ۋەتەن كىملەرنى چاقىرىۋاتىدۇ؟
ۋەتەن كىملەرنى چاقىرىۋاتىدۇ؟
مۇستەملىكىچىلىك تاسادىپىيلىقلارنىڭ نەتىجىسى ئەمەس دەپ يازىدۇ، مەشھۇر پەيلاسوپ سارترى. رېئاللىقىمىز شۇكى، سىستېمىلىق قىرىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە داۋاملىشىۋاتىدۇ. سىستېمىلىق ماڭقۇرتلاشتۇرۇش تېزلىشىۋاتىدۇ. سىستېمىلىق مۇنقەرزلەشتۈرۈش داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەسلىدىكى مىللىي كىملىك ئورنىغا سۈنئىي كىملىكنى باش تاجى قىلىدىغان بىر مىللەت قىلىپ چىقىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانىدى. ئەسلى كىملىك يوقۇلۇپ سۈنئىي كىملىك ئورنىغا دەسسىلىپ بولغان، مۇقەددەسلەشتۈرۈلۈپ سۈنئىي مىللەتكە ئايلىنىپ بولغاندا، سۈنئىيسىنىمۇ يوقىتىش ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. ئەسلىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاڭنى فورماتلاش 70 يىلغا سوزۇلغان بولسا، سۈنئىيسىنى ئەبجەشلەشتۈرۈشكە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ پۈتتۈرۈش مۇددىتى يېتىپ ئاشتى. ئەسلىسىنى يوقىتىش ئۈچۈن 70 يىللىق ئاستا خاراكتېرلىك قىرغىنچىلىق يېتىشمىگەنىدى. سۈنئىيسىنى ئۆتمىتۆشۈك قىلىش ئۈچۈن ئۈچ يىل كەڭتاشا يەتتى. ئاتاڭ ئۆز قولىدا كۆكەرتىپ ياشناتقان تۇپراقلار ياتلارنىڭ ساياھەت قىلىپ پۇل تاپىدىغان ماكانىغا، سېنىڭ ھەمشىرىلىرىڭ ئۇ جاينىڭ ئەخلەت تازلىقچىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىپ بولدى. ئەركەكلىرىڭنىڭ پۇت - قوللىرى كىشەندە. ئاتاڭ ۋە قېرىنداشلىرىڭ ئۈچۈن زىندان سېلىندى. مانا ئەمدى ساق قالغان نەسىللەر ئۈچۈن كەلگۈسى ئويلىشىلىۋاتىدۇ. پىلانلار تۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ. مەن ۋە سەنچۇ؟ ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. تالاي پۇرسەتلەرنى، تالاي ئىمكانىيەتلەرنى، تالاي كۈنلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، يىغلاپ ئۆتكۈزۈپ باقتۇق، قاقشاپ ئۆتكۈزۈپ باقتۇق. دوستلىشىپ ئۆتكۈزۈپ باقتۇق، دۈشمەنلىشىپ ئۆتكۈزۈپ باقتۇق. ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، ئەمما بۇندىن كېيىنكىسىنى قانداق ئۆتكۈزىمىزنىڭ پىلانى يوق، غايىسى يوق، خىيانەتتىن دەرس چىقىرىشقا، خائىنلارنىڭ خىيانىتىنىڭ بۈگۈنكى سەرسانلىقىمىزغا قوشقان تۆھپىسىنى، مەزلۇملارنىڭ ئېقىۋاتقان قېنىنىڭ بىھۇدە بولۇشىغا ئەسقاتقان خىزمەتلىرىنى دادىل يەكۈنلىگۈدەك، جازا بېرەلمىسەكمۇ نەپرىتىمىز بىلەنمۇ بولسا خىيانەتچىلىكلەر بۇلغاپ ماڭغان ئىزنى تەڭ بېسىشىپ بەرمەسلىك چاغلىق تۇتۇمنىمۇ بولسا كۆرسىتەلىشتەك ئەقەللىي ھۆر ئىرادىغىمۇ تاۋىمىز باردەك ئەمەس. ھەقنى سۆزلەيدىغانلارنىڭ قارىلىنىشىغا تاماشىبىنلىقتىن، ۋەتەن مەسىلىسىدە قىل چاغلىق نەرسىدە مۇرەسسە قىلمايدىغانلارغا ھارغۇچە ئۈمىدىمىزنى ئارتىپ تەسەللىي ئىزدەشتىن باشقا ئىشىمىزمۇ قالمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. تەييارلىقسىز تۇتۇلۇشنىڭ ۋەتەن سىرتىدىكىلەرنى ھىجرانغا مۇپتىلا قىلىپ سۈرگۈندە سورۇلۇپ تۈگەشكە قىستىغانلىقىغا، ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭ نۆۋىتى كەپلا قالمىسا زىندان قۇشخانىلىرى ئالدىدا ئۆچىرەت ساقلاشقا مەھكۇم قىلىپ قويۇلغانلىقىغا، بىر ئائىلە، بىر جەمئىيەت ۋە بىر مىللەت سۈپىتىدە تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب - ئوقۇبەتنىڭ ئارقا - ئارقىدىن كېلىۋاتقانلىقىغا، ياماندىن ياخشىغا ئەمەس، ياماندىن ئەڭ يامىنىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان، دەھشەتتىن ئەڭ دەھشىتىگە قاراپ ياسىلىۋاتقان بىر «ئىستىقبال»نىڭ بىزنى كۈتۈۋاتقانلىقىغا شاھىت بولساقمۇ، شاھىدلىقىمىز ئېيتقان شاھادىتىمىزنىڭ ئەكسىگە قاراپ كېتىۋاتقاندەك، بىزنى شەھىدلىك ۋە غازىيلىق سەپىرى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى تەييارلىققا ئۈندىمەيۋاتقاندەك تۈس ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەسىلىنىڭ قانداق تىرىك قىلىش، تىرىكچىلىكنى قانداق پاراۋانلىققا ئېرىشتۈرۈش ياكى داۋاملاشتۇرۇشتىن بەكرەك قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ يەتمەيۋاتقىنىمىز قىلىم - ئېتىملىرىمىزدىن كۆرۈنۈپ، تۇتۇم ۋە ئوي - تەپەككۇرىمىزنىڭ مىزاجىدىن بالقىپ تۇرۇپتۇ. ھەتتا زور كۆپ سانلىقنىڭ ئىدىيەۋى ئاتموسفېراسىدىن بۇلارنى ئويلاشقۇدەك ۋاقتىمىزمۇ يوقتەك ئۆتۈۋاتقانلىقىمۇ چانماي تۇرالمىغاندەك. ھالىمىزغا قارالسا «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» بولىدىغان زاماننىڭ ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قېلىشىدىن بېشارەت ئېلىشقا ياتقىنلىقىمىز، ياكى بولمىسا «قۇتقۇزغۇچى قەھرىمان»نىڭ چىقىشىغا، شۇنداق زاماننىڭ ئالدىمىزغا تەرەپبال چىقىپ قاراپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن باشقىغا رايىمىز يوقتەكلا. ھېساب - كىتابىمىزدا ئۈمىدىمىزگە ياراشقىنى ئەمەس، بولۇمسىزلىقلىرىمىز بەدىلىگە ئاسماندىن ئامەت ئورنىغا تاش يېغىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يوقتەكلا. قەھرىماننىڭمۇ ئەسلىدە زاۋۇت مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىگە، بىر دادا، بىر ئانىنىڭ، بىر ئائىلىنىڭ، بىر جەمئىيەتنىڭ، بىر مىللەتنىڭ، بىر مەدەنىيەتنىڭ جۇغلانمىلىرىدىن يېتىشىپ چىقىدىغان مىللىي جەۋھەرلەر توپىدىن شارائىت تەقەززاسسى ئاساسىدا شەكىللىنىپ چىقىدىغانلىقىغا زادىلا ئەقلىمىز يەتمەيدىغان دەرىجىدە دېۋەڭلىشىپ كەتكەندەكلا...
قېنى كۈتۈپ باقايلى، يا سايدىن چىقار ياكى بايدىن، يا ھوشۇق ياكى چۈشۈك، دېگىلى بولىدىغان قىمارۋازچە تەپەككۇرنىڭ «مۇستەقىللىققا ئېرىشىش» مەسىلىسى بىلەن قۇدا - باجىمۇ بولالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەنلىكىمىز ئاشكارا. توغرا، مۇستەملىكىچىلىك تاسادىپىيلىقلارنىڭ جۇغلانمىسىدىن مەيدانغا كەلگەن نەتىجە ئەمەس. شۇنداقلا مۇستەملىكە بولۇشىمىزمۇ ھېچقاچان تاسادىپىلىقلار مەيدانغا كەلتۈرگەن مۇقەررەرلىكنىڭ ئاپىرىدىسى بولغان ئەمەس. خۇددى شۇنىڭدەك مىللىي مۇستەقىللىقمۇ ئەسلا تاسادىپىيلىقنىڭ نەتىجىسى بولۇپ قالمايدۇ. ھەتتا ئىلاھىي نۇسرەتكە ئېرىشىشمۇ بەدەل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، خۇددى ئەقىدىمىزدە تاسادىپىيلىققا ئورۇن بېرىلمىگەندەك، سامادىن ياغىدىغان رەھمەتمۇ تاسادىپىيلىققا باغلاپ قويۇلغان ئەمەس. بىر سەۋەب، بىر بەدەل، بىر تەستىق، بىر ئىمان، بىر ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. ئەسلىدە ئىلاھىي نۇسرەتنىڭ ئۆزىلا ئىجتىھادقا ۋە جىھادقا باغلانغان بەدەل تۆلەشنىڭ مېۋىسىدۇر. مۇجاھەدە (ئەمەلىي تىرىشچانلىق) كۆرسىتىشنىڭ مۇكاپاتىدۇر. ئىجتىھاد ئۈچۈن مۇجتەھىدلىك شەرتى ھازىرلىنىشى كېرەك بولغاندەك، مۇجاھەدە مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن مۇجاھىدانە روھ بولۇشى شەرتتۇر. ھەقنىڭ نۇسرىتى يولىدا، ھەقنىڭ نۇسرەت بېرىشى سايىسىدە، ھەقنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن بەدەلنى كۆزگە ئالغان، ئەجداد مىسالى كېپەنىنى باشقا سەللە قىلىپ ئوراپ يولغا ئاتلانغان كىشىلەر بۇ روھتىن نېسىۋە ئالغانلاردۇر. تاسادىپىيلىقنى كۈتۈپ ياتقاندىن، پاراغەت ئۈچۈن كىشىلىكىنى قوشۇپ ساتقاندىن، ھەقىقەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ باشقىلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە دۈم چۈشۈپ ياتقاندىن، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئويناشقاندىن بۇنداق بىر ئالىي روھنىڭ تىكلىنىشىنى قانداقمۇ كۈتكىلى بولسۇن؟! ۋەتەن چاقىرىۋاتىدۇ، ۋەتەن مانا مۇشۇنداق روھ ئىگىلىرىنى چاقىرىۋاتىدۇ. بەدەل ئەھلىنى، رىبات ئەھلىنى، كۈرەش ئەھلىنى، جىھاد ئەھلىنى چاقىرىۋاتىدۇ. مەۋلانا رۇمىينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، كىم بولساڭ بول، كەل، دەۋاتىدۇ. لېكىن بىز كېلىۋاتىمىزمۇ ياكى نىشاندىن بۇرۇلۇپ كېتىۋاتىمىزمۇ، ھەممىسى دەرگۇمان.
ۋەتەن چاقىرىۋاتىدۇ. ئەمما چاقىرىققا ئىگە چىقىۋاتقىنى كىملەر بولۇۋاتىدۇ، كىملەر بۇ چاقىرىقتىن مۇستەسنا ياشاۋاتىدۇ، كىملەر بۇ چاقىرىقنى خاتا تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ، كىملەر بۇ چاقىرىقتىن شەخسىي نەپ ئېلىش كويىدا، كىملەر بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش كويىدا، كىملەر بۇ چاقىرىقنى ئۇنتۇۋاتىدۇ، كىملەر بۇ چاقىرىقتىن چۆچۈپ ئويغىنىۋاتىدۇ، ھەر كىم يۈرەككە قول سېلىپ كۆرۈشى كېرەك بولماقتا. بۇ تەرىقىدە يىلدىن - يىلغا يىمىرىلىپ، ئىرادىدە بوشاپ، مۇھەببەت - نەپرەتتە سۇسلاپ، ئىمان - ئەقىدىدە بۇلغۇنۇپ، ئەخلاق ۋە قىممەتتە چۈشكۈنلىشىپ كېتىشلەرنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى ۋە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئوڭشاشنىڭ، ئىسلاھ قىلىشنىڭ سەمىمىي تەرەپدارى بولۇشى ۋە چامى يېتىشىچە ھەل قىلىشقا جىددىي قارىمىقى زۆرۈر بولماقتا. چۈنكى ۋەتەن چاقىرماقتا. چاقىرغاندىمۇ قۇرۇق ئارزۇغا مىراب بولۇپ ئۆتەۋاتقانلارنى ئەمەس، ئۇنىڭ شەرىپىنى مەنپەئەت بەدىلىگە بۇلغايدىغانلارنى ئەمەس، جان بېقىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ سېتىپ يەيدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ھۆرلۈكىنى ئۆزىنىڭ ھۆرلۈكىنىڭ نىشانى قىلغۇچىلارنى، ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى يولىدا بەدەلنى كۆزگە ئالالايدىغانلارنى، بۇ يولدا بارلىقىنى ئاتاشنى بىلىدىغانلارنى چاقىرماقتا. شەرمەندىلەرچە قەدەم باسماقچى بولغانلارنى ئەمەس، ئاسارەتتىن ئىبارەت بۇ داغنى يۇيۇش يولىدا كۈرەش قىلىشنى ھايات يولى قىلغان، ئاسارەتنى تەن ئېلىپ ياشاشتىن ھۆرلۈكنى ئارمان قىلىپ ياشاشنى شەرەپ بىلگەن ھەقىقىي قەھرىمانلىرىنى چاقىرماقتا.
-بۇرھان مۇھەممەد
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder