قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(7)
قۇرئان كەرىمنىڭ «يېڭى» تەرجىمىسىگە ئوبزور-(7)
3. تەرجىمىدە «ئى مۇھەممەد» دېمەسلىك تەشەببۇسى ۋە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش خاھىشى
تەرجىمانىمىز تىلغا ئالغان ئاتالمىش «ئۆزگىچىلىكلەر»دىن بىرىدە قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىزگە بىۋاسىتە ئەمرى قىلىپ كەلگەن ياكى ئۇنىڭغا كىشىلەرگە يەتكۈزۈشىنى تاپىلاپ ياكى بۇيرۇپ كەلگەن خىتابلارنى ئۆزىنىڭ قانداق تەرجىمە قىلغانلىقىنى ۋە قانداق قىلىشقا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. دەيدۇكى، «ئاللاھ تائالا ‹قۇرئان كەرىم›دە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: ئى پەيغەمبەر! دەپ سۆز قىلغان. مەسىلەن: ‹يا أيها النبي›، ‹يا أيها الرسول› دېگەنگە ئوخشاش. ئەمما بىرەر قېتىم بولسىمۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنى ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ چاقىرغان ئەمەس. ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنى پەيغەمبەرلىكتىن ئىبارەت ئەڭ ئېسىل ئۇنۋانى بىلەن چاقىرىپ ‹ئى پەيغەمبەر!› دېگەن تۇرسا، بىز نېمە ئۈچۈن ئۇنى ‹ئى مۇھەممەد!› دەيمىز؟ ھالبۇكى بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەككە كاپىرلىرىنىڭ چاقىرىشى ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۆز ۋاقتىدىكى كاپىرلار ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ: ‹ئى مۇھەممەد!» دەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ تەرجىمىدە، ‹سەئۇدى ئەرەبىستان دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىقى» ۋە ‹سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئۆلىمالار ھەيئىتى› تەرىپىدىن ھازىرلىنىپ، ‹پادىشاھ فەھد قۇرئان بېسىش ئاكادېمىيەسى›دە بېسىپ تارقىتىلغان‹التفسير الميسر› (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن تەپسىرگە ئاساسلىنىپ: ‹ئى پەيغەمبەر!› دەپ ئېلىشنى لايىق كۆردۇق. مەزكۇر تەپسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: بۇ تەپسىرنى نەشرگە تەييارلىغان مەخسۇس كومىتېت ئىلگىرىكى تەپسىرلەردە كۆپ ئىشلىتىلىپ كەلگەن ‹ ئى مۇھەممەد!» دېگەن سۆزنى ‹ئى پەيغەمبەر!› دەپ ئۆزگەرتتى. پەقەت 11 ئورۇندىلا ئۆز پېتى قالدۇرۇلدى. بۇ مۇشۇ 11 ئورۇندىكى خىتابنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ھېكايە قىلىنغان خىتابلاردىن بولغانلىقى سەۋەبتىن ئىدى›»[1] .
خوش، تەرجىمانىمىز بۇ يەردە نېمە دەۋاتىدۇ؟ يۇقىرىقى گەپلەر بويىچە قارىساق، تەرجىمانىمىز بۇ يەردە ئالدىنقى قۇرئان تەرجىمىلىرىدە كەلگەن «ئى مۇھەممەد» دەپ ئېلىنغان جايلارنى «التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) دېگەن ئەسەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئەسەردە شۇ قاراشنىڭ تاللىنىشىنى توغرا كۆرۈپ شۇ بويىچە بىر تۇتاش «ئى پەيغەمبەر» دەپ ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنى نوقۇل يۇقىرىقى ئەرەب ئاكادېمىكلار گۇرۇپپىسى تۈزگەن «التفسير الميسر» (تەپسىرى مۇيەسسەر) كىتابىنىڭ تاللىشىغىلا ئاساسلانمىغانلىقىنى، بەلكى ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىچە تەرجىمىدە «ئى مۇھەممەد» دەپ ئېلىشنىڭ مۇشرىكلارنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېيىشى بىلەن پەرقسىز ئىكەنلىكىنى ئۇرغۇلايدۇ. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نەزىرىدە «ئى مۇھەممەد» دەپ ئېلىشنىڭ ئاللاھ قۇرئاندا تىلغا ئالمىغان خىتاب شەكلىنى ئىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئېلىشنىڭ قۇرئانغا خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە پەيغەمبەرگە ھۆرمەتسىزلىك، يەنى ئەدەپسىزلىك بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەرجىمانىمىز بۇ ئىددىئالىرىنى يەنە مەزكۇر بۇزۇق مېتودلۇق قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ تۇنجى نەشرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يازغان ۋە 2021 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۆزىنىڭ «دىن ۋە ھايات» ناملىق تور بېتىدە[2] ، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلغان «پەيغەمبىرىمىزنى ‹ئى مۇھەممەد!› دېيىش ئەدەپسىزلىكتۇر»[3] ناملىق ماقالىسىدە كەڭتاشا ئوتتۇرىغا تاشلىغان بولۇپ، مەزكۇر يازمىسىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يازمىسىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق تەبلىغچىلەردىن، نەزىرىدىكى ئۆلىمالاردىن ھەمدە دىنىي ئەسەر يازىدىغانلاردىن «ئى مۇھەممەد» دېمەسلىكنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، گېپىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنداقلا يۇقىرىقى قۇرئان تەرجىمىسىدە تىلغا ئالغان سەۋەبلەرنى كەڭرى يېشىپ ئىزاھلىغاندىن سىرت «ئى مۇھەممەد» دېيىشتەك بۇ خاتالىقنى نە پەقەت ئالدىنقى قۇرئان تەرجىمىلىرى سادىر قىلغان بولماستىن، ھەتتا ئون نەچچە ئەسىرلىك تەپسىرشۇناسلىق تارىخىدا يېزىپ پۈتۈلگەن بارچە مۇپەسسىرلەرنىڭمۇ بۇ خۇسۇستا توغرا قىلمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ تەنقىدلەپ چۈشىدۇ. تەرجىمانىمىز شۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بىرەر قېتىممۇ ئۆز ئىسمى بىلەن خىتاب قىلىپ ‹ئى مۇھەممەد!› دېمىگەن، بارچە خىتابلىرىدا‹يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ، يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ› يەنى (ئى پەيغەمبەر!) دەپ خىتاب قىلغان. ئەپسۇسكى، تەپسىر كىتابلىرىدا ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرىدە، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ‹ئى مۇھەممەد! › دەپ ئاتاش ئومۇملىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىزنىڭ ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم تەرجىمىلىرى ۋە تەپسىرلىرىدىمۇ ‹ئى مۇھەممەد!› دەپ ئېلىنغان».
كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، تەرجىمانىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىلىرىدە «ئى مۇھەممەد» دېيىلىشىگە قارشى بولۇپلا قالماي تا بۈگۈنگە قەدەر يېزىلغان مۇجتەھىد ۋە مۇھەققىق مۇپەسسىرلەردىن تارتىپ ئادەتتىكى تەرجىمانلارغىچە بولغان ھەممىنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىدە «ئى مۇھەممەد» دەپ بېرىلگەن تەپسىر ۋە تەرجىمىلەردىن بىئارام ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. قىسقىسى، ئاكادېمىك ئەرەبلەرنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەردىن قۇراشتۇرۇپ تۈزۈپ چىققان ئاددىيلاشتۇرۇلغان تەپسىر كىتابىدا، يەنە كېلىپ ئاۋام ئەرەبلەرنىڭ سەۋىيەسىگە ئاتاپ تەييارلىغان تەپسىردىكى مېتودىنى، يەنى قۇرئاندا «ئى مۇھەممەد» دېيىلمىگەچكە، ئۆزلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى كېلىش ئۇسلۇبىغا قاراپ «ئى پەيغەمبەر» دەپ ئېلىشنى تاللىغانلىق تەرجىھىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ تۇرۇپ، ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇ تەرجىھىنى گويا ئۇلار ئون نەچچە ئەسىر مابەينىدە يېزىلىۋاتقان تەپسىرلەرنى خاتالاشتى دەپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىۋاتقاندەك چۈشىنىۋېلىپ، ئۇلارمۇ ئىددىئا قىلمىغان دەلىل ۋە زاكونلارنى ئويدۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ «چوڭ خاتالىق»نى بايقىۋالغان تەرزدە ئەرەب ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ ئەيىبلەپ ئۈلگۈرمىگەن بىر مەسىلىدە ئەزۋەيلەپ تۇتامسىز ۋە يۈزەكى داۋلىلار بىلەن «ئى مۇھەممەد» دەپ ئالماسلىق تەشەببۇسىدا بولىدۇ. ھالبۇكى، «تەفسىرى مۇيەسسەر» كىتابىنىڭ تۈزگۈچىلىرىمۇ «ئى مۇھەممەد» دەپ ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس. بەلكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تەپسىرىنى تۈزۈشتە پەقەتلا بىر تاللاش، يەنى ئۆزلىرىنىڭ قۇرئاننىڭ خىتاب ئۇسلۇبىغا ماسلىشىشنى ئىختىيار قىلغانلىقى ۋەجىدىن «ئى مۇھەممەد» ئورنىغا كېلىش ئورنىغا قاراپ «ئى پەيغەمبەر» دەپ ئالغانلىقىنى بايان قىلىپ توختايدۇ. تەرجىمانىمىزدەك بۇنى گويا بۇندىن بۇرۇنقى تا ھىجرىيە تۆتىنچى ئەسىردە ئانا تەپسىرلەردىن تەپسىر تەبەرىيدىن تارتىپ بۈگۈنگە يېتىپ كەلگۈچە بولغان تەپسىرلەردە كەچكەن «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىزاھلانغان جايلارنى مۇپەسسىرلەر كۆزدىن قاچۇرۇپ خاتا قىلىپ قالغاندەك تۇتۇمدا ئەيىبلەپ، دەلىل توقۇپ، ئەپسۇسلىنىپ ئولتۇرمايدۇ.
ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قانداق؟ ئالدىنقى تەرجىمانلار ئايەتلەرگە «ئى مۇھەممەد» دەپ تەرجىمە بېرىش ئارقىلىق ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىمىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان، پەيغەمبىرىمىزنى مۇشرىكلارنىڭ چاقىرىشىدەك ئەدەپسىزلەرچە ئىپادە قوللانغانمۇ؟ ئۇلارلا ئەمەس، ھەتتا بۇندىن ئىلگىرىكى مۇپەسسىرلەرمۇ ئايەتلەرگە «ئى مۇھەممەد» دەپ تەپسىر بېرىش ئارقىلىق تەرجىمانىمىز ئىددىئا قىلغاندەك چوڭ خاتالىقنى بايقىماي قالغان، ئادەت قىلىپ كۆنگىنى بويىچە «ئى مۇھەممەد» تەپسىرلەپ كەلگەنمۇ؟ يەنى تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ «چوڭ بايقىشى»نى ھەقىقەتەن بۇندىن بۇرۇنقى مۇپەسسىرلەر كۆزدىن قاچۇرغانمىدى؟ مانا بۇلار بىزنىڭ بۇ تېمىدا يورۇتۇشقا تېگىشلىك مەسىلىلىرىمىزدۇر.
ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلىمەك لازىمكى، ھەرقانداق بىر قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ ساغلام ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلانغان ياكى ئاساسلانمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ؟ شۇڭا تەرجىمىدە بىر خاتالىق سادىر بولغان بولسا، بۇ خاتالىق ياكى كەتكۈزۈپ قويۇشنى تارازىلاش ۋە دىياگنوز قويۇشنىڭ ئۆلچىمى يەنە بىر تەرجىمان ياكى تەرجىمانلارنىڭ دىتىغا بېقىپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولۇشىغا قاراپ ئەمەس، ئەكسىچە مەزكۇر تەرجىمىنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئاساسلانغان ياكى ئاساسلانمىغانلىقىنى سېلىشتۇرۇپ بېكىتىشتۇر. ئەگەر ئاساسلانغان بولسا، ئۇنداقتا مەسىلىنىڭ تۈگۈنى تەرجىمىدە ئەمەس، بەلكى ئاشۇ تەرجىمىدە ئاساسلانغان مۆتىۋەر تەپسىرلەردە ۋە ئۇ مۆتىۋەر تەپسىرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق تەپسىرلىگەنلىكىنى ئېنىقلاشقا قاراشلىق بولىدۇ. شۇڭا، بىز بىرىنچى بولۇپ ئىلگىرىكى قۇرئان تەرجىمىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇندىن ئون نەچچە ئەسىر ئاۋۋال يېزىلغان ئانا تەپسىرلەردىن تارتىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن مۇتەئەخخىرىن دەۋرگە ئائىت تەپسىرلەرگىچە، ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەپسىرلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئى مۇھەممەد» دەپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلغانلىقىنى ۋە بۇ ئىشتا ئۇلارنى ۋە بەرگەن تەپسىرىنى ئەيىبلەشنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈۋېتىشىمىز لازىم. چۈنكى، بۇ مەسىلە ئەڭ دەسلەپ يېزىلغان «تەفسىرى تەبەرىي»گە، بولۇپمۇ كېيىنچە سەنەد ۋە رىۋايەت زەنجىرىلىرى ئاساسىدا تۈپلىنىپ چىققان «تەپسىرى ئىبنى ئابباس»قا تۇتۇشىدىغان، يەنى «ترجمان القرآن (قۇرئان كەرىمنىڭ تىرىك ئىزاھاتى)» دەپ نام ئالغان ساھابىنىڭ «ئى مۇھەممەد» دەپ تۇرۇپ تەپسىرلەپ بېرىشىگە تۇتىشىدىغان بىر مەسىلە. مۇئەييەن ئايەتلەردە مەسىلەن «قل (ئېيتقىنكى)»، «بشر (خۇش خەۋەر بەرگىن)» قاتارلىق ئاللاھتىن پەيغەمبەرگە بۇيرۇق خىتابى بىلەن چۈشكەن ئايەتلەردە، بۇ يەردىكى خىتاب ئوبيېكتىنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى يورۇتۇش ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئايەتلەرنىڭ تەپسىرىنىڭ، يەنى «قل» «بشر» قاتارلىق ئايەتلەردىكى بۇيرۇق ئوبيېكتىنىڭ شەخسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى ۋە مەنىسىنىڭ: «قل يا محمد»، دېگەنلىك، يەنى «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى،...» ياكى «ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا سەن شۇنداق دېگىنكى،...» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە بۇ ئىزاھاتلار بىلەن ئايەتتىكى بۇيرۇقنىڭ بىرىنچى مۇخاتەبىنىڭ بىۋاسىتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ئەمەسلىكىنى كونكرېتلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. نەتىجىدە ئۇلار تەپسىرلەشنىڭ ۋە مۇددىئانى يورۇتۇشنىڭ ئەڭ يارقىن شەكلىنىڭ خىتاب قىلىنىۋاتقان ئوبيېكتىپنىڭ سۈپىتى ۋە مەنسەپ - مەرتىۋىسىدىن بەكرەك ئىسمىنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشىنىڭ تەرتىپ جەھەتتىن ئەڭ ئۇيغۇن ۋە مۇھىملىقىنى كۆزدە تۇتقان، ھەمدە ئەنە شۇنداق ئىزاھلاشنى ئايەتنى ئوچۇق تەپسىرلەش بابىدىن دەپ قارىغان. ساھابىلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەپسىر ئۇسلۇبىنى ئۆرنەك قىلىشتىن كەلگەن بۇ خىل تەپسىرلەش شەكلى ئۇندىن كېيىنكى جىمى مۇپەسسىرلەرنىڭ تىلىدا، ئۇلارنىڭ تەپسىرلىرىدە ئاساسىي مېتود قىلىنغان ۋە مۇشۇ خىل تەپسىرلەش يۇقىرىقىدەك ئورۇن ۋە مۇناسىۋەتلىك جايلاردىكى ئىلاھىي خىتابلارنى ئىزاھلاشتا تەپسىر ئۇسۇلى ئىلمىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىزاھات شەكلى بولۇپ داۋاملاشقان. مانا بۇ مەسىلىنىڭ بىرىنچى نۇقتىسى.
ئىككىنچىدىن، بۇ يەردىكى خىتابنىڭ توغرىلىقىغا، ئاللاھنىڭ خىتابىنىڭ مەنىسىنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېيىلىشىگە ھەدىس قۇدسىيلاردىكى: «ئى مۇھەممەد» دېگەن خىتابلاردىن، يەنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىسىم بىلەن خىتاب قىلغانلىقى سۆزلەنگەن ھەدىس قۇدسىيلارنى دەلىل كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇلارنى مەنبە قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن ئىمام تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ كېچە نامىزى ئەسناسىدا ئېغىر ئۇيقۇ بېسىۋالغانلىقىنى ۋە چۈشىدە رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ ۋە چۈشىنى بايان قىلىۋېتىپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇ چاغدا مەن ئەڭ گۈزەل سۈرەتتىكى رەببىمنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇۋاتقۇدەكمەن. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ماڭا: ‹ئى مۇھەممەد› دەپ خىتاب قىلدى. مەن: ئى رەببىم، لەببەي، دەپ جاۋاب قايتۇردۇم...» [4] . مەلۇمكى، ھەدىس ئىلمىنىڭ دەلىللىشىگە كۆرە، ھەدىس قۇدسىيمۇ قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھيى مەرتىۋىسىدىكى كالامدۇر. ئارىدىكى پەرق بولسا، قۇرئان تىلاۋەت قىلىنىشى ئىبادەت سانىلىدىغان ۋەھيى، ھەدىس قۇدسىي بولسا تىلاۋىتى ئىبادەت سانالمايدىغان، مەزمۇنى ئاللاھقا، سۆز - ئىبارىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەۋە ھەدىسلەردۇر. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە ئۆز ئاغزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئۆزىنى «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىسمى بىلەن چاقىرغانلىقىنى رىۋايەت قىلىپ بېرىۋاتىدۇ.
شۇنىڭدەك، بۇنىڭغا يەنە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى «ئى مۇھەممەد» دەپ تۇرۇپ خىتاب قىلغان، پەيغەمبىرىمىزنى ئىسمى بىلەن خىتاب قىلىپ چاقىرغان ھەدىسلەرنىمۇ دەلىل قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن تۇرغان ۋاقىتتا ئاسماندىن بىر پەرىشتە چۈشۈپ كەلگەن ۋە پەيغەمبىرىمىزگە: «ئى مۇھەممەد، مېنى ھۇزۇرۇڭغا رەببىڭ ئەۋەتتى. ئۇ سېنى پەرىشتىگە ئايلانغان ئەلچى بولغۇسى بارمىكەن، ياكى بەندە ھالىتىدىكى ئەلچى بولغۇسى بارمىكەن، دەۋاتىدۇ»، دېگەن. بۇ سۆھبەتكە شاھىت بولغان جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام: «ئى مۇھەممەد، رەببىڭگە كەمتەرلىك كۆرسەتكىن!» دېگەن. رەسۇلۇللاھ پەرىشتىگە جاۋاب بېرىپ: «ياق، بەندە ۋە ئەلچى بولۇۋېرەي» دېگەن[5] .
دېمەك، ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھقا قارىتىپ ئېيتقان خىتابىنى ئىزاھلىغاندا «ئاللاھ بۇ ئايەتتە دەيدۇكى، ئى مۇھەممەد...» دەپ تەپسىرلەش تامامەن شەرئىي ئاساسقا ئۇيغۇن بولغان ئىزاھلاش جۈملىسىدىندۇر.
ئۈچىنچىدىن، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا «ئى مۇھەممەد» دېمىگەنلىكى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە ئى مۇھەممەد دەپ خىتاب قىلغانلىقى بىلەن تەپسىرلەشنى خاتاغا چىقىرىشقا ئاساس بولالمايدۇ. ئەكسىچە يۇقىرىقى دەلىللەرگە بىنائەن تەپسىرلەردىكى «ئى مۇھەممەد» دېگەن تەپسىرنىڭ ئەسلىي مەنبەسىنىڭ ئالدى بىلەن ساھابىلەردىن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا تۇتىشىدىغانلىقى (بىز بۇ نۇقتىنى بىرئازدىن كېيىن پاكىتلار بىلەن يورۇتىمىز)، ھەدىس قۇدسىيلاردا بولسا، رەسۇلۇللاھنى ئاللاھنىڭ «ئى مۇھەممەد» دەپ چاقىرغانلىقى قاتارلىق دەلىللەر، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە بىرەر بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن ئىبارىسىنى ياكى سۆزىنى تەپسىرلىگەن ۋەياكى تەرجىمە قىلغاندا ئاللاھنىڭ شۇ سۆزدىكى مۇرادى ۋە خىتاب ئوبيېكتىنىڭ شەخسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يورۇتۇش يۈزىسىدىن «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىپادىلەنسە تامامەن يوللۇق بولىدىغانلىقنى، مەقسەتنى ئەڭ ئوچۇق شەكىلدە يورۇتۇپ بېرىشى نۇقتىسىدىنمۇ بۇنى ئەڭ جايىدا ئىپادىلەش دېگىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.
تۆتىنچىدىن، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە ئۇنىڭ شەنىنى، قەدىر - قىممىتىنى چوڭ كۆرۈش نۇقتىسىدىن «ئى پەيغەمبەر»، «ئى رەسۇل» قاتارلىق ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى بىر قىسىم بۇيرۇق خىتابلىرىنىڭ مۇخاتەبىنى يورۇتۇش ئۈچۈن «ئى مۇھەممەد» دېيىشكە قارشى قوپۇش قۇرئان بىلەن ھەدىس قۇدسىينى زىتلاشتۇرۇۋېلىشتۇر. ئەگەر ئاللاھ قۇرئاندا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ چاقىرغان بولسا، بۇ يەردىن سۈزۈپ ئېلىنىدىغان دەلىل ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرنى چوڭ كۆرىدىغانلىقى، بىزنىڭمۇ ئۇنى چۆڭ كۆرۈپ ھۆرمەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكلىكى بولىدۇ. لېكىن تەپسىر ۋە تەرجىمىدە دېيىلىۋاتقان نۇقتا بۇ ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ خىتابىنى ئىزاھلاشتا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرنى «ئى مۇھەممەد» دەۋاتقانلىقى مەسىلىسىدۇر. بۇ يەردىكى چاقىرغۇچى تەرەپ، يەنى تەپسىرلەردىكى ياكى تەرجىمىلەردىكى «ئى مۇھەممەد» دەپ ئېلىنغان جايلاردىكى خىتابنىڭ ئىگىسى ئاللاھتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبىرىمىزگە قارىتىپ «قل» يەنى «سەن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن!» دېگەن خىتابنى قىلغان بولسا، مۇپەسسىر بۇ خىتابنى ئاللاھنىڭ بۇنداق دېگىنى ئەمەلىيەتتە: «ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئېيتقىنكى،...» دېگەن بولىدۇ، دەپ تەپسىرلىگەن بولسا، شەكسىزكى بۇ يەردىكى «ئى مۇھەممەد»دېگەن خىتابنىڭ ئىگىسى مۇپەسسىر ياكى تەرجىمان بولماستىن، خىتابنى قىلغۇچى ئاللاھتۇر. يەنى مۇپەسسىر بۇ يەردە «ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئى مۇھەممەد، سەن مۇنداق - مۇنداق بۇيرۇقلارنى ئۇلارغا يەتكۈزگىن، دەۋاتىدۇ، دېيىش ئارقىلىق «ئى مۇھەممەد» دېگەن سۆزنىڭ ئاللاھنىڭ دەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەدىس قۇدسىيدا ۋە باشقا سەھىھ ھەدىسلەردە پەرىشتىلەرنىڭمۇ پەيغەمبىرىمىزنى ئى مۇھەممەد دېگەنلىكى دەلىللەنگەن ئىكەن، مەزكۇر تەرجىمانىمىز ئەگەر ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدىغان «قۇرئانچى» زىندىقلاردەك ئويلايدىغان، ئۇلارچە ئۆلچەمدە مەسىلە تەھلىل قىلىدىغان بولمىسىلا (ئەمەلىيەتتە تەرجىمانىمىزنى ئۆز ئىپادىسى بويىچە مەزھەپسىز بولسىمۇ، ئۇنداق تائىپىدىن ئەمەس دەپ بىلىمىز، ئەلۋەتتە)، ئاللاھنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېگەن يېرىنىڭمۇ بارلىقىنى دىققەتكە ئېلىشى ۋە ھەدىس قۇدسىينىڭ روھىنى قۇرئاندىكى ئى پەيغەمبەر دەپ كەلگەن ئايەتنىڭ روھى بىلەن زىتلىشىدىغان ئىددىئانى قىلىشتىن ساقلىنىشى، بۇنداق زىل مەسىلىسىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىشى، گەپنى قىلغاندا، يازغاندا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشى لازىم. ئەگەر بۇنىمۇ دىققەتكە ئالماي، مۇپەسسىر ياكى تەرجىماننىڭ ئاللاھنىڭ بۇ يەردە «ئېيتقىن» دېگىنى پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى تۇرۇپ ئۇنىڭغا «ئى مۇھەممەد سەن ئۇلارغا ئېيتقىن» دەپ خىتاب قىلغىنىغا، چاقىرغىنىغا باراۋەر، بۇ مۇپەسسىر ۋە تەرجىمانلارنىڭ پەيغەمبەرنى قۇرئاندىكى چاقىرىشقا خىلاپ ھالدا پەيغەمبىرىمىزنى «ئى مۇھەممەد» دەۋاتقىنى ھېسابلىنىدۇ، دەۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا بۇ يەردىكى كاشىلا مۇپەسسىر ياكى تەرجىماندا ئەمەس، بەلكى مەزكۇر تەرجىمانىمىزنىڭ قايسى گەپنىڭ كىمنىڭ خىتابى ئىكەنلىكىنى ئىلغىماستىن ئالدىراڭغۇلۇق قىلىشىدا، دېمەكتىن باشقا يول يوق. ئۇنداق بولغاندا تەرجىمانىمىزنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېمەسلىك تەشەببۇسى ئىلىمىيلىكتىن يىراق بولغان، ھەمدە جەھلى مۇرەككەبلىككە ياتىدىغان بىر تۈرلۈك جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە بولمىغان بولىدۇ.
بەشىنچىدىن، تەپسىرلەردە، شۇنداقلا تەرجىمىلەردە ئاللاھنىڭ خىتابىنىڭ ئوبېيكتىنى «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىسىم بىلەن خىتاب قىلىپ ئىزاھلىشى مۇشرىكلارنىڭ چاقىرىشى تۈرىدىكى «ئى مۇھەممەد!» خىتابىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىككى ئىشتۇر. چۈنكى تەرجىمە ۋە تەپسىردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان خىتاب ساھىبى ئاللاھتۇر. ئاللاھ خالىسا قۇرئاندىكىدەك «ئى پەيغەمبەر» دەپ ھۆرمىتىنى كۆتۈرۈش ۋە بىزگە تەلىم بېرىش يۈزىسىدىن شۇنداق خىتاب قىلىدۇ. يەنە خالىسا پەيغەمبىرىمىز بىلەن يالغۇز مۇلاقات قىلغان دەملەردە ئۇنى يېقىن كۆرۈپ «ئى مۇھەممەد» دەپ چاقىرىدۇ. ھەر ئىككىسى ئاللاھ ئۈچۈن تامامەن ئۇنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىشتۇر. مۇشرىكلارنىڭ خىتابىدىكى ئىنتوناتسىيەدىن تارتىپ چاقىرىش ئۇسۇلىغىچە پۈتۈنلەي قوپاللىق ۋە ئەدەپسىزلىك ئورۇن تۇتقان بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئى مۇھەممەد دېيىشى ئايرىم مەسىلە. مۇشرىكنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېيىشى ئايرىم مەسىلە. يەنە كېلىپ سەھىھ ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىز بەزى ساھابىلىرىگە ئۆگىتىپ قويغان دۇئاسىدا «ئى مۇھەممەد» دەپ نىدا قىلىدىغان مەزمۇنلاردىن تەلىم بەرگەن. مەسىلەن بۇ ھەقتىكى دۇئادا مۇنداق دېيىلگەن: «اللهم إني أسألُك و أتوجَّه إليك بنبيِّك محمدٌ ، نبيُّ الرحمةِ ، يا محمدُ إني توجهتُ بك إلى ربِّي في حاجتي هذه لِتُقضى لي ، اللهمَّ فشفِّعْه في»[6] .
ئىلمىي مەسىلىلەردە بۇنچىلىكمۇ ئاددىي تەھلىلگە تۇتۇنۇپ كۆرمەستىن، دەلىللەرنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەھقىقلىمەستىن ئاللاھنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېگەنلىكىنى ئىپادىلەۋاتقان مۇپەسسىرلەرنىڭ، ھەمدە ئۇلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىۋاتقان تەرجىمانلارنىڭ ئىلمىي ئۇسلۇبىنى خاتاغا چىقىرىش، مەسىلىنىڭ نۇقتىئىنەزەرىنى بىر - بىرىگە ئالاقىسىز نۇقتىدىن خالىغانچە باغلاپ، خالىغانچە زىتلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايەتتىكى كونتېكىستنىڭ دەل ئورنىنى جايلاپ چۈشەنمەسلىكتىن، يىغىپ ئېيتقاندا، مەسىلىگە ئىنتايىن يۈزەكىچە قاراشتىن ۋە ناتوغرا مۇئامىلە قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
ئالتىنچىدىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ «ئى مۇھەممەد» دەپ خىتاب قىلىشنىڭ پەيغەمبەر دەۋرىدىن باشلاپ چەكلەنگەنلىكى سابىت ۋە ئېنىق مەسىلە. سۈرە ھۇجۇراتتا كەلگەن ۋە «پەيغەمبەرنى ئاراڭلاردىكى بىرەرسىنى چاقىرغان ئۇسۇلدا چاقىرماڭلار» دېگەن ئايەت چۈشكەندىن بۇيان، يەنى سائادەت دەۋرىدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگە قەدەر ھېچبىر مۇسۇلمان كۈلتۈرىدە، مۇسۇلمان جەمئىيەتتە پەيغەمبەرنى «ئى مۇھەممەد» دەپ خىتاب قىلىش ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىز تىلى ياكى ئەدەبىي تىلىدا بولسۇن بۇنداق بىر خىتاب شەكلى يوق. ئالىم - ئۆلىما تۈگۈل ئاددىي ئاۋامغىچە ھېچكىم رەسۇلۇللاھنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئاتاپ سالمايدۇ. بۇ ۋەجىدىنمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ياكى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېيىشى ئايرىم مەسىلە. مۇشرىكلارغا ئوخشاش خىتاب قىلىش مەسىلىسى ئايرىم مەسىلە. بۇ نۇقتا ئېنىق تۇرسىمۇ ئۆزىدىن ئاۋۋالقى قۇرئان تەرجىمىلىرىنى ئىشلىگۈچىلەرنىمۇ، ئۆتەپ - تېشىپ مۇپەسسىرلەرنىمۇ چىشلەپ تارتىپ ئۇلارنىڭ بەرگەن تەپسىر ۋە تەرجىمىلىرىنى مۇشرىكلارنىڭ چاقىرىش ئۇسلۇبىنى ئىشلەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلەش ئوپئوچۇق ئۆكتەملىك ۋە بىمەنىلەرچە قۇسۇر ئىزدەشكە زورۇقۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس.
يەتتىنچىدىن، مۇپەسسىرلەرنىڭ ۋە قۇرئان تەرجىمانلىرىنىڭ «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىزاھلىشىنى يولسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۈرە ھۇجۇراتنى دەلىل قىلىۋېلىشلار مەسىلىنى تېگى - تەكتىدىن چۈشەنمەي ئۆكتەملىك قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە مۇناسىۋەتسىز بىر ئايەتنى دەلىل قىلىش خاھىشىدىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى ئايەت ئۆز دەۋرىدىكى مۇئمىنلەرگىمۇ، ھەمدە بىز مۇئمىنلەرگىمۇ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئاتىغاندەك ئاتىماسلىقنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. تەپسىر ۋە تەرجىمىدە بولسا «ئى مۇھەممەد» دېگەن چاقىرىش ئارقىلىق بىزگە ئاللاھنىڭ تىلىدىن بايان قىلىش شەكلى بىلەن ئىپادىلەپ ئاللاھنىڭ مۇرادىدىن خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. تەپسىر ۋە تەرجىمانلار ئاللاھ ئى مۇھەممەد، سەن مۇنداق - مۇنداق قىلغىن دەپ يوليورۇق كۆرسىتىۋاتمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۆزىچىلا چىقىپ تەپسىر كىتابلاردا ۋە بۇرۇنقى قۇرئان تەرجىمىلىرىدە «ئى مۇھەممەد» دېيىلىشى ئاللاھنىڭ سۈرە ھۇجراتتىكى ئايەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ قوپال ۋە سەت چاقىرىشىغا ئوخشاش ئەدەپسىزلىك بولىدۇ، دەۋېلىش ئىشنى ئەسلىي ماھىيىتىدىن بۇراش، يوق بىر ئىشنى ئويدۇرۇپ چىقىپ مەسىلە پەيدا قىلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، قاملاشمسىمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە زورۇقۇشتىن باشقا ئىش بولمايدۇ.
سەككىزىنچىدىن، مۇپەسسىرلەرنىڭ يۇقىرىقىدەك پەيغەمبەرگە قىلىنغان خىتابنى «ئى مۇھەممەد» دەپ ئېلىشى پەيغەمبەرلىك مەرتىۋىسىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقىلارغا يۆتكەش، ياكى ياساپ چىقىلغان بىرىگە دېيىلىۋاتقانغا ئىشارەت بولۇش ئېھتىماللىقىغا يول قويماسلىق، بولۇپمۇ، ۋەھيىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەمەس، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا چۈشكەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان بىر تۈركۈم شىيئەلەرنىڭمۇ ئىددىئالىرىغا يوچۇق بەرمەسلىك، قىسقىسى، قۇرئاننى ھەمدە ئۇنىڭدىكى ۋەھيى ھەقىقەتلىرىنى، ئىلاھىي يوليورۇق، كۆرسەتمە ۋە ئۈگۈتلەرنى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇپ كەلگەن سۆزلەرنىڭ مۇخاتەبىنىڭ شەخسەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقىسىغا يۆتكەشكە قىلچە ئاساس يوقلۇقىنى ئۇرغۇلاش، ئايەت نازىل بولغۇچى شەخسىيەتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەرقانداق بىر شەخس بولۇش ئېھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىش تۇتۇمىنى بەلگىلەشتە ئەھمىيىتى زوردۇر. بۇ ۋەجىدىنمۇ مۇپەسسىرنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاندىكى «(يا أيها النبي) ئى پەيغەمبەر»، «(يا أيها الرسول) ئى ئەلچى» دەپ كەلگەن ئايەتلەرنىڭ پەيغەمبەرنىڭ مەرتىۋىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىسمىنى ئاتىمىغانلىقىنى ئىزاھلاش بىلەن بىرگە، ئەلچى ياكى پەيغەمبەر دەپ خىتاب قىلىنغۇچى زاتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلاشتۇر، شۇنداقلا قۇرئاندىكى شەخسكە خىتاب شەكلىدە كەلگەن بۇيرۇق پېئىللىرىنى ۋە بۇيرۇق پېئىللىرىدىكى مۇخاتەبنىڭ كىملىكىنى يورۇتۇش ھەمدە بۇ كىملىك ئىگىسىنىڭ بىۋاسىتە مۇھەممەد ئىسىملىك شەخسىيەتنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى يورۇتۇشتۇر. مۇپەسسىرلەر بۇ نۇقتىدىن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىزاھلىغان بولسا، مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەرنىڭ بۇ خىل ئىزاھاتىغا ئاساسلىنىپ قۇرئان كەرىم تەرجىمە قىلغۇچىلارمۇ مۇناسىۋەتلىك يېرىدە تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن ھالدا «ئى مۇھەممەد» دەپ تەرجىمە قىلغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارنىڭ چاقىرىقىغا ئوخشاش قۇرئانغا خىلاپ ھالدا تەرجىمە قىلغانلىقى بولماستىن قۇرئان تەپسىرىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە تەرجىمە قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. دېمەك تەپسىرمۇ ساغلام، تەرجىمىمۇ شەك - شۈبھىسىز ساغلام تەرجىمە بولۇپ، ئەكسىچە چىقىۋاتقان كاشىلا بۇ نۇقتىلارنى دىققەتكە ئالمىغان، بەلكى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش تەرزىدە يۈزەكى تەھلىلگە بېقىنىپ تەپسىر كىتابلارنىمۇ، قۇرئان تەرجىمىلىرىنىمۇ ئەيىبلىگەن، ئاساسسىزلا تەنقىدلەپ چۈشكەن تەرجىمانىمىزنىڭ بۇ خۇسۇستىكى چولتا تەپەككۇرىدا، يۈزەكى چۈشەنچىسىدە ۋە تۇتامسىز ئىددىئالىرىدىدۇر. بۇنىڭدىنمۇ تەرجىمانىمىزنىڭ نەقەدەر يەڭگىلتەكلىكىنى، ساغلام ئاساسقا ئىگە ئىلمىي مېتودقا رىئايە قىلىش ئورنىغا ئاتالمىش ئۆزگىچىلىك نامى ئاستىدا سەپسەتەۋى بۇزۇق مېتودنى بازارغا سالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
توققۇزىنچىدىن، يۇقىرىقى مۇئەييەنلەشتۈرمىلەرگە ئاساسەن، تەرجىمانىمىز گويا «چوڭ بايقاش»تەك چاغلاپ چويلىدا توختىمايدىغان زاكونلارنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، ئاقىۋەت تۇتامى يوق ئىددىئالىرى بويىچە قىلغان تەرجىمىسى «تەفسىرى مۇيەسسەر»گىلا چۈشىدىغان، ئەمما ھەقىقىي مۆتىۋەر مۇپەسسىرلەرنىڭ تەپسىرىگە ئۇدۇل كەلمەيدىغان بىر ئۇسلۇبنى، بىر بۆلۈك ئاكادېمىك ئەرەب شەيخلەرنىڭ ھېسسىي تاللىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇۋالغان ۋە قىلغان تەرجىمىسىنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلىشىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىشىگە رول ئوينىغان. ئەكسىچە ئىلگىرىكى مۇھەممەد سالىھ ۋە تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ قىلغان تەرجىمىلىرىدە بىز تەكىتلەۋاتقان ساغلاملىق ۋە ئىلمىي مېتود تولىمۇ جايىغا چۈشۈرۈلگەن. بۇ تەرجىمىلەردە «النبي»، «الرسول) دەپ كەلگەن جايلارغا قانداقلا جۈملە ياكى كونتېكىست ئىچىدە كەلسۇن دەل چۈشىدىغان مەنىسى بويىچە «پەيغەمبەر» دەپ ئالغان. «يا أيها النبي»، «يا أيها الرسول» دەپ كەلگەن جايلارغا بولسا، «ئى پەيغەمبەر» دەپ ئالغان ۋە ئوچۇق ئىبارە كەلمىگەن جايلارنى، مەسىلەن، «قل»، «بشر» قاتارلىقلارغا ئوخشاش خىتاب مەزمۇنىغا ئىگە، ھەمدە بارچە ئەرەبچە تەپسىرلەردە «قل يا محمد» دەپ تۇرۇپ تەپسىر بېرىلگەن جايلارغا كەلگەندە، ئۇشبۇ تەپسىرلەرگە ئۇيغۇنلىشىش يۈزىسىدىن «(ئى مۇھەممەد) ئېيتقىنكى»، ياكى بولمىسا «(ئى مۇھەممەد)....دېگىن»، دېگەنگە ئوخشاش تىرناق ئىچىگە بېرىپ تەرجىمە قىلغان. بۇ جەھەتتىنمۇ ئالدىنقى تەرجىمىلەرنىڭ مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە ئۇيغۇن بولغانلىقى، مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بۇزۇق مېتودقا ئاساسلانغان بۇ تەرجىمىسىنىڭ بولسا، ناھايىتى «تەفسىر مۇيەسسەر»دەك ئاددىي ئاۋامغا ئاتاپ تۈزۈپ چىقىلغان كىتابقا ئاساسلىنىش ھەۋىسى نەتىجىسىدە ئۆز ئىددىئاسىدا مۆتىۋەر تەپسىرلەرگە دېگەندەك ئۇيغۇنلىشىپ كەتمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئاقىۋەت تەرجىمانىمىزنىڭ ئاتالمىش ئالدىنقىلارنىڭ خاتاسىنى تۈزەش، كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاش دەپ تۇرۇپ قىلىپ يۈرگەن ئىشىدا مەغلۇپ بولغانلىقى، قىلغان ئىشىنىڭ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇش»تىن ھالقىمىغان ئىش بولغانلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ.
ئونىنچىدىن، تەرجىمانىمىز يەنە يۇقىرىقى «ئى مۇھەممەد» دېيىشكە بولمايدىغانلىق ئىددىئاسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە «ئاللاھ قۇرئاندا ئى مۇھەممەد، دەپ چاقىرىپ باقمىغان، شۇڭا بىزنىڭ ئاللاھ قۇرئاندا دەپ باقمىغان چاقىرىشنى دېمەسلىكىمىز لازىم» دېگەن مەنتىقىنى ئىجاد قىلىپ چىقىدۇ. دەرۋەقە، بۇ مەنتىقىنىڭ دەلىل جەھەتتىكى ئاساسسىزلىقىنى ۋە مەسىلىنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلمىغانلىقتىن دېيىلگەنلىكىنى يۇقىرىدا دەلىللەپ ئۆتۈلگەن ھەدىس قۇدسىيغا دائىر بايانلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن مەسىلە بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمەيدۇ. تەرجىمانىمىز «ئى مۇھەممەد» دېمەسلىك خۇسۇسىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىنلا «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىنىڭ تۆتىنچى نومۇرلۇق قىسمىدا يۇقىرىقى مەنتىقىگە دائىر يەنە بىر خۇسۇسنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭدا ئاللاھتائالانىڭ ھېچبىر ئايەتتە مۇئمىنلەرنى «ئى مۇئمىنلەر» دەپ خىتاب قىلغانغا ئوخشاش كاپىرلارنىمۇ «ئى كاپىرلار» دەپ باقمىغانلىقىنى، پەقەت ئىككى ئورۇندىن بىرىدە پەيغەمبەرگە: سەن كاپىرلارغا «ئى كاپىرلار» دەپ... ئېيتقىن، تەرزىدە خىتاب قىلغان بولسا، يەنە بىر ئورۇندا ئاخىرەت كۈنىدىكى بىر ۋەزىيەت بايان قىلىنغان ئايەتتە كاپىرلارغا «ئى كاپىرلار» دەپ باشلانغان تەرىقىدە خىتاب قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ ۋە بۇ خۇسۇسنى مۇنداق يورۇتىدۇ: «ئاللاھ تائالا نېمە ئۈچۈن بۇ دۇنيادا مۇسۇلمانلارغا ‹ئى ئىمان ئېيتقانلار!› دەپ نىدا قىلغاندەك، كاپىرلارغىمۇ ‹ئى كاپىرلار!› دەپ نىدا قىلمىغان؟ چۈنكى كاپىرلارنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ بىۋاسىتە نىدا ياكى چاقىرىق قىلىشىغا سالاھىيىتى توشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەقلىنى ئىشقا سالمايدىغان، نەپسى - ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان، ھەقىقەتنى ئىزدەشنى خالىمايدىغان ئەقىلسىز مەخلۇقلاردۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا ئۇلارغا بۇ دۇنيادا مۇنداق چاقىرىق قىلمىغان. ئەمما ھەقىقەتنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ۋىجدانىنىڭ ئاۋازىنى تىڭشاپ رەببىنى تونۇغان مۇئمىنلەرگە شۇنداق نىدا قىلغان»[7] .
تەرجىمانىمىز ئىلگىرى سۈرۈۋاتقىنىدەك، دەرۋەقە ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك نۇقتىدىن باشقا جايلاردا «ئى كاپىرلار» دەپ تۇرۇپ خىتاب قىلىپ باقمىغان. لېكىن بىز تەرجىمە قىلغاندا، ياكى تەپسىرلىگەندە ئۇنداق خىتاب يوق جايلارغىمۇ «ئى كاپىرلار!» دەپ تۇرۇپ خۇددى «ئى مۇھەممەد» سۆزىگە تەرجىمە قىلىشقا بولامدۇ، دېگەندە، تەرجىمانىمىزنىڭ مەنتىقىسى بويىچە ئۇنداق تەرجىمە قىلىشقا بولماسلىقى بەرھەق. چۈنكى ئۇنىڭ قائىدىسىدە «ئاللاھ ئى مۇھەممەد دەپ بىرەر ئايەتتە خىتاب قىلمىغاندىكىن تەرجىمە ۋە تەپسىردە ئى مۇھەممەد دېيىش خاتا»دۇر. ئۇنداقتا، ئاللاھ كاپىرلارنى مۇخاتىبى قىلىپ «ئى كاپىرلار» دېمىگەن ئىكەن، تەرجىمىدىمۇ بىرەر ئايەتكە مەزمۇن نۇقتىسىدىن تەپسىر بېرىپ «ئى كاپىرلار» خىتابىنى قوشۇپ قويۇشمۇ ئەلۋەتتە خاتا بولۇشى كېرەك بولىدۇ. لېكىن تەرجىمانىمىز «ئۆزگىچىلىكلەر» قىسمىدا ئىلگىرى سۈرگەن بۇ قائىدىنى تەتبىقلىغاندا بۇزىدۇ. ئۆزى دەۋاتقان قائىدىگە ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئايەتلەر ۋە تەرجىمىسىگە دىققەت قىلايلى!
1. ﴿كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمْ أَمْوَٰتًا فَأَحْيَـٰكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ٢٨﴾
«(ئى كاپىرلار!) ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر؟ جانسىز ئىدىڭلار، ئۇ سىلەرگە ھايات بەردى، كېيىن جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر». (سۈرە بەقەرە، 28 - ئايەت).
2. ﴿ذَٰلِكُمْ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلْكَـٰفِرِينَ عَذَابَ ٱلنَّارِ١٤﴾
«(ئى كاپىرلار! بۇ دۇنيادا) سىلەر (مۇشۇنداق ئازابنى) تېتىڭلار. شەكسىزكى، كاپىرلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابى بار». (سۈرە ئەنفال، 14 - ئايەت).
﴿وَمَا لَكُمْ لَا تُؤْمِنُونَ بِٱللَّهِ ۙ وَٱلرَّسُولُ يَدْعُوكُمْ لِتُؤْمِنُوا۟ بِرَبِّكُمْ وَقَدْ أَخَذَ مِيثَـٰقَكُمْ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ٨﴾
«(ئى كاپىرلار!) پەيغەمبەر سىلەرنى رەببىڭلارغا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىۋاتقان، ئاللاھ سىلەردىن چىن ئەھدە ئالغان تۇرسا، سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا ئىمان ئېيتمايسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتماقچى بولساڭلار (ئۇنىڭغا ئالدىراڭلار)». (سۈرە ھەدىد، 8 - ئايەت).
4. ﴿كَلَّا بَلْ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ٩﴾
«(ئى كاپىرلار!) ئەمەلىيەت ھەرگىز سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى سىلەر ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىۋاتىسىلەر». (سۈرە ئىنفىتار، 9 - ئايەت).
ھەيھات، ھەيھات!!! ئەمدى بۇلارنى نېمىمۇ دېگۈلۈك!؟ تەرجىمانىمىز ئايەت مەزمۇنىدىن چىقىرىشقا بولىدىغان «ئى مۇھەممەد» سۆزىنى تىرناق ئىچىگە ئېلىپ تەرجىمە قىلىنىشنى سۆكىدۇ ۋە بۇنى ئاللاھ قۇرئاندا چاقىرمىغان چاقىرىشنى قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلەيدۇ. تەنقىدلەپ يازمىلار پۈتىدۇ. ئەمما ئۆزى ئېنىق قىلىپ ئىككى ئورۇندىكى مۇستەسنالىقتىن سىرت ئومۇمەن قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ «ئى كاپىرلار!» دەپ خىتاب قىلمىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. تەتبىقلاشقا كەلگەندە بولسا، ئاللاھنىڭ خىتابى شەكلىدە «(ئى كاپىرلار)...» دەپ تۇرۇپ ئاللاھ چاقىرمىغان بىر ئۇسلۇبتا ئاللاھنىڭ تىلىدا خىتاب شەكلىدە تەرجىمە قىلىدۇ. ئالدىنقى تەرجىمىلەردىكى تىرناق ئىچىگە بېرىپ «ئى مۇھەممەد» دېيىلگەنلىكىنى تەنقىدلىگەن ۋە بۇنى ئاللاھ قۇرئاندا قىلىپ باقمىغان چاقىرىشنى قىلغانلىق ھېسابلىغان بۇ تەرجىمانىمىز، «ئى كاپىرلار» دەپ تەرجىمە قىلىش ئىشىدا يۇقىرىقى ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە ئۆزىنىڭ قائىدىسىگە ئۆزى ئەمەل قىلمايدۇ. ئاللاھ بىرەر ئايەتتە كاپىرلارنى مۇخاتەب ئالمىغان ۋە «ئى كاپىرلار» دەپ خىتاب قىلمىغان دەيدۇ - يۇ، ئايەت تەرجىمىلىرىدە ئاللاھ ئى كاپىرلار دەپ ئوچۇق ئىبارە سۈرمىگەن تۇرۇقلۇق ئۇ يەرگە «(ئى كاپىرلار)» دېگەن ئاللاھتىن كەلگەنلىكى مەلۇملۇق بىر خىتابنى تەرجىمە سۈپىتىدە كەلتۈرىدۇ. «ئى مۇھەممەد» دەپ تەرجىمە قىلىشقا كەلگەندە ئىشلەتكەن قائىدە، «ئى كاپىرلار» دەپ تەرجىمە قىلىشقا كەلگەندە ئىشلىمەي قالىدۇ. مانا بۇ ئۇچىغا چىققان تۇتامسىزلىق، تۇتۇرۇقسىزلىق، ئۆزى دەۋاتقان ئىلمىي قائىدىنى قوش ئۆلچەم ئاساسىدا چەيلىگەنلىك بولماي نېمە؟
ئون بىرىنچىدىن، شەرئىي پىرىنسىپ دەيدۇكى: «ما ثبت في السنة الصحيحة حجة كالقرآن» يەنى، سۈننەتى شەرىفتە ئىسپاتلانغان پاكىت قۇرئاندا ئىسپاتلانغان پاكىت بىلەن ئوخشاش. بىز سۈننەتى شەرىفتە ئاللاھنىڭ رەسۇلۇللاھنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ خىتاب قىلغانلىقىنى كۆردۇق. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ تالاي ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزگە «ئى مۇھەممەد» دەپ خىتاب قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيغەمبىرىمىزنى ئادەتتىكى بىرىنى چاقىرغاندەك چاقىرىش ۋە خىتاب قىلىشنىڭ يەر يۈزىدىكى بىزلەرگە قارىتىلغانلىقىنى، مۇشرىكلارنىڭ كۆزگە ئىلمىغان تەرىقىدىكى خىتاب قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، مەسىلىنىڭ چاقىرىشنىڭ ئۆزىدە ئەمەس، بەلكى چاقىرىشنىڭ خاراكتېرىدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئى مۇھەممەد دېيىشىنىڭ، شۇنداقلا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى مۇھەممەد» دېگەنلىكىنىڭ شەرئىي دەلىلى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان ئىكەن، ئايەتنىڭ تەپسىرلىرىدە، ئىزاھاتلىرىدا ئاللاھنىڭ خىتاب ۋە چاقىرىش مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلەرنى «ئى مۇھەممەد!» دەپ ئىزاھلاش تامامەن توغرا بولغان تەپسىر ھەمدە تەرجىمىدۇر. چۈنكى ئايەتنى «ئى مۇھەممەد» دەپ تەپسىرلەۋاتقان مۇپەسسىر بولسۇن، ياكى تەرجىمان بولسۇن، كونتېكستتا بۇ سۆزنى ئۆزىنىڭ چاقىرىشى سۈپىتىدە ئىشلەتمەيۋاتىدۇ، بەلكى مەزكۇر بۇيرۇق ۋە يوليورۇق مەزمۇن قىلغان ئايەتلىرىدە ئاللاھنىڭ شۇنداق خىتاب قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. ئاللاھنىڭ شۇنداق خىتاب قىلغانلىقى ئىسپاتلانغان بىر مەسىلىدە، ئىلاھىي خىتابنىڭ ئوبيېكتى بولغان رەسۇلۇللاھنى ئاللاھ «ئى مۇھەممەد» دەپ خىتاب قىلىۋاتىدۇ، دېگەن ئۇچۇرنى بېرىپ تەپسىرلەش تامامەن شەرئىي دەلىلگە ئاساسلانغان ۋە توغرا بولغان تەپسىرلەش يولىدۇر. شۇنداقلا بۇ خىل تەپسىرگە ئاساسلانغان ھالدا تەرجىمە قىلىشمۇ تامامەن توغرا ۋە شەرئىي ئاساسقا ئىگە ئىزاھات جۈملىسىدىندۇر.
ئون ئىككىنچىدىن، «ئى مۇھەممەد»، دەپ تەپسىرلەش شەرئىي ئاساسقا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە تەپسىر ئىلمى نۇقتىسىدىن سەلەف سالىھلارنىڭ تەپسىرلەش ئۇسۇلى بولۇپ، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن باشلاپ، نۇرغۇنلىغان تابىئىنلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپسىرلىگەندە «ئى مۇھەممەد»، دەپ تەپسىرلىگەنلىكى ھەققىدىكى نەقىللەر بۇنىڭ كۈچلۈك ئاساسلىرىدىندۇر. ئۆرنەك سۈپتىدە تۆۋەندىكى مىساللار بۇنىڭ دەلىلى:
1. حَدَّثَنَا أَبُو زُرْعَةَ , ثنا مِنْجَابُ بْنُ الْحَارِثِ , ثنا بِشْرُ بْنُ عُمَارَةَ , عَنْ أَبِي رَوْقٍ , عَنِ الضَّحَّاكِ , عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ , قَوْلَهُ: {قُلْ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ أَجْرًا} [الأنعام: 90] قَالَ: قُلْ لَهُمْ يَا مُحَمَّدُ: لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَى مَا أَدْعُوكُمْ إِلَيْهِ أَجْرًا[8] .
2. عن الحسن البصري -من طريق مبارك بن فضالة- قال: أنزل الله على نبيه ﷺ: ﴿فلا تكونن من الممترين﴾. قال الحسن: يقول: يا محمد، لا تكن في شكٍّ[9] .
3. حَدَّثَنَا عَلِيُّ بْنُ الْحَسَنِ، ثنا أَبُو الْجُمَاهِرِ، ثنا سَعِيدُ بْنُ بَشِيرٍ عَنْ قَتَادَةَ قَوْلُهُ: وَإِنْ تَعْجَبْ يَا مُحَمَّدٌ فَعَجَبٌ قَوْلُهُمْ[10] .
4. قَرَأْتُ عَلَى مُحَمَّدِ بْنِ الْفَضْلِ , ثنا مُحَمَّدُ بْنُ عَلِيٍّ , ثنا مُحَمَّدُ بْنُ مُزَاحِمٍ , ثنا بُكَيْرُ بْنُ مَعْرُوفٍ , عَنْ مُقَاتِلِ بْنِ حَيَّانَ , قَوْلَهُ: {يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ} [المائدة: 67] يَقُولُ يَا مُحَمَّدُ[11] .
5. أَخْبَرَنَا أَبُو يَزِيدَ الْقَرَاطِيسِيُّ , فِيمَا كَتَبَ إِلَيَّ , ثنا أَصْبَغُ بْنُ الْفَرَجِ , قَالَ: سَمِعْتُ عَبْدَ الرَّحْمَنِ بْنَ يَزِيدَ بْنِ أَسْلَمَ , يَقُولُ فِي قَوْلِ اللَّهِ: {أُولَئِكَ الَّذِينَ} [البقرة: 16] الْآيَةَ: يَا مُحَمَّدُ {فَبِهُدَاهُمُ اقْتَدِهْ} [الأنعام: 90] , وَلَا تَقْتَدِ بِهَؤُلَاءِ[12] .
يۇقىرىقى نەقلىي مەنبەلەردە ساھابىدىن باشلاپ تابىئىن ۋە تابىئۇتتابىئىينلارغىچە بولغان سەلەف سالىھلارنىڭ ئايەتلەرنى ئىزاھلاشتا، ئاللاھنىڭ خىتابىنى ئوچۇقلاش يۈزىسىدىن «ئى مۇھەممەد» دېگەن تەپسىر بىلەن ئىپادىلىگەنلىكىنى، «ئى مۇھەممەد» دەپ چاقىرىق ئىپادىسىنى ئىشلىتىشتە بىرەر مەسىلە كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. ھالبۇكى تەرجىمانىمىز بولسا، ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىۋالغان «تەفسىرى مۇيەسسەر»نىڭ تاللىشىغا ئەگىشىشتىن كېيىنكى غەيرى رەسمىي ھاياجىنىغا بېرىلىپ ھەم شەرئىي ئاساسقا ئىگە، ھەمدە سەلەف سالىھلاردىن كەلگەن تەپسىر ئەنئەنىسىنى نەزەرگە ئىلمىغان ۋە تەپسىر ۋە تەرجىمە ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن «ئى مۇھەممەد» دەپ ئىزاھلىنىشىدىغان ئەپسۇسلانغانلىقىنى، بۇنداق تەپسىرلەشنىڭ پەيغەمبەرگە ئەدەبسىزلىك، شۇنداقلا مۇشرىكلارغا ئوخشاش ئاتىغانلىق دەۋالغان.
خۇلاسىلىگەندە، تەرجىمانىمىزنىڭ «ئۆزگىچەلىكلەر» قىسمىدا كەلتۈرگەن «ئى مۇھەممەد» مەسىلىسىدە سېپى ئۆزىدىن تۇتامسىزلىق قىلغانلىقىنى، قىلچە ئىلمىيلىكى بولمىغان بىر قۇرۇق ئىدداغا ئاساسلانغانلىقىنى، يۈزەكى ۋە چەك باسمايدىغان داۋلىلار ئارقىلىق ئۆز گېپىنى گەپ ئەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. نەتىجىدە تەرجىمانىمىز ئۆزىنىڭ مەيلى مەسىلىنىڭ ئىلمىي تەرىپى بولسۇن، مەيلى دەلىل كەلتۈرۈش جەھەتتىكى كەلتۈرگەن قائىدە، زاكونلىرىدا بولسۇن، توغرا بولغان ئىلمىي مېتودتىن نەقەدەر يوقسۇزلۇقىنى، قىلالمىسىمۇ نەزەرىيە جەھەتتىن بىلىشكە تېگىشلىك ئەقەللىي ۋە ئاساسى قائىدىلەرنىمۇ توغرا تەتبىقلىيالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن بولۇپ، بىز تىلغا ئېلىپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن نۇقتىلارغا ئاساسەن تەرجىمانىمىزنىڭ مەزكۇر تۇتۇمىنىڭ شەرئىي ئىلىمغا زىت بولۇپلا قالماي، يەنە سەلەف سالىھلاردىن تارتىپ ئەنئەنىلەشكەن ئىلمى مېتودقىمۇ خىلاپ يول تۇتقانلىقىنى، ئاتايىن تېرىپ - تۆشەپ ئەكەلگەن دەلىل ۋە داۋلىلىرىنىڭ، زاكون ۋە ئاساسلىرىنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى، «ئۆزگىچىلىك»، «مېتود» دەۋاتقان بۇ ئىددىئالىرىنىڭ «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزنى قارىغۇ قىلىش» ۋە «تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش»تىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋلالايمىز.
نەقىل مەنبەلىرى:
[1] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشىرى، 642 - بەت.
[2] تېما ئۇلانمىسى: https://dinhayat.com/maqale-4e3715ca716bb2f6362e
[3] تېما ئۇلانمىسى: https://www.facebook.com/story.php?story_fbid=5069553119742177&id=100000626182017&mibextid=Nif5oz
[4] أخرجه الترمذي (3235). وصححه الألباني في صحيح الترمذي أيضا.
[5] أخرجه أحمد (7160). وقال أحمد شاكر: إسناده صحيح. وقال الألباني في السلسلة الصحيحة: إسناده صحيح على شرط مسلم.
[6] أخرجه الترمذي (3578)، وصححه الألباني في صحيح الجامع.
[7] مۇھەممەد يۈسۈپ، قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، ئىككىنچى نەشىرى، 642 - بەت.
[8] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، . مكتبة نزار مصطفى الباز، ط1. مكة مكرمة-رباض، 4/1340.
[9] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، . مكتبة نزار مصطفى الباز، ط1. مكة مكرمة-رباض، 4/1374.
[10] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، . مكتبة نزار مصطفى الباز، ط1. مكة مكرمة-رباض، 7/2221.
[11] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، . مكتبة نزار مصطفى الباز، ط1. مكة مكرمة-رباض، 4/1172.
[12] ابن أبي حاتم: تفسير القرآن العظيم لابن أبي حاتم، . مكتبة نزار مصطفى الباز، ط1. مكة مكرمة-رباض، 4/1340.
Yorumlar
Yorum Gönder