بۇزۇقچىلىقنىڭ كۆرۈلمەيۋاتقان يۈزى

 بۇزۇقچىلىقنىڭ كۆرۈلمەيۋاتقان يۈزى

دەۋاگەرنى قەپەسكە سولىۋېتىپ تۇرۇپ، جاۋابكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىدىن ئارتۇق رەزىل تېراگىدىيە بولمىسا كېرەك. تېنىۋېلىش ۋە ھەر تۈرلۈك ئۆزىنى ئاقلاشلار تاكى ئىسپاتلانغانغا قەدەر ۋاقىت تېجىشى مۇمكىن. لېكىن ئىسپات بار ئەھۋالدا تېنىۋېلىش پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۈيۈك ئالىم ۋە زاھىد پېشۋا جۈنەيد ئەلبەغدادىي ھەزىرەتلىرىدىن ئارىف (ئەۋلىيا)مۇ زىنا قىلامدۇ، دەپ سورالغىنىدا، «وكان أمر الله قدرا مقدورا» دېگەن ئايەت بىلەن جاۋاب قايتۇرغان ئىكەن. دېمەكچى بولغان ئىدىكى، خۇدا بەرگەن ھۆر ئىرادىگە ئىگە ئىنساندىن ھېچ ۋاقىت ئەمىن بولۇپ بولمايدۇ. نەپس باركى ئىنساننىڭ ئەۋلىيا بولسىمۇ نەپسىگە بېرىلىپ قېلىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەردىن ئۆزگە ھېچكىمنىڭ گۇناھقا يېقىنلاشماسلىقىنىڭ كاپالىتى يوق. گەپ گۇناھ قىلىپ سېلىشتا ئەمەس، ئۇنىڭغا تۇتۇلۇۋاتقان پوزىتسىيەدە. قىلمىشى ئالدىدىكى سەمىمىيىتىدە.
دەرۋەقە، ئىنساندا نەپس باركى، ئۇنىڭدا ھىدايەت يولىدا چىڭ تۇرۇش ياكى بۇزۇقچىلىققا پېتىپ قېلىش ياكى بۇزۇقلۇقتىن تېزلا ئۆزىنى ئوڭشاپ تەۋبە قىلىشتەك ئىمكانىيەت دائىم مەۋجۇت. شۇنداقلا پاتقاققا پاتقانچە ئۆزىنى ھالاكەت پاتقىقىغا ئىتتىرىشنى تاللاش ئەركىنلىكىمۇ ھەم بار. لېكىن ھېچبىر مەدەنىيەت ياكى دىن ئائىلىۋى خىيانەتنى جاۋابكارلىقسىز كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ئەركىنلىكىنى ئىنسانغا بەرگەن ياكى توغرا كۆرگەن ئەمەس. شۇڭا ئىنساننىڭ مەلۇم گۇناھنى قىلىپ سېلىشى، تەۋبە قىلىپ قايتىۋېلىشى تامامەن ئىنسانلىق خۇسۇسىيىتىدە يۈز بېرىدىغانلىقى بىلىنىپ كەلگەن بىر ھالەتتۇر.
ئىنسان يولنىڭ قايسىسىنى تاللىغان بولسا، ئۇ شۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن كېلىپ چىقىدىغان مەسئۇلىيەتنىڭ جاۋابكارىدۇر. نۆۋەتتىكى ھەممىگە مەلۇملۇق بىر دەرنەكنىڭ، ھەتتا تەشكىلاتلار بىرلىكى دېيىلىۋاتقان بىرقانچە توپنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان باشلىقىنىڭ مەسىلىسىمۇ بۇ مەنىدە ھەيران قالغۇدەك، گۇناھ قىلىشى ئەقىل ئالمىغۇدەك مەسىلىلەردىن ئەمەس. چۈنكى پاكىت ھەممىدىن ئەلا. پاكىت بار يەردە ئەۋلىياغىمۇ تامامەن پاكىت بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. پاكىت ئالدىدا تېنىۋالغۇچىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ پاكىت ئالدىدا ھوشىنى يىغقۇچىنىڭ كۆرىدىغان كۈنىدىن بەتتەر بولىدىغانلىقىنى بۇ يەردە ئەسلىتىپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ئورنى يوق. كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، كۆز ئالدىمىزدىكى ۋەقە قانداقتۇر پوخورلۇق قىلىش ياكى باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى مەسىلىسى ئەمەس. بەلكى چىللاپ تۇرۇپ بەرگەن، تەڭلەپ تۇرۇپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرگەن ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ تۇرۇپ، خۇپيانە ئىش - پەش تارتىشىپ تۇرۇپ سادىر قىلغان نومۇسسىزلىق ۋەقەسى. بۇنىڭدىن چاچرىغىنى بولسا، بىر سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلىي قۇرۇمنىڭ كاتتىبېىشىنىڭ مەزكۇر قىلمىشقا قارىتا تاشلىنىۋاتقان پاكىتلارغا قارىتا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تەشكىلىي گۇرۇپپىنىڭ مەسىلە بىر تەرەپ قىلىشتىكى ۋەزىيىتى. بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر كاتتىباش ناۋادا پاكىتنى ئاغدۇرالىسا، تۆھمەتخورنىڭ رەسۋالىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەلنىڭ لەنىتى توھمەتخورغا ياغىدۇ. پاكىت تۇرسىمۇ سىياسىي پىروپاگانداچىلىق قىلىپ گەپ ئويناتقان بولسا، دەرنەكتىكى سۈرۈشتە قىلىپ بارغان «زاستاتىللار»نىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ، سەھنەگە چىققاندا تېنىۋالغان بولسا، مۇھىمى پاكىتقا پاكىت بىلەن جاۋاب قايتۇرالمىسا، ئۇ چاغدا مەسىلىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغىنى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا پاكىت كۆتۈرۈپ چىققاننىڭ بولىدۇ.
لېكىن نۆۋەتتە پاكىت كۆتۈرۈپ چىققۇچىنىڭ ۋەزىيىتى ھازىر قايسى باسقۇچتا؟ بىلىنىپ تۇرغاندەك تەھدىد ۋە خەتەر ئىچىدە. بولۇپمۇ، پاكىت توغرا چىققان ئەھۋالدا، جەبىرلەنگۈچى ئۆزى بىلەن قوشۇپ ئىگە چىقىشى كېرەك بولغان ئىككى پەرزەنتنىڭمۇ تەقدىرىگە چېتىلىدىغان بىر باسقۇچتا. تۆھمەت قىلىندىم دەۋاتقانلار بولسا، ھۆر ۋە خالىغان باياناتىنى، خالىغان ئەرز شىكايىتىنى، رەددىيەسىنى قىلالايدىغان ئەركىن شارائىتتا. ئەمما پاكىت بىلەن ئوتتۇرىغا چىققۇچى بولسا، ئۆزىنى خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلەن خەلقتىن مەدەت سورىماقتا. مانا بۇ ھالەتنىڭ قەيىرىنى ئەقىلگە، قەيىرىنى دىنغا، قەيىرىنى مىللىي قىممەت قارىشىمىزغا سىغدۇرغىلى بولىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن پاجىئەلىك بىر ۋەزىيەت.
رىۋايەتلەردىن بىرىدە كېلىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابە ئاياللاردىن بەيئەت قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئەھدە ئېلىنغان ماددىلاردىن بىرىدە زىنا قىلماسلىق خۇسۇسى تىلغا ئېلىنىدۇ. دەل شۇ چاغدا ئاياللار توپى ئىچىدە ھىندىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ماددىنى ئاڭلاپلا چۈچۈپ كېتىدۇ. ئەقلىدىن ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ قالىدۇ ۋە پەيغەمبەردىن «قانداقسىگە بىر ھۆر ئايال زىنا قىلار» دېگەن تەئەججۈبىنى ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھىندىي رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېڭى مۇسۇلمان بولۇش مەۋسىمدىكى بۇ تەئەججۇبى، يەنە كېلىپ ئۆسۈپ يېتىلىشى پۈتۈنلەي ئىسلامسىز ۋە پۈتۈنلەي جاھىلىيەتلىك بىر دەۋر مۇھىتىدا چوڭ بولغان بۇ ئايالنىڭ تەئەججۈبى كۈنىمىزدىكى بىر قىسىم مۇسۇلمان خانىم - قىزلار ئارىسىدىكى گۇناھنىڭ بىر پارچىسىغا ئىختىيارىي شېرىك بولغانلار ھەققىدىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكە سالىدۇ. ئەجەبا، تارىختىكى بۇ مەشھۇر ھىندىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا كىم؟ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئاقسۆڭەك تەبىقىسىدىكى بۇ ئايال ئەينى پەيتتە پەيغەمبەر دەۋاسىغا قارشى بار كۈچى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن، ئۇنى دۈشمەن تۇتقان، ئۇنى يوقىتىشقا قارشى كىرالىق قاتىل ياللاشتىنمۇ يانمىغان، يەنى شۇ دەرىجىدىكى جىنايەتلەرنى نوپۇزغا ۋە ئىقتىسادىغا تايىنىپ تۇرۇپ، كۆزنى مىت قىلماي تۇرۇپ قىلالايدىغان، ئىنتىقامى ئۈچۈن پەيغەمبەر تاغىسىنى قاتىل ياللاپ ئۆلتۈرگۈزۈپ ئۈلۈكىنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆز قولى بىلەن يېرىپ، ئۈچەي باغرىلىرىنى سۇغۇرۇپ چايناپ يۇتۇشقا قەدەر شەپقەتسىزلىكى بىلەن نام سالغان ئايال ئىدى. ئىسلامغا كىرىش بىلەن پەيغەمبەرنىڭ ھەربىر تەلىماتىنى ئەقىل ۋە دىيانەت سۈزگىچىدىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلغان، مودا قوغلىشىپ ئەمەس، بەلكى ئەقلىي قانائىتىدىن ئۆتكۈزۈپ سەمىمىيىتى بىلەن ئىسلام يولىنى تاللىغان بۇ ئايال ئەنە شۇنداق قەبىھ ئۆتمۈشكە ئىگە تۇرۇپ ئەرلىك ئايال تۈگۈل، پىكرىي ۋە ئىرادىسى ئۆزىنىڭ ئىلىكىدە بولغان بىر بويتاق ھۆر ئايالنىڭ ئۆز ئىپپىتىگە خىيانەت قىلىشىنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن. قۇللۇق تۈزۈم بار جەمئىيەتتە قۇل ۋە دېدەكلەردە سادىر بولۇشىنى، يەنى ھۆرلۈكى پۈتۈنلەي ئۆز ئىرادىسى ۋە قولىدا بولمىغان بىر ئايالنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى ئاسارەت ئامىلىنى نەزەردە تۇتۇپ چۈشىنىشكە بولسىمۇ، ئۆز ئىرادىسى قولىدا بولغان بىر ئايالنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى چۈشىنىشكە قىينالغان، چۆچىگەن. دېمەك جاھىلىيەتنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ يۈزىنى نامايەن قىلالايدىغان ئايال ئۈچۈنمۇ ئەقىل ۋە ئار – نومۇس سۈزگۈچىدىن ئۆتكۈزەلمىگەن نۇقتىلارنىڭ بىرى «ھۆر ئايالنىڭ خالاپ بۇزۇقچىلىق قىلىشى» مەسىلىسى بولغان ئىدى. ئاياللىق خۇسۇسىيەت، ئاياللىق غۇرۇر، ئاياللىق خاراكتېر، پوتېنسىيال ئانىلىق ئىززەت -شەرەپنىڭ بىر ئايال تەرىپىدىن ئىختىيارى ھالدا بۇ دەرىجىدە پەسلەشتۈرەلىشىگە كۆڭلى كۆتۈرمىگەن ئىدى. تىرىك جاننى قەستلەشنى، ئۈلتۈرۈپمۇ قانماي ئۈچەي باغرىنى تىرىك تۇرغۇزۇپ يىيىشنى ئەقلىگە راۋا كۆرگەن، غۇرۇرىغا پاتقۇزالىغان بىر جاھىلىيەت ئايالى بويتاق ئايالنىڭ ئىختىيارىچە زىنا قىلىشىنى راۋا كۆرمىگەن، كاللىسىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىدى. غۇرۇرلۇق ۋە ئىپپىتىگە سەزگۈر بىر جاھلىيەت ئايالىنىڭ بىر ھۆر ئايالنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىغا تەئەججۈبلىنىشىنى ئېھتىمال بىز بۈگۈن چۈشىنەلىشىمىز مۇمكىن. لېكىن ئېرى بار، نەچچە بالىسى بار تۇرۇپ، بىر ياكى بىرنەچچە ئەر بىلەن ئىش - پەش تارتىشىپ بۇزۇقچىلىق يولىغا قەدەم ئالغان بىر ئايالنىڭ ۋەزىيىتىنى جاھىلىيەت ئايالى ئۈچۈن چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن زور پىسخولوگىيەلىك ۋە تېببىىي تەييارلىق كېرەك بولىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس، ئەلۋەتتە!
كۈنىمىز ھادىسىلىرىگە قارايدىغان بولساق، كۈنىمىز ھادىساتلىرىدا ئىشنىڭ خاراكتېرى مۇسۇلمان، ھىجابلىق ئايال بىلگەنلىرىمىز ئارىسىدا بىر ئەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بىرقانچە ئەرنىڭ ئارىسىدا شاختىن شاخقا قونۇشنى ئەرمۇ كۆتۈرىدىغان، ئايالمۇ ئۈگەنگەن كەسىپتەك ئۇستىلىشىشنى ماھارەت سانايدىغان ھالغا كەلدى. ئىشنىڭ بۇ تەرىپىدىنمۇ بەك بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ كۆرمەيۋاتقان مەسىلىسى قاتارىغا ئۆتۈپ قېلىۋاتقانلىقى كىشىنى بەكلا چۆچۈتىدۇ. بولۇپمۇ، مەسىلىنىڭ دەرىجىسى ئىجتىمائىي بۇزۇقلۇق كۆزگە پۇتلاشمىغۇدەك دەرىجىدە يانغا سۈرۈپ قويۇلغىنىدا، ئىشنىڭ نېگىزىنى ئويلىشىمىزغا، ئىشنىڭ سىياسىي سەتچىلىككە ياتىدىغان تەرىپىنى ئالدىغا قويۇپ تۇرۇپ تەھلىللەشكە، ئەخلاقىي نومۇسسىزلىق تەرىپىنى ئالدىن مۇھاكىمە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئىجتىمائىي تەرتىپى بۇزۇقلاشقان توپلۇمدىن سىياسىي چېرىكلىكنىڭ تۈزىلىشىنى كۈتۈش، مەسىلىنى نوقۇل سىياسىي تەرىپىگىلا ئېسىلىپ تۇرۇپ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەلۇم مەنىدىن قارالغىنىدا، ئۆلۈك مالنى تەپمە ھالال قىلىپ شورپا سېلىپ سېتىشتىن پەرقى يوق بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى چاتاقنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى نېگىزىدە. ئىككىنچى نۇقتىسىى بولسا، نېگىزدىن كېلىپ چىققان چېرىكلىكلەردە. مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇكى، ئۇيغۇر ۋە تۈركلۈك تارىخىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمكى مەنبەلىرىدىمۇ، يەنى تۈركىي مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ئادەتلىرىمىزدىمۇ بۇنداق بىر تائىپىگە ئايلىنىپ قېلىپ چىرىكلەشكەنلىك، ئىسلامنى كۆرۈپ ئىسلاھ بولغان مىللەتكە ئايلانغانلىق تارىخىمىز بولغان ئەمەس. بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىۋى تەرتىپ ۋە ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەت شەكلىمىزنىڭ كۆپ قىسمى بىز يېقىندىن بىلىدىغان قالماق ۋە باشقا مىللەتلەردىن پەرقلىق ھالدا، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن ئۇيۇشىدىغان، مەھرەمىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بىر ئائىلە تۈزۈمىگە، ئائىلە ئېڭىغا، ئائىلە تۇيغۇسىغا ئىگە مىللەتلىكىمىز بىلەن مەشھۇر بولغانمىز. ئەجدادىمىزنىڭ ئىسلامىيەتكە يۈزلىنىش تارىخىدىكى سەۋەبلەرنىڭ ھېچبىرىدىمۇ بىر قىسىم مىللەتلەردەك ئائىلىۋى ئەخلاق كىرىزىسىغا پېتىشتىن سەۋەبلەنگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئەمەس. شۇ دەرىجىدە ئەلمىساقتىن بېرى ئائىلىۋى مەھرەمىيەت ۋە پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى بۇ ۋەزىيىتى نېمە ھالغا كېلىپ قالدى؟ قاچانلاردىن بۇ ھالغا كېلىپ بولدۇق؟ مانا بۇ ئەڭ ئاۋۋال سىلكىنىدىغان مەسىلىلىرىمىزنىڭ بىرى.
ۋەزىيەتكە قايتىپ كېلىدىغان بولساق، مەسىلىنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، نۆۋەتتىكى زەنجىرسىمانلاشقان سەتچىلىكلەر ۋە بۇ سەتچىلىكلەردىن مەيدانغا كېلىۋاتقان جىنايەتكە قاراپ كېڭىيۋاتقان بۇ ھادىسىلەر نوقۇل بىر نەپسى بالا پەسكەشنىڭ ئەخلاقىي سەتچىلىكى، ياكى بولمىسا سەتچىلىكنى يوشۇرۇش يولىدىكى تەھدىد ۋە قورقاق سېلىش جىنايىتى مەسىلىسىلا ئەمەس. بەلگى بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەنە، ھەم زىنا يولىغا دەسسەپ تۇرۇپ، ھەمدە يات ئەرگە سۈيىنى چىقىرىپ ئۆيىگە چىللاپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇزۇلۇپ تۇرۇپ يەنە نومۇس قىلماي بالىلىرىنىڭ دادىسى ئۈستىدىن ئەرز يېزىپ ئېرىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلىماقچى بولغان، يەنى ئوخشاش تەھدىد ۋە قورقاق سېلىشنى ماسلىشىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان بىر بۇزۇق خوتۇننىڭمۇ مەسىلىسى. ئەرنىڭ سادىر قىلغان سىياسىي سەتچىلىكنىڭ نېمە بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلىش تەس ئەمەس. بۇنى ھەر تەرەپلىمە ھېساب كىتابىنى قىلىۋېلىش تامامەن مۇمكىن بولۇپ، ۋاقىت مەسىلىسى خالاس! ئىشنىڭ سىياسىي سەتچىلىك قىسمىنىڭ قانداقتۇر تېنىۋېلىپ ياكى ئولاش - چولاش يېپىق قازان پېتى تۈگىتىۋەتكىلى بولمايدىغان باسقۇچتا ئىكەنلىكى ئېنىق ھالەتتە. ھەم مەسىلىنىڭ سىياسىي سەتچىلىك قىسمى ئۆز ئالدىغا ئايرىم توختىلشىمىزنى تەلەپ قىلىدىغان زىل بىر تېما. شۇڭا ئىشنىڭ باشقىچە ۋارىيانتلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى مەيدانغا چىقىشتىن بۇرۇن ھازىرچە ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقىنى ئۇۋاللىققا ئۇچرىغان، ۋىدىيولۇق ئىپادىسىدىنلا قايسى دەرىجىدە روھىي زەربە ئالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرغان دادىنىڭ، يەنە كېلىپ پاكىت كۆتۈرۈپ چىقىپ دەۋا قىلىۋاتقان داۋاگەر ئەرنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى. شۇڭا دەسلەپكى قەدەمدە قىلىدىغان ئىش مەزكۇر بۇزۇق خوتۇننىڭ بۇ دەرىجىدە شاللاقلىشىپ تاپتىن چىقىشىغا، بىر ياندىن ئائىلسىگە داغ چۈشۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ يەنە ئەزۋەيلەپ ئېرىنى سولىتىۋېتىش قەستىدە يۈرۈشىگە قارىتا جەمئىيەتنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى، ناھەقچىلىققا يول قويماسلىقى ۋە بۇ خۇسۇستا ئاياللار توپىنىڭ، بولۇپمۇ ئانىلار توپىنىڭ، شۇنداقلا كوللېكتىپنىڭ دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ئۇۋۋاللىق ئاستىدا مۈكۈنۈشكە مەجبۇر قېلىۋاتقان ئەر ئۈستىدىكى مەزكۇر ناھەق ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئەمەلىلەشتۈرۈش، شۇنداقلا ئۇۋۋاللىققا ئۇچرىغۇچى مەزكۇر ئەرنىڭ قانۇن ۋە ئادالەت پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئۆزىنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغدىشىغا، پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىشىغا پۇرسەت يارىتىشقا سەپەرۋەر بولۇشىدۇر. ھەمدە مەزكۇر ئۇۋاللىققا ئۇچرىغۇچىغىمۇ، كۆز ئالدىمىزدىكى پاكىتلار بويىچە جاۋابكار زىناخور جۈپلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا باراۋەر پۇرسەتكە ئېرىشكەن ھالدا قانۇنىي ھەق - ھوقۇقتىكى مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىقلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىگە ۋە خۇلاسىسىگە قارىتا بىخەتەر مۇھىت ۋە يول ھازىرلىنىشىدۇر. دەرۋەقە، ھازىرقى ئەھۋالدىنمۇ مۇھاجىرەتنى پەرىشان قىلىۋاتقان، ئىشەنچنى ۋە ھۆرمەتنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان بۇ تۈرلۈك ھادىسىلەرگە ۋە بۇ ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارغا قارىتا كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭمۇ بەلگىلىك پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. قالغىنى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ بۇ خۇسۇستىكى پىكىر مۇلاھىزىلەر ئۆكسىمىگۈسى ۋە بۇ مەسىلىگە بولغان كۆزىتىشلىرىمىز داۋام قىلغۇسىدۇر.
17-02-2025
-بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى

Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»