ياۋۇزلۇقنىڭ تەڭداشسىز ئۆرنىكى
ياۋۇزلۇقنىڭ تەڭداشسىز ئۆرنىكى
-ئامرىكا سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېئونىڭ شۇ ناملىق لېكسىيەسىدىن ئارىيە
ئىلاۋە: «دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ سېنى مۇخاتەب ئالىدىغان پەيتىنى كۈتۈپ جىم يېتىشىڭ شەرت ئەمەس. روبىرو تۇرالىغۇدەك بولغانغا قەدەر دۈشمىنىڭنىڭ سۈرىتىگە ھەرقاچان ئېكىس بەلگىسى سىزىپ ئويناپ روھىڭنى ئۇرغۇتىشىڭمۇ، تۈرلۈك رېفلىكسلىرىڭ ۋە تۇتۇم – مەۋقەلىرىڭ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۆزۈڭدەك بىر رەقىبىنىڭ بارلىقىنى، ياكى ئۆزۈڭنىڭ دۈشمىنىڭگە قارشى مەيداندىكىلەر بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىڭنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشۇڭمۇ ئۆزىگە يارىشا بىر ئۇلۇغۋارلىق. ۋاقتى كەلگەندە غەلۋەڭ ئارقىلىق ئۇنى زېرىكتۈرۈشمۇ، تېرىكتۈرۈشمۇ بىر پوزىتسىيە. دەيمەنكى، نېمە قىلساڭ قاملاشتۇرۇپ قىل، زېرىكتۈر، تېرىكتۈر، ئەمما ئەسلا سۈكۈتۋاز بولما».
مانا بۇ قۇرلار مېنىڭ كوللېكتىپ روھىي ھالىتىمىزدىكى دەپنىسى كېچىكىپ كەتكەن مېيىت مىسالى ئۆلۈكلەشكەن، كوللېكتىپ چىرىشكە قاراپ كېتىۋاتقان ھالىتىمىزنى كۆرگەندە، ھىدىنى سەزگەن، ئالامەتلىرىنى بايقىغان چاغلىرىمدا قالدۇرۇپ قويغان خاتىرىلىرىمدىن ئۈزۈندە. ئەگەردە يېقىنقى يىللار مابەينىدە مەزكۇر قۇرلارغا باب كېلىدىغان، ئىزچىللىقىنى يوقاتمىغان جانلىق بىرەر ئۆرنەكنى كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، بەلكىم كۈنىمىزنىڭ سىياسىي ئەربابلىرىدىن سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېئونى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ يەنە نېمىلەرنى خاتىرىلەپ قويغانلىقىمغا قاراپ باقتىم. پۈتۈكلىرىم ئىچىدە مايىك پومپېئو ھەققىدە خېلى بۇرۇن يېزىپ قويغان بىر قىسىم خاتىرىلىرىم، ئىبرەت ئالغۇچى بولۇش ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنىش ۋەزىيىتى ئارىسىدىكى ۋەزىيىتىمىزنى چۆرىدەپ يېزىپ قويغان بەزى خاتىرىلىرىمنى ئۇچراتتىم ۋە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۈلگۈردۈم. مايىك پومپېئو كۆپچىلىك نەزىرىدە مەنسەپتىن ئايرىلىشتىن ئاۋۋال دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ باشتىن كەچۈرۈۋاتقان قىسمەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان شەخسلىكى بىلەن تونۇشلۇق بىر سېيما. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بىزنىڭ تىللىقلارنىڭ ئاغزى بىلەن پىپەن قىلدۇرغان، «پومپاي» دەپ تىللاتقۇزغان شەخس. مايك پومپېئو دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنى بىزدىن ئۆتە بەش قولدەك بىلىشكە قىزىققان، تا بۈگۈنگە قەدەر خىتاي كوممۇنىست زېھنىيىتى تىلغا ئېىلىنغاندا، بىزنى مىسال قىلىشنى ئۇنتۇمىغان، خەلقىگە ۋە ۋەتىنىگە كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتىنىڭ قانداقتۇر بىرەر دىن ياكى مەزھەپ بولماستىن، خىتاي كومىنىستىك پارتىيەسى، يەنى بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى ئىزچىل تونۇتۇشنى توختىتىپ قويمىغان، بۇنىڭلىق بىلەنلا قالماستىن، كوممۇنىست زېھنىيەتلىك بۇ ياۋۇز ھاكىمىيەتنىڭ بىزنى بۇ قەدەر غالجىرلارچە تالان قىلىشىنىڭ، قېنىمىزنى شورىشىنىڭ ئارقىسىدىكى فاشىست ئىدېئولوگىيەسى بىلەنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقان سىياسىي ئەربابلاردىن بىرى. مەنسەپتىكى پەيتلىرىدە سابىق پىرىزېنت ترامپنىڭ: «بۇ ئەبلەخ (شى جىنپىڭنى دېمەكچى) ساڭا ئۆچ بوپ كېتىپتۇ. تەنقىد تىلىڭنى توختىتىپ تۇر» دەپ بۇيرۇق سوققان چېغىدىمۇ، ئۆزىنىڭ «ھەقىقەتنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن پىكرىنى قوغدىغان، ھازىرغا قەدەر ئىزچىل شى قانخور رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك پارتىيەگە، ئۇنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنياغا كەلتۈرۈۋاتقان ھەمدە كەلتۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان تەھدىد ۋە خەتەرلىرىنى تەنقىد قىلىشتىن توختاپ قالمىغان، رەسمىي مەنسەپتىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ مەۋقەسىدە تۇرۇپ كېلىۋاتقان، كىتاب – ئەسەرلىرىدە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىگە قارشى تاتلىق – ئاچچىق تەشۋىقات زەربىلىرىنى ئۈزمىگەن، ھەر تۈرلۈك ئاچچىق - چۈچۈك رەددىيەلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر سىياسەتچى. بەلكىم پومپېئونىڭ بۇ ئوبرازلىرى ھەممىمىزگە بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان قىسمەنلىرىمىزگە مەلۇم بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە پومپېئونىڭ بىزدە دىققەت قىلىنىپ كەتمىگەن، قىلىنسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ باقمىغان يەنە بىر ئوبرازى بار. ئۇ بولسىمۇ پومپېئونىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر فاشىست ئىدېئولوگىيەسىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە قارشى ئەڭ ئوبرازلىق ۋە كەسكىن مەۋقە تۇتۇپ كەلگەنلىكى، خۇسۇسەن، خۇداسىزلىقتىن مەنبەلەنگەن فاشىست بىر ئىدېئولوگىيەنىڭ قولىغا كۈچ ۋە تېخنىكا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا، ئىنسانلار ئارىسىدىكى دىن، ئىرق ۋە مىللەت جەھەتتىكى پەرقلىرىنىڭ تەھدىد نىشانى بولۇشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆز تۈرى بولغان «ئىنسان» تۈرىنىڭمۇ قانداق تەھدىد نىشانىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى، خۇداسىزلىقنىڭ كوللېكتىپ كۈچنىڭ ئىككىنچى بىر كوللېكتىپ ئىنسانلار توپىنى شەپقەتسىزلەرچە ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللاردا قىرغىن قىلىشقا قانداق ھەيدەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان ئىدېئولوگىيەنىڭ بۇنى ئەڭ قەبىھ شەكىلدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتقان، فاشىست زېھنىيەتنىڭ پەردە ئارقىسىنى يېشىش ئارقىلىق بۇنى دۇنياغا ۋە ئامېرىكا خەلقىگە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان سىياسىي سېيما بولغانلىقىدۇر.
بۇ مەنىدىن پومپېئونى ماددىياتلار دېڭىزىغا غەرق بولۇش گىردابىدىكى مەنىۋى چۆكۈشكە قارشى تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن، خۇداسىزلىقتىن مەنبەلەنگەن سىياسىي رېجىمنىڭ ۋاقتى كەلسە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى «دىنى مەنسۇبىيىتى مۇسۇلمان بولغان، يەنى تىنچلىقپەرۋەر مۇسۇلمانلار ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ» بۈگۈنكى تەقدىرىنى خەلقىگە ئاڭلىتىش ئارقىلىق «كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى» ھېس قىلدۇرۇشقا، يەنى دىنداشلىرىنىڭ، ھەمدە ئامرىكا خەلقىنىڭ دەۋرىمىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ زېھنىيىتىدىن سەگەك تۇرۇشقا، دىنىغا ۋە ئەقىدىسىگە يېپىشىشقا چاقىرىق قىلغان ئۆزگىچە سېيما دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ئاڭلاتقان ۋاقىتتا، خىرسىتىيانلار توپىغا نىدا قىلىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز دىنى ۋە ئەقىدىسىگە ھۆر ھالەتتە يېپىشىپ ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولىشىغا دۇئا قىلىشقا چاقىرىشىدەك ئوچۇق پىكىرلىكى بەلكىم بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغلاردا كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى بىزگە دۇنيانىڭ بۇ چېتىدە تۇرۇپ يەنە بىر چېتىدىكى بىزگە نە دىنىي، نە مەدەنىيەت مەنسۇبىيىتى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بىر سىياسىي ئوبرازنىڭ (مەيلى بۇنى ئۆزى بىلىدىغان بىرەر سىياسىي مەنپەئەت تاماسىدىن قىلغان بولسۇن ياكى راستتىنلا ئىنسانىي ۋە دىنىي قىممەت قارىشىنىڭ تەلەپ – تەقەززاسىدىن قىلغان بولسۇن) بۇ دەرىجىدە ھېسداشلىق قىلىشىنى قولغا كەلتۈرگىنىمىزدىن ئۈمىدلىنەمدۇق، ياكى ئۆز دىنداشلىرىمىز، سويداشلىرىمىزدىن ھالقىپ باشقا دىندىكىلەرنىڭمۇ ئۆز تەقدىرى ۋە كېلەچىكىگە قارىتا تەھدىدلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا مىسال قىلىدىغان ئۆرنەككە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆزىمىز ئىبرەت ئىلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزغا ئېچىنامدۇق، بۇنىسى مۇئەمما. نە كۈلگىلى، نە يىغلىغىلى بولمايدىغان ئەرەساتلىق بۇ ھالىتىمىزنى كۆرۈپ يېتىش ۋە سىلكىنىش ئۈچۈن بولسىمۇ بىز خەۋەردار بولۇشقا تېگىشلىك بەزى نەرسىلەردىن كېچىكسەكمۇ خەۋەردار بولۇشىمىز چوڭ پايدا ئېلىپ كەلمىسىمۇ، زىيانغا چوڭقۇرلاپ دەسسەشتىن ئاگاھ بولۇشقا زەررىچىلىك بولسىمۇ ھەسسىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. ئەلۋەتتە، سېكولار بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت ئەربابى، سېكولار بىر جەمئىيەتنىڭ ئېلىتلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جاسارەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەسلىكىنىڭ ئانا پىرىنسىپ ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ھەقىقەتلىرىدىن، ئۆزى ئەقىدە قىلىۋاتقان ۋە ئاز كەم ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە بىر دىنىنىڭ مەپكۇرىسىدىن ئالغانلىقىنى دادىللىق بىلەن سۆزلەشكە جۈرئەت قىلغان مايىك پومپېئونىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي ھاياتىدا يەنە قانداق بۇرۇلۇشلارنى يارىتىشى، نۆۋەتتىكى تۇتۇم – مەۋقەسىدە قانچىلىك مەزمۇت تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقى، قايتا مەنسەپكە ئولتۇرغان تەقدىردە دۇنياغا لېدىرلىق قىلىش خۇسۇسىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىغا قايسى دەرىجىدە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈدىغان ياكى كىرگۈزمەيدىغانلىقى، ئىجابىي ياكى سەلبىي جەھەتتىن قانداق تەسىرلەرنى يارىتىشى بىزگە قاراڭغۇ. لېكىن، بۇ ئېھتىماللىقلارنىڭ ھېچبىرى بىزگە ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر تەۋرەنمەي داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم قاراشلىرىدىن، بولۇپمۇ بىز ھەققىمىزدىكى چۈشەنچىسىنى، بىزنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ دۇنيانىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بىر ياۋۇز كۈچنى كۈتىۋېلىشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا قىزىل چىراغ يېقىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن، بىز ئارقىلىق دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇش يولىدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەھنىلەردىكى ئىش - پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.
پومپېئونىڭ نېمە ئۈچۈن شى قانخورنىڭ ۋە نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىققەت نىشانى بولغانلىقى، پومپېئونى ئوچۇقتىن ئوچۇق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ بىزنىڭ تىللىقلارغا بىزنىڭ تىلىمىز بىلەن تىللاتقۇزغانلىقىنىڭ ھېكمەت سىرى مېنىڭچە تېخى بىزدە كەڭ مۇھاكىمە قىلىنغىنى يوق. چۈنكى مەلۇم بولغاندەك، پومپېئونى تىللىتىش، ئۇنىڭ ئىددىئالىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش، پىپەن قىلىش دولقۇنلىرى ئۇنىڭ رەسمىي دۆلەت ئەربابى نامىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دىياگنوزىنى قويۇشتىن بۇرۇنلا باشلانغان. نېمە ئۈچۈن خىتاينى پومپېئو چىچاڭشىتالىدى؟ ئۇنىڭ قايسى تەبىرى، قايسى سۆزى، قايسى دىياگنوزى خىتاينىڭ بۇنچە نەپرىتىنى قوزغىۋەتتى. مەنچە بۇ تا ھازىرغا قەدەر يېپىق قازان بولۇپ كەلگەن، نە زىيالىيلار قەلىمىدىن، نە سىياسىيلىرىمىز تەرىپىدىن يورۇتۇلۇشقا مۇشەررەپ بولماي كەلگەن تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ ھەقتە مەخسۇس توختىلىش ئۇزۇندىن پىلانىمدا بولسىمۇ، پومپىئو تېمىسى بىر تۈرلۈك ئېچىلىش پۇرسىتى بولۇپ بولالمىدى. بۇ نۆۋەت سەھىپىمىز بۇ خۇسۇسقا دەسلەپ قىلىش يۈزىسىدىن مايىك پومپېئونىڭ تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى لېكسىيەسىنىڭ بىزگە مۇناسىۋەتلىك ۋە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان بەزى بۆلەكلىرىنى ئورتاقلاشماقچى. لېكسىيەدىكى خۇسۇسلار پومپېئونىڭ بىر ۋەتەنپەرۋەر سىياسەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمىنى چاقىرىق قىلىدىغانلىقى، بىر دىندار ۋەتەنپەرۋەر بولۇش سۈپىتىدە ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ كېلەچەك تەقدىرى خۇسۇسىدا قانداق تونۇشتا ۋە قانداق كۆز قاراشتا ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان بولۇپ، بۇلار ئىچىدە بىزنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئېيتقان خۇسۇسلار دىققەتكە سازاۋەر! ئىختىيار قىلغانلار بېرىلگەن ئۇلىنىشتىن لېكسىيەنى تولۇق كۆرۈپ چىقسىمۇ بولىدۇ.
ئۇشبۇ لېكسىيەنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرگە سوئالىمىز بۇندىن ئىلگىرىكى مەلۇم بىر ماقالىمىزدە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك: ئىبرەت ئالامدۇق، ياكى ئىبرەتى ئالەمگە ئايلىنىشنى داۋام قىلامدۇق؟ قوپالراق تەبىر بىلەن ئېيتساق، بىز يەنە نېمىنى ساقلاۋاتىمىز؟ ئىبرەت ئېلىشنىمۇ؟ ياكى ئىبرەتكە ئايلىنىشنىمۇ؟ ۋەياكى بىر پۈتۈن سازايى ئالەم ھالىتىمىز بىلەن تارىخقا پۈتۈلۈشنىمۇ؟
................................................................
ياۋۇزلۇقنىڭ تەڭداشسىز ئۆرنىكى
لېكسىيە بەرگۈچى: سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېئو
تەرجىمىدە: بۇرھان مۇھەممەد
بۈگۈن بۇ يەردە تەڭرىگە ئىشىنىدىغان مۇشۇنداق چوڭ تىپتا كۆپچىلىكنى كۆرۈپ ئولتۇرغىنىم مەن ئۈچۈن تولىمۇ مەنىدار. مانا بۇ مەن بىلگەن، مەن ياخشى كۆرگەن ئامرىكا. بۈگۈن مەن سىلەرگە ئەتىگەن «ئۇ بۇنىڭغا ئەرزىيدۇ»، «ئەرزىيدۇ»، دەپ ئوقۇلغان دېكلاماتسىيەگە چۈشىدىغان، يەنى ھەممىمىزنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرستىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بىر خۇسۇسنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. گەپنى بۇندىن تەخمىنەن ئۈچ يىل ئاۋۋالدىن باشلىشىمغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ چاغلاردا مەن مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىدىم. ئۇ كۈنى كېچە بۇيى ئۇچتۇق. ئۇ ۋاقىتلاردا مەن يەنە ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىپلۇمات ئىدىم. ئايرۇپىلاندىن چۈشۈشۈمگە، پەستە مېنى ساقلاپ تۇرغان ئەتىرەت ئەزالىرىدىن بىرى ئالدىمغا كېلىپ مېنى كۈتىۋالدى ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشۈم بىلەن قولۇمغا ئالىقانچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر ئىنجىلنى تۇتقۇزۇپ قويدى. مەن بۇ كۈتۈۋالغۇچىنى تونۇمايتتىم ۋە ھازىرغىچە ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. كېيىن مەن ماشىنامغا ئولتۇرۇپ يولنى داۋام قىلدىم. مەن بارغان ئۇ جاي دۇنيادىكى مۇرەككەپ بىر جاي ئىدى. قولۇمدىكى ئىنجىل بەكلا ئۇپرىغان، كونىراپ كەتكەن بولۇپ، كىتاب ئارىلىقىغا ماڭا ئاتاپ مۇنداق بىر سۆز يېزىلغانىدى: ھۆرمەتلىك باشلىق، سىز ماڭا ۋە دۇنياغا يول كۆرسەتكۈچى نۇر بولدىڭىز. تەڭرىم سىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!
كېيىن بىلسەم، ئۇ كىشى ئەسلىدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئادىمى ئىكەن. مانا كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ تەشكىلاتىنى ئۆزۈمنىڭ باشقۇرۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىلەر. ئەمما مەن ئۇ كېچە شۇنى تونۇپ يەتكەنىدىم: مەن ھېچ بولمىسا ئاشۇ پەيتلىرىمدە بىر كىشىنىڭ بولسىمۇ ھاياتىنى بۈگۈن ئەتىگەن بۇ يەرگە ئىبادەت قىلىش ۋە ئىمانلىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە يېقىنلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىپتىمەن.
ئەلۋەتتە، مېنىڭ بۇلارنى دېيىشىم قانداقتۇر ئالدىڭلاردا پەخىرلىنىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس. بۇلارنى تىلغا ئېلىشىم، ھەممىمىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنى ئەسلىتىش، خالاس! دېمەكچى بولغىنىم، مەيلى قەيەرگە بارمايلى، بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەجبۇرىيىتىمىز يورۇقلۇق تارقىتىش، ئاممىۋى، ئىجتىمائىي سەھنىلەردە ئىمانىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىش بولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇ ھەقىقەتەن زۆرۈر بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى.
شۇنى سەمىمىيەت بىلەن ئېيتايكى، كۈنىمىزدە ئاممىۋى سەھنىلەردە ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىش مەسىلىسى پەقەتلا قانۇنغا ئۇيغۇن بىر ئىشتەك قارىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش ئەمەس، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە مەجبۇرىيەت ئىشىدۇر. بۇ بىر كۈچەيتىش مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى ھەربىرىمىزدىن ئەقەللىي كۈتۈلۈۋاتقان تەلەپ بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك كىرىزىسلىق ۋاقىتلاردا شۇنداق…
ئاممىۋى سەھنىلەردە ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىش مەسىلىسى نورمال بىر مەسىلە سۈپىتىدە قارالماسلىقى، زۆرۈرىيەت مەسىلىسى قاتارىدا قارالمىقى لازىم. مەيلى قەيەردە بولايلى، كىشىلىك ھاياتىمىزدا، ئىجتىمائىي سەھنىلەردە، ئۆيىمىزدە، سىرتلاردا، ئىش ئورۇنلىرىدا ۋە ھەربىر ئىش - پائالىيەتلىرىمىزدە، ئىمكانىيىتىمىز يەتكەنچە ئىمانىمىزنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە مۇھاپىزەت قىلىش ھەربىرىمىزنىڭ، جۈملىدىن بۈگۈنكى مۇشۇ سورۇندىكىلەرنىڭ، ھەمدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋاسىتىسى بىلەن بۇ يىغىلىشنىڭ نەقمەيدان تاماشىبىنى بولۇۋاتقان ھەربىر كىشىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى.
قارىسام بۈگۈن يېڭىدىن ئىمان ئېيتقان ئۈچ كىشىنى كۈتۈۋېلىپسىلەر، دېمەك بۇلارمۇ قەيەرگە بارمىسۇن، يورۇقلۇق تارقىتىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتنى، ئىمانغا چاقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئورۇندايدۇ، دېگەن گەپ. بۇمۇ بىر ياخشى ئەھۋال.
مەن ھازىر ئادەتتىكىدەكلا بۇرۇنقى تېكساستا سۆزلەپ تۇرۇپتىمەن. بىلىمەن، ئارىمىزدا تېكساسنى تېخىچە ئايرىم دۆلەت دەپ ئويلايدىغانلار بار (چاقچاق). لېكىن رېئاللىق ئۇنداق ئەمەس. ھەتتا خىزمەت گۇرۇپپامدىكىلەرمۇ ماڭا تېكساسنىڭ يېڭى دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇشىدۇ (ھەممە كۈلۈپ كېتىشىدۇ). ئەمما مەن، ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى بىر دىپلومات بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىشەنچ قىلالايمەنكى، ئامرىكا خەلقىنىڭ مەن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقان گۇرۇپپا ئەزالىرىمنىڭ ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيا بويلاپ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىشى زۆرۈر بولۇپ قالدى.
شۇ تاپ مەن بۇ يەرگە جەم بولۇشىمىزنىڭ، بولۇپمۇ دوست – بۇرادەرلىرىمىز ۋە قەۋم – قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئەركىن – ئازادە ئىبادەت قىلىش ۋە تەڭرىنى سۆيۈش پۇرسىتىمىز بولغانلىقىنىڭ ئۆزىنى بىر نېمەت دەپ قارايمەن. بۇ مەنىدىن بىز مۇشۇنداق بىر ئۇلۇسنى قۇرۇپ چىققان دۆلەت ئاتىلىرىمىزغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. شۈكرىكى، ئۇلار بىزگە مانا مۇشۇنداق تەڭدىشى يوق بىر ماكاننى قۇرۇپ بەردى. ھەر قېتىم دۇنيانى كەزگىنىمدە، ھەركۈنى دېگۈدەك بۇ ماكاننىڭ ئۆزگىچە خاسلىقلىرىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرىمەن.
ئەنە شۇ دۆلەت ئاتىلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا ئامېرىكىنى يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنى پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنىڭ پەرقىدە ئىدى. ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر ئۇلۇس بەرپا قىلىش ئۈچۈن كوللېكتىپ روھقا قانداق قىلىپ ئىماننى جايلاشتۇرۇشنى بىلگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇلار بارچە ئىنسانلارنىڭ تەڭرىنىڭ سۈرىتى ئاساسىغا يارالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شەرەپ - ئىززەتكە لايىقلىقىنى، قانۇن – دەستۇرلىرىمىزنىڭ قانداقتۇر بىرەر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئۈندۈرۈلگەن بولماستىن، بەلكى ئۇلۇغ تەڭرى تەرپىدىن مەنبەلەنگەنلىكىنى بىلەتتى.
ئۇلار يەنە تەڭرىنىڭ بىر قاتار ئەخلاقىي مىزانلارنى بېكىتكەنلىكىنى بىلەتتى. بىز ياشاۋاتقان بۇ خىل ياشاش تەرزىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا نىزام ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىگلىك ئىدى. بۇنى ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا بايان قىلغۇچىلاردىن بىرى جورج ۋاشىڭگىتون بولۇپ، ئۇ شۇنداق دېگەنىدى: «دىن ۋە ئەخلاق سىياسىي ئۇيغارلىققا باشلاپ ماڭغۇچى بارچە يۆنىلىشلەر، ئەنئەنىلەر ئارىسىدا ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان مۇھىم ئاساسىي تايانچلاردۇر».
ئۇلار يەنە ئىنساننىڭ ئىززەت – شەرىپىنى قوغداش مەسىلىسىنى ئاساسىي قانۇن - دەستۇرلىرىمىزغا كىرگۈزگەن. بىز بۇلارنى ھېچقاچان نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.
ئەمەلىيەتتىمۇ بىز بۇلارنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ بۇ نۆۋەت بۇ ۋىرۇسقا، يەنى خىتايدىن كەلگەن بۇ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشتا دۇنياغا رەھبەرلىك قىلدۇق. بىز يەنە نۇرغۇن ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە تېخنىكىلىك ياردەملەرنى تەقدىم قىلدۇق ۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز.
يېقىندا مەن سۇرىنام، گايانا قاتارلىق دۆلەتلەرگە باردىم. ۋېنېزىئۇلا ۋە برازىلىيە ئوتتۇرسىدىكى ھۇدۇدلارغا جايلاشقان رايونلارنى كەزدىم. ئۇ يەرلەردە مەن بادۇرونىڭ شەپقەتسىز رېجىمىدىن قېچىپ كەلگەن، بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن بىر توغرام نانغا، بىر يۇتۇم سۇغا زار ئۆتۈۋاتقان كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارنى ئۇچراتتىم.
ئارىدا مېنىڭمۇ بىرقانچە كۆچمەن بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇ يەردە مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆز كۈچىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىغا، ئىجتىمائىي سەھنىلەردە، ئاشۇ قىيىن ۋەزىيەتتە قالغان كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ كاتتا ئالىيجانابلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى.
توغرا، ھازىر دۆلىتىمىزدە سىزنىڭ ھەرقانداق بىر دىنغا ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكىڭىز بار. ئۇلۇسىمىزمۇ رەسمىي يوسۇندا بىرەر دىننى مەجبۇرلاپ تاڭمايدۇ. دۆلەتنىڭ قۇرغۇچى ئاتىلىرى ئويلاشقىنىدەك بۇمۇ توغرا. ئەمما بىز ئىمان يوقىتىلىش ئوبېيىكتى بولغان چاغدا، بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان مەنزىرىلەردىن دەرس چىقىرىشنى بىلىشىمىز كېرەك. قانداق قىلىش كېرەكلىكىنىڭ جاۋابىمۇ بىزگە مەلۇم.
يۇقىرىدا مېنىڭ ئۇزۇن يىللار شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە ھۇدۇدلىرىدا ياش ئوفىتسېر جەڭچى بولۇپ ئىشلىگەنلىكىم تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلدى. مەن چېگرادىكى چاغلىرىمدا كوممۇنىست ساقچى دۆلىتى بولمىش شەرقىي گىرمانىيەنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭ چىرايىدىكى قورقۇش ۋە سولغۇنلۇقلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنىدىم. بىز دۇنيا تارىخىنى، جۈملىدىن مىلىيونلاپ ئىنسانلارنى قىرغان خۇداسىز گېتلىرنى ۋە خىتاي پىرىزېنتى ماۋزىدۇڭنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىمۇ ھەم شۇنداق. كۈنىمىزدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رېجىمىدەك ئىنسانلىقنىڭ شەرەپ – ئىززىتىگە قارشى ۋەيران قىلغۇچ جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋاتقان باشقا ئىككىنچى بىر رېجىم تېپىلمايدۇ.
سىلەرگە ئېيتسام، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كەتمەيدىغان، خىتاينىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان «شىنجاڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر جاي بار. ئۇ يەردە مىلىيونلىغان خەلق ئەقەللىي كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان ھالدا جازا لاگېرلىرىغا سولانماقتا. ئۇلار لاگېرلارغا سولىنىپلا قالماي، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلىدۇ، قورساقتىكى بالىلىرى مەجبۇرىي قىرقىپ چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ. مانا بۇلار خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلىۋاتقان ۋە ئەسىرلەر ما بەينىدە بىرەر مەدەنىيەتتە سادىر بولۇپ باقمىغان ياۋۇزلۇقلاردىن پەقەت بىر قىسىملىرى. مەن بۇ ياۋۇزلۇقلارنى مۇشۇ ئەسىرنىڭ يۈزىگە سۇۋالغان نۇمۇسلۇق قارا داغ دەپ قارايمەن. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىلىۋاتقان بۇ ھۇجۇملىرى ئەمەلىيەتتە ئىمانغا قارشى ئېچىلغان ئۇرۇشنىڭ بىر تۈرى. ئۇلار ئىماننى ئاممىۋى سەھنىلەردىن تەلتۈكۈس سۈپۈرۈپ تاشلىۋەتمەكچى.
مېنىڭ خىتاي بىلەن چېگىرداش بەزى دۆلەتلەرگە بېرىش پۇرسىتىم بولدى. ئۇ يەردە مەن جازا لاگېرلىرىغا تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئۇچراشتىم. بىر ئايال ماڭا ئايرىم خەت يېزىپ «بۇنى پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىشىڭلارنى ئۆتىنىمەن» دەپتۇ. سىلەرگە مەن خەتنىڭ بەزى يەرلىرىنى ئوقۇپ بېرەي: «ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم، ھەدە – سىڭىللىرىم، ھەممىڭلاردىن ماڭا ۋە ئائىلەمگە دۇئا قىلىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن. ئېرىمنىڭ <شىنجاڭ> دا تۇتقۇن قىلىنغىنىغا ئالتە ئايدىن ئاشتى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تۈرمىدىن ماڭا تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىقىنى ئېيتاتتى ۋە مېنى خاتىرجەم قىلىشقا تىرىشاتتى. ئەمما ھازىر مەندىكى بىردىنبىر چارە ئاللاھقا دۇئا قىلىش بولۇپ قالدى. ئېرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرسىكەن، دەپ ھەر كۈنى دۇئا قىلىپ ئۆتۈۋاتىمەن».
مانا بۇلار ئاممىۋى ساھەلەردە، ئامرىكىدا ۋە پائالىيەت دائىرىمىزدىكى ھەممە جايدا بىزدىن ئىماننى مۇھاپىزەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتقان جىددىي كىرىزىسلار. بىز خىرىستىيان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى قىلىشقا مۇكەللەپمىز. بۇ يەنە ئامرىكىلىقلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن زىممىمىزغا چۈشكەن مەسئۇلىيەت.
ھازىر سىلەردىن كۈتۈلۈۋاتقان بىرىنچى ئىش ماڭا خەت يازغان بۇ ئايالغا دۇئا قىلىشنى مۇشۇ يەردە ئۇرۇنداش، ھەر ھەپتىدە ۋە ھەر كۈنى بۇنى داۋاملاشتۇرۇش، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىنسانىي قېرىندىشىڭلارغا، ھەدە – سىڭىللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭمۇ ھامان بىر كۈنى بىز بەھىرلىنىپ ياشاۋاتقان ئەركىنلىكىلەردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، شۇنچە ئېغىر سىناقلاردا تۇرۇپمۇ ئىمان - ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرالىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بولۇپ تۇرۇپتۇ....
...................................................
لېكسىيەنىڭ تولۇقى بۇ يەردە:
مەنبە: «ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان» سەھىپىسى
Yorumlar
Yorum Gönder