«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (5)

  

(ئەدەبىياتىمىزنى قاماللاپ كەلگەن ھايانكەشلىك ۋە زېھنىي سۇيىقەستچىلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى تىپىك ئۆرنىكى بولغان «ئۇيغۇر بۇلاق» ناملىق ئەسەر ھەققىدە ئوبزور)


«ئۇيغۇر بۇلاق» ۋە ئەدەبىيات ھايانكەشلىكى (5)

ئاپتور: بۇرھان مۇھەممەد

 

2. تارىختىكى فارابىي ۋە ياساپ چىقىلغان «فارابىي» مەسىلىسى

ئەسەردىكى يەنە بىر تارىخىي ئوبراز تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق پەخرى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دانىشمىنى ۋە ئىنسانىيەت ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بۈيۈك نامايەندىلەردىن بىرى بولغان ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تارخان ئىبنى ئۇزلۇغدۇر. «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە خاراكتېرىدىن مەلۇم بولۇپ كەلگەندەك، ئاپتور بەدىئىيلەشتۈرگەن ۋە ئىجاد قىلىنغان شەخسلەر، ئاتېئىستلىقى، دىنسىزلىقى بىلەن قانداقتۇر بۈگۈنكى ئىنسانلار نەزىرىدە ئىلغارلىق سانىلىدىغان سۈپەتلەرگە ئوراپ تاشلىنىش بىلەن ئىلغار، دانا قىلىپ تەسۋىرلەنگەن. قاچانكى زاۋاللىق ۋە مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتسا، مەزكۇر بەدىئىي شەخسلەر ئاقىلانە شوئارلىرى ئاساسىدا مىللەتكە ئاتالمىش «چىقىش يولى»نى كۆرسەتكۈچىلەر قىلىپ تەسۋىرلەنسە، ھەقىقىي تارىخىي شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ شانلىق ئوبرازى ۋە نام - شەرەپلىرى ئاپتور ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىدىيەنى دەستەكلەشكە ياردەمچى رول ئورنىدا ئىشلىتىلگەن ياكى بولمىسا ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى تارىخنىڭ ئىچىدە كېتىۋاتقانلىققا جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئارىيەت ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. بىز يەنە ئاپتورنىڭ مەزكۇر تارىخىي ئوبرازلارنى قانداقتۇر ئاپتورنىڭ ئوقۇرمەننى «ھەق راس»، دەۋەتكۈزمەكچى بولغان نۇقتىئىينەزەرلىرىنى بازارغا سېلىشتا ياردەمچى رول سۈپىتىدە ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەسەردە ئەنە شۇنداق تارىخىي ھەقىقىتى نامەلۇم بولغان، بەدىئىي توقۇلما ئېھتىياجى بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىلغان «شۇخان»، «قازۋىن»، «بىلگە قاغان»، «ئەندىر» قاتارلىق ئىجادىي قەھرىمان ئوبرازلارنىڭ ئىنتايىن گەۋدىلىك ھەمدە ئاپتور زېھنىيىتىدىكى «ئۇيغۇرلۇق»نىڭ ۋەكىللىرى قىلىپ تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرگەن بولساق، مەزكۇر ئوبرازلارنىڭ يەنە ئاپتورنىڭ ئۇيغۇرلۇق دۇنياسىنىڭ رېئاللىقى بىلەن ئالاقىسى يوق ئىدېئولوگىيەلەرنى بازارغا سېلىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلۇق مەپكۇرىسى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىگە ئالاقىسىز بولغان بىر تۈرلۈك «ئۇتوپىيەلىك» ئارزۇلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋاسىتە قىلغانلىقىغا، ئاتالمىش شالغۇت زېھنىيەتتىكى سېكولار ۋە پوزىتىۋىستچە دۇنيا قاراش ھەمدە ماتېرىيالىستىك ئاڭ - تەسەۋۋۇرلارنى بېيىتىشقا كۈچىگەنلىكىگە ۋە بۇ رولنى ئۆتىگۈچىلەرگە باش روللۇقنى پىچقانلىقىغا شاھىت بولۇمىز. دەرۋەقە، سېنارىيەدىكى ئارىستوتېل، مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابىي قاتارلىقلار تارىخىي شەخسىيەت ۋە ھەقىقىي ئوبراز بولۇشىغا قارىماي ئۇلارغا ئىككىلەمچى ھەمدە باش رولچىلارنىڭ سېنارىيەدىكى رولىنى كۈچەيتكۈچى، دەستەكلىگۈچى ياردەمچى رول تۇتقۇزۇلغان بولۇپ، يۇقىرىقىغا ئوخشاش توقۇلما ئوبرازلارغا بولسا، كىتابنىڭ غول قىسمىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان تۈپ ئىدىيەلەرنى يورۇتۇشتىكى ئاساسىي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. ئېتەكلەر ياقا، ياقىلار ئېتەك قىلىنغان بىر دۇنيانىڭ تىپىك مودېلىنى ياساپ چىقىشقا ئۇرۇنغان مەزكۇر ئاپتور ئۆز ئۇتوپىيەسدە تارىخقا ئائىت ۋە كىملىك شەخسىيەتلىرى ئېنىق بولغان ئوبرازلارنى خۇددى تارىخنى پەش قىلىپ ئىچى قۇرۇقدالغان «ئۇيغۇرلۇق»نى قانداق ساختا ئىدېئولوگىيەلەر بىلەن بېزىمەكچى بولغان بولسا، مەزكۇر تارىخقا ئائىت شەخسىيەتلەرنىمۇ ئەنە شۇ ئۇتوپىيەلىك خام تەسەۋۋۇرلارنى تارىخلاشتۇرۇپ سەپسەتىلەشتۇرۇش ئىشىدا بېزەك ئورنىدا ئىشلىتىشتىن يانمىغانلىقى مەلۇم. ئەسەردىكى بۇ خىل ئۇسلۇب تاكى «بالا ئالىم»(1) ناملىق تېمىغا كەلگەنگە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، مەزكۇر تېمىغا كەلگەندە ئاپتور يۇقىرىقىدەك «ساختا ئوبرازلار ئاساسىدىكى سەپسەتىلىرىنى ھەقىقىي ئوبرازلارنى «كۈنلۈك قىلىش» ئۇسۇلىدا بازارغا سېلىش مېتودىدىن بىراقلا چېكىنىپ تارىخىي ئوبرازنىڭ ئۆزىنى بىراقلا ساختىلاشتۇرماقچى، تارىختىكى ئەسلىي ئوبرازى بىلەن قىلچە ئۇيۇشمايدىغان شەكىلدە قايتا ياساپ چىقماقچى بولىدۇ. ھەمدە ياساپ چىقىلغان ۋە ساختىلاشتۇرۇلغان ئوبرازنى «ھېكايىلەشتۈرۈلگەن تارىخ» ناملىق بوياقتا ئوقۇرمەنگە سۇنماقچى ۋە بۇ ئوبرازنى مەركەز قىلغان ھالدا مىللەتنىڭ قەھرىمان ئەجدادلىرىنى ئەۋلادلار زېھنىگە ئەسلىگە سادىق بولغان ئاساستا ئەمەس، بەلكى ئۆز زېھنىيىتىدىكى شالغۇت تەسەۋۋۇرلار ئاساسىدا تونۇشتۇرماقچى بولىدۇ.

تارىخىي مەنبەلەردە فارابىينىڭ ھاياتى ۋە ئىش - ئىزلىرى ھەققىدە بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرى ھەققىدە ئومۇمەن مەلۇماتنىڭ يوقلۇقى، ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئۇنىڭ 40 ياش بىلەن 50 ياش ئارىسىدىكى مەزگىللىرىدە باغداتقا قەدەم قويغان ۋاقتىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىن باشلىنىپ قەيتكە ئېلىنىشقا باشلانغانلىقى بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققان كىشىگە ئايان بولىدىغان ئېنىق بىر مەسىلە.  بۇنداق بىر ئەھۋالدا بەدىئىي ئىجادىيەت قىلىشقا توغرا كەلگەندە تارىخىي مەنبەلەردىن چەتنىمىگەن ئاساستا ئوبرازلاشتۇرۇشقا، ئەسەردىكى تارىخىي شەخسنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ياشىغان دەۋرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە شۇ دەۋر جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلىي شەرت - شارائىتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا يورۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىراق، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا مەسئۇلىيەتسىزچە، ئاڭسىزچە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن بۇ ئاپتور فارابىي ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى ئۇ قەدەر جۆيلۈمىلەر بىلەن توشقۇزغانكى، ھېكايىلەشتۈرمەكچى بولغان باش قەھرىماننىڭ تارىختىكى ھەقىقىي ئوبرازىغا ئالاقىدار ئىنتايىن كەڭ تەتقىقات ۋە ماتېرىياللار ھەر قايسى تىللاردا تولۇق بولۇشىغا قارىماي فارابىيغا دائىر ھېچبىر بايانىدا چىنلىققا ياكى تارىخىي ئەمەلىيەتلەرگە رىئايە قىلىپ كۆرمىگەن. بەلكى باشتىن ئاياق كاللىسىغا نېمە كەلسە، زېھنىيىتى نېمە بىلەن شالغۇتلاشقان بولسا، ئۇ تەرزدە بىلجىرلاپ ماڭغان. مەسىلەن بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ:

1. «فارابىي» دېگەن ئىسمنىڭ لەقەم دەپ جۆيلىنىشى(2)

مەلۇم بولغىنىدەك، تىل ئادىتىدە تارىخىي شەخسىلەرنىڭ، مەشھۇرلارنىڭ ئىسمىنىڭ يۇرت ياكى مەنسۇپ بولغان ئىقلىمىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش ئەنئەنىسى بۇرۇندىنلا مەۋجۇت. بۇ نوقۇل مەشھۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن بىر جەمئىيەتنىڭ كىشىلىرى ئارىسىدا ئوخشاش ئىسىملارنىڭ كۆپ بولۇشىغا ئوخشاش  بىر قاتار ئىجتىمائىي سەۋەبلەر ئاساسىدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنىڭ كەينىگە يۇرت تەۋەلىكى، ياكى ئىقلىم تەۋەلىكىنى ئىپادىلەپ «ئىي» قوشۇمچىسى بىلەن قوشۇپ ئىپادىلەيدۇ. ياكى بولمىسا مەزكۇر شەخسنى باشقىلار ئېنىقراق تونۇۋېلىش ئۈچۈن يۇرت ياكى ئىقلىم تەۋەلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوشۇپ ئاتايدۇ. «فارابىي» دېگەن ئىسىم خۇددى كاشغەرىي، ياركەندىي، خوتەنىي دېگەنگە ئوخشاش تەۋەلىك ھەمدە مۇئەييەن تارىخىي شەخسنى ئۇنىڭ گەۋدىلىك پەرقلىنىدىغان قىسمى بىلەن قوشۇپ ئاتاش يۈزىسىدىن ئىپادىلىنىدىغان تەۋەلىك ئېنىقلىمىسى بولۇپ، مەيلى ئەرەب تىلىدا بولسۇن، ياكى پارس تىلىدا بولسۇن ياكى تۈرك تىللىرىدا بولسۇن ئىپادە شەكلى ئوخشاش. ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ھەم شۇنداق. قەدىمدە ئەرەب تىلىدىن پارسلارغا، پارسلاردىن تۈرك تىللىرىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىللىرىغا قەدەر تەسىر ياراتقان بۇ خىل ئاتاش شەكلى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدىمۇ شۇ خىل قوللىنىش داۋاملىشىپ كەلگەنلىكى باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيەسى كۆرگەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئېنىق مەسىلە. شۇڭا، كاشغەرىي ئىسمى مەھمۇد كاشغەرىي ئۈچۈن قانداق تەۋەلىك ئېنىقلىمىسى بولغان بولسا، فارابىي ئۈچۈنمۇ ئوخشاش تەۋەلىك ئېنىقلىمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىمدۇر. ئىسىم - فامىلىغا قوشۇلۇپ كېلىدىغان تەۋەلىك ئېنىقلىمىسىنى لەقەم دەپ ئاتاش ئۇيغۇر تىل ساھەسىدىكى قاراساۋاتلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، «فارابىي» دېگەن بۇ ئىسىم تارىختا لەقەم بولۇپ ئىشلىتىلگەن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر يۇرتتىن چىققان نۇرغۇنلىغان ئەللامىلەرنىڭ تەۋەلىك نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن تەۋەلىك ئېنىقلىمىسى بولغانغا ئوخشاش ئېنىقلىمىلاردىندۇر. ئىسىم - فامىلە ئارقىسىغا ئۇلىشىپ كېلىدىغان فارابىي ياكى ئەلفارابىي ئىسىملىرى فارابىينىڭ لەقىمى بولماستىن، فارابينىڭ تارىخىتىن بېرى ئاتىلىپ كېلىۋاتقان لەقىمى ئاپتور ئۆزى ئاڭقىرىماي تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان «ئىككىنچى ئۇستاز» دۇر.

2. ئەرەب ئۇستازنىڭ فارابىي دەپ ئاتىۋالغانلىقى ھەققىدىكى جۆيلىمىسى

 ئاپتور شۇنداق بايان قىلىدۇ: «فارابىينىڭ بالا ۋاقتىدىكى ئىسمى ئەسلىدە مۇھەممەد ئىكەن، دادىسى تارخاننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭغا ئىسلامدىكى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قويۇلغان ئىكەن. بۇ ئىسىمنى ئۇنىڭغا بوۋىسى ئۇزلۇغ قويغان ئىكەن»(3).

 بۇ بايانلاردا ئاپتور ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي شەخسىيىتىنى، پەخىرلىك ئەجدادىنى تونۇشتۇرغۇچى ئەمەس، بەلكى بىر ئورىيانتالىستنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈكلىرىنى تونۇشتۇرغان ئۇسلۇبىدا قەلەم تەۋرەتكەن بولۇپ، فارابىيغا مۇھەممەد دەپ ئات قويۇلۇشىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇبارەك ئىسىم - شەرىفىگە باغلانغانلىقىدەك ئىسلامىي روھ ئەكس ئەتتۈرۈلۈش ئورنىغا «ئىسلامدىكى ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى قويۇلغان» دەپ كۇپايىلەنگەن.

ئاپتور يەنە فارابىينىڭ «فارابىي» دەپ ئاتىلىشىنى ئەرەب ئۇستازى قويغان لەقەم، دەيدۇ ھەمدە يۇقىرىقى بايانىنىڭ داۋامىنى ئۇلاپ فارابىينىڭ ئوترار دەپ ئاتىلىدىغان يۇرتىنى ئەرەبلەر فاراب دەيدىغانلىقىنى، فارابىي سەككىز ياشقا كىرگەن ۋە بۇخارادىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرگەن چېغىدا «ئەرەب» ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مەزكۇر ئۇستازىنىڭ فارابىينىڭ ئىسمى ۋە يۇرتىنى سورىغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئەرەبنىڭ ئىسىم چاقىرىش ئادىتى بويىچە «فارابىي» دەۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاپتورنىڭ بۇ تەرزدە بايان سۈرىشىمۇ ئۇنىڭ فارابىي ۋە ئۇنىڭ ياشغان دەۋرىنى، جۈملىدىن ئەينى دەۋر ماۋارەئۇننەھر تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ پارلاۋاتقان، ئىلمىي گۈللىنىش قەد كۆتۈرگەن بىر دەۋرىنى ئازراقمۇ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى، چۈشەنمىگەندىن سىرت ئىزدىنىپ سۆزلەش ئورنىغا قارىسىغا جۆيلۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغانلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. چۈنكى، مەزكۇر ئاپتور فارابىي ھەققىدىكى ئانا مەنبەلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئىبنى خەللىكاننىڭ تارىخ كىتابىغا قارىغىنىدا ئىدى، ئەرەبلەرنىڭ ئوترارنى فاراب دەۋالمىغانلىقىنى، بەلكى فاراب مەزكۇر شەھەرنىڭ ئوترار دەپ ئاتىلىشتىن بۇرۇنقى نامى ئىكەنلىكىنى، فارابىي ياشىغان دەۋردىن كېيىنكى ئەسىرلەردە فاراب شەھرىنىڭ ئوترار دېگەن ئىسىم بىلەنمۇ مەشھۇر بولغانلىقىنى بىلەتتى. بۇنداق بولغاندا فارابىينىڭ ئەلفارابىي نامى ئۇنىڭ شۇ دەۋر يۇرت تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم بولۇپ، مەلۇم بولغىنىدەك بۇ ئىسىم فارابىينىڭ يۈرت كېزىپ ئىلمىي پائالىيەت قىلىشى ۋە 20 يىللىق باغداتنى ماكان تۇتۇپ ئىلمىي ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىشى قاتارلىق جانلىق ھەرىكەتلىرى تۈرتكىسىدە نامى ئەتراپقا يېيىلغان ۋە شۇ دەۋر ئىلىم ساھەلىرىدە ھەمدە كېيىنكى تارىخچىلار تىلىدا ئەلفارابىي، نامى بىلەن بىلىنىپ كەلگەن. قانداقتۇر ئاپتور ئويدۇرۇپ چىققاندەك ئەرەب ئۇستازى دەۋالغان، ياكى 8 يېشىدا ئەرەب ئۇستازى فارابىيغا قويۇپ قويغان ئاتالمىش لەقەم جۈملىسىدىن ئەمەس.

3. مۇھەممەد ئىسمىنىڭ «مەخەم» دېيىلگەنلىك جۆيلىمىسى

ئاپتور ئەسەردە «شۇڭا ئۇستازى ئۇنى فارابىي دەۋاپتۇ، شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى يۇرتتا فارابىي بولۇپ قاپتۇ. ئاتا - ئانىسى بولسا ئۇنىڭ مۇھەممەد دېگەن ئەرەبچە ئىسمىغا تىلى كەلمەي مەخەم دەيدىكەن»(4)، دېگەن بايانلىرى ئارقىلىق فارابىينىڭ مۇھەممەد دېگەن ئىسمىنىڭمۇ، فارابىي دەپ ئاتىلىشى ۋە شۇنداق دەپ تونۇلۇشىنىمۇ ئەرەبكە تۇتاشتۇرماقچى بولىدۇ. يەنى مەزكۇر سېنارىيەدە ئاپتور تۈركىستان ئىلىم - مەرىپىتىنىڭ ئوچاقلىرىدىن ھېسابلانغان بۇخاراغا، يەنە كېلىپ ماۋەرائۇننەھردىن ئىبارەت تۈرك ئىسلام مەدەنىيىتى ھاكىم بولۇۋاتقان ھەمدە تىپىك تۈرك خاراكتېرگە ئىگە بىر جۇغراپىيەنىڭ باشلانغۇچ مەدرىسە مائارىپىغا بۇخارالىق تۈركنىمۇ ئەمەس، سامانىيلار تەۋەلىكىدىكى پارسنىمۇ ئەمەس، بەلكى ئەڭ يىراق جۇغراپىيەدىكى بىر ئەرەبنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ جايلاشتۇرىدۇ. سېنارىيەنىڭ خۇلاسىسىدە بولسا، فارابىينىڭ مۇھەممەد ئىسمى ئەرەبچە، فارابىي ئىسمىنى قويغانمۇ ئەرەب، ئۇنى كېيىنكى بايانلاردا قارىي قىلغانمۇ ئەرەب قىلىپ تەسۋىرلەپ چىقىدۇ.

ھالبۇكى، فارابىي ئاز كەم ئۈچ ياكى ئىككى ئەۋلاد مۇسۇلمان جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ھەمدە مۇھەممەد دېگەن بۇ ئىسىم مەزكۇر جەمئىيەت ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاز كەم ئۈچ ئەسىرگە يېقىن دەۋر مابەينىدە ئىسلامىيەت بىلەن مۇشەررەپ بولۇپ كەلگەن بۇخارا مەركەزلىك ماۋەرائۇننەھر تۈركلىرى ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن خۇددى بۈگۈنكىگە ئوخشاشلا تۈرك (ئۇيغۇر)چە ئىسىمغا ئايلىنىپ بولغان. يەنە كېلىپ كۆپچىلىك تارىخچىلار قەيت قىلغاندەك، فارابىينىڭ تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى تارخان ئىبنى ئۇزلۇغ ئەلفارابىي بولۇپ، كۆپچىلىك تارىخچىلارنىڭ پىكرىنى ئالغان چېغىمىزدا فارابىينىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ مۇھەممەد. تارخان بولسا ئۇنىڭ بوۋىسى. بۇ نۇقتىلارنى نەزەردە تۇتقاندا، مۇھەممەد دېگەن بۇ ئىسىم قانداقتۇر بۈگۈنكى خىتاي كوممۇنىست زېھنىيىتى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىنىش سەۋەبى بولغان «ئەرەبچە ئىسىم» ئەمەس، بەلكى شۇ دەۋر ماۋەرائۇننەھر تۈركلىرى ئۈچۈن مەھمۇد، يۈسۈپ قاتارلىق ئىسىملارغا ئوخشاشلا تۈركچە ئىسىملاردىن ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، ئاپتورنىڭ فارابىي ئىسمىدىن تارتىپ يۇرت نامىغىچە ئەرەبكە تەئەللۇق قىلىۋېتىشى ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك ۋە شالغۇتلۇق بولۇپلا قالماي، يەنە بۇنى فارابىينىڭ ئىسمى ئەرەبچە بولغاچ ئاتا - ئانىسىنىڭ تىلىغا كەلمەي «مەخەم» دەيتتى، دېيىشىمۇ قىتىغۇرلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى، ئەگەر ھەقىقىي تارىخ بويىچە فارابىينىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىمۇ مۇھەممەد بولمىغان ۋە ھەتتا بۇ ئائىلە يېڭى مۇسۇلمان بولغان ئائىلە بولغان تەقدىردىمۇ «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ تىلىغا كەلمەيتتى، دېيىش ئەجداد ئۈچۈن تۆھمەت ھېسابلانسا، تۈركىي قەۋملەرنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇردەك دۇنيانىڭ ئەڭ مۇرەككەپ تىلىنىمۇ ئەڭ راۋان تەلەپپۇزدا ماھىرلىق بىلەن سۆزلىيەلەيدىغان يۇمران تىللىق بىر مىللەت ئۈچۈن ھاقارەت ۋە كەمسۇندۇرۇشتۇر. چۈنكى، بىر خىتاينى مۇھەممەد دېگەن ئىسىم ئېغىزىغا كەلمەي،  باشقىچە دەيتتى دېسە، بۈگۈننىڭ رېئاللىقلىرى ھەمدە خىتاي مىللىتىنىڭ  ئېغىز تىل قۇرۇلمىسىدىكى ئېغىرلىق، گېنىدىكى كاجلىقلارنى نەزەرگە ئېلىپ توغرا چۈشىنىش مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بىر تۈركنىڭ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادلىرى دېيىلىۋاتقان بىر ئەلدىكى ئىككى ئۈچ ئەۋلاد مۇسۇلمانچە مۇھىت ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلەرنىڭ تىلىغا كەلمىدى، دېيىش بىمەنىلىك. ھەتتا ئىسلاملىشىشتىن ئىلگىرىمۇ ئەسىرلەپ ماۋەرائۇننەھر تۈركلىرى بىلەن باردى - كەلدى ئۈزۈلمگەن بىر جۇغراپىيەنىڭ ئۇيغۇرلىرىغا ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ۋە قەدىرلەپ قويغان ھەمدە تۈرك كۈلتۈرىدە ئومۇملىشىپ بولغان ئۇيغۇرچە ئىسىمنى «مۇھەممەد دېگەن ئەرەبچە ئىسىم» تىلىغا كەلمەي مەخەم دەيتتى، دەپ قىستۇرۇپ قويۇش بەئەينى قارا ساۋاتلارچە بىلجىرلىغانلىق، ھەمدە ئەتەي ئەرەبچىلىك ئۈستىدىن قىتىغۇرلۇق يارىتىشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر.

4. ئەرەبچە قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇش جۆيلىمىسى

ئاپتۇر جۆيلۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «مۇھەممەد توققۇز يېشىدا بۇخارادىكى مەدرىسەدە قارى بولۇپتۇ، شۇنداقلا ئۇ ئەرەبچە شېئىرلارنى، قىسسە ۋە تارىخ كىتابلارنى ئوقۇيدىغان بوپتۇ. ساۋاقداشلىرىغا بەزىدە قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئۇيغۇرچە ئۆرۈپ بېرىدىكەن. ھەر ئاخشىمى ئۇزلۇغ بوۋاي مۇھەممەد ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بەرگەن قۇرئاننى تىڭشايدىكەن. ئەرەبچە قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان بۇبالا ئۇزاق ئۆتمەي بۇخاراغا بالا ئالىم دەپ تونۇلغان ئىكەن»(5).

ئاپتور يۇقىرىقى بايانلىرىدا مەدرىسە ئۇقۇمىنى پۈتۈنلەي بۈگۈنكى قۇرئان كۇرۇسلىرى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالغان بولۇپ، فارابىي ئاتالمىش ئەرەب ئۇستازدا قارىي بولىدۇ، ئاندىن شېئىر ۋە تارىخ كىتابلارنى ئوقۇيدىغان بولۇپ كېتىدۇ. قارى قۇرئان بىر بالىنىڭ ئەرەبچە شېئىر ۋە تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇشى مۇمكىن ئىش بولسىمۇ، بىراق فارابىيدەك 40 - 50 ياشقا بارغاندا باغداتقا بېرىپ تىلشۇناسلاردا ئەرەب تىلىنى پىششىقلىغانلىق تارىخىغا ئىگە بىر شەخسكە نىسبەتەن ئەرەبچىنى زىر زەۋەرسىز ئوقۇيالىشى مۇمكىن ئەمەس. شېئىرلار ئاغزاكى تەلقىن ئارقىلىق ئۆگىتىلگەن دەپ پەرەز قىلغان ۋاقىتتىمۇ ئۇ زاماندىكى تارىخ كىتابلارنىڭ بۈگۈنكى قوليازمىلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك زىر زەۋەرسىزلىكى مۇقەررەر. ئوقۇغاننى چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن زىر زەۋەرسىز ھالدا پەقەتلا تېكىست ئوقۇشنىڭ ئۆزىلا فارابىينىڭ يېشىدىكى ھەرقانداق بىر قارىي بالا ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەس بىر ئىش. فارابىي ھەققىدە توقۇلغان سېنارىيەنىڭ باشتىن ئاياغ توقۇلما بولغان بولۇشىغا قارىماي، مەزكۇر سېنارىيەنىڭ ئىچىمۇ خۇددى ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىگە ئوخشاشلا پارادوكسلىق ۋە زىتلىقلارغا، بىمەنىلىكلەرگە تولغان. بۇ يەردىكى بىمەنىلىكلەر شۇكى، مەدرىس مائارىپىغا چورت يات بولغان بۇ زېھنىيەت توققۇز ياشلىق فارابىينى ئەرەب ئۇستازغا تۇتقۇزۇشتەك ئۇستاتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئۇنى ئاشۇ يېشىدا تارىخ كىتابلىرىنى ئوقۇيدىغان قىلىپ تەسۋىرلىگەندىن سىرت قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈيدىغان سەۋىيەدە تەسۋىرلەيدۇ. بۇمۇ ئوخشاشلا ئاپتورنىڭ توقۇلما سېنارىيەسىنىڭ مەنتىقىسىز تەرەپلىرىدىن بىرى. چۈنكى بىر بالا قۇرئاننى يادلىغاندىن سىرت ئۇنى ئانا تىلىغا ئۆرىيەلىگۈدەك سەۋىيەدە بولغان بولسا، ئۇ بالا يا قارىي بالا ئەمەس، ياكى بولمىسا ئۇ بالا توققۇز ياشتا ئەمەس. ھەر ئاخشىمى قۇرئاندىن پارچىلارنى ئانا تىلدا تەرجىمە قىلىپ قارشىسىدىكىگە تىڭشىتىشنى بوۋاينىڭ نەۋرىسىگە قىلىپ بېرىشى ئەقىلگە ئۇيغۇنكى، 9 ياشلىق بالا ئۈچۈن ئىككىنچى بىر تىلدا قۇرئاننى ئۆرۈيدىغان تىل سەۋىيەسى بولۇشى مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش. يالغاننىمۇ قاملاشتۇرۇشنى بىلمىگەن مەزكۇر يازار بۇ ئورۇندىمۇ مەنتىقىگە چۈشمەيدىغان، بىمەنە ۋەقەلىكنى توقۇپ چىققان.

ئەسەردە ئىزچىل ئۇرغۇلىنىۋاتقان مەزمۇنلاردىن بىرى شۇكى،  ئاپتور قاچان دىندارلىق ياكى دىنىي كىتاب ھەققىدە سۆز قىلسا، دىننى ئەقىلغا زىت ئورۇنغا، دىننىڭ كىتابىنى ئۇيغۇرچىنىڭ قارشىسىغا قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئۇيغۇرچىلىقنىڭ سۆيۈلمەسلىكىگە دىننىڭ كاشىلا بولغانلىقىنى، ياكى بولمىسا دىننىڭ، بولۇپمۇ قۇرئان كۆزدە تۇتۇلغان جايلاردا ئۇنى ئۇيغۇرچىنىڭ رەقىبى ياكى كۈشەندىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. فارابىي ھەققىدىكى بايانلارغا قارىغىنىمىزدىمۇ بۇ نۇقتا ئۇرغۇلىنىشتىن چەتتە قالماستىن بەلكى بىمەنىلەشكەن، مەنتىقسىز سېنارىيەلەر ئارقىلىق كۆشىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرەلەيمىز. ھالبۇكى، تارىخشۇناسلار ھەمدە فارابىيشۇناس ئالىملار ۋە ھەتتا فارابىيشۇناس ئورىيانتالىستلار مۇئەييەنلەشتۈرگەندەك، فارابىي بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغانغا قەدەر قويۇق تۈركچە مۇھىتتا تەربىيە ئالغان، ھەمدە شۇ دەۋرنىڭ يەرلىك تۈركىستان ئۆلىمالىرى ۋە شۇ زاماننىڭ ئىلىم مۇئەسسەسەلىرىدىن ئانا تىلىنى مەركەز قىلغان ھالدا تەربىيە كۆرگەن، باشلانغۇچ تەربىيەسىنى بولسا ئۆز يۇرتى فارابتا تەھسىل قىلغان. پارسچە ۋە ئەرەبچىدىن باشلانغان نۇرغۇن قوشۇمچە تىللارنى ئەنە شۇ تۈركىستان ھاۋزىسىدا ئانا تىلىغا يانداشتۇرۇپ ئۆگەنگەن. ئەرەب تىلىنى بولسا 40 يېشىدىن كېيىن باغداتقا كېلىپ شۇ يەرنىڭ تىلشۇناسلىرىدىن دەرس ئېلىش ئارقىلىق ئەرەبچە تىلشۇناسلىق ساھەسەدىكى سەۋىيەسىنى ئالىي تىل سەۋىيەسىگە ئېلىپ چىققان. ئاپتور بولسا، فارابىيغا قارىتا ئورىيانتالىستلارمۇ پىچىمىغان بىر رولنى ۋە خاراكتېرنى  ئۇنىڭغا پىچىش ئارقىلىق باشتىن ئاخىر ئوقۇرمەنگە تارىختىكى فارابىينى ئاڭلىتىش ئەمەس، ئۆز ئىدېئولوگىيەسىنى راستقا چىقىرىشقا ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئۆتەيدىغان فارابىي ئوبرازىنى ياساپ چىقماقچى بولغان. مانا بۇ ئاپتورنىڭ «ئەرەبچە قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇيدىغان بۇ بالا ئۇزاق ئۆتمەي بۇخاراغا بالا ئالىم دەپ تونۇلۇپتۇ»، دېگەن تۇتۇق ۋە كۆتمەك ئىبارىسىدە ئەكس ئەتكەن بولۇپ، فارابىينىڭ بالا ئالىم دەپ تونۇلغانلىق ئويدۇرمىسى گەرچە فارابىيدەك كىشىنىڭ بالىلىق چېغىدا تالانت ئىگىسى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى ئىپادىلەشكە يارايدىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئالىملىقنى يۇقىرىقىدەك 9 ياشتا، يەنە كېلىپ قۇرئاننى ئۆرۈيەلەيدىغان يۇقىرى مائارىپ سەۋىيەسىدە بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەت بىلەن ئىپادىلەش چىنلىقلا ئەمەس، يەنە فانتازىيەگە يول ئاچقان.

بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاپتور ئۆز ئىدېئولوگىيەسى بويىچە قۇرئاننى ئۇيغۇر تىل قارشىسىدىكى رەقىب ئورنىدا ئىپادىلىگەن  ۋە بۇ نۇقتىنى ئىپادىلەشتە «ئەرەبچە قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇش» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن.

بۇمۇ ئۆز كۈلتۈرى ۋە مەدەنىيىتىگە ياتلاشقان زېھنىيەتنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قۇرئان ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۇيغۇرچە ئوقۇلىدىغان كىتاب ئەمەس. بەلكى ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا ئىزاھلاپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىنىدىغان كىتاب. قۇرئان گەرچە قەدىم ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەرەبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيا ئىنسانلىرىغا تەڭداشسىزلىقى بىلەن جەڭ ئېلان قىلغان كىتاب بولۇش نۇقتىسىدىن باشقا بىر تىل بىلەن يۇقىرى تۆۋەنلىك سېلىشتۇرىلىدىغان، باشقا مىللەت تىلى بىلەن يۇقىرى تۆۋەن سېلىشتۈرۈلىدىغان دەرىجىدىكى ئىنسانلار تىلىدا يېزىلغان «ئەرەبچە كىتاب» ئەمەس. بەلكى دىنىي تەبىرى ۋە ئۆز خاراكتېرى نۇقتىسىدىن ئاللاھنىڭ كىتابى. شۇڭا ئۇ باشقا تىلدا ئوقۇش مۇمكىن بولىدىغان كىتاب ئەمەس. باشقا بىر تىلدا ئوقۇلغىنى قۇرئاننىڭ شۇ تىلدا ئوقۇلۇشى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتىنىڭ، بەلگىلىك مەنىلىرىنىڭ يەشمىسىنىڭ ئوقۇلۇشىدۇر. مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ تولۇق ئىسمىمۇ مۇقاۋىسىدا يېزىلغىنىدەك «قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» دېيىلگەن. شۇڭا قۇرئاننى ئوقۇش نۇقتىسىدىن ئۇ گېزىت ئوقۇغاندەك ئوقۇلىدىغان كىتاب بولماستىن تىلاۋەت بىلەن، ئەدەپ - قائىدىسى بىلەن قىرائەت قىلىپ ئۇقۇلىدىغان كىتابتۇر. ئۇيغۇر تىلىدىكى «قۇرئان ئوقۇش» ئۇقۇمىمۇ دەل مۇشۇنداق ئوقۇشتۇر. ئۇنى باشقا تىلدا ئىپادىلەش قۇرئاننىڭ شۇ تىلدا ئوقۇلۇشىنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى شۇ تىلدىكى يەشمىسىنى، قۇرئاننىڭ بەلگىلىك ۋە ئىخچام ئىزاھاتىنى ئوقۇغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى «ئەرەبچە ئوقۇش»، «ئۇيغۇرچە ئوقۇش» دەپ ئايرىپ ئىپادىلەش ۋە بۇنى مىللەتنىڭ ئەدەبىي تىلىغا سۆرەپ ئەكىرىش بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئاڭقاۋلىق ھېسابلانسا، بۇ خىل تەرزدە بايان قىلىشنى ئۇيغۇرچە بىلەن قۇرئان تىلىنى رەقىب كۆرسىتىپ گويا ئوقۇرمەنگە گويا تارىختا قۇرئاننى ئاتالمىش «ئۇيغۇرچە ئوقۇش» ئارقىلىق ئۇيغۇرچىلىقنى سۆيۈش ئەنئەنىسى بولغاندەك تەسىر بېرىش ماھىيەتتە مىللەتنىڭ ئەدەبىياتنى تىل سۆيدۈرۈشكە ئەمەس، دىن سۆككۈزۈشكە خىزمەت قىلدۇرۇشتۇر. ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرنىڭ، ئۇقۇمنىڭ قايسى لېنىيەدە دەۋر قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايدىغان دەرىجىدە ئىپتىدائىي سەۋىيەدىنمۇ تۆۋەن بولغان بىر زېھنىيەتنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولغان «قۇرئاننى ئەرەبچە ئوقۇش»نى دىندارلىق، ئاتالمىش «ئۇيغۇرچە ئوقۇش»نى ئالىملىق كۆرسىتىدىغان بۇ خىل سابلىمىنال خاراكتېرلىك شالغۇت بايانلارنىڭ سۈرۈلۈشى بايانلىغۇچىنىڭ زېھنىيىتىدىكىمۇ تىپىك شالغۇتلۇقنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، بۇنداق زېھنىيەتنى مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى پەرداز قىلىپ تۇرۇپ ئەۋلادلارغا سىڭدۇرۇش ھايانكەشلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاپتورنىڭ يەنە بىر تۇتامسىز ۋە پارادوكس تەرىپى بولسا، مەزكۇر ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇش سەپسەتىسىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈچۈن «ئۇزلۇغ بوۋاينىڭ، مەدرىستىكى ئۇستازىنىڭ: مەن ئېلىپ دېسەم ئېلىپ دېسەم، چوماق دەيسەن»(6) دېگەن سۆزى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن سوۋۇغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر ئۇزلۇغ بوۋاينىڭ مەدرىستىكى ئوقۇش يېشىدىكى ۋاقىتلىرى مۇسۇلمان ئەمەس ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئاپتور ئۆزى فارابىي ھەققىدىكى «بالا ئالىم» ناملىق تېمىسىدىن ئاۋۋالقى «ھەقىقەت نەدە» دېگەن تېمىسىدا بايان قىلىپ ئۆتكەندەك مەزكۇر بوۋاي ئەسلىدە بۇددىست ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭ بولغان، دىنسىز بولغاچ ياش ۋاقىتلىرىدا بۇددىستلار ئارىسىدا ياشاشقا چىدىيالماي سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن ۋە ھەقىقەت ئىزدەپ مۇسۇلمان بولغان كىشى ئىدى(7). مانا شۇ ئۇزلۇغ بوۋاي ئەمدىلىكتە فارابىي ئوقۇشقا كىرگەن چاغدا بىردىنلا فارابىيغا ئوخشاش مەدرىسە تەلىمى كۆرگەن، ئۇستازىنىڭ ئاچچىقى تۈپەيلى مەدرىسە تاشلاپ كېيىنكى ئۆمرىدە قۇرئاننى ئاتالمىش «ئۇيغۇرچە ئوقۇش»قا ھەسرەت قالغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. ئاپتور ھېچبىر تارىخىي مەنبەگە ئاساسلانمىغان ۋە شۇ دەۋر تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراساۋاتلارچە جۆيلىگەن بولۇشىغا قارىماي، توقۇپ چىققان ھېكايىسىدىمۇ باش -–ئاخىرىنىڭ تۇتارلىق بولۇشىغا، پارادوكسلىقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىپ ئولتۇرمىغان. پەقەتلا مەقسىتىنى نۆۋەتتىكى ئوقۇرمەن ئەۋلادنىڭ زېھنىيىتىگە خۇددى ئالدىنقى بۆلۈملەردە مۇئەييەنلەشتۈرگىنىمىزدەك، قۇرئاننى نوم شەكلىدە قانداق ئۇيغۇرچە تىلغا قارىمۇقارشى قىلىشقا تىرىشقان بولسا، فارابىي ھېكايىسىدىمۇ مەسۇم ئەۋلادلارنىڭ ئەقلىيىتى ۋە مەنتىقىسىنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا خۇددى ئاتالمىش ھىندىچە نومدىكىنى سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن فارابىينىڭ قۇرئاننى ئۇيغۇرچە ئوقۇۋالغانلىقى، شۇڭا ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا ئالىم بولۇپ ئاتىلىپ كەتكەنلىكىدەك بىر سېنارىيەنى توقۇپ چىققان ۋە بۇنى توقۇشتا يۇقىرىقىدەك ئاڭقاۋلىق ۋە پارادوكسلىق سادىر قىلىشتىنمۇ يانمىغان. قىسقىسى، يازاردىكى شالغۇت ئىدېئولوگىيە ئاپتورنى ھەقنى كۆرەلمەس كور قىلىپ تاشلىغان بولسا، بۇنى بازار تاپقۇزۇشتىكى ھېسسىي تۇتقۇنلىرى يازارنىڭ مەنتىقىسىنىمۇ كور قىلىپ تاشلىغان ۋە سەپسەتىچىلىكتىن، پارادوكسلىقتىن قۇتۇلالمىغان.

5- خۇنۇكلەشتۈرۈلگەن مەدرىسە ۋە ئۇستاز ئوبرازلىرى ھەققىدىكى جۆيلىمىلەر

فارابىي ھېكايىسىدە ئاپتور تەرىپىدىن قىياپىتى بۇزۇپ تاشلانغان، چۆكۈرۈش ئوبيېكتى بولغان ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشۈش مەقسەت قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى مەدرىسە ۋە ئۇستاز ئوبرازىدۇر. ھەر دائىمقى مېتودى بويىچە مەزكۇر ئاپتور مەلۇم ئوبيېكتنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىرىنى چۈشۈرۈش، بىر نەرسىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر نەرسىنىڭ چۆكۈشى لازىملىقىدىن ئىبارەت ماتېرىيالىستچە مېتودنى ئەسەرگە سىڭدۈرگەن. بولۇپمۇ تەسلىمچىلىك روھىيىتىنىڭ ئىپادىسى بولغان ئىلھام مەنبەسىنى ھەر ۋاقىت باشقا مەدەنىيەتتىن ئىزدەش ۋە قەھرىمانلىرىنى ھەر دائىم دىندىن خالىي توپتىن ئىزدەش پىسخىكىسى ئاپتورنىڭ ھەر ئۇرغۇلىغان تېمىلىرىدا ئەكس ئەتكەن بولۇپ، غەرب كەشپىياتچىلىرى ھەققىدىكى غەيرى رەسمىي ھېكايىلەردىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ تىل - دەشنەملىرى تۈپەيلى مەكتەپتىن قوغلىنىش ياكى مەكتەپتىن قېچىش ۋە ياكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قاتتىق تېگىشى بىلەن ياكى بۇيرۇقى بىلەن مەكتەپتىن چېكىندۈرۈلۈش ۋەزىيىتىگە ئۇچرىغان بىر تۈركۈم غەربنىڭ مەشھۇر كەشپىياتچىلارنىڭ ھېكايىلىرىگە ئوخشاش فارابىيمۇ خۇددى بوۋىسى ئۇزلۇغ ھەققىدىكى ساختا ھېكايىسىگە ئوخشاش ئۇستازى بىلەن كېلىشەلمەيدۇ. قىزىق يىرى شۇكى، ئاپتورنىڭ سېنارىيەسىدە بوۋىسى ئۇزلۇغ مەكتەپتىن قانداق دەشنام يەپ چېكىنگەن بولسا، فارابىينىڭ چېكىنىش سەۋەبىمۇ دەشنام ئاڭلاش بولىدۇ. ھەتتا بۇ قېتىمقى سېنارىيەدە فارابىي بوۋىسىغا ئوخشاش ئۆزى بىلىپ مەدرىستىن چېكىنمەستىن ئەكسىچە مەدرىستىن قاچىدۇ. يەنى بۇ ھادىسىلەردە بوۋىسىدىن نەۋرىسىگىچە بولغان ئوقۇش ھاياتى مەكتەپنى تاشلاشتىن قېچىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

شۇنىڭدەك، سېنارىيەدە دېيىلىۋاتقان ئۇزلۇغنىڭمۇ، فارابىينىڭمۇ ئۇستازلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان دىيالوگلىرى پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ ئويدۇرمىسى بولۇپ، قارىماققا ئاپتور فارابىي بىلەن ئۇزلۇغنىڭ قىلغانلىرىنى خوپ ئىش، ئۇستازنىڭ بولسا يولسىزلىق ئىكەنلىكىنى يورۇتماقچى بولغان. يەنى مەزكۇر ئاپتور فارابىي ۋە ئۇزلۇغنى كۆپتۈرۈش بەدىلىگە تاكى كومپارتىيە كېلىپ تاقىۋەتكەن، بۇزۇپ چاققان ۋە ئورنىغا ماتېرىيالىستىك شالغۇت مائارىپ تۈزۈمىنى مەجبۇر قىلىپ تاڭغانغا قەدەر مىللەتنىڭ مىڭ يىللىق تارىخ داۋامىدىكى مەدەنىيەتلىشىش ھەرىكىتىنىڭ ئۇلى، ئىلىم - ئىرپان ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرغۇچى بىلىم ئوچۇقى ۋە بۈگۈننىڭ ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ، دوكتور، پىروفېسسور ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلىققىچە بولغان ئالىي مائارىپ تەھسىلىنىڭ قايناق مەنبەسى بولغان مەدرسە مۇئەسسەسەسىنى ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىملىرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشنى كۆزگە ئالىدۇ. چۈنكى ئاپتور بۇيەردىكى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئوبيېكتىلىرىنى بېكىتىشتە ئۇستىلىق ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئۆز تارىخىغا، ئەجداتلىرىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى ھەققىدىكى ساۋاتسىزلىقىنى چاندۇرماي تۇرالمىغان ھەمدە بۇ يەردىمۇ ئىدېئولوگىيەسىدە ئەكس ئېتىپ كېلىۋاتقان، ھېكايىسىدە ئۇرغۇلىماقچى بولغان غەرىزىنى پاش قىلىپ قويغان. ئۇ بولسىمۇ فارابىينىڭ دەۋرىدە مەدرىسە دەيدىغان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تېخى ۋۇجۇتقا كەلمىگەنلىكى بولۇپ، فارابىي دەۋرىدە تۈرك ئىسلام دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ماۋارائۇننەھر ئىلىم ھاۋزىلىرىغا مەدرىسە سىستېمىسى تېخى قۇرۇلمىغان ئىدى. ئۇ دەۋردىكى ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئەھۋالى فارابىيدىن كېيىنكى قاراخانىيلار ۋە سەلجۇقىيلار دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەدرىسە سىستېمىسى مەيدانغا كەلگەن چاغدىكى دەۋرلەردىن پەرقلىق بولۇپ، كۆپىنچە ھالدا ئۇ زاماننىڭ تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىكى باشلانغۇچ ئىلىم تەھسىلى بىر بولسا «ئەلمەكتەب» يەنى، «كىتاب تەلىمى مەركىزى» مەنىسىدىكى ساۋات چىقىرىش ئورۇنلىرىدا (تىلىمىزدىكى «مەكتەپ» سۆزىمۇ بىزگە مۇشۇ دەۋردىن يېتىپ كەلگەن)، ياكى شۇ زاماننىڭ ئوقۇ - ئوقۇتۇش پائالىيەت ئورنى بولغان جامەلەردە، مەسجىدلەردە، ياكى بولمىسا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا «مۇئەددەب»، دەپ ئاتالغان مەخسۇس بالىلار تەربىيەچىلىرى، بۈگۈننىڭ تىلىدىكى پېداگوكلارنى ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىش ئاساسىدا بالىلىرىنىڭ  ئۆز ئانا تىلدا خەت ساۋاتىنى چىقىرىش، قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىش، ئاددىي ھېسابلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىش قاتارلىق ئاساسىي ساۋاتلار ئارقىلىق ھەم ئانا تىل يېزىقىنى، ھەمدە قۇرئان ئوقۇش ساۋاتىنى ۋە كېرەكلىك باشلانغۇچ سەۋىيەسىگە دائىر ساۋاتلارنى چىقىراتتى. قۇرئاننى ئۆگىتىش ۋە يادلىتىش ئىشلىرى بولسا مەخسۇس قىرائەتتە ئىجازەتنامە ئالغان قۇررالار ئارقىلىق بولاتتى. ئۇنىڭدىن ھالقىغاندا بولسا كىشىلەر يا ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنەتتى ۋە ياكى ئىلىم يولىنى داۋاملاشتۇرغۇسى بارلار ئۆز ئىختىيارلىقى ئاساسىدا شۇ ساھەنىڭ يېتۈك ئالىملىرى، ياكى قايسى ساھەدە نامى تارالغان ئالىمنى ئاڭلىسا شۇنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ ئۇلاردىن دەرس ئېلىش ۋە ئارىلىرىدا ئۇستاز-شاگىرتلىق ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق ئۇستازدىن ئوقۇغۇچىغا، ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋاملاشقان ئىلىم ۋە ئەخلاقتا يېتىشكەن بىلىم ئىگىلىرىنى كۆپەيتىش، دادىدىن بالىغا مال - دۇنيا مىراس قالغاندەك، ئۇستازدىن شاگىرتقا ئىلىملەرنى مىراس قالدۇرۇش ئەنئەنىسى داۋام قىلاتتى. فارابىي تۈركىستاندا مەدرىسە مائارىپى قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال ياشىغان بىر مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم يۇقىرىقى تەرزدىكى يا مۇئەددەب يولى بىلەن، ياكى ساۋات چىقىرىش ئورۇنلىرى ھېسابلانغان «مەكتەب»لەردە باشلانغۇچ سەۋىيەسىنى چىقارغانلىقى، ئانا تىل جەھەتتىن پۇختا تەلىم ئالغانلىقى، شۇنداقلا باشقا ئىلمىي ئاساسلىرىنى شۇ دەۋرنىڭ ھەر قاتلام ئىلمىي مۇئەسسەسەلىرىدە پۇختا ئىگەللەپ ئۆزىگە ئۇنىۋېرسال ئىلمىي ئاساس تىكلىگەنلىكى مەلۇم. قەدىمكى بۈيۈك تارىخچىلاردىن ئىبنى ئۇسەيبەئە فارابىينىڭ ئۆز دەۋرىدە پەلسەپە بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ئاۋۋال قازى بولغانلىقىنى، پەلسەپەۋىي ساھەگە بېرىلگەندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى قويۇپ پۈتۈنلەي ئىلىم - ھېكمەت بىلىملىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ(8). بۇمۇ فارابىينىڭ ئۇ دەۋر تۈركىستان ئىلىم ئەنئەنىسىدە مۇنتىزم تەلىم - تەربىيە كۆرگەنلىكىنى، ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا بولغاندىن سىرت شۇ دەۋر ئىسلام ئىلىم ساھەلىرىدىن تەپسىر، ھەدىس، فىقھىي ۋە باشقا ئەقلىي ھەمدە ئۇسۇلىي بىلىملەردىن ئومۇميۈزلۈك خەۋەردار بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. سامانىيلار سەلتەنىتى دەۋردە قازى بولۇش دېمەك ئىسلامىيەت ھاۋزىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال بىلىملەردىن ئومۇميۈزلۈك خەۋەردار بولغاندىن سىرت ئۆز نۆۋىتىدە شۇ دەۋر سوتسىيالوگىيەسىنى چۈشىنىش ۋە ياشاۋاتقان جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە پىسخىكىسىغىچە ئەتراپلىق بىلىش دېمەكتۇر. قازىلىق مەرتىۋىسىدىكى بىر ئالىمنىڭ مۇنتىزم تەربىيەسىز يېتىشىپ چىقىشى، يەنە كېلىپ ئىلىم - ھېكمەتنى مەكتەپتىن قېچىپ مەسئۇلىيەتسىز ئۇستازدىن دەشنەم يەپ، كوچا كويلاردا مەدداھلاردىن داستان ئاڭلاپ يۈرۈپ تەھسىل قىلىشى بىر بىمەنىلىك. شۇنىڭدەك يەنە فارابىيشۇناسلارمۇ، ھەمدە فارابىي تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان شەرقشۇناسلارمۇ فارابىينىڭ باغداتقا كېلىشتىن ئاۋۋال ئىگەللىگەن بارلىق ئىلمىي تەھسىلاتلىرىنى ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ئۆتكۈزگەن ئۆز يۇرتىدا ۋە تۈركىستان ھاۋزىسىدا تەھسىل قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئۇلار يەنە فارابىينىڭ 40 ياشتىن ئاشقاندا مەخسۇس باغداتقا كېلىپ ئورۇنلىشىشى ۋە توختىماي ئىلىم قاينىغان يۇرتلارنى ئايلىنىپ جاھان كېزىشىدىكى سەۋەبنىڭ يېڭىدىن ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆگەنگەنلىرىنى تولۇقلاش، پۇختىلاش، بىلىم ئاشۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتىنى سەمەرىلىك بىر نەتىجە بىلەن روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي، مەدەنىي، ئىلمىي ۋە پەلسەپەۋى كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا فارابىينى ئۆز يۇرتىدىكى ئۇستازىدىن دەشنەم يەپ مەدرىستىن قاچقانلىق ۋە بالا چېغىدىلا بوۋىسى ئۇزلۇغ بوۋايغا قوشۇپ يولغا سېلىپ قويۇش سېنارىيەسى تۈزۈپ چىققانلىق قىپقىزىل كاززاپلىق بولۇپ، بۇ يەنە مەلۇم جەھەتتىن مىللەتنىڭ كەچمىشتىكى مائارىپىنى چۆكۈرۈش، شۇ دەۋر مائارىپىنى بوۋىسىدىن نەۋرىسىگىچە ئۆزگەرمىگەن يولسىزلارچە ئوقۇ - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىگە ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن ئەيىبلەش خاراكتېرىنى ئالغان تەسۋىرلەردۇر. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەۋلادلارنىڭ يىلتىز ئەجدادلىرى ياشىغان، مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرداش قەۋم - قېرىنداشلىرى ياشاپ ئۆتكەن تۇپراقلىرىدىكى ئىلىم ئەنئەنىسى، مائارىپ تەربىيەسىنى «بۆبۆلەشتۈرۈش»تىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدىكى مەدرىسە ئۇقۇمىمۇ مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئىلىم ئوچىقى، شۇ دەۋرنىڭ بۈگۈنكى تىلىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ھېسابلىنىدىغان سىستېملىق مۇئەسسەسە بولماستىن، دەل بۈگۈنكى قۇرئان كۇرسى ئاچسىمۇ، نەھۋى - سەرىپ ئۆگىتىدىغان مەركەز ئاچسىمۇ، دىنىي بىلىملەردىن بەلگىلىك ئەرەبچە كىتابلارنى دەرسلىك قىلىدىغان مەركەز ئاچسىمۇ مەدرىسە دەپ ئاتىۋېلىنغان تۇراقسىز ئاتاشلارغا تەڭكەش قىلىنغان جۆيلىمىلەر جۈملىسىدىندۇر. ئاپتور بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا يۇقىرىقىدەك جۆيلىمىلەر ئورنىغا مىللەتنىڭ قەدىم ئىلىم ئوچاقلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدە دۇنياغا ئۆرنەك بولىدىغان ۋە بۈگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىدىغان مۇتەپەككۇرىنى، پەيلاسوپىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتا قانداق گۈزەل نەمۇنىلەرنى ياراتقانلىقىنى، ئۇ دەۋر ئۇستازلىرىدىن قايسى خىل ئەۋزەل مائارىپ تەربىيەسىنى ئالغانلىقىنى، ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئىسلاملىشىش بىلەن تەڭ قانداق ئۆرنەكلىك بالىلار تەربىيەسىنى كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغانلىقىنى ھېكايىلەشتۈرۈش ئورنىغا، پۈتۈنلەي ئىدېئولوگىيە سىڭدۇرۇشنى، ئىسلامىي روھنى مەركەز قىلغان مائارىپ تەربىيەسىنى بۆبۆلەشتۈرۈشنى ئاۋۋالقى ئورۇنغا قويغان. تېخىمۇ دەھشەتلىك يېرى بۇخارادەك شۇ دەۋرىنىڭ ئىلىم - ھېكمەت مەركىزىنى ئۇزلۇغ بوۋىسىدىن تارتىپ نەۋرىسى فارابىيغىچە ئوقۇماي قاچقۇدەك دەرىجىدە يىرگىنىشلىك تۇيغۇسى بېرىدىغان ماكان قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىدۇر. شۇنداقلا تارىختىكى ئوقۇشنى نوقۇل دىن ئوقۇتىدىغان، ئۇستازلىرىنى بولسا يېڭى كەلگەنلەرگە لەقەم قويىدىغان، ھە دېگەندە ئوقۇغۇچىنىڭ سوئالدىن بېشى ئاغرىيدىغان، «مەن نېمە دېسەم شۇنى ئوقۇ»، دەيدىغان يولسىز ۋە يىرگىنچلىك بىر ئوبراز بىلەن تەسۋىرلەش ئارقىلىق «بۆبۆلەشتۈرۈش»نى غايە قىلغان بىر سېنارىيەنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققانلىقىدۇر.

ئاپتور يەنە مەدرسە سىستېمىسى بارلىققا كەلمىگەن بىر دەۋردە مەدرىسە ئىجاد قىلىپ ھەمدە ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنى بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا بۆبۆلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى نوقۇل ئەدەبىي تەسۋىرلەرنىڭ قاتلاقلىرىغا جايلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە سابلىمىنال ئۇچۇر شەكلىدە بالىلار پىسخىكىسىغا توغرا كەلمەيدىغان ئورىيانتالىستچە ئويدۇرما رەسىمنى كىتابنىڭ بېتىگە يەرلەشتۈرۈپ ئۈلگۈرگەن. مەزكۇر رەسىم فارابىينىڭ ئاپتور قەلىمىدە «بۆبۆلەشتۈرۈلگەن ئوبراز»غا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇستازىنىڭ دەشنەملىرىنى ئاڭلاپ مەدرىستىن قاچقانلىق ھەققىدىكى ئويدۇرما ۋەقەلىك سۆزلىنىدىغان قۇرلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇدۇللاپ جايلاشتۇرۇلغان ۋە  ئۇستازىدىن تەزىر يەۋاتقان ئوقۇغۇچىنىڭ كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن سەلبىي تۈستىكى رەسىمنى ئەتەي قىستۇرغان. ئەتەي دېيىشىمىزمۇ شۇنىڭدىن كېيىنكى، بۇ قەدەر پىلانلىق سېنارىيەلەردە، ھەمدە ئۇستاز ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ئونبىر ياشلىق بالىنىڭ مەكتەپتىن قېچىشى سۆزلىنىۋاتقان بىر مەزمۇنغا «بۆبۆلەشتۈرۈش» تىپىدىكى بۇنداق سەلبىي رەسىمنى يەرلەشتۈرۈشنىڭ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنىڭ مۇقەررەرلىكىدۇر.

قىسقىسى، ئاپتور فارابىي ۋە ئۇزلۇغ بوۋاي ئوبرازىنى شەكلىي جەھەتتىن ئىجابىي تەسۋىرلىگەندەك كۆرۈنمەكچى، ئەمەلىيەتتە بولسا، فارابىيدەك بىر شەخسىيەتنى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭ مەدرىسەدىن قېچىشىنى ھەقلىق ئورۇنغا چىقىرىش  بەدىلىگە، شۇ دەۋر تۈركىستان ئىلىم مۇئەسسەسەلىرىنى يوقنىڭ ئورنىدا كۆرسىتىش، سامانىيلار دەۋرىدە دولقۇنلاپ كېڭەيگەن بۈيۈك ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ سىمالىرى بولغان مائارىپ ۋە ئىلىمنى قانات يايدۇرۇش مەركەزلىرى بولغان تەلىم - تەربىيە ئورۇنلىرىنى چۆكۈرۈش ئارقىلىق «بۆبۆلەشتۈرۈش»نى غايە قىلغان سېنارىيەسىنى ياساپ چىققان. بۇنىڭ بىلەن ئاپتور مەدرىسە يوق دەۋرگە مەدرىس قوندۇرۇش، ھەم تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىكى شۇ دەۋر ئۇيغۇر مائارىپىنى مەدرىسكە باغلاپ چۆكۈرۈش ئاساسىدىكى مەزكۇر بايانلىرىدا تارىخنى چۆچەكلەشتۈرۈش ئەمەس، ساختا تارىخ ياساپ شالغۇت ئىدېئولوگىيەنى بازارغا سېلىش، مىللەت قانداق تارىخىي تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەن بولسا شۇنداق تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنماستىن، گويا ئۆتمۈشىدىن نۇمۇس قىلىش پىسخىكىسى بويىچە ئويدۇرما تەرجىمىھال ۋە ساختا دىيالوگ ياساپ چىقىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ساختا ئۇيغۇر تارىخىنى، شالغۇت زېھنىيەتلىك ئۇيغۇرلۇقنى سىڭدۈرۈشتەك تۈپ غايىسى بويىچە ئىش تۇتۇشتا ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمىغان.

6. ئۇستاز ۋە شاگرىت ئارىسىدىكى، ئوقۇغۇچى ۋە ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك جۆيلىمىلەر

فارابىي تېمىسىدىكى يەنە بىر بىمەنە جۆيلىمىلەردىن بىرى ئۇستاز - شاگىرت ۋە ساۋاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى كىلاسسىك ئۇيغۇر ۋە ئەرەب مەپكۇرىلىرىگە ھېچ ئالاقسىز بولغان چاكىنا دىيالوگلاردۇر.

ئۇستاز ۋە شاگىرت ئوتتۇرىسىدىكى دىيالوگدىن ئۇزلۇغ بوۋاي ۋە فارابىيلارنىڭ ئۇستازلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان دىيالوگلىرى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مەزكۇر دىيالوگدا ئۇزلۇغ بوۋاينىڭ ئۇستازىدىمۇ، فارابىينىڭ دىيالوگىدىمۇ ئوخشاش خاراكتېر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ بولسىمۇ ئەقلىي سوئالغا دوگما جاۋاب بېرىدىغان ۋە ئۆزىنىڭلا قارىشىنى ئوقۇغۇچىغا تاڭىدىغان ئۇستاز خاراكتېرى.

ئۇزلۇغ بوۋاينىڭ مەدرىسەدە ئوقۇيدىغان چېغىدىكى دىيالوگىدا ئۇستازىغا «نېمىشقا ئايەتلەرنى ئۇيغۇرچە دېسە بولمايدۇ»، دەپ سوئال قويىدۇ ۋە ئۇستاز گويا يولسىزلارچە «مەن ئېلىپ دېسەم ئېلىپ، چوماق دېسەم چوماق بولىدۇ»، دەيدۇ ۋە ئۇزلۇغ جاۋابنى ئاڭلاپ ئوقۇشتىن سوۋۇپ ئوقۇشنى تاشلاپ مەدرىسەدىن چېكىنىدۇ(9). ھالبۇكى مەزكۇر دىيالوگدا سوئال بىلەن جاۋاب ئوتتۇرىسىدا باغلىنىشلىق يوق بولۇپ، «ئايەتلەرنى نېمىشقا ئۇيغۇرچە دېسە بولمايدۇ»، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ھەرگىزمۇ «مەن نېمە دېسەم شۇ»، دەيدىغان جاۋابنى تەقەززا قىلمايدۇ. چۈنكى بۇنداق سوئال ھەقىقەتەن بالىلارچە سوئال بولۇپ، سوئالنىڭ توغرا جاۋابى: «ئايەتنى ئۇيغۇرچە دېسە بولمايدۇ»، چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامىنى باشقا تىلدا ئىپادىلىگىلى بولماستىن. بەلكى ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. ئىزاھات ئايەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى يەشمىسى، دېگەنلەر بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭا سۇئالنىڭ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن تۈزۈلمىسى بۇ جەھەتتە بالىلارچە بولۇپ، بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇستازنىڭ «مەن نېمە دېسەم شۇ بولىدۇ» دېيىشى نادان ئۈچۈن مەلۇم جەھەتتىن توغرا بىر تۇتۇم ئىدى. لېكىن بۇ ۋەقەلىكتە مەزكۇر نادان ئاپتورنىڭ زېھنىيىتىدە ئەكس ئېتىۋاتقىنىدەك، قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بىلەن ئەرەب تىلىدىكى ئايەت ھالىتى تەڭ بولغان بولغاچقا ئايەت بىلەن تەرجىمىنى پەرق قىلالمايدىغان بىر سەۋىيەدە تۇرۇپ دىيالوگ توقۇپ چىقىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما دىيالوگ ۋە ھېكايىنىڭ سىيۇژىتىدىن مەلۇمكى، ئاپتور يەنە بىر مەنىدە «ئايەتنى ئۇيغۇرچە ئۆرۈپ چۈشەنسە نېمىشقا بولمايدۇ» دېگەن مەنتىقىدە سورىغان بولۇۋالغان ۋە ئۇستاز ئىنتايىن دوگما بىر جاۋابنى بەرگەن. ھالبۇكى، ئايەت ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ چۈشىنىلسە بولمايدۇ، دەيدىغان بىر چۈشەنچە ئۇيغۇردىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيا تارىخىدىكى ھېچبىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلىدا دېيىلىپ باققان سۆز ئەمەس. چۈنكى ھەر مىللەت ئۆز تىلىدا چۈشىنىش ئارقىلىق قۇرئاننى ھاياتىغا تەتبىقلىغان، ئالىم - ئۆلىمالار يەشمىسىنى ئاۋامغا يەتكۈزۈپ تۇرغان. بىر مۇدەررىسنىڭ قۇرئاننى باشقا مىللەت تىلىدا تەرجىمە قىلىپ چۈشەنسە بولمايدۇ، دېگەن تەرزدە «مەن نېمە دېسەم شۇ»، دېيىشى رېئاللىقتا ئورنى يوق بولغان، پەقەتلا دىنغا يات بولغان شالغۇت زېھنىيەتلىك ماتېرىيالىست زىيالىيلارنىڭ ئەقلىگىلا سىغدۇرۇشقا بولىدىغان پۈچەك بولغان بىر زاكون تەسۋىرى خالاس! شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئاپتورنىڭ مەزكۇر بەدىئىي توقۇلمىسى مەنتىقىي جەھەتتىن تۇتامى يوق دىيالوگ بولۇپلا قالماي، ئاپتورنىڭ مەزكۇر دىيالوگ بېرىلگەن تېمىنىڭ ئالدىدىكى تېمىسىدىكى «ئۇزلۇغ بوۋاينىڭ دىنسىز چوڭ بولۇپ ھەقىقەت ئىزدەپ كېيىن مۇسۇلمان بولغانلىق» ھەققىدىكى ھېكايىسى بىلەن ئۇيۇشمايدۇ. بۇنداق بىر پارادوكسلىقنىڭ يۈز بېرىشى ھەم ئاپتورنىڭ مەزكۇر دىيالوگىنى مەزمۇن جەھەتتىن، ھەمدە ۋەقەلىك جەھەتتىن بەدىئىي توقۇلمىدىكى ئاجىزلىق ۋە تۇتۇرۇقسىزلىق سادىر قىلغانلىقىنى پاش قىلىپ قويغان بولۇپ، بۇ مەزكۇر ئاپتورنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق بەرگەن خاتا سوئالىغا، دوگما جاۋاب تۈسىنى بېرىش ئارقىلىق رېئاللىقتا ئورنى يوق ئىشنى ئەتەي ئۇيدۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەتلا ئاپتورنىڭ شالغۇت زېھنىيىتىدىكى جۆيلىمىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ قويغان.

ئونبىر ياشلىق فارابىينىڭ ئۇستازى بىلەن ئېلىپ بارغان دىيالوگىغا كەلسەك، دىيالوگدا فارابىي ئۇستازىغا تەبىئەتكە، ئىنسانغا ئالاقىدار پەلسەپىۋى سوئاللارنى تاشلايدۇ. ئۇستازى ئىنتايىن تەرىنى تۈرگەن ھالدا فارابىيغا قاتتىق تېگىپ گويا بۇ سوئاللار ئازغۇن سوئاللاردەك مۇئامىلە قىلىدۇ، ھەمدە «ھەممە جاۋاب قۇرئاندا بار»، دەپ ئۇنىڭغا غەزەپلىنىپ قاتتىق تېگىدۇ. ھالبۇكى تارىختا، يەنە كېلىپ فارابىي بىلەن زامانداش ھەمدە قۇرداش بولغان ئىمام ماتۇرىيدىيدەك بۈيۈك مۇتەپەككۇرنى يېتىشتۈرگەن ماۋەرائۇننەھر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم مەركىزى بولغان بۇخارادا يۇقىرىقىدەك سوئالغا دەرغەزەپ بولۇدىغان ئۇستازنى تىپىك ئۆرنەك سۈپىتىدە ياساپ چىقىش بەئەينى ئورىيانتالىستلارنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك سۈيقەستلىرىگە تەڭكەش قىلىشتىن پەرقى يوق ئىشتۇر.  چۈنكى مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىستان ماۋەرائۇننەھ ئىلىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىسلام تارىخىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ھەرقانداق پەلسەپەۋى سوئالغا تەرەددۇت قىلماسلىق، ھەر تۈرلۈك پەلسەپەۋى قاراشلارنى ئۈستەلگە قويۇپ مۇنازىرە قىلىش، تارتىشىش ئاساسىدا ئەقلىي جاۋاب ئىزدەشتە مەشھۇر بولغانلىقىدۇر. كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كەلگەن پەلسەپەۋى ھەمدە مېتافىزىك ئەسەرلەردە مۇنازىرە ۋە سوئال - جاۋاب خاراكتېرىنى ئالغان مەتىنلەرنىڭ كۆپ بولۇشى بۇنىڭ پاكىتى. ھەتتا بۇ ئەنئەنىنىڭ تاكى سابىت داموللامنىڭ ئاقائىدە جەۋھەرى ۋە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئەقائىد زەرۇرىيلارغىچە داۋام قىلغانلىقىمۇ سوئالنىڭ ئىسلام ئىلىم ئەنئەنىسىدە گويا جاۋاب بېرىلسە قۇرئانغا خىلاپتەك ئەمەس، بەلكى قۇرئاندا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندەك، بىلىشكە قىزىقتۇرۇش ۋە ھەتتا ئايەتلەردە سوئال قويۇش تەرىقىسىدە تەپەككۇرغا، بىلىمگە ئۈندەش خاراكتېرىگە باب كېلىدىغان تۇتۇم ۋە قارشى ئېلىنىدىغان ئەھۋال ئىكەنلىكى مەلۇم. ئىمام ئەزەمگە ئوخشاش فارابىيدىن ئۈچ ئەۋلاد ئاۋۋالقى مۇتەپەككۇرلار ئۆز دەۋرىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردىن ئىشىنىپ، بولغۇسى ئىشلار ئۈستىدە ئالدىن سوئال قويۇپ تۇرۇپ جاۋاب تېپىش ئەنئەنىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى نەزەرگە ئالساق، ئىمام ئەزەمنىڭ فىقھىي سىستېمىسىنىڭ مەركىزى ئوچاقلىرىدىن بىرىنىڭ ماۋەرائۇننەھر ھاۋزىسى ئىكەنلىكى ھەمدە ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلغانلارنىڭمۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەۋمنىڭ ئالىملىرى ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. فارابىي دەۋرى دەل مەزكۇر دەۋر بولۇپ، بۇنداق بىر دەۋرنىڭ ئۆرنەك ئۇستازلىرى سوئالدىن بىزار بولىدىغان دەۋر بولماستىن بەلكى زېرەك بالىلاردىن سۆيۈنىدىغان تەربىيەچىلەر ئۆرنەك مىساللىرىغا ئايلانغان دەۋر، بولغانىدى. يۇقىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، فارابىينىڭ قويۇق تۈركىستان كۈلتۈرى ۋە شۇ دەۋر ئۇيغۇر تۈرك مەپكۇرىسىدىن چوڭقۇر ئوزۇق ئالغانلىقى ۋە ھاياتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تۈركىستان ھاۋزىسىدىن چىقماي ياشىغانلىقى ۋە شۇ يەردە مۇنتىزم تەلىم - تەربىيە كۆرگەنلىكى تارىخىي مەنبەلەر ۋە فارابىيشۇناسلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىلەن ئىنكار قىلغۇسىز رېئاللىقتۇر. بۇ ۋەجىدىن تارىختىن ئۆزلۈكىنى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىنى ئاڭلىتىشنى دەۋا قىلغان بىر ئەسەر ئۈچۈن بۈگۈنكى ئەۋلادلارغا فارابىينىڭ ئوقۇش دەۋرىنى ئۇنى يېتىشتۈرگەن مەدەنىيەتنىڭ ئالتۇن دەۋرلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى ئاساسىدا ئاڭلىتىلىشى كېرەك بولۇپ، «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابىنىڭ ئاپتورى ئەسەردىكى شالغۇتلاشتۇرۇش سېنارىيەسى بويىچە، شۇنداقلا تارىخنى چۈشىنىش ئەمەس، بەلكى قارىلاشقا يېتەكلەيدىغان بىمەنە ۋەقەلىكنى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق ئەۋلاتلارنىڭ ئەجدادنى چۈشىنىشىگە ياردىمى بولۇش تۈگۈل زىيانلىق بولغان بىر پىچىمدە دىيالوگ يارىتىشقا تىرىشقان. پەلسەپەۋى سوئاللارغا خاپا بولۇپ قۇرئان ئوقۇساڭ ھەممىنى بىلىسەن، دەيدىغان بۈگۈنكى شىنجاڭچە زىيالىيلارنىڭ دىندارلارنى قارىلايدىغان تەتۈر تەشۋىقاتىنىڭ روھىنى فارابىينىڭ ھېكايىسىگە سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىدە گۈللىنىۋاتقان بىر مەدەنىيەتنىڭ پارلاق سەمەرىسىنى، يەنە كېلىپ تۈركىستان ئىسلامىيەت ھاۋزىسىنىڭ يېتىشتۈرگەن ئۆز ئوغلانىنى ئۆز يۇرتىدىكى ئۇستازلىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەيدىغان، بەلكى قېچىشقا تېگىشلىك بولغان ئوبراز قىلىپ تەسۋىرلىگەن ۋە بۇ سېنارىيەنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ فارابىينى بالا چېغىدىلا ئۇزلۇغ بوۋاي بىلەن باغداتقا يولغا سېلىۋېتىش ئارقىلىق گويا فارابىينىڭ ئىسلامىي تەربىيەدىن يىراق تۇرغاچقا ئەنە شۇنداق بۈيۈك شەخسىيەت بولغانلىقىدەك سابلىمىنال ئۇچۇرنى ئوقۇرمەنگەن پىچىرلىماقچى بولغان.

دىيالوگنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولسا، فارابىينىڭ ساۋاقداشلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە ئىسىم ۋە تەلەپپۇزغا دائىر دىيالوگىدۇر. مەزكۇر دىيالوگنىڭ ئورنى ئاپتورنىڭ تەسۋىرلىشىچە باغداتتىكى بىلىم يۇرتى ھېسابلانغان بەيتۇلھىكمەگە ئىمتىھان بېرىپ تاللىنىشىدىن كېيىنكى ئوقۇش باشلىغان بىرىنچى كۈنى يۈز بەرگەن بولۇپ(10)، ئاپتور مەزكۇر تەسۋىرىدە ئاپتورنىڭ دەۋا قىلغان ئاتالمىش چۆچەكلەشتۈرۈلگەن تارىخىنىڭ ساختا تارىخلا ئەمەس، يەنە ئۆزىنىڭمۇ  بىر تارىخ ئوغرىسى ئىكەنلىكىنىمۇ پاش قىلىپ قويىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى شۇكى، ئالدى بىلەن تارىخ كىتابلىرى ۋە فارابىيشۇناسلار مۇئەييەنلەشتۈرگەن فارابىي بالا چېغىدا ئەمەس، نەۋقىران چاغلىرىدا، ئوقۇيالمىغان مەدرىسەسىنى ئوقۇۋالغىلى ئەمەس، بەلكى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاش ۋە سىستېمىلاشتۇرغىلى، پۇختىلىغىلى كەلگەن. ئىككىنچىدىن، ئاپتور دەۋاتقان «بەيتۇلھىكمە» ئالىي بىلىم يۇرتى، يەنى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىپ تاللىنىپ ئوقۇشقا كىرىدىغان بۈگۈننىڭ ئۇنىۋېرسىتېت سىستېمىسىدىكى مەكتەپ ئەمەس، بەلكى زاماننىڭ تونۇلغان ئىلىم - پەن ئالىملىرى، ھەكىم ۋە تارىخچىلىرى، تەرجىمان ۋە مۇھەقىقلەر توپلانغان كۇتۇپخانا ۋە ئاكادېمىيە ياكى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ كۇتۇپخانا ۋە تەتقىقات مەركىزىدۇر. قانداقتۇر ئوقۇ - ئوقۇتۇش مەركىزى ياكى بۈگۈننىڭ مەكتەپ ياكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەس. چۈنكى، ئۇ دەۋردىكى باغداتنىڭ ئوقۇ -ئوقۇتۇش ۋە مائارىپ مۇئەسسەسەلىرىمۇ ماۋەرائۇننەھر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پەرق كۆپىنچە بەيتۇلھىكمەگە ئوخشاش ئۆزىگە خاس مۇئەسسەسەلەرنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر ياندىن توپلانغان نادىر شەخسىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىدىغان، ئىسلام خەلىپىلىك مەركىزى بولۇش ئېتىبارى بىلەن ئالىم ۋە پازىللار چۈشۈپ ئۆتىدىغان ياكى شۇ يەردە يەرلىشىدىغان ئەڭ جەلپكار ئورۇننىڭ بولغانلىقىدا گەۋدىلەنگەن. بالا چېغىدا ئۆزىنىڭ تۈرك ئىلىم ئوچاقلىرىدا ئوقۇشىنى پەپىلەپ باغداتقا يولغا سېلىشقا، بىمەنە ئۇستاز شاگىرت جېدىلىنى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق تۈرك كۈلتۈرىدە يېتىشىپ تەربىيەلىنىشنى كىچىك كۆرۈپ، مەدرىسەنى ئادەتتىكى قۇرئان يادلىتىپ قارىي قىلىدىغان كۇرۇسقا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەن مەزكۇر يازار ئەمدىلىكتە باغداتقا بېرىپلا يەنە بۇ ھەقتىكى قاراساۋاتلىقىنى ئاشكارىلايدۇ ۋە فارابىينى «بەيتۇلھىكمە»دە ئوقۇغان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ. قۇرئان يادلىتىدىغان ئورۇننى مەدرىسە دەۋالغان بولسا، بەيتۇلھىكمەنى «ئالىي بىلىم يۇرتى»، دەپ ئاتايدۇ. ھالبۇكى مەدرىسە دېمەك دەل بۈگۈنكى تىلدىكى «ئالىي بىلىم يۇرتى» بىلەن تەڭداشتۇر. قىزىق يىرى شۇكى، مەزكۇر بەيتۇلھىكمەنىڭ ئەرەبلەردىن تەشكىل قىلغان ئوقۇغۇچىلىرى فارابىي دەرسكە كېلىپ بىرىنچى كۈنىلا ئىرقچىلىق قىلىپ يەكلىمەكچى، يالغۇز بىر فارابىينىڭ تەلەپپۇزىنى زاڭلىق قىلىپ ئۇنى بوزەك تاپماقچى بولىدۇ ۋە دىيالوگلار مۇشۇ نۇقتىلارنى يورۇتىدىغان شەكىلدە سېنارىيەلەشتۈرۈلىدۇ.

مەزكۇر دىيالوگنىڭ سېنارىيەسىمۇ تازنىڭ تۆمۈر تاغىقى ھەققىدىكى ماقال - تەمسىلدەك ئىزچىل ئىسىم ئېغىزغا كەلمەسلىكنى ئاساس قىلىشتىن باشلىنىدۇ. خۇددى فارابىينىڭ مۇھەممەد ئىسمى دادىسىنىڭ ھەربىي ئەمەلدار دەرىجىسىدىكى ساپالىق كىشى بولۇشىغا قارىماي ئېغىزغا كەلمەي «مەخەم» دەۋالغىنىدەك، بۇ نۆۋەت مۇھەممەدنىڭ تارخان ۋە ئۇزلۇغ ئىسىملىرى ئەرەبلەرگە غەلىتە بىلىنىدۇ. گويا دىندا ياكى باغداتتىكى ئەرەب مۇسۇلمانلىرىدا «مۇسۇلماننىڭ ئىسمى قۇرئاندا ئىسمى بولۇشى كېرەك» دەيدىغان چۈشەنچە باردەك يىرتىق ئىشتاندىن چىققاندەكلا ئاتالمىش «بەيتۇلھىكمە» ئىسىملىك ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى «تارخان، ئۇزلۇغ ئەرەبچىدە يوق، سېنىڭ ئاتا بوۋاڭ مۇسۇلمان ئەمەسمۇ؟» دېگەن تەرزدە سوئال قويۇشقا باشلايدۇ. ھالبۇكى بۇنداق بىر سوئال ئۇ دەۋردە، يەنە كېلىپ باغداتتەك تۈرلۈك مىللەت ۋە ئىقلىملاردىن كىشىلەر كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان ھەم ياشايدىغان مەركەزنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىدا سورالغانلىقى رېئاللىقتىن يىراق. ئىشنىڭ يەنە بىر بىمەنە تەرىپى بولسا، ئاپتور ئەرەب ساۋاقداشلىرىنى مات قىلىپ گەپ تېپىپ بېرەلمەيدىغان زاكون ئويلاپ تاپقان فارابىينىڭ زاكونىنى بايان قىلىپ «قۇرئاندا پىرئەۋن، نەمرۇت ئەبۇ جەھىل ۋە ئەبۇ لەھەبلەرنىڭ ئىسمى چىقىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ ئىسىم ئەرەبچە بولمىسىمۇ مۇسۇلمان بولۇۋېرىدىغانلىقى بىلەن جاۋاب قايتۇرغۇزىدۇ. ھېچقانداق بىر مەدرىسە ياكى مەكتەپتە بىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقى ئىسمى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، دەيدىغان تەلىم يوق، بولۇشىغا قارىماي، بۇنداق بىر چاكىنا دىيالوگنى ئالىي بىلىم يۇرتى دەپ تەسۋىرلەۋاتقان مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغا قۇرغۇزۇشنىڭ ئۆزى بىر كالامپايلىق. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە قارايدىغان بولساق، ئاپتورنىڭ تىلىدا جاۋاب بەرگەن فارابىينىڭ زاكونى بىلىمسىز ۋە تەنتەك جاۋاب بولۇپ، ئەلۋەتتە بۇ تەنتەكلىك ئاپتورنىڭ توقۇلمىسى بولۇش جەھەتتىن ئاپتورنىڭ تەنتەكلىكى ۋە ساپاسىزلىقى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، فارابىينىڭ زاكونىدا ئېيتىلغاندەك قۇرئاندا پىرئەۋن ۋە ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىسمى بار بولسىمۇ، قۇرئاندا نەمرۇتنىڭ، ئەبۇ جەھىلنىڭ ئىسمى كەلمىگەن. مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئىسىم قۇرئاندا كەلگەن بولۇش، دەيدىغان ھېچقانداق دەۋا ياكى كۆز قاراش مۇسۇلمانلاردا يوق بولۇشىغا قارىماي ئۆزىچە ئويدۇرما مەسىلە چىقىرىپ، ئارقىدىن راستتىنلا ساۋاتسىزلىقى چانىدىغان جاۋابنى بەرگۈزۈپ فارابىينى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرە كىرمەيلا ئۇزۇندىن مۇنتىزم ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى دەلىلدە تەڭ كېلەلمىگەن قىلىپ كۆرسىتىشى، بىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يەنە بىرىنىڭ چۆكۈشى ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك ماتېرىيالىستىك تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە ئەرەب ئوقۇغۇچىلارنى چۆكۈرۈش بەدىلىگە ئۇيغۇرنى كۆتۈرۈش، ئۈستىلەپ ئۆزىنىڭ گەپدان، ئەمما چالا بىلەرمەنلىكىنى چاندۇرىدىغان دىيالوگنى دەلىللىك زاكون دەپ ئوتتۇرىغا قويۇش ئوخشاشلا ئاپتوردىكى بەدىئىي تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ قايسى دەرىجىدە نامرات ۋە قۇرغاق ئىكەنلىكىگە، مەنتىقىي تەسەۋۋۇرىنىڭ تۇتۇرۇقسىزلىقلارغا تولغانلىقىغا دالالەتتۇر.

ئەسەردىكى يەنە بىر بىمەنىلىك شۇكى، ئاپتور گۈزەل بىلىم يۇرتى ھەققىدىكى تەسۋىرىنىمۇ توقۇنۇش، يەكلەش تىپىدىكى مەزمۇنلاردىن خالىيلاشتۇرالمىغان. مەسىلەن، ئەرەب ئوقۇغۇچىلارغا پىچقان رولدا ئەجەم مىللەتلەر ئەڭ كۆپ ياشايدىغان، يەنە كېلىپ بەيتۇلھىكمەنى قۇرغان ئابباسىيلارنىڭ دۆلەت مۇئەسسەسەلىرىنى تۈركلەر شەكىللەندۈرۈۋاتقان، ھەربىي ۋە سىياسىي ئاپپاراتلىرى تۈركلەردىن تەشكىللىنىۋاتقان مەركىزى بىر شەھەردە گويا ئۆمرىدە چەتئەللىكنى تۇنجى كۆرگەن تاغلىقلاردەك فارابىينىڭ دادىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ئىسىملىرى غەلىتە بىلىنىپ كەتكەنلىكى ۋە ھەتتا مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئەرەبچە ئىسىم قويۇش كېرەك دەيدىغان زاكوننى ئەرەبكە پىچىلغان رول ئارقىلىق فارابىيغا قارشى دىيالوگ قۇرۇپ چىقىلغانلىقى قىتىغۇرلۇق ئۈستىگە قىتىغۇرلۇقتۇر.

يەنە بىر نۇقتىدا بولسا، ئەرەبلەر ئىسىمغا تاقىلىپلا قالماي، تەلەپپۇزغا قاراپ زاڭلىق قىلىشقان. يەنى ئاپتورچە بەيتۇلھىكمەدەك ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتقان ئەمما ئىسلام ئەخلاقىدىن نېسىۋە ئالمىغان بۇ «ئەرەبلەر» ھەم يات ئىسىمغا تاقىلىپ قالغان ۋە فارابىينىڭ ئەرەبچە تەلەپپۇزىنى مەسخىرە قىلغان. ھالبۇكى بۇنداق ئىشلارنىڭ فارابىينىڭ ھەقىقى تارىخىدا يۈز بەرمىگەنلىكىنى، فارابىينىڭ ئونبىر ياشتىن ئاشقان مەزگىللىرىدە تېخى ماۋەرائۇننەھرىدە ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغان ئاساستا ئويلىغىنىمىزدا، بۇ بىر پۈتۈنلەي ئاپتورنىڭ خىتايچە مائارىپتىن ئىلھاملانغان زېھنىيەت ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ھادىسىلەر كۆپىنچە ۋەتەن سىرتىغا ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلاردا، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئوقۇشقا بارغاندا دۇچ كېلىدىغان ئىشلار بولۇپ، خىتايلارنىڭ تىلىغا ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ تەلەپپۇزى كەلمەسلىكى بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ خىتايلارغا غەلىتە تۇيۇلىدىغانلىقى ۋە ئالدىراپ قاتارغا ئېلىنماسلىققا ئۇچرىشى قاتارلىقلاردا دۇچ كېلىدىغان ھادىسىلەردۇر. يەنە بىرى بولسا، تىپىك خىتايچە زېھنىيەت بويىچە خىتاي تىلىنى خىتايدىن چانمىغۇدەك تەلەپپۇزدا بولمىغچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇشى ۋە تەلەپپۇزىغا قاراپ ئادەم ياراتماسلىق خاھىشىنىڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىق مۇھىتتا يۈز بېرىپ تۇرۇشىدۇر.

بۇ جەھەتتىن ئاپتور چەكلىك تەسەۋۋۇرىدا، يەنە كېلىپ خىتاي مائارىپىدىن ئىلھاملانغان، ھەمدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە كۆرگەن ۋە دۇچ كەلگەنلىرى ئاساسىدا خىتاي ئىرقچىلىقىنى مەنبە قىلغان ئىسىمغا ۋە تەلەپپۇزغا قاراپ تۇرۇپ ئۇيغۇرغا زاكون قويۇش، ياراتماسلىق، مەسخىرە ئوبيېكتى قىلىش  ئەھۋاللىرىنى مۇسۇلمان ئەرەب ئوقۇغۇچىلارغا تەققاسلىغان. شۇنىڭدەك، مەيلى ئىنگلىز ياكى ئەرەب ئەللىرىدە بولسۇن، چەتئەللىكنىڭ تەلەپپۇزنى ئۆز كۈلتۈرىدە ئادەت قىلغان تىل تەلەپپۇز قۇرۇلمىسىغا بېقىپ سۆزلىشىنى ئەيىب ئالىدىغان ياكى مەسخىرە قىلىدىغان ئادەت ئۆرنەك سۈپىتىدە بۈگۈنمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇيغۇرلاردىمۇ ھەم ئۇنداق ئادەت يوق. پەقەت ئۆز تىلىنى ئۆزىدەك سۆزلىمىگەننى ياراتماسلىق خاھىشى خىتاي مائارىپى ۋە زېھنىيىتىدە ئۇچرايدىغان ھادىسە بولۇپ، بۇ خىل خاھىش ئۆز نۆۋىتىدە خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە ئۇيغۇر ئىستۇدېنتلارغا ئومۇميۈزلۈك يۇقتۇرغان مەرەز زېھنىيەتلەردىن بىرىدۇر. بۇ گەرچە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تىل مەسىلىسىدە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا تۈرتكە بولغان بولسىمۇ، ئەمما رېئاللىقىمىزدىن مەلۇم بولغىنىدەك، مەسىلە تىلنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەلەپپۇز قىلىشنى پىرىنسىپلاشتۇرۇش بىلەنلا توختاپ قالماستىن، تەلەپپۇزغا قاراپ ئادەم باھالاش، تەلەپپۇز قاراپ ئادەم ياراتماسلىق قاتارلىق خىتاينىڭ ناچار خاھىشى ۋە خۇي - پەيلىنىمۇ بىرلىكتە سىڭدۈرۈۋېلىشتىن ساقلاپ قالالمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك، ئاپتورنىڭ ئەرەب ئوقۇغۇچىلار بىلەن فارابىينىڭ دىيالوگىدىكى مەسىلە قىلىپ چىقارغانلىرى، شۇنداقلا ئىسىم تىلغا كەلمىگەننى باھانە قىلىپ خۇددى «مەيمەيتى» دەۋېلىشكە ئوخشاش  مۇھەممەدنى «مەخەم»، دەۋالغانغا ئوخشاش خىتايچە زېھنىيەت ۋە قىياسلاشلارمۇ ئاپتورنىڭ ئەدەبىي تەسۋىرلىرىدىن كەڭرى دەرىجىدە ئورۇن ئالغان. بۇنىڭدىن فارابىي ھەققىدىكى ماجىرالارنى ئويدۇرۇپ توقۇپ چىقىشتا ئاپتورنىڭ خىتايچە خاھىش ۋە زېھنىيەتتىن مول دەرىجىدە ئىلھام ئالغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس.

خۇلاسە قىلغاندا، دىنغا ئائىت، جۈملىدىن ئىسلامىي پۇراق چىقىش ئېھتىماللىق بار ھەرقانداق ھادىسىگە بىر ئاماللار بىلەن توقۇنۇش ياساپ چىقىشلار ئارقىلىق دىندىن يىراقلاشتۇرۇشنى ئۇرغۇلاش، بىر باھانىلەرنى ئويدۇرۇش ئارقىلىق فارابىينىڭ مەشھۇرلۇق تېپىشىنى يونانچىنى ئۈگىنىپ ئارىستوتېلغا باغلاش ۋە ئارىستوتېلنىڭ بىلىمى بىلەن مېڭىپ تارىختا ئىز قالدۇرۇش بىلەن ھېكايىنى تۈگەللەش قاتارلىقلار ئاپتور زېھنىيىتىدىكى باشتىن بېرى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن شالغۇت ئىدېئولوگىيەسى ۋە ھېكايىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان مۇددىئالار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان. نەتىجىدە ئاپتور شالغۇت زېھنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن بارلىق ۋارىيانتلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ئۇستىلىق بىلەن ئۇيغۇرلۇقنىڭ چىقىش يولىنىڭ خۇددى بىلگە قاغان ۋە شۇخان تىلىدا ئەكس ئېتىلگىنىدەك، ئەقىل بىلەن قورالغا تايىنىش ئىكەنلىكى، دىننى مىللەتنىڭ زاۋاللىقىنىڭ ۋە مەھكۇملۇقنىڭ جاۋابكارى قىلىش كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئالېكساندرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتالمىش دىنلاشمىغان دەۋرلىرىدە ئېلىپ كەلگەن ئەخلاق ۋە ئادالىتىنىڭ ئەقىل ئۇستازى بولغان ئارىستوتېلغا يېقىنلىشىش، يەنى قىبلىنى غەربكە توغرىلاش ئىدىيەسى بىلەن تاماملىغان، ھەمدە ئاپتور بۇنى مۇناسىۋەتلىك بەدىئىي توقۇلمىلىرى ۋە ساختا تارىخىي ئويدۇرمىلىرى ئارقىلىق تارىختىكى فارابىي ئوبرازى بىلەن ئەمەس، شالغۇت ئىدېئولوگىيەگە تولغان زېھنىيىتىدە ياساپ چىققان فارابىي ھېكايىسىدىكى، كەڭراق قىلىپ ئېيتقاندا «ئۇيغۇر بۇلاق» كىتابىدىكى ئاداققى ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت ئىزدىگەن.

 

نەقىللەر:

1 «ئۇيغۇر بۇلاق»، 126- بەت.

2 «ئۇيغۇر بۇلاق»، 126- بەت.

3 يۇقىرىقى مەنبە.

4 ئۇيغۇر بۇلاق، 126~127 - بەتلەر.

5 ئۇيغۇر بۇلاق، 127- بەت.

6 يۇقىرىقى مەنبە.

7 ئۇيغۇر بۇلاق، 121~125 -بەتكىچە.

8 ئىبنى ئەبىي ئۇسەيبەئە، ئۇيۇنۇلئەنبائ، بەيرۇت نەشىرى، 557 - بەت.

9 ئۇيغۇر بۇلاق، 127- بەت.

10  ئۇيغۇر بۇلاق، 134- بەت.


مەنبە: «» سەھىپىسى


داۋامى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»