قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(15)

 قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(15)

تەرجىمە تارىخىمىزنىڭ قارا داغلىرى
1 - ساختا ئىلىمدارلىق ۋە بۇزۇق شاھادەت
ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئوبزورىمىزنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئىلىم ئەھلىگە خاس بولغان خاراكتېر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق. مۇقەددىمىدە ئۆلىمالىقنىڭ تىپىك خاراكتېرلىرىدىن بىرىنىڭ لىللالىقنى پىرىنسىپ قىلىش ئىكەنلىكى، باھادا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە ئادىل بولۇشنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە «أولو العلم» سۈپىتىگە سازاۋەر بولۇشىنىڭ تىپىك ئامىلى ئىكەنلىكى، ئاللاھ نەزىرىدە بۇنىڭ «ئادىل شاھادەت»، يەنى ئادالەتنى بەرپا قىلغۇچى گۇۋاھلىق جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدىغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلار يورۇتۇلغان ئىدى. دەرۋەقە، ئىلىمنىڭ ئەھلى بولۇش ۋە ئۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى قىلالايدىغان سالاھىيەت ئەھلى بولۇش نوقۇل ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان بولۇش بىلەن ياكى بولمىسا مۇئەييەن نوپۇز ئىگىسى بولۇش بىلەن قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئىلىمگە ۋاپا قىلىش بىلەن، ئىلىمنىڭ تەلىپىنى ئەمەلدە ئىجرا قىلىش بىلەن، ئۇنىڭغا لايىقلاشقان خاراكتېر ۋە ئەمەلىي تۇتۇم ئىگىسى بولۇش بىلەن، شۇنداقلا ئىلىمنىڭ ھەققىنى بېرىدىغان رەۋىشتە ئەمەلىي خىزمەت قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ.
ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىلىمگە ۋاپا قىلىشى ئۇنىڭ ئىلىمگە قانچىلىك مەسئۇلىيەت بىلەن قارىغانلىقى، ئىلىم ئەخلاقىغا قانچىلىك رىئايە قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ۋاپانى ئاساس قىلغان ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان ھەر تۈرلۈك باھا، تەقدىم، تەقرىز، تەنقىد ۋە تەھقىقلەرمۇ ئادىللىقنى بەرپا قىلغۇچى شاھىدلىقتىن نېسىۋە ئالالايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوتتۇرىغا چىققان شاھادەت ساختا شاھادەت بولۇشتىن، قۇرئان تىلى بىلەن ئېيتقاندا «شهادة الزور (ساختا گۇۋاھلىق)» بولۇشتىن قاچالمايدۇ. دېمەك، ئىلىمنىڭ راۋاجى ھەمدە ئۇنىڭ ھەققە يېتەكلەش ۋە ھەقنى بەرپا قىلىش خۇسۇسىيىتىنىڭ جارى بولۇشى ئۈچۈن ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغۇچىدا قاتتىق مەسئۇلىيەت، يۈكسەك ئىلىم ئەخلاقى بولۇشى شەرت. كۈنىمىز تىلىدا ئىپادىلىسەك، ئىلىم ئەھلىدە چوقۇم ساغلام ئىستىل ۋە كەسپىي ئەخلاق بولۇشى شەرتتۇر. بولۇپمۇ قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىدىن ئىبارەت ۋەزنى ئېغىر بولغان چوڭ خىزمەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قۇرئان ئىلمىنىڭ يۈكسىلىشى، قۇرئان روھىنىڭ ساغلام يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە بەرپا بولغان ئىلمىي پەللىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىپادىلىنىشى ھەمدە جۇلالىنىپ تۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مانا بۇ سۈزۈك ئىستىل ۋە كەسىپ ئەخلاقىدىن ئىبارەت ھەققانىي نازارەت ئامىللىرى يادرولۇق ئاساس بولۇشى كېرەك. بۇ جەھەتتىن ھەرقانداق بىر ئىلمىي خىزمەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى ئالدى بىلەن مەزكۇر خىزمەتتە ئىستىل ساغلاملىقى ۋە كەسپىي ئەخلاقنىڭ قايسى دەرىجىدە ئەمەلىيلەشكەن ياكى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئىستىل بۇزۇقلاشقان، كەسىپ ئەخلاقى چىرىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنىمۇ بۇزۇق ئىلىم، بۇزۇق مېتود ۋە بۇزۇق شاھادەتتىن باشقىسى بولمايدۇ. بىز ئوبزور قىلىۋاتقان قۇرئان كەرىمنىڭ ئاتالمىش يېڭى تەرجىمىسى ۋە ئۇنىڭغا يېزىلغان بېغىشلىما نامى ئاستىدىكى باھا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشلەرنى ئىلىم ساھەسىدىكى ئىستىل بۇزۇقلۇقىنىڭ ۋە كەسپىي ئەخلاقتىن نېسىۋىلەنمەسلىكنىڭ تىپىك ئۆرنىكى قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تۈرلۈك نۇقتىلاردىن ئېلىپ بارغان تەنقىدلىرىمىز، تەھقىقلىگەنلىرىمىز ، ئاتالمىش ئىلمىي مېتود، خاتانى تۈزلەش، ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزگىچىلىك قاتارلىق ناملار ئاستىدا دېيىلگەن ۋە قىلىنغانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشلىرىمىز ئەمەلىيەتتە مەزكۇر ئاتالمىش تەرجىمە كىتابنىڭ «بۇزۇق مېتودلۇق بۇزۇق تەرجىمە»دىن باشقا نەرسە بولمىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىقىشقا يېتىپ ئېشىپ تۇرۇپتۇ. دەرۋەقە، بىز بۇ نۆۋەتلىك تەرجىمە ۋە نەشر ئىشىدا قانداقتۇر مەلۇم بىر تەرجىماننىڭ قۇرئانشۇناسلىق ساھەسىنى قايسى دەرىجىدە پېتىقلىغانلىقىغا، ھەۋەسكار سەۋىيەسىدە تۇرۇپ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى قۇرئان كەرىم تەرجىمە خىزمىتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە روياپقا چىقارغان تۆھپىكار ئالىم - ئۆلىمالارغا، مېھنەتكەش تەرجىمان ۋە مۇھەررىرلەرگە قايسى دەرىجىدە شىلتىڭ ئاتقانلىقىغا، مەنسىتمىگەنلىكىگە، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىدىن نائۇستىلارچە ئوغرىلاپ، كۆچۈرۈپ - چاپلاپ ساھەنى قايسى دەرىجىدە نابۇت قىلىش كويىدا بولغانلىقىغا شاھىد بولۇپ توختىمىدۇق. بىز يەنە بۇ خىل ئىلمىي ئاينىشقا، ئىستىل بۇزۇقلۇقى ۋە كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىكى چىرىكلىككە تەرجىمانىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بۆلۈك قالپاقلىق «ئۆلىما» توپىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلغانلىقىغا شاھىد بولدۇق. تەرجىمانىمىزنىڭ ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەردە بايان قىلغان ماقالىسىنىڭ داۋامىغا ئۇلاپ ئېلان قىلىنغان «بېغىشلىما» نامى ئاستىدىكى سەۋىيەسىزلەرچە يېزىلغان چاكىنا باھالار، ساختا شاھىدلىقلار بۇنىڭ تىپىك دەلىلى بولۇپ، تەرجىمانىمىز نەچچە ئون يىللىق نەشرىي ئەپكارچىلىق ھاياتىدىن خۇلاسىلىگەن كۆچۈرۈپ - چاپلاش ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاتالمىش يېڭى تەرجىمىسىنى بازارغا سالغان بولسا، ئاتالمىش بۇ بېغىشلىمىلاردا تەرجىمانىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزكۇر قالپاقلىق ئۆلىمالار توپى بۇ بازارنىڭ يايمىچىلىقىنى قىلىشىپ بېرىشتىن ئايانمىغان. بېغىشلىمىلارغا قارايدىغان بولساق «نېنى كېچىك ناۋاي بەك توۋلايدۇ» تەمسىلى بويىچە ئەسەرنىڭ نە قۇرۇلمىسىغا، نە ئىلىمىي ۋەزنىگە يېقىن كەلمەيدىغان بىر - بىرىدىن مۇبالىغە، بىر - بىرىدىن داغدۇغىلىق، بىر - بىرىدىن دەبدەبىلىك ياسالما سۆزلەر بىلەن ماختاشقا زورۇقۇشلارنى ئۇچرىتىمىز. كۆرىمىزكى، باھاچىلار تۈشمۇتۇشتىن يايما دۇكاننىڭ توۋلاپ ساتقۇچىلىرى مىسالى ئاغزىغا كەلگەنچە ئەسەرگە مەدھىيە ئوقۇش ئارقىلىق مەدداھلىق رولىنى ئۆتەشتىن باشقىنى قىلمايدۇ. چۈنكى، ئاتالمىش بۇ بېغشىلىمىلاردا ئەسەرنىڭ مۇئەييەن بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن بەكرەك، ئەسەرنىڭ نە ۋەزنىگە، نە تەرجىمىلەر ئارىسىدا تۇتقان رولىغا، شۇنداقلا تەرجىماننىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمىي نوپۇزىغا قىلچە ئۇيۇشمايدىغان ئاسمان - پەلەك باھالار بېرىلگەن. بۇ قىلمىشلار باھاچىلارنى مۇئەللىپنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ۋە مەزكۇر تەرجىمىنى قارىسىغا ئۇچۇرۇپ كۆككە كۆتۈرۈشتىن باشقا دەردى بولمىغان ئاۋارىگەرلەرگە، ۋە بۇ «تەرجىمە»نى ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتچىلىرىغا، ئەسەرنىڭ بازىرىنى قىزىتىشتىن باشقىنى كۆزلىمەيدىغان كىتاب دەللاللىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. يەنە كېلىپ مەزكۇر بېغىشلىمىچىلارنىڭ كۆپى ئەسەرنى ياققال كۆرۈپ چىقىپ مەدھىيە يازغانلار بولماستىن، ئەسەرنى ئىككىنچى نەشرىگە تەييارلاش ئۈچۈن يەڭ تۈرگەنلەر، ئۆزلىرىنىڭ يازغان ۋە ئېيتقانلىرى بويىچە «بىرى ئوقۇسا بىرى كومپيۇتېرىغا قاراپ، بىرى تەپسىرگە قارىسا، يەنە بىرى كىتابقا قاراپ»، ئۇزۇن - ئۇزۇن سائەتلەپ قارىشىپ بەرگەن، قانداقتۇر نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇش جەريانىدا گاھ تالىشىپ، گاھ تاكاللىشىپ سېلىشتۇرۇشۇپ بەرگەن، ھەتتا تەرجىمانىمىزنىڭ ئىپادىسى بويىچە تۈرلۈك جايلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە قايسى سۆزگە نېمە دەپ تەرجىمە بېرىشقىچە ھەمدەم بولغانلار، توغرىسى قانداق ياپسارلاشتا بار مەسلىھەت قىلىشىپ بەرگەنلەر، ھەتتا بەزى جايلارنى تەرجىمانىمىز بىلەن تاكاللىشىپ يۈرۈپ قانداق تەرجىمە قىلىش ۋە قانداق مەنە بېرىش خۇسۇسىدا ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىققا كېلىپ بىرلىشىپ ئىش قىلغانلار بولۇپ، نەتىجىدە تەرجىمانىمىز يانپاشقا ئۇرۇپ تاپقان ئاتالمىش مېتودلار، ئاقلاپمۇ يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئوپئوچۇق ئىلمىي خاتالىقلار، سادىر قىلىنغان كۆچۈرمىكەشلىك ۋە قوراشتۇرمىچىلىق ھۈنەرلىرى، كۆز بويامچىلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەشردىن چىقىشتىن ۋە ئوقۇرمەننىڭ قولىغا تېگىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن مەزكۇر بېغىشلىما يازغان گۇرۇپپىنىڭ ۋە بىر قىسىم «ئۇلۇغۋار ئىش ئىزلىرى» پەش قىلىنىپ تۇرۇپ ئىستاتىستىكلىق تەرجىمىھالى بېرىلگەن توپنىڭ قولىغا تەگكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ ئاندىن ئەسەر سۈپىتىدە كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئەسەر ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ ئاندىن كىتابخانلارنىڭ قولىغا تەگكەن. ئەسەر مانا بۇ تەرىقىدە قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئاندىن نەشىر قىلىنغان. يەنى، مەزكۇر ئەسەر تۇنجى نەشرىدە ئاپتورنىڭ ئىلھامى ۋە ھاياجىنىدا نەشر قىلىنىپ قالغان، يېتەرلىك كۆرۈپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈشكە سەل قارالغان دېيىلسىمۇ، ئىككىنچى نەشرىدە ئۇنداق بولمىغان. بىرىنىڭ كۆزىدىن قاچقاننى يەنە بىرى تۈزىتىدىغان، ئوقۇرمەننىڭ ئالدىغا قويۇلۇشتىن ئاۋۋال قاتتىق مەسئۇلىيەت ۋە يۈكسەك تەنقىدىي نەزەر بىلەن كۆرۈپ چىقىشنىڭ، ئەسەرنىڭ نەشرگە لاياقىتى بار ياكى يوقلىقىغا تەكلىپ ۋە پىكىر - باھا بېرىشنىڭ دەل ۋاقتى، شۇنداقلا ئىلمىي خاتالىق ۋە مېتود بۇزۇقلۇقلىرىنى پەرق ئېتىپ ئاپتورنى ئالدىن ئەسكەرتىشنىڭ، ئۇنىڭ خاتاسىنى تۈزەشنىڭ قاچۇرغۇسىز پۇرسىتى بولغان تەھرىرلىك ۋە كۆرۈپ چىقىش خىزمەتلىرى مانا بۇ قالپاقلىق ئۆلىما توپىنىڭ قولىدىن چىققان ۋە نەشرگە بېرىلگەن. شۇنداق قىلىپ بۇزۇق مېتود، بۇزۇق تەرجىمە ۋە بۇزۇق شاھادەتلەر مانا بۇ تەرزدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، گەجگىسىدە «ئۆلىما»، «موللا»، «داموللا»، «خەلپەت» ئاتىقىنى يۈدۈپ يۈرۈۋاتقان بۇ توپنىڭ ئەسەر ھەققىدە ئېيتقانلىرى، يەنە كېلىپ ئەسەردە شۇنچىۋالا ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇشىغا قارىماي ساختا شاھادەت بېرىشلىرى كۈنىمىزدىكى «موللا» تىپىنىڭ نەقەدەر بۇلغىنىشتا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋەكىللىكىدە نامايىش قىلىۋاتقان «شەرئىي ئىلىم»نىڭ سەۋىيە - ساپاسىنىڭ نەقەدەر بەربات، نەقەدەر خاراب، نەقەدەر يالاڭتۆش ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
تۆۋەندە بىز مىسال تەرىقىسىدە بېغىشلىما نامى ئاستىدىكى بۇ باھالارغا قاراپ باقايلى:
بىرىنچى بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن رەببىمىزنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 21 يىل ئىزدەندى ۋە ھارماي – تالماي جاپالىق ئىشلىدى. ئاخىرىدا ئۆلىمالاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس گۇرۇپپا بۇ تەرجىمىنى ‹ئۆلىمالار بىرلىكى› ئىشخانىسىدا ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەتىگەندىن كەچكىچە مۇنتىزىم ئىشلەپ باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. پېقىر بىرىنچى كۈنى بۇ مۇبارەك ئىشنى باشلاپ بەرگەن بولدۇم. كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا مەنمۇ بەزى نازۇك مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى بەردىم. ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن يەنە بىر قېتىم قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ ئاخىرقى ھالىنى ھازىرلىدى.... ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن ھازىرلىغان بۇ تەرجىمە زامانىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ‹قۇرئان كەرىم› تەرجىمىلىرىدىن ئەڭ ئەۋزەل ۋە بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىن تېخىمۇ مۇكەممەل تەرجىمە بولدى، دەپ قارايمەن»[1].
يۇقىرىقى باھانى يازغۇچى نۆۋەتتە تۈركىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دوتسېنتى، ئۆزىگە تۇشلۇق ئاكادېمىك ھاياتى بار بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر ئاكادېمىكنىڭ ئاكادېمىك تىلى ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئىلمىي ساھەدە كۈندىلىك مەشغۇلات تىلى، ئىلمىي پائالىيىتى ئاساسەن تۈركىيە تۈركچىسىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە يېزىق تىل سەۋىيەسى نامەلۇم، ھەتتا ئۆز ساھەسىگە دائىر بىرەر پارچە ماقالە چاغلىق ئۇيغۇرچە يازمىسى تېپىلمايدىغان، شەخسىي قانال ۋە ئىستۇدىيەلەردە سۆزلەۋاتقان ئۇيغۇرچە نۇتۇق ئىقتىدارىغا قارالسىمۇ ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن نەچچە ئون يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتى جەريانىدا راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلەش قابىلىيىتىدىنمۇ ئايرىلغان، ئېغىز تىلنىمۇ تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىسىنى خارمانلاشتۇرۇپ سۆزلىيەلمىسە ساپ ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزەشتىمۇ قىينىلىدىغان سەۋىيەدىكى ئىلاھىيەتچى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىكى بىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى ناقىسلىقىنى نەزەرگە ئېلىپمۇ بولسا، ئۆزىنى دەڭسىشى، قارشىسىدىكى ئەسەرنىڭ ئۆزىنىڭ ساھەسىدىكى تۈركىيە تۈركچىسىدە ئىشلەنگەن ئەسەر ئەمەسلىكىنى دىتلىشى كېرەك ئىدى. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ مەزكۇر باھاچىنىڭ ئەسەرنى ئاۋۋالقى تەرجىمىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇپ باھالاپ كېتىشى، مەزكۇر بۇزۇق مېتودلۇق تەرجىمە ھەققىدە «ئەڭ ئەۋزەل تەرجىمە»، «بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىن تېخىمۇ مۇكەممەل بىر تەرجىمە بولدى» جۈملىسىنى تۈزەلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئېنىقكى، ئىلمىي جەھەتتىن ھەددىنى بىلمەس بىرى ئىكەنلىكىدىن، ئۆزىنىڭ قايسى ساھەدە، قايسى تىلدا ۋە قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ باھا بېرىشىنىڭ، باھا بەرگەندىمۇ نېمە دەپ باھا بېرىشنىڭ ئىستىل ۋە كەسپىي ئەخلاقى تارازىسىغا ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى پەملىيەلمەيدىغان دەرىجىدە مىسكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا ئۆزى راۋان سۆزلىيەلمەيدىغان، راۋان ئەدەبىي تىلدا ئىجادىيەت تۈگۈل جايلاپ ئەدەبىي تەرجىمىمۇ قىلالمايدىغان تۇرۇپ ۋەتەن ئىچىدە ھاياتى ئاز كەم ئىككى تىلدا تەتقىقات ۋە قەلەمكەشلىك بىلەن ئۆتكەن، يۇقىرى سەۋىيەدە ئىجادىيەت قىلىپ كەلگەن ئەدەبىي تىلنىڭ پېشۋالىرىنىڭ قولىدا روياپقا چىققان ئالدىنقى تەرجىمىلەر بىلەن مەزكۇر بۇزۇق تەرجىمە ئەمگەككە سېلىشتۇرما شەكىلدە باھا بېرىشنىڭ ئاكادېمىكلىق بابىدا قۇرۇق گەپتانلىق، قىپقىزىل ساختىلىق ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ھېسابلىنىدىغانلىقىنى شۇنچە يېشىغا كېلىپمۇ دەڭسەپ بولالمىغانلىقىدىن، تۈگەل قارىسىغا باھالاپ ئۇچۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، كەسپىي ئەخلاقتا يوقسۇل «ئاكادېمىك» ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى مەسىلە ئىلاھىيەتچى بولغانلىقى، ئۆزى ئىلمىي ماقالە يېزىپ، دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ ئۇنۋان ئالغان تۈركچە ئىلمىي ئەسەرگە ئوخشاش بىرەر تۈركچە ئىلمىي ئەسەر ھەققىدىكى باھا ھەققىدە بولسا ئىدى، ئۇنىڭ يولى باشقا ئىدى. ئىشنىڭ جەريانى شۇنداق بولۇپ يەنە شۇنداق ئەرزىمەيدىغان باھانى بەرگىنىدە ئىدى، ئەلۋەتتە بىز ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلار بويىچە تەنقىدكە لايىق ئەسەرگە كۆز يۇمۇپ ئۆتكۈزۈۋېتىشىنىڭ ناتوغرىلىقىنى ئىزاھلىغان، كۆز يۇمغانلىقىنى تەنقىدلىگەن بولاتتۇق. ئەپسۇسكى ئىش تېخى بۇ باسقۇچتىمۇ ئەمەس.
دەرۋەقە، ئىش ئۇنچىلىك ئىلمىي رېلىس ئىچىدە بولغىنىدا تۇتۇلىدىغان پوزىتسىيەمۇ ئەلۋەتتە پەرقلىق بولاتتى. ئەمما مەسىلىنىڭ خاراكتېرى ئۇنداق ئەمەس. بەلكى تامامەن باھا ياكى بېغىشلىما يېزىشقا نە سالاھىيەت، نە ھەققى يوق بىر تېمىدا بۇنداق ئورۇنسىز ۋە نالايىق باھالارنى بېرىپ ئولتۇرۇشتەك مەسئۇلىيەتسىزلىك ئەسلا ئىجابىي چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان قەبىھ ھادىسىدۇر. قۇرئان كەرىمدەك بىر مىللەتنىڭ دۇنيالىقى ۋە ئاخىرەتلىكىگە چىراغ تۇتىدىغان بىر ئەسەرگە بۇ دەرىجىدە لاياقەتسىز تىپلانىڭ چىقىپ نالايىق باھالارنى بېرىشى، تەرجىماننىڭمۇ بۇنى بىر شەرەپ تۈسىدە قۇرئان تەرجىمىسىدەك بىر ئىلمىي ئەسەرگە ۋىۋىسكا ئاسقان مىسالى ئېسىۋېلىشى ھەقىقەتەن تەئەججۈپكە لايىق قىلمىشتۇر. تەرجىمانىمىزنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ ۋەزنىنى ئۆزى دەڭسىيەلمەسلىك، تەۋەلەنگەن تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىنىڭ مەنسەپدارلىرىنىڭ قولىدىن ئالقىش - مەدھىيە ئېلىشقا خۇشتارلىق دەپ چۈشىنىپ تۇرساقمۇ، مەزكۇر دوتسېنتىمىزنىڭ بۇنداق قارىسىغا باھالارنى يېزىپ كېتىشىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى مەنسەپدار كادىر غوجاملارنىڭ قول ئاستىدىكى مەمۇر شوركىلىرىغا يوليورۇق يېزىپ خاتىرە قىلىپ قويغان شەكلىدە قارىسىغا باھالارنى پۈتۈشلىرىنى، گويا شۇلارنىڭ ئىش بېجىرىش شەكلى بولغان «ئىشنى مۇنداق باشلاپ بەردىم، مۇنداق قىلىشتى»، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كېتىشلىرىدىن پەرقى يوق باھالارنى «بېغىشلىما» نامى ئاستىدا ئېلان قىلىشلىرىنى، ئەجەبا يۇقىرىقىدەك چۈشەنمەي قانداق چۈشەنگۈلۈك؟
ئىككىنچى بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇستاز مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن رەببىمىزنىڭ سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن 21 يىل كۈچ چىقاردى. ئىزدەندى ۋە ھارماي ئىشلىدى. ئاخىرىدا بىرقانچە ئۆلىما ئۇستازلاردىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس گۇرۇپپا بۇ تەرجىمىنى باشتىن ئاخىر كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، سېلىشتۇرۇپ چىقتى. پېقىرمۇ بۇنىڭغا ئىشتىراك قىلىپ كۆزدىن كەچۈردۈم ۋە نازۇك ئورۇنلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىمنى تەقدىم قىلدىم. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى ‹قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى› ئەڭ توغرا، ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە بۇرۇنقى بارلىق تەرجىمىلەرنىڭ كەم تەرەپلىرىنى تولۇقلىغان كامىل بىر تەرجىمە بولدى... بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ پۈتۈن ھاياتىمىزنى ئىسلامغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ تەرجىمە ۋە تەپسىرلىرىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى ئىلىم تەرەققىي قىلغان دەۋردە ئىشەنچلىك ئۇستازلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ۋە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ توغرا تەرجىمە بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر تەرجىمىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇشىمىز ۋە ئەمەل قىلىشىمىز لازىم»[2].
بېغىشلىمىدىكى يۇقىرىقى باھامۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىن ساۋاتى يوقلىقى ئېكران يۈزىدە قىلغان ۋەز - تەبلىغىدىنلا بىلىنىپ تۇرىدىغان، بۈگۈنگە قەدەر سالام خەتچىلىك بىرەر يازمىسى مەتبۇئات يۈزى كۆرمىگەن بىرىگە ئائىت بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدە ئاتالمىش شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيەتلىرىگە، شەھەر ۋە ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشلەرگە ئەزالىقى سۈپەتلىرى بىلەن مەسجىد ئىماملىقى، جامە خاتىپلىقىغا ئوخشاش جامائەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىدىن باشقا يېزىق تىلغا دائىر ھېچبىر ئەمگىكى تېپىلمايدىغان، ئەدەبىي يېزىق تىل ژانىرىنىڭ ھەرقانداق بىر تۈرىدە ساۋاتى بارلىقى دەرگۇمان بىرى ئىكەنلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. ئەلۋەتتە، تەرجىمىنى كۆرۈپ چىقىشتا ئەسەرنىڭ مۇئەييەن تەپسىرگە ئۇيغۇنلۇقى ۋە مەنە بېرىشتىكى بىر قىسىم نۇقتىلارنى ئوقۇپ مەسلىھەت بېرەلەيدۇ، دېگەن تەقدىردىمۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە نىسبەتەن «ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ توغرا تەرجىمە» دىياگنوزىنى قويۇشقا سالاھىيەت ۋە ئىلمىي سەۋىيە ئەسلا يېتىشمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇپ يۇقىرىقىدەك داڭقان پۇتى باھالارنى بېرىشتىن ئايانماسلىقىنىڭ ئۆزىلا مەزكۇر باھاچىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىگە دائىر ئىلمىي ئەمگەكلەرنى باھالاشتا قانداق سۆز ۋە ئۇسلۇب قوللىنىشنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە مىسكىنلىكىنى، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ساھەسىگە قارا ساۋاتلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە يېتەرلىك. چۈنكى مەيلى مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى بولسۇن، ياكى ھەيئەت تەرجىمىسى بولسۇن ئوتتۇرىدا «خاتا تەرجىمە» ئۇقۇمىغا قارشى توغرا ۋە ئەڭ توغرا ئىبارىسىنى ئىشلىتىشنى زۆرۈر قىلغۇدەك ۋەزىيەت يوق. ئەگەر بار دېيىلسە، مەزكۇر تەرجىمانىمىزنىڭ ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەر قىسمىدا تىلغا ئالغان ۋە ئالدىنقىلارنىڭ خاتاسىنى تۈزەتكەنلىك ئىددىئاسىدىكى ئاساسسىز دەۋالىرى بار. مەزكۇر باھاچى بولسا، ئاپتورغا ھەر تەرەپتىن قوشۇلغانلىق يۈزىسىدىن تەرجىمىنىڭ سۈپەتلىك چىققان ياكى چىقمىغانلىقى، ئەۋزەللىك تەرىپىنىڭ بار ياكى يوقلىقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ باھا بېرىش ئورنىغا يۇقىرىقىدەك «ئەڭ توغرا»، «ئەڭ مۇكەممەل» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن، تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەردە دەۋاتقان ئىددىئالىرىغا ئالدىنئالا تەسلىم بولغان، بۇ تەرجىمىنىڭ ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى «خاتالىقلار»نىمۇ تۈزىتەلەيدىغان تەرجىمە بولغانكىن «ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل» دېيىلىش كېرەككەن دېگەن مۇددىئاغا ئەل بولۇپ كەتكەن. قىسقىسى، مۇستەقىل ئىلمىي قۇرۇلمىدىن، شۇنداقلا مۇستەقىل خاراكتېردىن يوقسۇزلاشقان بۇ زېھنىيەت نەتىجىدە خاتا ۋە توغرا تەرجىمىلەر ئىچىدە مەزكۇر مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسىنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ مۇكەممەل دەپ باھالاپ تاشلىغان. ئەگەر مەزكۇر باھاچىنىڭ ئېكران يۈزىدە مەزكۇر تەرجىمىنى روياپقا چىقىرىشتا «قۇرئان كەرىمنىڭ ھەرقايسى تىللاردىكى تۈركچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمىلىرىدىن پايدىلىنىپ مۇكەممەل تەرجىمە قىلىپ چىققانلىقى» ھەققىدىكى كالامپاي ئىپادىلىرىغىمۇ دىققەت بەرسەك، ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ۋە ساۋاتىنى چىقارمىغان ساھەدە گەپ يورغىلىتىشنىڭ ۋاقتى كەلسە مەدداھنىمۇ ئالىجوقىلاشتۇرالايدىغانلىقىغا شاھىت بولماي تۇرالمايمىز. مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى موللا - ئۆلىمالار ئارىسىدا بولسۇن، ۋەتەن سىرتىدا توپقا قوشۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيىتىدە بولسۇن قۇرئان كەرىم تەرجىمىچىلىكى ۋە تەتقىقاتىغا يېقىن كەلتۈرگىدەك ئىلمىي نەتىجىلىرى بولمىغان بىرىنىڭ مۇشۇنداق چوڭ خىزمەتكە ئارىلاشتۇرۇلۇشى، ساھەنىڭ ئىلمىي تەنقىد مىزانىغا سېلىنىشى بىلەن بۇ قەدەر ئېغىر مەسىلىلەر ساقلانغان بىر تەرجىمىگە ئىلمىي ساھەدىن نورمال خەۋىرى بار كىشىمۇ ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان «ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل» قاتارلىق دىياگنوزلارنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە بۇنىڭ نەچچە ئون يىللىق قەلەم - قەغەز بىلەن ھەپىلىشىۋاتقان بىرى بولمىش تەرجىماننىمۇ ھېچقانداق بىئارام قىلماسلىقى كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرماي تۇرالمايدۇ.
ئۈچىنچى بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «تەرجىمە سۈپەتلىك روياپقا چىقىشى ھەمدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن ساغلام ئەقىدىلىك، ئىخلاسمەن بىر گۇرۇپپا ئۆلىمالارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۇلار قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ باشتىن ئاخىرغىچە، مۆتىۋەر تەپسىر كىتابلىرىغا ۋە قۇرئاننىڭ ھەرخىل تىللاردىكى نوپۇزلۇق تەرجىمىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ تولۇق كۆرۈپ چىقتى. مەنمۇ بۇ شەرەپلىك خىزمەتكە قاتنىشىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەردە تۇرۇپ، تەرجىمىنى باشتىن ئاخىرغىچە مۆتىۋەر تەپسىر كىتابلىرىغا ۋە قۇرئاننىڭ باشقا تەرجىمىلىرىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چىقتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەرجىمىنى ھەقىقەتەن ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ ياخشى ۋە مۇكەممەل تەرجىمە بولدى، دەپ قارايمەن»[3].
تۆتىنچى بېغىشلىمىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پېقىرمۇ بۇ مۇبارەك ئەسەرگە، بولۇپمۇ ئەڭ نازۇك، ئىنچىكە نۇقتىلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، ئانالىز قىلىپ چىقتىم. نوپۇزلۇق تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرگە سېلىشتۇرۇپ كۆردۈم. بۇ ئەسەر پىشقان ئىستىبداتلىق بىر ئالىمنىڭ قولى بىلەن روياپقا چىققان، ئەتراپلىق تەكشۈرۈلۈپ سۈپەتلىك تەھرىرلەنگەن، نوپۇزلۇق تەپسىر ۋە تەرجىمىلەرگە سېلىشتۇرۇلۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ھەم ئىلگىرىكى ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىلىرىدىن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن، كەم تەرەپلىرى تولۇقلانغان، ئەڭ ئىشەنچلىك، تولىمۇ سۈپەتلىك ۋە مۇكەممەل بىر ئەسەر بولۇپ چىققان. ئىلمىي خىزمەتلەردە مەنبە سۈپىتىدە قوللىنىشقا تامامەن لايىق بولۇپ روياپقا چىققان بۇ ئەسەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن تولىمۇ مەنپەئەتلىك ئىلىمدۇر»[4].
يۇقىرىقى ئىككى بېغىشلىمىمۇ مەزمۇن جەھەتتىن ئالدىنقىدىن پەرقى يوق بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى دىنىي ئەسەرلەرگە قىلچە چىشى پاتمايدىغان، ئومۇمەن ئاغزاكى مەدرىسە تەرجىمىسى سەۋىيەسىنىڭ سىرتىغا چىقىپ باقمىغان، ئەدەبىي تىل بابىدا ئوخشاشلا سالام خەت چاغلىق بىرەر يازمىسى مەتبۇئات يۈزى كۆرمىگەنلەر ئەسەرگە باھا بېرىپ كەتكەن. باھا بەرگەندىمۇ ئوخشاش مەزمۇننى تەكرارلاشتىن باشقا ئىش بولمىغان. پەرقلىق نۇقتىئىينەزەردىن كۆزەتكەنلىك ئىپادىلىرىمۇ يوقنىڭ ئورنىدا. قارايدىغان بولساق، مەزمۇن جەھەتتىن ھەممىسىنىڭ تۇشمۇتۇشتىن ئۇرغۇلىماقچى بولغىنى ئەسەرنى ئۆزى قاتارلىق بىر گۇرۇپپا «ئۆلىما»نىڭ كۆرۈپ چىققانلىقى، كۆرۈپ چىققان چاغدا تەپسىرلەرگە ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمىلىرىگە قاراپ سېلىشتۇرۇپ چىققانلىقى ۋە ئەسەرنىڭ «ئەڭ ياخشى»، «ئەڭ ئىشەنچىلىك»، «ئەڭ سۈپەتلىك»، «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ توغرا» بولغانلىقى قاتارلىق ماقامغا كەلمەيدىغان ئىچى قۇرۇق دەبدەبىلىك باھالارنى شاتۇتىيدەك تەكرارلاش بولغان. ھەتتا ئۆمرىدە ئىلمىي مەنبە بېرىپ بىر پارچە ماقالە يېزىپ باقمىغانلىقىغا باقماي، ئىلمىي مەنبە دېگەننىڭ ئى سىدىن خەۋرى يوقلىقىغا قارىماي مەزكۇر قوراشتۇرما، بۇزۇق مېتودلۇق «تەرجىمە»نى «ئىلمىي خىزمەتلەردە مەنبە قىلىش» تەشەببۇسىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئومۇم ۋەزىيەتكە قارالسا بۈگۈنكى ۋەتەن ئىچىدە قىرغىنچىلىقنىڭ شىددەت بىلەن داۋاملىشىشى ۋە ھەقىقىي ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ساغلام ئىلمىي سەھنىسى بولماسلىقتەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى «ئۆلىما» قالپىقىنى تاقىۋالغان بۇ توپ يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تەبلىغچىلىكنى ھۈنەر قىلىشتىن ھالقىپ قەلەم ساھەلىرىنىمۇ پېتىغلاشقا چۈشكەن. قەلەم سەھنىلىرىدىمۇ ئۆزلىرىنى باھالاشقا سالاھىيەتلىك دەپ قارىۋالغان. ئىلمىي خىزمەتنىڭ ئەھلى بولماسلىقىغا قارىماي، نوقۇل «موللا»، «ئۆلىما» ئاتىقىنى كىيىۋالغانلىقى ۋە «ئۆلىمالار» سۆزى ئىشلىتىلىپ قۇرۇلغان ھەمدە مۇئەييەن دەرنەك بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىكى بىر تەشكىلاتنىڭ مەنسۇپلىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قۇرئان كەرىم تەرجىمە تەتقىقاتىغا، يەنە كېلىپ ئوتتۇز يىلدىن ئاشقان ئۇيغۇر دىنىي ئەدەبىيات ۋە دىنىي ئەسەر تەرجىمىچىلىكى ساھەسىگە باھاچى بولۇۋېلىشقان، خىيالىغا كەلگەنچە بىلجىرلاپ بۇزۇق مېتودلۇق قوراشتۇرما تەرجىمىنى ئۇچۇرۇشتىن باشقىنى قىلمىغان. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي ئۆلىما ياكى ھەرقانداق بىر ساھە ئەھلى مۇھەممەد سالىھ ۋە ھەيئەت تەرجىمىسىنى بىر يانغا، ئېچىپ قويۇپ مۇھەممەد يۈسۈپ «تەرجىمىسى»نى يەنە بىر يانغا قويۇپ ئاچىسلا، بىز تەنقىدلىگەن نازۇك ۋە چوڭقۇرلۇق تەلەپ قىلىدىغان نۇقتىلارغا دىققەت قىلمىسىمۇ بىر سېلىشتۇرۇپلا ئۈچىنچى تەرجىمىنىڭ ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنىڭ قوراشتۇرۇلمىسى، كۆچۈرۈلمە ۋە ياپسارلىما نۇسخىسىدىن باشقا ئەمەسلىكىنى بايقىيالايدۇ. بۇنچە رەڭۋازلىق ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئانچىكى ئۆزگەرتمىلەرنى قىلىپلا ئۈستىگە ئىسمىنى يېزىۋېلىپ پالانچىنىڭ قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى دەۋېلىشنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى، بۇنى قارىسىغا ئۇچۇرۇپ كۆتۈرمىكەشلىك قىلىشنىڭ ئۆزىگىمۇ، دىنىي ساھەگىمۇ سەت ئىكەنلىكىنى، ھەددى ۋە ھەققى ئەمەس بىر ساھە بارىسىدا سۈنئىي ئاتاق ۋە سۈنئىي نوپۇزغا تايىنىپلا باھا بېرىشنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك، چاكىنلىق ۋە تېتىقسىزلىق بولىدىغانلىقىنى پەملەيدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى بايقاش ئۈچۈن مەخسۇس ئۆلىما ئاتىقىدىكى بىرى بولۇش ياكى بىرەر ساھەنىڭ شۇناسى بولۇشمۇ كېرەك ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىن راۋان ساۋاتى بار، دىنىي ساھەدىن ئازدۇر - كۆپتۇر مەلۇماتلىق ھەرقانداق بىر كىشى ئۈچ تەرجىمىنى ئېچىپ ئوقۇپ باقسىلا قىينالمايلا ئۈچىنچى تەرجىمىنىڭ دەسمىيسىنىڭ قەيەردىن قەيەرگىچىلىكىنى دەڭسىيەلەيدۇ. ئەجەبا مانا مۇشۇنداق تۆۋەن سەۋىيەدىمۇ پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بىر «تەرجىمە»نى «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ ئىشەنچلىك»، «ئەڭ سۈپەتلىك» دەپ باھا بېرىش قەيەرچە قاشاڭلىق، قەيەرچە داپيۈزلۈك؟!
بىز تەرجىماننىڭ ئۆزى تىلغا ئالغان ۋە ئاتالمىش ئۆزگىچىلىك نامى ئاستىدا داۋراڭ سالغان نۇقتىلارنىلا ئىلمىي تارازىغا سېلىش بىلەن ئىددىئالىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تەپسىر ئىلمىگىمۇ، شۇنداقلا ئەقەللىي تىلشۇناسلىق ۋە تەرجىمىشۇناسلىق پىرىنسىپلىرىغىمۇ توغرا كەلمەيدىغان ئەجەللىك خاتالىقلارغا تولغانلىقىنى، ئىلمىي مېتود ۋە تەرجىمىدىكى بۇزۇقلۇقلارنى كۆرسىتىپ بەردۇق. نەتىجىدە نەچچە بابقا سوزۇلىدىغان توختىلىشقا تېگىشلىك بىرمۇنچە مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ تېخى تەرجىماننىڭ ئىددىئا قىلغان جايلىرى خالاس! ناۋادا بىز 609 بەتلىك مەزكۇر «تەرجىمە» ئەسەرنىڭ ئىچىگە تەپسىلىي شۇڭغۇپ قالىدىغان بولساق، يەنە قانچىلىك مەسىلىلەر سۆرۈلۈپ چىقىدۇ، بۇنىسىنى نورمال ئەقىل ئىگىسى ئوڭايلا تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. ئەجەبا، شۇنچە غەلدىغەشلەر، ئۇ قەدەر كۆپ كۆچۈرمە ۋە قوراشتۇرمىلاردىن سىرت ماڭدامدا بىر بىنورماللىقى كۆزگە پۇتلىشىپ تۇرىدىغان بىر تەرجىمە ئەسەرگە يۈرەكنى قاپتەك قىلىپ ئىلىم ۋە ئۆلىمالىق نامىدىن «ئەڭ ئىشەنچلىك»، «ئەڭ ياخشى»، «ئەڭ توغرا»، «ئەڭ مۇكەممەل» دېگەندەك ئاسمان - پەلەك باھالارنى قانداقمۇ بەرگىلى بولىدۇ؟! قانداق ۋىجدان بۇنداق سۈنئىي باھالارنى لاياقەتسىز تەرجىمىگە بېرىشنى راۋا كۆردى؟ بۇنىسى ھەقىقەتەن مۇئەمما. توغرىسى مەسئۇلىيەتسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان بۇنداق قاراملىقلارنىڭ، ئىلمىيلىكتىن نېسىۋە ئالمىغان چاكىنا قىلمىشلارنىڭ ئىلىم ساھەسىدە، يەنە كېلىپ قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىدەك ۋەزنى ئېغىر ۋە مەسئۇلىيىتى چوڭ بىر خىزمەتتە كۆرۈلۈشى دىنىي ئىلىم تارىخىمىزغا چۈشكەن قارا داغدىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇنداقلا بۇنى قۇرئان كەرىم تەرجىمەشۇناسلىق تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سەتچىلىك، ئۆلىما نامى ئاستىدا ھەمدە كوللېكتىپ شەكىلدە سادىر قىلىنغان ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ مۇئەييەنلەشتۈرمەكتىن باشقا چارە ھەم يوق.
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] دوتسېنت دوكتور ئاتائۇللاھ شاھيارنىڭ بېغىشلىمىسى، مەنبە: مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 665 - بەت.
[2] ئاتائۇللاھ خەلپەتھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى، مەنبە: مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 667 - بەت.
[3] مۇسا داموللاھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى، مەنبە: مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 670 - بەت.
[4] مۇھەممەدئىمىن مەخسۇم ھاجىمنىڭ بېغىشلىمىسى، مەنبە: مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 671 - 672 - بەتلەر.

-بۇرھان مۇھەممەد
2023-06-22


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»