ئاسارەتتە ئىنسان ۋە ئىنسانلىق بوھرانى

 ئاسارەتتە ئىنسان ۋە ئىنسانلىق بوھرانى

1
دەرلەركى، ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئامېرىكىدىكى تىنچلىقپەرۋەرلەردىن بىرى ھەر كېچىسى ئاقساراي ئالدىغا كېلىپ بىر تال شام يېقىپ تۇتقىنىچە ئۆزى يالغۇز نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىكەن. يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە، ئىنسانلىق چەيلەنگەن قانخورلۇقنى، ئاۋام – پۇقرا دېمەستىن بىر – بىرىنى يىرتقۇچلاردىن بەتتەر ئۇسۇللار بىلەن قىرغىنچىلىق قىلىشنى قوللاۋاتقانلارغا قارىتا قارشىلىقىنى شام يېقىپ ئىپادىلەيدىكەن. مۇخبىرلاردىن بىرى ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا دىققەت قىلىپتۇ، ئۇنىڭ تىنىمسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بۇ ھەرىكىتىگە، يامغۇر، قىش - سوغۇق دېمەستىن ئىزچىل قىلىۋاتقان بۇ ئىشىنىڭ مەنىسىگە قىزىقىپتۇ. مۇخبىر قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتقان بىر كېچىسى ئۇ كىشىنى ئاقساراي ئالدىدا ساقلىماقچى ۋە ئۇنىڭدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولىدۇ. كۈتكەندەك، ھېلىقى كىشى يەنە ئاقساراي ئالدىدا پەيدا بولۇپ، قولىدىكى شامنى ئاۋايلىغان ھالدا يورۇتۇپ، ئىككى قوللاپ چىڭ تۇتقىنىچە نارازىلىقىنى ئىپادىلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شام كۆيۈپ ھېلىقى كىشى قايتىشقا تەمشىلىپ تۇرغىنىدا، بىر چەتتە ئۇنى كۆزىتىپ تۇرغان مۇخبىر ئالدىغا كېلىدۇ ۋە ئۇ كىشىدىن سورايدۇ:
− ئەپەندىم، سىزنىڭ بۇ نارازىلىق ئۇسۇلىڭىز دىققىتىمنى تارتتى. سوراپ باقسام، ئەجەبا سىز بۇ يەرگە مۇشۇنداق قىلسام ئۇلار ئۆزگىرىپ قالىدۇ، دەپ كېلىۋاتامسىز؟
ھېلىقى كىشى ناھايىتىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن شۇ جاۋابنى بېرىدۇ:
− ياق، سىز مېنى چۈشەنمىگەندەك تۇرىسىز. مەن بۇ يەرگە ئۇلارنى ئۆزگىرىپ قالسىكەن، دەپ كەلمىدىم، بەلكى ئۇلار مېنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتمىسۇن، دەپ كېلىۋاتىمەن. تەلۋىلەرچە داۋاملىشىۋاتقان بۇ قەتلىئاملارنىڭ ئىنسانلىقىمنى خورىتىپ يىمىرىپ تاشلىشىغا يول قويالمايمەن. مەن ھەقىقەتنى بىلىمەن ۋە بۇنى سۆزلەشنى توختاتمايمەن. ئىنسان پېتى قىلىشىم ئۈچۈن بۇ لەنەتلىك ھەر كۈنۈمدە ئىنسانلىق ۋەزىپەمنى ئۆتەيمەن. دۇنيا مېنىڭ ئىنسانلىقىمنى خورىتىۋەتمىسۇن ئۈچۈن ئويغاق قالالىشىم ۋە شەپقەتلىك ئىنسان ھالىتىمنى ساقلاپ قالالىشىم لازىم.
مانا بۇ ئىنسان ۋە ئىنسانىيلىق. مانا بۇ زۇلمەت قاپلىغان دۇنيانىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى ئارىسىدا ئېرىپ تۈگەشنى خالىمىغان، ئىنسانلىقىدىن ئايرىلىپ ياشاشنى رەت قىلغان، ۋەھشىيلىكنىڭ شاھىدى تۇرۇپ سۈكۈت ئىچىدە چىرىپ تۈگەشتىن كۆرە، ئىمكانى يەتكەن دائىرىدە ئىنسانلىق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئەقەللىي بىر ھەرىكەتنى، بىر ئۇرۇنۇشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزىنى ساق تۇتۇشقا، ئىنسانلىقىنى يوقلىما قىلىپ تۇرۇشقا تىرىشقان ئويغاق ئىنساننىڭ مىسالى. مانا بۇ ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىكى ئەقەللى قەدەمنىڭ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىدىكى ئىنسانلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىشتىن، ئۇنى ھاۋايى – ھەۋەس ۋە مەئىشەتلەر قاينىمىدا ئېرىتىپ تۈگىتىۋەتمەسلىكتىن، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە پىروپاگاندالارنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتمەسلىكتىن باشلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ھەققانىي ئىنساننىڭ تىمسالى. ئادالەتسىزلىك يامرىغان دۇنيادا، ھەقىقەتلەر دەپسەندە بولغان، گويا كۆيدۈرۈشكە يېقىلغۇسى قالمىغاندا ئۆزىنى ئۆزىنى كۆيدۈرۈشكە باشلايدىغان دوزاخ مىسالى ئىنسان تۇرۇپ ئۆز تۈرىدىن بولغان يەنە بىر ئىنسان توپىنى يەپ تۈگىتىشتىن، رەڭگى، مىللىتى، ئىرقى، دىنى ۋە ھەرنېمە سەۋەبلەرنى ئويدۇرۇپ تۇرۇپ قىرغىن قىلىشتىن يانمايدىغان ئىنسان سۈرەتلىك يىرتقۇچلار دۇنياسىغا سۈكۈت ئىچىدە تاماشىبىنى بولۇشنى رەت قىلغان ئاڭلىق ئىنساننىڭ تىمسالى. رەزىللىك باش كۆتۈرگەن ۋە كۈچلۈكلەر تائىپىسى سۈكۈت قىلىشنى، كۆرمەسكە سېلىشنى، ھەتتا رەزىللىكتىن مەنپەئەت ئىشلەپ چىقىرىشنى پۇرسەت بىلىدىغان نامەرد دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ تاماشىبىنى بولۇشنى ئاشۇ رەزىللىكنىڭ پارچىسىغا ئايلىنىشقا باراۋەر ھېسابلىغان ۋىجدان ئىگىسىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى. مەزلۇمنى قۇتۇلدۇرالمىسىمۇ، زۇلۇمنى توغرا چۈشىنىپ بېرىشنى ئىنسانلىققا زىت بىلگەن، ھەقنى تونۇغان، ھەمدە تونۇغانلىقنىڭ، بىلگەنلىكنىڭ، سەزگەنلىكنىڭ، چۈشىنىپ يەتكەنلىكنىڭ، ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتكەنلىكنىڭ ئەقەللىي ئىپادىسىنى ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كۆرسىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ خۇسۇستا ئۆزىنى ئويغاق تۇتۇشقا يارايدىغان بىرەر ھەرىكەتنى بولسىمۇ قىلىش، ئەقەللىي تەقدىردە نارازىلىق چاغلىق ئۇرۇنۇشنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىش كېرەكلىكىنى بىلگەن ئىنساننىڭ تىمسالى. مانا بۇ ئىنسانلىق ئۇنتۇلغان، ئادىمىيلىك چەيلەنگەن دۇنيادا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چۈشەنگەن، زۇلمەتنى يورۇتقۇچى قۇياش مىسالى بولالمىغاندىمۇ، يورۇقلۇقنىڭ تەرىپىنى تۇتقۇچى شام بولۇش، كېرەكلىكىنى شوئار قىلغان شوئۇرلۇق ئىنساننىڭ تىمسالى.
ئىنسان قايسى بىر مەدەنىيەت ھاۋزىسىغا، قايسى بىر دىن كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولمىسۇن، مەۋجۇتلۇقتىكى ئورنى ۋە بىيولوگىيەلىك تۈرى ئېتىبارى بىلەن «ئىنسان» سۈپىتىگە سازاۋەر. ئىنسان دېمەكلىك، بەلگىلىك ئادىمىيلىكتىن، يەنى ئادەم ئاتىدىن ئىبارەت بۈيۈك چىناردىن كۆكلىگەن باراقسان شاخنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ۋەسپىنى يوقاتمىغان، ئادەمچە فىترەتتىن، مەنىۋىيەتتىن نېسىۋە ئالغان، رەڭگى ۋە ئىرقى، دىنى ۋە تىلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆك ۋە يىلتىز ئېتىبارى بىلەن ئوخشاش بىر تۈردىن كۆپەيگەن ئاقىل جانلىق بولۇش شەرتىنى، قەدىمقىلەرنىڭ ئىنسان ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرى بويىچە ئېيتساق «سۆزلەيدىغان (تەپەككۇر قىلغۇچى) جانلىق» بولۇشتەك ئورتاق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان ئالاھىدە تۈر، دېمەكلىكتۇر. ئىمان، ئەقىدە، ئەخلاق ۋە بارچە قىممەتلەرنىڭ، مۇقەددەسات ۋە مەنىۋىلىكلەرنىڭ كۆكلەم تۇپرىقى مانا بۇ «ئىنسان» دەپ سۈپەتلىگىلى بولىدىغان ئاقىل جانلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ مەنىدىن كىشى قانداق دىن، قانداق مەدەنىيەتكە مەنسۇپ بولغان بولسۇن، مۇئەييەن قىممەتلەر زەنجىرىنى چەمبىرەك قىلغان ئاساستا ياشايدىكەن، ئۇ ھەر ۋاقىت «ئىنسان» ۋەسپىنى يوقاتمىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇ دائىما ئىنسانىيەت كارۋىنىنىڭ بىر ئەزاسى، ئىنسانلىقتىن ئىبارەت ئورتاق ئادىمىي مەۋجۇتلۇق شەجەرىسىنىڭ بىر پارچىسىدۇر.
مەسىلىگە مەدەنىيىتىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە قارىغان ۋاقىتتا، ئىنسان پېتى قالماق ئۆز نۆۋىتىدە فىترىتى ساق بولۇشنى، ئىمانى رۇس بولۇشنى ، ئەقىدىسى ساغلام بولۇشنى، مۇھەببەت – نەپرىتى ئېنىق بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىنسان پېتى قالماق قەدەرىيەتلىرىگە كۆرە ياشاشتىن بىردەممۇ ۋاز كەچمەسلىكنى، ئادەم نەسلىگە خاس سۈپەت ئىگىسى بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش كىم ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتماسلىق، كىم بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش ۋە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئىنسان پېتى قېلىش ئۆز نۆۋىتىدە ھەد – ھۇدۇدى بولۇشنى، چېگراسى بار خاراكتېر ئىگىسى بولۇشنى، ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بار كىشىلىك ئىگىسى بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ساماۋى ۋەھيىنىڭ مۇخاتابى، شەرەپ، ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ ئوبيېكتى بولۇش مانا بۇ بېجىرىم ئىنسان بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر تەڭرى ئۆزىنىڭ ۋەھيى ھەقىقەتلىرىدە «ئى ئىنسان!»، «ئى ئىنسانلار!» دەپ خىتاب قىلغان بولسا، شۈبھىسىزكى، بۇ ۋىجدان ۋە ئەقىلدىن نېسىۋىسى ئۈزۈلمىگەن «ھايۋانى ناتىق»غا، يەنى ئادەم ئەۋلادىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئورتاق خاراكتېرىنى، يەنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولىدىغان ۋىجدان ئىگىسىنى، ئەقىل ۋە ئوي – تەپەككۇر قابىلىيەتلىرى تېخى كاردىن چىقمىغان ھەربىر «ئىنسان»نى مۇخاتەبى قىلىشتىندۇر.
2
«ھەرقانداق بىر قۇلدار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش – قۇللار قوزغىلىڭى، شۇڭا ھەربىر قۇل يوشۇرۇن توپىلاڭچى. ئەمما ماڭقۇرت بولسا، مۇتلەق مۇستەسنا. ئۇنىڭدا توپىلاڭ كۆتۈرۈش، ئىسيان كۆتۈرۈش دېگەن ئۇقۇم زادىلا مەۋجۇت بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇش، ئۇنى مەخسۇس كۆزىتىشمۇ ھاجەتسىز» دەپ يازىدۇ، ئويغاق ئەدىب چىڭغىز ئايتماتوف. ئەمەلىيەتتە ئايتماتوف ھەربىر زاماندىشى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان مەزكۇر بايانىدا، مۇستەملىكىچى بىلەن ئۇنىڭ قولىغا چۈشكەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ. بۇ يەردە قۇلداردىن مەقسەت مۇستەملىكىچى، قۇلدىن مەقسەت مۇستەملىكىگە ئۇچرىغۇچى خەلق كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ھەربىر شەخس ماڭقۇرتلاشتۇرۇش ئوبيېكتى. دۈشمەن تۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى ياكى كۆتۈرمەسلىكى ئارىسىدا، ئاسىي قۇل ياكى ئىتائەتكار قۇل بولۇشى ئارىسىدا، مۆمىن پۇقرا بولۇش ياكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر بولۇشى ئارىسىدا مۇستەملىكىچى ئۈچۈن پەرق يوق. ئۇنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا بولۇشىنىڭ ئۆزىلا دۈشمەن تۇتۇلۇشقا، تەھدىت، دەپ بىلىنىشكە يېتەرلىك. تەھدىتنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى بولسا، مۇتلەق ئىتائەتكارلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش. بۇنىڭ يولى بولسا، پەقەت ۋە پەقەت دۈشمەننى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، ئۇنىڭدىكى ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى ۋۇجۇدىدىن سۇغۇرۇپ تاشلاشتۇر.
بىر مەھبۇسنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى، ئۇ تۇتقۇن قىلغۇچىسى تەرىپىدىن خورلانغان، ئوزۇقلىنىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك ئوزۇق - تۈلۈكتىن مەھرۇم قىلىۋېتىلگەن. ئاچ – يالىڭاچ قويۇلۇپ جان ساقلاشتىن باشقا پۇرسىتى قالمىغان. مەھبۇس ياشاش ئۈچۈن يېيىشى كېرەك، كىيىنىشى كېرەك. شۇنداق چاغدا ھېلىقى تۇتقۇن قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چوشقا تېرىسىدىن ياسالغان ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشكە زورلايدۇ ۋە بىر قاچا ئىت گۆشى شورپىسىنى ئالدىغا قويىدۇ. ئۇ دەيدۇكى، سېنىڭ ھايات قېلىشىڭ مېنىڭ ئىلكىمدە. تىرىك قالاي دېسەڭ، بۇندىن كېيىن بۇ تۈرمە ئىچىدە ئىت ھەيكىلى پاسونىدىكى كىيىمنى كىيىشىڭ، مەن بىلەن ئۇدۇل كەلگەندە تېز چۆكۈشۈڭ، پەقەتلا ئىت گۆشى شورپىسى بىلەنلا جان ساقلىشىڭ كېرەك. سېنىڭ مەن سۇنغان ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلنى تاللاش ھەققىڭ يوق. مەن سۇنغان ياشاش يولىدىن باشقا ھايات قىلىش يولى ئىزدىشىڭگە، ھەتتا مەن تاللاپ بەرگەن ئۇسۇلدىن باشقا ئۇسۇلدا ئۆلۈشىڭگىمۇ رۇخسەت يوق.
يۇقىرىقى تەسۋىردە مەھبۇس ئاسارەتتىكى ئىنسانغا، بېرىلگەن كىيىم ئۇنىڭ كىملىكىگە، ئىت گۆشى شورپىسى ئۇنىڭ ئىنسان پېتى قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن مەجبۇرىي تەلقىن قىلدۇرۇلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ئوزۇقلارغا تەمسىلدۇر. مانا بۇ ئاسارەت ئاستىدىكى رېجىمنىڭ ئۇنىڭ ئىسكەنجىسى ئاستىدا ياشاۋاتقان «ئىنسان»نىڭ تەقدىر – قىسمىتى. مانا بۇ دەل ئىنسانلىقىدىن چىقىرىشقا قىستىلىۋاتقان، مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە ئىنسانلىق شەرىپىدىن «غەلىتە مەخلۇقلۇق» دەرىجىسىگە چۈشۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان ۋە باشقا ھېچبىر چىقىش يولى بېرىلمىگەن ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ مۇستەملىكىچىسى ئالدىدىكى ھال – ۋەزىيىتى. ئايتماتوفنىڭ قۇل بىلەن ماڭقۇرت ئارىسىدىكى پەرقلەر ئىچىدە ماڭقۇرتنى «ئۇنىڭدا ‹مەن› دېگەن ئاڭ يوق»، ئۇ «ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ»، ئۇ بىر «تىلى تۇتۇق مەخلۇق (ھايۋان)» دەپ سۈپەتلىشىمۇ مۇستەملىكە ئاستىدا ئۆزىنى پۇقرا ساناۋاتقان، ئاتالمىش پۇقرالىق ھەققى ۋە ھوقۇقى بارلىقى بىلەن ئۆزىنى بەزلەۋاتقان ھەربىر شەخسنىڭ ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە يوشۇرۇن تەھدىد چېكىتى ئۇرۇلغان قۇل ھېسابلىنىدىغانلىقى، تاكى ئۇ ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۆلگەن بىنورمال مەخلۇققا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنىمۇ ئاڭقىرىمايدىغان، ئىنسانلىقىنىڭ تەسىرىدە بولسىمۇ مۇستەملىكىچىسىگە تېز پۈكمەسلىك، قارشىلىق روھىنى يوقىتىپ قويماسلىق كېرەكلىكىنى ئاڭقىرىمايدىغان دەرىجىدىكى ئادەمسىمان ھايۋانغا ئايلانمىغۇچە تەھدىت بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى بېرىشتىن باشقا ئەمەس ئىدى. دەرۋەقە، مۇستەملىكىچى ئۈچۈن ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىنساننىڭ ئىنسانلىقى، كىشىلىكى مۇھىم ئەمەس. ئۇ ھەر ۋاقىت بېسىۋېلىنغان تۇپراقنىڭ كەلگۈسى خوجايىنى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان، كۈنى كېلىپ ئىسيان كۆتۈرۈش پوتېنسىيالىغا ئىگە مەڭگۈلۈك تەھدىت. بۇ تەھدىتنىڭ يوق قىلىنىشى ئۈچۈن مۇتلەق ئىتائەت كېرەك. مۇتلەق ئىتائەت ئەمەلىيلەشمىگەندە، ئۇنى پۇقراسى نامىدا مەھبۇس قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشى، تىزگىنلىشى لازىمكى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىنسانلىقى زەخمىلىنىشى، خورىشى لازىم. ئۇنىڭ تىزگىندە تۇتۇلۇشى ئۈچۈن باشقا جۇغراپىيەنىڭ ئىنسانلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بىلىنىدىغان «ئىنسانىيلىق»تىن ئىبارەت ئورتاق نۇقتىلىرى بۇزۇپ تاشلىنىشى كېرەك. ئۇ ئاسارەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ مۇتلەق بويسۇنسا، مۇتلەق ئىتائەت كۆرسىتىپ كۈن كەچۈرسە بولىدۇ، لېكىن ئاشۇ تۇپراقنىڭ ئۆرپى ۋە كىملىكىنى يېپىنچا قىلغان «ئىنسان» بولۇپ ياشىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ يېپىنچىسىنىڭ نېمىدىن توقۇلىشى (قايسى كىملىككە مەنسۇپ بولۇشى) ۋە قانداق پىچىمدە ياشىشى پەقەت ۋە پەقەت مۇستەملىكىچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. ئۇ مۇستەملىكىچى سۇنغان ماددىي ياشاش شەكلىدىن، مەنىۋىلىك تۈسى بېرىلگەن سۈنئىيلەشكەن «روھىي ئوزۇق»لاردىن يۈز ئۆرىسە بولمايدۇ. ئورنىغا پەرقلىق مەرىپەت، پەرقلىق ئىدىيە ۋە پەرقلىق كۈلتۈر بىلەن ئوزۇقلانماقچى بولسا، كىملىكىنى، ئىنسانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئادىمىيلىك ۋەسىپلىرىنى قايتىدىن ئۆزىدە تىكلىمەكچى بولسا ۋە بۇنىڭغا كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلىنىش مەنبەلىرى بىلەن ئۇچراشسا، زەرەتلەنسە بولمايدۇ. شۇڭا تەھدىت بىرتەرەپ بولغانغا قەدەر دائىم كونترول ئاستىدا بولۇشى شەرت. تەھدىت بىرتەرەپ قىلىنغاندا، يەنى ماڭقۇرتلاشتۇرۇش، يەنە بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئەمەلگە ئاشقاندا، ئۇ چاغدا «ئىنسانلىق»تىن ئىبارەت ھېلىقى ئورتاق نۇقتىنىڭ پىلىكىگە قايتىدىن ئوت تۇتۇشىشىدىن ئەنسىرەلمىسىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ دەۋرىمىز مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ زېھنىيىتى.
3
دەرھەقىقەت، ئاسارەت قانداقتۇر مەھكۇملۇق تۈرمىسىنىڭ گۇندىخانىسىغا ئېسىلغان قۇرۇق ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت ئەمەس. ئاسارەت كۈنىمىزدە ئىنساننى ئىنسانلىقتىن چىقىرىش، ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاش ئۈچۈن كەلگەن قەپەسنىڭ نامى. ئاسارەت نە پەقەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى، پۇت – قولنىڭ چۈشەكىلىشىنى، ئىشغالچى كۈچ يولغا قويغان رېجىمنىڭ قۇلى بولۇشنى شەرت قىلىش بىلەن چەكلەنگەن. بەلكى ئاسارەت جىسمانىي تۇتقۇنلۇقنى ئازادلىق، روھىي تۇتقۇنلۇقنى ھۆرلۈك، تەسلىمچىلىكنى مەجبۇرىيەت بىلىش قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغاندۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان دېمەكلىك، جورج ئورېۋىلنىڭ «1984» رومانىدىكى تەسۋىرىدە ئېيتىلغان: ئۇرۇش تىنچلىق دېمەكتۇر، ھۆرلۈك قۇللۇق دېمەكتۇر، جاھالەت كۈچ دېمەكتۇر، دېگەن ئۈچ چوڭ بۇرمىلانما شوئارنى شوئۇرىغا سىڭدۈرگەن، ئۇنى ئۆزلەشتۈرگەن، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھەقىقەتلىرىنى سەپسەتىلەر بىلەن يۇغۇرۇپ تاشلىغان كىشى، يەنى ھەقىقەت ئېڭى ئۆلگەن كىشى دېمەكتۇر. ئاسارەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن، رېجىمنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى ئالدى بىلەن قارشىسىدىكى خەلقنىڭ ئىنسانلىقى ۋە ئىنسانىيلىقىدۇر. بۇ مەنىدىن مۇستەملىكىچىنىڭ كۈنلىكى ئاستىدا قۇرۇلغان ئاسارەت ئىنساننى ئىنسانلىق خاراكتېرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستىغۇچى، قۇللۇق زەنجىرىنى چىقىش ئورنىغا ئىنساننى ئىنسان قىلىپ تۇرغان قىممەتلەر زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا، مىزانسىزلىشىشقا، قىممەتسىزلىشىشكە، ئەقىدىسىزلىشىشكە ئىتتەرگۈچى ئاسارەتتۇر. ئاسارەتتىكى ئىنسان ھۆكۈمران كۈچ ئۈچۈن پەقەتلا ئادەم سۈرەتلىك پارازىت، خالاس. شۇڭا ئۇنىڭ نورمال ئىنسان ھاياتىنى ياشاش ھەققى يوق. ئۇنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە تاللاش، خالاش ئەركىنلىكىمۇ يوق. ئەركىنلىكى، تاللىشى ۋە ئىرادىسى بولمىغان بىرىنىڭ خالىغان دىن ياكى ئېقىمنىڭ مەنسۇبى بولۇشنى تاللاپ ياشىشى، مۇستەملىكىچىسىنىڭ ئىرادىسىغا مۇخالىپ ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشى ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى ئۈچۈن كەلگۈسى تەھدىتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مۇستەملىكىچى پەقەت ئۆزىنىڭلا مۇتلەق كۈچ ئورنىدا كۆرۈلۈشىنى، ھەرقاچان ئاسارىتى ئاستىدىكى ھېلىقى ئادەمسىمان «پارازىت»تەرىپىدىن، يەنى دۇنيا قارىشى ئۆزى بىلەن پۈتۈنلەي باشقا بولغان مەھكۇم توپ تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن گېزى كەلسە ئاسارىتى ئاستىدىكى مەھكۇم خەلقنىڭ ئەقىدىسىدىكى تەڭرىدىنمۇ قىزغىنىدۇ - دە، ئۆزىنى تەڭرىنىڭ ئورنىدا ئۇلۇغلىنىشىنى، ئۇنىڭغا قىلىنغان مۇتلەق تەسلىمىيەتنىڭ ئۆزىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى بۇ خىل غالجىرانە ئىستەك ئۇنى شۇ قەدەر قىزغانچۇق ھالغا ئېلىپ كېلىدۇكى، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى كىشىلەر توپىنىڭ قىممەت بېرىدىغان نېمىسى بولسا، ھەممىسىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ دەسسىتىلىشىنى ئىستەيدۇ. ئۇلارنىڭ جىمى مۇقەددەساتلىرى ئورنىغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈشىنى، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە بولۇشىغا قارىماي مېتافىزىكىلىق مەۋجۇتلۇق ئورنىغا ئۆزىنىڭ فانتازىيەلەشتۈرۈلۈشىنى، خەلق قەلبىدىكى ياراتقۇچىنىڭ، رىزىق بەرگۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەشنى ئىستەيدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، تەڭرىنىڭ دىنىنىمۇ قىزغىنىدۇ ۋە ئۆزى تەرىپىدىن پىششىقلانغان ئىدېئولوگىيەنى دىن ئورنىغا دەسسىتىشكە تىرىشىدۇ. نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «پارازىت»لارنىڭ سۈنئىيلەشتۈرۈلگەن، سۇيىئىستېمال قىلىنغان بارچە ياسالما دىن، ئىدېئولوگىيە ۋە ساختا مەنىۋى ئوزۇقلارنى رەت قىلىشىنى ۋاقتى كەلسە ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ناھەقچىلىككە قارشى پارتلىغان ئىسياندىنمۇ ئېغىر دەپ قارايدۇ. ئۆزى سۇنغان ساختا دىنىي تەلقىنلەرگە پەرۋا قىلماستىن دىننى ئۆز مەنبەسى بويىچە ئۆگەنمەكچى بولۇش، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىچە ياشاش يولىنى تاللاش ئەمەلىيەتتە مۇستەملىكىچى نەزىرىدە خوجىسىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، ئۇنىڭ ئىستەكلىرى ۋە يوليورۇقلىرىنى تۆۋەن كۆرگەنلىككە باراۋەر. مۇستەملىكىچىگە قويۇپ بەرسە ئاسارەتتىكى ئىنساننىڭ، يەنى ئىشغالچى نەزىرىدىكى ئادەمسىمان «مەخلۇق»نىڭ بىرلا «ھوقۇقى» بولۇشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭلا بەلگىلەپ بەرگەن «قىممەت»لەرنىڭ مەھبۇسى، ئۇنىڭلا ئەسىرى، ئۇنىڭلا تۇتقۇنى بولۇش. مانا بۇ مەزكۇر «مەخلۇق»نىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن سۇنۇلغان بىردىنبىر تاللاش. توغرىسى بىردىنبىر مەجبۇرى چىقىش يولى. بۇ ۋەجىدىن ئاسارەتلىك ھاياتتا تەڭرىگە، پەيغەمبەرگە، ئەجدادقا، ئۆرپكە، تۆرىگە ھەقىقىي مەنىدە ئەسلا ئورۇن بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئىدىيە ۋە قىممەتتىن ئىبارەت ئىنسانلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تىزگىنى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ چاڭگىلىدا بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ چۈشۈرگەن يارلىقى نېمە دېسە شۇ بولۇشى، كىشىنىڭ كىمنى تەڭرى بىلىشى، كىمنى پەيغەمبەر بىلىشى، كىمنى ئەجداد بىلىشى ۋە نېمىنى ئۆرپى – ئادىتى قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلىپ نېمىنى چۆرۈپ تاشلىشىغىچە بولغان ھەممە ئىختىيارلىقلار، قارارلار ۋە تاللاشلار پەقەتلا ھۆكۈمران كۈچ تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى كېرەك. قىسقىسى، ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ھاكىممۇتلەقلىق ئاپپاراتىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن بولۇشى شەرت. ئەجەبا بۇنداق بىر قۇرۇلما ئاستىدا ئىنسان بولۇش، ئىنسان پېتى ياشاش ۋە ئىنسانلىق سۈپەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇش قانداقسىگە مۇمكىن، بولسۇن؟!
4
ھاكىممۇتلەقلىق (توتالېتارىزم [Totalitarianism]) سىستېمىسىنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن ۋە ئەڭ جانلىق شەرھلىگەن سىياسەتشۇناس پەيلاسوپ ھاننا ئارېنت [Hannah Arendt] فاشىزملىق زېھنىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشتىكى باھانىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوللۇق ساناشتىكى ئىدىيەۋى ئاساسى خۇسۇسىدىكى سۆزىدە شۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر توتالېتار سىستېما ئوتتۇرىغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان. تارىختا ھېچبىر ھاكىمىيەت كىشىلەرنى «ماقۇل» دېگەنلىكى سەۋەبلىك (ئىتائەت بىلدۈرۈپ تۇرسىمۇ) ئۆلتۈرگەن ئەمەس. ئادەتتە بىر ھۆكۈمەت مۇئەييەن كىشىلەر توپىنى، ياكى بىر ۋاگون ئىنساننى توپلاپ ئۆلتۈرمەكچى بولسا، ئۇلارنى ھاكىمىيەتكە قارشى «ياق» دېگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ. بىر دوستۇمنىڭ ماڭا بۇ ۋەزىيەتنى چۈشىنىشىم ئۈچۈن قەدىمقى چىن ھۆكۈمدارىنىڭ مۇنداق بىر سۆزىنى ئەسلەتكىنىنى بىلىمەن. يەنى مېنىڭ ئىزاھاتىمغا چوڭ جەھەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغان بىر سۆزنى ئەسىرلەر بۇرۇن چىندىكى بىرى ئېيتقان ئىكەن. ئۇ سۆزنىڭ مەزمۇنى شۇ: ‹ئىتائەت قىلىشتەك نومۇسسىزلىقنى كۆرسىتەلىگەنلەرنى قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان ئاسىيلاردىنمۇ ياخشى، دېگىلى بولمايدۇ›. دەرۋەقە، بۇ سۆزنى توتالېتارىزمنى تىپىك ئىپادىلەپ بەرگەن، دېيىشكە بولىدۇ».
بۇ ئورۇندا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمىزنى چۈشىنىشتە ئىزچىل يېتىشەلمەي كېلىشىمىزنىڭ، كونكرېت بىر ئاتالغۇ بىلەن بېشىمىزدىكى بالايى – ئاپەتنىڭ ئىسمى – جىسمىنى ئېنىق بېكىتەلمەسلىكىمىزنىڭ، ۋەزىيىتىمىزىنى توغرا ئانالىز قىلىپ ئوپېراتسىيە قىلىپ كېتەلمەيۋاتقانلىقىمىزنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بىزنىڭ ھەممە كەلگۈلۈكنى نوقۇل «مۇستەبىتلىك»، «زۇلۇم»، «قەتلىئام» قاتارلىق چەكلىك ئۇقۇملار ئاساسىدا چۈشىنىشتىن ھالقىپ كېتەلمەسلىكىمىز، دېسەك مۇبالىغە بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىرىمىزنى ئىشغالىيەت، بېسىۋېلىش، مۇستەبىتلىك، خەلقىنى ئېزىش قاتارلىق ئۇقۇملار رامكىسىدا چۈشىنىشىمىزنىڭ يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقى ئورتادا. ۋەزىيىتىمىزنى تولۇق مەزمۇنى بىلەن چۈشىنىشنىڭ يولىنىڭ «توتالېتارىزم» غا ئوخشاش نەزەرىيەسى ۋە مەزمۇنى كونكرېت بولغان ئۇقۇملار بىلەن مۇمكىن بولۇپ، بۇ ئۇقۇم بۈگۈنكى ھاكىمىيەت سىستېمىلىرىدا ئومۇمەن نەپرەتنىڭ نىشانى بولغان، ھەمدە بىزنىڭ قانداق رېجىمنىڭ ئاستىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئەڭ كېرەكلىك شەكىلدە دۇنياغا ئاڭلىتىشقا ياردىمى بولىدىغان ئۇقۇملاردىندۇر. بۇ ئۇقۇم يەنە يېڭى زامان قىرغىنچىلىق زېھنىيىتىنى چۈشىنىشنىڭ، بولۇپمۇ مۇئەييەن ئىرق، خەلق ۋە مىللەتنى قىرغىن قىلىشنى ئىدىيەلەشتۈرۈشنى، ھاكىمىيەت بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغان ماڭقۇرت خەلق بەرپا قىلىشنىڭ قانداق مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشتە، تىلىمىز ۋە ئىرقىمىز بىر بولغان ئۆز ئىچىمىزدىكىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق بىزنى جازالىتالىشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى چۈشىنىشتە، ھاكىمىيەتنىڭ رەزىل يوليورۇقلىرىنى ئۆز قەۋمداشلىرىغا قارىتىپ ئىجرا قىلىشنى شەرەپ ھېس قىلدۇرىدىغان، قىرغىنچىلىقنى مىللەتداش، يۇرتداش، ھەتتا مەھەللىداشلىرىمىز ئارىسىدىن چىققان رېجىم ماڭقۇرتلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئىجرا قىلىش دەرىجىسىگە بېرىشنىڭ قانداقسىگە مۇمكىن بولغانلىقىنىڭ تېگىگە يېتىشتە توتالېتار رېجىمنىڭ نەقەدەر خاسىيەتلىك رولى بارلىقىنى، قىسقىسى مەزكۇر ئۇقۇمنىڭ جىددىي مەنىدە قارىلىشى كېرەك بولغان ئاچقۇچلۇق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەي بولمايدۇ. بۇ خۇسۇسنى بىز پۇرسىتى كېلىشى بىلەن باشقا يازمىلىرىمىزدا ئايرىم توختىلىدىغانلىقىمىزنى تىلغا ئېلىش بىلەن ھەننانىڭ يۇقىرىقى سۆزى ئۈستىدە بىرئاز توختىلىپ كۆرمەكچىمىز. دەرۋەقە، ناتسىستلار تەرىپىدىن جازا لاگېرى ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بىر قوللۇق شاھىد بولغان ۋە بۇ قورقۇنۇچلۇق ئاتموسفېرانى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن پەيلاسوپ ھەننا يۇقىرىقى بايانى ئارقىلىق دەۋرىنىڭ فاشىست زېھنىيەتلىرى بولغان گىتلېر، سىتالىن قاتارلىق بىر – بىرىگە زىت ۋە ھەتتا بىر – بىرىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەھدىت ھېسابلايدىغان پەرقلىق ئىككى زىت ئىدېئولوگىيەنىڭ مەنسۇپلىرىنىڭ، يەنە كېلىپ بىر – بىرىنىڭ قۇرغان سىستېملىرىنى ئەيىبلەپ دۈشمەنلىشىپ ئۆتكەن، بىر – بىرىگە ئوت ئاچقان، سان – ساناقسىز قان تۆكۈشكەن بۇ ئىككى گۇرۇھنىڭ ئورتاق نۇقتىسىنىڭ توتالېتارىزملىقتا بىر - بىرىدىن پەرقسىزلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنىڭ قەدىم تارىختىكى ئىزنالىرىنىڭ بۈگۈنكى خىتايلارنىڭ ئەجداد سۆزى بولغان «ئىتائەتكارلارنىڭ توپىلاڭچى ئاسىيلاردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە جازاغا لايىق ئىكەنلىكى»، يەنى دۈشمەن ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇ سۆزنىڭ بىزگە تېگىشلىك قىسمى شۇكى، ئىشغالى ئاستىدىكى خەلقنىڭ ئىتائەتكارى بىلەن ئاسىيسى ئوتتۇرىسىدا «دۈشمەن» كۆرۈلۈش جەھەتتىن پەرق يوق. مۇستەملىكىچى خىتاي ئۈچۈن ئاسىيلارنىڭ بۈگۈنكى ئىسيانى يوشۇرۇن تەھدىتنىڭ بالدۇر ئاشكارا بولۇشى بولۇپ، ئاسىيلارنىڭ ئىسيانى ئىتائەتكارلارنىڭ يوشۇرۇن دۈشمەنلىكىدىن كۆپ ياخشى. چۈنكى ئۇ ئاسىيلىق قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن بەرىبىر دۈشمەن. ئۆزىگە ئوخشاش ئىستېلاچىسىغا مەجبۇر بېقىندۇرغان زوراۋان كۈچكە مەردلەرچە ئاسىيلىق قىلىش، كۆڭۈلدە دۈشمەنلىك ساقلاپ كۆرۈنۈشىدە ئىتائەتكارلىق كۆرسەتكەن نومۇسسىز بويسۇنغۇچىدىن كۆپ ياخشى. خەتەر جەھەتتىن بۈگۈنكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن بېسىپ تۇرۇۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىققان ئاسىي بۆلگۈنچىگە قارىغاندا، كەلگۈسىدە ھاكىمىيەتنىڭ سىياسىي كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىنى كۈتۈپ ياتقان بولۇش ئېھتىمالىغا ئىگە ئىتائەتكار خەلق نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ۋە بىئارام قىلغۇچى. مانا بۇ ئۆتمۈشىدىن بۈگۈنىگە قەدەر ياۋۇزلۇقتا ھېچ پېتىنى بۇزمىغان قانخور ھاكىمىيەتنىڭ بېسىۋالغان زېمىننىڭ كىشىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى. يەتتە يىل ئاۋۋالقى نورمال پۇقرا ھېسابلانغان خەلقنىڭ يەتتە يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئەسەبىيلىك بىلەن يۇقۇملانغۇچى نامىدا مىليونلاپ قىرغىنچىلىق فابرىكىلىرىدا قەتلىئامغا دۇچ كېلىشىنىڭ ئۆزىلا يۇقىرى تەمسىلنى بىز ئۈچۈن ئالاھىدە شەرھلەشكە ھاجەت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى ئىتائەتكار قۇل بولۇڭ، ياكى ئاسىي بۆلگۈنچى قۇل بولۇڭ، سىز مەڭگۈ ئۇنىڭ ئىشەنچ تارازىسىدا سەرگىمۇ ئولتۇرمايدىغان، پوتېنسىيال دۈشمەن، بۇرۇن بولسۇن ياكى كېيىن بولسۇن چوقۇم يوقىتىلمىسا بولمايدىغان، كۆپىيىشىگە قەتئىي يول قويۇلسا بولمايدىغان ئۆلۈمتۈك پارازىت. يەنە كېلىپ سىزنىڭ ئىچىڭىزدىن چىققان مەرد قوزغىلاڭچىغا قارىغاندا، تەسلىمچىلىك ئىچىدە ئۆزىنى بەزلەپ ياتقان سىزنىڭ ئۇنىڭچىلىك جاسارەت كۆرسىتەلمەي ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىڭىز، نەزىرىگە ئېلىنىش ئۈچۈن مۆمىن پۇقرا بولۇشقا تىرىشىۋاتقىنىڭىز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى ئەڭ بىزار قىلىۋاتقان ھادىسىلەردىن بىرى. مانا بۇ ۋەجىدىن ئۇ سىزنى تەھدىتسىز مەخلۇققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانلىقىڭىزدىن ۋاز كېچىپ بېرىشىڭىزغا مەجبۇرلايدۇ. ئۆزىڭىزنى ئۆزلۈكىڭىز بىلەن قوشۇپ سېتىپ بېرىشىڭىزنى ئىستەيدۇ. بۇ گويا گىيۇتىنىڭ ئىلاھىي كومېدىيەسىدە شەيتان بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ مەنپەئەت بەدىلىگە روھىنى سېتىپ بەرگەن ئادىمىي شەيتاننىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. ئۇ سىزدىن ئىنسانلىقىڭىزنى سۇغۇرۇپ ئالمىغۇچە، جىسمى بىلەن قوشۇپ روھىڭىزنى تېز پۈكتۈرمىگۈچە، ئادىمىيلىكىڭىزنى ۋۇجۇدىڭىزدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ قوش قوللاپ تەسلىم قىلمىغۇچە تىنىم تاپمايدۇ.
مانا بۇلا بۈگۈن سىز ۋە بىز تارتىۋاتقان، ۋەتەن ئىچىدىكى بىھۇدە قىرىلىۋاتقان خەلقتىن، ۋەتەن سىرتىدا بىھۇدە ۋەتىنىدىن قوغلاندى قىلىنغان تىرىك جەسەتلەرگە ئايلىنىشقا قىستىلىۋاتقان پاجىئەلىك قىسمىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى. مانا بۇ ھاننا ئارنىت بۇندىن يېرىم ئەسىر مۇقەددەم ئاگاھلاندۇرغان، كوممۇنىزم ۋە فاشىزمدىن ئىبارەت بۇ ئىككى توتالېتار زېھنىيەتلىك گورۇھنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنىڭ قايتا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن بىزگە چۈشەندۈرمەكچى بولغانلىرى. ئىنساننىڭ ئىنسانلىقىغا ھەر تۈرلۈك باھانە بىلەن چېقىلىشنى، ھايۋاندىن بەتتەر زۇلۇمنى ئۆز تۈرىگە، بىر ئىنسان توپىنىڭ يەنە بىر ئىنسان توپى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىشىنى، ئىنسان تۇرۇپ ئىنسان ئۈستىدىن تەڭرىۋازلىق قىلىشنى راۋا كۆرۈشنى ئىدېئولوگىيە باسقۇچىغا كۆتۈرىدىغان دەرىجىدىكى پەسكەش رېجىمغا يەككە ۋە كوللېكتىپ ھالەتتە سۈكۈت قىلىشنىڭ، قوللاش ۋە ئۇنى ئىچكى ئىش سۈپىتىدە قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ كەلگۈسى رەزىل دۇنيانىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئاپەت بولماستىن، يەرشارى خاراكتېرلىك ئاپەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ ئاساسىنى يارىتىدىغانلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە چالغان سىگناللىرىنىڭ ئەمەلىيىتى. بۇنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا، نېمە ئۈچۈن ھەنناغا ئوخشاش بىر يەھۇدىي مۇتەپەككۇرنىڭ، يەنە كېلىپ جازا لاگېرلىرىنىڭ تىرىك شاھىدلىرىدىن بولغان بىر سىياسەتشۇناس پەيلاسوپنىڭ جازا لاگېرى مەسىلىسىنى يالغۇز يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقىنى، مەسىلىنى يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا قاپساپ تۇرۇپ ناتسىستلاردىنمۇ قېلىشمايدىغان ئىككىنچى بىر فاشىست دۆلەتنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنغان زىيونىستلارغا نېمە ئۈچۈن قارشى مەۋقەدە تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشىنىش تەس بولمايدۇ. شۇنداقلا توتالېتار رېجىمنىڭ قايسى مىللەت، قايسى ئىرق ياكى قايسى ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولمىسۇن، كۈچنىڭ ۋە رەزىللىكنىڭ مېمارلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ چىقىدىغان بۇ خىل رېجىمنىڭ ئىنساننى ئىنسانلىقىدىن قايسى دەرىجىدە چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى، قانداقلارچە رەزىللىكنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، يەنى ئاسارەتتىكى ئىنساندىن ئاسارەتتىكى غەلىتە مەخلۇققا ئۆزگەرتىپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى چۈشىنىشمۇ قىيىن بولمايدۇ.
خاتىمە
قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە بىزدىن باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش قېيىن بولغان، پەقەت بىزلا ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان بۇ پاجىئەلىك قىسمىتىمىز مانا بۇ يىلىمىزنىمۇ ئەلەم بىلەن ئۇزىتىش ھارپىسىدا تۇرۇپتۇ. مىللەت سۈپىتىدە تارتىۋاتقانلىرىمىز ۋە تارتىپ كەلگەنلىرىمىز بىزنى دىنىمىزنى قوغداشتىن، تىلىمىزنى قوغداشقا، تىلىمىزنى قوغداشتىن ئۆرپىمىزنى قوغداشقا، بارا – بارا ھەممىنى تاشلاپ جىنىمىزنى ساقلاشقا قىستاپ ھالىمىزنى قويمىدى. ھەر تۈرلۈك باھانە ياكى سەۋەبلەردىن تەسەللى ئىزدىمەكچى بولايلۇق، ئەمدىلىكتە قوغداشقا مەجبۇر قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ يالغۇز ئىنسانلىقىمىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمۇ ئەمەلىيەت بولۇپ تۇرۇپتۇ. دىنىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما دىنىمىزغا سەمىمىيەت بىلەن يېپىشىشنى بەجا كەلتۈرەلمىدۇق، تىلىمىز خەتەردە دېدۇق، ئەمما تىلىمىزغا ھەقىقىي مەنىدە كۆيۈنمىدۇق، يازغان - پۈتكىنىمىز تىلىمىزنىڭ ھاياتىيلىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشتىن باشقىغا يارىمىدى. كۈلتۈرىمىز، مەدەنىيىتىمىز تەھدىتكە ئۇچرىدى دېدۇق، ئەمما ھېچبىرىنى ھاياتىمىزنىڭ ۋاز كەچمەس ياشاش سەنئىتى قىلىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشتا بىرلىككە كېلەلمىدۇق. قىسقىسى ۋەتەن ئىچىدە كۈچ بېسىمىدە يىمىرىلگەن جىمى قەدەرىيەتلىرىمىز ۋەتەن سىرتىدا ساقلىنىپ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن شالغۇتلاشتۇرۇلۇشتىن باشقا مۇئامىلە كۆرمىدى. خىرىسلار ئالدىدا بويۇن قىسىدىغان، پەقەتلا شەكىلۋازلىقنىڭ تەنتەنىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرىلىدىغان «مالاي» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈۋېتىلدى. ئەجەبا، بىز نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىگە كېلىپ قېلىشنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز راۋا كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق؟ ئەگەر ئىخچام جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلسە، يۇقىرىقى نۇقتىئىينەزەرلەر ئاساسىدا شۇنداق جاۋاب بېرىش مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ: ئاسارەتنى قارشى تۇرۇش روھىمىزنىڭ يېقىلغۇسى قىلماستىن، ھالىمىزغا رازى بولۇشنىڭ باھانىسى قىلىۋېلىشىمىز، ئۆزىمىزنى ئۇلارغا قاراپ شەكىللەندۈرۈشتەك ئەجەللىك خاتانى بەس قىلغۇدەك سەۋىيە – ساپا يېتىلدۈرمەسلىكىمىز، ياتلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئۆزىمىزگە تەتبىقلىغاندا، بۇنىڭ مېنى مەن قىلىپ تۇرغان ئىنسانلىقىمنى زېدىلەمدۇ - يوق، دېگەن ئەقەللىي بىر ئۆتكەلنى قويۇشقا ئادەتلەنمەسلىكىمىز، نەتىجىدە ئۆزگىگە قاراپ شەكىللىنىش، مۇستەقىل خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ بولالماسلىق قاتارلىقلار ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئۆزگىرىپ قېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەس، كۆرۈپ يەتمەس ۋە كۆرۈپ يېتىشنى خالىماس ھالغا كېلىشتەك قېچىپ قۇتۇلغۇسىز ئاقىۋەتنى قارشىمىزغا ئېلىپ چىقىپ تۇرۇپتۇ.
شۇ سەمىمىزدە بولغايكى، مىللەت بولۇش ئالدى بىلەن ئىنسان بولۇشنى شەرت قىلىدۇ. مىللىي روھ ھېچقاچان ئىنسانلىق (ئادىمىيلىك)نى پايخان قىلىش بەدىلىگە ئىنشا بولغان ئەمەس. بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق مىللىي روھ قەتلى قىلىنغان «ئىنسانلىق» بىلەن بىر گەۋدە ئىچىدە ھەرگىزمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. مىللىي روھ بولسا، مىللىي دەۋانىڭ جېنىدۇر. ئىسلام بۇ روھنى كۆكلەتكۈچى زىلال سۇ مىسالى ھاياتلىق مەنبەسىدۇر. ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق بولسا، ئۇشبۇ ھاياتىيلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ كاپالىتىدۇر. بۇ مەنىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادىمىيلىكىنى قۇرۇپ چىقالمىغان دىندارلىقتىن، دىندارلىقىنى يوقاتقان مىللەتۋازلىقتىن مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئۆز مىللەتداشلىرىنى ياتنىڭ قولىدا بابلاشتا ۋاسىتە تاللىمايدىغان، كاللىسى باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئويۇنچۇق قىلىش تەدبىرنامىلىرى بىلەن پىروگراممىلىنىپ كەتكەن «شالغۇت زېھنىيەت» بىمارلىرىدىنمۇ ۋەتەن -مىللەتكە خەيرلىك كەلمەيدۇ. شۇنىڭدەك، ئىنسانلىقى زۇلۇمغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزەلمىگەن بىرىنىڭ مىللىي دەۋا يولىدىكى سەمىمىيتىمۇ دەرگۇماندۇر. بۇ نۇقتىدا شۇنىمۇ سوراقلاپ كۆرۈشكە ھاجەتمىزكى: ئەجەبا ۋەتەن – مىللەت يولىدا قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مىللەتنىڭ ئەزاسىغا لايىق رەۋىشتە قىلىنىۋاتقان سەمىمىي تىرىشچانلىقلار، پۈتۈنلەي مۇقەددەس غايىنى كۆزلەپ قېلىۋاتقان، باشقا ھەرقانداق مەنپەئەت بىلەن دۇغلاشتۇرماي ئېلىپ بېرىۋاتقان سەمىمىي ئۇرۇنۇشلار دېگىلى بولامدۇ، يوق. مۇنداقچە ئېيتساق، قىلىۋاتقانلىرىمىزنى راستتىنلا داۋا، دېگىلى بولۇۋاتامدۇ، يوق؟! قىلىۋاتقانلىرىمىزدا ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ بىزدىن نېمە كۈتىدىغانلىقىنى، مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئىنسانلىقىمىزنىڭ بىزدىن قانداق ئىنسان بولۇشىمىزنى كۈتىدىغانلىقىنى ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە قانچىلىك دىققەتكە ئېلىۋاتىمىز، قايسى دەرىجىدە سەمىمىي بولۇۋاتىمىز؟ ئەجەبا، ھېلىھەم ئىنسان پېتى قىلىشتەك ئەقەللىي خۇسۇسىيىتىمىزنى مۇھاپىزەت قىلالاۋاتامدۇق - يوق، ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئۇلارچە ئىنسانلىققا ئۆزگىرىپ كەتمەيۋاتقانلىقىغا كاپالىتىمىز نېمە؟ ئىنسانلىقىمىزنى ساق – سالامەت دېسەك، ئۇنداقتا بۇ ئىنسانلىقىمىز ئاڭ – ئىدراكىمىزغا، ۋىجدان ۋە ئىرادىمىزگە ئەقەللىي بىر ھەرىكەت چاغلىق قارشىلىق روھىنى ئەكس ئەتتۈرەلەۋاتامدۇ - يوق، ئىنسانلىقىمىز زادى بىزنى قايسى دەرىجىدە ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىدى ۋە كەلتۈرۈۋاتىدۇ؟
مانا بۇلار ھەقىقەتەن ئىنسانلىقى ئىشغالغا ئۇچرىمىغان، ئىنسانلىقى قايتا شەكىللەندۈرۈشنى رەت قىلىپ كەلگەن ھەمدە ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دەپسەندىچلىكلەرنىڭ، قىرغىنچىلىقلارنىڭ تاماشىبىنى بولۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقان كۈنىمىز دۇنياسىدا «ئىنسان پېتى قېلىش» كۈرىشىنى توختاتمىغان ۋە ئاسارەتكە قارشى كۈرەشتىن شاشماسلىقنى ئىنسانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى دەپ بىلگەن، قىسقىسى ئىنسانلىقى تېخى نابۇت بولۇپ ئۈلگۈرمىگەن ھەربىر ۋىجدان ئىگىسى ئۈچۈن ئەمەلىي جاۋاب كۈتۈۋاتقان سوئاللاردۇر.
بۇرھان مۇھەممەد
2023-12-28

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»