قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(17)

 قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(17)

ئومۇمىي خۇلاسە
1.تارىختا ئۈلگە بار، تارىختا ئىبرەت
رەۋزە ئارىلى شەھەر سىرتىغا يېقىن ئەتراپتىكى ناھىيەلەردىن بىرى ھېسابلىناتتى. بۇ ناھىيەدە دەۋرىنىڭ بۈيۈك ئەللامىلىرىدىن بىرى ئىستىقامەت قىلاتتى. دۇنيا ئەھلىدىن ھەمدە دۇنيا ئىشلىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان بۇ شەيخ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى پىنھان يىللىرىنى ياشىماقتا ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزلەتلىك ھاياتىنى ئىبادەت ۋە زاھىدلىق بىلەن ئۆتكۈزمەكتە بولۇپ، ئەسەر يېزىش، تەھرىرلەش ۋە تۈپلەش خىزمىتى ئۇنىڭ ئىبادەتلىرىنىڭ ئاساسىي پارچىسى بولۇپ قالغانىدى. شەيخ مول سەمەرىلىك ئىلمى ۋە پەزىلىتى بىلەن شۇ قەدەر نام سالغان ئىدىكى، دەۋرىنىڭ قەلەمدار ۋە ئەلەمدارلىرى ئۇنىڭ ئىستىقامەتگاھىدا پەرۋانە ئىدى. ئۇلار بۇ مۇبارەك زاتقا بولغان ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭ بىلەن مۇلاقاتتا بولۇشنىڭ، سۆھبىتىگە داخىل بولۇۋېلىشنىڭ كويىدا ئىدى. نەسىھەت ۋە دۇئالىرىنى ئېلىۋېلىشنى كۆزلەيتتى. كۆرۈشەلمىسىمۇ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ئۇنىڭغا ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئىپادىلەشتىن توختىمايتتى. لېكىن شەيخنىڭ تەركىدۇنيالىق ھاياتقا تولۇق قەدەم ئېلىشى ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقى بىلەن نەتىجىلەنمەكتە ئىدى. پۇلدارلارنىڭ كۆڭۈل سوۋغىسى قىلىپ ئەۋەتكەن قىممەت باھالىق ھەدىيەلىرى ئۇنىڭ بوسۇغىسى ئالدىغا كېلەر - كەلمەي قايتۇرۇلاتتى. سەلتەنەت ئەربابلىرى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پۇل - مال ۋە سوۋغا - سالاملارمۇ ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۈنۈشى بىلەن يا رەت قىلىناتتى، ياكى شۇ كۇننىڭ ئۆزىدە تېگىشلىك جايلارغا تارقىتىلىپ قولدىن چىقىرىلاتتى. شەيخ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەكلا نازۇكلىشىپ كەتكەن، كۆڭۈل دەرۋازىسىنى قاتتىقراق چېكىشكە جۈرئەت قىلىشنىمۇ كۆتۈرمەيدىغان، غورۇرى كۈچلۈك، تاۋى نازۇك بىر روھىي ھالەتنى باشتىن كەچۈرمەكتە ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەھەردىن كەلگەن بىر مېھمان ئۇنىڭ دەرۋازىسىنى قېقىپ قالدى. شەيخنىڭ ھەرقانداق زىيارەتچىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىق خەۋىرى شەھەرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە تارىغان بولۇشىغا قارىماي ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي ئىشىك قېقىشلار شەيخنىڭ ئارامىنى بۇزماقتا ئىدى. شەيخ مەشغۇلاتىنى توختىتىپ ئىشىك تەرەپكە مېڭىۋېتىپ دەرۋازا قاققۇچىغا قارىتىپ نىدا قىلدى:
- ئىشىكنى قېقىۋاتقان كىم؟
- مەن ئۆزۈم قەستەلانىي بولىمەن. مەن توغرۇلۇق كۆڭۈللىرىگە كەلگەن ئىشلار ئايدىڭلىشىپ كەتسىكەن، دېگەن ئۈمىدتە يالاڭ ئاياق، بېشىم ئوچۇق ھالەتتە ھۇزۇرلىرىغا كېلىشىم ئىدى.
شەيخ يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئاڭلاپلا مەسىلىنى چۈشىنىپ يەتتى ۋە ئىشىك قاققۇچىنىڭ كىملىكى، قەيەردىن كەلگەنلىكى ۋە نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا شۇ جاۋابنى بەردى:
- سەن توغۇرۇلۇق كۈڭلۈمگە كەلگەن ئىشلار ئايدىڭ بوپ كەتتى. ئەمدى قايتساڭ بولىدۇ.
شەيخ شۇنداق دېگىنىچە مېھمانغا ئىشىكمۇ ئاچماستىن، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىمۇ بەرمەستىن ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئىشىغا مەشغۇل بولدى. مېھمانمۇ جاۋابىنى ئېلىپ قايتىپ كەتتى.
ئەسلىدە ئىشىك قاققان كىشى زامانىنىڭ مەشھۇر ئالىمى، تارىخچىسى، مۇھەددىسى ۋە فەقىھلىرىدىن شىھابۇددىن قەستەلانىي بولۇپ، 16 – ئەسىرنىڭ يېتۈك ئەللامىلىرىدىن ئىدى. كەمتەرلىكى ۋە تەقۋالىقى بىلەن تونۇلغان بۇ زات، زاماندىشى ۋە دەۋرىنىڭ ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى بولغان جالالىددىن سۇيۇتىينىڭ ئۆزىنى ئاغزاكى تەنقىدلەپ يۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. تەنقىد تېمىسىمۇ قانداقتۇر بىرەر ئىلمىي تېما ياكى مەسىلە بولماستىن كىشىنىڭ ئىلىم ئەخلاقىي ۋە پەزىلىتىگە تاقىشىدىغان ناخۇش مەسىلە ئىدى. ئەلۋەتتە يازما تەنقىدكە يازمىچە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسى بولۇشىغا قارىماي، بۇ نۆۋەت ئىش ئاغزاكى تەنقىد يولى بىلەن جەريان قىلىۋاتاتتى. دىققەت قىلمىغاندا بۇ تۈردىكى گەپ - سۆزلەرنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچىشى ۋە ھەر خىل ئۆزگىرىپ تارقىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. تەنقىد ئاغزاكى بولغاچ مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش چارىسىمۇ يۈزلىشىش ۋە ئارىنى ئوچۇق قىلىشقا قاراشلىق قالماقتا ئىدى.
«قەستەلانىي مېنىڭ ئەسىرىمدىن كۆچۈرۈپتۇ». مانا بۇ ئىمام سۇيۇتىينىڭ ئەيىبلەۋاتقان مەسىلسى ئىدى. زامانىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىلمىي ئەسەر يازغان ئەللامىسى بولۇش بىلەن مەشھۇر بولغان بۇ زات بىردىن ئارتۇق ساھەدە قىممەتلىك ۋە شاھانە ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان، قۇرئان كەرىم تەپىسىرى بابىدىمۇ ئىھيا قىلىش رولىغا ئىگە كاتتا ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە دەۋرىنىڭ مۆتىۋەر تەنقىدچىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە «مۇئەللىپ بىلەن ئوغرىنى ئايرىپ تۇرغۇچى پاسىل» ناملىق يىرىك تەنقىدىي ئەسەرنىڭمۇ مۇئەللىپى ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ زامانىدا، ئۇ ھايات تۇرۇپ، ھەتتا ئۇنى ئۇستازىم، پېشقەدىمىم، بىزگە يول باشلاپ بەرگەن دەپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىلمىدىن پايدىلانغان، ئەمما ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپلا ئەسەرلىرىدىن جۈملىمۇجۈملە، ئابزاسمۇئابزاس كۆچۈرۈپ ئەسەر ئېلان قىلىۋالىدىغان، مەزمۇنلارنى قوراشتۇرۇپ سەللا جۈملە شەكلىنى ئۆزگەرتىپلا ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋالغان، ھەتتا ئۇنىڭ مۇنچە يىللىق ئىجتىھادىم ۋە ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسى دەپ يازغان قۇرلارنىمۇ ئەينەن كۆچۈرۈپ ئەسەر ئوغرىلىغاندىن سىرت ئىلىم يولىدا چەككەن رىيازەت ۋە ئىزدىنىش تارىخىنىمۇ ئۆزىگە مەنسۇپ قىلىۋالغان، ئەسەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئالدى ئارقىسىنى ئالماشتۇرۇپلا ئۆزىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋالىدىغان نائەھلىلىكلەر سادىر بولماقتا ئىدى. سۇيۇتىي ئىلىم ساھەسىدە ئەۋجەۋاتقان بۇ خىل داشقاللىقنى، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ يېنىدا ئۇزۇن يىللار ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن مۇئەييەن نوپۇز تىكلەپ تۇرۇپ يەنە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە قوراشتۇرۇش، ئالدى - ئارقىسىنى ياپسارلاپ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشتەك ئەخلاقسىزلىقلارغا، ئىلمىي خىيانەتلەرگە قېتىملاپ شاھىد بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن بولسا كېرەك، ئۆز بابىدا يېڭىدىن يېزىلغان ياكى نامدار بىرەر زاماندىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەسەر نەشر يۈزى كۆرۈشى بىلەن ئەسەرنىڭ بىر نۇسخىسى ئۇنىڭ قولىغا چۈشمەي قالمايتتى. شۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ ئەڭ ئەۋۋال دىققەت قىلدىغان نۇقتىسىمۇ تەبىئىي ھالدا ئەسەرنىڭ قايسى دەرىجىدە ئورجىناللىقى، ئەسەرگە ئاپتورنىڭ شەخسىي ئىزدىنىشى، ئىلمىي قۇۋۋىتى قايسى دەرىجىدە سىڭگەنلىكى قاتارلىقلار بولاتتى. زىيادە سەزگۈرلۈكىدىن بولسا كېرەك، كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن زامانداش ۋە قۇرداش ئالىم قەستەلانىينىڭ مەلۇم بىر ئەسىرى قولىغا تېگىدۇ. «قەستەلانىي مەندىن كۆچۈرۈپتۇ»، سۆزى مۇشۇ سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا تاشلانغان بولۇپ، ھەتتا دەۋرىنىڭ شەيخۇلئىسلام مەرتىۋىسىدىكى ئالىملاردىن ئەبۇ زەكەرىيا ئەلئەنسارىي بىلەنمۇ بۇ ھەقتە تارتىشمىلار بولىدۇ. سۇيۇتىي قەستەلانىي ئۈستىدىن قىلغان ئىددىئاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شەيخۇلئىسلام ئەلئەنسارىيغا ئەسەردىن بىر نەقىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇ نەقىلنى ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئەجىر قىلىشى ئاساسىدا تېپىپ چىقىپ كىتابىغا كەلتۈرگەنلىكىنى، قەستەلانىينىڭ ھېچ بولمىغاندا شۇ نەقىلنى كەلتۈرگەندە بۇ نەقىلنى سۇيۇتىيدىن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيىتىدۇ. ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنىڭ يېشىلمىگەنلىكىنى، بۇ ۋەجىدىن سۇيۇتىينىڭ ئۆزىنى تەنقىدلەۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان قەستەلانىي ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەخلاقىغا، ھەتتا كىشىلىك مىزاجىغىمۇ توغرا كەلمەيدىغان بۇ ئىددىئانى ئايدىڭلاشتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ھەمدە سۇيۇتىيغا بۇ خۇسۇستىكى سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن مىسىرنىڭ قاتتىق پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئات - ئۇلاغسىز، قاھىرە شەھرىدىن رەۋزە ئارىلى دېگەن ناھىيەسىگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن پىيادە يوللارنى بېسىپ سۇيۇتىينىڭ ئىستىقامەتگاھىغا بارىدۇ. قەستەلانىينىڭ «يالاڭ ئاياق، بېشىم ئوچۇق» ھالدا كەلدىم، دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشىمۇ، پىژغىرىم ئىسسىقتا باشقا ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغان باش كېيىمىنى كەيمەستىن يولغا چىققانلىقىنى، قىزىق ئاپتاپتا ئاياقمۇ كەيمەي يالاڭ ئاياق يول بېسىپ كەلگەنلىكىنى ئېيىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۇيۇتىيغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، يۈكسەك ئەخلاق - پەزىلىتى ۋە ئىلمىي ئىستىل بابىدا راستچىل ۋە سەمىمىي ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئىشىكنى ئاچماي تۇرۇپ قەستەلانىينىڭ ئۆزىنى ۋە مۇددىئاسىنى ئوچۇقلاپ ئېيتقان بىر جۈملىسى سۇيۇتىيغا مەسىلىنىڭ يېشىمى بولغان ئىدى. ئۇ قىسقىلا جاۋابى ئارقىلىق زاماندىشىغا پەند بەرگەن ۋە ئۆزىگە نا قولاي ۋەزىيەتتە كېلىپ قالغان مېھماننى قوبۇل قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق، سەمىمىيەتكە ۋە ساغلام ئىستىلغا قارىتا نەق جاۋابىنى بەردى. شۇندىن بىرى «قەستەلانى مەندىن كۆچۈرۈپتۇ» ئىددىئاسى قايتا تەكرارلانمىدى. بۈگۈننىڭ نەسىل ئەۋلادلىرىغا تونۇشلۇق بولغان ۋە مەرھۇم شەھىد ئەللامىمىز مۇھەممەد سالىھ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان «سەھىھۇلبۇخارىي جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانىي شەرھى» ناملىق ئەسەردە نامى زىكرى قىلىنغان قەستەلانىي دەل مۇشۇ قەستەلانىي ئىدى. ئىلىمى دەرياغا تەمسىل قىلىنىدىغان، دەۋرىنىڭ مۇھەققىقى، مۇپەسسىرى، مۇھەددىسى ۋە تېرەن ئەدىبلىرىدىن، شۇنداقلا يۈكسەك ئىلمىي تەنقىدلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان ئېنسىكلوپېدىك ئالىم جالالىدىن سۇيۇتىي بولسا، تا بۈگۈنگە قەدەر يەر يۈزىنىڭ بارچە ئىسلامىي ئىلىم ئوچاقلىرىدا ئەسەرلىرى دەرسلىك قىلىنىپ كېلىۋاتقان، جۈملىدىن خەلقىمىز ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا مەشھۇر بولغان «تەفسىيرۇلجەلالەيىن» كىتابىنىڭ مۇئەللىپلىرىدىن بىرى ئىدى. بىلگىنىمىزدەك، قۇرئان ئىلىملىرى ئۇنىڭ ئېنىسكلوپېدىيەلىك ئەسىرى بولغان «ئەلئىتقان»سىز، قۇرئان تەپسىرى ئوقۇشلۇقى بولسا «تەفسيرۇل جەلالەيىن»سىز ئۆگىنىلمەيدۇ. ئەگەر مۇھەممەد سالىھ قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدە تەپسىر بابىدىن ئۈلگە ئالغان ئەسەرلەر ئىچىدە غوللۇق ئەسەر قايسى ئىدى، دېيىلسىمۇ ئىككىلەنمەي ئۇشبۇ ئىمام سۇيۇتىينىڭ تەپسىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
قەستەلانىينىڭ ئۆزى قايىل بولمايدىغان بىر ئىددىئا ئۈچۈن بۇنچە رىيازەت چېكىشى ۋە سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىشى نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتى ئەنئەنىسىدە ئىلىم قانچە ساغلام بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ قەدىر - قىممەت تېپىشى ۋە ئۈلگە ئېلىنىشى مەزكۇر ئىلىم ساھىبىنىڭ ئىستىلىنىڭ ساغلاملىقى بىلەن ئۆلچىنىپ كەلگەن. بالىلىرىنى دارىلئېتامغا بېرىۋېتىپ بالىلار تەربىيەسى ھەققىدە كىتاب يازسا پەيلاسوپ پېداگوك دەپ كۆككە كۆتۈرىلىدىغان، قۇل تىجارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇلدار پومېشچىكى تۇرۇپ ئىنسان ھەقلىرى ۋە ھۆرلۈك ھەققىدە ئەسەر يازسا مۇتەپەككۇر داھىي ساناپ باش تاجى قىلىدىغان، تېتىك ياشاش، ھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇش، ئەسلا ھاياتنى قەدىرسىزلەشتۈرمەسلىك خۇسۇسىدا بولۇشىغا ئەسەر يېزىپ نام چىقىرىپ تۇرۇپ، ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈۋېلىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىدىغان مۇئەللىپلەر، ئەخلاقىي يىمىرىلىشتىن، ئىنسانلىقنىڭ كېلەچىكى، نەسلى ۋە تەقدىرى ئۈستىدە چوڭ - چوڭ نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلىۋېتىپ ئۆزى بەچچىۋازلىقنىڭ پىرى بولۇپ ياشايدىغان بىر ھايات تەرزىدىن شەرق دۇنياسى ئادا جۇدا ئىدى. بۇ ۋەجىدىن كىشى ئىلىم ساھىبى بولۇش بىلەن تەڭ ئەمەل ساھىبى بولۇشى، ئەسەر ساھىبى بولۇش بىلەن تەڭ ساغلام ئىستىل ساھىبى بولۇش ئۆلچەم قىلىناتتى. سۇيۇتىيدەك بىر ئالىمنىڭ «مەندىن كۆچۈرۈپتۇ» ئىددىئاسىغا قارشى قەستەلانىينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە ئەستايىدىل بولۇشىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرىمۇ مۇشۇ ئىدى. بۇنىڭدىن ئۇشبۇ ئالىمنىڭ ئەستايىدىل ۋە پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئىلىم ۋە ئىستىل جەھەتتىكى مەزكۇر سەزگۈرلۈكىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مانا بۇ كۆچۈرمىچىلىك، قوراشتۇرمىچىلىق، ساغلام بولمىغان ئىستىل رەت قىلىنىدىغان، ئىلىم ئەخلاقىدىن يىراقلىشىش ئەسلا قارشى ئېلىنمايدىغان دۇنيادىكى ئالىم - پازىللارنىڭ، ئىسلام ئىلىم مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەخلاقىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى.
2. قۇرئان تارىخى بەخىتسىزلىك دەۋرىنى ياشىماقتا
ئىلىم ئەنئەنىمىز دەيدۇكى، «الفضل للمبتدي وإن أحسن المقتدي»، يەنى: ئىز باسار قانچە مۇكەممەل قىلىۋەتمىسۇن، شان - شەرەپ ئەڭ باشتا يول ئاچقۇچىغا مەنسۇپتۇر. ماقال - تەمسىللىرىمىزدە ئالدىنقىلارنىڭ باسقان يولىنى كېينكىلەرنىڭ تاكامۇللاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ ئېيتقان: «بۇرۇن چىققان مۆگڭۈزدىن كېيىن چىققان قۇلاق ئېشىپ كېتىپتۇ»، دەيدىغان سۆز بار. دەرۋەقە ھەر نەسىل ۋە ئەۋلادنىڭ ئالدىنقىلارنىڭ مىراسىدىن توغرا پايدىلىنىش، ئۇلارنىڭ تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش، ئۇلارنىڭ باشلاپ كەلگەن نۇقتىسىنىڭ داۋامىنى ئۇلاش مەجبۇرىيتى بار. تەرەققىيلىشىش، ئىلگىرىلەش ۋە بەركاماللىق مانا بۇ سايىدە ئەمەلىيلىشىدۇ. قانداق ساھە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن پەللىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا، ئۇنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىرىنچى شەرت ئۇل - ئاساسى پۇختا تىكلەنگەن ئىلىم -مەرىپەت ئىگىسى بولۇشتۇر. ئىلىم مەرىپەت پۇختا ئۇل ئاساسىغا تىكلەنمىگەندە، توغرا پايدىلىنىش ئەمەلگە ئاشمايدۇ. توغرا پايدىلىنىشنى بىلمىگەن نېمىدىن قانداق ساۋاق ئېلىشنى، قانداق يەكۈن چىقىرىشنى، نېمىنى قانداق تۈزەشنى ۋە قانداق ئىسلاھ قىلىشنى بىلمەيدۇ. تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى بىلمىگەندىن تەرەققىيلىق ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈتۈلمەيدۇ. ساغلام ئۇل بەرپا قىلالمىغان مۇكەممەللەشتۈرۈش تۈگۈل بارىنى بۇزىدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىگەننى چېكىندۈرىدۇ. ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولغاننى ئۆلۈكلەشتۈرىدۇ. ھالبۇكى تەلەپ ئالدىنقىلار يەتكەن پەللىنى يەنىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش، ئالغا سىلجىتىش بولۇپ، ئۇنى پۈچەكلەشتۈرۈش، سەۋىيەسىزلەشتۈرۈش، پاخاللاشتۇرۇش ئەمەس.
قۇرئان كەرىم ساماۋى خىتاب ۋە ئىلاھىي چاقىرىق بولۇشى، ھەمدە ئۇنىڭ خىتابىنىڭ بارچە ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولۇشى، جاھانشۇمۇللۇقى ئېتىبارى بىلەن ئەلۋەتتە ھەر قەۋمنى، ھەر مىللەت، ھەر خەلق ۋە ھەر بىر ئىنساننى ئۆزىنىڭ چاقىرىق ئوبيېكتى قىلغاندۇر. تەپسىر پائالىيىتى ئۇشبۇ چاقىرىقنىڭ مۇخاتەبلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنىڭ رېئال دۇنيادا ئەمەلىيلىشى، كىشىلىك ھايات بىلەن گىرەلىشىشى ئۈچۈن ئىزاھلاش ۋە چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى بوشلۇقنىڭ تولدۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئۆتەيدىغان ئىلمىي پائالىيەتتۇر. ئەلۋەتتە، ئەقىل ۋە تۇيغۇ ئىگىسى بولغان، قەلبتىن ئىبارەت تىلسىملىق جەۋھەرگە ساھىب بولغان ئىنسان ئەۋلادىنىڭمۇ ئۇشبۇ چاقىرىقنى چۈشىنىشكە بولغان قىزغىنلىقى ئۇشبۇ تەپسىر ۋە تەرجىمە پائالىيىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى تۈرتكىلەردىن بىرى. بۇ ۋەجىدىن قۇرئان ھەر دەۋردە شۇ دەۋرنىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ۋە يۈكسەك مەدەنىيەت تىلىدا ئۆزىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرىنىڭ تەقەززاسى بويىچە تەپسىرلىنىپ، تۈرلۈك نۇقتىلاردىن ئىزاھلىنىپ ماڭىدۇ. ھالبۇكى تەرجىمىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى رولى تەپسىرگە قارىغاندا خېلى بەك چەكلىك. تەپسىر ئۇزۇن ۋە قىسقىلىق چەكلىمىسى بولمىغان، ئەركىن تەپەككۇر ۋە قەلەم ئوينىتىش ئىمكانى بولغان بىر ساھە. تەرجىمە بولسا، ئىخچام ۋە قىسقا. شۇڭا تەرجىمىنىڭ بۇ خۇسۇستىكى ئىمكانىيىتىمۇ چەكلىك. تەرجىمىدە ئىخچام ۋە مېغىزلىق بولۇش شەرت قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن تەبىئىي ھالدا تىل ۋە پاساھەت جەھەتتىن يۇقىرى سەۋىيەنى قوغلىشىشنى، قانچە ئىخچام بايان بىلەن روشەن ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يورۇتۇشنى، بۇ جەھەتتىن قولدىن كەلگەنچە ئۈستۈن ماھارەتنى ئىشقا سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىلىدا بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، تەلەپكە لايىق ھۆددىسىدىن چىقىش پەقەت ۋە پەقەت شۇ تىلنىڭ ئەدەبىي تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن شارائىتتا، شۇنداق بىر پەللە ياراتقان دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن. پارس ۋە تۈركىي تىل سىستېمىسى تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن دەۋرلەردىن بىرى بۇ خىزمەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش پۇرسىتىنى ياراتتى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلدى. ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت جۇغلانمىسىغا ئىگە كۈلتۈرلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى يۇقىرى پەللىنى يارىتىشى، پەلسەپەۋى تىل بولۇش سەۋىيەسىنى ھازىرلىشى بىلەن ئۆلچىنىدىغان بولۇپ، پارس ۋە تۈركىي تىللار قاچانكى بۇ سەۋىيەنى تىكلىدى، قۇرئان تىلىنى ئۆز تىلىغا ئاغدۇرۇش خىزمىتىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن توختىمىدى. ئەلۋەتتە تىلنىڭ بۇنداق بىر سەۋىيەنى ھازىرلاش باسقۇچلىرى پەرقلىق. قاراخانىيلار تۈركچىسىدە قىلىنغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى قۇتادغۇ بىلىك ۋە ئەتەبەتۇلھەقائىق كەبى ئەدەبىي پەللىنىڭ بىر نامايەندىسى سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن بولسا، نەۋائىي دەۋرىگە يېقىن دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن چاغاتاي تۈركچىسىدىكى تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىگە ئۇلاشقانلىقىنىڭ بىر نامايەندىسى بولغان ئىدى. ئۆتكەن ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان تەرجىمە ۋە تەپسىر ھەرىكەتلىرى دەۋر ئېھتىياجى بولۇش بىلەن تەڭ، يەنە شۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان تىلدا تەرجىمە ۋە تەپسىرلەر يېزىلغان ئىدى. چاغداش ئۇيغۇرچە تىل يېڭى ئەدەبىي ژانىرى ۋە تۈرلۈك قۇرۇلمىلىرى بىلەن شەكىللىنىۋاتقان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا بولسا، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ئىلغا قىلغان بىر سەۋىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىندى. كۆرمەكتىمىزكى، تەرجىمە پائالىيىتى تارىختىن بىرى كۆپ قىلىنغان ئىش ئەمەس. ھەم ھەركىم ئۇدۇل كەلگەن سەۋىيەسىدە قىلىۋەرسە بولۇۋېرىدىغان ئىلمىي خىزمەتمۇ ئەمەس. بۈگۈنگىچە قولىمىزغا يېتىپ كەلگەن تەرجىمىلەرنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى، سانىنىڭ ئون بارماققا ئاز كەلگۈدەك دەرىجىدە نادىر بولۇشىنىڭ ھېكمىتىمۇ مانا شۇ. قولىمىزغا يېتىپ كەلمىگەنلىرىنى تەخمىنىي پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ قەيتلەر ۋە ئىستاتېستىكىلار، تارىخىي رېئاللىقلار قۇرئان تەتقىقاتىدا تەپسىرچىلىكنىڭ ئەڭ كۆپ راۋاجلانغانلىقىنى، تەرجىمە ئىشىنىڭ تەپسىرنىڭ راۋاجى ئالدىدا ئۇنچە رىغبەتكە ئېرىشمىگەن، ھەتتا تەرجىمە مەسىلىسىنىڭ ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ تېمىسى بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. چۈنك، ئىلىم تىلى ھەر ۋاقىت قۇرئان تىلى بولۇپ كەلگەن بىر دەۋردە ئىككىنچى بىر تىلدا قۇرئان تەرجىمە قىلىشقا يەڭ تۇرۇش، شۇ دەۋرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدە، تۈرلۈك ساھەنىڭ يېتۈك شۇناسلىرى بار، نەچچە تىلدا ئىجادىيەت قىلالايدىغان پېشىۋالار ئېشىپ تېشىپ تۇرغان بىر مۇھىتتا لاياقەتلىك بىر تەرجىمىنى پۈتتۈرۈپ چىقىش ئۇدۇل كەلگەن تەرجىماننىڭ جۈرئەت قىلىدىغان ئىشىمۇ ئەمەس. ئەلۋەتتە بۈگۈنكىدەك ئىسلام ئىلىم كۈلتۈرى ھاكىملىق تەختىدە بولمىغان بىر دۇنيادا، نەشرىي ئەپكار شەخسنىڭ يانچۇقىنىڭ توم ياكى ۋىجىكلىكىگە قاراپ ئىختىيارىچە بېسىپ تارقىتىش ئىمكانىيىتى بولغان، ئىلىم ساھەسى، جۈملىدىن شەرئىىي ئىلىملەر ساھەسى كونترولسىز، ئىگە - چاقىسىز، شۇنداقلا ساھەنىڭ ۋەكىللىك شەخسىيەتلىرى يوق بىر دۇنيادا بىر قىسىم ئەللەرنىڭ تىلىدا ئونلارچە، يۈزلەرچە تەرجىمىلەرنىڭ چىقىشى، يەنى تەرجىمە پاخاللىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ساھەنىڭ ئەسلى سۈپەت - سەۋىيەسىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىدەك ئەقەللىي تەلەپنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. شۇنداقلا بۇ «قۇرئان تەرجىمە قىلغان» دېگەن ئاتاققا ئېرىشىۋېلىشنىڭ كوزۇرىغىمۇ ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم. ئەمەلىيەتتە تەرجىمىلەر ساندا كۆپ بولغان بىلەن، بۇنىڭ سۈپەت جەھەتتىن تولدۇرغۇسىز چوڭ بوشلۇقلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ قۇرئاننىڭ پايدىسىغا خىزمەت قىلماق تۈگۈل نۇرغۇن يوقىتىش ۋە زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئىنكار قىلغۇسىز بىر رېئاللىق. مانا بۇ تەرجىمە پائالىيىتىدىكى مۇۋازەنەتسىزلىكنىڭ، شەرت ۋە شارائىتى پىشىپ يېتىلمىگەن، سەۋىيە - ساپا ھالقىمىغان بىر ۋەزىيەتتە ئۇدۇل كەلگەن ھەۋەسكارنىڭ تەرجىمىگە قول ئۇرۇشنىڭ، ئېتى ئۇلۇغ سۇپرىسى قۇرۇق ئىلىمدارلىقنىڭ بازار تېپىشىنىڭ، ھەد - ھۇدۇد بىلمەسلىكنىڭ ئاقىۋەتلىرى.
بۇ خىل ھادىسە نوقۇل قۇرئان ھەققىدىلا ئەمەس، باشقا دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ تەرجىمە ۋەزىيىتىدىمۇ ئوخشاش. تەرجىمە ھەر ئەسىردە، ھەر دەۋردە قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ شۇ تىل ۋە تىلنىڭ يەتكەن ئەدەبىي پەللىسى يۇقىرى سەۋىيەنى شەكىللەندۈرگەندە، تىلنى يېڭىلاش، ئىپادە ئۇسۇلىنى جانلىقلاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا ئاندىن شۇ تىلنىڭ ھەمدە شۇ دىننىڭ مەدەنىيەت تىلىنىڭ ئۈست پەللىسىگە بارماق باسالايدىغان، بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا قابىلىيىتى يېتىدىغان ۋە تالايلىغان ئىلىمدارلار ئارىسىدىن سۈزۈلۈپ نادىر شەخىسلەر يېتىشىپ چىققاندا ئاندىن قىلىنىدىغان، شۇنداق قىلىنغان ۋە قىلىنىپ كەلگەن خىزمەتتۇر. تارىخىمىزدا قۇرئان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار مانا بۇ يۇقىرى ساپا ۋە سەۋىيەنى ساقلىغان ئاساستا قۇرئان كەرىمنىڭ تەپسىر ۋە تەرجىمە خىزمىتىگە قول ئۇرغان. قۇرئان تەرجىمىسى تارىخىمىزدا، قانداقتۇر كۈنىمىزدىكى تەرجىمە نامىدىكى كۆچۈرۈلمە، قوراشتۇرۇلما ئەسەرلەرگە ئوخشاش، ئەسلىدىكى تەرجىمىلەرنىڭ مۇئەللىپلىرىنىڭ ئالدى شەھىد، كەينى زىندانلاردا مەھكۇم ياتقان، ئەسلىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ساھىبلىرىمۇ ئۆز ئەمگىكىگە ئىگە چىقىشتىن مەھرۇم قالغان، قىسقىسى، ئىلمىي ساھە ئىگە - چاقىسىزلىقتا بەئەينى يېتىم قالغان ۋە قالدۇرۇلۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش «ئەڭ مۇكەممەل»، «ئەڭ توغرا»، دېگەن ئېلان تەشۋىقاتلار بىلەن دەبدىلىك بازارغا سېلىنغان ئەھۋاللار، تاۋار مىسالى بازىرى چىقىرىلغان ھادىسىلەر يۈز بېرىپ باققان ئەمەس. يەنى قۇرئان كەرىم ئىلىم تارىخىمىزدا دىنىي ساھەگە قول تىققۇچى مۇخلىسلىرى تەرىپىدىن بۈگۈنكىدەك خار ئورۇنغا چۈشۈرۈپ مۇئامىلە قىلىنغان، بۈگۈنكىدەك بۇرمىلىنىشقا، بۇگۈنكىدەك نوپۇزنىڭ، مەنپەئەتنىڭ سۇيىئىستېمال ئوبيېكتىغا ئايلاندۇرۇلغان بىر دەۋرىنى بۇندىن بۇرۇن باشتىن كەچۈرگەن، ياشاپ باققان ئەمەس. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە سىياسىي ئاسارەت تارىخىمىزنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرىنى ياشاۋاتقان بولساق، قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق تەپسىر ۋە تەرجىمە تارىخىنىڭ ئەڭ بەخىتسىز دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقى مانا بۇ ئۈچىنچى ئاتالمىش تەرجىمىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ.
خاتىمە
قۇرئان كەرىمنىڭ ئاتالمىش يېڭى تەرجىمىسىنى تەنقىد تارازىسىغا سالغىنىمىزدىن كېيىن شۇ مەلۇم بولدىكى، تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر تەرجىمە ئەسىرى قۇرئان كەرىم تەرجىمە تەتقىقاتى ئۈچۈن قانداقتۇر ئىددىئا قىلغىنىدەك، «يېڭى» دەپ تەرىپلىگۈدەك ئالاھىدە ئۆزگىچىلىك ئېلىپ كەلگەن ئەمەس. كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەرجىماننىڭ مەخسۇس ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىك دەپ كۆرسەتكەن نۇقتىلارنىڭ كۆپىدە قۇرئان ئىلمىگە خىلاپ كېلىدىغان، تەپسىرچىلىك مىزانىغا توغرا كەلمەيدىغان، تەرجىمە ئەخلاقىغا زىت، تىل ۋە ئەدەبىيلىك بابىدىمۇ ئېتىبارغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ قۇرئان كەرىم تەرجىمە تەتقىقاتى ئۈچۈن تىلغا ئەرزىگۈدەك بىرەر ھەسسە قوشقانلىقىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. يەنە كېلىپ ئىددىئا قىلغان ئۆزگىچىلىك ۋە ئالاھىدىلىكلەردە كۆرۈلگەن چاتاقلار قانداقتۇر ياخشى بىلەن ئەڭ ياخشى، توغرا بىلەن ئەڭ توغرا ئارىسىدىكى مەسىلىلەر بولماستىن، ئىلمىي مېتودقا تاقىشىدىغان، جۈملىدىن تەرجىماننىڭ تەرجىمەشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق، تەپسىرشۇناسلىق قاتارلىق ئۇل - ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقىغا، توغرىسى ساھەنىڭ نەزەرىيەلىرىگە قەدەر چۈشەنچىسىنىڭ چولتا، بىرتەرەپلىمە ۋە خاتا بولۇشتەك ئەجەللىك تەرەپلەردىكى نۇقسانلىقلارغا بېرىپ چېتىلىدىغانلىقى تەكشۈرۈپ تەھقىقلىشىمىز ئاساسىدا مۇئەييەنلەشتى. ھەتتا ئالدىنقى تەرجىمىلەردە توغرا قىلىنغاننى خاتاغا چىقىرىپ تۇرۇپ ئۆزى ئاشۇرۇپ خاتاغا دەسسىگەن نۇقتىلارنى، بىر تالاي نەزەرىيەۋى ۋە ئىلمىي خاتالىقلارنى ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچەلىك نامىدا جار سالغانلىقىمۇ ئايان بولدى. بۇنىڭدىن سىرت ئەسەرنىڭ چوڭ گەۋدىسىنىڭ تەرجىمانغا تەۋە قىلغۇدەك دەرىجىدە ئورجىناللىقتىن يىراقلىقىمۇ مەلۇم بولدى. تەرجىماننىڭ ئۆزىگە ئائىت ساپ تەرجىمىسىنىڭ تېپىلىش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجە ئۇمۇمەن ئالدىنقىلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئەينەن ئېلىش، بىر ياكى ئىككى سۆزدە پەرقلىق مەنە بېرىش، ياكى جۈملىنىڭ ئالدى - كەينىنى ياپسارلاش، تىرناق ئىچى ئەمەسنى تىرناق ئىچىگە ئېلىش، ياكى تىرناق ئىچىگە ئېلىنغاننى يۇيۇپ ئۆزگەرتىپراق ئېلىش قاتارلىقلار، ھەتتا چەكتىن ئېشىپ ئالدىنقى ئىككى تەرجىمنىڭ ئىچىدىن ئىككى جۈملىنى ئۈزۈپ ئېلىپ بىر-بىرىگە چېتىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرقلىق ئۈچىنچى تەرجىمە ياسىماقچى بولغانلىقى قاتارلىق ئىلمىي ساختىلىقلار، كۆچۈرۈش ۋە قوراشتۇرما تەرجىمە ياساپ چىقىش قاتارلىقلار ئاشكارا بولدى. بۇنىڭغا ياندىشىپ مەزكۇر لاياقەتسىز تەرجىمىگە، يەنى ئەسەرنى مۇئەللىپنىڭ شەخسىي ئىلمىي ئەمگىكى، ئىلمىي ئىستېداتى ۋە قابىلىيىتىنىڭ مەھسۇلى، دەپ ھېسابلاشقا بولمايدىغان بىر ئەسەرگە بىر تۈركۈم يانتاياقچىلارنىڭ ساختا شاھادەت بەرگەنلىكى، جۈملىدىن قۇرئان كەرىم تەتقىقاتى خۇسۇسىدا سۆز ساھىبى بولۇشقا لاياقەتسىز تىپلارنىڭ تۈگەل سۈنئىي نوپوزغا تايىنىپلا تارىخىمىزدىكى ھېچبىر ئىلمىي ئەمگەككە، ھېچبىر قۇرئان كەرىم تەتقىقاتىغا بېرىلمىگەن «ئەڭ ساغلام»، «ئەڭ سۈپەتلىك»، «ئەڭ توغرا»، «ئەڭ مۇكەممەل» قاتارلىق باھالارنى بېرىشتىن ئايانمىغانلىقىمۇ مەلۇم بولدى. ئەسەر گويا چۇۋۇسا چۇۋۇسا ماز پاختا بولۇپ توزۇيدۇكى، ئەسلا بىرمۇبىر يېپلىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئەشكەن، جىپىسلاپ، ئازماستىن، ھارماستىن جان كۆيدۈرۈپ توقۇپ چىققان گىلەمچىنىڭ سۈپەتلىك ئىشلەپ چىققان ئوتقاش گېلىمى مىسالى توقۇغۇچىسىنىڭ ھۈنىرىنى، ئەجرىنى، مېھنىتىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلالىغان ئەمەس. ئەسەرنىڭ ھۈنەرگە پىشقان توقۇمىچىنىڭ گېلەم توقۇشى مىسالى تېنىمىسىز ئىجتىھادى ۋە ئۆزىگە خاس تەرجىمە ئۇسلۇبى، ئىلمىي قابىلىيىتى قاتارلىقلارنى ئىشقا سېلىش ئاساسىدا ئىشلەپ چىقىلمىغانلىقى ئورتادا. مانا بۇلار بىزنى ئەسەرنىڭ بۇندىن كېيىنكى نەشىرىدىمۇ قانچە پىششىقلىنىپ ئىشلەنمىسۇن، قېتىملاپ قايتا نەشرگە تەييارلانمىسۇن، مەسىلىنىڭ كۆرسىتىپ بېرىلگەن ئىلمىي خاتالىقلارنى تۈزىۋېلىشتىلا ئەمەسلىكىنى، چىقىۋاتقان كاشىلىنىڭ ئەسلىدىنلا تەرجىماننىڭ ئىلىم ھاياتىدا ئۆزلەشتۈرۈۋالغان شالغۇت زېھنىيىتىدە، ئىلمىي ئۇل ئاساسىنىڭ قول تىققان ساھەسىدىكى بىر ئاتالغۇنىڭ ئىلمىي تەبىرىنى قانداق ئىزاھلاشنى، قانداق مەنبەدىن ئېلىشنى ۋە ئالغان مەنبەنى قانداق ئۆلچەملىك ئىپادىلەپ يېزىشنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە ناتىۋان ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا مەزكۇر تەرجىمىنى ئىشەنچلىك تەرجىمە دېيشنىڭ ئىشەنچ ئۇقۇمىنى زېدىلەش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، تەرجىمىنىڭلا ئەمەس تەرجىمە قىلغۇچى ئاپتورنىڭمۇ ئىلمىگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، مەزكۇر ئاتالمىش تەرجىمىسىنى مەنبە قىلىشقا تېخىمۇ يارىمايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەي تۇرالمايمىز. چۈنكى، ئىلىم مەسىلىسى، يەنە كېلىپ قۇرئانغا چېتىلىدىغان ئىلىملەر ساھەسى مەدەنىيىتىمىزدە دىن بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىنىدىغان ۋە قىلىنىپ كەلگەن ئۆتكۈر مەسىلىلەردىندۇر. مەشھۇر تابىئىنلاردىن ئىبنى سىيرىن ئېيتقاندەك: «شۈبھىسىزكى، بۇ ئىلىم دىندۇر. سىلەر دىنىڭلارنى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا ئوبدان قاراڭلار!». ئىلمىي ئامانەت بابىدا مۇھىم قارىلىدىغان ۋە ئەسەرگە ساختىلىق ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەش بابىدا ئۆلىمالار تەرىپىدىن كۆپلەپ ياد ئېتىلىدىغان ھەدىسلەردىن بىرىدە شۇنداق دېيىلگەن: «ئىلىم ئىشىدا ئۆزئارا نەسىھەت قىلىشىپ تۇرۇڭلار، ئىلىم يوشۇرۇش ئاراڭلاردا يۈز بەرمىسۇن، شۈبھىسىزكى، ئاراڭلاردا بىرىنىڭ ئىلىم ئىشىدا ئۆتكۈزگەن خىيانىتى مال - مۈلۈك ئىشىدا سادىر قىلغان خىيانىتىدىن نەچچە ھەسسە ئېغىردۇر»[1] . بۇ نۇقتىدىن ئىلمىي ئامانەت زايە قىلىنغان، بۇزۇق مېتود ۋە ئىلمىي مېتود بۇزۇقلۇقى ئۈستىگە قوراشتۇرۇپ ياساپ چىقىلغان بىر تەرجىمىنى ئىلمىي ساھەگە مەقبۇل كۆرگەنلىك ئۆز نۆۋىتىدە قۇرئان ئىلمىغا، جۈملىدىن دىن ئىلمى ساھەسىگە ھاقارەتنى مەقبۇل كۆرگەنلىكتىن پەرقسىزدۇر.
ئىلىم ئۆز نۆۋىتىدە ئامانەت مەسىلسىدۇر. ئىشەنچ ۋە بىخەتەرلىك مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەمن كەلىمىسى بىلەن يىلتىزداش بولغان ئامانەت ئۇقۇمى ۋە ئامانەت مەسىلىلىرى ئىلىم ئىشىدا ئەڭ ئۈستۈن سەۋىيەدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سەزگۇر مەسىلىلەردىندۇر. بۇ ۋەجىدىن ئىلمىي ئامانەتكە رىئايە قىلماسلىق مەسىلىسى ئىلىم ئەنئەنىمىزدە ئىلمىي خىيانەت بىلەن مۇئامىلە قىلىنغان. ئىلمىي ئامانەتنى پايخان قىلىشقا ياتىدىغان كۆچۈرمىكەشلىك، قوراشتۇرمىچىلىقلار، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئەمگىكىدىن پايدىلانغانلىق ئىددىئاسى قىلىدىغان، ئەمما قىلغان ئىشىى پايدىلىنىشتىن كۆرە كۆچۈرۈپ چاپلاش، قوراشتۇرمىچىلىق ئۈچۈن خام ماتېرىيال قىلىشقا ياتىدىغان قىلمىشلار بولسا، بىراۋنىڭ ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىق مېۋىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇچى ساختىپەزنىڭ، بىراۋنىڭ بېغىدىن مېۋە ئۈزۈپ ئۆزىنىڭ بېغىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە بازارغا سالغان مېۋە ئوغرىسىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشىتىلغان ۋە بۇنى قىلغۇچىغا ئىلىم ئوغرىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنغان. بۇ ۋەجىدىن ئىمام سۇيۇتى «مۇئەللىپ بىلەن ئوغرىنى ئايرىپ تۇرغۇچى پاسىل» ناملىق ئەسىرىدە ئۆز ئەسىرىدىن مەزمۇن ئوغرىلاپ مەنبە بەرمەستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇچىغا، جۈملىمۇجۈملە، ئابزاسمۇئابزاس كۆچۈرۈپ قوراشتۇرۇپ چىققان ئەسەرگە ئۆز ئىسمىنى يېزىۋالغان ئەسەر ئوغرىسىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن. قوراشتۇرۇپ ياپسارلانغان بىر ئەسەرنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى قىلىپ كۆرسەتكۈچىگە قارىتا كەسكىن مەۋقە تۇتقان ھالدا ئەسىرىنى تۈگەللىگەن. تۆۋەندە بىزمۇ ئۇشبۇ ئوبزورىمىزنى ئاقىلغا ئىشارەت بابىدىن مۇپەسسىر ۋە مۇھەققىق ئالىم ئىمام جالالىدىن سۇيۇتىي يازغان ۋە تەنقىدىي ئەسىرىنى تۈگەللەپ ئېيتقان شۇ سۆزلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز: «(دەيدىغىنىمىز شۇكى)، ئەگەر مەزكۇر كۆچۈرمىكەش ئوغرى خىيانىتىگە تۆۋبە قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈۋېتىمىز. ئامانەتنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرسا، بىزمۇ ئۇنى ئۆگەيلىمەيمىز. ئەگەر ئىلمىي پىرىنسىپقا رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن كىتابلىرىمىزدىن بىرەر مەنبە كېرەك بولۇپ قالسا، پايدىلىنىشقا بېرىپ تۇرىمىز. ئەسەرلىرىمىزدە چۈشىنەلمەي قالغان جايلار بولسا، (چۈنكى بۇنداق ئىشلار بىزنىڭمۇ بېشىمىزدىنمۇ ئۆتكەن) چۈشەندۈرۈپ قويىمىز، ئىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. ھەتتا نەقىلدە خاتا كېتىپ قالغان جايلار ئۇچرىسا، ئۇنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىمىز، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىمىز. ئۇنداق قىلماستىن خىيانىتىنى داۋام قىلىۋەرسە، ئوغرىلىقنى توختاتمىسا، ئۇ چاغدا بىزمۇ ئۇنى نەزەرگە ئىلمايمىز، پەس كۆرىمىز. خاتالىرىنى ئۆز ھالىغا قالدۇرۇپ ئۇنداق بىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەسكە سالىمىز. ئاقىۋەتتە بۇنداق كۆچۈرمىكەشنى خىيانەتچىلەر گۇروھىدىن ھېسابلايمىز- دە، گەدىنىگە: <شۈبھىسىزكى ئاللاھ خائىنلارنىڭ ھىيلىسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ> [2]، دېگەن ئايەتنى (لەۋھە قىلىپ) ئېسىپ قويىمىز» .[3]

نەقىل مەنبەلەر:
[1] السيوطي: الجامع الصغير في أحاديث البشير النذير، رقم الحديث 6232، وضعفه الألباني في ضعيف الجامع (2483).
[2] سۈرە يۈسۈپ 52 – ئايەت.
[3] السيوطي: الفارق بين المصنف والسارق، ط عالم الكتب - بيروت، ص 59 - 60.

- بۇرھان مۇھەممەد
27-06-2023

تۈگىدى

-----------------

Ali Anwar
كىتابنىڭ ئىچىدىن يەنە بىر قانچە جۈملىلەردىن مىسال ۋە ئۆرنەك كەلتۈرۈپ ئۆتۈلۈشىنى كۈتكەن ئىدىم. تەنقىدنىڭ كۆپى ئاپتورنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە باھالىغۇچىلارنڭ باھاسىنى تەنقىد قىلىش بولدى. تەرجىمە ئەمەلىيتىدىكى سەۋەنلىك ۋە نۇقسانلىقلار ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئۆتمىدىڭىز. نەزىرىيەسىنى ئۆرۈۋەتكەندىكىن ئەمەلىيتى ھەققىدە ئۇزۇن توختىلىش نە ھاجەت دېيىشڭىزمۇ مۇمكىن ئەمما تەنقىد تەرجىمىگە قارىتىلغان ئىكەن تەرجىمە ئەمەلىيتىنىڭ ئۆزىمۇ تەنقىد تارازىسىدا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىر قانچىلا نۇقتىنى چۇقچىلاپ قويۇپ توختاپ قالدىسىز.
ئويغاقلار دۇنياسىدا− بۇرھان
Ali Anwar گە:
قارىغاندا ئوبزورنى چۇخچىلاپ ئوقۇغاندەك تۇرىسىز. ئالدىنقى تېمىلاردا مىساللار بېرىلگەن. باشتىن باشلاپ بىر تۈگىتىپ ئوقۇپ بىقىڭ. تەرجىماننىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتى دېسىڭىز مەن كەلتۈرگەن مىساللار يېتىپ ئاشىدۇ. يەنە مىسال لازىملار ۋاقىت چىقىرىپ ئۈچ تەرجىمىنى ئالدىغا ئاچسا بىلىپ بولالمىغۇدەك ئىشمۇ ئەمەس. مەن ئوبزور قىلىدىغان جايلىرىمنىڭ دائىرسىنى مۇقەددىمە قىسمىدا ئەسكەرتىپ قويغان. شۇ بويىچە ئېرىنمەي تاماملىدىم. قالدى قىسمىنى چۇخچىلىغۇسى بارلار ئۆز ئالدىغا يېزىپ قايسى دائىردە، قايسى نۇقتىدىن ئوبزور قىلغۇسى بولسا، ئۇرۇنۇپ كۆرسە بولىدۇ. ئارتۇقچىسى ئارتۇقچە.






Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»