شاياتۇن ئەدىبلىككە، يەكچەشمە خېرىدارلىققا

 شاياتۇن ئەدىبلىككە، يەكچەشمە خېرىدارلىققا

(1)
چېكىملىككە خۇمار بولغاننى بىلىمىز، ئىچىملىككە خۇمار بولغاننى بىلىمىز. ئەمما، داپشاقلىققا خۇمار بولغاننى، داپيۈزلۈكنى داپنىڭ ئورنىدا چېلىپ ياشاشنى «بۇرچ» ئورنىدا كۆرۈپ ياشىغاننى بىلمەيدىكەنمىز. لېكىن تەقدىر - قىسمىتىمىزدە بۇنى بىلىش تۈگۈل كۆز ئالدىمىزدا ياشىغان ھالىتىنى كۆرۈش بار ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ، قەلەمكەشلىك، كىتاب - ئەسەر سۇنۇش ئىشلىرىدا شۇنداق. مەھەللىنى بۇزغان ئەڭ داپشاق پاھىشىمۇ كۆتى ئېچىلغان مەھەللىدە قايتا سازايى بولۇشقا توغرا كېلىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدۇ. يا تۆۋىسىنى ئېلان قىلىپ خاتاسىنى تۈزەپ بولسىمۇ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا تۇتۇنىدۇ. ياكى مەھەللە ئالماشتۇرۇپ «ئېچىلغان كۆت»تىن بىخەۋەرراق مەھەللىگە كۆچۈپ تېخىمۇ ئېھتىياتكارلىق بىلەن ئىش كۆرۈشكە تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، كۈنىمىزدە ئىلىم ھايانكەشلىكىدە رېكورت بۇزار دەرىجىسىگە يەتكەن بەزى داپيۈز قەلەمكەشلەردىن بۇنچىلىكمۇ دىتنى ئۇچرىتىش تەس بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئىلىم، ئەخلاق، چىنلىق، مەسئۇلىيەت، ساپلىق، سەمىمىيەت قاتارلىق ئىلمېنىتلاردىن تەشكىللىنىشى كېرەك بولغان قەلەمكەشلىك ۋە كىتاب - ئەسەر تۈزۈش خىزمەتلىرىدىكى ھايانكەشلىكلەر، قېتىملاپ «ئېچىلىپ قېلىش»نى باشتىن كەچۈرسىمۇ يەنە تەپتارتماسلىق ياكى تەپتارتمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش، خاتانى تۈزەش ياكى بۇندىن كېيىنكى قەدەملەردە توغرا قەدەم ئېلىش تەرەپدارى بولماسلىق، ئەكسىچە سۈتكە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سېتىش پەدىسىدىن سۇغا سۈت ئارىلاشتۇرۇپ سېتىشقا يۆتكىلىشتەك ئەزۋەيلەشلەر داۋاملىشىپ تۇرۇپتۇ. كوللېكتىپ ئەخلاق ئېڭى سۇسلىغان توپلۇمدا تەن پاھىشىلىكىنىڭ ئارتىشى دىققەت تارتمىغاندەك ئىلىم روھى ئۆچكەن، ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ئاڭ - ساپا نۆلنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ قالغان توپلۇمدىمۇ ئىدىيە پاھىشەلىكىنىڭ بازارغا چىقالىشى تۇرغانلا گەپ. ئەلۋەتتە، كوللېكتىپتا تۆۋەنلەشكەنلىكتىن جەمئىيەت كۆلچىكىدە پىلتىڭلاۋاتقانلارنى، قۇيرۇق شىپپاڭشىتىۋاتقان ئىت بېلىق، پوق بېلىقلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى قاچۇرماي ماڭىدىغان ئويغاقلارنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەقىل كۆزىنى يوقىتىپ قويمىغان، خىرە بولسىمۇ ئىلغا قىلالايدىغان ئاقىللا بولىدىكەن ئاۋام كۆرمىگەننى كۆرىدۇ. كۆرگەنلىرىدىن بايقايدۇ. بايقىغانلىرى ئاساسىدا ئاۋامنىڭ كۆزىگە تارتىلىۋاتقان قارا پەردىلەرنى يىرتىپ تاشلاشقا كۈچ چىقارماي تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئىدىيە پاھىشەلىكى بار يەردە ۋىجدان قازىنى تاشماي قالمايدۇ. ئويغاقلار دۇنياسىنىڭ نەپەرلىرى مەۋجۇت ئىكەن داپيۈزلۈكنىڭمۇ، ئىدىيە پاھىشەلىكىنىڭمۇ، شەكلى ئۆزگەرگەن بازارچىلىقىنىڭمۇ قۇيرۇقى قۇم باسقۇسى، ھەقىقەت ھامان ئۆز جاكاسىنى ئېلان قىلغۇسى. بىز بۇنىڭ داۋامىنى مۆرىتىنى كەلتۈرۈپ يەنە ئەتراپلىق توختىلىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىش بىلەن بۇ خۇسۇستىكى سۆزىمىزگە چېكىت قويۇپ تۇرايلى.
(2)
قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتسەك، تېخى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا كۆرۈنۈشتە ۋەتەن، مىللەت شوئارلىرىدا بىرلەشكەندەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما ئىچى قۇرت - قوڭغۇز ئۇۋىسىدىن بەتتەر مىغىلداپ چاك - چېكىدىن سۇنۇق بولغان بىر قاتار تىراگېدىيەلىك بۆلۈنۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. نەتىجىدە يىللاردىن مىللەتنىڭ ئىستىقلالى ئۈچۈن چېپىۋاتىدۇ دەپ بىلىنگەن «تۇلپارلىق چەۋەنداز»لارنىڭ چەۋانداز ئەمەس، چاڭلاشتۇرغۇچىلىق ئۈچۈن ھارماي تالماي ئارىدا توشۇغۇچىلىق قىلىپ ئۆتىدىغان سىياسىي دەللاللار ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولدۇق. سىياسىي مەۋقەدە مىللەتكە ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن مۇناپىق سۈپەت «دەۋاچىلار»نىڭ ئەپت - بەشىرەسىنىڭ ئېچىلىشلىرىغا، خىيانەتلىك ئىش - ھەرىكەتلەرنى، مىللەتنىڭ كېلەچىكىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدىغان تۈرلۈك گۆشباشلىقلارنى مىللەتكە «ئىش قىلدۇق» دەپ يۇتقۇزماقچى بولۇشلارغا، ئىككى تىلدا ئىككى خىل رول ئېلىپ ئارتىسلىقنى سىياسىي دەۋا قىلىش دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن سىياسىي ئالدامچىلىقلارغا شاھىت بولدۇق. ئىسپاتلار ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇشىغا قارىماي تېنىۋېلىشلار ئۈزۈلمىدى. پاكىتقا قارشى زۇۋانى تۇتۇلۇش، سەمىمىيەتكە قايتىشقا مايىللىشىش ئورنىغا يالغان تەشۋىق، ساختا مەلۇمات بېرىش بىلەن خەلقنى ئالداش توختىمىدى. ئەڭ ئېچىنىشلىقى بىر تۈركۈم سېتىلما قەلەمكەشلەرنىڭ مەزكۇر سىياسىي داشقاللارنىڭ چىقىندىلىرىنى تازىلاشنى ۋەزىپە قىلىۋالغانلىقى، ھە دېگەندە پاكىتنى بۇرمىلايدىغان بىر تالاي ئەخلەت يازمىلارنى دۆۋىلەش ئارقىلىق ۋىجدانغا، ئىلىمگە، ئەخلاققا قارا يۈزلۈك قىلىشلىرى بولدى. يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ماھىيىتىدىن ئاڭقىرىغۇدەك، ئاق قارىنى ئىلغا قىلىشتا پەرق قىلغۇدەك پاراسەت كۆزىدىن ئاللىقاچان كېتىپ بولغان ھەقىقەت موخولىرى بولۇشىغا، بولۇشلىرىغا باقماي پۈتۈنلەي يالاقچى، گۇپپاڭچى ۋە ھەتتا ساھىبى ئىنكار قىلىپ تۇرغان نەرسىنى ئۇنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاقلاپ قاۋاشتىن يانمايدىغان ئاپشاركا مىسالى قىلىقلارنى ئورتادا تىياتىر ئارتىسلىرىدەك ئويناپ يۈرۈشتى. مانا بۇ سېتىلما قەلەمكەش دېيىلىۋاتقان تائىپىنىڭ يۇمىلاق تاۋۇز يازارلىرىدىن بىرى بۇندىن بىرقانچە يىل ئاۋۋال مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرىغا «كۆڭۈل بۆلگەن» كۆرۈنۈپ «ئۇيغۇر بۇلاق» ئىسمىدا ئەسەر چىقارغان بولدى. بىز بىلىمىزكى، مەزكۇر ئاتالمىش ئاپتورنىڭ يىللاردىن ئانا تىل قالپىقى ئاستىدا قايسى كاماردىن پۈتۈن چىقىپ، قايسى كاماردىن پارچە چىققىنىنى. ئىلمىي دەسمايىسى قانچىلىك، زېھنىيىتى قانچىلىك، ئىدراك سىغىمى قانچە غېرىچ دېگەنلەرنى. ئەجەبا بۇ «تەتقىقاتچى» مىللەتنىڭ جان - جىگەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرى تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە چەت ئەلدىكىلەر ھە دېگەندە خىتاي ئىستىخباراتى تەرىپىدىن بېسىمغا ئۇچراۋاتقان، ئائىلىسىنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىش بىلەن زېمىن دەۋاسى ئارىسىدا تاللاش قويۇلۇپ ئىرادىسى سىنىلىۋاتقان زامانلاردا، ئاسترىتتىن تەھدىتلەر بىلەن يۈزلىشىۋاتقان پەيتلەردە يىرتىق ئىشتاندىن چىققاندەكلا پەيدا بولۇپ، يۈزىنى ئېشەكنىڭ پىشمايدىغان يېرىدىن نەچچە ھەسسە قېلىنلىتىپ تۇرۇپ «مەن پاسپورت تەلەپ قىلدىم، زېمىن تەلەپ قىلمىدىم» شوئارىنى باشلاپ بېرىش بىلەن تونۇلمىدىمۇ؟ توپلۇم پىسخىكىسىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ باقمىدىمۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا قالغانلىقى تۈپەيلى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا مەھكۇم بولغانلىقىنى ئىپادىلەپ چىققان جاسارەتلىك خەلققە بايراقسىزلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىشقا پېتىنىپ يۈرمىدىمۇ؟ بىراۋنىڭ ياردىمىلا بولسا ۋاقتى كەلسە ئىمانىنىمۇ ساتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مۇددىئالىرىنى جاكارلىمىدىمۇ؟! ئەجەبا، بۇ ۋەجىدىن مەزكۇر ئاتالمىش تەتقىقاتچىنى خەلق تونۇسۇن، ئىلىم ساھەسىدىكىلەردىن تاشقىرى ھۆر ۋە ساپالىق ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش غېمىدە يۈرگەن ھەر ساھە كىشىلىرى چۈشىنىپ يەتسۇن ئۈچۈن ئەسەرنى ئۆز ساھەسىنىڭ تارازىسىغا ئۇيغۇن ھالدا تەنقىدلەر يېزىلمىدىمۇ؟! ئەلۋەتتە شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىمىزكى، ئۇيغۇر بۇلاققا يېزىلغان تەنقىدنىڭ ئىجابىي رولى ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتتى. ھەتتا مەزكۇر ئاتالمىش بالىلار كىتابىنى كۆرۈنۈشتە ماختىغانلارمۇ تەنقىد يېزىلغاندىن كېيىن تاشلىغانلىقى، ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە تاجاۋۇز سانىلىدىغان، ھەتتا گۇمان تۇغدۇرىدىغان نەرسىنىمۇ پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرغۇسى كەلمىگەنلىكى قاتارلىق ئىجابىي ئىنكاسلار قۇلاقتىن قۇلاققا يەتمەيمۇ قالمىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋىجداندىن زەررە نېسىۋە ئالغان ھەرقانداق بىر ئاپتور ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بولۇپ، ئەسلىدە بۇنداق بىر مەغلۇبىيەت ئاپتورنى يا سەمىمىيەتكە ئۈندىشى ياكى پاخپاق يازارلىقتىن قول ئۈزدۈرۈپ كۆپرەك بىلىم ئاشۇرۇشقا تۇتۇنۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك ئىدى. كۆردۇقكى داپشاقلىقنى جاننىڭ راھىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان بۇ «تەتقىقاتچى» ئۆز سەنىمىگە دەسسەشنى داۋام قىلىپتۇ. ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە سوزۇلغان قارا قول ئۇزارسا ئۇزىراپتۇكى، بىر تۇتام كوكائىن ياسىيالىغانلىقىدىن قان - قېنىغا پاتماي بىر باغ ئەپيۈن تېرىش ھەۋىسى قۇتراپتۇ. نەچچە كۈن مابەينىدە نەشردىن چىققان ۋە زاكاز قىلىنغاندەكلا يېزىلغان ئالتە پارچە كىتابچاقنىڭ مەزمۇن - مۇھتەۋاسى، قوشۇلغان خۇرۇچلار بۇنى دەلىللەيدىغان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر كىشىگە قىسسەلەردە سەجدىدىن باش تارتقان ئىبلىسنىڭ ئۆز خاتاسىنى تونۇپ خاتا قەدەمنى توغرا قەدەمگە ئايلاندۇرۇش ئورنىغا جىمى ئادەمزاتنى شەيتانلاشتۇرۇش قەستىگە چۈشۈشتەك ھەدسىزلىكىنى، شاياتۇنلۇقتا ئەزۋەيلەش تۇتۇمىنى ئەسلىتىپ تۇرۇپتۇ.
(3)
ئەمدى كېلەيلۇق ئاقساق دۇكاندارنىڭ كور خېرىدارلىرىغا. توغرىسى كورلىقىدىن بەكرەك كورلەرچە ئىش تۇتۇشنى ھۈنەر قىلىۋالغان ئاتاقتا كۆزگە كۆرۈنگەن تەڭكەشچىلىكلەرگە.
نېمە ئۈچۈن تەڭكەشچى دەپ قالدۇق، بۇنىمۇ ئوچۇقلايلۇق! تەڭكەش ئىككى ياكى ئۇندىن كۆپ كىشىلىك پائالىيەتتە بىر - بىرىنىڭ كېمىنى تولۇقلاش ياكى بىر - بىرىگە پاس چىقىرىش تۈسىدىكى پىلانلىق ۋە كېلىشىملىك ھەرىكەتلەرگە قارىتىلىدۇ. تەڭكەشچىلىكتە تاسادىپىيلىق، ئېنىقسىزلىق، توغرا كېلىپ قېلىشلارغا ئورۇن يوق. بەلكى، تەڭكەشچىلىكتە رول ئالغۇچىلار نېمىنى قانداق قىلىشنى، بىر - بىرىگە قەيەردە پاس چىقىرىشنى، قەيەردە، قاچان ۋە قانداق بارماق بېسىشنى بىلىشىدۇ. شۇندىلا رىتىم شەكىللىنىدۇ-دە، بۇنىڭ جەلپكارلىقى تۈرتكىسىدە بىر تەرەپتىن تاماشىبىن ئارىسىدىن ئالقىشلىغۇچى توپنى شەكىللەندۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رىتىمغا ئۇسۇلغا چۈشىدىغانلارنى تاۋلاپ چىقىپ ئۇلارنى سەھنىگە چىللىيالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، چالغان دېپىغا خەقنى ئۇسسۇلغا سېلىش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاكتىكا ئىشى بولۇپ، ئىجتىمائىي توپتىكى بىنورماللىقلارنى نورماللاشتۇرۇشتىكى مەنتىق ۋە تاكتىكىمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. بۇنىڭ مەنتىقىسىمۇ خۇددى كوللېكتىپنىڭ پىسخىكىسى بۇزۇلغان بىر توپتا، يەنە كېلىپ بىزنىڭكىدەك زېمىن مۇستەقىللىقى تەلىپى ھەمدە بايراقلىق كۈرەش بىلەن ياۋاش پۇقرا بولۇش ۋە تاجاۋۇزچى زالىم رېجىمدىن مەرھەمەت كۈتۈش ئارىسىدا ئىككىلىنىۋاتقان توپ ئارىسىدا رېلىسنى بۇراش ئۈچۈن بىردىنلا «ئۇقۇمۇشلۇق»، «زىيالىي»، «تەتقىقاتچى» ئىددىئاسى بىلەن يۈرۈۋاتقان بىرىنىڭ چىقىپ كەسكىن ھالدا «زېمىن تەلەپ قىلمايمەن، پاسپورت تەلەپ قىلىمەن» شوئارىنى توۋلاپ بېرىشىگە ئوخشاش تاكتىكىدۇر. دېمىسىمۇ بىر تۈركۈم ماڭقۇرتلار تائىپىسى بۇنى ئەمەلىيىتى بىلەن قىلىپ كېلىگلىك. دېمەك بۇنداق تەڭكەشچىلىك پەيدا بولغىنىدا، دەۋاگەر توپ ئىچىدىن رىتىمغا ماسلىشىدىغانلار، چېلىنغان تەڭكەشنى توغرا كۆرۈپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغانلار مۇھەققەق چىقىدۇ.
ئوخشاش تەڭكەشچىلىكنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن مەلۇم بىر سېتىلما قەلەمكەشنىڭ «ئۇيغۇر بۇلاق» رەزالىتىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىنكى كونا سەنەمدە ئەزۋەيلەش خاراكتېرىنى ئالغان ئالتە قىسىملىق توپلامنى تېخى نەشردىن چىقار - چىقمايلا دەرسلىك قىلىنىدىغانلىق تەشۋىقاتىنىڭ باشلانغانلىقىغىمۇ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. «ئۇيغۇر بۇلاق»قا ئوخشاش ھازىرقى زامان بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ سەۋىيەسىز، ئەڭ چاكىنا، ئەڭ ساختا ۋە ئەڭ پاخپاق بىر ئەسەرنى، يەنە كېلىپ ئاپتورىنىڭ سىياسىي تۇتۇملىرى مىللىي ئىرادىنى پايخان قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان، ئانا تىل نىقابى ئاستىدا قىلغان - ئەتكەنلىرى تۈگەل مىللىي ئاڭنى بۇلغاش، شالغۇتلاشتۇرۇش ۋە پۈچەكلەشتۈرۈشتىن باشقا بولمىغان، ھەمدە بۇ يولدا ئۆچمەس «تۆھپە» قوشۇشتىن باشقا ئىشى يوقلۇقىنى ئىسپاتلاپ ياشاۋاتقان بىرىنىڭ كىتابلىرىنى تېخى نەشردىن چىقىش بىلەن تەڭلا مەلۇم دىندار موللىنىڭ مەسئۇللىقىدىكى مەكتەپنىڭ پۈتۈشۈشىگە، كىتابلارنى دەرسلىك قىلماقچى بولغانلىق تەشۋىقىنىڭ ئورتالىقتا ئۇچۇپ يۈرۈشىگە تەتبىقلاشقا بولىدۇ. مانا بۇ سېپى ئۆزىدىن تەڭكەشچىلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.
ئالتە پارچە كىتابنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە مەزمۇنىدىن قارىغاندىمۇ ئەسەرنىڭ زاكاز مال شەكلىدە تەييارلىتىلغانلىقى چىقىپلا تۇرىدۇ. «دەرسلىك» دېيىلگەن ھەر كىتاب دەرسلىككە ئۇيغۇن بولۇۋەرمەيدىغانلىقىمۇ «مەكتەپ»، «مائارىپ» قاتارلىق ئۇقۇملاردىن ساۋاتى بار ھەر كىشىگە ئايدىڭ بىر مەسىلە. بولۇپمۇ «ئۆلىما» قالپىقى تاقاپ يۈرگەن بىرى ئۈچۈن بۇ ناھايىتى ئېنىق بىر تېما. شۇنداق تۇرۇپ سىياسىي تۇتۇمى ئاقساق - چولاقلىشىپ كەتكەن، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ھايانكەشلىكى پاش بولۇپ رەسۋا بولغان، يەنە كېلىپ تۈگەل مۇسۇلمانلىقتىن كۈشەندە ئىزدەپ دىندارلىق بىلەن مىللىيلىكنى زىددىيەتلەشتۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرىدىغان شالغۇت بىر يازارنىڭ كىتابلىرى نەشردىن چىققان ئىكەن، كىتابلار ئالدى بىلەن ئۇنىڭدەك زېھنىيەتتىكىلەردە، يەنى يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە تاجاۋۇزلۇق ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان شالغۇتلار تائىپىسىدە قارشى ئېلىنسىمۇ، تۇتىيا بىلىنىپ دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلماقچى بولسىمۇ، ھەر ھالدا بۇنى نورمال ھادىسە دېگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر دىنى ساھە بىلەن چېتىشلىقى بارلاردىن، «ئۆلىما» قالپىقىنى كىيىپ ياشاۋاتقانلاردىن سادىر بولسا بۇ بەئەينى «تەڭكەشچىلىك»تىن باشقا ئىش ئەمەس. ئەجەبا بۇ تەڭكەشچىلىك راستتىنلا يۈز بەرگەن بولسا، بۇنىڭ ھېچ توغرا چۈشىنىش يولى بولمىغان بىنورمال تەڭكەشچىلىك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرمەي بولمايدۇ. ناۋادا بۇ تەڭكەشچىلىك قەستەن قىلىنغان بولسا، مەزكۇر دىنىي تائىپىنىڭ ئەزاسى ھەققىدە گويا قوي تېرىسىگە ئورانغان چىل بۆرە ھېكايىسى جەريان قىلىۋاتقاندەك چۈشەنچە مەيدانغا كېلىشى، ياكى بولمىسا «مېھرابتىن چايان» رومانىدىكى نەچچە يىل بۇخارادەك چوڭ دارۇلئىلىم ماكانىدا ئوقۇپ كېلىپمۇ سەۋىيەسى تۈپەيلى مەھەللە مەسجىدىنىڭ ئىماملىقىغا چۈشۈپ قالغان، ئەمما مىرزابېشى بولۇش تەمەسىدە ھەر تۈرلۈك رەڭگە كىرىپ ئىش يۈرىتىدىغان پىتنىخور ھىيلىگەر «موللا ئابدۇراھمان» پېرسوناژىدىن پەرقى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يېتىش تەسەۋۋۇردىن يىراق بولمايدۇ. چۈنكى ئىلىمدارلىق بولۇۋاتقان ئىشلارغا يول قويمايدۇ. ئەقىدە - ئىخلاس بۇنى رەت قىلىدۇ، كەسپىي ئەخلاق بۇنى چەكلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى بۇ ساھەنىڭ مۇنەۋۋەرلىرىدىن ئەمەس. ھەتتا ئەھلىمۇ ئەمەس. بەلكى ھەۋەسكار سەۋىيەسىدىكى، يوق بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى سالاھىيىتىدىكى بىرسى. ئەگەر ئەسەر ئاپتورى بۇ ساھەنىڭ ئەھلى بولغان، ھەتتا ئاتالمىش دەرسلىك كىتابلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان تەقدىردىمۇ (ئەمەلىيەتتە كىتابلاردا ئېغىر مەسىلىلەر مەۋجۇت) دىنىي ساھەنىڭ ئەھلى دېيىلىۋاتقانلارنى تەڭكەشچىلىك قىلىشتىن مۇنداق ئىككى نەرسە توسۇپ تۇرۇشى كېرەك بولىدۇ.
بىرىنچىدىن، ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئەتەي ھېكايە توقۇپ يۈرۈپ ھەممىگە ئاتىكارچىلىق قىلىپ ئۆتىدىغان بىرى. شۇنداقلا بۇرنىنى تىقىپ كىرىۋالغان ساھەگە خام، كەسىپ ئەخلاقىدىن يوقسۇل بىرى. ھەتتا يېزىقچىلىق ئەخلاقىدىنمۇ يوقسۇل. تالاي يازمىلىرى رېئاللىقنى بۇرمىلاش بىلەن تولغان بۇ يازارنىڭ نەشر قىلغان ئەسىرى ۋە بۇنىڭغا چۈشكەن پاكىتلىق ئوبزورلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، ئەسەر ساھىبى ئەدەبىيات كوچىسىنى پىتىقلاشقىلا يارايدىغان، ئىلىمنى پايخان قىلىشتا نومۇس چېگراسى بولمىغان، تارىخنى ئاڭلىتىش دەۋاسى ئاستىدا تارىخنى بۇرمىلاپ يېزىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىدە سېپى ئۆزىدىن سەپسەتىۋاز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ۋە شۇنداقلىقى پاكىتلىق ھالدا پاش بولغان بىرى. ئۇنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى سەپسەتىۋازلىقلىرىغا، ئىدىيە پاھىشەلىكلىرىگە قارىتا يېزىلغان ئوبزورلار، كىتابلىرىغا دائىر تەنقىدلەردىكى كۈچلۈك پاكىتلىق تەھلىللەر بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. قايسى ساھەنىڭ داستىخىنىغا كىرسە شۇ يەرنى سېسىق پۇرىتىشتىن باشقا ئىشى بولماي كەلگەن بۇ قەدەر تارتىشمىلىق بىرى بالىلارنىڭ ئەقلىيىتىنى نىشان قىلغان، ئۇلارنىڭ زېھنىي مەھرەمىيىتىگە داخىل بولۇش تىپىدىكى ئەسەرلەرنى «دەرسلىك» دېگەن ئىددىئا بىلەن كىتاب نەشر قىلدۇرسا، قىلىدىغان بىرىنچى ئىش بۇ كىشىنىڭ ئۆز ساھەسىدە قايسى دەرىجىدە ئېتىراپلىقلىقىنى، ئەسەرلىرى دەرس قىلىشقا قانچىلىك ئەرزىيدىغانلىقىنى دەڭسەش بولۇشى كېرەك بولىدۇ. ھەم شۇ ساھەدە چۈشكەن ۋە چۈشۈۋاتقان پىكىرلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر بۇنى قىلغۇچى ئەدەبىيات، تارىخ ساھەلىرىگە قارا قورساق بىرى بولۇپ مىللەتنىڭ تىل - يېزىق تەرەققىياتى ھەققىدە يەسلىي سەۋىيەسىدە قالغان، يېڭى زامان بالىلار مائارىپى بىلەن ئۇچراشمايلا ساۋات چىقارغان، دۆلەتمۇ دۆلەت يېرىم تىجارەت، يېرىم ئوقۇش بىلەن چۆرگىلەپ يۈرۈپ مەكتەپ ئېچىپ نان يەپ كۆتۈرۈلۈپ يۈرۈۋاتقان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قانداقلا بىر يۆنىلىشتە بولسۇن سىستېمىلىق مائارىپ يۈزى كۆرمەي چوڭ بولۇپ، مەكتەپ ئېچىپ ياشاۋاتقان بىرى بولغان تەقدىردە، قىلىدىغان ئەقەللىي ئىش ئاۋۋال بۇ ئىشقا سەۋىيەسى يەتمىگەنلىكىنى تەن ئېلىش، ھېچ بولمىسا مەكتىپىدىكى بالىلىرىنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاپمۇ بولسا مەزكۇر نەشردىن چىققان كىتابلار ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر - باھالىرىنى بىر مەزگىل كۆزىتىپ بېقىش، بولۇپمۇ ئەسەرنى ئۆز ساھەسى بويىچە ئوبزور قىلالايدىغان ئوقۇمۇشلۇقلارنىڭ ئىنكاسلىرى قانداق، بۇنى بىر كۆرۈۋېتىش، يالغۇز كاللىسىغا كەلگەن بويىچە ئاپتور بىلەن دىگىۋارلىشىشتىن بۇرۇن ئەسەرنى سالاھىيەت ئەھلىلىرى ئالدىدا ئۈستەلگە تاشلاپ بېقىپ ئاندىن دەرسلىككە تۇتۇنۇش كېرەك بولىدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر كىتابلار رەتسىز بىر شەكىلدە نەشردىن ئەمدى چىقتى. شۇنداق تۇرۇپ، بولۇپمۇ ئاسماننى قاسقان كۆرسىتىدىغان رېكلام تۈسىدىكى يازمىلار بىلەن تەشۋىق قىلىنىپ كۈن ئۆتە ئۆتمەي بىر دىنىي كىشىنىڭ مەسئۇللىقىدىكى مەكتەپ بالىلىرىغا دەرسلىك قىلىنغانلىق گەپ سۆزلىرى ئاپتور تەرىپىدىن ئۇچۇپ يۈردى. ئەجەبا، بۇ قانداقتۇر ئاقساق دۇكاندارغا كور خېرىدارنىڭ كەم بولمايدىغانلىقىدىنمۇ، ياكى بولمىسا بۇ بىر تۈرلۈك رىتىملىق تەڭكەشچىلىكمۇ؟ ياكى بۇ مۇھاجىرەتتىكى بالىلار مائارىپىغا سوقۇلۇۋاتقان چوماقلارغا قول - قولچە ھە - ھۇ قىلىشىپ بېرىشمۇ؟ دېمەك بۇ ھە - ھۇ قىلىش بولغاندىمۇ، ياكى ھېلىقىدەك تەڭكەشچىلىكنىڭ بىر پارچىسى بولغان تەقدىردىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە. نورمال دىنىي مائارىپ يۈزى كۆرگەنلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا بەئەينى قارا ساۋاتلارچە، قاتتىقراق ئېيتقاندا، پوق قورساقلارچە مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.
ئىككىنچىدىن، دىنىي مەۋقە بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى، ئىسلام ئىلىم كۈلتۈرىدە ئىلىم مۇھىم بولغاندەك، ئىلىم ئىگىسىنىڭ مەنىۋىياتىمۇ مۇھىم. ئىككىسى ئۇيۇشمىغاندا، يالغۇز ئىلىمنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. پاسىق ئارقىسىدا ناماز جائىز، ئەمما تەقۋا ئىمام بار يەردە جائىز ئەمەس. شۇنداقلا فاسىق ئىلىمداردىن ئىلىم ئېلىنمايدۇ. شۇنىڭدەك بىدئەتچى ئۆلىمامۇ ئالىملىق سۈپىتىدىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۆگىنىش چەكلىنىدۇ، ئۇستاز تۇتۇلمايدۇ. ھەتتا ئىمام قىلىپ تەيىنلەنسە ئارقىسىدىن ناماز ئوقۇلمايدۇ. قىسقىسى، ئۇنىڭ بىلىمدانلىقى ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىك پېتى قالىدۇ خالاس، ئەمما ئۇنىڭدىن يېتەكچىلىك، باشلامچىلىق كۈتۈلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن ئىلىم ئۆگىنىلمەيدۇ، ئىبرەت ئېلىنىدۇ، خالاس! مۇھەققىقلەردىن ئىمام شاتىبىي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك: بىدئەتچىلەر بارچە ئەھلى سۈننەت پېشىۋالىرى نەزىرىدە مۇرەسسەسىز بايقۇت ئوبيېكتلىرىدىندۇر. ئەلۋەتتە بىدئەتچىلىككە ئۇنىڭ ئېغىر ياكى يېنىكلىك دەرىجىسى بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئەقىدىدە بۇرمىلاش تىپىدىكى بىدئەتچىلىكلەر، ھەمدە ساغلام ئاڭ - ئىدىيەلەرنى بۇلغاش خاراكتېرىدىكى بىدئەتچىلىكلەر مۇتلەق ھالدا ئەمەل -ھەرىكەتتىكى بىدئەتچىلىكلەردىن قاتمۇقات ئېغىر ۋە قەبىھ ھېسابلىنىدۇ.
كۈنىمىزگە قايتىپ كېلىدىغان بولساق، مۇسۇلمان ئەۋلادلارنىڭ مىللىي مائارىپى ئۈچۈن دەرسلىك تۈزۈشكە يارايدىغان شەخس ياكى كوللېكتىپ بۇ نۇقتىدا چوقۇم دەڭسىلىشى زۆرۈر. چۈنكى مىللىي بولۇش دېگەنلىك ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئىسلامىي مەپكۇرەنىڭ ئىزنالىرى بۇزۇۋېتىلمىگەن بولۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى مىللەت ئەدەبىياتىنى ئايەت - ھەدىس تېكىستلىرى بىلەنلا توشقۇزۇۋېتىشنى ھەقىقىي مەنىدە دىن روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان «ئىسلامىيلىق» دېگىلى بولمىغاندەك، مىللىي مەپكۇرىدىن ئىسلامىي مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنىمۇ ھەقىقىي مەنىدە «مىللىيلىك» دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت كۈلتۈرىدىن خەۋرى بولماي دىنىي مەپكۇرىلەرنىلا ئاساس قىلىش ياتلىشىش بولغاندەك، ئىسلام مەپكۇرىسىدىن ئېرىغدالغان كۈلتۈرپەرەسلىكمۇ ئوخشاشلا ياتلىشىش جۈملىسىدىندۇر. ئۇنداقتا مىللىي مەپكۇرە ئۇقۇمى يۇقىرىقى ھەر ئىككى تۈرنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى، مىللىيلىك مەدەنىيەت ۋە كۈلتۈرنىڭ ئۆزىگە خاس ھالىتى بىلەن گۆش بىلەن ياغ مىسالى گىرەلەشكەن بىر گەۋدىنىڭ تىمسالىدۇر. ھالبۇكى، مەزكۇر سېتىلما قەلەمكەشنىڭ مىللىي ئىرادىگە تۇتقان مەيدانى يىللار مابەينىدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقاندەك دائىما خامېلېئونچە، نىفاق بىلەن بويالغان. ھەر پۇرسەتتە دەۋا ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ تۇرۇپ مىللىي ئىرادىنى پايخان قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر بۇلاق كىتابىدىكى ماتېرىيالىستىك تۇتۇملار، شالغۇت زېھنىيەت ۋە ساختىلىقلارمۇ بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەردىن خەۋەردار بولغانلارغا مەلۇملۇق. بىر زىيالىي قالپىقىنى كىيىپ تۇرۇپ تاجاۋۇزچىغا قارىتا «پاسپورت تەلەپ قىلىش، زېمىن تەلەپ قىلماسلىق» جۈملىسىنى دېيەلەيدىغان، قۇرۇپ كەتكۈر بارماقلىرىدا يېزىپ ئېلان قىلالايدىغان، بىراۋنىڭ ياردىمى ئۈچۈن ئىمانىنى ساتالايدىغانلىقىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا گەپ دەپ قىلالايدىغان بىرىنىڭ، يەنە كېلىپ ئاپتونومىيەچىلىكنىمۇ بىرخىل مۇستەقىللىق دەپ ئىزاھلاش ئارقىلىق ئۆزى تەۋەلەنگەن سىياسىي تەشكىلاتنىڭ دۇمباقچىلىقىنى قىلىشتىن ئۇيالمايدىغان، ئىندجىنسلىق ئۇقۇمىنى بۇرمىلاپ ئىزاھلىغاندىن سىرت، ھەمدە ئۇنى مىللىي تارىخ ئۈچۈن ھاقارەت بىلىش ئورنىغا ئۇنى كۈيلەپ يۈرگەن، تەۋەلىك بىلدۈرگەن توپىنىڭ ساختا مۇستەقىلچىلىقىنى ھەر خىل قۇرۇق گەپلەر بىلەن شەرھلەپ قوغداپ يۈرگەن بىر «سىياسىي بىدئەتچى»نىڭ، كىتاب ئەسەرلىرىدە مۇسۇلمان ئەجداد مەپكۇرىسىنى شالغۇت زېھنىيەت خاھىشى بويىچە بۇرمىلاشتىن ئايانمايدىغان «پىكرىي مۇرتەد»نىڭ، شۇنىڭ تەشۋىقچىسىنىڭ كىتابلىرىنى شالغۇت تائىپىلەر بىر ياقتا قېلىپ دىنىي مائارىپنى مەركەز قىلغان بىر ئورۇننىڭ مەكتىپىگە دەرسلىك قىلىپ تاللىغانلىقى، ئەۋلادلارغا ۋەتەندە مەھرۇم قىلىنغان ئىسلامىي ئاڭنى يېتىلدۈرۈشنى شوئار قىلىۋاتقان بىر دىنىي مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ قوبۇل كۆرگەنلىكى قانداقمۇ دىنىي مەۋقەگە توغرا كەلسۇن؟! بەلكى ھېچبىر قائىدىگە ئۇيغۇن دېگىلى بولىدۇ. دېمەك دىنى ۋە ئەقىدىسىگە باغلىنىپ ياشايدىغان بىر موللىنىڭ (ئەگەر موللا دېگىلى بولسا)، بىر دىندار تەبلىغچىنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشى يۈزدە يۈز بىنورماللىق.
دەرۋەقە، ماقالىمىزدىكى 3. تېما مەزكۇر «ئاپتور»نىڭ ئىپادىسىنى ئاساس قىلىشتىن بولۇپ، ئەگەر ئىش ئاپتور ئىپادە قىلغاندەك بولمىغان بولسا، بۇ ئاپتورنىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك كاززاپلىقىنىڭ نەتىجىسى بولىدۇ. ئەگەر راست بولغان تەقدىردە، مەزكۇر مەكتەپ مەسئۇللىرىنىڭ «مائارىپ» ئۇقۇمىغا قارا قورساقلىقىدىن سىرت ئەۋلاد مەھرەمىيىتىگە سوزۇلغان قارا قوللارنى پەرق قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئاڭقاۋلىقىنى كۆرسىتىپلا قالماي، دىنىي ساھەنىڭ شەنىگە ياراشمايدىغان بىر تۈركۈم تىپلارنىڭ مىللىي مائارىپ دەۋاسىغا قارىتا سوئال ئىشارىتى قويۇش كېرەك بولىدۇ. سىياسىي مەۋقەسى بىلەن بىرگە مائارىپچىلىقنى تەڭ دەۋا قىلىپ كېتىۋاتقان بۇ تۈر تىپلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىكى ئۇيۇشماسلىقلارغا قارىتا ئەقىلگە، ئىلىمگە، رېئاللىققا ئۇيۇشىدىغان بىر شەكىلدە ئىزاھات بېرىشلىرى كېرەكلىكى كۈتۈلىدۇ. ئەلۋەتتە تەۋەللا - تەبەرراسى لىڭشىپ قالغانلىقى بىلىنىپ كېلىۋاتقان «ئۆلىما» ۋىۋىسكىسىدىكى توپلار ئۈچۈنمۇ بۇنىڭغا داستىخاندارچىلىق مەيدانىدا ئەمەس، مۇسۇلمانلىق پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن رەۋىشتە مۇئامىلە قىلىشى، دىنىي ساھەنىڭ بۇ دەرىجىدە لايغەزەللىشىشىگە پۇرسەت بەرمەسلىكتە توغرا قەدەم ئېلىپ ئەمرىمەئرۇپتا بولسىمۇ تۈگۈلۈۋالماسلىقلىرى كۈتۈلىدۇ.
يازغانلىرىمىز پەقەتلا ئالدىن تەنبىھتۇركى، رېئال قەدەملەر توغرا ئېلىنمىغان، خۇددى گىيۇتىنىڭ رومانىدىكى پېرسوناژدەك «شەيتان بىلەن قول بېرىشىش»كە ئوخشاش تەڭكەشچىلىكلەر داۋام قىلغان تەقدىردە، ئەلۋەتتە كور بولۇۋالغانلارنىڭ كۆزىنى چەكچەيتىۋەتكۈدەك پاكىتلىق بايانلىرىمىز، يۇپۇرۇۋالغان قۇلاقلارنى شامالدا مىدىراپ تۇرىدىغان ياپراقلاردەك تەۋرىتىۋېتىدىغان مەلۇماتلىرىمىز، ئىلمىيلىكنى پايخان قىلىدىغان، ئەۋلاد مەھرەمىيىتىنى ساغلام مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ ئەكسىچە ئۇنى خىيالپەرەسلىكنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىغان سەپسەتىۋازلىقنىڭ يوپۇقىنى ئېچىپ تاشلىغۇدەك تەنقىدىي پىكىرلىرىمىز، جانلىق ئوبزورلىرىمىز داۋاملاشقۇسى، تاكى ئوقۇرمەن ئەۋلادلار كۆزىگە تارتىلىش قەستىدىكى پەردىلەر ئۆز ئۆزىدىن يىرتىلىپ تاشلىنىدىغان بولغانغا قەدەر...
-بۇرھان مۇھەممەد
2022-08-16


----------------------

Musajan Yakup
مەزكۇر ئوبزورنى ئوقۇپ چىقتىم، ناھايىتى توغرا، ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزۈلۈپتۇ! ئىدىئولوگىيە ساھەسى ئىنتايىن مۇھىم، بۇ ساھەگە مەيلى زىيالىيلاردىن بولسۇن ياكى موللىلاردىن بولسۇن مەيدانسىز، خامىلىئون، رەڭۋازلارنى يىقىن كەلتۈرمەسلىك كېرەك. بالىلارغا كىچىكىدە سېڭدۈرۈلگەن ئىدىيەلەر بىر ئۆمۈر تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئىلىم سەھنىسى ۋە ساھەسىنىڭ پاكلىقى، خاراكتېرلىقلىقىنى ساقلاش كېرەككى، ئۆزىنىڭمۇ قايسى پىكىر - ئىدىيەدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان، كاللىغا غىل - پاللا كەلگەن ھېسسىي ھاياجانلارنى بىر مىللەت ياكى توپلۇمغا كەسكىن ھۆكۈم شەكلىدە يەتكۈزۈپ ئەتىسى ئۆزى ئۇنىڭ تام ئەكسىنى قىلىپ يۈرىدىغان يانتاق ۋەزنىلىك كىشىلەرنىڭ تەجرىبە ئېتىزىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا يول قويماسلىق لازىم.
يەر - يەرلەردە بەس - بەستە ئۆز ئالدىغا دامبا سوقۇپ، ئۇلۇغۋار ئېلان - تەشۋىقاتلارنى چاپلىشىپ «مەكتەپ» ئېچىۋاتقانلارنىڭ ئەمەلىي سەۋىيەسى، پىسخىك خاراكتېرى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپا - سالاھىيىتىنى بىر قۇر كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىش نۆۋەتتە قىلىشقا تېگىشلىك تەخىرسىز ئىشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ھەر قانداق نەرسە زايا قىلىنسا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولغان بىلەن دىن بىلەن سۇغۇرۇلغان زامانىۋىي مائارىپ زۇلاللىرىدا توشقۇزۇلۇشى كېرەك بولغان سەبىي دىللار يۇقىرىقى تېمىدا دېيىلگەندەك ئىلىم ھايانكەشلىرىنىڭ غەلدى - غەشلىرىدە ۋە مائارىپ يولىنىڭ سەركىسى ئەمەس، يولۇچىسى بولۇشقا سالاھىيىتى، شەرتى توشمايدىغان، ھەتتا ھاياتىدا مائارىپ ساھەسىگە تەۋەلەنگەن بىر ئادەمگە خاس خاراكتېر ۋە سالاپەت بىلەن ياشاپ باقمىغان بىراۋلارنىڭ ۋاقىتلىق ھاياجانلىق ئۇلۇغۋار قۇرۇق گەپلىرىدە توشقۇزۇۋېتىلسە كەلگۈسىدە ئەۋلادلارغا يۈز كەلگىلى بولمايدۇ.
ئۆزى بىرەر مەكتەپتە، بىرەر كەسپتە مۇۋۋەپىقىيەتلىك ئوقۇش تاماملىمىغان بىر ئادەم <<سېنىڭ بالاڭنى ھەممە ئىشتا ئىقتىدارلىق خاسىيەتلىك ئەۋلىيا قىلىۋېتىمەن>> دېسە ئىشىنىپ بالىسىنى تاپشۇرغانلارغا ھەيرانمەن.
ھەر ئادەم ئۆزىدە بولغاننىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ئۆگىتەلەيدۇ. ئۆزىدە نەرسە يوقلار نېمە ئۆگىتىدۇ؟! بالىلارنىڭ ئۆمرى بىلەن ئويناشقانلار كەچۈرگۈسىز جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەردۇر.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Yurt Oglani غا:
بىر نەرسىلەرنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىشتەك ئىشلار سىز دېپىنى چېلىۋاتقان تىپلاردىن ئايلانسۇن! خەقنىڭ كىتابىنى ئوقۇمىدىم دەيسىز-يۇ، يەنە خەقنىڭ چاپەرمەنلىرىدىن ئۆتە قوڭ چاقىسىز. يۇرت ئوغلى دەپ ئىسىم قويۇۋالغانغا تۇشلۇق سۆزلىگەيسىز. ئادەم دېگەن ئۇنداق بىمەنىلەرچە ئۇششۇق، كۆكەرمە بولمايدىغان. ئاۋۋال بىر ئوقۇڭ، ئاندىن پىكىر قىلىش ھەققىڭىز بولىدۇ. مانا مەن ئوقۇپ، تاسقاپ ئاندىن پىكرىنى يازىدىغانلاردىن. ئۇنداق خەقنىڭ كىتابىنى ئوقۇماي تۇرۇپ ئوقۇغان ۋە تەنقىد يازغان كىشىنىڭ سەھىپىسىگە كالىدەك ئۈسۈپ كىرىپ چالۋاقىسىڭىز شۇنىڭغا تۇشلۇق دەككىڭىزنى يەيسىز. مەن شۇ دەل كىتابتىكى خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن، نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان يازار. بۇلاردىن خەۋىرىڭىز يوق سەكرىگەن بولسىڭىز، گەپ شۇ: ئويغاقلار دۇنياسى سەھىپىسىگە خۇش كەپسىز! كىتاب ئەسەرلىرىم بىلەن ئۇچراشماقچى بولسىڭىز ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر كىتابخانىسى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز جاھاننىڭ قايسى بۇلۇڭ - پۇچقىقىدىكى قازناقتا ياشاۋاتقان بولسىڭىز شۇ يەرگە يەتكۈزگىدەك ھىممەتلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايسىز. تەكرار تەۋسىيەم: خەقنىڭ كىتابىنى ئوقۇماي تۇرۇپ يان بېسىشتىن، شۇنداقلا يۈكلەنمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئەسەرلىرىدىن، پىكىرلىرىدىن ۋاقىپ بولماي تۇرۇپ ئۇنىڭغا بىھۇدە قوڭ چېقىپ چالۋاقاشتىن ساقلانغايسىز. ئۇنداق قىلالمىسىڭىز كىمنىڭ گۇپپاڭچىلىقى ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى يوشۇرۇشقا ئاجىز كېلىپ قالىسىز-دە، ئالىدىغان جاۋابىڭىز سىزگىمۇ، يان بېسىۋاتقان تەرەپكىمۇ ئىجابىي تەسىر ئېلىپ كەلمەيدۇ.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Yurt Oglani غا:
ئەسلىي يەكچەشمە سىز ئوخشايسىز. ئۇنداق تۆھمەت ئۇيدۇرمايدىغان. ئۆمرىدە گېزىتمۇ بولسا ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇپ باقمايدىغان چالا ساۋاتلاردەك گەپ قىلماي، ماقالىنى ھەزىم قىلىپ ئوقۇپ ئاندىن بىر نەرسە دەڭ. بولمىسا دۇئا ئۆزىڭىزگە قايتىپ، يەكچەشمىلىكىڭىزگە قوشۇلۇپ ئاقساق - چولاق بولۇپ ئۆمۈرۋايەت چاقلىق ئورۇندۇققا بوسۇرۇلۇپ قالماڭ، يەنە! نەئۇزۇبىللاھ!


مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»