قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(6)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(6)
2. «رەب» ئۆرنىكى ۋە قوش ئۆلچەملىك تاللاش – شاللاش خاھىشى
تەرجىمانىمىز يۇقىرىقىدەك تىلغا ئۆز ۋە ئۈگەي مۇئامىلىسى قىلىشقا ياتىدىغان سەپسەتەۋى مېتود بويىچە يول تۇتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، شۇنداقلا تەرجىمىلەرنىڭ كەمچىلىكى ۋە تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلىرى بابىدىن زىكرى قىلغان، ھەمدە تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئىددىئاسى ئاستىدا بايان قىلىشقا كەلتۈرگەن ئۆرنەكلەردىن بىرىدە ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمىسىدە قۇرئاندىكى «رەب» كەلىمىسىنى ئۇيغۇرچىدىكى «رەب» بىلەن تەرجىمە قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنى، ئەسلى مەتىندە «رەب» دەپ كەلگەن بىر كەلىمىنى تەرجىمدىمۇ يەنە ئوخشاش «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىشنى «ئۆزگىچىلىك» ۋە خاتانى تۈزىتىش ھەمدە تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى ئىددىئالىرىغا ئۆرنەك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. تەرجىمانىمىز قۇرئاندىكى «رەب» كەلىمىسىنى نېمىشقا ئالدىنقى تەرجىمىلەردەك «پەرۋەردىگار»، «پەرۋىشكار» دەپ ئالمىغانلىقىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىن مەنبە بەرگەن ئاساستا شۇ سۆزلەر بىلەن ئاقلىماقچى، ئىلگىرىكى تەرجىمىلەردەك ئالماي، بۇ تەرجىمىدە تۈزىتىش تەرىقىسىدە نېمىشقا «رەب»نى «رەب» دەپ ئالغانلىقىنى ئىزاھلاشقا تىرىشىدۇ. تەرجىمانىمىز شۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، ‹پەرۋەردىگار› ۋە ‹پەرۋىشكار› دېگەن سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى ‹رَبٌّ› دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن. گەرچە ‹پەرۋەردىگار› دېگەن سۆز بارلىق نەرسىلەرنى ياراتقۇچى، خۇدا[1] دېگەن مەنىنى، ‹پەرۋىشكار› دېگەن سۆز پەرۋىش قىلىدىغان، تەربىيەلەيدىغان[2] دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسىمۇ، ئەرەب تىلىدىكى ‹رَبٌّ› دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشتىن خېلى بەك يىراقتا ئىكەن. پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى ۋە ئەرەب تىلى مۇتەخەسسىسلىرى شۇنىڭغا بىردەك ئىتتىپاقكى، ‹قۇرئان كەرىم› نىڭ كەلىمىلىرى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن شۇنداق مۇناسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئوخشاش بىرلا مەنىنى ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرغاندا بەزىدە مەقسەت قىلىنغان مەنە ئوتتۇرىغا چىقماي قالىدۇ. ئەھۋال بۇنداق بولغان يەردە، پارسچىدىكى ‹پەرۋەردىگار› ۋە ‹پەرۋىشكار› دېگەن سۆزلەر قانداقمۇ ئەرەب تىلىدىكى ‹رَبٌّ› دېگەن سۆز ئىپادىلىگەن مەنىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلىسۇن؟»[3].
يۇقىرىقى زاكوندا ئېيتىلغان قۇرئاندىكى بىر سۆزنىڭ ئۇقتۇرغان چوڭقۇر مەنىسىنى ئىككىنچى بىر تىلنىڭ ئىپادىلىيەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراش توغرا. لېكىن كەلتۈرۈلگەن ئورنى جايىنى تاپمىغان. چۈنكى قۇرئاننىڭ تەرجىمە خىزمىتىدە ئۇنىڭدىكى كەلىمىنىڭ چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى مەسىلىسى ھەممە بىردەك ماقۇل كەلگەن بىر ئىش. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تەرجىمىدە مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئىككىنچى بىر تىلغا مەنە تەرجىمە بېرىش تامامەن يوللۇق دەپ قارالغان. شۇڭا بۇ يەردە قۇرئان كەرىمنى بىر تىلدىن ئىككىنچى بىر تىلغا تەرجىمە قىلىش ئىشى ۋۇجۇدقا چىقىۋاتىدۇ. ئەگەر قۇرئان «رەب» دېگەن بىر ئىبارىنى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇنىڭ خوجايىن، ئىگە، مالىك، خۇدا، ياراتقۇچى، پەرۋىشكار قاتارلىق مەنىلىرى بولۇپ، تەرجىمان بۇلاردىن قايسى بىرىنى تەرجىمىدە ئىشلەتكەن بولسا، بىرىنىڭ چىقىپ «رەب»نى «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك دەپلا بىرلا مەنىگە مۇقىملاشتۇرۇۋېلىپ ھەممىنى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىش ۋە بۇنى تۈزەتمە دەپ مەخسۇس ماددا قويۇش قىلىنىۋاتقان ئىشنىڭ خاراكتېرىنىڭ «تەرجىمە» بولۇشى نۇقتىسىدىن بىر تۈرلۈك زورۇقۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى، بۇ يەردىكى ۋەزىيەت پەرۋەردىگار، پەرۋىشكار قاتارلىق تەرجىمىنىڭ مەنىسى چوڭقۇرمۇ ياكى «رەب»نىڭ مەنىسى چوڭقۇرمۇ دېگەن تارتىشما بولۇۋاتقان ۋەزىيەت ئەمەس. بەلكى ئىككىنچى بىر تىلدا مەنە تەرجىمىسىنى توغرا بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىش مەسىلىسى مەۋجۇت. تەرجىمىدە بىر تەرجىماننىڭ «پەرۋەردىگار» دەپ تەرجىمە قىلىشى، يەنە بىر تەرجىماننىڭ «خۇدا» دەپ تەرجىمە قىلىشى، يەنە بىر تەرجىماننىڭ «پەرۋىشكار» دەپ تەرجىمە قىلىشى تامامەن ئۇنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى مەسىلە بولۇپ، نوقۇل ئەرەبچىسىدىكى چوڭقۇر مەنىسىنى ئاڭلىتالمىغاننى باھانە قىلىپ شاللاش ۋە خىللاشقا تۇتۇنۇش ئورۇنسىز زورۇقۇشتۇر. شۇڭا «رەب» كەلىمىسىنىڭ پەرۋەردىگاردىنمۇ مەنىسى چوڭقۇر دەپ چوقۇم تاللاش ۋە قالغانلىرىنى شاللاش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلۇشى ئۈچۈن چوقۇم شۇ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللىمىسا بولمايدىغان بىر ۋەزىيەت بولۇشى كېرەككى، ئۇ چاغدا «رەب»نى بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈش تامامەن يوللۇق. ئەمما قانداق تەرجىمە قىلسا قۇرئان تەپسىرىگە ئۇيغۇن تەرجىمە ئىكەنلىكى مەلۇم ئەھۋالدا ئۆزىچىلا ئەرەبچىدىكى «رەب» دېگەن ئوخشاش تەلەپپۇز ۋە ئۇقۇمغا ئىگە ئۇيغۇرچىدىكى «رەب»نى كەلتۈرۈپ قويۇش، رەب كەلىمىسىنى يەنە «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىپ ۋە ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى باشقا مەنىلىرىنى بىر پۈتۈن زورلاپ ئۆزگەرتىش تەشەببۇسىدا بولۇش ئۇنى تەرجىمە قىلغانلىق بولماستىن قۇرئاندىكى «رەب»نى «رەب» دەپ ئۆز پېتى ئېلىپ قويۇش جۈملىسىدىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى تەرجىماننىڭ قۇرئاننى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسىتى ئەتەي باشقا تەرجىمە بىلەن بەيگە چۈشۈش بولمىسىلا، «رەب»نىڭ ئۆزىنى «رەب» دەپ ئېلىش ۋە بىر تۇتاش ھەممىنى مەجبۇرى «رەب» دەپلا تەرجىمە قىلغاننىڭ ئورنىغا، مۇناسىپ يېرىدە «رەب»، يەنە مۇناسىپ يېرىدە «پەرۋەردىگار» ياكى «پەرۋىشكار» دەپ ئېلىش بەكرەك ئورۇنلۇقتۇر. ئەمما تەرجىمانىمىزنىڭ تۇتۇمى يەكلەش ۋە شاللاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىككى سۆزنى «رەب»نىڭ تەرجىمىسى قىلىشقىمۇ رايى بارمىغان ۋە تەرجىمىدىن پۈتۈنلەي ئېرىغداپ، «رەب» دەپ كەلگەن جاينىڭ ھەممىسىنى مەجبۇرى بىر تۇتاش «رەب» دەپ ئېلىۋەرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئىككىنچى بىر تىلدىكى توغرا تەرجىملىرىدىن بىرى بولغان پەرۋەردىگار ياكى پەرۋىشكار دېگەننىڭ قايسى بىرى بىلەن تەرجىمە قىلىنسا قۇرئان كەرىمگە تەرجىمە بېرىش نۇقتىسىدىن ئۇيغۇن كېلىۋېرىدۇ. چۈنكى «رەب»نى «رەب» دەپ ئالغاندىن، ئۇنى «پەرۋەردىگار» ياكى «پەرۋىشكار» دەپ ئېلىشمۇ رەب كەلىمىسىنى تەرجىمە قىلغانلىق بولىدۇ. يەنە كېلىپ «رەب» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىمۇ «رەب» دەپ ئېلىنغان بولسا، ئاقىل تەرجىمان «رەب»نى چوقۇم ھەممە يەردە «رەب» دەپلا ئېلىش كېرەك، دەپ تۇرۇۋالماسلىقى، باشقا تەرجىمىلىرىنىمۇ قۇرئان تەرجىمىسىدىن ئېرىغدىماستىن مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئىشلىتىشى تەرجىمە تىلىنى يەنىمۇ رەڭدار قىلىش نۇقتىسىدىن ئاقىلانىلىقتۇر. يەنە كېلىپ تەرجىمىدىن مەقسەت قۇرئان تىلى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان تىلدىكى كەلىمىلەرنى چوڭقۇرلۇق جەھەتتە ئۆزئارا بەسلەشتۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئايەتنىڭ تەپسىرىي تەرجىمىسىنى، ئىزاھاتىنى يورۇتۇشقا تىرىشىشتۇر. يەنى بۇ يەردىكى ئاقىلانە تۇتۇم يەكلەش ۋە شاللاش خاھىشىنى ئورنى كەلمىگەن زاكونلارغا تاياندۇرۇپ تۇرۇپ يەكلەش ۋە شاللاشنى يوللۇق چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى تەرجىمىلەردە بىلىنگىنىدەك قۇرئان تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلىشىپ كىرگەن «رەب» سۆزىنىڭ مەنىسىنىڭ ئۇيغۇرچە يەنە قانداق ئاتالغۇ ۋە سۆزلەر بىلەن ئىزاھلاشقا بولىدىغانلىقىنى، پەرقلىق تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا «رەب» دەپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ ئانا تىلدا ئوخشىمىغان مەنىلىرى بارلىقىنى ئوقۇرمەنگە يەتكۈزۈش بولۇشى لازىم. يەنى تەرجىمىنىڭ مەقسىتى ئوخشاش سۆزگە ئوخشاش كەلىمىنى تەرجىمىسى دەپ ئۇدۇللاپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ باشقا مەنىلىرىنىمۇ تەرجىمىدىن ئېرىغدىمىغان ئاساستا توغرا مەنىلەردىن بىرىنى تەرجىمە قىلىپ سۇنۇش ئارقىلىق ئايەت مەزمۇنىنى ئىككىنچى تىلدا تېخىمۇ ئازادە يورۇتۇشتۇر. قۇرئاننى تەرجىمە قىلىشنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇنلىشىش نۇقتىسىدىن كۆزىتىلگەندە نوقۇل قۇرئاندىكى رەب دەپ كەلگەن ھەممە كەلىمىنى بىر تۇتاش رەب دەپ ئۆزگەرتىپ ئۇنى پەرقلىق تەرجىمە قىلغانلىق دەۋاسى قىلىش ۋە ئۇنى تەرجىمە تىلىدىن شاللىۋېتىش تۇتۇرۇقسىز زورۇقۇشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. بۇ بىرىنچى نۇقتا.
ئىككىنچى نۇقتىدىن تەرجىمانىمىزنىڭ «پەرۋەردىگار» ۋە «پەرۋىشكار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىكتە بۇ سۆزلەرنى «رەب» دېگەن ئەرەبچە سۆزنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىشتىن خېلىلا يىراقتا ئىكەن، دەۋېلىشى ئورۇنسىز. چۈنكى قۇرئاندىكى رەب ئۇقۇمى مەنىسى چوڭقۇر بولسىمۇ، تەرجىمىدىكى مەنىسى، يەنى ئۇيغۇر تىلدىكى «رەب»نىڭ مەنىسى يەنىلا پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار بىلەن ئوخشاش تەڭداشلىققا ئىگە. تەرجىمانىمىز ئاساسلانغان ئىزاھلىق لۇغەتتىكى «رەب»نىڭ ئۇيغۇرچە ئىزاھاتى بۇنىڭ دەلىلى. بۇنداق ئەھۋالدا «رەب» سۆزىمۇ لەۋزى جەھەتتىن ئەرەبچىدىكى «رەب» بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە مەنىسى يەنىلا «پەرۋەردىگار، خۇدا» دېگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا «پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىنى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىدىن بىر پۈتۈن ساقىت قىلىۋېتىپ ھەممىنى بىر تۇتاش «رەب» دەپ ئېلىشنى ئەرەبچدىكى مەنىسى چوڭقۇر بولغان «رەب»نىڭ تەرجىمىسى دېيىش ئىلمىيلىكتىن يىراقلاشتۇر. بۇ نۇقتىدىن پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار سۆزلىرى رەب سۆزىنىڭ ئۇقتۇرىدىغان مەنىسىدىن يىراق دېگەندىن كۆرە، كونكرېتراق قىلىپ ئەرەبچىدىكى مەنىسىدىن يىراق، لېكىن ئۇيغۇرچە مەنىسى پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار بىلەن مەنىداش ئىزاھلانغان دېيىش گەپ ئويناتقاندىن ياخشىراق. قىزىق يېرى تەرجىمانىمىز قۇرئاندىكى «رەب» نىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېگەن سۆزلەردىن نېمە جەھەتتىن چوڭقۇرلۇقىنى، شۇ چوڭقۇرلۇقىنى ئىپادىلىمىگەندە پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېيىلسە شۇ چوڭقۇرلۇقنى ئىپادىلەشتىن قانداقسىگە «خېلى بەك يىراق» بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئوچۇقلىما بەرمەيدۇ ۋە ئالىملارنىڭ «باشقا تىلدىكى سۆزلەر قۇرئاندىكى سۆزلەرنىڭ چوڭقۇر مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ» دېگەن قارىشىنى تىلغا ئېلىپلا تومتاق ۋە كۆتمەك زاكونغا ئاساسلىنىپ پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېگەن سۆزلەرنىڭ رەب ئۇقتۇرىدىغان «چوڭقۇر» مەنىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ سۆز يەكلىشىگە ۋە تەرجىمىدىن مەزكۇر سۆزلەرنى بىر تۇتاش شاللىشىغا ئاساس قىلىۋالماقچى بولىدۇ. بۇمۇ تەرجىمانىمىزنىڭ ئىلمىي قاراشلارنى ئورنى كەلمىگەن يېرىگە تەتبىقلىشىنىڭ، جۈملىدىكى ئورنىغا قاراپ قايسى بىرىنى ئىشلەتسە بولىدىغان سۆزلەرنى ئورنى كەلمىسىمۇ زورىغا سېلىشتۇرۇۋېلىشىنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا بۇ ئىلمىي قائىدىلەرنىمۇ تۈگەل يىلتىزى ئۇيغۇرچە بولمىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك، ئۇيغۇرچىدا تېپىلمىسا چوقۇم ئەرەبچىدىن كىرگەننى تاللاپ پارسچىدىكى سۆزلەرنى شاللاش ۋە يەكلەش خاھىشىغا بېقىندۇرۇشقا زورۇقۇش ئىستىكىدىن باشقا ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئەگەر تەرجىمانىمىزنىڭ زېھنىيىتىنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ تۇرۇپ، مەسىلىگە ئەرەبچىدىكى رەب كەلىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنە تەرجىمىسىگە قارىتا سۆزنىڭ مەنىسىنى يورۇتۇش جەھەتتىن زادى قايسى سۆزلەرنى تەرجىمە قىلىپ ئىزاھلاش بىر قەدەر روشەن ھەمدە مۇپەسسىرلەرنىڭ تەپسىرىگە ئەڭ ئۇيغۇن دېيىلسە، پەرۋەردىگار ياكى پەرۋىشكار دەپ تەرجىمە قىلىش قۇرئان كەرىمنىڭ مەنە تەرجىمىسى خىزمىتىنى ئىشلەشتىكى يەتمەكچى بولغان نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا «رەب»نى يەنە ئوخشاش «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىشتىن بەكرەك ئۇنى ئىگە، ياراتقۇچى، مالىك، خۇدا، پەرۋەردىگار، پەرۋىشكار دەپ تەرجىمە قىلىشنىڭ بەكرەك ئۇيغۇنلۇقىنى، ئىككىنچى بىر مىللەتنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇشتىكى مەقسەتنى ئادا قىلىشقا يەنىمۇ مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى يۇقىرىقى ئۇيغۇرچە تەرجىمىلەرنىڭ ھەممىسى مۇپەسسىرلەرنىڭ رەب سۆزىگە بەرگەن تەپسىرىگە ئۇيغۇن بېرىلگەن تەرجىمىلەردۇر. مەقسەتنى ئادا تاپقۇزىدىغان شۇنچە سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلار تۇرسىمۇ تاللاش - شاللاش خاھىشىدا بولۇش بىمەنىلىكتىن باشقا ئىش بولمايدۇ. ھەم بۇنداق قىلىش مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رەبنى «رەب» دەپ ئېلىش تەرجىمە قىلىشتىن بەكرەك، ئەسلىدىكى بويىچە ئەينەن ئېلىش دېگەنگىمۇ چۈشۈپ قالىدۇ. ھالبۇكى سۆزنى ئەينەن ئېلىش باشقا ئىش، تەرجىمە قىلىش باشقا ئىش. قىلىنىۋاتقان ئىش تەرجىمە بولغان ئىكەن، ئۇنى ئەينەن ئېلىش ئورنىغا ئۇنىڭ تەپسىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆز ۋە باشقا ئاتالغۇلارنى تەرجىمە سۈپىتىدە ئىشلىتىش قىلىنىۋاتقان ئىلمىي خىزمەتنىڭ تەقەززاسىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن ئىش قىلغانلىق بولىدۇ.
ئەگەر زادى رەب سۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىسىگە ئىشارەت قىلىدىغان، شۇ سۆزنىڭ يىلتىز مەنىسىگە ئەڭ يېقىن تەرجىمە قايسى دېيىلىپ قالسا، بەلكىم «پەرۋىشكار» دېگەن سۆزنى «رەب»نىڭ تەرجىمىلىرى ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا باب كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى «رەب»نىڭ خۇدا ۋە تەڭرى مەنىسىدە ئىزاھلانغان «پەرۋەردىگار» دەپ ئېلىنغان تەرجىمىسى ئەرەبچىدىكى ئىگە، خوجايىن، ياراتقۇچى، ئىدارە قىلغۇچى قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە «رب» سۆزىنىڭ ئىككىلەمچى مەنىلىرى قاتارىدىن بولۇپ، تەپسىرلەردە كۆرسىتىلگەن بىرلەمچى مەنىلىرىدىن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. «پەرۋىشكار» دەپ تەرجىمە قىلىنىشىنى بولسا، قۇرئاندىكى رەب سۆزىنىڭ بىرلەمچى مەنىسىگە ئەڭ يېقىن دېيىش مۇمكىن. نېمىشقا؟
سەۋەب شۇكى، «پەرۋىشكار» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچىدىكى «رەب» ۋە «پەرۋەردىگار» دېگەن ئۇقۇم ۋە ئاتالغۇلارغا قارىغاندا رەب كەلىمىسىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسىدىكى مەنىسىنى يورۇتۇشقا ئەڭ يېقىن. يەنە كېلىپ «رەب» سۆزىنىڭ پەرۋەردىگار، خۇدا، مالىك، خوجايىن، ئىگە، مەبۇدى بەرھەق قاتارلىق مەنىلىرىنىڭ ھەممىسى رەب سۆزىنىڭ ئەسلى ئېتىمولوگىيەسىدە ئورۇن تۇتقان بىرلەمچى مەنىسى ئاساسىدا ئۇقۇملاشتۇرۇلغان ئايەت تەپسىرلىرىدۇر. «رەب» سۆزى ئەسلىدە مەسدەر سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ بىرلەمچى مەنىسى، يەنى ئەسلىي ئېتىمولوگىيەسى ئىپادىلەيدىغان مەنىسى پەرۋىش قىلىش ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش مەنىسىدىكى «التربية» مەنىسىدەدۇر. بۇنىڭ مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەر بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىگە بەرگەن تەپسىرىدە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى: «تبليغ الشيء إلى كماله شيئا فشيئا»، يەنى مۇئەييەن شەيئىنى پەيدىنپەي كامالىتىگە يەتكۈزۈش، دېگەنلىكتۇر، دەپ كۆرسىتىدۇ[4]. ئەجەبا، پەرۋىشكارلىق دەل مۇشۇ ئىزاھاتنىڭ دەل چۈشىدىغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەمەسمۇ؟ مۇپەسسىرلەر «الرب»نىڭ بۇ مەنىسىدىكى ئىزاھاتىنىڭ ئەرەبچە ئىپادىلىشىنى «المربي جميع العالمين» دەپ، يەنى جىمى ئالەملەرنى پەرۋىش قىلغۇچى مۇرەببىي زاتتۇر مەنىسىدە، دەپ تەپسىرلەيدۇ[5]. شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرچىدىكى پەرۋىشكار سۆزىنى «رەب»نىڭ چوڭقۇر مەنىلىرىدىن بىرى بولغان بىرلەمچى مەنىسىنى يورۇتۇشقا ئەڭ باب سۆز دېمەي نېمە دەيمىز؟
مەلۇم بولغىنىدەك ئاللاھنىڭ پەرۋىشكارلىقى يارىتىش، رىزقلاندۇرۇش، بەش ئەزاسى ساغلام يېتىلىش ۋە ئۆلۈشكىچە بولغان جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدىغان تەبىردۇر. ئالەمنىڭ تەرتىپى، باشلىنىش ۋە تۈگەشكىچە بولغان جەرياندىكى ئومۇم ئەھۋالىدا، جانلىقلارنىڭ تۇغۇلۇش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىش، ئۇندىن كېيىن يەنە ئاجىزلاپ ئاخىرلىشىشقىچە بولغان جەريانلارنىڭ توسالغۇسىز تاماملىنىشىدا ئاللاھنىڭ پەرۋىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ھەمىشە ھەمراھدۇر. شەيئىنىڭ باشلىنىشنىڭ تاماملىنىشقا قەدەر بولغان جەرياننىڭ توسالغۇسىز ۋە بۇزۇلماستىن، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماستىن تاماملىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە كامالەتنىڭ، يەنى تۇغۇلۇشتىن پىشىپ يېتىلىش ۋە كامالىتىگە يېتىپ ئاخىرلىشىشىغىچە بولغان جەرياننىڭ تولۇقلىنىشى، تاماملىنىشى جۈملىسىدىندۇر. ئالەمنىڭ يارىلىشىدىن قىيامىتىغىچە بولغان جەرياننى ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىپ تۇرۇشى، سۈرە فاتىرنىڭ 41 – ئايىتىدە كەلگىنىدەك ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىن قانۇنىيەتلىرىدىن كاشىلا كۆرۈلۈشىگە يول قويماسلىقى ياكى ۋەيران بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلاھىي كۆڭۈل بۆلۈش ۋە تەڭرىگە خاس پەرۋىشكارلىق خۇسۇسىيەت ھەمراھتۇر. ئەگەر «رەببۇلئالەمىين» سۆزىنى «ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى» دېيىلسە، ئۇيغۇرچە ئىزاھلىق لۇغەتنى ئاچسا خۇدا، پەرۋەردىگار دەپ تەرجىمە قىلىنغان رەبنىڭ مەنىسىگە قارىغاندا ئاللاھنىڭ ئالەملەرنىڭ پەرۋىشكارى ئىكەنلىك ئۇچۇرىنى بېرىش ئەلۋەتتە ئالەملەرنىڭ خۇداسى ۋە پەرۋەردىگارى مەنىلىرىنى بېرىشتىن قېلىشمايدىغان دەرىجىدە جايىغا چۈشكەن تەرجىمە بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. ئەجەبا مەسىلىنى بۇ نۇقتىدىنمۇ تەھلىل قىلىپ باقماستىن نەدىكى تومتاق ئىددىئاغا باغلاپلا بىر - بىرىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلايدىغان ياكى بىرى يەنە بىرىنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىلسە مەسىلە چىقمايدىغان سۆزلۈك ۋە ئاتالغۇلارنى بىمەنىلەرچە يەكلەش ۋە بىر پۈتۈن قۇرئان تەرجىمىسىدىن ئېرىغداش ئانا تىلغا قىلىنغان زۇلۇم ئەمەسمۇ؟ بۇنى قانداقمۇ ئىلمىيلىك بولسۇن؟ بۇنداق قىلمىشنى قانداقمۇ ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ ئاتالمىش كەمچىلىكىنى تولۇقلاش، ئۇلارغا تۈزەتمە بېرىش جۈملىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئۆزگىچىلىك» دەۋالغىلى بولسۇن؟ ئەلئىنساپ!
ئىلمىي مېتود نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئالدىنقى تەرجىمىلەردە «رەب» سۆزىگە مەنە بېرىشتە تولىمۇ سەزگۈر ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنغانلىقىنى، تەرجىمانىمىزدەك تىل فاشىستلىقى قىلماستىن، ئەكسىچە رەب ۋە پەرۋەردىگار سۆزلىرىنى، ياكى رەب ۋە پەرۋىشكار سۆزلىرىنى ئايەتتىكى كېلىش ئورنىغا قاراپ پەرقلىق تەرجىمە بېرىپ ماڭغانلىقىنى كۆرىمىز. مەسىلەن، ئەللامە مۇھەممەد سالىھنىڭ تەرجىمىسىدە رەب سۆزىگە پەرۋەردىگار دەپ تەرجىمە قىلىشتا كۆپىنچە مەۋجۇداتقا چېتىلىدىغان ئايەتلەرگە، مەسىلەن: رەببۇلئالەمىين، رەببۇلئەرش قاتارلىق ئىپادىلەرگە تەرجىمە بېرىشتە ياراتقۇچى خۇدا مەنىسىدىكى پەرۋەردىگار سۆزىنى ئىشلەتكەن بولسا، رەببىي، رەببۇكۇم، رەببۇك، رەببەنا قاتارلىق شەخس ياكى كوللېكتىپ تىلىدىن سۆزلەنگەن ياكى قارشى تەرەپنى ئاللاھقا چاقىرىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان ۋەياكى تەڭرىگە نىدا قىلىپ ئۇنىڭغا تېۋىنىشنى ئىپادىلىگەن ئايەتلەردە رەب كەلىمىسىگە كۆپىنچە، يەنە كېلىپ ئازغىنە جايلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەممىسىگە دېگۈدەك رەببىم، رەببىڭلار، رەببىڭ، رەببىمىز، دەپ ئالغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەيئەت تەرجىمىسىدە بولسا، يۇقىرىقىدەك ماددىي مەۋجۇداتقا چېتىلىپ كەلگەن رەب كەلىمىلىرىگە پەرۋىشكار سۆزىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، پەرۋەردىگار سۆزىنى ئازلاتقانلىقىنى، ئىنسان تىلىدىن نىدا ياكى ئۇنىڭ خىتابى شەكلىدە كەلگەن ياكى ئىنسانغا نىسبەتلىنىپ تۇرۇپ كەلگەن رەب كەلىمىلىرىگە بولسا، كونتېكىستتىكى ئورنىغا قاراپ رەببىمىز، رەببىڭ، رەببىم، پەرۋەردىگارىمىز، پەرۋەردىگارىڭلار دەپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى كۆرىمىز.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالدىنقى قۇرئان تەرجىمىلىرىنىڭ تەرجىمانلىرى رەب كەلىمىسىنى قانداق كەلگەندە پەرۋەردىگار ياكى پەرۋىشكار دەپ ئېلىشنى، قانداق ئورۇنلاردا رەببىمىز، رەببىم دەپ ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى ئەتراپلىق دەڭسەشكە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بۇنى تەرجىمە قىلىشتىكى ئىلمىي مېتودى قىلغان. نەتىجىدە ئالدىنقى تەرجىمىلەردە رەب سۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى پەرقلىق مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن، تىلنىڭ بايلىقى ۋە رەڭدارلىقى جۇلالانغان. بىر مەنىسى ھېساب بولغان ئىكەن، قالغان مەنىلىرىگە ئورۇن يوقتەك مۇئامىلە قىلىش، بىرى بار يەردە يەنە بىرىگە ئورۇن بەرمەسلىك، بىرلا مەنىسىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ تۇرۇپ باشقىسىنى شاللاش خاھىشىدا بولمىغان. رەب كەلىمىسىنىڭ نەچچە تۈرلۈك مەنىسى بار بولسا، مەنىلەرنىڭ ھەممىسىنى پەرقلىق ئورۇنلاردا مۇناسىپ رەۋىشتە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ بايلىقىنى نامايان قىلغان، تىلنىڭ ئىمكانىيەتلىرىنى دوگمىلىققا مەھكۇم قىلىپ قويۇشتىن، سەپسەتىۋازچە زېھنىيەتنىڭ خالتا كوچىسىغا ئەكىرىپ قويۇشتىن ساقلانغان. يېغىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر تەرجىمىلەر تىلنىڭ قىرقىلىشىنى ئەڭ كۆپ ئىستەيدىغان مۇستەملىكىچى كۈچنىڭ نازارىتىدە ئىشلەنمىگەن بولۇشىغان قارىماي، بىر ئۇقۇمنىڭ پەرقلىق مەنىلىرىنى كەڭ ئىشلەتمەستىن بىر سۆزگە بىرلا مەنىنى تەڭلەپ، ھەمدە بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇپ مۇقىمدىۋېلىپ قالدى مەنىلىرىنى كېرەكسىز، ياكى ئاتالمىش «چوڭقۇر مەنىسىنى ئىپادىلىمەيدۇ» باھانىسىغا تايىنىۋېلىپ سۆزلۈك ئىلغاش، يەكلەش ۋە ئاتالغۇ شاللاشتەك چاكىنىلىقلارنى سادىر قىلمىغان.
تەرجىمانىمىز يۇقىرىقى نەقىلدە «رەب»نى يەنە «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىشتىكى بىرىنچى تۈرلۈك باھانىسىنى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، يەنى ئالدىنقى تەرجىمىدىكى پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېگەن سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ ھەممىنى بىر تۇتاش رەبكە ئۆزگەرتكەنلىكىنىڭ بىرىنچى سەۋەبىنى زىكرى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىنى بۇ خىل ئەبگا تۇتۇمىنى قاملاشتۇرۋەتكەندەك چاغلايدۇ ۋە تېخىمۇ جۈرئەتكارلىق بىلەن ئىككىنچى زاكونىنىمۇ دەپ تاشلايدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «يەنە بىر تەرەپتىن مەيلى رَبٌّ دېگەن سۆز بولسۇن، مەيلى پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار دېگەن سۆزلەر بولسۇن، بۇلارنىڭ ھېچبىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس. ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، بىز تىلىمىزدىكى دىنىي ئاتالغۇلار ئۈچۈن پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى دىنىي ئىلىملەرنىڭ مەنبەلىرى ئەرەب تىلىدىدۇر»[6].
مانا بۇ بايانلارنى ئەسلىدە تەرجىمانىمىزنىڭ سۆز يەكلەش ۋە شاللاشتىكى تۈپكى زېھنىيىتىنىڭ، پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار قاتارلىق ئاتالغۇ ۋە سۆزلۈكلەرنى قۇرئان تەرجىمىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بىھۇدە تولغۇنۇشلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى يەنە تەرجىمانىمىزنىڭ «ئۆزگىچىلىكلەر»نىڭ 13 - نومۇرلۇق قىسمىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىرىمۇ دەلىللەيدۇ. تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ تىلغا تۇتقان فاشىستچە زېھنىيىتىنى بۇ ئىدىيىسىنى مەزكۇر ئورۇندا قۇرئان ئايىتىنى تەرجىمە قىلىشقا تەتبىقلاپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭچە ساپ ئۇيغۇرچىغا كىرىپ ئاتالغۇلىشىپ بولغان سۆزلەر ئۇيغۇرچە ئەمەس ئىكەن. شۇڭا بۇنى دەرىجىلەندۈرۈپ پارسچە سۆزدىن ئەرەبچە سۆزنى ئەۋزەل دەپ بېكىتىش، ئاندىن ئىزاھلىق لۇغەتتە ئاتالمىش ساپ ئۇيغۇرچە سۆز تېپىلمىغاندا مۇشۇ دەرىجىگە ئايرىش بويىچە پارسچە بىلەن ئەرەبچە سۆزنى ئىشلىتىش توغرا كەلسە ئەرەبچىنى ئىشلىتىش كېرەك بولارمىش، سەۋەبى، ئەرەبچە دىنىي ئىلىملەرنىڭ مەنبەسىمىش.
نە تەپسىر ئىلمىدىن، نە قۇرئان ئىلىملىرىدىن، نە تىلشۇناسلىق نەزەرىيەلىرىدىن، نە تەرجىمىچىلىك نەزەرىيەلىرىدىن قىلچە ئاساسى بولمىغان، پۈتۈنلەي شالغۇت زېھنىيەتنىڭ تىل ئىرقچىلىقى ۋە فاشىستلىقى تۇتۇمىدا قىلىنغان بۇ سۆزلەرنىڭ 21 يىلدىن ئارتۇق قۇرئان تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بىرىنىڭ قەلىمىدىن چىققىنى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھالبۇكى تىلىمىزدىكى رەب، پەرۋەردىگار، پەرۋىشكار قاتارلىق سۆزلۈكلەر ئىنچىكە مەنىلىرىدە پەرقلىنىدىغان، ئومۇم مەنىلىرىدە بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان ئاتالغۇلار بولۇپ يىلتىزى قەيەرچە بولۇپ كەتسۇن ئۆز ۋە ئۆز ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەردۇر. چۈنكى ئۆزلىشىپ بولغان سۆزلۈك شۇ تىلنىڭ لۇغىتىدە ساپ ۋە ئۆز بولۇپ، ساپ ئىپادىسى ئەمەلىيەتتە لۇغەتكە كىرمىگەن ۋە تەبىرى ئۆزلەشمىگەن ھالدىكى چەتتىن يۇقتۇرۇۋېلىنغان سۆزلەرگە دېيىلىدۇ. بۈگۈنكى تىل شالغۇتلىشىشى نەتىجىسىدە يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەردە بۇنىڭ ئۆرنەكلىرى كۆپ. مەسىلەن: بۈگۈنكى كۈنلۈكتە «مەن بۈگۈن ماشىنا شىركىتىدىن بىر ماشىنا زۇلى قىلماقچى» دېگەن جۈملە ۋەتەن ئىچىدە ھەممە چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتكەن بىر جۈملە. ئەمما زۇلا قىلىش ساپ ئۇيغۇرچىمۇ؟ دېگەندە ئەلۋەتتە ياق. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ساپ ئۇيغۇرچىسى «ئىجارە ئېلىش» بولۇپ، توغرىسى «مەن بۈگۈن ماشىنا شىركىتىدىن بىر ماشىنا ئىجارە ئالماقچى» بولۇشى كېرەك. ھالبۇكى ئىجارە سۆزى يىلتىزى ئەرەبچە. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ بولغانلىقى، لۇغىتىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ھالىتى، ھەمدە ئەدەبىي ۋە ئېغىز تىلىدا ئىستېمالغا كەڭ ئومۇملىشىپ بولغان بولۇشى نۇقتىسىدىن ئۇ بىز ئۈچۈن ئەرەبچە سۆز ئەمەس، بەلكى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزدۇر. تەرجىمانىمىزنىڭ ئاۋۋال «رەب»نىمۇ، «پەرۋەردىگار»نىمۇ، «پەرۋەشكار»نىمۇ «ھېچبىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس» دەۋېلىشى تىلشۇناسلىقتىكى ئەقەللىي ساۋاتتىنمۇ يوقسۇزلۇقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قۇرئان تەرجىمىسىدەك تىلدىكى ئەڭ ئىنچىكە نازۇكلۇقلارنىمۇ چالا قويماي پەرق ئېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشنى قىلىۋاتقان تۇرۇپ بۇنداق جۆيلۈپ گەپ ئوينىتىشى قىلچە ئىسمى - جىسمىغا لايىق بولمىغان بىر ئىش بولۇپ قالغان. ئەگەر بۇ جۈملىنى دىققەتسىزلىك قىلىپ يېزىپ قالدى، «ھېچبىرى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس» دېگەن گېپىدىكى ئەسلىي مەقسەت «ھېچبىرىنىڭ يىلتىزى ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئەمەس» دېمەكچى دېيىلسە، بۇنىڭغىمۇ دەيمىزكى، گەپنى كونكرېت ئىپادىلىمەسلىك بىر خاتا بولغان بولسا، يىلتىزى ئۇيغۇرچە ئەمەس سۆزلەرنىڭ، يەنە كېلىپ ئۆزلىشىپ بولغان ۋە قامۇستىن ئورۇنلىشىپ بولغان، ھەمدە ئەدەبىي يېزىق تىلىدا ئومۇملىشىپ بولغان ھەرقانداق بىر سۆز باشنى تاشقا ئۇرۇۋالسىمۇ ئۇيغۇرچەدۇركى، ئۇنىڭ يىلتىزىنىڭ باشقا تىلدىن ئۆزلەشكەنلىكى ھېچكىمگە يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئەرەب ۋە پارسنىڭ دەپ ئايرىۋاشلاپ دەرىجىلەندۈرۈش، پارسچىدىن ئەرەبچە ياخشى دەپ يانپاشقا ئۇرۇش ھەققىنى بەرمەيدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق تەرجىماننىڭ مەزكۇر مېتودولوگىيەلىك ئىلمىي خاتالىقىنى ئاقلاشقا باھانە بولالمايدۇ.
تەرجىمانىمىزنىڭ ئاۋۋال ئاتالغۇ سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ سۆزنى ئۇيغۇرچە ئەمەس، چەتتىن كىرگەن دەپ خام - خىيالىچە تىل سوتى ئېچىۋېتىپ، كەينىدىن ئۇنى كەلگەن يېرىگە قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن باشقىدىن تاللاپ ئەكىرىش ۋە ئەرەبچىنى بىرىنچى بولۇپ تاللاش خاھىشى ئىنتايىن ئوچۇق ۋە كەسكىن تەرزدە بولۇپ، بۇ قىلمىشىغا كۆرسەتكەن ئاتالمىش ئىلمىي باھانىسى مۇنداق: «ئەھۋال بۇنداق بولغان ئىكەن، بىز تىلىمىزدىكى دىنىي ئاتالغۇلار ئۈچۈن پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى دىنىي ئىلىملەرنىڭ مەنبەلىرى ئەرەب تىلىدىدۇر».
تەرجىمانىمىزنىڭ يۇقىرىقى جۈملىدىكى «بىز تىلىمىزدىكى دىنىي ئاتالغۇلار ئۈچۈن پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك» دېگەن بۇ ئاتالمىش مېتودىمۇ قاتتىق بىر تەرەپلىمە بولۇپلا قالماي بۇ پەقەت بار كۈچى بىلەن پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار قاتارلىق سۆزلەرنىلا تەرجىمىدىن ئېرىغداشقا باھانە قىلىنغان. ئەمەلىيەتتە تەرجىمانىمىز فاتىھە سۈرىسىنىڭ بىسمىللىسىنىڭ تەرجىمىسىنى «ناھايىتى شەپقەتلىك، تولىمۇ مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)» دەپ تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېتودىغا ئۆزى خىلاپ تەرجىمە قىلىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ رەھمان سۈپىتىنى «شەپقەتلىك» دەپ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئىشلەتكەن بولسا، ئەمما رەھىيمغا كەلگەندە «مېھرىبان» دېگەن پارسچە سۆزنى ئاللاھنىڭ رەھيىم سۈپىتىنى تەرجىمە قىلىشقا قوللىنىدۇ. يەنى ئۆزى دەۋا قىلغان مەزكۇر تەرجىمىسىدە «پارسچە سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىن كۆرە ئەرەبچە سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز تۈزۈك» دېگەن سۆزىنى ئىشنىڭ بىسمىللىسىدا ئۆزى خىلاپ قىلىپ «مېھرىبان» سۆزىنى ئىشلىتىدۇ. ئاتالغۇنى پارسچىنىڭ ئورنىغا ئەرەبچە ئىشلەتكەن تۈزۈك بولسا، نېمىشقا ئۆزىنىڭ قائىدىسىگە ئۆزى جۈرئەت قىلىپ رەھىم - شەپقەتتىكى رەھىم كەلىمىسىنى شۇ پېتى ئىشلەتمەيدۇ؟! چۈنكى ئۆزى چىقارغان قائىدىسى بىر تەرەپلىمە بولۇپ، پەقەتلا «رەب»نى «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىپ قالدى ئىككى ئاتالغۇنى قۇرئان تەرجىمىسىدىن ئېرىغداشقىلا ئەسقاتىدىغان قىلىپ ياساپ چىقىلغان.
ئەگەر تەرجىمانىمىز يۇقىرىقى «رەب»نى «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىشقا كۆرسەتكەن مەزكۇر ئىككى تۈرلۈك زاكونىنى ھەقىقەتەن مېتود دەپ قارىسا، نېمىشقا قۇرئاندىكى «الصلاة» دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىغا پارسچىدىن كىرگەن «ناماز» دېگەن سۆز بىلەن، «النار» دېگەن سۆزنى «دوزاخ» دېگەن سۆز بىلەن تەرجىمە قىلىۋەردى؟ ئەجەبا قۇرئاندىكى ھېچبىر سۆزنىڭ تولۇق مەنىسىنى تەرجىمىدىكى ھەرقانداق بىر سۆز تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتىغۇ؟ ئەجەبا پارسچىدىن كىرگەن سۆز ئورنىغا «رەب»نى «رەب» دەپ ئىشلەتكەنگە ئوخشاش نامازنى «سالات»، دوزاخنى «نار» دەپ ئالىۋەرمەيدۇ، ياكى ئاتالمىش ساپ ئۇيغۇرچە زېھنىيىتى بويىچە «دوزاخ» دېمەي «ئوت» دەپ ئېلىپ ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى ئەرەبچە ۋە پارسىچىسى بار سۆزلەردە ئاۋال ئەرەبچىنى، ئۇيغۇرچىسىمۇ بار سۆزلەر بولسا ھەر ئىككىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ بىر تۇتاش شۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىغا ئالماشتۇرۇپ ئۆزگەرتمەيدۇ. ئەجەبا تەرجىمانىمىزنىڭ گېپى بويىچە «دىنىي ئىلىملەرنىڭ مەنبەلىرى ئەرەب تىلى» ئەمەسمىدى؟!
يىغىپ كەلگەندە تەرجىمانىمىزنىڭ پەرۋىشكار ۋە پەرۋەردىگار سۆزلىرىنى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىشتە ئوتتۇرىغا قويغان ئاتالمىش مېتودى ئىلمىي مېتود بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئەخلەت زېھنىيەتنىڭ، شالغۇتچە تۇتۇمنىڭ خىيالپەرەسچە مەھسۇلى، خالاس. توغرىسى شۇكى، قۇرئاندىكى «رەب» سۆزىنى ئۇيغۇرچىدىكى «رەب» دەپ ئالسىمۇ، «پەرۋەردىگار» دەپ ئالسىمۇ، «پەرۋىشكار» دەپ ئالسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. تەرجىماندىن كېتىدىغان تەلەپ دىت مەسىلىسى بولۇپ، قايسى سۆزنى قانداق ئورۇنغا ئىشلىتىش، قانداق ئورۇنغا نېمە دېيىشتە يۇقىرىقى سۆزلۈكلەرنى جانلىق ئىشلىتىش ۋە ھېچبىرى ئارىسىدا يەكلەش ۋە شاللاش تۇتۇمدا بولماسلىقىدۇر. مۇھەممەد سالىھ ۋە تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تەرجىمىسىدە بۇ خىل ئىلمىيلىك تولىمۇ گۈزەل ۋە جايىدا ئورۇندالغان، مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسىدە بولسا دىت مەسىلىسىدە كەتكۈزۈپ قويغاندىن سىرت ئاتالمىش ئۆزگىچىلىك ئىجاد قىلىش ھەۋىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىلمىي مېتود ئورنىغا ئەخلەت ۋە تۇتامسىز بىر مېتود قوللىنىش ۋە تىل قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇنلاشماسلىق، ئەكسىچە خاھىشىغا بېقىپ تىل ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا چىققان. دېمەك مەسىلە «رەب»نى «رەب» دەپ تەرجىمە قىلىشتا ئەمەس، بەلكى، «رەب»نى بىر تۇتاش ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگار ۋە پەرۋىشكار سۆزلىرىنى يەكلەشتە، شاللاشتا كۆرۈلگەن زېھنىيەتتە بولۇپ، مۇھەممەد يۈسۈپ ھەۋەسكارلارچە زورۇققان بۇ ئىشنى قولاشتۇرالمىغان، مەغلۇپ بولغان.
شۇنىمۇ ئىلاۋە قىلىش ھاجەتكى، مەزكۇر تۇتۇملار ۋەتەن ئىچىدە قىلىنغان قۇرئان تەرجىمىلىرىدە كۆرۈلگىنىدە ئەلۋەتتە ئويغاق تىلشۇناس زىيالىيلاردىن تەنقىدلىنىشى، لېكىن بۇنىڭ سىياسىي ئىستەكنىڭ مەجبۇرىي ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ بېرىشتىن دەپ چۈشىنىشكە يول چىقىشى مۇمكىن ئىدى، ھەم ئاز-تولا باھانە - سەۋەب قىلىپ تۇرۇپ كۆرسىتىشكىمۇ يارايتتى. ھالبۇكى تەرجىمانىمىز شالغۇت مائارىپتىن يېتىشىپ چىققان كادىر ئەمەس. ئەكسىچە بۇ خىل مائارىپتىن يىراق بولغان ئىلىم ئوچاقلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئۇزۇن يىللىق چەت ئەل ھاياتىدا ئىزچىل قولىدا قەلەم - قەغەز ئۆكسىمىگەن بىر دىنىي سېيما. شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» ئىلمىي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى سالاھىيىتىدىكى بىرى. شۇنداق تۇرۇپ تىلغا قىلىنغان بۇ خىل شالغۇت زېھنىيەتچە تۇتۇمنىڭ، يەنە كېلىپ قاتمۇقات بېسىم ئاستىدا ۋەتەن ئىچىدە ئىشلەنگەن تەرجىمىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان بىر ئىشنىڭ ئەركىن ۋە ھۆر جەمئىيەتتە ئاشكارا يۈز بېرىشى، ئۆلىما ئاتىقىدا يۈرۈۋاتقان بىر گۇرۇپپىنىڭ كۆرۈپ بېرىشى ھەمدە بىر قىسىم زىيالىيلارنىڭ كۆرۈپ بېرىشى ئاساسىدا نەشردىن چىققان بىر تەرجىمىدە بۇ دەرىجىدە تىلنى پايخان قىلىدىغان تۇتۇملارنىڭ سادىر بولغانلىقى، ئەخلەت گەپلەرنىڭ «مېتود» سۈپىتىدە يېزىلىپ، تەتبىقلىنىپ يۈرۈشى قاتارلىقلار كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدىغان، بولۇپمۇ قۇرئان كەرىم تەرجىمە تارىخىدا كىشىنى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇرىدىغان، ھەتتا ئەپسۇسلىنىش ئازلىق قىلىدىغان مەشئۇم پاجىئەدۇر، خالاس!
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، 203 - بەت.
[2] يۇقىرىقى مەنبەدىن.
[3]مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 640−641 - بەتلەر.
[4] البيضاوي: أنورا التنزيل وأسرار التأويل، ط دار إحياء التراث العربي، بيروت، 1/28.
[5] السعدي: تيسير الكريم الرحمن في تفسير كلام المنان، مؤسسة الرسالة، ط1، ص 39.
[6] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشرى، 640 - بەت.
داۋامى بار...
Yorumlar
Yorum Gönder