بەزى ئەسلىمىلەر


بەزى ئەسلىمىلەر 

(خاتىرە)

ئاپرېل 15, 2009

(ئەرتۈرك)


ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺑﺠﻪﺵ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﺖ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻥ، ﮬﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﭙﻴﯧﯖﻰ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ، ﺧﯩﻴﺎﻝ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ، ﺋﯩﭻ ﭘﯘﺷﯘﻏﻰ… ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﺭ ﺳﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﺯﺍ ﺯﻩﻥ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻠﯩﻖ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻦ-ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺯﻭﺭ ﯞﻩﻗﻪ، ﺋﯘﺭﯗﺵ، ﺟﻪﯓ-ﺟﯧﺪﻩﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ، ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ، ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ؟ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻜﻪ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﻗﯩﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﻠﻪﻱ ﺭﯦﺘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻣﯜﮔﺪﻩﭖ ﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭘﻠﯩﻜﻰ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻧﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﯟﻩﺭﺩﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ، ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ. ﺟﺎﻳﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯩﺪﯨﺮﻟﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﭽﻪ، ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ، ﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻛﻪﯓ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ، ﺷﯘ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﭽﻪ، ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﮔﻮﻳﺎ ﺟﯘﯞﺍﺯ ﻛﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﯕﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﯩﺴﻪﻙ، ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯓ- ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﻼﺵ، ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ، .. ﺋﻪﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ، ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﻪﻥ 15 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﻰ، ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯩﭻ ﻣﯩﺠﻪﺯ، ﺧﯩﻴﺎﻟﭙﻪﺭﻩﺱ، ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﻳﯘﻣﯩﺸﯩﺘﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻨﻰ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ، ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﺮﺍﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎﺭﺯﯗﻻﻳﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪﺝ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ… ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ… ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺵ، ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﻳﯘﻣﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ… ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ. ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﭽﻪ ﮬﻪﺳﺮﻩﺕ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﯞﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻟﯩﺒﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﯩﯔ ﻏﯧﺮﯨﺒﻠﯩﻘﻰ، ﺩﻩﺭﺕ-ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪ ﻧﻪ ﭼﺎﺭﻩ!

ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﺪﺍ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯚﻳﯜﻣﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘ-ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻼﺭ، ﺑﯧﺰﻩﯓ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﻠﻤﻪﺱ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ، ﻳﻮﻟﯘﻗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ، ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﺵ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻳﺎﺯﻣﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪﯕﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﯩﺸﺘﯩﻴﺎﻗﯩﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯘﻡ ﺗﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﯦﺪﯨﻢ. ﻳﯧﺰﯨﺶ ﻛﯚﻳﯜﻛﯩﮕﻪ ﻣﯘﭘﺘﯩﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺟﯩﻢ ﻳﺎﺗﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ، ﻧﯩﺪﺍﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻏﯘﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ، ﻣﻪﺷﮭﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ “ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﺵ ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﯩﺪﺍ’، ”ﺋﯚﺯﻟﯜﻙ ﯞﻩ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺟﺎﮬﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﭙﻪﺭﻩﺳﻤﻪﻥ. ”ﺗﺎﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺕ“ ﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻼﺭ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻢ ﺋﻮﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯚﻳﺪﻯ، ﺋﻪﺭﯞﺍﮬﯩﻢ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺗﻮﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﯨﺴﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﻱ ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﻓﯩﻴﻔﯩﻴﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯚﺯﮬﺎﻟﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﮔﻪ ﺋﺎﭘﺎﺭﺩﻯ، ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ، ﻧﻪﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯘﻧﯩﺪﯗ. ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦ، ﺋﻪﺳﺌﻪﺕ ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻥ، ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ-ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﻏﻪﻟﻴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﺷﻜﻪﻥ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﭖ ﮬﺎﯞﺍﺩﻩﻙ ﺳﯜﻣﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻨﻰ ﺯﻭﻕ-ﮬﻪﯞﻩﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯜﻛﯜﻡ-ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ، ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﯘﻧﺪﻯ، ﺋﻮﻗﯘﺳﺎﻕ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﻛﯩﻴﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ، ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﻣﯘﻻﮬﯩﺰﯨﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺑﻪﻟﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ”ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮬﻪﺭﻩﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ“ﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﺎ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺪﯨﻢ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ، ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ، ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻤﺎﻥ-ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ-ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺭﻩﻣﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﻤﯘ ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘ، ﮬﺎﺟﯩﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﻤﯘ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻘﻜﻪﻧﻐﯘ… ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭ-ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﺮﻩﻙ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻣﯧﻨﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﻪﺗﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﻣﻪﻳﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﭼﯚﮔﯜﻧﻰ

ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ-ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺘﺎﯓ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﺸﺎﭖ، ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﺧﻼﭖ ﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﻳﺎﺵ، ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺳﯚﺯﻯ، ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﻳﺎﺵ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯘﺭﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.

ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ،-ﺩﯦﺪﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ،- ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،، ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ، ﺷﻪﻧﺪﯗﯕﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪﯗ.

ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،- ﺩﯦﺪﯨﻢ،- ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺑﺎﺭﺍﻱ.

ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻡ. ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺕ ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﯩﭽﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻐﺎ، ﯞﯦﻴﮕﯘﯕﺴﯜﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺵ، ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ، ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻛﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﻭﮬﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺑﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛﺎﺭﺗﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺳﻮﻣﻜﯩﺪﺍ 10 ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﺴﻜﯘﺭﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﺗﯩﭗ ﯞﻩ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﭼﯩﻼﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﻩ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻻﺭ، ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻻﺭ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﯘﻡ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﺋﯚﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻢ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﯕﻼﭖ، ﺋﺎﻟﯟﺍﯕﻨﻰ ﮔﺎﻟﯟﺍﯓ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘﻣﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﻜﯩﻦ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﯟﯨﺪﯨﻢ، ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﭼﯚﮔﯜﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭖ-ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.

ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ، ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯗﺳﯩﺪﺍ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻠﯜﻙ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﮔﺎﻥ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺖ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯘﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺗﯩﻘﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ، ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﭼﯚﮔﯜﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ، ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﻪ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﺎ، ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺶ ﺋﯚﻳﻰ…. ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﻝ ﺋﯩﺪﻯ.

ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔ ”ﭼﻮﯓ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻤﯘ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﭼﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺴﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺳﺎ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩﯨﻦ-ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭘﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ-ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﻰ ﭼﻮﯕﺮﺍﻕ. ﺑﯘ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ، ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩﻣﻠﯩﻚ، ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻜﻪ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﯧﺰﯨﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯗ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ”ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ“، ”ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ“ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ، ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺟﻴﺎﯓ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺷﯘﺟﻰ ”ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﻮﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺩﯨﻦ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺩﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ“ ﺩﯦﮕﻪﻧﻜﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﻪﭖ ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﭖ، ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﯩﻼﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 43 ﺋﺎﺧﯘﻧﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ(ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺋﺎﺧﯘﻥ) ﺑﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻪﻝ-ﻣﻪﻧﺴﻪﭖ، ﻳﯜﺯ-ﺋﺎﺑﺮﻭﻱ… ﯞﺍﮬﺎﻛﺎﺯﺍﻻﺭ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺗﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﺪﻯ.

ﺋﯚﻳﯜﻡ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎﯕﺎ ﺯﺍﺩﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻜﻜﻪ، ﺭﺍﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺑﯘ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ، ﺧﻮﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﻪﺭﺩﻩ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﻪﻙ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﺎﺭﺯﯗﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ، ﺧﻮﺗﯘﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﻗﯧﻠﯩﺶ ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﻚ، ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﯛﺵ ، ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻻﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜﺵ،، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ… ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﮬﯘﺯﯗﺭ-ﮬﻪ!

جۇڭگو مەسىلىلىرىدىن دوكلات“

چاتاق بولدى، ئىككى قېتىم يازغان نەرسەم سىستېمىنىڭ كاشىلىسى تۈپەيلىدىن يوقاپ كەتتى. بىرىنچى قېتىم قويغان مەۋزۇ ”جۇڭگو مەسىلىلىرىدىن دوكلات“ ، ئىككىنچى قېتىم قويغان مەۋزۇ ”سىياسىي ھاياجان ”ئىدى. ئوخشىمىغان پىكىر، ھېسسىياتتا يېزىپ چىققان نەرسەم سېكونت ئىچىدە كۆپۈككە ئايلاندى، كاللا، كۆز، ۋاقىت ئىسراپ بولدى. كومپيۇتېردىكى چاتاقنى ئوڭشىيالمىغان نېمەمگە سىياسىي، ئەخلاق ھەققىدە ئۇلۇغ گەپ قىلىپ نېمە قىلاتتىم دەپ ئۆزۈمگە كايىدىم. ھازىر مۇشۇ يازمىنىمۇ دەككە-دۈككە ئىچىدە يېزىۋاتىمەن، ئىزدىنىشقا بولغان ئىلگىرى قىزغىنلىقىم ۋە ئىشتىياقىمنى ئىزدەپ تاپاي دېگەنچە ئىشلىرىم ئاقمايۋاتىدۇ.

“ جۇڭگو مەسىلىلىرىدىن دوكلات“ دېگىنىم بىر كىتابنىڭ ئىسمى، دەرس ۋاقتىدا زېرىككەندە ئوقۇيمەن دەپ شۇ مەكتەپنىڭ كىتابخانىسىدىن ئالغان. جۇڭگوغا كېلىدىغان تەھدىت، خەۋپ-خەتەرلەر دەرىجە بويىچە تىزىلغان بۇ كىتابتا پارىخورلۇقتىن كېيىنلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى دىققىتىمنى تارتتى. بۇرۇن تەيۋەن، شىزاڭ مەسىلىسى چوڭ مەسىلە ئىدى، ئەمدى شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى مەسىلىسى چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. كىتابتىمۇ شۇنداق دەپتۇ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئۆزگىرىش ئىدى.

”دوكلات“تا پارىخورلۇق بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. سوۋېت كومپارتىيسىنىڭ يىمىرىلىشى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارازىتلىشىپ كېتىشى، ئىچىدىن چىرىپ سېسىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان، جۇڭگودىكى پارىخولۇقنىڭ 18 چوڭ ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان:

1. پارىخورلۇقنىڭ سوممىسى يىلدىن يىلغا ھەسسىلەپ قاتلانماقتا.

2. قېرى ئەمەلدارلارنىڭ پارا يىيىشى بىر قەدەر گەۋدىلىك.

3. ياش ئەمەلدارلار قېرىلاردىن ئۆگەنمەكتە.

4. ئەمەلدارلارنىڭ خوتۇنلىرى ئارقا سەپتە ھەرىكەت قىلماقتا.

5. كوللېكتىپ خىيانەتچىلىك كىشىنى چۆچۈتىدۇ.

6. بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ پارىخورلۇقىدىن بولغان زىيان غايەت زور.

7. ئەمەل سېتىش ئوچۇق ئاشكارە ئېلىپ بېرىلماقتا.

8. پارىخورلار چەتئەلگە قاچسا يوچۇق بار، توساقتىنمۇ تۆشۈك ئېچىلغان.

9. پارىخورلار ئۆزىنى ماختاپ كۆز بويايدۇ.

10. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا چىرىكلىك ھەممىدىن ئېغىر.

11. ئەدلىيە، سوت ئورگانلىرىنىڭ چىرىكلىكى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغىماقتا.

12. ئەيش، ئىشرەت، شەھۋانىي چىرىكلىك پارىخورلارغا سايىدەك ئەگىشىدۇ.

13. ئاساسىي قاتلام (يېزا-قىشلاق) ئەمەلدارلىرىنىڭ چىرىكلىكى پارتىيىنىڭ ئۇلىنى كولىماقتا.

14. مائارىپ ساھەسىدىمۇ چىرىكلىك ئومۇملاشماقتا، بۇ جەھەتتە مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا چارىلىرى بار.

15. ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىكلىكتىمۇ يېڭى يوچۇقلار پەيدا بولماقتا.

16. تىجارەتچى پارىخورلار بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقىدۇ.

17. چىرىك كۈچلەر مۇناسىۋەت تورى قۇرۇۋالغان.

18. كىچىك پارىخورلۇق داۋاملىشىۋەرسە مال-دۇنيا كۆپىيىدۇ.

پارىخورلۇق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سىلىقلاشتۇرغۇچى مېيمۇ؟ دەپتۇ ئۇ كىتاب. چۈنكى بەزى مۇتەخەسىسلەر پارىخورلۇقنىڭ تەرەققىياتتىكى ئاكتىپ تەرەپلىرىنىمۇ تىلغا ئالغانمىش.

ئاخىرىدا يەنە شۇ شوئار: چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى ئاخىرىغىچە ئېلىپ بارايلى!

مەزكۇر كىتاب 2-دەرىجىگە تىزغان چوڭ مەسىلە بايا بىز دەپ ئۆتكەن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئەڭ چوڭ خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ”شەرقىي تۈركىستان“ تېررورچىلىرى مەسىلىسى. كىتابتا بۇ تېررورچى كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تارىخىي سەۋەب، خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش قىسقىچە تەھلىل قىلىنغان. بىر چاغدا مەركىزىي تېلىۋىىزىيە ئىستانسىسىمۇ ئۇلارنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئاچقان. مەن ئاڭلىغان دەرستىمۇ ئارىلاپ-ئارىلاپ شۇ ھەقتە گەپ بولۇپ تۇردى. بىر قېتىم لېكسىيىدە دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسى ئىسلام دىنى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بۇ مەسىلە ھەققىدە نۇقتىلىق توختالدى، ئۇ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقۇپتۇ: قەشقەردە تۈرمىدە ياتقان بىر سىياسىي جىنايەتچى جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى تۈزۈپ تارقاتقان ئۈچ قىسىملىق ”يېڭى ۋەز-تەبلىغلەر“ دېگەن كىتابتىكى جىھاد ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ، ئەگەر مەن بۇ كىتابنى بۇرۇنراق كۆرگەن بولسام ياكى بىرسى ماڭا ئۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن چۈشەندۈرگەن بولسا بۇ يولغا ماڭمايدىكەنمەن… دېگەن.

كىتابتا يەنە ”ئۈچ خىل كۈچ“ ۋە ئۇنىڭ زورىيىپ كېتىش سەۋەبى تولۇق تەھلىل قىلىنغان. ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ، سىياسىي ئامىللار، كادىرلار (بۇ يەردە خەنزۇ كادىرلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئامىلى، مەدەنىيەت ئامىلى تولۇق نەزەرگە ئېلىنغان.

كىتابتا يېزىلىشىچە، شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭدا ياشىسا ھەقىقىي خاتىرجەملىك ھېس قىلمايدىكەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ مەركەز سىياسىتىنىڭ تەسىرىدىن شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كەتكەن. 1979-يىلدىن 1999-يىلغىچە 40 مىڭدىن كۆپ كادىر شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر ساھەدىكى تېخنىكلار، ھۈنەرۋەنلەر 20 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. 1980-يىلدىن 1990-يىل 10-ئايغىچە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇدىن 9162 خەنزۇ كادىر يۆتكىلىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ، سەھىيە سىستېمىسىدىكى خادىملار بولۇپ، شىنجاڭدا ئىختىساسلىق كىشىلەرنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شىنجاڭدا ياشىغان خەنزۇ كادىرلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خەنزۇلارنىڭ شۇنچە ئىناق ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ، ئەمما ھازىر تولىسى گاڭگىراپ قالىدۇ: نېمىشقا ھازىرقى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بۇرۇنقىغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدى؟ مەنچە دەيدۇ ئاپتور، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى بەزى زىددىيەتلەرنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە سىڭىپ كىرىشىدىن باشقا يەنە ئەڭ مۇھىم سەۋەب شۇكى، كادىرلار قوشۇنى چىرىكلىشىپ كەتتى، كادىرلار قوشۇنى (بولۇپمۇ خەنزۇ كادىرلار)نىڭ چىرىكلىشىپ كېتىشى پارتىيە، دۆلەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىنى بۇزىدىغان ئەڭ چوڭ ئاپەت. كۆپىنچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە كومپارتىيە مەلۇم جەھەتتىن خەنزۇ بىلەن ئوخشاش ئۇقۇم.

شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ چىقىش يولى يەنىلا مائارىپتا دەيدۇ ئاپتور، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مىللىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوش تىللىق مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئۇزاق مەزگىل خىزمەت قىلىدىغان خەنزۇ يولداشلار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ.

مەزكۇر كىتابتا جۇڭگوغا كېلىدىغان ئۈچىنچى چوڭ تەھدىتنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ جۇڭگوغا سىڭىپ كىرىش، تىنچ يول بىلەن ئۆزگەرتىۋېتىش سىياسىتى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئارقىدىن يەنە تەيۋەن مەسىلىسى بار.

سىياسىي ھاياجان

بۇ كۈنلەردە ئەسلىدە ئەدەبىياتقا تەئەللۇق ئىشتىياق ۋە ھاياجانلىرىم سىياسىيغا بەخشەندە بولۇپ كەتتى. ئەمما ئويلاپ كۆرسەم، بىز گەرچە مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئازاب چەكمىگەن بولساقمۇ ئازاب تارتقانلارنىڭ دەردىنى چۈشىنەلەيدىكەنمىز، بىزدىمۇ سىياسىيغا قارىتا سەزگۈر چۈشەنچە بار ئىكەن. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتىن كېيىنمۇ سىياسەت قوينىدا ياشاپ كەلگىىنىمىزنى بىلىمىز، سىياسىينىڭ ئۈستقۇرۇلما، ئىقتىسادنىڭ بازىس ئىكەنلىكىنى سىياسەت كىتابلىرىدىن ئۆگەندۇق. ئالىي مەكتەپتە ماركىسىزىمنى ئۆگەندۇق، بىزدىن كېيىنكىلەر دېڭ شىياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى ئۆگەندى بولغاي. بىز سىياسىيدىن مىڭ زېرىكسەكمۇ، تېلېۋىزوردىن كۈندە خەۋەر كۆرمىسەكمۇ ئەمما تۇرمۇشىمىز، ئىستىقبالىمىز سىياسىيدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز باشقۇرۇلىمىز، ئەركىنلىك بىلەن بىر ۋاقىىتتا مەجبۇرىيەت ئۆتەيمىز، دېموكراتىيىدىن بەھىرلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەددىمىزدىن ئېشىپ كەتسەك دېكتاتۇرا تايىقىنىمۇ يەيمىز.

مانا بۈگۈن دۆلەت بايرىمى، نەچچە يۈز مىڭ، ھەتتا مىليون كىشى پايتەختكە پويىزدا قىستىلىشىپ، ئايروپىلاندا ئىتتىرىشىپ كېلىدۇ، يۈرەكلىرى ۋەتەن، ۋەتەن دەپ سوقىدۇ، تيەنئەنمېنىگە كېلىپ ماۋزېدۇڭ سۈرىتىگە، ماۋزېدۇڭ خاتىرە سارىيىغا، خەلق چوڭ سارىيىغا، ئىنقىلاب موزېيىغا ھۆرمەت نەزىرىدە باقىدۇ، ئەتىگەندە بايراق چىقىرىشنى، كەچتە چۈشۈرۈشنى كۆرىدۇ، بويلىرى تەكشى بايراقچىلارنىڭ رەتلىك قەدەمدە قول سېلىپ كېلىشلىرىدىن زوقلىنىدۇ. ئەينى چاغدا مانا مۇشۇ مەيداندا نەچچە ئون مىڭ قىزىل قوغدىغۇچى رەئىس ماۋزېدۇڭ راۋاقتا پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ ھاياجاندىن دەۋرەپ، ۋاقىراپ شوئار توۋلاشقان. نەچچىسى زىيادە ھاياجاندىن ھوشىدىن كەتكەن. مانا مۇشۇ مەيداندا 1989-يىلى ئوقۇغۇچىلار ئاچلىق ئېلان قىلىپ يېتىۋالغان. مانا مۇشۇ مەيداندا 1999-يىلى ھەيۋەتلىك كۆرەك ئۆتكۈزۈلگەن، جياڭ زېمىن شۇجى ئالاھىدە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ مانىۋېرنى كۆزدىن كەچۈرگەن.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سىياسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۈستقۇرۇلما، باشلىق، رەھبەرنى ھۆرمەتلىمەي تۇرالمايمىز، چۈنكى ئۇلار ئاشۇ ئۈستقۇرۇلمىنىڭ ئۇستىخانلىرى. خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ دېگەنلەردە بىر باشلىقنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىگە تاقىشىدۇ، باشقا يەردىمۇ ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش.

بىز بىلىدىغان تارىخمۇ سىياسى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن، تارىخ ئوقۇساق باشتا ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرەشلىرى، يىلنامىلەر تىزىلىپ كېلىدۇ، ئاندىن مەلۇم ھاكىمىيەت دەۋرىدىكى ئىقتىساد، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، مەدەنىيەت-سەنئەت قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىدۇ. دېمەك، تارىختىن بۇيان ئىشنىڭ بېشى سىياسىي، سىياسىي دېمەك ھاكىمىيەت، ھوقۇق، ئىمكانىيەت دېمەكتۇر. يولداش دېڭ شىياۋپىڭ سىياسىيغا ئېنىقلىما بېرىپ: سىياسىي كۆپچىلىكنىڭ ئىشى دېگەنىكەن. كۆپچىلىكنىڭ ئىشى بولغانىكەن، ئۇنىڭدىن قاچالمايسىز، ئۇنىڭغا قاتنىشىسىز. تىرىكچىلىكىڭىزنى قىلغاچ سىياسەت-تۈزۈملەرگە بويسۇنۇپ دۆلەت ئۈچۈن ياشايسىز. دۆلەت، ھۆكۈمەت، سىياسەت…كاللىمىزدىن كەتمەيدۇ. يېزىلاردا دېھقانلار ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ. چۈنكى ئۇ يەردە توختىماي يېڭى سىياسەتلەر چىقىدۇ. زىيالىيلار نىسبەتەن خاتىرجەم، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ خاتىرجەملىكمۇ يېڭى-يېڭى سىياسەتلەرنىڭ (مەسىلەن تاۋار ئۆي سىياسىتىنىڭ) چىقىشى بىلەن بۇزۇلدى. ھەمما ئادەم پۇل غېمىدە ئادەتتىن تاشقىرى پايپېتەك بولۇشقا باشلىدى.

بۇ دەۋردە ياشىغانىكەنمىز، دەۋر بىزگە ئۆزىنىڭ تامغىسىنى باسىدۇ. ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەر ”سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى“ دېگەن بۇيرۇق بىلەن ئېتىلىدۇ. سىياسىي تۈزۈمنىڭ ياخشىلىقى ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھازىرقى تۈزۈمىگە رازى بولۇپ ياشايدىغانلار كۆپ سانلىق. نارازى بولىدىغانلارمۇ كومپارتىيىنىڭ شۇنچە كۆپ ئىنساننىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىىسىنى ھەل قىلغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ، بۇنىڭغا دۇنيا قايىل بولۇۋاتسا سېنىڭ قايىل بولمايدىغانغا نېمە ھەددىڭ؟، مەيلى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم بولسۇن، ياكى يېڭىچە كاپتالىزىم بولسۇن، ھازىرقى دۇنيادا تىنچلىق ۋە تەرەققىيات بىرىنچى. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى كاپتالىزىم، سوتسىيالىزىمنىڭ پەرقىنى يوقىتالارمۇ؟ بۇنىمۇ كېيىنكى تەرەققىيات بەلگىلەيدۇ. مەيلى قانداقلا بولسۇن، خەلققە پايدىلىق تۈزۈلمە، قانۇن، سىياسەت ئۇزاققىچە دەۋر سۈرىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمى خۇددى تۇرمىگە ئوخشايدۇ دەيدۇ بىر غەربلىك پەيلاسوپ، باشتا كۆنەلمەيسەن، كېيىن بارا-بارا كۆنۈپ قالىسەن، ھەتتا تۈرمىدىن چىققان كېيىن يەنە كىرگىڭ كېلىدۇ.

تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغانلار، ئاتا-ئانىلىرىدىن 50 يىللاردىكى يەر ئىسلاھاتى، ئېچىلىپ سايراش، يەرلىك مىللەتچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، 60-يىللاردىكى چوڭ سەكرەپ ئىلگىىرلەش، پولات تاۋلاش، تۆت كونىنى يوقىتىش… مەسچىت چېقىپ قۇرئان كۆيدۈرۈش… قاتارلىقلارنى ئاڭلىغانلار سىياسىيىنىڭ دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. پېشقەدەملەرنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ ساراڭ دەۋردە ھەممە ئادەم دەرىجىدىن تاشقىرى سىياسىغا باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ تەرەپ ياكى بۇ تەرەپ بولماي تۇرۇۋالغانلارمۇ مەيدانى ئېنىق ئەمەس دەپ قارىلىپ پىپەن قىلىنغان، يۈرىكى قىزىل بولماي ”ھەر خىل رەڭدە“ بولۇپ قالغانلار بىردەك قارىلىنىپ تۆھمەت قىلىچى بىلەن قىزىلغا بويالغان. سىنىپىي كۈرەش ئەۋجىگە چىقىپ ئىشلەپچىقىرش، تەرەققىيات توختاپ قالغان. مەدەنىيەت، سەنئەت تۇنجۇقتۇرۇلغان. ھازىر بىزگە يۆچۈن، غەلىتە، بىمەنە، ئېچىنىشلىق تۇيۇلىدىغان سىياسىي ۋەقەلەر شۇ دەۋردە ياشىغانلارغا تەبىئىي تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنى پەقەت ئوخشىمىغان دەۋرلەردە سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكەن كىشىلەر ئەڭ توغرا ھېس قىلالايدۇ.

خاتا سىياسەتنىڭ تەرەققىياتقا دۈشمەن ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. ھازىر دۆلىتىمىز ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ نېگىزى ئادەمنى ئاساس قىلىش دەپ بېكىتتى. ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش تەبىئىيلىككە، ئىلمىيلىككە ئەڭ يېقىن. بىرەر يېڭى سىياسەت تۈزگەندە، بىرەر يېڭى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغاندا، ئاددىيسى ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلغاندا ئادەمنى، ئادەمنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىش زۆرۈر. ئادەمنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەتتە سىياسەت ئاددىيلىشىدۇ، ئىخچاملىشىدۇ، دېموكراتىيە، قانۇن-تۈزۈم مۇكەممەللىشىدۇ. ئادەملەرنى بۇرۇنقىدەك سىنپلارغا ئايرىپ دۈشمەنلەشتۈرۈش ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلغان سىياسىي تۈزۈلمىدە دىنلارغىمۇ تولۇق ئەركىنلىك بېرىلىدۇ، دىنلار ئارا ئىناقلىق شەكىللىنىدۇ. ھازىر تەكىتلىنىۋاتقان ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدىكى ئۇيغۇنلۇق، ماسلىشىش ۋە تەرەققىياتنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ.

ئاڭلىغان لېكسىيەلەردىن تېرىۋالغان تەمەچلىرىم شۇنچىلىك، تەكرالانغانلىرىنى يادىمدىن چىقىرىۋەتتىم. يېنىمدىكى ئاخۇنلاردەك خاتىرە يازمىدىم. قايسى پروفېسسور، دوكتورنىڭ بىلىمى، نۇتۇق قابىلىيىتىگە قىزىقسام شۇنىڭكىنى بەكرەك ئاڭلىدىم. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدىن كەلگەن بىر پروفېسسور چوڭ زالغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىرلەشمە لېكسىيىدە تەيۋەن مەسىلىسىنى سۆزلىدى. ئېسىمدە قالغانلىرى شۇ: تەيۋەن ۋەتىنىمىزنىڭ يۈرەك پارىسى ھەم يۈرەك يارىسى. تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ئىچكى جەھەتتىن بۆلگۈنچىلىك قىلماقتا، ئايرىم پاسپورت چىقاردى، تارىخ دەرىسىنى قايتا تۈزدى. تەيۋەندىكى ياش-ئۆسمۈرلەرگە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە ئەكسىيەتچى تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە. تەيۋەن مەسىلىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي تېخنىكا جەھەتتە بىزدىن نەچچە ئون يىل ئالدىدا. ياپونىيەمۇ بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا يانتاياق. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى ئەجدادىنىڭ پاسىق روھىنى تاۋاب قىلىشنى توختاتمىدى. ھەتتا ياپونغا قارشى خاتىرە كۈنىدە شۇنداق قىلدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بېيجىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ياتىقىدىكى ياپون مېلىنى دېرىزىدىن تاشلىۋەتتى، كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلدى. مانا بۇ بىزدىكى ساپا، بىزدىكى بىچارە ۋەتەنپەرۋەرلىك! ئەگەر بىڭسىڭ بولسا ياپونلۇقلاردەك تىرىشىپ ئۆگەنمەمسەن، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتىدىن ياخشىراق مەھسۇلات كەشىپ قىلمامسەن؟ چىڭخۇا، بييدا…دىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىققانلاردىن ۋەتەننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇۋاتقانلىرى قانچىىلىك؟ چەتئەلدە ئوقۇغانلىرى قايتىپ كەلمىگەن.. ئادەتتىكىلىرى تۆۋەن مائاشلىق ئىش ئورۇنلىرىدا زارلىنىپ يۈرگەن…

پروفېسسور قايناپ قالدى، كۆزەينىكىنى سۈرتۈپ يەنە تاقىۋالدى. ئادەممۇ ئۆز قەلبىدىكى چاڭ-توزانلارنى پات-پات سۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك دەپ ئويلىدىم.

شەيخ سۇدەيس

شەيخ ئابدۇرەھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئىمام-خاتىپى، چوڭ ئۇلىما، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا تونۇلغان داڭلىق قارى. ئۇ 1960-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيازدا بىر دىنىي ئۇلىما ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 12 يېشىدا ھافىز (قۇرئاننى تولۇق يادلىيالايدىغان) بولغان. ئۇ ھەر كۈنى مەككە ھەرەم مەسچىتىدە نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانغا ئىماملىق قىلىدۇ، رامىزان ئېيى ۋە رەسمى ھەج ۋاقتىدا ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇيدىغانلار مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇنىڭ زىل، ئۆزگىچە، يېقىملىق ئاۋازى مۇسۇلمانلىرىمىزغا تونۇش. ئۇ 2004-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇممۇل قۇرا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەڭگۈلۈك دوكتور شەرەپ ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى رەھبەرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغاندا شەيخ بىلەن ئۇچرىشىپ جۇڭگوغا تەكلىپ قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ كىشى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە تەكلىپ قىلىش ئۇنچە ئاسان بولمىغان. شەيخ ئەسلىدە جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى بۇ يىل ئۆتكۈزىدىغان مەملىكەتلىك قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا كەلمەكچى ئىدى ، مۇشۇ ئىشنى ساقلاپ ئەسلىدە 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقە ئون نەچچە كۈن كېچىكتۈرلدى، بەزى ئاخۇنلار شۇ كىشىنى كېلىدىكەن دەپ ئاڭلاپ ئاتايىتەن بېيجىڭغا كېلىپ قىرائەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى بولۇپ ساقلاپ ئولتۇردى، ئەمما شەيخ يەنىلا دېگەن ۋاقىتتا كېلەلمىدى، يېپىلىش مۇراسىمىغا ئەرەب-ئىسلام ئەللىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدىكى دىپلوماتلار كېلىپ قاتناشتى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىنجاڭ يەكەندىن كەلگەن 17 ياشلىق غۇلامرۇسۇل ئابدۇۋاھىت قارىي مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچى بولدى. ئۇنىڭ بوم، تىترەڭگۈ، راۋان نەپەسلىك، تەجۋىدلىك قىرائىتى ئەرەبلەرنىمۇ تەسىرلەندۈردى. بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرى غۇلامرۇسۇلنى بەس-بەستە ئورىۋېلىپ زىيارەت قىلىشتى. بۇ مۇراسىمىدا شەيخ سۇدەيسنى كۆرەلمىگەنلەر ئەپسۇسلىنىپ قايتىشتى.

شەيخ سۇدەيس ئاي ئاتلاپ، 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگوغا كېلىپ ئۈچ كۈنلۈك دوستانە زىيارىتىنى باشلىدى. شۇ كۈنى جۈمە ئىدى، شەيخ سۇدەيسنىڭ جۇڭگو ئىسلام ئىنستىتۇتى مەسچىتىدە جۈمە خۇتبىسى سۆزلەيدىغانلىقىنى ۋە جامائەتكە ئىمام بولۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىنىپىزدىكى 42 ئاخۇن ئولتۇرالماي قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسمى، جۈملىدىن مەنمۇ ھەج تاۋاب قىلىپ، ھەرەم مەسچىتىدە شەيخنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ لېكىن ئۇنى يېقىندىن كۆرۈپ خۇتبىسىنى ئاڭلاش پۇرسىتى ئاساسەن بولمىغانىدى. بۇ بەلكىم باشقىچە تەسىرات بېرىشى مۇمكىن ئىدى. يەنە كېلىپ شەيخ جۇڭگوغا كېلىپ خۇتبە سۆزلەيتتى، بۇمۇ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىدە باشقىچە ھاياجان پەيدا قىلىدىغان بىر ئىش ئىدى. مەسچىتلەردىكى كەيپىياتلار يېڭلىنىپ تۇرسا، جامائەتنىڭ قەلبىدە يېڭى زىلزىلە پەيدا بولىدۇ، ئىبادەت باشقىچە كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۆڭۈل ئازراق بولسىمۇ ياشنايدۇ، ئىمان كۆچىتى سۇغۇرىلىدۇ. دىللاردىكى قاساۋەتلەر تۆكۈلىدۇ، مەسچىت ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ئاخۇنلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزنى ئۈچ ماشىنىغا سېلىپ مەسچىتكە ئاپاردى. خېلى بۇرۇن بارغىنىمىزغا قارىماي، مەسچىت ئىچى ئوقۇغۇچىلار، ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى دىپلوماتلىرى، سىرتتىن ئاڭلاپ كەلگەنلەر بىلەن توشۇپ كەتكەنىدى. خانىقا سىرتىغا پالاز- گىلەملەر، جاينامازلار زاپاس تىزىپ قويۇلغانىدى.

ئىچىگە كىرىپ بىر جاينى تېپىپ ئولتۇردۇق، دىپلوماتلار ئۇياق-بۇياققا ماڭاتتى، تېلېفونلاردا سۆزلىشەتتى، گاھىلىرى ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇۋاتاتتى. جامائەت بارغانسېرى زىچلىشىشقا، ئەسلىدىمۇ خېلىلا ئىسسىق بولغان ھاۋا تېخىمۇ ئىسسىپ، بويۇنلاردىن تەر ئېقىشقا باشلىدى. تالامۇ تىنجىق بولغاچقا، يوغان ئېچىۋېتىلگەن دېرىزىلەردىن شامال كىرمەيتتى. مانا شۇ چاغدىلا بۇ خانىقاغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلمىغانلىق كەمچىلىكى مانا مەن دەپلا چىقتى. ئولتۇرغانلار بۇنى چوقۇم ھېس قىلدى. دىپلوماتلارمۇ ئالاڭ-بۇلۇڭ قاراپ ئۈمىدسىزلەندى، بەلكىم ئاغرىندى. ناقىس ئىمكانىيەت ئىناۋەتكە تەسىر يەتكۈزۈشكە باشلىدى. شۇ ھالدا يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتتى، شەيخ كەلدى، جامائەت ئورۇنلىرىدىن دەۋرىدى، بارچىنىڭ كۆزى مېھرابقا قاراپ كېتىۋاتقان شەيخكە ھۆرمەت بىلەن تىكىلدى.

بارچە ئىززەت، ھەمدۇسانا ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. شەخسكە ئارتۇق ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆزىنى ئۇنتۇش يارىماس قىلىقتۇر. بىر دەمدىن كېيىن كەيپىيات پەسكويغا چۈشتى. تۆت رەكئەت سۈننەتنى باشلىدۇق، سەجدە پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولدى، ئاندىن جىمجىت ئولتۇرۇپ شەيخنىڭ ھەرىكىتىگە نەزەر سالدۇق.

شەيخ مۇنبەرگە چىقىپ خۇتبىسىنى باشلىدى. ھەرەم مەسچىتىدە ياڭرىغان تونۇش ئاۋاز، تونۇش سادا، تونۇش نىدا، تونۇش ئىبارىلەر بۇ يەرنىمۇ زىل-زىلىگە سېلىشقا باشلىدى. ئاز-تولا ئۆگەنگەن ئەرەبچە سەۋىيەم بىلەن ئۇ خۇتبىلەرنىڭ مەنىلىرىنى چالا-پۇچۇق ئاڭقىرىپ، ئېڭىمدا تولۇقلاپ ماڭدىم. شەيخ ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ، ئۇنىڭ ئائىلە ۋە ئەسھابىلىرىغا دۇئايى سالام يوللىغاندىن كېيىن جامائەتكە خىتاب قىلىپ، مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ دۆلەتتە، مۇشۇ يەردە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى بىلەن مۇلاقاتتا بولغانلىقىدىن ناھايىتى سۆيۈنگەنلىكىنى، بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن مۇسۇلمان جامائەسىنىڭ ئاللاھنىڭ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام دىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىش روھىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەقۋادار بولۇپ، ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشلىتىپ، ئىلىم ئىگىلەپ، باشقىلار بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە دىئالۇگ قۇرۇپ، ئىناق مۇھىت ئىچىدە تەرەققىي تېپىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولۇشىغا دۇئا قىلدى.

خۇتبىدىن كېيىن شەيخ سۇدەيىس جامائەتكە ئىمام بولۇپ جۈمە نامىزى ئوقۇدى، قاراپ باقسام جامائەتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئەرەبلەر ياكى باشقا مۇسۇلمانلار. دېمەك، ھەر قەۋم ئۆزىنىڭ ئۇلىما، ئىماملىرىنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ دىدارىغا، ئاۋازىغا مۇلاقات بولۇشنى شەرەپ بىلىدىكەن دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: “ ئالىم-ئۇلىمالار پەيغەمبەلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر“ دەپ ئېيتقان، بۇنى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مەقبۇل كۆرىدۇ. بىزدە ھەقىقىي ئالىم-ئۇلۇمالار ئاز قالدى. دىنىي زاتلارنىڭ دىنىي بىلىمى بولغان بىلەن چوڭقۇر ئەمەس، پەندىن تۈزۈك خەۋىرى يوق. ئۆتمۈشتە دىن بىلەن پەندە تەڭ يېتىشكەن ئۇلىمالىرىمىزنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش روھىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسكە ئالىمىز.

خۇيزۇ ئاخۇنلىرى بۇ قېتىمقى جۈمە نامىزىدىن ھاياجانغا لىق تولۇپ قايتىپ چىقىشتى: ئىتتىپاقىلىق ۋە تەرەققىيات! مۇشۇ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ ھەر قايسمىز ئۆز يېرىمىزدە ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، يۇرتىمىز مۇسۇلمانلىرىنى يېتەكلەيمىز. خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ گەپلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۆز يېرىدىكى ھۆكۈمەتتىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ. بىزدىچۇ؟ … بىلىدىغانلار بىلىدۇ، مەن بۇ ھەقتە ھېچنېمىنى بىلمەيمەن.

كۆڭۈلدىكى ئېغىر سايىلەردىن قېچىپ يەڭگىل، نۇرانە كەچمىشلەرنى خىيال قىلدىم. مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېنىدا بىر ھەپتە ياشاپ، ھازىر كۆپ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. قەلبىمدە ئەسلىمە گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ ئارقىدىن يەنە توزۇپ كەتتى. ئۆتكەن ئىشلار ئۆلۈپ كەتكەن دوستلىرىمىزنىڭ دىدارىدەك خىرە… مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان دوكتور، ماگېستېرلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا قاتناشتىم. پەرھات تۇرسۇن ئېغىر كۈلۈمسىرەپ قارشى ئالدى، دوستلۇقنى ئەزىز بىلىدىغان يازغۇچى. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولمىدى. يەنە ئىككى قىز بەش ئوغۇلنىڭ ئارىسىدا بەختلىك كۈلۈمسىرەپ ئولتۇراتتى. ھاجىم دەپ مېنى تونۇشتۇرغاندا بۇ سورۇنغا ماس كەلمەي قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئەمما مەنمۇ بەش يىل مۇشۇ مەكتەپتە لەيلەپ يۈرگەن رومانتىك بالا ئىدىم، سوغۇق شامالدەك يېقىمسىز، نەم ھاۋادەك ئېغىر، ئەتىياز پەسلىدەك قۇرغاق كەىپىياتلاردا ، يېشىل چىملىقلاردەك، گۈللەردەك گۈزەل ھېسسىياتلاردىمۇ ياشاپ ئۆتكەنىدىم. ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ بۇ قىزلار تېخى تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتاتتى. مانا ئەمدى ئالدىمىزدا بىلىم ۋە ھۆسنى خۇلقتا تەڭ يېتىشكەن جانانلاردەك جىلمىيىپ ئولتۇرىدۇ. ھايات دېگەن شۇ، ئۆزگىرىش دېگەن شۇ…

ماشىنىدا بىر ئولتۇرغانچە مۈگدەپ، تيەنئەنمېىننىڭ غەربىدىكى قىزىل تاملارغا تۇتاش مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بىناسىغا كەلدۇق. بىنا يېڭىدىن ياسىلىپ، ھەيۋەتلىك، ھەشەمەتلىك تۈسكە كىرگەنىدى. يىغىن ئېچىلدى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى رەھبەرلەر ئاخۇنلاردىن پىكىر ئالدى. ھەممىسى دەۋر روھىغا باي پىكىرلەر ئىدى. يىغىن ئاخىرىدا ھەر بىر ئاخۇنغا 500 يۈەندىن پۇل تارقىتىپ بېرىلدى. تاماقلار ئېسىل ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يەپ-ئىچىپ تۈگەتتۇق. ئاخۇن بولۇشنىڭ شەرىپىنى كونۋېرت ئاچقاندا ھېس قىلدىم. بۇ مەركەزنىڭ كۆڭلى ئىدى. ھەر بىر ئاخۇن بۇنىڭدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايتتى. شۇ كۈنى كەچتە مېھمانخانىدىن ئايرىلىپ، پويىزغا چىقىپ چىڭداۋغا يۈرۈپ كەتتۇق.

چىڭداۋ— خەيئېر گۇرۇھى

پويىزدا كېچىلەپ ماڭدۇق، مېنىڭ ئورنۇم بىز بىلەن بىللە كېتىۋاتقان دوكتور خانىم بىلەن بىر يەرگە توغرا كېلپ قاپتۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، مەركىزىي سوتسىيالىزىم ئىنستىتىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى بولغان بۇ خانىم بىزگە دىنلارنىڭ، جۈملىدىن ئىسلام دىنىنىڭ سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىش مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە بەرگەنىدى، نۇتقى راۋان، خۇشپېئىل، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈك بۇ خانىم قارىماققا ئالىي مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان قىزلارغىلا ئوخشايتتى، ئاڭلىسام تېخى ئەرگە تەگمەپتۇ، ئۇنىڭ ئىلىم ئىگىلەش ئىشتىياقى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنكى، ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا بۆلەكچە قىزىقىدىغانلىقىنى، ئەرەبچە ئۆگىنىپ قۇرئان كەرىمنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئەرەبچىنىڭ قانداق تىل ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى سورىدى، يولدا بارغىچە يېنىمدىكى يەنە بىر ئاخۇن بىلەن ئۇنىڭغا ئەرەب تىلى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بەردۇق.

ئەتىسى سائەت 8 لەردە چىڭداۋغا كەلدۇق، چىڭداۋ شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى رەھبەرلىرى ئالدىمىزغا چىقىپ قارشى ئالدى. ياتاقلىق ۋاگوننىڭ ئالاھىدە بۆلمىدە ماڭغان مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى دىن ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بىزگە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ ماڭغاچقا يولىمىز راۋان، ئىشلىرىمىز ئاسان بولۇۋاتسا كېرەك. ئۆمەك باشلىقىمىز خۇيزۇ بولۇپ، توختىماي تاماكا چېكىدىغان ئادەم ئىدى. كۇرس مەزگىلىدە ئۇ بىزدىن مۇسۇلمانلارنىڭ رايونلار ئارا كۆچۈش، مۇساپىرلىق ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەنىدى، مەنمۇ پىكىر قىلىپ، باشتا ئۆزەمنى تونۇشتۇرۇپ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنلىكىمنى ئېيتسام، مەنمۇ شۇ يەرنى پۈتتۈرگەن، ھە، مەكتەپدىشىم، قېنى سۆزلە… دەپ ماڭا ئىلھام بەرگەنىدى. مەن ئەسلى پىكىر قىلماي دېگەن، ئەمما دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ رايونلار ئارا كۆچۈش مەسىلىسى دېگەندە ئەڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقاتتى، باشقا خۇيزۇ ئاخۇنلارمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىش-ئوقەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتكەنىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، تۈرمىگە كىرىپ قالغان ئۇيغۇرلار، ئېغىر كۈنگە قالغان ئۇيغۇرلار، ئېزىپ-تېزىپ خارلىنىپ يۈرگەن ئۇيغۇرلار تىل ۋە باشقا جەھەتتىن قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، يەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەسچىتلەردىكى خۇيزۇ ئاخۇنلار ئۇلارغا دىنىي قېرىنداشلىق يۈزىسىدىن ياردەم بەرگەنىدى. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ئىسلام جەمئىيەتلىرىمۇ شۇ يەرلىك ساقچى ئىدارىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ خۇيزۇ ئاخۇنلاردىن سۆيۈنۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇشۇ سىنىپتىكى بىردىنبىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپتىم بىلەن بىر نەرسە دېيىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. دىيارىمىزدىكى ئالاھىدە ۋەزىيەت ، مەمۇرىيەتتىكى يېتەرسىزلىك، مائارىپتىكى چەكلىمىلىك، ئىقتىسادتىكى ئاجىزلىق، جەمئىيەت ئەخلاقىدىكى چىرىكلىك ۋە بۇزۇلۇش، ئاڭ سەۋىيىدىكى قاششاقلىق… قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تەۋەككۇل دەرياسىغا قېيىق سېلىپ ئىچكىرىگە تۈركۈملەپ ئېقىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىم سەر خىل مۇسۇلمانلىرىمىزنى ھېسابقا ئالمىغاندا باشقىلىرىنىڭ يا ئېتىقادتا، يا ئىلىمدە، يا ئىقتىسادتا يوق مەجرۇھ ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى، نامىمىزنى شۇلارنىڭ سىسىتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى قىسقىچە سۆزلىدىم. بەزىدە ھاياجانلىنىپ كېتىپ گېپىمنى تاپالماي قالدىم. ئەڭ ئاخىرىدا ”مەن بۇلارنى مىڭ سۆزلىسەممۇ گەپ مۇشۇ جايىدا قالىدۇ“ دېگەن قاراشتا سۆزۈمنى سوغۇققانلىق بىلەن تۈگەتتىم. خۇيزۇ باشلىق تاماكسىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ ئولتۇرۇپ بىر دەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن ھېچنېمە دېمەي، سۆزلەپ بولغانلار چىقىپ ئارام ئالسا بولىدۇ دەپ مېنىڭ چىقىپ كېتىشىمگە ئىشارەت قىلدى.

مەخسۇس ماشىنىلارغا چىقىپ بولغىچە قولىمىزغا بەش كۈنلۈك ساياھەت تەرتىپى بېسىلغان كىچىك رىسالە تۇتقۇزۇلدى، ئۇنىڭدا كۈنتەرتىپ، ھەتتا ياتدىغان ياتاقنىڭ نومۇرىغىچە ھەممىسى ئالدىن بېكىتىلىپ بولغانىدى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ چىڭداۋنىڭ كونا شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ دېڭىز بويىغا يېقىن يېڭى شەھەر رايونىغا كىردۇق. كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەرنىڭ پەرقى ناھايىتى زور ئىدى. ماختاشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئۇلار كونا شەھەرنىڭ قىياپىتىنى بۇزماي ساقلاپ قاپتۇ. يېڭى شەھەر ئەسلىدە بېلىقچىلار كەنتى بولۇپ، 15 يىلنىڭ ئالدىدا چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنى دېڭىز بويىغا كۆچۈرۈپ ئاپارغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ باشقا ئورگانلىرىمۇ خىزمەت بىناسىنى شۇ يەرگە كۆچۈرگەنىكەن، ئۆي-مۈلك تەرەققىيات شىركەتلىرى دېڭىز بويىغا بەس-بەستە ئۆي، داچا سېلىپ، يېڭى نوپۇسلارنى شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشقا قىزىقتۇرۇپ، ھازىرقىدەك ئاۋات، چىرايلىق بىر شەھەر رايونىنى بەرپا قىلىپتۇ. ھازىر شەھەر ئىچىدىكى ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ھەر كۇۋادرات مېتىرى 10 مىڭ يۈەنگە يېتىپتۇ. دېڭىز بويىدىكى داچىلار تېخىمۇ قىممەت ئىكەن. چىڭداۋد 10 نەچچە يىلدىن بۇيان كارخانا ۋە ساياھەتچىلىك بىلەن تەرەققىي قىلىپتۇ. بۇ جاي ئۆتمۈشتە گېرمانىيەنىڭ سودا پورتى بولغاچقا گېرمانىيە بىلەن ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئىكەن، دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ چوڭ ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى خەيئېر بىلەن چىڭداۋ پىۋىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بۇنىڭ تىپىك مىسالى بولسا كېرەك. خەيېئر ماركىلىق مەھسۇلاتنىڭ بەلگىسى بولغان ئىككى كىچىك بالىنىڭ بىرى چېچى سېرىق گېرمانىيلىك، يەنە بىر چېچى قارا جۇڭگولۇق ئەنە شۇ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ يارقىن نامايەندىسى ئىكەن. بۇ شەھەرنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئەۋزەل ئورنى، نەم، پاكىز ھاۋاسى چەت ئەللىكلەرنى، بولۇپمۇ كورىىيىەلىكلەرنى قىزىقتۇرۇپ قويۇپتۇ، ھازىر 100 مىڭدىن كۆپ كورىيەلىك بۇ شەھەردە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ئىش-ئوقەت قىلىدىكەن.

يول باشلىغۇچى بىر ياقتىن چۈشەندۈرۈپ ماڭدى، بىز ھەيۋەتلىك يېڭى شەھەر رايونىدىن ئۆتۈپ چىرايلىق دېڭىز بويىنى بويلاپ مېڭىشقا باشلىدۇق، ھاۋا ئوچۇق بولغاچقا دېڭىز بۆلەكچە چىرايلىق ئىدى، بىز ئىلگىرى بارغان بېيدەيخېمۇ بۇنچىلىك سۈزۈك، چىرايلىق كۆرۈنمىگەنىدى، دېڭىز بويىدىكى يېشىللىق، قاتار كەتكەن مېھمانخانا ۋە داچا ئۆيلەرگە زوقلىنىپ قاراپ قالدىم.

مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ ئەتىگەنلىك تاماق يەپ دېمىمىزنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن خەيئېر گورۇھىنى ئىكسكۇرسىيە قىلغىلى ماڭدۇق. چىڭداۋ شەھىرىنىڭ بارلىق يوللىرىدا خەيئېرىنىڭ ئېلانلىرى توشۇپ كېىتىپتۇ، چىڭداۋلىقلار بۇ ماركىدىن پەخىرلەنسە كېرەك دەپ ئويلىدىم. يەنە مەخسۇس خەيئېر يولى، خەيئېر كوچىسى دەپ كوچا بار ئىكەن، باش شىتاپ ۋە زاۋۇت شۇ رايونغا جايلىشىپتۇ. مېرسىدېس ماركىلىق ئاپتوبۇسىمىزنىڭ شوپۇرى ماشىنىنى نوچىلىق، ئۇستىلىق بىەن ھەيدەيتتى. 10 مىنۇت ئۆتمەيلا خەيېئر يولىغا چۈشۈپ، خەيئېركوچىسىغا كىردۇق. يېشىللاشتۇرۇلغان كەڭ سەينادا خەيئېر گورۇھىنىڭ ھەر قايسى سېخ، بۆلۈملىرى ئادەم يوق چوڭ-چوڭ گازارمىلاردەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىر دەم ماڭغاندىن كېيىن 10 نەچچە قەۋەتلىك خەيېئر بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق، خەيئېرنىڭ بەلگىسى بولغان جۇڭگولۇق ۋە گېرمانىيىلىك بالىنىڭ ھەيكىلى چوڭ بىر فونتاننىڭ ئوتتۇرۇسىدا قۇچاقلىشىپ تۇراتتى. بۇ دوستلۇق ۋە بىر ھاياتىي كۈچنىڭ سمۋولى ئىدى. بىناغا كىرىپ ئىكسكۇرسىيەنى باشلىدۇق. بىزنى 8-قەۋەتتىكى مەخسۇس مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىغان بىر زالغا باشلىدى، ئېلان ۋە كۈتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بىزنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەيېئر گورۇھىنى يۈكسەك پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن تونۇشۇتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، قالغىنىنى مۇشۇنىڭدىن كۆرۈڭلار دەپ كەڭ ئېكرانلىق خەير تېلېۋىزورىنى ئېچىپ، خەيئېر ماركىلىق DVD گە تەشۋىقات فىلىمىنى سېلىپ قويۇپ بەردى.

خەيئېر 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كوللىكتىپ ئىگىلىكتىكى ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى زاۋۇتى بولۇپ، ئاساسەن توڭلاتقۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما بازىرى كاسات بولۇپ، زىيان تارتىپلا كەلگەن. شۇ چاغدا زاۋۇت باشلىقى بولغان جاڭ رۈيمېن چەت ئەلگە چىقىرىش ئۈچۈن سۈپەت ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن 80 نەچچە توڭلاتقۇنى ئۆزى باشلامچىلىق قىلىپ چېقىپ تاشلىغان. بۇ ئىش چىڭداۋدا چوڭ تەسىر قوزغىغان. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي جاڭ رۈيمېن گېرمانىيە بىلەن تېخنىكا ھەمكارلىقىنى ئورنىتىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، زاۋۇتنى گۈللەندۈرۈشكە باشلىغان. جاڭ رۈيمېن بۇ زاۋۇتنى پاي چەكلىك شىركىتى قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن دېموكراتىك باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، قابىلىيىتى بارلارنى يېنىغا تارتىپ، ھەممە ئادەم مەنپەئەتدار بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخنىك خادىملارنى تەربىيىلەپ، مەھسۇلات تۈرىنى كۆپەيتىپ، تېخنىكىغا، سۈپەتكە، يېڭىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، خەيئېر مەھسۇلاتىنىڭ داڭقىنى پۈتۈن جۇڭگوغا، ئاندىن چەتئەللەرگە تونۇتۇپتۇ. خەيئېر گورۇھى ھازىر توڭلاتقۇ ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ئىسستقۇچ، DVD ئاپپاراتى، كومپيۇتېر، يانفون، چاڭ سۈمۈرگۈچ، ئۆي جاھازىلىرى، ئاشخانا ئەسلىھەلىرى… ئىشلەپچىقىرىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، كۆلىمىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا كېڭەيتىپتۇ. ئامېرىكىغا، پاكىستانغا توڭلاتقۇ، تېلېۋىزور زاۋۇتى قۇرۇپتۇ.( مەھسۇلات ئومۇمىي قىممىتى، ماركا قىممىتى…. بولۇپ، ئىشقىلىپ، جىقلا سانلارنىڭ گېپىنى قىلدى، ئېسىمدە تۇتۇپ بولالمىدىم.) قىسقىسى، خەيئېر دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ بىرى، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى ھېسابلىنىدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، بۇ يەردە تېخنىك خادىملار ئالاھىدە ئىززەتلىنىدىكەن، بىرسى يېڭى بىر كەشپىيات ياكى ئۇسۇلنى تېپىپ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى يېڭىلىسا مائاشى، مۇكاپاتى ئۆسىدىكەن، شىركەت ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چىڭداۋغا تەكلىپ قىلىپ ھەقسىز ئوينىتىدىكەن. . خەيئېر گۇرۇھى ھازىر يۈرۈشلۈك ئائىلە ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئاپتوماتىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بازارغا سالغان بولۇپ، ئىشتىن چۈشمەستىن بۇرۇن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپلا ئۆيدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، سۇ ئىسستقۇچ ۋە كومپيۇتېرنى ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئېچىپ قويغىلى ياكى ئېتىۋەتكىلى بولىدىكەن. ئەگەر ئۆيىمىزگە خەيېئرنىڭ بىر يۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى ئورناتساق ئۇلارنىڭ كەسپىي مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەتراپلىق، پۇختا، ئىشەنچلىك بولىدىكەن…

تونۇشتۇرۇشتىن كېيىن بىز خەيئېر گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلدۇق. ئىككى قەۋەتكە لىق توشقان خىلمۇ خىل مەھسۇلاتلار كۆزلىرىمىزنى ئالىچەكمەن قىلىۋەتتى. خەيئېر توڭلاتقۇلىرى تارىخ بويلاپ يىل تەرتىپى بويىچە تىزىپ قويۇلۇپتۇ، ئەڭ بۇرۇن پاچاقلانغان توڭلاتقۇدىن تارتىپ ھازىرقى ئەڭ ئىلغار توڭلاتقۇلارغىچە، ئۇلارنى لايھىلىگۈچى تېخنىكلارغىچە تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم. ھاۋا تەڭشىگۈچ مەخسۇس زالىغا قارىسام بىزنىڭ ئۆيدىكى خەيئېر ھاۋا تەڭگشىگۈچتىنمۇ ئىلغار يېڭى خىللىرى تۇرىدۇ. يېڭى مەھسۇلاتلارغا يېتشىپ بولغىلى بولمىغۇدەك. ئىشلەتكىلى بولسىلا بولغىنى. تېلىۋىزور، كومپيۇتېر، قول تېلېفونلار ھازىر كۆپ ئەرزانلاپ كەتتى، شۇنداقتىمۇ ئالدىراپ يېڭىنى سېتىۋالمايمىز، يەنە يېڭىسى چىقىپ قالسا دەپ تەلمۈرىمىز.

مېنىڭ نەزىرىمدىمۇ خەيئېرنىڭ ماللىرى خېلى سۈپەتلىك، مۇلازىمىتى يامان ئەمەس. دۇنيانىڭ زاۋۇتى دەپ تەرىپلىنىۋاتقان دۆلىتىمىزدە ساختا ماللار، ساختا ئېلانلار كۆپ بولسىمۇ، خەيئېردەك سۈپەتلىك ماللار يەنىلا دەۋر سۈرمەكتە. خەيئېر دۇنيا ئېتىراپ قىلغان چوڭ ماركا، ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ خەلقئارا بازارغا يۈرۈش قىلىشنى باشلاپ دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپتۇ.

خەيئېر گورۇھىنى بىر كىچىك بەگلىككە ئوخشاتقۇم كەلدى، لىدېر جاڭ رۈيمېن بولسا شەخسي ئايروپىلانى بار زامانىۋى بەگ ئىدى. بىز بىر دەم رەسىملەرگە چۈشكەندىن كېيىن بۇ بەگلىكنىڭ ئازادە قورۇسىدىن ئايرىلدۇق.

لاۋشەن تېغىدىكى ”ۋۇسۇڭ پالۋان“

خەيئېر گۇرۇھىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى بىر كىچىك تاغقا چىقتۇق، يىراقتىن قارىسا بۇ تاغ گويا دۈم كۆمتۈرۈلگەن غايەت چوڭ تەخسىگە ئوخشايتتى. تاغ باغرىدىكى قويۇق يېشىللىق، تاغ بويلاپ سېلىنغان كونا داچىلارنىڭ ئاق تاملىرى، قىزىل كاھىش ئۆگزىلىرى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلاتتى. بۇ داچىلار 100 نەچچە يىل ئاۋۋال گېرمانىيىلىك مۇستەملىكىچىلەر، چەت ئەللىك دىن تارقاتقۇچىلار، سودىگەرلەر، جاھان كېزەر سەيياھلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئابىدىلىرى ئىكەن، ئۇلار ھاۋاسى ياۋروپانىڭ نەم ھاۋاسىغا ئوخشايدىغان بۇ جاينى، دېڭىز بويىدىكى بۇ تاغنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ قوينىدا بىر مەزگىل ماكانلاپ ئاندىن بۇ داچىلىرىنى تاشلاپ كېتىشكەنىدى. داچىلار كونىراپ كەتكەن بولسىمۇ يەنىلا ناھايىتى مەزمۇت تۇراتتى، گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئىشنى پۇختا قىلىدىغانلىقى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. بۇ داچىلاردا ھازىر قاچانلاردۇر بىر ۋاقىتتا كىرىپ ئولتۇرۇۋالغان يەرلىك پۇقرالار پاناھلىنىۋاتاتتى. بۇرۇن بىر ئادەم تۇرغان كەڭ داچىنى ھازىر بىر نەچچە ئائىلە توساق بىلەن ئايرىپ بۆلۈنۈپ تۇراتتى. داچىنىڭ تاملىرى ئىستىن قارىداپ، سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ.

بۇ سەيلىگاھتا مەن 10 يۈەنگە ئۈچ تىزىق يالغان مەرۋايىت ئالدىم، تۇمانلىق ھاۋادا قالغان دېڭىز ۋە شەھەر ئاسمىنىغا قاراپ پەرىشان بولدۇم. چۈشكەن رەسىملەرمۇ تۇتۇق، چىرايىمىزمۇ تۇتۇق، نەم، ئىسسىق ھاۋادا يول مېڭىشمۇ جاپالىق، ساياھەتتىن ھەقىقىي ھوزۇر ئېلىش ئىستىكىدە بولمىغان ئادەمگە ئۆيدىن تالاغا چىقىشنىڭ ھەممىسى جاپا-مۇشەققەت، ئوڭۇشسىزلىق، خەۋپ-خەتەر بىلەن تولغاندەك بىلىنىدۇ. ساياھەتتىن ھوزۇرلىنالايدىغان ئادەممۇ ساياھەت جەريانىدا تەسەۋۋۇرىدىكىدەك گۈزەل چىقمىغان مەنزىرىلەردىن ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشى، ئىچى پۇشۇپ ھېرىپ كېتىشى، كۆنگەن جايىنى سېغىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ئاخۇنلىرىمىز كۆرىدىغان يەرنى تېزرەك كۆرۈپ، بىر-ئىككى پارچە رەسىمگە چۈشۈپ دەرھال قايتىشقا ئالدىرايتتى، بىر دەم مېڭىپ بولغىچە ھېرىپ، راھەتلىك ئولتۇرىدىغان ئاپتوبۇسنى سېغىنىپ ماشىنىغا يۈگۈرەيتتى. ماشىنىغا چىقىپ ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا كىرىپ توختىماي ماڭاتتۇق، بەزىدە مەنزىرە كۆرىمىز دەپ ئارتۇقچە ئايلىناتتۇق. بۇ شەھەرنىڭ يوللىرى ئۈرۈمچىنىڭكىگە ئوخشاش ئېگىز-پەس، ئەگرى-بۈگرى بولغاچقا ۋەلىسپىت، موتوسكىلىت دېگەن نەرسىلەرنى كۆرگىلى بولمايتتى.

ۋاقتىمىز تولىمۇ زىچ ئورۇنلاشۇرۇلغانىدى، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ياتاقتا بىر دەم ئۇخلىۋېلىپلا سائەت 2 لەردە ئاپتوبۇسقا چىقىپ زىياەتلىرىمىزنى باشلىدۇق. ئەمدى بارىدىغان يېرىمىز چىڭداۋدىكى مەشھۇر سەيلىگاھ لاۋشەن تېغى ئىدى. بۇ تاغدا تەرىقەتچىلەرنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتگاھى بارلىقىنى بارغاندىن كېيىن بىلدىم. بۇرۇنقى قايسى بىر بەگلىكنىڭ پادىشاھى بۇ تاغقا چىقىپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەچكە ئۇنىڭغا ”لاۋشەن“ (جاپالىق تاغ) دەپ نام قويغانىكەن. سۇ دۇڭپو قاتارلىق تەرىقەتچى شائىرلار ئاشۇ تاغدا بىر مەزگىل ئىستىقامەت قىلغانمىش. ئاپتوبۇس شەھەردىن چىقىپ 20 مىنۇتچە ماڭغاندىن كېيىن لاۋشەن تېغى كۆرۈندى، تاغقا بىر دەمدە يېقىنلاپ كەلدۇق، ئاپتوبۇس بىر قانچە توساقتىن ئۆتۈپ، تاغ باغرىنى يىلاندەك بويلاپ يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلىدى، شوپۇر بۇ يولغا خېلى پىششىق بولسا كېرەك، ماينى كۈچەپ بېسىپ، رولنى توختىماي تولغاپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ھەيدەشكە باشلىدى. يولنىڭ ئوڭ تەرىپى كۆپكۆك دېڭىز بولۇپ، ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ھەر بىر قارىغاندا ئاجايىپ چىرايلىق ھەم ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. يېشىل تاغ بىلەن دېڭىز گىرەلىشىپ، سۆيۈشۈپ تۇرغان بۇ خىلۋەت ئىگىزلىكتە يۇقىرى ئۆرلىگەنچە دېڭىز پەسلەپ ماڭدى، دېڭىزغا قاراپ ئولتۇرغان بەزى ئاخۇنلارنىڭ بېشى قايغان بولسا كېرەك، كۆزىنى يۇمۇپ بېشىنى يۆلەنچۈككە تاشلىدى. مەن ئۆمرۈمدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ نادىر مەنزىرىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي بىر دەم ياپيېشىل تاغقا، بىر دەم دېڭىزغا زوقلىنىپ قارايتتىم. تەخمىنەن 15 مىنۇت مۇشۇنداق ماڭغاندىن كېيىن تاغدىن پەسلەپ بىر جىلغىغا چۈشتۇق، دېڭىزغا تۇتىشىپ كەتكەن، 10 مودەك كېلىدىغان تۈزلەڭلىكى بار، باراقسان دەرەخلەر بىلەن قورشالغان بۇ چىرايلىق جىلغا لاۋشەن سەيلىگاھىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانى ۋە كىچىك بازارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ماشىنىدىن چۈشۈپ تۇرۇشىمىزغا سېتىقچىلار ئەتراپىمىزغا ئولىشىۋالدى. نەگىلا بارسا بازار، نەگىلا بارسا ئادەم… مانا بۇ بىزنىڭ دۆلەت. خىلۋەت دېگەن يەرلىرىڭمۇ ئادەملەر، ئۇششاق ماللار، ۋاراڭ-چۇرۇڭ بىلەن توشۇپ كەتكەن. سېتىقچىلارغا قارىماي دېڭىزغا، يېشىل تاغقا قارىدىم، پارلاق قۇياش تاغ-دېڭىزنى تامامەن جۇلالاندۇرپ تۇراتتى. ئاللاھنىڭ ياراتقانلىرىدىن ھېچقانداق نۇقسان كۆرەلمەيمىز، بۇ مۇكەممەللىك ۋە گۈزەللىكتىن ئالەمشۇمۇل تۇيغۇلارغا چۆمىمىز.

لاۋشەن سەيلىگاھىغا كىردۇق، دۆلىتىمىزدە ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ خىلۋەت، ھاۋاسى ئەڭ ساپ تاغلارغا بۇددا ئىبادەتخانىلىرى، تەرىقەتچىلەرنىڭ ئىستىقامەت ئورنى جايلاشقان. ئىلگىرى سەنشىگە بارغان چېغىمدىمۇ ئۈچ تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر تاغنىڭ تىك باغرىغا سېلىنغان بۇددا ئىبادەتخانىسىنى كۆرۈپ، بۇددىسىتلارنىڭ دىنىي قىزغىنلىقى ۋە مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان روھىنى كۆرگەندەك بولغانىدىم. بىز كىچىكىمىزدە كۆرگەن كىنولاردىكى شاۋلىن ئىبادەتخانىسى، ۋۇداڭ تېغى… دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇرىمىزدا خىلۋەت تاغ، يېشىل ھويلىلار بىلەن بىر تۇتاش گەۋدىلىنىدۇ. زەر نەقىشلىك قىزىل كاسايا كىيىپ، كۆزىنى يۇمۇپ دۇرۇت ئوقۇيدىغان ئاپئاق ساقاللىق راھىب، ياش راھىبلارنىڭ مايمۇندەك چاققانلىقى ۋە كالتەك ئوينىشىلىرى، ئۇچۇشلىرى… ئېسىمىزدىن پەقەت چىقمايدۇ. ”غەربكە ساياھەت“ تىياتىرىنىڭ ھەر تەتىلدە تەكرار-تەكرار قويۇلۇشى بىزنى بۇددا دىنىنى خېلى ئوبدانلا چۈشىنىدىغان قىلىۋەتتى. شۇڭا تاغلار، ئىبادەتخانىلار بىزگە قىلچە ناتونۇش تۇيۇلمايدۇ.

تەرىقەتچىلەر (داۋجياۋ مۇخلىسلىرى) بۇددىزىم ئاساسىدا كۇڭزى، مېڭزى، لاۋزى ئىدىيىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىسىدا شەكىللەنگەن بىر دىن بولۇپ، دۆلىتىمىزدە چوڭ دىنلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە دىنلار ئارا چۈشىنىش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر قېتىملىق دىنىي كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقا دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا ئاپىرىش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان. بۇمۇ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلسا كېرەك. تەرىقەتچىلەرنىڭ تاغ باغرىدىكى ماكانىغا كىرىشىمىزگە ئالدىمىزغا بىر ”ۋۇسۇڭ پالۋان“ چىقتى، قاراپلا شۇنىڭغا ئوخشاتتىم ۋە دەررۇ شۇنى ئويلاپ قالدىم: شاۋلىن مەزھىپى شاۋلىن تېغىدا ئىبادەتخانا قۇرۇپ، ئايپاڭۋاش بۇددا راھىبلىرىنى چامباشچىلىق قىلدۇرسا، ۋۇداڭ مەزھىپى ۋۇداڭ تېغىدا ئىبادەتخانا قۇرۇپ چاچلىرىنى ئۇزۇن ئۆستۈرگەن تەرىقەتچىلەرنى ۋۇداڭ چامباشچىلىقىدا تەربىيىلىگەن بولغىيمىدى؟ بۇ پەقەت مېنىڭ پەرىزىم، ھەقىقىي ئەھۋال تەتقىقات ئارقىلىق بىلىنىدۇ.

بىزگە ئىبادەتخانىلىرىنى چۈشەندۈرۈۋاتقان ۋۇسۇڭ پالۋانغا ئەگىشىپ ماڭدۇق، بەزى ئاخۇنلارغا ئۇنىڭ گېپى ئانچە خوشياقمىدى بولغاي، ئۇ ياققا-بۇياققا قاراپ قەدىمىي جۇڭگوچە ئۇسلۇبتا سېلىنغان ئىبادەتخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىدى. بىز دەل ئۇلارنىڭ چۈشتىن كېيىنكى ئىبادەت ۋاقتىغا ئۈلگۈرۈپ كەپتىمىز. قارىساق ئۈچ بۇتنىڭ ئالدىدا ئىككى مۇخلىس چاڭچىلە مۇزىكىلىرىغا ئوخشايدىغان جاڭ-جۇڭ مۇزىكىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئىبادەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇتنىڭ ئالدىدا سانچىپ قويۇلغان كۈجىلەر ئىس چىقىرىپ تۇراتتى، ئۇلار سەجدە قىلغان يەردە تەكىيگە ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. ۋۇسۇڭ پالۋاندىن قىزىقىپ : ”بىر كۈندە قانچە قېتىم ئىبادەت قىلىسىلەر؟“ دەپ سورىدىم. ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن: “ ئۈچ قېتىم ئىبادەت قىلىمىز، ئەتىگەندە، چۈشتىن كېيىن، كەچتە… ئىبادەت ۋاقتى بولغاندا جاڭ چېلىنىپ ئىبادەت باشلىنىدۇ“. گەپ ئارىلىقىدا ئىستىقامەت ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، روھىي جەھەتتە قانچىلىك تاۋلىنىپ كامالەتكە يەتكىنىگە بېقىپ بۇلارنىڭ قاتلاممۇ قاتلام دەرىجىلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە ئۇلار مەلۇم ۋاقىت ئىستىقامەت قىلىپ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىنمۇ ئىبادەت قىلامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلاپ يەنە سورىدىم: سەن ئۈچ يىل ئىبادەت قىلىپسەن، ئەگەر يۇقىرى دەرىجىگە يەتسەڭ يەنە داۋاملىق ئىبادەت قىلامسەن؟ ”ئۆمۈر بويى ئىبادەت قىلىمىز“ دېدى ئۇ. قارىماققا ئۇنىڭ ئىرادىسى، سەۋرچانلىقى خۇددى مۇشۇ تاغقا، تاش پەلەمپەيلەرگە ئوخشايتتى.

بىز تاغقا چىقىپ، مەنزىرىلىك جايلارنىڭ ھەممىسىدە تەرىقەت ئىبادەتخانىلىرىنىڭ جايلاشقانلىقىنى كۆردۇق، ھەر بىر ئىبادەتخانىدا باشقا-باشقا بۇتلار ، ئەر ۋە ئايال بۇتلار بار ئىدى، ئاڭلىسام بۇ بۇتلار جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلار ۋە رىۋايەتلىك شەخسلەر ئىكەن، زىيارەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ شۇ قەھرىمانلارغا تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئەجدادلىرىنىڭ روھىنى ياد ئېتىكەن، ئۇلاردىن مەدەت تىلەيدىكەن، پۇل تاشلايدىكەن، كۈجە يېقىپ سانجىپ قويىدىكەن، تازىم قىلىپ كۆڭلىدىكىنى تەلەپ قىلىدىكەن، يامانلىقتىن پاناھ تىلەيدىكەن. كېلىۋاتقان زىيارەتچىلەر كۆپ بولۇپ، چوڭ-چوڭ بايلارمۇ باردەك قىلاتتى.

بىز بۇ يەردىكى زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋۇسۇڭ پالۋاندىن خوشلىشىپ تالاغا چىقتۇق، سېتىقچىلار يەنە ئەگىشىۋالدى. جۈپلەپ يۇقىرى ئاتسا سوقۇلۇپ ئاۋاز چىقىرىدىغان ماگېنتلىق تاشنى ”مۇزىكىلىق تاش“ دەپ تونۇشتۇردى، بىر جۇپ سېتىۋالدىم. دېڭىز بويىدا بىر دەم ھاۋالىنىپ، ئاخۇنلارنىڭ يىغىلىپ بولۇشىنى كۈتۈپ بولغىچە سېتىقچىلار قۇلاق-مېڭەمنى يەپ بولدى. باشقا ھېچنېمە ئالمىدىم.

ياتاققا قايتىپ سىرتتىكى بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىدىن غىزالاندۇق. قارىسام يېنىمىزدىكى ئۈچ جوزىدا لىق ئولتۇرغان ئۇيغۇر قىزى تاماقنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ، بىر-بىرىدىن ئورۇق، ھالسىز، ھارغىن كۆرۈنىدىغان بۇ قىزلار مېنىڭلا ئەمەس، بارلىق خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. گەپ سوراپ باق دېدى يېنىمدىكى ئاخۇن. خوشياقمىدى، قانداق قىزلار بولاتتى؟ ئىچكىرىدە پۇل جىق دەپ كېلىدىغان قىزلار، شىماللىق ئەمەس، جەنۇبلۇق، قەشقەرلىك، ئاقسۇلۇق قىزلار… تاماقتىن كېيىن ئۇلارنىڭ خان ئاچىسىدىن ئەھۋال سوراپ بىلدىم، بۇ قىزلار چىڭداۋغا كېلىپ ئىشلىگىلى ئىككى ئاي بوپتۇ، زاۋۇتتا توختاملىق ئىشلەيدىكەن، پۇل تاپىدىكەن، مۇشۇنداق ئاشخانىلاردا مېھمان بولىدىكەن، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دېڭىز بويىغا چىقىپ قۇلۇلە تېرىپ ئوينايدىكەن، نېمىدېگەن بەختلىك… بەختلىك ياشاڭلار خانقىزلار… ئۇلارغا ئامەت تىلەپ چىقىپ كەتتىم. ئۇلار يەنە تاماق ساقلاپ ئولتۇرپ قالدى، بىرسىمۇ ماڭا يېقىملىق نەزەردە كۈلۈپ باقمىدى، كۆزلىرى بەكمۇ غۇۋا، چىرايى تۇتۇق، رەڭگى خۇنۇك…

كەچتە چىڭداۋ كوچىلىرىنى كەزدۇق، دېڭىزنىڭ بەكلا سالقىن شامىلىدىن توڭۇپ كېتىپ ئاپتوبۇسقا چىقىۋالدۇق. ئاپتوبۇستا ئىلچىىنىڭ كۆينىكىنى كىيىۋالغان بىرئۇيغۇر بالا يېنىدىكى خەنزۇ قىزنىڭ يېنىدا بىلىكىگە بېشىنى قويۇپ ئۇخلاپ كېتىپتۇ، قىززىق تۇيۇلۇپ رەسمگە تارتىۋالدىم. چىڭداۋنىڭ مەركىزىي سودا رايونىدىكى پىيادىلەر كوچىسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ ھەمراھلىرىمدىن ئايرىلىپ قالدىم، يالغۇزلۇقتا ئەركىن ئايلاندىم، كەچتە ئۆزەم يول سوراپ، گاھى ئاپتوبۇسلۇق، گاھى پىيادە ئۇزۇن بېسىپ دېڭىز بويىغا كەلدىم، كېچىدە دېڭىز باشقىچە سىرلىق كۆرۈنەتتى، دېڭىز گويا يەر-زېمىننىڭ نىداسىنى ئىنسانلارغا ئاڭلاتماقچى بولغاندەك رېتىملىق شاۋقۇنلايتتى. يىراقتىن پاراخوتنىڭ گۈدۈكلىرى ئاڭلىناتتى. يورۇق داچىلار، مېھمانخانىلارنىڭ رەڭلىك چىراغلىرى ھاياتلىقتىن، مەئىشەتتىن، ئەيش-ئىشرەتتىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. ئېزىپ ماڭغانچە مېڭىۋەردىم، ئاخىرى ھېرىپ توختىغاندا تاكسىغا چىقىپ ئىككى مىنۇت ئۆتمەيلا ياتاقنى تېپىپ كەلدىم.

تاغ باغرىدىكى مەسچىت

ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە بىر سائەتچە مېڭىپ جىنۋاڭ گۇرۇھىنىڭ زاۋۇت قورۇسىغا كەلدۇق، خەيئېر گۇرۇھىغا باققاندا كۆلىمى خېلىلا كىچىك بولغان بۇ شىركەت مەخسۇس شام ياساپ سېتىپ بۇنچىلىك ئىگىلىك تىكلەپتۇ، خىزمەت بىناسىمۇ چىرايلىق سېلىنىپتۇ، تونۇشتۇرغۇچىنىڭ يول باشلىشى بىلەن كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، خىلمۇ خىل شاملارنى كۆردۇق، جاھاندا بۇنداقمۇ رەڭدار، خىلمۇ خىل ، سۈپەتلىك، پاكىز كۆيىدىغان شاملار بار ئىكەنا، كىشىلەر ھازىر ئېلىكتىر دەۋرىدە دەۋرىدە ياشاۋاتسا بۇنچىلىك شاملارغا ئېھتىياج شۇنچە كۆپمىدۇ؟ ئەمما بىر دەمدىن كېيىن بىلدۇق: بۇ شاملارنىڭ ھەممىسى چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىكەن، ياۋروپا ئەللىرىگە كۆپ سېتىلىدىكەن. ئويلاپ بېقىڭ، ياۋروپادىكى چېركاۋلار، ئالىي رېستورانلار، رومانتىك قەھۋەخانا ۋە قاۋاقخانىلار ھەر كۈنى نەچچە يۈز تال شامنى كۆيدۈرۈپ تۇرسا، چېركاۋ مۇراسىملىرى، كەچلىك كۇلۇبلاردىكى رومانتىك پارتىي(يىغىلىش)، توي مۇراسىملىرى، تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشى… دېگەندەك پائالىيەتلەر شامدىن ئايرىلمىسا… جۇڭگونىڭ ئەرزان، سۈپەتلىك شاملىرى بازار تاپماي قالامتى؟ بۇ شىركەت شامدىن باشقا يەنە سوپۇن، گىرىم بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. بۇنى زاۋۇت مەسئۇلى مۇنداق چۈشەندۈردى: بۇ خۇددى خېمىرنى يۇغۇرۇپ ئۇنىڭدىن موما، مانتا ھەم جۇۋاۋا قىلغانغا ئوخشايدۇ. ھەممىسى ئۆسۈملۈكتىن ئىشلىنىدۇ. ھەممىسى تەبىئىي نەرسىلەر. شۇڭا ماللىرىمىز قىممەت. ئەگەر مەھسۇلاتىمىزنى ئالغۇڭلار بولسا مەخسۇس سېتىش ئورنى بار، شۇ يەردىن ئېلىڭلار… سوۋغات قىلىپ بەرگەن بولسا خۇش بولۇپ ئالاتتۇق، پۇلغا ھېچنەرسىنى سېتىۋالغۇمىز كەلمىدى، شام گويا خىرىستىئانلىقنىڭ بەلگىسى، گىرىم بويۇملىرىمۇ ئاخۇنلار خوتۇنلىرىغا ئۇنچىلىك تالىشىپ ئېلىپ كەتكۈدەك ئەتىۋارلىق نەرسىلەر ئەمەس ئىدى.

دېڭىز بويىغا قايتىپ كەلدۇق، مېھمانخانىغا بېرىشتىن ئاۋۋال دېڭىز ساھىلىدا بىر يېرىم سائەتتەك ئايلاندۇق. دېڭىز بويى بەك چىرايلىق كۆكەرتىلگەنىدى، ساھىلدا سۇغا چۈشەلمىگەچكە ئاياغلىرىمىزنى سېلىۋېتىپ سۇغا كېچىپ راھەتلەندۇق، رەسىملەرگە چۈشتۇق. دېڭىز بويىدىكى داچىلارغا زوقلىنىپ، مۇشۇ يەردە ياشاۋاتقان پۇلدار ئادەملەرگە ھەۋەسلەندىم. دېڭىز بويى ھەقىقەتەن چىرايلىق، ھاۋالىق ئىدى. ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تۆت چاقلىق بىر موتىسكىلىتنىڭ 5 مىنۇتلۇقىنى 20 يۈەنگە كىرالاپ، دېڭىز بويىدا غاقىرىتىپ ھەيدەپ، سۇغا كەچتۈرۈپ، بىر دەم ئۇياق-بۇياققا چېپىپ ئوينىدىم…

چۈشتىن كېيىن چىڭداۋدىكى چوڭ مەسچىتكە باردۇق. تاغ باغرىغا سېلىنغان بۇ مەسچىت خېلى يىراقتىن كۆرۈنەتتى، قۇببىلىرى ئەقسا مەسچىتىنىڭ قۇببىسىدەك ئالتۇن رەڭدە جۇلالىنىپ تۇراتتى. مەسچىتكە كەلدۇق، قۇرۇلۇش كۆلىمى ئىككى مو كېلىدىغان بۇ ئىككى قەۋەتلىك مەسچىت تېخى يېڭىلا پۈتكەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىنىڭ تېشىغا ”ھەق دىن ئىسلام“، ئىچىگە ‘ئاللاھ بىر“ دەپ يېزىلغانىدى. مەسچىت ھويلىسىغا ئورنىتىلغان تاش ئابىدىگە چيەنلۇڭ خان زامانىسىدا ياشىغان بىر خۇيزۇ ئۇلىمانىڭ ئىسلام دىنىنىڭ كېلىش تارىخىنى چۈشەندۈرگەن ئاساستا يېزىپ چىققان تۆت خەتلىك قەسىدىسى پۈتۈلگەنىدى، يەنە بىر تاش ئابىدىگە مۇشۇ مەسچىتنى سېلىشقا ياردەم قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئىسمى ئويۇلغانىدى، قارىسام بۇنىڭ ئىچىدە بەش ئالتە ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تۇرۇپتۇ. چىڭداۋ شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، مۇشۇ مەسچىتنىڭ مەسئۇلى بولغان خۇيزۇ ئاخۇن بۇ مەسچىتنىڭ بىنا قىلىنىش ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، جەلپ قىلارلىق چۈشەندۈردى. بۇ مەسچىتنىڭ ئەسلى ئورنى شەھەر ئىچىدە بولۇپ، يولغا توغرا كېلىپمۇ ئەيتاۋۇر چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن چىڭداۋ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلاپ بېرىشى بىلەن مۇشۇ تاغ باغرىدىن 10 مو يەر ئېلىپ بۇ مەسچىتنى سېلىشقا باشلىغانىكەن، مەسچىتنى سېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان تا ھازىرغىچە قۇرۇلۇشقا جەمئىي 4 مىليونغا يېقىن پۇل خەجلىنىپتۇ، ھۆكۈمەت بېرىپتۇ، چىڭداۋدىكى باشقا دىنىي جەمئىيەتلەر ئىئانە قىلىپتۇ، شەخسلەرمۇ ئاتىغانلىرىنى بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ مەسچىت ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپتۇ. بۇ ئون مو يەرنىڭ ئىككى موسى مەسچىتكە قالغىنى خۇيزۇ قەبرىستانلىقىغا تەۋە ئىكەن. خۇيزۇ قەبرىستانلىقى ئەتراپتىكى بىنا ئۆيلۈك يېڭى ئاھالىلەرگە قورقۇنچلۇق كۆرۈنگەچكە، خۇيزۇ ئاخۇنلار كاللا ئىشلىتىپ قەبرىستانلىققا رەتلىك دەرەخ تىكىپ، گۈل-گىياھ ئۆستۈرۈپ، قەبرىستانلىقنى يۇقىرىدىن قارىسا قەبرە تاشلىرى كۆرۈنمىگۈدەك بۈك-باراقسان باغچىغا ئايلاندۇرۇۋېتىپتۇ. ئاڭلىشىمچە، قۇمۇل شەھىرىمۇ كونا قەبرىستانلىقنى كۆچۈرۈش داۋامىدا قەبرىلەرنى رەتلەپ، قەبرىستانلىقنى باغچىدەك گۈزەللەشتۈرۈپتىكەن. بۇنداق قىلىش شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلىپ قالغان قەبرىستانلىقنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ياخشى چارىسى، ئەلۋەتتە.

خۇيزۇ ئاخۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە چىڭداۋدىكى مۇسۇلمانلار 3000 غىمۇ بارمايدىكەن، ئىلگىرىكى مەسچىت شەھەر ئىچىدە بولغاچقا جامائەت ئانچە-مۇنچە كېلىپ تۇرىدىكەندۇق، تاغ باغرىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، گەرچە ئارىلىق يېقىن بولسىمۇ بۇ يەرگە ناماز ئوقۇغىلى كېلىدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك ئىكەن، 500 كىشى كەڭتاشا سىغىدىغان شۇنچە ھەيۋەت، شۇنچە چىرايلىق مەسچىت يېڭىدىن كۆز ئېچىپلا جامائەتسىز قاپتۇ. “ لېكىن– دەپ گەپ باشلىدى خۇيزۇ ئاخۇن تەمكىنلىك بىلەن،– بىز بۇ ھاۋالىق تاغنىڭ باغرىدىن مۇشۇنچىلىك زېمىنغا ئېرىشەلىدۇق، مەزمۇت پۇت دەسسەپ تۇراالىدۇق، مەسچىتنى سېلىۋالدۇق، قەبرىستانلىقىمىزنى ئوڭشىۋالدۇق. مانا بۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش، جامائەت مەسىلىسى، ئاخۇن مەسىلىسى، دىنىي ئىز باسار مەسىلىسى ئەمدى بىر-بىرلەپ ھەل بولىدۇ. ئىقتىسادلا بولىدىكەن ھەل بولمايدىغان ئىش يوق، مەسچىتكە كېلىدىغان يوللارغا قارىماي ياتقۇزۇلۇۋاتىدۇ. ئىشلار ياخشىلىنىپ كېتىدۇ. مەسچىتلا بولىدىكەن، ئىزىمىز ئۆچمەيدۇ، دىنىمىز داۋاملىشىدۇ. ئاللاھ بىزگە مەدەتكار…“ ھەممىمىز قىزغىن چاۋاك چېلىپ ئۇ ئاخۇننىڭ جاسارىتىگە، يۈرەك سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئېيتتۇق.

مەسچىتكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدۇق. خانىقانىڭ ئىچىدىكى قۇببە شەكىللىك ئېگىز ئايۋانغا ئاللاھنىڭ 99 گۈزەل ئىسىم-سۈپىتى ئالتۇنرەڭلىك ھەلدە يېزىلغان بولۇپ، ئەرەب خەتتاتلىقىنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىسى نامايەن قىلىنغانىدى، شۇ خەتلەر بىلەن يۇلتۇزدەك چىرايلىق بېزەلگەن نەپس، كۆركەم ئايۋان ئۇ يەرگە ئېسىلغان خىرۇستال چىراق بىلەن قوشۇلۇپ كىشىنى ئىنتايىن زوقلاندۇراتتى. بۇ مەسچىتكە قان-تەرىنى تۆككەن خۇيزۇ ئاخۇنلارنىڭ مېھنىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم.

مەسچىتتىن ئايرىلىپ يەنە دېڭىز بويىغا كەلدۇق ۋە ئاسىيا بويىچە ئەڭ چوڭ ”قۇتۇپ دېڭىز-ئوكيان دۇنياسى“ باغچىسى كىردۇق. بېلىتى خېلىلا قىممەت بولغان بۇ باغچىغا كىشىلەر ئاساسەن دېلفىنلارنىڭ ئويۇنىنى دەپلا كىرىدىكەن. بىز كىرسەك دېلفىن ئويناتقۇچىلار چوڭ بىر كۆلدە ماھارەت كۆرسىتىشكە تەييار تۇرۇپتۇ. ئويۇن باشلانغاندا بىرسى دېلفىنغا مىنىپ ئۈزۈپ ئوينىدى، ئاندىن دېلفىنلارنى دېسكو ئويناتقۇزدى، بىر چاغدا دېلفىنلا سۇدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان شارغا تۇمشۇقىنى تەگكۈزدى ۋە سۇغا چىرايلىق شۇڭغۇدى. كېيىن ماھارەتچىلەر دېلفىنغا مۇزىكا چالغۇزدى. دېلفىنلار ھەقىقەتەن ئەقىللىق ھايۋان ئىكەن، تاماشىبىنلار چاۋاك چېلىپ ئايرىلغاندا ئۇلارمۇ تەڭ چاۋاك چالغاننى دوراپ بىزنى ئۇزىتىپ قويدى. باغچىدا شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى، جەنۇبىي قۇتۇبتا ياشايدىغان پىنگىۋىن قاتارلىق كەم دىدار ھايۋانلارنى كۆرۈپ زوقلاندۇق. رەڭگارەڭ بېلىق ۋە تاشپاقىلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.

مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر

ئەتىسى تېز پويىزدا شەندۇڭنىڭ مەركىزى جىنەنگە ماڭدۇق، ئىككى يېرىم سائەتلەردە مەنزىلگە يەتتۇق. بىزنى جىنەن شەھەرلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىدىكى رەھبەرلەر كۈتۈۋالدى، بېكەتتىن مەخسۇس ئىشىكتىن چىقتۇق. ئىمتىياز، ئىمكانىيەت دېگەن باشقىچە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. رەھبەرلەر بەھرىمەن بولىدىغان مەخسۇس ئايروپىلان، مەخسۇس ۋاگون، مەخسۇس ماشىنا، ئالاھىدە ياتاق، ئالاھىدە تاماق، ئالاھىدە مۇلازىمەت… ۋاھ، شۇڭا جۇڭگودا باشلىق بولۇشقا ھەممە ئادەم ئامراق. بىزنى كۈتۈۋالغان رەھبەرلەر ئىچىدە چىرايلىق، ئاۋازى جاراڭلىق، بەستلىك بىر چوكان دىققىتىمىزنى قوزغىدى. مەيلى ئاخۇن بولسۇن، كادىر ، سودىگەر ياكى زىيالى بولسۇن، ئەر خەق دېگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاش، جەلپكار ئاياللار بوۋايلارنىڭمۇ ھەسرىتىنى قوزغايدۇ. چۆلدە قالغان ئادەمگە دەريا، سۇدىن باشقا نەرسە چىرايلىق كۆرۈنمەيدۇ.

جىنەن چىڭداۋغا باققاندا چاڭ-توزانلىق، كۆرۈمسىز بىر شەھەر ئىدى. دېڭىز بويىنىڭ ھاۋاسى قۇرۇقلۇق ھاۋاسىغا باققاندا ساپ، سالقىن، مەنزىرىسى يەنىلا باشقىچە گۈزەل بولىدىكەن. جىنەننىڭ كىر بىنالىرى، كىر ھاۋاسى بۈگۈنكى ھاۋانىڭ تۇتۇقلۇقى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ خۇنۇك كۆرۈنەتتى، بۇنداق مۇھىتتا ياشايدىغان ئادەم كۈندە پەرىشان، كېسەلجان يۈرگىدەك دەپ ئويلاپ قالدىم. بېيجىڭ، ئۈرۈمچى دېگەنلەرمۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق شەھەرلەر، بۇلغىنىشنىڭ زەھەرلىك قاتىلدەك يوشۇرۇن يېقىنلىشىپ جېنىمىزغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تۇيماي ياشايمىز، ماشىنىلاردىن چىقىۋاتقان ئىس تەركىۋىدىكى قوغۇشۇن ماددىسىنىڭ نەپەس يولى ئارقىلىق تېنىمىزغا كىرىپ راك ياكى سىل كېسىلى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى سېزەلمەيمىز. ئىمونىتېت كۈچىمىز پۇت تىرەپ تۇرمىغىنىدا، 40 ياشقا كىرىپ بولغىچە ئۆرۈلۈپ چۈشىشىمىز مۇمكىن. ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا ئۆلگەن 61مىڭ 700 نەچچە ئادەم ئىچىدە راك، نەپەس يولى كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر كۆپ سانلىق ئىكەن. شەخسىي ماشىنىلار داۋاملىق كۆپەيمەكتە، بېيجىڭدا ھازىر 4 ئادەمگە تەخمىنەن بىر ماشىنا توغرا كېلىدۇ، كۈندۈزى 12 سائەتنىڭ ھەممىسىدە ماشىنا توسىلىدۇ، قىزىل چىراغ يېنىپ تۇرغىنى تۇرغان، ئىشقا ماڭغان ۋە ئىشتىن چۈشكەندە يول-يوللاردا قاتناش جېڭى مەنزىرىسى… قاتناش تەرتىپى بولمايدىغان بولسا ماشىنىلا، ئادەملەر بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ پارتلايدىغاندەك جىددي ۋەزىيەت ھۆكۈم سۈرىدۇ. بەزىدە 2 سائەتتىمۇ بىر كىلومېتىر يولنى بېسىپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇنداق شەھەردە سەپرا شوپۇرلار ئەگەر تىنچلىنىش دورىسى يەپ ماشىنا ھەيدىمىسە قان بېسىمى ئۆرلەپ تېز ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر ھەممە ياقتا ئولىمپېك يىغىنىنىڭ داۋرىڭى، بېيجىڭنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، 2000دىن كۆپ يەردە قۇرۇلۇش، تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلۇۋاتقان مېترو يوللىرى، كولىنىۋاتقان يەر، دۆۋلىنىپ كەتكەن تۆمۈر-تەسەكلەر… قاياققا قارىسا قۇرۇلۇش مەنزىرىسى، كىشىنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان تەكرار بۇزۇش ۋە ياساشلار… قىستاڭچىلىقتىن بۇلغىنىپ، مەينەتلىشىپ كېتىۋاتقان كوچىلار، يازدا پۇراپ باشنى ئاغرىتىدىغان سېسىق ئۆستەڭلەر… ئەمما ئولىمپېكنىڭ باھانىسىدە پايتەختنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىتىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرمۇ بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. ھاياتىمىز، ياشاش ماكانىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق يېڭى ئۆزگىرىش، تەرەققىياتلاردىن سۆيۈنىمىز.

بىزنى جىنەندىكى قېرىلار ساناتورىيىسى مېھمانخانىسىغا چۈشۈردى. تاماق، مۇنچا، ئۇۋىلاش… مۇلازىمىتى بىلەنمۇ پۇل تاپىدىغان بۇ مېھمانخانىنىڭ پاكىزلىقى چىڭداۋدىكى مېھمانخانىدىن ياخشى ئىدى. مېھمانخانىنىڭ يېنىدىلا شەندۇڭ تەيشەن پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ مەشىق مەيدانى ۋە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تەنتەربىيە سارىيى بار ئىدى. جۇڭگو بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىلىرىغا ئەزەلدىن قىزىقمىغاچقا بۇ ساراي ئالدىدا رەسىمگىمۇ چۈشمىدىم. جىنەندە بارى-يوق بىر نەچچە باغچە بار ئىكەن، چۈشتىن كېيىن بىر دەمدە ئايلىنىپ كۆرۈپ بولدۇق، شەھەر مەيدىنى ئىنتايىن چوڭ، ھەشەمەتلىك ياسىلىپتۇ، ئۇنىڭ يېنىدىكى كىچىك باغچىغا كىرىپ قاينام بۇلاقلىرىنى كۆردۇق، بۇرۇن سۇ ئېتىلىپ چىقاتتىكەن، ھازىر لۆمۈلدەپمۇ قويمايدىكەن، سۇلار سەل سېسىشقا باشلاپتۇ. ئاندىن يەنە بىر باغچىغا كىرىپ، كۆل تاماشىسى قىلدۇق. جىنەنلىكلەر شەھەر ئىچىدە بۇنداق چوڭ كۆلىنىڭ ساقلىنىپ قالغىنىدىن پەخىرلەنسە كېرەك، بۇ كۆلنى ئالاھىدە قوغدايدىكەن. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك ئارالغا چىقىپ جىمىرلاپ تۇرغان كۆل سۈيى ۋە مەجنۇنتاللارغا قاراپ مېڭىنى ئارام ئالدۇردۇق، ئىككى مودەك كېلىدىغان بۇ خىلۋەت ئارال ئاشىق-مەشۇقلارغا، شائىرلارغا تازا ماس كەلگۈدەك. ئەمما بۇ يەردە تۇرىۋەرسىمۇ كىشى زېرىكىپ قېلىشى مۇمكىن، شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خىلۋەت جاي بەرىبىر ھەقىقىي خىلۋەت جاي بولالمايدۇ.

كەچتە شەھەر مەيدانىنى ئايلاندۇق، رەڭگارەڭ چىراغلار، يۇقىرى ئاۋازدا ياڭراۋاتقان ناخشا-مۇزىكىلار، توختىماي ئېتىلىۋاتقان فونتانلار… بىر-بىرىگە ماسلشىپ كەتكەنىدى؛ بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۈندۈزدىكى ئىسسىقتىن قېچىپ، ئاخشىمى مۇشۇ كەڭ مەيدانغا يىغىلىپ، خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئەتىسى ئەتىگەندە مەشھۇر تەيشەن تېغىغا يول ئالدۇق، شەندۇڭنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يوللىرى مەملىكەت بويىچە ئەڭ كۆپ ۋە سۈپەتلىك ئىكەن، ئىككى يېڭى ئاپتوبۇس بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى قوغلىشىپ، ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ماڭغاندىن كېيىن تەيشەن تېغىغا يېتىپ كەلدى. بۇ تاغ ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىمىزمۇ كۆپ. سىماچيەننىڭ ”بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى تەيشەن تېغىدىنمۇقەدىرلىك، بەزىلەرنىڭ ئۆلۈمى ھاڭگىرىت پېيىدىنمۇ قەدىرسىز“ دېگەن سۆزى ماۋجۇشىنىڭ نەقىل ئېلىشى بىلەن بارلىق جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كەتتى، شەھەرلەردە ھەر قانداق قۇرۇلۇش شىركىتى بىر بىنا سالسا ”مەسئۇلىيەت تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر“ دېگەن سۆزنى لوزۇنكىسىغا يېزىپ قويىدۇ. خەنزۇچە ماقال-تەمسىل، تۇراقلىق ئىبارىلەردە قەدىر-قىممەت، ۋەزىننىڭ سىمۋولى بولغان بۇ بۇ تاغ زادى قانداق تاغ؟ ئۇنىڭدا قانداق خىسلەتلەر يوشۇرۇنغان؟ ئاڭلاشلاردىن بىلدۇقكى، بۇ تاغ كۇڭزىنىڭ ماكانى، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى. مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ تاغ بىر پۈتۈن قىممەتلىك يادىكارلىق بولۇپ، ھەر بىر قورام تاشلىرىدا جۇڭگو تارىخىدا ئۆتكەن ئۇلۇغ پېشىۋا، پەيلاسوپ، ئالىم، شائىر، سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئىزى، خاتىرىسى، قوليازمىلىرى بار. شۇ ئىزلار ھازىرغىچە مۇكەممەل ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ تاغنىڭ ئەڭ يۈكسەك چوققىسىدا تەڭرىدىن ئامانلىق تىلەيدىغان بىر بۇتخانا بولۇپ، بۇرۇنقى زامانلاردىن بېرى مەشھۇر كىشىلەردىن تارتىپ ئاۋام پۇقراغىچە نۇرغۇن ئادەم ئۇزاق يول بېسىپ تەيشەن تېغىغا كېلىپ، 300 نەچچە پەلەمپەيدىن ھاسىراپ ھۈمۈدەپ چىقىپ، شۇ بۇتخانىغا كىرىپ تاۋاپ قىلغان. بىزگە يول باشلاپ ماڭغان قىزنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، سابىق باش شۇجى جياڭ زېمىن باش شۇجى بولۇشنىڭ ئالدىدا تەيشەن تېغىغا چىققانىكەن، لېكىن بۇ بۇتخانىغا كىرمەپتىكەن؛ باش شۇجى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن تەيشەن تېغىغا يەنە بىر كەلگەنمىش. دېمەك، تەيشەن تېغىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە تۇتقان ئورنى مۇقەددەس، تەيشەن روھىنىڭ جۇڭخۇا مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلەرنىڭ قەلبىدىكى ئورنى شۇ قەدەر يۈكسەك.

بىز تاغىنىڭ خېلى ئېگىز بىر يېرىدە توختاپ، چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان سېرىلغۇچقا چىقىپ تاغ چوققىسىغا يۈرۈپ كەتتۇق. تۆت ئادەم بىر سېرىلغۇچتا خاتىرجەم ئولتۇردۇق، يالغۇز بولساق قورقاتتۇق، كوللىكتېپنىڭ كۈچى مۇشۇنداق زور. ئادەم ئەسلىدە ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ، يالغۇزلۇقتىن قورقىدۇ دەيدۇ بىر پەيلاسوپ. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا جياڭشىغا ”قىزىل ساياھەت“كە بېرىپ، ”بەش شاقىراتما تېغى“نىڭ ئۈستىگە تارتىلغان سېرىلغۇچتا يالغۇز ئولتۇرۇپ ، پەسكە قارىسام سۈر بېسىپ بېشىم قايغانىدى، بىر يەردىن چاتاق چىقىپ سىم ئۈزۈلۈپ كەتسە پەسكە موللاق ئېتىپ تاغ چوققىسىدا مىجىلىپ كېتىدىغاندەك قورققاندىم، سېرىلغۇچ ھەر بىر غىچىرلىسا يۈرىكىم سۇ ئىدى، ئاللاھتىن تىنچ-ئامانلىقىمنى، خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىماي مەنزىلگە يېتىشىمنى تىلەپ ئاندىن ئارام تاپقانىدىم. ھازىر گەرچە ئۇنچە قورقمىساممۇ ئاللاھ زىكرىدىن چەتتە قېلىشقا بولمايتتى. چۈنكى قازايى قەدەرنىڭ ھېچ كۈتۈلمىگەندە يۈز بېرىدىغانلىقى ھەقىقەت ئىدى.

تاغ چوققىسىدىكى ئىبادەتخانىغا چىقتىم، تاۋابچىلار مىغىلدايتتى، كىشىلەرنىڭ چىرايى كۆيۈۋاتقان كۈجىلەرنىڭ ئىسىدا ئەرۋاھتەك كۆرۈنەتتى. ئىبادەتخانىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىدىكى بىر تاش ئابىدىگە ”دېڭىز يۈزىدىن 1545 مېتىر ئېگىز“ دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى، بۇ ئابىدىنىڭ چۆرىسى بېتون رىشاتكا بىلەن قورشالغان بولۇپ، رىشاتكىغا باغلانغان زەنجىرگە تۇچ قۇلۇپلار زىچ ئېسىۋېتىلگەنىدى، قۇلۇپقا ئامانلىق تىلەكلىرى ئويۇپ قويۇلغانىدى. بۇ يەرگە چىقالىغان ھەر بىر ئادەم بىردىن قۇلۇپنى ئاسقىلى تۇرسا، ئۇنىڭ ھازىر يىغىلىپ نەچچە قۇلۇپ بولۇپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلماقمۇ تەس. ھويلىنىڭ تۆت تەرىپىدە تاۋابچىلار نۆۋەت بىلەن تاۋاب قىلىشىۋاتاتتى، قۇلپىنى بەلكىم تاۋاب قىلپ بولغاندىن كېيىن ئېسىپ قويسا كېرەك.

تاغنىڭ ھەممىلا يېرى ئىبادەتخانا، ئابىدىلەر، ھەر ياڭزا خەتلەر، مەشھۇرلارنىڭ قەدەمگاھى… ۋە ئۇلارنى زىيارەت، تاۋاب قىلىۋاتقانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇراتتى. بىز بىر دەم ئايلانغاندىن كېيىن كېيىن يەنە شۇ سېرىلغۇچتا يېنىپ چۈشتۇق. يول باشلىغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، تاغنىڭ قاپ بېلى ۋە تۆۋەينىدە يەنە نۇرغۇن ساياھەت نۇقتىلىرى بار ئىكەن، ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئۇ يەرلەرنى كۆرمىدۇق. چۈشلۈك تاماقنى تەيشەن تېغىنىڭ ساياھەتچىلىكى بىلەن تەرەققىي قىلغان تەيپىڭ ناھىيە بازىرىدا يېدۇق. جوزىمىزغا مۇسۇلمانچە بولمىغان تاماقتىن ئىككىسى چىقىپ قېلىۋېدى، ئىشتىھايىمىز تۇتۇلدى. جىنەنگە قايتىپ كېلىپ گۇگۇڭ خان ئوردىسىغا ئوخشايدىغان بىر بۇددا ئىبادەتخانىسىنى ئىكسكۇرسىيە قىلدۇق. تۆت كۈنلۈك توختىماي مېڭىش، ئايلىنشلاردىن ئەمدى زېرىكىپمۇ قېلىۋاتاتتۇق. 10 كۈنلۈك ئۆگىنىش، ئىكسكۇرسىيە داۋامىدا ئۆيىدىن ئايرىلغان ئاخۇنلارنىڭ ئەمدى كەتكۈسى كېلىپ، ئوي-خىيالى، ئىستەك-ئارزۇلىرى بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. مەن شۇ كۈنى ماڭىدىغانلار قاتارىدا بىر نەچچە ئاخۇن بىلەن بىللە تېز پويىزدا بېيجىڭغا يۈرۈپ كەتتىم.

ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ…

ﺳﻪﭘﻪﺭﻗﯩﻞ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ.

ﺑﯘﻳﯩﻠﻘﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﻪﺕﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ: ﻣﯩﻐﯩﻠﺪﺍﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﺪﯨﻜﻰﺗﯜﺯﻩﻟﻤﻪﺱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻦﻛﺎﯞﺍﻙ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﻪﺭ، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥﺑﯘ ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﭽﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗﻕ؟

ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﯜﺯﻩﻝ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ، ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻮﺯﯗﺭ… ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﻤﯘ ﻗﺎﺕ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻮﺳﺎﻗﻠﯩﺮﻯ، ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﭘﯘﺗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﻗﺎﻟﻼﺭ، ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ، ﺗﻪﺳﺎﺩﺩﯨﭙﯩﻲ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ… ﺳﻪﭘﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﭘﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺧﻪﻳﺮﯨﻴﻪﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﻟﺪﯗﻕ. ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﮬﻪﺭﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪﻡ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺳﺎﻧﭽﯘﻕ ﻗﯩﺰﺩﻩﻙ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎﺩﯙﯕﻜﯚﯞﺭﯛﻙ، ﭼﻮﯓ ﺑﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﺩﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻗﺎﺭﺍ ﺭﻭﻣﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﮬﯩﺒﺠﺎﻣﺎﻝ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻗﯩﺰﻻﺭ، ﻣﻮﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪﻥ ﺷﻮﺥ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺵ ﭘﯩﭽﯩﻢ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ، ”ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭ“ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕﺋﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻛﺎﯞﺍﭖ ﻳﯩﮕﻪﭺ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﭼﺎﻛﯩﻠﺪﯨﺘﯩﭗ ﻣﯘﻧﺎﺭﻧﯩﯔﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ… ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ… ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍﺋﯘﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ… ﺳﯧﺘﯩﻘﭽﯩﻼﺭ، ﻛﺎﻧﺎﻳﻼﺭ، ﺋﯜﻥ-ﺳﯩﻦ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﺩﺍﻻﺭ، ﺋﻪﺑﺠﻪﺷﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺭﯦﺘﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻮﺩﯨﻴﻪ ﺑﺎﺭﺩﻩﻙ: ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯩﺰ، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯩﺰ، ﻧﻮﭼﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯩﺰ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻤﯩﺰﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺳﺎﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ… ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.

ﺟﯜﻣﻪﻛﯜﻧﻰ ﺑﻪﻳﺘﯘﻝ ﻣﻪﺋﻤﯘﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡ ﮬﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔﯞﻩﺯ-ﺗﻪﺑﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺗﻪﻧﻠﻪﺭ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺑﯩﺮﺳﻪﭖ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ… ﯞﻩﺯ ﻳﺎﯕﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﯩﻦﺑﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﮬﺎﯞﺍ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭺ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﻳﻮﻕ، ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ-ﺋﯧﮭﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﺮﻩﺕ، ﺋﯚﻟﮕﯜﺭ ﮬﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﻪﯞﻩﺱ… ﻛﯧﺒﯩﺮ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰﺋﺎﻳﺎﻏﻨﻰ ﭘﺎﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﻳﺪﻩﻙﻗﺎﺭﺍ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺟﻪﺯﺑﯩﻠﯩﻚ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺯﻯ، ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ، ﮬﯧﻴﯩﻘﯩﺶ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺟﺎﻥ ﺗﻪﺳﻪﺩﺩﯗﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺷﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ ﻳﻮﻕ، ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﺶ، ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﻴﯩﯩﻐﺎﻗﯧﭽﯩﺶ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯩﺸﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﯩﺪﯗ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺑﺎﻻﺳﻰ، ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﺮﻣﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥﺟﺎﮬﺎﻧﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ… ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﺴﻰﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺝ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ… ﮔﯘﻧﺎﮬﻜﺎﺭ ﺟﯩﻨﻼﺭ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻣﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﻮﻟﻤﺎﺱﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻡ ”ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﻣﯘ.. “ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﻤﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮬﺎﯞﺍﻱ ﮬﻪﯞﻩﺱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﻤﺎﺱ ﺗﺎﻏﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﻰ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ ﭼﯚﮔﯩﻠﻪﭖ ﻧﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺑﻪﺧﺖﺳﻮﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﺶ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺪﯗ؟ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻧﯘﻳﻤﯩﺰ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻼﻟﯩﺪﯗﻕ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﻧﯧﻤﻪ؟

ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡﮬﺎﺟﻰ ﺳﻪﺩﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻪﺩﯨﻘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯜﮔﺪﻩﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪﮔﻪﻙ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺭﻭﮬﻰ ﻣﯜﮔﺪﻩﻙ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﻟﺐ ﮬﯘﺯﯗﺭﻯ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺑﯩﺮ ﻣﯘﯕﻠﯘﻕﻧﺎﺧﺸﺎ ﻳﺎﺩﯨﻤﺎ ﻛﻪﭼﺘﻰ، ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺘﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﻛﯜﭺ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺷﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻨﻰ ﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯧﭗ ﻣﯘﯓ-ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﻤﯘ؟ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ، ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏﺑﺎﺭﺩﯗﺭ:

ﻗﯘﻻﻕﺳﺎﻻﺭ ﻛﯩﻢ، ﻳﯧﺘﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ،

ﯞﺍﻱﺋﺎﻧﺎﻡ ﻗﯘﻧﯩﺨﺎﻥ، ﯞﺍﻱ ﺩﺍﺩﺍﻡ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ…

ﻳﻮﻝ-ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰﻏﯧﺮﯨﭙﻼﺭ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﯕﺪﻩﻙ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ… ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﺪﯨﻜﻰﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﯩﭽﻪ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﻗﺎﻧﯘﻥ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﺎﭼﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺟﯧﻜﻨﯩﯔ ﺗﻮﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ، ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻡ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺷﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ، ﻗﺎﻧﯘﻥ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙﯞﺍﻳﺴﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﻣﯚﮬﺘﻪﺭﻩﻡﮬﺎﺟﯩﻢ ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻼﺭﻏﺎﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯧﺪﯨﻴﺎ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻧﯘﺗﯘﻕ، ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﻪ ﻳﺎﯕﺮﯨﺪﻯ. ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﯩﺮﻻﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﯩﺪﻯ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻦﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﻣﯜﮔﺪﯨﮕﻪﻧﭽﻪﻣﯜﮔﺪﻩﭖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭘﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ… ﺑﯩﺰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ، ﻧﯘﻗﺴﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﺧﻠﯘﻕ، ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﯩﻚ، ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﯩﻼ ﺧﺎﺱ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘﻛﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻖ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﺷﻪﺭﻩﭖ، ﺑﻪﺧﺖ-ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﺋﺎﻳﯩﻘﯩﻢ ﻳﯜﺗﻤﻪﭘﺘﯘ.

بالىلىق ۋە ئويۇن

مەن بالامنى، باجام بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ سۇ ئۈستى باغچىسىغا باردۇق. سەندۇڭبېي بېكىتىنىڭ ئالدىدىن ئىلگىرى نەچچە كۆرۈپ، باغچىنىڭ ئالدىدىن نەچچە ئۆتكەن بولساممۇ بۈگۈن تۇنجى قېتىم كىرىشم ئىدى، بالىلارنى دېمىسەك كىرمەيتتۇق، ئەمەلىيەتتىمۇ كۆپىنچە ئادەم بالىلىرىنى ۋە بالىلىق دۇنيادىكى ئويۇنلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن كىرىدىكەن، لېكىن ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى ئويۇنلارنىڭ چوڭىيىپ، ياشلار، چوڭلارغىچە تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. قورقۇنچىن ھۇزۇرلىنىشنى ئىستەيدىغان ياشلار خەتەرلىك سېرىلمىلارنىڭ ئۈستىدە چىقىرىشىپ، توۋلىشىپ يۈرەتتى، يۈرىكى ئاجىزلار پەستە ھاڭۋېقىپ قارىشاتتى. خىلمۇ خىل ئويۇنلار يول-يوللارغا بالىلارنى ئالداش ئۈچۈن قويۇلغان توزاقلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى، 3 ياشلىق قىزىمنىڭ ھەممە ئويۇننى ئويناپ باققۇسى كېلەتتى. قاچانلاردۇر، بىرسى شۇ گەپنى قىلدى: ئەسلىدە ھەممە ئادەمنىڭ جېنى ئوخشاشمىش، كىچىك بالىنىڭ جۇغى كىچىك بولغاچقا جېنى تېنىغا سىغماي قالىمىش، ئويناپ سەكرەپ ھارمايمىش… بىز بىر قانچە كىچىك ئويۇنلارنى تاللاپ بالىلارنى ئويناتقاندىن كېيىن خەتەرلىك ئويۇنلارغا نەزەر سالدۇق. ئىلگىرى بېيجىڭ ئويۇنچۇقلار باغچىسىدا ھاۋادا يىلاندەك تولغىنىپ كەتكەن سېرىلمىدا ئوقتەك ئۇچۇپ قورقۇشتىن ھوزۇرلانغان، لېكىن بۇ يەردە ئۇنداق قىلغۇم كەلمىدى. مېنىڭچە، ئۇنى بىرلا قېتىم كۆرۈپ قويسا، ئوينىمىغان ئويۇنلارنى ئويناپ بولدى قىلسا بولىدۇ، سېغىنغۇدەك ھېچنېمىسى يوق. باجامنىڭ پاراخوتقا چىققۇسى كېلىپ قالدى، تەۋەككۇل دەپ چىقتۇق. چىقىپ بولۇپ سەل پۇشايمان قىلدىم، قىزىمدىن ئەنسىرەپ قالدىم، ئولتۇرغانلار ئاساسەن ياشلار بولۇپ، قىزىم ئەڭ كىچىك ئىدى، ئۇنىڭدىن چوڭ 7-8 ياشلاردىكى بىر قىز قورقۇپ ئولتۇرۇپتىكەن، دادىسى قىزىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: قورقماڭ، قاراڭە، سىزدىن كىچىك قىزمۇ قورقماي ئولتۇرۇۋاتسا… دەپ قىزىغا مەدەت بەردى. قىزىمنى ئۇ قىزنىڭ قېشىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم، قورقۇۋاتقان قىز سەل پەسكۇيغا چۈشتى. قارىسام باشقىلارمۇ سەل جىددىيلىشىپ قالغانىدى. ئويۇن باشلانماستا بۇنداق قوررققىلى تۇرسا ھېلى نېمە ئىش بولۇپ كېتەر دەپ ئويلايتتىم. ئۆرلەپ چۈشەر پاراخوت بارغانسېرى ئېگىزلەشكە باشلىدى. ھەر قېتىم ئېگىزلەپ بىر توختىغاندا 1-2 سېكونت ئىچىدە يۈرىكىممۇ توختاپ قالغاندەك، مەيدەمنى تاش بېسىۋالغاندەك بولاتتى، كۆزۈمنى يۇمۇۋالاتتىم، پاراخوت چۈشكەندە ھەممىمىز تەبىئىي ھالدا توۋلىشاتتۇق، يۈرىكىم جايىغا چۈشەتتى، يەنىمۇ يۇقىرى ئۆرلىگەندە يۈرىكىم بىر نەرسىگە ئىلىنىپ قالغاندەك بولاتتى، مەيدەم ئاغرىيتتى، پەسكە چۈشكەندە يەنە راھەتلىنىپ ۋاقىرىشاتتۇق. ئەمما قورقۇنچ ئارىلىشىپ كەتكەن بۇ ئەسەبىي ئويۇننىڭ تېزرەك تاماملىنىشىنى كۈتەتتىم، باجامنىڭ 6 ياشلىق ئوغلى قورقۇپ يىغلىغان چېغىۋا، ئۇنىڭغا قارىغىدەكمۇ ئىمكان يوق. بالامغا قارىسام مىت قىلماي ئولتۇرىدۇ، ھېلىقى قىزمۇ بەك قورقۇپ كەتكەندەك ئەمەس… ئويۇن تۈگىگەندە باشقىچە راھەتلىنىپ قالدۇق. بالىلارنى نەچچە سائەتلىك ئوينايدىغان “ يەل توپ ئاتىدىغان چېدىر“غا سولىۋېتىپ ئارام ئالدۇق. ”چېدىر“نىڭ يېنىدا گۈلەڭگۈچ ئۇچىدىغانلارغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. بايا ئەمدى ھېچقانداق دەھشەتلىك ئويۇنغا كىرمەيمەن دەپ ئويلىغانىدىم، پىقىرىما گۈلەڭگۈچتە ئۇچۇۋاتقان قىزلارغا قاراپ زوقلاندىم، قورقۇنچاقلىقىمدىن بىزار بولدۇم. تولۇقسزدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمىزدا قوشنا يېزىدا (ئۇچتۇرپاننىڭ ئاچتاغ يېزىسىدا ) كاتتا جەيتاغ نورۇزى ئۆتكۈزۈلەتتى، يېزا-يېزىلاردىن نۇرغۇن ئادەم نورۇز بەزمىسىگە كېلەتتى ، سودا-سېتىق بولاتتى، ئات بەيگىچىلىرى ئوغلاق تارتىشاتتى، كۈچتۈڭگۈرلەر چېلىشاتتى، قوشقار، توخۇ سوقۇشتۇرۇلاتتى. ئاياللار گۈلەڭگۈچ ئۇچۇشاتتى، كۆپىنچە ئەر-ئايال تەڭ ئۇچۇشۇپ، سامادا پەرۋاز قىلىشاتتى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە جۇر بولۇپ خۇشال پقىىراشلىرى، كۆز بېقىشلىرى، بىردەم ئەركىن قىيغىتىشلىرىغا شاھىد بولغانىدىم. كېيىن جەيتاغ نورۇزى يۇرتداشلىرىمىز سېغىنىپ ئەسلەيدىغان بىر تارىخ بولۇپ قالدى. بۈگۈن كۆرۈۋاتقىنىم شۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، زامانىۋى، ئەمما كۆلىمى كىچىك پىقىرىما گۈلەڭگۈچ ئىدى. جەيتاغدىكى گۈلەڭگۈچنىڭ چاقپىلىكى چوڭ، ئۇچۇش ئېگىزلىكى يۈكسەك ئىدى. چاقپەلەكنى ئاستىدىن تۆت-بەش ئادەم بىرلىكتە بۇقىدەك تۈرتۈپ ھەرىكەتلەندۈرەتتى. ھازىرقى گۈلەڭگۈچ توك بىلەن ئاپتوماتىك ھەرىكەتلەندۈرۈلەتتى، چاقپەلەك يانتۇلۇق گىرادۇسىنى ھەر خىل ئۆزگەرتەلەيتتى. نېمىلا بولمىسۇن، بىر چىقىپ كۆرۈپ باققۇم كەلدى، ئەڭ چەتتىكى ئارغامچىغا ئىلىندىم، چاقپەلەك ئايلىنىشقا باشلىدى، بارغانچە تېزلەشتى، بىر دەم يۇقىرى، بىر دەم پەس ئۇچتۇق، قىزلار چىقىرىغىلى تۇردى، ھاۋا بوشلۇقىدا بۇنداق تېز ئايلىنىش باشنى ئازراق قايدۇرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئادەملەرنىڭ قۇشتەك ئۇچۇپ بېقىش ئارزۇسىنى يېرىم-ياتا بولسىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇدىكەن. ھېچنەگە قارىماي ئەتراپتىكى دەرەخلەرگە قارىۋىدىم، راستىنلا ئۆزەمنى دەرەخ ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان قۇشتەك ھېس قىلدىم، شامالدىن سالقىنلاپ قالدىم. بالىلار چېدىرغا سولىنىپ توپ ئېتىپ ئويناپ قانغاندا يېنىپ چىقتى.

جېكنىڭ تور خاتىرىلىرىدە ئامېرىكىدا چوڭلارنىڭ خىلمۇ خىل ئويۇن ئوينايدىغانلىقىنى، بالىلىقىدىكى ئويۇنلىرىنى تاشلىۋەتمەي، ئەكسىچە بارغانچە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇلارنىڭ كاللىسى ئويۇن بىلەن ئېچىلىپ تۇرسا كېرەك. تومتاق بولسىمۇ شۇنى ئويلىدىمكى، زېرەك ئامېرىكىلىقلار بالىلىقىدىكى قىزىققانلىقىنى، ھوشيارلىقىنى تاشلىمىغان گەپ، زېھنىنى ئاچىدىغان ئويۇن بىلەن پەننى ئەپچىل بىرلەشتۈرۈپ، خىلمۇ خىل كەشپىيات، يېڭىلىقلارنى بەرپا قىلالىغان گەپ. بىز كىچىكىمىزدە ئوينىغان ئويۇنلار ھازىر يوق. كېيىنچە بىز بىلگەن ئويۇننىڭ مەنىسى سۆزنىڭ ئۆزىدىن تارتىپ مەنە دائىرىسىگە پۈتۈنلەي ئاينىپ، بۇزۇلۇپ، بۇرمىلىنىپ كەتتى. ئويۇن دېسە بېزەڭ ئولتۇرۇش، ئىچىپ، چېكىپ ئويناش، قىزلارنى كەلتۈرۈپ ئويناش.. ۋاڭبا، دىباغا بېرىش.. دېگەندەك ئىشلار ئېسىمىزگە كېلىدىغان بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئويۇن ئۆزىنىڭ ئىجابىي مەنىسىنى بارغانچە يوقىتىپ، تاماشا دېگەن سۆز بىلەن جۈپلىشىپ، خۇددى جەمئىيەتتە بۇزۇق بىر جۇپلەر كۆپىيىپ كەتكەندەك غولداپ، نۇرغۇن سەلبىي مەنىلەرنى يۈكلىۋالدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئويۇنلار دەھشەت كۆپىيىپ، ئەسلىدىكى مەنىلەرمۇ تىل مۇھىتىغا بېقىپ ئۆزگىرىپ ھازىرقىدەك كەڭ ۋە سەلبىي مەنىلەرنى شەكىللەندۈردى. مۇھىت تىلشۇناسلىقىدىن مەلۇمكى، جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ ئادەملەر گەپ ياساپ تۇرىدۇ، ياكى ئەسلىدىكى سۆز-ئاتالغۇلىرىنىڭ مەنىسىنى كېڭەيتىدۇ. خۇددى خەنزۇلار توخۇغا ئىشلىتىدىغان جى نى پاھىشەلەرگە ئىشلەتكەندەك… غازنى بىلدۈرىدىغان يا نى ئەر پاھىشە، ھېجىقىزلارغا قوللانغاندەك…

گەپلەر شاخلاپ كېتىۋاتىدۇ. مەن گۈلەڭگۈچ ئۇچقاچ قۇشقاچنى خىيال قىلسام، بالىلارنىڭ ئويۇنىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئويۇن دېگەن مۇشۇ سۆز ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم. قىسقىسى، ھازىر كۆڭۈل ئاچىدىغاننىڭ ھەممىسى ئويۇن بولۇپ قالدى، ھەتتا جەمئيەتتىكى كۆپىنچە ئىشلار: ئوقۇش، خىزمەت، توي… سودا-سېتىق، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، دوستلۇق… دۈشمەنلىك ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى يىغىپ ئېيتقاندا بىر مەيدان، ياكى تەكرارلىنىدىغان ئويۇن. بۇ بىزدىكى ”ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا“ دېگەننىڭ ئۆزى شۇ. ئەمما ئادەم ئويۇنغىلا يارىتىلغان، مەيلىگە تامامەن قويۇۋېتىلگەن مەخلۇق ئەمەس، باغلاقتىن بوشىنىپ ئېتىزلىققا قېچىپ ئەركىن يايلايدىغان ئېشەك ئەمەس. ئادەمدە يەنە ئېتىقاد، مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە بولۇشى كېرەك.

بىز ئەسلى بالىلارنى ئوينىتىمىز دەپ كىرىپ ئۆزىمىزمۇ بالىلاردەك ئويناپ چىقتۇق، باشقىچە يەڭگىللەپ قالدۇق. بالىلاردەك بىغۇبار، ساغلام ئويۇنلار تۇرمۇشىمىزدا نەقەدەر ئاز-ھە! مىجەزدە بالىلاردىكى سەبىيلىك، ئاقكۆڭۈللۈكنى دورىيالىساق، بالىلارچە قىزىقىشچان خاراكتېرنى قېرىپ ئۆلگىچە يوقاتماي بىلىم ئۆگەنسەك، ساغلام ئويۇنغا بالىلاردەك بېرىلسەك ۋە شۇنىڭغا ھېرىسمەن بولساق… ئەڭ جايىدا، مۇۋەپپەقىيەتلىك ياشاپمۇ قالاتتۇقكەن. ئەمما ياش چوڭايغانچە بالىلىقنى كۆزگە ئىلمىدۇق، ئۇنى كىچىك كۆرۈپ يىراقلاشتۇق، بالىنىڭ كىچىكى بولغىچە ئىتنىڭ كۈچىكى بول…دېگەن قەبىھ بىر ماقال قەلبىمىزگە سىڭدى، چوڭ بولۇشقا شۇنچە ئالدىراپ كەتتۇقيۇ چوڭ بولۇپ ئالەمنى مالەم قىلالمىدۇق؛ چوڭمۇ بولدۇق، 30دىن ئاشتۇق، ئەمدى بۇ ۋاقىت دەھشەت تېز ئۆتۈپ ئۆلۈمگە يېقىنلاپ كېتىۋاتىمىز. بالىلىقتىن يىراقلاشقانچە بىغۇبار قەلب چاڭ-توزان بىلەن بۇلغىنىپ كەتتى. جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ئىدىيە ۋابالىرى روھىمىزنى ئاستىرىتتىن چىرىتتى، ئاجىزلاشتۇردى ، يا چوڭ بىر ئىشنى تەۋرىتەلمىدۇق. ئەكسىچە بارغانچە ئەبگالىشىپ، 35 كە بارماي تۇرۇپلا قېرىپ كەتكىلى تۇردۇق ۋە بالىمىزدىن ئۈمىد كۈتۈشكە باشلىدۇق… بىز باسقان ئىزلار، بىز ئويىنغان ئويۇنلار، بىز كەلتۈرگەن قىزلار… دەپ قويىمىز تېخى پەخرىلىنىپ. قېرىلاردەك ئەسلىمە ئىچىدە ياشايمىز. ئۆزھالدەك ”قىزلار قېنى، دۇنيا قېنى! “ دەپ جار سالىمىز، ياش تۇرۇپلا ئارمان بىلەن كېتىدىغاندەك ھەسرەتلىنىمىز.

يازغۇچىلارمۇ بالىلارغا ئوخشاش ساددا، گول، تەسىرچان كېلىدۇ. قاقۋاش، ھەر ئىشتا زىيان تارتماسلىقنى بىرىنچى ئۆلچەم قىلىدىغان ئادەمدىن تالانت ئىگىلىرى ئاسانلىقچە چىقمايدۇ. بىر نەرسە يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئويۇنىغا بېرىلىپ كەتكەن بالىلارغا ئوخشايدۇ، ئاسانلىقچە قايتىپ چىقالمايدۇ. مۇشۇ ئىزدىنىشتىنلا بىر نەچچەيلەن بار، بالىلارچە زېرەكلىكىنى تاشلىمىغان. مەسىلەن، بىخلان، ئۆزى كومپيۇتېر ئۇستىسى تۇرۇپ، ئوبدان ماقالىلارنى، ئىنكاسلارنى يازىدۇ. جېكمۇ ئۆزى، فىزىكىچى تۇرۇپ، ”يېزىقچىلىق ئويۇنى“ ئويناپ قويىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يازمىلىرىدىن زوقلىنىمەن، تېپىۋالسام قالدۇرماي ئوقۇيمەن، شۇنچە راۋان، ئاممىباپ. ئۇچۇر مول، ھېسسىياتمۇ كەم ئەمەس، گەپ ئويۇنى ئاز ياكى يوق دىيەرلىك، ئادەمگە نەپ تېگىدۇ. ئۇلارنىڭ تەبىئىي پەن ئەھلىگە خاس ئەستايىدىللىقى يازمىلىرىغىمۇ سىڭگەن. ئۇلارنىڭ توردىكى ئەركىن مۇلاھىزە ماقالىلىرى ماقالە ئۈچۈنلا ماقالە يازىدىغان، ”ئاتام ئېيتقان بايىقى“ دىن قۇتۇلالمىغان، كاللىسى قېتىپ قالغان ئىجتىمائىي پەنچى، ئەدەبىياتچىلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى. سەبىي، زېرەك بالىلىقتىكى تەپەككۇر ياش چوڭايغانچە يوقاپ كەتمىسە، كامىللىققا، ئىجادكارلىققا يۈكسەلسە، ئۇنىڭدىن چوقۇم مەلۇم بىر تالانت ياكى كۆپ تەرەپلىمىلىك تالانت، تىرىشچانلىق ۋە نەتىجە بارلىققا كېلىدۇ. فىروئىد پسخىك كېسەللەر دوختۇرى، لېكىن ئۇ يەنە ماقالە يېزىش ئۇستىسى. ئېينىشتىيىننىڭمۇ ئېسىل ماقالىلىرى، ماقالىلىرىدە داڭلىق ئوخشىتىشلىرى بار. ئېينىشتىيىننىڭ كۆزلىرىگە قارىسا بىر يېرىدىن بالىلارچە سەبىيلىك، ئوماقلىق بالقىپ تۇرىدۇ. بالىلىق ۋە ساغلام ئويۇن بىر پارلاق روھ ۋە ئىزدىنىشنىڭ تىمسالى. ئەدەبىياتچىلاردا يېزىقچىلىق ئويۇنىغا بالىلارچە بېرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا تەبىئىي پەن ئىقتىدارىغا خاس زېرەك، ئۆتكۈر كاللا بولسا گۈل ئۈستىگە گۈل قوشۇلىدۇ. ئۆز دەۋرىدە سەنئەت بىلەن فىزىكىدا تەڭ ۋايىغا يەتكەن داۋىنچى، دوختۇرلۇقتىن يازغۇچىلىققا ئۆتكەن چېخۇپ، لۈشۈن… ۋە باشقا مەن بىلمەيدىغان شۇ خىل مەشھۇرلارنىڭ ھەممىسى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى. بالىلىقنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى شۇ ئۇلۇغلار ئۆز ھاياتىدا قىبلىنەما قىلغان، دېڭىز بويىدا قۇلۇلە تېرىپ ئويناۋاتقان، ئويۇنچۇقنى بۇزۇپ چۇۋۇۋاتقان، قەغەزگە بىر نېمە جىجىلىۋاتقان سۆيۈملۈك بالىلارنىڭ روھىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا بىر ئۆمۈر پارلاق نۇر چاچقۇزغان. لۈشۈننىڭ: غەزەپ بىلەن ھۆمىيىمەن قەبىھ زالىملارغا، كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا… “ دېگەن مەشھۇر مىسراسى بىغۇبار بالىلىققا ئوقۇلغان نادىر مەدھىيە.

ئۈرۈمچى سۇ ئۈستى باغچىسىدا بالىلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ، بالىلىقىمنى نەقەدەر سېغىنغانلىقىمنى ھېس قىلدىم، ھازىرمۇ ئىچىمدە ئۆزەمنى بالا دەيمەن، لېكىن ھەر بىر ئۆمۈر باسقۇچىدا بىر چەكلىمە، بىر تۆمۈر قەپەزگە سولىنىمىز. باشقىلارنىڭ، قاچانغىچە كىچىك بالىدەك يۈرۈيسەن، قاچانغىچە ئىش ئۇقمايسەن… ساددا، ئەخمەق… دېيىشلىرىدىن ئۆلگىدەك قورقۇپ، بالىلىقنى ئۆزىمىزدىن يىراق ھەيدەيمىز، جاھاننىڭ رەپتارىغا بېقىپ ھىيلىگەرلىشىمىز. ئاھ، ئەخمەق بولسىمۇ شۇ بالا خېلى سۆيۈملۈك، ئاق كۆڭۈل ئىدى. ياشىسۇن، بالىلىق. بالىلىق بولغانلار ئۆيۈڭلەردە بالاڭلار بىلەن كۆپرەك ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯖﻼﺭ. ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭ.

ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ

ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﭽﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺭﻭﮬﯩﻢ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﯓ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﺴﺨﯩﻚ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﯞﺍﻗﯩﺖﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎﻣﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ (ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ) ﻳﺎﺯﺍﻱ ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ، ﻟﯧﻜﯩﻦﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ، ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﮬﯧﺲ-ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﺋﯧﻐﯩﺮ-ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻟﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺳﯘﻧﺪﯗﻡ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯﻳﻪﺭﺩﻩ ﺯﯨﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ. ﺋﻪﺳﻠﯩﻴﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﺗﻼﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ.. ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ-ﮬﻪ! ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺗﯜﺯﯛﻙ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ… ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﻩ ﺧﯩﻴﺎﻝﺳﯜﺭﯛﺷﻜﻪ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﮬﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎﭼﯚﻛﯩﻤﯩﺰ، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ. ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻙ ”ﺌﯩﺰ “ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﺩﺍ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﻳﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﻗﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯘﻡ ﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ”ﻘﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺷﻪﮬﻪﺭ’… ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﯩﻚﻛﯧﭙﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﺮﻯ… ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻼﺭ… ﺋﯚﻣﯜﺭﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻰ… ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ… ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﻮﻳﻼﺭﻏﺎ ﭼﯚﻛﯩﻤﯩﺰ. ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﻗﯘﻡ-ﺑﻮﺭﺍﻥ ﺋﺎﭘﯩﺘﻰ، ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻙ، ﺑﯘﺯﯗﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻕ، ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺖ… ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰﺳﯜﺭﯨﻤﯩﺰ… ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ، ﮔﺎﮬﻰ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ، ﮔﺎﮬﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ… ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺶ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﭼﻤﯩﺶﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘﻳﻘﯘ، ﭼﯜﺵ… ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ…ﻻﺭﻧﯩﯔﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﮬﺎﻳﺎﺕ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﮕﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﻛﺮﯨﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰﻗﯧﺘﯩﻢ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻛﻮﻧﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺯﯦﺮﯨﻜﻪﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ﺑﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭ، ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ، ﺳﯜﺭﺋﻪﺕ، ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ، ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ… ﺑﻮﻏﯘﻧﺎﻕ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻘﯘ.. ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﺎ، ﻛﯩﻨﻮﻻﺭ..ﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﯖﻰ، ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﺎﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﺴﻪﻥ، ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ،… ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﻩﻣﮕﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ. ﻛﻮﻧﺎ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ، ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻣﯧﯖﯩﺸﻼﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺟﺎﻳﺪﺍﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﺘﯩﻦﺳﯩﻘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ، ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﯞﺍ، ﻳﯧﯖﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻦ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺑﯧﻜﻪﺗﺘﯩﻦﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻮﺭﻧﯩﻤﯩﺰﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﻧﻤﺎﻱ ﻛﯚﭖ ﮬﻪﺭﻩﺝ ﺗﺎﺭﺗﺘﯘﻕ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﯚﺭﻟﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﯨﻤﯩﻖ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﭘﺎﺗﭙﺎﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﭖ ﻳﯜﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﺠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻱ، ﭼﯩﯔ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﻱ ﺩﯦﺴﻪ ﻛﯜﭘﻜﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻤﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﻘﯩﺴﻠﯩﻖ، ﺩﯦﻠﯩﻐﯘﻟﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﯨﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻧﻰﺋﯘﺯﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ، ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻛﯩﭽﯩﻜﻼ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ.. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯗ؟ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﭽﻪ-ﻣﺎﺭﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺪﯗ؟ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺩﯦﺴﻪﻣﻤﯘ، ﺋﯘﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺳﺎﻻﺗﺘﯩﻢ. ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﭘﯘﺷﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ، ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮ… ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭ ﻛﯚﺯﻧﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ-ﺩﻩ، ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻨﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻨﻰﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﯦﺮﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﯘﻣﺎﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﯘﺋﻪﯓ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪﺭﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﮔﯧﺰﯨﺘﻨﻰ ﺋﯚﺭﯛﭖ-ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ، ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﻳﯧﻐﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺪﯗﻕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﻯ.

ﻗﯘﻣﻠﯘﻕﺗﺎﺷﻴﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﺗﺘﻰ. ﻛﯧﭽﯩﺴﻰﻗﯘﻣﻠﯘﻕ ﺗﯩﻠﺴﯩﻤﺎﺗﺘﻪﻙ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ ، ﻗﯘﻡﺑﺎﺭﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭﻧﯩﯔﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﻰ، ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯧﻔﯩﺘﭽﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻼﻧﻼﺭ، ﺋﯚﺗﻪﯕﻠﻪﺭ، ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ، ﮔﺎﺯﺍﺭﻣﯩﻼﺭ… ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺧﯩﻠﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﺘﻰ، ﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﺘﻰ، ﻛﯜﻥ ﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻧﯩﻴﻪ، ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ، ﭼﯩﺮﺍ… ﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ. ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻳﻮﻟﺒﻮﻳﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﭘﺌﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﻣﺎﺗﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻼﺭ ﮔﯜﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺳﯩﮕﻨﺎﻝ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ… ﻛﻮﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺴﻪ، ﺑﯩﻨﺎﻻﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﯨﭻ ، ﮬﻪﻳﯟﻩﺕﺳﯧﻠﯩﻨﺴﺎ، ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻥ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ… ﺗﻪﺭﻩﻗﯩﻴﺎﺕ، ﺩﻩﺑﺪﻩﺑﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘ.

ﻟﻮﭘﺘﯩﻜﻰﻗﯧﻴﻨﺎﺗﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻣﯩﯔ ﺑﺎﻻﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﯘﻟﯩﺸﯩﭗ، ﮬﺎﺭﺩﯗﻕ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ”ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭ ﺷﺎﮬﺰﺍﺩﻩ“ ﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻗﺎﭼﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻛﻮﺭﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ، ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻢ ”ﻤﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﯧﻤﻪ“ ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ 1000 ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻤﻪﻥ. ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺑﯩﻠﯩﺪﯗ: ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻜﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ، ﻣﻮﻧﺘﺎﮊﻻﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻰ (ﯞﻩﻗﻪﻟﯩﻚ ﺩﯦﺘﺎﻟﻠﯩﺮﻯ) ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮔﯩﺮﻩﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﭼﯩﻦ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺗﯜﺳﺘﻪﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﻪﯞﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﻰ ، ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺭﺗﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﺭﻭﻟﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﻖ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﺎ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﺸﻠﯩﻚﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻤﯩﺶ، ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻧﻰ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺭﯨﮋﯨﺴﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯞﺍﻥ

ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﺎﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺷﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻏﺎﻳﯜﺯﯛﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﯟﯨﺮﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﯚﺭﯨﺪﻩﻙ ﮬﯘﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻳﻪﺭﺗﯧﮕﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﺪﺍﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦﺑﯘ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻨﯩﯔ ﮔﯜﺭﯛﻟﺪﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺳﯧﻤﯩﺰﺟﯘﯞﺍﻥ ﮔﺎﺯﯨﺮ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﯧﻨﯩﻚ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺟﯩﻢ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻛﯚﻛﺴﻰ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﻳﺪﯗ. ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﺴﯩﺰ ﺩﯨﺌﺎﻟﯘﮔﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮﻩﭖ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ. ﭼﯚﻝ-ﺟﻪﺯﯨﺮﻩ، ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ، ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﮔﯩﻴﺎﮬﻼﺭ، ﺑﺎﮬﻨﻰ ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻠﻪﺵ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ… ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﺷﻪﮬﯩﺪﺍﻧﻪﺧﻮﺗﻪﻥ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﻩ ﻗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪﻥ؟ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻢ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﻗﯘﻣﺪﻩﻙ ﺋﯘﭼﯩﺪﯗ، ﺗﻮﺯﺍﻧﺪﻩﻙ ﺗﻮﺯﯗﻳﺪﯗ… ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻛﯚﻣﯜﻟﮕﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥﺧﺎﺭﺍﺑﯩﻠﯩﺮﻯ… ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯘﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ، ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮔﯚﮬﻪﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ، ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﯧﻜﯩﻤﺒﻪﮒ، ﺋﯩﭙﻼﺱ ﻣﺎﺧﻮﺳﻪﻥ… ﻛﯧﭙﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺳﯩﺘﻪﻳﯩﻦ، ﻗﺎﻗﯟﺍﺵ ﺋﯩﺴﻼﻣﺌﺎﺧﯘﻥ.. ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱﺑﻮﺭﺍﻥ-ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻼﺭ…ﻟﯧﻴﯩﻐﺎﻥ ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ، ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﮬﯘ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭ.. ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺱ ﮬﺎﺷﺎﺭ، ﻛﻪﻟﻜﯜﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚﺭﯛﺵ… ﻏﺎﻳﻪﺕ ﭼﻮﯓﺳﯘ ﺋﺎﻣﺒﺎﺭﻟﯩﺮﻯ، ﺗﻮﭘﺎ ﻗﻮﻧﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭ، ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯩﯟﯨﻠﻪﺭ، ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﺎﯞﺍﺑﻼﺭ، ﺗﯧﯟﯨﭙﻼﺭ ، ﮔﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ، ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﻪﺭﮔﯩﻠﻰﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ، ﺑﯧﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺷﭽﯩﻼﺭ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ، ﻗﻮﺷﻼﭖ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻼﺭ، ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﮬﺎﺟﯩﻼﺭ، ﻛﻪﻳﻨﻰ-ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ، ﮬﯧﭻ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭ، ﻣﻪﻧﺴﻪﭖﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻜﻰ، ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻛﯩﻴﯩﺶﺋﯩﺴﺮﺍﭘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ، ﺗﺎﺵ ﻛﻮﻻﺵ ﺑﯘﺯﻏﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ… ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﺗﺎﯓ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻣﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﯕﻐﯩﭽﻪ ﭼﻮﻛﺎﻥﻣﺎﯕﺎ ﻟﻪﭘﭙﯩﺪﻩ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ، ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﺎﺯﯨﺮﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺗﺘﻰ:

-ﮔﺎﺯﯨﺮﭼﯧﻘﯩﯔ،

– ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ. ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻪﻣﺴﯩﺰ؟

-ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ، ﺳﯜﻳﯜﻡ ﺑﺎﺭ.

ﮔﺎﺯﯨﺮﭼﺎﻗﻘﺎﭺ ﺟﯘﯞﺍﻧﻨﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ.

-ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯧﺮﯨﻢ ﺷﻮﭘﯘﺭ، ﺑﻪﻙ ﻛﯚﻳﯜﻧﯩﺪﯗ، ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﺩﻯ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﺴﺘﺎﻳﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﺎ-ﺳﯩﯖﯩﻠﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖﻧﻪﭼﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻢﺋﻮﭼﯘﻕ ﺩﻩﯕﺎ… ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪﻥ.

… ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﻪﺗﺘﯩﻢ، ﺳﻪﻱ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﯘﻕ، ﮬﺎﺭﺍﻕ ﻗﯘﻳﯘﭖﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻧﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﻗﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺷﯘﻻﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗﺑﯧﺮﻩﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﻏﻪﺭﻕ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯘﺳﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻗﯩﺰﻻﺭﻣﯘ ﻳﻪﭖ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ، ﻣﻪﺳﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯔ ﺟﯘﻣﯘﺩﻩﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﺩﺍﭘﺸﺎﻗﻼﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﻮﻳﻤﺎﻳﺘﺘﻰ…

…ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﭼﯩﮕﻪﺗﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺯ ﭼﯧﮕﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺘﻰ، ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺘﺘﯩﻢ، ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﯨﻢ. ﻛﯚﯕﻠﯜﻡﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ، ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻤﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ، ﻣﻪﻥ ﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﺎ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﺋﻪﯓ ﻳﺎﻣﯩﻨﻰ، ﺷﯘ ﺩﺍﭘﺸﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺷﻮﭘﺎﯕﻐﺎ ﭼﯩﻠﻼﭖ، ﺳﻮﻻﻣﭽﯩﻠﯩﻖﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﺋﯧﺮﯨﻢ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﭘﯘﻟﻼ ﺗﺎﭘﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ. ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ، ﺋﯘﻗﺎﯞﺍﻗﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﭼﯩﻤﻪﻥ، ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﭼﯩﮕﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﯜﯞﯨﺪﻩ ﭘﯘﻝ ﺳﺎﻧﺎﭖﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﻤﻪﻥ…

ﺟﯘﯞﺍﻧﻨﯩﯔﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯨﻢ، ﺋﯘ ﺑﯘﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﺩﻩﯞﺍﺗﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻮﺥ، ﺑﯩﻐﻪﻡ، ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻘﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻳﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﭼﺎﻗﻨﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺭﻭﮬﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﻪﻳﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺑﯘ ﺟﯘﯞﺍﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘﺧﯧﻠﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.

ﺟﯘﯞﺍﻧﻨﯩﯔﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯨﻢ. ﺋﯚﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ: ﭘﺎﻛﯩﺰ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺭﻭﮬﻰ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﮬﺎﺭﺍﻡ ﻳﯧﮕﻪﻥ، ﮔﯘﻧﺎﮬﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ، ﮔﯘﻧﺎﮬﻘﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﮬﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺕ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ…

ﺟﯘﯞﺍﻥﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﺪﻯ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ:

– ﺋﯧﺮﯨﻤﮕﻪ 13 ﻳﯧﺸﯩﻤﺪﺍ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﺎﻕﺋﯚﺗﯜﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ…

ﺋﯘﻧﯩﯔﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺮﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯘﺧﻠﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﺧﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﻤﯩﺪﯗﻕ. ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﭘﻮﻟﻮﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭘﻮﻟﻮ ﻳﯧﮕﻪﭺ، ﻳﻪﻛﻪﻧﻠﯩﻚﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﯩﻤﯩﻨﻨﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔﯞﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺩﺩﯨﻲ ﯞﻩ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻢ ﻗﯧﻨﯩﭗﺭﺍﮬﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯚﺯ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﻳﺎﻳﺮﺍﺷﻨﯩﯔﮬﻮﺯﯗﺭﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﻮﻝ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﭙﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﯨﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯘ ﻗﻪﯞﻣﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﯩﻜﻪﻥ. ﮬﻪﺭ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﮬﺎﯞﺍﺳﯩﺪﯨﻦ، ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺋﯩﺸﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯘﻟﻘﻰ، ﺷﯩﯟﯨﺴﻰ، ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻪﭘﻪﺭﺩﺍﯞﺍﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ…

يۇرتۇمغا نەزەر

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﺎﯞﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯚﭖ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ. ﮬﺎﯞﺍ ﺳﺎﭖ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ ﺋﯚﭘﻜﯩﻤﯩﺰ، ﺩﯨﻠﯩﻤﯩﺰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﮬﺎﯞﺍﺩﯨﻦ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﻤﯘﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯚﺯﻩﻡ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ، ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﻱ ﺑﯧﻘﯩﭗ، ﻗﻮﻧﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﺕﺧﺎﻟﯩﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﯜﺭﯛﭖ ﺋﯘﺧﻼﭖ، ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﯨﻜﻰ ﻻﻱ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺﺑﺎﻏﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ، ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ

ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﺵ ﻛﯚﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﺭﺍﮬﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺘﯘﻕ، ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻐﺎﻥﺳﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﺭﺍﻗﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﭖ ﺩﻭﺭﺍ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯚﻣﯜﻟﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻕ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺧﻪﻗﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﻰﺋﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﯩﺮﮔﯩﻨﯩﺶ… ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰﻳﯩﺮﮔﯩﻨﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﭘﺎﮬﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﯩﺪﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯧﮕﯩﺰ-ﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ﺑﯩﻨﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ-ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻢ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؟ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﭘﺎﻙ، ﺋﻪﯓ ﮔﯜﺯﻩﻝ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﯔ، ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﺗﺎﻏﻼﺭﻏﺎ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪﻥ ﻗﯘﻣﻠﯘﻕ، ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ، ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﻪﻳﻪﻣﻤﯘﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﭘﺎﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ، ﺋﯧﻐﯩﻨﺎﭖ ﻳﺎﺗﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺴﯩﺰ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻧﺎﺩﺍﻥ، ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﺰ ﺑﻪﺩﯞﯨﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ. ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺯﯨﭻ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﭼﯩﻘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﻮﭼﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﺭﺩﯨﻦ، ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﺎﯞﺍﻳﻰﮬﻪﯞﻩﺱ، ﺭﻩﺯﯨﻠﻠﯩﻚ ﮬﺎﯞﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﯩﻨﯩﭗﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﯞﺍﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؟ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻳﺎﻟﻐﯘﺯﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﯚﭺ، ﺗﻮﭖ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﭺ، ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﭺ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﺑﯩﺮﻻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﯚﭺ، ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﭺ، ﺷﺎﯞﻗﯘﻥ-ﺳﯜﺭﻩﻧﮕﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﺟﯩﻨﺲ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺴﺎﻕ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻻ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺭﻩﯕﮕﺎﺭﻩﯓ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥﺧﻮﺗﯘﻥ-ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺰﺍﺭ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ؛ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﻯ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰ-ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﺗﯧﺰﻻ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯗﻛﺎﻥ-ﺩﯗﻛﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻ-ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻣﺎﻟﻼﺭ، ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﮬﻪﯞﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻳﺎﻗﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﺯﻭﺭﻻﭖ ﺋﺎﭘﺎﺭﺳﯩﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯘﺭﻧﯩﻐﺎ ﺳﯧﺴﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺳﻪﺯﮔﯜﻟﯩﺮﯨﻨﻰﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯧﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻛﯚﭘﻪﻳﺴﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﺎﺯﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﺑﯩﺰﻧﯩﯔﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﯩﺸﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﺎﻍ-ﯞﺍﺭﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰﯞﻭﮔﺰﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺧﻪﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻮﻕ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﯞﻩﺭﺩﻯ، ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﯩﻨﻰﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﮬﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻳﯜﻩﻧﻠﯩﻚ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﯕﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥﻣﻪﺟﺮﯗﮬﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ؛ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦﺳﺎﻕ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺑﺎﻏﺮﻯ ﺗﺎﺵ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯧﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ.

ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ،ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﯕﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥﺩﻩﺭﺩﻣﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺑﯘﺯﯗﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﭖ، ﻛﺎﻟﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭ ﺩﻩﺳﻤﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﺩﻭﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗﺟﺎﻥ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﺗﻮﻻ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﮔﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﺴﺎ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ، ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﻗﻮﻟﻰ ﭘﯘﻝ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﯩﭗﺳﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ، ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺳﺎﺗﺮﺍﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺩﯙﺗﻨﯩﯔﺋﻪﻳﺪﯨﺰﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﻳﻮﻕ، ﭘﺎﮬﯩﺸﻪﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﻝ ﺑﻪﺭﮔﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﺷﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ. ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ﭘﯘﺷﺴﺎ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺗﯩﮕﻪ، ﭼﺎﺗﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﻪﺩﻩﺑﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ 20-30 ﻣﯩﯔﻳﯜﻩﻥ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻗﭽﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﻻﻧﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﻳﺪﯗ،ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺪﺍﭖﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺭﺯﻳﺎﺯﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻧﻪﮔﻪ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺳﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﯞﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﻳﺎﺗﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯜﺭﻣﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺴﯩﻤﯘ 10 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺵ ﻗﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯧﺰﯨﻠﯩﭗ، ﺗﯧﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﻪ ﻳﻪﭖ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜﻙ، ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺳﯩﯖﯩﻠﭽﺎﻗﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﻛﯚﺭﯛﭖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯘ ﻗﻮﺩﺍﯕﺸﯩﭗ، ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﯗﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﺎﯞﺍﺑﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺳﯩﯖﯩﻠﭽﺎﻗﻘﺎﻛﯚﺯ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﻳﺎﺵ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺭﺳﯩﺰﻗﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ”ﻧﯧﻤﻪ ﻳﻪﻳﺴﯩﺰ؟“ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﭼﺎﻱ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﻩﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻦ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯧﺰﯨﺘﻘﯘ ﺳﺎﻳﺎﻕ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﻩﻙﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﯘﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﮬﻪﯞﻩﺱ، ﮬﻪﯞﻩﺳﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻪ ﺷﻪﮬﯟﻩﺕ ﻧﻪﺯﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺰﻣﯘﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺟﻪﻟﭙﻜﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﯜﯞﯨﮕﯩﭽﻪﺋﯘﺯﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﯓ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻣﯘ ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ”ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﻤﻪﻥ“ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﺋﯘﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﭘﻮﻟﻮ، ﻛﺎﯞﺍﺏﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭖ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﻱ ﻗﯘﻳﯩﯟﯦﺘﯩﭗ: “ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻧﯧﻤﻪ ﻳﻪﻳﺴﯩﺰ؟ “ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻏﺎﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﭘﻪﺱ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ: ﺳﯩﺰﻧﻰ… ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﻗﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﮬﻪﻡ ﭼﯚﭼﯜﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﮔﯚﺵ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﻪﺭ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰﺩﯛﭘﯜﻟﺪﻩﭖ ﺳﻮﻗﯩﺪﯗ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﻐﺎ ﻳﺎﻣﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺶ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ: ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺟﻮﺯﺍ ﺳﯜﺭﺗﯜﭖ، ﻳﯘﻧﺪﺍ ﺗﯚﻛﯜﭘﻼ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻢ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯗ، ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﯘﻟﯩﭽﻰ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ… ﺋﺎﻛﺎﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙﺑﺎﻗﯩﯟﻩﻧﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ.. ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ… ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯚﭖﺋﯚﺗﻤﻪﻱ، ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ… ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯘ ﺳﺎﻳﺎﻕ ﺋﻮﺗﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﻮﺗﻘﺎ، ﺳﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺳﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﺗﻪﻟﯩﻴﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷﯘ ﺳﺎﻳﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﻛﯘﻟﯩﺪﺍ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ… ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺳﺎﻳﺎﻕ ﮬﺎﻻﻝ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﺎﻻﻝ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﮬﻜﻪﻡﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻛﻪﻡ ﺋﯩﺪﻯ، ﺟﯜﻣﻪﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺟﯘﻧﯘﭘﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻨﺎﻱ، ﺋﯩﺸﯩﻢ ﺋﻮﯕﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﺎﺭ… ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﻪﻡ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪﻛﯩﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﺎﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﺳﻮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺳﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﭘﯩﻼﻕ، ﺗﯧﭙﯩﻚ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯧﺰﻻ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﭖ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔﺳﯧﮭﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﺷﺎﯞﯦﺮﯨﺪﯗ، ﻛﯚﭖﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘ ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﺘﯩﻤﯘ، ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘ ﺗﺎﭘﺘﯩﻤﯘ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘﺋﯘﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺗﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﻪﭘﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﮬﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ، ﻳﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﭽﻪﺋﯘ ﺋﻪﺭﺧﯘﻣﺎﺭ، ﺗﻪﻧﻨﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻛﺎﻥﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯜﻧﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﺗﯜﯞﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻳﯘﻟﯘﭖﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯘﻟﯩﻐﺎ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪﭖﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺭﺍ-ﺑﺎﺭﺍ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﭺ ﺑﻮﻟﯘﭖﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺟﻪﺯﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻘﺎﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺩﻩﭖ ﺗﯩﻠﻼﭖ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺷﯘ ”ﺷﯘﻡ“ﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ﭼﻮﯓ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﮬﺎﻗﺎﺭﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻛﯘﻟﯩﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﺎﻙ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺷﻪﺩﺩﯨﻲ ﺋﯚﭺ!!! ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻣﯘ ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻧﻰ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﻻ ﻳﯜﺯﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻣﯘ ﻛﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﭘﺘﺎﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﻤﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯗ. ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﭖ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯧﻴﯩﻠﻐﺎﻥ، ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﺭﺍﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯘﭖ ﺗﺎﻳﺎﻕ ﻳﻪﻳﺪﯗ، ﭼﻮﻛﺎﻧﻘﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻟﻪﺯﺯﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ، ﺋﯩﺸﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗﻳﺎﺗﯩﺪﯗ. ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﮬﻪﺳﺮﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻲ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪﺷﻪﻳﺪﺍ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻴﻨﺎﭖ ﺋﯚﺗﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ… ﻛﯘﻟﯩﭽﻰ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻛﯘﻟﯩﭽﻰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ”ﻛﺎﺗﺘﺎ“ﺩﻩﯞﺭﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺋﻪﯓ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻮﻧﯘﻳﺎﻟﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ…

نېمىشقا چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى بۇزۇقچىلىق بىلەن تولغاندەكلا كۆرۈنىدۇ؟ ئۈرۈمچى، خوتەن، ئاقسۇ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا شۇنداقمۇ؟ ئاڭلىغان گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى شۇ: ھەي، بۇزۇلۇپ كەتتى، ئىنساپ قالمىدى، ئېلانلار ساختا.. دېھقانلار ھەسرەتتە، كىشىلەر كۈندە قويۇلۇپلا تۇرىدۇ. «قويۇلۇش» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىنىش، ئىپپەت نومۇسىدىن ئايرىلىش دېگەن مەنىلەرگىچە كېڭىيىپ كېتىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ يېڭى چىقىۋاتقان قارا گەپلەر، يېڭى سۆزلەر، كونا سۆزلەرنىڭ يېڭى مەنىلىرى، سەلبىي ماقال-تەمسىللەر جەمئىيەتتىكى ھەم كىشىلەر ئېڭىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى مەلۇم جەھەتتىن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

يۇرت شۇنچە گۈزەل، تەبىئەت شۇنچە ساپ، ئەمما يۇرتداشلارنىڭ روھىي ھالىتى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئولتۇرۇپ-قوپۇشلىرى يىلدىن يىلغا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقاندەك، بۇ جەھەتتىمۇ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاشقا كىملەردۇر چاقىرىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى ماڭا… ھەممە ئادەم شەھەرلەردىكىدەك ئالدىراش، تىرىكچىلىك بۇرۇنقىدىن قىزغىن، رىقابەت بۇرۇنقىدىن كەسكىن ئىكەن، ئۇخلاپ ياتىدىغان ئادەم قالماپتۇ. كىچىككىنە يېزىمىزدا چوڭ رېستۇراندىن بىر نەچچىسى پەيدا بوپتۇ، ئەڭ چوڭىغا 500 كىشى سىغقۇدەك. ئىستېمال قىزغىنلىقى ئېشىپتۇ، داڭلىق كىيىملەر تېز سۈرئەتتە قىز-چوكانلارنىڭ ئۈستىۋېشىغا چىقىپ بولىدىكەن. ياش يىگىتلەرمۇ ئۈرۈمچىدىكى بالاڭزىلاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى بارغانچە كىچىكلەۋېتىپتۇ. ھاراق ئىچمەيدىغان ياش ئاخۇنلار مودىدىن كېيىن قالغانلار، تۈزەلمەيدىغان «قالاقلار» ھېسابلىنىدىكەن، ئۇلارغا توختىماي مەجلىس ئېچىلىدىكەن. سىياسىي قانۇنغا مەسئۇل شاڭجاڭ ئىنتايىن ئالدىراش ئىكەن. ئەمەل-مەنسەپ بۇرۇنقىدەكلا كادىرلارنىڭ دىققەت مەركىزى، ھاراق سورۇنلىرىدىكى پاراڭ تېمىسى ئىكەن. ئىچكىرىگە بارىدىغان ئىشلەمچى قىزلار ئەمدى بۇ يۇرتتىمۇ باشلىنىپتۇ، قىزلارنىڭ كېچىكىپ توي قىلىشى، ئىچكىرىگە بېرىپ تېخنىكا-ھۈنەر ئۆگەنگەچ پۇل تېپىشى كەلگۈسىدىكى ئانىلارنىڭ ئىدىيە ئازادلىقىغا، ئەۋلادلارنىڭ ئىستىقبالىغا پايدىلىق ئىش ئىكەن. ئاتا-ئانىلارغا بۇ جەھەتتە تەربىيە خىزمىتى ئىشلەش داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، ئاخۇنلارمۇ بۇ ئىشقا سەپەرۋەر قىلىنىپتۇ.

مەھەللەمدە ئېتىزلارنى ئارىلاشقا پۇرسەت بولمىدى، ئۆستەڭلەر لايداپ تېيىزلاپ كېتىپتۇ، بىر چاغلاردا بىزگە كۆڭۈللۈك سەيلىگاھ، سۈزۈك سۇغا چۆمۈلۈش ئارامگاھى بولغان باغرى كەڭ جاڭگاللىقنىمۇ بوز يەر ئاچىدىغانلار تىلغاپ، قاشالاپ، بېلىق كۆلى كولاپ يوقىتىپتۇ. تۇغۇلغان يۇرت، ئۆي- ماكانىمدا كۈن شۇنداق ئۇزۇن ئىدى، مەن بۇ كۈنلەرنىڭ خاسىيەتلىكلىكىنى تولىمۇ قەدىرلەيتتىم. ھاياجانلىق ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئۇرۇغ-تۇغقان، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپلا كەتتىم، ئىناق كۈلكىلەر، قىزغىن پاراڭلار… ئۈزۈلمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ سالام-سائەت، مېھماندارچىلىق تۈگىمىدى، بىر بۇلۇڭ، تۆت كۇلۇڭدىن چىقالمىدىم. كېيىنكى كۈنلەردە ئەل-ئاغىنە بۇرادەرلەر ئىزدەشكە باشلىدى، نەچچە ھاراق سورۇنلىرىغا كىرىپ قالدىم، ئىچمەڭلار دەپ توسالىغۇدەك كۈچلۈك ئىمانغا ساھىب ئەمەسلىكىمنى ھەر ۋاقىت ئىچ پۇشۇقى ئىچىدە ھېس قىلدىم، يۈزۈمنى قىلغانلارنىڭ يۈزىنى يۇمشاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئايىدىم، مېھمانلار شەرىپىگە تەمبۇر چېلىپ ناخشا توۋلاپ بەردىم، زەئىپ ئىمانىمنىڭ ھەسرەتلىك تىۋىشلىرىدىن بۇغۇلۇپ تۇرساممۇ ئۆزەمنى قويۇپ بەردىم. شۇنچە خۇشال ئولتۇراي دېسەممۇ ئولتۇرالمىدىم، ئەمما ئۆزەمنى تەقۋا كۆرسىتىپ ھېچكىمنى كەمسىتمىدىم، بەزى ئىشلارنى توغرا چۈشىنىدىغان ئىلمىي ھاجىم بولۇۋەردىم. شەيتان ھەر باپ بىلەن مېنى ئوينىتىپ كۈلدۈردى، ئاجىز ئىنسان بۇ دۇنيادا كۈلگەن بىمەنە كۈلكىلىرىنىڭ، جۆيلىگەنلىرىنىڭ دەردىنى ھامان تارتىپ قالىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، ئويغاق كاللا جەسۇر ئىرادىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىھۇدە ئىسراپخورلۇققا داۋاملىق شاھىت بولۇپ تۇردۇم ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشتىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ، سورۇنخۇمارلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋاباسى ئېغىرلىشىپ كەتتى، مەسچىتلەردىكى ۋەز-تەبلىغ، مەتبۇئاتلاردىكى تەشۋىقاتنىڭ ھېچقانچە ئۈنۈمى بولمىدى. بازار ئىگىلىكى، ئىستېمال قىزغىنلىقى… بىزنى يېڭىدىن يېڭى بىمەنە ئادەتلەرگە ئۆگەتتى، بۇ ئويۇنلارغا رىقابەتچى بالىلاردەك بېرىلىپ كەتتۇق. ئەخمەقلىق قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ئېقىمغا ئەگەشتۇق. «سەت تۇرىدۇ، خەق نېمە دەپ قالىدۇ، خەق نېمە بولسا بىزمۇ شۇ،…» دېگەن گەپنىڭ دىكتاتۇرىسى بېشىمىزدا قامچىدەك ئوينىدى، ئېتىقادىمىز سۇسلىشىپ ، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرنى تاشلىدۇق، ناچار ئادەتلەرنى كەشىپ قىلدۇق، ئۇنىڭ دەردىنى تارتىپ تۇرساقمۇ پەرۋا قىلمىدۇق. ياشلار جەڭگىۋار قوشۇن، شۇڭا ماۋجۇشى ئىتتىپاق كومىتېتى قۇرۇشنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلغان. ئېقىمغا ئەگىشىشتە ياشلار باشلامچى بولسىغۇ، بۇلار نادان، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ ئاقلىغىلى بولار، لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، كەمبەغەللىك، ئاچارچىلىق، تەلۋىلىك، ساراڭلىق، نامەرتلىك، مەھبۇسلۇقنىڭ دەرىنى بىر مەزگىل تارتقان پېشقەدەملەرمۇ ئېقىمغا ئەگەشتى، بۇنى تەرەققىيات دەپ قوبۇل قىلدى، ھەتتا خۇشال بولدى. مەن بىلىدىغان پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچىدۇ، ئۇلار ئۆتمۈشىدىكى ھەسرىتىگە ئىچەمدىغاندۇ؟ ياكى پات ئارىدا كېلىدىغان ئۆلۈمىدىن تەشۋىشلىنىپ، بۇ ۋەھىمىلەردىن بىر دەم بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىچەمدىغاندۇ؟ ئۇلاردا ياشلارغا ئۈلگە بولىدىغان، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قوللاپ بېرىدىغان سالاپەت، ئۇلۇغۋارلىق ناھايىتى كەم. شۇنداق ھالدا ئۇلارنىڭ ئاۋامغا ئاقساقاللىق قىلالىشىدىن، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭالىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۆزىنى ئوڭشاپ يۈرەلمىگەن ئادەمنىڭ ھەر قانداق پەند-نەسىھەتلىرى ئوسۇرۇققا تەڭ. مۇشۇ ھەقتە «ئىجادىيەت» مۇنبىرىدە يۈسۈپ ئېلى (ھېللو لائىف) ناھايىتى ئوبدان ماقالىدىن بىرنى ئېلان قىلغان.

ئوسال قېرىش ئادەمنىڭ زالالىتى، قېرىغاندىمۇ ئۆلۈمدىن ساۋاق ئالماسلىق، ئىچىملىكتىن ئۆزىنى تارتماسلىق ھەقىقىي ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى. ئىلگىرى ئەمەلدار بولغان قاقۋاش قېرىلار يەنىلا ئىچىدىكەن، ياش ئەمەلدارلار تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۇلار ئۈچۈن ھاراق دېمەك مۇناسىۋەت دېمەكتۇر، ھاراق سىياسىي ئاڭنىڭ قانداقلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، ھاراق ئىچمىگەننىڭ ئىدىيىسى چاتاق، ھاراق ئىچمىگەن ئادەم ئۆسىمەن دېمەي، ئاستا سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قالسا بولىدۇ. ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە چاغانلىق بىر ئولتۇرۇشتا بىر چوڭ رەھبەرنىڭ قولىنى قايتۇرۇپ، يېنىمدىكى مەست كادىرنىڭ « سەن دىنىي زاتمۇ؟ نېمىشقا ئىچمەيسەن؟» دېگىنىنى ئاڭلىغان، رەھبەرنىڭ كەيپىياتىغا بېقىپ پۈتۈن سورۇننىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان؛ مەن بۇ سورۇنغا تەكلىپ بىلەن كىرىپ قالغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلغانىدىم. ئۈرۈمچىدەك ئىلمىي شەھەردە بۇنداق بولغان يەردە، تۆۋەندە ئەھۋال قانچىلىك؟

يۇرتتا ئەمەلدارلار سورۇنىدا ھېچكىم مېنى ھاراققا زورلىمىدى، پايتەختتىن كەلگەن ھاجىم دەپ ئىززىتىمنى قىلدى. ئەمما ھەر قېتىملىق سورۇندىكى كىشى بېشىدىن توغرىلاپ، ھەتتا ئاشۇرۇپ ئىچىشلەردىن، كەيپىكتە بولۇۋاتقان سەتچىلىكلەردىن بىئارام بولدۇم. ناخشا، سازدىن مۇڭلىنىشلارمۇ بىر چاغدا مەنىسىنى يوقاتتى. قوتور ئېشەككە مىنمەڭ، مىنگەندىكىن ۋايسىماڭ دەپ، ئۆزەمگە باشتىن ئاخىر تەنبىھ بېرىپ ئولتۇردۇم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق سورۇنلارمۇ بولمىدى، بىر نەچچە كۈن خېلى ئارام تېپىپ قالدىم.

ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﻏﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﻮﺭﻣﺎﻥ ﺋﯧﺮﯗﺭ…

جاھاننىڭ گۈزەللىكى تاغۇ دەريا ئورمان ئېرۇر… نەقەدەر توغرا ئېيتىلغان گەپ بۇ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇقەددەس، چۈنكى ئۇ مۇقەددەس ئىلاھىي قۇدرەتنىڭ سەنئىتى. تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزلۈكىدىن شۇنداق شەكىللىنىپ قالغان دەپ قارىغۇچى ماتېرىيالىستلارنىڭ كاللىسى قانداقتۇ؟ ئىلگىرى مېنىڭ كاللام شۇنداقراق ئىدى، تەبىئەتنىڭ سېھرىي كۈچىگە كۆزى ئوچۇق قارىغۇدەك نەزەر سالاتتىم، ئويلانمايتتىم، تەسىرلەنمەيتتىم، چوڭقۇر ھاياجانلانمايتتىم. دېمەك، كاللا يېڭىلانسا دۇنيا يېڭىلىنىدۇ. مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسىدىكى سۇبېكتىپ روھنىڭ چىنلىقى، يېتەكچىلىك رولىنى تەتقىق قىلىپ بېقىش كېرەك ئىدى، كىتابلار توپا بېسىپ ياتىدۇ. سارترېنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلىمىدۇق. ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئىزدىنىشلىرىم مېنى ئۆزگەرتەلمىدى، مۇھەببەت ھەققىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆرگەن بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزەلمىدىم، نېمىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك ئىدى؟ قىزلار ئۈمىدسىزلىكتىن باشقا تەسىرات ئېلىپ كېلەلمىدى، ھەممە نەرسە، ھەتتا غەم-قايغۇ، ھاياجانلارمۇ كونىراپ يوقالدى. ھەر سەھەردە پىلتە قۇيماق يەپ دىۋەڭلىشىپ كەتكەنلىكىمنى ئۈچ يىلدىن كېيىن بىلدىم، پىلتە قۇيماقنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى ئۇچۇرغا ئەر-ئاياللىق بىلىملىرىگە قىزىقىپ كۆرۈپ قالغان بىر ژۇرنالدىن ئېرىشكەنىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇن شۇ پىلتە قۇيماقنى شىفەنگە چىلاپ ماڭقۇرتتەك يەۋەرگەنىدىم. تۇرمۇشىمىز تەساددىپىيلىقلارغا تولغان، بەزى بىلىملەرگە توساتتىن ئېرىشىپ قالىمىز، مانا بۇنىڭ ئۆزى ھەقىقىي بەخت، ئۆمرىمىز نەگىچە بارسا شۇ ئاخىرقى مەنزىلگىچە كېرەكلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئادەمنىڭ بىلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىشى تۇغما بولىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدار توسقۇنلۇققا ئۇچرىمىغانلا بولسا ئەقىل ئۈزلۈكسىز ئېچىلىپ بارىدۇ، سەزگۈ ئەزالار توختىماي ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ، مېڭىنى بىر كۆل دېسەك، ئۇنىڭغا غەللە غەشلەرمۇ قوشۇلۇپ قالىدۇ. بۇلغىنىش كۆپىيىپ كەتسە ئادەم ئىچىدىن سېسيىدىغان ئالمىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر شائىرنىڭ ئالما ھەققىدە يازغان شەكىللىك شېئىرىدا ”ئالما“ دېگەن سۆزدىكى ھەرپلەرنى ئالما شەكلىدە تىزىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ”قۇرت“ دەپ يېزىپ قويغانلىقى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆزەمنى ئالمىغا، نەپسىمدىكى ئېچىرقاش ۋە باشقا ئىللەتلەرنى قۇرتقا ئوخشاتقانىدىم. كىچىكىمىزدىن جۇغلانغان بىۋاسىتە بىلىملەر يېتىشمىگەنلىكى ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىپ ۋاستىلىك بىلىملەرنى ئۆگەندۇق، لېكىن ئۆلۈك مائارىپ نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلدى. بەكمۇ تەستە ئاقارتىلدۇق، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىلەن ئۆزىمىزنى خىزمەتكە تونۇشتۇرىدىغان بىر بەت نەرسىنى خەنزۇچە گرامماتىكىغا ئۇيغۇن يازالمىدۇق. مەكتەپتە ئۇيغۇرلا بولۇپ كەتكەنىدۇق، تەمبۇر چېلىپ مۇڭلانغان، تانسىدا قىزلارغا چاپلاشقان ئىدۇق، ”لاي سۇ ئىچكەن جانلار“ دەپ پوۋېست يېزىپ مۇكاپاتلاندىم، ناھايىتى تېزلا ياش يازغۇچى دېگەن قالپاقنى كىيىپ ماختالدىم، ئەمما ئۆزەم ياخشى كۆرگەن قىزغا ئېرىشەلمىدىم، قۇرۇق شۆھرەتنىڭ نېمە پايدىسى؟ تاغ-داۋانلارنىڭ يۈكسەكلىكىگە نەزەر سېلىپ كېتىۋېتىپ شۆھرەتنىڭ مازغاپقا شۇ قەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. نەشر قىلدۇرالمايۋاتقان ”كۆپۈك“ ناملىق رومانىمدا جىنسىي ھەۋەسنىڭ پۈچەكلىكىنىلا ئەمەس، ئادەمنى دائىم مەست قىلىدىغان شۆھرەت، بىچارە قىزغىنلىقلارنىڭ كۆپۈككە ئوخشاش نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى يېتەرلىك ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىكىمنى ئويلاپ ئىچىم پۇشتى. روھىم سىقىلىشقا ئامراق. سەپەردىكى خىياللىرىم بەزىدە ئۆتمۈشنىڭ يايلىقىدا ئات چاپتۇرۇپ ماڭا باستۇرۇپ كېلەتتى-دە ، ھوشۇمنى خېلىغىچە يىغىۋالالماي قالاتتىم. يوللارنىڭ ئەمدى راۋانلىشىپ كېتىشى كەيپىياتىمنى ئۇرغۇتتى، تاغلارنىڭ ھەيۋىتى، قورام تاشلارنىڭ قوپاللىقى، يېشىل يايلاق، گۇل-گىياھلىق داۋانلارنىڭ جىلۋىسى، خاتىرجەم ئوتلاۋاتقان قويلارنىڭ يۇۋاشلىقى پېقىرنى شۇ قەدەر مەھلىيا قىلدىكى، يەنە ھاياجانلىنىشقا باشلىدىم؛ زىيادە ھاياجان ئاجىزلىقنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ ھاياجانلىنىۋەردىم. تەبىئەت باغرىدا رەت-رەت، مىسرا-مىسرا تىزىلىپ كېتىۋاتقان لېرىك مەنزىرىلەر مەن كۆرگەن ھەر قانداق لېرىك شېئىرلاردا يوق ئىدى، تەبىئەت ئۇ لېرىكىلارنى ئۆزى يېزىپ ئۆزى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا مېنىڭ سۈكۈت ئىچىدە قۇلاق سېلىشىم ھەممىدىن ئەۋزەل ئىدى. تاغ ئۆركەشلىرى دېڭىز ئۆركىشىنىڭ ھەيۋىتىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى. قاراپ تويمايتتىم، ئويلاپ ھارمايتتىم. ئارىلىقتا بەكمۇ گۈزەل بىر تاغنىڭ داۋىنىغا كېلىپ توختىدۇق، تاغ داۋىنىدىكى قارىغايلار ھەقىقەتەن قەيسەر ئىدى، كىچىك ۋاقتىمدا دەرسلىكلەردە قارىغاي ھەققىدىكى مەدھىيىلەرنى بەك ئوقۇغانىدىم ، بۇ قېتىم ئۆزەم يېقىن بېرىپ كۆردۈم، مەزمۇت قارىغايلارنى تۇتتۇم، غۇلاپ چۈشۈپ قاقشال ئوتۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن قارىغايلارغا ئېچىندىم. رەسىملەرگە چۈشۈپ تويمىدۇق. قاياققا قارىسا كىشىنى جەلپ قىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە، قۇياش پات-پات بۇلۇتنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالاتتى، سېرىق ئاپتاپ تاغلارنى ئالابالداق قىلىپ، ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرەتتى. بىر سائەتچە توختاپ تاغنىڭ باغرىغا قېنىۋالغاندىن كېيىن داۋاملىق ماڭدۇق، يولدا قازاق چېدىرىغا كىرىپ قىمىز ئىچتۇق، قازاق قىز جىڭ قىمىزنى ئۇسۇپ ئىكرام بىلەن تۇتتى، بىر دەمدىن كېيىن بۇ قىزنىڭ مومىسىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى چېدىرغا كىرىپ قىمىز ئىچكىشكەچ پاراڭلاشتى، بىر دەمدىلا چاقچاق باشلاندى، ئۇيغۇر بىلەن قازاقنىڭ دوستلۇق كەيپىياتىنى ھېس قىلدىم. قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندا بىز بىلەن پاراللېل ئوقۇيدىغان قازاق سىنىپ بالىلىرى كېچىچە ھاراق ئىچىپ ياتىقىمىزنىڭ ئىشىكىنى تەپكەنىدى، بۇ تېپىكنىڭ زەربىسىدىن يۈرىكىم ھازىرغىچە تىترەيدۇ. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاق-قىرغىزلارنىڭ، قېرىنداشلىق، سەپداشلىق روھى ھازىر قانچىلىك؟! چوڭ جەھەتتىكى ئەھۋال كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەيمىز، ئەمما ئىنسانىيەت مىللەت تۈركۈملىرىگە بۆلۈنۈپ كەتكەندىن باشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئاتا، بىر ئانىنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكىلى نەۋاخ! كەچمىشلەرگە ئەگىشىپ كۈتۈلمىگەن خىياللار دوقۇراپ كېلىدۇ. ھەممىنى ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىدىغان گەپ.

تاغ-داۋانلاردىن ئۆتۈپ بىپايان يايلاققا كىردۇق، نىمدېگەن كەڭ جاھان بۇ، كۆك ئاسمان بىلەن ئارىلىقىمىز شۇنچە يېقىن، بۇلۇت شۇ قەدەر پەستە، ئادەتتە ئايروپىلانغا چىقسا كۆرگىلى بولىدىغان ئېگىزلىك مەنزىرىسىنى بۇ زېمىندا تۇرۇپ كۆرۈۋاتاتتىم. ماشىنىدىن چۈشۈپ يايلاققا يۈگۈردۈق. كۆرپە-ئەدىيالنى سېلىپ يانپاشلىدۇق، قوغۇن پىچىپ يىدۇق، مۇدىر ئاكىمىز چاپاننى بېشىغا قويۇپ ئۇيقىغا كەتتى، مەكتەپتىكى تۈگىمەس ئىشلار، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى، ئايىغى چىقماس ئاقماس يىغىنلار… تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالدى. يېشىل مەخمەلنىڭ ئۇ چېتىنى كۆرگىلى بولمايتتى، يېشىل ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا يەنە قىزغۇچ، سۆسۈن گۈللەر جۇلالىنىپ تۇراتتى. يېتىپ رەسىمگە چۈشۈۋالدۇق. بۇ جايدا ئىككى سائەتچە قېنىپ ئارام ئالغاندىن كېيىن يەنە ماڭدۇق، ماشىنىنى مەن ھەيدىدىم. يول ئاسفالىت بولمىسىمۇ ئەمما تۈز ئىدى. ئادەم يوق، ماشىنا يوق يولدا ماشىنا ھەيدەش تولىمۇ راھەت ئىش ئىكەن. ئەمما كىچىك كاتاڭلارغا، يول بويىدىكى شېغىل دۆۋىلىرىگە دىققەت قىلىپ ھەيدىمىسە بولمايتتى، چاق بەزىدە رولنى قايدۇرۇپ كېتەتتى. بىر چاغدا يوغان بىر پاشا يېنىمغا كېلىۋالدى، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن دەپ ماشىنىنى سازلىققا چۈشۈرۈۋەتكىلى قىل قالدىم. ھەمراھلىرىم سەل چۆچىدى، مۈگدەۋاتقانلار تىك ئولتۇردى. بۇ يول خېلىلا ئۇزۇن ئىدى، بىر سائەتكە يېقىن ھەيدىگەندىن كېيىن بىر ماي قاچىلاش پونكىتىنىڭ يېنىغا كېلىپ ماشىنىنى توختاتتىم. ھەمراھلىرىمنىڭ يۈرىكى ئەمدى جايىغا چۈشكەندەك قىلاتتى.

كېيىنكى سەپىرىمىز يەنە تاغ بويلاپ مېڭىش بولدى. ئۇششاق كاتاڭ، ئەگىپ ئۆتۈشلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇ يول تۈز ئىدى، ماشىنىلار، ئادەملەرمۇ روشەن كۆپىيىپ قالدى. تاغنىڭ يېنىدا بىر ئۇلۇغ ئۆستەڭ ئاقاتتى. تاغ داۋانلىرىدا ھەسەل باققۇچىلار ئۇچراپ تۇراتتى، بىر خەنزۇدىن ھەسەل ئالسام، يەنە بىر يەردە بىر تۇڭگان “ ئۇ دېگەن تاڭشىر (قەنت قىيامى)دەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلدى، ئۇ ئادەم ئالدىمايدىغان جىڭ مۇسۇلمانلىقىنى پەش قىلىپ ھەسىلىنى تېتىتقۇزدى، ئۇنىڭكىدىنمۇ بىر قۇتا ئالدىم. يولدا بىر ئۆتەڭدىن ئۆتتۇق، ئاشخانىسىغا خېرىدار چاقىرىۋاتقان شوخ چوكان بىزنى كۆرۈپ “ ۋاي كېلىڭلار، سىلەرنى كېلىدۇ دەپ ساقلاپ تۇرغان بىز “ دەپ كۆڭلۈمىزنى خۇش قىلدى. ئالدىراپ ئۆتۈپ كەتتۇق. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ناراتقا كىردۇق، سۈپەتلىك ياسالغان ئاسفالىت يولدا ماشىنىمىز يايراپ كەتتى، تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان ماشىنىنىڭ دېرىزىلىرىدىن ئەتراپقا تويماي قارايتتىم، نارات يايلىقى ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەن، شۇنچە ماڭساقمۇ قۇيرۇقى ئۈزۈلمىگەن يايلاقلارغا قاراپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بۇ ئەۋزەل، گۈزەل ماكانغا زوقلاندىم. خېلى ئۇزاق مېڭىپ چارچىغانىدۇق، ئوبۇلكام رولنى قايدۇرۇپلا بىر ساياھەت رايونىغا كىردى. ساياھەتچىلەر كۆپ ئىدى، ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى كەيپىمىزنى ئۇچۇردى. كشى بۇ يەرگە خىلۋەت گۈزەللىكنى تاماشا قىلغىلى كېلىپ، شەھەرگە ئوخشاپ قالغان ئىستىراھەت مۇھىتىنى كۆرسە ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنەتتى. بۇ يەردە ئۇزاق تۇرمايلا كەتتۇق. ئات ئۈستىدە گۈل سەيلىسى قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق، يۈزەكى بولسىمۇ مۇشۇ راھەت ئىدى، قاراڭغۇ چۈشكىچە غۇلجا شەھىرىگە بېرىۋېلىش ئۈچۈن توختىماي ماڭدۇق، كەچقۇرۇن قۇياش ﺋﯩﻠﻰ دەرياسىنى قىزارتقاندا بۇ ئەزىز ۋە ئەزىم دەريانى بويلاپ ئىلگىرىلىدۇق، يول بويىدىكى خىلۋەت، گۈزەل مەنزىرىلەرگە زوقلىنىپ قاراپ، غۇلجا ۋە غۇلجىلىقلار ھەققىدىكى ئۆتمۈش تەسىراتلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ ئولتۇردۇم. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ”ئانا يۇرت“ رومانىدىكى تەسىراتلىرىم بىلەن تەڭ خىيالىمدا جانلاندى، قۇلاق تۈۋىمدە داۋۇتجان ناسىرنىڭ ”باغ ئارا گۈلباغ ئارا… ماڭسام چىمەنلەر ئار… “ دېگەن ناخشىسى ياڭرىدى، نۇرمەھەممەت تۇرسۇننىڭ تەمبۇرى سايرىدى، ”ئەجەم“، ”چىمبۇلاق“، ”دىل كۈيى“… نىڭ مۇڭلىرى بىر يەرلەردىن ئاڭلاندى. ئۆمەرجان ئالىم، خالمۇرات ئۆمەر، خىزمەتدىشىم مەھمۇتنىڭ دادىسى ھېسام قۇربان، ھېبى، پەرھات خىتاي… دېگەندەك چاقچاقچىلارنىڭ سىماسى گەۋدىلەندى… خۇددى جاھان ئەھلى ئامېرىكىغا بارماي تۇرۇپلا ھوللىۋودنىڭ كىنولىرىدىن ئامېرىكىنى بىلىپ، چۈشىنىپ بولغاندەك، مەنمۇ غۇلجىنىڭ سەنئىتىدىن بۇ دىيارنى ۋە بۇ دىيارنىڭ خىسلەتكە باي ئادەملىرىنى خېلىلا تونۇپ بولغانىدىم. شام نامىزىنى يولدا ئۆتەپ، زاۋال چۈشكەندە غۇلجىغا كىردۇق، قاينام تاشقىنلىق خەنزۇ بازىرى بىزنى قارشى ئالدى. كاللا-پاقالچاق يەيلى دېۋىدۇق، تۈگەپ كېتىپتۇ.

ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺗﯜﻧﯩﺪﯗﻕ، ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﻻ ﺋﯘﻳﻘﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮬﯧﭻ ﺋﯘﻳﻘﯘﻡ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ، ﻳﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﭘﯘﺯﯗﺭ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﺮﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺯﺍﻟﯩﻢ، ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ… ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﭖﻛﻪﺗﺘﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﻣﯧﻨﺮﺍﻝ ﺳﯘ ﺋﺎﻻﻱﺩﻩﭖ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﯨﻢ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯓ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻻ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﯨﻨﻰ ﻳﯚﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﺎﻣﺎﻕﻳﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖﯞﻩ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻣﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺳﻮﻝ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﺎﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﺍ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﻧﯘﻙ ﭼﯩﺮﺍﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﺑﯘﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻜﺎ؟ ﺑﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻦﻛﻮﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﻪ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ، ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﺳﯘﻣﯘﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﻳﺎﺷﺎﺭﺗﺎﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﻻﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ، ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰ ﺋﻪﺗﻪ ﺳﯘ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯛﺭ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﮬﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﺭ ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺳﯘ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺗﺎﮬﺎﺭﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪﺑﯘ ﺳﯘﻣﯘ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯘﻳﻮﻕ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﺍﻛﻮﻧﻼﺷﺘﯩﻢ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ”ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﭘﺎﻝ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ!“ ﺩﻩﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔﻣﯘﻻﺯﯨﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﻛﯜﭖ ﺗﺎﺯﺍ ﻗﺎﻳﻨﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ”ﻳﯜﺭﯛﯓ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰﻗﻪﯞﻩﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺑﺎﺭ“ ﺩﻩﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺵ ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﯞﺍﻟﺪﯨﻢ. ﻳﺎﺗﺎﻗﻨﯩﯔﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭﯨﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻣﻪﺷﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯩﻨﻰ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ. ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻠﻪﺭﺩﻩ ﺷﻪﮬﯟﻩﺕ ﻟﯩﻐﯩﺮﻻﻳﺘﺘﻰ، ﮬﺎﯞﺍﻳﻰﺋﯩﺴﺘﻪﻙ ﻗﯘﺭﺗﺘﻪﻙ ﻟﯚﻣﯜﻟﺪﻩﻳﺘﺘﻰ. ﻗﺎﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻏﺎﺟﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﺗﻼﺭ…

ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ،

ﺭﻭﮬﯩﻢﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﺗﯧﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ…

ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻤﻨﻰﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ، ﮬﻪﻣﺮﺍﮬﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯﺋﺎﻳﺮﯨﻼﺗﺘﯩﻢ، ﺗﯚﺗﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺷﺎﯕﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﯜﭼﻪﻳﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﻩ 15 ﻳﯩﻞ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻣﻤﺎﭼﺎﻡ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ، ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﯩﯔ ﻳﯩﮕﺎﻧﻪ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺧﻪﻟﻖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﺗﯧﭙﯩﺸﺘﯘﻕ، ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗﻏﺎ ﺋﯩﺠﺎﺭﻩ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻏﯧﺮﯨﺒﺎﻧﻪ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻗﺎﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯩﯖﺸﯩﻐﯘﭺﺗﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻡ ﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﻻﻡ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦﺑﯧﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﭘﺎﭼﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ (ﻛﺎﻟﻼ-ﭘﺎﻗﺎﻟﭽﺎﻕ ﺳﯧﺘﯩﭗ) ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻥﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻩ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ”ﻛﯜﻟﮕﯜﻧﭽﻪﻙ ﺷﺎﺑﺎﻥ“ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ”ﺳﻪﮬﺮﺍﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﻦ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮﺳﯩﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺑﻪﻛﻤﯘﺋﯩﻨﺎﻕ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﻨﻪ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﯧﺮﻯ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ، ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﻮﯞﯨﺴﻰ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰﺧﻪﺗﻨﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭘﺘﯘ. ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯜﻡ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍﻛﺎﺳﺘﯘﻡ-ﺑﯘﺭﯗﻟﻜﺎ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺋﻮﻏﯘﻝﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﺩﻩﻙ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ، ﺋﯘ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﺗﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﺎﻻﻏﻪﺕ، ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﻚﺩﻩﺭﯞﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺳﯘﭘﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ، ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻪﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻚ، ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭻ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺧﻪﺗﻨﻪﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﯩﺮﯨﻨﻰﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﯘﭼﯩﻨﻰﺷﺎﺭﺗﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺳﺘﻰ. ﺑﺎﻻ ‘ﯞﺍﻱ“ ﺩﻩﭘﻼ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﭖ ﻳﯩﻐﻼﭖﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﯜﺭﯛﻡ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﯘﺷﻤﯘ ﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﺋﻪﮬﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﻪﺟﺮﯗﮬ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ، ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﯩﭽﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺧﻪﺗﻨﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﺘﻰ. ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﻟﯚﯕﮕﻪﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﺪﻯ، ﮬﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﮕﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﻪﻝ-ﻳﯧﻤﯩﺶ ﯞﻩ ﭘﻮﻟﻮﻏﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺗﻪﮔﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ.

ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﭖ، ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ، ﻧﻪﻡ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪﮬﯘﺯﯗﺭ ﺑﯧﻐﯩﺸﻼﻳﺘﺘﻰ، ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺑﯘﻧﭽﻪﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯧﺰﺍ-ﻗﯩﺸﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﮬﻪﺗﺘﯘ؟! ﺗﻪﺷﻠﻪﭘﻜﯩﺪﯨﻜﻰﺩﻭﻟﻼﺭ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ ﺩﯗﻛﺎﻧﻼﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﺎﺭﻛﯩﻼﺭ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻛﻮﭼﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ، ﻧﻪﭘﺲ ﮬﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺗﻠﻪﺭ، ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻢ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ، ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﯕﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺷﻤﻪﮬﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﯔﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ… ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺭﻭﮬﯩﻤﻨﻰﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻟﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯦﺴﺘﯘﺭﺍﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﯧﮕﻪﭺ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭﺳﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯚﻟﻪﻛﭽﻪ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﺎﺗﺘﻰ، ﮔﯜﻝ ﺑﻪﺭﮔﯩﺪﻩﻙ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﺘﻪﻙﯞﯨﭽﯩﺮﻻﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﯜﻟﯜﺷﯜﭖ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻘﻰ، ﻛﯜﻟﻜﻪﺧﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﻳﺘﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮﻏﯘﻟﺠﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ، ﻗﯩﺰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﭼﺎﻕ ﮔﯜﻝ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎﺩﯦﺮﯨﺰﻩ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ ﭼﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﯨﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﯩﺴﺎﻕ ﻛﯜﻟﻜﻪ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻤﯩﺰﺋﯜﺯﯛﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻪﺕﺋﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﯧﻨﻜﺎﯞﺧﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻏﯘﻟﺠﺎﺋﯩﻨﺘﯘﻧﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺭﺍﯓ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ، ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﺗﺘﻰ، ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯜﻣﺪﻩ ﺑﯩﺮﭘﯩﺌﺎﻧﯩﻨﻮ ﭘﯩﻼﺳﺘﯩﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺳﻮﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺭﻭﻣﺎﻧﺘﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘﻻﺭﻏﺎ ﭼﯚﻣﯩﻤﻪﻥ؛ ﺋﯘ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎﭼﯩﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻣﻪﻥ ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰﺩﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ، ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻼﺭ، ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﺑﯩﺮﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙﺋﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺗﻮﺳﺎﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﺑﻮﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﭼﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ “ ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﻰ“ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﯩﻠﻰﺗﯘﺭﺩﻯ. “ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻤﯘ“ ﺩﯦﺴﻪﻡ “ ﻳﺎﻕ، ﭼﺎﻛﯩﺮﻯ“ ﺩﻩﭖ ﻣﻪﻳﯜﺱ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.

ﻣﻪﻣﻪﺕﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎﭼﯚﻣﯜﻟﺪﯛﻡ. ﺟﻴﺎﯓ ﺟﯧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﯞﯨﻼﻳﻪﺕ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﮕﻪ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. 11 ﺑﯧﺘﯩﻤﻨﯩﯔﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﻤﻼﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ. ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯞﯦﺘﯩﭗ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﺗﯩﺘﺮﻩﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺩﻩﯞﺭﻧﻰﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻩﯞﺭﻧﯩﯔﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﮬﻪﺭ ﻗﯩﺴﻤﺎ ﺋﻮﻳﻼﯞﯦﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺋﻮﻳﻼﭖ-ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲﮬﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭼﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻯ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺧﻮﺷﻴﺎﻗﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪﺭﻩﺳﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﺎﻏﭽﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﻕ. ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﻯ، 33 ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﻧﻪﺩﻩ ﺋﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻﭘﻪﺕ! ﻏﯧﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭ، ﻓﺎﺗﯩﺦﺑﺎﺗﯘﺭ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﻗﯩﺴﺴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺩﻩﯞﺭ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ، ﻏﯘﻟﺠﺎﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺸﯩﺪﯗ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﯘﺷﻠﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ. ﺋﯘﻻﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﺎﺯﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻼﺭﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻛﯜﻟﯜﺷﻠﯩﺮﻯ، ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺮﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭻ ﭘﯘﺷﯘﻏﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺕ، ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﮬﻮﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧﺪﯨﺴﻰ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﺎﺭ: ﺑﯩﺮﻯﻳﯘﻣﯘﺭ، ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻮﺷﺎﻕ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 16-ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﻟﻪﺗﯩﭙﻪ-ﻳﯘﻣﯘﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ، 70-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﺮﺩﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﮬﺎﺯﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﻣﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﻩﻙﺗﻮﻧﯘﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻱ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﯞﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ. ﻏﯘﻟﺠﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻨﯩﯔﻣﺎﻛﺎﻧﻰ، ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﮔﻮﻳﺎ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ، ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻳﺎﺷﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﻠﮭﺎﻣﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﺴﻪ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﻟﺘﻪﻙ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥﻣﻮﺯﺍﻳﺪﻩﻙ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻳﯘﻣﯘﺭ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﻮﺭﯗﻥﺋﻪﮬﻠﯩﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ، ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ، ﺯﯗﯞﺍﻧﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﮬﻪﻡ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮔﯜﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﮔﯜﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺩﻩﯞﺭﺳﯜﺭﻩﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻨﯩﯔﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﻳﺪﯗ: ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﺩﯨﻨﻐﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔﻣﻪﺧﭙﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻏﯩﻤﯘ، ﺗﯧﺠﯩﻤﻪﻟﮕﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.

ﻧﻪﭼﭽﻪﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﻛﻪﯓ، ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﺕ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﻟﻪﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﻡ. ﺑﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯧﻨﻰﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﺷﺎﺧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﻩﺭﺩﻯ، ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻏﺎﻣﭽﯩﺪﻩﻙﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﺪﻯ، ﺑﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻚﺯﯦﻤﯩﻦ، ﻛﻪﯕﺮﻯ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﮬﻪﺕ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﯞﻩ ﺷﺎﺭﺍﭘﻪﺕ ﻣﯧﻨﻰ ﮬﻪﺭ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺧﯘﺵ ﻛﻪﻳﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯩﻠﻰﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻛﺎﺗﯩﺮﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯧﻴﯩﻠﺪﯗﻕ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﺪﻩ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯚﻣﯜﻟﺪﯗﻕ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﻗﺎﺭﻯ ”ﺋﺎﯞﺍﻳﻼﭖﺋﯜﺯﯛﯕﻼ، ﭼﯚﻛﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﮔﻪ ﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ“ ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﻪﺭﻧﻰﺑﻮﻳﻼﭖ ﺋﯜﺯﺩﯛﻡ، ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖﺋﺎﭘﺘﺎﭖ، ﻳﯧﺸﯩﻞ ﭼﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺳﯘﻏﺎ ﺳﺎﯕﮕﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﯚﮔﻪﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ… ﺳﯘ ﺋﯜﺯﯛﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﯩﻢ، ﻗﯩﺮﻏﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﺵﺋﯧﻘﯩﻨﻐﺎ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﺍ ﻛﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﺗﻼﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﻧﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﺕ ﻗﺎﻻﭖ ﻗﻮﻧﺎﻕ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﭖ ﻳﻪﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺳﯘﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﭽﺘﯘﻕ، ﻛﻪﭼﺘﻪﺷﯩﭙﺎﯕﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﯨﯖﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﯕﺪﺍﺷﺘﯘﻕ. ﻣﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﭖ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗﺑﻪﺭﺩﯨﻢ. ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻮﺑﯘﻟﻜﺎﻡ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ، ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ. ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﻪﻛﻼ ﺑﯩﺮﻳﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻼ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ. ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﺍﮔﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼﺭ ﻳﻮﻝ ﺑﻮﻳﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺭﯗﺱ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﺩﺍﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﺷﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺭﯗﺱ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﺩﯗﻕ، ﺳﺎﻏﺮﯨﺴﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺭﯗﺱﻗﯩﺰﻯ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﯩﺪﯗﺭ ﺩﻩﭖ ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯﻟﯜﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﺎﻳﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ، ﺷﻪﮬﯩﺮﻯﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ، ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﻯﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.

ﺑﯩﺮ ﺩﯗﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﯘﺩﯨﻦ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ، ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﯘﺭﯗﯞﺍﻻﻱ، ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﻰ ﭘﻪﺳﺮﻩﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺩﯦﺴﻪﻡ، ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺯﯨﻨﮭﺎﺭ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪﻯ، ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪﯨﻦﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﻮﭼﻪﻧﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻏﺎﺟﯩﻼﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﻛﺎﻟﻼ-ﭘﺎﭼﺎﻕ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ، ﻣﺎﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺧﻠﻪﺕ ﻳﻮﻟﺪﯨﻦﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﭘﻪﺭﯞﺍﺳﯩﺰ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖﻣﯧﯖﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺩﻩﭖﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺗﯚﺭﻩﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﯩﻐﯩﻠﺪﯨﺸﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﻟﻪﺯﯨﺰﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮬﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﺎﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭙﻼ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ، ﮔﯚﺷﻨﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﺳﻰ 14 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ، ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻳﻪﻝ-ﻳﯧﻤﯩﺶ، ﻛﺎﻟﻼ-ﭘﺎﭼﺎﻕ، ﻗﻮﻱ، ﺗﻮﺧﯘ، ﺑﯧﻠﯩﻖ ﻛﺎﯞﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﺯﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺯﻭﻗﻼﻧﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻳﯧﻤﻪﻙ-ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ، ﮬﯚﻝ ﻣﯧﯟﯨﻠﻪﺭ ﻛﻪﭺﻛﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﺩﯨﻼ ﺗﯚﻛﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﭼﺎﻗﭽﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪﮔﯚﺵ، ﻛﺎﻟﻼ-ﭘﺎﭼﺎﻕ، ﻣﯧﯟﻩ-ﭼﯧﯟﻩ ﻳﯚﺗﻜﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔﺋﺎﯞﯗﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﻪﮬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ،ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ. ﺧﻪﻧﺴﯘ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﭼﺎﻧﻐﯩﭽﻪﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺭﺍﻳﻮﻥﺋﻪﯞﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ، ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰﻳﯧﺰﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺶﭘﺎﻙ ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻧﺎﭘﺎﻙ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻰﻗﺎﺭﺍﻡ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺭﺗﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻟﯩﻚﮬﻪﯞﯨﺴﻰ ﭘﯘﻝ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﮬﻪﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﮬﻪﯞﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻏﻼﻕﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ، ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺑﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯘﻝﺗﺎﭘﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺭﺍﯓ ﭼﯩﺮﺍﻏﻠﯩﺮﯨﺪﻩﻙ ﺋﯚﭼﯜﭖ-ﻳﯧﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩﮬﯩﻤﯩﺴﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ، ﺋﯘﻗﻘﯩﻠﻰﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﺎﺗﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﯞﺍﺕ، ﺋﯘﯞﯨﻼﺵ، ﺷﺎﭘﯩﻼﻗﻼﺵ، ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ. ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﯞﺍﺑﺎﺩﻩﻙ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭﻛﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺷﯩﺪﻩﻙﭼﺎﻗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﯞﺭﻩﺯ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﻧﺪﯨﻼﺭ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﮬﺎﯞﺍﻳﻰ ﮬﻪﯞﻩﺳﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻣﻪﻳﻨﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﯘﺟﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗﺋﺎﻗﯩﺪﯗ. ﻏﯘﻟﺠﺎ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ، ﺑﯚﺭﺗﺎﻻ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﻣﺎﻳﻘﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﻧﯩﺴﯩﺒﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯜﻧﻨﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯚﭼﯜﺗﯜﺵ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻥﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯗﺭ“، ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ“، ”ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺑﻪﻙ ﺗﯘﺯﻛﻮﺭﺩﯗﺭ“، ”ﺋﻪﻗﻠﯩﻨﻰﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯗ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﻳﻼﻳﻤﻪﻥ، ﺷﻪﻳﺘﺎﻥ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖﺋﻮﻳﻼﻳﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻪﻙ ﺗﻮﻻ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ، ﯞﺍﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﻪﻗﻠﯩﻤﯩﺰ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯚﺯ ﺷﻪﻳﺘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺪﯗﻕ، ﺋﯚﺯﺭﻩﻗﯩﺒﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﻪﻟﯩﺴﯘﻥ؟!

ﺋﺎﻏﯩﻨﻪﻣﻨﯩﯔﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻼﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻰ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﻡ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﭘﻪﺗﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ. ﺯﯨﻤﯩﺪﯨﺨﺎﻥ ﮬﻪﺩﻩﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﻯ. ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﯧﺴﺎﻡ ﺋﺎﻛﺎ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ. ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ-ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﺳﻮﺭﯗﻥ، ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻮﻟﻼ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘﭘﺎﺭﺍﺳﻪﺗﻠﯩﻚ، ﮬﻮﺷﻴﺎﺭ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ، ﺧﻪﻟﻖﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ ﻳﯧﺘﯩﻠﺴﻪ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﮬﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺸﻤﺎﻱﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﻟﻜﯩﮕﻪ ﻗﯧﺮﯨﻠﯩﻖ، ﮬﺎﺭﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ.

ﮬﺎﯞﺍ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﯘﭘﯘﺭ ﺋﻪﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺎﯞﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﯩﻤﯘ ﻧﻪﭘﺲ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺩﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﯩﻨﻰ، ﻛﯚﺭﻛﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﻩ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺸﻘﻰ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﯞﻩﺯﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﺮﺍﮬﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺟﯜﻣﻪﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯩﺶ. ﺑﯘﻧﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺭﺍﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﯞﺍﺯ ﻛﯧﭽﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺭﻭﮬ ﻛﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ؟ ﺋﯩﻤﺎﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﻤﺎﻡﺑﯘﻧﻰ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﯞﺍﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ-ﻳﻮﺳﯘﻧﻼﺭﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﯩﻜﻰﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻛﺘﻰ: ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ”ﺭﺍﺑﺒﯘﻟﻼ“ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﺋﯩﺴﺖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ، ﺋﯘ ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺭﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﭘﺘﯘ. ”ﺭﻩﺑﺒﯘﻟﻼ“ ﺩﯦﮕﻪﻥﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻰ ( ﻧﻪﺋﯘﺯﯗﺑﯩﻠﻼﮬ!!!) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯗ!!!!…..

ﺋﯩﻤﺎﻡﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻩﮔﻪ ﻣﯘﺷﺘﻼﭖ ﻏﻪﺯﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﯞﻟﯩﯟﯨﺪﻯ، ﺋﯜﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﭼﯚﭼﯜﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ، ﻣﯜﮔﺪﻩﭖﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﺪﻯ.

17 ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ ﮔﻪﭖ!!! ﺩﯦﺪﻯﺋﯩﻤﺎﻡ ﻗﺎﻳﻨﺎﭖ، ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎﺑﯜﮔﯜﻧﻼ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﮭ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﺪﯨﻢ.

ﺧﺎﺗﺎﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪﺑﺎﺭ: ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯗﺳﯘﻝ (ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ)،

”ﺋﺎﺑﺪﯗﻧﻪﺑﻰ“ (ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﯩﯔﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ)… ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺴﻪﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﯕﻼﺭ، ﭼﺎﻻ ﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﺪﯨﻦﺳﻮﺭﺍﯕﻼﺭ. ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ، ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ. ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎﯕﻼﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﯖﻼﺭ، ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﭖ، ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯕﻼﺭ… ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﻠﻰ، ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ!

ﺋﯩﻤﺎﻡﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰﯞﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﯩﻜﺎﮬﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻙ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﺋﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﯘﺩﺍ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﺳﯜﺯﯛﯞﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺴﻮﺭﺍﻕ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻳﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺳﯜﯕﮕﯜﭼﯩﺪﯨﻦﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖﺑﺎﻏﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯩﺮﺩﯨﯔ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﭘﺘﯘ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﮕﻪ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻦﺑﻪﻙ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔﮬﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ: ﺋﺎﻟﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺴﻮﺭﺍﻕ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯔ ﯞﻩ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﺑﯩﺴﻮﺭﺍﻕﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺋﻪﻳﺒﻠﯩﻤﻪﻳﻤﻪﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺭﺗﯩﻢ ﺑﺎﺭ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﺴﻪﻥ. ﻧﯧﻤﻪ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﻳﯩﮕﯩﺖ. “ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﺎﺭ، ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ، ﻛﯚﺯﻯ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭘﯘﺗﻰ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ!“. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻜﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﺗﻮﻱ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﯓﻗﺎﭘﺘﯘ، ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ ﺑﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﻳﻰ ﺳﺎﭘﻤﯘﺳﺎﻕ، ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ. ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﮕﻪ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﺩﺍﺩﺍ، ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯧﻴﯩﭗ، ﭘﺎﻟﻪﭺ ﺩﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﯩﻼ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱﺋﯩﻜﻪﻧﻐﯘ؟ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗ؟… ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺑﺎﻏﯟﻩﻥ ﻛﯜﻟﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ: ﻳﺎﻕ ﺋﻮﻏﻠﯘﻡ، ﺳﯧﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ. ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﻯﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎﻣﻪﮬﺮﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰﻻﺭﭼﻪ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺕ، ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻧﻪﺯﻩﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ. ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮔﻪﭖ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ-ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ. ﺳﯚﺯﻟﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﮭﯘﺩﻩﮔﻪﭖ-ﺳﯚﺯ، ﻏﻪﻳﯟﻩﺕ، ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦﻳﯩﻐﯩﯟﺍﻻﻻﻳﺪﯗ؛ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﺎﺳﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ، ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﺮﻯﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻗﻮﻟﻰ ﮬﺎﻻﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﻢ… ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﯧﻴﻨﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭘﺘﯘ. ”ﻣﯘﺷﯘ ﭘﺎﻙ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦﺋﯩﻤﺎﻡ ﮬﻪﻧﻪﻓﻰ ﺭﻩﮬﯩﻤﻪﮬﯘﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺯﺍﺕ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ“ ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻡ، ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﮬﻪﻧﻪﻓﻰ ﻣﻪﺯﮬﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺯﺍﺗﻨﯩﯔﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﺴﻰ ﺭﺍﺳﺘﻤﯘﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯘ (ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ)، ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﯩﺰ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻧﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ، ﭘﺎﻙ ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﭘﺎﻙ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻧﻪﺳﻪﭖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.

ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦﻳﯧﻨﯩﭗ ﺑﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺩﯗﻕ. ﻧﯩﻠﻘﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﭼﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩﻼﺭ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﭘﻪﺭﮬﺎﺕ ﺑﺎﻏﻨﻰﻣﯘﯕﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ ﺷﺎﮬﻰ ﻣﻪﺭﮬﯘﻡ ﻧﯘﺭﻣﻪﮬﻪﻣﻤﻪﺕ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ، ﻧﻪﺷﻪ ﭼﯧﻜﯩﯟﺍﻟﺴﺎ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻣﯘﯞﯦﻠﯩﭗ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﺗﺎﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﻪﺑﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺟﺎﻥ-ﺟﻪﮬﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺶ… ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﻯﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯧﻠﯩﺶﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻤﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﺎﺭﯨﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺗﻪﺱ ﺳﺎﺯﺩﯨﻦ ﻣﯘﯓ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯘﺳﺘﺎ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﮬﻪﺭ ﻣﯘﻗﺎﻣﺪﺍ ﻳﻮﺭﻏﯩﻼﭖ، ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺋﻪﻳﯟﻩﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻩﻟﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺗﻪﻣﺒﯘﺭﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭘﻼ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﻳﺘﺘﯩﻢ. ﺋﻪﻛﺒﻪﺭﻧﯩﯔﺯﯨﻞ، ﺳﯧﺮﯨﭗ ﭼﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ”ﺩﯨﻞ ﻛﯜﻳﻰ“ﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ، ﺋﯘﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﻪﻝﺗﻪﻣﺘﯩﺮﻩﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥﺋﻪﻣﻪﺱ ﭼﺎﻟﺪﯨﻢ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﺎﮬﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪﺩﻩ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﻣﯘﯓ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭘﻪﺭﮬﺎﺩﻣﯘﻣﯘﻗﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﯞﺍﺯﺩﺍ ﺗﻮﯞﻟﯩﺪﻯ، ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺯﻭﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ، ﺷﯘ ﺋﻪﺳﻨﺎﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﮔﺎﺭﻣﻮﻧﻰ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﻰﻛﻪﻳﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﯘﭼﯘﺭﺩﻯ. ﺋﯘ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻪﺵ ﻛﻮﻱ ﺑﻪﺭﺳﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚﺋﺎﯞﺍﺯ ﻳﺎﯕﺮﺍﺗﻘﯘ ﺋﯧﺴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﮔﺎﺭﻣﻮﻧﻨﯩﯔﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﺑﻪﻛﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ، ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺳﺎﺯ ﺑﺎﺷﻼﻧﺴﯩﻼ ﮔﺎﺭﻣﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻯ ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﺎﺗﺘﻰ، ﺗﻪﻣﺒﯘﺭ ﺳﺎﺩﺍﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥﮔﺎﺭﻣﻮﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯩﺪﻩﻙ ، ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎﺭﺍﯕﻘﯧﺘﯩﺶﺋﺎﺩﻩﻡ ﺧﺎﺋﯩﻨﺪﻩﻙ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ.

ﺩﻭﺳﺘﻼﺭﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ؛ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﯨﻢ.


مەنبە:

بەزى ئەسلىمىلەر (1) – ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

بەزى ئەسلىمىلەر (2) – ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»