قۇرۇپ كەتكۈر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىقى (1)

 قۇرۇپ كەتكۈر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىقى (1)

1
سوراقلاش ئەقىلگە خاس خاراكتېرنىڭ ئىپادىسى. تىلىمىزدا ھېساب - كىتاب قىلىش دەيدىغان ئۇقۇم بار. ھېساب كۆك - يىلتىز مەنىسى ئېتىبارى بىلەن ساناش، سانىنى ئېلىش، پايدا ۋە زىيان ئارىسىنى ئىستاتىستىكىلاش قاتارلىق مەنىلەرگە ئىگە. كىتاب بولسا پۈتۈش، رەت - رېتىگە ئېلىپ تىزىش، بىر – بىرىگە تەرتىپلىك چېتىش مەنىلىرىگە ئىگە. ھېساب - كىتاب سۆزىنى ئەسلىدىكى كۆك مەنىلىرىگە باغلىغان ۋاقىتتا، ئوتتۇرىغا چىقىدىغىنى نېمىدە زىيان تارتىپ، نېمىدە پايدا ئالغانلىقنى كونكرېتلاشتۇرۇش، ئېنىقلاش ۋە بۇنى خاتىرىلەپ قويۇش، يەنى چىققان نەتىجىنى پۈتۈپ قويۇش قاتارلىق مەنىلەر تېزىسى بولىدۇ.
پايدا - زىيان ھېسابلانغان چاغدا قىلغان ئەمگەكنىڭ، سىڭدۈرگەن ئەجىر - مېھنەتنىڭ دەرىجىسى ئېنىق بولىدۇ. تارتقان جاپانىڭ ھالاۋەت ياكى ھالاكەتكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئالدىن دەڭسەش قولايلىشىدۇ. ھېسابنى كىتاب قىلىپ پۈتۈش بىلەن بىرلەشتۈرگەن ۋاقىتتا، سەرپ قىلىنغان ئەمگەك ۋە تىرىشچانلىقلارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىجابىي، قايسى دەرىجىدە سەلبىي نەتىجە ئېلىپ كەلگەنلىكى كۈندۈزدەك يورۇق، تۇلۇن ئايلىق كېچىدەك ئايدىڭ بولىدۇ، ئەستىن كۆتۈرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى يوقايدۇ، ئۇنتۇلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن پايدىنىڭ ئىزچىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قولايلىشىدۇ، زىياننىڭ قايتىلىنىشىنىڭ، سەلبىي نەتىجىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ ياكى كەلگۈسى بوھران ئالدىن مۆلچەرلىنىپ تەدبىر قىلىشقا ئۈندەك بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ «زىياننىڭ نەرىدىن قايتساڭ ساڭا پايدا» دېگەن ئەقلىيە سۆزىدە كەلگىنىدەك ھەر تەرەپلىمە ئالدىن تەدبىر ئېلىش، تارتىۋاتقان زىياننى پەرق ئېتىپ ئۈزۈل - كېسىل زىياندىن ساقلىنىش، ئۈنۈم ۋە پايدا يارىتىش، ھېلىدىن، ساختىلىقتىن ۋە نامەردلىكتىن خالىي بولغان تەبىئىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەلىيلىشىدۇ.
مۇستەملىكە ئاستىدا ئۆتكەن بىر پۈتۈن كەچمىشىمىزگە قارايدىغان بولساق، قىلالايدىغانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە قىلغانلىرىمىزنىڭ ئاز بولۇشى، قىلغانلىرىمىزنىڭ ئىچىدە بولسا، ئالغان ئۈنۈم - ھاسىلاتلىرىمىزنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ھەتتا ئالمىغان – بەرمىگەن تەرزدىمۇ نىسبەتلەشتۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئارقىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇشىدەك ئاچچىق بىر تىراگېدىيەنىڭ بىزگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى تەن ئالماي تۇرالمايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق بىر خۇلاسىگە كېلىشىمىز ئارقىسىدا سەمىمىي ھالدا ئۆز – ئۆزىمىزگە دادىل بولالماسلىق، مەسىلىلەرنى تەنقىدىي نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆرەلمەسلىك، ئىچكى ھېساب – كىتاب قىلىشقا سەل قاراش، ھەر باسقۇچتا بىر سىلكىنىپ تۇرۇپ باشتىن ئۆتكۈزگەنلىرىمىزنىڭ ھېساب – كىتابىنى چىقىرىپ تۇرماسلىق، قەيەردە كەمچىللىك سادىر قىلىپ، قەيەردە كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقانلىقىمىزنىڭ، قەيەردە چەكتىن ئاشۇرۇپ، قەيەردە ھەددىمىزنى بىلەلمەي قېلىۋاتقانلىقىمىزنىڭ ھېساب - كىتابىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا قىلىپ، باش - ئاخىرىنى بوغۇپ، ئىبرەت - ساۋاقلىرىنى چىقىرىپ، پىلان - پىروجەلەردە مەزكۇر ساۋاق - ئىبرەتلەرنى دىققەتكە ئالغان ھالدا ئەستايىدىللىق بىلەن قەدەم ئېلىشتەك ئەقەللى مەسئۇلىيەتنى ئورۇنداشقا سەل قاراش قاتارلىق ئەجەللىك بىخۇدلۇقلارنىڭ، يول قويۇشقا بولمايدىغان سەۋەنلىك - خاتالىقلارنىڭ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىمىز. مۇھىمى سىياسىي كۈلتۈرىمىزدە، ئىچكى ھېساب – كىتابلارغا سەل قاراش خاھىشلىرىنىڭ، قانداقتۇر «غەيرىي كۈلتۈر» تۈسىگە، بىمەنىلەشكەن ئادەت – ئەنئەنە ھالىتىگە كېلىپ قېلىشىنىڭ ۋابالىنىڭ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشىمىز مۇھىملىق نۇقتىسىدىن ھەمىشە ئۆزىنىڭ زۆرۈرىيەت جەھەتتىكى ئاۋۋاللىق دەرىجىسىنى ساقلاپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. ئەگەر بۇنىڭغا ئۆرنەك كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، ئىككىلەنمەي يىللاردىن سىياسىي غايىنى ئىزچىل بويۇنتۇرۇق ئاستىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇق مەسىلىسى» دەۋاچىلىقىنى مۇستەقىللىق يولىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش، قەدەم ئېلىشتا ھەرقاچان بۇنى ئاۋۋاللىق دەرىجىسىگە تىزىۋېلىش ھادىسىسىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
2
يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە تەۋرەنمەي كېلىۋاتقانلىقى بىلەن بىلىنگەن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىھ خۇدايار ئېكران سۆھبەتلىرىدىن بىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيىتى ۋە ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق بىر سۆزنى قىلدى: «ھەق گەپ قىلمىساق بولمايدۇ، بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خەلقئارالاشتى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مەسىلىسى خەلقئارالاشمىدى». سالىھ يەنە ئۆزى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ كۈنتەرتىپكە تىزغان مۇھىم پىلانلىرىنىڭ بىرىنىڭ مەزكۇر مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.
توغرىسىنى ئېيتقاندا، يۇقىرىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى پەقەتلا بىر تەشكىلىي قۇرۇمنىڭ مەنسۇبىنىڭ كۆز قارىشى دەپلا قارىماستىن، خەلقئارا سەھنىلەردە مۇستەقىللىق دەۋاسىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ سىياسىي قاناتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىمىزگە قويغان دىياگنوزى دەپ قارىساق، بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈش پەقەتلا ۋەزىيىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى سىياسىي ئورنىنىڭ قايسى ھالدا ئىكەنلىكىدىنلا خەۋەر بېرىپ قالمايدۇ. بەلكى بۇ ئاز كەم يەتتە يىل مابەينىدە سەرپ قىلغان ئومۇم ئېنىرگىيەمىزنىڭ نېمىگە يارىغانلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىمۇ ئېتىراپقا ئېرىشتۈرىدۇ. ئەگەر بىز مەزكۇر مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى رېئاللىق دەپ قارىساق، بۇ بىزگە بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمىزنىڭ بەرىدە نۆل بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى، بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق دەۋاسىنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» رامكىسى ئاستىغا ئېلىپ بازارغا سېلىشتەك سىياسىي ئازغۇنلۇق تەرغىباتىنىڭ مېۋىسى ئىكەنلىكىدەك يەنە بىر رېئاللىقنى تەن ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى» مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالاشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۆز نۆۋىتىدە مۇستەملىكە ئاستىدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ شىددەتلىك يۈزى ئېچىلغان ئاز كەم يەتتە يىل مابەينىدە دۇنياغا مۇستەقىللىق دەپ كۆرۈنمەسلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئورنىغا مەجازغا جورىغىلى بولىدىغان ئازادلىق ئىپادىسىنى قوللىنىپ تۇرۇپ كۆرۈنۈش، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنىڭ يەھۇدىيلار باشتىن كەچۈرگەن ھولوكوست قىرغىنچىلىقىدەك ئەنسىرىگىدەك ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەش، يەنە كېلىپ بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ئاستىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق بولماستىن، قانداقتۇر بىر ئىرقنىڭ ئۆز تېررىتورىيەسى ئاستىدىكى يەنە بىر ئىرققا ئېلىپ بېرىۋاتقىنىدەك ھاكىم مىللەتنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ئايرىمچىلىق قىلىش تۈسىدىكى مىللىي كەمسىتىش ۋە مەدەنىيەت ۋەيرانچىلىقى، مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەۋە خەلققە ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسى قىلىۋاتقان پۇقرالىرىغا قارىتا تەڭسىز مۇئامىلە قىلىپ زۇلۇم سېلىشى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى مەسىلىسى ئىكەنلىكىدەك مۇناپىقانە پىروپاگاندالىرى ئارقىلىق ۋەتەن سىرتىدىكى سىياسىي دەۋا يۆنىلىشىنى تۈگەل ھەق – ھوقۇق مەسىلىسى رامكىسىدا سىقىپ تۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپە قىلغان سىياسىي ئانسامبىللارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ زالالەت تۇغىنى ئاتالمىش ئايدىڭلاتقۇچى مەشئەل سىياقى بىلەن بوياپ ئېگىز كۆتۈرۈپ مېڭىۋاتقان شالغۇت زېھنىيەت تائىپىلىرىنىڭ ئۇتۇقى ئىكەنلىكىنىمۇ تەن ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمىسىمۇ، رېئاللىق مەزكۇر مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ توغرا دىياگنوز ئىكەنلىكىنى تەستىقلاپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى ھېلىھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا كۆرۈۋاتقان زۇلۇم – سىتەملىرى، ھولوكوستتىن بەتتەر، ئەمما پەرقلىق ۋە يوشۇرۇن تۈستە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇسىبىتى داۋاملىشىپ تۇرۇپتۇ. جازا لاگېرى ئاتلىق قىرغىنچىلىق فابرىكىسى نەشر يېڭىلاپ، يەنىمۇ سىستېمىلىق، يەنىمۇ مەخپىيلەشكەن، كۆپەيگەن ۋە ياۋۇزلۇقتا دەرىجە ئاتلىغان ھالىتى بىلەن خىزمەت فۇنكسىيەسىنى يۇقىرى سۈرئەتكە ئېلىپ چىقىپ توختاۋسىز داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇپتۇ. خەلقئارا جەمئىيەتتە بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە تارىخىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ شىددەتلىك قىرغىنچىلىق دەۋرى ئاتالمىش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئاتالمىش ئۇيغۇر رايونى مەسىلىسى، شىنجاڭ مەسىلىسى قاتارلىق مەسخىرىلىك قالپاقلىرى بىلەن زەرەتلەندۈرۈلگەن، رامكىلانغان، ھەتتا ماركىلانغان ھالىتى بىلەن خەلقئارالاشقان بىر ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ. دەرۋەقە بۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىر تۈرلۈك ئەھمىيەتسىزلەشتۈرۈش، زۇلۇمنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەشتۈرۈپ قازناققا بەند قىلىش، ئېچىنارلىق ھالدا مۇستەملىكە ئاستىدا پىلانلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، ئىنسان قىلىپىدىن چىققان مۇستەملىكىچىلىك جىنايەتلىرىنىڭ يېگانە چىقىش يولىنى ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى رامكىسىغا سېلىپ تۇرۇپ پۇت – قولىنى چۈشەكەشنىڭ ئەمەلىي غەلىبىسى بولماي نېمە؟
3
كارۋاننىڭ مەنزىلگە يېتىشىنى خالىمىساڭ، يولىنى بۇرۇۋەت، بۇرالمىساڭ يولىنى ئۇزارت. ئۇزارتالمىساڭ، كاشىلا پەيدا قىلىپ ئاستىلات. ئۇنىڭ غەلىبىسىنى كېچىكتۈرۈشۈڭ، سېنىڭ پۇرسەت تېپىپ بابلىشىڭ ئۈچۈن ۋاقىت ئۇتۇشتۇر. چۈنكى، كارۋاننى مۈشكىلاتلارغا بەند قىلىپ تاشلاشتىكى مەقسەت كارۋاننى توختىتىش ئەمەس. بەلكى كارۋاننى كارۋانلىقتىن چىقىرىش ۋە ئەسلا مەنزىلگە يەتكۈزمەسلىكتۇر. مانا بۇ مەنتىقە قاچانكى مۇستەقىللىق يولىغا بىرەر كارۋان يەڭ تۈرسە ئۇنىڭ توزۇپ تۈگىشىنىڭ، توزىمىغان تەقدىردە قەدەم ئالغان يولىدا ئىزچىل ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ تۈپكى مەنتىقىسى بولۇپ كەلدى. بىز بۇ خىل مەنتىقىنىڭ دەۋا مۇساپىسىدە تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن كۆزگە چىلىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. ئالايلۇق، مىللەتنىڭ كەلگۈسى مۇستەقىللىق پۇرسىتىنى بۈگۈنكى ئەۋلادنىڭ جەسىتىمۇ توپىغا ئايلىنىپ كېتىدىغان بىر زامانلارغا، كەلگۈسى ئۇزاق يىللارغا سۈرۈۋېتىش بىلەن پەپىلەپ كېلىۋاتقان سىياسىي «ئەقىلدار»لارنىڭ مىللەتكە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى قىلىپ سۇنۇلۇشىدىن تارتىپ ئاۋۋال ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى تولۇق قولغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئاندىن مۇستەقىللىق ئېلىش «تاكتىكىلىرى»نىڭ بازارلىق قىلىنىشىغىچە؛ ئالدى بىلەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ، كېيىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئىددىئالىرىغىچە؛ ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ ب د ت دا كۈچكە ئىگە بولسا، ئاندىن مۇستەقىللىق گېپىنى چىقىرىش لازىملىقىدەك قارا كومېدىيە تەشۋىقاتىغىچە؛ ئاۋال زۇلۇم كۆرۈۋاتقان خەلقنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ ئاندىن مۇستەقىللىق گېپىنى چىقارسا يارىشىدىغانلىق تەشەببۇسلىرىغىچە؛ ئاۋۋال لاگېرلارنى تاقاتقۇزۇپ خىتاينىڭ بۇرۇنقى «يۇمشاق» سىياسىتىگە قايتىشقا بېسىم يارىتىپ، ئاندىن مۇستەقىللىق گېپىنى قىلىشنىڭ «ئاقىلانە»لىقىنى بازارغا سېلىشقىچە؛ ئاۋۋال خىتاينى دېموكراتلاشتۇرۇپ ئاندىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش تەشەببۇسىنىڭ داھىيانە يول ئىكەنلىكىنى مودا قىلىشقىچە؛ توغرىسىنى ئېيتقاندا، مۇستەبىت خىتاينىڭ پۇقراسى بولۇشتىن دېموكراتىك خىتاينىڭ يالاقچىسى بولۇشنى ئەلا كۆرۈشكە چاقىرىشقىچە، قايمۇقتۇرۇش ۋە سىياسىي خىيانەتنىڭ يۇقىرى چېكى بولغان مىللەتنى ئىندىجىنىس پىپول كاتېگورىيەسىدە يەر ئالدۇرۇپ، ئالدى بىلەن مىللەتنىڭ ئاتالمىش «يەرلىكلىكى»نى خەلقئاراغا بىلدۈرۈشنى، يەنى مىللەتنىڭ تەقدىرىنى خالتا كوچىغا سولاپ تۇنجۇقتۇرۇش قىلمىشىنى بۇ خەلققە، يەنە كېلىپ ئۆز تۇپرىقى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنىڭ بەرپاچىسى ۋە خوجىسى بولغان بىر مىللەتكە يۇتقۇزۇش ئۇرۇنۇشلىرىدىن، ئىچ - ئىچىدىن پارتلاش دەرىجىسىدە زالىمغا بولغان ئۆچمەنلىك ۋە نەپرىتىنى ھېچبىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا تۆكەلمەس قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغان سۈنئىي كۈن تەرتىپلەر ۋە سۈنئىي دەۋاچىلىق ئاتموسفېرالىرىنى ياساپ تەشۋىق قىلىشقىچە بولغان جىمى سىياسىي ئېزىتقۇلۇقلارنىڭ ئومۇم خاراكتېرى ۋە زېھنىيىتىدە ياتقان مەنتىقە، دەل يۇقىرىقىدەك كۈچى يەتسە يولىنى توسۇش، قىلالمىغاندا يولىنى بۇرۇۋېتىش، ئۇزارتىۋېتىش ياكى قايمۇقتۇرۇپ سۈنئىي توسالغۇلار بىلەن ھەپىلىشىدىغان قىلىپ قويۇپ ھالسىرىتىش ۋە گاڭگىرىتىىپ نائۈمىد قويۇش تاكتىكىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشلىرىدىن دېيىشكە بولىدۇ. مانا بۇ ئېزىتقۇ مەنتىقىنىڭ ئەمەلىي پائالىيەت مەركىزىدە ئورۇن تۇتقان سىمۋول ھەرىكەت بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت ياكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولماستىن، بەلكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» ۋە ئۇنىڭ پىروپاگاندالىرىدۇر. مۇستەملىكە سىياسىتىنىڭ ئەڭ ياۋۇز يۈزى بولغان قىرغىنچىلىق ۋە سۈمۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە نە تەشبىھ، نە مەنتىقە جەھەتتىن ئۇدۇل كەلمەيدىغان، مۇستەقىللىقنى ھەرقاچان ھەرىكەت مەركىزىنىڭ سىرتىغا ئىتتىرىش تىپىدىكى «ئاۋۋال بۇنى قىلىۋېلىپ، ئاندىن ئاۋۇنىڭغا ئۆتۈش»، «ئاۋۋال ئۆتنى ئۆچۈرۈپ ئاندىن ئوتنى قويغۇچىنى ئېنىقلاپ گۇناھ ئارتىش» خۇسۇسلىرىنى ئۇرغۇلاشلار ۋە بۇ خىل ئېزىتقۇ مەنتىقىنى ئاساس قىلغان پىروپاگاندالار قاچان ۋە قەيەردە كۆرۈلسە، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن كۆرىمىزكى، ئۇ يەر ھەر زامان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش يولىنىڭ توسۇلۇشىغا، بۇرۇۋېتىلىشى ۋە پۇت – قولىنىڭ چۈشەكىشى كۈتۈلگەن بىر ئاتموسفېرانىڭ يارىتىلىشىغا خىزمەت قىلىۋاتقان، شۇنداق بولۇشى ئارزۇلىنىۋاتقان ھەمدە مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى سەپنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇش پىروجىلىرىنىڭ ئەمەللىشىشىگە يول ھازىرلاپ بېرىۋاتقان سىياسىي تىياتىر مەيدانى بولۇپ كېلىۋاتقان بولىدۇ ۋە شۇنداق بولۇپ كەلمەكتە.
4
«ئىنسان ھەقلىرى»، «كىشىلىك ھەق – ھوقۇق» مەسىلىلىرىدە قوغدىغۇچىلىق رولىنى ئۆتەشكە قۇرۇلغان خەلقئارالىق ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەرنى غەربتە گويا مەسىھكە، شەرقتە گويا مەھدىگە ئوخشاش قۇتقازغۇچى قۇدرەتلىك كۈچ قاتارىدا قارىۋېلىشنىڭ كۈنىمىز ئۈچۈن سىياسىي قارىغۇلۇق بولىدىغانلىقى نۆۋەتتە ئىزاھلاشقا ھاجىتى قالمىغۇدەك ئوچۇق مەسىلە بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ، پەلەستىن – ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي نومۇسسىزلىقلار، ئىسانىي ئەخلاق ۋە سىياسىي قانۇن – قائىدىلەر ئۇنىڭ ھىمايىچىلىرى قولىدا پايخان قىلىنىۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەر بۇنى ھەر كۈن يېڭى - يېڭى ئىسپاتلار بىلەن قاتمۇقات دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇپتۇ. دەرۋەقە، مەزكۇر ئورگانلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ 60 - يىللاردىكى ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقاندەك چوڭ بىلىشلەر، كۈچىنى چوڭ كۆرسىتىپ سىياسىي كىرىزىسنىڭ يېگانە يېشىمى قانداقتۇر شۇلارنىڭلا ئېتىراپىغا قاراشلىقتەك، شۇلارنىڭلا ئورتاق ئاۋاز چىقىرىشىغا باغلىقتەك كۆرسىتىشلەر، باشقا چىقىش يوللىرىنى دىققەتكە ئالماستىن، شۇلارنىڭلا مەجلىسىدىن چىقىدىغان قارارغا كۈچەشتىن باشقىسى بىكاردەك كۆرسىتىشلەر بارغانچە مودىسى تۈگىگەن ماتاغا، قايتا - قايتا قويۇلۇپ قىزىقى قالمىغان سەھنە نومۇرلىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقى يەرشارىلاشقان ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالغان بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر سەھنە نومۇرلىرى پەقەت بىزدىلا بازارلىقلاشتۇرۇلۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتسا كېرەك. بۇ خىل سىياسىي قارىغۇلۇقنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ زىيىنى بولسا، ئۆزىنىڭ كۈچىنى، ۋەكىللىكى خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تۆۋەن كۆرۈش، ھەممە تۈنۈگۈننىڭ شۇلار ئىچىدىن شەكىللەندۈرۈپ چىقىش كېرەك بولغان يۇمشاق ۋە قاتتىق كۈچ مەنبەلىرىنى قېزىپ ئۆز ئىچىدىن سېپىل بولۇپ مۇستەملىكىچىگە قارشى ھېچبىر سۈلھى - سالاچى كۈچنىڭ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلمايدىغان قەتئىي نىيەتلىك ئىنقىلابىي قوشۇن بەرپا قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەسلىك قاتارلىقلارغا يول ئاچتى. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچسىزلىك، ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىلىرىگە سىرتقى كۈچكە تېۋىنمەي تۇرۇپ تازا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتەك ئىرادە سۇسلۇقى، روھىي تېۋىنىش، يۆلەنچۈكسىراش باش كۆتۈردى. سىياسىي ئېقىندا مەيدانغا كەلگەن ۋە ۋابا مىسالى تارقىلىپ مېڭىۋاتقان بۇ ناچار ئىللەتلەر بارا - بارا سىياسىي غايىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن قىممەت قاراش ۋە پىرىنسىپلارنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ بۇرمىلىيالايدىغان، راك ھۈجەيرىلىرى مىسالى سىڭىپ كىرىپ سىياسەتچىلىكنى بىر تۈرلۈك خامىلىيونلۇققا، مۇتلەق پىراگماتىزمنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلاندۇرۇش ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، سىياسەتچىلىكتە ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىقى» مودېلىنى مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ئۆزىدەك ياكى بىر قىسمىدەك ۋەياكى شۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندىكى ھەرىكەتتەك تىزىۋېلىشلار، بولۇپمۇ، بۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىلچى گۇرۇپپىلار بولۇشتەك ئەقەللىي شەرتنى ھازىرلىمىغان شالغۇت تىپلار بولغانلىقى خەلقنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇستەقىللىققا ئېلىپ بارىدىغان مەنزىلگە يېتىشنى ئۇزارتىش ياكى توسقۇن بولۇش، گاڭگىرىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىسە، بۇنىڭ خېرىدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان سىياسىي ئېزىتقۇلار ھە دېگەندە مىللىي ئىرادىنىڭ رېئاللىقتا ئەكس ئەتكەن ھالىتى بىلەن كۆرۈنۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىن، سىياسىي غايىلەر ئۈچۈن كېتەرلىك تەييارلىق ۋە كۈچ مەنبەلىرىنى شەكىللەندۈرۈش يولىنى ئېتىشتىن، مەۋجۇت كۈچ مەنبەلىرىنى بولسا، «كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق كوزۇپقا سۆرەلدۈرۈپ نەغمە – ناۋالىق دەۋا ئاڭلىتىش كومپانىيەلىرى ئارقىلىق خورىتىپ كاردىن چىقىرىشتىن باشقىغا يارىماي كەلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھېلىقىدەك «ئاۋۋال مانى ئېتىراپ قىلدۇرۇپ ئاندىن ئاۋۇنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش»، «ئاۋۋال لاگېرنى تاقاپ ئاندىن مۇستەقىللىق دەپ توۋلاش»، «ئاۋۋال ئازادلىق دەپ كىشىلىك ھوقۇق ھامىيچىلىرىنىڭ خەلقئارادىكى بېسىم كۈچىنى ئىشقا سېلىپ كومپارتىيەنىڭ سىياسىتىنى بوشىتىۋېلىپ ئاندىن مۇستەقىللىق دېيىش، ئاڭغىچە بەك دېگۈمىز كېلىپ كەتسە مۇستەقىللىق دېمەي ئازادلىق دەپ تۇرۇش، ۋەتەندىكى جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى يەھۇدىيلارنىڭ قىرغىنچىلىقىدەك ئۇنچە ئېغىر بولمىغاندىكىن سەل بوشراق چوڭ سۆزلەش، بىزنىڭ ۋەزىيىتىمىزنى خەلقئارا قانۇنغا سېلىپ جىنايەت بېكىتكىلى بولىدىغان ئەڭ ئېغىر جىنايەت تامغىسىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئىكەنلىكى قاتارلىق جىمىي ۋالاقشىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىي ئىرادىنى بۇلغاش، سىياسىي غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىش، خەلقنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى نىجىسلىققا تولغان ساتقۇنلۇق گەندىلىرى بىلەن كۆمۈپ تاشلاش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىمۇ نەتىجىدە سىياسىي ئاتموسفېرامىزدا ئانچە دىققەت تارتماس، شۇنچىكى پىكىر ئوخشاشماسلىقىدەك، ئورتاق غايە ئۈچۈن پەرقلىق مېڭىشقا بولىدىغان ئۇسلۇبتەك كۆرۈلۈپ ئاقىۋىتى دىققەتكە ئېلىنماس، سىياسىي تەقدىرىمىزنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ياغاچ تىقىلىۋاتقانلىقى بارغانچە ئەقىللەردە سوراقلانماس ھالغا كېلىپ قالدى.

-بۇرھان مۇھەممەد
2023-11-24




Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»