ھەقىقەت ۋە «مەنپەئەت» توقۇنۇشىدا سىياسەت ۋە ھەققانىيەت كىرىزىسى (2)
ھەقىقەت ۋە «مەنپەئەت» توقۇنۇشىدا سىياسەت ۋە ھەققانىيەت كىرىزىسى (2)
4
پىراگماتىزم (مەنپەئەتۋازلىق) ئېقىمىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى غوللۇق نەزەرىيەچىلىرىدىن بىرى بولغان جون ستۇئارت مېل شۇنداق دەيدۇ: «بىر مەسىلىنىڭ مۇئەييەن تەرىپىنى بىلگەن كىشى، ئەمەلىيەتتە مەزكۇر مەسىلە توغرۇلۇق ئەڭ ئاز مەلۇماتقا ئىگە كىشىدۇر». دەرۋەقە، بىر تەرەپلىمىلىك، ئاسانلا ئېغىپ كېتىش، پىرىنسىپلىرىنىڭ تەلىپى ۋە خاراكتېرى بىلەن ئۇيۇشمايدىغان قەدەملەرنى ئېلىشتا ھاياجىنىنى باسالماسلىق، ئۈستىلىك ئۆزىنىڭ تەنتەكلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ئەزۋەيلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە مەسىلىنىڭ مەلۇم تەرىپىدىن باشقا قىسمىنى كۆرمەسلىك بىلەن، كۆرسىتىپ بەرسىمۇ كۆرگىلى ئۇنىماسلىقتەك قاتمال خاراكتېر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنىڭ بىرلا تەرىپىنى تۇتقا قىلىۋېلىشتىن، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھىمايىچىسى بولۇۋاتقان مەسىلىگە ئەتراپلىق ۋە كەڭ دائىرىلىك ۋاقىپ بولماسلىقتىن مەنبەلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلىگە تولۇق ۋاقىپ بولۇپ تۇرۇپمۇ قىممەتلەر ۋە پىرىنسىپاللىققا زىت يولنى «مەنپەئەت» نامىدا تاللاش، بەلكىم بۈگۈنكى ئەخلاق، پىرىنسىپاللىق، قىممەت قاراشلارنىڭ ئىنسانلىق ئالىمىدە تاۋارلىشىشىنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىنى ياراتقان، نەتىجىدە ئورمان قانۇنىنىڭ يەر يۈزىگە ھاكىم بولۇشىغا نەزەرىيەۋى دەستەكلەر بىلەن ھەسسە قوشقان جون ستۇئارتچە تاللاش بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇ خىل تاللاشنى ئەگەر ئاشۇ نەزەرىيەگە چۈشىدىغان «مەنپەئەت» دېگىلى بولغاندا شۇنداق. ئۇنداق بولمىغاندا، تاللىغان يول «مەنپەئەتۋازلىق» بولماستىن، يۈزەكىلىك، ساددىلىق، تەنتەكلىك، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە بىر تەرەپلىمىلىك بولۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. سۈكۈت قىلالمىغان تەقدىردە، ئەقەللىي ھالدا ئوتتۇراھاللىقنى ساقلاش ئورنىغا، ئوپئوچۇق ئىبارىلەر بىلەن مەزلۇمغا قارشى زالىم تەرەپتە سەپ تۇتۇشنى ئاشكارا جاكارلاش مەيلى سىياسىي مەنپەئەت مەيلى پىرىنسىپاللىق نۇقتىسىدىن بولسۇن، مىللىي قىممەتلەرنى چەيلەش ۋە مىللىي مەنپەئەتنى توغرا يۆنىلىشتە بەلگىلىيەلمەسلىك ھېسابلىنىدۇ. قارايدىغان بولساق، بۈگۈنكى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى كىرىزىسقا مەيدان بىلدۈرگەن تىپلارنىڭ تۇتۇم ۋە باياناتلىرىدا بالقىپ تۇرىدىغىنى ھەر ئىككى نۇقتىدىن تۇتۇرۇقسىزلىققا ئىگە بولۇپ، نە «مىللىي مەنپەئەت»نى چىقىش قىلغانلىقتىن، نە ئۆزىنىڭ «مىللىي قىممەت»لىرىگە، نە خەلقئاراغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان سىياسىي ھەقلەرنىڭ دەۋاچىسىغا ماس كېلىدىغان تۇتۇمغا ئۇيغۇن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بار ۋەزىيەتنىڭ ھەممىسى ئورتادا. چۈنكى، مەسىلىگە تۇتۇلغان پوزىتسىيەلەر 70 نەچچە يىلغا سوزۇلغان ئىشغالىيەت ۋە ئاسارەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئەمەسلىكى ئورتادا. يەنە كېلىپ بۈگۈنكى خەلقئارا ۋەزىيەتتە مۇستەملىكچىنىڭ قوللىغۇچىسىمۇ، قارشى تۇرغۇچىسىمۇ مەسىلىنىڭ مۇستەملىكىچى بىلەن ئۆز ۋەتىنى ۋە تۇپراقلىرىدا يىللاردىن قىرغىنچىلىق ۋە تۈرمە ھاياتىنى ياشاپ كەلگەن خەلق ئارىسىدىكى پارتلاشقا مەجبۇر بولغان ۋە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان چوڭ سىياسىي كىرىزىس ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندا تۇرۇپ بايانات بەرگۈچىنىڭ سۆز ئىشلىتىشتە ئېھتىياتكار بولۇشى، ئۇرۇش بولۇۋاتقان مەزكۇر جۇغراپىيەنىڭ يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق سىياسىي تارىخىنى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىيات باسقۇچىلىرىنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ تىل ئىشلىتىشى كېرەك بولىدۇ. ئۇنداقمۇ قىلماستىن، گويا مۇستەملىكىچىنى ئاشكارا دوست ئېلان قىلىش، ئۇنىڭ بىلەن سەپ تۇتۇشقا ئىككى دۇنيالىق قەرزى باردەك مەيدانغا سەكرەپ چۈشۈش، يەنە كېلىپ ئۆزىمۇ ۋەتىنىنىڭ مۇستەملىكىچىسىگە قارشى سىياسىي دەۋا قىلىۋاتقان تۇرۇپ يەنە بىر ئىشغالچىنىڭ سېپىدە كۆرۈنۈش قاتارلىقلارنىڭ ئۆزى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ دەۋاسىغا قارىتا پارادوكسلىق سادىر قىلىش، مەنسۇپلىنىۋاتقان تەشكىلاتىنىڭ ئۆز ئىددىئاسىدا ساختا، پەقەتلا سىياسىي مەنپەئەت قوغلىشىش يولىدا ھەر تۈرلۈك رەزىللىكنى قوللاشتىن يانمايدىغان تائىپىلەر توپى ئىكەنلىكىنى خەلقى ئالەمگە سازايى قىلىشتىن باشقا بولمايدۇ. مەسىلىگە «ئۇ بىزگە مۇنداق قىلغان، شۇڭا مەنمۇ ئۇنىڭغا مۇنداق قىلىمەن» دەپلا مۇئامىلە قىلىش، گويا «ئىتقا ئىت بولۇپ چىشلىۋېلىش» مىسالى پوزىتسىيە تۇتۇش، ئۆزىنىڭ سىياسىي دەۋاسىنىڭ قىممىتى، خاراكتېرىنىڭ دەرىجىسىنى چاغلىماستىن ۋە قانداق بىر مىللەتنىڭ، قانداق بىر تارىخى بار خەلقنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاشماستىن ئاتالمىش مىللىي مەنپەئەت، ياكى قانداقتۇر ئاتالمىش «كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇش» باھانىسىغا سىغىنىپ ئۆز ھەقىقەتلىرىنىمۇ پايخان قىلىدىغان باياناتلارنى بېرىشنى ۋە ئاجىزنى بوسۇرۇپ بېرىش بەدىلىگە پۈتكۈل دۇنيا ئىشغالچىلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتقان، ئەمما گەپ ئاڭلىتالمىغان بىر تېررورىست دۆلەتنىڭ سېپىدە ئورۇن تۇتۇشنى مەۋجۇتلۇق كۆرۈشىمىزدە «سىياسەت قىلغانلىق» دەپ جار سېلىش ئەمەلىيەتتە ساددىلىق، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش ۋە ئۆتكۈنچى شامال ئۈچۈن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئاشكارا سەپ بەلگىلەشتە ئۆزىدىن باشقىلارنىڭ مەزلۇملۇقىنى ئېتىراپ قىلماسلىقتەك شەخسىيەتچى مەزلۇملۇق، ئۇششۇق مەزلۇملۇق خاھىشىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇنداق سەپ بەلگىلەش ئىشغالغا قارشى ھەقلىق دەۋانىڭ خاراكتېرىنىڭ راستلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنىمۇ زېدىلەيدۇ. بۇ خۇددى يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھولوكست قىرغىنچىلىقىنى چۈمبەردە قىلىۋېلىپ ھولوكۇستتىن بەتتەر قىرغىنچىلىق قىلىشنى ۋە بۇنى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ئېلىپ بېرىشنى ئۆزىگە راۋا كۆرۈۋاتقان زىيونىزم ئىدېئولوگىيەسىدىكى ئىشغالچى يەھۇدىيلار تائىپىسىدىن پەرقسىزلىشىش بولۇپ، دەرۋەقە بۇ ئۆزىگە كەلگەن زۇلۇمنى مەزلۇم سىياقىدا ئاڭلىتىدىغان، باشقىلارغا كەلگەن زۇلۇمنى خوپ بوپتۇ تەرزىدە ئاڭلىتىشتىن يانمايدىغان چاكىنا تۇتۇمدۇر. ناھەق زۇلۇمغا ئۇچرىغان يەھۇدىي خەلقى ۋە دىياسپورادىكى يەھۇدىي توپلۇملار بىلەن زىيونىست يەھۇدىي گۇرۇھىنىڭ پەرقىنى ئايرىيالماسلىق، زىيونىستلار بىلەن ماسونىيلىق تەشەببۇسىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ پەرقلىرىنى بىلمەستىن ھەممىنى بىرلا ئېقىن ئىچىدىكى يەھۇدىي سىياقىدا تونۇپ تۇرۇپ ھەممە يەھۇدىينى بىر تاياقتا ھەيدەپ مۇئامىلە قىلىش ۋە پوزىتسىيە تۇتۇش قانچە گۆدەكلىك ھېسابلانسا، پەلەستىننىڭ ئىچىدە مەۋجۇت بولغان سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىنى بىر تاغارغا تىقىپ تەسەۋۋۇر قىلىۋېلىش ۋە پوزىتسىيە تۇتۇشمۇ ئوخشاشلا گۆدەكلىك ۋە سىياسىي جاھالەتتۇر. خاماس تەشكىلاتى بىلەن مەھمۇد ئابباسنىڭ تەشكىلاتى ئارىسىنى پەرقلەندۈرۈشنى، قەيەردە بىر ئورۇندا تۇتۇپ، قەيەردە ئايرىشنى بىلمەسلىك، پەلەستىن ھۆكۈمەت بىلەن خاماس ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيە ۋە تۇتۇملاردىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى نەزەرگە ئالماسلىق، توقۇنۇشىدىغان ۋە بىرلىشىدىغان تەرەپلىرىنى ئايرىماسلىق، ئىلغا قىلماي ھەممىنى بىر تارازىغا سېلىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىشمۇ ئوخشاشلا گۆدەكلىك، سىياسىي جاھالەتتۇر. بۇنداق گۆدەكلەرچە سىياسىي جاھالەتكە ياتىدىغان تۇتۇملار بىلەن مەسىلىگە پوزىتسىيە بىلدۈرۈش بولسا، ئۆزى بىلەن قوشۇپ داۋاسىنى قىلىۋاتقان مىللىتىنىڭمۇ سىياسىي ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە، سىياسىي قىممەت قارىشى ۋە ئىستىلى ناچار بىر خەلقنىڭ ۋەكىللىكىدىكى بىر تائىپە ئىكەنلىكنى بازارغا سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
مەسىلىدىكى يەنە بىر بىمەنە تۇتۇم بولسا، ئىشغال قىلىنغان تۇپراقتا، ئىشغالچى كۈچنىڭ ھامىيلىقىدا فېستىۋالدا ئويناۋاتقان نەچچە ئونلىغان ئاممىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى نەزەردە تۇتۇپلا ئىشغالچى سەپتە ئىكەنلىكنى ئالدىراپ جاكارلاش بولۇپ، بايانات بېرىشكە توغرا كەلگەندىمۇ ئەلۋەتتە ھۇجۇمنى بۇنداق شەكىلدە ئېلىپ بارغانلىقنى ئەيىبلەش بىلەن كۇپايىلىنىش يېتەرلىك بولسىمۇ، ئەمما ئىشغالچىنىڭ سېپىدە ئىكەنلىكىنى ئالدىراپ جاكارلىۋېتىش، ئۇنىڭدىن ھېسداشلىق كۈتۈپ كۆز قىسىشىشقا زورۇقۇش باشقا مەسىلە. بۇنداق جاكارلاش ئۆز نۆۋىتىدە مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلقنى ئوۋلاپ ئوينايدىغان چاشقانغا ئوخشىتىپ ئاۋام-پۇقرا، قېرى-ياش، ئايال-بالا ئايرىماستىن قىرغىن قىلىدىغانلىق پەيلىنى ئاشكارىلاۋاتقان ۋە بۇندىن بۇرۇنمۇ قېتىملاپ ئاۋام-پۇقرا دېمەي تالايلاپ قىرىپ كەلگەن بىر قىرغىنچى كۈچكە يان باسىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقتىن، مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلققە ئىنسان ئەمەس، ھايۋان مۇئامىلىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈۋاتقان قانخورلۇقنى قوللايدىغانلىقنى جاكارلاشتىن پەرقى يوق تۇتۇمدۇر. چۈنكى نەچچە ئونلىغان ئەسىر ۋە قۇربانلىرى ئۈچۈن نەچچە ئون مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنى قەتلىئام قىلىشىنى يوللۇق كۆرۈش ئىسىم شەرىپى قانداق دۆلەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان تېررورلۇقتۇر. ناۋادا ئۇنىڭ سىياسىي قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە، ياردىمىدىن تاما كۈتۈشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ، ئارىدا قانداق ئاتالمىش مىللىي مەنپەئەت سۇغا چىلىشىپ كېتىدىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا بۇ دەرىجىدە ئوچۇق تىل بىلەن سەپداشلىق ئىپادىلەش ئاقلاپ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولغىلى بولىدىغان، ئىنسانلىق دۇنياسى ئۈچۈن ھەم توغرا چۈشەنگىلى ۋە چۈشەندۈرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. مەسىلىنىڭ پاجىئەلىك تەرىپى شۇكى، يىللاردىن ئۇرۇشۇش ۋە توقۇنۇش ۋەزىيىتىدە جەڭ ھالىتىنى ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراقلاردا نەچچە ئونلىغان پۇقرانىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى باھانىسىدە دەرھال پەلەستىننى ئەيىبلەپ ئىسرائىلىيەگە تەسەللىي ياغدۇرالىغان «ۋىجدان»، ئەمدىلىكتە سەپدىشى ئېلان قىلغان ئىسرائىلىيەنىڭ بىزگە تېررورچىلار ھۇجۇم قىلدى، دېگەن باھانىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىڭلاپ قەتلىئاملىرىغا، دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈتتە، ئەجەبا بۇ قەيەرچە سىياسەت، قەيەرچە قوش ئۆلچەم، قەيەرچە قوش يۈزلۈك؟
خاماسنى پەلەستىنگە تەڭ قىلىپ تۇرۇپ ئىسرائىلىيەگە تەسەللىي ياغدۇرغان «ۋىجدان»لار ئەمدىلىكتە قايتۇرما جاۋاب شوئارى ئاستىدا قىلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى قارا قويۇق بومباردىمانلارغا، پەلەستىندىكى ئاۋام پۇقرالارنىڭ نۆۋەتتىكى مىڭلاپ قىرغىنچىلىققا ئۇچراشلىرىغا، ئاۋام خەلقنى ۋەتىنىنى بوشىتىپ بېرىشكە زورلاش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ توك، سۇ، گاز قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشلىرىغا، ھەتتا سىرتتىن بېرىلىۋاتقان ئوزۇق-تۈلۈك ۋە تېببىي بويۇملار تىپىدىكى تەمىناتنىمۇ توسۇۋېلىۋاتقان، قىسقىسى مۇئەييەن ساندىكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ ھۇجۇمىنى باھانە قىلىپ مىليونلىغان خەلقنى ۋەتىنىنى بوشىتىپ چېگراسى سىرتىغا سۈرگۈن بولۇشقا، چۆللەردە سەرسان بولۇشقا زورلاۋاتقان، سۈرگۈن ياكى ئۆلۈم بىلەن تەھدىد سېلىۋاتقان، ئاچ قېلىپ ئۆلىدىغان، قىرىلىپ تۈگەپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ ئۆي ماكانىنى تاشلاپ ئەسلا ۋەتىنىدىن ئايرىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇۋاتقان خەلقنى ئۇرۇش جىنايىتىگە كىرىدىغان ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىپ قەتلىئام قىلىۋاتقان، ئۇلارنىڭ ئوزۇق تۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ئارقىلىق ئاچارچىلىق بىلەن جازالاپ ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە قىستاۋاتقان ئىشغالچى قانخور زالىمغا قارىتا سۈكۈتتە. بۇ قانداق ۋىجدان، بۇ قەيەرچە سۈكۈت؟ قەيەرچە مىللىي مەنپەئەت سىياسىتى؟ مەسىلىنىڭ تېگىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ «تېررورىست»لىق ئەيىبلەپ ئىشغالچىغا تەسەللىي ياغدۇرۇۋاتقان «ۋىجدانلار»، ئەمدىلىكتە دۆلەت سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش جىنايەتلىرىگە، بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىشغالچىلىقلارغا، مىڭلاپ بىھۇدە قان تۆكۈشلەرگە نېمىشقا تاماشىبىن قاتارىغا ئۆتۈۋالىدۇ. بۇ ئاتالمىش مىللىي ۋىجدانلار ئەمدىلىكتە نېمىشقا ھەققانىي بولالمايدۇ؟
ئەلۋەتتە قەيەردە قانداق ئىپادە بىلدۈرۈشنى، قەيەرگە نېمە دېيىشنى، قەيەرگە سۈكۈت قىلىشنى ۋە قەيەرگە قىلماسلىقنى، سۈكۈت قىلمىغان تەقدىردە، قانداق تىل ۋە سۆز-ئىبارە ئىشلىتىشنى دەڭسىيەلمىگەن مەزكۇر «ۋىجدان»لارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئالدىراپ بايانات بەرمەسلىك، بېرىشكە توغرا كەلگەندە قانداق سۆز ۋە ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ بېرىش خۇسۇسىدىكى خاملىقىنى، سىياسىي تىلدا ساددىلىقىنى، تەنتەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، خالاس. مەسىلىگە ئۇ مېنى چىشلىگەن، شۇڭا مەنمۇ چىشلىۋېلىش ھەققىم بار، پەدىسىگە ئەمەس، ناھايىتى سەزگۈر ۋە ئاقىلانە سىياسىي دەھا بىلەن مۇئامىلە قىلالمايدىغان ھېسسىي تەپەككۇر قۇربانلىرى ئىكەنلىكىمۇ مەلۇم بولدى.
ئۇنداقتا بۈگۈنگىچە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توغرا پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلمىدىمۇ، نېمە دېيىش كېرەكلىك ۋە كېرەك ئەمەسلىك خۇسۇسىدا ئىجابىي مۇلاھىزىلەر، تەكلىپ-تەۋسىيەلەر بولمىدىمۇ؟
ئورتاق گۇۋاھ بولدۇقكى، توقۇنۇش باشلىنىشى بىلەن تەڭ بۇ ھەقتە سىياسىي ئەقىلگە ئۇيغۇن سىياسىي ئانالىزلار بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. باياناتلار ھەققىدە تەكلىپ-تەۋسىيەلەرمۇ بېرىلدى ۋە بېرىلىۋاتىدۇ. ئەمما شۇنىڭغا يارىشا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي قۇتۇپلىشىشنى ئازايتىشقا قارىتا توغرا پوزىتسىيەگە قايتىشلار، سىياسەت ئىلمىگە مۇناسىپ ئاقىلانە قەدەم ئېلىشلار تېخىچە كۆزگە كۆرۈنگىنى يوق. دېمەك ئارىمىزدا سىياسىي قىممەت ۋە پىرىنسىپلار بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇۋازىنەتنى جايلاپ تۇتالايدىغان سىياسەتچىلەر كەمدىن كەم. مۇۋازىنەت قۇرۇشنى بىلمەيدىغان كۆپچىلىك سىياسەتمەنلەرنىڭ تۇتۇمى يەنىلا كوللېكتىپ سىياسىي ئەقىلگە ماس قەدەم ئېلىش تەرىپىدە ئەمەس، بەلكى «مەن دېگەن مۇشۇنداق» پەدىسىگە ئىش قىلىدىغان تارقاق ئەقىلگە، خىجالەتسىز سىياسەتچىلىككە مەپتۇن خاھىشقا ئىگە. ئۇلاردا كوللېكتىپ سىياسىي ئەقىلگە كۆرە ئىش قىلىش، بولۇپمۇ يالغۇز كىشىلىك تاللاش ۋە شەخسىي قارار بويىچە يول تۇتۇشقا بولمايدىغان خەلقئارالىق چوڭ تېمىلاردا پىكىر بايان قىلىشتا سوغۇققان بولۇش، ئالدى بىلەن ئۆز سەپداشلىرى بىلەن كېڭىشىش، ئۆز قەۋمداشلىرى ئىچىدىكى سىياسىي ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ كۆپ قىرلىق مۇلاھىزىلىرىگە قۇلاق بېرىش كەمچىل. بۇ ئارىدا مەسىلە ھەققىدە سائەتلەپ ۋە قىسىملىق سىياسىي ئانالىزلار، سىياسىي ئاڭنى ئويغىتىدىغان جانلىق مۇلاھىزىلەر، توغرا مەۋقەلەرنى ۋە ھەتتا نېمە سۆزنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ نۆۋەتتىكىدەك سىياسىي كىرىزىستىن كاۋاپمۇ، زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇلدا چىقىپ كېتىش تاكتىكىلىرى سۆزلەندى، يېزىلىپ ئېلانمۇ قىلىندى. شۇنداق تۇرسىمۇ مەزكۇر سىياسىي تەشەككۈللەردە يىللاردىن ئادەت بولۇپ قېلىۋاتقان ئۇدۇم بويىچە ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى بايقىماسلىق، سۇنۇلغان سىياسىي مۇلاھىزىلەردىن ئەپلەپ پايدىلىنىشنى بىلمەسلىك، ئۆز ئىچىمىزدىكى مەنتىقىلىق ئانالىز ۋە سىياسىي تەھلىللەرنى سىياسەت يۆنىلىشىمىزدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان، دىققەت بېرىشكە ئەرزىيدىغان پىكىر بايلىقى سۈپىتىدە قاراپ قۇلاق سېلىپ قويۇشقىمۇ رايى بولماسلىق خاھىشىنىڭ ئېغىرلىقى مەلۇم بولدى. مانا بۇلار سىياسىي يۆنىلىشىمىزدە ساقلىنىۋاتقان تەنتەكلىكنىڭ، ئۆز مەپتۇنلۇقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرى. بالىنىڭ تەنتەكلىكى ئاتىنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر ئېلىپ كەلگىنىدەك، دەۋادا تەنتەك سىياسەتچى بولۇپ قېلىشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى تەنتەكلەرچە بۇلغاشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق كېتىۋەرگەندە تەنتەكلىكنىڭ كۆپلەپ سادىر بولۇشى ئائىلىنى بىزار قىلغاندەك، ئۆزلىرىگە ۋەكىل دەپ بىلىۋاتقان سىياسىي ئېلىتنىمۇ، قوللاپ كېلىۋاتقان خەلقىنىمۇ بىزار قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ خىل ئاقىۋەتلەر نەتىجىدە كوللېكتىپ يىرىكلىككە يول ئاچىدىغان، ئورتاق غايە ئاستىدا، ئورتاق قىممەت قاراش ئاستىدا تۇرۇپمۇ ئۇيۇشالماسلىققا يول ئاچىدىغان ۋە دىققەت قىلىنمىسا بولمايدىغان ھالەتلەردۇر. چۈنكى سىياسەتچىنىڭ تارىخقا قالدۇرغان ئىزلىرى ئۆز نۆۋىتىدە خەلقنىڭ ئوبرازىغا قالدۇرىدىغان ئىزلىرىغا ئايلىنىپ بارىدۇ. بىز دۇنيا خەلقى ئىچىدە زۇلۇمنىڭ ئەڭ ۋەھشىيسىنى تارتىۋاتىمىز، قىرغىنچىلىقنىڭ ئەڭ قەبىھلىرىنى ياشاۋاتىمىز، ھەقلىرىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىز پۈتۈنلەي نابۇت قىلىندى، زېمىنىمىز بېسىۋېلىندى، بىزگە مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى يوق، دەپ دۇنياغا جار سېلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، تۇتۇم ۋە باياناتلىرىمىزدا بىزنىڭمۇ نۆۋەتتە دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم دۆلەتلىرى خۇپسەنلىك قىلىپمۇ بولسا يوشۇرالمايۋاتقان ئاشۇ ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ تەقدىرىنى ياشاۋاتقانلىق، بىزنىڭمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان مەزلۇملارنىڭ ئالدىنقى سەپ ھېسداشلىرى ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى بېرەلىشىمىز، چىرىكلەشكەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بىزگە زىيانلىق ئىپادىلىرىنى تەنقىدلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىرغىنچىلىقنى قىرغىنچىلىق، ئىشغالنى ئىشغال دېيەلەيدىغان جۈرئەتكارلىقنى كۆرسىتەلىشىمىز كېرەك بولىدۇ. بۇنى قىلالىغىنىمىز ئەمەلىيەتتە بىزنىڭمۇ ھەقلىق بىر دەۋايىمىزنىڭ بارلىقىنى، خۇپسەنلىك قىلىپمۇ بولسا كۆرمەسكە سېلىۋېلىشقا بولمايدىغان، ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى، ھەتتا ئوزۇق-تۈلۈكى ئۈزۈپ تاشلىنىپ باشقا زېمىنغا سۈرگۈن بولۇشقىمۇ پۇرسەت بېرىلمەي ئۆز تۇپراقلىرىدا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن خارۇ-زار قىلىنىپ قىرىلىۋاتقان، ئۆلۈمدىن باشقا تاللىشى قالمىغان، يوق بولۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ مىسلىسىز ئۆرنىكىنى ياشاۋاتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي قىممەتلىرىنى يوقاتمىغان، مىللىي قىممەتلىرىنى بۇزۇۋالماستىن، رەزىل ئويۇنلارنىڭ پىچكىسى بولماستىن، ئۆزىنىڭ تارىخىي ئوبرازىنى بۇزۇۋالماستىن ھەقلىق داۋاسىنى ئېلىپ بېرىشتە ئىرادىسى قەتئىي بولغان بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى سەمىمىي ئىپادىلىيەلىگەنلىكىمىزگە، دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا جاۋاب بەرمىسە بولمايدىغان ئېغىر سوئالنى تاشلىيالىغىنىمىزغا باراۋەردۇر. ئۇنىمۇ قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە سىياسىي ئۆتكەللەردە تەنتەكلىك قىلىشىمىز، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزنى قۇيۇۋېتىش تىپىدىكى پوزىتسىيەلىرىمىز كەلگۈسىمز ئۈچۈن قاراداغ بولۇشتىن، كېينكىلەرنى نومۇسقا قويىدىغان ئىزنا قالدۇرۇپ كېتىشتىن باشقىغا يارىمىغۇسى. چۈنكى كۈنى كېلىپ كۈچلۈكنىڭ كۈچلۈكىنىڭمۇ تۈگەيدىغان، زالىمنىڭمۇ تارىخ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغان كۈنى بولىدۇ. تارىخ ئەگەر ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن زۇلۇم ۋە قىرغىنغا قارشى ھۆرلۈك جەڭچىسى بولغان خىرىستىيان ئىنقىلابچى نىلسۇن ماندىلانىڭ «پەلەستىن ھۆر بولماي تۇرۇپ بىزنىڭ ھۆرلۈكىمىز پۈتۈنلەنگەن ھېسابلانمايدۇ» دېگەن ھەققانىي پوزىتسىيەسىنى، ئادالەت ياقىلاپ ئېيتقان جۈملىسىنى تارىخقا پۈتۈپ قويغاندەك، مۇستەملىكچىلىككە قارشى كۈرەشنىڭ سىمۋوللۇق شەخسلىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر بۇددىست داھىي ماھاتما گەندىنىڭ «ئەگەر مەن بىر يەھۇدىي بولغان بولسام، چوقۇم زىيونىست يەھۇدىيلارغا: قىلىۋاتقان رەزىللىكلىرىڭلارنى بەس قىلىڭلار، تېررورلۇققا ياناشماڭلار، دېگەن بولاتتىم»، «زىيونىست يەھۇدىيلار ئەگەر پەلەستىندىن باشقا جاي ماڭا ۋەتەن ئەمەس، دەپ دەۋا قىلىشسا، ئۇنداقتا ئۇلار ‹يەھۇدىيلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن قوغلاندى قىلىنىشى كېرەك› دېگەن پىكىرنىمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەك بولىدۇ»، «يەھۇدىيلارغا ئايرىم مىللىي دۆلەت قىلىپ بېرىمەن دېگەنلىك گېرمانىيەدىن يەھۇدىيلارنى تازىلىۋېتىشتەك يولسىزلىقىنى ئاقلاشقا يول ئېچىپ بېرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلىگەن، تارىخقا پۈتكەندۇر. بۇنى خاتىرىلىگەن تارىخ ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشغالچىغا ئوچۇقتىن ئوچۇق «بىر سەپتە تۇرىدىغانلىق»نى جاكارلاۋاتقان، ئىسلامىي مەدەنىيەت ھاۋزىسىغا مەنسۇپ مەزلۇم مىللەتنىڭ سىياسەتچىسىنىڭ پوزىتسىيەسىنىمۇ، مۇستەقىللىق ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەۋاچىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە بايانلىرىنىمۇ خاتىرىلىمەي قويمايدۇ. دىققەتكە سازاۋەركى، نۆۋەتتە پەلەستىندىكى قىرغىنچىلىقنى قىرغىنچىلىق دەۋاتقىنىمىزدا بەلكىم بىزمۇ، دۈشمىنىمىزمۇ ئورتاق نۇقتىغا كېلىپ قالغان كۆرۈنۈشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ پەرقىمىز بىلەن دۈشمىنىمىزنىڭ پەرقى بارلىقى ئېنىق ئەھۋالدا، پەرقنى ھېس قىلدۇرۇشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، دۈشمىنىمىزنىڭ چۈمبىلىنى يىرتىپ تاشلاشمۇ، ئۇنىڭ ساختا نىقابىنى ئېچىپ تاشلاشمۇ بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. لېكىن بىزنىڭ ئىشىمىز كەممىگەن يېرىگە مىللىي مەنپەئەتنى قوغلاشقان كۆرۈنۈپ زالىمنىڭ سېپىنى تاللاش، ئۇنى جاكارلاش، تاللاپ ۋە جاكارلاپ بولغاندىن كېيىن مەزكۇر زالىم سەپداشنىڭ چەكتىن ئاشقان قىرغىنچىلىقلرى چەكتىن ئاشسىمۇ رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ تۈگۈلىۋېلىش بولماسلىقى كېرەك. بۇ بۈگۈنمۇ، ئەتىمۇ توغرا چۈشەنگىلى بولمايدىغان، ئاقلاپ-ئاقلاپ تۈزەتكىلى بولمايدىغان سىياسىي خاتالىقلاردۇر.
شۇ ئېسىمىزدە بولغايكى، بولغۇلۇق بولۇپ بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزلۈك تەنقىدلىرىدىن قاچماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر ئىنسان ئەخلاقىغا، ئادىمىيلىك قىممەتلەرگە زىت كۈچنىڭ تەرىپىنى تۇتۇش ئارقىلىق خەلقىمىز ۋە ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان ئىنسانلار دۇنياسى ئالدىدا يۈزىمىزنى تۆكۈۋالغانلىقىمىزنى ئاڭقىرىشىمىز ۋە بۇ رېئاللىق بىلەن يۈزلىشىشمىز كېرەك بولىدۇ. بۇنىمۇ ھېس قىلمىغان بولساق، زالىم مۇستەملىكىچى خىتايدىن كۆرۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئادالەتنى ياقىلايدىغان كۈچنىڭ نېمىشقا مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن چىقمىغانلىقىدىن قاقشاپ، كەلسە - كەلمەس شىكايەتلەرنى ئەزۋەيلەپ ئولتۇرۇشنىڭ، نېمىشقا ھەممىنىڭ قىرغىنچىلىقنى كۆرمەسكە سېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدىن ئاغرىنىپ يۈرۈشىمىزنىڭ مەنىسى قالمايدۇ. ئۆزىمىز ئۆزىمىزگە، ۋىجدانىمىزغا دۇرۇس بولماي تۇرۇپ بىراۋلاردىن ئۆزىمىزگە دۇرۇسلۇق كۈتۈش، ئۇنى تاپالمىغاندا شەيتانىي سىياسەتنى ھەققانىي سىياسەتكە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ قىلىشنى ئاتالمىش مىللىي مەنپەئەتكە تارتىپ جوراش سېپى ئۆزىدىن خىيالپەرەسلىكتىن، خۇدا ئۇرغانلىقنىڭ بېشارىتىدىن باشقا ئىش ئەمەس.
خاتىمە
پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شائىرى مەھمۇد دەرۋىش ۋەتەن ھەققىدە شۇنداق يازىدۇ: «ۋەتەن دېگەن نېمە؟ بۇ مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان سوئال ئەمەس. ۋەتەن سېنىڭ ھاياتىڭنى، دەۋايىڭنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى تىمسالدۇر. ۋەتەن شۇنداق بىر روھكى، ئۇنىڭغا بولغان سۆيگۈڭ پەقەت ئۇنىڭ ئارقىلىق يارقىنلىشىدۇ. ھەق-ھوقۇقلىرىڭنى، زېمىن - تۇپراقلىرىڭنى قايتۇرۇۋېلىش جاسارىتى ئۇ روھ بىلەن تىكلىنىدۇ. ۋەتەن دېگەن نېمە؟ ۋەتەن ھەق بىلەن تۇپراقنى بىرلىكتە قايتۇرۇۋېلىش يولىدا ئۆلۈشكە تەشنالىقتۇر. ۋەتەن پەقەتلا خەرىتىدىكى بىر پارچە زېمىندىن ئىبارەت ئەمەس. ۋەتەن دېمەك، زېمىن ۋە ھەق بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ماكان، دېمەكتۇر. زېمىن ئۇلارنىڭ قولىدا تۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما، ھەق مۇھەققەق ۋە مۇھەققەق سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن!».
دەرھەقىقەت، ھەقىقەتپەرۋەرلىكى قالمىغان مىللەت ھېسداشلىققا ئەرزىمەيدۇ. ھەقىقەت يوق يەردە نە ئىماندىن، نە ئەخلاقتىن، نە قىممەتتىن، نە مىللەتتىن، نە ھۆرلۈكتىن، نە ئادالەتتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ھەقىقەتلىرىنى سىياسىي مەنپەئەتنىڭ قۇربانى قىلىشنى مىللىي مەنپەئەت چاغلاش ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى ھەقىقەتسىزلەشتۈرۈشتۈر. ھەقىقەتلىرىگە ئىگە چىقالمىغان سىياسەت ماھىيىتىدە مەغلۇبىيەتچى سىياسەتتۇر. ھەقنىڭ يولىدىن ئاداشقان بۇنداق سىياسەت، ئەمەلىيەتتە ھەقدارلىق سالاھىيىتىنىڭمۇ قولىدا ئەمەسلىكىنى جاكارلاۋاتقان سىياسەتتۇر. دەرۋىشنىڭ تەبىرى بىلەن ئېيتقاندا، ۋەتەن زېمىن بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئۆز نۆۋىتىدە ئىگىلىرى ئۈچۈن بىر ھەقتۇر. ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۇشبۇ ھەقنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن مۇمكىن. ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويغان، شۇنداق تۇرۇپ ھەق ئەھلىمۇ بولالمىغان، ھەققىنى ۋە ھەققانىيىتىنىمۇ ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرالمىغانلار ماھىيەتتە ۋەتىنىنىمۇ ھەمدە قايتۇرۇۋېلىش ھەققىنىمۇ ئىلىكىدە تۇتۇشنى بىلمىگەن ۋە بىلەلمىگەن ئاۋارىگەرلەردۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder