چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى
چەيلىنىۋاتقان ۋەتەن ئەھدى
ھۆكۈمالاردىن بىرىگە «كىشىنىڭ ۋاپادارلىقى نېمە بىلەن ئۆلچىنىدۇ ۋە بۇنى نېمىگە ئاساسلىنىپ بىلگىلى بولىدۇ؟» دەپ سوئال قويۇلدى. ھۆكۈما جاۋاب بەردى: «ئۇنىڭ ۋەتىنىگە (يۇرت - ماكانلىرىغا) بولغان ئوتتەك سېغىنىشىدىن، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقتىغا قاراپ ئۆكۈنۈشىدىن بىلگىلى بولىدۇ».
دەرۋەقە، كىشىنىڭ ئۆزى ۋە ئەتراپىنى باغلاپ تۇرىدىغانلارغا ۋاپاسىنى ئىپادىلىشى، ۋاپادار كۆرۈنەلىشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى مۇناسىۋەت زەنجىرى، ئۇرۇق - تۇغقانلىق رىشتى، دوست - بۇرادەرلىك قائىدە - يوسۇنلىرى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل شارائىتلارغا بېقىنغان ھالدا كۆرسىتىلگەن ۋاپانى سىناقتىن ئۆتكەن، سەمىمىيلىكىگە شەك چۈشمىگەن، رىيادىن خالىي بولغان ۋاپا دېگىلى بولمايدۇ. مەرد مەيداندا سىنالغىنى كەبى ۋاپانىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىمۇ پىراگماتلاشمىغان، مەنپەئەت ياكى رىياغا ياتمايدىغان رەۋىشتە خالىسلىقىنى نامايان قېلىشى زۆرۈر. مۇساپىرانە ھايات، سۈرگۈن تۇرمۇش، ھىجرانلىق دەملەر بولسا، خالىسلىقنى نامايان قىلىشنىڭ پۇرسىتى. سەمىمىيەتنى كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان مەزگىل. ۋاپا بولسا سەمىمىيەتنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن كېلىدۇ. ۋەتەن مېھرى، قېرىنداشلىق رىشتى ۋە ئۇنىڭدا ئۆتكەن ئۇنتۇلغۇسىز كەچمىشلەر بولسا، ئۇشبۇ مەزگىلدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ، كىشىنىڭ ئەس - خاتىرىسىنى غىدىقلاپ تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ چاغدىكى سېغىنىشمۇ، سۆيۈشمۇ، ئەسلەشمۇ چىن بولىدۇ. ۋاپا خۇلقى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھىجراندىن كېيىنكى سېغىنىش ئوتىمۇ شۇنچە لاۋۇلداپ تۇرىدۇ. تەن ھەرجايدا بولسىمۇ، ئەمما ئوي - خىيال ۋەتەندە، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتتا، ئۇنىڭدىكى ئەسلىمىلەردە، رىشتىلەردە بولىدۇ. ئاخىرقى نەپەسنى ئۇنىڭدا بېرىش، ئۇنىڭغا قايتىشنىڭ كويىغا چۈشۈش، ئۇنىڭ تۇپرىقى ئاستىغا كۆمۈلۈش، ھەسرەتتە ياشاش، ھەمدە ئۇنىڭدا ياشناشقا تېگىشلىك ھۆرلۈك ۋە ئىززەتنى، قەدىر - قىممەتنى سېغىنىپ ئۆتۈش ۋە بۇ يولدا تېپىرلاش ئۈزۈلمەيدۇ. دانىشمەنلەرنىڭ ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىنى ۋەتەن سۆيگۈسىگە، يۇرت مۇھەببىتىگە، يار - بۇرادەرلەرگە مۇشتاقلىققا باغلاپ تارازىلاشنى تەۋسىيە قىلىشىنىڭ ھېكمىتى ئەنە شۇنىڭدىندۇر.
ۋاپا خۇسۇسىدا مەشھۇر ئالىم ئىبنى مۇفلىھ ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت ئەھلىنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن بىرىنىڭ: «ئەھدەمگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ياشىغاندىن چۆلدە سۇسىز قېلىپ ئۆلۈشنى ئەلا بىلىمەن» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. مانا بۇ ۋەھيى ئارقىلىق جاھالەت تامغىسى بېسىلغان بىر جەمئىيەتتىمۇ كىشىلەردە ۋاپا خۇلقىنىڭ بولغانلىقىنى، ھاياتنىڭ ھەربىر دوقمۇشلىرىدا ۋاپا ئەخلاقىدىن ئايرىلىپ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دەرۋەقە، ۋاپادارلىق شوئۇرى ئەمەلىي تۇرمۇشتا رولىنى يوقاتسا، پىرىنسىپاللىقى بولمىسا، ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئاجرىسا، سۆزلىنىدىغان ئەمما ئىش - ئەمەلدە، ھەرىكەت ۋە تۇتۇمدا سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاراكتېرسىزلەشسە بۇنىڭ جەمئىيەتنىڭ يىمىرىلىشىگە، جەمئىيەت ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە چېتىپ تۇرىدىغان مۇھىم ھالقىنىڭ ئۈزۈلۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ. چۈنكى، ۋاپادارلىق يالغۇز خۇلق ۋە خاراكتېردىن مەيدانغا كېلىدىغان خىسلەتلا ئەمەس. ئۇ يەنە ئىنساننىڭ پېئىل - ئەتۋارلىرىنىڭ ھەممىسىدە يوشۇرۇن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ئالاھىدە تۈرتكە. ئادىمىيلىك ئەخلاق مىزانىدا ئىنساننىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلغۇچى شەرەپ، ئىززەت، ئۇلۇغۋارلىق، سۇباتلىق، ئىپپەت، ساداقەت، مەردلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە شىجائەت قاتارلىق بىر قاتار ئەخلاق مىزانلىرىنىڭ ھەيدەكچى ئامىلى. ئاتىنى ئەۋلادىغا، ئانىنى بالىغا، بالىنى ئائىلىگە، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر - بىرىگە، مەھەللىنى رايونغا، خەلقنى يۇرت - ماكانغا باغلاپ تۇرغۇچى رىشتە ئىنساندىكى ۋاپا خۇلقىدۇر. ئائىلىلەردىن تەركىبلەنگەن جەمئىيەتنىڭ زەنجىرسىمان ۋە قاتلاملاشقان چوڭ گەۋدىسىنى مۇستەھكەملىگۈچى ئۇل - پىرىنسىپلاردىن بىرىمۇ دەل مۇشۇ ۋاپا خۇلقىدۇر. بىر توپلۇمنىڭ جەمئىيەت ھالىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشى ئارقىسىدا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدا بىر - بىرىگە ئىگە چىقىش، ھەمدەم بولۇش، ئۇيۇشۇش، پۈتۈنلۈكنى ساقلاش، ئاسايىشلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنىڭ ئورۇندىلىشى بار دېسەك، بۇ مەسئۇلىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئانا خۇلق مەزكۇر جەمئىيەت روھىدا يىلتىز تارتقان ۋاپا شوئۇرىنىڭ تىرىكلىكىدىندۇر. ئوخشاشلا يىمىرىلىشكە يۈزلەنگەن، چۈشكۈنلۈككە پاتقان ۋە پارچىلىنىشقا يۈزلەنگەن بىر جەمئىيەت، بىر ئائىلە، بىر توپلۇم مەيدانغا كەلگىنىدە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە ۋاپا خۇلقىنىڭ ھاياتىيلىقىدىن شۈبھىلىنىشكە بولىدۇ. ۋاپا خۇلقىغا تويۇنمىغان جەمئىيەت ئۆلۈك جەمئىيەتتۇر. بۇنداق جەمئىيەتتە مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ئومۇملاشمىغان، بىر-بىرىگە تارتىشىپ ياشاش، بىر - بىرىگە خىزمەت قىلىپ، بىر - بىرىنى قامداپ ياشاش ئېڭى بولمايدۇ. بىر - بىرىگە موھتاجلىقىنى، ئوخشاش تىل، دىن ۋە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى ئاساسىدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىغاندىلا بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت، بىر خەلق سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭقىرىپ ياشاشتەك ئەقەللىي بولغان ئىنسانىي روھ يوقىغان، يوقسۇزلاشقان، مەسئۇلىيەتسىزلىك باش كۆتۈرگەن بولىدۇ. بۇنداق روھسىز جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن ۋەتەن ئۈچۈن ساداقەت، مەسئۇلىيەت، پىداكارلىق، مۇھەببەت كۈتۈپ بولسۇنمۇ؟!
دەرھەقىقەت، ۋاپادارلىق كىشىنىڭ ئادىمىيلىك ئەخلاقىنىڭ سىناق تېشى. ۋەتەن سۆيگۈسى، ۋەتەنگە خىزمەت، ۋەتەننى ئەزىزلەش بولسا، ۋاپادارلىقنىڭ سىناق تېشىدۇر. بۇنى ئەڭ يارقىن ۋە سەمىمىي رەۋىشتە ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ۋىجدانىي جاۋابكارلىقلارغا قارىتا رىياسىز ھالدا جاۋاب قايتۇرغىلى بولىدىغان مەيدان ۋەتەن ھىجرانىغا مۇپتىلا بولغان زامان - ماكانلاردۇر. ناۋادا سىزدە تېپىرلاش توختىغان، ئۆزگە يۇرتنىڭ، ئۆزگە ئىقامەتگاھلارنىڭ قەغەز يۈزىدىكى «ۋەتەنداش» قىلغانلىق رەسمىيەتلىرى، خاتىرجەم بىر ئەلدە قورساق توقلۇقى ياكى شۇنىڭ ھەلەكچىلىكىگە باغلىنىپ ئۆتۈۋاتقان ئۆمۈر سىزنى ۋەتەنگە ۋاپادارلىق كۆرسىتىشتىن توسۇپ قويسا، ئەكسىچە ۋىجدانى مەسئۇلىيەتلىرىڭىزنى سۇسلىتىشتىن باشقىغا يارىمىسا، ئىتتىن كېلىدىغان ۋاپاچىلىك سۈكۈتنى بۇزدۇرالمىسا، ساداقەتكە چاقىرالمىسا بۇ سىزدىكى كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاپادارلىقتىن يوقسۇزلىشىپ بولغانلىقىنى ئىشارەتلەيدۇ. ئەگەردە ھاياتنىڭ ئەگرى توقايلىقلىرى ئارا راھەتلىك ئىزدەپ كېتىۋاتقان، ياكى جان ساقلاشتا ئۆتۈۋاتقان بۇ پەيتلەر سىزنى ۋەتەن سېغىنىشىدىن مەشغۇل قىلىۋاتقان، شۇنداق تۇرۇپ سىز بۇنىڭ پەرقىگە بارماستىن جاھاندارچىلىققا كىرىپ كېتىۋاتقان بولسىڭىز، ياكى ۋەتەننىڭ زىيىنىغا قاراپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ سېپى سىزنى جەلپ قىلىپ كەتكەن، خىيانەتچىلەر سېپىنى تاشلاشقا جۈرئەت قىلىشتىن، ۋەتەن ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىشتىن قېچىپ ياشاۋاتقان بولسىڭىز، بۇ سىزنىڭ ۋاپادارلىق ئەردەملىرىگە رىئايە قىلىدىغان «ئەركەكلىك»، «مەردلىك» ۋەسپىنىڭ قارىمۇقارشىسى بولغان ۋاپاغا جاپا سالىدىغان «خوتۇن» ۋەسپىدىكى بىرىگە ئايلىنىپ قېلىش بىلەن ئىت مىسالى ۋاپادارلىقنى جارى قىلدۇرغۇچى ئارىسىدا قارارسىز قېلىۋاتقان بېرىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسكە سېلىشقا يېتەرلىك. ۋەتەندىكى ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ سۇسلاۋاتقانلىقى، ئانا تۇپراقتا ئۆتكەن ئاشۇ ئۇنتۇلغۇسىىز كەچمىشلەرنىڭ سىزنىڭ پىنھان دەقىقىلىرىڭىزدە يۈرەك تارىڭىزنى چەكمەس بولۇپ قېلىشى، نېمە ئۈچۈن قايتالماس پالاندى - قوغلاندىغا، سۈرگۈندىگە ئايلىنىشقا مەجبۇر قالغانلىقنىڭ ۋاپا تۇيغۇلىرىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى چەككە كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقى، يۇرت - ماكانلىرىڭىزغا كەلگۈندى بولۇپ زورىغا كەلگەنلەرچىلىك ئادەم مۇئامىلىسىگە ئېرىشەلمەس بولۇپ قېلىشنىڭ غورۇرىڭىزنى بىئارام قىلماسلىقى، ھۆر ئىرادە بىلەن كىرىپ، يەنە ھۆر ئىرادە بىلەن قايتىپ چىقىشتەك ئەقەللىي ھەقنىڭ قولىڭىزدا بولماسلىقىغا ئىچىڭىزنىڭ پۇشماس بولۇپ كېتىشى ۋاپا تۇيغۇسىدىن روھىڭىزدىن ئېرىغدىلىۋاتقانلىقنىڭ سىگناللىرىدۇر. بولۇپمۇ، رىۋايەتلەردىكى ئايلىق باسىدىغان مۇساپىلەرنى سائەت ۋە دەقىقىلەرگە سىغدۇرىدىغان تىلسىملار يېشىلگەن، رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان بىر زاماندا تۇرۇپ سىز بىلەن ۋەتەن ئارىسىغا ھاڭنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ سىرلىرى سىزنى قىزىقتۇرمايدىغان بولۇپ قېلىشى، يار ۋە قېرىنداشلىقلارنىڭ سىز ئۈچۈن ئەسلەشكىمۇ ۋاقىت چىقارغىلى بولمايدىغان كىمەرسەلەر بولۇپ قېلىشى قاتارلىقلار ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ ئىت ۋاپاسىدىنمۇ تۆۋەن بىر ياشام يولىدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزغا سىگنالدۇر.
خۇلاسە كالام: ۋەتەنگە مەنسۇپلەنمەك ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەنگە خىزمەت ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەنگە پىداكارلىق ۋاپادارلىقتۇر؛ ۋەتەن بىزگە ئاۋات قىلىشىمىز ئۈچۈن، ئورۇنباسارلىق مەسئۇلىيىتىمىزنى بەجا كەلتۈرۈشىمىز ئۈچۈن، كەلىمەتۇللاھنى ئۈستۈن قىلىپ، ئىنساندەك ياشىشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز ئۈچۈن بېرىلگەن ئاللاھنىڭ ئامانىتىدۇر. ئامانەتنى تاپشۇرۇپ ئالماق ئۆز نۆۋىتىدە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ئەھدى قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى تاجاۋۇزچىغا يەم قىلماسلىقنى، قەدىر - قىممىتىنى دەپسەندە قىلغۇچىغا يول قويماسلىقنى، بىزنى ئۇندىن ئايرىشقا، ئۇنى بىزدىن ياتلاشتۇرۇشقا، بىزنى ئۇنىڭ باغرىدا ھۆر ياشىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىشقا تۇتۇنغۇچىغا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانا بۇ ۋەتەن ئەھدىسىدۇر، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش بۇرچتۇر، ساداقەتتۇر، ئەركەكلىكتۇر. ئەھدىنى ئۇنتۇش بولسا، ۋاپاسىزلىقتۇر، ساداقەتسىزلىكتۇر. ئۇنى زايە قىلىش خىيانەتتۇر. ۋاپاسىزلىق ۋە خىيانەت ئارىسىدا دەۋرى قىلىپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئامانەت كۆز ئالدىمىزدا ھالاكەتلىك خەتەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامانەتلىك ۋەتەن ئىپادىلەپ بولغۇسىز دەرىجىدە قاباھەتلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلىرىدە ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالغان ھەقىقىي ساداقەتپەرۋەر ساھىبلىرىنى سېغىنماقتا. ھۆرلۈك يولىدا قېنىنى ئاققۇزغان، بارلىقىنى پىدا قىلغان قەھرىمان شەھىدلىرىنى ياد ئەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرىدىن ۋاپا مىزانىغا ئولتۇرغۇزغىلى بولغىدەك جاراڭلىق سادانى كۈتمەكتە. تاجاۋۇزچىلارنىڭ دەھشەتلىك دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا بارلىقىنى ئاتىغان، ۋاپادارلىق شۇئۇرى ئۆلمىگەن سادىق قوشۇننى ساقلاپ تۇرماقتا. بولمىدى دېگەندە دۇچ كېلىۋاتقان خەتەرنىڭ رىتىمىنى بولسىمۇ ئاستىلىتىشقا يارايدىغان، بازارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەمەس، خەتەرنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ ئىش تۇتۇشىنى، بۇنىڭدىنمۇ ئەدەشكە يۈزلىنىۋاتقان خەتەرگە ئالدىن توغان سېلىشنى بىلىدىغان ئاۋانگارتلارنى، ۋاپادارلىقىنى «قاۋاش» چاغلىق ھەققانىي پوزىتسىيە بىلەنمۇ بولسا ساھىب چىقىشنى ئويلايدىغان ۋاپاكار ۋەتەن مەنسۇبلىرىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder