قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور

 قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور

مۇقەددىمە
گۇۋاھلىقتا ئادىل بولۇش، باھادا لىللالىقنى ئۆلچەم قىلىش ھەربىر ئىمان ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى. گۇۋاھلىق ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ۋە شاھىت بولغانلىرى خۇسۇسىدا قىلىنغان راستچىل باياندۇر. بۇ سۆز گاھىدا بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەن ياكى يۈز بەرمىگەنلىكىنى دەلىللەيدىغان ئىسپاتقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەنىسى مەجازغا يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، سۆزنىڭ چېتىلىش دائىرىسى يۇقىرىقى گۇۋاھلىق ئۇقۇمىدىن ھالقىپ شاھىتلىق ئۇقۇمىغا بېرىپ قالىدۇ. شاھىتلىق بولسا، گۇۋاھلىق ئۇقۇمىنىڭ قۇرئان تىلىدىن مەنبەلەنگەن ئىپادىلىنىشىدۇر. شاھىتلىق مەيلى ئۇقۇم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەنە دائىرىسى جەھەتتىن بولسۇن گۇۋاھلىقتىنمۇ كەڭ ۋە كۆپ قاتلاملىق مەنىگە ئىگە. گۇۋاھلىق مۇئەييەن ھادىسە ياكى سوئال - سوراققا قارىتا ئىسپات ياكى دەلىللىگۈچى بولۇشتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ. شاھىتلىق بولسا، كۆرگەن ياكى بىلگەنلىرىدە راستچىل بولۇشنى، توغرىنى توغرا، خاتانى خاتا دېگەندىن سىرت ئۇنى تۈزلەشنى، توغرىلاشنى، باتىلنى پاش قىلىپ ھەقنى ئۆز ئورنىغا قويۇشنىمۇ مەزمۇن قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن شاھىتلىق نوقۇل كۆرۈپ تاماشا قىلىش مەنىسى بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەزمۇن - مۇھتەۋاسىغا شاھىت بولۇۋاتقان نەرسىسىگە ئىگە چىقىش، نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتكار بولۇش مەنىلىرىمۇ يۇغۇرۇلغان. قۇرئان كەرىم شاھىتلىقنىڭ بۇ مەنىلىرىگە ئىشارەت قىلغان بىر ئايىتىدە شاھىتلىقنىڭ خاراكتېرىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەشتە «قائما بالقسط (ئادىللىقنى بەرپا قىلغان ئاساستا)» [1] دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىدۇ. «قسط» كەلىمسى تارازىدا ئادىل بولغانغا ئوخشاش ھەققانىيلىقنى، لىللالىقنى كۆرسەتسە، «قائما» كەلىمىسى ئىجرا قىلىشنى، بەرپا قىلىشنى، تۈزلەش ۋە توغرلاشنىمۇ كۆرسىتىدۇ. دېمەك، شاھىتلىقنىڭ خاراكتېرىدە ئەگرىنى كۆرۈپ تاماشا قىلىش يوق، باتىلغا كۆز يۇمۇپ سۈكۈتتە تۇرۇۋېلىش تېخىمۇ يوق. شاھىتنىڭ ئىشى بۇ مەنىدىن ئويغاق تۇرۇش، ئەتراپىغا، جەمئىيىتىگە ۋە دۇچ كەلگەن ھەر ئىشقا سەگەكلىكنى جارى قىلىش، ئەگرىنى تۈزلەش بولۇشى كېرەك. ئۆزگىچە نۇقتىلاردىن بىرى شۇكى، قۇرئان شاھىتلىقتىن ئىبارەت ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بىلدۈرۈش، ھەقنى جاكارلاش ۋە ئۇنىڭغا شاھىتلىق قىلىش سۈپىتىنى ئاللاھ، پەرىشتىلەر ۋە «أولوا العلم (ئىلىم ئىگىلىرى)»دىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك شەخسىيەتتە تېپىلىدىغان سۈپەتلەر قاتارىدا مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. دېمەك شاھىتلىقنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم ئىگىلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك تۇتۇمنىڭ، مەسئۇلىيەت ۋە خاراكتېرنىڭ بەلگىسى. شۇنداقكەن، ئىلىم ئەھلى بولغانلار، يەنى ئۆز نۆۋىتىدە تەڭرى ۋە پەرىشتىلەر بىلەن بىر ئورۇندا زىكرى ئۆتكەن ئىلىم بېرىلگەنلەر مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلاردا مەلۇم مەنىدە شاھىتلاردۇر. ئىلىم بېرىلگەنلەر ئۈچۈن ئىلىمنىڭ ھەققىنى بەرمەك قانچە مۇھىم بولسا، ئۇنىڭ ئەگرىنى تۈزىمەك، توغرىنى بەرپا قىلىش يولىدا شاھىتلىق قىلماق، ئاقارتماق ۋە ئىسلاھ يولىنى تۇتماق ئۇشبۇ ئىلىم بېرىلگەنلەر تەبىقىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىدىندۇر.
مەلۇم بولغاندەك، يېقىنقى ۋاقىتلاردا قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسى ۋە «قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىرى»نىڭ تەرجىمىسى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەسەرلەرنىڭ نەشردىن چىققانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر، سۆھبەتلەر، ئېلان - تەشۋىقاتلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنى بىر ئالدى. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرئاننىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە دائىر ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار، تارتىشمىلار، قاتتىق - قۇرۇق مەدھىيەلەر قاينام تاشقىنلىدى. شۇنداقلا مەزكۇر تەرجىمىگە قارشى كۈچلۈك ئېتىرازلار، نارازىلىقلارمۇ ئۆكسىمىدى. بىر ياندىن ئۇزۇن يىللىق ئىجتىھاد سەرىپ قىلغانلىق، باشلىغاننى كامالەتكە يەتكۈزگەنلىك، ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي خاتالىقلىرىغا تۈزىتىش بەرگەنلىك، تەرجىمە بۇزۇقلىرىنى ئوڭشىغانلىق ئىددىئالىرى دەۋا قىلىنغان بولسا، يەنە بىر ياندىن مەزكۇر تەرجىمىنىڭ كۆچۈرمىچىلىكنى ئاساس قىلغانلىقى، ئىددىئاسىغا تۇشلۇق ئەمەسلىكى، ئەڭ چوڭ قىلالىغىنىنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى كۆچۈرۈپ - چاپلاش، يىرتىپ - ياماش، تىكىپ - سۆكۈشتىن باشقا بولمىغانلىقى، بولۇپمۇ تەرجىماننىڭ ئىددىئا قىلىۋاتقىنىدەك ئالاھىدە «يېڭى»لىق، «ئۆزگىچىلىك» يوقلۇقى قاتارلىق نارازىلىقلار ئوتتۇرىغا تاشلىنىپ تۇردى. قىسقىسى، ئۆزىدىن ئىلگىرى قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىلىرىنى «كونا»غا چىقىرىپ تۇرۇپ ئالقىشلىنىۋاتقان، ئىلمىي ئەمگەكتىن بەكرەك ئۆزىدىن ئىلگىرىكى تەرجىمىلەرگە قارشى رىقابەت تۈسى ئالدۇرۇلۇپ قالغان مەزكۇر «يېڭى تەرجىمە»گە قارىتا دەۋا قىلغانغا تۇشلۇق بەك چوڭ ئۆزگىچىلىك يوقلۇقى، ئالاھىدە تەقدىرلىگۈدەك ئىلمىي ئىجتىھادنىڭ سىڭمىگەنلىكى، ئەكسىچە قىلىنغان ئىشنىڭ خاراكتېرى باشقا، ھۈنەر ئىچىدە ھۈنەر بارلىقى قاتارلىق نۇقتىلار تەنقىد ئوبيېكتى بولۇشتىن قاچالمىدى. دەرۋەقە، قۇرئان كەرىمدەك ھاياتىي كۈچى جۇلالىنىپ تۇرىدىغان ساماۋى كىتابنىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىغا ئاغدۇرۇلۇشى، تەرجىمە قىلىنىشى ئاددىي قارىلىدىغان، مۇنداقلا ئىلمىي خىزمەت قاتارىدا ساناپ ئۆتۈپ كەتسە بولۇۋېرىدىغان ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. چۈنكى، قۇرئاننىڭ ئۆزى ئادەتتىكى كىتاب ئەمەس. ئۇنىڭ تەرجىمىسىمۇ گەرچە تەرجىماننىڭ شەخسىي ئەمگىكى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوقۇرمەن ئوبيېكتى دىنغا ۋە دىننىڭ ئومۇم كۆرسەتمىلىرىنى ھاياتقا تەتبىقلاشقا مۇكەللەف قىلىنغان ئومۇم خەلقتۇر. شۇنداقكەن، بۇنداق بىر جىددىي ھەمدە ۋەزنى ئېغىر بىر ئىلمىي ئەمگەكنىڭ ئۆز ئەھلى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن، شۇنداقلا مەسىلىگە چىشى پاتقۇدەك سالاھىيەت ھازىرلىغان ھەربىر ئىلىم ئەھلىنىڭ تەنقىدىي نەزەردە دىققەت ئاغدۇرۇپ كۆرۈشى، مۇئەييەن نۇقتىلاردا بولسىمۇ ئىلمىي باھاسىنى بېرىش ئارقىلىق ئەسەرنىڭ يەنىمۇ سۈپەتلىك ۋە مۇكەممەل چىقىشىغا ھەسسە قوشۇشى ئىلمىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتۇر.
ئېيتقىنىمىزدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ مەزكۇر تەرجىمىسىنىڭ ئىككىنچى نەشرى چىقىشى بىلەن تەڭ ئەسەر ھەققىدە تۈرلۈك باھا ۋە ئېتىرازلار مەيدانغا كەلدى. تەنقىد ۋە باھالارنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئېتىرازلار ئىچىدە بەزى چەكتىن ئاشقان يۈكلىنىشلەرنىڭ بولغانلىقى، يېتەرسىز ياكى تولۇقسىز مىساللارغا تايىنىپلا تەرجىماننى بىر تېپىكتە يوققا چىقىرىشلارنىڭمۇ يۈزبەرمەي قالمىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئورۇندا يەنە قۇرئان تەرجىمىسىدىن ئىبارەت ۋەزنى ئاددىي بولمىغان، باھا بېرىش ياكى ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تولىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، مۇناسىۋەت يېقىنچىلىقىدىن بەكرەك ئىلمىي پىرىنسىپنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش تەلەپ قىلىنىدىغان بىر مەسىلىدە تولىمۇ تەنتەكلەرچە باھالارنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، سۈنئىي قالپاقلارغا، سەۋىيە - ساپاسى ئۇيۇشمىغان ئىلمىي ئۇنۋانلارغا تايىنىپ ئىچى كاۋاك قۇرۇق باھالارغا كۆمۈۋېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭ بولغانلىقىنى، تەرجىمىنى كەسپىي ساھەسىنىڭ ئۆلچىمى ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن ھالقىتىپ قانداقتۇر دەرىجىدىن تاشقىرى بىر ئاپىرىدىنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا ئەل - جامائەتنى ئىشەندۈرۈشكە زورۇقۇشنىڭ، كەمكۈتىسىز چوڭ كۆرۈشكە، ھېچيېرىدىن تەنقىدىي كۆز بىلەن قاراشقا ھاجىتى بولمىغان، گويا تۇغۇلغىنى ئۈچۈنلا تەبرىك ۋە ئالقىشتىن باشقىسى قىلىنمايدىغان «يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق» مۇئامىلىسى قىلىشتەك ئىلمىي داشقاللىقنىڭ، مەدھىيەۋازلىقنىڭ، ئالقىشۋازلىقنىڭ بازار تاپقۇزۇلغانلىقىنىمۇ تىلغا ئالماي بولمايدۇ.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان ساغلام ئىلمىي ئاتموسفېرانىڭ بولماسلىقى، ئەكسىچە بىنورمال ئىلمىي مۇھىتنىڭ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈپ قېلىشى، ئىلمىي چېكىنىش ۋە خاراكتېرسىز ئىلىمدارلىقنىڭ بەتبۇي ھاسىلاتلىرىنىڭ، پۇچەكلىشىش ۋە سۈنئىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان چىقىرىندىلارنى «ئىلمىي ئەمگەك» كاتېگورىيەسىدە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىلىشى قاتارلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكىدەك بۇلغانغان ئىلىم ئاتموسفېراسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئاچقانلىقى ئېنىق. ئەمدىلىكتە بولسا، مەزكۇر «ئىلىمدارلىق» ۋە «تەڭكەشچىلەر» يەنىمۇ سەۋىيە «ئاتلىغان» ھالدا جاھالەت خارابىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە قاراپ جان جەھلى بىلەن يۈزلەنمەكتە، قولىدىن كەلگەنچە ئىلىم پاساتچىلىقىنىڭ چەكتىن ئېشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.
شاھىت بولۇۋاتقىنىمىزدەك، سىياسىي ۋە ئىدىيەۋى ئاقارتىشنىڭ يادرولۇق ئاساسى بولغان ئىلمىي ئاقارتىش شىددەت بىلەن زۆرۈر بولۇۋاتقان تارىخىي بىر دەۋرگە كېلىپ قالغان بولۇشىمىزغا قارىماي، ئىسلاھات مېخانىزمىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان كۈچ مەنبەسىنىڭ، ئەمەل ۋە ئىش - ھەرىكەتنىڭ ساغلام، توغرا ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغۇچى ئانا قۇرۇلمىنىڭ ئەبجەق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، توغرىسى ئەبجەقلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقلا بۇنىڭغا قارشى تۈرلۈك نۇقتىلاردىن ئويلانغۇچىلارنىڭ، ئىسلاھات زۆرۈرىيىتىنى ھېس قىلغۇچىلارنىڭ بارلىقى، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىشنى تۈزەشكە يەڭ تۈرىدىغانلارنىڭ ۋە بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ماددىي ۋە مەنىۋى ھەمدە ئەمەلىي خىزمەتلەر بىلەن ھەسسە قوشقۇچىلارنىڭ مەيداننى تاشلاپ قويۇۋاتقانلىقىمۇ ھەم مەلۇملۇق. بۇنداق ئەھۋالدا مەسىلىگە قولدىن كېلىشىچە، ئىمكان يار بەرگەنچە مۇداخىلە قىلىش، قېيىپ كېتىۋاتقان ئىلىم كارۋىنىنىڭ ئىستىقامىتىنى تۈزلەشكە ئازدۇر - كۆپتۇر بولسىمۇ ھەسسە قوشۇش ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا قۇرئان كەرىم تەرىپلىگەن «الذين أوتوا العلم» دەرىجىسىدىكىلەرنىڭ، يەنى ئىلىم بېرىلگەنلەر تەبىقىسىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيىتىدۇر.
شۇ ۋەجىدىن كەمىنە بۇ خۇسۇستا ئىلىم ئەنئەنىمىزنىڭ پىكرىي، ئەدەبىي، تارىخىي، پەلسەپەۋى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلىرىدە كۆزگە پۇتلىشىپ تۇرۇۋاتقان، سۆز قىلىنمىسا بولمايدىغان يېرىگە كېلىپ قالغان بىر قىسىم مەسىلىلەردە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان، ئىدىيەۋى چۈشكۈنلىشىش، ئىجتىمائىي چىرىكلىشىش ۋە سىياسىي ئاينىشلارغا قارىتا مۇئەييەن تۇتۇم ۋە تەنقىدىي كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان، گاھ ئەسەر، گاھ ماقالە سۈپىتىدە تەقدىم قىلىپ تۇرۇۋاتقان، تۈرلۈك مەسىلىلەر ھەققىدە ئوبزور ۋە تەنقىدلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقان يازار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلامىي ئىلىملەرگە چېتىشلىق بىر قىسىم ئىلمىي تېمىلارغىمۇ ۋە بۇنىڭ ئىلىم ئاتموسفېراسىدا كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىجابىيلىقى ياكى سەلبىي ئاپەتلىرىگە دىققەت قارىتىشنىمۇ ئويلاشماقتا.
ئەسلىدىمۇ بەرپا قىلىنىپ بولغان ۋە مۇئەييەن پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ ئۆزىگە خاس يۇقىرى سەۋىيە ۋە سۈپەت ھازىرلاپ بولغان ئىشلارنى يەنىمۇ سازلاش ۋە موللاشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى. كۆرمەكتىمىزكى، ئىش ئالغا قاراپ سىلجىماقتا يوق خېمىغا ياندۇرۇلۇۋاتقان، پىشۇرۇش ۋە تاۋلاش ئورنىغا ئۇنى پۇچەكلەشتۈرۈش، دۇغلاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈۋېتىشكە ياتىدىغان ئەھۋاللار سۈكۈتنى بۇزۇشنى، ھەممىگە يېتىشىپ بولالمىغان تەقدىردىمۇ ۋەكىللىك ئەسەر ياكى مۇھىم مەسىلىلەر بارىسىدا بولسىمۇ قەلەم تەۋرىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەلەپ ۋە تەقەززا قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئۇشبۇ تەلەپ - تەقەززاغا بىنائەن ئۆرنەك سۈپىتىدە تېخى يېقىندىلا ئىككىنچى نەشرى كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ئىلمىي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، ھەمدە دىنىي ساھەدە تۈرلۈك تېمىلاردا ئاۋامغا ساۋات خاراكتېرلىق كىتاب - ئەسەر بېرىش بىلەن تونۇشلۇق بولغان مۇھەممەد يۈسۈف تۇرسۇن كېرىيەنىڭ قەلىمىدە روياپقا چىققان «القرآن الكريم ومعانيه باللغة الأيغورية (قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى)» ناملىق تەرجىمە ئەسىرى تاللاپ چىقىلدى ۋە بۇ ئەسەرگە ساھەنىڭ ئىلمىي تەنقىد مىزانىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئىلمىي باھا ۋە تەنقىدىي مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ساھەنىڭ ساپلىشىشىغا، سەۋىيە تىكلىشىگە ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان ساغلام ئىلمىي ئاتموسفېراغا ئېرىشىشىگە ھەسسە قوشۇش غايە قىلىندى. تەرجىمە ئەسەر ھەجمى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، تەرجىمىنىڭ ئىلگىرىكى تەرجىمىلەردىن پەرقلىنىدىغان تەرەپلىرىنى زىر - زەۋىرىگە قەدەر سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە، تەنقىد ئۈستىلىدە ئومۇميۈزلۈك ئوپېراتسىيە قىلىپ چىقىشقا نۆۋەتتىكى شارائىت ۋە ۋاقىت زىچلىقى يار بەرمەيدىغاندەك. بۇ سەۋەبتىن ئوبزورىمىزدا تەرجىماننىڭ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا قوشۇمچە قىلغان تېمىلارنى ھەمدە تەرجىماننىڭ ئۆزى ئىلاۋە قىلغان تېمىدىكى بەزى نۇقتىلارنى، ھەمدە ئىددىئا قىلغان «تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىكلەر» قاتارلىق تېما ۋە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى، ئىلمىيلىك بابىدىن ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ مېڭىش مۇناسىپ كۆرۈلدى.
قۇرئانشۇناسلىقنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆتمۈشى
1. قەدىمدىن يېقىنقى زامانغىچە بارلىققا كەلگەن قۇرئانشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى
تۈركلەرنىڭ، جۈملىدىن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئابا ئەجدادى بولمىش تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇنى ھايات دەستۇرى قىلىش جەھەتتىكى ئىجتىھاد ۋە قىزغىنلىقى تۇنجى ۋەھيى نازىل بولغان سائادەت دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن كەم قالمىغان دېسەك ئارتۇق كەتمىسە كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەسىرلەر مابەينىدە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي نەتىجىلىرى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئۇلارنى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى نەسىللەرنى ئۇشبۇ سائادەت دەۋرىدىن كەلگەن ئىلىم - مەرىپەت مىراسىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتقان، ئۇنىڭ جاھانشۇمۇل تەبىئىتىگە ماس بولغان دۇنياۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشىغا كۆز يۇمغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان تۆھپىكار ئىزباسارلار، دەپ تەرىپلەش مۇمكىن. ئەجدادلارنى مەزكۇر تەرىپكە سازاۋەر دەپ قارىغان ۋاقتىمىزدا، بۇنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى تۈپكى ئامىللارنىڭ ئەڭ ئەۋۋىلىدە قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ جانلىق شەرھىسى بولغان سۈننەتى شەرىفىنىڭ بەلگىلىگۈچ رول ئوينىغانلىقىدا شەك يوق. ماۋەرائۇننەھرىدىن تاكى تۈركىستاننىڭ شەرقىنى قاپلىغان ئىلىم - مەرىپەت تارىخىغا نەزەر سالغاندىمۇ قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى ھەققىدىكى مول ئىزدىنىشلەرنىڭ مەيلى سەلتەنەت ئەربابلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئىلمىي ھەرىكەتلەردە بولسۇن، مەيلى ئالىم - ئۆلىمالار باشچىلىقىدىكى ئىلمىي جانلىنىش ۋە ئىھيا (يېڭىدىن گۈللەندۈرۈش) ھەرىكەتلىرىدە بولسۇن، قۇرئانغا دائىر ئىلمىي تەتقىقاتلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەنلىكىنى، ئىلمىي ساھەلەرنىڭ مەركىزىدە قۇرئان كەرىم تەپسىرى ۋە تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. ھەرقايسى دەۋر ۋە ئەسىرلەر مابەينىدە بارلىققا كەلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرى كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ مول ئەسەرلەرنىڭ بولۇشى، بولۇپمۇ قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلانغان قۇرئانشۇناسلىق ۋە تەپسىرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەسلىكى، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەرجىمە ۋە تەپسىرشۇناسلىق ئىلىم ئەنئەنىسى بۇنىڭ يارقىن سەمەرىلىرىدىن، ئەلۋەتتە! تەتقىقاتلارغا كۆرە، قۇرئان كەرىمنىڭ دەسلەپكى تەرجىمىسىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە ھىجرىيە بەشىنچى ئەسىردىلا روياپقا چىققانلىقى، 10 – ئەسىرگە قەدەر ئازكەم ئالتە قېتىم تەرجىمە قىلىنغانلىقى زىكرى قىلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار مۇڭغۇل ئىستېلاسىدىن ئاۋۋالقى ۋە كېيىنكى دەۋرلەردىكى سىياسىي داۋالغۇشلار، تۈرلۈك تالاپەتلەر سەۋەبلىك قەيتكە ئېلىنمىغان ياكى ئېلىنسىمۇ مەلۇمات ۋە ئۇچۇرى كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن تەرجىمە ۋە تەپسىر ئەسەرلىرىدىن سىرت بىلىنگەن مەلۇماتلاردۇر. ھىجرىي 10 – ئەسىردىن بۇيان تاكى 14 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا قەدەر بولغان تۆت ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپىدىمۇ قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە تەپسىرىگە دائىر تەتقىقاتلار ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئەدەبىي تىل تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەسلەپكى قۇر ئاستىغا سۆزلۈك قويۇش ئۇسۇلى ئىشلىتىلگەن تەرجىمىلەردىن پەرقلىق ھالدا تەرجىمىگە يانداشتۇرۇپ ئىخچام بايان ۋە ئىزاھاتلارنى قوشۇپ كېڭەيتىش، ئاممىبابلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تەرجىمە ۋە تەپسىرنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكى ھەم مەلۇم. ماۋارائۇننەھر ۋە تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ئەجدادلاردىن ئىمام بۇخارىي، ئىمام تىرمىزىي قاتارلىقلارنى تىلغا ئالساق، ئۇشبۇ قۇرئان تەپسىرىنى باشتىن ئاخىر مۇستەقىل ئەسەر ھالىتىدە شەرھلەشنى مەقسەت قىلغان ۋە پەرقلىق ئىلىم ساھەلىرىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ تەپسىر يازغان، ھەمدە دەۋرنىڭ ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت تىلى بولمىش ئەرەب تىلىدا ئىجادىيەت قىلغان دەۋر بۆلگۈچ مۇپەسسىرلەردىن ئىمام ماتۇرىيدىي، ئەبۇللەيس سەمەرقەندىي، نەجمۇددىن نەسەفىي، ئەللامە مەھمۇد زەمەخشەرىي، ئەبۇلبەرەكات نەسەفىي قاتارلىق پېشۋالارنى تۆھپىكار ئەجداد سۈپىتىدە تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يۇقىرىقى مۇپەسسىرلەرنىڭ يازغان تەپسىر كىتابلىرى تۈركىستان ۋە ماۋارائۇننەھر ئىلىم ھاۋزىسىدىكى قۇرئانشۇناسلىق ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى ھىجاز، ئاناتولىيە، ئافرىقا، ھىندىستان ۋە ئەندەلۇسقىچە بولغان پۈتكۈل ئىسلام جۇغراپىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن تەپسىرچىلىك ۋە قۇرئانشۇناسلىق ساھەلىرىدە مۇراجەئەتگاھ ۋە مەنبە خاراكتېرلىك رولىنى ئۆتەش ئارقىلىق تەپسىر ئىلمىگە ئۆچمەس تۆھپە ۋە ئىلمىي ئاساسلارنى ياراتقاندۇر. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى يەنە كۈنىمىزدىكى چاغداش ئۇيغۇرچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلەردىن ئاۋۋالقى خاقانىيە ۋە چاغاتاي ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان تەرجىمە ۋە تەپسىرلەردە يېتەكچى مەنبە بولغان بولۇپ، يۇقىرىقى مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەرنىڭ ئىلمىي سەمەرىلىرى ھېلىھەم پۈتكۈل ئىسلام ئالىمىنىڭ ئىلمىي ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. تەپسىر ۋە تەرجىمىچىلىكتە مۇراجەئەتگاھلىق، تەپسىرشۇناسلىق ئىلمىدە مۇئتەبەرلىك (نوپۇزلۇق) ھەمدە مۇئتەمەدلىك (ئىشەنچىلىك) خۇسۇسىيىتى بىلەن بەلگىلگۈچى ۋە يېتەكچى ئورنىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
تەرجىمە ھەرىكىتىدە، بولۇپمۇ خاقانىيە ۋە چاغاتاي ئەدەبىي تىللىرىدا بارلىققا كەلگەن تەرجىمە ۋە تەپسىر پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپى كۈنىمىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن، يېتىپ كەلگەنلىرىنىڭ بولسا، ئاپتورى نامەلۇم ھالىتىدە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، تەرجىمىلەردىكى يۇقىرى سەۋىيە، تەپسىرچىلىكتىكى ئۆزگىچە بايان قىلىش مېتودى، تىلدىكى پاساھەت ۋە ئۇزلۇقلار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي قۇۋۋىتىنىڭ سەرخىللاشقان، تويۇنغان، پۇختىلىققا ئىگە بولغان بىر ھالىتىنى مۇئەييەن دەرىجىدە نامايان قىلىپ كەلگەن، دېيىشكە بولىدۇ.
مىلادى 17 ئەسىرلەردىن كېيىنكى تەپسىر ۋە تەرجىمە ھەرىكىتىگە قارىغىنىمىزدا بولسا، چاغاتاي ئەدەبىي تىلىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك سەلتەنەت تارىخى ۋە يىرىك ئەدەبىي تىل بولۇشتەك ئەۋزەللىكى سايىسىدە بارغانچە ئۆزىگە خاس پەلسەپەۋى تىل ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى، بۇ باسقۇچتا مەزكۇر تىلنىڭ دەۋرىنىڭ ئىلىم - پەن تىلى بولۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنى، ئىلمى تەبىئەت، ئىلمى نۇجۇم، ئىلمى ھېساب، ئىلمى ھەندەسە، ئىلمى تېب قاتارلىق ساھەلەردە ئۆز تىلدا ئىجاد قىلىش ۋە تەرجىمە قىلىش ھەرىكىتى جانلانغىنىدەك، قۇرئان تەپسىرچىلىكى، تەرجىمىچىلىكى بابىدىمۇ مۇئەييەن جانلىنىش بولغانلىقىنى كۆرىمىز. قەيتلەردە زىكرى كەچكەن ئەللامە مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي، ئەللامە ھۈسەيىنخان تەجەللىي، موللا شەمسىددىن، موللا سابىت ۋە ئەللامە زەرىف قارى قاتارلىق ئالىم - ئەللامىلەر ئۇشبۇ تەرجىمە ۋە تەپسىر ھەرىكەتلىرىدە پائال خىزمەت قىلغان ۋە بۇ خۇسۇستا يىرىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئىز قالدۇرغان مۇتەپەككۇرلاردۇر. ئەپسۇسكى، بىتەلەيلىك تامغىسى پەقەتلا سىياسىي تارىخىمىزغا مۆھۈر بېسىپلا قالماستىن، ئىلىم - ئېرپان تارىخىمىزغىمۇ ئۆز تامغىسىنى باستى. بۇ بىلەن ئەۋلادمۇئەۋلاد نەسىللەرگە زېھنىي ۋە كىتابىي شەكىلدە ئاغدۇرۇلۇپ، تەلقىن قىلىنىپ كەلگەن ئىلىم ئەنئەنىمىز مەزكۇر تەلەيسىزلىك مۆھۈرىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالماي تۇرالمىدى. تۇپراق ئىشغالىنىڭ ۋابالىنى تارتىشقا ئېشىنماي تۇرۇپ مەجبۇرىي تىل ۋە دىن ئاسسىمىلياتسىيە ئۇرۇنۇشلىرىغا دۇچ كېلىشى خەلقنىڭ بېشىغا ئۆز تارىخىدىن، ئىلمىي مىراسلىرىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈش، يىپىدىن ئاجرىغان مارجاندەك ھەر يانغا چېچىلىشتەك بىر ۋەزىيەتنى قىسمەت قىلىپ قاراپ ئولتۇردى. يۇقىرىدا زىكرى ئۆتكەن تەرجىمە ۋە تەپسىر مۇئەللىپلىرىنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ كۆپى ھەر ئەسىردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك بوھرانلار تۈپەيلى يىتىپ كېتىش ياكى كۆيدۈرۈلۈش قاتارلىق بىر قاتار سەۋەب - باھانىلەر ئاقىۋىتىدە كۈنىمىزگە قەدەر يېتىپ كېلەلمىدى. بۇلار ئىچىدە بارلىقى تەكىتلەنگەن سابىت داموللامنىڭ «روشەن بايان - تۈركىي تەفسىرى قۇرئان» ناملىق ئەسىرىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقاتى ئورنىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يۇقىرىقى ئالىم - ئەللامىلەردىن بەزىلىرىنىڭ تەپسىردىن سىرت قۇرئان تەتقىقاتىغا دائىر مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، نەتىجىدە قولىمىزغا ساق - سالامەت يېتىپ كەلگىنى، قول ئۇزارتساق يېتىدىغان، ئىزدىسەك تېپىلىدىغان، سېتىۋالساق ئالغىلى بولىدىغان ئۇزاقلىقتا ئۆز مەۋجۇتلۇقى بىلەن بىزنى شەرەپلەندۈرۈپ تۇرغىنى مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز، تارىخچىمىز ۋە مۇھەققىق مۇپەسسىرىمىز ھەمدە دۆلەت ئەربابىمىز، ھۆرمەتلىك شەيخۇلئىسلام مۇھەممەد زەرىف كاشغەرىينىڭ «تەفسىرى زەرىف» ناملىق ھەجىملىك تەپسىرى بولدى. ھەم ئايەت تەرجىمىسى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تەپسىرى بېرىلگەن بۇ شاھانە ئەسەر كۈنىمىزدە چاغداش ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئاغدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئەسەرنىڭ ئىلمىي ۋەزنىنى، تىل سەۋىيەسىنى ئىلغا قىلىپ بولالمىغان بىر تۈركۈم ھەۋەسكار سەۋىيەدىكى تالىبۇلئىلىملەرنىڭ قولىدا روياپقا چىقىشى، بولۇپمۇ، ئەسەرنىڭ ئىلمىي ۋە بەدىئىي جانلىق تىلىنىڭ خام ۋە پۇچەكلەشكەن تىلغا ئاغدۇرۇلۇپ نەشردىن چىقىشى كۈتۈلگەن ئىلمىي خىزمەتنىڭ روياپقا چىقمىغانلىقىنى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بۇ ۋەجىدىن ئەسەر ساھەنىڭ ھەقىقىي پىشىپ يېتىلگەن تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قولىدا قايتىدىن ئىشلىنىشىنى، ساھە ئەھلى بولغان تەتقىقاتچىلارنىڭ گويا ئەسەرنى غايىب خەزىنىنى تاپقان مىسالى يېڭىدىن قېزىشىنى، ئەسەرنى تىل، ئىدىيە ۋە تەھقىق نۇقتىسىدىن كەڭ كۆلەملىك ئوپېراتسىيە قىلىشىنى، بەھس - مۇھاكىمە ئۈستىلىگە كەڭرى يېيىپ ئىزدىنىشىنى، چوڭقۇرلىشىنى ۋە ھەقىقىي قىياپىتىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىپ سۇنۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
2. چاغداش قۇرئان تەتقىقاتى ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى
ھازىرقى زامان قۇرئان تەتقىقاتى بارىسىدا توختىلىدىغان بولساق، سۆزنى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۆتكەن ئەسىر ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇشلىرى يۈز بەرگەن، ئەڭ چوڭ ئۇرۇشلار، قىرغىنچىلىقلار مەيدانغا كەلگەن، سۇلالىلەر ئۆرۈپ تاشلىنىپ يېڭى دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىلغان، ھەم قاباھەت جەريان قىلغان، ھەمدە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلگەن تارىخنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ دەۋرلىرىدىن بىرى. خۇسۇسەن شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىلمىي تارىخىمۇ بۇنىڭدىن چەتتە ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۇ ئەسىردە بارلىققا كەلگەن قۇرئان تەتقىقاتلىرى، تەرجىمە ۋە تەپسىر پائالىيەتلىرىمۇ ئاجايىپ داۋالغۇشلۇق دەۋرلەردە، كىرىزىسلار تەرەپ - تەرەپتىن قاپلىغان، سىياسىي كىرىزىسقا يانداشقان ئىدىيەۋى كىرىزىسلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا، موڭغۇل ئىستېلاسىدىن كېيىنكى تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت كىرىزىسلىرىدىن بىرى باشتىن كەچۈرۈلۈۋاتقان بىر دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
ھەر مەدەنىيەتنىڭ ئىسلاھات مەپكۇرىسى ئۇنى دۇغلاشتۇرۇش ۋە جانسىزلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلغۇچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلىنىش، ئەسلىدىكى سۈزۈك ۋە ساغلام مەنبەگە قايتىشنى يادرولۇق شوئارى قىلغان بولۇپ، سىياسىي ئاسارەتتىن قۇرتۇلۇش كۈرىشىنىڭ كۈتكەندەك بولمايۋاتقانلىقى، كېچىككەن تەقدىردىمۇ كېلەچەكنى قايتا قۇرۇپ چىقىشقا، ئۇنى يېڭىدىن بەرپا قىلىشقا يارايدىغان ئۇل - ئاساسلار قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى بولسىمۇ ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ئۇشبۇ دەۋرنىڭ ئالدىن كۆرەر مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئويلاپ يەتكەن جىددىي ۋە تەخىرسىز بايقاشلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. مەدەنىيەتنىڭ ئومۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرگۈچى دىنىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي ساپا قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش، مىللىي ئاڭ ئويغىنىشى ھەمدە كۈلتۈر ئىھياسىنىڭ جان تومۇرى بولغان تىل ۋە تارىخ دىنامىكلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش دەۋرنىڭ باسمىسا بولمايدىغان قەدەم، ئاشمىسا بولمايدىغان داۋانلىرىدىن بىرى بولغان ئىدى. بۇنى تونۇپ يەتكەن مۇتەپەككۇرلار بەس - بەستە زىممىسىگە چۈشكەن ۋەزىپىلىرىنى ئىمكان يېتىشىچە ئادا قىلىشنى زىممىسىگە ئالدى. بۇ ئەسىردە تارىخ بابىدا موللا مۇسا سايرامىي، قۇتلۇق شەۋقىي، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، سابىت داموللام، مۇھەممەد زەرىف ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا كەبى سىياسىيون ئەدىب - شائىرلارنىڭ، مۇتەپەككۇر تارىخچىلارنىڭ تۇشمۇتۇشتىن تارىخ ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا تىرىشىشى، تۈرلۈك ئەدەبىي ژانىرلاردا ئىجادىيەتلىرىنى توختىتىپ قويماسلىقى، قېتىملاپ سۇيىقەست قىلىنىشقا، كۆيدۈرۈلۈشكە قارىماي دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك كىتابىنىڭ قان ۋە جان بەدىلىگە ئانا تىلغا ئاغدۇرۇشتىن توختاپ قالماسلىق كۈرەشلىرى، شۇنداقلا ئىسلامىي ئىلىملەردە تۈپكى ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەر جەملەنگەن رىسالە ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشى، مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تۈرلۈك نەشرى ئەپكارلارنىڭ، گېزىت - ژۇرناللارنىڭ بەس - بەستە جانلىنىشى قاتارلىقلار ئەلەم كۈرىشىگە يانداشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان قەلەم كۈرىشى ۋە ئىلمىي قۇرۇلۇشلارنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى بولغانىدى. ئىلمىي قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان «تەفسىرى زەرىف» ۋە «روشەن بايان» قاتارلىق تۈركىي تىلدىكى تەپسىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەنە شۇ سىياسىي كۈرەشلەرگە يانمۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ھەرىكەتلەر، ئەلەم جىھادى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلغان قەلەم جىھادى، ئەمەلىي جىھادقا پاراللېل ئېلىپ مېڭىلغان ئىجتىھاد قەدەملىرى بولغان ئىدى.
سىياسىي ئاسارەت دەۋرى باشلانغاندىن كېيىن، يەنى مىللەتنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇق قورغىنى ئىشغالغا ئۇچرىغىنىدىن كېيىن ئالاھەزەل ئوتتۇز يىلغا سوزۇلغان قاباھەتلىك دەۋر بۇ ئەسىرنىڭ ئاۋۋالقى يېرىمىدا قولغا كەلگەن ئىلمىي ھەرىكەتلەرنىڭ مېۋە بېرىشىگە زور توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كەلدى. مىللەتنىڭ تۈرلۈك ساھەلەردە يېتىشكەن سەرخىللىرىنىڭ يىلدىن يىلغا ئازلاپ مېڭىشى، تۈرلۈك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىقلاردا ئۇجۇقتۇرۇلۇشى، شۇنداقلا ئاتالمىش ئىسلاھات بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇزغۇنچىلىقلار، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلارنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈلۈشى ھەمدە شۇ تەرزدە يېڭىۋاشتىن شەكىللەندۈرۈلگەن ئەۋلادلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، مىللەتنىڭ ئاسارەتتىن ئاۋۋالقى تارىخىي ۋە ئىلمىي مىراسلىرى بىلەن بولغان بېغىنى مەزگىللىك ئۈزۈپ تاشلاش، خاتىرىسىنى يۇيۇش ۋە ئۇنتۇلدۇرۇش خۇرۇچلىرى بولغان كوممۇنىزم ئەپيۈنلىرى بىلەن مېڭىنى فورماتلاپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرى خەلقنىڭ ئۆز كىملىكىدىن ياتلىشىش قەدىمىنى خېلى زور دەرىجىدە تېزلەتتى. زېھنىيىتى شالغۇتلاشقان، شالغۇت ئاڭ ۋە شالغۇت ئىدىيە بىلەن يۇغۇرۇلغان يېڭى بىر تۈركۈم ئەۋلادلار بارلىققا كەلدى. ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بالايى - ئاپەتنىڭ ئېلىپ كەلگەن تىراگېدىيەلىرى نەتىجىسىدە ئازكەم ئىككى ئەۋلاد مەزكۇر «ئۈزۈكچىلىك»نى تولۇق باشتىن كەچۈرگەن بولدى. 80 – يىللاردىن كېيىنكى، يەنى قاتتىق بۇرۇقتۇرۇملۇق ۋە چېكىگە يەتكەن سىقىلىشتىن كېيىنكى نەپەس ئېلىش «ئەركىنلىكى» بولۇشتەك بىر ۋەزىيەتنىڭ تۇغۇلۇشى بولسا، تەبىئىي ھالدا ئۇزۇن يىللىق ئۆزىنى يوقىتىش، ئۆزلۈكىنى قۇرۇش ئىشتىياقىنى قايتىدىن كۈچەيتكەنىدى.
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆز خەلقىنى «كوللېكتىپ ئۆلۈۋېلىش»قا ياتىدىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ھەرىكىتىگە جور بولۇشقا، تارتقۇلۇقلارنىمۇ ھەسسىلەپ تارتىشقا دۇچار بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆزلۈكنى تېپىش ۋە قۇرۇشقا بولغان تىپىرىلىشى، ئۇرۇنۇشلىرى ئاسارەت دەۋرىدىن ئاۋۋالقى ھالەتنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلدى. سەۋەبى تولىمۇ ئېنىق بولۇپ، ئاسارەت ئاستىدا ئۆتكەن قاباھەتلىك ئوتتۇز يىل نۇرغۇن خاتىرىلەرنى، ئەسلىمىلەرنى، ئىلمىي مىراس ۋە قىممەت قاراشلارنى قارا قۇيۇن مىسالى ئۆزى بىلەن قوشۇپ ئېلىپ كەتكەنىدى. تىل ئۆزگەرگەن، يېزىق خارمانلانغان، كۈلتۈر شالغۇتلاشقان، ماددىي ئاچارچىلىقتىن كېيىنكى مەنىۋى ئاچلىق ھەق دادىغا يەتكەن، غىزانىڭ قانداق غىزا ۋە كىمنىڭ قولىدىن چىققان بولۇشى مۇھىم بولماستىن، پەقەتلا ئاچلىققا مەلھەم بولۇشىدىن باشقىسى مۇھىم بولمىغان بىر ھالەت باش كۆتۈرگەنىدى. ھەممىنى باشتىن قۇرۇش، ھەممىنىڭ قولىدىن كەلگەن ۋە مىللەتكە خىزمەت دەپ قارىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئورۇنداش پۇرسىتى يارىتىش قىزغىنلىقى تىكلەنمەكتە ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ باسقۇچتا، يەنە كېلىپ ئورتاق مىللىي ئاڭ دۇغلىشىپ كەتكەن، ئورتاق ئەقلىيەت، تۈپكى ئانا قىممەت قاراشلار پەرقلىق ئىدېئولوگىيەلەر بىلەن خارمانلىنىپ كەتكەن بۇ دەۋردە، شالغۇتلاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن يېڭى بىر تىل قۇرۇلمىسى، يېڭى بىر ئەدەبىيات شەكلى، يېڭى بىر يېزىق ۋە يېڭى بىر تەپەككۇر شەكلى بەرپا قىلىش ھاكىمىيەت تەرىپىدىن پىلان – پىروجىگە كىرگۈزۈلۈپ بولغان ئىدى. مەزكۇر پىروجىگە خىزمەت قىلىشنى پۇرسەت بىلگەن ئوقۇمۇشلۇقلار توپىمۇ تەقسىملەنگەن مەسئۇلىيەت بويىچە، يېتىلگەن زېھنىيەت بويىچە خىزمەت ئۈچۈن يەڭ تۈرۈشكە باشلىدى. بۇ پۇرسەتنى ئىمكانىيەت ئىچىدە ئىمكانىيەت ئىزدەشنىڭ دەل ۋاقتى دەپ بىلگەن، يوقىتىپ قويغانلىرىنى تىرىلدۈرۈشنى پىروجىگە بېرىلگەن ئىمكانىيەتتىن پايدىلىنىش ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلىگەن، جان كۆيەرلىك بىلەن مىللىتى ۋە خەلقىنى ئۆزىنىڭ ئىلمى ۋە مەرىپىتىدىن بەھرىمەن قىلىشقا نىيەتلەنگەن سانى ئاز، ئەمما ئىلمىي زاپىسى مول بولغان ھىممەتلىك ئاۋانگارتلار ئۈچۈنمۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى. شۇنداق قىلىپ بۇ پۇرسەتتە ئوتتۇز يىل مۇقەددەم كۆيدۈرۈلۈشكە، تەرجىمانلىرى شەھىد قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن دىۋاننىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلەش خىزمىتى بۇ نۆۋەت نەشر يۈزى كۆردى. بۇلاڭ - تالاڭغا دۇچ كەلگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرمۇ دەسلەپ ئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدە ساقلىنىپ، ئارقىدىن تەدرىجىي يېڭى تىلغا ۋە يېڭى زامان ئەدەبىي ژانىرغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئاغدۇرۇلۇپ نەشر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئەلۋەتتە، بۇخىل شارائىتتا ئىسلامىي ئىلىم ساھەلىرىمۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىگەن بولۇپ، ئېرىشكەن تۇنجى پۇرسەتتە قىلىنغان ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ دەسلىپى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىر تەتقىقاتى خىزمىتى بولغانىدى.
داۋامى بار...
نەقل مەنبەلىرى:
[1] سۈرە ئال ئىمران، 18 – ئايەت.
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-03-31




Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»