تىمىسىقلايدىغان تەشكىلاتچىلىق ۋە پەرۋازغا نىيەتلەنگەن تەشكىلاتچىلىق ئارىسىدا
تىمىسىقلايدىغان تەشكىلاتچىلىق ۋە پەرۋازغا نىيەتلەنگەن تەشكىلاتچىلىق ئارىسىدا
مۇشۇنداق پەيتتە ئېچىلمىغان ساندۇق قاچان ئېچىلىدۇ؟ قارىساق، ئاكتىۋىستلارنىڭ قىلالايدىغان ئىمكانىيىتىنىڭ چېكى سىياسەتمەنلەرنىڭ يىللاردىن «ئاڭلىتىپ - ئاڭلىتىپ بولالمايۋاتقان»لىرىنى ئاڭلىتىشقا، دىققەت قوزغاشقا يېتىپ يەنە قانداق خىزمەت بار، دەيدىغان يېرىگە كېلىپ قالدى. جەڭگىۋار ئاكتىۋىستلار سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىكلىرىنىڭ بىر پارچىسىنى سىياسىي تەشكىلاتلارسىزمۇ «ئاڭلاتقىلى»، «ياڭراتقىلى»، «كۈن تەرتىپ»نى كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەجرىبە قىلىپ ھېرىپ قالغۇدەك ھالغا، سىياسەتمەنلەرنىڭ بۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان سىزىقلىرىغا پىسەنت قىلماستىن ئۆتۈپ كېتىشكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھالەتكە بېرىپمۇ ئۈلگۈردى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلاردىكى ئېنېرگىيەلەر خورىغىنى، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتقان خەلقنىڭمۇ جۇشقۇنلۇقى تۆۋەنلىگىنى يوق، ئەكسىچە يەنە قانداق خىزمەتلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن، دېگەن قىزغىنلىق، ھەرىكەتچانلىق داۋاملىشىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما تەشكىلاتلارچۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىساق كۆنۈككەن مىزاج ۋە ئادەتلىرىدە كۆپ ئۆزگىرىش يوق. ئەجەبا ئىشلارغا ئاكتىۋىستلارغا سەپ سېلىشقان تەرىقىدە پوزىتسىيە تۇتۇپ ئىش قىلىشتەك پۈچەكلىكنى چۆرۈپ تاشلاش ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ قۇسۇق كەلتۈرگۈدەك بەزلىشىپ كەتكەن ئاتالمىش «دەۋا ئاڭلىتىش» پىروپاگاندالىرىنى چۈمبەل قىلىپ ئارتىۋېلىشنى بەس قىلىپ بىر مىللەت، بىر خەلقنىڭ ئاۋازىنى، ئىلتىجاسىنى، ئاھۇ - زارىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىق شوئۇرىنى نامايان قىلىشنىڭ، كوللېكتىپ ياكى «بىرلەشمە» شەكلىدە بولسىمۇ يۈرەكلىك ھالدا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئىشىكىنى قېقىشنىڭ ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق پەيتىدە كەلمىسە يەنە قانداق پەيتىنى ساقلىماقچى، قانداق سىياسىي ئاتموسفېرانىڭ شەكىللىنىشىنى كۈتمەكچى؟
غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىلىرى چىقىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ قېرىنداشلىرىغا ئىگە چىققان قەشقەر ۋە خوتەنگىچە بولغان خەلقنىمۇ پالاكەت باسقانلىقى، شىمالدىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم ئىمكانىيىتى سۇنۇشىغىمۇ چىدىيالمايۋاتقان تاجاۋۇزچىلارنىڭ رەزىللىكتە چېگراسىزلىشىپ ئۇلارغىمۇ قىرغىن سىياسىتىنى باشلاۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
ئېتىراپ قىلايلى ياكى قىلمايلى بىزنىڭ بوشاڭلىقىمىز ۋە سىياسىي ساپايىمىزنىڭ بەدەۋىيلىشىشى ئاقىۋىتىدە قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىمكانىيەت، ئالىدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەپەسلىرىنى «قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!»، دېگەن سەكرات نىدالىرى بىزگە قەدەر يېتىپ كەلدى. شۇنداقكەن، سىياسىي كاللىلار نامايىشنى ئاكتىۋىستلارغا تاشلاپ بېرىپ ئۇلارنىڭ تاقاق يولىنى ئېچىشقا يارايدىغان خىزمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەمما نۆۋەتتىكى تۈپكى نىشاننى بىر ئۈستەلدە ياكى ئۆز ئۈستەللىرىدە تېز سۈرئەتلىك تەشكىللىنىپ خەلقئارادا تۇتامى بار ئورگانلارنى زۇۋان سۈرمىگۈچە ئاۋارە قىلىشنى توختاتماسلىق، دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەتەي يېپىۋېلىۋاتقان قۇلاقلىرىغا داڭ چېلىپمۇ بولسا ئېچىشقا ئۇرۇنۇش، باركى مۇناسىۋەت زەنجىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى ئىزدەش ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ خاھ دەۋا شەكلىدە، خاھ ئەرز شەكلىدە، خاھ «قۇتقۇزۇۋېلىش» چاقىرىقى شەكلىدە قەدەم ئېلىشقا قوڭ كۆتۈرىدىغان، نەچچە ئون يىللىق پالاقشىپ «دەۋا» نامىدا ئېرىشكەن بۈگۈنكى نەتىجىلىرىمىزدىن جىلە بولۇپمۇ بولسا توسۇقلار قارىتا جاننى ئالقانغا ئېلىپ يول ئېلىش ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟ سىياسىي ئىستىقلال ئۈچۈن جان ۋە مال پىدالىقىنى، بارلىقىمىزنى ئاتاپ يولغا چىققانلىق ئىددىئايىمىزنى مۇشۇنداق پەيتتە سىنىماي لۆم - لۆم كۆرپە ئۈستىدە ئەزرائىل كۆرۈنگەندە سىنىماقچىمۇ؟ جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ۋاقىتتا ئىشلەتمىگەن لائىلاھە ئىللەللاھنىڭ تەقەززاسىنى بۈگۈنكىدەك پىچاق سۆڭەككە تاقاشقاندا ئىشلەتمەي، پىرئەۋننىڭ غەرق بولغان ۋاقتىدىكى ئۇسۇل بويىچە ئىشلەتمەكچىمۇ؟ ئەزرائىلنىڭ «ئەمدىما»، دەيدىغانلىقىنى بىلمەس قىياپەتكە كىرىۋالماقچىمۇ؟ بىر خەلقنى، بىر ئۇلۇسنى ئىدارە قىلىپ مېڭىۋاتقان دۆلەت ئاپپاراتلىرىدىن، كۈچلۈكلۈكى سايىسىدە دۆلەتلەرنى زۇۋانغا كەلتۈرەلەيدىغان ھاكىمىيەتلەرنىڭ سادا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىپ داد ئېيتىش، پىروتوكول ۋە تۈزۈت - پۈزۈتلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ جىددىيلىكنى ھېس قىلدۇرىدىغان، قۇتقۇزۇۋېلىش ياردىمى ئۈچۈنمۇ بولسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە ئارىلاشتۇرۇش پوزىتسىيەسىدە ھەرىكەت قىلىش ۋاقتى بۈگۈن بولمىسا يەنە قاچان؟ ئەي سىياسەتمەنلەر، زادى قاچان؟
ۋەزىيەت توققۇز ئايلىق ھامىلە ئايالنىڭ يالىڭاچ قورسىقىنى كامېراغا ئېلىپ ياردەم سورايدىغان دەرىجىدە ئېغىر بولۇۋاتقان، ئۆزىنى بىنادىن ئېتىپمۇ بولسا زۇلۇمغا نارازىلىق ئىزناسىنى قالدۇرۇپ ئۆلۈشنى ئاچ قېلىپ خار ئۆلۈشتىن ئەلا بىلىدىغان غۇرۇرلۇقلار كۆپىيىۋاتقان، نارىسىدە بالىلار ئۆلۈمگە ئىتتىرىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇپ يەنە شۇ مۇخبىرسىز نامايىش، ئۇيغۇردىن باشقىغا خىتاب قىلمايدىغان شەخسىي مېدىياغا يارايدىغان خەۋەرگە تۇشلۇق پائالىيەتلەر بىلەن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇشلارنى، خەلقنى ئارقا سېلىپ يەرلىك ئامانلىق خادىملار بىلەن تارتىشىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى «ئىش» دەپ ئولتۇرۇش تەشكىلات ئاتىقى كىيگەنلەرگە يارىشىۋاتامدۇ؟ تەشكىلات كۈچى يوق ئەھۋالدا يۈز بەرسە، شۇنداق دىشۋارچىلىقلار، توسۇلۇشلار بولسا توغرا كېلىدىغان ئىشلاردا مەيداننى ئاكتىۋىست قەھرىمانلارغا، جەڭگىۋار خەلققە، ئاكتىپ تەشكىللەنگەن توپلار تاشلاپ بېرىپ مەسىلىنىڭ يېشىمى ئۈچۈن قىسقا يول ئىزدەش كېرەك ئەمەسمۇ؟ تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت قۇرۇملىرىنىڭ ۋەزنىدە خىتاب قىلىش، مۇناسىۋەت زەنجىرلىرىنى يىغىپ بۇندىن بۇرۇن ئېچىلمىسىمۇ، نۆۋەتتىكى جىددىيلىكتە ئېچىشقا باھانە تېپىلغان پەيتتە ئۇرۇنۇپ كۆرۈش كېرەك ئەمەسمۇ؟ پائالىيەتچىلەر نېمە قىلىشىنى، تەشكىلاتچىلار نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان، زېرىكىپ تويمايدىغان داشقازان سىياسەتنىڭ تۈگەل ئوتىنى ئۇلغايتىش خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا سېلىنىۋاتقان ئېمىزەكلەرنى كۆپەيتىشتىن نېمە پەرقى ئەجەبا؟! كېتىۋاتقان يۆنىلىش ئەجەبا ئىشىك قېقىشقا ۋىۋىسكىسىنىڭ سالاھىيىتى توشىدىغانلارغا يارىشىۋاتامدۇ؟ ھالبۇكى نە سىياسىي ئەقىل، نە ۋىجدانىي قەلب بۇ لايغەزەللىكلەرنى ئاقلاشقا ھېچبىر باھانە، سەۋەب تاپالمايۋاتىدۇ.
ئەقەللى زاكون: يىغلىمىغان بوۋاققا ئەمچەك سېلىنمايدۇ. مەقسەتنى ئۇزاق يولدىن، ئايغا، يىلغا سوزۇلىدىغان مۈشكۈلاتسىز يولدىن، تىكىپ سۆكۈش ئۇسۇلى بىلەن ئىش قىلىشنىڭ، نەچچە ئون يىلغا ئاتاپ توقۇپ قويۇلغان «ئسىتراتېگىيە»لەرنىڭ مۇشاۋۇرلىرى سىزىپ قويغان كېچىكتە ئىش ئېلپ مېڭىشنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرۈۋاتىمىز، چىدىغۇسىز بەدىلىنى بۈگۈن ھەسسىلەپ تۆلىمەكتىمىز. چىغىريول ئىزدەش ۋاقتى ئۆتۈپ تاشتى. ئىنسانلىق پارچىلىنىۋاتقاندا، زۇلۇمغا قويغىلى ئىسىم يېتىشمەي، تىل كارخانىسى كېكەچلەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندا، دەپسەندىچىلىك ۋە ياۋۇزلۇقنىڭ بەتبەشىرە يۈزى قورقۇنۇچلۇق ھالدا كۆرۈنۈۋاتقاندا يالغۇز ئۇيقۇسى بۇزۇلغانلارنىڭ يالغۇز بىزلا بولماسلىقىمىز كېرەكلىكى، ئۆزىنى ئىنسان دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىغان يەرشارىنىڭ ئادەم سۈرەتلىك جانلىقلىرىنىڭ بەرىنىڭ ئۇيقۇسى تەڭ قېچىشى كېرەكلىكىنى سىياسىي ئەقىل بۈگۈن چۈشىنىپ يەتمىسە يەنە قاچان چۈشىنىپ يېتىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش، ئىنساندەك زۇۋانى چىققانلار بىلەن چىقمىغانلارنى خەلق بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇپ تارىخقا پۈتۈش پەيتى كېلىپ قالمىدىمۇ؟ بۇنچىلىكمۇ ئىشقا ھىممەت بولمىسا، تارىخنى قېنى بىلەن، جېنى بىلەن يېزىۋاتقان ۋەتەندىكى قەھرىمان خەلققە، نەقمەيدان كامېرا ئالدىدا ئۆزىگە كېلىۋاتقان زۇلۇمنى، قىرغىننىڭ دەھشىتىنى ئاڭلىتىۋاتقان مىللەتكە، ئاشۇ نارىسىدە مەسۇم قىز - ئوغۇللارغا، زۇلۇم ئۈستىدە دۇنياغا كېلىپ ئاچ قويۇلۇپ، زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقان تاتلىق ئوماق بۇۋاقلارغا قانداق يۈز كەلگىلى بولىدۇ؟ شۇنداقلا خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتكە ئۆرنەك بولغىدەك جان چىقىش ئالدىدىكى مۇسۇلمانلىق پەزىلىتىنى نامايان قىلىشىنى، ئۆز مىللىتىگە، خەلقىگە ئىگە چىقىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يەنە شۇ ئاچلىق قىرغىنچىلىقىغا دۇچار قىلىنىشقا ئۇچراشتەك دەھشەتلىك ئەمما قەھرىمانلارچە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تارىخىغا قانداق يۈز كەلگىلى بولىدۇ؟
كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان قەھرىتان قىشتا كۆرىدىغانلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا. تارىخ قەھرىمانلارنىلا ئەمەس، لەنەتكە لايىقلارنىمۇ خاتىرىلەيدۇ. شۇنى ئەسلىتىش ھاجەتكى، زۇۋىلىسىنى كىچىك ئويلاپ قەدەم ئالىدىغانلار قوڭغۇزدەك تىمسىقلاشنىمۇ پەرۋاز چاغلايدۇ. زۇۋىلىسىنىڭ قايسى ئەجداد ۋە قايسى شانلىق مىللەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلگەنلەرلا مېڭىۋاتقان يولىنىڭ ۋەزنىنى بىلىدۇ ۋە شۇڭقار مىسالى پەرۋاز قىلىش، كۆكنىڭ ئەركىسى بولۇشنىڭ تەبىئىي ھەققى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ ۋە بەدىلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بوغۇلغان قانىتىنىڭ كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. ئەستە بولغايكى، كۈتۈلۈۋاتقىنى بۈركۈتچە چەبدەسلىك، شۇڭقارچە پەرۋازدۇر. قوڭغۇزچە تىمسىقلاش، تاشپاقىچە ئېغىناش ئەمەس. ھارامتاماقلىق تېخىمۇ ئەمەس.
- بۇرھان مۇھەممەد
2022-09-17
---------------------
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام 《خۇشخۇي يىگىت》 ئابدۇلئەھەد ئودۇن! ئالدى بىلەن يا ئوقۇمۇشلۇق بىرىگە ياراشتۇرغىلى ياكى ئوچۇق - يورۇق جامالىڭىزغا ئۇدۇل كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىرتاق تىلەكلىرىڭىزگە ھەشقاللا! ئېيتقىنىڭىزدەك ياخشىلىققا ۋەسىيلە بولغاي!
گەرچە سىزمۇ مۇشۇ سەھىپىمىزدىكى بىر تۈركۈم تىكىشى يوق تىپلاردەك دەيدىغاننى دەپ - دەپ، كېيىن ئۆزىگە ئۆزى پۇشايمان يەپ قاچىدىغان، قاچقاندىمۇ ئىنكاسىنى يۇيۇۋالىدىغان كۆپ چېكىتلىك تىپلاردىن ئىكەنلىكىڭىزنى بازارغا سالغان بولسىڭىزمۇ، ئاتقان شىلتىڭىڭىزنىڭ قانداق جاۋابقا تېگىشلىكلىكىنى بىلىپ قېلىش ھەققىڭىز بار. ھەققىڭىز ئەخلەتكە راۋان بولماستا قىززىغىدا سوقۇۋەتكەيسىز. ئەمسە قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇڭ:
1. قارىغاندا يازمىنى ھاپىلا - شاپىلالا قىزىق سۇيۇقئاش ئىچكەن پەدىسىدە ئوقۇپ، چىققان تەرنى سەھىپىگە چاچرىتىشقا كىرگەندەك تۇرىسىز. سىز بۇ يازمىنى مەسىلىنىڭ جىددىيىتىگە جىددىي قارىغۇچى سۈپىتىدە يېزىلغانلىقىنى پەرق قىلغىنىڭىزدا، يازمىدىن بۈگۈنكى سىياسىي كىرىزىسنىڭ سىز تەسۋىرلەۋاتقاندەك «تەشكىلات ياكى پائالىيەتلەر بولسۇن ئۆزى بىلگەن پەدىگە» يول تېپىۋاتقان كۆرۈنۈشنى بېرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ يېزىلغانلىقىنى پەرق قىلغان بولاتتىڭىز. ئەگەر سىز پەرق قىلىپ تۇرۇپ دەۋاتقان بولسىڭىز بۇ سىزنىڭ يىللاردىن تەكرار ۋە تەكرار خەلقنىڭ كۆزىگە سوقۇلۇۋاتقان ئاتالمىش ئۆزى بىلگەن پەدىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ خۇپسەن بولۇۋالغانلىقىڭىزنى كۆرسىتىدۇ. يازمىنى بىرىلىرى ئۈچۈن قىزىرىپ، بىرىلىرى ئۈچۈن ئاقىرىدىغانلارنىڭ زېھنىيىتىدە ئەمەس، خالىس خادىم سۈپەتتە ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى، يۈزەكىچە گۈدەك گەپلەرگە زورۇقۇشتا تەمكىن بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
2. ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە قويۇلۇۋاتىدۇ. يازمىنى ھەل بولمايۋاتقان ئىشنىڭ ھەل قىلىنىشى ھەققىدىكى مۇراجىئەت ۋە تاپا - تەنە خېتى چاغلاپ قالغان بولسىڭىز راستتىنلا چېكىنىپسىز. دۆشكەلەش دەۋالغىنىڭىزمۇ غەلىتە. بۇمۇ ھېلىقى سىزنىڭ دەرنەكنىڭ ئايغاقچىلىقىنى قىلىدىغان ئۇششۇق بالىلانىڭ چاپانچىلىق قىلغىلى كىرىپ كىيدۈرىدىغان قالپاقلىرىدىن پەرقى يوق گۇپپاڭچىلىق ئىبارىلىرىدىن ئىكەن. يازمىدا نېمە دېيىلگەنلىكىنى، نېمە قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئاقىلغا ئىشارەت تەرزىدىكى بايانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ «قىلىدىغان ئىشىمىزنى دەپ بەر» دەپ چۈشسىڭىز دەيدىغان چىرايلىق گەپ: سىياسەت تېمىلىرىغا، سىياسىي ئوبزورلارغا ئاقساقاللىق قىلماي بېرىپ چېيىڭىزنى توشۇڭ، بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە، بولۇپمۇ سىياسىي كىرىزىسلىرىدا سىياسەت سېپىدىكىلەرنىڭ ئىشارەتتىن بېشارەت ئالالايدىغان بەسىيرەت، فەھم - پاراسەت ئورنىغا، جۇۋالدۇرۇز تىق، ئاندىن ۋاي جان دەي دەيدىغان تىپلارنىڭ ئىش بېشىغا چىقىپ قېلىشىدىن ئۆتە بەختسىزلىك بولمايدۇ. ھەممە ئۆز ئىشىنى چاغلاپ ۋە جايلاپ قىلىشنى بىلىشى لازىم.
3. مەزكۇر يازما تەشكىلات نامىغا خوپ كېلىدىغانلارغا قارىتىلغان. قانداقتۇر سىز پايپېتەكچىلىكىنى قىلىۋاتقان، ۋىۋىسكىسىنى سوتسىيال دەرنەكتىن ئېلىپ سىياسىي ھەرىكەت قىلغۇچى تۈس بېرىپ ئۆتۈۋاتقان دەرنەكچى توپلارغا قارىتىلغان ئەمەس. ئۇنداقلار ھەققىدە تېخى ئالدىرىماي كېلىمىز. يازمىدا سىز دەۋالغاندەك، سىيىپ، چىچىش ھەققىدە گەپمۇ بولۇنغىنى يوق، ئەمما بولۇنغان كۈنىسى بىرىنچى بولۇپ تەنقىد ئوبيېكتىمىز بۈگۈنكىدەك مىللەت «بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەۋاتقان چاغدا دەۋا قىلىۋاتقان قوشۇن بىلەن بىر سەپ ۋە بىر ئۈستەلدە بولالمىغاندىن سىرت ۋەتەن - مىللەتنىڭ ھال - ئەھۋالىنى، يەنى نۇھنىڭ كېمىسىىدىكى ھەقىقىي ياپەس زۇررىياتلىرىنىڭ پىغانلىرى بىلەن دەردلەنمەكتە يوق، كەنئان زېھنىيىتى بويىچە پائالىيەت قىلىۋاتقان قوش ماكانلىق تىپلار بولغۇسى. شۇ چاغدا كىرىپ قاخشىسىڭىزمۇ ئۈلگۈرگىدەك تېمىلار بۈگۈننىڭ كىرىزىسى پەسەيگەندە نۆۋىتىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. شۇ چاغدا گەپ بولسا قىلاسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
4. كىرىزىسمۇ، تەكلىپمۇ، نېمە قىلىشنىڭ ئەۋلا بولىدىغانلىقىمۇ يازمىدا بار. بۇنى سىزنىڭ چۈشىنەلمەي كەتكىنىڭىز ئەتەيلىكتىنمۇ ياكى ساددىلىقتىنمۇ بىلىپ بولمىدى. ئۆز نۆۋىتىدە تەكلىپ-پىكىر دېگەن ئۆز ئەھلىگە ۋە تېگىشلىكلەرگە بېرىلىدىغان نەرسە. ئۆز ئىشىنى قىلىۋاتقانلار قاخشىمايدۇ، بەھرىلەيدۇ ياكى بەھرىلىنىدۇ ۋەياكى يولىنىڭ توغرىلىقىنى قۇۋۋەتلەيدىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىدىن خۇرسەن بولىدۇ. ئەكسىچە تەكلىپ بېرىلىشىدىن بىئارام بولىدىغان، نېمە پوق يېيىشىدىن قەتئىينەزەر بىرىنىڭ كېلىپ ما پوقنى يېمەيدىغان ئىشتى دەپ قېلىشىغا چىدىمايدىغان تىپلار ئەسلىدىنلا نېمە قىلىشنى بىلمەيدىغان، پەقەتلا بىر ئىشلار قىلىنسىلا ئۇنى سىياسىي تۈس بېرىپ تەشۋىق قىلىش بىلەن ئۆز ئۆزىنى تەسەللى قىلىپ ئۆتىدىغان گول تىپلارلار بىئارام بولىدۇ. نامازنى تامغا ئۈسسۈپ ئوقۇغىلى، ھەجنى تۈگمەن ئەتراپىنى تاۋاپ قىلىپ ھاجى بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تامغا ئۈسمىسە ئىبادەت قىلغاندەك، تۈگمەننى ئايلانمىسا تاۋاپ قىلغاندەك بولمايدىغان قاتمال زېھىنىيەتلىكلەرگە بېرىلىدىغان تەكلىپ بىرلا، ئۇ بولسىمۇ: مىللەتنىڭ كۆزىدىن يوقال!
ئەگەر سىز «پىكىر - تەكلىپ بېرىلىپ قوبۇل قىلمىغاندا ئاندىن گەپ قىلساڭ بولمىدىمۇ، دېسىڭىز، جاۋاب شۇ: ئۇيغۇرچە دەرنەكچىلىك «كۈلتۈرى»گە خۇش كېلپسىز!
5. سىز ۋە سىزگە ئوخشاش تىپتىكىلەر، بولۇپمۇ ئوقۇمۇشلۇقلار سېپىدىن تىجارەت مەيدانىدا چېنىققان، تىجارەت ئاقمىغاندا ئۆزۈڭلارمۇ كونكرېت ئاڭقىرىپ بولالمايدىغان «ئارىسىغا ئۇلارنىڭ دوستلىرى كۆرۈنۈپ ئىچىدىن ئىسلاھات قىلىش» خام - خىيالىنى سۈرۈپ سىياسەت سېپىگە قىستىلىپ كىرىپ ياشاۋاتقانلاردىكى ئورتاقلىق ھەمىشە ئىسلاھاتنى شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىشقا تۆھپە قوشۇش بولۇۋاتقانلىقى، بولسا كېرەك. بۇنىڭ مەنتىقىسى شۇ: ئاۋۋال ئىسلاھات شوئارى كۆتۈرىسەن، ئارقىدىن ئۇلارچە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەيسەن. مانا بۇ سىز ۋە سەپداشلىرىڭىز ياشاۋاتقان ھەمدە ئىنكاسىڭىزدا ماڭا دىيەسلىتىپ باققان «ئىسلاھات» سالاچىلىقىنىڭ تەقدىرى. دېمىسىمۇ بۇ رېئاللىقلار بىرقانچە يىلدىنقى پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرمامدۇ؟ ئەيىب كۆرەلمىگەندە ئەمەس، كۆرگىلى ئۇنىمىغاندا.
ئەپسۇس، يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ ئەلپازىدىنمۇ سىزچە ئىسلاھاتنىڭ ئاتالمىش نۇھنىڭ كېمىسىگە يەلكەنلىرىنى لەپىلدىتىشكە يارايدىغان ئارقان - شوينىلارغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكى، بۇزۇق كومپاسنىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشىگە بەجانىدىل پالاق ئۇرۇپ بېرىۋاتقان ھەھدەمچى تەڭكەشچىلەرگە ئايلىنىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. تەۋسىيەم سىز يەنىلا چېنىقىڭ، كۆزىتىڭ! كەڭ كۆزىتەلمىسىڭىز ئاقساقاللىق قىلىشتىنمۇ بولسا ئۆزىڭىزنى تارتىپ تۇرۇشنى بىلسىڭىز «غوجىسىنى خۇش قىلغۇسى كەپتۇ» تۈسى بېرىپ قويغاندىن مىڭ ياخشى بولغۇسى.
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder