قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(16)

 قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(16)

2-ئىلىمگە خىيانەت، ئەجدادقا ئاھانەت
ئەسەرنىڭ ئاخىرقى قىسمىغا بېرىلگەن بېغىشلىما قىسمىدا ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان يەنە بەزى نۇقتىلار بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەسەرنىڭ يۇقىرىقىدەك سالاھىيەت ۋە لاياقەت مەسىلىسىدە شەرتى توشمايدىغانلارنىڭ كۆرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلۇشىدۇر. بۇنداق بىر نازۇك، ۋەزنى چوڭ ئىلمىي خىزمەتنى كۆرۈپ چىقىش ۋە پىكىر - تەكلىپ ئېلىشتا چوقۇم لىللا بولغان ئىلمىي باھانى بېرىشكە لاياقەتلىكلەرنى ئىزدەپ تېپىش، ئەسەرنى قۇرئانشۇناسلىق، تەرجىمەشۇناسلىق ۋە ئەدەبىي تىل نۇقتىسىدىن بىرلەشتۈرۈپ كۆرۈپ بېرەلەيدىغان، تەرجىمىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئورجىنال ۋە خاسلىق يارىتالىغانلىقىنى دەڭسىيەلەيدىغان، ئەسەر تەرجىمىسىنىڭ قايسى تەرەپتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان، قايسى تەرەپتىن يېتەرسىز قالغان، دېگەن تەرەپلىرىنى بايقاپ پىكىر تەكلىپ بېرەلەيدىغانلارنىڭ كۆرۈپ بېرىشىگە، تەھرىرلىشىگە سۇنۇش بۈگۈننىڭ ئىلىم ئاتموسفېراسىدا ئەقەللىي مەسئۇلىيەت جۈملىسىدىندۇر. ھالبۇكى، بىز بېغىشلىما يېزىپ بەرگۈچىدىن تارتىپ تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئۇيۇشتۇرۇلغان گۇرۇپپىغىچە بولغان كىشىلەر توپىدا بۇنداق لاياقەتكە چۈشىدىغان سېيمالارنى ئۇچرىتالمايمىز. ئەكسىچە لاياقەتكە چۈشىدىغان سېيمالار ئىشنىڭ گىرۋەك قىسمىدا، ئىلمىي خىزمەتكە قول تىقىپ باقمىغان، قول تىقسىمۇ ئادەتتىكى تەرجىمە ماقالە تۈزىتىشكىمۇ شەرتى ئالدىراپ توشمايدىغانلار ئىشنىڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنى ئاپتورنىڭ ئىككىنچى نەشر ھەققىدە بەرگەن ئوچۇقلىمىسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، مەسىلەن، تەرجىمانىمىز ئەسەرنىڭ بىرىنچى نەشرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش خۇسۇسىدىكى بايانىدا قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئەبۇبەكرى قارىھاجىم ئىسىملىك شەخس بىلەن قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى، ئارىلىرىدا مۇزاكىرە قىلىپ تارتىشىپ قالغاندا ساۋاقدىشى دوكتور ئابدۇلئەزىز بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، نەتىجىدە قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە گويا بىر ئەدەم يېتىشمىگەندەك نەزىرىدىكى ئىستېداتلىق ئۆلىما دەۋالغان ئاتائۇللاھ خەلپەتھاجىم، ئەبۇ بەكرى قارىھاجىم، ئوبۇلقاسىم قارىھاجىم، مۇھەممەد ئىمىن قارىھاجىم، ئابدۇلقەييۇم داموللام ئاتلىق كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ[1]. يەنى، بۇ ئىشتا يىللاردىن ئىلمىي خىزمەتنى توختاتماي كېلىۋاتقان، سالاھىيەت ۋە لاياقەت بابىدا تەكشۈرۈشكە لاياقىتى چۈشىدىغان دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا ئوخشاش سېيمالار يوق. ئەكسىچە بىر پارچە سالام خەتنىمۇ جايلاپ يازالىشىدىن ئۈمىد كۈتۈلمەيدىغان بىر تالاي تىپلار تەكشۈرۈش ھەيئىتى قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى، مۇھەممەد ئىمىن ئىسىملىك شەخسلەر ژۇرنالىستلىقى، ئازدۇر كۆپتۇر دىنىي ژۇرناللاردا يازمىسى ئېلان قىلىنغان، تۆۋەن سەۋىيەلىك كىتاب ئەسەرلەرگە قول تىققان، قەلەم ئىشى بىلەن ئالاقىسى بار دېگەندىمۇ سۆزلەۋاتقان نۇتۇقى، يازغان ئىنشالىرىدىن، چىقىرىۋاتقان ماقالە ۋە كىتابچىلىرىدىن قۇرئان تەتقىقاتىغا، قۇرئان كەرىم تەرجىمە تەتقىقاتىغا ئارىلاشتۇرۇشقا ئەرزىگۈدەك، مەخسۇس بېغىشلىمىسىنى ئېلىپ شاھادىتىنى ئىلمىي ساھەدە ئېتىبارغا ئالغۇدەك ئەھۋالدا ئەمەسلىكى بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقلا مەزكۇر شەخسلەرنىڭ سۈنئىي باھالىرىنى مەخسۇس مېنىڭ ئەسىرىمنى مۇئەييەنلەشتۈردى، دەپ بازارغا سالغۇدەك ئەمەسلىكى ئۇلارنىڭ يېزىۋاتقان ۋە سۆزلەۋاتقان نەرسىلىرىنىڭ سەۋىيەسىدىن مەلۇملۇق. بولۇپمۇ، تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىغا ئەبۇبەكرى قارىھاجىم ئاتلىق كىشىگە ئوخشاش نە ئىلمىنىڭ تايىنى يوق، نە سەۋىيە ساپاسىنىڭ تايىنى يوق، ۋەتەندىكى مەدرىسە ئوقۇش ۋە بىر قىسىم دەرسلىك ئۆگەتكەنلىك تارىخىدىن باشقا ئىلمىي ساھەدە ھېچبىر تۆھپىسى بولمىغان، چەتئەلدە شۇنچە يىل لاغايلاپ يۈرۈپمۇ ئەپلەپ بىرەر ئۇنىۋېرسىتېتنىمۇ پۈتكۈزمىگەن، نە بىرەر ئىلمىي خىزمىتىنىڭ، نە قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ تايىنى يوق بىرىنى ئاتالمىش 21 يىل كۈچ سەرپ قىلغانلىق ئىددىئاسى قىلىنغان بىر ئىلمىي خىزمەتكە ئارىلاشتۇرۇش، ئەڭ كۆپ كۆرۈپ چىقىش ئىشىنى، يەنى قىلچە سەۋەنلىككە يول قويۇشقا بولمايدىغان نازۇك ۋە ئىنچىكە بىر خىزمەتنى تۇتقۇزۇش قارىغۇغا مىلتىقنى ئامانەت قىلىپ تۇتقۇزغاندىن باشقا ئىش ئەمەس. قارىغۇغا تۇتقۇزۇلغان مىلتىق يا زايە بولىدۇ، ياكى قانداق تاپشۇرغان بولسا شۇ پېتى ئىگىسىگە قايتىدۇ. قارىغۇنىڭ قولىدا ساق تۇردى دېگەندىمۇ، تاپشۇرۇلغان مىلتىق قانداق بولسا شۇ پېتى چىرىسا چىرىيدۇكى، يېڭىلانمايدۇ. دات باسسا باسىدۇكى، ئۇنىڭ قولىدا يېڭىلانمايدۇ. ئاددىيسى ئاسراش تۈسىدىكى چۇۋۇپ قايتا قۇراشتۇرۇلۇشلارمۇ قىلىنمايدۇ. قارىغۇ مىلتىقنى سىلاپ سىيپاپ ئۇنىڭ تۆمۈردىن ياسالغان مەھسۇلاتلىقىنى بىلەلىشى، ھەتتا قولىدىكىنىڭ قايسى تىپتىكى مىلتىق ئىكەنلىكى ھەققىدە يۈزەكى مەلۇماتىغا تايىنىپ بىلەلىشى مۇمكىن. لېكىن ئۇنىڭ مىلتىقنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرالىشى، زاپچاسلىرىنىڭ چۈرۈك ياكى بېجىرىملىقىنى، كونا ياكى يېڭىلىقىنى، قايسى زاۋۇتقا تەۋە زاپچاس ئىشلىتىلگەن، ئۇزۇنغا پايلىشى قانچىلىك دېگەنلەرنى بىلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىشنى تاپشۇرۇشتا ئۇنىڭ مۇتەخەسسىسىنى تېپىپ تاپشۇرماسلىق قانچە ئەيىبلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك بولسا، چامىسى يەتمەيدىغان، قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا خېرىدارلىق قىلىشمۇ شۇنچە مەسئۇلىيەتسىزلىك، بەغەرەزلىكتۇر. يەنە كېلىپ شۇنچە ئېغىر مەسىلىلەر بار، ساھەنىڭ ئىلمىي تارازىسىغا سالسىلا دەسمىيسى غالتەككە چىقىپلا تۇرىدىغان بىر تەرجىمە ئەسەرنى قاراپ تۇرۇپ ئاسمان - پەلەك دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئۇچۇرۇپ نالايىق سۈپەتلەر بىلەن باھا بېرىش ئىلىمگە قىلىنغان ئوپئوچۇق خىيانەت، ساختا شاھادەتتۇر. ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمنى قايتا تەرجىمە قىلىشتەك بۇنداق كاتتا ئىشتا كۈنىمىزدە مىسىر ۋە تۈركىيەدە تەپسىر ساھەلىرىدە ئالىي بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلاردىن بىرەر سېيمانىڭ تىپىلمىغانلىقىمۇ بىر مەسىلە. يەنە كېلىپ دوكتور ئابدۇلئەزىزدەك كۈنىمىزدە ساھەنىڭ ئەڭ لاياقەتلىك دېيىشكە بولىدىغان كىشىلىرىنىڭ، يەنە كېلىپ مەزكۇر قۇرئان تەرجىمىسى خۇسۇسىدا لىللا سۆز قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇشبۇ خىزمەتتە كۆرۈلمەسلىكى، ئەسەر ھەققىدە ھېلىغىچە ئاشكارا بىرەر پىكىر بەرمەي كېلىۋاتقانلىقىمۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك ھادىسە. چەتئەلدە شۇنچە كۆپ ئىلاھىيەتچى ۋە دىنىي ساھەنىڭ ئەھلىلىرى تۇرۇپ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنى بۇ دەرىجىدە چاكىنا باھالارغا يۇغۇرۇپ تۇرۇپ تاۋار مالدەك تەشۋىق قىلىشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەسلىي سەۋەب - ھېكمىتىمۇ ھازىرچە بىزگە قاراڭغۇ. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىنىڭ بۇ قەدەر پايخان قىلىنىشىغا ئىسلامىي ئىلىملەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ، مۇھىمى مىللەتكە پىكىر ۋە پەتىۋاسى مەقبۇل كۆرۈلىۋاتقان بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ سۈكۈتنى لازىم تۇتۇۋاتقانلىقىمۇ كىشىگە ھەر خىل سوئال ئىشارەتلىرىنى تاشلىماي تۇرالمايدۇ. لېكىن ئوتتۇرىدا مەلۇم بولغىنى ۋە كەسكىن پىكىر بىلدۈرۈش كېرەك بولۇۋاتقىنى قۇرئان تەرجىمىسىدەك ۋەزنى چوڭ بىر ئىشتا ساھەگە ھەقىقىي چىشى پاتىدىغانلارنىڭ ئارىلاشمىغانلىقى، ئارىلاشتۇرۇلغانلار تەرىپىدىن بېرىلگەن باھا ۋە گۇۋاھلىقلارنىڭ، يېزىلغان تەقرىزسىمان كۆپتۈرمىلەرنىڭ بولسا، لىللالىقتىن قىلچە نېسىۋە ئالمىغانلىقى، ساختا شاھادەتلەرنىڭ بازار تاپقۇزۇلغانلىقىدۇر.
ئەجەبلىنەرلىكى تەكشۈرگۈچى گۇرۇپپىنىڭ تىزىملىكىگە قارايدىغان بولساق، بېغىشلىما ۋە مەزكۇر تەرجىمە ھەققىدە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا يېزىش ۋە ئوقۇش تارىخى تەرجىمانىمىز بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئابدۇلئەھەد ھاپىزغا ئوخشاش تەرجىمان ئىلىم ئەھلىلەرمۇ بار. گەرچە ئابدۇلئەھەد ھاپىز دىن خىزمىتى بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر ھاياتىدا نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەر ۋە تۈرلۈك دىنىي ماقالىلەرنى سۇنغان تىرىشچان روھى ۋە قىلغان خىزمەتلىرى كەڭ دائىرىدىن تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ئىلىم ئەھلى بولسىمۇ، ئەپسۇس، يازغان بېغىشلىمىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ساۋاقداشلىق تارىخى بىلەن پاراللېل ماڭغان ئىلمىي سەۋىيە تەپسىر ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان باسقۇچقا تېخى كېلىپ بولمىغان. بۇ ۋەجىدىن تەرجىمانىمىزنىڭ ئالاھىدىلىك، ئۆزگىچىلىك دەپ ئىددىئا قىلغانلىرىنىڭ ماھىيىتىگىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتەلمىگەن. ئەكسىچە ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئىددىئا بىلەن مەزكۇر ئاتالمىش ئۆزگىچىلىكلەرنى ئەسەرنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە تونۇشتۇرغان. ئوخشاشلا باشقىلار تەكرارلىغان سۆزلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق ئەسەرگە «بۈگۈنگىچە يېزىلغان ئەڭ مۇكەممەل تەرجىمە» دېگەن باھانى بېرىشتىن ئايانمىغان. «قىلىنغان تەرجىمە» بىلەن «يېزىلغان ئەسەر» ئارىسىدىكى پەرققىمۇ دىققەت قىلماستىن ئېيتىلغان يۇقىرىقى باھامۇ ئوخشاشلا ئورنى كەلمىگەن ۋە ئاپتور بىلەن ئوخشاش زېھنىيەتنى ئىپادىلىگەن. مانا بۇ بۈگۈنكى ئۆلىما قالپىقى ئاستىدا قىلىنغان ئاتالمىش ئىلمىي خىزمەت ۋە بۇ خىزمەتكە خادىملىق قىلغۇچىلارنىڭ تىراگېدىيەسى.
بېغىشلىمىدا دىققەت تارتقان نۇقتىلاردىن يەنە بىرى ھەممىنىڭ كېلىشىۋالغاندەك ئەسەرنىڭ ئاتالمىش مۇكەممەل، ئەڭ توغرا، ھەممە تەرجىمىلەردىن مۇكەممەل چىققانلىقى خۇسۇسىنىڭ ئۇرغۇلىنىشى، بېرىلىۋاتقان باھالارنىڭ ھېچبىرىدە ئەسەرنىڭ ئىلمىي ۋەزنى، مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلاشقان ياكى ئۇيغۇنلاشمىغانلىقى، قايسى جەھەتتىن ئارتۇقچىلىقلىرى بارلىقى دېگەن نۇقتىلارنىڭ ئورۇن ئالمىغانلىقىدۇر. تۈگەل تەرجىماننى ئەللامە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش، قىلغان ئىشنىڭ 21 يىللىق ئىستاژىنى قانچىلىك سۈپەتلىك ياكى سۈپەتسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كۆزنى يۇمۇۋېلىپ تۇرۇپ قارىسىغا ماختاش، قىلىنغان ئەمگەكنى بولسا «ئەڭ توغرا»، «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ ئىشەنچلىك»، «ئەڭ سۈپەتلىك» قاتارلىق مۇتلەقلەشتۈرگۈچى ۋە رېئاللىققا توغرا كەلمەيدىغان، ئىلمىي ساھەدە قەيتسىز ۋە شەرتسىز يالاڭ ھالىتىدە ئەسلا ئىشلىتىلمەيدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ھەربىر بېغىشلىمىچىنىڭ يازمىسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىدىغان ئاچقۇچلۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ خىل تۇتۇم رېئاللىققا چۈشمىگەن، ئىلمىيلىككە توغرا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا توپلىشىپ تۇرۇپ بېغىشلىما يېزىشتىكى غەرەزنىڭ ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى لىللا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئەمەسلىكى، بەلكى پۈتۈنلەي تەرجىماننىڭ ئالدىنقى ئىككى تەرجىمىنى بۇزۇق مېتود، بۇزۇق تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە تىل فاشىستلىقىغا تايىنىپ ئاغدۇرۇش، ئالدىنقىلارنىڭ خاتاسىنى تۈزلىگۈچى، ئۇلارنىڭ كەتكۈزگەنلىرىنى ئىسلاھ قىلغۇچى سىياقىدا ئىلگىرىكىسىنى پاخشى قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى ئورنىغا دەسسىتىش خاھىشىغا يانتاياقچىلىق قىلىشتىن باشقا بولمىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تەقرىز دېسە تەقرىزگە ئوخشىمايدىغان، بېغىشلىما، دېيىلسىمۇ ئۇنى يېزىشتا سالاھىيەتكە تۇشلۇق لاياقەت يوق تىپلارنىڭ مەزكۇر تەرجىمىنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك ئەۋزەللىكلىرىنى بايان قىلىشقا دىققەت بەرمىگەنلىكى، ئەكسىچە ھەممىسى كېلىشىۋالغاندەك، تەرجىماننى ھېچبىر لاياقىتى توشمايدىغان ئەللامە سۈپىتىنى خۇددى ئۆز ئارىلىرىدا «داموللا» ئۇنۋانىنى توپ ئېلىپ، پارچە تارقىتىشقىنىدەك ئەرزانلاشتۇرۇپ تەرجىماننى ماقامىدىن ئاشۇرۇپ چوڭ كۆرسىتىشكە زورۇقۇشى، ئەسەرنى بىر تالاي «ئەڭ»لەر بىلەن قارىسىغا ئۇچۇرۇشى، ئاخىرىدا مەزكۇر قۇراشتۇرما ۋە كۆچۈرمىلەردىن پۈتكەن، ئىددىئا قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە ئۆزگىچىلىك ئورنىغا بۇزۇق مېتودنى، بۇزۇق تەرجىمە ئۇسلۇبلىرىدىن پۈتكەن قۇراشتۇرما ئەسەرنى دىنىي ئەسەر ۋە ئىلمىي خىزمەت ئىشلىرىدا مەنبە قىلىش تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىقلار مەزكۇر تەرجىمان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغقان كوللېكتىپنىڭ نىھائىي مۇددىئاسىنىڭ ئاستىدا مەزكۇر ئاتالمىش يېڭى تەرجىمىنى ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش خاھىشىنىڭ ياتقانلىقىنى كۈچلۈك رەۋىشتە ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەلۇمكى، ئىلمىي ساھەدە مەنبە قىلىپ ئىشلىتىش، تەرجىمىدە ئاساس قىلىش جەھەتلەردە بۈگۈنكى ئىلىم ئاتموسفېراسىدا مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسى تەرجىمىلەر ئىچىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇراجىئەتگاھ قىلىنىپ كەلمەكتە. ئىشەنچلىك ۋە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلۇق ھەمدە ئەدەبىي تىلى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى بابىدا باشقا تەرجىمىلەر مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىنىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بېرەلىگۈدەك ئەمەس. بىرىنچى تەرجىمىنى پۇختىلاش ۋە تىلىنى پىششىقلاشنى ئاساسىي نىشان قىلغان ئىككىنچى تەرجىمە نەشر قىلىنىشى بىلەن مۇستەملىكىچى كۈچلەر بارچە كۈچىنى ئىشقا سېلىپمۇ بۈگۈنگە قەدەر مۇھەممەد سالىھقا مەنسۇپ ئۇشبۇ تەرجىمىنى كۆزدىن يوقىتالىغىنى، مۇھىمى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ، شۇنداقلا كۆپچىلىك شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئورنىدىن چۈشۈرۈۋېتەلىگىنى يوق. ئىلمىي مەنبە قىلىشقا لاياقەتلىك ئۈچىنچى بىر تەرجىمە بارلىققا كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇ پەقەت مەنبەلەر ئىچىدە بىرى بولالايدۇكى، ھەممىدىن ئەڭ توغرا، ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئىشەنچلىك دېگەن سۈپەتتىكى ۋە ۋەزنىدىكى تەرجىمە بولالمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ لاياقەتسىز بىر ئەسەرنى لىللا باھالىيالمىغاننى ئاز دەپ، ئۇنى مەنبە قىلىش تەشۋىقىنى قىلىش، بۇنى سۈنئىي قالپاقلارغا تايىنىپلا مىللەتكە يۇتقۇزماقچى بولۇش غەرەزلىك تەتۈر تەشۋىقاتتىن باشقا ئىش ئەمەس.
بىلىمىزكى، بېغىشلىما ۋە تەقرىزلەردە ئادەتتە ئاپتور ياكى تەرجىمان بىلەن بولغان ھەمتاۋاقلىق ياكى ھەمساۋاقلىق مۇناسىۋەت ئاساس قىلىنمايدۇ. بەلكى بۇ تۈردىكى ئىشلاردا ئىلمىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈك، بېغىشلىما ياكى تەقرىز يازغۇدەك يۇقىرى سەۋىيە ئاساستۇر. شۇنداقلا، قەلەم تەۋرەتكۈچىدە سەۋىيەدىن شەكىللەنگەن ئىلمىي نوپۇزى بولۇش، پەزىلەت، شۇنداقلا ئادىل باھا بېرىشكە لاياقەتلىك ئەرباب بولۇش قاتارلىق ۋەسىپلەرنىڭ تېپىلىشى ئادەتتىندۇر. ئەسەرنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە ئىشەنچىلىكىلىكى مانا بۇ تەرزدىكى ئىلمىي باھا ۋە گۇۋاھلىق ئاساسىدا شەكىللىنىپ چىقىدۇ. مەسىلەن مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىگە يېزىلغان تەقرىز بۇنىڭ تىپىك ھەمدە تارىخىي ئۆرنىكىدۇر. تەقرىزدە ئەسەرنىڭ ۋەزنى، قىممىتى، ھەمدە ئۆز ئەھلى تەرىپىدىن لاياقەتلىك پۈتۈپ چىققانلىقى، بولۇپمۇ ئەسەرنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلاشقانلىقى، ئەدەبىي تىل جەھەتتىكى ماھارەت، خاسلىق ۋە روشەنلىك بابىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ئىخچام ئەمما مېغىزلىق يېزىلغان بۇ تەقرىزدە مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم گەرچە شۇ دەۋرنىڭ ئۆزىدە ئەللامە سەۋىيەسىدە بولسىمۇ، ئۇنى ماقامىدىن ئاشۇرۇپ ئۇچۇرۇشتىن، ياكى ئورنى كەلمىگەن، ناباب سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەشتىن ساقلانغان. تەقرىز يازغۇچىلار مۇھەممەد سالىھنىڭ ئوقۇش تارىخىنى، خەلققە سۇنغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۇنى ئالىملىق ۋەسپىگە سازاۋەرلىك بىلەن تەقدىرلىگەن بولسىمۇ، ئۇنى مەزكۇر تەرجىمە ئەمگەكنىڭ ساھىبى سۈپىتىدە «مۇتەرجىم مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىم» دەپ لايىقىدا ئاتاشقا سەل قارىمىغان. شەرئىي ئىلىملەردە بىردىن ئارتۇق ساھەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن، مەسىلىلەردە سېلىشتۇرما شەكلىدە تەھقىق ئېلىپ بېرىش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئەقلىي ۋە نەقلىي ئىلىملەردە يېتىشكەن يۈكسەك ئىلمىي قۇۋۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئالىملارغا ئىشلىتىلىدىغان «ئەللامە» تەخەللۇسىنى گەرچە لايىق بولسىمۇ ئالدىراپ ئىشلەتمىگەن.
مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسىگە تەقرىز يازغان بۈيۈكلەر قانداقتۇر تەرجىماننىڭ ھەمتاۋاقلىرى، ھەمساۋاق ياكى داستىخانداشلىرى بولماستىن، ئىلىم بابىدا ئۆز ئالدىغا نوپۇزى كۈچلۈك ئۇستازلار، مۆتىۋەر ئىلىم گىگانتلىرى ئىدى. ئاددىسى ئورتاق تەقرىز ئېلان قىلغان مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ كۆپچىلىكى تۈركىستان ئىلىم ھاۋزىسىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق ئىلىم ئوچاقلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەرىپەت بۇلىقى بولغان خانلىق مەدرىسەنىڭ ئاخىرقى نۆۋەت يېتىشتۈرگەن ئالىم - ئۆلىمالىرى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆزى ياكى ئائىلە شەجەرىسى تەجەللىي ھەزرەت، ئابدۇقادىر داموللام كەبى مۇجەددىد مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قولىدا ئۆسۈپ يېتىلگەنلەرنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان ئىلىمدار زاتلار ئىدى. ئارىلىرىدا ھامىد مەۋلەۋىي، زەينۇلئابىدىن مەۋلەۋىي گە ئوخشاش تۈركىستان ئىلىم ھاۋزىسىنىڭ يۇقىرى ئىلىم ئۇنۋانى بولغان داموللىلىق سالاھىيەتكە ئېرىشكەندىن باشقا ئىسلام جوغراپىيەسىنىڭ پەرقلىق قىتئە ۋە دۆلەتلىرىدىكى ئىلم ئوچاقلىرىدا بىلىم ئاشۇرغان، «مەۋلەۋىيلىك»كە ئوخشاش كۈنىمىز مودرېن مائارىپىنىڭ «دوكتورلۇق»، «پىروفېسسورلۇق» ئۇنۋانلىرىغا تەڭ ئالىي ئۇنۋانلىق ئۆلىمالار، سۇلايمان داموللامغا ئوخشاش كاشغەر مۇفتىسى بولۇشتەك ئۇنۋانلارغا سازاۋەر فەقىھلەر، مۇدەررىسلەر، ئابدۇلھەكىم مەخدۇم ھاجىمغا ئوخشاش تۈركىي تىلنىڭ كىلاسسىك ۋە چاغداش ئەدەبىياتىدىن تاشقىرى ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدا يۇقىرى سەۋىيەدە ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلالايدىغان، قىسقىسى ئانا تىل بىلەن قوشۇپ ئاز كەم ئۈچ تىلنىڭ ئەدەبىياتىدا يۇقىرى سەۋىيەدە قەلەم تەۋرىتەلەيدىغان ھەم ئەدىب، ھەم فەقىھ، ھەم مۇجەددىد ھەمدە مۇپەسسىر زاتلار، مۇتەپەككۇرلار بار ئىدى. ھەممىسى دېگۈدەك ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىن قالغان ئىلىم مىراسىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە بۇ ئىلىمنى شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدا ئىھيا قىلىش يولىدا تەر تۆككەن، بەدەل تۆلىگەن ۋە مېۋە بەرگەن ئۇلۇغلار ئىدى. دەرۋەقە، مانا بۇ زاتلارنىڭ تەقرىزى ۋە بېغىشلىمىلىرى ئەلۋەتتە ئىلىم ساھەسىنى پەخىرلەندۈرىدىغان كاتتا خىزمەتنى روياپقا چىقارغان مۇھەممەد سالىھ ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىشەنچلىكلىك ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى ساغلاملىق مۆھۈرىنى بېسىشقا يېتەرلىك ئادىل شاھادەتلەردۇر. ساغلام ئىلىم ئىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، تەقرىز ۋە بېغىشلىما خۇسۇسىدىكى كەسپىي ئەخلاقنىڭ قانداق يوسۇندا ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشكە مانا بۇلاردا يېتەرلىك دەرس ۋە ئۆرنەكلەر مەۋجۇت. ھالبۇكى، ساختا شاھادەتكە ياتىدىغان ئاتالمىش بېغىشلىمىلاردا بولسا ئىش پۈتۈنلەي باشقا. نە تەرجىمانىمىز ئەللامە ئۇنۋانىغا ساھىب، نە بېغىشلىما يېزىپ باھالىغانلار بۇ ئىشنىڭ ئەھلى. بېغىشلىمىچىلار يۇقىرىسى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تىل بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزۈل – كېسىللىشىپ كەتكەن ئاكادېمىكتىن، تۆۋىنى سالام خەت چاغلىق تۆت قۇر جۈملىنى جايلاپ يازالمايدىغان تەبلىغۋازلاردىن تەشكىللەنگەن. باھالاش ۋە تەكشۈرۈشكە لاياقىتى يوقلۇقنى ئاز دەپ گۇرۇپپا ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىشتىراكچىلارنىڭ بوداپ سەمرىتىلگەن تەرجىمىھاللارنىڭ ئەتەي قىستۇرۇلۇشى، تەرجىمىھاللاردا ئالىملىق ۋە ئۆلىمالىق ئوبرازدىن كۆرە يۇتۇبىرلىق ۋە كامېرالىق ۋەز - تەبلىغ ئىستاتىستىكىلىرى، سۈپەتسىز ئۆتۈلگەن ۋەزسىمان «دەرس»لەرنىڭ كۆپتۈرمە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئورۇن ئىگىلىشى، نورمال ئىلمىي خىزمەت قىلغۇچىنىڭ كۈندىلىك ئىش مەشغۇلاتىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلارنى، ھەتتا نورمال ئىش - تەرتىپ ئىچىدىكى ئىشلارنى پىتتىن سىركىسىغىچە تەپسىلاتلاندۇرۇپ گويا ئۆلىمالىق، داموللاملىق سالاھىيەتتە قىلىنغان كارامەت يوغان ئىشتەك تەسۋىرلەشلەرگە ئورۇن بېرىلىشى قاتارلىقلارمۇ مەزكۇر تەكشۈرۈشكە قاتناشقان گۇرۇپپانىڭ ئالدىنقى تەرجىمىگە تەقرىز يازغان ئۆلىمالار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە پۇچەك ۋە ئىش كۆرمىگەن تىپلار ئىكەنلىكىنى، مانتا كۆرمىگەن قەلەندەرنىڭ قاسقانغا دۈم چۈشكىنى مىسالى كۆپتۈرمىچىلىكتىن تۆھپە ئىزدەيدىغان، مەشھۇرلۇق خۇمارىنى بېسىقتۇرۇشقا قولىغا چۈشكەن مالنىڭ سۈپىتىگە قاراپ ئولتۇرماي دەم تارتىدىغانلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. يۇقىرىقى پېشىۋالارنىڭ ئىش - ئىزلىرى، ئىلىمگە، دىنىي ساھەنىڭ سەرخىل ئالىم - ئۆلىمالىرىنى، جەڭگىۋار مۇجاھىد قوشۇنلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتەك مۇشەققەتلىك، ئەمما تارىخ سەھىپىسىگە نەقىش بىلەن ئويغىدەك خىزمەتلىرى بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز ئىكەنلىكى تالاش - تارتىش قىلىشقا ئورۇن يوق بىر مەسىلە. بىرىنچى تەرجىمىنىڭ ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئۆلىمالارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئىشەنچلىك دەرىجىسىنىڭ ئارتقانلىقى، ئەمەلىيەتتىمۇ بىرىنچى تەرجىمىنىڭ تەقرىز بىلەن ئۇيۇشىدىغان ھالدا بېجىرىم تەرجىمە بولۇپ چىققانلىقىمۇ تارىخىي ئەمەلىيەت. قانداقتۇر لاياقەتسىز ئۈچىنچى تەرجىمىنىڭ لاياقەتسىز باھاچىلىرىغا ئوخشاش قالپاققا تۇشلۇق قىرغىزدىن ئەسەر يوق، باھا بىلەن ئەسەر بىر - بىرىگە ئۇيۇشمايدىغان ئەھۋالدا ئەمەس. ئومۇمەن سېلىشتۇرما قىلىنغاندا 30 يىللىق دىنىي ساھە تارىخىنىڭ قايسى يۈكسەكلىكتىن قايسى ھاڭغا قاراپ تۆۋەنلەپ شۇڭغۇۋاتقانلىقىنى، قايسى پەللىدىن قانداق ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى دەڭسەش تەس ئەمەس. پەرق شۇ قەدەر ئېغىر، مەسىلە شۇ قەدەر ئوچۇق تۇرسا، ئەجەبا، ئۈچىنچى تەرجىمە ساھىبى ۋە باھاچى يانتاياقچىلار قايسى سالاھىيەت ۋە قايسى ئىلمىي لاياقەتكە تايىنىپ مەزكۇر ئۈچىنچى تەرجىمىگە «ئەڭ ئىشەنچلىك»، «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ توغرا»، «ئىلمىي مەنبە بولالايدۇ» جۈملىسىنى تۈزۈش ھەققىنى ئۆزلىرىدە كۆرىدۇ؟
قىسقىسى، ئىلىمگە ۋاپا ئەمەس، جاپا قىلىشقا ياتىدىغان ساختا گۇۋاھلىق ۋە ساختا باھالار ئىلىم ساھەسىگە، جۈملىدىن قۇرئانشۇناسلىق تارىخىغا قارا داغلارنى سۈركەشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇزۇق مېتودلۇق لاياقەتسىز تەرجىمىگە بېرىلگەن سۈنئىي ۋە ساختا باھالارنىڭ پۈتۈلۈشى بولسا، ئىلىم ساھەسىگە ھاقارەت بولۇپلا قالماي، بىزگە ھەقىقىي ئىلىم مىراسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئاشۇ تۆھپىكار ئالىملارغا، خاراكتېرى ۋە ئىلمىي ئىستېداتى بىلەن سۈپەتلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلمىي خىزمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن تۆھپىكار ئۆلىما ئەجدادقا قىلىنغان ئاھانەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

نەقىل مەنبە:
[1] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 656 – 657 – بەتلەرگە قاراڭ.

-بۇرھان مۇھەممەد
2023-06-23


-----------------

تامر زيزو
موشۇ يازمىدا كەتكۈزۈپ قويغان يېرىڭىز نېمە دېگەندە ، باشقىلارنى تەنقىدلەپ ئىسىملىرى بىلەن ئاتاپ كەينىدىن دوكتۇرنىڭ ئىسمىنى ماختاپ تىلغا ئالغانلىقىڭىز ، بۇنداق قىلىش بىلەن دوكتۇرنى تولىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئاپتور دوكتۇرنىڭ يېقىن ئادىمى ئىكەن دەيدىغان پەرەزلەر تەبئىي شەكىللىنىپ قالىدۇ ، ۋە ھەتتا بەزىلەر دوكتۇر ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ۋە ئابرويىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يازدۇرۇپتۇ دەيدىغان خاتا گۇمانلار شەكىللىنىدۇ ، ھالبۇكى دوكتۇر سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بىلمەيدىكەن ، مەندە ئىلگىركى يازمىڭىللىرىڭىزدىن پەيدا بولغان پەرەز شۇكى « مۇئەللىپنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قىزىقىۋاتىدۇ ، بەلكىم دوكتۇر بىلىشى مۇمكىن » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى ، ھالبۇكى دوكتۇرمۇ سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيدىكەن ، ھەممە ئادەم مەندەك ياخشى گۇمان قىلمايدۇ دە ، ھازىر دوكتۇر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى ، بۇ ئىشلار دوكتۇر بىلەن باشقا ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئارىسىغا سوغوقچىلىق سەپ قويمىسا بولاتتىغۇ ئىشقىلىپ ....

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
تامر زيزو غا:
قارىغاندا مۇھەممەد يۈسۈپ بىلەن دوكتور ئابدۇلئەزىز ئارىسىدا كىمگە ياخشىچاق كۆرۈنۈشنى دەڭسەپ بولالماي تەمتىرەۋاتقانلار ئاز ئەمەستەك. ئەپسۇس، ئۇنداقلارغا بۇ تېمىدا تەگكۈدەك نان چىقمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز دەۋاتقان خاتا گۇمانلار ئۆزىڭىز سۈپەتلەۋاتقاندەك خاتا گۇمان. ئۇنى راستتەك ئويلاپ ئالدىن خۇدۈكسېرەش ھاجەتسىز. يازمىنى ھەركىم ئۆزىنىڭ سىغىمى ۋە ساپاسىغا بېقىپ چۈشىنىۋالدىغان ئىش ئادەملەر دۇنياسىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسە. ماختاش بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارىسىدىكى پەرقنى بىلەلمىگۈچىنىڭ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلىشىدىن ئۈمىد يوق. ھەم بۇنچىلىك پەرقنى بىلەلمىگۈچىنىڭ توغرا گۇمانى بىلەن خاتا گۇمانى ئارىسىدىمۇ پەرق يوق. بۇنداقلارنىڭ ھالىغا قاراپ سول تەرەپكە ئۈچنى تۈكۈرۈۋېتىشتىن باشقىسى ئەرزىمەيدۇ. يازمىنى ئوڭ تۇتۇپ ئوقۇسىڭىز دوكتور مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىمۇ ئاقىلغا ئىشارەت نادانغا جۇۋالدۇرۇز تەرىقىسىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئاتالمىش تەرجىمىسىنى نەشرگە چىقىرىشتا قىلغانلىرى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. دوكتورنىڭ ئىسمىنى قۇرئان تەرجىمىسى ئىشىدا تىلغا ئالغىنى مەن ئەمەس، مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ ئۆزى. بۇنداق ئەھۋالدا ئوبزور قىلغان ئىكەنمەن ئۇيغۇرچە دىنىي ئەسەرلەردە نام - نىشانى يوق، ئۈستىلىك قىلغان ئىشىنىڭ بەرباتلىقى كۆز ئالدىمىزدا پاكىت بولۇپ تۇرغان لاياقەتسىز تىپلارنى ئىشنىڭ بېشىغا قويۇپ، دوكتورنىڭ ئىسمىنى ياردەمچى رول ئالغۇزغاندەك تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتسە، ئېغىر مەسىلە بار بىر تەرجىمە ھەققىدە نە تەقرىزدە، نە ئەسەر ھەققىدە دوكتوردىن بىرەر ئېغىز گەپ چىقمىغان بولسا، بۇنى ئوبزوردا سوراقلاش ئەقەللىي ئىش بولىدۇ. دوكتور ئۈچۈن ئوبزوردا دېيىلگەن گەپ ئۇنىڭ بۇ تەرجىمىنى تەكشۈرۈش ۋە باھا بېرىشكە لاياقىتى ئەڭ توشىدىغان ئىلىم ئەھلى ئىكەنلىكى بولدى. بۇنىڭ نەرى ماختاش. ئەگەر سىز دوكتورنى لاياقىتى يوق دەپ قارىسىڭىز ۋە مېنىڭ بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈمنى ماختاش دەپ ئويلىسىڭىز ئۇ باشقا گەپ. دوكتورنى ماختاپتۇ دېيىش ئۈچۈن مۇنداق ئىككى نۇقتىدىن ئېتىراز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىسى دوكتورنىڭ بۇ ئىشقا لاياقىتى يوقلۇقىنى دەلىللەش كېرەك. ئەمما بۇ تەرجىمىدە دوكتورنىڭ تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغانلىقىنى بىلدۇق. ئاۋۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ لاياقىتى يوقلۇقىغا مۇشۇ ئوبزوردا كەلتۈرۈلگەن دەلىللىك بارلىق تەنقدلەر پاكىتتۇر. چۈنكى، ئەسەرنىڭ مانا مۇشۇنداق تەنقىدكە تېگىشلىك بولۇشىدا ئاشۇ لاياقەتسىز باھاچىلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا ئۇلار لاياقەتسىز دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە دەلىللەرگە بىنائەن تەنقىدلەنگەن. ئىككىنچىدىن، دوكتورنى ماختىدى دېيىش ئۈچۈن دوكتور ئەگەر ئاشۇلار بىلەن بىر سەپتە بولۇپ، ئۇلار بىلەن ئوخشاش تەقرىز يازغان يېرى بولسا، مەزكۇر ئوبزوردا دوكتورنى قايرىپ قويۇپ ئاۋۇلارنى تەنقىدلەپ، دوكتورغا ئىجابىي باھالار بېرىلگەن بولسا ئىدى، ئۇ چاغدا ئاۋۇلارنى تەنقىدلەپ دوكتورنى ماختىدى دېيىلسە ئۇ چاغدا ئېتىراز تۇتارلىق ھېسابلىناتتى. ئەمما ھەر ئىككى نۇقتا ئوبزوردا مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر ئېتىرازچى دوكتورنى لاياقەتسىز دەپ قارىسا، مېنىڭ لاياقەتلىك دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشۈمگە قايىل بولمىسا، ئۇنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ دوكتورنى ماختىغان بولۇشۇم توغرا ئىددىئا بولىدۇ ۋە مەن بۇ نۇقتىدا ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرلىشىشكە تەييار. ئۇنداق دەپ قارىمىسا، يازمىدا دوكتورنى لاياقەتلىك دېيىلگەنلىكىنى ماختىدى، دەۋالغان بولسا، بۇ ئوپئوچۇق تۆھمەتتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئەگەر بۇ ئېتىرازچى كاللىسىنىڭ ۋېنتىسى كېسىپ ئۇلانغانلار تائىپىسىدىن بولمىسىلا ئوبزوردا يەنە دوكتور ئابدۇلئەزىز ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات ئورگىنىغا قارىتا ئىمالىق تەنقىد بېرىلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئالالايدۇ. ئابدۇلئەزىزغىلا ئەمەس، سىز قاتارلىق دىنىي ساھەنىڭ نېنىنى يەۋاتقان تالىپلارغىمۇ ئورتاق ئىمالىق تەنقىد مەۋجۇت. ئىمالىق تەنقىدتە ئابدۇلئەزىز ۋە ئورگىنىنىڭ سۈكۈتى سوراقلانغان، ئۇنىڭ دىنىي ساھەنىڭ مەقبۇل ۋە ئېتىبارلىق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن نېمىشقا بۈگۈنگە قەدەر ئەسەرگە قارىتا پىكىر بەرمىگەنلىكىنىڭ ئىجابى ۋە سەلىبي چۈشىنىشكە بولىدىغان سوئال ئىشارىتى تۇغدۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ شۇنچە ۋاقىت بۇ ھەقتە پىكىر بەرمەسلىكى ئىلىم ساھەسىدە سوراقلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە. نېمىشقا ھېلىغىچە سۈكۈتتە تۇرىدۇ. قۇرئان تەتقىقاتى بۇ قەدەر پايخان بولۇۋاتسا بۇ ھەقتە ئۇ ۋە تەتقىقات ئورگىنى نېمە ئۈچۈن سۈكۈتتە؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭمۇ ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىككى تەرەپتىن چۈشىنىشكە بولىدىغان تەرىپى بار.
داۋامى بار...

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
تامر زيزو غا:
داۋامى (1)
بىرىنچى ئېھتىماللىق، دوكتور ئابدۇلئەزىزگە ئىلىم ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى بۇ خىل بۇلغىنىشقا قارىتا سۆزلەشنىڭ ۋەزنىدىن مۇھەممەد يۈسۈپ بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ساۋاقداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ ۋەزنى ئېغىر كېلىپ قالغان. شۇڭا كۆڭۈل ئاغرىقى ياكى ئۆزى بىلىدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى بۈگۈنگىچە سۈكۈتتە. بۇ ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپى. ئىككىنچى ئىھتىماللىق، ئابدۇلئەزىز گەرچە ئىسمى كىتابنىڭ بىر بۇرجىكىدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەسەرگە قارىتا كەمىنىدەك ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ بولالمىغان، ئەسەرگە ئەستايىدىل قاراپ بولالمىغان ئەھۋالدا ئەتراپلىق بىرەر پىكىرگە كەلمەي تۇرۇپ سۆزلەش ئىلىم ئەھلىگە مۇناسىپ ئىش ئەمەس. ياكى مەزكۇر دوكتور نۆۋەتتىكى ئوبزورنى كۆزىتىپ تەكرار بىر نەرسە دېيىلمىسمۇ بولغۇدەك دېگەن ئويدا. بۇ ئىشنىڭ ئىجابىي ۋە ئەيىبلەشتە سوغۇققان بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان تەرىپى. مانا مۇشۇنداق سەلبىي مەنىمۇ، ئىجابىي مەنىمۇ چىقارغىلى بولىدىغان ئىشقا نېمە ئۈچۈنلۈكنى سوراقلايدىغان سوئال تاشلاندى، سۈكۈت قىلغانلىقى ئەيىپلەندى. ئەجەبا بۇمۇ ماختاشمۇ، ئەلئىنساپ!!!
ئوبزوردىن تومتۇۋاقلارچە يەكۈن چىقارغاندىن سىرت، قايسى تەرەپكە تەنقىد ئۇچى تەگسە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى كۈشەندىسىنى نىشان كۆرسىتىپ دەرھال يانپاشقا ئۇرۇپلا ئەسلىي بۇ يازار شۇنىڭ ئادىمى، شۇ يازدۇردى، دېگەنلەر بۇ سەھىپىدە ئاز كۆرۈلمىدى. پىكىرگە، ئىلىمگە بەس كېلەلمىگەندە تۆھمەت ۋە ئىغىۋا بىلەن دىققەت بۇراشمۇ تولا تەكرارلىنىپ مودىدىن قالايمۇ دەپ قالدى. نېمە مودىدىن قالسا شۇنى بازارغا ئېلىپ چىقىش كۈلتۈرلىشىپ قالغان بۈگۈنكى دىنىي ساھەنىڭ ئەبجەق موللىلىرىنىڭ، ئەبگا تالىپلىرىنىڭ بۇنچىلىك تېتىقسىز ئىددىئالىرىغا پەرۋا قىلىپ ئولتۇرۇشمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنداق چاكىنا تەھلىللەر چىقسا چىقسا دوقمۇشتا ئولتۇرۇشۇۋېلىپ 18 مىڭ ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى ئىككى خالتا گازىر، بىر بوتۇلكا كولا تۈگىگىچە بولىشىغا قىلىپ خۇماردىن چىقىۋېتىپ قوپۇپ كېتىدىغان بىكار تەلەپ تالىپلاردىن، نە دىنىغا، نە دۇنيالىقىغا دائىر ئالغان قەدىمىنىڭ تايىنى يوق ھەممىنى تىمسىقلاپ قۇلاق خەۋەرلىرىنى بىر - بىرىگە يەتكۈزۈشنى ۋە شۇنىڭدىن كۆڭۈل خوشى ئېلىشنى كۈندىلىك ياشاش يولى قىلىۋالغان تۇتامى يوق تالىپچاقلاردىن چىقىدۇ.
يەنە بىر ئەسكەرتىدىغان مەسىلە، مېنى بىرىنىڭ تونۇشى ياكى تونۇماسلىق مەسىلىسىنى ئوبزورغا چېتىشتۇرۇشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى نېمە؟ دوكتور مېنى تونۇسا نېمە بولماقچى، تونىمىسا نېمە بولماقچى؟ مەن دوكتورنى ئىجابىي باھالىسام نېمە بولماقچى، ئەيىبلىسەم نېمە بولماقچى؟ بۇ قانداق مەسىلە كۆزىتىش؟ ئەجەبا، دوكتور مېنى تونۇسا ماڭا يازدۇرغان، مۇھەممەد يۈسۈپ تونۇسا مۇھەممەد يۈسۈپ يازدۇرغان بولامدۇ؟ تونۇش بولۇش يازدۇرغانلىقنى دەلىللەمدۇ؟ مېنىڭ بىرى بىلەن تونۇش بولۇشۇم يازغانلىرىم ئۇنىڭ بۇيرۇتمىسى بولۇشتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ گەرچە سىز بۇنداق ئويلىمايدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلىگەن بولسىڭىزمۇ، ئىلمىي ساھەدە بىرىنىڭ مۇستەقىل تەنقىدىي باھا ياكى ئىلمىي بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا چىدالماسلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە بىمەنە ھالغا چۈشۈپ قېلىشى، تەنقىدكە ئىلمىي مۇئامىلە قىلماستىن نەپرىتىنى تۆۋەن سەۋىيەدە ئىپادىلەش قىزغىنلىقىنىڭ ئېغىرلىقى ھەقىقەتەن ئىچىنسا ئازلىق قىلغۇدەك بىر ۋەزىيەت.
داۋامى بار...

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
تامر زيزو غا:
داۋامى (2)
ئارىغا سوغۇق چۈشۈپ قىلىش گېپىمۇ بەكلا بىمەنە. گەپلەرنىڭ ئورانىدىن ئۆزىڭىز دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتكە بېقىپ سۆزلەۋاتقاندەك تۇرىسىز. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، دەيدىغىنىم شۇكى، ئۇ ئىككى ئەھلى ئىلىم كۆڭلىدىكىنى دېيەلمەي سىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ يۈرمىسۇن. گېپى بولسا ئۆزى كېلىپ قىلسۇن! ئوتتۇرىدا قۇرئان كەرىمدەك ئۇلۇغ ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئىلمىي خاتالىقى ۋە ئىلمىي ساھەنىڭ پايخان قىلىنىشى مەسىلىسى ئارىدىكى ساۋاقداشلىق، يەنە بىرنېمەداشلىق مۇناسىۋەتتىن ئۈستۈن بولىدىغان بولسا، شۇنچە يىل دىن ئوقۇپ «ماڭا خاتالىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگۈچىگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن» دېگەن ئالىم - ئۆلىما ساھابىلەرنىڭ ئەخلاقىدىن گىرام يۇقتۇرمىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شورى. كىم ئارىنى سوغۇق قىلغان، كىم ئارىغا سوغۇقچىلىق يەمنى تاشلاپ بازار قىزىتماقچى بولسا مەسئۇلىيەت ئۇنىڭ. ئەمما ئىلىمگە ۋە ئىلمىي تەنقىدكە شەخسىي مۇناسىۋەت ۋە داستىخاندارچىلىقتىن ھالقىپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلالماسلىقتەك بۇ قىلمىش كىمدىن سادىر بولسا بۇ نومۇس ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئۆمۈر يېتىپ ئاشىدۇ. ئەگەر سىز ئۇ ئىككىسى ئارىسىدا قىسىنچىلىقتا قالغان تالىپلاردىن بولمىسىڭىز، ئاساسسىز خاتا گۇمانلارنى، نە دوكتور، نە مۇھەممەد يۈسۈپ، نە باشقا بىرسىغا ئالاقىدار قۇرۇق گەپلەرنى سەھىپىگە توشۇپ ئارىدا ئاساسسىز پەرەزلەرنى ئۆزئارا يەتكۈزۈپ يۈرمىگەيسىز. سەھىپىگە ھەر قۇرۇق گەپنى ئاڭلىغانچە كۆتۈرۈپ كىرىپ ئادەم ئاۋارە قىلىشتەك سېپى ئۆزىدىن دىجىتال توشۇغۇچىلىق، گەپ يۆتكەپ ماجرا ئۇلغايتىش قىزغىنلىقى دىنىي ساھەدە بولسىمۇ راۋاج تاپمىغىنى تۈزۈك. سىز ئوقۇغان دىننىڭ تەلىمى بويىچىمۇ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى توشۇپ دەپ يۈرۈش ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق ھېسابلىنىدىغانلىقى سەمىڭىزدە بولغاي! ئاخىردا بۇندىن كېيىن يەنە بۇرۇنقىغا ئوخشاش مەن تەكىتلىگەن خۇسۇسلارغا دىققەت قىلىشىڭىزنى، سەھىپىنىڭ ئىلمىي ھاۋاسىغا تۇشلۇق، قۇرۇق گەپ، قۇرۇق تۆھمەتتىن خالىي، ۋەسۋەسىدىن يىراق پىكىرلەرنى قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تۈگىدى

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
حسن محمود قا:
قارىسام مەھەللەۋى قورساق كۆپۈكلىرىڭىز يىغىلىپ قالغان بالىدەك تۇرىسىز. تېمىغا ئالاقىسىز بىرھازا دەرد - شىكايىتىڭىزنى دەۋېلىپ دەۋېلىپ ئاخىرىدا تۇتامى يوق ئىددىئا بىلەن يوق يەردىن ئەيىب ئۇيدۇرۇپ ماڭا دۆڭگەپ قاخشاپ چۈشكىنىڭىز قىزىقكەن. مەن ئۈستىدىكى ئىنكاسىمدا نېمىشقا دوكتور ئابدۇلئەزىزنىڭ ئوبزوردا تىلغا ئېلىنىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىلمىي زاكونى بىلەن يورۇتۇپ بەردىم. تىلغا ئېلىنىشنىڭ يالغۇز ئابدۇلئەزىز بىلەن چەكلەنمىگەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتىم. ئۆزىڭىز ئوبزورنى جايلاپ ئوقىيالمىغان بولسىڭىز، مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ماختاش دەپ قارىۋالسىڭىز مەن قانداق قىلىپ بېرەي. ئاساسسىز يەكۈننى ئۆزىڭىز چىقىرىپ قۇيۇپ ئۈسكىلى يەر چىقمىغاندەك ماڭا دۆڭگىسىڭىز قاملاشمايدۇ. توپتا نېمە ئىش بولغان، نېمىلەر دېيىلگەن ۋە قانداق نەتىجىلەنگەن بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتى ماڭا قاراڭغۇ. گېپىڭىزنىڭ ئورانىدىن قارالسا، توپتا ئۆزۈڭلار دېيشىپ، ئۆزئارا كېلىشەلمەي، ئۆزۈڭلار چىقارغان مەسىلىدىن ئۆزئارا چۈشىنىشەلمەي بىر - بىرىڭلاردىن ماي تارتىشىپ قالساڭلار، ئاخىرىدا بىر - بىرىڭلارغا توغرا مۇئامىلە قىلالماي چوپچوڭ تۇرۇپ كىچىك بالىدەك تەگىشىپ ئولتۇرۇشقان بولساڭلار، بۇنىڭ سەۋەبچىسى يەنە مەن بولۇپ قالسام بۇ بىر ئۇچىغا چىققان يولسىزلىق بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرىدا تامر زيزو غا يازغان ئىنكاسلىرىم سىزگىمۇ تېگىشلىككەن. ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئالدىرماي ئوقۇپ ھەزىم قىلىۋالغايسىز.

ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
تۆۋەندىكى ئىنكاسنى يازغان حسن محمود قا: قۇسۇدىغاننى قۇسۇۋېلىپ كەينىدىن قۇسۇقىنى ئىچىۋېلىپ ئاغزىنى ئېيتىۋېلىپ يۈرىدىغان نامەرد، نائەھلىلەرنىڭ چىقىشى بۇ سەھىپىدە تۇنجى قېتىملىقىمۇ ئەمەس. ئىنكاسىڭىزنى يۇيۇۋېلىپ تىللاپ قاچارلىق قىلسىڭىزمۇ نېسىۋېڭىىزنى ئىتقا سۆڭەك ئېتىپ بەرگەندەك ئېتىپ بېرىش قولىمىزدىن كېلىدۇ. قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ ئەقلى چوڭ بولمىغان شاكىچىك! ئۇيغۇرچىدا بالىدەك گەپ قىلىش مېتافورى فىزىيولوگىيەلىك كىچىك بالا كۆرگەنلىكنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەقىل ياشتا ئەمەس، باشتا، دېگەن سۆز تاماق يەيدىغان جاينىڭ ئۈستىنى تاشلاپ، يېگەن تاماقنى چىقىرىدىغان يېرىدىن ئويلايدىغانلارنى بالا چېغىدىن باشلاپ ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن دېيىلگەن ئىكەن. ئاۋۇ ئىككى ئىلىم ئەھلىدىن سادا چىقمىسا، سىزنىڭ يىرتىق ئىشتاندىن چىققاندەك پەيدا بولۇپ «ئارىسىغا سوغۇقلۇق چۈشتى» دېگىنىڭىز تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، دەللاللىق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ توپتا قىلىشقان پاراڭلىرىنى ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئالماي تۇرۇپ جاراستاندا سۆرەپ يۈرۈش نەچچە بالىنىڭ دادىسى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ بالىلارچە ئىش قىلغانلىق بولىدۇ. «بالىدەك» دەپ بولغۇچە بالا ئەمەسلىكىمنى تامبال ئىچىدىن ئىسپاتلايمەن، دەپ چۈشۈش بالاغىتى تىزىنىڭ ئۈستىدىن كىندىكىگىچە كېلىپ توختاپ قالغانلارنىڭ، يەلكىسىنىڭ ئۈستۈن قىسمىنى يەل چىقىرىدىغان يېرى باشقۇرىدىغان ئەخلاقى پەسلەرنىڭ قىلىدىغان ئۇششۇقلۇق ئادىتى ھېسابلىنىدۇ. جىھاد ھەدىسلىرىنى تەپتارتماي ھايۋانىي خۇلقىنى دەلىللەشكە ئىشلىتىپ سۇيىئىستېمال قىلىش سىزدەك زىدىپەس تىپلارنىڭ، نەچچە يىل ئوقۇغان دىننى بىلىمىنى فەرج بىلەن شەرجدىن مىسال ياساپ ئىشلىتىشتىن باشقىغا تەتبىقلاشنى بىلمەيدىغان تەربىيەسى چالا تومپاينىڭ ئىشى. تالىپ باللاردا زوڭ ئولتۇرۇپ تەرەتنى ئۇزۇن قىلغانلارغا شەيتان ئاستىدىن ئېكىس بەلگىسى بىلەن ئەن سەپ قويىدۇ دەيدىغان گەپلەر بولىدىغان. ئەقلىڭىز تېخىچە نەزىرىيە، لوگىكادىن نېسىۋە ئالالماي، تۈگەل بەل ئاستى ئارقىلىق بالا ئەمەسلىكنى ئىسپاتلاشقا چۈشكىنىڭىزدىن قارىغاندا مەدرىستىكى چېغىڭىزدا بەك ئۇزۇن زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋەتكەن لاكات تالىپتەك تۇرىسىز. سىز سەل غەرەز ئۇقسىڭىز بولمىغۇر ۋەسۋەسە، پەرەزلەر بىلەن بىراۋغا ئەيىب قويۇشتىن بۇرۇن ئاۋۋال ئۆزىڭىز قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى لايىقىدا چۈشىنىشنى بىلىڭ، ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز سەھىپىنى سېسىتماي چىقىپ ئىككى سائەت زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋەتسىڭىز خۇمارىڭىز بېسىققۇسى.



Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»