چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت
چىرىك روھ ۋە «قورۇق»چى زېھنىيەت
1
كىرىزىس ۋە چارە ھەر ۋاقىت سەۋەب - نەتىجە مىسالى بىرى يەنە بىرىگە مۇقەددىمە بولۇپ كېلىدىغان، بىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىككىنچىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىجتىمائىي تەرتىپلەردۇر. بۇ خۇددى ئىنسان تېنىنىڭ نورمال قانۇنىيىتىنى، ساغلاملىق فۇنكسىيەسىنى بۇزغۇچى مىكروبلارنىڭ مۇداخىلىسى سەۋەبلىك بەدەندە ھەربىي ھالەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە، بۇزغۇنچى ماددىغا قارشى ئىممۇنىتېت ھازىرلاشقا ئۇرۇنىشىغا ئوخشاش تەبىئىي رېفلېكس (قايتۇرما ئىنكاس) دۇر. دورا، شەربەت ۋە غىزايى قۇۋۋەتلەر مەزكۇر رېفلېكس ئۈچۈن ياردەمچى قوشۇن، مىكروبلارغا قارشى قۇرۇلغان ئىستىھكامنى كۈچەيتكۈچى ھەمدەمچىلەردۇر. تەن ئىممۇنىتېتى ئەگەر ئۆز ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان بولسا، يەنى بۇزغۇنچى ۋىرۇسلارغا قارشى ئىچىدىن ئىستىھكامى كۈچلۈك، مىكروبلارغا قارشى ئالدىن تەييارلىقى پۇختا، تەننىڭ تەربىيەسى ساغلام بولغان بولسا، تەنگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ھالسىراتقۇچى مىكروبلارغا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا، قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى شەربەت ۋە ئوزۇقلۇقلارغا ئېھتىياجى قالمايدۇ. بار بولغان ئىچكى قۇۋۋەت مىكروبلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تالاپەتلىرىگە قارشى تاشقى ھەمدەمچىسىز ھەمدە قۇۋۋەت ۋە غىزالارسىزمۇ تاقابىل تۇرۇپ كېتەلەيدۇ. شۇنداقلا بىر ياندىن تاقابىل تۇرسا، يەنە بىر ياندىن مەزكۇر ھۇجۇمچى مىكروبلارغا قارشى كۈچ سېپىلى، بىخەتەرلىك تېمى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشىدۇ. نەتىجىدە بۇ سېپىل ۋە كۈچ زاپىسى تەننىڭ ئوڭايلا ھالسىزلىنىپ يەرگە يىقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۈنىمىزدە ۋاكسىنا دېيىلىۋاتقان ئوكۇلنىڭ رولىمۇ داۋالاشتىن كۆرە مىكروب ۋە ۋىرۇسلارغا قارشى بەدەندە بىر تۈرلۈك مۇداپىئە ئىستىھكامى قۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، مانا بۇ قەدىمكىلەرنىڭ: «كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئۇنى داۋالايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندىن ئەۋزەل» دېگەن سۆزى ئارقىسىدىكى ھېكمەتنىڭ سىيمالىرىدىن بىرى. خۇددى شۇنىڭدەك ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي كىرىزىسلىرىمۇ، جەمئىيەتنى جەمئىيەت قىلىپ تۇرىدىغان، مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئىچكى قۇرۇلمىلىرىغا كېلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىق ۋە كۆرۈنمەس ۋابالارنىڭ ۋەزىيىتىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر جەمئىيەت ۋە مىللەت دېيىلىۋاتقان بۇ «كوللېكتىپلاشقان ئىنسان»نىڭ ئىچكى ھۈجەيرىلىرى بولمىش دىن، مەدەنىيەت، كۈلتۈر ۋە ئەنئەنىلىرى نورمال فۇنكسىيەسىدىن چىقىپ كەتكەن، ھەرىكەتچانلىقىنى يوقىتىپ يېڭىلىنىش روھى چىرىگەن ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان، ئىچىدىن خورىغان، تاشقى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىنى يوقاتقان، كىرىزىسلارغا قارشى تاقابىل كۈچى ياكى ئۇنىڭغا قارشى كۈچ، ئەقىل ۋە تەدبىر ئىشلەپ چىقىرىشتەك تەبىئىي رېفلېكسى كاردىن چىققان بولسا، ئۇنىڭ تاشقى ھۇجۇم ئالدىدا ئاسانلا ھالسىرىشى، بىتاپ بولۇپ يېقىلىشى مۇقەررەر. مۇئەييەن قارشىلىق روھى بولدى دېگەندىمۇ ئومۇميۈزلۈكلىشەلمىگەن، بەدەننىڭ بىر بۆلۈكى ئاغرىسا، جىمى ئەزاسى تەڭ سىگنالغا ئۆتۈپ ئاغرىق سىگنالى بېرىدىغان ھالدا بولمىسا، تەننىڭ بىتاپ چۈشكىنى كەبى جەمئىيەت ياكى مىللەت ياكى ئۈممەتتىن ئىبارەت «كوللېكتىپ ئىنسان»نىڭ بىتابلىققا مەھكۇم بولۇشى ۋە يىقىلىشى مۇقەررەر. ئىچىدىن بىتابلىق چىرمىۋالغان تەننىڭ ئورنىدىن دەس تۇرالىشى مۇمكىن بولمىغاندەك، زېھنىيەت ۋە روھىيىتى بىتابلىققا پاتقان جەمئىيەت ياكى خەلق توپىنىڭ بىر بىنا، بىر تەن مىسالى ئۇيۇشالىشى، قەد كۆتۈرەلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئىچكى يىمىرىلىشقا دۇچ كەلگەن بىر قەۋمنىڭ بىتاپلىقىنى تۈگەتمەي تۇرۇپ يېقىلغان يېرىدىن تۇرالىشى، ئۆز ھالىدىن ئېشىپ ياۋغا قارشى سەپ تۇتۇپ كۈرەش قىلىشتا قورغان ۋە سېپىل مىسالى زەبەردەس بولالىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟!
2
مۇتەپەككۇرلار ئېيتىدۇكى: ئۇخلىغان ئادەمنى ئويغىتىش ئاسان، لېكىن ئۇخلىغان بولۇۋالغان ئادەمنى ئويغاتماق مۈشكۈل. دەرۋەقە، ئۇخلاش بىلەن ئۇخلىغان بولۇۋېلىش ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. ئۇخلاش ۋە ئۇيقۇغا كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ كۆرۈنەرلىك سەۋەبلىرى بەدەندىكى چارچاش، ھاردۇق بېسىش، دورا ياكى بىرەر بىھوش قىلغۇچى ماددا قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بولۇشى ۋە بۇ تەسىرلەر تۈپەيلى كىشى ئۇيقۇغا كېتىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ئۇيقۇ ھامان ۋاقىتلىق. ھەمدە بۇنداق ئۇيقۇنى تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، ياكى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ياكى سەگىتىش قاتارلىق مۇئەييەن ئۇسۇللار بىلەن ئۇيقۇغا قارشى چارە قوللىنىش، ئويغىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. لېكىن ئۇخلىغان بولۇۋالغاننىچۇ؟ كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئۇنىڭ بۇ ساختا ئۇيقۇسى ئۇيقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا. دېمەك، ئۇنىڭ مەسىلىسى تەبىئىي ئەمەس، بەلكى ياسالما. ئۇنىڭ ئۇيقۇسى سۈنئىي ئۇسۇلدىكى ئۇيقۇ بولماستىن، ئىرادىسى ۋە ئىستىكى ئاساسىدا شەكىللەندۈرۈۋالغان ئويدۇرما ئۇيقىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭ كاشىلىسى تەبىئىي ياكى سۈنئىي ئۇسۇللارغا ئاساسلانغان سىرتقى ئامىللاردا بولماستىن، بەلكى ئۇنى ئۇخلىغان بولۇۋېلىشنى چارە - ئامال قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان زېھنىيىتىدە، شۇنداق بولۇشنى ئىستەۋاتقان روھىيىتىدە، ئۈندەۋاتقان ئىرادىسىدە ۋە ۋۇجۇدىدا.
يۇقىرىقى مېتافورادىكى «ئۇخلىغان كىشى»نى غەپلەت باسقان، كېلىۋاتقان خەتەردىن غاپىل قالغان، شۇنداقلا ئەتراپىدا بولۇۋاتقان پاجىئەلەرنى، باشقا كەلگەن ياكى كەلگۈسى كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خېيىم - خەتەرلەرنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن كىشىنىڭ مىسالىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. «ئۇخلىغان بولۇۋالغان كىشى»گە كەلسەك، ئۇ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ھالدا زېھنىي كونترولغا چۈشۈپ قالغان، مۇستەقىل روھىي يوق، ئۆزلۈك خاراكتېرىنى يوقاتقان، بولۇۋالغان كىشىنىڭ مىسالىدۇر. بىرىنچى خىل كىشىگە، يەنى غاپىل ئىنسان مېتافوراسىغا رىۋايەتلەردىكى ساھابە ئۆمەر دەۋرىدە دۈشمەن پىستىرمىسىغا قاراپ كېتىۋاتقان قوشۇن قوماندانى سارىيە ئىبنى زەنىمگە ئوخشاتساق، ئىككىنچى خىلدىكى كىشىگە، يەنى «بولۇۋالغان ئىنسان» مېتافوراسىغا «مىراسخور» فىلىمىدىكى ئەسمەتخان ئوبرازىنى مىسال قىلىش مۇمكىن. ھەزرىتى ئۆمەر ھېكايىسىدە ئۆمەر تاغ باغرىدا پىستىرما قويۇپ مۆكۈپ ياتقان دۈشمەننى ئالدىن كۆرۈپ يېتىدۇ ۋە قوشۇن بېشى سارىيەگە قارىتىپ: «ئەي سارىيە، تاغدىن ھەزەر!» دەپ توۋلايدۇ. يەنى ئۆمەر قوشۇننىڭ ئەقلى بولغان قوماندانغا سېگىنال بېرىدۇ. قوماندان (ئەقىل) غەپلەتتىن سەگىپ قوشۇن (ۋۇجۇد)نىڭ تىزگىنىنى دەرھال تارتىدۇ، دە، غاپىل ھالدا دۈشمەن توزىقىغا چۈشۈپ كېتىشتىن ئامان قالىدۇ.
مەشھۇر شائىر، شۇنداقلا ئىستېداتلىق يازغۇچى ھەمدە ئوبزورچى ئەمجەد ئىسلام ئەمجەد تەرىپىدىن قەلەمگە ئېلىنغان «مىراسخور» ھېكايىسىدىكى ئەسمەتخان ئوبرازىغا كەلسەك، ئۇ تىپىك شالغۇت زېھنىيەت ئىدىيەسى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر پىراگماتىستچى كاپىتال فېئودالىست. ئۇ ئۆزلۈكىدىن ياتلاشقان ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن بىر ئائىلىدە يېتىشكەن، تۈگەل مۇستەملىكىچىنى چوڭ بىلىشنى، ئۇنىڭ كۈچىدىن نېسىۋېلىنىشنى ياكى ئۇنىڭ ياراتقان ئاتموسفېراسىدىن ئېرىشكەن كۈچ، نوپۇز ۋە بايلىققا تايىنىپ خوجايىنلىق يۈرگۈزۈشتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ماڭقۇرت زېھنىيەتنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت ئىدىيەسى پۈتۈنلەي تەسلىمىچىلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىبنى خەلدۇننىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، غالىب كۈچنىڭ ھەممە نەرسىسىگە قارا قويۇق چوقۇنىدىغان، ھەممە جەھەتتىن ئۇنىڭدەك بولۇشقا جان ئاتىدىغان مەغلۇپ (شالغۇت) شەخسىيەتتۇر. ئۇ ئەنە شۇنداق زېھنىي ئاسارەتكە پاتقان ئائىلە مۇھىتىدا يېتىشكەن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ھەر ۋاقىت مۇستەملىكىچىنىڭ تەبىقىچىلىك ئىدىيەسى بىلەن تارازىلايدۇ، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىمۇ مۇستەملىكچىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن ئۆلچەپ ماڭىدۇ. ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلەرگە جان تىكىپ خىزمەت قىلىشى سايىسىدە ئېرىشكەن مۈلۈك، نوپۇز ۋە كۈچنى چوڭ بىلىدۇ، مۇستەملىكىچىلەر تەقسىملەپ بۆلۈپ بەرگەن يەر - جايلارنى ئۇ يەردىكى ئادەملەر بىلەن قوشۇپ ئەزەلىي مۈلكى، قۇل - چۆرىلىرى ھېسابىدا قارايدۇ. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ سايىۋىنى ئاستىدا قولغا كەلگەن بايلىق ۋە مۈلۈكنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەتتا بۇ ئۇلۇغلاش ئۇنىڭدا شۇ قەدەر مۇقەددەسلەشكەن ئىدىكى، مۇستەملىكىچىلەر ئۇنىڭ ۋەتىنىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئۇلاردىن بەخشەندە قالغان مۈلۈك ۋە زۇلۇم بىلەن قولغا كەلگەن ئائىلەۋى مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىشنى، ئاتا - بوۋىسى مۇستەملىكىچىدىن تەقسىملەپ ئالغان ۋە ئۆزىگە مىراس قىلىپ ئۆتكۈزۈۋالغان بويىچە ئەبەدىي ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇش خام خىيالىنى سۈرىدۇ. ئۇنى ئىلىكىدىن چىقىرىپ قويماسلىقنى ھاياتىي بۇرچى بىلىدۇ. ئۇنىڭ «قورۇقى» ئەنە شۇ تەقسىملەپ بېرىلگەن مىراسلاردىن بولۇپ، قۇرۇقتىن باشقا جايلار ئۇنىڭ ئۈچۈن يات ماكان. شۇڭا ئۇ ھە دېگەندە شەھەرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. چۈنكى قورۇقنىڭ سىرتى ئۇنىڭ ئىلىكىدە ئەمەس، قورۇقنىڭ سىرتىدا ئۇنىڭغا قۇللۇقىنى ئىپادىلەيدىغان ئاجىزلار، ئىنگلىزلاردىن تەۋەررۈك قالغان ئاتا مىراس باي - غوجاملىق ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلار يوق. ئۇ قورۇقتىكى سەلتەنىتىنىڭ شەھەرگە كىرىش بىلەنلا خاسىيىتىنى يوقىتىدىغانلىقىنىڭ پەرقىدە بولغاچ ئىزچىل ھالدا «قورۇق»تا شەكىللىنىپ كەلگەن مۇستەبىت تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. ئاق - قارىنى پەرق ئېتىپ قالغان، مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ قالغان، ئويغىنىش كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلارنى كۆزدىن يوقىتىشتا ۋاسىتە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ. ئۆز تەۋەسىدىن مۇھەممەد رەشىدكە ئوخشاش ئاق - قارىنى پەرق ئېتىپ قالغانلارنى ھەيدەش كويىدا بولىدۇ، ئۇنىڭدەك ئۆز قارىشىنى دادىل دېيەلەيدىغانلارنى ئاتالمىش بىرلىك - باراۋەرلىكنى بۇزغۇچى، بۆلگۈنچى ھېسابلاپ توختىماي تەھدىت ياغدۇرىدۇ. ئۇنىڭدەكلەرنى ئارىدىن سىقىپ چىقىرىۋېتىشنى، زورلۇق ئىشلىتىپ قورۇقتىن ھەيدەپ چىقىرىشنى پىلانلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «قورۇق»تا يىلتىز تارتىپ كەتكەن مۇستەبىت سىستېمىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان، ئاقارتىش ئېلىپ بارىدىغان ھەرقانداق بىرىنى ئۆزىگە تەھدىت قاراپ ئۇنى قورۇقتا تۇرغۇزماسلىقنىڭ قازىنىنى ئاسىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە «قورۇق» گۈللەپ ياشنىتىشقا تېگىشلىك ئانا ۋەتىنىنىڭ پارچىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ چوڭ كۆرىدىغان «ئىنگلىز» مۇستەملىكىچىلەردىن ئاتا - بوۋىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىگە قالغان مۈلۈك (سەلتەنەت)نىڭ، مۇستەملىكىچى تەقسىملەپ بەرگەن مىراسنىڭ بىر ئۈلۈشى. مۇنداقچە ئېيتقاندا زېھنىيىتىدە چوقۇنۇپ كەلگەن ئۇ مۇستەملىكىچىنىڭ ئىزىنى، سىمالىرىنى يادقا سېلىپ تۇرغۇچى، ئۇنىڭ ياققان ئوتىنى ئۇچقۇنلىتىپ تۇرغۇچى شامچىراغ. شۇڭا ئۇ ھە دېگەندە ئۆز دۆلىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدىن ئاغرىنىدۇ، ئەتراپىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىدىن بىئارام بولىدۇ، ئەقىدە - ئىمانىدىن پۇتاق چىقىرىدۇ، پوزىتسىيە ۋە تۇتۇملىرىنى ئەيىبلەيدۇ. ئىككىدە بىر ئۆز ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتىكى تۈزۈلمىسىنى مۇستەملىكىچىنىڭ دەۋرىدىكى كۈنلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆز دۆلىتىنى سۆكۈپ تۇرىدۇ. ھەتتا ئۇ دۆلىتىنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئىسلاھاتلىرىغىمۇ قەتئىي ھالدا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. شۇ سەۋەب ئۇ مۇستەملىكىچىگە بارلىقىنى تەسلىم قىلىپ تۇرۇپ ئېرىشكەن سىمۋوللۇق «قورۇق» ۋەتەن ۋە مىللەتكە كېرەكلىك بولغان پەيتلەردە ئىككىلەنمەي رەت قىلىش، قورۇقتىن ۋاز كەچمەسلىك پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ، چاپارمەن ۋە باخشولىرىنى ئىشقا سېلىپ دۆلىتىگە قارشى نامايىشقا قۇترىتىدۇ، «قورۇق»ىنى ئەسلا دۆلەت ۋە خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن پىدا قىلغۇسى كەلمەيدۇ. شۇ قەدەر ئاگاھلاندۇرۇشلار، چۈشەندۈرۈش ۋە خىزمەت ئىشلەشلەرمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمايدۇ. ئەكسىچە ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ مۇستەملىكىچى دەۋرىدىن قالغان زېھنىيىتىدىن بىردەممۇ شاشماسلىق يولىدا تىركىشىدۇ. ھەتتا ئەگەشكۈچى باخشولىرى، ئەتراپىدىكى قولچوماقچىلىرى ئۇنىڭدىن بىر بىرلەپ ئايرىلغان، ئۆز يوللىرىغا راۋان بولغان پەيتلەردىمۇ ئۇ يەنە ئەقلىنى سىلكىگىلى ئۇنىمايدۇ. ئاخىرى بېرىپ كۈچ، نوپۇز ۋە بايلىقلىرىنى ۋەتىنىنى گۈللەندۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ مۈستەملىكىچىدىن قالغان ئاتالمىش «مىراس»قا، يەنى «قورۇق»قا ئىگە چىقىش يولىدا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، نەزىرىدە ئۇنىڭ سايىسىدە بار بولغاچ، يەنە ئۇنىڭ بىلەن يوق بولۇشنى تاللايدۇ. ئۇنىڭ قورۇقنىڭ قولدىن كېتىش ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ ئېيتقان: «قورۇق دېمەك ئەسمەتخان دېمەك؛ ئەسمەتخان دېمەك، قورۇق دېمەكتۇر»، دېگەن مەشھۇر سۆزىنىڭ ئارقىسىدىكى زېھنىيەت ئەنە شۇ ماڭقۇرتلۇق ۋە مۇستەملىكىچىسىگە ئاشىنالىق زېھنىيىتىنىڭ تۇتۇم ۋە مەۋقەلىرىدىكى ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇخلىۋالغان بولۇۋالغان، كەلكۈن كەبى خېيىم - خەتەرلەر جېنىغا بۆسۈپ كىرمەك ئۈچۈن يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتسىمۇ بىلىپ تۇرۇپ ئەقىل كۆزىنى ئاچقىلى ئۇنىمىغان كىشىنىڭ مىسالى مانا بۇ دۇر.
مانا بۇ بىر مۇسۇلمان مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇبى تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يېگانە ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا باغلاشتىن كۆرە، مۇستەملىكىچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا باغلاشنى ئەلا بىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان شالغۇت زېھنىيەتنىڭ تىراگېدىيەسى. مانا بۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى، كۈچى ۋە غالىبىيىتىنى ياراتقۇچىسىدىن ھەمدە ئۆزىنىڭ ئەل - ۋەتىنىگە سىڭدۈرگەن ئەجرى، كۆرسەتكەن خالىس مېھنەتلىرىدىن ئالماستىن، مۇستەملىكىچىسىدىن، ئۇنىڭ سايىسىدە ئېرىشكەن نوپۇز، كۈچ ۋە مۈلۈكتىن ئالغان، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئۆز بارلىقىغا باغلىغان، ئۇنىڭ سايىسىدە ئېرىشكەن تەقسىماتنى قاماللاپ بېسىپ يېتىشنى خوجايىنلىق بىلگەن، ئۇنىڭ كەبى سىنىپىي ئايرىمچىلىقنى، ئىمتىيازپەرەست ۋە تەبىقىۋازلىقنى ئۈستۈنلۈك ئابىدىسى قىلىۋالغان، نەتىجىدە مەۋجۇتلۇقىنىلا ئەمەس، يەنە ئۆزىنىڭ يوقلۇقىنىمۇ ئۇنىڭ يوقلۇقىغا باغلاپ تۇرۇپ بىچارىلەرچە ئۆلۈش يولىنى گويا تەخت ئۈستىدە ئۆلۈشكە باراۋەر قىلىپ تاللىغان تىپىك ماڭقۇرت زېھنىيەتنىڭ پاجىئەسى. ئۇ مۇستەملىكىچىنىڭ ئاخىرىقى شامچىرىغى بولمىش «قورۇق»نىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ تۈگىشىنى ئۆزىنىڭ تۈگىشى بىلەن باغلىدى. يەكۈن ئېتىبارى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇ ۋەتىنى ئۈچۈن پىداكارلىق قىلغۇچى، كۈچ چىقارغۇچى بولۇپ ئەمەس، بەلكى باشتىن ئاخىر مۇستەملىكچىلەرنىڭ بۆلۈپ بەرگەنلىرىگە، ياكى ئۇلارنىڭ سايىسىدە قولغا كەلگەن ئىمتىياز ۋە «سەلتەنەت»كە ۋارىسلىق قىلغۇچى، قورۇقتىكىلەرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن سۆمۈرۈلمەستىن مۇستەقىل ھايات كەچۈرۈشىنى، ھۆكۈمرانلىقىدىن باشقىچە پەرقلىق ۋە ئۆز ئالدىغا ھۆر ياشىشىنى كۆرۈشنى خورلۇق بىلگۈچى خار بىر تېجىمەل ھالىتىدە ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللاپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
3
مانا بۇ مۇلاھىزىلەر بىزگە، مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي ھەرىكەت ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۇخلىغاندىن كېيىنكى ئويغىنىشتىن بولۇۋاتامدۇ، ياكى ئۇخلىغان بولۇۋېلىشتىن ۋەياكى ئۆزىنى ئويغاق چاغلاشتىن كېلىپ چىقىۋاتامدۇ، دېگەنلەر ئۈستىدە سوئال قويۇش كېرەكلىكىگە، مەسىلىمىزنىڭ سىرتقى مىكروبنىڭ بىزنى بۇزۇشىدىن كۆپرەك ئىچىمىزنى قۇۋۋەتكە، تاشقى مۇداخىلە ۋە ھۇجۇملارغا قارشى سېپىل - قورغان ياسىيالىغان ياكى ياسىيالمىغانلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئۈستىدە جىددىي بىر ھېساب - كىتاب قىلىشىمىز كېرەكلىكىگە دىققەت تارتىپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى ئويغىنىش ئەگەر ئۇخلاپ قېلىشتىن كېيىنكى سەگەشتىن بولغىنىدا، كېلىۋاتقان ۋە كېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان خەتەرلەرگە قارشى تەنبىھلەر، ئاگاھلاندۇرۇشلار، تەنقىد ۋە سىگناللار، يېڭى - يېڭى پىكىر ۋە ئىسلاھات چاقىرىقلىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشى، يەكلەنمەسلىكى ۋە دۈشمەن ئورنىدا قارىلىپ ئىغۋاغا كۆمۈپ تاشلانماسلىقى، كۆزدىن نېرى قىلىشقا دۇچ كەلمەسلىكى كېرەك بولاتتى. لېكىن رېئاللىقىمىز كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى بىز ھېلىھەم ئىچكى ئىممۇنىتېتىمىزنى كۈچلەندۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىش دەيدىغان بىر دەردىمىزنىڭ ھېچ بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تەرزدە، شۇنداقلا ئورتاق مەدەنىيەت، تىل، دىن ۋە جۇغراپىيە مەنسۇبلىرى بولۇشىمىزغا قارىماي بۇ قەدەر چۇۋالچاقلىقلارغا پېتىپ ياشىشىمىزنىڭ بىنورماللىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە رايىمىز يوق ھالەتتە تۇرۇۋېتىپتىمىز. پەقەتلا دەردۇ - ئەفغانىمىزنىڭ ئۆز «قورۇق»ىمىزنى قانداق قىلىپ ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماللاپ يېتىش، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان ۋە كېلىۋاتقان ئىمتىياز ۋە مەنپەئەتلەر تاۋكاسىنىڭ چۇۋۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك يولنى مۇباھقا چىقىرىش بولۇۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغاندا كېلىش ئېھتىماللىقى يېقىن بولغان «كەلكۈن» ۋە كەلگۈلۈكلەر ھەققىدىكى ئالدىن سىگنال ۋە تەنبىھلەرگە قارىتا پوزىتسىيەلىرىمىزنىڭ قۇلاق يوپۇرۇپ بولۇۋېلىش تۈسىدە كېتىۋاتقانلىقى تۇتۇم ۋە مەۋقەلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ.
بولۇپمۇ مىللىي دەۋانىڭ خىزمەت فۇنكسىيەسىدە جىددىي مەنىدە رېلىس قىيىش يۈز بېرىشى، قىلىنىۋاتقان پائالىيەت ۋە خىزمەتلەرنىڭ بىر بولسا كېلىۋاتقان ئىمتىياز ۋە مەنپەئەتنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرىكەتلىنىۋاتقاندەك كۆرۈنۈشى، يەنە بىر بولسا، مۇھاجىرەتتىكى ئاممىنىڭ، كېلىۋاتقان ئىنكاس ياكى نارازىلىقلارنىڭ ئۇلغايماسلىقى ئۈچۈنلا مىدىرلاۋاتقانلىقتەك، خىزمەت ۋە ئۈنۈم دېيىلگەندە، ئەسلىدىن ياتلاشتۇرۇۋېتىلگەن «دەۋا» ئاتلىق داشقازاننىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي مېڭىۋاتقانلىقنى پەش قىلىشتىن ئۇياققا ئاشالمايدىغان ۋەزىيەتكە كېلىپ قېلىۋاتقانلىقتەك بىر ۋەزىيەت كۆزگە چىلىقىپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇلار مىللىي مەسىلىمىزنىڭ ھەل بولۇشىدا جىددىي مەنىدە «قورۇق»چىلىق زېھنىيىتىدىن ھالقىپ كېتىشىمىز كېرەكلىكىنى ھېس قىلمايۋاتقانلىقنىڭ، ئويغانغان كۆرۈنۈپ ئۇخلىغان بولۇۋېلىشنىڭ قازىنىنى ئېسىۋاتقانلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
چەتئەللەردە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر تۈركۈم «شامال مۇئەككەللىرى»نىڭ زامان - زامان دىققەت بۇراش تىپىدىكى سۈنئىي كۈن تەرتىپلىرى يەتمىگەندەك، ۋەتەن ۋە مىللەت دەۋاسىنىڭ ۋەتەننى مەركەز قىلىشتىن يىراقلىشىپ ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنىڭ مۈشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك دىققەت نۇقتىسى قىلىنىۋاتقانلىقى، دىنى بىلەن سامىنى ئېنىق بولغان ياكى ئېنىقلىققا يۈزلىنىپ بولغان ئىشلارنىڭ، خىيانەت ۋە نىپاقلىقلارنىڭ (تالاش - تارتىشقا ئورۇن يوق ھالەتتىمۇ) ئەتەي تەتۇر قويۇنچىلار تەرىپىدىن مەسىلىنىڭ زەنجىرسىمانلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ بۇنداق بىر بىمەنىلىكلەر، سۇ لېيىتىشلار يۈز بېرىۋاتقاندا ۋەتەن ئىچىدە يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملارنى توختىتىش، مۇستەقىللىق يولىنى داغداملاشتۇرۇش خۇسۇسىدا ھەرىكەت قىلىشقا زۇۋان سۈرىدىغانلارنىڭ «دەۋا» ئەربابلىرى ئارىسىدىن ئالدىراپ چىقماسلىقى، كۈندە دېگۈدەك ۋەتەن ئىچىدە شىددەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ بارغانچە ئوغىمىزنى قايناتماس بولۇپ قېلىشى، ئەكسىچە تارقالغان ۋىدىيولارنى پاكىتلاشتۇرۇشقا باش قاتۇرۇشتىن بەكرەك بەھرىلەش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ بۇرۇن بىلەن ھازىر ئوتتۇرىسىنى دەرىجىلەشتۈرۈش مۇسابىقىسىغا چۈشۈپ كېتىشىمىز، شۇنىڭدەك 5 – يىلىغا قەدەم قويۇلۇۋاتقان جازا لاگېرلىرى تۇتقۇنلىرى ۋە ناھەق كېسىملەرنىڭ يىلدىن يىلغا ئاۋۇۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە ئومۇمىي سىياسىي ئاتموسفېرادا كۆرۈنەرلىك ۋە نەتىجىلىك قەدەملەرنىڭ ئېلىنمايۋاتقانلىقى، ئېلىنغانلىرىنىڭ قوللاشقا ئېرىشمەي ياكى ئومۇملىشالمايۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بىزگە كۈنىمىزدىكى «قورۇق» ئىگىلىرىنىڭ راستتىنلا ئويغانغانلىقىغا قارىتا سوئال نەزىرىدە قارىشىمىز كېرەكلىكىنى سەمىمىزگە سېلىپ تۇرۇپتۇ. بۇندىن باشقا ئاتالمىش «بىرلىك»چىلىك شوئارلىرى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان دەۋاغا خىيانەت خاراكتېرلىك ئىشلارغا قارىتا (قىسمەن قارشىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ سىرتىدا) كۆپچىلىك «قورۇق»چىلارنىڭ تۇتۇملىرىنىڭ لايغەزەللەرچە تۈس ئالغانلىقى، بىر - بىرىنىڭ ئەخلىتىنى گىلەم ئاستىغا سۈپۈرۈپ بېرىشتە قول - قولچە ئۇيۇلتاشتەك ھەمكارلاشقۇچىلارغا، ئەخلەتلەشتۈرگۈچىلەرنى ۋە ئەخلەتلىرىنى قوشۇپ ئۆز ۋاقتىدا سۈپۈرۈپ ئۆز جايى بولغان ئەخلەتخانىغا ئاپىرىپ تاشلىۋېتىشقا كەلگەندە ئومۇميۈزلۈك كۆپچىلىكنىڭ ئاقكۆڭۈل گاس - گاچىلارنىڭ ئوبرازى بولمىش «ژىگو»غا ئايلىنىۋېلىشلىرى كىشىنى ھەقىقەتەن تەئەججۈپكە سالىدۇ. بۇ قەدەر رېئال ئالامەتلەر، كۆز يۇمغۇسىز ئەمەلىي ئۆرنەكلەر كۆز ئالدىمىزدا تاماشا قىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىيىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك مىسلىسىز زۇلۇمغا دۇچ كېلىشىنى قانداقمۇ ئاددىيلاشتۇرغىلى، تۈگەل غەپلەت باسقانلىقتىن، ئويغىنالماي قالغانلىقتىن دېگىلى بولسۇن؟!
بۇ يەردە يەنە شۇ زاكوننى تەكرارلاشقا توغرا كېلىدۇ: زالىمنىڭ ئىشى دەرۋەقە، زۇلۇم سېلىش، مۇستەملىكىچىنىڭ ئىشىمۇ ئوخشاشلا خالىغىنىنى قىلىش. ئەمما مەزلۇملارنىڭ، ئاسارەت ئاستىدىكىلەرنىڭ ئىشىچۇ؟ ئەگەر جاۋابىمىز قەتئىي ھالدا «زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك، بارلىق ئەقلىي، ماددىي ۋە مەنىۋى كۈچنى تاجاۋۇزچىغا قارشى خىزمەت قىلدۇرۇپ مۇستەقىل بولۇش»قا ئۇرۇنۇش بولغىنىدا، بىز بۇ ئىشىمىزنى ھەقىقەتەن ئاڭلىق رەۋىشتە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قىلىپ كېتىۋاتامدۇق، ياكى كۈن تەرتىپكە نېمە بازارلىق بولسا، شۇنىڭغا بېقىپ داۋراڭ سېلىشنى، ئاڭسىزلارچە شوئارۋازلىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىمىزنى تەسەللى تاپقۇزىدىغان ئىشلار بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشكە كۆنۈكۈپ كېتىۋاتامدۇق؟! مانا بۇلار ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق ھېسابلايدىغان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ئۆز ئۆزىدىن سوراپ كۆرۈشى كېرەك بولغان سوئالغا ئايلىنىپ قالدى. خۇددى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ «ھېسابقا تارتىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭلاردىن ھېساب ئالغايسىلەر» دەپ كۆرسەتكىنىدەك: ئەگەر بىز ئۆزىمىز ۋە ئىچ دۇنيايىمىز ھەققىدىكى ھېساب - كىتابىمىزنى جايىدا قىلىپ تۇرۇپ ئىچكى غەلدى - غەشلىرىمىزنى پاكىزلاپ، ئىچكى قۇۋۋەت زاپىسىمىنى كۈچەيتىشكە سەل قارىمىغان ئاساستا تاشقى دۈشمەنگە قارشى سىستېمىلىق قەدەم ئېلىشنى ئۆگەنمەيدىكەنمىز، شۇنداقلا ئېتىلغان ھەر چالمىغا تاش ئېتىپ جاۋاب قايتۇرۇش ئويۇنىغا غەرق بولۇشتىن توختاپ مەسىلىمىزنىڭ مەنبەسىگە، يىلتىزىغا چارە قىلىش كېرەكلىكىگە قارار ئالمايدىكەنمىز، ھېسابىمىز بۇ دۇنيالىقتا دۈشمەننىڭ قولى بىلەن ئېلىنسا، تاڭلا مەھشەردە رەبنىڭ ھۇزۇرىدا ئېغىر دەرىجىدە ئېلىنماي قالمايدۇ. چۈنكى مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ تەڭرى ئالدىدىكى جاۋابكارلىقى ۋە سۈرۈشتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن زەپەر قۇچمىغانلىقىمىزدىن كۆرە، سەپىرىمىزنى قانداق باسقانلىقىمىز ۋە ھەق يول ئۈستىدىكى ئۇرۇنۇشىمىزنىڭ سەمىمىي بولغان ياكى بولمىغانلىقى، ھەقىقەت ئاساسىدا بولغان ياكى بولمىغانلىقى خۇسۇسىدا بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز. بۇ نۇقتىدىن غاپىللىقىمىزنىڭ ۋابالىنى دۈشمەننىڭ قولىدا تارتىشتىن ئاۋۋال غەپلەتنى چۆرۈپ تاشلىشىمىز كېرەك بولغىنىدەك، ئويغانغان سىياققا كىرىۋالغان «قورۇق»چىلىقنىڭ بۈگۈنكى زەيپانىلىكى ۋە كەلگۈسى پالاكەتلىرى ئۈستىدە جىددىي تەرزدە ئويلانمىقىمىز ھەمدە ھەقىقىي مەنىدە كەلگۈسىمىزگە قارىتىپ قويۇلغان پىستىرمىلارغا قارشى ئويغاقلىق روھىمىزنى كۈچەيتىشىمىز، جۈملىدىن ئۇلۇغ ئەجدادىمىز تۇغانخان[1] مىسالى «تاجاۋۇزچىلارنى تارمار قىلمىغۇچە جان تەسلىم قىلماسلىق روھى»دىن ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز ھەر بىر مەسئۇلىيەتدار ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن تارىخىي زۆرۈرىيەت ۋە مىللىي بۇرۇچ بولۇپ تۇرۇپتۇ.
نەقىل مەنبەسى:
[1] 14 – ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئاتاقلىق جۇغراپىيە ئالىمى، شۇنداقلا مەملۇكىيلەر خاقانى تەرىپىدىن «ئەلمەلىكۇلمۇئەييەد» ئۇنۋانى بېرىلگەن مەشھۇر تارىخچى ئەبۇلفىدا (ھ. 672 – 732 / م. 1273 – 1331) سۇلتان تۇغانخان ھەققىدە شۇ قۇرلارنى پۈتىدۇ: «... شۇنداق قىلىپ ھىجرىيە 408 - يىلىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇ يىلى تۈركىستان سۇلتانى قاراخان ئالەمدىن ئۆتتى. بەزى تارىخچىلار قاراخاننىڭ ھىجرىيە 406 - يىلى تۈركىستان دىيارى بولمىش كاشغەردە ۋاپات بولغانلىقىنى قەيت قىلىشىدۇ. ئەسلىدە قاراخان شۇ يىلى بىتاپ بولۇپ يېتىپ قالغانىدى. بەزى تۈرك قەبىلىلىرى ۋە قاراخىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور كۆلەملىك چىن قوشۇنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ئۇنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كەلمەكچى بولدى. قاراخان ئۇلارغا قارشى ئاتلىنىش ئۈچۈن ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ ئۆزىگە شىپالىق بېرىشىنى، خىتاي قوشۇنىنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەندىن كېيىن باشقا نېمە كەلسە مەيلى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دۇئا قىلدى. دېگەندەك سۇلتاننىڭ كېسىلى ساقايدى. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان دەرھال پۈتكۈل قوشۇننى توپلاپ چىن قوشۇنىنى تارمار قىلىشقا ئاتلاندى. چىن قوشۇنى شۇ ۋاقىتتا ئۈچ يۈزمىڭ چېدىرلىق قوشۇنغا ئىگە بولۇپ، سۇلتان ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربىسى بىلەن ئىككى يۈز مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈردى، يۈز مىڭچە كىشىنى ئەسىر ئېلىپ سان - ساناقسىز غەنىيمەتلەر بىلەن بالاساغۇنغا قايتىپ كەلدى. قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سۇلتان ئالەمدىن ئۆتتى. سۇلتان قاراخان ھەقىقەتەن دىنى مۇستەھكەم، ئادالەتپەرۋەر سۇلتان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سەرگۈزەشتىسى ساھابىلەردىن سەئد ئىبنى مۇئاز ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سەرگۈزەشتىسىگە نەقەدەر ئوخشىغان - ھە! مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ (خەندەك غازىتى مەزگىلىدە) ئاللاھتىن ئۆزىنى تاكى بەنى قۇرەيزە غازىتىغا قاتناشقانغا قەدەر قەبزى روھ قىلماي تۇرۇشىنى تىلىگەن ئىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ جەڭدىكى يارىسى تاكى رەسۇلۇللاھ بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرىنى جازالاپ ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىكىنى ئۆلتۈرۈپ، سۈرگۈن قىلىشقا تېگىشلىكىنى سۈرگۈن قىلىپ توختىغانغا قەدەر ئەدىمەي تۇردى. ئىشلار ئاخىرلىشىشى بىلەن بىردىنلا سەئدنىڭ يارىسى قاناشقا باشلىدى ۋە بۇ ئالەمدىن خوشلاشتى. سۇلتان قاراخانمۇ خۇددى شۇ ساھابىغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. سۇلتاننىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسر ئەھمەد ئىبنى ئەلى تۇغانخان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قېرىندىشى ئەبۇلمۇزەپپەر ئارسلان خان تەختكە ئولتۇرغانىدى». مەنبە: أبو الفداء عماد الدين إسماعيل بن علي: المختصر في أخبار البشر، دار النشر: المطبعة الحسينية المصرية – القاهرة - 1325 ه، ط1، 2/149-150.
- بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder