قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(13)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(13)
2. «پاسىق» ئاتالغۇسى ھەققىدىكى زورۇقۇشلار
تەرجىمانىمىز يەنە ئۆرنەك بېرىپ قۇرئاندىكى «فاسق» ئاتالغۇسىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلايدۇ. چۈشەندۈرۈشىدە ئالدى بىلەن مەزكۇر سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ۋە قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن مەنىلىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئارقىدىن گويا ئالدىنقى تەرجىمىلەردە «فاسق» ۋە «فاسقون» ئىبارىسى كېلىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە بىردەك «پاسىقلار» دەپ ئىشلىتىش باردەك، خەلق ئارىسىدا پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، گۇناھ - مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەملەرمۇ پاسىق دېيىلىدىغانلىقى، شۇڭا خەلق ئارىسىدا چۈشىنىلىۋاتقان مەنىسىنىڭ ئۆزى تەرىپلەپ ئۆتكەن «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش» مەنىسىدىكى پاسىق ئۇقۇمى بىلەن ئۇيۇشمايدىغان بىر ۋەزىيەت باردەك بىر تۈستە بايان قىلىشقا كىرىشىدۇ. ئارقىدىن بۇ خۇسۇستا ئۆزىنىڭ مەزكۇر سۆزگە پەرقلىق جايلاردىكى كېلىش ئورنىغا قاراپ ئوخشىمىغان مەنىلەردە تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن تەرجىمانىمىز مۇنداق دەيدۇ: «‹فاسقون› دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا ‹پاسىقلار› دەپ تەرجىمە قىلغاندا، بۇ سۆزدىن كۆزلەنگەن مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹پاسىق› دېگەن سۆز ئەسلى مەنىسىدە ‹بۇزۇلغان›، ‹چىرىگەن›، ‹سېسىغان›، ‹پاسكىنا› دېگەن مەنىلەرنى، كۆچمە مەنىسىدە ‹ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ[1]. خەلق ئارىسىدا، پاكىزلىققا ئېتىبار بەرمەيدىغان ياكى گۇناھ - مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەملەر ‹پاسىقلار› دېيىلىدۇ. شۇڭا بىز ‹قۇرئان كەرىم›دىكى ‹فاسق› دېگەن سۆزنى ھەممىلا جايدا ‹پاسىق› دەپ تەرجىمە قىلماستىن، ئايەتتە كەلگەن ئورنىغا قاراپ كۆپرەك ‹ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى› دەپ تەرجىمە قىلىشنى لايىق كۆردۇق»[2].
خوش، ئەجەبا بۇ يەردە ئاتايىن ئەسكەرتىپ يازغۇدەك، مەخسۇس نومۇر قويۇپ ماددىلىق ئىزاھات بەرگۈدەك ئۆزگىچىلىك قايسى؟ ھەقىقەتەن ئالدىنقى تەرجىمىلەردە تەرجىمانىمىز ئىشارەت قىلغان نۇقتىلارنى دىققەتكە ئالماستىن ھەممە ئورۇندا پاسىق ۋە پاسىقلار دەپ ئالىۋەرگەنمۇ؟ تەرجىمانىمىزنىڭ يۇقىرىقى بايانلىرى قايسى دەرىجىدە توغرا؟
بىرىنچىدىن، پاسىق ئۇقۇمىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلىش قۇرئان تەرجىمىسىگە يەڭ تۈرگەن ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بىلىشى كېرەك بولغان ئەقەللىي تەلەپ. بۇ سۆزنىڭ ئاۋام ئارىسىدا پەرقلىق ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، يەنە كېلىپ مۇھەممەد يۈسۈپ تىلغا ئالغان مەنىدە ئىشلىتىشنىڭ بارلىقى تەرجىمىدە مەخسۇس ئېتىبارغا ئېلىپ كەتكۈدەك، ئىلمىي تىلنى شۇنىڭغا قاراپ پوزىتسىيە ئالدۇرغىدەك ۋە مەخسۇس ئۇلارغا جاۋاب يۈزىسىدىن ئەسكەرتكۈدەك مەسىلىمۇ ئەمەس. ھەر تەرجىمان ئايەتنى ئىزاھلاشتا سۆزىنىڭ پەرقلىق كېلىش ئورۇنلىرىغا قاراپ تۇرۇپ مەنە ئېيتسا، قۇرئاندا كۆزدە تۇتۇلغان مەنىلىرى بويىچە تەرجىمە قىلسا، پەرقلىق جايلاردا گاھ پاسىق مەنىسىدە، گاھ ئىتائەتتىن چىققۇچى مەنىسىدە، گاھ ئاسىيلىق قىلغۇچى مەنىسىدە ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ. چۈنكى، ھەممىسى پاسىق ئۇقۇمىدا ئورۇن تۇتقان «تەڭرى ئىتائىتىدىن چىقىش، ئۇنىڭ ئەمر - پەرمانىدىن باش تارتىش» قاتارلىق تۈپ مەزمۇننى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مەنىلەردۇر.
ئىككىنچىدىن، تەرجىمانىمىز بۇ تۈردىكى قۇرئانىي ئاتالغۇلارنى تەرجىمىدە ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە شۇ قەدەر قېيىقكى، ئۇنى ئاتالغۇ دەپ سۈپەتلەشكىمۇ ئېرىنىدۇ. ياكى بولمىسا مەزكۇر تەرجىمانىمىز ئاتالغۇ بىلەن مەجازنى، كەلىمىنىڭ لۇغەت مەنىسى بىلەن شەرئىي مەنىسىنىڭ چەك - چېگراسىنى، شەرئىي مەنىسى بىلەن ئۆرپىي مەنىسىنىڭ پەرقىنى ئايرىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە چالا تەرجىمان بىرى. ئۇنداق بولمىغاندا يۇقىرى بايانىدىكىدەك قارىسىغا «ئا»نىڭ دوپپىسىنى «ب»غا، «ب»نىڭ دوپپىسىنى «س» غا كىيدۈرۈشتىن ساقلانغان بولاتتى. ئۆزى مۇراجىئەت قىلىپ كېلىۋاتقان لىسانۇلئەرەب قامۇسىنى سىنچىلاپ كۆرگىنىدە «فسق» سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسىنىڭ «يېرىپ چىقىش»، «بۆسۈپ چىقىش»، مەنىسىدە ئىكەنلىكىنى، «بۇزۇلغان»، «چىرىگەن» قاتارلىق مەنىلەرنىڭ توغرىدىن ئادىشىشقا، ياكى ناتوغرىلىققا بېرىلىشكە قارىتىلىپ گويا ئەتراپقا مەينەتلىك چاچىدىغان جانلىقلارغا ئوخشىتىش يۈزىسىدىن ئېيتىلغان كۆچمە مەنە ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىغان بولار ئىدى. بۇنىڭ كىنايە ياكى ئىستىئارە تەرىقىدىكى كۆچمە مەنە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتكىنىدە «ئاللاھ تائالانىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دېگەن مەنىنىڭ سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى ئەمەس، بەلكى شەرئىي ئىستىلاھ مەنىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولار ئىدى. ئەگەر بۇنى بىرىنچى نەشردە ئىپادىلەشتە ئادىشىپ قالغان دېسەكمۇ، ئىككىنچى نەشردە بولسىمۇ چوقۇم ئوڭشىغان بولار ئىدى. دېمەك مەسىلە ئىپادىلىگەندە كېتىپ قېلىشتا ئەمەس، ئىلىمىيلىككە تۇتقان پوزىتسىيەنىڭ بوشاڭلىقىدا، ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارنى ئۆز جايىغا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشتە يەڭگىلتەكلىكىدە دېيىشكە بولىدۇ.
ئۈچىنىچىدىن، فاسىق سۆزىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلۈك، مەجاز ۋە شەرئىي مەنىلىرى بارلىقى مۇئەييەنلەشكەن ئىكەن، خەلق ئارىسىدىكى پاكىزلىققا ئېتىبار بەرمەيدىغان ياكى گۇناھ - مەئسىيەتنى كۆپ قىلىدىغان ئادەملەرگە «پاسىق» دەپ ئىشلىتىشمۇ مەزكۇر سۆزنىڭ ئاتالغۇ مەنىسى بىلەن زىتلاشمايدىغان، شۇنىڭ ئەپچۆرىسىدىكى مەنە ئىكەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ. مەسىلەن، فىترەتۇللاھ سۆزىنى بىر مۇپەسسىر «ئاللاھنىڭ دىنى»، يەنە بىر مۇپەسسىر «ئىسلام دىنى»، يەنە بىرىنىڭ «بۇلغانمىغان ساپ ئىنسانىي تەبىئەت» قاتارلىق مەنىلەردە چۈشەنگىنىگە ۋە شۇ بويىچە مەنە بەرگىنىگە ئوخشاش. بۇ مەنىلەرنىڭ ھەممىسى فىترەتتىن كۆزدە تۇتۇلىدىغان مەنىلەرگە ۋە بۇ مەنىلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان چۈشەنچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ھېچبىرىنى خاتاغا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. بەلكى ئورنىغا قاراپ ئىشلىتىلسە، ئىزاھلانسا بولۇۋېرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، خەلق ئارىسىدا ئاللاھقا كۆپ ئاسىيلىق قىلىدىغان كىشىگە «پاسق» دېيىلىشى بۇ سۆزنىڭ شەرئىي مەنىسى بولغان «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دېگەن مەنىسى بىلەن زىتلەشمەيدۇ. چۈنكى گۇناھ - مەئسىيەتنى كۆپ قىلغان كىشى مەلۇم مەنىدە ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان ۋە چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىشىنىڭ ھۆكمىدەدۇر. پاسىق سۆزىنىڭ مەينەتچىلىككە پاتقان كىشىگە، شۇنداقلا قۇرئان ۋە سۈننەتتە كۆرسىتىلگەن ماددىي ۋە مەنىۋى پاكىزلىققا زىت خاراكتېردىكى كىشىلەرگە ئىشلىتىلىشىمۇ مەلۇم مەنىدە شەرئىي مەنىدىن يىراقلىمىغان كىنايەلەر جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا، بۇنى مەخسۇس مەسىلە قىلىپ تىلغا ئېلىپ ئولتۇرۇشمۇ ئارتۇقچە زورۇقۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
تۆتىنچىدىن، تەرجىمانىمىز بۇ تەرجىمىسىدە ھەممىلا ئورۇندا «پاسىق» دەپ ئالغاننىڭ ئورنىغا ئايەتتە كەلگەن ئورنىغا قاراپ كۆپرەك «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دەپ مەنە بەرگەنلىكىنى ئۇرغۇلايدۇ. ھالبۇكى، ئالدىنقى تەرجىمىلەردىمۇ ھەممىلا جايدا پاسىق دەپ ئالغان ئىش يوق. مۇھەممەد سالىھ ۋە ئۇندىن كېيىنكى تەرجىمىدىمۇ ئايەتنىڭ كېلىش ئورنىغا قاراپ «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلار»، «توغرا يولدىن چىققۇچىلار»، «پاسىقلار» دەپ ئىشلەتكەن. شۇنداق تۇرۇپ ئاتايىن «مەن ئۇنداق قىلماي مۇنداق قىلدىم» دەپ مەخسۇس سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭا پاسىق ئىبارىسىنىڭ تەرجىمىسى خۇسۇسىدىكى بۇ بايانلار ئورۇنسىز بولۇپلا قالماستىن، بۇنى گويا ئالدىنقى تەرجىمىدىن پەرقلىق «ئۆزگىچىلىك»لەر قاتارىدا تىلغا ئېلىپ يۈرۈش بىھۇدە ئىش بولغان ۋە «مەن مانا مۇنداق قىلىۋەتتىم» سىياقىدىكى كۆز - كۆز قىلىشقا ئوخشاش ئىش بولۇپ قالغان.
بەشىنچىدىن، تەرجىمانىمىزنىڭ پاسىق ئىبارىسى كەلگەن جايلارغا ئورنىغا قاراپ كۆپرەك «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچى» دەپ تەرجىمە قىلدىم، دېگەن ئىددىئاسىدا مەسىلە بار. چۈنكى ئالدىنقى ئۈچ تەرجىمىنى سېلىشتۇرساق، مەزكۇر «ئورنىغا قاراپ» تەرجىمە قىلىش ئىشىنى تەرجىمانىمىزنىڭ زادى قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقى دەرگۇمان. چۈنكى، ئالدىنقى تەرجىمانلار، خۇسۇسەن چاغداش ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى بولغان مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىدە فاسىق ئىبارىسى كەلگەن ئايەتلەرنى ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىشتا ھەقىقەتەن سەزگۈرلۈك ۋە ئەستايىدىللىق ئەكس ئەتكەن. ئايەتنىڭ سىياقى بويىچە قانداق سۈپەتلەش ئەڭ مۇناسىپ كەلسە شۇ بويىچە ئالغان. كونتېكسىتتىكى ئورنىغا قاراپ ئىتائەتتىن چىقىش، ئادىشىش، توغرىدىن چىقىپ كېتىش قاتارلىق مەنىلەرنى بەرگەن. ئەگەر ئايەتنىڭ سىياقى سۈپەتلەشنى ئەمەس، بەلكى ھۆكۈم قىلىش تۈسىدە بولسا، سۆزنىڭ ئىسىم ۋە شەرئىي ئاتالغۇ مەنىسى بولغان پاسىق، پاسىقلاردۇر، قاتارلىق مەنىلىرىنى ئىشلەتكەن. مەسىلەن، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ 99 – ئايىتى، يەنى «وَلَقَدْ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ءَايَـٰتٍۭ بَيِّنَـٰتٍ ۖ وَمَا يَكْفُرُ بِهَآ إِلَّا ٱلْفَـٰسِقُونَ» دېگەن ئايىتى «شەك ـ شۈبھىسىزكى، ساڭا بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، ئۇلارنى پەقەت توغرا يولدىن چىققانلارلا ئىنكار قىلىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ يەردە ئايەتنىڭ سىياقى ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىنى پاكىت - دەلىل تۇرسىمۇ ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ قانداق تەبىئەتلىك ئىكەنلىكىنى تەرىپلەش ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، مۇھەممەد سالىھنىڭ «ٱلْفَـٰسِقُونَ» سۆزىنى «توغرا يولدىن چىققانلار» دەپ تەرجىمە قىلىشى ئىنكار قىلغۇچى تائىپىنىڭ خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بېرىش نۇقتىسىدىن جايىدا تەرجىمە بولغان. مۇھەممەد يۈسۈپمۇ مەزكۇر تەرجىمىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئالغان. ئەمما مۇھەممەد سالىھ مائىدە سۈرىسىنىڭ 47 – ئايىتىگە كەلگەندە، يەنى «وَمَن لَّمْ يَحْكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ»، دېگەن ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا، ئايەتنى «ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمىغانلار پاسىقلاردۇر» دەپ تەرجىمە قىلغان. چۈنكى، ئايەت بۇ يەردە ئاللاھنىڭ ھۆكمى بويىچە ئىش كۆرمەسلىكتەك قەبىھ قىلمىشنىڭ ھۆكمىنى بەرمەكتە. شۇڭا بۇ يەردە شەرئىي ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇ شەكلىدە «پاسىقلاردۇر» دەپ تەرجىمە قىلىش بەكرەك مۇناسىپ بولغان. ھالبۇكى، بۇ خىل سەزگۈرلۈكنى ۋە ئايەتنىڭ كېلىش ئورنىغا ئەستايىدىل قاراپ مۇئامىلە قىلىشنى مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ تەرجىمىسىدە تاپقىلى بولمايدۇ. ئۇ پاسىق ئىبارىسى كەلگەن يۇقىرىقى ئايەتكە «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر» دەپ تەرىپلەش، سۈپەتلەش سىياقىدا مەنە بېرىۋەرگەن.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 82 – ئايىتىگە، يەنى «فَمَن تَوَلَّىٰ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُو۟لَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلْفَـٰسِقُونَ» دېگەن ئايىتىگە: «كىمكى شۇنىڭدىن كېيىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى ئەھدىنى بۇزسا)، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر» دەپ تەرجىمە بەرگەن. ھەيئەت تەرجىمىسىدە بولسا، تەرجىمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، ئالدىنقى ئايەتنىڭ مەزمۇن باغلىنىشىغا رىئايە قىلىش يۈزىسىدىن بىرقەدەر سىلىقلاشتۇرۇپ «شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىنى بۇزغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان بولىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلغان. مۇھەممەد يۈسۈپ بولسا ئايەتنى «كىمىكى شۇنىڭدىن كېيىن ئەھدىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، مۇنداقلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىققۇچىلاردۇر» دەپ ئالغان. ئەلۋەتتە مەزكۇر ئۈچ تەرجىمە مەزمۇن جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ ئورنىغا قاراپ مەنە بېرىشتە ئەھدىنى بۇزۇشنى ئىتائەتتىن چىقىش دەپ تەرىپلەش ئايەتنىڭ مەتنى ۋە سىياقىغا بەكرەك مۇناسىپ بولغان. چۈنكى بۇ تۈر ئەھدىنى بۇزۇش دىندىن چىقىش ھېسابلانسىمۇ ئەمما يۈز ئۆرۈشتىن ئىبارەت بۇ قىلمىشنىڭ پاسىقلىق، يەنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش ھېسابلىنىدىغانلىقى مەتىن سىياقىغا بەكرەك ماس كەلگەن. ئەمما ئەھدىدىن چىقىشنىلا دىندىن چىقىش دەپ ئىپادىلەش بىر قەدەر كەسكىنلىك بولۇپ، ئەگەر تەرجىمىدىكى تىرناق ئىچى بېرىلگەن ئىزاھات ئەھدىنى بۇزۇش بولماستىن ئەتتەفسىرۇلمۇيەسسەرنىڭ ئىزاھاتى بويىچە بۇ يەردىكى يۈز ئۆرۈشتىن مەقسەت «ئىسلامنىڭ چاقىرىقىدىن يۈز ئۆرۈش» مەنىسى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغىنىدا، بەلكىم «دىندىن چىقىش» دەپ تەرجىمە بېرىش بەكرەك مۇناسىپ كېلەر ئىدى. ئەمما تەرجىمىدە «ئەھدىدىن يۈز ئۆرۈش» كۆزدە تۇتۇلۇپ مەنە بېرىلگەن ئىكەن، ئۇ چاغدا ئايەتنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇلارغا دىندىن چىققانلىق ھۆكمىنى جاكارلاشتىن بەكرەك مەزكۇر ئەھدىنى بۇزۇش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرىگە، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرگە ۋە ئىسلامغا قارشى تۇتۇملىرىنىڭ چاكىنىلىق ۋە دۈشمەنلىشىپ مۇئامىلە قىلىشتىكى ئىش -ھەرىكىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ «پاسىقلىق» مەنىسىنى بېرىش، يەنى ئاللاھقا ئاسىيلىق، ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىق تەرجىمىسىنى بېرىش يەنىمۇ ئۇيغۇن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئايەتنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويغىنى ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ قەبىھلىكىنى تەنقىدلەش بولماي ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم پىچىش بولغىنىدا پاسىق ئىبارىسىنى ئىشلەتمىگەن، بىۋاسىتە ئىبلىسنىڭ ئىتائەتتىن باش تارتىپ كاپىر بولغانلىقنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بويىچە «كافرون» ئىبارىسىنى ئىشلەتسە بولۇۋېرەتتى. ئەمما ئايەتتە كاپىر ئىبارىسى ئورنىغا «فاسق» ئىبارىسى ئىشلىتىلدى. دېمەك ئايەتنىڭ مەزمۇنى گەرچە ئۇلارنىڭ دىندىن چىقىدىغانلىقى مەنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، بىراق ئايەتنىڭ سىياقىدىن دەمال ئۇرغۇلىماقچى بولغىنىنىڭ ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ نامەردلىك، سۆزىدە تۇرماسلىق، تەكەببۇرلۇق، ئىككى يۈزلىمىچىلىك ۋە مۇناپىقلىقتىن ئىبارەت باشقا ئايەتلەردە پاش قىلىنىپ كەلگەن ۋە ئادىمىيلىككە يات بولغان جىمى قىلىقلىرىنىڭ خۇلاسىسى بولغان پاسىقلىق قىلمىشى ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ ئىبلىس مىسالى ئاللاھقا ئاسىي بولۇشنىڭ تىپىك ئوخشىشى بولغان بىر قىلمىش، يەنى «ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىش» قىلمىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلارغا ھۆكۈم پىچىشتىن بەكرەك ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى پاسىقلىققا چىقىرىپ قامچىلاش ئاساسىي مەقسەت ئىكەنلىكى ئورتادا. دېمەك ئەھدىنى بۇزۇشتەك ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىق ھېسابلىنىدىغان قىلمىشنى ئۇرغۇلاش ئايەتنىڭ ئاۋۋالقى مەقسىتى. شۇڭا بۇ قەبىھ قىلمىشنىڭ دىندىن چىقىرىش، كاپىر بولۇش دەرىجىسىدىكى پاسىقلىق (ئاسىيلىق) قىلمىشى ئىكەنلىكى ئايەتنىڭ بىرىنچى مەنىسى، بۇ خىل ئىتائەتتىن چىقىشنىڭ دىندىن چىقىرىپ تاشلايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى سۈزۈپ ئېلىش بولسا، ئايەتنىڭ ئىككىنچى تەپسىرىدۇر. بۇ جەھەتتىن فاسق ئىبارىسىنى ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىشتا مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسى بىرقەدەر ئورنىنى تاپقان دېيىشكە بولىدۇ.
قىسقىسى، تەرجىمانىمىزنىڭ «ئورنىغا قاراپ تەرجىمە قىلىش» ئىددىئاسىمۇ دېگەندەك جايىنى تېپىپ كەتمىگەن بولۇپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بەش نۇقتىنىڭ ئۆزىلا پاسىق ئاتالغۇسى ۋە تەرجىمە ھەققىدە سالغان داۋراڭلىرىنىڭ بىھۇدە زورۇقۇشتىن باشقا ئىش بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3. «بالحق» سۆزىنىڭ تەرجىمىسىدىكى رەڭۋازلىقلار
تەرجىمانىمىز ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا «بالحق» سۆزى كەچكەن ئايەتلەردە بۇ سۆزنى قانداق تەرجىمە قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىدۇ. ئۇ بۇ سۆزنىڭ «ھەقىقەت ئاساسىدا»، «ھېكمەت بىلەن» دېگەن ئىككى مەنىسى بارلىقىنى زىكرى قىلىدۇ. يەنە بۇ تەرجىمىدىكى ئۆزگىچىلىك قاتارىدا «بالحق» سۆزى كەچكەن ئايەتلەرنى كېلىش ئورنىغا قاراپ ھېكمەت بىلەن، ھەقىقەت ئاساسىدا قاتارلىق مەنىلەر بىلەن تەرجىمە قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە بۇنىڭغا دۇخان سۈرىسىنىڭ 39 - ئايىتىدىن، ھەمدە ئىسرا سۈرىسىنىڭ 105 ئايىتىدىن بىر مىسال بېرىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ[3].
تەرجىمانىمىزنىڭ مۇشۇنىمۇ ئاتايىن «ئۆزگىچىلىك» قاتارىدا كەلتۈرۈۋېلىشى، يەنە كېلىپ گويا بۇ خىل تەرجىمە قىلىشلار ئالدىنقى تەرجىمىدە ئۇنداق ئەمەستەك تۈس بېرىدىغان سىياقتا كەلتۈرۈشى تولىمۇ غەلىتىلىك. چۈنكى، ئالدىنقى تەرجىمىلەردىمۇ ئوخشاشلا مەزكۇر سۆزگە پەرقلىق ئورۇندا پەرقلىق مەنىلەر بېرىلگەن. ئاتالمىش بۇ ئۆزگىچىلىكلەر ئەمەلىيەتتە ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرى مەزكۇر سۆزنىڭ بىر مەنىسىنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمە قىلسا، يەنە بىرى يەنە باشقا مەنىسىنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمە قىلغان بولۇپ، تەكشۈرۈپ كەلسەك تەرجىمانىمىزنىڭ قىلغىنى پەقەتلا ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىدىن كۆچۈرۈش، ياپسارلاش ياكى قوراشتۇرۇش بولغان، خالاس! مەسىلەن، تۆۋەندىكى سېلىشتۇرمىغا قارايلى:
1). بەقەرە سۈرىسىنىڭ 119 – ئايىتى: «إِنَّآ أَرْسَلْنَـٰكَ بِٱلْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْـَٔلُ عَنْ أَصْحَـٰبِ ٱلْجَحِيمِ».
تەرجىمىلىرى:
− بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز سېنى خوش خەۋەر بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ توغرۇلۇق جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز سېنى خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. دوزاخقا كىرىدىغانلارغا سەن جاۋابكار ئەمەسسەن. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
2). ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 3- ئايىتى: «نَزَّلَ عَلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ مُصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيْهِ وَأَنزَلَ ٱلتَّوْرَىٰةَ وَٱلْإِنجِيلَ».
تەرجىمىلىرى:
− (ئى مۇھەممەد!) (ئاللاھ) ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچى كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) ھەق بىلەن نازىل قىلدى. ئىلگىرى، كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد!) ئۇ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى كىتاب (قۇرئان) نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
- (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ ساڭا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولغۇچى كىتاب (قۇرئان) نى ھېكمەت بىلەن تەدرىجىي نازىل قىلدى. ئىلگىرى كىشىلەرگە يول كۆرسەتكۈچى قىلىپ تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى نازىل قىلغان ئىدى. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
3). نىسا سۈرىسى 105 – ئايەت: «إِنَّآ أَنزَلْنَآ إِلَيْكَ ٱلْكِتَـٰبَ بِٱلْحَقِّ لِتَحْكُمَ بَيْنَ ٱلنَّاسِ بِمَآ أَرَىٰكَ ٱللَّهُ ۚ وَلَا تَكُن لِّلْخَآئِنِينَ خَصِيمًا».
تەرجىمىلىرى:
− (ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خائىنلارنىڭ تەرىپىنى ئالمىغىن. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد!) سېنى كىشىلەر ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەقىقەتەن ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خىيانەتكارلارغا بولۇشمىغىن. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− (ئى پەيغەمبەر!) شەكسىزكى، بىز سېنى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە ھۆكۈم قىلسۇن دەپ، ساڭا ھەق كىتابنى نازىل قىلدۇق. خىيانەتكارلارغا بولۇشمىغىن. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
4). ھىجىر سۈرىسى 85 – ئايەت: «وَمَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ ۗ وَإِنَّ ٱلسَّاعَةَ لَـَٔاتِيَةٌ ۖ فَٱصْفَحِ ٱلصَّفْحَ ٱلْجَمِيلَ».
تەرجىمىلىرى:
− بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− (ئى مۇھەممەد!) بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ تۇرغىن. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر. (ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ تۇرغىن. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
5). ئەھقاف سۈرىسى 3 – ئايەت: «مَا خَلَقْنَا ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ وَمَا بَيْنَهُمَآ إِلَّا بِٱلْحَقِّ وَأَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ عَمَّآ أُنذِرُوا۟ مُعْرِضُونَ».
تەرجىمىلىرى:
− ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن مۇئەييەن مۇددەتكىچە تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتۇق. كافىرلار ئۆزى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەرگە پەرۋا قىلمايدىغانلاردۇر. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
- ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھېكمەت بىلەن مۇئەييەن بىر مۇددەتكىچە (داۋام قىلىدىغان قىلىپ) ياراتتۇق. كاپىرلار ئۆزلىرى ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
6). تەغابۇن سۈرىسى 3 – ئايەت. «خَلَقَ ٱلسَّمَـٰوَٰتِ وَٱلْأَرْضَ بِٱلْحَقِّ وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ ۖ وَإِلَيْهِ ٱلْمَصِيرُ».
تەرجىمىلىرى:
− ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر. − مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى.
− ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدى، شەكلىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر بارىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. − ھەيئەت تەرجىمىسى.
− ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى، سىلەرنى شەكىلگە كىرگۈزدى، شەكلىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، قايتىدىغان جايىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر. − مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمە»سى.
يۇقىرىقى «بالحق» سۆزى كەچكەن ئالتە ئايەتنىڭ تەرجىمىسىلا تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىنىڭ ۋە بەرمەكچى بولغان ئۇچۇرىنىڭ پۈتۈنلەي رەڭۋازلىق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى، قىلغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي كۆچۈرمىكەشلىك، كېسىپ - چاپلاپ قوراشتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا يېتەرلىكتۇر. مەسىلىنىڭ ئەسلىي ھەقىقىتى شۇكى، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدە «ھەق» سۆزىنىڭ تەرجىمىسى كېلىش ئورنىغا قاراپ پەرقلىق مەنىدە تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن ھەر قېتىم شۇ سۆزدىن ھەق ۋە ھەقىقەت مەنىلىرىدىن باشقا مەنىلەر كۆزدە تۇتۇلغاندا تىرناق ئىچىگە كۆزدە تۇتۇلىدىغان مەنىسىنى بېرىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. تەرجىمە گۇرۇپپىسى بولسا، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىنى پىششىقلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن بىرگە ھەق سۆزىنى كۆپىنچە ھېكمەت مەنىسىدە ئېلىشنى تاللىغان. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئاتالمىش تەرجىمىسىدە بولسا، «مەن مۇنداق قىلىشنى لايىق كۆردۈم» دۋالغۇدەك ئۇنىڭغا ئائىت تەرجىمە ئىزنالىرى ئاساسەن يوق. قىلغان ئىشى بىر بولسا، بىرىنچى ياكى ئىككىنچى تەرجىمىدىن ئەينەن كۆچۈرۈش، ياكى ھەق سۆزىنى ئىشلەتكەندە بىرىنچى تەرجىمىدىكى ھەق ئاساسىدا سۆزىنى ھېكمەت سۆزىگە ئايلاندۇرۇپ قالغىنىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئەكېلىش، ياكى بولمىسا بىرىنچى تەرجىمىنىڭ بىر بۆلىكىنى ۋە ئىككىنچى تەرجىمىنىڭ يەنە بىر بۆلىكىنى كۆچۈرۈپ قوراشتۇرۇشتىن باشقا ئىش بولمىغان. «بالحق» سۆزىگە ئالاقىدار دەسلەپكى ئىككى تەرجىمىدىن باشقا ئۆزىگە ئائىت بىرەر ئۆزگىچىلىك ھېسابلىنىدىغان ھېچقانداق نەرسە ئاساسەن قوشۇلمىغان. شۇنداق تۇرۇپ «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىدا تەپتارتماي خۇددى ئالدىنقى تەرجىمىلەردە يوق ياكى تۈزىتىش خاراكتېرلىك بىرەر يېڭىلىق قوشۇش ئارقىلىق ئۆزگىچىلىك قىلغاندەك تۈستە كۆرەڭلىگەن. مانا بۇ ئوپئوچۇق تەرجىمە ھايانكەشلىكىدىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. بولۇپمۇ «بالحق» سۆزىگە بەرگەن «ھېكمەت بىلەن»، «ھېكمەت ئاساسىدا» قاتارلىق تەرجىمىلەر پۈتۈنلەي تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تەرجىمىلەردۇر. يەنى «بالحق» سۆزىگە بېرىلگەن «ھېكمەت بىلەن»، «ھېكمەت ئاساسىدا» قاتارلىق تەرجىمىلەر ئۇشبۇ تەرجىمانىمىزغا ئائىت ئەمەس. بەلكى بۇ تەرجىمىلەر تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر قۇرئان تەرجىمىسىنى پۈتتۈرۈشتە مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قوراشتۇرۇشتا ۋە كۆچۈرۈپ چاپلاشتا ۋەلىي نېمىتى ھېسابلىنىدىغان، گېزى كەلگەندە بىرەر ئىلمىي سەۋەنلىكىنى تېپىۋالغىنىدىن ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى بىلەلمەي مەنسىتمىگەن ھالدا «ئاتالمىش تەرجىمانلار»[4] دەپ تۇرۇپ چۆكۈرۈشتىن ئايانمىغان ۋە كۆزگە ئىلمىغان سىياقتا تىلغا ئالىدىغان ئىككىنچى تەرجىمىنىڭ ساھىبلىرىغا، يەنى تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا ئائىت تەرجىمىدۇر. تەرجىمانىمىز بولسا، ئۇلارنىڭ بىرىنچى تەرجىمىگە قارىتا ئەمگەك سىڭدۈرۈپ پىششىقلىغان تەرجىمىسىنى بىرەر سۆزلۈك ئەمەس، جۈملىمۇجۈملە ۋە ئابزاسمۇئابزاس ھالىتىدە ئوپئوچۇق كۆچۈرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە ھەققىدە تىنىپ سالمىغان ۋە رەڭۋازلىقىنى چاندۇرمىغان شەكىلدە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەن، ھەمدە ئايەتكە دائىر تەرجىمىلەرنى ئۆزى قىلغان ئۆزگىچىلىكتەك قىلىپ كۆرسەتكەن.
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 189-بەت. (ئەسكەرتىش: بۇ مەنبەنى مۇھەممەد يۈسۈپ ئۆزى بەرگەن).
[2] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 647 - 648 – بەتلەر.
[3] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 648 – بەتكە قاراڭ!
[4] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 651 – بەتكە قاراڭ!
داۋامى بار...
Yorumlar
Yorum Gönder