەكىتلەيدۇ: «بىز
ئۇيۇشقان ئۇيغۇر بولغاچ سىلەرگە ئىشىنىمىز، ئەمما سىلەرنى خىتايغا قۇل قىلغان
بۇتقا ئىشەنمەيمىز. بىز باشتىكى ئەقىل ۋە قولىمىزدىكى قىلىچقا ئىشىنىمىز، ئۇيغۇر
ھەرقانداق قۇللۇققا قارشى، شۇڭا بىز بۇتقا قۇل بولمايمىز ھەمدە ھەرقانداق قۇللۇققا
گول بولمايمىز...» (3).
يۇقىرىقى
بايانلار دەرۋەقە پۈتۈنلەي ئاتېئىست زېھنىيەت بىلەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئاپتور
مەزكۇر سېنارىيەسىدە دىندارلارنى ئو قەدەر سەلبىي ۋە بىزارلىق ئېلىپ كەلگۈچى
پاسسىپ ئىنسانلار قىلىپ تەسۋىرلىگەن بولسا، بىلگە قاغان تىلىدا، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ
رەھبىرى ۋە يولباشچىسىنىڭ تىلىدا دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان تىپىك
ئاتېئىست زېھنىيەت بىلەن ئىپادە بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان. مانا بۇ پىكىرلەر ئۆز
نۆۋىتىدە بۈگۈنكى سېكولار زېھنىيەتلىك ماتېرىيالىست زىيالىيلارنىڭ مەنتىقىسى
بولۇپ، ئۇلارچە بولغاندا ياراتقۇچى ئاللاھقا بەندىلىك قىلىش بىلەن ئىنسانلارغا
زۇلۇم قىلىپ تۇرۇپ مەجبۇرىي قۇل قىلىۋاتقان زالىملارغا قۇل بولۇش ئوتتۇرىسىدا پەرق
يوق. شۇڭا، ئاتالمىش ھۆرلۈكنىڭ يولى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە خۇددى ئاپتور زېھنىيىتىدىكى
ھەمدە دىنسىز ۋە دىندار ئوتتۇرىسىدا گەپنى لىللا قىلىپ كەسكۈچى قىلىپ كۆرسىتىلگەن
بىلگە قاغاننىڭ تىلىدىكى «بىز باشتىكى ئەقىل ۋە قولىمىزدىكى قىلىچقا ئىشىنىمىز،
ئۇيغۇر ھەرقانداق قۇللۇققا قارشى، شۇڭا بىز بۇتقا قۇل بولمايمىز ھەمدە ھەرقانداق
قۇللۇققا گول بولمايمىز...» دېگەن شوئارى
بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.
ئەسەردە ئاپتور
يەنە بىلگە قاغان تىلى بىلەن يۇقىرىقى سۆزلەرگە ئۇلاپ مۇنۇلارنى جاكارلايدۇ: «بىز
ھىندىچە نومغا بويسۇنمايمىز، بىزنىڭ تاشقا ئويۇلغان ئۇيغۇرچە قانۇنىمىز بار،
بىزنىڭ بايلىقىمىزنى، بەختىمىزنى بۇت ياراتمايدۇ. بىز ئۇنى ماڭلاي تەرىمىز بىلەن
بەرپا قىلىمىز. بىزنى ياۋدىن بۇت ساقلىمايدۇ، قىلىچ ساقلايدۇ. سىلەرنى خىتايدىن
قوغدىيالمىغان بۇت ئېلىمىزنى قوغداپ بەرمەيدۇ. بىز قۇتلۇق ئەلنى، ئەزىز مىللەتنى
باشتىكى ئەقىل، قولدىكى قىلىچ بىلەن ئۆزىمىزنى قوغدايمىز»(4).
ئاپتورنىڭ
ئۇيغۇرلارغا باش قىلىپ تەيىنلىگەن بىلگە
قاغان ئوبرازىدىكى مەزكۇر باياناتىدا دىنسىز ئۇيغۇرلارنىڭ تەرىپىنى كۈچلەندۈرگەن
ۋە ئۇلارنى ھەقلىققا چىقىرىش يۈزىسىدىن ئېيتقان يۇقىرىقى ئۈزۇندىدىن كۆرۈۋېلىشقا
بولىدۇكى، ئاپتور بىلگە قاغاننىڭ «بىز تەڭرىنىڭ قوڭۇر يەردىكى ئەركىلىرى»، «بىز
ئەركىنلىك ئۈچۈن كۆكتىن تامغان، يەردىن ئۈنگەن مىللەت»، دېگەن سۆزلىرىدىن تاكى
«بىزنى ياۋدىن بۇت ساقلىمايدۇ، قىلىچ ساقلايدۇ... ئەقىل ۋە قورالغا ئىشىنىمىز،
ئەقىل ۋە قورالغا تايىنىپ مىللەتنى قوغدايمىز»، دېگەن سۆزلىرىگىچە بولغان سۆزلەر
دەرۋەقە ئاپتور نەزىرىدىكى پاسسىپلىق ۋە بىزارلىق ئوبرازلىرى بىلەن بويىۋەتكەن
بەتبەشىرەلەشتۈرۈلگەن دىندارلارغا قارشى ئاقىلانە يول سۈپىتىدە پۈتۈنلەي
پوزىتىۋىست سېكولار زېھنىيەتتىكى زىيالىيلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەش
ئارقىلىق ئوقۇرمەن ئەۋلادلارنىڭ زېھنىگە ئاتالمىش بىلگە قاغان ئىدېئولوگىيەسىنى
پىچىرلىماقچى بولغان.
ئاپتور يەنە
خۇددى ئالدىنقى تېمىدىكى ئۇسلۇبىغا ئوخشاش، ماھىيەت ۋە مۇددىئا نۇقتىسىدىن بۈگۈنكى
ئۇيغۇرلارنىڭ دىن چۈشەنچىسىنى بۇت، نوم قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ
قامچىلىماقچى بولغان بولۇپ، مىللەتنى قۇتقۇزۇشنىڭ يولىنىڭ بۇددىستلارغا پەند
بەرگەن ئاتالمىش ئەپسانىۋى ئوبراز «بىلگە قاغان»نىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك، دىنغا
يېقىن يولىماسلىق، پەقەتلا ئەقىل ۋە قورالغا تايىنىپ مىللەتنى قۇتقۇزۇش لازىملىقى
ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەگەر بىز بىلگە قاغان ئوبرازىدا ئىپادىلەنگەن مەزكۇر سېكولار
زېھنىيەتنى تۆۋەندىكىچە ئوقۇغىنىمىزدا، ئاپتورنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى كۆپ تەڭرىچىلىك
ئېتىقاد شەكلى بولغان بۇتلارغا چوقۇنىدىغان بۇددىستلارغا ئەمەس، ئەكسىچە بىرلا
خۇداغا، يەنى ئاپتور نەزىرىدىكى بۇت (خۇدا) غا چوقۇنۇۋاتقان مۇسۇلمانلارغا
ئاتالمىش ئاقىلانە سۆزى بىلەن خىتاب قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلغا قىلماق تەس ئەمەس.
ئاپتور زېھنىيتىدىكى ئوبراز بويىچە بۇت ۋە نوم قاتارلىق سىمۋول ئىپادىلەر
ئىشلىتىلگەن مەزكۇر باياندا بىلگە قاغان تىلى ئارقىلىق شۇ تەرزدىكى سۆزلەرنى
زېھنىمىزغا پىچىرلىماقچى بولىدۇ: «بىز ئۇيۇشقان ئۇيغۇر بولغاچ سىلەر (دىندار)
لارغا ئىشەنمەيمىز، ئۇيغۇر ھەرقانداق قۇللۇققا قارشى، شۇڭا بىز بۇت(خۇدا)غا قۇل
(بەندە) بولمايمىز ھەمدە «ھەر قانداق قۇللۇق»قا گول بولمايمىز. بىز ھىندىچە
(ئەرەبچە) نوم (قۇرئان) غا بويسۇنمايمىز، بىزنىڭ تاشقا ئويۇلغان پۈتۈكلىرىمىز بار.
بىزنىڭ بايلىقىمىزنى، بەختىمىزنى خۇدا ياراتمايدۇ، بىز ئۇنى ماڭلاي تەرىمىز بىلەن
بەرپا قىلىمىز. بىزنى ياۋدىن بۇت (خۇدا) ساقلىمايدۇ، قىلىچ (قورال) ساقلايدۇ.
سىلەرنى خىتايدىن قوغدىيالمىغان بۇت (خۇدا) ئېلىمىزنى قوغداپ بەرمەيدۇ. بىز قۇتلۇق
ئەلنى، ئەزىز مىللەتنى باشتىكى ئەقىل، قولدىكى قىلىچ بىلەن ئۆزىمىز قوغدايمىز.».
كۆرۈۋېلىشقا
بولىدۇكى، ئاپتور ئىسكەندەر ھەققىدە دىۋاندا كەلگەن ئىككى رىۋايەتنى باشقا
مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز ئۇچۇرلار بىلەن خامانلاپ بەدىئىيلىك نىقابى ئاستىدا
ھەر تۈرلۈك ئىدېئولوگىيەلىك قاراشلارنى تارىخ سىياقىدا ئوقۇرمەننىڭ زېھنىگە
نەقىشلىمەكچى بولغان. ئۇيغۇرلارنى ئالېكساندردىن كەلگەن مەدەنىيەتكە ئىگە چىقماي
دىنغا ئىشەنگەندىن كېيىنكى دەۋرلەردە دىننىڭ كاساپىتىدىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنىڭ
كۆمۈلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. تاشقى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇشقا توغرا كەلگەندە
دۆلەت مىقياسىدا ئىككى قاشقا بۆلۈنگەن ئىككى
گۇرۇپپا دىندار ئاپتورنىڭ ئىپادىسى بىلەن بىر - بىرىگە قارشى پەتىۋا پىچىشىپ،
بىرلىك يارىتالماي مەغلۇپ بولغان.
ئاپتور يەنە
سېنارىيەدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ھېساب - كىتابىنى قىلماق ئۈچۈن ئۆتۈكەندىكى دىنسىز
ئۇيغۇرلار توپىنى توقۇپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە مۇستەقىل ھالىتىدە يۈز يىللاپ
ياشاپ كەلگەنلىك توغرۇلۇق ساختا تارىخنى ياسايدۇ. ئاندىن ئۇلارنى مەغلۇپ بولۇپ
سۈرگۈن ۋە سەرسان ياشاۋاتقان دىندار توپقا ئىگە چىقارغۇزىدۇ. ئارقىدىن ئۇلارنىڭ
تىلى بىلەن ئەينەن بۈگۈنكى سەرسانلىقتا ياشاۋاتقانغا ئوخشاش قىسمەتتىكى
ئۇيغۇرلارغا مەغلۇبىيەتنىڭ باش جاۋابكارىنىڭ دىندارلىق ئىكەنلىكى، سەرسانلىقنى
تۈگىتىش ئۈچۈن خۇداغا بەندە بولۇشنى قويۇپ ئەقىل ۋە قورالغا تايىنىشقا چاقىرىدۇ.
قىسقىسى، بۇ سېنارىيەدە لاگېردا بەئەينى خىتايلارنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش
تەشۋىقاتلىرىدا ئۆگىتىلىۋاتقان «ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارغا سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئېلىپ
كىرىشى بىلەن يېيىلغان بىر خىل كېسەللىك» دېگەن ئىدىيە بىلەن ئوخشاش نەغمىگە
چېلىۋاتقان بۇ ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدە ھىندىستانلىق تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ
بازىرىنى كاساتلاشتۇرۇپ ئۆز بازىرىنى قىزىتىش تىپىدىكى ئويۇنلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ
ئالدىنىپ كېتىپ تاكى بىلگە قاغاننىڭ ۋەزىيەتكە باھا بېرىپ دىنسىزلىقنى شوئار
قىلغان باياناتىغا قەدەر تارتقۇلۇقلارنى تارتىپلا كېلىدۇ. يەنى، ئاپتور نەزىرىدىكى
مەزكۇر ئەدەبىي تەشۋىقاتتىمۇ ئوخشاشلا دىننىڭ ئۇيغۇرلارغا كېلىشى چەتئەل
كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى بىلەن، ئالداپ دىنغا باشلاش نەيرەڭلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ
ئالدىنىپ دىندار بولۇپ كەتكەنلىكى سەپسەتىسى بىلەن ئوخشاش مۇددىئانى تەڭكەش قىلىپ
كەلگەن. يېغىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر ئەدەبىي ئەسەردە ئۇيغۇر ئەۋلادلارغا تارىخنى
سۆيدۈرۈش، ئەدەبىي جەھەتتىن تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈپ، چۆچەكلەشتۈرۈپ ئاڭلىتىش
شوئارى بىلەن دىققەتنى تارىخىي پۇراقلارغا تولغان سىمۋوللۇق بايانلارغا بۇرىغان
بولسىمۇ، ماھىيەتتە ئاپتور بۈگۈننىڭ سېكولار زېھنىيىتىدىن، ئاسارەت دەۋرىدىكى
كوممۇنىزم مائارىپىدا يېتىشكەن شالغۇت زېھنىيەتلىك زىيالىيلارچە ھېسسىي، دوگماتىك،
يۈزەكى ۋە ماتېرىيالىستچە تەپەككۇر رامكىسىدىن چىقالمىغان. چوڭلارغا قارىتا
تەشۋىقات جەھەتلەردە دىققەتنى تارىخنى ھېكايىلەشتۈرۈشكە بۇرىغان بولسا، بىۋاسىتە
كىتاب بىلەن يۈزلىشىپ، كىتابتىكى تەسۋىرلەر بىلەن سەيلى قىلىپ، كىتابتىكى
تەسۋىرلەردىن بۈگۈنكى ھاياتىغا، تەپەككۇر ئۇسۇلىغا يورۇقلۇق ئىزدىمەكچى بولغان
پەرىشتە سۈپەت ئەۋلادلارغا بولسا، تىپىك سېكولار، پوزىتىۋىست ئىدېئولوگىيەلەر ۋە
ئورىيانتالىستچە تارىخ چۈشەنچىلىرىگە تولغان بىر تالاي قوراشتۇرۇلمىلار دۆۋىسىنى
تەقدىم قىلىش ئارقىلىق بەئەينى سۈنزىنىڭ 8
- تەدبىرىگە ئۇيغۇن بولغان «قۇيرۇق كۆرسىتىپ، ئۆپكە سېتىش» ھېيلىسى بويىچە
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىگەن.
بىر مىللەتنىڭ
تارىخى، مەدەنىيەت تەجرىبىلىرى ھەمدە ئۇ مىللەتنىڭ دۇنيا قارىشىنى شەكىللەندۈرگەن
دىنىي قىممەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكىنى، كىملىكىنى قۇرۇپ چىقىدىغان مىللىي
ئۇنسۇرلىرى ئەمەلىيەتتە شۇ مىللەتنىڭ ھەقىقەتلىرىدۇر. مەزكۇر «ئۇيغۇر بۇلاق»
ناملىق ئەسەر بولسا، مىللەتنىڭ ھەقىقەتلىرىگە مەشئەل تۇتۇشنى ئەمەس، ئەكسىچە
ھەقىقەتلىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىش، چۆكۈرۈش،
سەپسەتىلەشتۈرۈش، قالايمىقانلاشتۇرۇش، بەلكى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان ئۇزۇن
يىللىق مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ ئۇل ئاساسلىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەرغىب قىلىشنى،
ئوقۇرمەننىڭ زېھنىنى مانا بۇ غايىلەرگە يېتەكلەش ئۈچۈن غىدىقلاشنى نىشان قىلغان.
نەتىجىدە ئاپتور بۇ ئەسەر ئارقىلىق يالقۇن روزى ئەپەندىمنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى
بويىچە، مىللەتنىڭ ھەقىقەتلىرىنى سېتىپ يېيىش تىپىدىكى «ھايانكەشلىك» خاراكتېرىنى
ئۆزىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، بەلكى بۇ خۇسۇستا نەمۇنە تېكلىگەن. شۇنداقلا مەزكۇر
ئەسەرنىمۇ شالغۇت زېھنىيەت ئىنشا قىلىش تىپىدىكى ئەسەرلەردىن بولۇش جەھەتتىكى
نامزاتلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۆرنەكلىك ئەسەر، دەپ
مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
مەنبە ۋە
ئىزاھاتلار:
1) ئۇيغۇر بۇلاق، 90- بەت.
2) ئۇيغۇر بۇلاق، 98~99- بەتلەر.
3) ئۇيغۇر بۇلاق، 102- بەت.
4) يۇقىرىقى مەنبە.
مەنبە: «» سەھىپىسى
Yorumlar