يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (4)

 يۇتۇبىر تالىپنىڭ ئارسىز ئىزاھاتىدىكى خۇپسەنلىكلەر (4)

7. ئىلمىي يېتەرسىزلىك، لوگىكىلىق بۇزۇقلۇق ۋە تۇتامسىزلىق مەسىلىسى
تالىپچىقىمىز يۇقىرىقى نۇقتىدىن كېيىن بەشىنچى نۇقتىغا، يەنى دەۋا يولىغا زاكات خەجلەشكە بولمايدۇ، دېگەن ئازغۇن پەتىۋاسىغا چۈشەنچە بېرىشكە ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئىخچام ئاچمىغانلىقى ئۈچۈن ئايرىم تېما قىلىش كېرەك بولغان بىر تېمىنى قىستۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن بولغاچقا، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇپ قالغانمىش. شۇڭا چۈشەنچە بېرىشىگە توغرا كېلىپتۇمىش.
بۇ يەردە ئالدى بىلەن شۇنى تەكىتلەش زۆرۈر. زاكات تېمىسى مەسىلىسىدىكى تېنىۋېلىش، خۇپسەنلىك قىلىش، گەپ يورغىلىتىش باشقا نۇقتىلاردىكى يالغانچىلىق، تېنىۋېلىش ۋە خۇپسەنلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ شەرمەندىلەرچە بولغان دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ناملىق بۇ ئازغۇن پەتىۋاسى ھېچبىر ئۆلىما ياكى مۇجتەھىدنىڭ قارىشى بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان باتىل پەتىۋا بولۇپلا قالماي، قانداقتۇر «مۇنداقلا قىستۇرۇپ دەپ ئۆتەپ كەتكەنتىم» دەۋالسا، قايىل بولۇپ ھە دەيدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس. چۈنكى تالىپچىقىمىزنىڭ بۇ ئىزاھاتى دەسلەپ ئېلان قىلغان نۇسخىغا توغرا كەلمەيدىغان، بەلكى ھازىرقى نۇر ت ۋ قانىلى سەھىپىسىدە تەھرىرلىۋالغان، ھەتتا «زاكات ھەققىدە تەپسىلى بايان» دەپ ئېلان قىلغان ۋىدىيوسىدىكى ئاتالمىش تەپسىلىي بايان يېزىلغان ماۋزۇسىنىمۇ تەنقىدتىن كېيىن «زاكات ھەققىدە بايان» دەپ، يەنى «تەپسىلىي» سۆزىنى ئۆچۈرۈۋېلىپ گويا ئۆزىنى ھۇجۇم قىلىنغان، ئەزىيەت قىلىنغان كۆرسىتىپ ئومۇمنىڭ ھېسسىياتىنى سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتىكى يۇنىۋېتىلىپ تۇرۇپ چىقىرىپ قويغان نۇسخىسىغا چۈشىدىغان بىر ئىزاھات. شۇنداقلا بۇ ئىزاھات دەسلەپ زاكات ۋىدىيوسى چىقىشى بىلەن تەڭ سىياسىي پائالىيەتچىلەر تەنقىدلىگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئىلىم ئەھلىلىرى، ھەتتا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغىچە پىكىر بەرسە ئاڭلىماستىن، ياق، مەن ئۆزۈمنىڭ گېپىدە قالىمەن، دەپ تەتۈرلۈك قىلىۋالغان، تۈزىتىۋېلىش ھەققىدە كەلگەن چىرايلىقچە تەكلىپلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش ئورنىغا، تۈزىتىش بەرگىلى ئالاقە قىلغان ئىككى كىشىگە ئىككى خىل چۈشەنچە بېرىپمۇ ئاقتۇرالمىغان، ۋىدىيوسىدىكى گەپلىرىنى يۇناپ ئېلىۋېلىپ بولۇپ، ئارقىدىن ئاشكارا تەنقىد قىلغۇچىلارنى، يەنى ۋىدىيوسىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىغا قاراپ تۇرۇپ، دەۋاتقان گەپلىرىنىڭ باتىل ۋە ئازغۇن پەتىۋا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلەرنى تۆھمەت ۋە ھەسەت قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، شايكىلىرى ئارقىلىق تىل ھاقارەتكە سېلىش ئويۇنلىرىنى ئويناپ، ھېچبىرى ئاقمىغاندا چىقىپ مەجبۇر بىر نەرسە دېيىشكە توغرا كەلگەندە بېرىۋاتقان ئىزاھات. شۇڭا شۇنچە خامىلىيونلۇقلاردىن كېيىنمۇ توغرىغا قايتىپ سەمىمىي بولۇش ئورنىغا، قاراپ تۇرۇپ «بۇ بىر خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلغان ئىزاھات»، يەنى پەتىۋايىمنىڭ ئازغۇنلۇقى ئېنىق بولسىمۇ، ئەيىب مەندە ئەمەستى، دەپ يەنە شۇ كۆرۈرمەننىڭ ئەقلىنى، تەنقىدلىگەنلەرنىڭ نىيىتىنى شەك – شۈبھە ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ خىل ئىزاھاتنى خۇپسەنلىكلىرى ئىچىدە ئەڭ شەرمەندىلەرچە بولغىنى دېيىشكە بولىدۇ.
خوش، بىز ئەسلىدىكى ۋىدىيوسىدا، ھەرقانداق بىر كۆرۈرمەننىڭ، بولۇپمۇ شەرئىي ئىلىمدىن خەۋىرى بار، ھەتتا دىنىي سەۋىيەسى ئاۋام دەرىجىسىدىكىلەرمۇ خاتالىقىغا دەرھال ھۆكۈم قىلالايدىغان باتىل پەتىۋاسىدا، گەپنى قەيەردىن باشلاپ قەيەردە قانداق تۈگەتكەنلىكى، نېمە دېگەنلىكى ۋە نېمە دېيىشى كېرەكلىكى، مەسىلىنىڭ توغرىسى قانداقلىقى قاتارلىقلار ھەققىدە «ئۆزىمۇ ئازىدۇ، ئۆزگىنىمۇ ئازدۇرىدۇ» ناملىق ئوبزورىمىزنىڭ ئۈچىنچى قىسمىدا پاكىتلار بىلەن توختىلىپ بولدۇق. بىزلا ئەمەس، شەرئىي پەتىۋا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىمۇ بىزگە ئوخشاش يەكۈن، خۇلاسىلىرى بىلەن مەسىلىدە تالىپچىقىمىزنىڭ سالاھىيەتسىز ۋە لاياقەتسىز بولۇشىغا قارىماي باتىل پەتىۋا پىچىپ يۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ھەمدە تېگىشلىك ئىلمىي ۋە شەرئىي پوزىتسىيەسىنىمۇ باياناتىدا تىلغا ئالدى. شۇڭا بىز مەسىلىنىڭ بۇ تەرىپىگە كىرىپ يۈرمەيمىز، ھەمدە تەپسىلاتنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك يازما ۋە باياناتلاردىن كۆرۈۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ يەردە توختىلىدىغىنىمىز تالىپچىقىمىزنىڭ شۇنچە ئىشلاردىن كېيىنمۇ يولسىزچە تۇتقان پوزىتسىيەسى. دېگەندەك، تالىپچىقىمىز بۇ خۇسۇستا خۇپسەنلىكنىڭ ئەڭ شەرمەندىسىنى ئورۇنداپ بەردى.
ئۇنداقتا، مەزكۇر خۇپسەنلىكىدە، قايتىدىن بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدىچۇ؟ ئۇنىڭ «مەن ئىخچام قىلغاچقا خاتا چۈشەنچ پەيدا بولۇپ قالغان» دەۋېلىپ تۇرۇپ بەرگەن چۈشەنچىسىچۇ؟ ئىزاھات ۋىدىيوسىدا تالىپچىقىمىز گەپنى ئۆرۈپ - چۆرۈپ، تۆت مەزھەپكە بىر ئۈسسىتىپ، گەپنى ئايلاندۇرۇپ كېلىپ شۇنداق ئوچۇقلىما بېرىدۇ: «بۇ يەردە دەيدىغىنىم شۇكى، جىھاد روھىدىكى ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە زاكات خەجلىگىلى بولىدۇ. مەيلى ئۇ دەۋا دەپ ئاتالسۇن، نېمە دەپ ئاتالسۇن. جىھاد خاراكتېردىكى. جىھاد دېگەن قانداق بولىدۇ؟ مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپرىقىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى بىز جىھاد دەيمىز. مەيلى سىز ئۇنى دەۋا دەپ ئاتاڭ، مەيلى باشقا نەرسە دەپ ئاتاڭ».
خوش، يۇقىرىقى گەپكە ئاساسەن، دەل مۇسۇلمانلارنى قۇتۇلدۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپرىقىنى قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتنى جىھاد دېسەك، بۇ دەل دەۋا دېيىلىۋاتقان نەرسىنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ يەنى بۇ بىزنىڭ جىھاد دېگەن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغالدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى دېيىلىۋاتقان دەۋا يولى شۇ، دېگەن نۇقتئىنەزەرىمىزنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق دەۋاسى ئۆز نۆۋىتىدە جىھاد. جىھاد ئاللاھ يولىنىڭ دەل ئۆزى بولغانكەن، دەۋاغا زاكات ئىشلىتىش ئاللاھنىڭ يولى، دېگەن كاتېگورىيەگە كىرىدۇ، دەۋاتقان گېپىمىزنىڭ دەل ئۆزى ئەمەسمۇ؟
مەيلى سىز دەۋا دەپ ئاتاڭ، ياكى ئاتىماڭ، دېيىلسە، ئەجەبا مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىسمى مۇستەقىللىق دەۋاسىدىن ئىبارەت تۈپكى مەسىلە ئەمەسمۇ؟ ئۇنداقتا، سىياسىي تىلىمىزدا، دەۋا دېگەندە، مۇستەقىللىق دەۋاسى كۆزدە تۇتۇلغاننى ھەقىقىي دەۋا، مۇستەقىللىق دەپ قويۇپ باشقا يۆنىلىشكە خىزمەت قىلىشنى ساختا دەۋا، دەپ ئايرىپ بولمىدۇقمۇ؟ دېمەك، بىر سىياسىي ھەرىكەتنىڭ دەۋا دېيىلىش ياكى دېيىلمەسلىكى ھەقىقىي مۇستەقىللىقنى نىشان قىلىپ چىققان ياكى چىقمىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مۇستەقىللىقنى نىشان قىلمىسا، كېتىۋاتقان يولى مۇستەقىللىقنىڭ بېكىتىگە چىقىدىغان يول بولمىسا، بۇنى ساختا دەۋا دەيمىز. بىرنەرسە ساختىلىق بىلەن سۈپەتلەنسە، ئۇنى بىزنىڭ مەزكۇر ساختا دەۋانىمۇ دەۋا ئۇقۇمى ئىچىدە مۇئامىلە قىلغىنىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى ئۇنى ساختا بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر سىياسىي ھەرىكەت دەۋا ئەمەس، دەۋا دېگىلى بولمايدۇ، دېگىنىمىز بولىدۇ. خۇددى ئىلمىنىڭ تايىنى يوق تۇرۇپ دىنىي ساھەنى پېتىقلىغاننى ساختا موللا، ساختا دەۋەتچى دېگىنىمىزگە ئوخشاش. بۇ دېگىنىمىز ئۇنى دەۋەتچى، موللا دېگىنىمىز ئەمەس، بەلكى توغرا مەنىدىكى دەۋەتچى، ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى ئەمەس، ئۇ ئەسلىدە موللا ئەمەس، دەۋەتچىمۇ ئەمەس دېگىنىمىزدۇر. مەسىلىنى بۇنداق چۈشىنىش ھېچكىم دەتالاش قىلمايدىغان، تىل ۋە ئۇقۇم نۇقتىسىدىن ئىككى ئۇيغۇر تىللىق ئەقىل ئىگىسى ئىختىلاپلىشىپ قالمايدىغان بىر مەسىلە. دېمەك، يۇقىرىقى گەپ بويىچە مۇستەقىللىق دەۋاسى بولغان دەۋا، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپرىقىنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئىسمى بولغان جىھاد قىلىش كاتېگورىيەسىدىكى ھەرىكەتنىڭ ئىسمى بولۇپ، تالىپچىقىمىزنىڭ ئاخىرقى بۇ گېپى بويىچە دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى دەۋانىڭ قانداقلىقى ئېنىق. ئەمما بىرى دەۋا قىلىشنى ئىددىئا قىلىپ، قىلغان ئىشىنى ھەقىقىي دەۋا دېگىلى بولمىسا، بۇنىڭ ھۆكمىمۇ ئېنىق بولۇپ، زاكات سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ. خوش، دېمەك دەۋا دەپ مۇتلەق ئىبارە ئىشلەتكىنىمىزدە، كۆزدە تۇتۇلىدىغىنىنىڭ ھەقىقىي دەۋا ئىكەنلىكىدە ھەممە بىلئىتتىپاق. ساختا دەۋا دېگەننىڭ نورمال دەۋا دېگەندە چۈشىنىلىدىغان مەزمۇنغا خىلاپ ھەرىكەتكە، يەنى، دەۋا دېگىلى بولمايدىغان ھەرىكەتكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىغىمۇ ھەممە بىلئىتتىپاق. ئۇنداقتا، مەسىلە ئايدىڭكى، دەۋا دېگەندە مۇستەقىللىق دەۋاسى كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقىنى، تالىپچىقىمىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىكى جۈملىنىڭ مەنىسىنىڭمۇ دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.
دەل مۇشۇنداق چۈشىنەيلى دەپ تۇرغاندا، تالىپچىقىمىز يەنە كەينىگە دەسسەيدۇ ۋە دەيدۇكى «خۇلاسە كالام، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان، يەنى جىھاد پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن شەكىلدە قائىدىسىگە، ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن شەكىلدە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكەت بولسا، مەيلى ئۇ قانداق ھەرىكەت بولسۇن، سىياسىي ھەرىكەت بولسۇن، ياكى ئەمەلىي ھەرىكەت بولسۇن! ئۇنىڭ ئىسمى جىھاد. شۇڭا بۇ يەردە قىتال دېمەگلىك، جىھاد دەگلىك. شۇڭا بىزنىڭ بۇ يەردە مۇتلەق دەۋاغا بېرىشكە بولمايدۇ، دېيىشىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى مانا مۇشۇ».
تالىپچىقىمىز جىھادنى ۋە دەۋانى مەزمۇن جەھەتتىن كونكرېتلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە مۇنداق گەپلەر بىلەن تۈگىتىدۇ «مەسىلەن، جەمئىيىتىمىزدە ھەرخىل دەۋا بار. جىھاد دېسە قاچىدىغان دەۋا بار. ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، ئىسلامدىن ھېچقانداق خەۋىرى يوق بىر ئىشلاردىكى دەۋا بار. بۇنداق كىشىلەرگە زاكات بەرگىلى بولامدا؟ ئەسلا بولمايدۇ» .
يا سۇبھانەللاھ! تالىپچىقىمىز ئەمدى بۇ ئۈچىنچى گېپى بىلەن يۇقىرىدىكى جىھاد ۋە دەۋا ئوتتۇرىسىدىكى مەنتىقىلىق باغلىنىشنى تېگى تېگىدىن چۇۋۇپ تاشلايدىغان، توغرىسى دەۋا دېگەندە، 70 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە سىياسىي غايىنىڭ ئىسمى بولغان دەۋا ئۇقۇمىغا پەۋقۇلئاددە يات ئىكەنلىكىنى، ئىلمىي، زېھنىيىتى، بايان قىلىش ئۇسلۇبى ۋە چۈشەندۈرۈش مېتودىغىچە مۈجمەل بولغىنىدەك، دەۋا ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسىدىمۇ مۈجمەل ئىكەنلىكىنى چاندۇرۇپ قويىدۇ. چۈنكى دەۋا دېگەندە نېمە كۆزدە تۇتۇلىدىغانلىقى لۇغەت ئەھلى بىلەن سىياسەت ئەھلىنىڭ ئورتاق مەزمۇن ۋە چۈشەنچىدە ئىكەنلىكى يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەندەك ئېنىق بىر مەسىلە. شۇنداقلا دەۋا دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنىسى ساھەنىڭ مەپكۇرىسىدىمۇ، قامۇسىدىمۇ ئۆزگەرگىنى يوق. ئەمما بۇ يەردە ساختا دەۋا بارلىقى، يەنى دەۋا دېگىلى بولمايدىغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا پايدىسىز، مۇسۇلمان توپلۇمنىڭ ۋە تۇپرىقىنىڭ ھۆرلۈكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زىيانلىق بولغان دەۋا يۆنىلىشىنىڭ بارلىقىمۇ راست. ئەمما بۇ مۇتلەق دەۋا دېگەن ئۇقۇمغا كىرەمدۇ، دېگەندە ئەلۋەتتە ياق. ھەتتا قىلمىشلىرى دەۋاغا زىيانلىق بولغان بىر سىياسىي گۇرۇپپىدىن سورىسىمۇ، ھېچكىم بىرلىككە كېلىنگەن دەۋا ئۇقۇمىغا خىلاپ ئىشنى دەۋا، يەنى ھەقىقىي دەپ جار سالمايدۇ. پەتىۋا بەرگەن ئۆلىمامۇ بۇ نۇقتىدا دەۋاغا زاكات سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما مۇستەقىللىققا، مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرلۈكىگە، ۋەتەننىڭ ئىشغالدىن قۇتۇلۇشىغا زىيانلىق سىياسىي ھەرىكەتنى دەۋا قىلدىم، دەپ ئىددىئا قىلغۇچىلارغا زاكات دۇرۇس ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ يولىنى دەۋا دېگەن ئۇقۇمغا كىرگۈزگىلى بولمايدىغانلىقىنى، شۇڭا قانچىلىك توغرا دەۋا قىلىۋاتىدۇ، دېگەننى ئېنىقلاپراق بېرىشنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ پەتىۋا بېرىدۇ. ئەمما تالىپچىقىمىزچۇ، ئىزاھاتى بىر چۇۋالچاق، چۈشەندۈرۈشى بىر چۇۋالچاق، دەۋاغا بولغان چۈشەنچىسى ئۇنىڭدىن ئۆتە چۇۋالچاق. نەتىجىدە ئېغىزىدىن چىققان ئۈچ خىل نەقىلنى ئالدىغا قويۇپ ئوقۇسا، باشتىكى دېگىنى بىلەن ئاخىرىدىكىسى بىر - بىرىگە باغلاشمايدىغان چۇۋالچاقلىقلار دۆۋىسى قارشىمىزغا چىقىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان.
بۇ يەردىكى بىر – بىرىگە زىت مەنتىقە شۇ: دەسلەپكى ۋىدىيوسىدا مۇتلەق ھالدا «دەۋا»غا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. داۋاغا نەپلە پۇلدىن، يەنى زاكاتتىن باشقا يانچۇقتىكى ئاش – نان، كىيىم كېچەككە خەجلەيدىغان نورمال پۇلىمىزدىن خەجلەيمىز، دەپ ئېنىق ئېيتىدۇ. بۇ گەپنى تېخىمۇ ئوچۇقلاش ئۈچۈن دەۋانى خۇددى مەسجىد سېلىشقا ئوخشاش ئىش قاتارىدا ساناپ، مەسجىد سېلىشنىڭ ئاللاھ يولى بولسىمۇ زاكات ئىشلىتىشكە بولمىغىنىدەك، زاكات ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ پەتىۋا كېسىدۇ. ئىزاھات ۋىدىيوسىغا كەلگەندە، يەنى ئىككىنچى نەقىلدىكى گېپىدە مۇسۇلمانلارنى قۇتقۇزۇش يولىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ تۇپرىقىنى قۇتقۇزۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلگەن ھەرىكەتنى جىھاد دەيمىز. جىھاد دېگەن زاكات سەرپ قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ بىرسى دەيدۇ. يەنى مۇستەقىللىق غايە قىلىنغان دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى تەن ئالىدۇ. يەنى دەۋاغا زاكات ئىشلەتمەيمىز، نەپلە پۇل خەجلەيمىز، دېگەن گېپىنىڭ مەنتىقىسىگە پۈتۈنلەي خىلاپ بىر گەپنى قىلىپ بىردىنلا دەۋاغا زاكات ئىشلەتسە بولىدىغانلىق تەرىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە دەۋاغا زاكات ئىشلىتىلمەيدۇ، دېگەندىكى ئازغۇن گېپىنى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىققا جورايدۇ.
ئۈچىنچى گەپكە كەلگەندە قوپۇپ: «دەۋا دېگەن ھەر خىل، جىھاد دېسە قاچىدىغان دەۋا بار، ئىسلامدىن خەۋىرى يوق ئىشلارنى قىلىدىغان دەۋا بار. بۇنداقلارغا زاكات بەرسە بولامدا، ئەسلا بولمايدۇ» دەيدۇ. يەنى تالىپچىقىمىزنىڭ كاللىسىدا جىھادتىن، يەنى مۇستەقىللىق يولىدا كۈرەشتىن قاچىدىغان يۆنىلىشتىكىلەرمۇ دەۋا ئۇقۇمى دائىرىسىدە بولۇپ بۇ خىل دەۋاغا زاكات بەرسە بولمايدۇ. خوش، مۇتلەق ھالدا دەۋاغا بولمايدۇ، دېگەننى سەۋەبى مۇشۇ بولسا، يەنى زاكات سەرپ قىلىشقا بولمايدۇ، دېگەندىكى كۆزدە تۇتقان دەۋا مەزكۇر جىھادتىن قاچىدىغان، ئىسلامدىن بىخەۋەر ئىشلارنى قىلىدىغان دەۋا كۆزدە تۇتۇلغان بولسا، ئۇ چاغدا، سوئال شۇ: سېنىڭ بىرىنچى ۋىدىيودا مۇتلەق قىلىپ دەۋاغا زاكات ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، دەۋاتقان چاغدىكى مەقسىتىڭ ئىككىنچى ۋىدىيودىكى جىھادقا، مۇستەقىللىق يولىغا ئۇيغۇن ئەمەس، بەلكى جىھادتىن قاچىدىغان، ئىسلامدىن بىخەۋەرلەرنىڭ دەۋاسىغا بولمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ، جىھاد روھىغا چۈشىدىغانغا زاكات كېلىدۇ، دەيدىغان تەرەپتە بولساڭ، نېمىشقا دەسلەپكى ۋىدىيورۇڭدا، مۇتلەق ۋە ئوچۇق قىلىپ «دەۋا يولىغا زاكاتنى خەجلەشكە بولمايدۇ» دەيسەن ۋە ئەمدىلىكتە بۇ گېپىڭنى جىھادتىن قاچىدىغانلارغا، ئىسلامدىن بىخەۋەرلەرگە بەرمەيدۇ، دېگەنلىكىڭ ئىكەنلىككە جورىۋالىسەن. ماقۇل شۇنداق جورىۋالدىڭمۇ دەيلى، ئۇنداقتا سېنىڭ «داۋا يولىغا زاكاتنى خەجلەشكە بولمايدۇ، ئۆزىمىزنىڭ گۆش يەيدىغان، كىيىم كېيىدىغان پۇللاردىن خەجلەيمىز» دېگەن گېپىڭچۇ؟، بۇ گېپىڭ ئېنىقلا سېنىڭ جىھادقا چۈشىدىغان دەۋا قىلغانلارغا زاكات خەجلەشكە بولىدۇ، جىھادتىن قاچىدىغان، ئىسلامدىن بىخەۋەرلەرگە زاكات خەجلەشكە بولمايدۇ، دەۋاغا ئۆزىمىز گۆش يەيدىغان، كىيىم كېيىدىغان پۇللاردىن بېرىمىز، زاكاتتىن بەرمەيمىز، دېگەنلىكىڭ بولمامدۇ؟ ئۇنداقتا قېنى سېنىڭ خاتا چۈشىنىش بولدى، دېيىشىڭدىكى مەنتىقە؟ بۇ ئوپئوچۇق تۇتامسىزلىق، تېنىۋېلىش، خۇپسەنلىكتىن ھالقىغان نومۇسسىزلىق ئەمەسمۇ؟
مەنتىقىي جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئورۇندىكى ئۈچ خىل تۇتامسىزلىقنى، لوگىكىسىزلىقنى مەنتىق ئىلمىدىكى تەناقۇز، يەنى«لوگىكىلىق زىتلىق» دېيىشمۇ ئازلىق قىلىدۇ. بۇنى تەناقۇز دېگەندىن كۆرە، تەھافۇت «تۇتامسىزلىق»، تۇتۇرۇقسىزلىق دېگەن تۈزۈك.
تەناقۇز ۋە تەھافۇت دىياگنوزلىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا، ئەلۋەتتە ئېسىمىزگە بىرىنچى بولۇپ كېلىدىغىنى ئىمام غەززالىينىڭ «لوگىكا بىلمىگەننىڭ ئىلمىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزى، ھەمدە «ئاخىرەتكە بارىدىغىنى روھىمىز، تەن ئەمەس. تەن ما دۇنيادا چىرىپ تۈگەيدۇ» دېگۈچى، ياكى بولمىسا «تېنىمىز بۇ دۇنيا چىرىپ تۈگەيدۇ، ئاخىرەتتە روھىمىزغا باشقا تەن يارىتىلىدۇ» دېگۈچى دەھرىيلەرنىڭ ئىددىئالىرىغا پاكىتلىق رەددىيە بەرگەندىن كېيىن ئۇلارغا بەرگەن «تەھافۇتلۇق» قىلىش، يەنى ھەر جەھەتتىن تۇتامسىزلىق قىلىشتىن ئىبارەت تارىخىي دىياگنوزلىرى بولىدۇ. بىز بۇ ۋە ئالدىنقى بىر قاتار ئېلان قىلىنغان ئوبزورلىرىمىز ئارقىلىق ھەم تەنقىدلەش، ھەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەرسىلەرنى ئىلىم تارازىسىدا تارتىش ئارقىلىق، تەن مەسىلىسىدە بۇزۇق ئەقىدىلىك تالىپىمىزغا توغرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، خاتاسىنى پاكىتلىق تەھلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ تەنقىدلىگەن بولساق، ئۆردەككە سۇ يۇقمىغان تەرزدە، قىلچە تەپتارتماستىن ئۆز ئېغىزىدا دېگەن گەپلەردىن تېنىۋېلىپ، بۇرمىلىۋېلىپ، ھەر خىل خۇپسەنلىك ۋە يالغانلار بىلەن، بىر - بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان، ئۆزىنى ئۆزى يالغانغا چىقىرىدىغان، كۆرۈرمەننى كۆزگە ئىلمايدىغان ئاتالمىش ئىزاھاتتىكى تۇتامسىزلىقلىرىنىمۇ بىر - بىرلەپ ئېرىنمەي ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتۇق. شۇنداقلا نەتىجە ئېتىبارى بىلەن تالىپچىقىمىزدا ئېغىر دەرىجىدە لوگىكا كەمچىللىكى، ئىلمىي جەھەتتە پەۋقۇلئاددە يېتەرسىزلىكتىن سىرت زور دەرىجىدە تاھافۇتلۇقنىڭ، تۇتامسىزلىقنىڭ كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولدۇق.
يەنە شۇمۇ دىققەتكە سازاۋەركى، ئىمام غەززالىي «تەھافۇتلۇق ۋە تاناقۇزلۇق كۆرۈلگەن تائىپىلەرنى، يەنى شۇ دەۋردىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدا نوپۇزى ۋە تەسىر دائىرىسى بولغان مەزكۇر دەھرىي تائىپىنى يىگىرمە مەسىلىدە ئىلمىي خاتالىق ۋە ئازغۇنلۇق بىلەن ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ مەسىلىدە (ئەگەر ئۇلار تۈزەتمىگىنىدە، تەۋبە قىلىپ توغرا ئەقىدىگە قايتمىغىنىدا) كاپىر ھۆكمىدە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. پاراللېللىق شۇ يەردىكى، ئەنە شۇ كۇپۇرلۇق ھۆكمى بېرىلگەن ئۈچ مەسىلىنىڭ بىرىنىڭ، دەل بىز ئازغۇن ئەقىدە دەپ تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، سۈزۈك ئەقىدە دەۋېلىنىشىغا قارىماي، بۇزۇق ئەقىدىلىكى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشەندۈرۈلۈپ رەددىيە بەرگەن «بەدىنىمىز ما دۇنيادا چىرىپ تۈگەيدۇ، ئاخىرەتتە باشقا تەن – جىسىم يارىتىلىدۇ» دېگەن ئازغۇن ئېتىقاد مەسىلىسى ئىكەنلىكى ساھە ئەھلىگە مەلۇم.
بۇ بىلەن بىز ئەلۋەتتە يۇتۇبىرىمىزغا قارىتىپ بىرەر ھۆكۈم پىچماقچى، ئىمانىغا قارىتىپ بىر نەرسە دېمەكچىمۇ ئەمەس. ھەم بۇ بىز ئوبزورچىلارنىڭ ئىشىمۇ ئەمەس. ساجىيەگە ئوخشىغان شەرئىي ساھەنىڭ سالاھىيەتلىك ئورۇنلىرى، ساھەنىڭ ئالىم - ئۆلىماسى ئۆز باياناتىدا تېگىشلىك بولغان ئاگاھلاندۇرۇش ۋە باھاسىنى بېرىپ بولدى. شۇڭا ئەسلا ۋە ئەسلا بىرىنىڭ ئۈستىدىن شەرئىي ھۆكۈم پىچىشى بۇ ئوبزورنىڭ مۇددىئاسى ئەمەس ھەمدە ئۇنداق سالاھىيىتىمۇ يوق. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئورتادا بىر تاناقۇزلۇق، ئېغىر دەرىجىدە تاھافۇتلۇق بار. ھەم لوگىكىلىق كاشىلا، ھەمدە ئىلمىي يېتەرسىزلىكلەر ھەددىدىن زىيادە ئېغىر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارنىڭ ھەممىسى دەپ سالدى، خاتالىشىپ قالدى، دېگەن باھانىلەر بىلەن يېپىپ ئۈلگۈرگىدەك ئىشلارمۇ ئەمەس. مەسىلەن، تالىپچىقىمىز ئىزاھات ۋىدىيوسىدا تىلغا ئالغان ھەممە نۇقتىنى ئاساسەن دېگۈدەك «خاتا چۈشىنىلىپ قالغان، ئىخچام بولغاچ شۇنداق چۈشەنچە بېرىپ قويغان» دېگەنگە ئوخشاش ساختا ئىددىئاسىغا چېتىپ تۇرۇپ توغرىسىنى چۈشەندۈرمەكچى بولىدۇ، ئەمما چۈشەندۈرۈۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تارازىغا سالسا، تۇتۇرۇقسىزلىق، خۇپسەنلىك بولۇپ چىقىدۇ. شۇنىڭغا باقماي تەنقىد قىلغۇچىلارنى تۆھمەت قىلغان، ھەسەت قىلغان، غەرەزلىك ھۇجۇم قىلىپ ئەزىيەت بەرگەن، يۈزىنى تۆككەن، يەنە قانداقتۇر ياشلارنىڭ يولىنى ئېتىپ ئۆزلىرىدەك «دەۋەتچى»لەرنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇپ ئېزىپ ئۇجۇقتۇرماقچى بولغان دېگەندەك تۆھمەتلەر بىلەن ئۆزىنى ئۇۋالغا قالغان قىلىپ كۆرسىتىشكە زورۇقىدۇ. ھەم خاتا بولۇپ قالغاننى دەيدۇ، ھەمدە خاتالىقىغا رەددىيە بەرگۈچىگە ئۆكتەملىك قىلىدۇ. ھەم ماڭا تۆھمەت قىلدى، ھۇجۇم قىلدى دەيدۇ، ھەمدە بۇ تۇتۇمىنى قارشى تەرەپنى تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاشقا ئىشلىتىدۇ. قوللىغۇچىلىرىنى ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتىدىغان تەرزدە بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ. ئەجەبا بۇنداق خۇپسەنلىكلەرنىڭ نەرىنى توغرا چۈشىنىپ بولغىلى بولسۇن؟!
مەسىلەن يەنە بىر مىسال ئالايلۇق: «تېخى نەچچە كۈن ئاۋۋال رامىزانلىق پەتىۋا پىچىپ يۈرگەن يۇتۇبىر، ئۆزىچىلا تارىخقا دائىر ۋىدىيولارنى بەس – بەستە تارقىتىدۇ. ۋىدىيولاردىن بىرىدە 20 يىللىق ئۈزلۈكسىز دىن ئوقۇش تارىخى بولغان ھەرقانداق بىر تالىپنىڭ ئازغىشىپ كېتىش ئېھتىمالى ئەڭ تۆۋەن بولغان كالام ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرىدىن «قۇرئان مەخلۇقمۇ، ئەمەسمۇ» دېگەن تارىخىي مۇنازىرىنى بايان قىلىۋېتىپ، ئىنتايىن تەنتەكلەرچە خەلىپە مۇئتەسىم بىللاھ دەۋرىدە «قۇرئان خالىقمۇ، مەخلۇقمۇ» دەيدىغان، يەنى ئوچۇق كۇپۇرلۇق بار بىر مۇنازىرىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. تارىخنى بۇرمىلاپ، يەنە كېلىپ كالامىي مەسىلىدىن چىقىپ كۇپۇر مەسىلىسىگە ياتىدىغان بىر شەكىلدە چۈشىنىلىپ قالىدىغان چوڭ خاتانى بايقىغان بىر قېرىندىشىمىز دەرھال تەنقىد بېرىدۇ. شۇ ئەسنادا ئازغۇنلۇقى ۋە يەنە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەردە ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بىر ئالىم چىقىپ بۇنىڭ بۇنداق ئازغۇن گەپلىرىنى ھەر ۋىدىيوسىدا، قەدەمدە بىر تېپىش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن مۇبالىغىلىق ئىبارە بىلەن ئىجتىمائىي تارماقلاردا ئازغۇنلارغا ئورتاق بولۇپ قېلىشتىن يىراق تۇرۇش تەشەببۇسىنى ئىنكاستا ئىپادىلەيدۇ. ئەمما تالىپچىقىمىزچۇ؟ چىشلىۋالغۇدەك ئوبدان لوق گۆش تېپىۋالغان سىياقتا شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ھاپىلا - شاپىلا ئىزاھات ۋىدىيوسىنىڭ ئىككىنچىسىنى ئىشلەپ تارقىتىدۇ. ئىككىنچى ئىزاھات ۋىدىيوسى تالىپچىقىمىزنىڭ تېخىمۇ بەتبەشىرە ھالىتى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇشىغا قارىماي، ئىككى كۈن ئۆتكەندە ئۆچۈرۈۋېلىپ، ئۆزىنى كەچۈرگۈچى قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئىش تۈگەتمەكچى بولىدۇ. ئەجەبا، نېمىشقا ئۆچۈرۈۋالدى؟ ئۆچۈرۋېلىپلا، ئالىم – ئۆلىماغا زورىغا ھاقارەتنىڭ قەبىھىنى چاپلاپ بولۇپ، ئارقىدىن «ئۆزىنى كەچۈرۋەتكۈچى» قىلىپ كۆرسىتىپ ئارتىسلىق قىلىشقا نېمە تۈرۈتكە بولدى؟ ئەلۋەتتە تالىپچاقنىڭ تاناقۇز ۋە تاھافۇتلىقىنىڭ، تۇتۇرۇقسىز ۋە تەنتەك بىر يوتۇبېرلىقىنىڭ ئاساسىي ئامىللاردىن ئىكەنلىكى سەۋەبلەردىن بىرى ئىكەنلىكىمۇ ئورتادا.
خوش، ئىككىنچى ۋېىدىيوسىدا، يەنى ئۆزىنىڭ بەتبەشىرە يۈزىنى بالدۇر ئېچىپ سالغانلىقىغا پۇشايمان قىلىش تۈسىدىكى يۇيۇۋالغان مەزكۇر ئىككىنچى ۋىدىيوسىدا تالىپچىقىمىز نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى ئازغۇنلۇقلىرى شۇنچە ئىسپاتلىنىپ تۇرسىمۇ، ھېچ ئىش ھېچبىر سەۋەبتىن ئەمەستەك پوزىتسىيەدە ئالىمنىڭ «قەدەمدە بىر تېپىلىدۇ» جۈملىسىنى تۇتۇۋېلىپ، ھەر ۋىدىيورۇمدا ئازغۇنلۇق تەپ بەرمىسەڭ، سەن كاززاپ دەپ چۈشۈش ئارقىلىق يۈزىدە تۈكى بار جۈملىسىنىڭ كامېرا ئالدىدىكى ئوبرازىنى نامايان قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ھالبۇكى، مەزكۇر تەنقىدلەنگەن ۋىدىيوسىدا تەنقىدلىنىشكە تېگىشلىك نۇقتا بىرلا خاتالىق ئەمەس. بەلكى باشقا ئىلمىي خاتالىقلارمۇ كۆپ. مەسىلەن، تەنقىدلەنگەن خاتالىقتىن باشلاپ نىنجىلايدىغان بولساق، ۋىدىيودىكى قۇرئان خالىقمۇ، مەخلۇقمۇ، دەيدىغان ئازغۇن گەپ تارىختا يۈز بېرىپ باقمىغان. توغرىسى «قۇرئان مەخلۇقمۇ ياكى ئەمەسمۇ» تەرزىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ بىرىنچى ئەجەللىك خاتا. ئىككىنچى خاتا بولسا، قۇرئان مەخلۇقمۇ ئەمەسمۇ دېگەن بۇ مۇنازىرە تالىپچاقنىڭ خاتا مەلۇمات بەرگىنىدەك، مۇئتەسىم دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىقمىغان، بەلكى ئۇندىن ئاۋۋالقى خەلىپە مەئمۇن دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئىككىنچى خاتا. ئۈچىنچىدىن، مەزكۇر مۇنازىرە بىر خانىدانلىقنى ئەمەس، بەلكى بىر ئىمپېرىيەنى تەۋرەتكەن مەسىلە. بۈگۈنكى تارىخنى تەتۈر تۇتۇپ ئوقۇيدىغانلار مەزكۇر مەسىلىنى ئەھمىيەتسىز مەسىلە دەپ كوراڭشىغان بىلەن، دەۋرىنىڭ پىكرىي مۇھىتى، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئەقىدىۋى يۆنىلىشىنى بەلگىلەشتە ئەھمىيەتلىك مەسىلە. كۈنىمىزدە تەدرىجىي تەرەققىيات مەسىلىسى قانداق پەلسەپەۋى ئىختىلاپلارغا يول ئاچقان، دەۋر ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مەسىلە بولغان بولسا، ئۆز دەۋرىدىمۇ يۇقىرىقى مەسىللەرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئەھمىيەتلىك تەرىپى بولغان. شۇڭا يۈزلەپ، مىڭلاپ ئەسەرلەر يېزىلغان، مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى قارىسىغا ئەھمىيەتسىز مۇنازىرىلەر قاتارىغا چىقىرىش، مەنتىق پەلسەپەنىڭ كۈچىيىشىنى مەزكۇر ئاتالمىش ئەھمىيەتسىز مەسىلىلەر بىلەن باغلىنىشلىق قىلىپ تەسۋىرلەش پەقەت ۋە پەقەت مەنسۇبىيىتى ئىسلام مەدەنىيىتىدىن بولمىغان، شۇنداقلا ئۆز دەۋرىنىڭ ئومۇمىي زېھنىنى مەشغۇل قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ئىلمىى مۇھىتتىكى رولىنى چۈشىنىشتىن ئاجىز بولغان، بىر تېپىك بىلەن «ئەھمىيەتسىز» دەپ باھالاش بىلەن باشنى ساقايتىپ توختىماقچى بولغان، مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا ئىمپورت مەپكۇرە ئىشلەپ چىقىرىپ يۈكلەش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان زەھەرخەندە ئورىيانتالىستلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ دامىغا چۈشكەن، دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ كەتكەن ئىسلام دۇنياسىدىكى بىر بۆلۈك رەپرەپ تارىخچىلارنىڭ ئىشى. تۆتىنچىدىن، تۈركلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزىنىڭ كۈچىيىشىنى قەۋمىيەتچى ئەرەبلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ تۈركلەرنى خەلىپىلىكنى «چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان»لىق بىلەن ئەيىبلىنىدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ يۈرىدۇ. ئەرەب ۋە تۈرۈكلەر ئارىسىنى يېرىكلەشتۈرۈش پىروجىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بۇ خىل قوپال ئىبارە قوللىنىش شەكلى ئورىيانتالىستلارنىڭ ئىدىيە بۇلغاش ساھەسىدە ئەرەب تارىخچىلىرىغا قارىتا مول – ھوسۇللۇق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ نۇقتىمۇ تەنقىدلەنگەن ۋە يۇنىۋېتىلگەن ۋىدىيودا ئەكىس ئەتكەن. مانا بۇ تالىپچىقىمىز بىر يىل ئىزدىنىشىنى تارىخ ھەققىدە جۆيلۈشىگە ھەققى بار ساناۋاتقان، كەسىپ ئەھلى ئەمەس تۇرۇپ سۆزلەنگەننى ئاۋامغا ئاڭلىتىش ئەمەس، بەلكى تارىخ ئوقۇۋاتقانلارغا يۈزىنى چىمىلداتماي تۇرۇپ «دەرس» سۈپىتىدە ئېلانىنى قىلىپ بازارغا سېلىۋاتقان، ئەمما ئەڭ ئەقەللىي مەسىلىلەردىمۇ دۈم چۈشۈپ توختىمىغان تالىپچىقىمىزنىڭ بازارغا سالغان تارىخ چۈشەنچىسى. ئۈستىلىك مۇشۇنداق تېيىز، يەڭگىلتەكلىكلەر، ئەجەللىك خاتالىقلار تەنقىدلىنىپ تۇرسىمۇ تالىپچىقىمىز مەزكۇر ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئىزاھات ۋىدىيوسىدا، ئۆزىنىڭ بىر يىل تارىخ ئىزدەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۆرۈرمەنلەرگە، تېخى كۆرۈرمەنلەرلا ئەمەس، تارىخ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، يەنى ساھەدە ئوقۇۋاتقانلارغا مەزكۇر ۋىدىيولارنى نومۇس قىلماي «تارىخ دەرسىم» دەپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلىشتىن ئۇيالمايدۇ. بۇ پەقەت تارىخ خۇسۇسىدىكى يوناپ ئېلىۋېتىلگەن قىسقا پارچىدىن چىققان خاتالىقلار. بۇنداق ئەھۋالدا ئەلۋەتتە تارىخ ۋىدىيولىرىنىڭ ھەر بىرىنى ئايرىم تەكشۈرۈش قىلغاندا، قەدەمدە بىر چاتاقلىقلارنىڭ چىقىشىنى كىم يىراق سانىيالايدۇ؟!
ئۆچۈرۋالغان ئىككىنچى ئىزاھات ۋىدىيوسىدا ھەم «خالىق ۋە مەخلۇق دەپ ئېلىپ خاتا قىلدىم ۋە تۈزىتىۋالدىم» دەيدۇ، شۇنداق دەپ تۇرۇپ تۈزىتىۋېلىش ئەسناسىدا چۈشكەن ئىنكاسنى تۇتۇۋېلىپ، بىرلا خاتاسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى نۇرغۇن خاتالىقلىرى تۈپەيلى بۇزۇق ئەقىدىلىكلەرنىڭ نەرسىلىرىگە شېرىك بولماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغۇچى ئالىمغا يۈكلىنىپ ئۇنى كاززاپتىن كاززاپقا سېلىپ ھاقارەتلەيدۇ، ئۆكتەملىك قىلىدۇ. ئۇستاز مەرتىۋىسىدىكى كىشىنى ھاقارەتلەپ، كۆرۈرمەننىڭ ھېسسىياتىنى ئوۋلايدىغان سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى توختىماي ھۇجۇم قىلىنىپ تۆھمەت قىلىنغان كۆرسىتىپ ۋىدىيوسىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. مانا بۇ تالىپچىقىمىزنىڭ پاكىتلار تۇرسىمۇ تۇتقان پوزىتسىيەسى، خاتاسىنى قوبۇل قىلمىغاندىن سىرت، «مەن خاتا قىلدىم»، شۇنداقتىمۇ ئازغۇنلۇقۇمنى ھەر ۋىدىيورۇمدا تاپمىساڭ، سەن كاززاپ دەيدىغان تۇتۇرۇقسىز ئۆكتەملىكىنىڭ مىساللىرىدىن بىرى.
نەتىجە شۇكى، ئىش بۇ دەرىجىدە تۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەر خاتا چۈشىنىلىپ قالغان، تەنقىد قىلغانلار تۆھمەت قىلىپ ھۇجۇم قىلغان بولۇۋەرسە، «روھىمىز جەننەتكە كىرىدۇ، جىسمىمىز ما دۇنيادا قالىدۇ» دەپ بىرىنچى قېتىملىقتىمۇ دەپ سالغان بولسا، «بەدىنىمىز ما دۇنيادا چىرىپ تۈگەيدۇ، باشقا جىسىم يارىتىلىدۇ» دېگەنمۇ قايتا ئىزاھات بېرىشتە دەپ سالغان بولسا، دەۋاغا زاكات خەجلەشكە بولمايدۇ، نەپلە پۇل خەجلەيمىز دېگەنمۇ، دەپ سالغان بولسا، كېيىن قوپۇپ «ياق، مېنىڭ دېگىنىم مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنىنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ، ئىسلامدىن خەۋىرى يوق، جىھادتىن قاچىدىغان دەۋاغا ئىشلەتسە بولمايدۇ دېدىم» دەۋالسىمۇ، يەنى ئەڭ باشتا دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، جىھادتىن قاچىدىغان، ئىسلامدىن خەۋىرى يوق، دەۋالارغا زاكات خەجلىسە بولمايدۇ، نەپلە خەجلىنىدۇ، دېگىنى دېگەندەك تەناقۇزلۇق، تاھافۇتلۇقلارمۇ دەپ سالغان، «قۇرئان مەخلۇقمۇ، خالىقمۇ» دەپ ئازسىمۇ، تارىخ چۈشەندۈرۈشتە ئورىيانتالىسلارنىڭ پوقىغا تېيىلسىمۇ، ھەممىنى دەپ سالغان، خاتالىشىپ قالغان دەپ ئولتۇرساق، كۆڭلى ئىسلامغا مايىل قىلىنغانلار مەسىلىسىدە قۇرئاننى بۇرمىلىغانلىقى چېنىپ قالىدىغان تېمىلارغا كەلگەندە ئىزاھات ۋىدىيوسىدا چۈشەنچە بېرىشتىن قاچسىمۇ، قېرىنداشلىرىنى ئىسرائىلىيە دېتالىدا تەجەسسۇسلۇق قىلىشتەك ناچار ۋە پەسكەشلىككە ياتىدىغان قىلمىشلىرىدىن تېنىۋالسىمۇ، ھەممىنى دەپ سالغان، خاتا كېتىپ قالغان دەپ چۈشىنىپ تۇرۇۋېرىش كېرەكمۇ؟ نېمە تۈگىمەس، پۈتمەس دەپ سېلىشلار، سۆزلىگۈچى خاتالاشماستىن، كۆرۈرمەن ۋە تەنقىدچىلەر تەرىپىدىنلا خاتا چۈشىنىلىش بولۇپ قالىدىغان «دەپ سېلىشلار» بۇ؟ مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى دەپ سېلىش، ياكى خاتا چۈشىنىلىپ قېلىشلار دەۋېلىنىدۇ. ئەمما ئىلمىي ۋە پاكىت ئاساسىدا بېرىلگەن رەددىيەلەر، ئىلمىي دىياگنوز ئاساسىدا بېرىلگەن ئىلمىي ۋە شەرئىي باھالار، يۈز بېرىۋاتقان سەمىمىيەتسىزلىك، تۆھمەتخورلۇق، ئۇششۇقلۇقلار، ئازغۇنلۇق ۋە خاتالىقلارنى تەنقىدلەش، مەككارلىقلارنى پاش قىلىشلار «تۆھمەت، يالغان، ھۇجۇم قىلىش، يۈزىنى تۆكۈش، ھەسەت قىلىش، ياشلارنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇلارنى ئېزىش» دېيىلىدۇ، شۇنداقمۇ؟؟؟ ۋاي سېنىڭ مەنتىقەڭنىڭ ھالىغا!!!
-بۇرھان مۇھەممەد
2024-04-09


Yorumlar

Bu blogdaki popüler yayınlar

ئۇيغۇرلۇق روھى بىزگە نېمە دەيدۇ؟

ئوڭيۈزلۈك سەلتەنەتدارلىقتىن قوڭيۈزلۈك سىياسەت قۇربانلىقىغىچە

ئاينىغان سىياسەتچىلىكتە رەڭ تۈزمىگەن «ئۆلىمالىق»