قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(10)

 قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(10)

ئالتىنچىدىن، تەرجىمانىمىز كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۇقىرىقىدەك چويلىغا توختىمايدىغان داۋلىلارنى قويۇش ۋە كۆزنى يۇمۇۋېلىپ جۆيلۈشكە ياتىدىغان بىر تالاي گەپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئومۇمەن ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنى يوقنىڭ ئورنىغا چىقىرىۋېتىپ تۇرۇپ باشقىچە تەرجىمە قىلىشقا بوشلۇق يارىتىشقا كۈچىگەن، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئاتالمىش «ئۆرلىدى» دېگەن تەرجىمىسىنى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ۋە بۇنى سەلەفكە ئۇيغۇن تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان. ئەمدىكى مەسىلە شۇ: ئەجەبا، ئىستەۋا سۆزىگە، توغرىسى سەلەفلەرنىڭ «علا وارتفع» دېگەن ئىزاھاتىغا «ئۆرلىدى» دەپ مەنە بېرىش ئايەتنى سەلەفنىڭ يولىغا ئۇيغۇن تەرجىمە قىلغانلىق بولامدۇ؟
ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، كۆپچىلىك سەلەفلەر ئىستەۋا ئايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇم سۈپەت ئايەتلىرىنى ئىككىنچى بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش تۈگۈل ئەرەبچە تەپسىرلەشنىمۇ توغرا كۆرمىگەن. بەلكى قانداق كەلسە شۇ پېتى ئوقۇپ ۋە شۇ پېتى تەلەپپۇز قىلىپ ئايەتنى تەستىقلاش بىلەن كۇپايىلىنىش تەرىپىدە بولغان. مەسىلەن سەلەفلەرگە ۋەكىللىك قىلغۇچى مەكھۇل، زۇھرىي، ئەۋزائىي، ئىمام مالىك، ئىبنى مۇبارەك، سەۋرىي، لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىسھاق ئىبنى راھەۋىيە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن بىردەك ھالدا بۇ تۈردىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە كەيپىيات يۈكلەپ چۈشەنمەستىن قانداق كەلگەن بولسا شۇ پېتى ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىڭلار، دېگەن ئورتاق پىكىر رىۋايەت قىلىنغان[16]. ھەتتا سەلەفلەردىن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە: «ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىنى سۈپەتلەپ كەلگەن بارچە ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى ئۇ ئايەتلەرنى شۇ پېتى ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىشتۇر. ھەرقانداق بىرىنىڭ ئۇ ئايەتلەرگە ئەرەبچە، ھەتتا فارسچە مەنە بېرىشى توغرا ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن[17].
دېمەك، يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن «مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى بويىچە مەنە بېرىش»، يەنى تەرجىمە قىلىش دېگەن گەپنىڭ ئۆزى قاملاشمىغان گەپ بولۇپ، سەلەفلەرچە بولغاندا ئىستەۋا ئايىتىگە تەرجىمە تۈگۈل، تەپسىرمۇ بېرىلمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەك دېيىشكە توغرا كەلسە سەلەف يولىنى تۇتقان مۇپەسسىرلەردىن ئىمام ئىبنى كەسىرگە ئوخشاش ئايەتكە ئەرەبچە ئىزاھ ياكى مەنە بەرمەستىن سەلەفلەرنىڭ بۇ تۈردىكى مۇتەشابىھ ئايەتلەردىكى تۇتۇمىنى ئەسكەرتىش ياكى بولمىسا ئۇلاردىن نەقىل قىلىنغىنىدەك، ۋە ھەيئەت تەرجىمىسىدىكىدەك ئىزاھلاش ۋە «ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ» دەپ ئۆتۈپ كېتىشتۇر. ئەلۋەتتە، ئىستەۋا سۆزىنى «علا وارتفع» مەنىلىرىدە تەپسىرلەش بىز يۇقىرىدا بىرىنچى نۇقتىدا مۇئەييەنلەشتۈرگىنىمىزدەك، كۆپچىلىك سەلەفلەرنىڭ تۇتۇمىدىكى تەپسىر بولماستىن ئاز بىر قىسىم سەلەفلەردىن كەلگەن ۋە كۆپچىلىك خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ تۇتۇمى بىلەنمۇ ماسلىشىدىغان تەپسىرلەردىندۇر. تەرجىمانىمىزنىڭ سەلەفلەردىن مۇجاھىد قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئايەتنى «علا» مەنىسىدە تەپسىرلىگەنلىكى ھەققىدىكى نەقلىنىمۇ، ئىمام تەبەرىينىڭ بۇ ئايەتنى «علا وارتفع» مەنىسىدە تەپسىرلىشىمۇ، «ئەتتەفسىرۇلمۇيەسسەر»دىمۇ مۇشۇنداق تەپسىرلىگەنلىكى ھەققىدىكى بايانلارمۇ ئەمەلىيەتتە مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئىلىمدە توشقانلارمۇ بىلەلەيدۇ، دېگەن چۈشەنچ ئاساسىدا چىققان تەپسىرلەردىندۇر. شۇڭا مەسىلىنىڭ بۇ نۇقتىسىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق، بۇ ئاساستا خۇددى سەلەفلەر تەپسىر بەرگەنگە ئوخشاش، خەلەفلەرنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىر بېرىشىنىڭ مەلۇم مەنىدە ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئىنساب جۈملىسىدىندۇر.
ئىستەۋا سۆزىگە «علا وارتفع» مەنىسىنى بېرىشنىڭ ئاز بىرقىسىم سەلەف ۋە خەلەف ئالىملىرى بەرگەن تەپسىرلەر ئىچىدىكى بىر تەپسىر ھېسابلىنىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە بۇ سۆزنى ئۇيغۇرچىغا زادى نېمە دەپ تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىر قىسىم سەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ ئىستەۋا سۆزىنى «علا وارتفع» دەپ ئىزاھلانغانلىقىغا قاراپ «ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلىش تەپسىر ئىلمىنىڭ مېتودى ۋە ئەقىدىۋى پىرىنسىپى نۇقتىسىدىن مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىدىكى «استقر»، يەنى «قارار ئالدى» دېگەن تەرجىمە قانداق خاتا بولغان بولسا، «ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلىشمۇ ئوخشاشلا خاتادۇر. چۈنكى بۇ يەردىكى «علا واتفع» دېگەن سۆزلەردىن كۆزدە تۇتۇلغىنى ئۇشبۇ سۆزلەرنىڭ مەنىداش سۆزلىرىدىن بىرى بولغان «صعد»، يەنى ئۆرلىدى، مەنىسى بولماستىن، ئاللاھنىڭ يۈكسەك ئۈستۈنلۈك ئىگىسى، ئالىي مەرتىۋە ساھىبى مەنىسىدىكى «العلو والإرتفاع» مەنىسى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. ئەلۋەتتە ئىستەۋا سۆزىگە «صعد»، يەنى ئۆرلىدى، دەپ مەنە بەرگەن مۇپەسسىرلەر تەرجىمانىمىزدەك – نەئۇزۇبىللاھ − ئاللاھنى «ئۆرلىدى» دەپ «انتقال و صعود» چۈشەنچىسىنى بېرىپ قويۇشتىن، يەنى يارالمىش ھادىسەۋى مەۋجۇداتلاردىكى ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىش، تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئۆرلەشنى كۆرسىتىدىغان مەنە بېرىپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلانغان. ھەتتا ئۇلار ئەگەر ئىستەۋانى ئۆرلەش مەنىسىدە ئىزاھلاشقا توغرا كەلسە «صعد أمره»[18] يەنى، ئۆرلەۋاتقىنى ئاللاھ ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئەمرى، ھۆكۈم - پەرمانىنىڭ ئىجرا بولۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئەرشكە قارىتا يارىتىش ئىشىنىڭ تاماملىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى، قاتارلىق مەنىلىرىدە بولىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا ھېچبىر بىر مۇپەسسىر ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» دەپ تەپسىرلىنىشىنى بىز چۈشىنىدىغان «ئۆرلەش» مەنىسىدە ئىزاھلىغان ئەمەس.
توغرا، لۇغەت قامۇسلىرىدا «علا وارتفع» سۆزلىرىنىڭ ئۆرلىگەنلىك مەنىلىرى مەۋجۇت. ئەمما بۇنداق بولۇشى ئايەتكە ئەينەن لۇغەت مەنىسىنى بېرىشنى جائىز قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ سۆزنىڭ خۇددى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۆرلەش» سۆزىنىڭ ماددىي ئۆرلەش، قىممىتى ئۆرلەشتەك ئىككى خىل مەنىسى بولغىنىغا ئوخشاش، ئەرەب تىلىدىمۇ ھەقىقىي ۋە مەجازىي ئۆرلەش مەنىلىرى مەۋجۇت. يەنە كېلىپ مۇتەشابىھ ئايەتكە مەنە يۈكلەش ئىشى قارىسىغا قىلىدىغان ئىش ئەمەس. بەلكى بۇ سۆزلۈك تاللىغاندا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش تەلەپ قىلىنىدىغان، بارچە سەلەف ۋە خەلەف ئۆلىمالىرىنىڭ ئورتاق تەكىتلىگەن نۇقتىسىغا رىئايە قىلىش ئاساسىدا تەپسىر ياكى تەرجىمە بېرىش تەكىتلەنگەن مەسىلىدۇر. سەلەف ۋە خەلەفنىڭ قانداق تەپسىرلەشتە بىرلىككە كەلمىسىمۇ، نېمىگە رىئايە قىلىش كېرەكلىكىدە بىرلىككە كەلگەن مەزكۇر نۇقتىسى: مۇتەشابىھ ئايەتلەر ھەققىدە سۆز قىلغاندا، ئاللاھنى مەخلۇقاتلارغا ئوخشىتىپ قويۇشتىن، كەيپىيات يۈكلەشتىن، ھادىسەۋى مەۋجۇداتلارغا خاس بولغان ھەرىكەت، تۇرغۇنلۇق، يۆتكىلىش ۋە ئورۇنلىشىشتەك زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىگە ئۇچرىتىشقا ياتىدىغان مەنىلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىشتۇر. شۇنداقلا ئايەتلەرنىڭ زاھىرىدا ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى مەقسەت قىلىنمايدۇ، دەپ بىلىشتۇر. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئىستەۋا سۆزىگە ماددىي جىسىملاردا ئىپادە تاپىدىغان، ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىش، تۆۋەن قاتلامدىن يۇقىرىقى قاتلامغا قاراپ يۈكسىلىش ۋە ھەرىكەتلىنىشتەك ماددىي جىسىملارنىڭ تەسۋىرىنى بېرىدىغان «ئۆرلىدى» مەنىسىنى بېرىش خۇددى ئاللاھقا ماكانلىشىش، ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، ھەجىم بېكىتىش قاتارلىق تەسۋىرلەرنى بېرىشتىن ساقلىنالمايدىغان «قارار ئالدى، ئورۇنلاشتى» قاتارلىق مەنىلەرنى بېرىشنىڭ خاتا بولغىنىغا ئوخشاش خاتادۇر.
ئىستەۋا سۆزىنىڭ «علا وارتفع» مەنىسىدە بولغانلىقى، شۇنداقلا «علا وارتفع» سۆزىنىڭ لۇغەتتە «صعود» يەنى تۆۋەندىن يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەش مەنىسىنىڭ بارلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ ھېچبىرى مۇتەشابىھ ئايەتكە مەزكۇر لۇغەت مەنىسى بويىچە «ئۆرلەش» دېگەن تەرجىمىنى بېرىشنى يوللۇق قىلالمايدۇ. شۇنداقلا «علا وارتفع» سۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىدىن سىرت يۈكسەكلىك، ئالىي مەرتىۋىلىك قاتارلىق مەجازى مەنىلىرىنىڭمۇ بارلىقى مەلۇم. سەلەف ۋە خەلەف ئالىملىرىنىڭ بىردەك «مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىڭ زاھىرىي مەنىلىرى كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس» دەپ بىلىش ھەققىدىكى ئورتاق پىرىنسىپى تەبىئىي ھالدا ئىستەۋا سۆزىنى لۇغەتتىكى ھەقىقىي مەنىسى بولغان «علا وارتفع» مەنىسى، يەنى ماددىي ئۆرلەش مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىشنىڭ خاتالىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. «علا وارتفع» سۆزلىرىنىڭ زاھىرى مەنىسى بولغان ئۆرلەش، كۆتۈرۈلۈش ۋە ئۈستىگە چىقىش مەنىلىرى بولغان لۇغەت مەنىلىرىنى بېرىش سەلەف ۋە خەلف ئالىملىرى ئورتاق تەكىتلىگەن پىرىنسىپقا ئۇيغۇن كەلمىگەن ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى تەپسىرلىگەن «علا وارتفع» سۆزلىرىنىڭ لۇغەتتىكى ئىككىنچى مەنىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەقەززا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ سەلەفلەر ئۆزلىرى ئىزاھلاپ ئۆتكىنىدەك: ئايەتتىكى ئىستەۋا قىلىش ماكاندىن ماكانغا يۆتكەلگەنلىكنى تەسۋىرلەپ بەرگۈچى ئۆرلەش مەنىسىدە بولماستىن بەلكى، ئاللاھنىڭ ئالەمنى يارىتىشنى تاماملاپ ئەرشنىڭ ئالىي سۇلتانى، ئۈستۈن مەرتىۋە ساھىبى بولغانلىقى مەنىسىدىدۇر. تىلىمىزدىكى خاقان ۋە سۇلتانلارنى چوڭ كۆرۈپ «جانابى ئالىيلىرى» دەپ چاقىرىش مانا بۇ مەنىدىن ئىلھاملانغان بولۇپ، بۇ سۆز ئىنسانغا ئىشلىتىلگەندە مەقسەت ھۆكۈمدارلىقتىكى ئالىيلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. قانداقتۇر پادىشاھنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە قاراپ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقى يەردىن ئېگىزگە ئۆرلەپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئالىيلىق ۋە يۇقىرى مەرتىۋىلىك سۈپىتى ئاللاھقا ئىشلىتىلگەندە ئاللاھنىڭ مۇتلەق سەلتەنەت ئىگىسى، قادىرى قۇدرەت ۋە ئۇلۇغلۇقتا ھەممىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئەگەر تەرجىمانىمىز ئىمام تەبەرىينىڭ ئىستەۋا سۆزىگە «علا وارتفع» مەنىسىنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىۋالغان بويىچە يازماستىن، ئىمام تەبەرىينىڭ ئىستەۋا سۆزىگە بەرگەن تەپسىرىدىن ئىككى بەتنى ئېرىنمەي قېتىرقىنىپ ئوقۇغان بولسا ئىدى، ئىمام تەبەرىينىڭ ئىستەۋا سۆزىگە «علا وارتفع» دېگەن تەپسىرنى تاللىغانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپلا قالماي، سەلەفلەرنىڭ سۆزىنى تەرجىمانىمىزدەك يۈزەكى ۋە تېيىز چۈشىنىۋېلىپ ئۇدۇللا خاتا مەنىگە جوراپ چۈشىنىپ قالىدىغانلارنىڭ ئېتىرازىغىمۇ جاۋاب بېرىپ يازغان ئىزاھاتلىرىدىنمۇ خەۋەردار بولغان ھەمدە ئەسلىدە ئىمام تەبەرىينىڭ «علا وارتفع» دېگەن تەپسىرنى ئۆرلەش، يۈكسىلىش مەنىسىدە ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە قارىسىغا ئىمام تەبەرىيمۇ «ئۆرلىدى» دەپ چۈشەنگەن سىياقتا جۆيلىمىگەن بولار ئىدى. دەرۋەقە ئىمام تەبەرىي تەپسىر كىتابىدا ئىستەۋا سۆزىگە بەرگەن بىر قاتار تەپسىرلەرنى كەلتۈرۈپلا قالماي ئۆزىنىڭ مەزكۇر تەپسىرلەر ئىچىدە «علا وارتفع» دېگەن تەپسىرنى تاللىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان ۋە بۇنى بايان قىلىپلا توختىماستىن «علا وارتفع» دېگەن سۆزلەرنىڭ «ئۆرلەش» مەنىسى بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ مەنىنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ يەنە بۇنداق ئىپادىلەشنى ئاللاھقا قوللىنىشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېتىرازلارغىمۇ كەسكىن جاۋاب بەرگەن بولۇپ، «علا وارتفع» دېگەنلىكتىن ئۆرلەش مەنىسىنى كۆزدە تۇتمايۋاتقانلىقنى، بۇ يەردىكى كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان مەنىنىڭ «انتقال»نى، يەنى ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىش ۋە ئۆرلەشنى مەزمۇن قىلغان «علا وارتفع» چۈشەنچىسى ئەمەس، بەلكى «علو ملك وسلطان لا علو انتقال وزوال» مەنىسىدىكى، يەنى ئىگىلىك ۋە ھۆكۈمدارلىق ئۈستۈنلۈكى مەنىسىدىكى «العلو والارتفاع»نى، مۇتلەق ئالىيلىق ۋە ئۈستۈنلۈك مەنىسىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن[19].
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەرجىمانىمىز ئادىتى بويىچە مەسىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش، چالا - چالپاق يامىدىغان پېتى مەسىلىگە ھۆكۈم پىچىش خۇيىنى داۋاملاشتۇرغانلىقتىن «ئەتتەفسىيرۇلمۇيەسسەر»دە «علا وارتفع» دەپ ئىزاھلىغانلىقىنى، لۇغەتتە بولسا ئۆرلەش مەنىسى بارلىقىنى ئېلىپلا تولىمۇ يەڭگىلتەكلەرچە ئايەتكە لۇغەت مەنىسىنى بەرگەن ۋە سۆز ئارىلىقىغا مۇجاھىد، تەبەرىي قاتارلىق مۇپەسسىرلەرنىڭ «علا وارتفع» مەنىسى بىلەن ئىزاھلىغانلىقىنى قوشۇش بىلەن ئۆزىنى گويا سەلەفلەرنىڭ يولىنى تۇتقاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ «سەلەفنىڭ يولىنى تۇتۇپ ‹ئۆرلىدى› دەپ تەرجىمە قىلدىم» دەپ چۈشكەن. نەتىجە شۇكى، تەرجىمانىمىز گەرچە ئىستەۋاغا ئائىت ئاز بىر قىسىم سەلەفتىن كەلگەن رىۋايەت بويىچە «علا وارتفع» مەنىسىنى بېرىشتە توغرا ئادرېسقا ئۈسكەن بولسىمۇ، تەرجىمە قىلىشقا كەلگەندە ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى «قارار ئالدى» دەپ تەرجىمە قىلىشتا رەت قىلىنىدىغان خاتالىققا ئۆزى بىر قوللۇق دەسسەپ ئىستەۋا سۆزىگە خاتا نۇقتىدا تۇرۇپ تەرجىمە بەرگەن. چۈنكى، قارار ئالدى مەنىسى مۇپەسسىرلەر تەرىپىدىن ئاللاھنىڭ ماكان - زامان چەكلىمىسىگە بويسۇنغۇچى قىلىپ قويۇشقا ياتىدىغان مەنىگە ئىگە بولۇش نۇقتىسىدىن قوبۇل كۆرۈلمىگەن، رەت قىلغان. خۇددى شۇنىڭدەك ئىستەۋا سۆزىنىڭ «ئۆرلەش» مەنىسىمۇ ئاللاھنىڭ ھەرقانداق سۈپىتىنىڭ ھادىسەۋىلىكتىن پاك ۋە مۇنەززەھ بولۇشتەك ساپ تەۋھىد ئەقىدىسىگە زىت كېلىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن، ئاللاھنىڭ ھادىسەۋى مەۋجۇداتقا خاس بولغان ھەرىكەت، ماكاندىن ماكانغا يۆتكىلىشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەسۋىرلەش ۋە ئىستەۋانىڭ قانداقلىقىغا كەيپىيات يۈكلەشكە ياتىدىغانلىقى نۇقتىسىدىن رەت قىلىنغاندۇر. خۇددى «قارار ئالدى» مەنىسىنى ئاتالمىش «ئۆزىگە لايىق قارار ئالدى» دەۋېلىش بىلەن «قارار ئالغان»لىقتىن ئىبارەت ماكانغا سىغىش ۋە جايلىشىشتەك ھادىسەۋىلىك مەنىسىنى ئاقلىغىلى بولمىغاندەك، «ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئۆرلىدى» دەۋېلىشمۇ، ئۆرلەش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت تۆۋەندىن يۇقىرىغا يۈكسىلىش، ئاستىنقى ئالەمدىن ئۈستۈنكى ئالەمگە ئۆرلەش، پەرشتىن ئەرشكە قاراپ يۈكسىلىشتەك ھادىسەۋىلىك مەنىسىنى بېرىشتىن، ئاللاھنىڭ ئۇشبۇ ئىستەۋا سۈپىتىگە كەيپىيات ۋە ئوبراز يۈكلەشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ ۋەجىدىن ئىستەۋانى «علا وارتفع» مەنىسىدە بېرىش يوللۇق. ئەمما «علا وارتفع»گە ئۇنىڭ لۇغەت مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۆرلەش» مەنىسىنى بېرىش خاتادۇر. توغرىسى «علا وارتفع»نىڭ زاھىرى مەنىسى بولغان ئۆرلەش مەنىسىدىن باشقا «العلو والارتفاع» مەنىلىرىنى، يەنى ئەرشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جىمى مەخلۇقاتلاردىن مۇتلەق ئۈستۈن بولغانلىق، ئۈستۈن بولغاندىمۇ ئەرشنىڭمۇ پەرۋەردىگارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىگىلىك ۋە ھۆكۈمدارلىق ئۈستۈنلۈكىدە ئالىي بولغانلىق مەنىسىنى بېرىشتۇر. بىر قىسىم مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە تەپسىر بېرىشنى ماقۇل كۆرگەن ئاز بىر قىسىم سەلەفلەر قاتارىدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلمۇ ئىستەۋا ئايىتىنىڭ تەپسىرىگە قارىتا بۇ نۇقتىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، ئىمام ئەھمەد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئىستەۋانىڭ مەنىسى ‹العلو والارتفاع› يەنى ئالىيلىق، يۈكسەكلىكتۇر. جانابى ئاللاھ ئەرشنى يارىتىشتىن ئاۋۋالمۇ ھەمىشە عاليا، رفيعا (مۇتلەق ئۈستۈنلۈك ئىگىسى، يۈكسەكلىك ساھىبى) زات ئىدى. بۇ مەنىدىن ئۇ ھەممىنىڭ ئۈستىدە، ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن زاتتۇر. ئاللاھنىڭ ئەرشنى ئاتايىن تىلغا ئېلىشى ئۇنىڭ باشقا جىمى مەخلۇقاتلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى بولغانلىقىدىندۇر. دەرۋەقە، ئەرش يارالمىش شەيئىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئەڭ ئۈستۈنىدۇر. بۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئۆزىنى ئەرشكە ئىستەۋا قىلغانلىقى بىلەن، يەنى ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بولغانلىقى بىلەن ماختانغان. ئاللاھنىڭ مەزكۇر ‹ئۈستۈن بولغانلىق› مەنىسىنى ئەرشكە زاتى تېگىشكەن، ئۇنىڭغا تاشلانغان مەنىلىرىدە چۈشىنىۋېلىش توغرا ئەمەس. جانابى ئاللاھ بۇنداق بولۇشتىن مەرتىۋىسى ئۈستۈن ۋە ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ ئەرشنى يارىتىشتىن بۇرۇنمۇ ئاللاھتا بىرەر ئۆزگىرىش، بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئالمىشىش يۈز بەرگەن ئەمەس. مۇئەييەن ھۇدۇد (چەك، شەكىل، دائىرە) لار دائىرىسىدە بولۇشمۇ يۈز بەرگىنى يوق. ئەرشنى ياراتقاندىن كېيىنمۇ ئۇنداق بولغىنى يوق (يەنى ئاللاھ ئەزەلدە قانداق بولسا ئەرشنى ياراتقاندىن كېيىنمۇ شۇنداق ئىدى. − ت.)» [20].
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىمام ئەھمەدنىڭ يۇقىرىقى تەپسىرىمۇ ئىستەۋانىڭ «علا وارتفع» مەنىسىنى بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە يۆتكىلىش كېلىپ چىقىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقنى ئىپادىلەيدىغان «ئۆرلەش» مەنىسىدە ئىزاھلىمىغان. ئەكسىچە ئاللاھنى ھادىسەۋى مەۋجۇداتلارنىڭ جىمى سۈپەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىدىن ئاللاھنىڭ پاك ۋە مۇنەززەھلىكىنى ئىپادىلىگۈچى مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «العلو والإرتفاع»، يەنى «ئەزەلىي ئۈستۈنلۈك، ئەزەلىي يۈكسەكلىك» مەنىلىرى بىلەن ئىزاھلىغان. «ئۆرلىدى» دەپ ئېلىش دەل بۇ نۇقتىلارغا خىلاپ كېلىدىغان بولۇپ، قارار ئېلىش، ئورۇنلىشىش مەنىلىرى قانداق مۇجەسسەمەلىككە ئېلىپ بارىدىغان مەنىنى بېرىش ھېسابلىنىدىغان بولسا، ئۆرلەشمۇ ئوخشاشلا ئاللاھنى جىسىملاشتۇرۇش تىپىدىكى مۇجەسسەمەلىككە ئېلىپ بارىدىغان مەنە بېرىشتۇر. مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسىدىكى «ئەرشكە ئۆرلىدى» دېيىلگەن تەرجىمىنى ئالدىنقى تەرجىمىلەردىنمۇ بەربات دېيىشىمىز شۇنىڭدىنكى، تۇنجى تەرجىمىدە «قارار ئالدى» دېگەن تەرجىمىدە جىسىملاشتۇرۇشقا ياتىدىغان مەنە بېرىلگەن ۋە بۇ ئىككىنچى تەرجىمىدە بىر قەدەر ياخشىلانغان بولسا، مەزكۇر ئۈچىنچى تەرجىمىنىڭ «ئۆرلىدى» دەپ ئېلىشى تۈزىگەننى تاكامۇللاشتۇرۇش بولماستىن، تۈزىلىۋاتقاننى بۇزۇشقا ياتىدىغان ئىش بولغان. ئىككىنچى تەرجىمە سەلەفلەرنىڭ تۇتۇمىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ خاتاسىنى تۈزەۋاتقاندا، ئۈچىنچى تەرجىمە چىقىپ بىرىنچى تەرجىمىدىكى خاتا تەرجىمىگە پاس چىقىرىدىغان يەنە بىر خاتا تەرجىمىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققان. ئەگەر بىرىنچى تەرجىمە بىلەن مەزكۇر ئۈچىنچى تەرجىمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇغاندا بولسا، ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مەنە پۈتۈنلەي بىمەنىلىشىدۇ. بىر تەرجىمە ئاللاھنى ئاسمان - زېمىننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۆرلىتىدۇ، يەنە بىر تەرجىمە بولسا ئۆرلەپ ئاسمانغا چىقىرىدۇ ۋە ئەرشنى ياراتقۇزۇپ ئۇنىڭدىكى كۇرسىغا ئورۇنلاشقۇزىدۇ. ئوتتۇز يىل مۇقەددەم «غەربكە ساياھەت» فانتازىيەسىدىن بۈگۈنكى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى [The Avengers]» چاتما فىلىم فانتازىيەلىرىغىچە بولغان پاگانىزملىق باتىل ئەقىدىلەرنىڭ زامانىۋى تەشۋىقات بازىسى تىپىدىكى بىر قىسىم كىنو - تىياتىرلىرى قورشاۋىدا چوڭ بولغان ۋە چوڭ بولۇۋاتقان بىر نەسىلنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاللاھنى بۇ خىل ھادىسەۋىلىك پۇراققا ئىگە تەسۋىرلەرگە ئوراپ تاشلايدىغان قۇرئان تەرجىمىلىرىنى سۇنۇش، سەلەف ۋە خەلەف ئالىملىرى قەدىمدىن بۇيان «ئاللاھنىڭ ھېچبىر ئوخشىشى يوقتۇر» ئايىتىنىڭ پىرىنسىپ ۋە تەقەززاسى بويىچە ئاللاھنى ماددىي مەۋجۇتلۇقلارغا ئائىت ھەرقانداق سۈپەت ياكى پېئىلدا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەشتىن ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، ھەر ئەسىر ۋە ھەر دەۋرىدىكى ئېتىقادىي كىرىزىسلارغا قارشى سەگەك تۇرغان، ئىسلامنىڭ ئۆزىگە خاس ئالەم تەسەۋۋۇرىغا، مەۋجۇتلۇق تەسەۋۋۇرىغا، دۇنيا قارىشىغا دائىر ئىلىم تىلىنى يېڭىلاپ، ئىزاھاتلارنىڭ تىلى ۋە ئاتالغۇ -ئۇقۇملىرىنى ئىسلاھ قىلىپ دىنىي تەپەككۇرنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، بۈگۈنكى ھەر تەرەپلىمە بوھرانلار قورشاۋىدىكى بىر ۋەزىيەتتە ئۆلىما - ئالىم ئۇنۋانىدا يۈرۈۋاتقانلارنىڭ ياشاۋاتقان دەۋرىنىڭ تىلىنى، ئۇلارنىڭ ئەقلىيىتىنى ھېچبىر نەزەرگە ئالماستىن بىرىنىڭ كەتكۈزگىنىنى يەنە بىرى تۈزەش، ئۇنى يەنە بىرى كامالەتكە يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش ئورنىغا، بارىنى تېخىمۇ بۇزۇشقا، دەرىجىمۇدەرىجە ئىلگىرىلەۋاتقان ئۈستۈن سەۋىيەنى نەچچە بالداق كەينىگە چېكىندۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى ۋە بۇنى «سەلەف سالىھلارنىڭ يولىنى تۇتقانلىق» نامى ئاستىدا بازارغا سېلىشى ئۇلاردىكى سەۋىيە - ساپانىڭ نەقەدەر چېكىنىش، نەقەدەر پەسلەش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر تۆۋەنلىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھال ۋەزىيەتنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىشكە يېتەرلىكتۇر. قىسقىسى، مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ سەلەفنىڭ يولىغا ئاتالمىش ئۇيغۇنلاشقانلىق ئىددىئاسى ئاستىدا ئىستەۋا ئايىتىگە بەرگەن ۋە «ئۆرلىدى» دەپ مەنە بەرگەن بۇ تەرجىمىسى قانداقتۇر تەرجىماننىڭ ئىددىئا قىلغىنىدەك ئالدىنقىلارنىڭكىنى تۈزەش، خاتاسىنى توغرلاپ بېرىش دائىرىسىدىكى ئىش بولماستىن، تۈزىلىشكە قاراپ ماڭغاننى تېخىمۇ چېكىندۈرۈپ بۇزۇشقا يارايدىغان ئىش بولۇش بىلەن نەتىجىلەنگەن.
يەتتىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ «ئۆرلىدى» دەپ ئالغان بۇ تەرجىمىسىنى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىگە ھېچبىر ئىلمىي قىممەت بەرمەستىن، تايىنى بار بىرەر ئىلمىي تەنقىدكە ئاساسلىنىپمۇ قويماستىن رەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا قۇرئان كەرىمدە ئۆزىگە خاس ئاتالغۇ بولۇپ كەلگەن بىر سۆزنى لۇغەت مەنىسىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلسا ئەۋزەل بولىدىغانلىق دەۋاسىنى قىلىش ئارقىلىق «ئۆرلىدى» دەپ ئالغان تەرجىمىسىنى ئەۋزەل تەرجىمە قاتارىدا سانىماقچى بولىدۇ. تەرجىمانىمىز شۇنداق دەيدۇ: «‹اسْتَوَى›دېگەن سۆز ‹قۇرئان كەرىم›دىكى‹المﱠ›، ‹حم›دېگەن ھەرپلەرگە ئوخشاش مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس ھەرپلەر قاتارىدىن ئەمەستۇر. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ‹اسْتَوَى›دېگەن بۇ سۆزنى باشقا مەنىلەردە تەرجىمە قىلغاندىن ياكى ئۇنى ئەرەبچىسى بويىچە يېزىپ قويغاندىن كۆرە، ئۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسىنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! اسْتَوَى›دېگەن سۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئېتىقادى بويىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ»[22].
بىز دەيمىزكى، قۇرئاندىكى ئاتالغۇ بولۇپ كەلگەن سۆزلەرنى، يەنە كېلىپ مۇتەشابىھ ئايەت تۈرىدىكى ئاللاھقا چېتىلىدىغان سۈپەتلەرگە ئالاقىدار سۆزلەرنى لۇغەت مەنىسىدە تەرجىمە قىلىشنى ھېچبىر تەرەپتىن ئەۋزەل ئىش دېگىلى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ھەركىم ھەرخىل چۈشىنىۋالسا بولىدىغان كىتاب ئەمەس. ھەر چۈشەنچە ئارقىسىدا ئىلىم، دەلىل - پاكىت، ئىلمىي تەپەككۇر ۋە ساغلام ئىلىمگە تايانغان ئىجتىھاد بولۇشى شەرت. لۇغەت مەنىسىنى تەرجىمە قىلىش ئەۋزەل بولىدىغان ئىش بولسا، «قارار ئالدى» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىمۇ ئىستەۋا سۆزىنىڭ لۇغەت مەنىلىرىدىن بىرى ئىدى. تەرجىمانىمىزنىڭ ئىستەۋا سۆزىنىڭ «قارار ئالدى» مەنىسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىشى ياكى بىلمەسلىكى تەپسىردىمۇ، لۇغەت ئالىملىرىنىڭ قامۇسلىرىدىمۇ بار بولغان «استقر»، يەنى قارار ئالدى، مەنىسىنىڭ بولۇشىنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. «ئۆرلىدى» دەپ ئوچۇقتىن ئوچۇق كەيپىيات ۋە ھادىسەۋىلىك ئىپادىلىنىدىغان زاھىرىي تەرجىمىنى قىلىپ قويۇپ ھەركىم ئۆزىنىڭ ئەقىدىسى بويىچە چۈشىنىۋالسۇن، دەۋالدىغان ئىش بولسا، بىرىنچى تەرجىمىدىكى «قارار ئالدى» دەپ تەرجىمە قىلغۇچىنىڭمۇ «مەنمۇ لۇغەت مەنىسى بويىچە قىلغان. مېنىڭ تەرجىمەمنىمۇ ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە چۈشىنىۋالسا بولمىدىمۇ؟» دەپ ئېتىراز قىلىشى تامامەن يوللۇق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا تەرجىمانىمىزدەك، مەن لۇغەت مەنىسىنى يېزىپ قويسام، ھەركىم خالىغانچە چۈشىنىۋالسۇن، دەيدىغان تەنتەكلىك ئىلمىيلىككە ياتتۇر. قۇرئان كەرىمدەك تەپسىرلەيدىغان پەيغەمبىرى، ساھابىسى، سەلەفى، خەلەفى، مۇپەسسىرى، تىلشۇناسى ۋە ئۇنى تەپسىرلەشكە تۇتۇنۇشتىن ئاۋۋال ئوقۇلىدىغان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پېنى، نەزەرىيەلىرى بار بولغان بىر كىتابنىڭ تەرجىمىسىگە، يەنە كېلىپ مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىش مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا ئىش ئەمەس.
يەنە بىر نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، بىز تەكرار مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتكەندەك، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ زاھىرى بويىچە تەرجىمە قىلىش، يەنى تەپسىر ياكى تەرجىمە قىلغاندا لۇغەت مەنىسىنى ئەكېلىپ قويۇپ كېتىۋېرىش ئۆلىمالار تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىدلىنىپ كەلگەن خاھىشتۇر. چۈنكى، قۇرئان ئايەتلىرى (ھەدىس تەرجىمىلىرىمۇ بۇنىڭ ئىچىدە) بىر ياقتىن لۇغەت كىتابنى ئېچىپ قويۇپ، يەنە بىر ياقتىن يونۇپ قايچىلاپ تاشلاپ بېرىلگەن «ئىزاھلىق لۇغەت»نى ئېچىۋېلىپ تۇرۇپ، بىرىدە ئىپادىلەنگەن مەنىنى يەنە بىرىدىكى ئىزاھلىق لۇغەتتىكى چەكلىك سۆزلۈكلەر زاپىسىغا بويسۇندۇرۇۋېلىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىدىغان كىتاب ئەمەس. قۇرئاننىڭ تىلى ئۆزىگە خاس تىل. ئۆزىگە خاس ئۇقۇم بەرپا قىلغان، ئاتالغۇلار ياراتقان بىر تىلدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى چۈشىنىشنى نوقۇل لۇغەت مەنىسىگە تاشلاپ قويۇش ھەربىر كاللا سانىغا توغرا كېلىدىغان ئايرىم - ئايرىم «قۇرئان»لارنىڭ ئىجاد بولۇشىنى، قۇرئاننى بۆلۈنۈشنىڭ، تەپرىقىچىلىقنىڭ، بىدئەت ۋە پىتنە - ئىغۋانىڭ مەنبەسى قىلىپ قويۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەلەف يولىنى تۇتقان ئۆلىمالارمۇ قۇرئان كەرىمنى بۇ خىل كېچىككە ئەكىرىپ قويۇشتىن قاتتىق ئېھتىيات قىلغان ۋە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەندۇر. مەسىلەن، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل قۇرئاننىڭ زاھىرى مەنىسى بويىچە، يەنى لۇغەت مەنىسى بويىچە چۈشىنىپ ئەگىشىشنى بىدئەت ئەھلىنىڭ قىلمىشى قاتارىدىن سانىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كىمكى قۇرئان كەرىمنى نە پەيغەمبەرنىڭ، نە بىرەر ساھابىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسلانماستىن زاھىرى (لۇغەت) مەنىسى بويىچە ئىزاھلىسا، بۇنداق كىشى قۇرئاننى بىدئەت ئەھلىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىزاھلىغان بولىدۇ»[22]. بۇ جەھەتتىن ئىستەۋا ئايىتىگە ئوخشاش مۇتەشابىھ ئايەتلەر ھەققىدە شۇنچە كۆپ مۇپەسسىرلەرنىڭ تۈرلۈك تەپسىرلىرى بار تۇرۇپ پايدىلانماسلىق، ئۈستىلەپ ئۆزىگە «سەلەف يولى بويىچە ئىش تۇتقان»لىق مېتودىنى بەلگىلىۋېلىپ تۇرۇپ نە سەلەفكە، نە خەلەفكە ئۇدۇل كەلمەيدىغان بىر تەرجىمىنى سەلەفكە دۆڭگەپ، سەلەفنىڭ ئەسلى ئەرەبچىدىكى چۈشىنىشتىكى ئەقىدىۋى پىرىنسىپ ۋە ئىلمىي مېتودىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ زاھىرى بويىچە لۇغەت مەنىسىنى تەرجىمە قىلىپ قويۇشنى ئەۋزەل ساناش شوئاردا سەلەفنىڭ، تەتبىقلاشتا ئەھلى بىدئەتنىڭ كېچىكىگە دەسسەشكە ياتىدىغان قىلمىش بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئالدىنقى «مۇستەۋى بولدى» دەپ ئېلىنغان ۋە ئاستىغا تەپسىر ئىلمىغا ئۇيغۇن ئىزاھاتنى بېرىپ ئۆتكەن بىر تەرجىمىنى قارىسىغا «چۈشىنىكسىز» دەۋېلىش ساھەگە قارار قورساقلىقنى بىلدۈرسە، ئاتالمىش «چۈشىنىكسىز» تەرجىمە ئورنىغا مەزكۇر «لۇغەت مەنىسىنى بېرىپ قويۇشنى ئەۋزەل ساناش» بىمەنىلىكتە ئۇچىغا چىقىش، سەۋىيەسىزلىكتە چوڭقۇر ھاڭنىڭ قەرىگە مەيدىنى چاپلاش جۈملىسىدىندۇر.
سەككىزىنچىدىن، تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ ئىلمىيلىككە يات بولغان تۇتۇرۇقسىز سەۋەبلەرگە باغلاپ مۇقىملاشتۇرۇۋالغان خاتا تەرجىمىسىنى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمە ئورنىغا دەسسىتىشنى راۋا كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىستەۋاغا دائىر نەقىللەرنىمۇ شۇ بويىچە بۇرمىلاشتىن، گويا ئۇلارمۇ ئىستەۋا سۆزىنى ئۆرلەش دەپ ئىزاھلىغاندەك تۈس بېرىشتىن يانمايدۇ. مەسىلەن تەرجىمانىمىز ئىستەۋا ھەققىدىكى ئاخىرىقى سۆزىدە مۇنداق دەيدۇ: «‹اسْتَوَى › دېگەن سۆز لۇغەت مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ قويۇلسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ سەۋىيەسى ۋە ئېتىقادى بويىچە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. ‹الرَّحْمَنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَى›دېگەن ئايەتنى ‹رەھمان ئاللاھ ئەرشكە ئۆرلىدى›دەپ تەرجىمە قىلغاندا، ئايەتكە ئۆز ئەينى بويىچە، يەنى سەلەف سالىھلارنىڭ ئەقىدىسى بويىچە مەنە ئېيتىلغان بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ‹ئاللاھنىڭ ئەرشكە ئۆرلىگەنلىكى راستتۇر، ئۇنىڭ قانداق ئۆرلىگەنلىكى بىزگە مەلۇم ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشىنىش پەرزدۇر، ئاللاھ قانداق ئۆرلىگەن دەپ سوئال سوراش بىدئەتتۇر›[23] دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ»[24].
مانا بۇ بايانلار سەلەف ئەقىدىسىنى يورۇتۇش بولماستىن، قىپقىزىل بۇرمىلاش بولۇپ، تەرجىمانىمىز مەزكۇر نەقىلنىڭ ئادرېسىنى خاتا مەنبەگە تۇتاشتۇرغاندىن سىرت ئۇنىڭ سۆزىنىمۇ ئۆزىنىڭ كاللىسىچە تەرجىمە قىلىپ بۇرمىلايدۇ. ئادرېس خاتا دېيىشىمىز، مەزكۇر نەقىلدىكى سۆز تەرجىمانىمىز ئىزاھات بەرگەندەك «ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ سۆزى» ئەمەس، بەلكى بۇ سۆز ئىمام مالىكنىڭ سۆزىدۇر. گەرچە ساھابىلەردىن مۇئمىنلەر ئانىسى ئۇممۇسەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنمۇ ئىستەۋا ھەققىدە ئىمام مالىكنىڭ سۆزىگە ئوخشاپ كېتىدىغان رىۋايەت نەقىل قىلىنغان بولسىمۇ، مەزكۇر سۆزلەرنىڭ ئىمام مالىكنىڭمۇ ئېيتقانلىقى مەشھۇردۇر.
بۇرمىلاش دېيىشىمىز ئىمام مالىكنىڭ مەزكۇر سۆزنى قىلىشتىكى تۇتۇمى ئىستەۋانىڭ قانداق ئىشلىقىنى سوراپ كەلگەن بىر بىدئەتچىگە قايتۇرغان جاۋابى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىمام مالىك سوئال سورىغۇچىنىڭ سوراش تەرزى ۋە ئەلپازىغا قاراپ ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ ئايەتنى چۈشىنىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە ئۇنىڭدا پىتنە تېرىشقا كەلگەنلىك ئالامەتلىرىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئىمام مالىك مەسىلىگە پىرىنسىپال مەۋقە تۇتۇپ، بۇ خىل مەسىلىلەرنى كوچىلاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى يۇقىرىقى سۆزى ئارقىلىق، يەنى ئىستەۋانىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتە كەلگەن بويىچە مەلۇملۇق ئىش ئىكەنلىكى، ئەمما بۇنىڭ قانداق ئىستەۋالىقى نامەلۇم ئىكەنلىكى، قىلىشقا تېگىشلىك تۇتۇمنىڭ ئايەتنىڭ مەنىسىنى ۋە ئىستەۋانىڭ ماھىيىتىنى كوچىلاپ چۈشىنىش ئەمەس، بەلكى ئايەتكە ئىشىنىش بىلەن كۇپايىلىنىشنىڭ ۋاجىبلىقى، بۇ ھەقتە كەلسە - كەلمەس سوئال سوراشنىڭ بىدئەتلىكى قاتارلىق پىرىنسىپال پوزىتسىيە تۇتۇش ئاساسىدا جاۋاب قايتۇرغان ھەمدە مەزكۇر بىدئەتچىنى ھۇزۇرىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن. ئەگەر سەلەف سالىھلار ئىستەۋانىڭ «ئۆرلەش» مەنىسى بارلىقىنى جەزم قىلىپ ئاللاھنى ئەرشكە ئۆرلىدى دەپ چۈشەنگىنىدە ئەلۋەتتە يۇقىرىقىدەك ھۆكۈم - پەتىۋا خاراكتېرلىك جاۋاب بېرىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولار ئىدى. ئەمما ئىستەۋا ئايىتىگە كۆپچىلىك سەلەف ئالىملىرىنىڭ تۇتۇمى تەكىتلەپ ئۆتكىنىمىزدەك «ئىستەۋا سۆزىگە تەپسىر بەرمەستىن ئۆتۈپ كېتىش، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقەتەن قۇرئان ۋە سۈننەتتە بايان قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىش، سۆزنىڭ زاھىرى مەنىسىنىڭ مەقسەت قىلىنمىغانلىقىنى جەزم قىلغان ھالدا، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ھادىسەۋى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەرقانداق سۈپىتىدىن (بۇنىڭغا ماددىي جىسىملارنىڭ، جانلىق ۋە جانسىز مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەرىكەت فۇنكسىيەلىرى بولغان: تۇرغۇنلۇق، مىدىراش، ئولتۇرۇش، قوپۇش، ئۆرلەش، تۆۋەندىن ئېگىزگە كۆتۈرۈلۈش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈش، ئۇچۇش، ئورۇنلىشىش قاتارلىق سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى كىرىپ كېتىدۇ) پاك ۋە مۇنەززەھ ئىكەنلىكىنى ئەقىدە قىلغان ھالدا ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىش» قاتارلىقلاردۇر. ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن بەزى مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەرەب تىلىنىڭ ئىستىلىستىكىلىق بايان ئىپادىلىرى، مەجاز ۋە كىنايە قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان رەۋىشتە ناھايىتىمۇ ئاز ساندىكى سۈپەتلەر ھەققىدە تەپسىر بەرگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، كۆپلىگەن سۈپەت ئايەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە ئۇنىڭ ۋە ئىمام مالىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك سەلەفنىڭ تۇتۇمى بۇ خۇسۇسقا باشتىن باشلاپ چۆكۈشكە ۋە بەھس - مۇنازىرە تېمىلىرى قىلىشقا قارشى تۇرۇش بولۇپ كەلگەن، ھەمدە ئۇلار بۇ خۇسۇستا ئايەتنىڭ مەنىسىگە چۆكمەستىن تەۋھىدكە ئۇيغۇن بولغان ساغلام مەۋقە ۋە پوزىتسىيە تۇتۇش بىلەن كۇپايىلىنىش تەرەپدارى بولغان. مانا بۇ ۋەجىدىن ئىمام مالىك ئىستەۋا ئايىتى ھەققىدە سوئال سورىغۇچىغا: «‹ئىستەۋا› نامەجھۇل (ئېنىقسىز ئىش ئەمەس)دۇر. ئەمما ئىستەۋانىڭ قانداقلىقى نامەئقۇل (ئەقىل ئۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ئاجىز)دۇر. ئىستەۋانىڭ بولغانلىقىغا ئىشىنىش ۋاجىپ، ئۇ ھەقتە سوراپ سۈرۈشتۈرۈش بولسا، بىدئەتتۇر»[25] دەپ كەسكىن جاۋاب قايتۇرغان.
ئىمام مالىكنىڭ سۆزىنىڭ، يەنى تەرجىمانىمىز خاتا ھالدا ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ سۆزى دەپ كەلتۈرگەن نەقىلنىڭ توغرا تەرجىمىسى مانا بۇدۇر. ئىمام مالىك يۇقىرىقى سۆزىدە ئىستەۋا ئايىتىگە نە تەپسىر بەرگەن، نە ئىزاھلىغان. ئەكسىچە ئىستەۋانىڭ مەنىسى ھەققىدە كوچىلاشنى بىدئەت دەپ كۆرسەتكەن، توغرىسى بۇ تۈردىكى سۈپەت ئايەتلىرىگە چېپىلىپ قالماستىن ئۇ ھەقتە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش كېرەكلىكىدىن تەلىم بەرگەندۇر. ئەمما تەرجىمانىمىز بولسا، ئاۋۋال «ئۆرلىدى» دېگەن خاتا تەرجىمىنى بېكىتىۋالغان، مەنبەنى خاتا بەرگەندىن سىرت گويا سەلەفلەر ئىستەۋا سۆزىنى ئۇيغۇرچىدىكى «ئۆرلىدى» مەنىسىدە چۈشىنىپ ئەرەبچىسىدە شۇنداق ئىزاھلاۋاتقاندەك بىر تەرزدە ئىمام مالىكنىڭ سۆزىنى بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلغان. نەتىجىدە بىر نەقىلنى تەرجىمە قىلغاندا سۆز ئىگىسىنىڭ ئەسلىي مۇددىئاسىنى يورۇتۇشتەك تەرجىمانلىقنىڭ ئەقەللىي تەلىپىنىمۇ ئورۇندىماستىن ھەم مەنبە خاتالىقى، ھەمدە تەرجىمە بۇزۇقلۇقىنى سادىر قىلغان. ئىشنىڭ خەتەرلىك تەرىپى ئىلمىي ئامانەتنى بۇرمىلاپ يەتكۈزگەن ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ تۇتۇرۇقسىز ئىددىئاسى ۋە خاتا تەرجىمىسى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغان. ھالبۇكى، «ئۆرلىدى» دەپ تەرجىمە قىلىش كۆپچىلىك سەلەفنىڭ تۇتۇمى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ توغرا تەپسىرىمۇ، تەپسىرگە ئاساسلانغان تەرجىمىسىمۇ «قارار ئالدى»، ياكى «ئۆرلىدى» ئەمەس.

نەقىل مەنبەلىرى:
[1] سۈرە ئەئراف، 54 - ئايەت. (مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى)
[2] «لىسانۇل ئەرەب» 14 - توم، 144 - بەتتىن. (مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى)
[3] سۈرە تاھا، 5 - ئايەت. (مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بەرگەن ئىزاھاتى)
[4] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 645−646 - بەتلەر.
[5] السيوطي: الإتقان في علوم القرآن، ط الهيئة المصرية العامة للكتاب، 3/11.
[6] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، ط مكتبة نزار مصطفى الباز - المملكة العربية السعودية، 6/2037.
[7] أنظر: الماتريدي: تأويلات أهل السنة، ط دار الكتب العلمية – بيروت، 6/135. السمعاني: تفسير القرآن، ط دار الوطن، الرياض - السعودية، 2 /432. أبو الليث السمرقندي: بحر العلوم، ط دار الفكر - بيروت، 1/536. الزمخشري: الكشاف، ط دار الكتاب العربي – بيروت، 2/397. النسفي: مدارك التنزيل وحقائق التأويل، ط دار الكلم الطيب، بيروت، 2/61. البيضاوي: أنوار التنزيل وأسرار التأويل، ط دار إحياء التراث العربي – بيروت، 3/136. أبو السعود: إرشاد العقل السليم إلى مزايا الكتاب الكريم، ط دار إحياء التراث العربي – بيروت، 4/211. الشوكاني: فتح القدير، ط دار ابن كثير، 2/568.
[8] لسان العرب: فصل الشين المعجمة، ط دار صادر - بيروت، 14/417.
[9] السيوطي: الإتقان في علوم القرآن، ط الهيئة المصرية العامة للكتاب، 3/16.
[10] البغوي: معالم التنزيل في تفسير القرآن، ط دار طيبة للنشر والتوزيع، 3/235.
[11] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشىرى، 646 – بەت.
[12] قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، تەرجىمە گۇرۇپپىسى، 2012 – يىل، بىرىنچى نەشرى، 157 – بەت.
[13] الألوسي: روح المعاني في تفسير القرآن العظيم والسبع المثاني، ط دار الكتب العلمية - بيروت، 8/475.
[14] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشىرى، 646 – بەت.
[15] أبو الليث السمرقندي: بحر العلوم، ط دار الفكر - بيروت، 1/536.
[16] البغوي: معالم التنزيل في تفسير القرآن، ط دار إحياء التراث العربي -بيروت، 1/269.
[17] البيهقي: الأسماء والصفات للبيهقي، ط مكتبة السوادي، جدة - المملكة العربية السعودية، 2/117.
[18] أبو الليث السمرقندي: بحر العلوم، ط دار الفكر - بيروت، 1/537.
[19] الإمام الطبري: جامع البيان في تأويل القرآن، ط مؤسسة الرسالة، 1/430.
[20] الإمام أبو الفضل التميمي الحنبلي: اعتقاد المنبل أبي عبد الله أحمد بن حنبل، ط دار الكتب العلمية - بيروت، ص 38.
[21] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشىرى، 646 – بەت.
[22] آل تيمية: المسودة في أصول الفقه، ط دار الكتاب العربي، 1/11.
[23] ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ سۆزى. ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئىزاھاتنى بەرگۈچى مۇھەممەد يۈسۈپ. ئىزاھات مەنبەسى: مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 646 - بەت.
[24] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 646 - بەت.
[25] آل تيمية: المسودة في أصول الفقه، ط دار الكتاب العربي، 1/11.
-بۇرھان مۇھەممەد
2023-05-22


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»