قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(11)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(11)
6. سەلەفلەرنىڭ تۇتۇمى بويىچە «ئىستەۋا»نىڭ تەرجىمىسى قانداق بولۇشى كېرەك؟
ئەلۋەتتە ئىستەۋا مەسىلىسى ھەققىدىكى يۇقىرىقى مۇئەييەنلەشتۈرمىلىرىمىزنى ئوقۇغان ۋە ئالدىنقى تەرجىمىلەر ئىچىدىكى «قارار ئالدى»، «ئۆرلىدى» دېگەن تەرجىمىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئوقۇرمەننىڭ كاللىسىغا: ئۇنداقتا ئىستەۋا سۆزىنىڭ سەلەفلەرگە ئۇيغۇن تەپسىرى قايسى، دېگەن سوئال كېلىشى تەبىئىي. ئەلۋەتتە، تەنقىدچىلىكتە مەسىلىنىڭ خاتاسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپلا قالماي، توغرىسىنىڭ ئەسلىدە قايسى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەن بىلەن ئورتاقلىشىشمۇ كەم بولسا بولمايدىغان مەسئۇلىيەتلەردىندۇر. دەرۋەقە، بىز يۇقىرىقى 8 نۇقتا بويىچە ئېلىپ بارغان ئوبزورىمىزدا نېمىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى سۆزلىگەچ، قانداق قىلغاندا ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ئەسلىدە نېمە دېيىش كېرەكلىكىنىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسكەرتىپ ماڭدۇق. بۇ جەھەتتىن ئەسلىدە ئاڭلىق ئوقۇرمەندە ئىستەۋا ئايىتىگە قارىتا مەلۇم چەكتە سەلەفچە پوزىتسىيەنىڭ قانداقلىقىغا دائىر بەلگىلىك تونۇش شەكىللىنىپمۇ بولدى. پەقەت بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك بولۇۋاتقىنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، بولۇپمۇ ئىستەۋا ئايىتىنى تەرجىمە قىلغاندا سەلەفچە تۇتۇمنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئەڭ ساغلام ئىپادىلەش شەكلىنىڭ قايسىلىقىنى مۇقىمداشتىن ئىبارەت. ئەگەر بىز مەسىلىگە ئىلمىيلىككە رىئايە قىلىشقا، ئىلىم ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولساق، دەردىمىز ئۈچىنچى تەرجىمىنى ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش كويىدىكى ئاۋارىگەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقىمىز، ئۆزىمىزنىڭكىنى گەپ ئېتىش، بايقالماي قالغان چوڭ بىر كەشپىياتنى ئەل - جاھانغا ئېلان قىلىۋاتقان پوزىتسىيەگە كىرىۋېلىپ ئۇدۇلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەمگەك، مېھنەتلىرىنى مەنسىتمەسلىك، كۆزگە ئىلماسلىق، بىر تىپىكتە نۆل قىلىۋېتىشكە يەڭ تۈرمەستىن، ئىلمىي ئىشقا لايىقىدا ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز، خاتاسىنى تۈزەش نىيىتىمىزگە يارىشا ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئورۇنسىز يوقنىڭ ئورنىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماسلىقىمىز، ئەكسىچە مەسىلىگە كەمچىلىكنى بايقىغاندا ئىنسابلىق تۈزىگۈچى، ئىزاھلىغۇچى، تولۇقلىغۇچى ۋە ئىسلاھ قىلغۇچى پوزىتسىيەسىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز زۆرۈر.
ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە قانداق داۋالغۇش ۋە مۈشكۈلاتلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ھەر ئىككى تەرجىمىنىڭ ئۆتىگەن رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىقلارنى ئالدىنقى بۆلۈم ۋە مۇناسىۋەتلىك بابلاردا توختىلىپ ئۆتتۇق. بىز ۋەتەن ئىچىدىكى ئاشۇ ئىلىم كارۋىنىنى ئۇلار دۇچ كەلگەن شارائىت ۋە ئىمكانىيەتلەرنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان ئىمكانىيەتسىزلىكلىرىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا ئۇلارنىڭ ئۇشبۇ ئىلىم كارۋىنىنىڭ ئايرىلماس بىر ئەزاسى، يول ئاچقۇچىلىرى سۈپىتىدە قارىشىمىز، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ بىر - بىرىنىڭ يولىنى تاماملىغۇچى كۆرۈپ بىرىنىڭ باشلىغان يولىنى يەنە بىرى ئىسلاھ قىلغۇچى، تولۇقلىغۇچى سۈپىتىدە ئىش قىلغىنىغا ئوخشاش ئەقەللىي بولۇشقا تېگىشلىك ساپا بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئورنىغا دەسستىش تۇتۇمىدا ئەمەس، داۋامىنى ئۇلىغۇچى، سەۋىيەنى چېكىندۈرۈپ بۇزغۇچى ئەمەس، يەنىمۇ يۇقىرىغا ئۆرلەتكۈچى بولالىشىمىز لازىم. ئىستەۋا مەسىلىسىدە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك بىرىنچى تەرجىمىدىكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك نۇقتىلار ئىككىنچى تەرجىمىدە بايقىيالىغانچە يەنىمۇ ئىسلاھ قىلغۇچى تەرەپدارى بولغانلىقىدەك، گويا ئالدىنقى تەرجىمىنىڭ ئىككىنچى نەشرىنى ئىشلەۋاتقاندەك، ئۇنىڭ قۇرغان ئۇلىنى، كۆركەم بىناسىنىڭ رەڭ ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى يەنىمۇ گۈزەللەشتۈرۈشكە تىرىشقانلىقىدەك بىر ھالەتنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئىككىنچى تەرجىمىدە ئىستەۋا ئايىتىنىڭ «قارار ئالدى» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىسىنى تۈزەشنى زۆرۈر بىلگەن تەرجىمە گۇرۇپپىسى ئىستەۋا سۆزىنىڭ «ئىگلەش»، «ھۆكمى ئاستىغا ئېلىش» قاتارلىق خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەنىلىرى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغان. ناۋادا ئۇلار تەپسىرشۇناسلىق ساھەسىگە چالا - چالپاق كىرىپ قالغانلارنىڭ تەنىسىگە قالىدىغان، ئەقىدە ئىلمىدىن ساۋاتى چالا چىققان، نە فىزىكىنىڭ، نە مېتافىزىكىنىڭ ئېلىپبەسىدىن خەۋىرى يوق تىپلارنىڭ تۈرلۈك تۆھمەت ۋە ئىدېئولوگىيەلىك قالپاقلىرىنى كۆزگە ئېلىپ تۇرۇپ خەلەف مۇپەسسىرلىرىنىڭ يۇقىرىقى تەرجىمىلىرىنى ئىشلەتكىنىدە ئىدى، ساھەنىڭ ھەقىقىي تارازا - مىزانىدا يەنىلا ئىلمىي خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن، تەپسىر ۋە تەرجىمىچىلىك نۇقتىسىدىن تامامەن مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن تەرجىمە قىلغان ۋە يوللۇق بولغان تەرجىھنى تاللىغان بولاتتى. ئەمما ئۇلار يەنىلا سەلەف سالىھلار تۇتقان يولغا ئۇيغۇنلىشىش يولىنى تاللىدى ۋە قولىدىكى مەۋجۇت تۈركىي تەرجىمىلەر ئىچىدە تىل، ئەدەبىيات ۋە كۈلتۈر ھاۋزىسى تەرىپىدىن ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبېكچە تەرجىمىنى ئۆرنەك ئالدى ۋە ئىستەۋا ئايىتىنى تەرجىمە قىلىشتا «(ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە مۇستەۋى بولدى» دىگەن باياننى قوبۇل قىلدى. شۇنداقلا ئەسلى بۇ ئايەتتىكى ئۆزلىرىنىڭ تۇتقان سېپىنىڭ تەرجىمىگە يازغىنىمۇ ئەمەس، بەلكى ئايەتنىڭ بىر پۈتۈن تەپسىرىنى تەرجىمە بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان مۇتەشابىھ ئايەتلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ تەفۋىز قىلىش يولىنى تۇتتى.
بىز بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خەلەف تەپسىرىنىمۇ زىكرى قىلىشقا سەل قارىمىغانلىقىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تەپسىرچىلىك بابىدىن خەلەف مۇپەسسىرلىرى ئاساسىدىكى تەرجىمىلەرنى رەت قىلمىغان ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ تاللىشىنى ئىلمىي رەۋىشتە، ھەمدە ئەدەپ - قائىدىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە بايان قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. گەرچە بىز ھەيئەت تەرجىمىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى تۈزەش رولىنى ئۆتىگەنلىكىنى ۋە تەرجىمە قىلىشتا توغرا مەۋقەنى تاللىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرسەكمۇ، ئەمما سۆزلۈك تاللاش ۋە ئىپادىلەشتە يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلەر بارلىقىنىمۇ ئىنكار قىلالمايمىز. گەرچە بىز ئىككىنچى تەرجىمىنىڭ سەلەف يولى بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تەقدىرلىسەكمۇ، مۇنداق ئۈچ نۇقتىغا ئاساسەن مەزكۇر تەرجىمە ئىسلاھ قىلىنسا، «مۇستەۋى بولدى» دېگەننىڭ ئورنىغا «ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئالسا، سەلەفلەرنىڭ يولىغا يەنىمۇ يېقىنلىشالىغان، ئۇيغۇنلىشالىغان بولىدۇ، دېگەن قانائەتتىمىز.
بىرىنچى نۇقتا: «مۇستەۋى بولدى» دېگەن تەرجىمىدىكى مۇستەۋى سۆزى چاغاتاي تۈركچىمىزدە بار بولغان، يەنى مىڭ يىلدىن ئاشقان تارىخقا ئىگە ئىلىم - پەن ۋە ئەدەبىي تىلىمىزدا قامۇسىمىزدىن ئورۇن ئالغان بىر سۆزدۇر. بۇ سۆز ئەرەبچىدىكى «ئىستەۋا» سۆزىنىڭ قامۇستىكى «استقر»، «علا وارتفع»، «اقبل»، «قهر وغلب» قاتارلىق ئون نەچچىدىن ئارتۇق مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «اعتدل»، «استقام» مەنىسىدىكى «تۈزلەش، رۇسلاش، كامىللاش» قاتارلىق مەنىلىرى بويىچە چۈشىنىلىپ دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تىلدىن ئورۇن ئالغان. ئىستەۋا سۆزىنىڭ بۇ مەنىلىرى بىلەن تەپسىرلىگۈچى ئالىملار، جۈملىدىن سەلەف يولىنى تۇتقان ئالىملار ئىستەۋا سۆزىگە مەنە بەرمەستىن تەرىپلىگەندە «مستو للعرش»، «مستو علي عرشه» ئىپادىسىنى قوللانغان[1]. بۇ جەھەتتىن ئىستەۋا سۆزىنىڭ مۇستەۋى شەكلىنىڭ كىلاسسىك تىلىمىزدا بار بولغان بولۇشىدەك ئەۋزەللىك مۇپەسسىرلەرنىڭ مۇستەۋى سۆزىدىن ئاللاھنىڭ ئەرشكە مۇستەۋى بولغانلىق، يەنى جانابى ئاللاھنىڭ ئەرشتىن ئىبارەت غايەت زور مەۋجۇتلۇقنىڭ يارىلىشىنى تاماملاپ رۇس قىلغانلىق، پۇختىلىغانلىق مەنىلىرىنى بەرگەن تەپسىرىگە ئۇيغۇنلىشىش بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن. لېكىن بۇ خەلەف تەپسىر مېتودى بويىچە بولغاندا شۇنداق. ئەمما كۆپچىلىك سەلەفلەرنىڭ تۇتقان يولى مۇستەۋىنىڭ مەنىسى ئارقىلىق ئايەتكە ئىزاھات بېرىش ئەمەس. بەلكى بىز يۇقىرىدا تەكرار ۋە تەكرار ئەسلىتىپ كەلگىنىمىزدەك «ئايەتنىڭ زاھىرى مەنىلىرىدىن ھېچبىرىنى جەزم قىلماسلىق، تەپسىر ۋە تەرجىمىمۇ بەرمەسلىك، ئايەت - ھەدىسلەردىكى تەلەپپۇزى قانداق بولسا شۇ بويىچە تەلەپپۇز قىلىش»تۇر. بۇ يەنە سەلەفنىڭ مەزكۇر تۇتۇمىنى ئەڭ ساغلام دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن جۇۋەينىي، ئىمام غەززالىي، شەھرىستانىي، سەفارىينىي قاتارلىق مۇھەققىق خەلەفلەرنىڭمۇ قارىشىدۇر[2]. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھەققىقلەردىن ئىمام غەززالىي، شەھرىستانىي سەفارىيىنىي قاتارلىقلار سەلەفنىڭ بۇ خىل تۇتۇمىنى بايان قىلغاندا سۈپەت ئايەتلىرىنىڭ لەفزىلىرىنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش، تۈرلۈك پېئىل ياكى مەستەر شەكىللىرىگە ئالماشتۇرماسلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېقىنقى زامان مۇھەققىقلاردىن مۇھەممەد رەشىد رىزامۇ بۇ قاراشنى تاللىغان ۋە خۇسۇسەن ئىپادىلىگەندە ئىستەۋا پېئىلىنى تۈرلەشنى، ئۇنى مۇستەۋىي، يەستەۋىي قاتارلىق شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەشنى مۇناسىپ ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن[3]. مەسلىنىڭ تەھقىقى شۇنداق ئىكەن، مۇستەۋى بولدى دېيىش ئورنىغا «ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئېلىش ۋە ئىزاھات قىسمىغا بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنىڭ ئاللاھقا ئايانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھەم قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق تەلەپپۇز قىلغانلىق ھەمدە مەنىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتەك تەفۋىز يولىنى تۇتقانلىق نۇقتىسىدىن ھەقىقىي سەلەف يولىغا ئەڭ ئۇيغۇن ئىش كۆرگەنلىك بولغۇسى.
ئىككىنچى نۇقتا، سەلەفلەر نەزىرىدە مۇتەشابىھ ئايەتلەر تەپسىرلەشكە، تەرجىمە قىلىشقا بولمايدىغان ئايەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە، بۇ تۈردىكى ئايەتلەر ھەققىدە بىزدىن كۈتۈلىدىغان تەلەپ ئالدىنقى نەقىللەردە كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك چۈشىنىش ياكى چۈشەندۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئىشىنىش ۋە تەستىقلاشتۇر. ئىستەۋا ئايىتى كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ئىسىم شەكلىدە ئەمەس، ئۆتكەن زامان پېئىلى شەكلىدە كەلگەن. يەنى ئىستەۋا دېگەن بىر ئىشنى ئاللاھنىڭ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەلگەن. سەلەف ۋە خەلەفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئالىملار ئاللاھنىڭ «ئىستەۋا» سۈپىتىنى ئۇنىڭ پېئىلى سۈپەتلىرىدىن دەپ بېكىتكەن. بۇ ۋەجىدىن «ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئېلىش ئايەتنىڭ ئىپادە شەكلىنى ئۆز تىلىمىزنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىپادىلەش جەھەتتىنمۇ ئۇيغۇندۇر. يەنە كېلىپ ئايەت «استوى» دېگەن ئۆتكەن زامان پېئىلى ئارقىلىق بىزگە شۇنداق بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇرغۇلىماقتا. شۇنداق ئىكەن «ئىستەۋا قىلدى» دېسەك، ھەم ئەسلىي مەتىننى ئۆز پېتى ئېلىشتىمۇ مەلۇم چەكتە مۇۋەپپەق بولغان، توغرىغا يېقىنلاشقان ھەمدە ئەسلىي مەتىندىكى مۇددىئانى ئېچىپ بېرىشكە ئەڭ مۇناسىپ ئۇيغۇرچە ئىپادە شەكلىنى قوللانغان بولىمىز. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى پىتنە قىلدى، ئوغرىلىق قىلدى، ياخشىلىق قىلدى، ساخاۋەت قىلدى، دېگەن جۈملىلەر بىر ۋەقەنىڭ، ياكى ئىشنىڭ سادىر بولغانلىقىنى، سۆزگە ئالاقىدار ئەمەس، بەلكى پېئىلغا، ئىش - ھەرىكەتكە ئالاقىدار بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. «ئىستەۋا قىلدى» دېگەندىمۇ سەلەفلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئىستەۋا دەپ بىزگە نامەجھۇل بولغان، كەيپىياتى بىزگە نامەئقۇل بولغان، يەنى بىز چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلگەن بىر ئىشنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ تۈردىكى ئايەتلەردە بىزدىن كۈتۈلىدىغان ئىشنىڭ نامەجھۇلنى كوچىلاش، نامەئقۇلنى زورىغا تەسەۋۋۇر قىلىشقا زورۇقماسلىق، ئىدراك قىلىشتىن ئاجىز كەلگەنلىكنى تەن ئېلىپ «ئامەننا» دېيىش كېرەكلىكىدەك مۇددىئالارمۇ ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ. بۇ يەنە سەلەفلەردىن سۇفيان سەۋرىينىڭ: «‹ئىستەۋا› دېگەنلىك ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ئەرشكە قارىتا قىلغان مەلۇم بىر پىئلى (ئىشى، يارىتىشى) بولۇپ، ئاللاھ بۇ ئىشنى ‹ئىستەۋا› دەپ ئاتىغاندۇر» دەپ ئېيتقان بايانىغىمۇ ئۇيغۇن. بۇ نۇقتىلارنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ مەزكۇر ئايەتنىڭ تەرجىمىسىنى «ئەرشكە ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئېلىشنىڭ ئەڭ مۇناسىپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
ئۈچىنچى نۇقتا، ئوسمانلى دەۋرىدە يېتىشكەن مۇپەسسىرلەر يازغان تۈركچە تەپسىر ۋە قۇرئان تەرجىمىلىرىدە خەلەف مۇپەسسىرلىرى بويىچە تەرجىمە قىلغاندا ئىستەۋا سۆزىگە «ھۆكۈمدارلىق قىلدى» دەپ مەنە بەرگەنلىكى، سەلەف سالىھلار يولىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلغاندا ئايەتنى «ئىستەۋا ئەتتى»، «ئىستەۋا بۇيۇردى» دەپ تەرجىمە قىلغانلىقى مەلۇم. بۇمۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەۋى قىلىش تەلەپپۇزى بىلەن ئەمەس، ئەسلىدىكى تەلەپپۇزى بولغان «ئىستەۋا ئەتتى» دەپ ئالغانلىقىنى[4] ھەمدە شۇنداق ئېلىشنىڭ تۈركىي تىلىمىزچە بولغاندىمۇ مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا كۈنىمىزدىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىغا قاراشلىق دىيانەت ۋەقفى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان ۋە ئىلمىي ھەيئەت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان تۈركچە مەئالنىڭ بەزى نۇسخىلىرىدا «ئىستەۋا ئەتتى» دەپ تەرجىمە بەرگەنلىكى قاتارلىقلارمۇ، مەزكۇر ئايەتكە بىزنىڭمۇ ئۆز تىلىمىز ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئايەتنى «ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئېلىشىمىزنىڭ تامامەن سەلەف يولىغا ئۇيغۇن مەنە بېرىش جۈملىسىدىن بولىدىغانلىقىنى كۈچلۈك قۇۋۋەتلەيدۇ.
7. ئىمام ئەشئەرىي ۋە ئىمام ماتۇرىيدىيمۇ سەلەف يولىدا
نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتىش زۆرۈركى، «ئىستەۋا قىلدى» دەپ ئېلىش ۋە ئايەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ «تەفۋىز قىلىش» كۆپچىلىك سەلەف سالىھلارنىڭ تۇتقان يولى بولۇپلا قالماي، يەنە خەلەفلەرنىڭ مۇھەققىق ئالىملىرىنىڭمۇ تەرجىھ قىلغان ۋە ئەڭ ساغلام يول دەپ تەرىپلىگەن يولىدۇر. گەرچە ئايەتنى تەفۋىز قىلماستىن مەنە بېرىش، ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇق ۋە شانۇشەۋكىتىگە لايىق بولغان مەنە بىلەن ئىزاھلاش خەلەفلەرنىڭ، جۈملىدىن كۆپچىلىك ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىيدىي مەزھىپى ئاساسىدىكى مۇپەسسىرلىرىنىڭ تۇتقان يولى بولسىمۇ، ئەمما ئىستەۋا ئايىتىگە قارىتا شەخسەن ئىمام ئەشئەرىي ۋە ئىمام ماتۇرىيدىيلارنىڭ تۇتۇمى ئۆزلىرىدىن كېيىنكى خەلەفلەرنىڭ تۇتۇملىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. يەنى مەزكۇر ئىككى بۈيۈك پېشۋامۇ ئىستەۋا ئايىتىگە قانداق تەپسىر بېرىش خۇسۇسىدا كۆپچىلىك سەلەف سالىھلار بىلەن بىر يولدىدۇر. بۇ نۇقتا ئىمام ئەشئەرىينىڭ «ئاللاھ ئەرشتە بىر ئىشنى قىلدى ۋە خۇددى نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى قىلىپ ئۇ ئىشلارنىڭ بىرىنى رىزىق، يەنە بىرىنى نېمەت دەپ ئاتىغانغا ئوخشاش مەزكۇر ئىشىنىمۇ «ئىستەۋا» دەپ ئاتىدى[5] ، دېگەن چۈشەنچىسىدىن مەلۇمدۇر. شۇنداقلا بۇنى يەنە ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىدىنمۇ كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن. بولۇپمۇ، ئىمام ئەشئەرىينىڭ «ئەلئىبانە» ناملىق ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەت، ھەمدە ساھابە - تابىئىنلارنىڭ، شۇنداقلا ئەھلى ھەدىسلەرنىڭ، جۈملىدىن مۆھتەرەم زات ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەزرەتلىرى ماڭغان سەلەف سالىھلار يولىدا ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق ئېلان قىلغاندۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانات خاراكتېرلىك سۆزىدە «ئاللاھ ئەرشكە ئۆزى ئايەتتە ئېيتقان ۋە ئۆزى مەقسەت قىلغان مەنە بويىچە ئىستەۋا قىلغانلىقى» خۇسۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ[6] ھەمدە ئايەتنى مەجاز مەنىلەر بىلەن تەپسىرلىگەنلەرنى تەنقىدلەيدۇ. ئۇ ئىستەۋا سۆزىگە «ئىگە بولۇش، ھۆكۈمدارلىق قىلغانلىق» قاتارلىق مەنىلەرنى بەرگەنلەرنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ «قارار ئالغانلىق، ئورۇنلاشقانلىق، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشكەنلىك، ماكاندىن ماكانغا يۆتكەلگەنلىك» مەنىلەردىن ئاللاھنى مۇنەززەھ دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئەينەن ئەسكەرتىدۇ. مانا بۇلار ئىمام ئەشئەرىينىڭ بۇ خۇسۇستىكى تۇتۇمىنىڭ كۆپچىلىك سەلەفلەر بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ. ئىمام ئەشئەرىينىڭ بۇ ھەقتىكى مەۋقەسىنى بىر تۈركۈم كۈشەندە تائىپىلەردەك بۇرمىلاشنىڭ، ياكى ئىمام ئەشئەرىينى زورىغا ئۆمرىنىڭ يېرىمى ياكى ئاخىرىدا تەۋبە قىلغانغا چىقىرىپ ئۆز توپىغا ئەزا كۆپەيتىش ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىپ بۇرمىلاشنىڭمۇ ھېچ ھاجىتى يوق. ئىمام ئەشئەرىي مىسالى مۇجتەھىد ۋە مۇجەددىد ماقامىدىكى بۈيۈك ئىلىم ئەربابلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تۇتۇمىنى ئېلان قىلىشى، ئۆزلىرىنىڭ تەھقىق قاراشلىرىنى ئاخىرقى پۈتۈكلىرىدە ئوپئوچۇق جاكارلاپ قويۇشى ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتى تارىخىدا ناھايىتىمۇ كەڭ يۈز بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ شەنىگە لايىق بولغان ھادىسىلەردىندۇر.
ئىمام ماتۇرىيدىيغا كەلسەك، مەيلى ئۇ ئۆزىنىڭ «تەۋھىد» ناملىق كىتابىدا بولسۇن، ياكى «تأويلات أهل السنة» ناملىق تەپسىرىدە بولسۇن، ئىمام ئەبۇلھەسەن ۋە باشقا سەلەف يولىنى تاللىغان ئالىملارغا ئوخشاشلا ئاللاھنى ھادىسەۋىلىك بىلەن خاراكتېرلەنگەن سۈپەتلەردىن پاك ۋە مۇنەززەھ دەپ بىلگەنلىكىنى ئېنىق قىلىپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستەۋا سۆزىنىڭ ماكانلىشىش، ھەقىقىي مەنىدىكى تەختتە ئولتۇرۇش، ئۆرلەش قاتارلىق ماددىيلىققا چېتىلىدىغان مەنىلىرىنى رەت قىلىپلا قالماي، يەنە «علا وارتفع» سۆزلىرىنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۈكسىلىش، ئۆگزىگە ياكى تاغقا چىقىش ئۈچۈن ئۆرلەۋاتقان كىشى مىسالى ئۆرلىگەنلىك مەنىسىنى ئىشلىتىشنى، ياكى شۇنداق مەنىسى بويىچە ئىزاھلاشنى رەت قىلغان ھەمدە بۇنداق چۈشىنىشنى تەنقىدلىگەن. شۇنداقلا «ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئۆرلەش» پارادوكسىنى كەسكىن رەت قىلىپ «ئۆرلىدى دېگەنلىكنىڭ ئايەتتە ئېنىق قىلىپ ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەدھىيەلىنىۋاتقان بىر كونتېكسىتتا ئۇنىڭدەك تەڭدىشى بولمىغان كاتتا زات ئۈچۈن «ئۆرلەش»نىڭ شەرەپ دېگىلى بولمايدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھەممىدىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈك سۈپىتىنى يەردىن يەرگە ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان»[7] تەبىر ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىغان ۋە ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ ئىستەۋا ئايىتى ھەققىدىكى تۇتۇمىغا پاراللېل ھالدا ئىستەۋا سۆزىدە ئىپادىلىنىدىغان «علا وارتفع» مەنىلىرىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈك، مۇتلەق ئالىيلىق مەنىسىدە بولۇشىنىڭ مۇناسىپلىقىنى ئەسكەرتكەن. بۇ پەقەت مۇنازىرە نۇقتىسىدىن نېمە دېسە بولىدىغان ۋە نېمە دېسە بولمايدىغانلىق نۇقتىسىدىكى ئىزاھاتى بولۇپ، بۇ خۇسۇستىكى ئەڭ ئاخىرقى تۇتۇمىنى بايان قىلىپ: «قۇرئاندا ‹الرحمن على العرش استوى› دەپ كەلگەن ئىكەن، مەخلۇقاتلاردا ئىپادىلىنىدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە سۈپەتلەرنىڭ ئوخشىشى ئاللاھتا بولغان ئەمەس، دەپ چۈشىنىش بىلەن بىرلىكتە، قۇرئاندا قانداق كەلگەن بولسا شۇ بويىچە دېيىش لازىم. شۇڭا ئىستەۋانى قۇرئاندا قانداق كەلگەن بولسا، شۇ بويىچە دەيمىز، چۈنكى قۇرئاندا شۇنداق كەلگەن. ئەقىلمۇ بۇنى ئىسپاتلىغان. شۇڭا بىز ئايەتنىڭ تەپسىرى ھەققىدە تىلغا ئېلىنغان ئېھتىماللىق مەنىلەردىن بىرەرسىنى مۇشۇ شۇ، دەپ جەزملەشتۈرۈۋالمايمىز. يەنە كېلىپ بىزنىڭ بىلىش دائىرىمىزدىكى ئېھتىماللىقلارنىڭ ھېچبىرىدە يارالمىشلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلىنىدىغان ئېھتىماللىق يوق، پەرەز قىلالمايمىز. شۇڭا بىز ئاللاھ مەزكۇر ئايەتتە نېمىنى كۆزدە تۇتقان بولسا، بىزمۇ شۇ بويىچە ئىشىنىمىز»[8]. ئىمام ماتۇرىيدىي قۇرئان تەپسىرىدىمۇ ئىستەۋا مەزمۇن قىلىنغان ئايەتلەردە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك تەپسىر ۋە تەۋىللەرنى زىكرى قىلىش بىلەن بىرگە ھەربىرىگە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇپ رەت قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى رەت قىلىپ ماڭغان ۋە بۇ ھەقتە ئۆز قارىشىنى تولىمۇ كەسكىن ۋە ئوچۇق بايان قىلىپ، ئايەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلغان. ئۇ تەۋھىد كىتابىدىكى تۇتۇمىنى تەپسىرىدىمۇ بىرقانچە ئورۇندا تەكرار ئەسكەرتكەن بولۇپ، ئىستەۋا سۆزى ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم تىلغان ئېلىنىدىغان ھەدىد سۈرىسىنىڭ 4 – ئايىتىنىڭ تەپسىرىدە بۇ خۇسۇستىكى مەۋقەسىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «بىز ‹استوى على العرش›دېگەندىن ئاللاھنىڭ دېمەكچى بولغىنى ماۋۇ دەپ تەپسىر بەرمەيمىز. چۈنكى، ئايەتتىن نېمە كۆزدە تۇتۇلغانلىقى نامەلۇم. شۇنداق بولغاچقا ئاللاھ ‹فاسئل به خبيرا› يەنى، سەن بۇنى ھەممىدىن مۇتلەق خەۋەردار بولغۇچى ئاللاھتىن سورىغىن» دەپ كۆرسەتكەن. جانابى ئاللاھ بۇ يەردە پەيغەمبەرنى ھەممىدىن خەۋەردار بولغان زات (ئاللاھ) تىن سوراشقا بۇيرىدى. پەيغەمبەر بولسا بۇ ھەقتە سوراشنى خالىمىدى. شۇڭا پەيغەمبەرنىڭ بۇ ھەقتە تەپسىر بەرگەنلىكى ئاڭلانمىغان (بىزگە يېتىپ كەلمىگەن). (بۇ خۇسۇستا) ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر»[9].
مانا بۇ نەقىل ۋە مەنبەلەر ئىمام ئەشئەرىي ۋە ماتۇرىيدىيلارنىڭمۇ ئىستەۋا مەسىلىسىدە ئايەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى ئاللاھقا ھاۋالە قىلىشنى ئەڭ ساغلام ئىش دەپ قارىغانلىقىنى، ئايەتكە مۇئەييەن ئىزاھات، تەپسىر ياكى بىرەر تەۋىلنى بېرىش ئارقىلىق ئايەتنىڭ مەنىسى مۇنداق، دەپ مەنە بېكىتىۋېلىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى، ھەتتا ئىستەۋا مەسىلىسىدە مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى تەپسىرلەشكە تۇتۇنغان ئاز بىر قىسىم سەلەفنىڭ يولى بويىچە ئىش قىلىشتىنمۇ ئۆزىنى تارتىپ كۆپچىلىك سەلەف سالىھلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىر مەۋقەدە ئىكەنلىكىنى كەسكىن رەۋىشتە دەلىللەيدۇ. جانابى ئاللاھ سەلەف سالىھلار يولىغا مەنسۇپلەنگەن، ئۇلار بىلەن بىر سەپنى تاللىغان ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئۆزىدىن كېيىنكىلەرنى يېتەكلىگەن ئىمام ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىيدىن رازى بولسۇن! شۇنداقلا سەلەف سالىھلار يولىنىڭ ۋەكىللىك ئىزباسارلىقىنى جارىي قىلدۇرغان، سەلەف ۋە خەلەف ئارىسىدىكى رىشتىنىڭ توغرا باغلىنىشىغا، بىر - بىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە تارىختىن ئورۇن ئېلىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ئۇلۇغ ئالىم، ئەھلى سۈننەت پېشۋاسى ھەمدە تۈركىي ئەجدادىمىز ئىمام ئەبۇ مەنسۇر ماتۇرىيدىيدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] قال الإمام مالك: إن الله تعالى مستو على عرشه كما أخبر. المرجع: اعتقاد المنبل أبي عبد الله أحمد بن حنبل للتميمي، ط دار الكتب العلمية - بيروت، ص 39.
[2] الغزالي: مجموعة رسائل الإمام الغزالي، ط دار الفكر – بيروت، ص 302. الشهرستاني: الملل والنحل، ط مؤسسة الحلبي، 1/105. السفاريني الحنبلي: لوامع الأنوار البهية وسواطع الأسرار الأثرية لشرح الدرة المضية في عقد الفرقة المرضية، ط مؤسسة الخافقين ومكتبتها – دمشق، 1/262.
[3] محمد رشيد رضا: تفسير المنار، ط الهيئة المصرية العامة للكتاب، 7/183.
[4] ئوسمانلى دەۋرىدە يېتىشكەن مۇپەسسىرلەردىن ئەلمالىلى ھەمدى يازىر ئەفەندى (1878 - 1942) ۋە ئۆمەر ناسۇھىي بىلمەن ئەفەندى (1882 - 1971) قاتارلىق ئۆلىمالار يازغان تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىرلەردىكى ئىستەۋا ئايىتىگە دائىر بايانلار بۇنىڭ دەلىلى.
[5] البيهقي: الأسماء والصفات للبيهقي، ط دار الجيل – بيروت، 1/569.
[6] الأشعري: الإبانة عن أصول الديانة، ط دار الأنصار - القاهرة، ص 21.
[7] الماتريدي: «كتاب التوحيد»، ط دار صادر – بيروت، ص 133 - 134.
[8] الماتريدي: «كتاب التوحيد»، ط دار صادر – بيروت، ص 138.
[9] الماتريدي: «تأويلات أهل السنة»، ط دار صادر – بيروت، ص 138.
داۋامى بار...
Yorumlar
Yorum Gönder