سىياسىي خىتابلاردا كېچىۋاتقان «نۇھنىڭ كېمىسى» ۋە «خېمىرتۇرۇچ» سەپسەتەسى ھەققىدە
سىياسىي خىتابلاردا كېچىۋاتقان «نۇھنىڭ كېمىسى» ۋە «خېمىرتۇرۇچ» سەپسەتەسى ھەققىدە
چەت ئەلدىكىلەرنى «مىللەتنىڭ خېمىرتۇرۇچى»، «نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەر» دەيدىغان سۈپەتلەشلەر يېقىنقى بىر - ئىككى يىل مابەينىدە سىياسىي نۇتۇقلاردا تەكرار ۋە تەكرار بازارغا سېلىنىدىغان بولۇپ قالدى. سىياسىي ساپانىڭ تەتۈر ساناقتا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بۇ تۈر جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى، تەكرار يىغىن ۋە ئەنجۈمەنلەردە باشقا توقماق بىلەن ئۇرغاندەك تاڭىلدىتىپ تۇرسىمۇ، گەپنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە ئازدۇر - كۆپتۇر نە مۇخالىپ سىياسەتچىدىن، ياكى ئاڭلىق زىيالىيدىن، ياكى بىرەر ئەلاچى تالىبۇلئىلىمدىن سادا چىقماي، گويا «سۈكۈت رازىلىقنىڭ ئالامىتى» مىسالى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى، سىياسىي سەھنىلەر ھەمدە سىياسىي پائالىيەتلەردىكى نۇتۇقلاردىكى بۇ تۈر تەكرارلاشلارنى بىنورمال قاراپ پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ كۆزگە چېلىقماسلىقى تەئەججۈپكە سالىدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، «ئۆلىما» ئاتىقى بار توپتىن بۇنداق بىر نۇقتىدا پەرقلىق ئويلاشنى كۈتۈش، يىغىندىن يانغاندىن كېيىنكى داستىخان ئۈستىدە بولسىمۇ، بىز ئۆزىمىزنى «خېمىرتۇرۇچ» دەپ سۈپەتلىيەلەمدۇق، تەرىقىسىدە مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى كۈتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى يىللاردىن بۇيانقى سىياسىي پىرىنسىپلارغا قارىتا تۇتۇملاردىكى خوشخوشچىلىق، ھەقنىڭ ئەمەس، ئورگاننىڭ تەشۋىقات بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىش قاتارلىق ۋەزىيەتلەر ئۇلاردىن بۇنداق بىر تۇتۇمنى كۈتۈشنىڭ بىھۇدىلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ۋەز - تەبلىغلەردە «ئۆمەر خاتا قىلسا مېنى تۈزەڭلار دېگەن؛ ساھابىلەر ھەقنى دېيىشتە خەلىپە بولسىمۇ دادىل خاتاسىنى چىرايىغا سۆزلىيەلەيتتى» دېگەنگە ئوخشاش رىۋايەتلەر نەقىل قىلىنغىنى بىلەن، ئاڭ - ئىدىيەنى دۇغلاشتۇرىدىغان، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغان سىياسىي نۇتۇقلارغا كەلگەندە قالپاققا تۇشلۇق قىرغىزدىن ئەسەر تاپقىلى بولمايدۇ. نەق سورۇندا دېمىگەندىمۇ، دېيىلىۋاتقان سۆزنىڭ مەنتىقىسىدىكى كالامپايلىقنى سەزگۈدەك، ئايرىم داستىخانلاردا بولسىمۇ ئازتولا مۇلاھىزىلەرنى تۆكۈپ كېيىنكى نۇتۇقلاردا بولسىمۇ دىققەت قىلىش خۇسۇسىدا ئەقەللىي مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەپ قويمايدۇ. بۇ خۇددى خاتاسىنى تېپىپ بەرسە خوش بولىدىغان سىياسەتچىنى تاپقىلى بولمىغاندەكلا تەبلىغ - دەۋىتىنى قىلىۋاتقان دىنىنىڭ تەتۈرسىچە كېتىۋاتقان «موللا - ئۆلىما»لىقتىمۇ خوجايىن سۈپەت سەپداشلىرىنى دادىللىق بىلەن تۈزەپ قويغىدەك جاسارەتنى تاپماق، خاتالىقتىن، بىنورماللىقتىن دەرھال تەيەققۇزغا ئۆتكىدەك ئاڭ - ئىدراكنى تاپماق تەس بولماقتا. شۇڭا ھازىرچە بۇ توپنىڭ بارلىقىنى يوقنىڭ ئورنىدا كۆرۈش، مەۋجۇت كىرىزىسلاردا ئىللەت ياكى مىللىي مۈشكۈلات سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ چارە كۆرۈش بەكرەك مۇناسىپ بولۇپ تۇرۇپتۇ.
سۆزىمىزگە قايتىپ كەلسەك، تېخى يېقىندىلا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتىمۇ بىر زال تاماشىبىن ئالدىدا يۇقىرىقى «نۇھنىڭ كېمىسى» توقمىقى مىخ قاققاندەك قېقىلماي تۇرالمىدى. بۇنى گەپ دەپ قىلىۋاتقان سىياسەت كوچىسىدىكى مۆھتەرەم «باش»مۇ مەزكۇر پىكرىنى نەچچە قېتىملاپ سۆزلىسە، سەھىپىسىگە يازسا بىرەر قارشى پىكىر چۈشمىگەنلىكىدىن ياكى چۈشمەيدىغانلىقىغا كۆڭلى توق بولغانلىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر گويا چەتئەلدىكى مۇھاجىرەت ئەھلى ھەقىقەتەن ئۆزى سۈپەتلەۋاتقاندەك ئىكەنلىكىگە كۈندىن كۈنگە چىن پۈتۈپ قېلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىكەنلىكىنىمۇ ھال تىلىدا ئىپادىلەشتىن ساقلىنالمىدى. بىر يالغاننى قىرىق مەرتەم ئوقۇسا، راستقا ئايلىنىپ قالىدۇ، دېگەن تەمسىل بويىچە سۈكۈتنى رازىلىققا، گەپ قىلمىغاننى ئېتىراپ قىلغانلىققا جوراش داۋام قىلىۋەرسە، بۇنىڭدىنمۇ ھالقىغان يانپاشقا ئۇرۇپ تېپىلغان قىرىندىلارنىڭ ئەقلىيە سۆزگە، بارا - بارا ئىدىيەگە ئايلىنىپ كېتىشىمۇ يىراق ئەمەستەك. شۇڭىمۇ مەزكۇر پىكرىي تۇتۇمنى بىرئاز تاسقاپ كۆرۈش زۆرۈر بولۇپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى خاتا ئۈچۈن قىلىنغان بۈگۈنكى سۈكۈت ئەتىنىڭ بەدەللىرى ئۈچۈن ئالدىن قويۇلغان ئىمزانىڭ غەيرى رەسمىي ئىپادىلىرىدىندۇر. ئۇنداقتا، مەزكۇر پىكىرگە كۆرە، ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ھەقىقەتەن «نۇھنىڭ كېمىسىدىكىگە ئوخشاش مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى» بولۇپ، مۇھاجىرەتتىكىلەر قىرىلىۋاتقان مىللەتنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، نۇتۇقچىنىڭ ئىپادىسى بويىچە «يوق بولۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان» مىللىتىمىزنىڭ «خېمىرتۇرۇچ»لىرىمۇ؟ ھەقىقەتەن مۇھاجىرەتتىكىلەر «نۇھنىڭ كېمىسى»دىكىلەرمۇ؟
گېزى كەلگەن ئىكەن، مەسىلىنىڭ بىۋاسىتە مۇخاتەبلىرى چۈشىنىدىغان بىر تىلدا بايان قىلىپ كۆرەيلى. ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزدىن دەۋرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى بولغان ئەللامە يۈسۈپ سەككاكىي ئۆزىنىڭ «مىفتاھۇل ئۇلۇم» ئاتلىق ئەسىرىدە، ئېغىزدىن چىققان كالامنىڭ تۈرلىرىنى كاتېگورىيەگە تىزغان بولۇپ، كالامنىڭ تۈرىگە قاراپ ئۇنىڭ راستلىق ياكى يالغانلىق ھۆكمىنى قانداق ئايرىپ چىقىش ھەققىدە بەھس يۈرگۈزىدۇ. شۇنداقلا بىر ھۆكۈملۈكنى، بىر خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۈملىنى گەرچە ئۇ تىلنىڭ گىرامماتىكىسى جەھەتتىن ساغلام جۈملە دېگىلى بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ساغلام ياكى ئەمەسلىكىنى سىدىق ۋە كىزب ئۆلچىمى، يەنى راست - يالغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەم ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە راست - يالغانلىقىنى بېكىتىشتىكى ئۆلچەمنىڭ ئېيتىلغان كالامنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقىنى تەھقىقلەپ ئۆتىدۇ. يەنى، بىر جۈملە خەۋەرنىڭ ساغلام جۈملە بولۇشىنىڭ ئايرىم مەسىلە، ئۇنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن كېلىدىغان راست ياكى ساختا كالام ياكى خەۋەر بولۇشىنىڭ ئايرىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، رېئاللىققا ئۇيغۇنلاشقان كالامنى سادىق كالام، يەنى چىن سۆز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرسە، رېئاللىق بىلەن ئۇيۇشمايدىغان كالامنى كىزب، يەنى يالغان، ساختا كالام، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دەرۋەقە، چاغاتاي دەۋرىدىن تارتىپ تاكى خانلىق مەدرىسەدە ئوقۇ – ئوقۇتۇش چەكلەنگەن ۋە كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلەر قولىدا چېقىپ تاشلانغانغا قەدەر مىللىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئۈست سەۋىيەسى ئۈچۈن دەرسلىك قىلىنىپ كەلگەن، تاكى يېقىنقى ئون - ئون بەش يىللىق داۋالغۇشلۇق دەۋرلەر يېتىپ كەلگەنگە قەدەر تالىبۇلئىلىملەرنىڭ نەچچە يىللىق ئىلىم تەھسىلاتىدىن كېيىن چوقۇم ئوقۇپ مۇتالىئە قىلمىسا، دەرسلىك قىلىپ ئۇستاز ئالدىدىن بىر ئۆتىۋەتمىسە بولمايدىغان ئۇل كىتابلىرىدىن بىرى بولغان مىفتاھۇل ئۇلۇمدىكى ئۇشبۇ مىزان ئەسىرلەر مابەينىدە ئىلىم كۈلتۈرىمىزنىڭ غولىنى مەزمۇتلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتىگەن، ئىجتىمائىي ھايات تەرزىمىزگە قەدەر سىڭگەن ۋە مىللەتنىڭ تىل پەلسەپەسىدە ھەمدە ئەخلاق ئەنئەنىسىدە تۇتۇم بەلگىلەشتىكى ئىستىرىلكىلىق رولنى ئۆتەپ كەلگەندۇر. ئۇنداقتا مەزكۇر تارازا بىزگە سۆزلەنگەن بىر خەۋەر ياكى ھۆكۈملۈك جۈملىنىڭ چىن ياكى ئەمەسلىكىنى، راست ياكى تۇتامسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئۆلچەمدۇر. ئەسەردىكى رېئاللىققا ئۇيغۇنلۇق «الواقع» سۆزى بىلەن تەبىرلەنگەن بولۇپ، ۋەقە بولۇۋاتقان ئىشقا، ئەمەلىيلىكى، تەبىرى ھەقىقىتى بىلەن بىردەكلىكىگە ئىگە بولغانلىقىنى، ئىپادىلەنگەن مەزمۇننىڭ رېئال ھادىسىگە ياكى جەريانغا ئۇيغۇنلاشقان ياكى ئۇيغۇنلاشمىغانلىقنى ئاساس قىلىش كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. ئۇنداقتا بۇ ئۆلچەم بويىچە تۆۋەندىكى ئىككى جۈملىنى تارازىلاپ باقايلى:
1. «مۇھاجىرەتتىكىلەر نۇھنىڭ كېمىسىدىكىگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ كاپالىتى». ئېيتقاندەك، مەزكۇر جۈملىنىڭ ساھىبى يۇقىرىقى جۈملىنى پەقەت جۈملە سۈپىتىدە ياخشى نىيىتىنى كۆرسىتىدىغان بەزى بايانلار بىلەن دەپ ئۆتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ، چەتئەلدىكىلەرنىڭ دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا ھاسىراپ قېلىۋاتقان بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن بولماي ئەكسىچە قىرىلىپ يوق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ سىياسىي دەۋانى ئەۋلادمۇئەۋلاد قولدىن قولغا ئالىدىغان بولۇشى، بايراقنى قولدىن قولغا تاپشۇرۇپ ئېلىپ داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئۆز تىلى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ساقلىشى كېرەكلىكى ۋەھاكازالار. قارىماققا بۇ ئىزاھات مەۋجۇتلۇقنى قوغداش زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلەشكە يارىسىمۇ، ئەمما ئۇنى مۇھاجىرەتتىكىلەرنى «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ كاپالىتى» قىلىۋېلىشقا، جىمى ئىنسانىيەت غەرق بولۇۋاتقاندا ساق قالىدىغان ۋە كېمىدە ئەمەسلەر تەلتۆكۈس غەرق بولىدىغان بىر ۋەزىيەتتىكى نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەرگە ئوخشىتىش ئۇچىغا چىققان تەنتەكلىك، چىنلىقى بولمىغان يۈزەكىيلىك دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بىر نەرسىنىڭ زۆرۈرلۈكى ئىككىنچى بىر نەرسىنىڭ ئۈستىدىن ئالدىن ھۆكۈم قىلىۋېتىشنى تەقەززا قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ شىددەت بىلەن ئارتىشى ۋە بۇنىڭغا قارشى كۈچ تەشكىللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى ھېچقاچان ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقنى كېمە سىرتىدىكى ئۆلۈشى ۋە ھالاك بولۇشى مۇقەررەر بولغان «يوق بولغۇچىلار» قاتارىدا ساناشنى تەقەززا قىلمايدۇ. سىياسىي نۇتۇقتا خەتەرنى ئالدىن بەلگىلەپ، يەنە كېلىپ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالغان ئەڭ يامان ئېھتىماللىقنى نەزەردە تۇتۇپ ئىستراتېگىيە بەلگىلەش، سىياسىي كۈچ تەشكىللەش ۋە ئورتاق سەپەرۋەرلىككە چاقىرىش باشقا مەسىلە بولغاندەك، ئېھتىماللىقنى گويا راستتەك، شۇنداق بولۇشى مۇقەررەردەك تۇتۇم بەلگىلەپ جۈملە تۈزۈش باشقا مەسىلە. ئۈچ – تۆت يىل ئالدىدىكى نۇتۇقلاردا، بولۇپمۇ، قىرغىنچىلىقنى شىددەتلەشتۈرۈش ھارپىسىدىكى مەزگىللەردىكى نۇتۇقلارغا قارايدىغان بولساق، ئۇمۇمەن نۇتۇقلارنىڭ خاراكتېرى تاجاۋۇزچىلارنىڭ پىلانىنى ئاڭلىتىش، «مىللەتنى شەرقىي تۈركىستاندىن تامامەن يوق قىلىۋېتىش» غەرىزىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش تەرزىدە ماڭغانلىقىنى كۆرىمىز. دەرۋەقە رېئاللىق ۋە تاجاۋۇزچىلار ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق ھەمدە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى شۇنداق تەكىتلەشنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. قاچانكى بىر - ئىككى يىللىق شىددەتلىك باستۇرۇش باشلاندى، قىرغىنچىلىق دەرىجىسى چىدىغۇسىز ھالغا يەتتى، مەزكۇر سىياسەتمەنلەرنىڭ نۇتۇق مەزمۇنى بارا - بارا «شەرقىي تۈركىستاننى يوق قىلىۋەتمەكچى» باسقۇچىدىن ئۆتۈپ «نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ سىرتىدا قالغانلار»غا ئوخشىتىشقا، ۋەتەندىكىلەرنىڭ يوق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ «يوق بولۇپ كەتكەن مىللەتنى قايتا ئىھيا قىلىش ئۈچۈن چەت ئەلدىكىلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچ ئىكەنلىكى» باسقۇچىغا قېيىشقا باشلىدى. ھالبۇكى، بۇ نۇتۇقنىڭ ساھىبلىرى دىنىي مەدرىسە تەلىمىنى ئالغانلار بولۇپ، بىر تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ئۇنىڭ جامىئ ۋە مانىئ بولۇشى، ھەر تەرەپلىمە يوچۇققا يول قويمايدىغان، ئانچىكى تارتقانغا تىكىشى بۇزۇلمايدىغان مەزمۇت بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىشى ئەقەللىي ساۋات. ئەگەر بۈگۈنكى رېئاللىقنى ئىپادىلەش ئۈچۈن نەچچە يىلدىن دېيىلىۋاتقان «يوق قىلىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» باسقۇچىدىن ئۆتۈش كېرەك بولسا، ئەڭ مۇمكىن بولىدىغان ئىزاھات «بىز يىللاردىن بېرى دەپ كېلىۋاتقان ئىدۇق، شەرقىي تۈركىستاندىن خەلقىمىزنى تازىلاپ يوق قىلىۋېتىش پىلانى مۇنداق - مۇنداق باسقۇچلاردا كېتىۋاتىدۇ، بۇ خەتەر داۋاملاشسا ۋە بىز مۇھاجىرەتتىكىلەر ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كويىغا كىرمىسەك، يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرمىسەك، ئۇلارنىڭ يوق بولۇشىمۇ بىزنىڭمۇ يوق بولۇشىمىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېگەن تەرزگە يۆتكىلىشى مۇناسىپ كېلەر ئىدى. لېكىن سۇنى كۆرمەي ئىشتان تۈرۈش پەدىسىدە، «يوق قىلىۋەتمەكچى» خىتابىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتە ئۆتمەيلا «ۋەتەندىكىلەر يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بىز شۇ يوق بولۇۋاتقانلار ئىچىدە نۇھنىڭ كېمىسىدىكى ساق قالغانلار» دېگەن خىتابقا يۆتكىلىش گويا سەرىھ (ئوچۇق) ئىپادىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىدىيەۋى چۈشكۈنلۈكنى، يوشۇرۇن ئاڭدىكى «بىز بەرىبىر توسۇپ بولالمىدۇق، كۆزىمىز يېتىپ بولدى، كەلگۈسىدىكىلەر بولسىمۇ توسسۇن، ۋەتەندىكىلەر تامامەن ھالاك بولىدىغان بولغانكىن، بىز خېمىرتۇرۇچ بولۇپ يېڭىدىن مىللەت بولۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، مەكتەپ، مەھەللە، تىل مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلسەك، شۇ خېمىرتۇرۇچ كاپالىتىدە بىز مىللەتلىكىمىزنى ساقلىمىساق بولمىدى» دەيدىغان ئەبجەق تۇتۇمغا، ئىدىيەۋى بوشاشقا، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى ۋەتەندىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئاتاش ۋە كۈرەش مېتودلىرىنى يېڭىلاشقا بەل باغلاشتىن بەكرەك، مۇھاجىرەت ياكى دىئاسپورادىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئاتاشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى نامايىش قىلىۋاتقان بىر كۆرۈنۈش ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇرۇپتۇ. مانا بۇ «مۇھاجىرەتتىكىلەرنى نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەرگە ئوخشىتىش» ئارقىسىدىكى زېھنىيەتنىڭ ھالىتى. رېئاللىق شىددەتنىڭ ئەۋجىۋاتقانلىقىنى، ھەر تۈرلۈك تەدبىرگە يۈزلىنىشنى ھەمدە بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۈگۈننىڭ دەۋا قوشۇنلىرى يېتىشىپ چىقىشى زۆرۈر قىلىۋاتقاندەك، ئەتە ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولىدىغانلىقنى تەكىتلەش ئورنىغا، مىليونلىغان خەلقنى ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىۋېتىپ تۇرۇپ ئازغىنە، مەزكۇر نۇتۇق ساھىبىنىڭ ئۆز ئىپادىسى بويىچە ئېيتقاندا «بىر ئۇچۇم» خەلقنى خېمىرتۇرۇچ چاغلىۋېلىش رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمايلا قالماستىن تەنتەكلىك، رېئاللىققا مۇخالىپ بولغان خىتاب قىلىش جۈملىسىدىندۇر.
2. مۇھاجىرەتتىكىلەرنى «خېمىرتۇرۇچ» قا ئوخشىتىش. بۇ ئوخشىتىشتىكى زېھنىيەت ئالدىنقى جۈملىدىكى «نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەر»گە ئوخشىتىشتىكى زېھنىيەت بىلەن بىر مەنبەلىك بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان كالام تىلغا ئېلىنغان. چىنلىقى يوق، رېئاللىق بىلەن ئۇيۇشمايدىغان كالامدۇر. نېمىشقا؟
بىرىنچىدىن، مۇھاجىرەت ياكى ئاتالمىش دىئاسپورادىكى %99 خەلق ۋەتەننىڭ قوينىدىن چىققان، مىللەتنىڭ ئارىسىدا، ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن چوڭ بولغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېتىشكەنلەر. ھەر تۈرلۈك قىسمەت بۈگۈن ئۇلارنى ۋەتەندىن ئايرىلىشنى، مۇساپىرانە ھاياتنى مەجبۇرىي ياشىشىنى تەقەززا قىلغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ۋەتەندىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشتەك قىسمەت ھەممىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئورتاق قىسمەت بولۇپ قالدى. شۇنداقلا بۇ قىسمەتمۇ ئۇنىڭ تۈپكى ئامىلى بولغان تاجاۋۇزچىلارنىڭ «دەرۋازىنى قۇلۇپلاش» سىياسىتى تۈپەيلى ئەمەلىيلەشتى. بۇ مەنىدىن مۇھاجىرەت ياكى دىئاسپورا توپى كېلىش مەنبە نۇقتىسىدىن ۋەتەندىكىلەرنىڭ پارچىسىدۇركى، ۋەتەندىكىلەر چەت ئەلدىكىلەرنىڭ پارچىسى ئەمەس. پارچە مەنبەگە، شاخچە ئۇلغا ياكى غول قىسىمغا تايىنىپ كۆكلىگەندەك، پۈتۈنلەنگىنىدەك، ئازلىقمۇ خېمىرتۇرۇچنىڭ بولدۇرۇشى بىلەن غولدىغاندەك، سىرتتىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتىمۇ ئەلۋەتتە ۋەتەندىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتىدىن كېلىدۇ. شۇڭا رېئاللىقتا ئەتراپى توپان بىلەن قورشىۋېلىنغانلار چەت ئەلدىكىلەرنىڭ غولى، مەنبەسى ۋە ماكان ئۇۋىسىنى جېنى ۋە مېلى بەدىلىگە تۆلەپ ياشاۋاتقان قىرغىن ئاستىدىكى خەلقتۇركى، چەت ئەلدىكىلەرنى ئۇلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنلىرى ئالدىدا ئەسلا نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەرگە تەققاسلىغىلى، تەشبىھ قىلىپ سالغىلىمۇ بولمايدۇ. مەۋجۇدىيىتى نۇقتىسىدىن توپان يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇقى چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ماددىي ۋە مەنىۋى ئۇزۇقلاندۇرغۇچى كاپالەتتۇركى، ئۇلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى، ھۆر ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشى چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى بولالايدۇ. شۇڭا چەت ئەلدىكىلەر ئۆزلىرىنى نۇھنىڭ كېمىسىدىكى تەلەيلىكلەر ئەمەس، بىر – ئىككى ئەۋلادقا ئاران بەرداشلىق بېرەلەيدىغان سەرسانلار، مىللىي مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىغا پېتىۋاتقانلار قاتارىدا كۆرۈشى ھەمدە بۇنىڭ چىقىش يولىنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرىنى باغرىدا ئۆستۈرۈپ، يېتىشتۈرۈپ، بۈگۈنكى مىللەتكە ئايلىنىشقا بۆشۈك بولۇپ بەرگەن ئاتا ۋەتەننىڭ ئىستىقلالى بىلەن مۇمكىنلىكىنى تونۇپ يېتىشى زۆرۈردۇر.
ئىككىنچىدىن، «خېمىرتۇرۇچ» دېيىلگەندە گويا خېمىرتۇرۇچ ساق بولغىنىدا، خېمىرنىڭ بولدۇرۇلۇشىدىن ئۈمىد بار بولغاندەك بىر تەشبىھ كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، بۇمۇ خاتا تەشبىھ، رېئاللىققا چۈشمەيدىغان يۈزەكىي تەشبھىدۇر. چۈنكى مىللەت مۇنقەرز بولماستىن شۇنىڭغا ھەيدىلىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇنى گويا نۇھنىڭ كېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ھالاكىتى مۇقەررەرلەشكەنلەرگە ئوخشاتقاندەك، ئۇلارنى يوق قاتارىغا چىقىرىش، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ كاپالىتىنى چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا باغلاش ئوخشاشلا رېئاللىققا خىلاپ، چىنلىققا يىراقتۇر. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ يۇقىرىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندەك ئەسلىدىنلا ۋەتەندە. يەنە كېلىپ قىرغىنچىلىق شىددەت بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئەسلا مۇنقەرز بولىدىغانلىقنى جەزملىككە ئىگە قىلمايدۇ، پەقەتلا سۈكۈت قىلىنسا شۇنداق بولۇشتەك ئاقىۋەتنى تەخمىن قىلىشقا يارايدۇ، خالاس. ئەجەلنى ئالدىن ۋە شەرتسىز جەزملەشتۈرۈۋېتىش ئىنساننىڭ ئىلكىگە تۇتقۇزۇلغان ئىشلاردىنمۇ ئەمەس. شۇڭا مەۋجۇتلۇقنىڭ خېمىرتۇرۇچى، شۇنداقلا چەت ئەلدىكىلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچى ۋەتەندە. قىلىنىۋاتقان مائارىپ، تەشۋىقات ئاستىدىكى مەھەللە، ۋەتەندىن ئېلىپ چىققان ھۈنەرگە تايىنىپ سېلىۋالغان ئايۋان سارايلىق مەدەنىيەت ئۆيلىرى قاتارلىق ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق بولۇپ، بۇ نەرسىلەر ئەسلىنى ئۇنتۇش باسقۇچىنى كېچىكتۈرۈش، بىر ئىككى ئەۋلاد بەرداشلىق بېرىپ ۋەتەننىڭ ئەھۋالى تۈزەلگەن، ئۈزۈلگەن پارچە ئەسلى غولىغا قايتقانغا قەدەر، چەت ئەلدىكى سەرسانىيلار ۋەتەندىكى خېمىرتۇرۇچى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغانغا قەدەر مۇددەتلىك ئىشقا يارايدۇ، خالاس. ئەگەر چەتئەلدىكى بۇ ۋاقىتلىق ھادىسىلەر توغرا تونۇش ئاساسىدا قىلىنماي، ئەكسىچە ۋەتەندىن ئۆزىنى ئۈزۈپ تۇرۇپ مىللىيلىك چۈشى كۆرمەكچى بولۇشنىڭ دەستىكى بولىدىكەن، چەت ئەلدىكىلەر ۋەتەن ئەھلىگە قېتىلىشتىن، مىللەتنىڭ بىر پارچىسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۇنىڭ كۈلتۈرىدىن ئوزۇق ئېلىپ تۇرمايدىكەن، قالدى گەپلەرنىڭ ھەممىسى خەلقنى تىزگىنلەپ تۇرۇشتىكى ئەپيۈن پىكىرلەر بولۇپ، تەكرار ۋە تەكرار بازارغا سېلىنىشى بولسا ئەپيۈنچىلىق سودىسىنى قىزىتىشتىن باشقىغا خىزمەت قىلمايدۇ. چۈنكى دېيىلگەنلەر، ئوخشىتىشلار، مۇددىئالار رېئاللىق بىلەن ئۇيۇشمايدۇ، بەلكى رېئاللىقنىڭ ئەكسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
دېمەك، دەۋانىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى نۆۋەتتىكى ئۇزۇنغا سوزۇلۇش ئېھتىماللىقى كۆزلەنگەن ئۇزۇن مۇساپە ئۈچۈن زۆرۈرىيەت. ئەمما بۇنىڭ زۆرۈرلۈك ئامىلى ۋەتەندىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ خېمىرتۇرۇچىنىڭ چەت ئەلدىكىلەردە بولغانلىقىدا ياكى ئۇلارنىڭ كېلەچەك ئەۋلادلىرىغا قاراشلىق بولغانلىقىدا ئەمەس. ئەكسىچە چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھەقىقىي كاپالىتى ۋەتەندىكىلەردە ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۆرلۈككە ئېرىشىشىگە باغلانغانلىقىدا، شۇنداقلا مىللەتنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە چەت ئەلدە پۇت تىرەپ تۇرۇشنىڭمۇ تۈپكى ئاساسىنىڭ ۋەتەندىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىدىن، مۇنقەرزلىك تەھدىتىدىن چىقىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا، ھۆرلۈكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە باغلىقلىقىدا. خېمىرتۇرۇچنىڭمۇ ئەسلىدە ۋەتەندە ئىكەنلىكىدە، ئۇنىڭ ئەسلىدە مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدە ھەمدە ئەل - ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ غول چىنارنىڭ شاخچىسىغا ئايلىنالمىغان چەت ئەلدىكى ھەرقانداق يوپۇرماقنىڭ بىر - ئىككى ئەۋلاد ئۆتۈپ قۇرۇشىنىڭ مۇقەررەرلىكىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندۇر. زېھنىيەت ئەگەر بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلمىغاندا، ئەكسچە زېھنىيەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يول تۇتۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق زېھنىيەتتە يول تۇتقاندا بولسا، قىلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، ئۇرۇنۇشلار، كۈچ سەرپىياتلار ھەقىقىي خېمىرتۇرۇچقا قارىتىلمايدۇ، دەبدە بىلەن مەۋسۇم، ئاي ۋە كۈن ئاتلاپ ئېچىلىۋاتقان يىغىنلارنىڭ تېمىسىمۇ خۇددى بۈگۈنكىدەك تەدرىجىي ئۇيدۇرما خېمىرتۇرۇچلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسىگە قارىتىلىدىغان، ئۇلارنىڭ پاراۋانلىقىغا، تىرىكچىلىكىنى ئاسانلاشتۇرۇشقا قارىتىلىدىغان بولۇشقا باشلايدۇ. خېمىرتۇرۇچنىڭ ئورنىنىڭ ۋەتەندىن چەت ئەلدىكىلەرگە يۆتكىلىشىلا ئەمەلىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلارغا، تۇتۇم ۋە پوزىتسىيەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، نەتىجىدە چەت ئەلدىكىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ئۇرۇنۇشلارنىڭ ۋەتەنگە قىلىنىۋاتقان ئۇرۇنۇشنىڭ بىر پارچىسىلىك دەرىجىسىدىن بىردىنلا ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلىشىدەك روھىي ھالەتنىڭ ئىدىيەۋى ئارقا كۆرۈنۈشىغىچە ئۆز ئەپتىنى نامايان قىلماي قالمايدۇ. بەس - بەستە تارقىتىلىۋاتقان ئۇن - ياغ كۈرىشىدىن، مەبلەغ ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەتىجىسى كۆرۈلمەيۋاتقان ئېتى ئۇلۇغ يىغىنلارغىچە، يېگەن - ئىچكەندىن جۇلجەپپەلىشىپ ئولتۇرۇپ چالا ئۇيقۇدا چۈشۈپ تارقىتىلىۋاتقان رىياسىمان رەسىملەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدىكى زېھنىيەتنىڭ ئاتالمىش «خېمىرتۇرۇچ» زېھنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش يىراق بولمايدۇ. بۈگۈنكىدەك سەككاكىي ھەزرەتنىڭ مەقبەرەسى جايلاشقان يۇرتلاردا شەكلى ئۆزگەرگەن لاگېرلارغا سىغقاننى «يۇقۇملاندى» دەپ ئۆلتۈرۈش، سىغمىغاننى ئۆينى سىرتىدىن سۇۋاركىلاپمۇ بولسا ئاچ قويۇپ قىيناپ ئۆلتۈرۈش يۈز بېرىۋاتقاندا، يەنى ھەقىقىي خېمىرتۇرۇچلار چەيلىنىۋاتقان، چىنارنىڭ يىلتىزىغا پالتا ئۇرۇلۇۋاتقاندا، «تۈگىمەس ناخشا» مىسالى، چەتئەلدىكى ئاتالمىش «خېمىرتۇرۇچلار» ئۈچۈن پايپېتەك بولۇۋاتقان بەھۇزۇر يىغىن ۋە يىغىلىشلارنىڭ نورماللاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي كىرىزىسىغا ئالاقىسىز توپلىنىشلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئاچلىقتا قىينىلىۋاتقانلىق ۋىدىيولىرىغا قارىماي سورۇن - سورۇن كوللېكتىپ زىياپەت ۋە ئولتۇرۇشلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ مېڭىۋاتقانلىقىمۇ يۇقىرىقى تەنتەك دىياگنوز بولمىش ئاتالمىش «نۇھنىڭ كېمىسىدىكىلەر»، ئاتالمىش «خېمىرتۇرۇچ»لار زېھنىيىتىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭدىن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىلىرىدىن يىراق ساناپ بولمايدۇ.
خۇلاسە شۇكى، سىياسىي خىتاب مەيلى ئويغىتىش تىپىدىكى بولسۇن، ياكى يېتەكلەش تىپىدىكى بولسۇن رېئاللىقنى ساختىلاشتۇرۇشقا، سۈنئىي ئەندىشە يارىتىش ئارقىلىق قىلىنىۋاتقان ئۇرۇنۇشلارنى ۋەزنىگە چۈشمىگەن ئۇسۇلدا يوغىنىتىشقا خىزمەت قىلماسلىقى لازىم. ئەڭ مۇھىمى سىياسىي خىتابلار ھەقىقىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەسلىككە خىزمەت قىلىشنى بەس قىلىشى، چىن ئەمەلىيەتنىڭ ساختىلاشتۇرۇلغان «رېئاللىقلار» ئاستىدا بوسۇرۇلۇپ قېلىشىغا، ياكى ھەقىقىي بولغاننىڭ ئورنىغا مەجازنىڭ دەسسىشىگە خىزمەت قىلماسلىقى لازىم. بۇ ۋەجىدىن سىياسىي خىتابلار خەلقنى يېتەكلەشتە مەۋجۇت كىرىزىسنىڭ خەتىرىنى مۇبالىغىلەشتۇرسە بولىدۇكى، ئەمما ئۇنى بەتتاملاشتۇرسا، رېئاللىققا خىلاپ تەبىرلەر بىلەن چۈشىنىكسىزلەشتۈرۈلسە، ۋەزنىدىن ئاشۇرۇپ چوڭ كۆرسىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىنسا بولمايدۇ. توغرىنى توغرىنىڭ ئەڭ توغرىسى بىلەن ئىزاھلاشقا بولىدۇكى، خاتانى تەكرار ۋە تەكرار سىناشقا، زېھنىيەتكە، تۇتۇمغا ۋە ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا مەشرۇئلۇق ۋاسىتىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا بۇنداق توپنىڭ قۇللۇق جەمئىيەتنىڭ ماڭقۇرت يولباشچىلىرىدىن پەرقى قالمىغان بولىدۇ. ئاقىۋەت ئۆزىنىڭ كېتىۋاتقان يولىنى دەۋاغا خىزمەت قىلىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ بارا - بارا قىلىۋاتقانلىرىنى «دەۋا»نىڭ ئۆزى دەپ ئاتاشتىن يانمايدۇ، خۇددى ۋەتەندىكىلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچلۇق ئورنىنى چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇپ كېتىۋەرگەندەك. بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دىكتاتور زېھنىيەتنىڭ ئۇچقۇنلىرىغا ئوت پىلتىسى بولۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ھازىرلاشتۇر. چۈنكى ئەتراپتىكىلەرنىڭ قاش - قاپاققا باقىدىغان تىپلاردىن تەشكىللىنىشى، بىنورماللىققا قارىتا ئورتاق تەكلىپ - پىكىر قىلىشتىن يېگەن يۈز، ئىچكەن گال، ئېلىۋاتقان تەمىناتلار ياكى ئاللىقانداق مەنپەئەتلەرنىڭ توسالغۇ بولۇشى سىياسىي خىتاب ئىگىلىرىنىڭ رېلىسىنىڭ تورمۇزىنى كاردىن چىقىرىشقا ئېلىپ بارىدۇ. دېمەك مەسىلە، نوقۇل شەخستە ئەمەس، شەخس بىلەن سەپداشلىقتا كېتىۋاتقان كوللېكتىپتا ئورتاقتۇر. ئورتاق خاتالىق تەكرارلانغاندا بولسا، بۇنى تۈزەپ قويۇش، مەسىلىنىڭ خاتا قىسمىنى ئېچىپ پاش قىلىش بايقىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئايلىنىدۇ.
بۇ ئورۇندا دەۋرىنىڭ سىياسىي ئوبزورچى ئەدىبلىرىدىن مەشھۇر يازغۇچى جورج ئورۋېلنىڭ ماڭقۇرتلار يېتەكچىلىكىدىكى جەمئىيەتنىڭ رېئاللىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىدىغان مۇنۇ سۆزى مەنىداردۇر. ئۇ شۇنداق يازىدۇ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇش، ئۆيلىنىش، بالا تېپىش، ئىشلەش ۋە ئۆلۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتمەكتە ئىدى». دەرھەقىقەت، كىشى بەزىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قاراپ خۇددى بۈگۈننى يۇقىرىقى جۈملىلەردە تاپقاندەك بولىدۇ. تۈگمەن تېشىدەك ئوخشاش ئايلىنىشتىن زېرىكمەيدىغان ئاچچىق رېئاللىقلار كۆزدىن لاپ قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، ئەڭ ھالقىلىق رېئاللىقنى ئىدراك قىلىپ يەتكەندەك بولىدۇ. ئەجەبا، دەپ قالىمىز: جورج ئورۋېل مۇشۇنداق جەمئىيەتتە سىياسىي ھەرىكەت قىلىۋاتقان توپنى كۆرگىنىدە شۇنداق يازار بولغىيمىدى: ئۇلار ئۆزلىرىنى خېمىرتۇرۇچ، نۇھنىڭ كېمىسىدە ساق قالغان «تەلەيلىكلەر» سانايتتى. بار غېمىنى ئالدى بىلەن ئاشۇ تەلەيلىكلەرگە ئاتاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. يىغىن ئاچاتتى، رەسىمگە چۈشەتتى، سىغىم كارتىسىنىڭ ئىچى بوشالغانغا قەدەر چۈشكەن رەسىملەرنى بولۇشىغا تارقىتىشاتتى. نەتىجىدە ھەممىسىنىڭ تىپىك مەشغۇلىيىتى ئورتاق بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك «تۇغۇلۇش، ئۆيلىنىش، بالا تېپىش، ئىشلەش ۋە ئۆلۈش بىلەن ئالدىراش ئۆتۈپ كېتىشتىن ھالقىپ كەتمەيتتى». خەيرىيەت!
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-08-29
-----------------------------
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
قىسقىچە تەۋسىيە: سەھىپىدىكى تېمىلارنىڭ مەزمۇن - مۇھتەۋاسىنى كېڭەيتىشكە ياكى مۇھاكىمە قىلىشقا يارىماستىن شەخىسنىڭ فىزىيولوگىيەسىنى چىشلەپ تارتىشقا ياتىدىغان، ياكى ئۆز ئورنىدا چىقىرىشقا تېگىشلىك قورساق كۆپۈكلىرىنى چىقىرىۋېلىشنى پۇرسەتتەك كۆرۈپ يېزىلغان ئىنكاسلار بايقالسا ئۆچۈرۈلىدۇ. سۈپەتلىك، ساپالىق پىكىر قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Abds Erdem غا:
جاۋاب:
بىرىنچى، مەن يالقۇن روزى ئەمەس.
ئىككىنچى، يالقۇن روزى يازغان شارائىت، ماكان ۋە زامان پەرقىنى، قەيەرگە يېزىپ ئېلان قىلىشى ۋە قانداق تۈردىكىلەرگە قانداق خىتاب قىلىش كېرەكلىكىنى دەڭسەپ تۇرۇپ قىلىدۇ. بۇ پەرقنى ئايرىيالمىسىڭىز تەنقىدنى چۈشىنىپ ئوقۇشىڭىزغا بىر پۇتلىكاشاڭنى ھەمراھ قىلىۋېلىشتىن ساقلىنالمايسىز.
ئۈچىنچى، ماختىشىدىغانلار ماختاشسا بولىدۇ. ئەسلىدىنلا يىغىنلاردا، ھەر سۆز باشلانغاندا، سورۇن ئۇيۇشتۇرۇلغاندا، گەپ - سۆز، پاراڭلار ماختىشىش بىلەن ئۆتۈۋاتمامدۇ.
تۆتىنچى، ئوبزور ۋە تەنقىدلەردە ماختاش گېپىگە كەلسەك، ماختاش ئەسلىدىن ئىلىم ۋە قەلەم ئەربابلىرىنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس. خاراكتېرىدە دەز بار كىشىلەردە ئۇچرايدىغان ئىشتۇر. يالقۇن روزىنىڭ ئوبزورلىرىدىمۇ ماختاش تەڭ بار دېگەن گەپمۇ لىللاھ بولمىغان. ئوبزورچى ماختىمايدۇ، بەلكى تەقدىرلەيدۇ ياكى ئىجابىي باھا بېرىدۇ، مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ ماختاش تۈرىگە كىرىدىغان ئىش ئەمەس.
بەشىنچى، بىراۋنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىشى ماختاشقا ھەقلىقلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. سەھىپىڭىزگە قارىسام سىز دىنىي ئىلىملەر بىلەن ئالاقىسى باردەك كۆرۈنىسىز. شۇڭا سىزگە يېقىن تىلدا مەسىلىنى ئاڭلىتاي. ئۇسۇلۇل فىقھى ئىلمىنى ئاچسىڭىز، مۇستەھەب دەيدىغان ئۇقۇمنىڭ تەبىرى بار: مەسىلەن، مۇستەھەب دېگەن ئۇقۇمنى ئېلىپ ئېيتساق، پەرزنى ئادا قىلغاندىن كېيىن كىشى ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ھۆر تاللىشى بىلەن ئادا قىلسا بولىدىغان ئەمەل بولۇپ، «قىلغۇچى ماختىلىدۇ» دېيىلگەن. پەرزگە بېرىلگەن تەبىرلەرنىڭ ھېچ يېرىدە ماختىلىدۇ ياكى سۆكۈلىدۇ دەپ تەبىر يوق. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بۈگۈنكى كىرىزىستا مەجبۇرىيىتىنى ئورۇندىغانلارنىڭ بىرىنىڭ ماختىشىنى كۈتۈشىمۇ، بىرىلىرىنىڭ ماختىشىنى تەرغىب قىلىشمۇ ئەسلىدىن ناتوغرا بولغان، ئەخلاققا زىت بىر ئىش. ھەر ئىش ماقامغا قويۇلمىغان زاماننى ئارزۇلاۋەرگىنىمىز، ماھىيەتتە قىيامىتىمىزنى تىلەۋاتقانىمىزدۇر.
ئالتىنچى، مەدھىيەسىراش ياكى غەپلەت دەۋرىدە مەدھىيە ئارزۇلاش ئىنساننى چىرىتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. كىشىنىڭ كىشىگە قىلغان ماختىشى ئۇنى چىرىتقاندەك، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئاتموسفېرادا، يەنە كېلىپ ھەر يەر ماختاش، كۆرمەسكە سېلىش، ئويلانماسلىق، تەپەككۇر قىلماسلىق، قارىسىغا چاۋاك چېلىش نورماللاشقان بىر توپلۇمدا ماختاش ئارىلاشتۇرۇشقا زورۇقۇش تەڭكەشچىلىك ياكى ئۆزىنى پەرقلىق كۆرسىتىشتەك كۆز - كۆزچىلىك خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ قويىدۇ. دىن ساھەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىڭىزنى كۆزدە تۇتۇپ ماختاش ھەققىدە كۈنىمىز ئۈچۈن مۇنۇ ھەدىسلەرنىڭ نە قەدەر زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتەي: مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھۇزۇرىدا مەلۇم بىر ساھابىنىڭ يەنە بىر ساھابىنى ماختىغانلىقى بىلىنىدۇ. بۇنى ئاڭلىغان پەيغەمبەر دەرھال ئىپادە بىلدۈرۈپ تۈزەتمە بېرىپ ئۈچ قېتىم: «ھەي ئىسىت، سەن ئۇنى ماختايمەن دەپ بوينىنى سۇندۇرۇۋېتىدىغان بولدۇڭ» دەپ كايىيدۇ. بۇخارىي رىۋايەت قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاراڭلاردا ماختاشقىلا تۇرىدىغانلارنى كۆرسەڭلا چىرايىغا توپا چېچىۋېتىڭلار» دەيدۇ. يىللاپ تەكرار ۋە تەكرار داۋاملىشىۋاتقان بىنورماللىقلارغا قول قۇۋۇشتۇرۇشلار، گەپ - سۆزدە كېتىپ قالسا تۈزىتىپ قويۇشقىمۇ ئەسقاتمايدىغان سەپداشلىقلار، يىغىن - يىغىنلاردىكى ھېسسىي گەپلەرگە قارىسىغا چاۋاك چېلىپ تاماشىبىنلىق قىلىشلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئەھلى ئىسلام ئارىسىدا كۆرۈلسە بولمايدىغان سەلبىيلىكلەردۇر. بۇ مەنىدىن تەنقىد پەيغەمبەر بۇيرىغان «توپا چېچىش»نىڭ بىر تۈرى دېيىشكە بولىدۇ. ھالىمىز بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ شۇ: ھېچكىم «ماختاش» تىپىدىكى ئىشلارنىڭ بىھۇدە ياكى ئورۇنسىزلىقىغا دىققەت قىلمايدۇ، ئەمما پەيغەمبەر تەلىماتىغا ئەمەل قىلاي دەۋاتقانلار چىقسا، نېمىشقا ماختاش ئارىلاشتۇرمايسەن؟ دەپ چاپلىشىدىغانلار، نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسىز، نېمىشقا بۇنىڭدەك قىلمايسىز، دەپ ئىش ئۆگىتىدىغان پىركالانلار، ئاقساقاللار، شىلتىڭچىلار ھەر تەرەپتىن يېغىپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە دېيىلىۋاتقان بۇ گەپلەر سىزنى شۇنداق قىلىۋاتىسەن، دېگەنلىكتىنمۇ ئەمەس. سوئالىڭىز تۈزلا سورالغان بولسىمۇ، جاۋاب بەزى ئاچچىق رېئاللىقلارنىمۇ ئىپادىلىمەستىن تامام بولمايدىغان بولغاچ دېيىشكە توغرا كەلدى. توغرا چۈشىنىپ ئۆزىڭىزگە تېگىشلىك جاۋابنى سۈزۈپ ئېلىۋالالايسىز دېگەن ئۈمىدتىمەن. خەير.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
پەرزلەر جايى جۈدە ئادا تاپماي كېتىۋاتقاندا مۇستەھەبلەرنى باھالاپ، مەخسۇس يېزىپ يۈرگىدەك چول چىقسا يازار ئىدىم، چول يوق. چول ئىزدەشمۇ پەرز ئەمەس، شۇڭا بولسا كېرەك. پەرزلەر ئىچىدە يوقمۇ، دېسىڭىز قىلىنىۋاتقانلار پەرزنى ئادا قىلىش يولىدىكى ۋاسىتىلەر بار، ئەلۋەتتە. ئەمما تۇتامغا چىققۇدەكتىن دېسىڭىز يېزىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك دەپ قارىغانلىرىمنى قەلەمگە ئېلىپ تۇرۇۋاتىمەن. كىرىزىس ۋە مەسىلىلەر دۆۋىلىشىپ نۆۋەت كۈتۈۋاتقاندەك كۆپىيپپ بېرىۋاتقاچ يېزىلىۋاتقان نەرسىلەر ئوقۇرمەندە زادى يوقمىدۇ دېگۈزۈۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. دەرۋەقە شۇنداق تۇيغۇ بولۇشىمۇ نۇرمال. لېكىن ئومۇم ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇچراشسىڭىز تالاي ئىجابىي باھالار بېرىلگەن نۇقتىلارنى يالقۇن روزى ئەسەرلىرىدە ئۇچرىغاندەك ئۇچرىتالايسىز، دەپ ئويلايمەن.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
يۇقىرىدىكى «قاراقاش ئوغلى» ۋە «ئەبۇسەئىد كارۋان» ئىسىملىك قاسچى ۋە شۇنىڭسىمان پاسچىلارغا:
سىلەرگە بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ كۆپى « Abds Erdem» ئىسىملىك تورداشقا بېرىلگەن جاۋابتا دېيىلىپ بولدى. شۇ يەردىن ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇۋالساڭلار، ئۇزۇن كۆرسەڭلار ئوقۇماي مەھەللەڭلەردە ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرساڭلارمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئىخچام يازامدىم، ئۇزۇنمۇ، ئون غېرىچ يازامدىم بىر كاساڭمۇ ئۇ مەن بىلىدىغان ئىش. ئاقساقاللىق ياكى ئاتىكارچىلاردىن كاتىپ ياكى كاتىبە تاللىغىنىممۇ يوق. شۇنداقراق مەنسەپكە ئىشقا ئېلىپ قالسام گەپ بولسا قىلارسىلەر.
پاسچىلىق ۋە قاسچىلىق قامچىلىنىۋاتقان سەھىپىگە كىرىپ بەك نومۇر كۆرسەتكىڭلار كېلىپ كەتكەن بولسىمۇ بېسىۋالغايسىلەر. ئاندىن ئاۋۇنىڭدەك چۈپەي، ھېسسىي، گەپ تاپالمىغاندا ياغلىما ئورنىدا ئىشلىتىدىغان چۈشەندۈرۈشلىرىڭلارنى چېكەڭلەرگە تېڭىپ تۇرغايسىلەر. ھەم تېمىلاردا ئىنكاستىكىدەك ئىسىملار تىلغا ئېلىنىپ يۈرگىنى يوق. بۇنداق ئادۋۇكاتلىقىنى قىلىۋاتقان زاتلىرىڭلارنىڭ يۈزىنى ئۇقۇپ ئۇقماي تۆكۈشكە ھەسسە قوشىدىغان ئىنكاسلار سىلەردىن ھالقىپ ئۇلارنىڭمۇ ئوبرازىغا تېخىمۇ شالتاق چاچرىتىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايدۇ. شۇڭا ئاقلاشقىمۇ ياتماستىن ئۇدۇل ئاقلامچىلىققا ياتىدىغان ئىنكاسلارغا ئاز كىرىپ مەھەللەڭلەردە ئويناپ تۇرۇشساڭلارمۇ سىلىنى ھېچكىم قاسچى ۋە پاسچىكەن دېمەيدۇ. چۈنكى، بۇ بەشتاش بىلەن ئوشۇق ئويناش ئارىسىنى پەرق قىلالمايدىغانلارغا، شاكىچىكچە گەپ ساتىدىغانلارغا ئالدىراپ ئورۇن تەگمەيدىغانراق بىر سەھىپە.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
قارقاش ئوغلى غا: ھەقلىڭىزگە بارىكاللاھ شاكىچىك. گۆدەكلىكتە ئەقلىيەلەرنى پۇتىغا ماي قىلىپ سۈرۈۋالىدىغانلارمۇ، ماڭقىسىنى ئېيتىش ئۈچۈن قولياغلىق قىلىپ ئىشلىتىۋالىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرۇشى ئەلمىساقتىن بار ئىش. ئۇزاتمىدىم، خۇدايىمغا ئامانەت.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder