ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (2)
ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ (2)
‐ مۇجمەل تالىپچاقنىڭ مۇجمەل بايانىنى كۆرگەندىن كېيىن ‐
3. سىياسىي كاززاپلىق، خاتا ئىزاھات ۋە ئازغۇن پەتىۋا
دەۋەتچىلىك ساھەسى دۇرۇسلۇقنى، ساپانى، ئاڭلىقلىقنى، سەزگۈرلۈكنى، شۇنداقلا دادىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ساھە. قورقاق، ھىيلىگەرلىك، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، شامالغا بېقىپ ئۇسۇل ئوينايدىغان لىڭ تاسمىلىق ساھەنىڭ يېرى ئەمەس. بولۇپمۇ، كاززاپلىقنىڭ ئورنى تېخىمۇ ئەمەس. ئەپسۇسكى، دىن دەۋىتى قالپىقىنى كىيىپ يۈرگەن مەزكۇر تالىپچىقىمىزدا دەۋەتچىدە تېپىلىدىغان خاسلىقلاردىن بەكرەك، دەۋەتچىدە كۆرۈلسە بولمايدىغان، پاش بولۇپ قېلىنىشى بىلەن تەڭ بايقۇت قىلىنىشى كېرەك بولىدىغان سۈپەتلەر مەۋسۇمدە بىر دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئاتالمىش دەۋەتچىمىزنىڭ كۆرۈرۈمەنلىرى راسا كۆپىيىۋاتقان شۇ مەزگىللەردىن بىرىدە سىتودىيەسىگە فىلىم ۋە پىروگرامما ئىشلەش جەھەتتىن ئۆزىدىنمۇ كەسپىي بولغان مەسلەك ئەھلى كېلىدۇ ۋە بىرلىكتە ئىشلەش تەكلىپى بېرىدۇ. ئەمما ئۆزىنى دىننىڭ دەۋەتچىسى دەپ يۈرگەن بۇ تالىپچاق ئۆزىنى سىياسىيغا ئارىلاشمايدىغانلىق، سىياسىيغا يېقىن يولىمايدىغانلىقىنى پەش قىلىپ مىللەت ۋە ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەكلىپى بىلەن كەلگەن كىشىنى رەت قىلىپ يولغا سالىدۇ. دىققەت تارتىدىغان يېرى شۇكى، رەت قىلىشنىڭ باھانىسى قارشى تەرەپ بىلەن خۇشى يوقلۇقى ياكى قولىدىن كەلمەيدىغانلىقى ئەمەس. بەلكى قولىدىن كېلىدىغان بىر ئىشنىڭ، ھەمكارلىشىش ئىمكانىيىتى بار بىر ئىشنىڭ سىياسىي بولغانلىقى. مانا بۇ تالىپچىقىمىزنىڭ، يەنى سېكولارىزمنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ئەيىبلەپ ھارمىغان، دىن ۋە سىياسەتنى ئايرىش تەرەپدارلىقىنى تەنقىدلەپ، دىندىن، ئايەت – ھەدىستىن نەقىل سۆزلەپ قۇيۇن چىقىرىپ تۇرالمىغان «دەۋەتچى»مىزنىڭ تۇتۇمى. ئەمما كۆرۈمىزكى، سىياسىيغا ئۆزىنىڭ دىنىيلىق يولىنى ئارىلاشتۇرمايدىغان بۇ تالىپچاق، يەنە تۇيۇقسىز كامېرا ئالدىدا، نامايىش مەيدانلىرىدا پەيدا بولۇپ، دەۋا سۇيۇقلاندۇرۇش تىپىدىكى «ئائىلەم نەدە» ھەرىكىتىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. «بەرمەيمەن دەپ، دۆڭگە چىقىپ بېرىپتۇ»، دېگەندەك، خىتاي كونسۇلى ئالدىدا نامايىش قىلىشتەك بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ سىياسىي تۈس ئالماسلىقى ئۈچۈن تالىپچىقىمىزنىڭ بازارغا سالمىغان دىنىي دەۋەتچى قالپىقى، ئۇنۋانى قالمايدۇ. بىرقانچە يىللىق ئېكەك سېلىپ بىلەپ ھازىرلانغان دىنىي نوپۇزىنىڭ كۈچىنى سىناپ كۆرۈش تىپىدىكى بۇ ئۇرۇنۇشى ئاتالمىش دەۋەتچىمىزنىڭ نامايىش مەيدانىغا بارغۇچە بايراق چىقارماسلىق نەسىھىتىنى قوڭىنىڭ قىرىغا ئالمىغان ھالدا كەڭ لەپىلدىتىشى بىلەن ئاقمىغانلىقى بىلىنىدۇ. سىياسىي خاراكتېرى بار بىر ھەرىكەتنى سىياسىيلىقتىن يالىڭاچلاپ كۆرسىتىشتەك سۇيىئىستېمالچىلىقنىڭ ئاقمىغانلىقىنى كۆرگەن «دەۋەتچى»مىز نومۇس قىلماستىن يەنە نامايىش مەيدانىغا چىقىپ بايراق كۆتۈرۈپ چىققان خەلققە گەجگىسىنى قىلىپ تۇرۇپ يەنە بايراق چىقارماسلىققا نەسىھەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ ھارمايدۇ. ھالبۇكى بايراق كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلارمۇ، نامايىشنى نامايىشتەك قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئاۋاممۇ دەۋەتچىمىزنىڭ دۈمبىسىدىن 20-30 مېتىر يىراقلىقىغا ئۇدۇل كېلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ. بايراقنى كۆتۈرۈۋاتقانمۇ، ئائىلە دەۋاسى قىلىۋاتقان خەلقمۇ ئاشۇ مەيداندا. ئەمما دەۋەتچىمىز مەيداندا كامېراغا، سايىسى بولمىغان كۆرۈرمەنلەرگە قاراپ قايناپ كېتىدۇ. ئەجەبا بۇ نېمىنىڭ دەۋەتچىلىكى؟ ئەجەبا بايراق كۆتۈرمەي دەۋا قىلسا بەكرەك ئاقىدىغانلىققا دائىر بىرەر ئاپپاراتتىن «ۋەھىي» ياكى بېشارەت كەلدىمۇ، ياكى بۇ چاقىرىق بىر ياقتىن بايراقلىق نامايىش قىلىنىۋاتسا، بايراق بىلەن خەلقنىڭ ئىشى يوقلۇقىنى، بايراق كۆتۈرۈپ سىياسىي دەۋا قىلىدىغانلار بىلەن ئەسلىدە نورمال خەلقنىڭ ھېچ ئىشى يوقلۇقىنى مەيدانغا چىقىپ كۆرسىتىپ بېرىشكە سەپەرۋەرلىك قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش كېرەك بولۇپ قالغانلىقتىنمۇ؟
سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە دىققىتىگە چۈشۈپ كېلىۋاتقان مەزكۇر تالىپچاق زامان – زامان دىنىي ئەھكام ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك ئازغۇن قاراشلارنىمۇ گەپ ئارىلىقىغا بىلىنەر - بىلىنمەس تەرىقىدە قىستۇرۇپ دەۋېتىۋېرىدىغان، ئاۋازسىز ئەمما ھىدى بەتبۇي كېلىدىغان ھېلىقىدەك يەل قويۇۋېتىش ئۇسۇلى بويىچە پۇسسۇڭڭىدە دەپ تاشلايدىغان، دەرھال سېسىق ھىدى چىقىپ يەلنىڭ مەنبەسى سۈرۈشتۈرۈلۈپ تەنقىدلىنىشكە باشلىغاندا شاققىدە چىقىرىپ بولغان ۋىدىيوسىنى تەھرىرلەپ، كېسىپ ئۇلاپ، قايتىدىن سۈرەتكە ئالىدىغان جايلىرى بولسا زاماسكىسىنى تولۇقلايدىغان قىلىقلارنىمۇ قىلىپ تۇردى.
ئەمدىلىكتە مەزكۇر تالىپچىقىمىز سۈپەتسىز يۇتۇبىرچىلىقنىڭ تىپىك شالغۇت خاراكتېرىنى نامايىش قىلىپ دەۋەتچى قالپىقى ئاستىدا دىننىڭ تەتقىقات ساھەسىدىن، پىكرىي، ئەقىدىۋى ساھەسىغىچە، ئەخلاق ۋە شەرئىي مەسىلىلىرىغىچە، سىياسەتتىن ئىسلام تارىخىغىچە ھەممە ئېرىققا پۇت سېلىپ باقىدىغان، بۇرنىنى تىقىپ باقىدىغان، ئىجتىمائىي تارماق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا قايسى خىل تېخنىكىلىق يۆنىلىشتە دىن توغرۇلۇق گەپ سېتىش مودا بولسا، قايسىسىنىڭ رەيتىڭ بازىرى مودا بولسا شۇنىڭ سۈپەتسىز نەشرىنى ئىجاد قىلىپ، پەرقلىق موللا كۆرۈنۈش ھەۋىسىنى بازارغا سېلىپ ئۈلگۈردى. ئەلۋەتتە بۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن ئارسىزلارچە ھەدسىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا كۆرۈرمەندىن بەكرەك، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ مەيداندا كۆرۈلمەسلىكى، دىنىي ساھەنىڭ شالغۇتلىشىشىغا، پۇچەكلىشىشىگە قارىتا ھەرقاچان سەگەك تۇرۇش، ئىلمىي نوپۇزى ۋە سالاھىيىتى بىلەن سالاھىيەتسىز تىپلارنى ۋاقتى - ۋاقتىدا ئىلمىي تەنقىدلىرى بىلەن پاش قىلىپ، سازلاپ تۇرماسلىقى قاتارلىقلارنىڭمۇ بەلگىلىك ھەسسىسى بولدى، دېسەك ئارتۇق بولمايدۇ. شۇنداقلا ساھەدە كامېرا يۈزىگە چىقىۋالغان بىر تالاي يالاڭتۆشلەرنىڭ موللا ئاتىقىنى كىيىۋېلىپ سۈپەتسىز ۋەز – تەبلىغلەر بىلەن دىنىي مەرىپەتچىلىكنى بۇلغاپ ئوينىشى، ئۇنى نوپۇز ۋە نام – ئاتاقپەرەسچىلىكنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋېلىشى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەزكۇر يۇتۇبىرچى تالىپچىقىمىزدىنمۇ بەرباتراق تەلەتى بىلەن دىنىي ساھەنى خۇنۈكلەشتۈرۈشلىرىمۇ «تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ بولۇر» تەمسىلىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشىغا، تالىپچىقىمىزدەك ماكاكاچە دىنىي ساھەنى مالىمان قىلىش ۋە شاختىن شاخقا قونۇپ ساھەنى بۇلغاشقا ئورۇن ھازىرلىدى، دېسەك خاتا بولمايدۇ. شۇنداق قىلىپ پىكسەل (سۈزۈكلۈك) دەرىجىسى يۇقىرى، كىرىشتۈرۈش ۋە تەھرىرلەش سۈپىتىگە بىر قەدەر ھۈنەر ئارىلاشقان تېشى پال – پال ئىچى غال - غال ۋىدىيو ئىشلەپ يۇتۇبىرچىلىق قىلىش سايىسىدە نۆۋەتتىكىدەك ئون راست ئارىسىغا بىر ساختىنى ئارىلاشتۇرۇپ مىللەتكە يۇتقۇزۇش تاكتىكىسىنى ئېلىپ بېرىشمۇ، بىر سەپسەتەنى بازارغا سېلىۋېلىش ئۈچۈن ئون ھەقىقەتنى قوراللاندۇرۇشتەك دىن تاپاۋەتچىلىكىمۇ ئاتالمىش «دىنغا خىزمەت قىلىۋاتقانلىق»، «دىنىي ساھەدە ئىش قىلىۋاتقانلىق»نىڭ بىر ۋارىيانتىغا ئايلىنىپ قالماقتا.
سىياسىيغا ئارىلاشمايمەن، ئىددىئاسى بىلەن ئۆزىنى نىقابلاپ تۇرۇپ، سىياسىي ھەرىكەتلەرنى سىياسىيسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئىمزا قويغان مەزكۇر تالىپچىقىمىز، يەنە كېلىپ مىللەتنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى تىپىك سىياسىي كىملىكىنى يوشۇرمىغان ئاساستا دادىل سوراقلاش خاراكتېرىدىكى نامايىشقا بايراق كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان خەلقنى بايراقسىزلىشىشقا دەۋەت قىلغان، يەنى ئاتالمىش دىنىي دەۋەتچىلىك نوپۇزىنى مىللىي بايراقنىڭ كۆتۈرۈلمەسلىكىگە، خەلق ھەرىكەتلىرىدە بايراق كۆتۈرۈپ چىقماسلىقنى سىياسىيسىزلىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان، خۇددى مۇستەملىكىچى ئالدىغا مىللىي بايرىقىنى تەرك قىلىپ چىققانلىق ئۇنىڭ نەزىرىدە سىياسىي ھەرىكەت سانالمايدىغاندەك كۆرسىتىشكە پايپېتەك بولۇپ كەتكەن بۇ تالىپچىقىمىز زاكات ھەققىدىكى ئاتالمىش تەپسىلىي بايان ۋىدىيوسىدا، خۇددى ئاخىرەت ئەقىدىسى مەسىلىسىدە «جەننەتكە جىسمىمىز كىرمەيدۇ، روھىمىز كىرىدۇ» دېگەن ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسىگە زىت ئېتىقادنى قانداق ئۇستىلىق بىلەن گەپ ئارىلىقىغا تىقىپ يەرلەشتۈرگەن بولسا، زاكات مەسىلىسىدىمۇ «دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولمايدۇ» ناملىق باتىل پەتىۋاسىنىمۇ يەرلەشتۈرۈپ ئۈلگۈرىدۇ. شۇنداقلا ئىسلامدىكى شەرئىي سىياسەت كاتېگورىيەسىگە چېتىشلىق بولغان «كۆڭۈل مايىل قىلىنغۇچىلار» ۋە «ئاللاھنىڭ يولى» دېگەن ئىككى مۇھىم بۆلەكنى يېرىم يارتا ۋە تومتاق ئىپادىلەر بىلەن، ھەمدە زاكاتتىن نېسىۋېلىنىشتە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغان تەرىقىدە تىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. توغرىسى مەزكۇر ئىككى نۇقتىنى، يەنى زاكاتنىڭ سىياسىي ساھەلەرگە چېتىلىدىغان مەزكۇر ئىككى قىسمىنى خۇددى بايراق ۋە سىياسىي ھەرىكەتكە دائىر ئىشلاردا قانداق توخۇ پوقىلارچە مەۋقە تۇتۇشنى ئۆزىگە يول قىلىپ تاللىغان بولسا، ئەينەن شۇ ھالىتى بويىچە پېتىنى بۇزماستىن پېتىقلاش ۋە سىياسىي مەزمۇننى ئىنتايىن مۇجمەل، ئۆلچەمسىز، خاتا ۋە تېتىقسىز بىر شەكىلدە بايان قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشتە ئۇستىلىق ئىشلىتىشتىن ئايانمايدۇ. نەتىجىدە سىياسىيدىن نېرى تۇرىدىغانلىقىنى بازارغا سېلىپ تۇرۇپ سىياسىيغا دائىر مەسىلىلەرگە بۇرۇن تىقىدۇ ۋە ساھەنى بۇلغاشتەك سىياسىي كاززاپلىق، مۇجمەل ۋە تۇتۇرۇقسىز ئىزاھات ئارقىلىق ئايەتنىڭ ھەقىقىي مەزمۇنى ۋە روھىدىن ئومۇمنى خەۋەردار قىلماسلىق، شۇنداقلا پەتىۋا پىچىشقا قىلچە سالاھىيەت ۋە ئىلمىي ساپا يوق تۇرۇپ ئاغزىغا كەلگەنچە پەتىۋا بېرىشتەك بىلجىرلاشلار كەڭ بازارغا سېلىنىدۇ.
مەسىلەن، ئاتالمىش دەۋەتچىمىز زاكات ئېلىشقا ھەقلىق بولغان سەككىز تۈر ئارىسىدىكى «كۆڭلى مايىل قىلىنغۇچىلار» كاتېگورىيەسىنى شۇنداق ئىزاھلايدۇ: «المؤلفة قلوبهم، يەنى تۆتىنچىسى قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر، يەنى باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىپ، ياكى ئۇلارنىڭ بەزى چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىپ، ئىسلامنىڭكى بىر ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر. بۇنداق كىشىلەرگىمۇ زاكات بەرسەك بولىدۇ. يەنە بىر تۈرى بار كۆڭۈلنى مايىل قىلىشنىڭكى. زاكات بەرسەك ئىسلامغا زىيان سالمايدىغان، پۇل بەرمىسەك ئىسلامغا زىيان سېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار، بۇنداق بوپ قالسا، بۇمۇ «المؤلفة قلوبهم تۈرىگە كىرىدۇ. بۇلارغىمۇ زاكات بەرسەك بولىدۇ. ئىككىلىسى (يەنى مەزكۇر ئىككى تۈر ئايەتتىكى) المؤلفة قلوبهم تۈرىگە كىرىدۇ». [ۋىدىيونىڭ 12 مىنۇت 13 سېكۇنتلۇق يېرىدىن 47 سېكۇنتلۇق يېرىگىچە].»
توۋا خۇدا! ئەجەبا بۇ قەيەرچە ئىزاھات، قەيەرچە چۈشەندۈرۈش بولدى؟! بۇنچە تاققا - تۇققىلىق ئىبارە ئىشلىتىش ئورنىغا، مەزكۇر كاتېگورىيە چۈشەندۈرۈلگەن مەزمۇننى بىرەر فىقھىيغا ئائىت كىتابتىن كۆچۈرۈپ يادلاپ بولسىمۇ سۆزلەپ بەرسە تېخىمۇ ئوڭ بولماسمىدى؟! ئەمەلىيەتتە، ئايەتتىكى «كۆڭلى مايىل قىلىنغۇچىلار» ۋىدىيودىكىدەك ئۇنداق تومتاق، قاراتمىلىقى گۇڭگا ۋە مۇجمەل شەكىلدە ئىپادىلەنسە بولۇۋېرىدىغان، گويا زاكاتنى ئىسلامنى تىللايدىغانلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان خۇشامەتچىلىك تاكتىكىسىدەك چۈشىنىلىشكە كەڭرى يول ئاچىدىغان يوسۇندا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتسە، بولۇپمۇ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھەممىگە ئايان ساختا ۋە يىرگىنىشلىك سىياسىي پىروپاگاندالىرىدىن بىرى بولغان «پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش» سەپسەتەسىنى ئەسكە سالىدىغان ئىبارىلەر بىلەن شەرھلەنسە، بولۇپمۇ كونكرېتلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئەمەلنىڭ خاراكتېرىنى ئاتالمىش «ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش»دېگەندەك مۇجمەللىككە ياتقىن ۋە بۇرمىلىنىشقا ئوچۇق بولغان سۈپەتلەر بىلەن ئىزاھلانسا مەيلى بولىدىغان كاتېگورىيە تېخىمۇ ئەمەس.
نە سۆزنىڭ، نە ئۇقۇمنىڭ قاراتمىلىقلىرى بىلەن ئىشى بولمىغان، بىلەرمەنلەرچە ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋاتقان تالىپچىقىمىز ئايەتتىكى «المؤلفة قلوبهم»نى، يەنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر دېگەن تەرجىمىنى بەرگەندىن كېيىن، بىپەرۋا ھالدا «باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىپ، ياكى ئۇلارنىڭ بەزى چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىپ، ئىسلامنىڭكى بىر ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر. بۇنداق كىشىلەرگىمۇ زاكات بەرسەك بولىدۇ» دەپ بىلجىرلايدۇ. ھالبۇكى «المؤلفة قلوبهم»، يەنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەرگە زاكات بېرىلسە بولىدۇ، دېگەنلىكنى تالىپچىقىمىزنىڭ سۆزىدىكىدەك «باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىش، ياكى ئۇلارنىڭ بەزى چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش» ئەمەس. چۈنكى ئايەتنىڭ سەبەب نۇزۇلى ۋە قاراتمىلىقىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، كۆڭۈل مايىل قىلىنغۇچىلار مۇسۇلمان ئەمەسلەر، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمان بولمىغان تائىپىلەر، يەنى كاپىرلار ۋە شۇلار ئارىسىدىكى نوپۇز ۋە تەسىر ئىگىلىرى. شۇنداق ئىكەن، بۇنى ئىزاھلىغاندا «باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بېرىلىدىغان زاكات» تەرىقىسىدە چۈشەندۈرۈش ئايەتنى ئىزاھلاش بولماستىن تېخىمۇ تۇتۇقلاشتۇرۇش، ئېنىق كاتېگورىيەدىكى كونكرېت ئوبيېكتىنى يەنىمۇ ئوچۇقلۇققا ئىگە قىلماستىن بۇرمىلاش، مۇجمەللىكنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. يەنى زاكات دۇرۇس بولىدىغان كاتېگورىيە ئىچىدىكى «كۆڭلى ئىسلامغا مايىل قىلىنىش مەقسەت قىلىنغانلار» دىن مەقسەت ئاتالمىش «باشقىلار» بولماستىن، مۇسۇلمان جەمئىيەتتىكى كاپىرلار توپىدىكى كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قىسىم كىشىلەردۇر. ئىزاھات بۇ تەرىقىدە بولغاندا، تەبىئىي ھالدا ئاڭلىغۇچى ياكى كۆرۈرمەندە سوئال تۇغۇلۇشى، توغرىسى مەسىلىنى بايان قىلغۇچى ئۈچۈن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا چېتىشلىق ئەھكاملارنى، مەسىلەن، كاپىرغىمۇ زاكات كېلەمدۇ، «ئىسلامغا مايىل قىلىشنى مەقسەت قىلىش» دېگەن بۇ ئىش قانداق ۋەزىيەت ۋە قانداق شارائىتلاردا كۈچكە ئىگە؟ بۇ كاتېگورىيەنى ھەر شەخس ئۆزى بىلىپ ئادا قىلىۋېرىدىغان ئىشمۇ ياكى بۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلارغا باش بولغۇچى رەئىس تەرىپىدىن، ياكى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ زاكات ۋە غەنىيمەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇن ياكى ئورگان تەرىپىدىن قىلىنامدۇ، ھەر كىم كاللىسىغا كەلگەنچە مەزكۇر كاتېگورىيەدىكىلەرنى بەلگىلەپ زاكىتىنى تۇتقۇزۇپ قويسا بولىۋېرىدىغان ئىشمۇ ياكى بۇنىڭ باشقا كاتېگورىيەدىكىدىن ئادا قىلىش جەھەتتە پەرقلىق تەرەپلىرى بارمۇ، دېگەنلەر چۈشەندۈرۈلۈشى كېرەك بولاتتى. شۇنىڭدەك، مەزكۇر ئايەتنىڭ روھى بويىچە «كۆڭلى مايىل قىلىنغۇچىلارغا زاكات بېرىش» ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدىن كېيىن تەتبىقلىنىشتىن قالغانلىق ھەققىدىكى مەلۇماتلار ۋە بۇنىڭ ھېكمىتى چۈشەندۈرۈلۈشى، كۈنىمىزدە بۇ كاتېگورىيە ئەمەلىي جەھەتتىن تەتبىقلىنامدۇ يوق، تەتبىقلانسا قانداق تەتبىقلىنىدۇ، دېگەنلەرنى يېشىشى شەرت ئىدى. قىسقىسى، ئايەتتىكى «كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار» قىسمى باشقا قىسىملاردىن پەرقلىنىدىغان، مەزمۇن ۋە خاراكتېرى ئېتىبارى بىلەن كەڭرى ئىزاھلانمىغاندا، مۇجمەللىك ئۈستىگە مۇجمەللىك، ئېنىقسىزلىق ئۈستىگە ئېنىقسىزلىق كېلىپ چىقىدىغانلىقى مەلۇم. ئەڭ قىسقا ئىزاھلاپ تېزلا ئۆتۈپ كېتىشكە توغرا كەلدى دېگەندىمۇ، مەزكۇر كاتېگورىيەنى تومتاقلارچە «باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇلارغا زاكات بېرىپ، ياكى ئۇلارنىڭ بەزى چىقىملىرىنى قىلىپ بېرىش» دەپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئايەتنى ئىزاھلاش ئەمەس، بەلكى بۇرمىلاشتۇر. بىلمەي بۇرمىلىدى دېگەندىمۇ، بۇ ئەھۋال تالىپچىقىمىزنىڭ مۇپتىلىق قىلىپ پەتىۋاغا قول ئۇرۇشقا سالاھىيىتى يوق بولۇشىدىن تاشقىرى، شەرئىي ئاتالغۇلارنى، قۇرئانىي ئۇقۇملارنى، تەپسىرى ۋە مەزمۇنى قاتارلىقلارنىمۇ كىتابتىن ئوقۇپ چۈشەنگىنى بويىچە بولسىمۇ نورمال بىر ئۇيغۇرچە تىلدا چۈشەندۈرۈپ بېرىشكىمۇ يارىمايدىغان دەرىجىدە كالامپايلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتەرلىك.
تالىپچىقىمىزنىڭ يۇقىرىقى نۇقتىنى مۇجمەللەشتۈرگەندىن سىرت مەزكۇر «قەلبىنى مايىل قىلغۇچىلارنىڭ چىقىمىنى قىلىپ بېرىش»، دەپ باشلىغان سۆزىنى تېخىمۇ ئوچۇقلاشقا زورۇقۇپ «يەنى ئىسلامنىڭكى بىر ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈپ قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغان كىشىلەر. بۇنداق كىشىلەرگىمۇ زاكات بەرسەك بولىدۇ. يەنە بىر تۈرى بار كۆڭۈلنى مايىل قىلىشنىڭكى. زاكات بەرسەك ئىسلامغا زىيان سالمايدىغان، پۇل بەرمىسەك ئىسلامغا زىيان سېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار، بۇنداق بوپ قالسا، بۇمۇ «المؤلفة قلوبهم تۈرىگە كىرىدۇ. بۇلارغىمۇ زاكات بەرسەك بولىدۇ. ئىككىلىسى (يەنى مەزكۇر ئىككى تۈر ئايەتتىكى) المؤلفة قلوبهم تۈرىگە كىرىدۇ»، دەپ يۈرۈشىمۇ مەزكۇر كالامپاي ئىزاھاتنى يەنىمۇ تۇتۇقلاشتۇرىدىغان، ئايەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى چۈشىنىشنى تېخىمۇ تەسلەشتۈرىدىغان بىر ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئايەتنىڭ مۇددىئاسىنى ئازراقمۇ ئېچىپ بېرەلمىگەن، بەلكى بۇرمىلىۋەتكەن.
چۈنكى، ھېچبىر ئىسلام فىقھىسىدا، ياكى بىرەر تەپسىردە «قەلبىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەسىلىسى» بۇ تەرزدە چۈشەندۈرۈلگەن ئەمەس. ھەرقانداق بىر تەپسىر ياكى زاكات ئەھكامىغا دائىر فىقھىي ئەسەرگە قارالسا، بۇ يەردىكى كۆڭلى مايىل قىلىنغان كىشىلەردىن مەقسەتنىڭ كاپىرلار ئىكەنلىكى، غەنىيمەت ۋە توپلانغان زاكاتتىن شۇلار ئىچىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى يوقسۇل ۋە باشقا ياردەمگە ئېھتىياجلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەن تەرىقىدە ئۇلارغىمۇ توپلانغان زاكاتتىن خۇددى زاكات توپلىغۇچى خادىمغىمۇ مەلۇم ئۈلۈش ئايرىپ بەرگەندەك، ئايرىپ بېرىشكە بولىدىغانلىقى، بۇنى رەسۇلۇللاھ ئۆز زامانىسىدا بىر ھۆكۈمدار، ئىمام ياكى رەئىس سۈپىتىدە ئىسلام ھەققىدە سوئال سوراپ كەلگەن كاپىرلارنى قۇرۇق قايتۇرماستىن زاكاتتىن مەلۇم ئۈلۈش بەرگەنلىكى، ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن سۆيۈنۈپ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلىققا تونۇشى ياخشى بولۇپ، قايتىپ بارغىنىدا ئىسلام ھەققىدە ئىجابىي تونۇشقا كېلىپ ئۆزىنىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى قەۋمىگە دەپ بەرگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار بايان قىلىنىدۇ. ئۇلار ئارىسىدا بۇ خىل ئىلتىپاتتىن تەسىرلىنىپ ئىسلامغا كىرگەنلەر بولغانلىقىمۇ زىكرى قىلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ خىل ئىشنىڭ خەلىپە ئۆمەر دەۋرىدە، يەنى ئىسلامنىڭ شانۇ – شەۋكىتى ھەممىگە ئايان بولغان، كۆڭۈللەرنى ئىلتىپاتتىن بەكرەك، ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ غەلىبىسى بىلەن قايىل قىلىشقا كۆز يەتكەن، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى بۇددىزمنىڭ ھەر تۈرلۈك تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇپ بولغان دەۋرگە كەلگەندە، مەزكۇر كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغانلارغا زاكاتتىن ئۆلۈش بېرىش توختىتىلغانلىقى، ئايەتنى ئىجرا قىلىشنى تەقەززا قىلىدىغان شارائىت ۋە ۋەزىيەت ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن تەتبىقلاشتىن قالغانلىقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئالىدۇ. كۈنىمىزدە بولسا ئالىملار مەزكۇر ئايەتنى قايتا تەتبىقلاش مۇمكىنمۇ، يوق، تەتبىقلىساق قانداق تەتبىقلايمىز دېگەنلەر ھەققىدە قىممەتلىك كۆز قاراشلارنى ئىلگىرى سۈرگەندۇر. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلامنىڭ زاكات مۇئەسسەسەسىنى ئىزاھلىغاندا «باشقىلارغا ئىسلامنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىسلامنى تىللايدىغانلارنى تىللىمايدىغان قىلىش ئۈچۈن پۇل بەرسە» بولىدۇ، دەيدىغان چاكىنا ئىزاھاتلار ئورۇن ئالغان ئەمەس. بەلكى تا مىڭ يىل ئاۋۋال يېزىلغان تەپسىرلەردە بۇ خىل چاكىنا چۈشەنچە رەت قىلىنغان. يەنى بىراۋنىڭ مايىللىقىنى پۇل بېرىش، ئىقتىسادىي غەمخورلۇق ئارقىلىق ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈش، گويا مىسسىيونېرلارچە پۇل بېرىپ دىنغا قىزىقتۇرۇش، ياكى كاپىرنىڭ يامانلىقىنى ئۇنىڭ زۇلمىغا قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق توختاتماستىن پۇل بېرىپ توختىتىش تىپىدىكى ئىشلارغا زاكاتنى دەسمىي قىلىپ سېلىشتەك چاكىنا چۈشەنچ ئەسلا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەمەس. ھەتتا ئىمام تەبەرىيدەك بۇيۈك مۇپەسسىرلەر ئايەتكە بەرگەن تەپسىرىدە «كۆڭلىنى مايىل قىلىش مەقسەت قىلىنغۇچىلار» كاتېگورىيەسىدىكىلەر ئەگەردە زاكات بەرسە يامانلىقنى توختىتىدىغان، بەرمىسە يامانلىقىنى توختاتمايدىغان تۈردىكىلەر بولۇپ قالسا، ھەممە ئالىملار بۇ خىل تۈردىكى تائىپىگە زاكاتنىڭ جائىز ئەمەسلىكىدە ئورتاق پىكىردە، دېگەن قاراشنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. دېمەك، ئاتالمىش «ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» ئىبارىسىنى بۇ ئەھۋالدىكى زاكاتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىشلىتىش ناتوغرا بولۇپلا قالماي، گويا كوممۇنىستلارنىڭ «پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزۈش» جۈملىسىدىن چىقىدىغان پىروپاگاندالارنى ئەسكە سالىدىغان، خاراكتېر جەھەتتىن مىسسىيونېرلارنىڭ «پۇل بېرىپ دىنغا قىزىقتۇرۇش» تىپىدىكى دىنغا مايىل قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن پاراللېللىق چۈشەنچىسىنى بېرىپ قويىدىغان تەرزدە ئىزاھلانغان. ئەمەلىيەتتە ئىسلامدىكى زاكاتتىن كاپىرلارغا ئۈلۈش ئايرىپ بېرىش مەسىلىسى مۇئەييەن جەمئىيەت قاتلىمى، مۇئەييەن شارائىت ۋە مۇئەييەن سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋال. بۇنىڭ تەپسىلاتىمۇ كىتاب - ئەسەرلەردە كەڭ ئورۇن ئالغان. شۇنداق تۇرسىمۇ مەزكۇر تالىپچاق قايسى شەرئىي ئەھكامنى قانداق يوسۇندا، قانداق ئىبارە ۋە ئۇقۇملارنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ئىزاھلاشتەك ئەقەللىي ئىلمىي قابىلىيەتتىن يوقسۇزلۇقىنى چاندۇرغاندىن سىرت ئاسماننى قاسقان قىلىپ ئىزاھلاشتىن، مەزمۇن بۇرمىلاشتىن ئايانمىغان.
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-03-27
Yorumlar
Yorum Gönder