ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

 ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

(1)

يەتمىش يىلدىن ھالقىغان مۇستەملىكە دەۋرىمىزدىن بۈگۈنگە قەدەر تۈرلۈك تۈمەن داۋالغۇشلارنى، خىلمۇخىل ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، ماددىي ۋە مەنىۋى داۋالغۇش ياكى چېكىنىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدۇق. يىللار ئۆتۈشكە ئەگىشىپ تاجاۋۇزچىلار بىزدىن مۇستەملىكە ئاستىدىكى ئەسىرلەر ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشىمىزنى، بېشىمىزنى يالغان سىلاشلىرىغا ئالدىنىشىمىزنى، ئاتالمىش «قالاق»لىقىمىزنى مەدەنىيەتلىك قىلىپ قويۇشقانلىقىغا، ئاتالمىش چەتئەل كۈچلىرىنىڭ يامان غەرىزىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىشىمىزدىن ساقلاپ بىزنى «ئازاد» قىلىپ قويغانلىقىغا قەرزدار ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىزنى، بۇ ۋەجىدىن بىزنىڭ ئۇلارغا تۆلەپ تۈگەتكۈسىز نەچچە ئەۋلادلىق قەرزدارلاردىن ئىكەنلىكىمىزنى تەن ئېلىپ ياشىشىمىزنى كۈتۈشتى. ئۇلار يەنە بىزگە تىرىك تۇرغۇزۇپ سويسىمۇ ئادا قىلىپ بولالمايدىغان، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىكى جىمىي بايلىقلىرىمىزنى ھەددى ھېسابسىز سۈمۈرۈپ كەلسىمۇ تۈگىمەيدىغان ئاتالمىش قەرزلىرىمىز ئۈستىمىزدە تۇرۇپ يەنە ئۇلارغا مۇتلەق تەسلىمچىلىك كۆرسەتمەسلىكىمىز، پۇرسەت تاپساقلا قارشى تۇرۇش ئويىدا بولۇشىمىزنىڭ تۇزكورلۇق بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «ئاكا مىللەت» ناملىق ئىرقچى زېھنىيەت بويىچە ئېلىپ بارغان تەڭسىزلىك ۋە زۇلۇم - سىتەملىرىگە، زورلۇق – زومبۇلۇقلىرىغا قارىتا ئالىيىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى، چاتاقنى ئۇلاردىن ئەمەس، مۇتلەق ھالدا ئۆزىمىزدىن كۆرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، شۇڭلاشقا ئېزىپ تېزىپ ئۇلارغا قارىتا نارازىلىق پوزىتسىيەسى بىلدۈرۈپ سېلىشىمىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ بىزنى ئاتالمىش ئازاد قىلىپ بۈگۈنكى «يۈكسەك» تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرۈپ قويغىنىغا ناشۈكۈرلۈك قىلغىنىمىز بولىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە مۇتلەق تەسلىمىيەت كۆرسەتمىگەنلىكىمىزنىڭ ئۆزىلا گەدىنىمىزدىكى ئاتالمىش قەرزدارلىق كېلىشىمىگە، تەسلىمىيەتچىلىك توختامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىمىز بولىدىغانلىقىنى، زۇلۇمغا داد دېيىشىمىز، ئادىمىيلىك ھەقتىن مەھرۇملۇققا قارشىلىق بىلدۈرۈش تۈگۈل تەمەدە بولۇشىمىزمۇ ئۇلار ئۈچۈن ئاسىيلىق قىلغانلىق، بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ھەر تۈرلۈك مېڭە يۇيۇش ئۇسۇللىرى بىلەن تەلىم بېرىپ سىڭدۈرۈپ، تالقان قىلىپ ئېزىپ ئىچۈرۈپ ھارمىدى. شۇنداقلا مۇتلەق تەسلىمىيەتچىلىكنى قوبۇل قىلمىغان، قايىل ئەمەسلىكىمىزنى ئەڭ ئاددىي بىر پىچىمدە ئىپادىلەپ قويغان كۈنىمىز ئۇلارنىڭ ئۆكتىمانە زاكونى بويىچە «ئۆزىمىزنىڭ بېشىغا ئۆزىمىز ئىش ئاچقانلىق»، «ئىدىيەسى ئازاد بولمىغانلىق» ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىمۇ مۇتلەق بىزنىڭ ئۈستىمىزدە بولۇشى كېرەكلىكى ۋە قارشىلىققا ياتىدىغان ھەرقانداق تۇتۇمىمىزنىڭ خەلقنىڭ ئاتالمىش تىنچ تۇرمۇشىغا، ئاتالمىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناملىق ئىدېئولوگىيەلىك تەڭسىز توختامغا خىيانەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقى، ۋاقتى كەلسە ئۇلارغا كۆز ئالايتىشچىلىك قارشىلىق ياكى نەپرەت ئىپادىلىرىمىزمۇ ئۇلارغا بىزنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى بېرىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئەپسانىلەر نەچچە ئون يىللاپ روھىيىتىمىزگە ئىزچىل ئەملىنىشتىن توختىمىدى. مانا بۇ بىر قاتار ئەپسانىلەرنىڭ ئاڭ - ئىدىيەلىرىمىزگە ئىزىپ ئىچۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە، روھىيتىمىزنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا سىڭدۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە بۈگۈنكى كۆرگىلىكلىرىمىز ۋە تارتىۋاتقانلىرىمىز خۇلاسە سۈپىتىدە گۇۋاھ بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۈگۈنكى مىليونلىغان خەلقىمىزنى زار - زار قاقشىتىپ قېنىنى ئېچىۋاتقان 21 – ئەسىر كولونيالىست فاشىزملىقىنىڭ يېڭى ئۇۋىسى، ھەمدە زامانىۋى قەتلىئامچىلىقنىڭ خىتايچە نەشرى بولمىش «جازا لاگېرلىرى»نىمۇ ئاتالمىش «تەربىيەلەش كۇرسى» نامى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق قىلىپ خەلقىمىزگە يۇتقۇزماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ھەمدە ئەڭ يېقىن ئۆتمۈشىدىنمۇ بىخەۋەر چوڭ بولۇۋاتقان، ئانىسىنىڭ تىلىدىمۇ راۋان سۆزلەشتىن مەھرۇم، ھەتتا سۆزلىيەلمەس قىلىپ يېتىشتۈرۈلۈۋاتقان يېڭى ئەۋلاد - نەسىللەرگە قىلىۋاتقان زامانىۋى قەتلىئاملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كېلەچەكتىكى خۇشال - خۇرام تۇرمۇشى، پاراۋان ۋە خاتىرجەم ياشىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەلقىن قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بۇ ئەۋلادلارغا ئەنە شۇنداق «تەربىيەلەش كۇرسلىرى»نى قۇرۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى ئاتالمىش زامانىۋىلاشقان دۇنيانىڭ «مەدەنىيەتلىك كىشىلىرى» قىلىپ چىققانلىقىنى جار سېلىۋاتقانلىقى قاتارلىقلارمۇ مۇستەملىكچىلەرنىڭ يۇقىرىقى ئەپسانىۋى «ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈش» نەغمىسىنى ئوخشاش قېلىپقا سېلىپ چېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى يەڭگىللىتىش خىيالىنىڭمۇ ئەسلا يوقلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

ئەلھال، مۇستەملىكىچىلەر 21 – ئەسىرنىڭ ئەۋۋىلىدە ئاستا خاراكتېرلىك ئاسسىمىلياتسىيە ۋە مېڭە يۇيۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى «ئازاد قىلىپ قويغۇچى» ئىكەنلىكلىرىنى بازارغا سېلىپ كەلگەن بولسا، كۈنىمىزدە بۇنىڭدىن ھالقىتىپ ئۆزلىرىنى ئەزەلدىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا باشپاناھلىق قىلىپ كەلگەنلىكىنى، يولغا قويغان ئاتالمىش «ئادىل سىياسەت»لىرى تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن شالغۇت ئۇيغۇرلۇق ۋە سۈنئىي دۇنيانىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا تاجاۋۇزچىلار تىلىدا توختىماي تىلغان ئېلىنىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ئاتالمىش «ئىناق - ئىتتىپاق، خۇشال - خۇراملىق» كۈنلەرنىڭ بەرپاچىسىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا بويسۇنۇپلا قالماي، ئۇلارنى مۇتلەق نىجاتكار، مەبۇدى بەرھەق كۆرۈش لازىملىقىنى، ھەمدە ئۇلارسىز مىللەت سۈپىتىدە مەڭگۈ ياشىيالمايدىغانلىقىمىزغا شەرتسىز ئىشىنىشىمىز كېرەكلىكىنى تەلقىن قېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ماھىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ مىللىي خاتىرىنى يۇيۇشنىڭ مەقسىتى، شۇنداقلا، ئەسلىدىكى تارىخىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ يېڭىۋاشتىن سۈنئىي كىملىك، سۈنئىي مىللەت ۋە سۈنئىي تارىخ ئويدۇرۇپ چىقىش ھەمدە يېڭى ئەسىر زامانىۋى ماڭقۇرتلار توپىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى تۈپ غايىسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا مۇتلەق تەسلىمىيەتچىلىك ئېڭىنى ۋاكسىنا قىلىپ ئەملەش، مىللىي روھنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا زېھىنلەردىن سۈپۈرۈپ چىقىرىۋېتىش، ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان «ئازاد قىلىنغانلىق» ئەپسانلىىرىنى ئاڭ - ئىدىيەلىرىنىڭ ئۈگە ئۈگىلىرىگە يىگۈزۈۋېتىش بولۇپ، مانا بۇ تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئاسارەت دەۋرىدىن بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان سەپسەتىسى، مۇتلەق تەسلىمىيەتچىل روھ ئىنشا قىلىش يولىدا چېكىنمەستىن شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ كېلىۋاتقان ئاسارەت ئەپسانىلىرىنىڭ ئەپت - بەشىرىسى، ھەمدە ئەڭ ئىخچام ھالىتىدۇر. ئېچىنارلىقى مۇستەملىكە ئاستىدا بىزگە قەدەر ئۇلىشىپ كەلگەن مەھكۇمىيەتلىك 70 يىلنىڭ تۈپ غايىسى قاتتىق ۋە يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاسسىمىلياتسىيە شەكلىدە تەدرىجىي تۈگىتىش بولغان بولسا، بۈگۈنكى مەھكۇمىيەتلىكنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشنىڭ غايىسى تېز سۈرئەتتە ۋە قايسى يولدا تېز ئىجرا قىلغىلى بولسا شۇ ئارقىلىق مىللەتنى مۇنقەرزلىك ھاڭىغا ئىتتىرىپ ئاپىرىش، قولىدىن كەلگەنچە ئاسسىمىلياتسىيە ئۇسۇللىرىنى كۆپلەپ ئىجاد قىلىش ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا تەتبىقلاپ ئىجرا قىلىش ئارقىلىق مىللەتنى ئومۇميۈزلۈك ئېرىتىپ تاشلاش بولماقتا.

(2)

«ئاسارەت» كەلىمىسىگە سۆز ئېتىبارى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىمىزدا ئىككى خىل لېنىيە بويىچە مەنە بېرىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ بىرىنچىسى ئەسىر بولۇش، قۇللۇق، تۇتقۇنلۇق مەنىلىرىدە بولسا، يەنە بىرى تەسىر، ئەسەر، ئىز، بەلگە قاتارلىق مەنىلەردە. ئەرەب تىلىدىن ئۆزلەشكەن ئاسارەت سۆزىنىڭ بۇنداق پەرقلىق مەنىلەردە ئىزاھلىنىشى ئەمەلىيەتتە مەزكۇر سۆزنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسىنىڭ پەرقلىق ئىككى سۆز يىلتىزىغا تۇتۇشىدىغانلىقىدىن ۋە ھەر ئىككى مەنىنىڭ ئەسلى سۆز تومۇرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ئىككى خىل مەنىگە ئىگە سۆزدىن تۈرلەنگەنلىكىدىندۇر.

1.  ئاسارەت سۆزى بىرىنچى مەنە بويىچە كەلگەندە سۆز تومۇرى «أ س ر» دىن ئىبارەت ئۈچ ھەرپتىن تۈزۈلگەن «ئەسر (أسر)» سۆزىگە تۇتۇشىدىغان بولۇپ، لۇغەتشۇناسلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشىنىڭ مەلۇم نەرسە ئارقىلىق باغلاش، مىدىر - سىدىر قىلىنماس قىلىپ قويۇش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىشلىتىلگەن سۆز ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىدۇ. ئۇلار يەنە بۇ سۆزدىن «ئەسىر (أسير)» كەلىمىسىنىڭ تۈرلىنىپ چىققانلىقىنى، ئەسىر دېگەنلىكنىڭ ھال ۋەزىيىتى باغلاقتا ياكى سولاقتا بولۇشقىلا قارىتىلماستىن بىراۋنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قېلىش، ئۇنىڭ تۇتقۇنى بولۇشنىمۇ كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. بۇ مەنە بويىچە ئەسىر (أسير) كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىراۋغا تۇتقۇن بولغان، سولاپ قويۇلغان، باشقىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان كىشى دەپ ئىزاھلىغان. ئىستىلاھ مەنىسىنى بولسا، ئۇرۇشتا ئاجىزلىقى ياكى تەڭ كېلەلمەس ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالغانلىقى ۋەياكى قاتتىق تالاپەتكە ئۇچراش سەۋەبلىك دۈشمەن تەرەپنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان ۋە دۈشمەننىڭ تەسەررۇپىغا ئۆتكەن جەڭچىنى، جەڭ ئەسناسىدا دۈشمەن چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان ئەسكەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ ئىزاھلاشقان. بۇ مەنە بويىچە تىلىمىزدىكى ئاسارەت سۆزى ئۇنىڭ ئەسلى تومۇرى بولغان ئەسىر سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىسى بويىچە بىرىلىرىنىڭ قولىدا تۇتقۇن بولغانلىقنى، شۇنداقلا سىياسىي نۇقتىدىن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسكەرنى، يەنە ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى جەڭچىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئاسارەتنىڭ قۇللۇق مەنىسىدە ئىزاھلىنىشىمۇ ئەسىرگە چۈشكۈچىنىڭ كونترول ئاستىدا بولىدىغانلىقى، ئىرادىسى، ھەتتا ھايات - ماماتىمۇ ئۇنى تەسلىم قىلغان ياكى چاڭگىلىغا ئالغان ھەربىي كۈچنىڭ ئىرادىسىگە باقىدىغان بولۇپ قالغانلىقى نۇقتىسىدىن بولۇپ، ئەسىرنىڭ ۋەزىيىتى بىلەن قۇللۇقتىكى كىشىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ پەرقسىزلىقى، خاھ قۇللۇق، خاھ ئەسىرلىكنىڭ ئوخشاش ۋەزىيەت ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلغان.

2. ئاسارەت سۆزىنىڭ ئىككىنچى مەنىسى، يەنى تەسىر، ئىز، بەلگە قاتارلىق مەنىسىدە كېلىشى بولسا، مەزكۇر كەلىمىنىڭ سۆز يىلتىزىنىڭ يۇقىرىقى «أسر» كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن «أسير» كەلىمىسى بولماستىن، بەلكى ئەرەب تىلىدىكى «أثر  (ئەسەر)» كەلىمىسى بولغانلىقى ياكى «أَثَرَ» پېئىلىنىڭ مەستەر شەكلى بولغان «أَثَارَةً» كەلىمىسىدىن بىۋاسىتە ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. تەسىر ۋە ئىز مەنىلىرىدە كەلگەن ئاسارەت ئۇقۇمى «أَثَارَةً» سۆزىنىڭ مەنىلىرىگە باغلانغىنىدا، لۇغەتشۇناسلار قەيت قىلغاندەك بىر نەرسىنىڭ قالغان ئىزى، ئۇنىڭ يۇقىسى، ئىزناسى قاتارلىق مەنىلەرنى، شۇنداقلا مۇئەييەن ئامىلنىڭ ئىز ياكى بەلگىسىنى ئۆزىدە ئەكس ئەتكۈزۈپ تۇرغانلىقنى ئىپادىلەپ كەلگەن «تأثير (تەسىر)» قاتارلىق مەنىلەرنى ئۆزىگە يۇغۇرغان بولىدۇ. بۇنى ئاسارەت چۈشەنچىسىگە باغلىغاندىمۇ كەلىمىنىڭ پېئىلى بولغان «أَثَرَ (ئەسەرە)»نىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «بىراۋنىڭ ئىزىنى بويلاپ يۈرمەك»، «قالدۇق ئىزغا ئەگىشىپ ماڭماق»، «بېسىلغان ئىزدىن چەتنىمەستىن قەدەم ئالماق» قاتارلىق مەنىلەرگە تۇتاشتۇرۇش مۇمكىن. ئاسارەت ئۇقۇمى بۇ مەنىگە ئاساسەن ھەر دائىم ئۆزىنى تارتىپ تۇرۇۋاتقان، چەتنەشكە، ئايرىلىشقا، ئاجراشقا يول قويمايۋاتقان بىر تەسىر ئاستىغا چۈشۈپ قالغانلىقنى، ئۇشبۇ تەسىرنىڭ قالدۇرغان ئىزىدىن پاكلىنالمايۋاتقانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار ئۆتكۈر مەنىلەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ.

يۇقىرىقى ھەر ئىككى لېنىيەنى بويلىغان ئاساستا ئاسارەت ئۇقۇمىنىڭ قاتلىرىغا، ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە ئاڭلاتماقچى بولغان مەنە - مەفھۇمىغا كىرگىنىمىزدە، بۇ ئۇقۇمنىڭ بىزگە مۇستەملىكىچىلەر ئاڭ - تەسەۋۋۇرىمىزغا نەقىشلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان «ئازاد قىلىنغانلىق» سەپسەتىسىدىن پەرقلىق ھالدا، رېئاللىقىمىزنى ھەقىقىي ھالىتى بىلەن سۈرەتلەيدىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. چۈنكى ئاسارەت ئۇقۇمىنى كەلىمىنىڭ ھەر قايسى مەنە قاتلاملىرىغا شۇڭغۇغان ھالدا چۈشەنگىنىمىزدە، ئۇ بىزگە ھەر دائىم ئۆزىمىزنىڭ بىر  تەسىر ئاستىدا ئالغا باسالماي كېلىۋاتقانلىقىمىزنى، قالدۇق ئىزنىڭ يۇقۇندىسى ياكى ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماي ياشاۋاتقانلىقىمىزنى، ئۇنىڭ قويۇپ قويغان بەلگىسى بويىچىلا ئۆزىمىزنى تونۇيدىغان ۋە تونىتىدىغان ھالغا مەھكۇم بولغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مىللىي ئىرادىمىزگە ئىگە بولالماي، ئىنسانىي ھۆرلۈكىمىز ۋە ئانا تۇپراقلىرىمىزغا ئىگە چىقالماي بۈگۈنگە يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى ئەسلىتىدۇ. شۇنداقلا بىزنى ئۆز ئىزىغا ئەگەشتۈرۈپ، ئۆز تارىخى ۋە كەچمىشىنى بىلمىگەن ماڭقۇرتلارنى جەلپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئاتالمىش «ئازاد بولغانلىق» سەپسەتىسىنىڭ ئەسلىدە بىزنى مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماسلىقنى، مېڭىشىمىزنى مەجبۇر قىلىۋاتقان ئىزىدىن يۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىستەكلىرىنى بويلاپ ئىز قوغلاپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بىزگە ئاتالمىش «ئازادلىقتىن كېيىن» دېيىلىۋاتقان ئاشۇ تارىخىي دەۋرنىڭ ئەسلىدە بىزنىڭ دۈشمەن چاڭگىلىغا ئەسىر چۈشكەن دەۋرىمىز ئىكەنلىكىنى، بىزنىڭ مەۋجۇت ۋەزىيىتىمىزنىڭ قانداقتۇر مۇستەملىكىچىلەر قوبۇل قىلدۇرۇپ كەلگىنىدەك ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئاتالمىش پۇقراسى بولماستىن، جەڭ پەيتىدە دۈشمەن قولىغا چۈشكەن ئەسكەر ئىكەنلىكىمىزنى، ئەسىرگە چۈشكەن خەلق دېمەكلىكنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە دۈشمەن تەرىپىدىن تەسلىم قىلىنغان جەڭ ۋەزىيىتىدىكى خەلق ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى تەلقىن قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنى بۇ نۇقتىدىن ئاڭقىرىپ يەتمەك ئۆز نۆۋىتىدە كىشىگە خاتىرىسىنى يوقاتقان جەڭچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇرۇش ئەسناسىدا قولغا چۈشكەن ئەسكەرلىكىنى يادىغا ئالغىنىغا ئوخشاش ئويغاقلىققا دەۋەت قىلىدۇ. شۇنداقلا ئەسكەرنىڭ ئىشىنىڭ دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ تەن بېرىش ئەمەس، بەلكى باش ئەگمەسلىك، دۈشمەن سېپىدە ئورۇن تۇتۇشنى ياكى ئۇنىڭغا بوي ئېگىشنى خىيانەتكارلىق ھەمدە ۋەتەنساتارلىق بىلىش لازىملىقىنى، ئۇنىڭ تۇتقۇنى بولۇشنى خورلۇق ۋە ئار - نومۇسى دەپسەندە بولغانلىق دەپ بىلىشنى سەمىگە سېلىپ تۇرىدۇ. ئاسارەت ئۇقۇمىدىن ئۆزىنىڭ بۇ ھالدا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغان بىر ئىنسان قانداقمۇ ئاسارەت كىشەنلىرىنى چېقىپ تاشلاشنى ئارزۇلىماي، پېشانىسىگە تامغا ئىزى مىسالى ئۇرۇلغان ئەسىرلىك ۋەزىيىتىنى ھۆرلۈك ۋەزىيىتىگە ئالماشتۇرۇش كويىغا چۈشمەي تۇرالىسۇن!؟ ئەگەر ئۆزىنىڭ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنى بۇ مەنە بىلەن ئاڭقىرىغۇچىلار بىر توپنى ياكى بىر جەمئىيەتنى ۋەياكى بىر خەلقنى شەكىللەندۈرگىنىدە، بۇنداق بىر جەمئىيەت كوللېكتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەپلەتكە پېتىپ يېتىشى، ئارىلىرىدىن ئويغاق سەركىلەرنىڭ بارلىققا كەلمەسلىكى مۇمكىن بولسۇنمۇ؟!

 بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تىراگېدىيە شۇ مىللەتنىڭ ئۆز بېشىغا كەلگەن قىسمەتنىڭ قانداق قىسمەت ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يەتمەسلىكىدۇر، دەيدۇ مۇتەپەككۇرلار. دەرۋەقە، كىشى مەۋجۇت ۋەزىيىتىنى چۈشىنىپ يېتىش ئۈچۈن بۈگۈنكى تەقدىرىنىڭ قايسى خىل قىسمەتلەرنىڭ خۇلاسىسى ئىكەنلىكىنى، بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنىڭ، چارىسىزلىكلىرىنىڭ قايسى قىسمەتكە دۇچار بولۇشتىن كەلگەن زەنجىرسىمان ئاقىۋەتلەر ئىكەنلىكىنى پەرق قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان نەرسىلەرنى توغرا ئانالىز ۋە دىياگنوز قويۇپ يەكۈنلەپ چىقىشى شەرتتۇر. گېگىلنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا يەر يۈزىدە «ئۆزىنى ئۆزى ئىدراك قىلىشقا قابىل يېگانە جانلىق بولمىش ئىنسان»نىڭ  بۈگۈنىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تارىخىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى ۋە بۇ سايىدە قىسمەتلىرىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى يۈزىنى ئېنىقلىشى ھەمدە ئۇنىڭ تېگى تەكتىگە يېتىشى لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، پىرئەۋندىن قۇتۇلۇپمۇ مەنزىلىدىن ئادىشىشنى داۋاملاشتۇرۇغان چۆللۈككە مەھكۇم زېھنىي قۇللارنىڭ قىسمىتىنى تەكرارلاپ ياشاش، بىر ئىزىدىن ئاشالماي ئۆتۈش، توغرا يولى ۋە غايىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان غاپىللارنىڭ قىسمىتىگە دۇچار بولۇش ھېچ گەپ ئەمەس. مۇستەملىكە دەۋرىمىزدىن بېرى تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئەڭ گەۋدىلىك ئۇرغۇلىنىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلارنىڭ گۇماشتىلىرى تەرىپىدىن زېھنىمىزگە مەجبۇرىي سىڭدۈرۈلۈپ كەلگەن شوئارلاردىن بىرى بولمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» سەپسەتىسى ئەمەلىيەتتە مىللەتنى ھەق يولنى تېپىشتىن ئاداشتۇرۇشنى، ھۆر ۋەتەننىڭ ھۆر ئىنسانلىرى بولۇپ ياشاش غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شۇئۇرىنى كاردىن چىقىرىشنى ۋە مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت مىللىي غايىنى زېھىنلەردىن تازىلاپ ئۇنتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان سەپسەتىلەردىندۇر.

(3)

مەلۇم بولغايكى، قانداقلا بىر مۇستەملىكىچى ئۆز مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خەلققە بىر نەرسىنى سۇنۇۋاتقان بولسا، شۇنداقلا بۇنى گويا لۇتفى ئېھسانىدەك كۆز - كۆز قىلىۋاتقان، چىرايلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسا، دېمەك بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر خەلققە بەدەل تۆلەتكۈزۈش، تەقدىم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن نەرسە ئورنىغا بەدەل بولۇشقا يارايدۇ دەپ قارىغان يەنە بىر نەرسىنى تارتىۋېلىش، خەلقنى ئېلىۋېلىنغان ئۇ نەرسىدىن ئالاقىسىنى ئۈزدۈرۈش، ئۇنى ئۇنتۇلدۇرۇش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، مۇستەملىكىچىلىكتە بىر نەرسە تەقدىم قىلىنمايدۇ، بەلكى قاتتىق ياكى يۇمشاق ئۇسۇلدا تېڭىلىدۇ. پەرق قىلماق كېرەككى، ئەگەردە مۇستەملىكىچىنىڭ سۇنۇۋاتقىنى سۈنئىيلىك بولسا، تارتىۋالماقچى بولغىنى تەبىئىيلىك، ساپلىقتۇر. تەقدىم قىلىۋاتقىنى ياسالمىلىق بولسا، سۇغۇرۇۋالماقچى بولغىنى ئەسلىيلىكتۇر. دېمەك، مۇستەملىكىچى كۈچ بىر نەرسىنى قۇلاققا ئوقۇۋېرىش ئارقىلىق كۆپ تەكرارلاپ ياد قىلىۋەتمەكچى، ئىزىپ ئىچۈرۈۋەتمەكچى بولسا، قارشىلىقىدا يوقىلىشىنى ۋە ئۇنتۇلۇشىنى ئىستەۋاتقىنى ئۇنىڭ قارىمۇقارشىسىدىكى ئەسلىيلىك ۋە ھەقىيقىلىق بولىدۇ. مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ بىزگە توختىماي تەلقىن قىلدۇرۇپ كەلگەن «شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كېيىن»، «ئازادلىقتىن كېيىن» دېگەن سۆزلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇۋېتىشى ۋە بىزنىڭ ھەر قېتىم ئاڭلىغاندىكى قارشىلىق ئېڭىمىزدا مەزكۇر تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال سۆزلەردىن بىنورماللىق ھېس قىلماس بولۇپ كېتىشىمىز، ئەكس تەسىرى كۆرۈلمەستىن ئاڭلىغانچە يۇمشاپ كېتىشىمىز، زېھنىيىتىمىزگە قىلچىلىك ئەكس تەسىر ئېلىپ كەلمەيدىغان دەرىجىدە نورمال ئاڭلىنىدىغان ھالغا كېلىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى ھەقىقەت ئورنىغا سەپسەتىنى، رېئاللىق ئورنىغا سۈنئىيلىكنى، تارىخ ئورنىغا سەپسەتىنى دەسسىتىش پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە مۇۋەپپەققىيەتلىرىنىڭ مەھسۇللىرىدىندۇر. ئەمەلىيەتتە ئاڭلاشقا گۈزەل ئەمما رېئاللىقىمىزدا ئورنى يوق بولغان مەزكۇر ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» ئەپسانىسىدە مىللەتنىڭ ھەر زامان ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك بولغان، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تۇتاشتۇرۇپ ئۆزىنى ئويغاق تۇتۇشقا، قارشىسىدىكى مۇستەملىكىچىلەر ئالدىدا سەگەكلىكنى ئاشۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغان «ئاسارەت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىق، ئەسىرلىك ۋەزىيىتىدە ئىكەنلىكتىن ئىبارەت» ئەسلىي شۇئۇرنى، ۋىجدانىي ئويغاقلىققا ئۈندىگۈچى ھەقىقىيلىقنى زېھىنلەردىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش، ئاڭ ۋە تۇيغۇلاردىن سۈپۈرۈپ يوقىتىش مەقسەت قىلىنغان. ھەمدە بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى رېئال ۋەزىيىتىنى ئىدراك قىلىپ قېلىشىنىڭ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىچ يۈزىنى چۈشىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆزلەنگەن.

 مانا بۇ نۇقتىلار ئېنىق بولغان ۋاقىتتا، بىزنى ئۆز تىلسىملىرى بىلەن مەپتۇن بولۇشقا چاقىرىۋاتقان، ئەپسانىلىرى ئارقىلىق ئاڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى ئىستەكلىرى تامان يۆنەلدۈرۈشتە، ئوڭايلا قايىللىق كۈچىمىزنى قولغا كەلتۈرۈشتە رول ئويناپ كەلگەن ۋە بوينىمىزغا ئەپسۇنلۇق تۇمار كەبى ئېسىۋېلىشىمىزنى، كۈي قىلىپ ئوقۇشىمىزنى، خور بولۇپ تەڭكەش قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» سەپسەتىسىنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسى، غەرىزىمۇ ئېنىق بولۇشقا باشلايدۇ. شۇنداقلا مەزكۇر سەپسەتىنىڭ ئەسلىسىنىڭ مۇستەملىكچىلەر سىڭدۈرۈپ كېلىۋاتقىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكى، سۈنئىينىڭ ئورنىدا ئەسلىدە بولۇشقا تېگىشلىك شۇئۇرنىڭ ئاتالمىش «ئازاد بولغانلىق» شۇئۇرى ئەمەس، بەلكى ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىق شۇئۇرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. ئۇشبۇ «ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى زېھنىمىزدە ئورۇن تۇتقان مۇددەتچە «ئازاد قىلىنغانلىق» ئەپسۇنلىرى ئۆز خاسىيىتىنى يوقىتىشقا مەھكۇم بولىدۇ. ئاڭ - تەسەۋۋۇرىمىزمۇ بىزگە سۈنئىي تۇيغۇلارنى ئىشلەپ چىقىرىشنى توختىتىدۇ، ئەكسىچە يولىمىز ۋە مەنزىلىمىزنى ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇپ  ئۆز ئۆزىمىزنى ئالداپ ئۆتۈشنى بەس قىلىشقا چاقىرىدۇ. سۈنئىي خىياللار قورشاۋىدا گاڭگىرىماسلىق كېرەكلىكىگە، ئىرادىمىز ۋە غايىمىزنى مۇستەملىكىچى كۈچ ئالدىدا تەسلىم قىلىشقا بولمايدىغانلىقىغا، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەر قاچان ئاجىز ئىكەنلىكىمىزنى تەن ئېلىپ يوۋاشلىشىشىمىزنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىگە ئۈندەيدۇ. شۇنداقلا كۆرۈۋاتقان كۈنىگە خوش بولۇپ ئىزچىل مۇستەملىكىچىلەرگە ئىتائەتكار قۇللار دەرىجىسىدە كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىشتىن ئۈزۈل - كېسىل بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

  دەر ھەقىقەت، «ئاسارەتتە قالغانلىق» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن مۇستەملىكىچىلەر ياساپ بەرگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» نامىدىكى سۈنئىي ئەپسۇنلارنى ئىشلىمەس قىلىشقا يارايدىغان، ئىدىيەۋى زەھەرلىرىنىڭ تەسىرىنى قايتۇرىدىغان تىرياقتۇر. شۇنداقلا ئۇ بىزنى ئىچىدە ئەسىر قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان زېھنىي لاگېرلاردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشىمىزنى تەمىنلەيدىغان، زېھنىي ئەسىرلىك زەنجىرلىرىنى چىقىپ تاشلىشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇتىدىغان ئەينەكتۇر. ئۇ ئېڭىمىزغا مەھكەم ئورنايدىكەن، بىزگە مەھكۇملۇقىمىزنى ھېس قىلدۇرۇپ، شېرىن چۈش دەپ خىيال قىلىپ قالغانلىرىمىزنىڭ ئەسلىدە ئۆزىمىزنىڭ چۈشى ئەمەسلىكىنى، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىزگە كۆرسىتىۋاتقان چۈشلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ مەنىلەرگە يۇغۇرۇلغان «ئاسارەت» شۇئۇرى بىز ئۈچۈن ئويغىنىش داڭلىرىنى ئۇرۇش كېرەكلىكىنى پىچىرلاپ تۇرغۇچى ئۈندەك، بىراۋلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ چىقىرىلغان «ئازاد بولغانلىق» ئەپسانىلىرىگە مىراب بولۇپ كېتىشىمىزگە توسقۇن بولۇپ تۇرغۇچى رېئاكسىيە، ئۆز ئىرادىمىز ۋە جاسارىتىمىزگە تايىنىپ روھىي قۇللۇقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى تەنبىھلىگۈچى ئاگاھ، ھەمدە «ھۆر ۋەتەن» ۋە «ھۆر دۆلەت» قۇرۇپ چىقىشىمىز زۆرۈرلۈكىنى تەلقىن قىلىپ تۇرغۇچى سىگنالدۇر.

(4)

ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن كۆرۈنمەس دۈشمەن، دەيدۇ دانالار. ئەگەر دۈشمەن مۇستەملىكە قىلىنغىنىمىزغا بىر ئەسىرگە يېقىنلىشىپ قالغان بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ بىزگە ھېلىھەم ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق» تېمىسىنى مەركەز قىلغان ئالۋان - سېلىققا ئايلاندۇرۇۋەتكەن سەپسەتىلىرىنى سېتىش ئارقىلىق بىزنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان، بۈگۈنكى تىراگېدىيەلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشتىن غەپلەتتە قويالىغان، تىز پۈكمەسلىكنى مۇددىئا قىلغان ھەر تۈرلۈك قارشىلىقلىرىمىزنى تىنجىتىپ كەلگەن، شۇنداقلا ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەشلىرىمىزنى ئۆز يولىدا ئاقسىتىپ، ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ئۆز مەنپەئەتى ۋە كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرالىغان، گېزى كەلگەندە بۇلارنى ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرالىغان ۋە ھازىرقىدەك ئاشكارا قەتلىئام ۋە قىرغىنچىلىقلار ئالدىدىمۇ بىزنى دۈشمەنگە قارشى بىرلىشەلمەس، سەمىمىيەت ئىچىدە بىر بايراق، بىر ئىدېئولوگىيە، بىر سەپ ئاستىغا يىغىلالماس، بىر قىبلە تامان ئورتاق يۈزلىنەلمەس قىلىپ قويغان بولسا، بۇ قەدەر پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تۈگەل ماددىي قورال كۈچىگە تايىنىپ قىلالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش يۈزەكىلىك ۋە دۈشمەننى ھەقىقىي تونۇمىغانلىق، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ يەردە ئىزچىل سەل قاراپ كېلىۋاتقان ۋە مەغلۇبىيەت كاتېگورىيەسىدىن چىقالماي كېلىشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان چوڭ بىر ئامىل بار دېيىلسە، مەزكۇر ئامىلنى دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى، كۆز - كۆز قىلىپ ھەيۋە سېلىۋاتقان زامانىۋى قورال - ئەسلىھەلىرى دېگەندىن كۆرە ئۇنىڭ كۆزگە كۆرسەتمەي ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان مەخپىي قورالى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئاتالمىش «ئازاد قىلىپ قويغانلىق»تىن باشلانغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مېڭە يۇيۇش ۋە يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلىنى پۇختىلاپ كەلگەن بۇ خىل «يوشۇرۇن قورال» سايىسىدە دۈشمەن بىزگە ئاتاپ سۈنئىي كىملىك، سۈنئىي تارىخ ياساپ چىقىشنى ۋە سۈنئىي مىللەت شەكىللەندۈرۈپ چىقىشنى چوڭ جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرالىدى. نەتىجىدە يىلدىن - يىلغا ئەۋلادلار ئېڭىدا ئەجدادىغا بولغان تونۇش ئۆزگىرىپ باردى، ھەتتا قالايمىقانلاشتى. تارىخىدىن يىرگىنىدىغان، مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىش ئاساسىدا چىقىش يولى ئىزدەيدىغان شالغۇت ئوقۇمۇشلۇقلار تەبىقىسى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. ھەتتا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشنىڭ خەتەرلىرى ھەققىدىكى غايىبانە پەرەز تەخمىنلەرنىڭ بازىرىنى قىزىتىدىغان مەلۇم تۈركۈمدىكى ماڭقۇرتلار توپىمۇ بويۇن سوزۇپ ئۈلگۈردى. مانا بۇ تىراگېدىيەلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ھېچبىر ئەقىل ئىگىسى دۈشمەننىڭ نوقۇل قورال كۈچىگە تايىنىپ، ياكى ماددىي كۈچكە تايىنىپلا ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ نۇقتىغا يېتىپ كېلىشلەر ئومۇميۈزلۈك خەلقنىڭ پېشانىسىگە پىلىمۇتنى بەتلەپ تۇرغانلىقتىن شەكىللەنگەن، دەپمۇ ئېيتالمايدۇ.

 ئەلۋەتتە ئىشنىڭ بۇ دەرىجىگە بېرىپ يېتىشىدە ماددىي كۈچ ئامىلى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى بىرلەمچى ئامىل دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. بەلكى ئۇنى تولۇقلىغۇچى، دەستەكلىگۈچى ۋە قۇۋۋەتلىگۈچى ئامىل دېيىش مۇمكىن. شۇڭا بۇ يەردىكى بىرلەمچى ئامىل يەنىلا دۈشمەننىڭ ماددىي كۈچى بولغان ئاشكارا قورالى بولماستىن، بەلكى ئەپسانە ئىشلەپ چىقىرىشقا، سەپسەتە توقۇپ ئىشەندۈرۈشكە ماھىر يوشۇرۇن قورالىدۇر. ئاسارەت قىلىنغانلىق شۇئۇرىنى ئۆچۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ۋە قىلىپ كەلگەن ھەمدە قىلىۋاتقان بارلىق ئەپسانىلەر بولسا، ئەنە شۇ يوشۇرۇن قورالنىڭ ئوبرازى ۋە ئومۇم قىياپىتىنىڭ جۈزئىيلىرىدۇر. ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق» تەلقىنلىرىنى مەشرۇلاشتۇرۇشقا ۋە بۇنى مىللەت ئەزالىرىنىڭ ئاڭ - ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈشكە خىزمەت قىلىپ كەلگەن بارلىق نەرسىلەر، جۈملىدىن نەشرىيات، مەتبۇئات، كىنو، تېلېۋىزىيە، خەۋەر - تەشۋىقات ۋە باشقا بارلىق تەشۋىقات تىپىدىكى ۋاسىتىلەر، ھەتتاكى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىغا پۇت سېلىش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى قولىدا تامغا مىخلانغان بىر پارچە تەشۋىقات قەغىزىدىن تارتىپ يول - يوللارغا ئېسىلغان، ئىستولبىلارغا چاپلانغان لوزۇنكىلار ۋە قىزىل شوئارلارغىچە بولغان بارلىق ۋارىيانتلار دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى، غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى ۋاسىتىلىرىدۇر. مانا بۇ ۋاسىتىلەر ئۇشبۇ ئاسارەتلىك دەۋرىمىزنىڭ ئەپسانىلىرىنى ياشناتقۇچى، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى تۇپراقلىرىمىزنى بېسىۋالغاندىن كېيىنكى قەدەمدە قايتىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىشتا ئاساسىي رول ئوينىغۇچى، ھەمدە بىزنى زامانىۋى ماڭقۇرتلار سېپىگە ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەن ئۆتۈشىمىزنى تەمىنلىگۈچى بىرلەمچى ئامىلدۇر. دېمەك، بۇ نۇقتىدىن تۇپراق مۇستەملىكىسىدىن كېيىنكى بۈگۈنىمىزنى يارىتىشقا بىرلەمچى ئاساس بولۇپ كەلگەن ئۇ سېھىرلىك ھاسا دەل دۈشمەننىڭ يوشۇرۇن قورالى بولمىش ئاسارەت ئەپسانىلىرى بولغان ئىدى، دەپ ئېيتالايمىز.

خاتىمە

 خۇلاسە شۇكى، روھىيىتىمىزگە كەشتە مىسالى بىرمۇبىر ئىشلىنىپ كەلگەن، قۇلاق تۈۋىمىزگە تاختاۋسىز ئوقۇلۇپ كەلگەن ئاسارەت ئەپسانىلىرى بۈگۈنكىدەك تارىخىي بۇرۇلۇشلار مەيدانغا كېلىۋاتقان ھالقىلىق پەيتلەردىمۇ بىزگە ئاسارەت ئاستىدا تۇرۇپ ياشىغان كۈنلەرنىڭ قايتىلىنىشىنى، گويا ئۆزىمىزنى «ئازاد»تەك ھېس قىلىدىغان ئالدامچى تۇيغۇلارغا رام بولۇپ، بىخۇدلۇق ئىچىدە ياشاپ ئۆتۈپ كەتكەن غەپلەتلىك كەچمىشىمىزنى چىرايلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلماقتا. ھەمدە بۇ ئارقىلىق بارا - بارا ۋەتەن ۋە خەلقنى ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇشتىن باشقا ئامال يوقلىقىغا ئىشىنىشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ئاسارەت ئەپسانىلىرى يەنە نۆۋەتتە بىزنىڭ ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەن ئەسكەرنىڭ ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى، رىبات (ھەربىي ھالەت) ۋەزىيىتىدىكى بىر جەڭچى، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى بىر مۇجاھىد مىسالى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت ئۈستىدىكى بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇشىمىزنى تەلقىن قىلماقتا. ھەمدە ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ پەقەت بۈگۈنلا ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئىزچىل ئۇرۇش ئىچىدە تىركىشىۋاتقان «ۋەتەن ئەسكىرى» ھۆكمىدە ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشىمىزگە توسقۇن بولماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە «ئاسارەت ئاستىدا قالغانلىق» شۇئۇرى بىزنى ياغلىما سۆزگە ئايلاندۇرۇۋېتىلگەن ئاتالمىش «ئازاد قىلىنغانلىق»، ياكى «ئازاد بولۇپ بولغانلىق»نى مەزمۇن قىلغان ياكى ئۇنى قۇۋۋەتلەشكە خىزمەت قىلىدىغان بارلىق ئەپسۇن ۋە تىلسىماتلارغا قارىتا «سەپسەتە تامغىسى»نى بېسىشىمىز كېرەكلىكىگە، زېھنىمىز ۋە روھىيىتىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال مەزكۇر ئەپسانىلەر دۆۋىسىدىن پاكلاپ چىقىشىمىز لازىملىقىغا، ھەر تۈرلۈك زېھنىي قۇللۇقنى رەت قىلىدىغان ساغلام ۋە مەزمۇت روھقا ئىگە بولۇشىمىز ۋە ھۆرلۈك ئەقىدىسى بولمىش تەۋھىد ئېتىقادىغا مەھكەم ئېسىلىشىمىز كېرەكلىكىگە سىگنال بەرمەكتە. ئەپسانىگە رام بولۇپ ئۆتۈشنى خالامدۇق ياكى سىگناللاردىن سىلكىنىپ ئويغىنىش چاقىرىقلىرىغا مۇرەسسەسىز ئاۋاز قوشۇشنى تاللامدۇق؛ ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرىغا مەستۇ - مۇستەغرەق بولۇپ غەپلەتلىك ھاياتنى ئويغانغانلىق ساناپ ئۆتۈپ كېتەمدۇق ياكى ئەپسۇن - سېھىرلەرنى ھەقىقەت قۇياشىنىڭ نۇرىدا ئېرىتىپ ھۆرلۈك ئۈچۈن ئاتلىنىشنى، ھەمدە بۇنى يول قىلىپ بېكىتىشنى مىللىي ۋە ئىمانىي بۇرچ قىلامدۇق، بۇ يەنىلا بىز ئۈچۈن سىناق تېشى بولۇپ تۇرۇپتۇ. «ئېسىگە سالغىن، شۈبھىسىزكى ئەسلەش مۇئمىن بولغانلارغا چوقۇم ئەسقاتىدۇ» (سۈرە زارىيات، 55 – ئايەت). «ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز قىلمىدۇقمۇ؟ بىر تىل ۋە ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟» (سۈرە بەلەد، 8~10 ئايەتكىچە).

- بۇرھان مۇھەممەد


مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئاسارەت ئەپسانلىرىنى بىزگە نېمە دەيدۇ» ناملىق كىتابى.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»