سىياسەت دۆلەتنى تۈزەر، قەلەم مىللەتنى

 سىياسەت دۆلەتنى تۈزەر، قەلەم مىللەتنى

(كىرىش سۆز ئورنىدا)

 

مەدەنىيىتىمىزدە قەلەم تۈگەل يېزىش قورالى ياكى ماددىي بويۇم ۋەياكى يېزىق ئەسۋابى سۈپىتىدە قارالغان بولماستىن، ئۇنىڭغا ماددىيلىقتىن ھالقىغان مەنىۋى كۈچ، قىممەت ۋە مەرتىۋە يۈكلەنگەن. شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەلگىلىك ۋەزىپە ۋە رول پىچىلغان. مەلۇم بولغىنىدەك، تۇنجى ۋەھيى ئوقۇ بىلەن باشلانغان بولۇپ، ساماۋى خەۋەرلەردە قەلەمنىڭ تۇنجى يارالمىش مەخلۇقات بولغانلىقى، قەلەمنىڭ ئاكتىپلىنىش تارىخىنىڭ تۇنجى بولۇپ «ياز»، دېگەن ئىلاھىي يارلىق بىلەن باشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن[1]. قەلەمگە بۇ ئارقىلىق گويا ئىلاھىي مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن تۇنجى مۇكەللەف ۋە ئىدراكلىق مەۋجۇتلۇق تۈسى بېرىلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قەلەمگە ئۇنىڭ تۇنجى يارىلىشىدىلا «ئاقىل ئىنسان»مىسالى مۇئامىلە قىلىنغان. نە ئاجايىپكى، ئوقۇ بىلەن باشلانغان ۋەھيى ھادىسىسىدە ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانغا قەلەم بىلەن يېزىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى خەۋەر بېرىدۇ[2]. بۇنىڭ بىلەن ئوقۇش ۋە يېزىشنىڭ ساماۋى ئىرادىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرۈشىدىن، ئۇنىڭ ئىلھامىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان ئۇلۇغۋار بىر پائالىيەت ئىكەنلىكى بىلىنگەنىدى. ياراتقۇچى «ئوقۇ» ئەمرىنى بەرگىنىدە «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن»، «نېمىنى ئوقۇي»[3] دېگۈچى زاتقا رەببىنىڭ نامى بىلەن ئوقۇش كېرەكلىكىنى بۇيرىدى. تەڭرى بۇ ئارقىلىق ئىنسانغا ئالدى بىلەن ئوقۇشنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقتىكى ئورنىنى بىلىشتىن باشلاش كېرەكلىكىنى، ئوقۇشتىكى غايىسىزلىككە خاتىمە بېرىپ، مەنىسىزلىكتىن ۋە بىھۇدىلىكتىن خالىي ھالدا ئاڭلىقلىق بىلەن ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەلىم بەرمەكتە ئىدى. ئوخشاشلا قەلەمنى يارىتىپ ئۇنىڭغا يېزىشنى بۇيرىغان چاغدا، قەلەمنىڭمۇ سوئالى: «مەن نېمىنى يازاي»، دېيىش بولدى. تەڭرى ئۇنىڭغا مەۋجۇتلۇقنىڭ كېلەچەك خەرىتىسىنى، كەلمىش ۋە كېلەچەك قۇرۇلۇشقا دائىر مەۋجۇتلۇق داستانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «جىمى مەۋجۇداتنىڭ تەقدىرىنى» يېزىشقا بۇيرىدى. دەرۋەقە، ئوقۇش ۋە يېزىشقا يۈكلەنگەن ساماۋى مەرتىۋە، پەزىلەت ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ئەنە شۇ ئىلاھىي يارلىقتىن كەلگەنلىكى مەلۇم. نەتىجىدە ئوقۇشنىڭ غايىسىز ۋە بىھۇدە بولماسلىقى، يېزىشنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ ھەقىقەتنى يېزىش بولۇشى كېرەكلىكىدىن ئىبارەت ھېكمەتلىك تەلقىنلەر ۋەھيى يولى ئارقىلىق ئادەمزاتقا ئۇقتۇرۇلغانىدى.

ھەقىقەت كۆزلەنگەن ئوقۇش ئىنساننىڭ ياراتقۇچى ھۇزۇرىدىكى ئورنى ۋە قىممىتىنى، يارىلىش غايىسىنى تونۇشقا يېتەكلىگەن بولسا، ھەقىقەتنى يېزىش ئىنساننىڭ بىلگەنلىرى ئارقىلىق بىلمىگەنلىرىگە ئېرىشىش يولىنى داغداملاشتۇرۇپ، بىلىش تارىخىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا تۇتاشتۇرۇپ كەلگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىي ۋە ماددىي تەرەققىياتىنىڭ ئالغا سىلجىشىغا، ئاڭ - تەسەۋۋۇر دۇنياسىنىڭ كېڭىيىشىگە، رەڭگارەڭلىشىشىگە يول ھازىرلاپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.

دەرھەقىقەت، قەلەم تەڭرىنىڭ «ياز» دېگەن يارلىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا ئۆزىگە ئامانەت يۈكلەنگەن، مەسئۇلىيەت ئارتىلغان بىر مۇكەللەف مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىنكاسىمۇ «قانداق يازىمەن!»، ئەمەس، «نېمىنى يازىمەن؟» دېيىش بولغانىدى. ئۇ ياراتقۇچىنىڭ ھېكمەتسىزلىكتىن خالىي، بىھۇدىلىكتىن پاك ۋە مۇنەززەھ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ تەلىمىنىڭ ئەڭ توغرا تەلىم، ئۇ كۆرسەتكەن مەنبەنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبە ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىنىڭ بىلىشىنىڭ چەكسىز، يارالغۇچىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۈپكى ھەقىقەتنى ئىدراك قىلغان. بۇ ۋەجىدىن ئۇ مەسئۇلىيىتىنىڭ قانداق يېزىشتا ئەمەس، نېمىنى يېزىشتا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغان ۋە جاۋابىنى شۇ تەرىقىدە ئالغان ئىدى.

ياراتقۇچى يەنە «ئەلقەلەم» دەپ ناملانغان سۈرە نازىل قىلىدۇ، ھەمدە سۈرىنىڭ مۇقەددىمىسىدە قەلەم ۋە ئۇ يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەم قىلغانلىقىنى جاكارلايدۇ[4]. ياراتقۇچىنىڭ بۇ قەسىمىدە قەلەم ۋە ئۇ يازغان نەرسىلەرنىڭ ئوبيېكت قىلىنىشى قانداقتۇر قەلەمدىن ئىبارەت ماددىي بويۇمغا ياكى ئۇنىڭدىن تامغان سىياھقا بىرەر ئۇلۇغلۇق ياكى مۇقەددەسلىك تۈسى بېرىش مەقسەت قىلىنغان ئەمەس. بەلكى مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىزاھاتلىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، قەسەم ئوبيېكتلىرىدىن قەلەمنى تۇتقان ئاقىل ئىنسان ۋە ئۇنىڭ تەرىپىدىن پۈتۈلگەن پۈتۈكلەر، قەغەز يۈزىگە تۆكۈلگەن ئەقىل مېۋىلىرى، توغرىلىقنى كۈيلىگۈچى ئىزدىنىش سەمەرىلىرى، ھەققانىيلىقنى ياقلىغۇچى ۋە ھەقىقەتنىڭ ئىزىدىن يۈرۈشنى غايە قىلغان تەپەككۇر ھاسىلاتلىرى مەقسەت قىلىنغانىدى. دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا شۇكى، تۇنجى سۈرىنى «ئوقۇ» ئەمرى بىلەن باشلىغان زات، بىرىنچى سۈرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇش تېمىسى بىلەن باشلىغان بولسا، نازىل قىلغان ئىككىنچى سۈرىنىڭ مۇقەددىمىسىنى يېزىق ۋە يېزىشقا مۇناسىۋەتلىك «قەلەم» تېمىسى بىلەن باشلىدى. جاھالەتلىك بىر دۇنياغا يېڭىچە تەكلىپ، يېڭىچە چاقىرىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ، جۈملىدىن ئىنساننىڭ ئىنسانىيلىقىغا يوشۇرۇنغان جەۋھەرنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ يېگانە يولىنىڭ بىلىش ۋە يېزىش ئىكەنلىكىنى، تۇنجى قەدەملىك ئىشنى بىلىش ۋە يېزىشتىكى مەسئۇلىيەتنى تونۇشتىن باشلاش كېرەكلىكىنى، ئىلىم ۋە قەلەمنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ ئۆزگىرىش يارىتىش، ئىسلاھات بەرپا قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى تەلىم بەرگەن، شۇنداقلا بۇنى يەر يۈزىدە ئىنسان ئەۋلادىغا مۇقەددەس تەلىمات قىلىپ بەلگىلەشتە يېگانە ئۆرنەك ۋە بىردىنبىر مۇقەددەس كىتاب بولۇش بىلەن ئالاھىدىلەنگەن قۇرئاننىڭ بۇ خىل تەرتىپتە نازىل قىلىنىشى نەقەدەر ئاقىلانە، نەقەدەر ھېكمەتلىك بولغان، ھە!

دانا ئەجدادلار ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئۈگۈتلىرىدە «قەلەمنىڭ كۈچى ياراغدىن كەسكىندۇر» دەپ ئېيتقان بولسا، تارىخىمىزنىڭ ئۆچمەس يۇلتۇزلىرىدىن ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىمىز ۋە پەيلاسوپ ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىب قەلەمنىڭ كۈچىنى سەلتەنەتنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىككى چوڭ تۈۋرۈكنىڭ بىرى دەپ كۆرسىتىدۇ. ئۇ دۆلەتنى ياراغ كۈچى بەرپا قىلسا، ئۇنىڭ نىزامىنى قەلەم ئىدارە قىلىدۇ، ياراغ دۆلەت قۇرسا، قەلەم دۆلەتنى قەد كۆتۈرگۈزىدۇ، دەيدۇ. ئۇ يەنە ئەل - ۋەتەن ئىسلاھاتىنى قەلەمنىڭ قۇدرىتىگە تايانغاندا ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، قەلەمنىڭ رولىنىڭ ھەق يولنى كۆرسىتىش، تۈزەش، ئىسلاھ قىلىش ۋە دۆلەتكە پاراۋانلىق ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ شۇنداق يازغان:

 

268. ئېلىپ قولغا قىلىچ، بىرى ئەل تۈزەر،

قەلەم بىرلە بىرسى، ھەق يول كۆرسىتەر.

2426. بولۇر تېز قىلىچ بىرلە يۇرت ئالغىلى،

قەلەمسىز مۇمكىن ئولماس ئەل تۇتقىلى.

2427.. يۇرت ئالماق مۇمكىندۇر قىلىچ - كۈچ بىلەن،

سوراپ بولماس ئۇنى كۆپ يىل ئوچ بىلەن.

2428. قەلەملە تۇتۇلسا بىرەر كەنت - شەھەر،

ئومۇمغا ئۇنىڭدىن نەسىبە تېگەر.

2711. ئەل يۇرتنى تۇتماغلىق قىلىچلە بولۇر،

بۇ ئەلدە ھۆكۈملەر قەلەملە يۈرۈر.

2714. قىلىچ- مەملىكەت ئېلىپ ئەل تۇتار،

قەلەم- مەملىكەتنى تۈزەپ، مال يىغار.

2716. جاھان تۈرىگىدۇر مۇشۇ ئىككىسى،

كى مەيلى ئۆتمۈشتە، مەيلى كەلگۈسى.

2720. تۇتۇلغاي قىلىچلە تولا ياخشى ئەل،

قەلەم بىرلە تۈزەپ، تىلەككە يېتەر.

 

دەرۋەقە سىياسىي كۈچنىڭ سىمۋولى بولغان ياراغ، شۇنداقلا ئىلىم ۋە مەرىپەتنىڭ خادىمى ۋە رەمزى بولمىش قەلەم مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق قەلئەسىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى ئىستىھكاملىرىنىڭ بەرپاچىسى، مەۋجۇتلۇق قورغىنىنىڭ زاھىرىي ۋە باتىنىي تۈۋرۈكلىرىنى قۇرۇپ چىققۇچى، تاكامۇللاشتۇرغۇچى تايانچلىرىدۇر. بۇ مەنىدىن قورالنىڭ مەيدانى جەڭ سەھنىسى، قەلەمنىڭ مەيدانى بولسا، ئىلىم - مەرىپەت، ئاقارتىش، ئاڭ - تەپەككۇر ۋە ئىدىيە مەيدانىدۇر. ئەگەر قۇرئان ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ھەربىر ئاقىل ئىنساننى دۈشمەنگە قارشى ئالدىن جەڭ تەييارلىقى قىلىشقا، ئۇرۇشقا كېتەرلىك جابدۇقلارنى ھازىرلاشقا، ئالدىن ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىقلارنى كۆرۈپ قويۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە بۇنى پەرز دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن بولسا، جەڭنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ ئېغىر ۋە ھالقىلىق تۈرى بولغان ئىدىيە ۋە ئاقارتىش كۈرەشلىرىدىكى تەييارلىقلار ئەلۋەتتە بىر قەلەمكەش ئۈچۈن «رىبات (ھەربىي ھالەت)» ۋە پەرز دەرىجىسىدىكى ئەمەللەردىندۇر. چۈنكى قەلەم كۈرىشىدە تەييارلىقلىرىنى قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن، ئىدىيە ۋە ئاڭ - تەپەككۇرىنى تۈزەپ ئۆزلۈكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان، ئىسلاھات پەللىسىدىن ھالقىپ ئىدىيەۋى غالىبلىق روھىنى ئۆزىدە يېتىلدۈرەلمىگەن مىللەتنىڭ جەڭ مەيدانىدا غالىب بولالىشىدىن ئۈمىد كۈتۈپ بولمايدۇ. ياراغلىق جەڭدە ياۋدىن كۈچلۈك كەلدى دېگەندىمۇ ئۇنىڭ سىياسىي ئويۇنلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىشى، سىياسىي سۆھبەت ۋە بىتىملەردە ئوۋلىنىپ كېتىشى نەزەرىيەدىمۇ، تارىخىي تەجرىبىلەردىمۇ ئېنىق. بۇ ۋەجىدىن قەلەم كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈكىنى يوقاتقان، ئاسارەت تىلسىملىرىنىڭ سېھىر - ئەپسۇنلىرىدىن يېشىلىپ پاكلىنالمىغان مەغلۇپ زېھنىيەتنىڭ ھۆرلۈكىنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە تارتقۇزۇپ قويغانلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش جېڭىدە مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر. زېھنىيىتى ھۆر بولمىغاننىڭ ھەرىكەت ۋە ئەمەلىيىتىنىمۇ ھۆر ئىرادىنىڭ مەھسۇلى دېگىلى بولمايدۇ. ئەجەبا، مەغلۇبىيەتچى زېھنىيەتتىن قۇتۇلالمىغان توپتىن غالىب زېھنىيەتنىڭ ھەرىكەتلىرىنى، غايىلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشىنى كۈتۈش مۇمكىن بولسۇنمۇ؟ ئەسلا... مەغلۇپ زېھنىيەتتىن پەقەتلا مەغلۇبىيەتچىگە خاس پېئىل - ئەتۋارنى كۆرۈش مۇمكىن، خالاس.

قەلەم تۇتقۇچى مەيلى ئەدىب، ياكى يازغۇچى، مەيلى مۇتەپەككۇر ياكى شائىر بولسۇن، مەيلى ئالىم ياكى دەۋەتچى بولسۇن ئۇنىڭدا قەلەم تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يازغانلىرىدا ھەق ئىزىدىن يۈرۈشنى پىرىنسىپ قىلىدىغان ئادالەت تۇيغۇسى، ھەققانىيەتچىل روھ بولۇشى لازىم. مۇھىمى ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ۋە غايىسىدە تۇتۇقلۇق بولمىغان بىرى بولۇشى كېرەك. تەنقىد ۋە ئوبزورلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئەنە شۇ مەسئۇلىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەمدە ۋەزىيەتنىڭ رېئال تەلىپى بولۇپ، ھېچبىر قەلەم ساھىبى بۇ نۇقتىنى ئاتلاپ تۇرۇپ يازغۇچىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندىيالىغان، ئىسلاھاتكارلىق رولىنى ئادا قىلغان ئەمەس. چۈنكى قەلەمنىڭ ئىشى تۈزىمەك، ھەققانىي بولماقتۇر. تۈزەش ئۈچۈن بۇزۇققا دىياگنوز قويۇش، ئۇنىڭ كاشىلىلىرىنى تېپىپ چىقىش ۋە يۈز بېرىۋاتقان كاشىلىلارغا ئېنىقلىما بېرىش، كاشىلىنىڭ خاراكتېرىگە ئات قويۇشى لازىم. شۇندىلا ئۇنىڭ بىنورمال ھالىتىنى پاش قىلغىلى، نورمال بىلىنىۋاتقان ئالامەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە بىنورماللىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. دىياگنوز جايىنى تاپقان ۋاقىتتا ئاندىن ئۇنىڭ شىپالىق ئىلاجىنى كۆرسىتىش، ھەل قىلىش چارىسىگە كىرىشىش، تۈگۈنلەرگە يېشىم تېپىش مۇمكىن. بۇ يەردە بۇنىڭدىمۇ ئېغىر بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ چىقىۋاتقان كاشىلىنى ۋە بۇ كاشىلىنىڭ مەنبەلىرىنى كۆرۈپ يېتەلمىگەندىن سىرت دىياگنوز قويۇلۇشىنى، كاشىلىنىڭ مەنبەسىنىڭ قەيەردىلىكىنى كۆرسىتىلىشىنىمۇ خالىماسلىق خاھىشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشىدۇر. مانا بۇ بىر مىللەت ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئىستىقلال مارشىنى ئۇز ئانا تۇپرىقىدا جاراڭلىق ئوقۇشنى ئىستەيدىغانلىقىنى ئىددىئا قىلىۋاتقان ھەربىر ۋىجدان ئەھلى ئۈچۈن توساق بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئۆتكەل، ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىش تەخىرسىز بولۇۋاتقان ئەڭ ئېگىز داۋاندۇر. مەسىلىنىڭ (ئىللەتنىڭ) بۇ قەدەر مۇرەككەپ ۋە جاھىل خاراكتېرىلىك باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقى، يەنە كېلىپ ئوخشاش دىياگنوزلار نەچچە ئون يىل مابەينىدە پەرقلىق يوللار بىلەن قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي تېخىمۇ ئەدەپ مېڭىۋاتقانلىقى ئىللەتنىڭ يامان خاراكتېرلىك بولۇشىدىنلا ئەمەس، ئىللەتنى تونۇغىلى ئۇنىمايۋاتقان كۆزلەردە، ئاڭلاشنى خالىمايۋاتقان قۇلاقلاردا، ھېس قىلىشنى خالىمايۋاتقان قەلبلەردە، ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقان ئاڭ - ئىدىيەلەردە ئىكەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىمام غەززالىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: «ئىللەتنىڭ داۋاسى پەقەت داۋالىنىشنى قوبۇل قىلغانلار ئۈچۈنلا مۇمكىندۇر». مەسىلىنىڭ يىلتىزىغا شۇڭغىغىنىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان كاشىلا ۋە ھادىسىلىرىمىزنىڭ، ئىدىيەۋى تونۇش ۋە تۇتۇملىرىمىزنىڭ ئارقىسىدا بىر ئەسىرگە يېقىنلاپ قېلىۋاتقان ئاسارەتلىك تارىخنىڭ چوڭقۇر ئىزنالىرىنىڭ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش لايىھەلىرىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن شالغۇتلىشىش ۋە ماڭقۇرتلىشىش ھادىسىلىرىنىڭ، ھەمدە ئۆزلۈكتىن ياتلىشىش ۋە ياتلىشىشنى ئۆزلىشىش ئورنىغا دەسسىتىش خاھىشىنىڭ ئاچچىق سەمەرىلىرى بارلىقىنى دىققەتكە ئالماي بولمايدۇ.

كىتابخانلار قولىدىكى «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ؟» دەپ ناملانغان بۇ ئەسەر ئاسارەتلىك تارىخىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ قاباھەتلىك دەۋرىدە يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار سەزگۈر مەسىلىلەر، جۈملىدىن كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي بوھرانلىرىمىز، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ۋە دىنىي ساھەگە ئالاقىدار بىر قاتار تېمىلار پەرقلىق نۇقتىئىنەزەردە مۇھاكىمە قىلىنغان، شۇنداقلا قايتىدىن قاراپ چىقىشىمىز زۆرۈر بولۇۋاتقان، بولۇپمۇ ئاسارەت دەۋرىمىزدىن بېرى بىزنى «ئۆزىمىز» بولۇشتىن ۋاز كەچكۈزۈشكە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان سەپسەتىلىك چۈشەنچىلەر، «ئەپسانە» خاراكتېرلىك بىخۇدلاشتۇرغۇچى ئەپسۇنلار تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان، زېھنىي بۆلۈنۈش ۋە ياتلىشىش ۋەزىيەتلىرىمىزگە تەنقىدىي نەزەردە قاراپ چىقىلغان، ھەمدە يىلدىن يىلغا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىمىزدىكى چېكىنىشلەر مۇھاكىمە خاراكتېرىلىك قەلەمگە ئېلىنغان ماقالە - ئوبزورلار مەجمۇئەسىدۇر.

گەرچە ئانا ۋەتەننىڭ باغرىدا ئۆسكەن، ئۇنىڭ مېھرىنى تېتىپ چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىستىقلالىنى بالىلىقىدىن ئارمان قىلىپ ياشىغان بىر ئىلىم ئاشىناسى ئۈچۈن خەلقنىڭ بۈگۈنكى دەرد - ئەلەملىرى، چېكىۋاتقان ئازاب ئوقۇبەتلىرى، باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەدەنىيەت ۋە كوللېكتىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ئالدىدا قەلەم تۇتۇپ ئولتۇرۇش نەقەدەر ئېغىر، نەقەدەر ھار بىر ئىش بولسىمۇ، ئەمما پىكىر ۋە ئىلىمدىن نېسىۋە ئالغانلار ئۈچۈن قەلەم يولىنى تاللاشتىن باشقا مۇناسىپ تاللاش بولمىغانلىقىنى دېمەي بولمايدۇ. بولۇپمۇ تەپەككۇر تىلىمىز قىرقىپ تاشلانغان، ئىلىم تىلىمىز يوقسۇللۇق ۋاباسىغا دۇچ كەلگەن، ئانا تىلىمىز بولسا قۇرۇتۇپ تاشلىنىش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش خەتىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈلپەتلىك يىللاردا ھەقنى سۆزلەيدىغان تىللارنىڭ، ھەقنى يازىدىغان قەلەملەرنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا يىتكەن يىڭنە مىسالى قەھەتچىلىككە مۇپتىلا بولغانلىقى، مەۋجۇتلۇق قورغىنىمىزنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكلىرىنىڭ يىمىرىلىپ تۈگىشىگە بولغان ئەندىشىلەرنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى كۈرەش ۋە ئىسلاھات مەيدانلىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق، ئەڭ مۇرەككەپ ۋە ئەڭ مۈشكۈلى بولغان «قەلەم» ساھەسىگە يېڭىچە روھ بىلەن كىرىشنى تەقەززا قىلدى. شۇنداقلا ئەجدادنىڭ ئىلىم ۋە مەدەنىيەت مىراسىغا ساھىب چىقىش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇنىڭ مىللەتسىز، ئىلىم - مەرىپەت قوشۇنىسىز ئورۇندالمايدىغانلىقىدەك رېئاللىقلارمۇ ئۇشبۇ ساماۋى مەسئۇلىيەت ئارتىلغان، ئامانەت يۈكى يۈكلەنگەن «قەلەم»نىڭ قۇدرەت نۇرىنى ئۆچۈرمەسلىك يولىدا سابىت قەدەم ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەۋجۇت ۋەزىيىتىمىزنىڭ جىددىي مەنىدە تەنقىدىي نەزەرگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقى، يېزىلمىسا بولمايدىغان، دېيىلىشى كېرەك بولغان ھەقىقەتلەرنىڭ جۇغلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىدەك زۆرۈرىيەتلەرمۇ قەلەمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. چۈنكى دەۋرىنىڭ مەشھۇر سىياسىي ئەدىبى، دۇنياۋى شۆھرەتكە سازاۋەر يازغۇچى ھەمدە ئىستېداتلىق ئوبزورچىلاردىن جورج ئورۋېل[5] (1903 - 1950) ئېيتقاندەك: «يەر جاھان ساختىلىققا تولغان ۋاقىتتا ھەقىقەتنى سۆزلەشمۇ بىر ئىنقىلابى ھەرىكەتتۇر... مەن يازىمەن، چۈنكى كۆز ئالدىمدا پاش قىلىشقا تېگىشلىك ساختىلىق، يورۇتۇشۇمغا تېگىشلىك ھەقىقەت تۇرۇپتۇ...».

مەسىلىگە مۇسۇلمانلىق مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ قۇرئان ئۆز قەۋمىنى زۇلمەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىش، ھەقتىن ۋاقىپلاندۇرۇش، يېتەكلەش مەسئۇلىيىتى تۇرۇپ ئۇلاردىن ئۈمىدسىزلەنگەن، خەلقىنىڭ جاھالىتىدىن ئاغرىنىپ بېكىنىش يولىنى تاللىغان يۇنۇس پەيغەمبەر مىسالى بولماسلىققا، ئەكسىچە «ئۇلۇلئەزم (ئۇلۇغۋار ئىرادىلىكلەر)» دەپ تەرىپلەنگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ئەگىشىشكە بۇيرۇيدۇ. قۇرئان يەنە شىددەتلىك جەڭگە ئومۇميۈزلۈك يۈرۈش بولۇۋاتقاندا، ھەممىنىڭ ھۇرراغا قوشۇلۇپ كەتمەستىن، قەۋم - قېرىنداشلىرىنى ئويغىتىش، ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن سۇغۇرۇپ ئاڭلىقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان بىر تۈركۈم ئىلىم قوشۇنىنىڭ نېمىشقا تەشكىللەنمىگەنلىكىنى، دىن ھېكمەتلىرىنى چۈشەندۈرگۈچى پەيغەمبەر ئىزباسارلىرىنىڭ نېمىشقا ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقىنى مەزمۇن قىلغان ئىلاھىي كايىش ۋە يوليورۇقلارنى بېرىدۇ. بۇمۇ كەمىنىنىڭ قەلەم تۇتۇشىغا جۈرئەت ۋە غەيرەت بەرگەن ئامىللاردىن بولدى، ئەلۋەتتە!

ئاخىرىدا جانابى ئاللاھتىن قەلەم تەۋرىتىشتە بەندىلىك تەبىئەت سەۋەبلىك ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىك ۋە خاتالارنى ئۆزۈمنىڭ نۇقسانىيلىقىدىن كۆرۈپ ئەپۇ قىلىشىنى، ئىسلاھ يولىنى تۇتقان، ھەقنى سۆزلەشكە، ھەقىقەتنى يېزىشقا تىرىشقان ۋە ئەمەل قىلغانلار قاتارىدا بولۇشقا مۇۋەپپەق قىلىشنى تىلەيمەن!

-بۇرھان مۇھەممەد

 

مەنبە: ئاپتورنىڭ «ئاسارەت ئەپسانىلىرى بىزگە نېمە دەيدۇ» ناملىق ئەسىرى

 

------------------------

[1] بۇ يەردە تۆۋەندىكى ھەدىس شەرىف كۆزدە تۇتۇلغان: ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تۇنجى بولۇپ ياراتقان نەرسە قەلەمدۇر. ئاللاھ قەلەمگە: ياز، دېدى. قەلەم: ئى رەببىم، نېمىنى يازىمەن، دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا: قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر بولىدىغان جىمى نەرسىلەرنىڭ تەقدىرىنى يازغىن! دېدى». ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانىي مەزكۇر ھەدىسنى «سەھىھ ھەدىس» دەپ بېكىتكەن.

[2] سۈرە ئەلەق، 1−5 – ئايىتىگىچە.

[3] تارىخى مەنبەلەردە پەيغەمبەرنىڭ «مەن ئوقۇشنى بىلمەيمەن»، دېگەنلىكىمۇ، يەنە «مەن نېمىنى ئوقۇي» دەپ سوئال قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىنىدۇ. مەنبەلەر: ابن هشام: السيرة النبوية، تحقيق: محمد بيومي، مكتبة الإيمان، مصر، ط1، (1 /149 150). الألباني: صحيح السيرة النبوية لابن كثير، المكتبة الإسلامية، الأردن، ط1، (1/87).

[4] سۈرە قەلەم، 2 – ئايەت.

[5] جورج ئورۋېلنىڭ ئەسلى ئىسمى ئېرك ئارتور بلايىر [Eric Arthur Blair] بولۇپ، جورج ئورۋېل ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتىدا قوللانغان تەخەللۇسى. ئۇ ماھارەتكە تولغان ئەدەبىي يېزىش ئۇسۇلى، يېقىشلىق تىلى ۋە جەلپكار بايان قىلىش ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئەسەرلىرىدە دەۋرىنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي بوھرانلىرىغا دىياگنوز قويغان، مۇستەبىتلىككە تولغان يېڭى زامان سىياسىي تۈزۈلمىلىرىنى پاش قىلغان، مۇستەملىكىچى زېھنىيەتنىڭ ئىچ يۈزىنى ۋە بۇ زېھنىيەتنىڭ قاماللىقى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ھاكىمىيەت كۈچى ئارقىلىق قانداق ماڭقۇرتلاشتۇرماقچى بولغانلىقلىرىنى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە جاسارەت بىلەن قەلەمگە ئالغان. ئۇنىڭ يېزىپ قالدۇرغان رومان، شېئىر ۋە ئوبزورلىرى كۈنىمىزگە قەدەر تەسىر كۈچىنى يوقاتماي، ئەكسىچە ھەقىقەتپەرۋەرلىكنى پىرىنسىپ قىلغان، ھەققانىيەتنى كۈيلەيدىغان، ئادالەتپەرۋەرلىكنى ياقىلايدىغان بارلىق ھۆرلۈكسۆيەر يازغۇچىلارغا، ۋەتەنپەرۋەر قەلەمكەشلەرگە ئىلھام مەنبەسى بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى ئىچىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان رومانلاردىن «ھايۋانلار قورۇقى» ۋە «1984» قاتارلىقلار بار.

 

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»