ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (3)

 ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (3)

‐ مۇجمەل تالىپچاقنىڭ مۇجمەل بايانىنى كۆرگەندىن كېيىن ‐

4. سىياسىي كاززاپلىق، خاتا ئىزاھات ۋە ئازغۇن پەتىۋا (داۋامى...)
ئىككىنچى مىسال بولسا، زاكات دۇرۇس بولىدىغان كاتېگورىيەلەرنىڭ يەتتىنچىسى بولغان «في سبيل الله»، يەنى ئاللاھنىڭ يولىدىكىلەر كاتېگورىيەسىدۇر. تالىپچاق «دەۋەتچى»مىز بۇ كاتېگورىيەدىمۇ ئۆزىنىڭ سىياسىيغا ئارىلاشماسلىق، نامايىشنىمۇ بايراقسىزلاشتۇرۇپ سىياسىيسىزلىشىش تەرەپدارلىقى خاھىشىنى شەرئىي پەتىۋاغا ئەكس ئەتتۈرمەكچى بولىدۇ. ھەمدە زاكات دۇرۇس بولىدىغان بۇ كاتېگورىيەدە «ئاللاھ يولىدىكىلەر»دىن مەقسەتنىڭ ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ ھۆكمىگە كىرىدىغان ئىشلار ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. مىسال تەرىقىسىدە ئىلمىي خىزمەتلەرنى، تەلىم – تەربىيە مەركەزلىرىنى، ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى، قىيىنچىلىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىدۇ. بۇلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن تەڭ، ئاللاھ يولىدا كۈرەشنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان تىپىك دىنىي خىزمەتنى، قۇرئان كۇرسلىرىنى، دەۋەت خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارنى مىسال قىلىدۇ. بۇلارنى تىلغا ئالغاچ تالىپچىقىمىز ئۆزىنىڭ نۇر ت ۋ قانىلىنىمۇ زاكات ئېلىشقا تېگىشلىكلەر قاتارىغا تىزىپ ئۈلگۈرىدۇ. مۇجمەل ۋە تومتاقلاشتۇرۇش ئادىتى بويىچە ئاللاھ يولى كاتېگورىيەسىگە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان ئاللاھ يولىدىكى خىزمەتلەرنى، يەنى يۇقىرىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش، تۆۋىنى تەرجىمىچىلىكتىن تارتىپ دىنىي خىزمەتلەرنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ.
يەنى تالىپچىقىمىز زاكات ۋىدىيوسىدا «ئاللاھ يولىدىكىلەر» كاتېگورىيەسىنى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش ۋە ئۇنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان ئىشلار، دېگەن ئىككى ۋارىيانتقا ئايرىيدۇ، ئەمما تىلغا ئالغان مىساللارنىڭ ئومۇمىسى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلغانلىقنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان ئىشلاردىن ھالقىپ كەتمەيدۇ ياكى تىلغا ئېلىنغانلار ئاساسەن دىنىي ساھەنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ. ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ دەل ئۆزى ھېسابلىنىدىغان، يەنى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىدىغان ئىشلارنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان ئەمەس، بەلكى كۈرەشنىڭ دەل ئۆزى ھېسابلىنىدىغان ئىشلارغا بولسا، تەپسىلاتلىق بىر تالمۇ مىسال بەرمەيدۇ. پەقەتلا «يۇقىرىسى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش، جىھاد سۆزىنى، يەنى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىش سۆزىنى بىر نەچچە تەكرارلاپ قويۇشتىن باشقا تەپسىلاتقا كىرمەيدۇ. ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان ئىشلارنى مىسالغا ئالغاندا «مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇم مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان دىنىي خىزمەتلەر»نى تىلغا ئالىدۇيۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ۋە دۇنيالىق مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، جىھادنىڭ ئۆزى قاتارىدىن ساناشقا بولىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي مەنپەئەتىگە، سىياسىي مۇستەقىللىقىغا خىزمەت قىلىدىغان بىرمۇ ئىشنى مىسالغا كەلتۈرمەيدۇ. تۈگەل مىساللارنىڭ كۆپى ئاللاھ يولىدىكى كۈرەشنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان ئىشلاردىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. يەنى جىھادنىڭ ئۆزى ھېسابلىنىدىغان سىياسىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە چېتىشلىق سىياسىي ھەرىكەتلەردىن بىرەرسىمۇ تىلغا ئېلىنمايدۇ. جىھادنىڭ ھۆكمىگە چۈشىدىغان، جىھادنىڭ ساۋابىنى ئالىدىغان باشقا ۋارىيانتتىكى ئىشلارنى بولسا، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي مىسال قىلىشقا زورۇقىدۇ. توغرىسى سىياسىي خۇسۇستا ھە دېگەندە زېھنىي سىيقىراشنى باشتىن كەچۈرىدىغان، مۇمكىنقەدەر سىياسىيسىزلىشىشنى، بولمىغان تەقدىردە سىياسىي تۈسنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، رېڭىنى سۇسلاشتۇرۇش تۇتۇمىنى ھالقىلىق چاغلاردا ئىپادىلەپ كەلگەن بۇ تالىپچىقىمىز زاكاتنىڭ ھالقىلىق تېمىلىرىدىن بىرى بولغان ئاللاھ يولىدا جىھادنىڭ ئۆزى دائىرىسىگە كىرىدىغان ئىشلارغا مۇمكىنقەدەر چۆكمەسلىك، جىھادنىڭ ھۆكمىگە كىرىدىغان ئىككىنچى ۋارىيانتتىكى ئىشلارنى ساناپ بولدى قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىشكە تىرىشىدۇ. ھەتتا بۇنىڭلىق بىلەنمۇ كۇپايىلەنمەستىن سىياسىي دەۋا يولىنى ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشنىڭ يولى دائىرىسىدىن چىقىرىپ ئۈلگۈرىدۇ ۋە دەۋا يولىغا زاكات دۇرۇس بولمايدۇ، دەپ پەتىۋا پىچىدۇ. ئاللاھ يولىدا كۈرەش قىلىشنى «في سبيل الله» كاتېگورىيەسىگە تىزىش، ھەم ئاشۇ كۈرەشنىڭ جەريان - باسقۇچلىرىدىن بىرى بولغان سىياسىي دەۋانى، دەۋا يولىنى ئاللاھ يولى دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاشتەك زىتلىقنى شەرىئەت ھۆكمى قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەجەبا، دەۋادىن مەقسەت شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكىدىن قۇتۇلدۇرۇش، مۇستەقىل قىلىش دەۋاسى ئەمەسمۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ جىھادى، ئاللاھ يولىدىكى كۈرىشىنىڭ بىرىنچى غايىسى ئاشۇ تۇپراقنى سىياسىي مۇستەقىللىققا ئېرىشتۈرۈش ئەمەسمۇ؟ بۇ كۈرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز نۆۋىتىدە ئاللاھ يولى ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا دەۋا يولى مانا بۇ كۈرەش يولىنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟ قاچاندىن بىرى دەۋا، يەنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى دىنىي نۇقتىدىن «في سبيل الله» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان بولۇپ قالدى؟
تالىپچىقىمىز ئەنە شۇنداق ھەم ئاللاھ يولى ھەققىدە گەپ سېتىپ، ھەم ئاللاھ يولىنىڭ ئۆزى دائىرىسىگە كىرىدىغان، جىھادنىڭ ئۆزى جۈملىسىدىن سانىلىدىغان سىياسىي دەۋانى «في سبيل الله» كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇنىمۇ ئىنتايىن قۇۋلۇقچە ئىپادىلەشكە تىرىشىدۇ. يەنى جىھادنى ئاللاھ يولى كاتېگورىيەسىدىن سانايدۇ. ئەمما جىھادنىڭ ساھەسى، مەيدانى بولغان دەۋا يولىغا زاكات ئىشلىتىشنى توغرا ئەمەس، دەپ چۈشەندۈرىدۇ. نۇر ت ۋ سىنى، يۇتۇبىرچىلىقىنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن زاكات ئىشلىتىش جائىز ئورۇنلار قاتارىغا تىزالايدۇيۇ، دەۋا يولىغا زاكات ئىشلىتىشنى توغرا بولمايدۇ، دەيدۇ. نۇر ت ۋ قانىلىدىكى پائالىيەتلىرىنى دەۋەتچىلىك كاتېگورىيەسىگە تىزىپ تۇرۇپ، يەنى جىھادنىڭ ھۆكمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ تۇرۇپ ئاتالمىش دەۋەتچىلىك خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆزىنى زاكات ئالغۇچى ئاللاھ يولىدىكىلەر دائىرىسىگە نومۇس قىلماي تىزالايدۇ، ھەمدە زاكاتنى سىتودىيەسىگە سەرپ قىلىشنى جائىز دېيەلەيدۇيۇ، جىھادنىڭ ھۆكمىنىڭ ئورنىدا بولماستىن، بەلكى جىھادنىڭ ئۆزى دائىرىسىدىكى سىياسىي مۇستەقىللىق يولى بولمىش دەۋا يولىغا زاكاتنى توغرا دېمەيدۇ. نەتىجىدە تالىپچىقىمىز سىياسىي دەۋانىڭ ئۆزلۈكسىزلىشىشىنىڭ كاپالىتى بولغان ئىقتىسادىي مەنبەلىرىدىن بىرىگە، يەنى ئاللاھ يولى بولمىش مۇستەقىللىق دەۋا يولىغا ئىشلىتىشكە قارشىلىقىنى دىن نامىدىن ئىپادىلەپ ئۈلگۈرىدۇ.
بۇ يەردە كەتكۈزۈلگەن ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، دەۋا يولى دېيىلگەندە بۇنىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسىنىڭ يولى، يەنى كاپىر ھاكىمىيەتنىڭ ئىستېلاسىغا، زالىم ئىشغالچى ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە مۇستەقىل بولۇشتىن ئىبارەت مىللەتنىڭ يېگانە چىقىش يولى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. سىياسىي دەۋا قىلىۋاتقانلار بۇنى قانچىلىك ساپ ئېلىپ بارالىغان ياكى ئېلىپ بارالمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دەۋا يولى دېگەن ۋاقىتتا كۆزدە تۇتۇلىدىغان مەنە يۇقىرىقىدەك. شۇنداق ئىكەن، بۇ يەردە دەۋا يولىغا زاكات ئىشلىتىشنى توسۇش، ئاللاھ يولى دائىرىسىدە قارىماسلىق بىرى دەۋانىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان ھاماقەت ئىكەنلىكنى ئېلان قىلىش بولسا، يەنە بىر مەنىدىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئومۇم مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغان، مۇسۇلمان خەلقنىڭ تەقدىرى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ قورغانىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ يولى ھېسابلىنىدىغان دەۋا يولىنى جىھاد كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىپ تاشلاش، توغرىسى دەۋانى خەلقنىڭ ھالال مېھنىتىنىڭ مېۋىسى بولغان مالىيەۋى كۈچ ئارقىلىق ئۆرە تۇرغۇزۇشتەك بىر ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ يولىنى كېسىشكە خىزمەت قىلىدىغان ساختا پەتىۋانى پىچىش، ئەمەلىيەتتە دۈشمەن خاھىشىغا تەڭكەش قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە يارايدىغان پەتىۋا ئىشلەپ چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
كۈنىمىزگە قەدەر مەلۇمكى، فىقھىي ئەسەرلەرنىڭ «كىتابۇززاكات بۆلۈمىنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇغان، ئىسلامنىڭ فىقھىي دەستۇرى ۋە پەتىۋا بېرىشنىڭ قائىدە – پىرىنسىپلىرىدىن مۇئەييەن سەۋىيەدە خەۋەردار بولغان ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلىدىن تېخى دەۋا يولىنى زاكات سەرپ قىلىش ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان ئاللاھ يولى دائىرىسىدىن چىقارغانلىقى، يەنى يەرلىك تىل ئادىتىمىز بويىچە ئېيتقاندا، «فى سەبىيلىللاھ» دائىرىسىدىن چىقىرىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغانلىقى كۆرۈلگەن ئەمەس. دەۋا يولىنى، يەنى مۇستەقىللىق يولى ۋە ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت ۋە ئورۇننى زاكات بىلەن دەستەكلەشنى چەكلىگەنلىكى بىلىنگەن ئەمەس. ھەم ئۇنداق بولۇشىمۇ كۈتۈلمەيدۇ. چۈنكى دىننى يەتكۈزۈشتىن مەقسەت دۈشمەننىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىش بولمىغان ئەھۋالدا، يىلتىزى ساغلام ھەرقانداق بىر ئىلىم ئەھلىدىن بۇنداق بىر ئازغۇن تۇتۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇنداق ئازغۇن تۇتۇم چىقسا – چىقسا دەۋاتقان سۆزىنىڭ ئەركەك چىشىسىنىمۇ ئىلغاپ سۆزلەشنى بىلمەيدىغان چالا تالىپتىن، شۇنداقلا نە ئىلىمدىن، نە دىندىن، نە شەرىئەتتىن ئالغان نېسىۋىسىنىڭ تايىنى يوق دىن ئەتكەسچىسىدىن، مۇناپىق موللىدىن چىقىدۇكى، فىقھىي پاراسەتتىن، شەرئىي ئىلىمدىن نېسىۋە ئالغان ھېچقانداق ئىلىم ئەھلىدىن چىقمايدۇ.
بۇ يەردە ئېنىق قىلىۋېتىشقا تېگىشلىك يەنە بىر نۇقتا بار. ئۇ بولسىمۇ دەۋا يولىغا زاكات سەرپ قىلىشقا بولىدۇ، دېيىلگەن بۇ ھۆكۈم، دەرۋەقە مۇتلەق ھۆكۈممۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دەۋا يولىغا زاكات دۇرۇس بولمايدۇ، دېگەن ئازغۇن ھۆكۈمنىڭ قارشىسى دەۋا يولى دېيىلگەنكى يولنىڭ ھەممىسىگە قارىسىغا زاكات ئىشلىتىش مۇتلەق جائىز دېگەنلىكمۇ؟ ئەلۋەتتە، ياق. چۈنكى ئىسلام شەرىئىتى نۇقتىئىنەزەرىگە كۆرە، شەرئىي ھۆكۈم باشقا مەسىلە. ئۇنىڭ تەتبىقلىنىشى، مۇئەييەن بىر نۇقتىدا پەتىۋاسى بېرىلىشى ئايرىم مەسىلە. شەرئىي ھۆكۈم دەۋا يولى، يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى يولى شەك شۈبھىسىز قۇرئاندىكى فى سەبىيلىللاھ كاتېگورىيەسى دائىرىسىدىكى يولدۇر. ئەمما بۇ ھۆكۈم مەن دەۋا قىلدىم دەپ چىققان ھەممە ئورۇن ۋە شەخسلەرگە بىردەك تەتبىقلىنامدۇ، دېگەندە، تەتبىقلانمايدۇ. مۇپتىنىڭ ئىشى، يەنى پەتىۋا چىقارغۇچىنىڭ ئىشى ھۆكۈمنى زېدىلەش ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمنى توغرا يوسۇندا تەتبىقلاشتۇر. شۇڭا نورمال بىر ئىلىم ئەھلى دەۋا يولىغا زاكات دۇرۇس ئەمەس، دېمەيدۇ، بەلكى زاكات سەرپ قىلىنماقچى بولغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ، ئىددىئاسى قىلىنىۋاتقان يولنىڭ راستتىنلا دەۋا يولى ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىش قىلىۋاتقان ياكى زىيىنىغا پائالىيەت قىلىۋاتقانلارنىڭ يولىمۇ ياكى ئەمەسمۇ، دېگەنگە قاراپ تۇرۇپ مەزكۇر ھۆكۈمنى تەتبىقلايدۇ. تالىپچىقىمىزنىڭ قىلچە فىقھىي دىتتىن، ئىلمىي پاراسەتتىن ئازراقمۇ نېسىۋە ئالمىغانلىقى شۇنىڭدىكى، دەۋا يولىغا زاكات كېلىشى، يەنى دەۋا يولىنىڭ ئاللاھ يولى كاتېگورىيەسىدە بولۇشى ئايرىم مەسىلە. ئەمما كۈنىمىزدە دەۋا دېيىلىۋاتقانكى تائىپىنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىقىي دەۋا يولى بولۇش ياكى بولماسلىقى ئايرىم مەسىلە. پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ رولىمۇ ھۆكۈمنى خاتا ئىزاھلاشتا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمنى توغرا چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش ۋە توغرا تەتبىقلاشتا گەۋدىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىنچىكىلىكلەرگە رىئايە قىلالمىغان، ئەكسىچە «قۇدۇققا تاش ئېتىش» تەرىقىسىدە نە ئىلمىي سەۋىيەسى، نە فىقھىي قابىلىيىتى، نە مەسىلىلەرنى توغرا كۆزىتىش قابىلىيىتى بولمىغان بىرىنىڭ دىنىي ساھەگە بۇرنىنى تىقىشىمۇ مەسىلىنىڭ ئىلىم، دىن مەسىلىسىدىن ئاشقان، پەرقلىق رامكىدا كۆزىتىش كېرەك بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى بېشارەتلەيدۇ. بولۇپمۇ، مەسىلە توغرىنى يەتكۈزۈش بولماستىن، ساختا ئۇنۋان، ساختا سالاھىيەت يارىتىشقا تاقالغاندا، قىلچە ئىلمىي لاياقەت ۋە سالاھىيەت يوق بولۇشىغا قارىماي، تۈگەل دىنىي ئىلىم ئوقۇش تارىخىنىڭ كۈنلۈكى ئاستىغا كىرىۋېلىپ دىنىي ساھەنى پېتىقلاشنى ۋەزىپە قىلىۋېلىش بولسا، بۇنداق نائەھلىلىك پاش قىلىنىشى، كەلگۈسى خەتىرى ئاگاھلاندۇرۇلۇشى ۋە ئون ھەقىقەتنى يەتكۈزۈشنى ۋاقتى كېلىپ بىر باتىلنى مىللەتكە يۇتقۇزۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش تۈسىنى ئالغان بۇ خىل دىن كاززاپلىقى بايقۇت قىلىنىشى، شۇنداقلا شەرئىي ساھەنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئەھلى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى ساھەنىڭ ساپلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، خەلقنىڭ دىنىي ئاڭ – سەۋىيەسىنىڭ لاياقەتسىز دەۋەتچىلەر تەرىپىدىن ئوۋلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت جۈملىسىدىندۇر.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تالىپچىقىمىز ئىسلامنىڭ زاكات سىستېمىسىنىڭ سىياسىيغا چېتىشلىق ئىككى چوڭ قىسمى بولغان «كۆڭۈلنى ئىسلامغا مايىل قىلىش»، «ئاللاھ يولىدىكىلەر»دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سىياسىي كاتېگورىيەنى ئاتالمىش دەۋەت خىزمىتىنى سىياسەتتىن قانداق يىراق تۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن، نامايىشتەك سىياسىي پائالىيەتنىمۇ بايراقسىز قىلغاندا سىياسىي تۈس ئالمايدىغانلىقىنى ئاتالمىش دەۋەتچى قالپىقىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ قانداق چاقىرىق قىلغان بولسا، زاكاتتىن ئىبارەت ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىي رۇكنىنىڭ بىرى بولغان زاكات مۇئەسسەسەسىنىڭ سىياسىي ساھەگە بىۋاسىتە چېتىشلىق بولغان ئىككى چوڭ كاتېگورىيەسىنى سىياسىيلىقتىن ئايرىپ تاشلاش، زاكاتنى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك تەرەپنى مۇمكىنقەدەر ئوقۇ – ئوقۇتۇش، دەۋەت، مائارىپ قاتارلىق ئىجتىمائىيلىققا ياتىدىغان ساھەلەرگە بۇراشتەك دىن ئەھكاملىرىنىمۇ سىياسىيسىزلاشتۇرۇش خاھىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. تەپسىلىيلىك ئۇياقتا تۇرسۇن، مەزكۇر ئىككى چوڭ كاتېگورىيەنى مەزمۇن ۋە كونكرېتلىق جەھەتتىن تۇتۇق ۋە ئېنىقسىز قالدۇرۇشقا زورۇققان.
خاتىمە
زاكات ئىبادىتى بۈگۈنكى ئاددىي چۈشەنچىلەردە كەڭ تارقىلىۋاتقاندەك، قانداقتۇر بايدىن ئېلىپ كەمبەغەلگە يەتكۈزۈش، زاكات بېرىشى پەرز دەرىجىسىگە يەتكەن ھەر كىشىنىڭ بەلگىلەنگەن چىقىمنى تېگىشلىك جايلارغا تېپىپ يەتكۈزۈشى بىلەنلا تۈگەيدىغان ۋە يىلدا بىر تەكرارلىنىپ توختايدىغان ئىقتىسادىي ئىبادەتتىنلا ئىبارەت ئەمەس. زاكات ئىسلام فىقھىشۇناسلىرىنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئۆز ئالدىغا بىر سىستېما. ئۇ بىر جەمئىيەتنىڭ، بىر قەۋمنىڭ، بىر مىللەتنىڭ، بىر خەلقنىڭ تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ساھەلىرىدە دۇچ كېلىۋاتقان چوڭ كىرىزىسلارغا چارە بولۇش يۈزىسىدىن ساماۋى شەرىئەت تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان، شۇنداقلا ئىنسانىيەت تارىخىدا پەقەتلا ئىسلامىيەت ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان چوڭ سىستېما. زاكات مۇسۇلمانلار ئۈچۈن دۆلەت خەزىنىسىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبەسىنى تەشكىل قىلىپ تۇرۇش، دۆلەت دۇچ كەلگەن چوڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسلاردا مۇھىم رول ئوينايدىغان مالىيەۋى كۈچ بولۇش بىلەن بىرگە، جەمئىيەت ۋە شەخسلەردىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش، جەمئىيەت پاراۋانلىقىدىكى تەڭپۇڭسىزلىققا چارە كۆرۈش، شۇنداقلا مونوپوللۇقتىن كېلىپ چىققان تەبىقىلەر ئارا مەيدانغا كەلگەن تەڭپۇڭسىزلىقنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش، كىشىلەر ئارا بىر - بىرىگە يار – يۆلەكتە بولۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئادالەت دېيىلىۋاتقان چوڭ مۇۋازىنەتنى تەسىس قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان چوڭ سىستېمىنىڭ نامى. قۇرئان كەرىمدە كونكرېت مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن سەككىز كاتېگورىيە مانا بۇ چوڭ مۇئەسسەسەنىڭ سەرپ قىلىنىش ئورۇنلىرى بولۇپ، زاكاتنى ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى تېگىشلىك جايلارغا، شەخسلەرگە سەرپ قىلىش قانچە مۇھىم بولسا، سىياسىي ساھەلەردىكى تېگىشلىك تەرەپلەرگە ئىشلىتىش ئوخشاشلا مۇھىم. ئەلۋەتتە بەزىدە قايسىسىنىڭ قايسىسىدىن بەكرەك مۇھىملىقى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قارىتا بىرى يەنە بىرىدىن مۇھىملىقتا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىشى، ئاۋۋاللىق دەرىجىسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى تەبىئىي. ئەمما ھېچقاچان بىرىنىڭ مۇھىملىقى يەنە بىرىنىڭ تەرك قىلىنىشىنى بەدەل قىلماسلىقى، بىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇپ يەنە بىرىنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقى، بىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يەنە بىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىنىڭ، سۇيۇقلاندۇرۇشنىڭ، بۇرمىلاشنىڭ ماتېرىيالى قىلىنماسلىقى زۆرۈر. ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىشى بولسا، ھەقنى يەتكۈزۈش، يەتكۈزگەندىمۇ توغرا ۋە ئەينەن يەتكۈزۈشتۇر. قانداقتۇر بۇزۇق خاھىشلىرىنى، شەخسىي ئېھتىياجىنى ياكى بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىلىرىنى شەرئىي ئەھكاملارنى قارىسىغا بۇرمىلاشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماسلىقى كېرەك. شۇنداقلا شەرئىي ھۆكۈملەرمۇ شۇ ساھەنىڭ سالاھىيەتلىك كىشىلىرى تەرىپىدىن، مەسىلىنىڭ ھەربىر فۇرۇئاتلىرىغىچە ئەتراپلىق ۋاقىپ بولغان، قايسى ھۆكۈم قايسى تارماققا ئۇدۇل كېلىدىغانلىقىنى، قايسى ھۆكۈمنىڭ قايسى تارماققا تەتبىقلىنىدىغانلىقىنى دىتلىيەلەيدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ، شەرئىي ھۆكۈملەرنى توغرا رەۋىشتە بايان قىلىش سەۋىيەسىگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، توغرا مەنىدىكى موللا – ئۆلىمانىڭ ئىشى بولۇشى كېرەك. ھەر ئۇدۇل كەلگەن ۋەزخاننىڭ، ئەرەبچە بىلگەنلىكنى دىن بىلگەنلىككە، دىن بىلگەنلىكنى كەسىپ ئەھلى بولالىغانلىققا تەڭ قىلىپ پەتىۋادىن ئىبارەت خەلقنىڭ بىۋاسىتە ئەمەل – ئىبادىتى ۋە ئىش – ھەرىكىتىگە يېتەكلىگۈچى خاراكتېردىكى ماقامغا چىقىۋېلىپ ساھەنى پېتىقلاشقا، فەقىھ ۋە مۇپتىلارنىڭ ئورنىدا كۆرۈنۈپ شەرئىي ھۆكۈملەرنى ئويۇنچۇقىغا، تۈرلۈك ئازغۇن ئىدىيەلىرىنى، بىدئەت چۈشەنچىلىرىنى، باتىل قاراشلىرىنى بازارغا سېلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىشىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك. دىننى ھىدايەت يولى قىلىش ئورنىغا ئاۋام ئارىسىنى بۆلۈشنىڭ، تۈرلۈك سىياسىي ماجىرا، ئىجتىمائىي غوۋغالارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە، توغرىسى خەلقنىڭ ئىسلامنىڭ توغرا يولىغا مەھكەم يېپىشقان ھالدا بىر مىللەت ۋە بىر ئۈممەت سۈپىتىدە ئۆز ئالدىغا خەلق بولۇپ مەۋجۇت بولۇشىنى خالىمايدىغان دۈشمەن كۈچلەرنىڭ نەپرەت ۋە بۆلۈنۈش يارىتىپ كونترول قىلىش ۋە كۈچ خورىتىپ ئاجىزلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە خىزمەت قىلىدىغان قورالى قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلماسلىقى لازىم. ئەپسۇس، كۆرمەكتىمىزكى، دىن ھەقىقىي ئەھلىدىن ئۆگىنىلمەيدىغان، ئىلىممۇ ھەقىقىي ئەھلىدىن ئېلىنمايدىغان، نوپۇز ۋە رەڭۋازلىق سەۋىيەسى قانچە كۆز قاماشتۇرىدىغان بولسا، شۇنىڭ خېرىدارى كۆپىيىدىغان، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرى قوشۇنىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ نائەھلىلەر ئۆزىنى ئىلىم ۋە دىننىڭ خىزمەتچىسى، دەۋەتچىسى سىياقىدا تەشۋىقات ۋە دەۋەت سەھنىلىرىنى، پەتىۋا ۋە ئىلمىي خىزمەت ساھەلىرىنى ئىگىلىمەكتە. لاياقەت ۋە سالاھىيەت ئەھلى بولمىغانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى خۇسۇسىدا ئېغىزىغا كەلگەنچە بىلجىرلىسىمۇ ئالقىشلىنىپ، سۈكۈت قىلىنىپ، ھەتتا چاپان يېپىلىپ ئۆتۈپ كېتىلمەكتە. مانا بۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان «ئۆزىمۇ ئازغان ۋە ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدىغان» نائەھلى تائىپىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى. ھالبۇكى، پەيغەمبەر بىر ھادىسىدىن ئاگاھلاندۇرغان بولسا، بۇ مەزكۇر ھادىسىنى توغرا چۈشىنىپ تەسەللىي تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى، شۇنداق بىر ۋەزىيەتكە يول قويماسلىق ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىدىن، ئىلىمگە، دىنغا توغرا ئۇسۇلدا ئىگە چىقىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەلقىن قىلىشتىندۇر.
سەلەف سالىھلاردىن ئىمام ئىبنى سىيرىن ئېيتىدۇ: بۇ ئىلىم دىندۇر. دىنىڭلارنى كىمدىن قوبۇل قىلىۋاتقىنىڭلارغا قاراڭلار!». ئىمام مالىك ئېيتىدۇ: پەتىۋا بېرىشكە مۇنداق ئىككى تىپتىكىلەر زورۇقىدۇ: بىرى نادان، يەنە بىرى ھاماقەت. بىز يۇقىرىدا مۇجمەل تالىپچاقنىڭ مۇجمەل بايانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ چىقتۇق. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان، خەلققە دىن دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر قىسىم نەرسىلىرىنى، ئازغۇن پەتىۋالىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز ئۇنىڭ دىنىي زېھنىيىتى، سىياسىي ۋە دىنىي دەۋەت ساھەسىدىكى تۇتۇملىرىنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا زاكات خۇسۇسىدىكى ئاتالمىش تەپسىلىي بايانلىرىغا قاراپ چىقتۇق. نەتىجىدە مەزكۇر چالا تالىپچاقنىڭ نەقەدەر تۇتۇرۇقسىز، خاتا، باتىل ۋە سەپسەتەۋى يوسۇندا دىنىي تەشۋىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەرەپلەردىن بىرى شۇكى، مەزكۇر تالىپچاقنىڭ ئازغۇن پەتىۋانى بازارغا سېلىۋاتقانلىقى ئىلمىي ۋە دىنىي ساھە بىلەن چېتىشلىقى بولمىغان ئاددىي بىر مۇسۇلمان پائالىيەتچىنىڭمۇ ئېتىرازىغا چۈشكىدەك دەرىجىدە باتىل ئىكەنلىكى بولۇپ، ئېتىراز چۈشكەندىن كېيىن ئۆز پەتىۋاسىغا ئىگە چىقىپ ئەقەللىي بىر چۈشەنچىنىمۇ بەرمەسلىكى، ئەكسىچە، بىر تۈركۈم دىن تاپاۋەتچىسى تىپىدىكى ئۈلپەتلىرىنىڭ ئايەت - ھەدىسلەرنى قالقان قىلىپ چاپان يېپىشلىرىدىن جاسارەت ئېلىپ باشنى ئىچىگە تىقىۋېلىشى، ئۆزى ئوتتۇرىغا تاشلاپ ئېتىراز چۈشكەن مەسىلىگە قارىتا قىلچە سەمىمىي مۇئامىلە قىلماسلىقى، ئەكسىچە زاكات تېمىسىنىڭ ئاللىقانداق مۇناسىۋەتسىز دائىرىلەرگە كېڭىيىشىنى تاماشا قىلىپ تۈگۈلۈۋېلىشى بىزنىڭ مەزكۇر تالىپچاق خۇسۇسىدىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىمىزنى كۈچلەندۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ دىنىي ساھەنى پېتىقلاشلىرىغا قارىتا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشنىڭ، ئىمكانىيەت يار بېرىدىغان دائىرىدە چارە كۆرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى كۈچلۈك تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ. بولۇپمۇ، تالىپچىقىمىزنىڭ مەزكۇر ئازغۇن پەتىۋاسىغا رەددىيە بېرىلىۋاتقان مەزگىللەردە، يەنە كېلىپ ئاتالمىش دەۋەتچىمىزنىڭ دەۋا يولىنى ئاللاھ يولى كاتېگورىيەسىدىن چىقىرىۋېتىشتەك گۇمراھلىقىدىن قايتىشى، ھەددىدىن ئاشقانلىقىدىن نومۇس قىلىش، ئازغۇنلۇقىغا تەۋبە قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، رامىزاننىڭ دەل 15 – كۈنىگە توغرىلاپ تەپتارتماستىن «نۇر ت ۋ غا ھەسسە قوشۇڭ» نامىدا ۋىدىيو تارقىتىپ ئۈلگۈرۈشى، داپيۈزلۈكتە يەنىمۇ ئەزۋەيلىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىمىزنى يەنىمۇ قۇۋۋەتلەپ تۇرماقتا. نەتىجە شۇكى، زاكات ۋىدىيوسىدا ئاللاھ يولىنىڭ ئۆزى بولغان دەۋا يولىغا زاكاتنى چەكلەشتىن، ئاللاھ يولىنىڭ ھۆكمىگە كىرىدىغانلار تۈركۈمىگە يۈزنى چەمدەك قىلىپ نۇر ت ۋ سىتودىيەسىنى تىزىشتىن تەپتارتمىغان بۇ زېھنىيەت، زاكات ۋىدىيوسىنى تارقىتىپ ھەپتە بولار - بولماي، نۇر ت ۋغا ھەسسە قوشۇش ۋىدىيوسىنى ئىشلەپ رېكلام تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىپ ئۈلگۈردى. بىر ياندىن كۆرۈنۈشكە «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» مودىغا كىرىۋېلىپ ئاق بالىخان سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئەزۋەيلىسە، يەنە بىر ياندىن مەزكۇر ئازغۇنلۇق ۋە نومۇسسىزلىقنى تەنقىدلىگۈچىلەرگە تۆھمەتچى ۋە ھۇجۇمچى ئەترىتىنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ساختا نىقابىنى قوغداش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمايۋاتقانلىقى ئورتادا. دەرۋەقە، دەۋەتچىلىك بىلەن تاپاۋەتچىلىكنى داچەننىڭ قوش يۈزى قىلىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ، ھەمدە بۇنى شەرئىي ھۆكۈمنى بۇرمىلاپ ئازغۇن پەتىۋا بېرىش بەدىلىگە ئېلىپ بېرىشنىڭ، بۇ دەرىجىدە چۇپەيلەشكەن، چىرىكلەشكەن، چاكىنالاشقان ئۇسۇلدا ئىجرا قىلىشنىڭ ئىككىنچى بىر ئۆرنىكى مۇھاجىرەت تارىخىدا تېخى مەلۇم بولمىغان بولسا كېرەك. لېكىن شۇ ئېنىقكى، بولۇۋاتقان ھادىسىلەرنىڭ ئىتوت مىسالى بىرمۇبىر ئوينىلىشىدەك بىر رەزالەتنىڭ جەريان قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزىلا بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىشقا، ئەقىل كۆزىمىزنى قايتىدىن ئېچىشقا، قورقۇنۇچلۇق ئاقىۋەتلەرگە ھامىلە ھالىتىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى تونۇپ يېتىشكە باھانە-سەۋەبنىڭ قالمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.
مەسىلە بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئىكەن، بۇ ئورۇندا بىز كۈنىمىزدە ئۆلىما ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەن توپنىڭ ئۆز ساھەسىگە مەسئۇلىيەت بىلەن قاراپ لاياقەتسىز ۋە سالاھىيەتسىز دىن تەشۋىقاتچىلىقىغا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرۈشىنى، ئۆزلىرى توپقا قوشۇپ كەيدۈرۈپ قويغان «ئۆلىما» قالپىقىنى كۈنى كېلىپ سۇيىئىستېمال ئورنىدا ئىشلىتىۋاتقان، توپتىن ئايرىلىۋېلىپلا مەزكۇر ئاتاقنى دىن ئەھكاملىرىنى بۇلغاشقا ئىشلىتىۋاتقان تىپلارغا قارىتا سۈرۈشتىسىنى قىلىشىنى ئەقەللىي ھالدا مەجبۇرىيەت، تەشكىلىي قۇرۇلما بولۇش نۇقتىسىدىن ئەقەللىي مەسئۇلىيەت دەپ قارايمىز. شۇنىڭدەك، بۇ خىل شەرئىي مەسىلىلەرنى پېتىقلاش، دىنىي ساھەنىڭ ئوبراز ۋە سۈپىتىنى بۇلغاش تىپىدىكى ھادىسىلەرگە قارىتا نە پەقەت مۇھاجىرەت دۇنياسىدىلا ئەمەس، بىر پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشىپ كەلگەن، پەتىۋا ۋە شەرئىي ئىلىملەر خۇسۇسىدا كۆپچىلىك ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا ئىشەنچلىك مۇراجىئەتگاھ بولۇشتەك خاراكتېرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كېلىۋاتقان «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە ئوخشاش دىنىي مۇئەسسەسەلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى سەمىگە سالىمىز. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، مەزكۇر قۇرۇلما ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ھېچ بولمىغاندا شەرئىي مەسىلىلەردە ئازغۇنلۇق، پىتنە پەيدا قىلىش باش كۆتۈرۈۋاتقاندا بولسىمۇ سۈكۈتۋاز بولۇۋالماسلىقى، دىن بۇلغىنىۋاتقان ئاتموسفېرادا باشنى ئىچىگە تىقىپ تاماشا كۆرۈشتەك «ئېسىل» خىسلەتنى جارى قىلدۇرۇشتىن ھايا قىلىشى، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش دەۋەتچى سىياقتىكى تىپلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئەل - جامائەتكە ھېس قىلدۇرۇشى، ئادىل باھا ۋە پىكىر بايان قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى، زىممىسىگە چۈشۈۋاتقان دىنىي مەسئۇلىيەتتىن باشتارتماسلىقى، تۈگۈلۈۋالماسلىقى بۈگۈنكىدەك قاتمۇقات بوھرانلار قورشاۋىدىكى مۇسۇلمان خەلق ئالدىدىكى، نۇرلۇق ئىسلام شەرىئىتىنى توغرا يول قىلىپ بەرگەن جانابى ئاللاھ ئالدىدىكى باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى ۋە پەيغەمبەر مىراسىنىڭ ۋارىسلىرى بولۇشقا تىرىشىۋاتقان دىنىي خادىملىق ۋەزىپىسى جۈملىسىدىندۇر.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-03-28

----------

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ئەسسالامۇئەلەيكۇم سەھىپە ئەھلى! سەھىپىگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ چىقتىم. تېما يېزىلىپ مىنۇت ئۆتمەي كىرىپ يازارنىڭ دىنىغا، ئەقىدىسىگە، سىياسىي مەۋقەسىگە تۆھمەت ياغدۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئىنكاسلارغا دىققەتتە بولۇپ كېلىۋاتىمەن. بىلىنگىنى شۇكى، ئوبزور ئوقۇلماي تۇرۇپلا چاپانچىلار، نۇر ت ۋ نىڭ سادىق ۋە سابىق تەرەپباز تائىپىلىرى (پىكىر يازماستىن، بېرىپ تالاپ كەل، دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقان شەكىلدە ئىنكاس يېزىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىلدى)، ھەتتا شۇ قانالنىڭ قۇرغۇچىلىرىغىچە مەۋھۇم ئىسىمدا كىرىپ تۆھمەت ۋە پاكىتسىز ھاقارەتلەر ياغدۇرغان بولدى. ئەلۋەتتە، ئىنكاسلار ئىچىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئوبزورنى ئوقۇپ ئىجابىي پىكىرلەرنى بەرگەن ئىنكاسلارمۇ، سەمىمىيلىك بىلەن كاللىسىدىن ئۆتمىگەن تەرەپلىرىنى بايان قىلغان ئىنكاسلارمۇ، تۆھمەتخور ۋە ئەتەي تېمىنى پېتىقلاشقا كىرگەنلەر بىلەن دىيالوگلاشقان ئىنكاسلارمۇ چۈشتى. لېكىن ئومۇم قارالغاندا، بىر ئوبزور مۇقەددىمە خاراكتېرلىك باشلىنار - باشلانماي بۇ دەرىجىدە تۆھمەت، ھاقارەتلەر، كىشىگە ئەپسۇسلۇق ئېلىپ كەلمەي قالمىدى. بۇ توپلۇمنىڭ خېلى سالمىقىنىڭ تېخىچە ھەرقانداق بىر ئىلىم ئىددىئاسى قىلغۇچىنى، دىن ئىشى بىلەن سەھنىدە كۆرۈنگۈچىنى «قوبۇل قىلىشقا ۋە قوبۇل قىلماسلىق» تارازىسىغا سېلىپ ئىلمىي مىزان ئارقىلىق تارازىلاپ باھا بېرىشكە تېگىشلىكلىكىدىن ئىبارەت ئىلىم كۈلتۈرىگە شۇ قەدەر ياتلاشقان، ئۇنتۇغان دەرىجىدە بىھۇشلۇقتا يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈش تولىمۇ ئېچىنارلىق ھال ئېلىپ تۇرۇپتۇ. توپلۇمنىڭ مۇئەييەن قىسمى ھېلىھەم ئۆزىگە دىن ۋە ئىسلامدىن سۆز ئېچىپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلارنى ئىنسان ئۇقۇمى دائىرىسىدىكى ھەر تۈرلۈك ئېھتىماللىقلارنى سادىر قىلىپ سېلىش مۇمكىنلىكى بولغان «ئادەم ئەۋلادى» بولۇش سۈپىتى بەرمەستىن، چېقىلسا شەخس ئەمەس ئىنسانلىققا دەز كېتىدىغاندەك، شەخسنىڭ ئۆزى دېگەن ۋە سادىر قىلغانلىرى تەنقىدلەنسە دىن ۋە ئىسلام تەنقىدلەنگەندەك قارىۋالىدىغان ساددا ۋە ئىپتىدائىي سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، كۆككە كۆتۈرۈشتىن باشقىغا يول يوق بۇت ئورنىدا، بىر تۈرلۈك مۇقەددەساتقا ئايلاندۇرۇۋېلىشتەك ئەقىل كورلۇقى، ئاڭ پەسلىكى ئىللىتى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولدى. بۇ تەبىئىيكى ئەپسۇسلۇقتىن بەكرەك ئېچىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋال. بۇ بىزگە ئىمام مالىكنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى ۋە ئەتراپىدىكى شۇ قەدەر ئۆلىما ۋە مۇجتەھىد ۋەزنىدىكى ئىلىمدارلار توپىغا قارىتىپ «ھەرقانداق بىرىنىڭ سۆزى قوبۇل قىلىنىش ياكى رەت قىلىنىشقا ئوچۇق. پەقەتلا مۇشۇ قەبرىدە ياتقان زاتتىن باشقا» دەپ رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىپ ئېيتقاندىكى خىتابىنىڭ نېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى، ئىلىم روھى يوق توپلۇمدا قانچىلىك تۇتۇرۇقسىزلىق، ياۋايىلىق، بەدبەختلىك، ھەتتا ھايۋانلىقلارنىڭ سادىر بولىدىغانلىقىنى تەكرار ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇپتۇ. خۇللەس، بۇ قەدەر بۇلغانغان مۇھىتتا، ھەربىر ياۋايىلارچە يېزىلغان ئىنكاسلارغا بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇرۇپ ئولتۇرۇش، رەسۇلۇللاھ ئېلىپ كەلگەن شەرىئەت ئوچۇقتىن ئوچۇق پايخان قىلىنسا، مىللەتنىڭ زىيىنىغا تەشۋىق قىلىنىپ بازارغا سېلىنسا، بۇنى ئىلىم ئاساسىدا تەنقىدلىگۈچىگە ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇماي تۇرۇپ زېدىپەسلەرچە يۈكلەنگۈچىلەر توپىغا قەلەم ۋە زېھىن ئۇپرىتىشنىڭ نەقەدەر ئەرزىمەسلىكىنى ھېس قىلدۇردى. تەنقىدلەنگۈچى تەرەپنىڭمۇ ئادىتى بويىچە كامېرادىكى يۈزىنى سىتودىيەنىڭ سىرتىدا باشقا نىقابلار بىلەن بوياشتەك خۇيىنى تاشلىمىغانلىقى، ئىلمىي، شەرئىي سىياسەتلەرگە مۇخالىپ نۇقتىلارغا ئىلمىي جاۋاب قايتۇرۇش ئورنىغا پارازىتچە كىرىپ قۇرتلىرىنى تۆكۈپ قويۇپ چىقىپ كېتىشتەك بەدئەخلاقنى ۋايىغا يەتكۈزگەنلىكى سەسكىنىشكە سەسكىنىشنى ئارتتۇردى. كەمىنە ئىمام مالىك بارمىقىدا ئىشارەت قىلىپ كۆرسەتكەن ئاشۇ مۇبارەك قەبرە ساھىبى قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرلۇق شەرىئەت مىراسىغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا، بولۇپمۇ قارىسىغا ھاقارەت ۋە يولسىز تۆھمەتلەر بىلەن ۋالاقلىغان مەددە قۇرت تائىپىلىرىگە بىرمۇبىر جاۋاب قايتۇرۇپ تويغۇزۇشتىن ۋاز كەچتى. بۇ ۋەجىدىن بىرلا تەرەپنىڭ ئەمەس، بەلكى سەھىپىدىكى ئۇلۇغ - ئۇششاق بارچە ئىنكاسلار ئۆچۈرۈلىدۇ. چۈشكەن ئىنكاسلاردىكى بىر قىسىم جاۋاب قايتۇرۇشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قاراپ چىقىلىپ جاۋابقا ئەرزىگۈدەكلىرى بولسا، ئاللاھ نېسىپ قىلسا ئوبزوردىن كېېيىنكى ئايرىم يازمىدا مۇناسىپ رەۋىشتە جاۋاب بېرىلگۈسى. ھەممە بىردەك ۋاقىپلانغاي!
ھۆرمەت بىلەن: بۇرھان مۇھەممەد

مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»