قۇرۇپ كەتكۈر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىقى (2)
قۇرۇپ كەتكۈر كىشىلىك ھوقۇق دەۋاچىلىقى (2)
5
«مۇئمىن مۇئمىننىڭ ئەينىكى دۇر» دەپ كۆرسىتىدۇ رەسۇل ئەكرەم ئەلەيھىسسالام. مەزكۇر ھەدىس ھەممىگە مەلۇملۇق بولۇپ، كۆپىنچە ئەھۋالدا باشقىلارغا ئەينەك بولۇش، تۈزەتكۈچى بولۇش، يەنى ئۇنىڭ ئەيىب – نۇقسانلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان سۈپەت ئەھلى بولۇش قاتارلىق مەنىلىرى بىلەن مەشھۇر. ھالبۇكى بۇ ھەدىسنىڭ ياققال قاراشتا كۆزگە چېلىقىدىغان مەنىلىرىدىن بىرى. ئەمەلىيەتتە، دۇردانە سۆزلەر ئاتا قىلىنغان، ھېكمەتنىڭ ئەڭ ئىنچىكە جەۋھەرلىرىنى بايان قىلىش قابىلىيىتى بېرىلگەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ھېكمەتلىك سۆزى پەقەتلا يۇقىرىقى بىرلا قاتلاملىق مەنە بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس. ھەدىس ئۆزگىنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى، كېتىۋاتقان خاتا قەدەملىرىنى تۈزلەپ بېرىش كېرەكلىكتەك بىر مەنىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئەيىب - نۇقسانلىرىنى كۆرمىگەن كىشى ئۈچۈن مۇئمىنلىك ۋەسىپلىرىنى جارى قىلدۇرغان ئىككىنچى بىر ئىدېئال كىشىلىكنى ئۆزىگە ئەينەك قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆرۈپ يېتىشتە يەنە بىر مۇئمىن قېرىندىشىنى ئەينەك ئورنىدا كۆرۈپ ئۆرنەك ئېلىشنى، ئاشۇ ئەينەككە قاراپ ئۆزىدە كۆرەلمىگەن، بايقىيالمىغان، سەل قارىغان ۋە كەتكۈزۈپ قويغان جايلىرىنى، ماددىي ۋە مەنىۋى ئىللەتلىرىنى تۈزىۋېلىش، غەپلىتىدىن ئويغىنىشقا تۈرتكە، ئۈندەك قىلىشقا ئوخشاش ئالىيجانابلىق مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ مەنىدىن بىر مۇئمىن يەنە بىر مۇئمىن ئۈچۈن ئەينەك، يەنى خاتاسىنى كۆرسىتىپ قويغۇچى تۈزەتكارلىق رولىنى ئۆتەپلا قالماي، قېرىندىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىدىن، ئىش - ھەرىكەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشىغا ياردەمچى بولىدىغان ئىدېئال ئەينەك بولۇشقا تىرىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەنىسىگىمۇ ئىگە. دېمەك، ھەربىر مۇئمىن بىرلا ئاندا ھەم تۈزەتكۈچى ئەينەك، ھەم ئۆزىنى تۈزەش ئۈچۈن ئۆزگىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆزىگە ئەينەك قىلغۇچى ئالىيجاناب كىشىدۇر. بۇ ئارقىلىق كىشى ئۆزىنى تۈزىگۈچى ۋە ئۆزگىنى تۈزىگۈچى ۋە قارشىسىدىكى مۇئمىننىڭ ئۆرنەكلىك تەرەپلىرىدىن، ئىدېئال خىسلەتلىرىدىن روھ ئالغۇچى، قۇۋۋەت ئالغۇچىدۇر. بۇنداق بولغاندا، ھەر مۇئمىن ئۆزىدە كۆرۈپ يېتەلمىگەن تەرەپلەرنى ئىككىنچى بىر مۇئمىن كىشىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئەيىب ئىزدىگۈچىسى سۈپىتىدە قارىماستىن، ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئۆرنەكلىك تەرەپلىرىدىن ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. ناچار خىسلەتلىرى كۆزىگە چېلىققاندا بولسا، ئۆزىدە بار بولغان خىسلەتنى توغرا ئۇسۇلدا جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق قارشىسىدىكى قېرىندىشىنى توغرا يولدىكى سەپدىشى قىلىۋېلىش كويىغا چۈشىدۇ. ئۆرنەك ئالىدىغان تەرەپلىرى كۆرۈلسە، كىبىر ۋە مەغرۇرلۇقنى تاشلاپ ئۇنىڭدىكى ئۆرنەك خىسلەتلەرگە قاراپ ئۆزىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ. يەنى ئىمانلىق كىشى بولۇش نوقۇل تۈزەتكۈچىلا ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ ئىش – ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيىتىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تۈزەيدىغان ئەينىكى قىلىشنى بىلگۈچى ئاڭلىق كىشىدۇر. خۇددى شۇنىڭدەك مۇئمىن توپلۇممۇ يەنە بىر مۇئمىن توپلۇم بىلەن ئەينەكداشلىق مۇناسىۋەتتىدۇر. ناۋادا بىز يۇقىرىقى ئەينەك ھەدىسىنى «مۇئمىنلەرنى بىر – بىرىنى چىڭىتىپ تۇرىدىغان مۇستەھكەم سېلىنغان بىناغا» ئوخشىتىلغان ھەدىس بىلەن بىرلىكتە چۈشىنىپ ئوقۇساق، بۇ ئۈگۈتلەر بىزگە كىشىنىڭ ئۆزىدە كۆرەلمىگەننى يەنە بىرىدە كۆرۈپ يېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشقا، قىلالمىدىم، ئېتەلمىدىم دېگەنگە ئوخشاش پاسسىپلىققا خاتىمە بېرىپ، قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشكە، مۇئمىن قېرىندىشىنىڭ قىلالىغانلىق ئەھۋالىدىن روھ ئېلىپ، كۈچ ئېلىپ ئۆزىنى رۇسلىشىغا، ئۆزىدە تېپىلمىغان روھنى ئەقىدىداش، دىنداش ۋە قىسمەتداش قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئۆزگىنى ئىسلاھ قىلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىسلاھ بولۇشىنى، ئۆزىنىڭمۇ يەنە بىر مۇئمىن كىشى تەرىپىدىن ئۆرنەك ئېلىنىدىغان ئۈلگىلىك ئىنسانغا ئايلىنىشقا،ئۆز توپلىمىنىڭمۇ ئۈلگىلىك توپلۇمغا ئايلىنىشىغا ھەسسە قوشىدىغان ۋە ئۆزى روھ ئالغاندەك، باشقىلارمۇ ئۆزىدىن روھ ئالىدىغان ئەينەككە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلىم بېرىدۇ.
6
«ئى غەززە، رەھمەت ساڭا! سەن بىزگە بۈگۈن مۇستەھكەم ئىرادىنىڭ نېمىلەرگە قادىر ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتىڭ. مەسىلىنىڭ ئىمكانىيەتلەرگە باغلىق ئەمەسلىكىنى، ئىشنىڭ ئەسلىنىڭ ئىرادىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئۆگەتتىڭ. ئىرادە تىكلەنگەندە مۆجىزىلەرنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىقىدىن تەلىم بەردىڭ. قەسەمكى، سەن بۇ زامان ئۈچۈن مۆجىزە بولدۇڭ... رەھمەت ساڭا غەززە! سەن بىزگە بۇ دۇنيانىڭ ئورمانغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى، بۇ ئورماندا پەقەت «كۈچ»كىلا ھۆرمەت بىلدۈرۈلىدىغانلىقىدىن تەلىم بەردىڭ. مۇستەملىكىچىلەرنى گەدىنىڭگە مىنىۋالغان نە «خەۋپسىزلىك كېڭىشى»، نە «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»، نە «ئىنسان ھەقلىرى» قۇرۇلۇشلىرى توختىتالمىغانىدى. نەتىجىدە ئۇلارنى توختاتقىنى يەلكەڭدە تۇرغۇزۇپ نىشانغا ئاتىدىغان «Yasin (RPG) » ناملىق قورال بولدى».
پەلەستىنلىك سىياسىي ئەدىبلەردىن ئەدھەم شەرقاۋىي يازغان يۇقىرىقى قۇرلار مۇستەملىكىگە قارشى ھەرىكەتنىڭ ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بۈگۈنكى دۇنيا ۋەزىيىتىدە مۇستەملىكىچىنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىنى نوقۇل مەنپەئەتىگە كەلمىگەنلىكى ئۈچۈنلا ئاڭلىماسقا سېلىۋاتقان دۇنيا ئۈچۈن ھەققانىي سۆزنى، زۇلۇمغا قارشى ئورتاق سادانى ئاڭلىتىشنىڭ يولىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، دەۋاسىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر قېلىشنىڭ چارىسىنىڭ ئېغىزدا ئەمەس، دۈشمەنگە قارشى ھەممىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ زەربە بېرەلەيدىغان كۈچ بەرپا قىلىشتا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى بىزدەك دەۋاسى خەلقئارادا يېتىم قېلىۋاتقاننى ئاز دەپ، زۇلۇمغا قارشى ياردەم چاقىرىقلىرىنىڭ ئاڭلىنىش مۇساپىسى تار دائىرىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر ۋە ئانالىزلىرى ئارىسىدا دەۋرى قىلىشتىن ھالقىماس ھالغا كېلىپ قالغان، سىياسىي پائالىيەت دەپ ئاتاۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ خاراكتېرى توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ تۈسىگە كىرىپ قالغان، بۇ ئاز كەلگەندەك سىياسىي كۈن تەرتىپلىرى ئايدا بىردىن بېكىتلسىمۇ ئېشىپ قالغۇدەك بىر قاتار سۈنئىي بايراملار، ئاتالمىش ھالقىسىمان خاتىرە كۈن ۋە يىغىلىشلاردىن ئېشىنماس ھالغا كېلىپ قالغان، تۈگەل ئۆزىمىزنىڭ خەۋەرلىرىنى ئۆزىمىزگە تارقىتىپ، ئۆزىمىز يېزىپ يەنە ئۆزىمىز تارتىشىپ، يەنە ئۆزىمىز كاللىمىزدا چالا – بۇلا ھەل قىلىپ ئۆتۈپ كېتىشتىن باشقا تۇتامغا چىققۇدەك بىرەر سىياسىي ھەرىكەتلەر دولقۇنى بولمايۋاتقان، ئومۇمەن بىرى بىزگە تالاش - تارتىش قىلىشقۇدەك بىرەر كۈن تەرتىپنى يەم قىلىپ ئارىمىزغا ئاتمىسىلا ئاساسەن ۋەتەن ئىچىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ كەلمىشى ۋە تەقدىرىگە دائىر بىرەر ئەمەلىي ئىنقىلاب، ھەرىكەت ۋە ئۇرۇنۇشلارنىڭ شەپىسىدىنمۇ ئەسەر يوق بۇرۇقتۇم بىر ۋەزىيەتتە كېتىۋاتقان «دەۋا» ئەھلى ئۈچۈن سىلكىتكۈدەك بىر مۇئەييەنلەشتۈرۈش دېيىشكە بولىدۇ. ئەجەبا، بۇ تەرزدىكى ئەقەللىي بىر جەڭ خۇلاسىسىنى بىزنىڭ كۆرۈپ يېتىشىمىز، دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىنى مەشغۇل قىلىۋاتقان ئۇرۇش سادالىرى يامراۋاتقان بۇ مەزگىللەردە ئەجەبا ئۆزگە ئەل ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقان سىياسىي ئۆزگىرىشلەردىن سىلكىنىشىمىزگە سىگنال قىلىپ چېلىشىمىز كېرەك ئەمەسمىدى؟
ئەسلىدە غەززە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى بۇ توقۇنۇشتىن دەرس چىقىرىش نۆۋىتى يەر يۈزىدە ئەڭ ئاۋۋال بىزگە تېگىشلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. بولۇپمۇ بۇ توقۇنۇشنىڭ يىللار داۋامىدىكى قىزىق نۇقتىلىق خەۋەر تۈسىدە كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ھالىتىدىن، دۇنيا مىقياسىدا يەتتە ئىقلىمنى ئۆرە - تۆپە قىلىۋەتكۈدەك كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتىغا ئايلىنالىشىنىڭ سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە يېقىندىن دىققەت قىلىشىمىز، نېمە ئۈچۈن ئوخشاش مۇستەملىكە تارىخىمىز بار تۇرۇپ دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىدە بىزلەر ئۇنتۇلۇشقا، قىسمەتداش خەلقلەرنىڭ بولسا دۇنيانىڭ دىققىتىگە قايتىدىن چۈشۈشكە باشلىغانلىقىنىڭ سەۋەب – ھېكمەتلىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشساق بولاتتى. مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ياشاۋاتقان غەززە خەلقى ئۈچۈن قەسسام بېرگادىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ بۈگۈنكى ئەھمىيىتى ۋە رولىنى ئانالىز قىلىشقا تىرىشساق بولاتتى. شۇنىڭدەك ھاماستىن ئىبارەت مۇستەقىللىق ئىدېئولوگىيەسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر تەشكىلاتنىڭ ئەسكىرىي قانىتى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھۇجۇمنى دۈشمىنى ۋە تەرەپدارلىرى «تېررورلۇق»، «ئۇرۇش جىنايىتى»، «قانخورلۇق» قاتارلىق تۆھمەتلەر بىلەن ئەيىبلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ سىياسىي قانات مەسئۇلى بولغان خالىد مەشئەلنىڭ چىقىپ دۇنيا خەلقىگە ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەرىكەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان جەڭگىۋار قېرىنداشلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ئېيتالايدىغان سىياسىي بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە ماسلىشىشچانلىقنى ھاسىل قىلىشىنىڭ قانداق مۇمكىن بولالىغانلىقىغا قىزىقساق بولاتتى. يەنى ھاپىلا - شاپىلا تەرەپدارلىق قاينىمىغا چۆمۈپ كەتمەستىن ئىشنىڭ كۆرۈنۈش قىسمىغىلا ئەمەس، مەسىلىنىڭ ئارقا پەردىسىگە، ئېكران يۈزىگە ئەمەس، سىستېما ئارقىسىدا ئىشلەنگەن كودلارغا نەزەر ئاغدۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرىگە قارىتا پايدىلىنىش ئۈچۈن دەرس چىقىرىشقا ئۇرۇنساق بولاتتى. ئەمما ئىش ھەرقاچان بىزدە مودا بولغىنىدەك «كۆتىدە ئىشتىنى يوق، ئىسمى مارجان بۈۋى» تەمسىلىدىكىگە ئوخشاش چوڭ – چوڭ دۆلەتلەرنىڭ باياناتچىلىرى بىلەن بەسلىشىۋاتقانلار قاتارىدا تەرەپ – تەرەپتىن مۇستەملىكىچىنىڭ چاپىنىنى كۆتۈرۈشكە ياتىدىغان، ئۇنىڭ پىروپاگانداچىلىقىغا ياتىدىغان بايانات يېزىشلار، خەۋەر – ئوبزورلار ئاڭقاۋلارچە بەس - بەستە ئېلان قىلىنىپ ئولتۇردى. ئەسلىدە ھالىمىزغا باققان ئاساستا ھەد – ھۇدۇدىمىزنى بىلسەك، ۋەزىيەتنى توغرا ئوقۇشىمىزغا ياردىمى بولىدىغان بىر قىسىم سىياسىي ئەقىلدارلىرىمىزنىڭ سوغۇققان ۋە تەمكىنلىك بىلەن سۆزلىگەن لېكسىيە ۋە يازمىلار، چوڭ سىياسىي شاھماتلاردا بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت ئارىسىدىكى تەقدىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇزلۇق سىياسىي ئانالىزلىرىنى دىققەتكە ئالساق، بۇ ئەلۋەتتە دەۋايىمىز ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇش كېرەك بولغان نۇقتىلاردا يېتەكلىگۈچى رولىنى ئۆتەلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزىمىزگىمۇ بۇ ئۇرۇشتىن تېگىشلىك ئىجابىي دەرس چىقىرىپ كېيىنكى قەدەملەردە ئۆزىمىزنىڭ ۋەزىيىتىگە پايدىلىنىشقا بولىدىغان تەرەپلەردە ئىشلىتىش ئىمكانىيەتلىرىنى ھازىرلاشقا باش قاتۇرىدىغان سەگەكلىكنى قولغا كەلتۈرەلىشىمىز مۇمكىن ئىدى. بىراق، ئىش ئاتام ئېيتقان بايىقى پەدىسىدە كۈتكەندەك بولمىدى. ئەكسىچە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزلەرنىڭ بىر كۇنۇپكىدا ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىكى كۆرۈنۈش كەبى تەرەپ – تەرەپلەردىن قاۋاش، سايراش ۋە ئىدىيە تېڭىشلار باشلىنىپ كەتتى. پىپەن قىلىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندا بۇلۇڭ - بۇلۇڭدىن ھاماسنى پىپەن قىلىش كومپانىيەلىرى، ئاتالمىش مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئىسرائىلىيە تەرىپىنى تۇتۇش كېرەكلىك تەشەببۇسلىرى ئەتراپنى قاپلىدى. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي مەسىلىگە ئوخشىمىغان پىكىردە بولغۇچىلارغا قارىتا مەزكۇر ئۇرۇش خۇسۇسىدا ھېچنىمە دېمەسلىك، سۈكۈت قىلىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەقەللىي مۇئمىنلىك خاراكتېر بويىچە ئۆزىنىڭ ھەق دەپ قارىغان تەرىپى ئاساسىدا شەخس سۈپىتىدە زۇلۇمغا قارشى كۈرەش مەركەزلىك پىكىر قىلىشقىمۇ چىدالماي كېتىشلەر يۈز بەردى. سوغۇققانلىقىنى ساقلاش پايدا قىلمايدىغان بۇنداق ناخۇش ۋەزىيەتتە يۇقىرىقىدەك بىنورمال تەرەپپاز قۇتۇپنىڭ قارشىسىدىكىلەرمۇ مەيداننى بوش قويمىدى.
ئەسلىدە بۇ ئۇرۇشنىڭ دۇنيادا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى بۈگۈنكى غەلىبىسىگە ئېرىشمەستىلا بىزگە ئاللىبۇرۇن كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرۇپ بولۇشى كېرەك ئىدى. غەززىدەك ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلانغان، سىرتماقلار چەمبىرىكىگە ئېلىنغان بىر يۇرتتا بۇنداق بىر سىستېمىلىق ئۇرۇشنىڭ مەيدانغا كېلەلىشى، ئاسارەت تارىخى بويىچە ئىزچىل تاياقنى يېگۈچى بولۇشتىن، مۇش ئاتقۇچى پوزىتسىيەگە قانداق قىلىپ ئۆتەلىگەنلىكى، تاشقى ياردەم ئالدى دېگەندىمۇ، جاننى تىكىدىغان، سەۋرچانلىق بىلەن دۈشمەنگە قارشى ھەربىي چېنىقىش، تەلىم – تەربىيە ۋە مەشىقلەردە مۇنتىزىم ئارمىيە سەۋىيەسىگە قانداق كېلەلىدى، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان روھ قەيەردىن كەلدى، دۈشمىنىنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولۇش پوتېنسىيالى بارلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ ھۇجۇمغا ئۆتۈشى، مۇستەملىكە ئاستىدا جان ساقلىغۇچى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچىسى بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە ئىكەنلىكىنى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلدۇرۇش يولىدا بەدەل تۆلەش، دۇنياغا جاكارلىغۇچى ۋەزىيىتىگە كېلىش قارارىغا قانداق قىلىپ كېلەلىدى، دېگەنلەر بىزنى قىزىقتۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەلۋەتتە، بۇنداق بىر قىزىقىشنىڭ جاۋابقا ئېرىشىشى قانداقتۇر ئەنسىرەلگىنىنىڭ ئەكسىچە، بۇنداق بىر سوراقلاش ۋە ئويلىنىشلار يەتتە يىلغا سوزۇلغان شىددەتلىك قىرغىنچىلىق ئالدىدا قىلىپ يۈرگەن ئاۋارىگەرلىكلىرىمىزنى دەۋا دەپ ئاتاپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىزگە ھېس قىلدۇرۇشى كۈچلۈك ئېھتىماللىق ئىدى. دېمىسىمۇ، يەتتە يىللىق بۇ مۇساپىدە مىليونلاپ خەلقىمىزنىڭ زىيان تارتىشى بەدىلىگە ئازغىنە مەلھەم بولسىمۇ يارام بولغىدەك بىرەر چامدام ئالغا ئىلگىرىلەشكە ياتىدىغان ئىشلارنى تېخى قىلىپ بولالمىغانلىقىمىزنى ئاڭقىرىپ يېتىشىمىزگە ياردىمى بولۇشى ئېنىق ئىدى. نەتىجىدە ئەقلىي سوراقلاش، ئۆزىمىزدە كۆرۈپ يېتەلمىگەننى باشقا قىسمەتداش ۋە تەقدىرداش توپلۇملارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن، بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقانلىرىدىن دەرس چىقىرىپ ئۆز ۋەزىيىتىمىزگە قارىتا ئەينەك تۇتۇشىمىز، شۇنچە يىللار ئاۋارە بولۇشلىرىمىزنىڭ، نامايىش ۋە ئاللا توۋىلىرىمىزنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ پۈتۈك قۇلاقلىرىنى ئېچىشتا، بىزنى پەپىلەشتىن باشقىغا يارىمىغان سىياسەت دۇنياسىنىڭ ئاڭلىماسقا سېلىۋالغانلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلىشتا خاماسنىڭ ئاتقان بىر پاي ئوقىنىڭ ئاۋازىچىلىك كۈچى بولمىغانلىقىدىن قاتتىق چۆچۈشىمىز، ئەسلىدە دەۋايىمىزنى دۇنيا خەلقى ھەقىقىي مەنىدە ئاڭلىسا، دۇنيانىڭ سىياسىي كۈن تەرتىپىدىن ھەقىقىي مەنىدە ئورۇن ئالسا، يەر جاھان قانداق لەرزىگە كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىشمىز كېرەك بولاتتى. ئەمما بۇنداق بىر چۈشەنچىگە كېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئورتادا پەيدا بولغان سۈنئىي تالاش – تارتىشلار سايىسىدە يېقىنمۇ يولىمىدۇق. ئاداققىي باھانىمىز يەنە شۇ قېلىپلىشىپ كەتكەن باھانىلىق سۆزلەر، «ب د ت» دىكى نومۇر سانىنى پايدىمىزغا ئۆرۈش ئۈچۈن تەرەپ تۇتۇشىمىز لازىملىقى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ دەۋايىمىزغا خىيانەت قىلغانلىقى، بىر ئاماللارنى قىلىپ بىزنى قوللايدىغانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خۇشامەت قىلىپمۇ بولسا «ب د ت» ئاتلىق «مەھدى»نى خىتايغا قارشى زۇۋانغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەكلىكى قاتارلىق پەلىپەتىش سىياسەتۋازلىقتىن باشقىسى بولمىدى. قەغەز يولۋاس ئورنىدا كۆرۈلۈۋاتقان سىياسىي نوپۇزنى ئورماننى تىترىتەلەيدىغان شىر مىسالى ھەممە جىددىي ئېلىشقا مەجبۇر قالىدىغان ئەمەلىي كۈچكە تايانغان نوپۇزغا ئايلاندۇرۇش ھەربىي كۈچ شەكىللەنمىگەن ئەھۋالدا ئوينىلىۋاتقان سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئالدىراپ بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە، خىتاينىڭ زىيىنىغا بۇرىلىپ قالمايدىغانلىقى تونۇپ يېتىلمىدى. ب د ت دا بىزنىڭ مەنپەئەتىمىزگە قارىتا قوللاش سانى ئاشقان خىتاي تەرەپدارلىرىنى بېسىپ چۈشكەن تەقدىردىمۇ خۇددى ئىسرائىلىيە ئامېرىكا ھامىيلىقىدا ۋىتو ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ يىللاردىن كۈچى ئاجىز ۋاقىتتىكى پەلەستىننى يالغۇز قالدۇرۇپ زۇلۇم تونېلىغا تاشلاپ قويغىنىدەك، خىتاينىڭمۇ ۋىتو ھەققىنى قوللىشى تەبىئىي ئىكەنلىكى، ھەربىي كۈچ بىرلەشكەن سىياسىي نوپۇز بولمىسا، خۇشامەت شەكلىدىكى يانتاياقچىلىقنىڭ بىز ئۈچۈن پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىغانلىقى ھېچ دىققەتكە ئېلىنمىدى. قىسقىسى، سىياسىي قاتماللىقتا چىڭ تۇرۇشلار نەتىجىسىدە ئاخىرىغا بېرىپ زىيان يەنە ئۆز توپلىمىمىزغا بولدى. بىزنىڭ ھالىمىز يەنە شۇ ھال پېتى كېتىۋەردى. خۇلاسە قىلغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى سىزىقىدىن ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ، بىر قىسىم مۇستەقىلچىلىق سىزىقىدىكىلەرنىڭمۇ ئورتاقلىشالىغان سەزگۈرلۈك قىلىدىغان يەردە جايلاپ قىلالماسلىق، مەسىلىنىڭ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈش، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش تىپىدىكى تۇتۇملىرى سايىسىدە ئەسلى ئېلىشقا تېگىشلىك پايدىدىن، ئۈنۈمدىن ۋە تۇتۇشقا تېگىشلىك پۇرسەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىشتىن توسۇشتىن باشقا بولمىدى. يۈز بېرىۋاتقان ئۇرۇشتىن قانداق دەرس چىقىرىشنىڭ، قانداق ئۇسۇلدا كۆزىتىشنىڭ ۋە قانداق پوزىتسىيەدە تۇرۇشنىڭ ئاقىلانە بولىدىغانلىقى خۇسۇسىدا سۆزلىگەنلەرنىڭ، يازغانلارنىڭ، پىكىر بەرگەنلەرنىڭ ئاۋازى ئېغىزدىكى ھور مۇئامىلىسىگە ئۇچراش ۋەزىيىتىدە قېلىۋەردى.
7
ئۆتكۈزگەن بۇ يەتتە يىلىمىز ھەقىقەتەن ئاز ۋاقىت ئەمەس. ھەم بۇ يىللارنى ئۆتكۈزۈش ئۇنچە ئاسانغىمۇ توختىمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ يەتتە يىل مابەينىدە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈردۇق. نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى ئۆتكۈزدۇق. ۋەتەندە بولسا، بىر قەرنە يېپىلىپ يېڭى بىر قەرنە ئىچىلغان تەرىقىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. 21 – ئەسىرنىڭ مۇقەددىمىسىگە قەدەم باسار - باسمايلا قىرغىنچىلىقنىڭ دەھشىتىنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر قالدۇق. تۈرمە – لاگېرلار سىستېمىلىق قىرغىنچىلىقنىڭ، قۇللۇق ۋە زورلۇق - زومبۇلۇقلارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان بولسا، لاگېر سىرتى زامانىۋى تېخنىكىلار ياردىمىدە چەكتىن ئاشقان كونتروللۇق ۋە سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيەنى شىددەت بىلەن باشتىن كەچۈردى. بىز بولساق، يۈز بېرىۋاتقانلارنى ھەزىم قىلالىشىمىز تەس بولۇۋاتقىنىغا قارىماي سۈكۈتنى ھەر قاچاندىكىدىن كۆلەملىك ھالدا بۇزۇپ تىنچ ھەرىكەت كاتېگورىيەسىدە قىلغىلى بولىدىغان ھەممە ئۇرۇنۇشنى قىلىپ كۆرگەن بولدۇق. بۇ جەرياندا قىلغان – ئەتكەنلىرىمىزنى ئاز – تولا تىلغا ئالىدىغان بولساق، بىز قىلمىغان زور كۆلەملىك نامايىشلار، مىتوچىلىقلار ۋە باشقا خەشتەكچىلىكلەر، ئەرز يېزىشلار، ۋىدىيولۇق گۇۋاھلىقلار، خەۋەر ۋە تېلېۋىزىيە سۆھبەتلىرى، ئىمزا توپلاشلار، ئائىلە ئىزدىرىكى قىلىشلار، خىتاينى سوتقا بېرىشلەر، ھەتتا خىتاي كونسۇلى ئالدىغا چىقىپ قاچا – قۇچا تاراڭشىتىشلارغىچە بىر تالاي جىسمانىي، ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى ئەمگەك كۈچلىرىنى، زېھنىي كۈچنى سەرپ قىلغان بولدۇق. بەزىسى بىزگە پايدىلىق، بەزىسى زىيانلىق، بەزىسى ئويۇن، بەزىسى چارىسىزلىك، بەزىسى كالامپايلىق، بەزىسى قاملاشمىغان، بەزىسى قولاشمىغان دېگەندەك ھەر تۈرلۈك قېلىپقا سېلىشقا بولىدىغان بىر قاتار ھەرىكەتلەر تۇشمۇتۇشتىن ئېلىپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپىنچە ھەرىكەتلەرنىڭ كەلتۈرگەن ئۈنۈمى ماركىسى چوڭ ياكى كىچىك ھەر تۈرلۈك ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ خەۋەر ماتېرىيالى بولۇشتىن، «قىلغان ئىشىمىز خەۋەرگە چىقىپتۇ»، تەسەللىيسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە ھالقىپ كەتمىدى. يەنى ھەرىكەتلەرنىڭ ئومۇمەن كەلتۈرگەن نەتىجىسى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە خەۋەر ماتېرىيالى بولۇپ بېرىشتىن باشقا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلىقى بۈگۈنكى ھالىتىمىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. مۇساپىرلىقنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى، ۋەتەندىن يىراق سەرسانە ياشام ۋە قولىدىن ھېچبىر ئىش كەلمەسلىك تۇيغۇسىنىڭ ئارتىپ مېڭىشىدەك چارىسىزلىك ۋەھىمىسى باش كۆتۈرگەندە، بارغانچە ھەممە ئۇرۇنۇش مەنىسىزدەك بىلىنىشكە، ۋەتەن ئىچى خاتىرىمىزدىن سۇسلاپ ئۆزىمىز ھەققىدىكى پائالىيەتلىرىمىز ئۆزىمىزنى ئاۋۇندۇرۇش مەۋسۇملىرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۆزئارا ئىچكى تارتىشىشلارمۇ بارغانچە خۇشياقماس ھالغا بېرىپ قالدى. توغرىسى، ئۆزىمىزنىڭ ھالىمىزدىن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز ئۈمىدسىزلىككە پېتىشتەك بىر خامۇشلۇق كەيپىيات بېسىۋاتقان بىر مەزگىلدە بىز بىلەن تەقدىرداش، قىسمەتداش غەززە خەلقىنىڭ شىجائەتلىك ئوغلانلىرى بولمىش قەسسام قوشۇنىنىڭ دۇنيانى ئۆرە – تۆپە قىلىش تۈسىدىكى خەۋىرى پارتلىدى. ئەگەر بىز سوغۇققانلىق بىلەن قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ خەلقنىڭ، ھېچ خىيالىمىزغا كېلىپمۇ قالمايدىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ۋە تەسىرىنى ئويلىغىنىمىزدا، بۇ بىزگە ئىشغال ئاستىدا قىرغىنچىلىق تارتىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئەسلى قىلىدىغان ئىشىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېسىمىزگە سېلىشى، «سېنى بۇ تۇپراقتىن تامامەن سۈپۈرۈپ تاشلايمەن» دەۋاتقان بىر مۇستەملىكىچىگە قارشى جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ قانداق تەييارلىق، قانداق سىياسىي نوپۇز ۋە ھەرىكەت زەنجىرى شەكىللەندۈرگەندە ئېتىبارغا ئەرزىيدىغان ھالغا كېلىدىغانلىقىمىز قاتارلىق خۇسۇسلاردا بىزگە ئەينەكلىك رولىنى ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. بۇنداق بىر ھەرىكەتچان ۋەزىيەت بىزنى جىم ئولتۇرغۇزماسلىقى، بىزنى «يەتتە يىلدىن بېرى نېمىشقا ماۋۇ - ماۋۇ جەھەتلەردە ئىشنى چالا قىلىپ قويغاندىمىز»، دېگۈزەلىشى، نەتىجىدە سىياسەتچىلەرمۇ ھەربىي كۈچسىز نوقۇل ئۈستەلدە توپلىشىپ مۇستەقىللىقنى چۈشەكەشتىن ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئىت يىلدىن ئېشەك يىلىغىچە يىغىن ئېچىپ، رەسىم چۈشۈپ، بايرام تەبرىكلەپ ئۆتۈۋېرىشنىڭ، توغرىسى «ئەسكىرىي قۇرۇلمىسىز تىكلەنگەن سىياسىي نوپۇز»نىڭ ۋاقتى كەلسە پوققا پايدىسى يوقلۇقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك ئىدى. خەلققە باشچىلىق قىلىپ بۇ كۈنگە كېلىشتە نېمىلەرنى كەتكۈزۈپ قويغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى لازىم ئىدى. بۇنىڭ ئورنىغا قەسسام قوشۇنى ئاتقان ئوقنىڭ ئاۋازى خەۋەر قاناللىرىنى مەشغۇل قىلىشىغا ئۈلگۈرمەيلا بىردىنلا تەرەپ - تەرەپتىن ئىسرائىلپەرەسلىك، ئىسرائىلىيە ھېسداشچىلىقى كۆپەيدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئەقەللىي تەقدىردە ھەممە بىردەك «ئەسلىدە دەۋانى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇنداق ھەرىكەتكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەككەن»، دەيدىغان يەكۈن ئۈستىدە بىرلىككە كېلىپ قېلىشىنى خالىمايدىغان قانداقتۇر كۆرۈنمەس بىر قارا سايە ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە بوراندەكلا ئېسىشقا باشلىدى. ھەممە تەڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈچۈن كۇنۇپكىسى بېىسلغان ئاپاراتتەك تەرەپ – تەرەپتىن ئىشغالچىغا ھېسداشلىق قىلىش، قىرغىنچىلىقنى ياشاۋاتقان خەلقنىڭ قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئەيىبلەش تۈرىدىكى تەشۋىقاتلار يامراپ چۈشتى. ھالبۇكى، بىز ھەق – ناھەق تۇتۇمىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئادالەت ۋە زۇلۇم تارازىسىنى چۆرۈۋېتىپ پايدا – مەنپەئەت قاينىمىغا شۇڭغۇپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە دۇنيادىمۇ بۇ ئۇرۇش خۇسۇسىدا ئىككى خىل تەرەپدارلىق شەكىللىنىۋاتقان ئىدى. نەتىجىدە پايدىنى يەنىلا غەززە ئالغان بولدى. چۈنكى، غەززە دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇش خەۋپى كاتېگورىيەسىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتكەن بولسا، پەلەستىننىڭ 70 نەچچە يىللىق ئاسارەت تارىخى دۇنيادىكى پۈتكۈل قاناللاردا، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئۆز تىللىرىدا قايتىدىن ئەسلىنىپ چىقتى. ھەر دۆلەتنىڭ ئېكران – قاناللىرىدا شۇ ئەلنىڭ ئاكادېمىكلىرى، سىياسەتشۇناسلىرى، تارىخچىلىرى بولۇپ مەسىلىنى قايتىدىن كۆشىدى، خەلقىنى پەلەستىننىڭ ئاسارەت تارىخىنىڭ قايسى باسقۇچتىن بۈگۈنكى پارتلاش نۇقتىسىغا كەلگەنلىكى خۇسۇسىدا تونۇشقا ئىگە قىلىش دولقۇنى كۈچەيدى. ئىسرائىلىيەنىڭ كەچمىش ۋە بۈگۈنىگە قەدەر ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەتراپلىق شەكىلدە تونۇشتۇرۇشلا قانات يايدى. ئەڭ تەسىر ياراتقىنى شۇ بولدىكى، يۈز ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىپمۇ ئىسرائىلىيەدەك زېيونىزم فاشىست ئىدېئولوگىيەسى ئۈستىگە قۇرۇلغان، قانخورلۇق ۋە زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تېررور دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھەرىكەت مېتودىنى ئاڭلىتىپ چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدىغان بىر مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە يەھۇدىيلىق تونىغا ئورنىۋالغان زېيونىزم فاشىزمى ئۆزىنى ئۆزى دۇنياغا پاش قىلىپ چۈشتى. تېررورنى باھانە قىلىپ كېڭەيمىچىلىك ئۇسۇلىنى قايسى خىلدىكى باندىت ۋە قاراقچىلارنىڭ ئۇسۇلىدا ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى، گېزى كەلگەندە دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا نە خەلقئارا قانۇنغا، نە ئۇرۇش ئەخلاقىغا، نە ئۇرۇشنىڭ قانۇن – قائىدىلىرىگە پىسەنت قىلىپ قويماستىن پۈتكۈل ئىنسانىي ۋە ئادىمىي قىممەت قاراشلارنى چەيلىگەن ھالدا ئەڭ پەسكەش ئۇسۇلنى قوللىنىۋېرىدىغانلىقىنى ئەمەلىيىتى بىلەن كۆرسىتىپ بەردى.
نەتىجىدە مەزكۇر ئۇرۇشتىن چىقىدىغان خۇلاسە پەلەستىننىڭ ھەققانىي دەۋاسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى تەقدىرىگە ئەسلا ئوخشىمايدىغان يۆنىلىشكە، دىنامىك بىر دەۋرگە كىرىپ كېلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بەردى. دۇنيا دەسلەپ يەتتىنچى ئۆكتەبىردىكى ئادەم بۇلاش ھەرىكىتىدە ئىككىگە بۆلۈنگەن بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ يەتتىنچى ئۆكتەبىردىن ئاۋۋالقى ئۇنتۇلغان قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ دەھشىتىنى دەلىللەيدىغان قەبىھ ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى تارتىشىدىغان بولدى. يەتتىنچى ئۆكتەبىردىن كېيىن تەكرارلانغان قىرغىنچىلىقلار دەسلەپكى بۆلۈنۈشنىڭ نىسبىتىنىڭ پەلەستىن تەرەپنىڭ پايدىسىغا ئېغىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بىز بولساق، زۇلۇمنىڭ نېمىلىكىنى، مۇستەملىكىچلىكنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، قىرغىنچىلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مىللەت تۇرۇپ ھەق ۋە ناھەقچىلىقتە نومۇس قىلماي بۆلۈنەلىدۇق. ئارىمىزدىن خىتاي مۇستەملىكىچىسىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە يېزىلغان تارىخى بويىچە جۆيلىگەنلەرگە قارشى تۇرغاندەك كۆرۈنىدىغان، ئەمما غەززە خەلقىنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ قەتلىئامنى يوللۇققا چىقىرىشقا ئۇرۇنىدىغانلارنىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلىشتىن ھايا قىلمايدىغان شەرەپسىز زىيالىيلار، نومۇسسىز ئاخباراتچىلار، چاكىنا سىياسەتچىلەر چىقالىدى. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسىگە زىت ئىدىيەلەرنى غەززە خەلقىنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە قارشى تەشۋىق قىلىشتىن يۈزى چىمىلدىمايدىغان تىپلار پەيدا بولالىدى. يەنى نوقۇل ئىسرائىلىيە تەرەپدارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنلا ھەقىقەتلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ھەقنى سۆزلەش ماقامىدا تۇرغىنىغا قارىماي مەنپەئەتپەرەسلەر بىلەن بىر سەپتە كۆرۈنۈش ئۈچۈنلا زالىمغا يانتاياقلىق قىلىشنى ئار بىلمەيدىغان، ھەتتا ئىسرائىلىيەپەرەس ئىنسان ھەقلىرى ياردەم قۇرۇلۇشلىرىدىن ماددىي ياردەملەرنى ئېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھەق سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، كۆپچىلىكنىڭمۇ ئىسرائىلىيە توغرىسىدا تىلنى يىغىش لازىملىقى خۇسۇسىدا ئاشكارا ۋىدىيو ئېلان قىلىشتىن تەپتارتمايدىغان ۋىجدانسىز تائىپىلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى. مانا بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا، بولۇپمۇ ھەققانىيلىق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدا ھېچبىر مۇۋازىنەت قۇرماستىن، سەزگۈر سىياسىي ئەقىل بىلەن ھەر ئىككىسىنى زىيانغا ئۇچراتمايدىغان يول ئىزدەشتە سەمىمىي بولماستىن توختاۋسىز رەۋىشتە مىللەتنى خالتا كوچىغا سۆرەشنى، قەدەمدە بىر مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا قارشى مۇقام توۋلاپ زورىغا ماجىرا يارىتىشنى، ئۇلارنىڭ ئەقىدىۋى پرىنسىپلىرى، ئەخلاقىي ئۆلچەم – مىزانلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ ئەتەي ماجىرا يارىتىپ توپلۇمنى ھەقىقىي ئويغىنىش سىگناللىرىدىن دىققەتنى بۇرۇۋېتىشنى ۋەزىپە قىلغان بۇ خىل تائىپىلەرنىڭ سىياسىي مەنسۇبىيىتىگە قارايدىغان بولساق، كۆپ سانلىقىنىڭ سىياسىي يۆنىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى مەركەز قىلىپ ھەرىكەت قىلىدىغان قوشۇن بولماستىن،ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئىنسان ھەقلىرى» ھىمايىچىلىقىنى شوئار قىلغان ئورگان ۋە مۇئەسسەسەلەر ئەپ چۆرىسىدە پائالىيەت قىلىدىغان تائىپىلەر ۋە شۇنداق تائىپىلەر بىلەن ئىتتىپاقداش، زېھنىيەتداش تىپلار ئىكەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ.
خاتىمە
قىبلىسى مەككىدىكى كەئبە بولغان كىشى ئېزىپ - تېزىپ قۇم شەھرىگە ھەج قېلىشقا بېرىپ قالمايدۇ. يەكشەنبىدە چېركاۋدا ئىستىقامەت قىلغۇچىمۇ ئېزىپ - تېزىپ ئىبادەت ئۈچۈن مەسچىتكە بارمايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار جامائەسىگە مەنسۇپ بىر كىشى قىبلىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويسا، خىرىستىيان مەنسۇبىيەتتىكى كىشى چېركاۋ بىلەن مەسچىتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتسە، بۇ يەردە ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولىدۇ: بىرى خىرىستىيان ياكى مۇسۇلماندىن ھەربىرى دىنىنى يەڭگۈشلىدى، ياكى ھەر ئىككىسى كاللىسىدىن كەتتى. ئەگەر ھەر ئىككىسى بىر – بىرىنىڭ قىبلىسىگە بېرىشنى دىنىنىڭ يولى دەپ قارىسا، بۇنىڭدىمۇ ئىككى ئېھتىماللىق بولىدۇ، يا بىلىپ بارىدۇ، ئۇ چاغدا ھەر ئىككى دىننىڭ ھۆكمىگە كۆرە ھەر ئىككىسى ھەقتىن يۈز ئۆرىگەن مۇرتەد، كاپىر. ياكى ھەر ئىككى دىن نۇقتئىينەزەرىگە كۆرە ئىككى زىت ئىبادەتگاھنى پېتىقداش ئۈچۈن ئارىغا سۇقۇنۇپ كىرگەن مۇناپىق ياكى بىدئەتچى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇ نەرسە ئېنىقكى، ھەر ئىككى دىننىڭ بىرەرسىدە ئاۋۋال خىرىستىيان بولماي مۇسۇلمان بولغىلى بولمايدۇ، ياكى ئاۋۋال مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ ئاندىن خىرىستىيانلىققا ئۆتكىلى بولمايدۇ، دەيدىغان ھەجۋىي تەڭلىمەمۇ يوق.
خۇددى شۇنىڭدەك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇستەقىللىق يولىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى يۆنىلىش تېگى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پۈتۈنلەي بىر – بىرى بىلەن يولى ئايرىم بولغان، ئىككى دىن، ئىككى زىت ئېتىقادتىكى مەزھەپ مىسالى بىرى يەنە بىرىنىڭ يولىنى شەرت قىلمايدىغان، پەرقلىق ئىككى سىياسىي نەتىجىگە ئېلىپ بارىدىغان ئىككى ئايرىم رېلىستۇر. بۇ جەھەتتىن بىرىلىرى ئاغزىدا مۇستەقىللىق دەپ تۇرۇپ كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسان ھەقلىرىدىن مەدەت كۈتۈپ مۇستەقىللىققا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسا، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى «ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسى»، «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى»، «ئىنسان ھەقلىرى»نىڭ دەپسەندە قىلىنىش، «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراش» مەسىلىسى رامكىسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان بولسا، بۇنى ھېچبىر زامان مىللىي ئىرادىنى بويلاپ مېڭىۋاتقان سىياسىي دەۋا دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇنداق يۆنىلىشنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى ئىشغال قىلىپ تۇرۇشىمۇ مۇستەقىللىق دەۋاسىغا زىيان ئۇرۇشتىن باشقا ئىش ئەمەس. بۇنىڭغا يول قويۇشمۇ ماھىيەتتە مۇستەقىللىق كارۋىنىنىڭ يولىنىڭ ئۇزۇرىشى، بۇرۇۋېتىلىشى ۋە مەنزىلگە مەڭگۈ يەتمەسلىكى ئۈچۈن كاشىلا يارىتىش تاكتىكىلىرىنىڭ دەخلى – تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر.
كۆردۇقكى، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسان ھەقلىرى، خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق مۇئەسسەسە ۋە ئورگانلارنىڭ باياناتلىرى، قانۇنىي كۈچكە تايانغان كەسكىن قارارلىرىنىڭ ۋىتو ھەققىنى ئالىقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ قولىدا قانداق ئويۇنچۇق ھالغا كەلگەنلىكىنى. كۆردۇقكى، غەززە ۋە ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ھەممىسىنىڭ ھالى چاغلىق بولدى. ھەتتا پەلەستىن تۇپراقلىرىنىڭ بېسىۋېلىنغانلىقى، مۇستەملىكچى كۈچنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ خەلقئارا قانۇننىمۇ پوش دېمەي بۈگۈنكى غالجىرلاشقان ھالغا كەلگەن كۈنىدىمۇ كارغا يارىغىنى خەلقئارا قانۇننىڭ كۈچىدىن بەكرەك قەسسام قوشۇنىنىڭ يەلكىسىدىكى قورال كۈچى ۋە بۇ كۈچنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى بىلگەنلىكى بولدى. قارشىسىدىكى خەلقنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى، زۇلۇمغا قارشى ئەمەلىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغۇچى مۇجاھىد قوشۇننى تېررورىست، بۆلگۈنچى ئۇنسۇر سىياقىدا كۆرگەن ۋە «بۇلارنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگۈلۈك، ھايۋان ئورنىدا كۆرۈپ تەلتۆكۈس رەھىم قىلماي ئۇجۇقتۇرۇش كېرەك»، «غەززە دەيدىغان بىر يەرنى تۈزلىۋېتىش كېرەك» دەيدىغان مۇستەملىكىچى كۈچ ئىشغالغا قارشى تەۋرەنمەس ئىرادىنىڭ ۋە بۇ ئىرادىنى ئۆز ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى، دەپ بىلگەن خەلقنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا مانا بۈگۈن شەرتلەرگە كۆنىدىغان، ھاماس قويغان شەرتلەرگە بىر – بىرلەپ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغان ھالغا چۈشتى. خەلقمۇ قانداقتۇر ئۆزىگە كېلىۋاتقان تالاپەت، يۇرت – ماكانلىرىغا قويۇپ بېرىلگەن بومبا ۋە قەتلىئامنى ھېچقاچان قەسسامغا، ئۆز يۇرتىنىڭ قەھرىمان جەڭچىلىرىگە ئارتىپ شىكايەت قىلمىدى. قانداقتۇر بىزدىكى شالغۇت زىيالىي ۋە ماڭقۇرت تائىپىلەرنىڭ ئانالىزىدەك، خەلق ئۆزلىرىنى قەسسام قوشۇنى تەرىپىدىن قالقان قىلىنغان قۇربانلىق قوي قاتارىدا كۆرمىدى، ئەكسىچە خەلقى ۋە ۋەتىنىنىڭ ئىشغالىغا قارشى دۈشمەنگە ئوت ئاچالىغان ئۆز قوشۇنىغا قارشى ئاللاھتىن نۇسرەت تىلىدى. ئۆز ئائىلىسىدىن بىرى شەھىد چۈشسە ئاللاھنىڭ ئون ھەسسە كۆپەيتىپ بېرىشىگە ئىمانى بارلىقىنى ئېيتىپ دۈشمەنگە قارشى نەپرىتىنى كۈچەيتتى. خەلق نەتىجىدە ئۆزىنى مىللەت قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدىغان ئەقىدىسى، دىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا باغلىنىشنى بىردەممۇ تەرك قىلمىدى، «ئاللاھنىڭ ئارقىنىغا ئورتاق ئېسىلىڭلار» دېگەن رەببىمىزنىڭ خىتابىنى ئەڭ كېرەكلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ھەق دادىغا يەتكۈزۈپ ئەمەل قىلىشتا 21 – ئەسىر مۇسۇلمانلىرىغا ئۈلگە بولدى. «قىسىپ ئولتۇرماي بىزنىمۇ تەڭ بالاغا قويدى»، سۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىسىنىڭ سىڭدۈرمىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن خەلق ھەرقانداق تاشقى پىروپاگانداچىلارنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى پاكىز تۇتتى، ساپ سۈزۈك ئىمانىغا، ئەقىدىسىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا باغلاندى. سىياسىي قانات بىلەن ئەسكىرىي قانات گۆش بىلەن ياغ مىسالى بىر گەۋدىلىكنى قانداق ساقلىغان بولسا، خەلق گويا تەن ئۈستىگە كېيىلگەن لىباستەك كۈرەشچى قوشۇننى قوينىغا ئالدى، بىر سەپتە تۇردى. ئۇلار دىنسىز مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى دۇنيانىڭ سەھنىلىرىدىمۇ ھېچبىر كەمسىنىش ھېس قىلماستىن، كومپىلىكىسكە چۈشمەستىن، دىنىنىڭ جىھاد ئەمرى بويىچە مۇستەملىكىچىگە قارشى «يا شەھىد ياكى غازى» شوئارىنى توۋلىغان ھالدا، بەرگەن ئەھدىسىنىڭ، ئىمان – ئەقىدىسىنىڭ ئارقىسىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى بىلدى. شۇنچىكى داۋالغۇشتا رەڭدىن رەڭگە ئۆزگىرىپ، دىندىن دىنغا كۆچۈپ، مەۋقەدىن مەۋقەگە يۆتكىلىپ خامىلىيونلىشىدىغان خاراكتېردە بولمىدى. تېز پۈكمەس روھنىڭ، مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇنقەرز بولمايدىغانلىقىنى جاكارلاشنىڭ، مۇستەملىكىچىگە ئەسلا بويۇن ئەگمەيدىغانلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئەمەلىي پىداكارلىقنىڭ، ۋەتەن ئۈچۈن بەدەلگە تەييار تۇرۇشنىڭ قانداقلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. تەڭرى ئىمتىھانىدا مۇستەقىللىققا مۇنتەزىر ۋە لايىق بىر قەۋم بولۇپ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، زېمىنى ئىشغال ئاستىدا بولسىمۇ، روھىي زېمىنىنىڭ مەركىزىدە ھېلىھەم ھۆرلۈك بايرىقىنىڭ لەرزان ۋە لەرزان ئەلەڭلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئەھلىگە نامايان قىلالىدى. بۇلار بىزگە سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز نۇرغۇن دەرسلەرنى ئىلھام قىلسا، ئۆز - ئۆزىمىزگىمۇ شۇ سوئالنى سوراتقۇزماي تۇرالمايدۇ: بىزنىڭمۇ زېمىنىمىز ئىشغال ئاستىدا. ئەجەبا بىزچۇ؟ ئەجەبا روھىي زېمىنىمىزنىڭ مەركىزىدە ھۆرلۈك ئىسىملىك بىر بايراقنىڭ بارلىقىدىن، ئۇ بايراقنىڭ ئەلەڭلىنىۋاتقانلىقىدىن سۆز ئاچالامدۇق؟ ئەگەر ئاچالىساق، ئەلەڭلەۋاتقىنى زادى قانداق بايراق؟ رەڭگىچۇ؟ ئاقمۇ، قىزىلمۇ، كۆكمۇ؟
ئاللاھ مەدەتكارىمىز بولسۇن!
تۈگىدى
Yorumlar
Yorum Gönder